1–10-ھەدىسلەر: ئىمان، ئىخلاس ۋە ئىسلام ئاساسلىرى
مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى, ئۇ زات رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: »ئەمەللەر پەقەتلا نىيەتلەرگە باغلىق, ھەر قانداق ئىنسان ئۆزى نىيەت قىلغان نەرسىگىلا ئېرىشىدۇ. كىمكى ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن ھىجرەت قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ھىجرىتى ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھ ئۈچۈن بولىدۇ , كىمكى دۇنياغا يېتىش ئۈچۈن ياكى بىر ئايالغا ئۆيلنىشى ئۈچۈن ھىجرەت قىلسا , ئۇنىڭ ھىجرىتى شۇ نەرسە ئۈچۈن بولىدۇ .« ]بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت. ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى:4883[
بۇ ھەدىس ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە كەڭ دائېرىلىك مەنىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇلۇپ , ئىنسان قانداق قىلغاندا ، دىنىي, سىياسىي, ئىقتىسادىي شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىدا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلەيدۇ؟ قانداق ئەھۋاللاردا چۈشكۈنلۈككە ئۇچرايدۇ؟ دېگەن مۇھىم مەسىلىنى ناھايىتى ئىخچام ۋە تەسى رلىك مىسال بىلەن بايان قىلىدۇ . بۇ ھەدىسنى ھەر قانداق مۇسۇلماننىڭ ھەر دائىم ئېسىدە ساقلاپ, ئەمەل قىلىشى ۋە ئىش ھەرىكەتلىرىنى شۇنىڭغا قاراپ تۈزىتىپ تۇرۇشى ناھايىتى مۇھىم بولغاچقا, بارلىق ھەدىس ئالىملىرى ئۇنى كىتابلىرىنىڭ بېشىغا يازىدۇ .
ھەر قانداق ئىشتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنىڭ بىردىنبىر يولى ”ئىخلاس“ قىلىشتۇر. ئىخلاس ھەر قانداق ئىشنى چىن كۆڭلىدىن قېتى رقىنىپ پ ۇختا قىلىش , سەمىمىي بولۇش دېمەكتۇر. ئىخلاس ئىنساننىڭ كۆڭلىدىكى نىيەتكە باغلىق . نىيەت بولسا, ى كۆڭلگە پىككەن مەقسەت, غەرەز, مۇددىئا, نىشان, غايە دېگەن بولىدۇ .
نىيەت ياخشى بولمىسا ئىخلاس بولمايدۇ . ئىخلاس بىلەن قىلمىغان ئىش مەيلى ئىبادەت ياكى باشقا ھەر قانداق ئىش بولمىسۇن ھېچكىمگە پايدا بەرمەيدۇ . شۇڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم» : ئەمەللەر پەقەتلا نىيەتكە باغلىق « دېگەن . يەنى ھەر قانداق ئىش ئەمەل, شۇ ئىشنى ئىشلىگىچىنىڭ نىيىتىگە كۆرە نەتىجە بېرىدۇ . چۈنكى ئىنسان ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشتا, مەلۇم بىر غايە ۋە نىشان نىكۆزلەپ قىلىدۇ . ئەگەر نىيىتى ياخشى بولسا , قىلغان ئىشىنى سەمىمىي ئىخلاس بىلەن پۇختا قىلىدۇ. ئەگەر نىيىتى يامان بولسا, ساختىپەزلىك، كۆز بويامچىلىق بىلەن قولىدىن چىقىشىغا قىلىدۇ . بۇنداق يامان نىيەت بىلەن قىلغان ئىش ساغلام , پۇختا بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھېچكىمگە پايدا يەتكىزمەيدۇ، ئۆزىگىمۇ ئەسقاتمايدۇ .
ياخشى ئىشلارنىڭ چوڭ كىچىك، ئاز كۆپلىكىگە ئەمەس، پەقەت ئىشلىگىچىنىڭ شۇ ئىشنى قىلىشتىكى مەقسىتى ۋە سەمىمىلىكىگە قاراپ ئەمەلنىڭ قەدرى قىممىتى بولىدۇ.
كىشى ئۆزىگە، ئەھلى ئەۋلادىغا ۋە باشقا ئىنسانلارغا پايدىلىق بولسۇن دېگەن نىيەت بىلەن ئىشلىسە، كۆرىنىشتە ئۇنىڭ قىلغان ئىشى ئاز بولسىمۇ ئۇنىڭدىن ياخشى نەتىجە چىقىدۇ . چۈنكى ئۇ نىيىتىگە يارىشا ئىشنى سەمىمى ئىخلاس بىلەن پۇختا قىلىدۇ . ياخشى نىيەت، پاك ئىخلاس بىلەن قىلغان ئىش ھەم ئۆزىگە، ھەم خەلقىگە پايدىلىق بۇلۇپ، ھەرگىز زايا بۇلۇپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭدىن چوڭ غەلىبە قولغا كېلىدۇ، ئىشلىگىچىنىڭ ئاللاھ تائالا نەزىرىدىكى ساۋابىمۇ نىيىتىگە ئاساسەن چوڭ بولىدۇ .
ھەر ساھەدىكى ھىنەرۋەنلەر، ئىشچى خىزمەتچىلەر، سودىگەرلەر ۋە دېھقانلار قىلغان ئىشلىرىنى ياخشى نىيەت ۋە سەمىمىي ئىخلاس بىلەن قىلسا، ئەلۋەتتە ئۇ ئىش ئىشلىگىچىگە ئەسقاتىدۇ، ئالغان ئەجرىمۇ بەرىكەتلىك بولىدۇ، ئاللاھ تائالاۇ ھزۇرىدا ئەڭ ياخشى كىشىلەر قاتارىدا ئورۇن ئالىدۇ .
ئەكسىچە كۆرسىتىش مەقسىتى بىلەن ياكى ”باشقىلارغا نېمە بولسا مەيلى، مەن پايدا تاپساملا بولدى“ دېگەن غەرەز بىلەن قىلىنغان قاراشتا چوڭ كۆرىنسىمۇ ئۇنىڭدىن ھېچ نەتىجە چىقمايدۇ . بەزىدە نەتىجە قازىنىلغان تەقدىردىمۇ ئەسقاتماي ئاز كۈندە ۋەيران بۇلۇپ كېتىدۇ . چۈنكى ياخشى نىيەت بىلەن قىلمىغان ئىشتا ئىخلاس بولمايدۇ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى كۆزلەنمەيدۇ . ھىنەرۋەنلەر ياخشى نىيەتلىك بولمىسا، قىلغان ئىشنى قولىدىن چىقىشىغا قىلىپ پۇختا ئىشلىمەيدۇ .
سودىگەرلەر ياخشى نىيەتلىك بولمىسا، خېرىدارلارنى ئالداپ ئۆپكىنى گۆش كۆرسىتىپ ساتىدۇ. ئىشچىلار ياخشى نىيەتلىك بولمىسا، ئىش ئىگىسىنىڭ كۆزىنى بوياپ مائاش ئالىدۇ . بۇنداق يوللار بىلەن تاپقان پۇل ۋە ئالغان مائاش ھەر قانچە كۆپ بولسىمۇ، ئۇنىڭ قىلغان ئىشى باشقىلارغا مەنپەئەت قىلمىغاندەك تاپقان پۇل مېلىمۇ ئۇنىڭغا ئەسقاتمايدۇ . بۇنداق يامان ئىللەتكە دۇچار بولغان مىللەت يوقىلىشقا ۋە باشقىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا ئىزىلىشكە مەھكۇمدۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ بىر جۈملە سۆزى بىلەن بىز مۇسۇلمانلارنى بۇنداق ناچار ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرىدۇ .
ئىسلامدا بۇيرۇلغان ئىبادەتلەرمۇ پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئىخلاس بىلەن قىلىنمىسا, ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولمايدۇ . مەسىلەن ” : كىشىلەر ياخشى ئادەم دېسۇن “ دېگەن مەقسەتتە مەسجىدكە چىقىپ, بەش ۋاقىت نامازنى تاشلىماي ئوق” , ساۇھەرەمگە بېرىپ كەلگەن ھاجىم دېسۇن “ دەپ پۇل , مال سەرپ قىلىپ ھەج قىلسا ” , سېخى ئادەم دېسۇن “ دەپ مالدۇنياسىنى ياخشى ئىشلارغا چىقىم قىلسا ” , داموللام, قاراخۇنۇم دېسۇن “ دەپ ئىلىم ئىگەنسە ۋە قارى قۇرئان بولسا , بۇ ئىشلارنىڭ ھېچبىرى ئاللاھ تائالا نىڭ نەزىرىدە قوبۇل قىلىنمايدۇ ۋە ساۋاب بېرىلمەيدۇ. چۇنكى ئۇ ئىشلارنى قىلغۇچىنىڭ مەقسىتى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ۋە ئۇنىڭ مۇكاپاتىغا نائىل بولۇش ئەمەس , بەلكى كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش . تۇرشۇڭا رەسۇلۇللاھ» : ھەر قانداق ئىنسان ئۆزى نىيەت قىلغان نەرسىگىلا ئېرىشىدۇ« دېگەن .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ» : قىيامەت كۈنى ئەڭ ئاۋۋال ھېساب ئېلىنىدىغان كىشى شېھىت. ئاللاھ تائالا شېھىتنى چاقىرىپ ۇئ , نىڭغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى تونۇتىدۇ, ئۇ تونۇيدۇ . ئاندىن ئۇنىڭغا »سەن نېمە ئىش قىلدىڭ؟ « دەپ سورايدۇ . ”ئۇ مەن سېنىڭ يولۇڭدا ئۇرۇش قىلىپ شېھىت بولدۇم “ دەيدۇ . ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا »يالغان ئېيتتىڭ , چۈنكى سەن پالانى باتۇر ئادەمكەن دېسۇن « دەپ ئۇرۇش قىلدىڭ , كىشىلەر شۇنداق دېدى « دەيدۇ دە پەرىشتىلەرگە ئەمىر قىلىدۇ پ , ەرىشتىلەر ئۇنى يىزىدى ن سۆرەپ دوزاخقا تاشلايدۇ. ئۇندىن كېيىن ئىلىم ئىگەنگەن ۋە ئىگەتكەن, قۇرئان ئوقۇغان كىشىنى ھېسابقا تارتىدۇ . ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بەرگەن نېمەتلىرىنى تونۇتىدۇ, ئۇ تونۇيدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا »سەن نېمە ئىش قىلدىڭ؟« دەپ سورايدۇ: ”ئۇ . ئىلىم ئىگەندىم, ئۇنى ئىگەتتىمئۇن ,ىڭغا ئەمەل قىلدىم ۋە سېنىڭ يولۇڭدا قۇرئان ئوقۇدۇم“ دەيدۇ. ئاللاھ تائالا : »يالغان ئېيتتىڭ , لېكىن سەن كىشىلەر ئالىم دېسۇن دەپ ئىلىم ئىگەندىڭ , قارىم دېسۇن دەپ قۇرئان ئوقۇدۇڭ ۋە شۇنداق دېدىلەر « دەيدۇ پ , دە ەرىشتىلەرگە ئەمر ى قىلىدۇ , ئۇ كىشى يىزىدىن سۆرىلىپ دوزاخقا تاشلىنىدۇئ . اندىن ئاللاھ تائالا تۇرمۇشىنى باياشات قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ھەر تۈرلۈك مال دۇنيا ئاتا قىلغان كىشىنى ھېسابقا تارتىدۇ. ئۇنىڭغا بېرىلگەن نېمەتلەر تونۇتىدۇ, ئۇ تونۇيدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغاېن» :مە ئىش قىلدىڭ؟ « دەپ سورايدۇ ” : ئۇ . سەن نەپىقە قىلىنىشىنى ياخشى كۆرىدىغان يوللارنىڭ ھېچبىرىنى تەرك ئەتمەستىن مېلىمنى سەر پ قىلدىم “ دەيدۇ . ئاللاھ تائالا : »يالغان ئېيتتىڭ , لېكىن سەن كىشىلەر سېخى ئادەم دېسۇن ، دەپ شۇنداق قىلدىڭ ۋە شۇنداق دېدىلەر« دەيدۇ پ , دە ەرىشتىلەرگە بۇيرى . دۇيئۇ ئادەم يىزىدىن سۆرىلىپ دوزاخق ا تاشلىنىدۇ ] «.ئىمام مۇسلم رىۋايەت قىلغان ھەدىس [
يامان نىيەت ئىبادەتلەرنى ئىبادەتلىكتىن چىقىرىۋەتكەندەك ياخشى نىيەت ئىبادەت بولمىغان ئىشلارنى ئىبادەت قاتارىغا كىرگيزىدۇ . مەسىلەن: يېمەك ئىچمەك، ئۇخلاش ۋە ئايالى بىلەن بىر يەردە بولۇشقا ئوخشاش ئاددى ئىشلار ئىبادەت ئەمەس . لېكىن ھالال يېيىش، ھالال ئىچىشكە تىرىشسا، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئىنىرگىيە توپلاش مەقىسىتى بىلەن ئۇخلىسا، ھارامدىن ساقلىنىش مەقىسىتى بىلەن ئايالى بىلەن بىرگە بولسا، ئۇنىڭ بۇ ئاددى ئىشلىرى ئاشۇ ياخشى نىيىتى بىلەن ئىبادەتكە ئايلىنىپ ئاللاھ تائالا نىڭ نەزىرىدە كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ . يەنى ياخشى نىيەت بىلەن مۇسۇلماننىڭ بارلىق ئىش ھەرىكەتلىرى ئىبادەت بولىدۇ .
ئىش ئەمەللەر خالىس نىيەت بىلەن قىممەتلىك بولغاندەك، ياخشى نىيەتمۇ ئۇنىڭغا لايىق ئەمەللەر بىلەن نەتىجىلىك بولىدۇ . ئەمما مېنىڭ نىيىتىم ياخشى دەپ قويۇپ يامان ئىشلارنى، ناچار قىلىقلارنى قىلىۋەرسە جازاغا تارتىلىدۇ . چۈنكى ئەمەلىيىتى يوق قۇرۇق نىيەت ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ. شۇڭلاشقا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ يەردە ئەمەل بىلەن نىيەتنى بىرلىكتە تىلغا ئالغان .
دېمەك, بۇ دۇنيادا بەخت سائ ادەتلىك ھاياتقا ۋە ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن پاك نىيەت بىلەن چىن ئىمان ۋە ھەقىقىي ئىخلاس بىلەن ئىش قىلىشمىز لازىم ئىكەن. بولمىسا ئۆزىمىزنى ئالداپ قۇرۇق ئاۋارە بولىدىكەنمىز . باشقىلارنى ئالداپ تاپقان پۇل ئەسقاتمىغاندەك , كشىلەرنىڭ نەزىرىدىن ئۆتىش مەقسىتى بىلەن قىلغان ئىبادەتلەرمۇ پايدا بەرمەيدىكەن .
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يۇقىرىدىكى مەنىنى تېخىمۇ روۋشەنلەشتىرىش ئۈچۈن ھىجرەتنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن . ئىسلامنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا مەككىدە كۆتەرگيسىز ئازاب ئوقۇبەتكە دۇچ كەلگەن رەسۇلۇللاھ ۋە مۇسۇلمانلار ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەرگەن بولسىمۇ, ئىسلامنى راۋاجلاندۇرۇش مۇمكىن بولمىغان . شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار ئىسسىق يئۆلىرىنى ۋە ئېزىز ي ۇرتلىرىنى تاشلاپ ئاۋۋال ھەبەشىستانغا , كېيىن مەدىنىگە كۆچىشكە مەجبۇر بولغان. ئىسسىق ئۆيىنى, بالا چاقىلىرىنى, ئۇرۇق تۇغقانلىرىنى ۋە جاندىن ئېزىز ۋەتىنىنى تاشلاپ باشقا يەرگە كېتىشنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىش ئىكەنلىكىنى مۇساپىرچىلىقنىڭ دەردىنى تارتقانلار ئوبدان بىلىدۇ . شۇڭا ھىجرەت ئەڭ ئۇلۇغ ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەدىستە مانا مۇشۇنداق قىيىن ئىش ۋە ئۇلۇغ ئىبا دەتمۇ ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بولما ي دۇنياۋى غەرەز بىلەن بولسا , ھېچقانداق ساۋابقا ئېرىشەلمەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن .
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ :
ئۇلارپ ەقەت ئىبادەتنى اللەغا خالىس قىلغان , ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا يالغۇز اللەغىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى . نامازنى ئادا قىلىشقا , زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇلدى . ئەنە شۇلار )يەنى ئىبادەت, ئىخلاس, ناماز, زاكات( توغرا دىندۇر.] سىرە بەييىنە: 5 ئايەت [
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ :
، ئېيتقىنكى: »مەن دىننى )شېرىكتىن ۋە رىيادىن( ساپ قىلغان ھالدا اللەغا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم . ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم . «ئېيتقىنكى، »ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا ئاسىيلىق قىلسام، شىبھىسىزكى، بىيىك كىننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن. «ئېيتقىنكى، »دىنىمنى )شېرىكتىن ۋە رىيادىن( ساپ قىلغان ھالدا اللەغا ئىبادەت قىلىمەن . سىلەر اللەدىن باشقا خالىغىنىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار. «ئېيتقىنكى، »قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى زىيان تارتقۇزغۇچىلار قاتتىق زىيان تارتقۇچىلاردۇر . «بىلىڭلاركى، ئەنە شۇ رۋش ەن زىياندۇر. ]سىرە زۇمەر:11 دىن 15 غىچە بولغان ئايەتلەر [
ئى ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز ! بىزگە توغرا , ھەق دىن بويىچە ئىش قىلىپ , بۇ دۇنيادا بەخت سائادەتلىك تۇرمۇش , ئاخىرەتتە سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىپ جەننەتكە كىرىشنى نىسىپ قىلغىن . نەپسى شەيتاننىڭ كەينىگ ە كىرىپ, ئىخلاستىن, ساپ نىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ۋە ئىبادەتلىرىمىزدە دۇنياۋى پايدىنى كۆزلەشتىن ساقلىغىن . چۈنكى بىز بەك ئاجىز بەندە , سەن ئۆز ڭ ەساقلىمىساڭ بىز ھالاكەتكە ئۇچراپ كېتىمىز. ئامىين !
2 ھەدىس رىياكارلىقىڭ زىيىنى توغرىسىدا ھەزرىتى جۇندۇب ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى سىفيان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى , پەيغەبەرم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : كىمكى )قىلغان ئىشىنى باشقىلار ( ئاڭلىسۇن دەپ قىلىدىكەن, ئاللاھ ئۇنى ڭ بۇزۇق نىيىتىنى قىيامەت كۈنى خالايىق ئالدىدا ئاشكارىلاپ ئۇنى رەسۋا قىلىدۇ . كىمكى قىلغان ئىشىنى باشقىلار كۆرس ىن دەپ قىلىدىكەن, ئاللاھ ئۇنى مۇشۇنداق قىل ] «.ىدۇبۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت. ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى: 6352[
ئىزاھات :
ئىنسانغا ئەڭ زىيانلىق نەرسە قىلغان ئىش ھەرىكىتىدە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلىمەسلىكتۇر. قىلغان ئىشىنىڭ تاشقى كۆرىنىشى چىرايلىق , ئىچى ناچار, ئىشى باشق, ا نىيىتى باشقا , تىلى باشقا , دىلى باشقا بولۇش ئەڭ يامان ئىللەت بۇلۇپ , ھەر قانداق مۇسۇلمان بۇنداق يامان ئىللەتلەردىن ئۆزىنى پاكلىشى كېرەك . چۈنكى ئۇنداق ئىللەتلەرگە گىرىپتار بولغان كىشى تىلىدا ھەر دائىم زىكىر تە سبىھ ئېيتىدۇ , قۇرئان ئوقۇيدۇ , كىشىلەرگە ئىلىم ئىگىتىدۇ ۋەز , نەسىھەت قىلىپ كىشىلەرنى ياخشى ئىشقا ئىندەيدۇ , لېكىن دىلى اللەدىن غاپىل , باشقا نەرسىلەر بىلەن مەشغۇل , مەنپەئەت پېىشىدە بولىدۇ . باشقىلار ئۇنى ماختىسا , كىشىلەرنىڭ قەلبى ئۇنىڭغا مايىل بولسىلا ئۇنىڭ مەقسىتى ھاسىل بولىدۇ .
ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا شۇنداق كىشىلەر باركى , قۇرئاننى تەجۋىد بىلەن ناھايىتى چىرايلىق ئوقۇيدۇز ۋە , قىلسا كىشىلەرنى يىغلىتىدۇ , ئۇنىڭ ناماز ئوقۇغىنىنى , سەدىقە قىلغىنىنى , روزا تۇتقىنىنى ۋە ئېتىكاب قىلغىنىنى كۆرسىڭىز پەرىشتە دەپ قالىسىز ل .ېكىن ئۇ ئالدامچى مۇناپىق , يالغانچى, مەككار, ساختىپەز بۇلۇپ، كۆڭلىدە يوق نەرسىنى سۆزلەيدۇ . ئاللاھ تائالا ئۈچۈن قىلىدىغان ئىشنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلىدۇ. ئۇنداق كىشىلەر ھەققىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى, ئۇلار نامازنى غەپلەت بىلەن ئوقۇيدۇ. نامازنى رىيا بىلەن ئوقۇيدۇ. ئۇلار قۇلقا بەرمەيدۇ. ] مائۇنسىرىسى، 4 دىن7 غىچە بولغان ئايەتل [ەر ئاللاھ تائالا مۆمىن بەندىلىرىنى رىيادىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ : ئى مۆمىنلەرپۇل ! مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان, اللەغا ۋە ئاخىرەت كىنىگە ئىمان كەلتىرمەيدىغان كىشىنىڭ قىلغان ئەمىلىنى بېكار قىلىۋەتكىنىگە ئوخشاش, بەرگەن سەدىقەڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكىزىش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار . بۇنداق پۇل مېلىنى باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ئادەم خۇددى ئىستىگە توپا چ اڭ قونۇپ قالغان, قاتتىق يامغۇردىن كېيىن يۇيۇلۇپ بۇرۇنقىدەك بۇلۇپ قالغان سىلىق تاشقا ئوخشايدۇ . ئۇلار قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن ئاخىرەتتە ھېچقانداق ساۋابقا ئىگە بولالمايدۇ . ئاللاھ كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.] بەقەرەسىر ىسى، 264 ئايەت [
يۇقىرىقى ئايەت كەرىمە ۋە ھەدىس شېرىپتىن مەلۇم بولىدۇكى , ئەمەل ئىبادەتلەرنىڭ قوبۇل بولۇشىنىڭ بىرىنچى شەرتى , ئەمەل ئىبادەتلەرنى پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلىشتۇر . چۈنكى ئاللاھ تائالا باشقا مەقسەتلەر بىلەن قىلغان ئەمەل ئىبادەتلەرنى قوبۇل قىلمايدۇ. كىشىلەرگە كۆرسىتىش ۋە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئەمەل ئىبادەت قىلغان ۋە ياخشىلىق ئىشلىگەن ئادەم ئۆز ئۆزىنى ئالدىغان ۋە بىكارغا ئۆزىنى ئاۋارە قىلغان بولىدۇ .
ئەمەل ئىبادەتلەر, ئىشلىگىچىنىڭ نىيىتىگە قاراپ قىممەتلىك بولىدۇ . ئەگەر ئەمەل ئىبادەت قىلغان كىشى , قىلغان بارلىق ئىشلىرىنى ”پەقەت ئاللاھ تائالا قوبۇل قىلسىلا بولدى “ دېگەن ئاساستا قىلسا , گەرچە قىلغان ئىبادەتلىرى ئاز بولسىمۇ , ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئىخلاسىغا قاراپ نەچچە ھەسسە كۆپەيتىپ ئەجرى ئەزىم بېرىدۇ . ئەڭ ئاز ئىبادەت بىر كۈندە بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلىش بۇلۇپ, ئۇنىڭدىن ئاز ئىبادەت يوقتۇر. لېكىن شۇ ئىبادەتتە مۇھىم بولغىنى رىيادىن ساقلىنىش, ئىبادەت بىلەن ماختانماسلىق لازىمدۇر .
قىلغان ئەمەل ئىبادەتلىرى ۋە ياخشى ئىشلىرى بىلەن ماختىنىش , كىشىلەر ئارىسىدا ”مەن مانچە قېتىم ھەرەمگە بارغان ئادەم, مەن ئۇنداق قىلغان, مەن بۇنداق قىلغان دەپ “، قىلغان ئىشىنى كىشىلەر ئارىسىدا ئېلان قىلىش, قىلغان ئىبادىتىنىڭ ساۋابىنى يوقىتىدۇ. كىشىلەر پالانى ھاجىم دېمىسىمۇ , قىلغان ئىشلىرىمنى كۆرىپ ماختىمىسىمۇ, ئاللاھ تائالا ئۆز دەرگاھىدا قوبۇل قىلسىلا بولدى دېگەن مەقسەتتە قىلغان ئەمەل ئىبادەت, ھەقىقىي ئىخلاس بىلەن قىلغان ئىبادەت بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : خۇددى اللەنى كۆرىپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلىشىڭ كېرەك, سەن اللەنى كۆرەلمىسەڭمۇ , ئۇ سېنى كۆرىپ تۇرىدۇ « دېگەن . ]ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس [
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ :
قىلغان ياخشى ئىشلىرى بىلەن پەقەت ھاياتىي دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ زىبۇزىننىتىنى)يەنى دۇنيا مەنپەئىتىنى( كۆزلەيدىغان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئەجرىنى بۇ دۇنيادىلا تولۇق بېرىمىز. دۇنيادا ئۇلارنىڭ ئەجرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ . بۇنداق كىشىلەرگە ئاخىرەتتە د ۋزاختىن باشقا نەرسە يوقتۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى يوققا چىقىرىلىدۇ، قىلغان ئەمەللىرى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ. ] ،ھۇد سىرىسى15 ،16 ئايەتلەر [
ئاللاھ تائالا ھەممىمىز نى ھەقىقىي ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلغىلى نىسىپ قىلسۇن . قىلغان ئەمەل ئىبادەتلىرىمىزنى ئۆز دەرگا ھىدا قوبۇل قىلىپ , دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بەخت سائادىتىگە ئېرىشتىرسۇن. قەلبىمىزنى رىيادىن , كىشىلەرگە كۆرسىتىشتىن ۋە باشقا ئىخلاسقا زىت كېلىدىغان ھەر قانداق ئىللەتلەردىن پاكلىسۇن. ئامىين !
ئىزاھات تېكىستى كىرگۈزۈلمىگەن.
3 ھەدىس شىبھىلىك نەرسىلەردىن قېچىش توغرىسىدا ھەزرىتى ۇئنمان ئىبنى بېشىر رەزىيەللاھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ , ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئ اڭلىغان ئىدىم دەيدۇ » : ھالا ل ئوچۇق ئاشكارا بايان قىلىنغان, ھاراممۇ ئوچۇق بايان قىلىنغان , ھالال بىلەن ھارام ئارىسىدا شىبھىلىك ئىشلار بۇلۇپ , كۆپ كىشىلەر ئۇنى بىلمەيدۇ . شىبھىلىك ئىشلاردىن ساقلانغان كىشى دىنىنى , ئابرۇيىنى, ساقلاپ قالالايدۇ . شىبھىلىك ئىشلارنى قىلغان كىشى ھارامغا چىشىپ قالىدۇ . ئۇنداق ئادەم خۇددى بىرسىنىڭ چىگراسى يېنىدا مال باققان پادىچىغا ئوخشاش بۇلۇپ, ئۇنىڭ چىگرا ئىچىگە كىرىپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ. بىلىڭلاركى, ھەر قانداق پادىشاھنىڭ چىگراسى بار , بىلىڭلاركى, اللەنىڭ چىگر اسى ھارم قىلغان ئىشلاردۇر . ئاگاھ بولۇڭلاركى , بەدەندە بىر پارچە گۆش بۇلۇپ, ئۇ ياخشى بولسا , پىتىن بەدەن ياخشى بولىدۇ . ئۇ بۇزۇلسا , پىتىن بەدەن بۇزۇلىدۇ . بىلىڭلاركى ئۇ يىرەكتۇر بۇ ] «.ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت .
ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى:4048[
ئىزاھات :
رەسۇل ئ ەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە بىزگە ئىسلامنىڭ ئاساسلىق تەلىماتلىرىنى بىلدىرىدۇ. بۇ ھەدىسكە ئاساسەن ئىنسانلارنىڭ قىلىدىغان ئىش ئەمەللىرى ئىچ قىسىمغا بۆلىنىدۇ. ئۇلار: ھالال, ھارام ۋە شىبىھات .
1 ھالال ئۇ , ئاللاھ تائالائۆز كەلامى بولغان قۇرئان كەرىمدە ۋە رەسۇلۇللاھ ھەدىستە ھالال دەپ ئوچۇق بەلگىلىگەن ئىشلاردۇر. پاك نەرسىلەرنى يېيىش, راست گەپ قىلىش, ئادالەتلىك بولۇشقا ئوخشاش .
2 ھارام ئۇ , ئاللاھ تائالائۆز كەلامى بولغان قۇرئان كەرىمدە ۋە رەسۇلۇللاھ ھەدىستە قەتئىي مەنئى قىلغان ئىشلاردۇر . كىشىنىڭ ھەققىنى ناھەقې ييىش, يالغان سۆزلەش , ئالدامچىلىق قىلىشقا ئوخشاش .
ھالال ھارام مەيلى قۇرئان كەرىمدە, مەيلى رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىدا بولسۇن ئوچۇق كۆرسىتىلگەن بۇلۇپ, ھالالنى ھارام, ھارامنى ھالال سانىغان كىشى كاپىر بولىدۇ .
3 شىبىھات, ئۇ ھالاللىقى ياكى ھاراملىقى ئوچۇق كۆرىسىتىلمىگەن , گۇمانلىق ئىشلاردۇر. ئىسلام ئىلمىغا مۇتەخەسسىس ئالىملار , فىقىھشۇناسلار ئۇ ئىشلارنىڭ جەمئىيەتكە پايدىلىق ياكى زىيانلىق تەرەپلىرىگە قاراپ شەرئىي ھۆكمىنى بەلگىلەيدۇ . بۇنداق گۇمانلىق ئىشلار كۆپىنچە ”مەكرۇھ“ دەپ سۆر كىتىل” . ىدۇمەكرۇھ“ يامان كۆرىلگەن دېگەن بولىدۇ . بۇنداق ئىشلاردىن ساقلىنىش كىشىنى ھارامغا چىشىپ قېلىشتىن ساقلايدۇ .
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھارام ھالاللىقى ئېنىق بولمىغان شىبھىلىك ئىشلارنى قىلغان كىشىنى, بىراۋنىڭ چىگراسىنىڭ يېنىدا مال باققان پاد ىچىغا ئوخشىتىدۇ. پادىچى باشقىلارنىڭ چىگراسى ئىچىگە كىرمەيمەن دېگەن ئوي بىلەن , چىگرا ئەتراپىدا مېلىنى ئوتلىتىدۇ. لېكىن تۇيماستىن چىگرا ئىچىگە كىرىپ قالىدۇ , دە ئەڭ ئېغىر جازاغا ئۇچرايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشى چارە چىگراغا يېقىنلاشماسلىق . چۈنكى چىگراغا يېقى ن بارغان كىشىنىڭ ئۇ تەرەپكە ئۆتىپ كېتىشى كىچلىك ئېھتىمال .
دۇنيادا ھەر بىر دۆلەت ۋە پادىشاھنىڭ مەخسۇس چىگراسى بولغ دەكىنى, ئاللاھ تائالانىڭمۇ بەلگىلىك چىگرالىرى باردۇر . ئۇ بولسىمۇ , ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلاردۇر . شىبھىلىك ئىشلار ئاشۇ چىگرانىڭ يېقىن ئەتراپلىرىدۇر. شىبھىلىك ئىشلارنى قىلغان كىشى خۇددى چىگرا ئەتراپىدا مال باققان كىشىنىڭ تۇيماستىن چىگرادىن ئۆتىپ كەتكىنىدەك , بىلمەستىن ھارام ئىشلارنى قىلىپ تاشلىشى ئىنتايىن كىچلىك ئېھتىمال . شۇڭلاشقا مۇسۇلمانلار ھاراملىقى روۋشەن مەلۇم بولغان ئىشلاردىنغۇ قەتئى يېراق تۇرۇشى لازىم . شىبھىلىك ئىشلارغىمۇ سەل قارىماسلىقى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام » : شىبھىلىك ئىشلاردىن قاچقان كىشى ئۆزىنىڭ دىنىنى ۋە ئابرۇيىنى ساقلاپ قالالايدۇ« دېگەن .
جانابى رەسەلۇللاھ قەلب )يىرەك ياكى ۋىجدان ( نى ئىسلاھ قىلىشقا تەرغىب قىلىپ » , قەلب تىزەلسە پىتىن ئەزا ياخشى بولىدۇ. ئەگەر قەلب بۇۇزۇلسا, بارلىق بەدەن بۇزۇلىدۇ« دەيدۇ . چۈنكى بارلىق ئەزالار كىشىنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنىدۇ . ئىرادىنىڭ مەنبىئى ۋە مەركىزى قەلبدۇر . قەلب ۋىجدان ياخشى بولسا , ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى خالايدۇ . ئەگەر قەلب بۇزۇق ۋىجدانسىز بولسا, يامان, ناچار قىلىقلارنى قىلىشنى خالايدۇ . بەدەن قەلبنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنلايدۇ . شۇڭا قەلبنى ھەر تۈرلۈك يامان نىيەت ۋە ناچار غەرەزلەردىن پاكلاش ئىنتايىن مۇھىم .
قەلبنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى اللەنى پىتىن سىپەتلىرى بىلەن تونۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنى ھەر ھالدا كىزىتىپ تۇرىدىغانلىقىغا چىن ئىشىنىش، ئاللاھ تائالا نىڭ رەھمىتىدىن ئۇمىدۋار بۇلۇپ، غەزىپىدىن قورقۇش، قىيامەت كۈنى چوڭ كىچىك، ياخش يامان بارلىق ئىش ھەرىكەتلىرىنىڭ مەيدانغا چىقىدىغانلىقىغا، ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا پىتىن ئىشلىرىدىن ھېسا ب بېرىدىغانلىقىغا ۋە قىلمىشىغا لايىق مۇكاپات ياكى جازا بېرىلىدىغانلىقىغا چىن ئىشىنىشتۇر . قەلبنى بۇزىدىغان ئامىللار ئاللاھ تائالاغا چىن ئېتىقاد قىلماسلىق، ئاللاھ تائالانىڭ ئاخىرەتتىكى نېمەتلىرىگە قىزىقماسلىق ۋە ئازابىنى كۆزىگە ئىلمەسلىك، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى يەڭگىل ساناپ، گۇناھ مەسىيەتكە جىرئەت قىلىش، ئۆزىگە تەمەننا قىلىش، مۇتەكەببىرلىك ۋە ھەسەت قاتارلىق نەرسىلەردۇر .
مۇسۇلمان كىشى، ھەققىدە گۇمان تۇغدۇرىدىغان ۋە تۆھمەتكە قالىدىغان ئىشلاردىن ئۇزاق تۇرۇشى بەك مۇھىم . چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىپپەت نومۇسىنى ساقلاپ قالالايدۇ. دىنىنى دىشمەنلەرنىڭ تەنىلىرىدىن, يامان غەرەزلىك سۆزلىرىدىن قوغدىيالايدۇ.
مۇستەھەبنى كۆزىگە ئىلمىگەن كىشى پەرزنى تەرك ئېتىدۇ . مەكرۇھقا سەل قارىغان كىشى ھارامنى قىلىدۇ .
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلار !
ھەق يول يېمەكئى چمەك, كىيىم كېچەك ۋە باشقا بارلىق ئىشلاردا ئاللاھ تائالا ھالال قىلغان ئىشلارنى قىلىش, زاھىدلىق قىلدىم دەپ ھالالنى ھارام قىلىۋالماسلىق, ھاراملاردىن قەتئى يېنىش , پۇل مالنى دەپ نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ ھارامنى ھالال قىلىۋالماسلىق , راستچىل بولۇش , يالغان سۆزلىم ەسلىك , ئادىل بولۇش , زۇلۇم قىلماسلىق , ھەقىقەتچى بولۇش , كىشىنى ئالدىماسلىق, باشقىلارنىڭ ھەققىگە چېقىلماسلىق, يالغان گۇۋاھلىق بەرمەسلىك, ھەسەتخورلۇق قىلماسلىق قاتارلىق ئىشلاردۇر .
شەكلىنىپ قالغان , ئىككىلىنىپ قالغان ئىشلاردىن ئۆزىنى ساقلاش لازىم. مەسىلەن: رەسۇلۇللاھ يولدا ئۇچرىغان بىر تال خورمىنى سەدىقە بۇلۇپ قالمىسۇن دەپ قورقۇپ يېمىگەن . ئىمام نەۋەۋى ئوقۇۋاتقان چېغىدا , شۇ شەھەردە يېتىمنىڭ بېغى بارمىش دەپ ئاڭلاپ , يېتىمنىڭ ھەققىنى يەپ سېلىشتىن پەرھىز قىلىپ, شۇ شەھەرنىڭ ئىزىمىنى يېمىگەن .
ئى ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمھ ! الالغا قانائەت قىلىشنى بىزگە نىسىپ قىلغىن, نەپسىمىزنىڭ كەينىگە كىرىپ ھارامغا چىشىپ قېلىشتىن بىزنى ساقلىغىن. ئامىين !
ئىزاھات تېكىستى كىرگۈزۈلمىگەن.
ھەزرىتى ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ” : مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەلل ەمدىن سورىدىم بەردى . يەنە سورىدىم , يەنە بەردى . ئاندىن رەسۇلۇللاھ ماڭا : ئى » ھەكىم! بۇ مال دۇنيا ھەقىقەتەن چىرايلىق ۋە تاتلىق نەرسە, كىمكى ئۇنى نەپسىگە بېرىلمىگەن ھالەتتە ئالسا , ئۇ مال ئۇنىڭغا بەرىكەتلىك بولىدۇ . كىمكى ئۇنى نەپسىنىڭ كەينىگە كىرگەن ھالدا ئال, سائۇ مال ئۇنىڭغا بەرىكەت قىلمايدۇ. ئۇ خۇددى يەپ تويمايدىغان ئادەمگە ئوخشاش بولىدۇ. بەرگىچى قول , تىلىگىچى قولدىن ياخشى .« دېدى. مەنئى ” : رەسۇلۇللاھ ! سىزنى بەرھەق پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى , سىزدىن كېيىن ئۆلگىچىلىك ھېچقانداق بىر كىشىدىن بىر نەرسە ئالمايمەن “ دېدىم . كېيىن ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەكىم ئىبنى ھىزامنى تەقسىماتتىن تېگىشلىك نەسىبىسىنى بېرىش ئۈچۈن چاقىرغاندا , ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە ئالغىلى ئۇنىمىغان . ھەزرىتى ئۆمەر ەرزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدىمۇ , ئۆمەر ئۇنىڭغا نەسىبىسىنى بەرمەكچى بولغاندا ئۇنى ئالغىلى ئۇنىمىغان . ئاندىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن ئى ” : مۇسۇلمانلار ! مەن سىلەرنى گۇۋاھچى قىلىمەنكى , ھەكىمگە ئاللاھ تائالا بۇ غەنېمەتتىن تەقسىم قىلغان ھەققىنى بەرسەم ئالغىلى ئۇنىمىدى .“ شۇنداق قىلىپ ھەكىم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كېيىن , تاكى ۋاپات بولغىچىلىك ھېچكىمدىن بىر نەرسە ئالمىغان ] .بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت. ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى: 3074[
بۇ ھەدىس تەجانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرىنى قانداق تەربىيىلىگەنلىكىنى كۆرىمىز . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى ناھايىتى ئالى جاناب ۋە ئەڭ گىزەل ئەخلاقلىق زات ئىدى. كىشىلەرنى ھەر دائىم ياخشىلىققا چاقىراتتى. بىر نەرسە سوراپ كەلگەن كىشىنى قۇرۇق ياندۇرمايتتى. كىشىلەرنىڭ ئۇمىدىنى يەردە قويمايتتى. مال دۇنيانى دوست تۇتمايتتى. قولىغا كىرگەن مالنى خەيرى ئېھسان قىلاتتى . كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش ۋە مۇسۇلمان بولۇشقا تەرغىب قىلىش ئۈچۈن , يىزلەرچە تۆگە , مىڭلارچە قوي, نۇرغۇنلىغان ئالتۇن كىمۇشنى بېرەت. تىچىنكى بۇ ماللار بەزى كىشىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشى ۋە ئىسلامغا كىرىشىگە ئەڭ چوڭ سەۋەب بولغاندۇر .
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قولىدا بار نەرسىنى مۇھتاجلارغا بېرىشتە ئۆزىنىڭ نامرات بۇلۇپ قېلىشىدىن قورقمايتتى . چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋ ەسەللەم مال دۇنيا دېگەن ئىنساننى ئاخىرەتكە يەتكىزىدىغان ۋەسىلە , غايە ئەمەس دەپ بىلەتتى . ئەگەر رەسۇلۇللاھ ھەكىم ئىبنى ھىزامنىڭ بىر نەچچە قېتىم نەرسە سورىغىنىغا قارشى بىر ” نەچچە قېتىم بەردىم , ئەمدى بەرمەيمەن “ دېگەن بولسا , بەلكى ھەكىمنىڭ كۆڭلىدە رەسۇلۇللاھقا قارشى بەزى گۇمانلارنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە بۇ ئادىتىنى ئۆمىر بويى تاشلىماسلىقى مۇمكىن ئىدى. لېكىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىستىن پاراسىتى ۋە ھىكمەتلىك ئۇسلۇبى بىلەن ئۇنىڭغا ناھايىتى چىرايلىق ۋە تەسىرلىك ھالدا مال دۇنيانى سىپەتلىدى ۋە نەپسىنى ڭ كەينىگە كىرىشنىڭ ياخىشى ئەمەسلىكىنى بايان قىلغاندىن كېيىن »بەرگىچى قول, تىلىگىچى قولدىن ياخشى« دېدى .
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇشۇنداقم ھىكەتلىك سۆزىنىڭ تەسىرى بىلەن ھەزرىتى ھەكىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچىلىك ھېچكىمدىن ھېچن ەرسە ئالمىدى ۋە پىتىن مۇسۇلمانلارغا ئۆرنەك بولدى .
دۇنيا ھاياتىدا مال دۇنيا بولمىسا بولمايدىغان نەرسە. لېكىن كىنىمىزدە ئىنسانلار ماددىيلىشىپ پۇل مالغا چوقىنىدىغان ھالغا چىشىپ قالدى. بايلىرىمىزدا ئىنساپ يوق , كەمبەغەللىرىمىزدە قانائەت يوق , ھەممىسى دۇنياپەرەست بۇلۇپ, پۇل مالغا ھېرھسمەنلىك، تەمەخورلۇق ئەۋج ئالغاچقا مۇسۇلمانلارنىڭ ھالى خاراب بۇلۇپ قالدى .
مۇسۇلماننىڭ ئۆز تۇرمۇشىنى ئۆزى قامدىشى , كىشىلەرنىڭ قولىغا قاراب قالماسلىق ئۈچۈن ھارماي تالماي ئىشلىشى پەرز . لېكىن تاپقانغا قانائەت قىلماسلىق, ھالال ھارامنى ئىلغىماسلىق, ئاللاھ تائالا كۆپراق پۇل مال ئاتا قىلسا, تەكەببۇرلۇق قىلىپ كىشىلەرنى ياراتماسلىق, مۇھتاجلارغا ياردەم قىلماسلىق , ياردەم قىلغاندىمۇ ئۇلارنى كەمسىتكەن ۋە مىننەت قىلغان ھالدا قىلىش, مۇسۇلمانلىققا سىغمايدىغان ناچار قىلىقلاردۇر .
بايلىرىمىز ب ايلىقىنى ئاللاھ تائالانىڭ نېمىتى دەپ تونۇپ, ئاللاھ تائالاغا شىكىر قىلىشى , ئاللاھ تائالا بەرگەن نېمىتىدىن بىر كۈنى ھېساب ئالىدىغانلىقىنى , بۇ دۇنيادا ھېچقانداق نەرسىنىڭ مەڭگى ئەمەسلىكىنى, باينىڭ ئەبەدىي باي, كەمبەغەلنىڭ دائىم نامرات بولمايدىغانلىقىنى ئېسىدىن چىقارماسلىقىپۇل , مېلىنى ھالالدىن تېپىشى , ئۆزىنىڭ بالا چاقىسىنىڭ تۇرمۇشىغا ئىسراپ قىلماستى, نبېخىللىق قىلماستىن نورمال ھالەتتە سەرپ قىلىشى , ئاشقىنىنى ئۇرۇق تۇغقان , قولۇن قوشنا ۋە باشقا ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرگە قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشى ” , ئاللاھ تائالا ماڭا بېرىپتۇ, مەنمۇ مۇھتاجلارغا بېرەي ، دەپ “ئاللاھ تائالا يولىدا ياخشى ئىشلارغا سەرپ قىلىشى لازىم. چۈنكى ئاللاھ تائالا بىرنى بەرگەنگە ئوننى بېرىمەن دەپ ۋەدە قىلغان .
كەمبەغەل نامرات , ئاجىز, بىچارەلىرىمىزمۇ سەۋر قىلىشى, قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىپ ئىشلىشىبا , شقىلارغا قول سۇنۇپ ياشاشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالماسلىقى, قانائەتجان بۇلۇپ رىزقىنى اللەدىنلا تىلىشى , كىشىلەرنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرگە تەلمىرىپ ئىززىتىنى چىشىرمەسلىكى, پالانى نېمىشقا باي بولىدۇ , مەن نېمىشقا يوقسۇل بولىمەن؟ دەپ ھەسەتخورلۇق , كۆرەلمەسلىك, چىدىماسلىق قىلماسلىقى, ئاز بولسۇن , كۆپ بولسۇن رىزىق بەرگ ىچى ئاللاھ تائالا ئىكەنلىكىنى ئۇنتىماسلىقى كېرەك .
ئىجتمائىي ھاياتتىكى باراۋەرلىكنى قوغداش ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بايلارغا زاكات بېرىشنى پەرز قىلغان. ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ ” : ناۋادا ھەر جايدىكى بايلار زاكاتلىرىنى تولۇق بەرسەئۇ , جايدا كەمبەغەل قالمايدۇ “.
ئاللاھ تائالا بايلىرىمىزغا ئىنساپ, رەھىم شەپقەت, كەمبەغەللىرىمىزگە سەۋر قانائەت ئاتا قىلسۇن. ئامىين !
ھەزرىتى ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللا ھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى , جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى ئايرىلىپ كەتمىگىچىلىك ئىختىيارغا, گەى ئ ئەگەر ئۇلار بىر بىرىگە راست گەپ قىلسا ۋە قولىدىكى نەرسىنىڭ سىپەتلىرىنى ئوچۇق بايان قىلسا, سودىسى بەرىكەتلىك بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار قوللىرىدىكى مالنىڭ ئەيبىنى يوشۇرسا, ۋە يالغان ئېيتسا, سودىلىرىنىڭ بەرىكېتى يوقىلىپ كېتىدۇ.« ]بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:2086، مۇسلىمدىكى نومۇرى:3812[
ئىجتىمائىي ھاياتتا سودا تىجارەت ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلەيدۇ . ئىسلام جەمئىيىتىدە سودا تىجارەت قېرىنداشلىق ئىستىگە قۇرۇلغان بۇلۇپ , ئالغۇچى ساتقۇچى بىر بىرىگە دوستانە مۇئامىلە قىلىشىبىر , بىرىنى ئالدىماسلىقى لازىم .
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىس بى تەزگە سودا تىجارەت تە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىككى مەسىلىنى بايان قىلىدۇ : 1 ئىختىيار، يەنى ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچىنىڭ قىلىشقان سودىسىنى بۇزۇش ھوقۇقى . بۇ ئىختىيار تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا ئىككى تەرەپتىن بىرىنىڭ ھەققى بولىدۇ .
1 (ئىنسانچىلىق, ئېلىم سېتىمدا سودىلىشىپ, پىتىشىپ بولغاندىن كېيىن, ساتقۇچى ياكى ئالغۇچى ئەرزان سېتىپ سالدىم ياكى قىممەت ئېلىپ سالدىم دەپ پۇشايمان قىلىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋالدا ئەگەر ئىككى تەرەپ ئايرىلىپ كەتمىگەن بولسا , پۇشايمان قىلغان تەرەپنىڭ سودىدىن يېنىش ئىختىيارى بولىدۇ. ئەگەر ئايرىلىپ كېتىپ بولغان بولسا بۇ ئىختىيار يوقىلىدۇ .
2 ( ئەگەر سېتىلغان مال ئەيبلىق مال بۇلۇپ, مۇشتەرى ئۇنى سېتىپ ئالغاندا كۆرمىگەن بولسا, مۇشتەرىنىڭ مالنىڭ ئەيىبىنى كۆرگەندىن كېيىن سودىنى بۇزۇش ھوقۇقى بولىدۇ . شۇنىڭدەك ساتقۇچىمۇ مېلىنىڭ بەدىلىگە مۇشتەرىدىن ئا لغان نەرسىدە ئەيىب چىقسا , ساتقۇچىنىڭمۇۋ سدىنى بۇزۇش ھەققى بولىدۇ. ”بۇ . ئەيىب ئىختىيارى دەپ “ئاتىلىدۇ .
3 ( سودىلاشقاندا ئىككى تەرەپنىڭ قايسى بىرى: ”ئەگەر پۇشايمان قىلسام سودىنى بۇزۇش ھەققىم بولىدۇ دەپ “ شەرت قويغان بۇلۇپ, يەنە بىر تەرەپ بۇ شەرتنى قوبۇل قىلغان بولسا , شەرت قىلغان تەرەپ ئىچ كىنگىچە سودىنى بۇزالايدۇ . ئىچ كىندىن ئۆتىپ كەتسە ئۇنىڭ سودىنى بۇزۇش ھەققى چىشىپ كېتىدۇ. ”بۇ . شەرت ئىختىيارى“ دېيىلىدۇ .
ئىسلامنىڭ بۇ ئىختىيارنى يولغا قويۇشى , سوداسېتىق ئىشلىرىدا ئالدىنىپ كېتىش كۆپ ئۇچرايدىغان ئىش بولغاچقا ئا , لغۇچى بىلەن ساتقۇچىنىڭ ھەققىنى ساقلاپ قېلىش ئىچىندۇر.
شۇڭا بۇ ھەق ھەر ئىككى تەرەپكە بېرىلگەن .
ئەگەر بۇ ئىختىيار ھەققى بېرىلمىگەندە يۇقىرىقىدەك ئەھۋال , دالارئالغىنى ئالغان , ساتقىنى ساتقان بۇلۇپ يانالمايدۇ . شۇنىڭ بىلەن كۆپ ۋاقىتلاردا ئالغۇچى ۋە بەزى ۋاقىتلا ردا ساتقۇچى زىيانغا ئۇچرايدۇ. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا نارازىلىق ۋە دىشمەنلىك تۇغۇلىدۇ . دوستلۇق, مۇھەببەت ۋە قېرىنداشلىق بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى دوكاندارلارنىڭ ”سېتىلغان مال قايتۇرۇلمايدۇ , ئالماشتۇرۇلمايدۇ دەپ “ ئالدىنئالا شەرت قىلىۋىلىشى ئىسلام ئەخلاقىغا ئۇيغۇن ئەمەس .
سودىگەرلەردە بولۇشقا تىگىشلىك پەزىلەتلىك ئەخلاقنىڭ ئىككىنچىسى راستچىل بولۇش , توغرا گەپ قىلىشتۇر .
مۇسۇلمان ھەر دائىم توغرا ۋە راست سۆزلەيدۇ . يالغان گەپ قىلمايدۇ , مۆمىن بۇرادىرىنى ئالدىمايدۇ, باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆزىنىڭ مەنپەئىتى ۋە باشقىلارنىڭ زىيىنىنى ئۆزىنىڭ زىيىنى دەپ بىلىدۇ. لېكىن ھازىرقى زاماندا بولۇپمۇ سودا تىجارەت, تەراست گەپ ئاقمايدىغان, يالغانچىنىڭ بازىرى راۋان , راستچىلنىڭ بازىرى كاسات بۇلۇپ قالدىبۇ . ناچار ئەھۋال خېلى ياخشى كىشىلەرنىمۇ سۆزىدە تۇرمايدىغان , يالغان سۆزلەيدىغان , گۆش كۆرسىتىپ ئۆپكە ساتىدىغان ھالغا چىشىرىپ قويدى . شۇڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە مۇسۇلمانلارنى مۇشۇنداق يامان ئىللەتلەرنى تىپ يىلتىزىدىن قۇمۇرۇپ تاشلاشقا چاقىرىدۇ .
سودىلاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئەگەر بىر بىرىگە راست گەپ قىلسا, قولىدىكى مالنىڭ سىپىتىنى تولۇق بايان قىلسا , ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ سودىسىنى بەرىكەتلىك قىلىدۇ . ئالغان مال سېتىۋالغۇچىغا, ئۇنىڭ پۇلى ساتقۇچىغا ئەسقاتىدۇ. ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن بىر بىرىنىڭ ئارقىسىدىن رەھمەت ئوقۇيدۇ . جەمئىيەتتە بىر بىرىگە ئىشەنج قىلىش , ئىتتىپاقلى , قئىناقلىق مۇستەھكەملىشىدۇ .
ئەگەر كىشىلەر سودا سېتىق قىلىشقاندا بىر بىرىگە يالغان گەپ قىلسا , قولىدىكى مالنىڭ ئەيبىنى يوشۇرسا , جا نەرسىنى جىڭ دەپ ساتسا , سېتىۋالغۇچىمۇ مال ئىگىسىنى ئالداپ , مالنى ئۆز باھاسىدىن ئەرزان ئېلىۋالسا , ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ سودىسىدىن بەرىكەتنى كۆتىرىۋ ېتىدۇ. بۇنداق ئالدامچىلىق بىلەن سودا قىلىپ ھەر قانچە باي بۇلۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ , بايلىقى ئەسقاتمايدۇ . كىشىلەر بىر بىرىنى ئارقىسىدىن قارغايدۇ, بىر بىرىگە ئىشەنمەيدۇ. بۇنداق ئالدامچىلار ىتىئىيمجە قانداق تەرەققىي قىلىدۇ؟ بەلكى ئۇ م ۇنقەرىز بۇلۇپ جەمئىيەت ئىسمىمۇ قالمايدۇ . بۇنىڭ تىپىك مىسالى كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ . ئەگەر بىر مالنى ئامېرىكىنىڭ ياكى ياۋرۇپانىڭ مېلى دېسە ھەممە ئادەم قىزىقىپ قىممەت ئالىدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ مال ئىشلەپ چىقىشتا ساختا قىلمايدىغانلىقىغا ھەممە ئادەمنىڭ ئىشەنگەنلىكى ئەمەسمۇ؟
ئەپسۇسكى بىگىن بىز مۇسۇلمانلارنىڭ جەمئىيىتى مۇشۇنداق ئېچىنارلىق ئەھۋالغا چىشىپ قېلىغلىق. ئەگەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەۋسىيىسىگە قۇلاق سېلىپ ئەمەل قىلغان بولساق بىر , بىرىمىزنى ئالدىمىغان بولساق , ئۆز مەنپەئىتىمىزنى دەپ باشقىلارنىڭ رىزقىغا پالتۇ چاپمىغان بولساقجان ” , بېقىش ۋاجىب دەپ “ مۆمىن مۇسۇلمان قېرىندىشىمىزنى ئورىغا تىقمىغان بولساق, ئىلىم ئىگەتكەن ئالىملارنى ”بالىلارنىڭ مىڭىسىنى زەھەرلەيدۇ دەپ “ يوقىرىغا چاقمىغان بولساق, ئەلۋەتتە بۇنداق ناچار ئەھۋالغا چىشىپ قالمىغان بولاتتۇق .
ئەخلاقىمىز ناچارلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن , قىلغان ئەمەل ئىبادەتلىرىمىزنىڭ ھېچقانداق تەسىرى بولمايۋاتىدۇ . يېمەك ئىچمەك, كىيىم كېچەكلىرىمىزگە ھارام ئارىلىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن, دۇئالىرىمىز ئىجابەت بولمايۋاتىدۇ. بىز ئەگەر تىز پۇرسەتتە ئىنساپقا كېلىپ, ئۆزىمىزنى تىزەتمىسەك, ئاللاھ تائالا ئىستىمىزدىكى پالاكەتنى كۆتىرمەيدۇ . ھالىمىز تېخىمۇ خارابلىشىدۇ . ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ھەر قانداق قەۋم ئۆزىنى تىزەتمىگىچە ئاللاھ ئۇلا رنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. ] سىرەرەئد 11 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [
ئاللاھ تائالا بىزلەرنى ئەخلاقىمىزنى تۈزىتىپ راستچىل ۋە ئۆز رەھمىتىگە لايىق مۇسۇلمانلاردىن قىلسۇن. ئامىين !
ھەزرىتى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى , جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن نەرسىنى دىنىي قېرىندىشى ئىچىنمۇ ياخشى كۆرمىگىچىلىك مۆمىن بولالمايدۇ .« ]بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت . ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى: 13[
بۇ ھەدىس بىزگە ھەقىقىي ئىماننىڭ مىۋىسى بولغان ئىسلام قېرىنداشلىقىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . بۇ ھەدىستە جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىز مۇسۇلمانلارنى ھەقىقىي قېرىنداشلىققا چاقىرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزدە قانداق بولۇشنى
ئىگىتىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە :
مۆمىنلەر ھەقىقەتەن قېرىنداشلاردۇر] سىرە ھۇجۇرات: 10 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [ دېگەن .
ئەگەر مۇسۇلمانلار ھەقىقىي قېرىنداش بۇلۇپ, بىر بىرىنى دوست تۇتىدىغان بولسا, بۇنى ئاغزىنىڭ ئۇچچى دىلا ئەمەس , بەلكى ئەمەلى ي ھەرىكىتى بىلەن ئىپادىلىشى كېرەك . شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە قېرىنداشلىقنى ئىمان بىلەن بىرلەشتىرىپ : »ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىنى دىنىي قېرىندىشى ئىچىنمۇ ياخشى كۆرمىسە مۆمىن بولالمايدۇ « دېگەن. يەنى س ەن ئۆزىڭگە قانداق نەرسىنى ياخشى كۆرسەڭ دىنىي قېرىندىشىڭ ئىچىنمۇ شۇنداق نەرسىنى ياخشى كۆرىشىڭ كېرەك . ئۆزىڭ ئۈچۈن قانداق نەرسىنى يامان كۆرسەڭ دىنىي قېرىندىشىڭغىمۇ شۇنداق نەرسىنى يامان كۆرىشىڭ كېرەك . سەن تەن سالامەتلىكىڭنىڭ ياخشى بولۇشىنى، پۇل مالغا ئىگە بولۇشنى، يوقۇرى مەرتىۋىلىك بولۇشنى ياقتۇرىسەن . مۆمىن قېرىنداشلىرىڭنىڭمۇ ساڭا ئوخشاش ياخشىلىقلارغا ئېرىشىشىنى، ساڭا ئوخشاش بەخت ئاسادەتلىك بولۇشىنى ياقتۇرۇشۇڭ ۋە قولۇڭدىن كېلىشىچە شۇنىڭغا ياردەم قىلىشىڭ كېرەك . سەن ەئۆزڭگە، بالااچ قىلىرىڭغا بىر يامانلىق يېتىپ قېلىشىنى، زىيانغا ئۇچراپ كېتىشىنى، ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىپ قېلىشىنى ياقتۇرمايسەن، شۇنىڭغا ئوخشاش دىنىي قېرىنداشلىرىڭنىڭمۇ ھەر تۈرلۈك پالاكەتلەرگە ئۇچرىشىنى ياقتۇرماسلىقىڭ ، ئۇلارغا ئەزىيەت بەرمەسلىكىڭ، زىيان ئۇرماسلىقىڭ، قولۇڭدىن كېلىشىچە ئ ۇلارنى زىيان زەخمەتلەردىن مۇداپىئە قىلىشىڭ، قېرىنداشلىرىڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىلمىي ۋە سىياسىي ۋەزىپىسىنىڭ ئىستىنلىكىگە قاراپ ھەسەت قىلماسلىقىڭ، ”ئۇلاردا بار نەرسە مەندە نېمىشقا بولمايدۇ “ دەپ، ئۇلار بىلەن بەسلەشمەسلىكىڭ لازىم .
مانا بۇ ھەقىقىي ئىمان ۋە ھەقىقى ي قېرىنداشلىق . شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم باشقا بىر ھەدىستە »ھاراملاردىن ساقلانغىن كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئىبادەت قىلغۇچى بولىسەن، اللەنىڭ بەرگىنىگە رازى بولغىن ئ ەڭ باي كىشى بولىسەن، خۋلۇم خوشنىڭغا ياخشىلىق قىلغىن ھەقىقىي مۆمىن بولىسەن، ئۆزەڭگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى باشقىلارغىمۇ ياخشى كۆرگىن )ھەقىقى( يمۇسۇلمان بولىسەن« دەيدۇ ] .ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان ھەدىس [
ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىنى باشقىلارغا ياخشى كۆرمىگەن كىشى ھەسەتخورلۇققا گىرىپتار بولىدۇ. ئۇنداق كىشى باشقىلارنىڭ ياخشى ك ىن كۆرىشىگە چىداپ تۇرالمايدۇ . ئۆزى قىلالمىغان ياخشى ئىشلارنى باشقىلارنىڭ قىلىشىنى ياقتۇرمايدۇ . بەلكى ئۇ كىشى يامانلىق قىلىشنى ئويلىمايدۇ ۋە ياخشى ئىشلارغىمۇ قارشى ئەمەس، لېكىن ياخشى ئىشلارنى مەنلام قىلسام دەيدۇ .
باشقىلاردا بىر ياخشىلىقنى كۆرسە بېشىنى لىڭشتىىپ جىم بۇلۇپ قالىدۇ . ئىچ ئىچىدىن تىت تىت بۇلۇپ، پالانى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىگەن بولسىچۇ، پوكۇنى پايدا ئالالمىغان بولسىچۇ، دەپ يىرىكى سىقىلىپ شۇنداق بىئارام بۇلۇپ كېتىدۇ . ئەگەر ئۇمۇمغا پايدىلىق بىر ئىشقا ھەسسە قوشۇشقا چاقىرىلسا، بېخىللىق قىلىپ ھە ر تۈرلۈك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىدۇ . ئەگەر باشقىلارنىڭ قولىدا كاتتا ئۆينى ياكى ئالىي ماركىلىق ماشىنىنى كۆرسە، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭدىن ياخشىراق بۇلۇپ تۇرۇغلۇق كۆڭلى بىئارام بۇلۇپ يىرىكى سىقىلىپ كېتىدۇ ” . ھەي دۇنيا، نەدىكى ئاددىي ئادەملەرنى يوقۇرى كۆتىرىسەن، مەندەك ئېسىل ئادەملەرنى تۆۋەنلىتىسەن “ دەپ، اللەنىڭ بەرگىنىگە زادى رازى
بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دېگەن :
پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىنى ئۇلار تەقسىم قىلىپ بېرەمدۇ؟ بىز ئۇلارنىڭ ھاياتىي دۇنيادىكى رىزقىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنىھ )ەق بېرىپ( ئىشقا سالسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ دەرىجىسىنى بەزىسىدىن ئىستىن قىلدۇق ، پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتى ئۇلارنىڭ توپلىغان نەرسىلىرى )يەنى پۇل ماللىرى دىن ( ياخشىدۇر.] سىرە زۇخرۇف: 32 ئايەت [
ە ھەستخور ئادەم بىر مەنسەپكە چىقىۋالسا ئۆلگىچىلىك ئۇنىڭدىن چىشكىلى ئۇنىمايدۇ . ئۆزىدىن بىلىملىك، تەجرىبىلىك كىشىلەرگە ئورنىنى بەرمەيدۇ، بەلكى كۆزى دائىم يۇقىرىدا بۇلۇپ قولىدىكىگە قان ائەت قىلمايدۇ، ھەممە نەرسە مېنىڭ بولسا، ھەممە ئادەم ماڭا بويسۇنسا دەيدۇ. شۇنىڭ ن ىئىچبۇنداقختە ھەسۇر ئادەم كېچە كىندىز ئۇخلىم اي باشقىلارنى قانداق چىشىرىدىغانلىقىنى، ئۆزىگە قانداق قارىتىدىغانلىقىنى ئويلاپ ، كىشىنىڭ ئەقلىگە كەلمىگەن ھىلە مىكىرلەرنىېپتىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ قەتئى دوستى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئىشى كىشىلەرنىۇ يڭقىرىغا چېقىش، جامائەت ئارىسىدا پىتن ەپاسات پەيدا قىلىش، ھېچ بولمىغاندا كىشىلەر ئالدىدا بىرىنىڭ يۈز ئابرويىنى چىشىرى ۋېلىشنى ئويلايدۇ. ئەگەر بىرەر كىشىنى زىيانغا ئۇچىرىتالىسا ئۇنىڭ ئۈچۈن بايرام بولىدۇ. ئەگەر ھىل ەنەيرە ڭلىرى ئەمە لگ ە ئاشماي قالسا، قاتتىق ئەلەم تارتىپ ساراڭ كالى دەك ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالىدۇ . شۇنىڭ ئىچ ىن ئاللاھ تائالا قۇرئاندا ھەس ۋتخەرنىڭ ھەسىد ىدىن
پاناھ تىلەشىگە بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ :
مەخلۇقاتتىنڭ شەررىدىن، قاراڭغۇلۇقى بىلەن كىرگەن كېچىنىڭ شەررىدىن، تىگىنلەرگە دەمسالغۇچى سېھىرگەرلەرنىڭ شەررىدىن، ە ھەستخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى شەررىدىن سىبھىنىڭ پەرۋەردىگارى اللەغا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەننىگې د ، ]سىرە فەلەق [
ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز بىزنى دىنى قىرىنداشلىرىمىزغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىدىغان، باشقىلارنىڭ مەنپەئېتىگە زىيان ئۇرمايدىغان كامىل مۆمىنلەردىن قىلسۇن . ھەر تۈرلۈك يامان ئىللەتكە گىرىپتار بۇلۇپ قېلىشتىن ساقلىسۇن . شۇنىڭدەك ھەس ەتخورلارنىڭ شەررىدىن پاناھ بەرسۇن. ئامى !ني
ھەزرىتى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن » : ئىچ خىسلە ت بار، ئۇ خىسلەتلەر كىمدە بولسا ئۇ كىشى ئىماننىڭ تەمىنى تېتىيدۇ : اللەنى ۋە اللەنىڭ پەيغەمبىرىنى بارلىق كىشىلەردىن رەك كبە سۆيىش، دوست تۇتقان كىشىنى پەقەت ئاللاھ ئۈچۈن لا دوست تۇتۇش، كۇپۇرلۇققا قايتىشنى دوزاخقا تاشلىنىشنى يامان كۆ رگەندەك يامان كۆرىش ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت. ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى: 16 [
بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مىنۆ ملىك دەۋاسى قىلغان ھەر قانداق كىشىدە، ئىمانىنىڭ چىن بولغان بولمىغانلىقىنى ئۆلچەيدىغان نەرسىنىڭ تۆۋەندىكى ئىچ خىسلەتتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ : بىرىنچى اللەنى ۋە ر ەلسۇلۇلاھنى ئ تا ائانىسىدىن، ئەۋلا دلىرىدىن ۋە بارلىق كىشىلىرىدىن بەكراق سۆيىش .
ئاللاھ تائالانى سۆيىش ئۇنىڭ ئەمرىنى جان دىلى بىلەن بەجا كەلتىرىش ، بارلىق ئىشلىرىدا ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش، ئاللاھ تائالا توسقان ئىش لاردىن قەتئىي يېنىش بىلەن بولىدۇ . ئاللاھ تائالا نى ھەقىقىي سۆيگەن كىشى ھەر دائىم ئۇنى كۆرىپ ت ۇرغاندەك ئىش قىلىدۇ . چۈنكى ئۇ ”مەن كۆرەلمىگىنىم بىلەن ئاللاھ مېنى داۋاملىق كۆرىپ تۇرىدۇ “ دەپ ئاللاھ نىڭ پاناھىغا سېغىنىدۇ، ئۇنىڭ ھەيبىتىدىن ئەيمىنىدۇ ئۇ . كىشىلەرنىڭ غەزىپىدىن ئەمەساللە ،نىڭ ئازابىدىن قورقىدۇ .
گۇناھەم سىيەتكە چ ۆمىپ كەتكەن، كۆرىنىشى باشقا ، ئىچى باشقا، كىشىلەر ئۇنىڭ تاشقى كۆرىنىشىگە قاراپ پەرىشتە دەپ قالىدىغان، ئۆزى يالغۇز قالغان دا اللەغا ئاسىيلىق قىلىدىغان، پەرز ۋاجىبلارنى تەرك ئېتىشتىن قورقمايدىغان كىشىلەرنىڭ ”اللەنى سۋيىمەن، مېنىڭ خۇدايىمغا ەمۇھببىتىم كىچل ىك“ دېگىنى يالغان . چۈنكى ئۇ اللەنى سۆيگەن بولسا ئىدى، ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ئىشلارنى قىلاتتى، ئۇنىڭ ىزغەبىگە ئۇچراشتىن قورقاتتى. بىر شائىر مۇنداق دەيدۇ : يەنى: ئەگەر اللەغا بولغان مۇھەببىتىڭ راست بولسا ئىدى، ئەلبەتتە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغان بولاتتىڭ. چۈنكى مۇھەببەت باغلىغۇچى سۆيگەن كىشىگە ئىتائچانتە بولىدۇ .
شۇنىڭدەك رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى سۆيىشمۇ اللەنى سۆيىشنىڭ جىملىسىدىندۇر. يەنى ر ەلسۇلۇلاھنى سۆيمىگەن كىشىنىڭ اللەنى سۆيىمەن دېگىنى توغرا ئەمەس . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بولسا، ئەڭ بىيىك رەھىرىمبىز، كىشىلەرگە توغرا يول نى كۆرسەتكىچى، كۆپ لازا ۇرلەتنىڭ، ئازغۇنلۇقنىڭ پاتقىقىدىن قۇتقازغۇچى نۇر . دۇراللە تائالا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى سۆيىشنى ۋە ئۇنى ھۆرمەتلەشنى مۇسۇلمانلارغا ۋاجىب قىلغان . ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : سىلەرنىڭاللەغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتىرىشىڭلار ئۈچۈن، پەيغەمبەرنى ئۇلۇغلىشىڭلار ۋە ھۆرمەتلىشىڭلار ئۈچۈن، ئەتىگ ەندە ۋە ئاخش امدا تەسبىھ ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن بىز پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق. ]سىرە فەتھ 9 ئايەت [
ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۆكمىگە ئىت ائەت قىلىش ۋە قوبۇل قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ : پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەن نەرسىنى ئېلىڭلار، توسقان نەرسىدىن يېنىڭلار . ] سىرە ھەشر7 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى دوست تۇتقاننىڭ دەلىلى ئۇنىڭغا ئەگىشىش، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن يولىدىن مېڭىش ۋە ئۇنىڭ سىننىتىنى ئىجرا قىلىشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ىئ مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، »ئەگەر سىلەر اللەنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ . ئۆتكەن گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر«. ] سىرەئال ئىمران 31 ئايەت [
ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ : پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار دۇنيادا چوڭ بىر پىتنىگە يولۇقۇشتىن، يائاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن. ]سىرە نۇر: 63 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [
ئىككىنچى ئاللاھ ئى چىن دوست تۇتۇش، ئاللاھ ئۈچۈن دىشمەن بولۇش . ھەقىقىي سادىق م ۆمىن دىندار، ئىشەنچلىك، اللەغا ئىتائەت قىلىدىغان، دىنى، ۋەتىنى ۋە خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، شېرىكتىن گۇناھ مەسىيەتتىن ئۇزاق ، پاسىقلىقنى، مۇناپىقلىقنى، خىيانەتنى، گۇناھ ئىشلەشنى ، اللەنى نارازى قىلىش نىيامان كۆرىدىغان كىشىنى ”اللەنىڭ دوستى “ دەپ ياخشى كۆرىپ دوست تۇتىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرىگە ئىنكار قىلىدىغان، چوڭ گۇناھلارنى ۋە پاھىشە ئىشلارنى قىلىشتىن چېكىنمەيدىغان كىشىلەرنى ئىززەت ئابرويى، پۇل مېلى ياكى مەنسى ى ۋ ئۈچۈن دوست تۇتۇش جائىز ئەمەس . پەقەتلا ئۇنى ھەق يولغا باشلاش، ئاللاھ ۋە ر ەسۇلۇللاھنى سۆيدىرىش، گۇناھ ئىشلاردىن قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېقىنلاشسا بولىدۇ. لېكىن ئۇنى چىن قەلبىدىن دوست تۇتۇش، ئۇنىڭ قىلمىشلىرىغا رازى بولۇش، ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىگە خىلاپ كېلىدۇ : اللەغا ۋە ئاخىرەت كىنىگە ئىشىنىدىغان بىر قەۋمنىڭ، ئاللاھ بىلەن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلارنى ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىلىرى، ئوغۇللىرى، يا قېرىنداشلىرى، يا ئۇرۇق غتۇ قانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ دوست تۇتقانلىقىنى كۆرمەيسەن )يەنى ئۇلارنى دوست تۇتۇشى مۇمكىن ئەمەس( ]سىرە مۇجادەلە: 22 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ بىر بىرىنى قانداق دوست تۇتقانلىقىنى كۆرىمىز . مەدىنىلىك ساھابە كىراملار مەككىدىن كەلگەن مۇھاجىر قېرىنداشلىرىنى قانداق قارشى ئالدى؟ مۇھاجىرلار ئۆيلىرىنى، خوتۇن بالا چاقىلىرىنى ۋە بارلىق مال مىلكىنى تاشلاپ، جېنىنى ئاران قۇتقۇزۇپ كەلگەن ئىدى . مەدىنىكى ئەنسارلار ئۇلار بىلەن ئوتتۇرىدا ھېچقانداق تۇغقانچىلىق بولمىغانلىقىغا قارىماي، مۇھاجىرلارغا ئۆيلىرىنى، مال مىلكلىرىنى بۆلىپ بەردى . ئۇلارغا بىر ئاتا ئانىدىن بولغان قېرىنداشلار بىر بىرىگە قىلمايدىغان خىزمەتلەرنى قىلدى . ئەنسارلاردىن سەئد ئىبنى رەبىئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇھاجىرلاردىن ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ، ئىككىنچى قەۋەتنى ئۇنىڭغا بەردى، بىرىنچى قەۋەتتە ئۆزى ئولتۇردى. ئۇنىڭغا” : مېلىمنىڭ يېرىمىنى ساڭا بېرىمەن، ماۋۇ ئىككى خوتۇنۇمنىڭ بىرىنى تاللىغىن، قايسىسىنى خالىساڭ، شۇنى تالاق قىلىپ ساڭا نىكاھلاپ بېرەي “ دېگەن ئىدى .
مۇشۇ گەپنى قانداق ئادەم دەيدۇ؟ ئاتا ئانىسى بىر بولغان قېرىنداشلار بىر بىرىگە بۇ دەرىجىدە ياخشىلىق قىلامدۇ؟ ياكى ساھابە كىراملار بىزگە ئوخشىمايدىغان با شقا بىر مەخلۇقلارمۇ؟ ساھابە كىراملار ئاسماندىن چىشكەن پەرىشتە ئەمەس . ئۇلار بىزگە ئوخشاش ئىنسانلار . لېكىن ئۇلار قەلبىگە يەرلەشكەن ئىمان شۇنچىلىك كىچلىك بولغان ۋە ئىماننىڭ تەمىنى تېتىغان چىن مۆمىنلەر ئىدى. شۇڭا ئۇلار ئىنسانلىق تارىخىدا كۆرىلمىگەن ئۇتۇق ۋە غەلبىلەرنى قولىغا كەلتىرگەن ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى مەدھىيىلەپ مۇنداق دەيدۇ : ،ئىمان ئېيتقانلار)مەدىنىگە( ھىجرەت قىلغانلار، اللەنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلار، )يۇرتىدا مۇھاجىرلارغا( جاي بەرگەنلەر ۋە ياردەم كۆرسەتكەنلەر )يەنى ئەنسارلار ( ئەنە شۇلار ھەقىقىي مۆمىنلەردۇر. ئۇلار مەغپىرەت قىلىنىدۇ، ئۇلار جەننەتتە ئېسىل رىزىققا ئىگە بولىدۇ .] سىرە ئەنفال: 74 ئايەت [
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ :
) ئۇ غەنىمەتنىڭ بىر قىسمى( دىيارىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، مال مىلكىدىن ئايرىلغان پېقىر مۇھاجىرلارغا خاستۇر. ئۇلار اللەنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ. اللەغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىدۇ. ئەنە شۇلار سادىق مۆمىنلەردۇر. ئۇلاردىن مەدىنىدە يەرلىك بولغان، ئىمانى كىچلىك بولغانلار )يەنى ئەنسارلار ( يېنىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرنى )مۇھاجىرلارنى ( دوست تۇتىدۇ . ئۇلارغا بېرىلگەن نەرسىلەر ئۈچۈن ئىچى تارلىق قىلمايدۇ . ئۇلار مۇھتاج تۇرۇغلۇق )مۇھاجىرلارنىڭ مەنپەئىتىنى( ئۆزلىرىنىڭ )مەنپەئىتى( دىن ئەلا بىلىدۇ. ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار مەقسەتكە ئېرىشكىچىدۇر.] سىرە ھەشر: 8 9 ئايەتلەر [
ھەقىقىي ئىمان، ئاللاھ ئۈچۈن دوست تۇتۇش، ئاللاھ ئۈچۈن دىشمەن بولۇش مانا مۇشۇنداق بولىدۇ .
ئىچىنچى ئىماندىن يېنىشنى ئوتقا تاشلىنىشتىنمۇ يامان كۆرىش . قەلبىگە ئىمان چوڭقۇر يەرلەشكەن ۋە قېنىغا سىڭىپ كەتكەن كىشى ، ھەر تۈرلۈك ئازاب ئۇقۇبەتكە ۋە ئۆلتىرىلىشكە رازى بولىدۇكى، ئىماندىن يېنىشقا رازى بولمايدۇ . لېكىن بەزى ئىرادىسى مۇستەھكەم بولمىغان ، ئىمانى سۇس كىشىلەر دۇنيالىق ى ئۈچۈن دىينىدىن ۋاز كېچىدۇ . دىن يولىدا كېلىدىغان جاپا مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ . ماڭا بىر خاپىلىق يېتىپ قالا مدىكىن دەپ ئىمانىغا زىت كېلىدىغان سۆز ى ھەركەتلەرنى قىلىدۇ. بەلكى ئۇ ”مەن يامانلىقنى ياخشى كۆرمەيمەن، ھېچكىمنىڭ كاپىر بول ۇشىغا رازى بولمايمەن، لېكىن مەن ئۆز ەم يالغۇز يامانلىقنى يوقىتالمايمەن، ھەقىقەتنى سۆزلىيەلمەيمەن ئە ،گەر ھەقىقەتنى سۆزلىسەم دىشمەنلىك بۇلۇپ قالىمەن، ھەر تىرل ك ىئەزىيەتكە ئۇچرايمەن ، شۇڭا خەلق نېمە د ېسە ھە دەپ قويىمەن “ دېيىشى مىمكىن . بۇ نېمىدېگەن چىرايلىق ئۆزىر! قىيامەت كۈنى اللەنىڭ ئالدىغا بارغاندا، ”مېنىڭ دىنىمنى قانداق مۇداپىئە قىلدىڭ؟ دىنىڭ يولىدا قانداق جىھاد قىلدىڭ؟ “ دەپ سورىسا ئاللاھ ،غا قانداق جاۋاب بېرە ر؟ اللەنىڭ ئالدىدا يوقىرىقىدەك قۇرۇق ئۆزىرلىرى ئىشقا يارارمۇ؟
شۇنىڭ ئ ىچىن ھۆرمەتلىك مۇسۇلمانلار ! ھەقىقىي مۇسۇلمان ب دىلىۋكەنمىز، ئېتىقاد قىلغان دىنىمىزنى قوغدىشىمىز ، ئۇنىڭغا ئىگە چىقىشىمىز كېرەك . دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق ئازراق
ھەزرىتى ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدوكى , جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن» : مۇسۇلمان كىشىنىڭ دىنى قېرىندىشىغا ئىچ كىندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇپ , ئۇچراشقاندا بىر بىرىدىن يۈز ئۆرىپ يىرىشى ھالال بولمايدۇ . ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئەڭ بۇرۇن سالام بەرگەن كىشىدۇر ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت. ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى:6484[
ئىسلام باشتىن ئاخىر تەشۋىق قىلىدىغان ۋە بۇيرۇيدىغان نەرسە, مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى قېرىنداشلىقنى مۇستەھكەملەش ۋە ئىتتىپاق ئىناقلىقتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا نىڭ دىنى بولغان مۇقەددەس ئىسلام دىنىنىڭ يەر يىزىدە ھاكى م بولۇشى, مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە قۇرئان كەرىمىنىڭ ئەمەلىي ھاياتقا تەتبىق قىلىنىشى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى قېرىنداشلىققا باغلىقتۇر. بەلكى دۇنيادا ھەر قانداق جەمئىيەت , ئەزالىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى بىلەن تەرەققى قىلىدۇ ۋە ئەزالىرىنىڭ بۆلىنىشى بىلەن مۇنقەرىز بولىدۇ. بۇ ئىنسانلىق تارىخىدا تەجرىبىدىن ئۆتكەن بىر ھەقىقەت. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار ئۆزئارا ئىتتىپاق بولۇشى ۋە ئىتتىپاقلىقنى بۇزىدىغان ھەر قانداق ئىش ھەرىكەتتىن ئۇزاق تۇرۇشى ناھايىتى مۇھىمدۇر .
ئىنسان دېگەن ئۆزگىرىشچان خاراكتىرگە ئىگە مەخلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن , ھەر دائىم بىر خىل تۇرمايدۇ. بەزىدە مىجەزى چاس , تىز ئاچچىغى كېلىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا ئويلىماستىن بىر بىرىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ سالىدۇ. بىر بىرىنى رەنجىتىدىغان سۆز ھەرىكەتلەرنى قىلىپ تاشلايدۇ . بۇنداق كۆڭىلسىز ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە, بىر تەرەپ ئۆزىنى بېسىۋالسا , ئىككىنچى تەرەپمۇ ئۆزىنى توختۇتۇپ, مەن خاتا ئىش قىلىپ ساپتىمەن دەپ , كەمچىلىكىنى تونۇپ, ىئۆزرخالىق ئېيتىدۇ. رەنجىگەن كىشى ئۇنىڭ ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلىپ كەچىرىم قىلىۋ ەتس ەئىش تىگەيدۇ، دوستلۇق بۇزۇلمايدۇ ەئ . مما مەن سەن دىن قالامتىم دەپ بىرگە ، ئىككىنى قايتۇرسا , جىدەل چوڭۇپ دىشمەنلىك پەيدا بولىدۇ .
ئىككى مۇسۇلمان ئارىسىدا ھەر قانداق بىر سەۋەب بىلەن كۆڭىلسىزلىك يۈز بەرسە , ئىچ كىن ئىچىدە ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ, بۇ كۆڭىلسىزلىكنى تىگىتىشى كېرەك . ئىچ كىندىن ئا رتۇق بىر بىرى بىلەن كۆرىشمەسلىك, ئۇچراشقاندا سالاملاشماسلىق ، شەرىئەتتە دۇرۇست ئەمەس. ئەگەر ئاداۋەتلىشىشكە داۋام قىلسا ھەر ئىككى تەرەپ گۇناھكار بولىدۇ . شۇڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىس » تەئىچ كىندىن ئارتۇق ئادەۋاەت تۇتۇش ھالال ئەمەس « دېگەن . يەنى ھارام دېگەن سۆز .
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ » : مۆمىننىڭ دىن قېرىندىشىغا ئىچ كىندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇشى ھالال ئەمەس, ئىچ كىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇچراشسا, سالاملىشىشى كېرەك . بىرى سالام قىلسا , ئىككىنچىسى ئۇ نى ئ ەيل ەك ئېلىپ جاۋاب قايتۇرسا, ھەر ئىككىسى ساۋاب ئالىدۇ , ئەگەر سالامنى ئ ەيل ەك ئالمىسا , پىتىن گۇناھنى ئىستىگە ئالىدۇ ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان [
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ :
مۆمىنلەر ھەقىقەتەن دىندا قېرىنداشلاردۇر , قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىنى تىزەڭلار , رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن اللەدىن قورقۇڭلار ]سىرە ھۇجۇرات: 10 ئايەت [
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى , مۇسۇلمانلار خۇسۇسەن ئالىم ئاتالغانلار ئاللاھ تائالا دىن قورقماستىن مۇسۇلمانلار ئاممىسىنى پارچىلاپ گورۇھ گورۇھ بۆلىۋاتىدۇ . يوقىلاڭ مەسىلىلەرنى چىقىرىپ , ھەر خىل ئىسىملار ئاستىدا مەزھەب , پىرقە پەيدا قىلىۋاتىدۇ . ئۆز پىرقىسىگە قوشۇلمىغانلارنى ئازغۇن , كاپىر دەپ تىللايدۇ . ھەممىسى قۇرئان ھەدىسنى ئۆزىگە قالقان قىلىۋالغان , بىچارە خەلق كىمگە ئەگىشىدىغانلىقىنى, ھەق يولنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قايمۇقۇپ قالماقتا . ئۆزلىرى كىشىلەرگە ۋەز نەسىھەت قىلىپ تۇرۇغلۇق, كىشىلەرنى ئىختىلاپنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇغلۇق, ئۆزلىرى ئىختىلاپ تېرىپ بۆلگىنچىلىك پەيدا قىلىدۇ .
ئى مۇسۇلمانلارغا رەھبەر بولغان داموللاملار! مەخسۇملار! قىرىق ھەدىسنىڭ تەرجىمىسىنى ئىگىنىپلا مەيدانغا سەكرەپ چىققان ئەللامىلەر ! ئاللاھ تائالا دىن قورقۇڭلار . مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ھېسسىياتى بىلەن ئوينىماڭلار . پايدىسىز ئىختىلاپلارنى پەيدا قىلىپ مۇسۇلمان ئاممىسىنى بۆلمەڭلار. بۆلگىنچىلىكنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتىنى ۋە گۇناھىنى ئويلاڭلار . مۇسۇلمانلارنى بۆلىدىغاننىڭ ئورنىغاننىي دى , خۇر اپات دەيدىغان , اللەغا ۋە پەيغەمبەرگە ئىشەنمەيدىغانلارغا ھەقىقەتنى يەتكىزىپ ھىدايەتكە يېتەكلەڭلار. ئىسلام دىنى مۇسۇلماننى كاپىر قىلىشقا ئەمەس, كاپىرنى مۇسۇلمان بولۇشقا چاقىرىش ئۈچۈن كەلگەن دىندۇر . ئەگەر ھەممە ئالىملار بىر پىكىرگە كېلىپ, مۇتەئەسسىپلىكنى تاشلاپ , مۇسۇلمانلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرمىساڭلار, قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا نىڭ ئالدىدا جاۋابكارلىق ئېغىر بولىدۇ .
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلار !
ئۆزئارا رەھىمدىل , دوست, ئىتتىپاق, ئىناق بولايلى . بىر بىرىمىزدىن ئۆتەلگەن كەمچىلىك بولسا, كەچىرىم قىلايلى . ئاداۋەت , دىشمەنلىكتەك يامان ئىللەتلەرنى تاشلايلى . ئۆز نەپسىمىزنىلا ئەمەس, بارلىق مۇسۇلمان دىنى ي قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كېل ەچىكىنى ئويلايلى. بۆلىنمەيلى. پارچىلانمايلى. سەۋەب نېمە بولسا بولسۇن بىرلىكىمىزنى بۇزمايلى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ھەممىڭلار اللەنىڭ ئارغامچىسىغا )يەنى اللەنىڭ دىنىغا ( مەھكەم ئېسىلىڭلار ئايرىلماڭلار , اللەنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار , ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۆزئارا دىشمەن ئىدىڭلار , ئاللاھ دىلىڭلارنى بىرلەشتىردى ، اللەنىڭ نېمىتى بىلەن ئۆزئارا قېرىنداش بولدۇڭلار . ] سىرەئال ئىمران 103 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [
ئى غەيبلەرنى بىلگى , چىقەلبلەرنى باشقۇرغۇچى ئۇلۇغ ئاللاھ ! دىللىرىمىزنى ئاداۋەتتىن , دىنى ي قېرىنداشلىرىمىزغا دىشمەنلىك قىلىشتىن, شەيتاننىڭ پىتنە ئىغۋالىرىدىن, كىچىككىنە بىر سەۋەب بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا بۆلگىنچىلىك سېلىشتىن پاكلىغىن . قەلبلىرىمىزنى بىرلەشتىرگىن. سەپلىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن . بىزلەرنى پارچا پارچا بۆلىنىپ , دىشمەنلەرگە يەم بۇلۇپ كېتىشتىن ئۆز پەزلىڭ بىلەن ساقلىغىن. ئامىين !
ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى , جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : تۆۋەندىكى ئىچ ئىشنىڭ بىرى سادىر بولماي تۇرۇپ، بىر اللەدىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقلىقىغا ۋە مېنىڭ اللەنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىمگە بەرگەن مۇسۇلماننىڭ قېنىنى تۆكىش ھالال بولمايدۇ : توي قىلغاندىن كېيىن زىنا قىلىش, ناھەق ئادەم ئۆلتىرىش ۋە دىنىنى تاشلاپ جامائەتتىن ئايرىل ] «.ىشبۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت . ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى:4329 [
تەرجىمىسى :
يەنە ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى , جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ » : مۆمىننى تىللاش پاسىقلىق ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇش كۇپۇرلىق ] «.تۇربۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت. ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى:183[
مۇسۇلماننىڭ ئىپپىتى ۋە قېنى ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ناھايىتى ئۇلۇغ ۋە قەدىرلىكتۇر . ئومۇمەن ئىنسان شۇنداق قەدىرلىك مەخلۇقتۇر . شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە» : بىز ئادەم بالىسىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق « ]سىرە ئىسرا : 70 ئايەت [ دېگەن . مۇسۇلمانغا ناھەق چېقىلىش ھارام. بۇ ئىككى ھەدىستىن مەلۇم بولىدۇكى, يەر يىزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان مۆمىنلەرنىڭ قېنىغا چېقىلىشقا بولمايدۇ . ئۇنىڭ ئۆتكىزگەن گۇناھى ئۈچۈن ئۇنى تەربىيىلەش , تۇرمىغا ئېلىش ۋە باشقا تۈرلۈك جازا بېرىش ئارقىلىق تىزىتىش لازىم .
بىرىنچى ھەدىستە ئۆلىم جازاسى بىلەن جازالىنىدىغان ئىچ خىل كىشى بايان قىلىنىدۇ : 1 توي قىلىپ بولغان كىشىنىڭ زىنا قىلىشى : ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن , تۇل بولسۇن ياكى ئۆيلىك بولسۇن , بىر قېتىم توي قىلىپ بولغان كىشى زىنا قىلسا , زىنا قىلغانلىقىغا ئۆزى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىقرار قىلسا, ياكى تۆت ئەر كىشى ئۇنىڭ زىنا قىلغانلىقىنى ئوچۇق ئاشكارا كۆرگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرسە , زىنا قىلغۇچى ئەر ۋە زىنا قىلغۇچى ئايال چالما كې سە ك قىلىپ ئۆلتىرىلىدۇ .
زىنا قىلغۇچىغا بۇنداق جازانىڭ بېرىلىشى , جەمئىيەت ئەخلاقىنى بۇزغانلىق , ئىنسانلارنىڭ ئىپپەت نومۇسىنى دەپس ەندە قىلغانلىق, جەمئىيەتتە زىنا پاھىشىگە ئوخشاش بۇزۇقچىلىقنىڭ تاراپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغانلىق ئىچىندۇر . بۇنداق يامان ئىللەتنى تىپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ تاشلىمىغاندا, خۇددى كېسىپ تاشلىۋەتمىسە پىتىن بەدەننى زەھەرلەيد ىغان كېسەلگە ئوخشاش, پىتىن جەمئىيەتنى زەھەرلەپ , ئاچا سىڭىل, ئانا قىزلىرىمىزنىڭ ئىپپەت نومۇسىنى ساقلاش مۇمكىن بولمايدۇ .
2 ئادەم ئۆلتىرگەن ئادەمنى ئۆلتىرىش . بىر ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادا ياشاش ھەققىنى قولىدىن ئالغان قاتىلنىڭ ياشىشى ئادالەت ئەمەس . قاتىلغا ئۆلىم جازاسى بەرمەسلىك , قاتىلنى قوغداپ , جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقىنى بۇزغانلىق , خەلقنى خەۋپ خەتەر ئىچىدە ياشاشقا مەھكۇم قىلغانلىق بولىدۇ. بۇ جازا ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا , ناھەق ئادەم ئۆلتىرىش ئەۋج ئالىدۇ . نۇرغۇن ئائىلىلەر ئىگ ەچاقىسىز قالىدۇ. ئاياللار تۇل بولىدۇ. بالىلار يېتىم بولىدۇ. ئاتا ئانىلار پەرىشان بولىدۇ .
دېمەك, بىر ئادەمنى ئۆلتىرگەن قاتىل , ئۆلتىرىلگىچىنى قىيناپ ئازابلاش بىلەنلا قالمايدۇ . بەلكى ئۇنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ھالاك قىلىدۇ . مۇشۇنداق ئېغىر جىنايەت ئىشلىگەن زالىم، قاتىل ياشىسا, بىگۇناھ ئىنسانلار ئۆلتىرىلسە, بۇ قانداق ئادالەت بولىدۇ؟ !
ئىسلام شەرىئىتىنىڭ قاتىلغا ئۆلىم جازاسى بېرىشتىكى ھىكمەت ۋە سىر رىنى بىلمىگەن بەزى ئەخمەقلار” , بۇ جازالار بەك ئېغىر , يېگىرمىنچى ئەسىرنىڭ مەدەنىيىتىگە لايىق ئەمەس “ دېيىشىدۇ .
يېگىرمىنچى ئەسىرنىڭ مەدەنىيىتىنى قۇرغان ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپالىقلار , بىگۇناھ ئىنسلانلارنى قېرى ياش ئەر ,ئايال, چوڭ كىچىك دېمەستىن ئۆلتىرىۋاتىدۇ . كىشىلەرنىڭ يۇرتلىرىنى بېسىۋېلىپ , خەلقىنى قۇل قىلىۋاتىدۇ. يەر يىزىدە كۆپلىگەن كاتتا شەھەرلەرنى ۋە پايتەختلەرنى دوزاخقا ئايلاندۇرىۋاتىدۇ. بۇ قانداق ئادالەت؟ قانداق مەدەنىيەت؟ قانداق ئىنسانىيەت؟ مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئەھۋالىغا قارىساقمۇ , ئۇ دۆلەتلەردە ئادەم ئۆلتىرىش جىنايەتلىرىنىڭ كۆ پ ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز . مەسىلەن: ئامېرىكىدا چوڭ ئادەملەر ئۇياقتا تۇرسۇن , 12 ياشلىق15 ياشلىق بالىلار مەكتەپكە تاپانچا ئېلىپ بېرىپ مۇئەللىملىرى بىلەن قوشۇپ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى ئېتىپ تاشلىغانلىق خەۋەرلىرى پات پات ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. 20 ئەسىرنىڭ مەدەنىيىتى مانا مۇشۇ ئەمەسمۇ؟ ناھەق ئادەم ئۆلتىرگەن جىنايەتچىدىن قىساس ئېلىش مەدەنىيەتسىزلىك , بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ، كىچىك بالىلارنىڭ ئۆلتىرىل ىشىگە يول قويغانلىق ۋە بىگۇناھ خەلقنى بومباردىمان قىلغانلىق مەدەنىيەتلىك بولامدۇ؟ ! ھازىر دۇنيادا بولىۋاتقان ئۇرۇشلارغا بىر قاراپ ھەقىقەتنى كۆرمەمسىز؟ ”ئۇستام قىلسا خۋپ قىپتۇ , شاگىرت قىلسا ئۇر ئاغزىغا “ دېگەندەك , دۇنياغا خوجايىن بولىۋالغان دۆلەتلەر يىزلەپ , مىڭلاپ ئادەم ئۆلتىرسە جىنايەت بولماي , دۇئىسلام قاتىلغا ئۆلىم جازاسى بەرسە مەدەنىيەتسىزلىك بولامدۇ؟ !
3 ئىسلام دىنىدىن يېنىپ كېتىش ۋە ئىسلام دۆلىتىگە قارشى چىقىش , بۇنىڭ جازاسىمۇ ئۆلىمدۇر .
ئىنسانلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىش قىلماسلىقتا ئەركىندىر . ھېچكىمنىڭ ھېچقانداق بىر كىشىنى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاش ھوقۋقى يوق . شۇنىڭ ئۈچۈن تەقلىيدى ئىمان ۋە مەجبۇرىيەت ئاستىدا ئېيتقان ئىمان ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ . كىشى ئۆز ئەركىنلىكى ۋە ئۆز ئىختىيارى بىلەن تەتقىق قىلىپ , ئىزدىنىپ , كۆڭلىدە ھېچقانداق شەك شىبھە قالمىغاندا ئاندىن ئىسلامنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇ ھەقىقىي مۆمىن مۇسۇلمان بولغان بولىدۇ . بۇنداق چىن ئىشەنگەن كىشىنىڭ ئىماندىن يېنىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس ەئ . مما ئۆزى ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن يېنىپ كېتىش, اللەنىڭ دىنىنى كەمسىتكەنلىك ۋە ئۇنى ئويۇنچۇق قىلىۋالغانلىق بولىدۇ . بۇنداق دىن بىلەن ئ ۋيۇن ئوينايدىغان يامان نىيەتلەرگە يول قويۇلسا , ئۇ ئۆزى بىلەنغىنە قالمايدۇ, بەلكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پىتنە پاسات پەيدا قىلىدۇ . دىندىن يېنىپ كەتكەن ئادەم ئۆزىنى ھەقلىق چىقىرىش ئۈچۈن ئەلبەتتە بەزى سەۋەبلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ . ئۇ بۇ قىلىقى بىلەن بىر تەرەپتىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانىنى گۇمانلىق ھالغا چىشىرىپ قويسا , يەنە بىر تەرەپتىن ئىسلامنى قوبۇل قىلماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئالدىنى توسۇپ, ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا توسالغۇ بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ شەقىيلەردىن بۇلۇپ , ئاخىرەتتە دوزاخ ئەھلىدىن بۇلۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. بۇ ئۇلارنى ئۆلتىرگەندىنمۇ يامان ئىشتۇر. چۈنكى ئۇلارنى ئۆلتىرىش دۇنيادىكى چەكلىك ھاياتىنى يوقاتسا , ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا توسالغۇ بولۇش ئۇلارنىڭ مەڭگىلىك ھاياتىنى ھالاك قىلىدۇ . شۇڭا ئۇنداق ئادەمنى جەمئىيەتتىن تازىلاش لازىم .
بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتىش كېرەككى, دىندىن يانغان ئادەمنى مۇرتەد بولدى دەپلا ئۆلتىرىشكە بولمايدۇ . بەلكى ئىسلامنىڭ مۇتەخەسسىس ئالىملىرى توپلىشىپ , ئۇنى سوراققا تارتىپ , دىندىن يېنىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبلىرىنى تەتقىق قىلىش كېرەك . ئەگەر ئۇنىڭ دىندىن يېنىپ كېتىشىگە سەۋە ب بولغان ئامىللارنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىنمۇ ئۇ دىنغا قايتمىسا , ئاندىن ئالىملار ئۇنىڭ ئۆلتىرىل ىشىگە ياكى ئۆلتىرىلمەسلىككە قارار بېرىدۇ ەئ . مما ھە دېسىلا بىر بىرىنى كاپىر قىلىش , بىھۇدە قان تۆكۇش, ھەر جامائەت ئۆز جامائىتىدىن ئايرىلغان ئادەمنى مۇرتەد بولد , ى كاپىر بولدى, ئۇنىڭ قېنى ھالال, مېلى ھالال دەپ ھۆكىم قىلىپ , مۇسۇلمان مۇسۇلماننى ئۆلتىرىدىغان ناچار ئەھۋاللار , مەنسەپ تالىشىپ بىر بىرى بىلەن ئۇرۇشىدىغان , نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ بىر بىرىنى تىللايدىغان ئىشلار ئىسلامغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ . رەسۇلۇللاھ سەللەللا ھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ» : ئىككى مۇسۇلمان بىر بىرىگە قىلىچ كۆتىرسە, ئۆلتىرگيچى ۋە ئۆلتىرىلگىچى ھەر ئىككىسى دوزاخقا كىرىدۇ .« ساھا بي ” :ىلارا رەسۇلۇللاھ ! ئۆلتىرگيچىغۇ دوزاخقا كىرە, ئۆلتىرىلگىچى نېمىشقا دوزاخقا كىرىدۇ؟ “ دېگەندە, رەسۇلۇللاھ» : چۈنكى ئۇمۇ رەقىبىنى ئۆلتىرىشكە ھېرىسمەن ئىدى.« دەپ جاۋاب بەرگەن] . بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان[ ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : كىمكى بىر مۆمىننى قەستەن ئۆلتىرىدىكەن, ئۇنىڭ جازاسى جەھەننەم بولىدۇ, ئۇ جەھەننەمدە مەڭگى قالىدۇ . اللەنىڭ غەزىپىگە ۋە لەنىتىگە ئۇچرايدۇ . ئاللاھ ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب تەييارلايدۇ.] سىرەنىسا: 93 ئايەت [
ئى ئۇلۇغ پەرۋەردىگا رىمىز! بىزنى كىشىلەرنىڭ جېنىغا، مېلىغا چېقىلىشتىن، سېنىڭ ۋغەزىىڭگە ۋە لەنىتىڭگە ئۇچراپ قېلىشتىن ئۆز پەزلىڭ بىلەن ساقلىغىن. ئامىين !
