31–40-ھەدىسلەر: ئاممىۋى ئەدەپلەر ۋە سەدىقە
ھەزرىتى ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ » : بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە قىيىنچىلىق ۋە ئاسانچىلىق چاغلاردا بولسۇن، خوشاللىق ۋە بىئاراملىق ھالەتلەردە بولسۇن، سۆزنى ئاڭلاپ بويسۇنۇشقا، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئەلا بىلىشكە، قولىمىزدىكى ئاللاھ تەرەپتىن كەلگەن ھۆججىتىمىزگە كۆرە ئاشكارا كۇفۇرلۇق سادىر قىلغانلىقىنى كۆرمىگىچە، ئىش ئەھلىنىڭ ئىشىنى تارتىپ ئالماسلىققا، قەيەردە بولمايلى ئاللاھ يولىدا مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقماستىن ھەقنى سۆزلەشكە بەيئەت قىلدۇق ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت . ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى:4724[
بەيئەت قىلىش تەلەپ قىلىنغان ئىشلارنى قىلىشقا چ , ەكلەنگەن ئىشلارنى قىلماسلىققا قەتئىي ۋەدە بېرىش دېگەن بولىدۇ . جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دىنىي مەسىلىلەردە مۇھىم بىر ئىش قىلماقچى بولسا ياكى بىرەر ئىشنىڭ زايا بۇلۇپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۇنى ساقلاپ قالماقچى بولسا، ساھابە كىراملارنى ب ەيئەت قىلىشقا چاقىراتتى . ئۇلاردىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلىشقا ۋەدە ئالاتتى .
ئۇلارنىڭ بۇ ۋەدىسىنىڭ بەدىلىگە ئاللاھ تائالا مۆمىن مۇتتەقى بەندىلىرى ئۈچۈن تەييارلىغان جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بېرەتتى .
رەسۇلۇللاھ سەللە للاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابە كىراملارنى ئىش ۋە ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىغا قاراپ، بەزىدە ئومۇمى بەيئەت قىلدۇراتتى بەزىدە بىردىنبىر بەيئەت قىلدۇراتتى . مەسىلەن : ھىدەيبىيە كۈنى ساھابە كىراملارنى ئاللاھ يولىدا ئۆلىمدىن قاچماسلىققا بىر بىرلەپ بەيئەت قىلدۇرغان ئىدى .
ئاللاھ تائالا بەيئەت قىلغانلار ھەققىدە مۇنۇ ئايەت كەرىمىنى نازىل قىلغان : ،شىبھىسىزكى)ئى مۇھەممەد! ھىدەيبىيىدە( ساڭا بەيئەت قىلغانلار )ھەقىقەتتە( اللەغا بەيئەت قىلغان بولىدۇ، اللەنىڭ قولى ئۇلارنىڭ قولىنىڭ ئىستىدىدۇر. كىمكى ئەھدىنى بۇزىدىكەن، ئەھدىنى بۇزغانلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ. ئاللاھ بىلەن قىلغان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارغا ئاللاھ بىيىك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ.] سىرە فەتھى: 10 ئايەت [
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە ساھابە كىراملارنى تۆۋەندىكى تۆت ئىش
ئۈچۈن بەيئەت قىلدۇرغان :
بىرىنچىسى ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا مۇ سۇلمانلارنىڭ باشلىقلىرىغا بويسۇنۇپ ئىتائەت قىلىش. دۆلەتنىڭ ئامانلىقى، تاشقى دىشمەنلەرنىڭ تاجاۋۇزىدىن مۇستەھكەم قوغدىنىشى، ۋە تەرەققىي قىلىپ، ئىزلىكسىز يېڭىلىقلار كەشف قىلىنىۋاتقان ئەسىرگە ماسلاشقان ھالدا ئىلگىرىلىشى، جەمئىيەتنىڭ خاتىرجەملىك ئىچىدە پاراۋان ھايات كەچىرىشى، ئىلىم مەدەنىيەتنىڭ يىكىسىلىشى ئىچكى خاتىرجەملىك، ئىناقلىق ۋە باشلىققا ئىتائەت قىلىشقا باغلىقتۇر. ئەگەر دۆلەت ئىچىدە قالايمىقانچىلىق بولىدىكەن، باشلىققا ئىتائەت قىلماي، ھەر كىشى ئۆزى خالىغان بويىچە ئىش قىلىدىكەن ئۇنداق دۆلەت تەرەققىي قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، زاماننىڭ نەچچە ھەسسە ئارقىسىدا قالىدۇ . ھەممىدىن يامىنى ئىتتىپاقلىق بولمىغان دۆلەت ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى مۇداپىئە قىلالماي كېڭەيمىچى، ئاچ كۆزلەرگە يەم بولىدۇ. بىگىنكى مۇستەملىكىچى دۆلەتلەرنىڭ ئىچىنچى دۇنيا ئەللىرىنى ئايىغى ئاستىدا ئىزىش ئۈچۈن يىگىزىۋاتقان سىياسىتى مانا مۇشۇ پارچىلاپ، ئاجىزلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشتۇر .
ئىككىنچىسى مۇسۇلمانلار باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئەلا بىلىش . ئىسلامدا قېرىنداشلىق ئاساسى ئامىلدۇر . شۇڭلاشقا مۇسۇلمانلار بىر بىرىنىڭ قەدىر قىممىتىنى بىلىپ، ئۆزىدىن چوڭلارنى ھۆرمەتلىسە، كىچىكلەرگە مىھرى شەپقەت كۆرسەتسە، ئوتتۇرىدىكى مۇھەببەت مۇستەھكەملىشىدۇ، ئىناقلىق ئومۇملىشىپ بۆلىنىش، دىشمەنلىك بولمايدۇ . قېرىنداشلىقنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆز مەنپەئىتىدىن ئەلا بىلىشتۇر . جەمئىيەتتە بارلىق كىشىلەر با شقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇندا قويسا، ھېچكىم بىر بىرىنىڭ ھەققىگە چېقىلمايدۇ، بىر بىرىنى ئالداپ قاقتا سوقتا قىلمايدۇ، بىر بىرىگە ھەسەت قىلىپ دىشمەن بولمايدۇ. مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى مانا مۇشۇ يەردە . ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى مەدھىيەلەپ مۇنداق دەيدۇ : ئۇلار مۇھتاج تۇرۇقلۇق باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئىتىدىن ئەلا بىلىدۇ. ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار مەقسەتكە ئېرىشكىچىلەردۇر .] سىرە ھەشر: 9 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [
ئىچىنچىسى باشلىقلاردىن ئوچۇق ئاشكارا ھالدا كۇفۇرلۇق سادىر بولمىغۇچە ئۇلاردىن ھاكىمىيەتنى تارتىپ ئالماسلىق. ئىسلامدا كىنىمىزدىكىگە ئوخشاش دۆلەت باشلىقلىرى تۆت يىللىق ياكى بەش يىللىق دەپ سايلانمايدۇ . رەئىسلىققا لاياقېتى بار، تەقۋادار، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ياخشى بىلىدىغان، ھەرقانداق سۆز ھەرىكىتىدە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيدىغان، ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشتىن قورقىدىغان، ئادىل، جاسارەتلىك كىشى سايلىنىدۇ .
باشلىققا ئىتائەت قىلىشنىڭ ئەڭ بىرىنچى شەرتى : باشلىقنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى ئاللاھ تائالا نىڭ كالامى قۇرئان كەرىم ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يوليورۇقى ھەدىس شەرىفلەرگە ئۇيغۇن ئېلىپ بېرىشىدۇر . ئەگەر باشلىقلار شەخسىي ھاياتىدا بەزى گۇناھ مەسىيەتلەرنى سادىر قىلسىمۇ، دۆلەت ئىشلىرىنى شەرىئەتكە مۇۋاپىق ئېلىپ بارىدىكەن، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ۋاجىب بۇلۇپ، ئۇنىڭدىن ھاكىمىيەتنى تارتىپ ئېلىشقا بولمايدۇ . بۇ ھەدىسنىڭ روھىغا كۆرە باشلىقلارنىڭ ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كېتىدىغان كۇفۇرلۇق ئىشلارنى ئوچۇق ئاشكارا سادىر قىلمىغۇچە، بەزى گۇمانلار ۋە شىبھىلىك ئىشلار بىلەن ئۇنىڭغا قارشى چىقىش دۇرۇست بولمايدۇ. كاشكى مۇسۇلمانلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ مۇبارەك سۆزىگە ئەمەل قىلىپ، ھاكىمىيەت تالاشمىغان بولسا، يوقىلاڭ ئىشلار بىلەن باشلىقلىرىغا تۆھمەت قىلىپ ئىسيان كۆتىرىپ ئىچكى ئۇرۇشلار پەيدا قىلمىغان بولسا، دىشمەنلەر تەرىپىدىن بىگىنكىدەك خورلانمىغان بولاتتى .
ئەگەر ھاكىم ياكى رەئىس قەستەن ھالدا كۇفۇرلۇق ئىشلارنى قىلسا، ۋە نەسىھەت قوبۇل قىلمىسا، ئۇنداق باشلىقنى دەرھال ئېلىپ تاشلاش ۋاجىب بولىدۇ . چۈنكى ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولىدىغان ئىشلاردا بەندىگە ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ .
تۆتىنچىسى قايسى يەردە بولمىسۇن ھەقىقەتنى سۆزلەشتىن قورقماسلىق . ئىسلام ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەھكەم بولۇشى ۋە ئاللاھ تائالا نىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشى، ئادالەتنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا باغلىق . ئادالەتنىڭ بەرپا قىلىنىشى بولسا ھەقىقەتنى ئاشكارا سۆزلەشكە باغلىقتۇر .
چۈنكى ھەقىقەت ئاشكارا بولمىغان جەمئىيەتتە ئادالەتنىڭ يېرىنى زۇلۇم ئالىدۇ . زۇلۇم ئومۇملاشقان خەلقنىڭ ھاكىمىيىتى داۋاملاشمايدۇ . ئىمام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دەيدۇ ” : كاپىر بولسىمۇ ئادالەتلىك ھاكىمىيەت داۋاملىشىدۇ، مۇسۇلمان بولسىمۇ زالىم ھاكىمىيەت داۋاملاشمايدۇ .“ شۇڭلاشقا ئىسلامدا پىتكىل مۇسۇلمانلارنىڭ بىر بىرىگە ياخشى نەسىھەت قىلىشى، بىر بىرىنى ياخشىلىققا تەرغىب قىلىپ، يامانلىقتىن مەنئى قىلىشى ۋاجىب . ياخشى نەسىھەت قىلىش ۋە ھەقىقەتنى سۆزلەشتە ھېچكىمنى ڭ مالامىتىدىن قورقماسلىق كېرەك . چۈنكى توغرا ۋە ھەق سۆزنى سۆزلەشتىن قورققان كىشى زالىملار قاتارىدىن بولىدۇ .
ئىسلام ئىممىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى مانا مۇشۇ بىر بىرىگە نەسىھەت قىلىشتۇر. ئاللاھ تائالا
قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ :
» ئى مۇھەممەدئىممىتى! سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان اللەغا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئىممەتسىلەر ] «.سىرە ئال ئىمران: 110 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [
ئاللاھ تائالا ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشنى تەرك ئەتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ : بەنى ئىسرائىلدىن كاپىر بولغانلارغا داۋۇدنىڭ ۋە مەريەم ئوغلى ئېيسانىڭ تىلى بىلەن لەنەتقىلىندى)بۇ . يەنى ئۇلارنىڭ لەنەتكە ئۇچرىشى ( ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى ۋە ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولدى . ئۇلار ئۆزلىرى قىلغان يامان ئىشلاردىن بىر بىرىنى توسمايتتى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان.] سىرە مائىدە: 78 79 ئايەتلەر [
كاشكى بىز مۇسۇلمانلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھ ۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابە كىراملىرىدىن، شۇنداقلا بىزدىن ۋەدە ئالغان بۇ تۆت نەرسە بىلەن ئەخلاقىمىزنى تىزىتەلىگەن بولساق، پاسىق ۋە زالىملارغا يان بېسىپ زۇلۇمغا كۆز يۇممىغان بولساق، چوڭ كىچىك بارلىق باشلىقلىرىمىزنىڭ ئالدىدا ھەقىقەتنى سۆزلەپ، ئۇلارنى ناھەق ئىشلاردىن توسالىغان بولساق بىگىنكى پالاكەتكە چىشمىگەن بولاتتۇق . بۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنۇ سۆزى بىلەن ئىزاھلايدۇ : »جېنىم ئىلكىدە بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلە چوقۇم ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىسىلەر، ياكى ئاللاھ بېشىڭلارغا ئېغىر بالا ئەۋەتىدۇ، ئاندىن دۇئا قىلساڭلار ئىجابەت قىلىنمايدۇ .« ]بۇ ھەدىسنى ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان [
ئى ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز ! بىزلەرگە ئەقىل پاراسەت ۋە ھەقىقەتنى توغرا چىشىنىدىغان ئاڭ سەۋىيە نىسىپ قىلغىن. بىزگە ھەقىقەتنى ھەقىقەت كۆرسىتىپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشنى ۋە ناھەقنى ناھەق كۆرسىتىپ ئۇنىڭدىن يىراق بولۇشنى نىسىپ قىلغىن. ئامىين !
ھەزرىتى ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئە نھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى , جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن» : سىلەر اللەغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتىرمەسلىك, ئوغرىلىق قىلماسلىق , زىنا قىلماسلىق , بالىلىرىڭلارنى ئۆلتىرمەسلىك , بۋھتان چاپلىماسلىق , مەن بۇيرىغان خەيرلىك ئىشلاردىن باش تار تماسلىق جەھەتل ەردە ماڭا بەيئەت قىلىڭلار , سىلەردىن كىمكى يۇقىرىقى ئىشلارغا ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭ مۇكاپىتىنى ئاللاھ بېرىدۇ , كىمكى يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ بىرەرسىنى قىلىپ سېلىپ, بۇ دۇنيادا جازاغا تارتىلغان بولسا, بۇ ئۇنىڭ گۇناھىغا كاپپارەت بولىدۇ. كىمكى يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ بىرەرسىنى قىلىپ سالغان بولسا ۋە ئاللاھ ئۇنى يوشۇرغان بولسا, بۇ ئىش اللەنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ، ئاللاھ خالىسا كەچىرىم قىلىدۇ, خالىسا جازالايدۇ.« بىز شۇنىڭغا بەيئەت قىلدۇق. ]بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت. ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:7053[
بەيئەت قىلىش تەلەپ قىلىنغان ئىشلارنى قىلىشقا , چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلماسلىققا قەتئىي ۋەدە بېرىش دېگەن بولىدۇ . بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىرىلىنى 6 تۈرلۈك ئىشنىقىلماسلىققا بەيئەت قىلدۇرغان . بۇ ئەينى زاماندا قىيامەتكىچە كېلىدىغان بارلىق مۇسۇلمانلاردىن بەيئەت ئالغانلىقتۇر . ئەگەر مۇسۇلمانلار بەرگەن سۆزىدە چىڭ تۇرۇپ, بۇ ئىشلارنى قەتئىي تەرك ئەتسە , مۇكاپاتى جەننەت ۋە ئاللاھ تائالا نىڭ رازىلىق ى بولىدۇ . ئەگەر ئۇ ئىشلاردىن بىرەرسىنى قىلسا , شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن جازاغا تارتىلىدۇ . بۇ جازا ئۇنىڭ قىلغان گۇناھىنىڭ كاپپارىتى بولىدۇ. ئەگەر ئاللاھ تائالا ئۇنى بۇ دۇنيادا يۆگەپ ئاشكارىلىمىغان بولسا, قىيامەت كۈنى خالىسا ئۇنى كەچىرىم قىلىدۇ , خالىسا جازالايدۇ. بۇ ئاللاھ تائالا نىڭ ئىلكىدىكى ئىش .
ئەمما شېرىك كەچىرىم قىلىنمايدىغان گۇناھ بۇلۇپ, جازالاش ئۇنىڭغا كاپپارەت بولمايدۇ. ئاللاھ تائالاغا بىر نەرسىنى شېرىك كەلتىرگەن كىشى ئىسلامغا قايتىپ, ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ چىن قەلبىدىن ئىمان ئېيتمىغىچە ئاللاھ تائالا نىڭ ئازابىدىن قۇتىلالمايدۇ . ئاللاھ تائالا مۇنداق دەي :دۇ ئاللاھ ھەقىقەتەن اللەغا شېرىك كەلتىرىش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ . خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ . كىمكى اللەغا شېرىك كەلتىرىدىكەن چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ.] سىرە نىسا: 48 ئايەت [
شېرىك ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ : بىرى كىچىك شېرىك ئۇ . ئىبادەتنى رىيا بىلەن قىلىشتۇر .
يەنە بىرى چوڭ شېرىك ئۇ . ئاللاھ تائالاغا ئوخشاش ئىككىنچى بىر ئى لاھنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش, بۇتقا، سۇغا , ئوتقا ۋە شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەر قانداق نەرسىگە چوقۇنۇش , ئاللاھ تائالاغا خاس ئىشلارنى باشقىلارنىڭ قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىش , ئۆلىپ كەتكەن سالىھلارنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ قۇربانلىق كېسىپ , ئۇلاردىن مال دۇنيا , بالا چاقا , كېسەلگە شىپا , ئىلىم قاتارلىق نەرسىلەرنى تىلەش , مەدەد تىلەش , مازار ماشايىخلارغا بېرىپ ئىبادەت قىلىش , پالانى مازاغۋجام بالىغا ھۆددىگەر , پوكۇنى مازارغۋجام ئىلىمغا ھۆددىگەر دېگەندەك باتىل ئەقىدىگە ئېتىقاد قىلىش, مازارغۋجاملارغا بېرىپ شاخ يىرىش, پىرخۋن, كاھىن, پالچى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش غەيبتىن سۆزلەيدىغان جادۋگەرلەرگە ئىشىنىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتىرگەنلىك بولىدۇ .
ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىش دېگەن : ئۇنىڭ زاتىدا , بارلىق سىپەتلىرىدە ۋە پىتىن ئىشلىرىدا يەككە يىگانە ئىكەنلىكىگە ا , للەنىڭ بىرلىكىگە, تەنھالىقىغا, ھېچقانداق نەرسىگە ئوخشىمايدىغانلىقىغا ۋە ئاسمان زېمىندا زاتىدا, سىپەتلىرىدە ۋە ئىشلىرىدا ئاللاھ تائالاغا ئوخشايدىغان ئىككىنچى بىر رنەسىنىڭ يوقلىقىغا چىن قەلبىدىن ئىشىنىشتۇر . بۇ ئىشىنىشنى »تەۋھىد ئەقىدىسى « دەيمىز . مانا مۇشۇ تە ۋھىد ئەقىدىسىگە زىت كېلىدىغان ئەقىدە ئىمان ۋە ئىش ھەرىكەتلەر شېرىك بولىدۇ .
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ :
غالىب بىر اللەدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر.] سىرە ساد: 65 ئايەت [
بىر اللەدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ھەمىشە تىرىكتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلىپتۇرغۇچىدۇر، ئۇ مىگدەپ قالمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە اللەنىڭ مىلكىدۇر، اللەنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ اللەنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن، ئاللاھ ئۇ لارنىڭ ئالدىدىكى )يەنى دۇنيادا قىلغان (، كەينىدىكى )يەنى ئۇلار ئۈچۈن ئاخىرەتتە تەييارلىغان ( ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار اللەنىڭ مەلۇماتىدىن ئاللاھ ئۇلارغا بىلدىرىشنى خالىغان نەرسىلەردىن باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، اللەنىڭ كۇرسى )يەنى مەلۇماتىئاس (مانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان زېمىننى ساقلاش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ . ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر.] سىرە بەقەرە:255 ئايەت [
ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، ھەممە نەرسە ئۇنىڭ ئىلكىدە بۇلۇپ، ئاللاھ قانداق خالىسا شۇنداق قىل . ىدۇاللە تائالا ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشنى خالىسا، بول »« دەيدۇ، ئۇ نەرسە دەرھال بارلىققا كېلىدۇ . ئىبادەت قىلىشقا، ياردەم تىلەشكە، ساۋابىنى ئۇمىد قىلىپ غەزىپىدىن قورقۇشقا تىگىشلىك بىرلا زات اللەدۇر . ئاللاھ تائالا نىڭ ھۆكمى قەتئىي ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئۇنىڭ بەرگىنىنى ھېچكىم توسالمايدۇ، ئۇنىڭ توسقىنىنى ھېچكىم بېرەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ھۆكمىنى ھېچكىم قايتۇرالمايدۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا بايلارنىڭ بايلىقى ئەسقاتمايدۇ . ئۇنىڭ سۆزى سۆز، ھۆكمى ئادالەتتۇر . پاراۋانلىقتا اللەنى ئۇنۇتمىغان كىشىنى، ئاللاھ قىيىنچىلىقتا ئۇنۇتمايدۇ . بەندە ئۇنىڭغا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا بىر غۇلاچ يېقىنلىشىدۇ . ئۇ ياخشىلىقلارنى ھەر قانچە ئاز بولسىمۇ قوبۇل قىلىپ كۆپ ئەجرى بېرىدۇ . ياخشىلىقلارنى نەچچە ھەسسە كۆپەيتىپ بېرىدۇ، يامانلىقلارنى ئەپۇ قىلىدۇ .
كىمكى ئاللاھ تائالا نى قويۇپ، باشقا نەرسىلەرگە چوقۇنسا، ئاللاھ دىن باشقىلارنىڭ ھىمايىسىگە سېغىنىپ ئۇنىڭغا تايانسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن ياردىمىنى ئىزىپ، ئۇنى ئۆز بېشىغا تاشلاپ قويىدۇ .
ئاللاھ تائالا شېرىكلەردىن بىھاجەتتۇر . كىمكى ئاللاھ تائالاغا بىر نەرسىنى شېرىك قىلىدىكەن ئۇنىڭ ئەمىلىنى قوبۇل قىلمايدۇ ۋە ئۇنى ھەرگىز ئەپۇ قىلمايدۇ. شۇڭلاشقا دۇئانى پەقەت اللەغىلا قىلىش، مەدەتنى پەقەت اللەدىنلا تىلەش، ئۇنىڭدىن باشقىغا يالۋۇرۇپ باش ئەگمەسلىك كېرەك . ئەگەر بىز ھەقىقىي، چىن مۆمىن بولىدىكەنمىز ئاللاھ تائالا ھەرگىز خار قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ،مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا)ئۇلارغا ئېيتقىنكى (، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن )يەنى ئۇلارنىڭ ئ ەھۋالىنى، سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن (، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىشەنسۇن.] سىرە بەقەرە:186 ئايەت [
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ :
ئاللاھ بەندىسىگە يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ ئۇلار سېنى اللەدىن باشقا مەبۇدلار بىلەن قورقۇتىدۇ، ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمنى ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەمنى ھېچ ئازدۇرغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ غالىب، دىشمەنلىرىنى جازالىغۇچى ئەمەسمۇ؟ .] سىرە زۇمەر: 36 ۋە37 ئايەتلەر [
ئوغرىلىق قىلىش كىشىلەرنىڭ جاپامۇ شەققەت بىلەن تاپقان پۇل مېلىنى مەخپى ئېلىۋېلىش بۇلۇپ , بۇنداق يامان ئادەتكە ئىگىنىپ قالغان ئادەمنىڭ تىزىل ىشى مۇمكىن ئەمەس .
ئەگەر بۇنداق ئېغىر جىنايەتنى قەتئىي يوقاتمىغاندا, جەمئىيەتتە ئامانلىق ۋە خاتىرجەملىك بولمايدۇ. ئوغرىنى تۇرمىغا ئېلىش ياكى مېلىنى تار تىۋىلىش ۋە يا باشقا ھەر تۈرلۈك جازا ئۇنى ئوغرىلىق قىلىشتىن توسالمايدۇ . ئوغرىنى ھەر قانچە جازالىسىمۇ يەنە ئوغرىلىق قىلىدۇ . چۈنكى ئۇ تاشلىغىلى بولمايدىغان شۇنداق يامان ئىللەت . شۇنىڭ ئۈچۈن ئوغرىلىققا ئادەتلەنگەن قولنى
كېسىپ تاشلاش كېرەك. بۇ توغرىلىق ئاللاھ لاتائا مۇنداق دەيدۇ :
ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قىلمىشىنى جازالاپ, ئاللاھ تەرىپىدىن ئىبرەت قىلىش يۈز ىسىدىن قوللىرىنى كېسىڭلار, ئاللاھ غالىبتۇر , ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ]سىرە مائىدە: 38 ئايەت [
ئاتا ئانىلار ئەۋلادلىرىنى كىچىكىدىن بۇنداق ناچار قىلىققا كۆنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ناھايىتى دىققەت قىلىشى , ئۆز ئۆيىدىن بولسۇن , ياكى باشقىلارنىڭ ئۆيىدىن بولسۇن , ئاز بولسۇن , ياكى كۆپ بولسۇن, مەخپى بىر نەرسە ئېلىشقا يول قويماسلىقى ۋە ئۇنىڭ يامان ئىش ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىشى, كېرەك بولسا ئۇرۇشى لازىم ” . كىچىك، بىلمەيدۇ “ دەپ سەل قارىماسلىق ى كېرەك .
جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقىنى تەھدىت قىلىدىغان , ئىنساننىڭ ئىپپەت نومۇسىنى ۋە ئنسانلىق غۋرۇرىنى يوقىتىدىغان , ئائىلە ئوچىغىنى ۋەيران قىلىدىغان ئېغىر جىنايەت زىنادۇر . ئاللاھ تائالا ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ چوڭ گۇناھنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرغان. ساغلام تەبىئەتلىك كىشىلەر بۇنداق نىجىس پاسكىنا ئىشنى قىلىشتىن ئ ۆزىنى تارتىدۇ. لېكىن جەمئىيەتتە شۇنداق نىجىس ئىشلارنى قىلىدىغان رەزىل , تەبىئىتى بۇزۇق ئىنسانلارمۇ يوق ئەمەس . ئىنسانلارنىڭ ئەخلاقىنى بۇزىدىغان , جەمئىيەتنى رەزىللىككە, چۈشكۈنلۈككە ئېلىپ بارىدىغان زىيانلىق مىكرۋپلاردىن تازىلاش كېرەك . شۇڭلاشقا ئىسلامدا بۇ جىنايەتكە ئېغىر جازا قوللانغان . ئەگەر توي قىلمىغان قىز ئوغۋل زىنا قىلسا , ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە يۈز دەررە ئۇرۇلىدۇ . ئەگەر توي قىلىپ بولغان ئەر, ياكى ئايال زىنا قىلسا, ئۇ چالماس كې ەك قىلىپ ئۆلتىرىلىدۇ . زىناخورلار مۇشۇنداق جازالانمىغاندا , نەسىل ئارىلىشىپ كېتىدۇ , مىكرۋپ تاراپ جەمئىيەتتە ھەر تۈرلۈك ئېغىر كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ . بىگىن دۇنيادا دورىسى يوق ئەيدىز كېسىلى زىنا ئارقىلىق تارايدۇ ئەمەسمۇ؟ ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : زىناغا يېقىنلاشماڭلار, چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر, يامان يولدۇر. ]سىرە ئىسرا: 32 ئايەت [
زىنانىڭ ئەڭ يامىنى قوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن ۋەئېرى بىر يەرگە كېتىپ قالغان ئايال بىلەن زىنا قىلىشتۇر .
زىنانىڭ يامان ئاقىۋەتلىرىدىن بىرى, زىنا قىلغان ئايال ھامىلە بولغاندىن كېيىن ئەرگە تىگىپ, قۋرسىقىدىكى ھارامدىن بولغان بالىنى يالغاندىن ئېرىمنىڭ بالىسى دەپ د ەۋا قىلىشى ۋە ھەقسىز ھالدا ئېرىنىڭ مېلىدىن بالىسىغا مىراس ئېلىشىدۇر . بۇ ئىككى قات جىنايەت بولىدۇ . ئۇنىڭدىنمۇ يامىنى ئەرنىڭ ئەر بىلەن زىنا قىلىشىدۇر . بۇ شۇنداق نىجىس , شۇنداق ئېغى ر جىنايەتكى, ئاللاھ تائالا لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنى مۇشۇ جىنايەت تىپەيلىدىن پىتىنلەي يەرگە يۇتقىزىۋەتكەن. ئىسلام بۇ جىنايەتكە ناھايىتى قاتتىق قارشى تۇرىدۇ . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ » : ئەگەر لۇت قەۋمىنىڭ قىلىقىنى قىلىدىغان ئادەمن ى تاپساڭلار , قىلغۇچى ۋە قىلىنغۇچى ھەر ئىككىسىنى ئۆلتىرىڭلار.« ]بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان [
ئېغىر جىنايەتلەرنىڭ بىرى بالىلىرىنى ئۆلتىرىش , بۇ جىنايەت ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن مەككە مۇشرىكلىرىدا ئومۇملاشقان ئىدى . ئۇلار نامرات بۇلۇپ قېلىشتىن قورقۇپ , ياكى قىزلاردىن نۇمۇس قىلىپ ئۆلتىرەتتى. كىنىمىزدە بۇ جىنايەت مەدەنىيەت د ەۋاسى قىلىدىغان ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدا كۆپەيمەكتە. چۈنكى ئۇلار ئەركىنلىك دەۋاسى ئاستىدا زىنا پاھىشىگە يول قويغان . شۇنىڭ بىلەن زىنادىن بولغان بالىلارنى ئادەم كۆرمىگەندە ي ۋللارغا ياكى باشقا جايلارغا تاشلىۋ ېتىدۇ. تاشلىۋىتىلگەن بوۋاقلارنى بىرەر ئادەم كۆرىپ قالسا ساقچىغا خەۋەر قىلىدۇ , بولمىسا شۇ يەر دە ئۆلىدۇ . ستاتېستىكالارغا قارىغاندا ئەنگىلىيەدە بىر ھەپتىدە مىڭ بالا تۇغۇلىدىكەن . ئۇنىڭدىن ھەر ئون ئىككى بالىدىن بىرى زىنادىن بولغان. زىنادىن بولغان بالىنىڭ نىسبىتى دانىيەدە ئوندا بىر , شىۋىتسىيى دە يەتتىدە بىر ئىكەن. مانا بۇ ياۋرۇپا مەدەنىيىتىڭ نەتىجىسى .
مۇسۇلمانلارنىڭ ئىستىگە پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلماسلىق ۋاجىبدۇر . چۈنكى پەيغەمبەر ئىنسانلارنى پەقەتلا ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ پەي ۋەغەمبەرنىڭ ئەمرى ئەينى ۋاقتىدا اللەنىڭ ئەمرىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : )ئۇيەنى مۇھەممەد (ىخالغانچە سۆزلىمەيدۇ . ئۇنىڭ سۆزلىرى پەقەن ئۇنىڭغا ۋەھيى قىلىنغان نەرسىدۇر.] سىرە نەجم: 3 4 ئايەتلەر [
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشنى پەقەت ئۆزىگىلا مەخسۇس قىلماستىن, ئۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان ئورۇنباسارلىرىغا ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەركىن سايلام بىلەن سايلانغان باشلىقلىرىغىمۇ بويسۇنۇپ ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ » : سىلەر گە اللەدىن قورقۇشقا, ئەگەر قارا تەنلىك قۇل سىلەرگە باشلىق بولسا, ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، بويسۇنۇشقا تەۋسىيە قىلىمەن. سىلەردىن كىمكى مەندىن كېيىن ياشىسا كۆپ ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ .« ]بۇ ھەدىسنى ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان [
جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقىدۆ , لەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ۋەتەننىڭ دىشمەن قولىغا چىشىپ كەتمەسلىكىنىڭ بىرىنچى ئامىلى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز باشلىقلىرىغا ئىتائەت قىلىپ, ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىشىدۇر. بۇنىڭ بىرلا شەرتى بار, ئۇ بولسىمۇ باشلىقنىڭ ئاللاھ تائالاغا ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىتائەت قىلىپ , ھەقنى بەرپا قىلىشى . چۈنكى اللەغا ئاسىي بولىدىغان ئىشتا مەخلۇققا ئىتائەت قىلىنمايدۇ .
بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابە كىراملارنى بەيئەت قىلدۇرغان نەرسىلەر ئەرلەرگىلا مەخسۇس ئەمەس، بەلكى ئاياللارنىمۇ ئاشۇ ئىشلارغ ا بەيئەت قىلىدۇرغان ئىدى . ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ : Ÿωuρ tÏΡ÷“tƒ Ÿωuρ zù=çFø)tƒ £èδy‰≈s9÷ρr& Ÿωuρ tÏ?ù’tƒ 9≈tFôγç6Î/ …çµuΖƒÎyIøtƒ t÷t/ £Îκ‰Ï‰÷ƒr& ∅ÎγÏ=ã_ö‘r&uρ Ÿωuρ ئى پەيغەمبەر! مۆمىن ئاياللار ساڭا كېلىپ، اللەغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتىرمەسلىككە، ئوغرىلىق قىلماسلىققا، زىنا قىلماسلىققا، بالىلىرىنى ئۆلتىرمەسلىككە، باشقىلارنىڭ بالىسىنى يالغاندىن ئەرلىرىنىڭ بالىسى قىلىۋالماسلىققا، سەن بۇيرىغان ياخشى ئىشلاردىن باش تارتماسلىققا بەيئەت قىلسا، ئۇلارنىڭ بەيئەتلىرىنى قوبۇل قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن اللەدىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر ] «.سىرە مۇمتەھىنە: 12 ئايەت [
ھەزرىتى ئەبۇ ھىرەيرە رەزىيە للاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى, جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن :»ئنسانلارنىڭ ئىستىگە ھەر كۈنى بەدىنىنىڭ ھەر بىر بوغۇمى ئۈچۈن سەدىقە بېرىشى ۋاجىب . ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىنى ياراشتۇرۇپ قويساڭ سەدىقە بولىدۇ , بىراۋغا ياردەم قىلىپ ئۇلىغىغا مىندىرىپ قويساڭ ياكى يىكىنى كۆتىرىپ ئۇلىغىغا ئارتىشىپ بەرسەڭ سەدىقە بولىدۇ. ياخشى سۆز سەدىقىدۇر. نامازغا ماڭغان ھەر بىر قەدەم سەدىقە بولىدۇ. يولنى كۆرسىتىپ قويۇش سەدىقە بولىدۇ. يولدىن زىيانلىق نەرسىلەرنى ئېلىۋىتىش سەدىقە بولىدۇ.« ]بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت، ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى:2288 .» يولنى كۆرسىتىپ قويۇش سەدىقە بولىدۇ« دېگەن سۆزنى بۇخارى 2825 نومۇرلۇق ھەدىستەرىۋايەت قىلغان [
ئىنساننىڭ بەدىنىدە 360 بوغۇم بار دېيىلىدۇبۇ . يەردىكى »ھەر بىر بوغۇم ئۈچۈن ھەر كۈنى سەدىقە بېرى ش لازىم « دېگەندىن مەقسەت, ئاللاھ تائالانىڭ شۇنداق چىرايلىق ۋە قابىلىيەتلىك قىلىپ ياراتقانلىقىغا شىكىر قىلىش لازىم دېگەنلىك بولۇشى مۇمكىن . ئاللاھ تائالانىڭ ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ساناپ تىگىتىش مۇمكىن ئەمەس . نېمەتكە شىك ىر قىلىش ئاغزىنىڭ ئۇچچىدا »شىكىر خۇدا دەپ «ىمي قويۇش بىلەنلا بولمايدۇ . نېمەتكە شىكىر قىلىش ئاللاھ تائالا بەدىنىمىزدە ئورۇنلاشتۇرغان ھەرخىل ئورگانلاردىن ئىبارەت نېمەتلەرنى ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىشقا ئىشلەتمەستىن، بەلكى ئۇنى رازى قىلىدىغان ياخشى ئىشلارغا ئىشلىتىش ئارقىلىق بولىدۇ. شىكىر قىلىش نېمەتنىڭ كۆپىيىشىنى تەقەززا قىلىدۇ . كىمكى ۋۇجۇدىنى، مال مىلكىنى ۋە باشقا نەرسىلىرىنى ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن يولدا ئىشلەتسە، ئاللاھ تائالانىڭ مەزكۇر نېمەتلىرىنى زىيادە قىلغان ھالدا داۋاملاشتۇرۇپ بېرىشىگە ۋە ئۇنىڭدىن ھېساب ئالماسلىقىغا ھەقلىق بولىدۇ .
ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانغا ئاتا قىلغان سانسىز نېمەتلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ بىيىك نېمەت ئىسلامغا ھىدايەت قىلغانلىقىدۇر . ئۇنىڭدىن قالسا تەن سالامەتلىكىدۇر . ئاللاھ تائالا سېنى مىليارلارچە ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە تونۇشلۇق شەكىلدە ياراتتى . ساڭا تىل , كۆز , قۇلاق ۋە ئەقىل ئاتا قىلدى. ئىچكى تاشقى بارلىق ئورگانلىرىڭنىڭ يارىتىلىشى , تەركىبى, ئۇ ئورگانلارنىڭ بىر بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى, بەلگىلەنگەن ۋەزىپىلىرىنى قىلچىلىك خاتالاشماستىن قانداق ئورۇنلايدىغانلىقى ھەققىدە ئازرا ق پىكىر يىرگىزىدىغا ن بولساڭ , كېچە كىندىز ئارام ئالماي تائەت ئىبادەت قىلىپمۇ , بۇ نېمەتلەرنىڭ شىكرىنى ئادا قىلالمايدىغانلىقىڭنى بىلىسەن . لېكىن ئاللاھ تائالا چەكسىز مىھربان, ناھايىتى رەھىملىك بولغانلىقى ۋە بىزنىڭ بارلىق نېمەتلەرگە شىكىر بەجا كەلتىرەلمەيدىغانلىقىمىزنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن, بىزدىن پەقەت تاقىتىمىز يېتىدىغان ئازغىنا ئىبادەتلەرنى قىلىشنى ۋە ئۆز قۇ درىتى بىلەن يارىتىپ بىزگە بەرگەن بۇ ئورگانلىرىمىزنى ئۇنىغا ڭئاسىيلىق بولىدىغان ئىشلارغا ئىشلەتمەسلىكىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. نامرات ساھابىلار رەسۇلۇللاھقا كېلىپ، ”يارەسۇلۇللاھبا ! يلار كۆپ مۇكاپاتقا ئىگە بولدى، ئۇلار بىز ناماز ئوقۇغاندەك، ناماز ئۇقۇيدۇ . بىز روزا تۇتقاندەك، روزا تۇتىدۇ . ماللىرىنىڭ ئارتۇقىنى سەدىقە قىلىدۇ، بىز قىلالمايمىز “ دېگەندە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : ئاللاھ سىلەرگە سەدىقە قىلغانلىق بولىدىغان ئىشلارنى بەرپا قىلىپ بەردى ئەمەسمۇ؟ ھەر بىر تەسبىھ )سۇبھانەللاھ (، ھەر بىر تەكبىر )ئاللاھۇ ئەكبەر (، ھەر بىر تەھمىد )ئەلھەمدۇ لىللاھ (، ھەربىر تەھلىل )لائىھە ئىللەللاھ ( سىلەر ئۈچۈن سەدىقىدۇر. ياخشىلىققا بۇيرۇش سەدىقىدۇر، يامانلىقتىن توسۇش سەدىقىدۇر. جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشىڭلارمۇ سەدىقىدۇر .« ساھابىلار ” : يا رەسۇلۇللاھ ! بىز ئاياللىرىمىز بىلەن شەھۋىتىمىزنى ئادا قىلساق، بىزگە ساۋاب بولامدۇ؟ “ دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم »ئەگەر شەھۋىتىنى ھارام بىلەن قاندۇرسا، ئۇنىڭغا گۇناھ بولىدۇ، شۇندا قمۇ؟« دېدى . ساھابىلار ” : شۇنداق “ دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ» : شۇنىڭدەك شەھۋىتىنى ھالال بىلەن قاندۇرسا ساۋاب بولىدۇ « دېدى. ]بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان [
ئاللاھ تائالا شىكىر قىلغانلارغا نېمىتىنى تېخىمۇ زىيادە قىلىدۇ. نانكۆرلۇق قىلىپ ئاسىي بولغانلارنى ناھايىتى قاتتىق جازالايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : رەئەگ نېمىتىمگە شىكىر قىلساڭلار , ئۇنى زىيادە قىلىمەن, ئەگەر كۇفرانى نېمەت قىلساڭلار , مېنىڭ ئازابىم ئەلۋەتتە، بەك قاتتىق بولىدۇ ] سىرەئىبراھىم:7 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [
ئى ئاجىز ئىنسان ! ئەگەر بىردانە تىرنىقىڭ ئاغرىسا , ياكى قول پۇتۇڭنىڭ كىچىككىنە بىر بوغۇمى ئاغرىسا چىداپ تۇرالمايسەن , ھاياتىڭ زەھەر , دۇنيا ساڭا تار بولىدۇ . نۇرغۇن پۇل خە جلەپ دورا قىلىسەن. بارلىق ۋۇجۇدۇڭنى ساپ ساغلام ياراتقان, يىللارچە سىھھەت ۋە سالامەتلىك بەخش ئەتكەن پەرۋەردىگارىڭغا شۇ ساغلام بەدىنىڭ بىلەن شىكىر قىلىشىڭ لازىم ئەمەسمۇ؟ !
بۇھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە بەدەنلىرىمىزنىڭ ھەر بىر بوغۇمى ئۈچۈن سەدىقە بولىدىغان ۋە ئاللاھ تائالاغا ش ىكىر قىلغانلىق بولىدىغان 6 تۈرلۈك خىسلەتنى بايان
قىلىدۇ :
1 كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى مۇرەسسە قىلىپ ياراشتۇرۇش. ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا دوست , ئىتتىپاق, ئىناق بولۇشى جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ كاپالىتىدۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا چىققان ھەر قا نداق تالاش تارتىش , دەلېج ماجىرا ۋە ئىتتىپاقسىزلىقلارنى دەرھال تۈزىتىپ, دىشمەنلىك پەيدا بۇلۇپ قېلىشىغا يول قويماسلىق كېرەك .
شۇنداق قىلغاندا مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئاداۋەت ۋە دىشمەنلىك يوقۇلۇپ , دوستلۇق مۇستەھكەملىشىدۇ، قېرىنداشلىق بۇزۇلمايدۇ ڭشۇ . لاشقا ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىنى ياراشتۇرۇش ئۈچۈن يالغان گەپ قىلىش يالغانچىلىق بولمايدۇ .
كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى تىزەش تۆت تۈرلۈك بولىدۇ : دۆلەت رەئىسىدىن باشلاپ تۆۋەنگىچە بولغان باشلىقلار بىلەن پۇقرالارنىڭ ئارىسىنى تىزەش، مۇسۇلمانلار بىلەن كاپىرلارنىڭ ئارىسىنى تىزەش، ئەر بىلەن خوتۇننىڭ ئارىسىنى تىزەش ۋە سودا سېتىق ۋە باشقا مۇئامىلە قىلشقۇچىلارنىڭ ئارىسىنى تىزەشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ئەگەر مۆمىنلەردىن ئىككى گورۇھ ئۇرۇشۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تىزەپ قويۇڭلار. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ئىككىنچىسىگە تاجاۋۇز قىلسا، تاجاۋۇز قىلغۇچى تاكى اللەنىڭ ھۆكمىگە قايتقانغا قەدەر )يەنى تاجاۋۇزىنى توختاتقانغا قەدەر ( ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇڭلار . ئەگەر ئۇلار ئاللاھ نىڭ ئەمرىگە قايتسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى )ھېچبىر تەرەپكە يان باسماستىن ( ئادىللىق بىلەن تىزەپ قويۇڭلار . ھەممە ئىشتا ئادىل بولۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ . مۆمىنلەر ھەقىقەتەن دىندا قېرىنداشلاردۇر، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى تىزەڭلار، رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن اللەدىن قورقۇڭلار. سىرە ھۇجۇرات:9 10 ئايەتلەر [
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ :
،اللەدىن قورقۇڭلار)ئىختىلاپ قىلىشماي ئىتتىپاق بولۇڭلار( ئاراڭلارنى تىزەڭلار، ئەگەر سىلەر مۆمىن بولساڭلار، اللەغا ۋە اللەنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار.] سىرە ئەنفال:1 ئايەت [
2 ئۆزئارا ھەمكارلىشىشبۇ . نۇرغۇن دۆلەتلە ر قۇرغان , ھۆكىمەتلەر سورىغان , مەملىكەتلەرنى ئاۋات قىلىپ گىللەندىرگەن , مىللەت ۋە جەمئىيەتلەرنى پاراۋان قىلغان ئالىي ھىممەتلىك ئەزىمەتلەرنىڭ ئەخلاقىدۇر . ئىنسان ئۆزى يالغۇز ئاجىز , قېرىنداشلىرى بىلەن كىچلىكتۇر. قېرىندىشىغا ياردەم قىلغان كىشىگە ئاللاھ تائالا ياردەم قىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ يەردە ئۇلاغنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن . بۇنىڭ ئىچىگە كىنىمىزدىكى بارلىق قاتناش ۋاستىلىرى كىرىدۇ . ئۇلىغىغا مىنەلمەي قالغان, يىكىنى ئارتالما ي قالغان , ياكى بىر يەرگە بېرىش ئۈچۈن قاتناش ۋاستىلىرىغا پۇلى يېتىشمە ي قىينىلىپ ق الغان , ياكى ئۇ ۋاستىلارنى ڭ قايسى بىرىدە قازاغا يولۇقۇپ قۇتقۇزۇشقا مۇھتاج بولغان كىشىلەرگە قولىدىن كېلىشچە ياردەم قىلىپ قويۇش, ياردەم قىلىدىغان كىشىلەرنى تېپىپ بېرىش , سەدىقە بەرگەندەك ساۋاب بولىدۇ. يەنە بۇ يەردە پەقەت قاتناش ۋاستىلىرىلا كۆزدە تۇتۇلمايدۇ. ھەر قانداق بىر شەكىلدە ياردەمگە مۇھتاج بۇلۇپ قالغان كىشىگە ياردەم قىلىش ھەم ئىسلام , ىھەم ئىنسانىي پەزىلەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ياخشى ئىشقا ياردەملىشىڭلار, گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار, اللەنىڭ ئازابىدىن قورقۇڭلار, اللەنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر.] سىرە مائىدە:2 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [
3 ياخشى سۆز قىلىش . قۇرئان تىلاۋەت قىلى , شزىكىر قىلىش , ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇش , يامان ئىشلاردىن توسۇشۋەز , نەسىھەت قىلىش زانەئ , تەكبىر ئوقۇش , تەلىم تەربىيە بېرىش , كىتاب, ماقالا يېزىش ۋە ئۇلارنى نەشىر قىلىش ۋە باشقا مەنپەئەتلىك سۆزلەرنى قىلىشنىڭ ھەممىسى سەدىقە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيد : ۇ ياخشى سۆز ۋە كەچىرىش, كېيىن ئەزىيەت يەتكىزىدىغان سەدىقىدىن ئەۋزەلدۇر. ئاللاھ بىھاجەتتۇر ۋە ھەلىمدۇر.] سىرە بەقەرە: 263 .ئايەت [
ئەگەر ياخشى سۆز قىلمىسا , يامان سۆز قىلغاندىن كۆرە سۇكۇت قىلىش ئەۋزەلدۇر . چۈنكى سىكىت قىلىپ سۆزلىمىسە , يامان سۆزى بىلەن كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكىزىشتىن ساقلىنىدۇ ۋە ئۆزىنى گۇناھكار قىلمايدۇ. شۇڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم» : كىمكى اللەغا ۋە قىيامەت كىنىگە ئىشىنىدىكەن ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى سۇكۇت قىلسۇن« دېگەن .
4 نامازنى مەسجىددە ئوقۇش . نامازنى مەسجىددە ئوقۇشنىڭ جەمئىيەتكە نۇرغۇن پايدىسى بار .
ئىجتىمائىي جەھەتتىن دوستلۇق , ئىتتىپاقلىق مۇستەھكەم بولىدۇ . كىشىلەر بىر بىرىنىڭ ھال ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولىدۇ. دىنى جەھەتتىن مەسجىددە ئوقۇغان نامازنىڭ ساۋابى ئۆيدە يالغۇز ئوقۇغان نامازنىڭ ساۋابىدىن 27 ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ. مەسجىدكە بېرىش ئۈچۈن ماڭغان ھەر بىر قەدەمگە بىر ساۋاب يېزىلىپ , بىر گۇناھ ئۆچىرىلىدۇ . بۇ ھەدىسقا بىنائەن سەدىقە قىلغاننىڭ ساۋابى بولىدۇ .
5 يول كۆرسىتىش. يولدا ئېزىپ قالغان ياكى بىر ئادرىسنى تاپالماي تەمتىرەپ قالغان كىشىگە يولىنى كۆرسىتىپ قويۇشمۇ سەدىقە بولىدۇ . ساۋاب بولىدۇ . بىلىپ تۇرۇپ يولنى كۆرسىتىپ قويماسلىق ياكى يول كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەق تەلەپ قىلىش ئىنسانلىققا سىغمايدىغان ناچار قىلىقتۇر .
6 يولدىن زىيانلىق نەرسىلەرنى يوقىتىش. بۇ ئىماننىڭ بىر شاخچىسىدۇر. ئىنسانلارنىڭ مېڭىشىغا توسالغۇ بولىدىغان , پۇتلىشىدىغانتاش , , دەشقال, تىكەن, ئەينەك پارچىلىرىغا ئوخشاش نەرسىلەنى يولدىن ئېلىۋىتىش , يوللارنى پاكىزە تۇتۇش مۆمىنلەرنىڭ ئەخلاقى . ئەپسۇسكى كىنىمىزدە بۇ ئەخلاقمۇ قالمىدى. يوللارنى پاكىزە تۇتۇش ئۇ ياقتا تۇرسۇن , قوغۇن تاۋۇزنىڭ شاپاقلىرىنى ۋە ھەر تۈرلۈك ئەخلەت ۋە نىجىس نەرسىلەرنى ئاممىنىڭ ماڭىدىغان يولىغا تاشلايدۇ . ھالبۇكى بۇ ” يولدا بىز ماڭىمىز ۋە بالىلىرىمىز ئوينايدۇ دەپ “, باشقىلارنى ئويلىمىسىمۇ ئۆزىنى بولسىمۇ ئويلا پ يولنى پاكىز تۇتمايدۇ. يازلىق بولسا مەھەللىدە چىۋىن قايناپ كەتكەن , كوچىلار پۇراپ ئۆتكىلى بولمايدىغان ھالغا چىشىپ قالىدۇ . يەنە بەزىلەر كىشىلەر ماڭىدىغان يولنى ئۆيىگە قوشىۋالىدۇ. ئەڭ ئېچىنارلىقى بۇنداق ناچار ئەھۋاللار مۇسۇلمانلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىدە بولىۋاتىدۇ. بۇ قانداق مۇسۇلمانچىلىق؟! نېمىدېگەن رەزىللىك! ؟مۇسۇلمان دېگەن ئاشۇنداق مەينەت , پاسكىنا بولامدۇ؟
ئاللاھ تائالا نېمىگە بۇيرۇيدۇ؟ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نېمىگە چاقىرىدۇ؟ بىز نېمە ئىش قىلىۋاتىمىز؟
ئى ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز! بىز مۇسۇلمانلارغا ئاڭ ئاتا قىلغىن. بىزنى پاك تەبىيئەتلى , ك غۋرۇرلۇق, دىلىمىز پاك , تىلىمىز پاك , كىيىم كېچەكلىرىمىز , يېمەك ئىچمەكلىرىمىز , ئۆي ۋەمەھەللىلىرىمىز پاكىزە, كۆرگەن ئادەمنىڭ كۆڭلى ئېچىلىدىغان نۇرلۇق زاتلاردىن قىلغىن. ئامىين !
ھەزرىتى ئەبۇ سەئىد خۇدرى رزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى, جانابى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : كوچىلاردا ئولتۇرۇشتىن ساقنىلىڭلار« دې .دىساھابىلاريا ” : رەسۇلۇللاھ! ئۇ يەرلەردە ئولتۇرمىساق بولمايدۇ، چۈنكى كوچىلار بىزنىڭ ئولتۇ رۇپ پاراڭ سېلىشىدىغان جايىمىز د “ېيىشتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : كوچىلاردا يەنىلا ئولتۇرىۋېرىدىغان بولساڭلار، كوچىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلى پ ئولتۇرۇڭلار« دېدى. ساھابىلار: ”يارەسۇلۇللاھ! كوچىنىڭ ھەققى نېمە؟ دەپ سورىغان ئىدى , رەسۇلۇللاھ سەللەللاھ ۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم» : ھارامدىن كۆزنى يېغىش, كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكىزمەسلىك, سالامنى ئەيلەك ئېلىش, كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇش ۋە يامان ئىشلاردىن توسۇشتۇر دەپ « جاۋاب بەردى ] .بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت، ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى: 5518[
ئىنسانلار توپلىشىپ ئۆزئارا پاراڭلىشىپ ئولتۇرىدىغان ئورۇنلار بولىدۇ . بۇنداق ئورۇنلاردىمۇ كىشىلەر بىر بىرىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمەيدىغان چىرايلىق سۆزلەرنى قىلىشىپ, كۆڭىل ئېچىشىپ ئولتۇرۇشسا بولىدۇ . ئەمما بىر يەرگە تۋ پلىشىۋىلىپ ئۇ يەردە يوق ئادەمنىڭ غەيۋىتىنى قىلىدىغان, چاقچاق قىلدىم دەپ بەزىلەرنى گەپتە چېقىۋالىدىغان, كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان يامان سۆز يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش لازىم .
شۇنىڭدەك ئەرلەرنىڭ ئاياللار ماڭىدىغان ئاممىۋى يوللاردا ئولتۇرۇشى توغرا ئە مەس . ئادەملەر يول ۋە كوچىلاردا ئولتۇرىۋالسا , ئۇ يولدىن ئۆتمەكچى بولغان ئىپپەتلىك , شەرمى ھايالىق ئاياللار ئۆتەلمەيدۇ. ئەرلەرنىڭ ئالدىدىن ئۆتىشتىن ئۇيالمايدىغان بەزى ئاياللار ئۆتسە , ئولتۇرغانلار ئۇنىڭغا قاراپ ھەر تۈرلۈك ئوي پىكىرلەرگە كېلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتە ئەخلاقسىزلىق يۈز بېرىدۇ . بولۇپمۇ ھازىرقى زاماندا شەرمى ھايا قالمىغان , قىزلار بېشى باشتاق , قىسقا كىيىم كېچەكلەر بىلەن كوچىلاردا يىرىدىغان ئادەتلەر كۆپىيىپ كەتتى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا يوللاردا ئولتۇرۇش زىنا پاھىشىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقانلىق بولىدۇ . چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم : »قاراش شەيتاننىڭ زەھەرلىك ئوقلىرىدىن بىر ئوق « دېگەن. زىنادىن ساقلىنىشنىڭ بىرلا يولى بار .
ئۇ بولسىمۇ مەيلى ئەر , مەيلى ئايال كۆزىنى نامەھرەمدىن ساقلاش . چۈنكى قاراشنىڭ ئارقىسىدىن تەبەسسۇم, ئاندىن سالام, سۋەڭر كالام, ئۇنىڭدىن كېيىن ۋەدىلىشىش ۋە ئۇچرىشىش كېلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن :
مۆمىنلەرگە ئېيتقىنكى , نامەھرەملەرگە قارىمىسۇن, ئەۋرەتلىرىنى زىنادىن ساقلىسۇن , مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ياخشىدۇر . ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن خەۋەرداردۇر . مۆمىن ئ اياللارغا ئېيتقىنكى, نامەھرەملەرگە قارىمىسۇن , ئەۋرەتلىرىنى زىنادىن ساقلىسۇن …] سىرە نۇر: 30 31 ئايەتلەر [
مانا مۇشۇنداق ئەخلاقسىزلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىدىغان يېرى يوللار ۋە كوچىلار بولغانلىقى ئۈچۈن جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇسۇلمانلا رنى يوللاردا ئولتۇرۇشتىن توسقان. مۇسۇلمان داۋاملىق نەپسى شەيتان بىلەن جەڭ ھالىتىدە بولىدۇ . شەيتان بولسا ئىنساننىڭ ئەبەدى دىشمىنى . ئۇ ئىنساننى ئازدۇرۇش ئۈچۈن مىڭ بىر ھىلە مىكىرلەرنى قىلىپ كېچە كىندىز پۇرسەت قوللاپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىشنىڭ مۇقەددىمىسىدىن توسقان . چۈنكى نى نى سالىھ كىشىلەر, ئابىد، زاھىد ۋە تەقۋادارلار ئۆزىگە ئىشەنچ قىلىپ ئىشنىڭ مۇقەددىمىسىگە سەل قاراپ , كېيىن نەپسىگە يېڭىلىپ, ئېزىز ئىكەن خار, ئىپپەتلىك ئىكەن رەزىل , يۈز ئابرۇيلۇق ئىكەن ئېتىبارسىز بولغاندۇر . ھېچكىم يامان نىيەت بىلەن كوچىغا چىقىپ ئولتۇرمايدۇ . لېكىن باشتا ئۆزىگە ئىشەنچ قىلىپ سەل قارايدۇ , كېيىن نەپسىنى يېڭەلمەي ئۆزىنى خار قىلىدۇ. ئەڭ ياخشىسى سۇ كەلمەستىن تۇغ سېلىش لازىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يولدا ئولتۇرۇشتىن توسقىنى مانا مۇشۇنىڭ ئىچىندۇر .
ساھابىلار” : يارەسۇلۇللاھ! بىز ئۆزئارا پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇش ئۈچۈن يولدا ئولتۇرۇشقا مەجبۇرمىز , ئۇنىڭدىن باشقا چارىمىز يوق “ دېگەندە, رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا تۆت نەرسىنى شەرت قىلغان . ئەگەر بۇ
شەرتلەرنى ئادا قىلالىساڭلار ئولتۇرۇڭلار دېگەن. ئۇلار :
1 كۆزىنى ھارامدىن يىغىش, يولدىن ئۆتكەن نامەھرەملەرگە قارىماسلىق. بۇنىڭ نەقەدەر قىيىن بىر ئىش ئىكەنلىكىنى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتتۇق .
2 يولدىن ئۆتكەن كىشىلەرگە ئەزىيەت بېرىدىغان ھەر قانداق سۆز ھەرىكەتنى قىلماسلىق .
يوللارغا ئەخلەت ۋە باشقا ھەر قانداق نىجىس نەرسىل ەرنى تاشلىماسلىق , تىكەن تاش دەشقالغا ئوخشاش نەرسىلەرنى يوللاردىن ئېلىۋىتىش, يولدا مېڭىۋاتقانلارنى مەسخىرە قىلماسلىق , ھاقارەتلىمەسلىك, كەمسىتمەسلىك , يولدىن ئۆتىپ كېتىۋاتقان ئاياللارغا چاقچاق قىلماسلىق , مېيىپ كىشىلەرنى كۆرسە زاڭلىق ئېتىپ كىلمەسلىك , يولدىن ئۆتكەن كەچكەنلەرنىڭ ئارقىسىدىن ئاۋۇ ئانداق, ماۋۇ مۇنداق دەپ غەيۋىتىنى قىلماسلىق ۋە باشقا ئەخلاققا زىت كېلىدىغان ھەر قانداق سۆز ھەرىكەتلەردىن ئۆزىنى ساقلاش لازىم .
3 يولدا ئولتۇرغان ئىكەن, چىشىپ قالغان نەرسىلەرنى ئېلىپ ساقلاش, ئېزىپ قالغان كىشىلەرگە يول كۆرسىتىش, ئۇرۇشۇپ قالغانلارنى ئاجرىتىش, كىشىلەرگە چىرايلىق مۇئامىلە قىلىش, تونىسۇن تونىمىسۇن سالام قىلغانلارنىڭ سالىمىنى ئ ەيل ەك ئېلىش قاتارلىق ئىشلارغا رىئايە قىلىش لازىم . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : ياخشىلىقنىڭ يولى كۆپتەس :بىھ )سۇبھانەللاھ, (ھەمد )ئەلھەمدۇ لىللاھ, (تەكبىر )ئەللاھۇ ئەكبەر( تەھلىل )لا ئىلاھە ئىللەللاھ( ئېيتىش , ياخشىلىققا بۇيرۇش , يامانلىقتىن توسۇش , ئىنسانلارغا ئەزىيەت بېرىدىغان نەرسىلەرنى يولدىن ئېلىپ تاشلاش , پاڭغا گەپ ئاڭلىتىش , قارغۇنى بارىدىغان يېرىگە ئاپىرىپ قويۇش, يول سورىغانغا يول كۆرسىتىش, ھاجەتمەننىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش, قولۇڭ بىلەن ئاجىزلارغا ياردەم قىلىش . مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ەڭ ئۈچۈن بەرگەن سەدىقە بولىدۇ ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان [
4 يولدا ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭ ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقلاردىن توسىشى لازىم. يولدا ئولتۇرۇشنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى, يولدا يۈز بەرگەن ناچار يامان قىلىقلاردىن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش, گىزەل ئەخلاقلار بىلەن ئەخلاقلىنىشقا ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئىندەشتۇر .
ئەگەر ئۇنداق قىلماي بولىۋاتقان نا شەرئى ئىشلارنى تاماشا قىلىپ ئولتۇرسا , ئاشۇلار بىلەن ئوخشاش گۇناھقا شېرىك بولىدۇ . چۈنكى گۇناھ ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرىپ تۇرۇپ قارشى چىقماسلىق ئۇنىڭغا رازى بولغانلىق بولىدۇ . گۇناھ ئىشلارنىڭ ئىشلىنىشىگە رازى بولۇشنىڭ ئۆزى گۇناھتۇر. ئەگەر گۇناھ ئىشلارنى توسۇشقا قۇدرىت ى يەتمىسە ئۇ ئورۇندا ئولتۇرماسلىق , نارازى بۇلۇپ باشقا يەرگە كېتىش كېرەك . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ » : ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇشۇڭلار كېرەك، بولمىسا ئاللاھ بېشىڭلارغا يامانلىرىڭلارنى مۇسەللەت قىلىپ قويىدۇ، ياخشىلىرىڭلار دۇئا قىلسا ئىجابەت بولمايدۇ ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان [
مانا يولدا ئولتۇرىمەن دېگەن كىشى يۇقىرىدىكى شەرتلەرنى ئورۇنلىشى لازىم. ئەگەر ئورۇنلىيالمىسا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاگاھلاندۇرىشى بويىچە يوللاردا ئولتۇرماسلىق كېرەك .
ئۇلۇغ ئىگىمىز ئاللاھ تائالا بىزنى نەپسىمىزنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ يامان ئىشلارنى قىلىپ سېلىشتىن ئۆز پەزلى بىلەن ساقلىسۇن. ئامىين !
ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ما مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ : بىر ئادەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ”ئىسلامدا ئەڭ ياخشى ئىش قايسى؟ دەپ “سورىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : يوقسۇللارغا تاماق بېرىش ۋە تونىغان تونىمىغان كىشىگە سالام قىلىش دەپ « جاۋاب بەردى ] .بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغا. نبۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت، ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى: 123[
سالام بېرىش سىننەت , ئۇنى ئ ەيلەك ئېلىپ جاۋاب قايتۇرۇش ۋاجىب . سالام بېرىشتە كىچىك چوڭغا, ئۆرە تۇرغان ئادەم ئولتۇرغان ئادەمگە, ئۇلاغدىكى ئادەم پىيادە مېڭىۋاتقان ئادەمگە , ئاز كىشىلەر كۆپچىلىككە سالام بېرىدۇ . ناماز ئوقۇۋاتقان , قۇرئان ئوقۇۋاتقان , خۇتبە سۆزلەۋاتقان , ئەزان ئوقۇۋاتقان, گۇناھ ئىشلەۋاتقان ۋە سالامغا جاۋاب بېرەلمەيدىغان ھالەتتە مەشغۇل بولۇۋاتقان كىشىلەرگە سالام بېرىلمەيدۇ . بىراۋ ساڭا سالام قىلسا , يۇقىرىدىكى ئىشلارنىڭ بىرى بىلەن مەشغۇل بولمىغان بولساڭ , سالامغا جاۋاب قايتۇرۇشۇڭ كېرەك . ئاياللار بىلەن سالاملىشىش ئەگەر پىتنىگە يول ئاچمايدىغان بولسا دۇرۇست بولىدۇ. ئەگەر سالام ئارقىلىق يات ئاياللار بىلەن گەپلىشىش پۇرسىتى قوللايدىغان بولسا , ئاياللارغا سالام قىلىش دۇرۇست بولمايدۇئە . ڭ سەھىھ سۆز ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئەۋرەت ئەمەس. چۈنكى ساھابە كىراملار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەزۋاجلىرى بىلەن پەردە ئارقىسىدىن سالاملىشاتتى ۋە مەسىلە سورايتتى .
ئەگەر بىر كىشى سالام بەرسە, ئۇنىڭ سالىمىنى ئەيلەك ئالماسلىق خىيانەت ۋە سالام قىلغۇچىنى كۆزگە ئىلمىگەنلىك بۇلۇپ گۇناھتۇر .
ئىنساننى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەڭ ئەۋزەل ۋە ئەڭ ياخشى ئىشلارنىڭ بىرى ئاچ قالغان كىشىنى تويغۇزۇش ۋە ئۇنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىشتۇر . ئاللاھ تائالا مۆمىنلەر ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ : ئۆزى مۇھتاج تۇرۇغلۇق, مىسكىنگە, يېتىمگە ۋە ئەسىرگە تائام بېرىدۇ ۋە ئۇلارغا» : سىلەرگە بىز اللەنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن تائام بې رىمىز, سىلەردىن ھېچقانداق مۇكاپات ۋە تەشەككۇر تەلەپ قىلمايمىز« دەيدۇ. ]سىرە ئىنسان:8 9 ئايەتلەر [
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ » : كىمكى ئاچ قالغان بىر مۆمىنگە تائام بەرسە، ئاللاھ ئۇنى جەننەتنىڭ مېۋىلىرى بىلەن تويغۇزىدۇ . كىمكى ئۇسساپ قالغان بىر مۆمىنگە سۇ بەرسە، ئاللاھ ئۇنى جەننەتنىڭ ساپ شارابى بىلەن سۇغىرىدۇ . كىمكى كىيىمسىز قالغان بىر مۆمىنگە كىيىم بەرسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ تونلىرىنى كېيگىزىدۇ ] «.ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى [
سەدىقىنىڭ پەزىلىتى ناھايىتى چوڭ ۋە ساۋابى بەك كۆپتۇر. بولۇپمۇ سەدىقىگە ھەقلىق بولغان كىشىنىڭ قولىغا چىشسە ئۇنىڭ ساۋابىنى ئاللاھ تائالا ئۆزى بىلىدۇ . سەدىقىنىڭ ئاز جېقى يوق . ئاز بولسۇن, كۆپ بولسۇن قولۇڭدىن قانچىلىك كەلسە شىنچىلىك بەرسەڭ بولىدۇ . كۆپ سەدىقە بېرەتتىم دەپ ئۆزىڭنى, ئائىلەڭنى قىيناش كېرەك ئەمەس . ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا چىن قەلبىڭدىن چىقىرىپ بەرگەن بىر تەڭگە , رىيا بىلەن بەرگەن مىڭ تەڭگىدىن ئەۋز ەلدۇر. ئۆز رىزقىڭدىن قىسىپ سەدىقە قىلساڭ بولىدۇ , ئەمما بالا چاقاڭنىڭ رىزقىنى قىسىپ سەدىقە قىلىش توغرا ئەمەس .
ھەر دائىم سەدىقە بېرىشكە , مۇھتاجلارغا ياردەم قىلىشقا ھېرىسمەن بولغىن. قولىڭدىن كېلىدىغاننى ئايىما. كىچىڭ يەتمەيدىغان ئىشنى قىلىمەن دەپ ئۆزىڭنى قىينىما . بېرىدىغان سەدىقىنى ئاز كۆرمە, ئاز بولسىمۇ بەرگىن. چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم : »يېرىم خورما بىلەن بولسىمۇ , دوزاخ ئوتىدىن ساقلىنىڭلار« دېگەن. دېمەك، سەدىقە ئىنساننى دوزاخ ئوتىدىن قۇتقۇزىدۇ . ياخشىلىقنى كىچىك كۆرمەسلىك كېرەك . بەزىدە كىچىك ئىشلار چوڭ ئىشلارغا سەۋەب بۇلۇپ قال .دۇى مال دۇنيا ئىگىسى پايدا ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ . مېلىنى پايدا چىقمايدىغان يەرگە بەرمەيدۇ .
شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنى سەدىقە قىلىشقا قزىقتۇرۇپ، سەدىقە قىلغانلىقنى ئۆزى بىلەن سودا قىلغانلىق دەپ كۆرسەتتى ۋە ئۇلارغا نەچچە ھەسسىلەپ پايدا بېرىدىغانلىقىنى، بىرنى بەرگەنگە نەچچە يۈز ھەسسە مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : كىمكى اللەغا قەرزى ھەسەنە بېرىدىكەن)يەنى ئاللاھ يولىدا پۇل مېلىنى سەدىقە قىلىدىكەن( ئاللاھ ئۇنىڭغا نەچچە ھەسسە كۆپ قايتۇرىدۇ . ] سىرە بەقەرە:245 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [ ئاللاھ تائالا
يەنە مۇنداق دەيدۇ :
اللەنىڭ يولىدا پۇل مېلىنى سەرپ قىلغ انلارنىڭ )سەرپ قىلغان نەرسىسى، يەرگە تېرىلىپ( يەتتە باشاق چىقارغان، ھەر بىر باشىقىدا يۈز دان تۇتقان بىر دانغا ئوخشايدۇ . ئاللاھ خالىغان بەندىسىگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىدۇ . اللەنىڭ مەرھەمىتى كەڭدۇر، ئاللاھ ھەممىنى بىلگىچىدۇر .] سىرە بەقەرە: 261 ئايەت [
سالام ۋە سەدىقە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە باي كەمبەغەل ئايرىمىنى تۆگىتىپ، ھەممە ئادەمنى ئوخشاش باراۋە قىلىدۇ ۋە ئىنسانلار ئارىسىدىكى قېرىنداشلىقنى كىچەيتىپ، ھەممە بىر بىرىگە دوست ئىناق بىر جەمئىيەت بەرپا قىلىدۇ . دوستلۇق ۋە ئىناقلىق ئومۇملاشقان جەمئىيەتتە تەرەققىيات ئىلگىرىلەش، ئالغا بېسىش بۇلۇپ ھەممە خوشال خورام ھايات كەچىرىدۇ .
ئاللاھ تائالا بىز مۇسۇلمانلارنى ئىتتىپاق، ئىناق بۇلۇپ، بىر بىرىگە يار يۆلەك بولىدىغان، بايلار نامراتلارنى كەمسىتمەيدىغان، نامراتلار بايلارغا ھەسەت قىلمايدىغان مۆمىنلەردىن قىلسۇن بەر . گەن سەدىقىلىرىمىزنى رىيادىن ساقلاپ ئۆز دەرگاھىدا قوبۇل قىلسۇن. ئامىين !
ھەزرىتى ئەبۇ ھىرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى, جانابى رەسۇ لۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن : »كىمكى اللەغا ۋە قىيامەت كىنىگە ئىشىنىدىكەن مېھمىنىنى ھۆرمەتلىسۇن, كىمكى اللەغا ۋە قىيامەت كىنىگە ئىشىنىدىكەن سىلە رەھىم قىلسۇن , كىمكى اللەغا ۋە قىيامەت كىنىگە ئىشىنىدىكەن ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى سۇكۇت قىلسۇ ن.« ]بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت، ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى: 5996[
بۇ ھەدىس ئىچ خىسلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ خىسلەتلەرنىڭ مۇسۇلمانلار ھاياتىدا قانچىلىك ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكى تەكىتلەپ , ھەر بىر خىسلەتنى ئىمان بىلەن بىرلەشتىرىپ تىلغا ئالدى .
1 خىسلەتېم :ھماننى ھۆرمەتلەشې م .ھماننى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇنىڭغا ئىززەت ئىكرام قىلىپ ياخشى كىتىۋىلىش ئىسلامىي ئەخلاق ، ئىنسانىي پەزىلەتتۇر . ئىسلامنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا مۇسۇلمانلار ئاز ۋە مەئىشەت قىيىن بولغانلىقى ئۈچۈن , ئۆيگە كەلگەن مېھماننى ئىززەت ئىكرام بىلەن مېھمان قىلىش ۋاجىب ئىدى. كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىپ, تۇرمۇشتا پاراۋان بولغاندىن كېيىن ۋاجىب ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ سىننەت بولدىېم .ھمانغا ئىكرام قىلىش ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سىنن ۋە ىتىئادىتىدىندۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ : ئى مۇھەممەد ! ساڭا ئىبراھىمنىڭ ھۆرمەتلىك مېھمانلىرىنىڭ خەۋىرى يەتتىمۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئىب راھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ »سالام « دېدى . ئىبراھىم سالامنى ئ ەيل ەك ئالدى )ئىچىدە ( »ناتونۇش ئادەملەرغۇ « دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا ئائىلىسىگە چىقىپ پىشۇرۇلغان بىر سېمىز مۋزاينى ئېلىپ كىرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ » : يېمەمسىلەر« دېدى .] سىرە زارىيات: 24 27 ئايەتلەر [
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مېھماندوستلىقى قۇرئان كەرىمدە مانا مۇشۇنداق زىكىر قىلىندى .
يەنە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمىشە بىر كەمبەغەل بىلەن تاماق يەيدىغانلىقى , ئەگەر ئۆيىگە مېھمان كەلمىسە كوچىغا چىقىپ مېھمان ئىزدەيدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ .
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە بىر ھەدىس » : تەنامازنى ئادا قىلغان ، زاكاتنى بەرگەن, رامىزان روزىسىنى تۇتقان ۋە مېھمانغا ئىكرام قىلغان كىشى جەننەتكە كىرىدۇ.« دېگەن .
مېھماننىڭ ھەققى بىر كىن , بەزى رىۋايەتلەردە ئىچ كىندۇر . ئۇنىڭدىن ئوشۇقى سەدىقە بولىدۇ .
مېھمانغا خ ۇشاللىق بىلەن ئىشىك ئېچىشئ , ۇنىڭغا ياخشى تاماقلارنى تەقدىم قىلىشېم ,ھمانغا ناھايىتى ئوچۇق چىراي ۋە تەبەسسۇم بىلەن چىرايلىق مۇئامىلە قىلىپ , كۆڭلىنى ئېلىش , قازان قۇمۇشلارنى تاراقلىتىپ ئىشلەتمەسلىك, بالىلىرىغا ۋارقىرىماسلىق, ئۆزى كەمبەغەل، يوقسۇل بولسىمۇ, ئۆيىدە بار نە رسىنى ئاز كۆرمەستىن ۋە بېخىللىق قىلماستىن مېھماننىڭ ئالدىغا قويۇش لازىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ھەدىس تەمۇنداق دېگەن» : ئۆيىگە مېھمان كىرسە, ئۆيىدە بار نەرسىنى ئاز دەپ مېھماننىڭ ئالدىغا قويمىغان كىشى ھالاك بولسۇن , ئالدىغا قويۇلغان نەرسىنى ئاز كۆرىپ ياراتمىغان مېھمان ھالاك بولسۇن ] «.ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى [
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە » : ئالدىغا قويۇلغان نەرسىنى ياراتماسلىق, ئۇنىڭ ئوسال ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.« دېگەن .
دېمەك، ساھىبخان ئۆيگە كەلگەن كىشىنى ھۆرمەتلەپ, قولىدىن كېلىشىچە ياخش ى مېھمان قىلىشى، ئۆيىمدە بار نەرسىنى مېھماننىڭ ئالدىغا قويغىلى بولمايدۇ دېمەسلىكى , مېھمان بۇلۇپ كەلگەن كىشىمۇ ساھىبخاننى ئەيىبلىماسلىقى ۋە ئالدىغا قويۇلغان نېمەتلەرنى خور كۆر مەسلىكى لازىم. بۇنداق بولغاندا ھەم ئۆي ئىگىسى كەلگەن مېھماننى كۆڭىل راھەتلىكى بىلە ن چىرايلىق ئۇزىتىدۇ ۋە ھەم مېھمانلار خ شالۇخورام ئۆيلىرىگە قايتىدۇ . ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ئۆيگە كەلگەن مېھمان ساھىبخانغا بالا بولىدۇ. چۈنكى ئۇ مېھمانغا ئەرزىتىمەن دەپ قەرزگە گىرىپتار بولىدۇ.
ساھىبخان مېھماننى، مېھمان ساھىبخاننى بىر بىرىنىڭ ئارقىسىدىن قارغاپ غەيۋىتىنى قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلىق ۋە ئىناقلىققا تەسىر يېتىدۇ .
2 خىسلەت: سىلە رەھىم قىلىش ئۇ . يېقىنىي راق ئۇرۇق تۇغقانلار ئۆزئارا بىر بىرىنى يوقلاشبىر , بىرىگە خەيرىېئ ھسان قىلىش بىر , بىرىنى ھۆرمەتلەشتىن ئىبارەتتۇر . ئاللاھ تا ئالا
ئۇرۇق تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن :
تۇغقانغا, مىسكىنگە, مۇساپىرغا )خەيرى ساخاۋەتتىن( ھەققىنى بەرگىن , پۇل مېلىڭنى كىرەكسىز بۇزۇپ چاچمىغىن. ]سىرە ئىسرا: 26 ئايەت [
ئاللاھ تائالا ئۇرۇق تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىشنى ئادالەت ۋە ئىھسان بىلەن بىرلە شتىرىپ مۇنداق دەيدۇ : ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىل بولۇشقا, ياخشىلىق قىلىشقا, خىش ئەقرىبالارغا سىلە رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ . قەبىھ سۆز ھەرىكەتلەردىن, يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن توسىدۇ .
نەسىھەتنى قوبۇل قىلسۇن دەپ, ئاللاھ سىلەرگە پەند نەسىھەت قىلىدۇ. ]سىرە نەھل: 90 ئايەت [
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە بىر ھەدىس» : تەكىمكى رىزقىنىڭ كەڭ , ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى خالىسا, سىلە رەھىم قىلسۇن« دېگەن .
سىلە رەھىم قىلىش بىلەن خىش ئەقرىبالار ئوتتۇرىسىدا مىھرى مۇھەببەت, دوستلۇق كىچىيىدۇ ۋە تۇغقانلىق رىشتىسى مۇستەھكەملىشىدۇ . ئاداۋەت دىشمەنلىك بولمايدۇ . بىر بىرىگە يېقىندىن ياردەملىشىپ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىدۇ. ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ” : تۇغقانلىرىڭغا ئىززەت ئىكرام قىلغىن, چۈنكى ئۇلار سېنىڭ ئۇچىدىغان قانىتىڭ, قىيىنچىلىقتا ياردەمچىلىرىڭدۇر . ئۇلارغا ھۆرمەت قىلغىن , كېسەل بولسا يوقلىغىن , ئىشلىرىڭغا ئۇلارنى ئورتاق قىلغىن, قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلغىن “.
ئائىلەڭ ۋە خىش ئەقرىبالىرىڭنىڭ سەندىكى ھەققى : كېسىلىنى يوقلاش , كەمبىغىلىنى ھىمايە قىلىش , كىچىكىگە رەھىم شەپقەت قىلىش , يېتىملىرىغا كېپىل بولۇش , چوڭلىرىنى ھۆرمەتلەش, ئۇلار ساڭا ئەسكىلىك قىلسىمۇ, ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش , ئۇلار سەندىن يىراقلاشسا سەن ئۇلارغا يېقىنلىشىشتۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم» : ياخشىلىق قىلغان غاياخشىلىق قىلىش سىلە رەھىم قىلغانلىق ئەمەس, بەلكى سەندىن يىراقلاشقان تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىش سىلە رەھىم قىلغانلىقتۇر « دەيدۇ . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە» : ئەڭ تىز مۇكاپاتى بېرىلىدىغان ياخشىلىق سىلە رەھىم قىلىش ۋە خەيرى ساخاۋەت قىلىشتۇر. ئەڭ تىز جازاسى بېرىلىدىغان يامانلىق زۇلۇم قىلىش ۋە تۇغقانچىلىقنى ئىزىشتۇر« دەيدۇ .
3 تىلىنى ساقلاش . ئىنساننىڭ بېشىغا كېلىدىغان ھەر قانداق ھالاكەت ۋە بالا ئاپەتلەر ئۇنىڭ تىلىدىن كېلىدۇ . ئىنساننىڭ تەقدىرى تىلىغا باغلىق . تىلىنى تۇتقان ئامان بولىد ۇ، تىلىنى قويۇپ بەرگەن ھالاك بولىدۇ . ئاتىلىرىمىزمۇ مىڭ ” ئويلاپ بىر سۆزلە “ دەپ بېكار ئېيتمىغان . كۆپ سۆزلەش ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ خىسلىتى ئەمەس . ھۆكىمالار ”سۆزلەش كىمىش بولسا , سۇكۇت قىلىش ئالتۇندۇر“ دېگەن .
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مىراجغا چىققان دا كىچىك بىر يىلاننىڭ ئىچىدىن چوڭ بىر ئۇي چىقىپ، ھەر قانچە قىلىپمۇ قايتىپ كىرىپ كېتەلمەيۋاتقىنىنى كۆرىپ، بۇ »
نېمە؟« دەپ سورىدى . ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بېرىلدى ” : بۇ ئىنساننىڭ ئاغزىدىن چىققان يامان سۆزنىڭ مىسالى بۇلۇپ، ئۇنى ھەرگىز قايتۇرۇپ ئالالمايدۇ “.
ئىنسان قىيامەت كۈنى ھەسرەت نادامەت كەلتىرمەيدىغان سۆز قىلىشى كېرەك . ئاللاھ تائالا ئىنسانغا كۆپ ئاڭلىسۇن، ئاز سۆزلىسۇن دەپ ئىككى قۇلاق بىر تىل ياراتقان . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن » : ئىلمىغا ئەمەل قىلغان، مېلىنىڭ ئارتۇقىدىن سەدىقە قىلغان ۋ كۆپ سۆزلەشتىن تىلىنى تۇتقان كىشىگە خۇشخەۋەر .« كېرەك بولغاندا مەقسەتنى ئۇقتۇرغىچىلىك سۆزلەش, پايدىسىز ئارتۇق سۆزلەردىن تىلىنى يىغىش پەزىلەتتۇر . لېكىن بىر نەرسە سورىغان كىشىگە ئۆز لايىقىدا جاۋاب بەرمەسلىك تەكەببۇرلۇقتۇر .
كشىلەرگە پايدىلىق پەند نەسىھەتلەرنى قىلىش, بىلگىنىنى بىلمىگەنلەرگە ئۆگىتىش, قۇرئان تىلاۋەت قىلىش , غاپىللارنى ئاگاھلاندۇرۇش, ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلىش ۋە كۆپ دۇئا قىلىش ياخشى سۆز قىلغانلىق بۇلۇپ, ساۋابى كۆپتۇر . ئەمما يالغان سۆزلەش , غەيۋەت شىكايەت قىلىش , گەپ توشۇش, يالغان گۇۋاھلىق بېرىش, كىشىلەرنى تىللاش, لەنەت ئوقۇش, يالغان تۆھمەت چاپلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى گۇناھى كەبىرە بۇلۇپ, جازاسى ئېغىردۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ئى مۆمىنلەر! اللەدىن قورقۇڭلار، توغرا سۆز قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى تىزەيدۇ )يەنى سىلەرنى ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ (، گۇناھلى رىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، كىمكى اللەغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا، زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ.] سىرە ئەھزاب:70 71 ئايەتلەر [
» ،ئىنساننىڭ ئوڭ تەرىپىدە ۋە سول تەرىپىدە ئولتۇرۇپ خاتىرلەيدىغان ئىككى پەرىشتە بارئىنسان قانداق بىر سۆزنى قىلمىسۇن، ئۇنىڭ ئالدىدا ھامان پەرىشتە ھازىر بۇلۇپ، كۆزىتىپ تۇرىدۇ .« ]سىرە قاف: 17 18 ئايەتلەر [
ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى توغرا يولدا ماڭغىلىسىبېن قىلسۇن. ئامىين !
37 ھەدىس ئىجازەت سوراشنىڭ زۆرىرلىكى توغرىسىدا ئەنسارلاردىن ھەزرىتى ئەبى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ ” : ئەنسارلاردىن ئەبۇ شۇئەيب ئىسىملىك بىر كىشى بۇلۇپ، ئۇنىڭ قاسساپ خىزمەتچىسى بار ئىدى . ئۇ خىزمەتچىسىگە ”ماڭا بەش كىشىلىك تائام تەييارلاپ بەرگىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى چاقىرىمەن“ دېدى. كېيىن ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى بەش كىشىلىك تائامغا چاقىردى، ئۇلارغا ئالتىنچى بىر كىشى ئەگىشىۋالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تائامغا چاقىرغۇچىغا» : بۇ بىزگە ئەگىشىپ كەلدى، خالىساڭ ئىزىن بېرىسەن، خالىساڭ قايتۇرىۋىتىسەن « دېدى. ھېلىقى كىشى ”ئىزىن بېرىمەن“ دېدى ] “.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى: 5307[
ئىزاھات:
ئەدەب ئەخلاق ئۇستازى بولغان ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ھەدسىز سالام بولسۇنكى، بىزگە بارلىق ئىشلىرىمىزدا ئەڭ پەزىلەتلىك ئەخلاقلارنى ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئىگەتتى . مانا بۇ ھەدىستە ساھابە كىراملاردىن بىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۆيىگە تائامغا دەۋەت قىلغان بۇلۇپ، تائامنىڭ پەقەت بەش كىشىگىلا يېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويغان . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋەت قىلىنغان ئۆيگە ماڭغاندا، نامرات ساھابىلاردىن بىرى بىرگە ئەگىشىپ ماڭغان . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا گەپ قىلماي ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە، ئۆي ئىگىسىگە ئەھۋالنى بايان قىلىپ : مۇنۇ كىشى بىزگە ئەگىشىپ كەلدى، خالىسا ڭ ئىجازەت بېرىپ مىھمان قىلىسەن، خالىساڭ قايتىپ كېتىدۇ، دېدى .
بۇ ھەدىستىن تۆۋەندە بىر نەچچە مەسىلىنى بىلىۋالالايمىز :
1 مېھمانغا چاقىرىلغان يەرگە باشقا بىر كىشىنى ئەگەشتىرىپ بارماسلىق. چۈنكى ئۆي ئىگىسى سىز ئېلىپ بارغان كىشىنى ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن، ياكى ئۆ ي ئىگىسىنىڭ تەييارلىغان تائاملىرى چەكلىك بولۇشى مۇمكىن . بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا چاقىرىلمىغان بىر مېھماننى ئەگەشتىرىۋېلىش، ئۆي ئىگىسىگە ئەزىيەت بەرگەنلىك بولىدۇ .
2 ئەگەر چاقىرىلغان يەرگە باشقا بىر كىشىنى بىرگە ئېلىپ بېرىش توغرا كېلىپ قالسا، ئۆي ئىگىسىگە خە ۋەر بېرىپ ئىزىن ئېلىش كىرەك . چۈنكى ئۆيىگە كىمنى چاقىرىش، كىمنى چاقىرماسلىق ئۇنىڭ ھەققى .
3 رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىگە ئەگىشىپ ماڭغان كىشىگە ھېچنەرسە دېمىدى. پەقەت بارىدىغان يەرگە بېرىپ بولغاندا ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىختىيارىغا قويدى . بۇنىڭدا ئىككى نەرسە مەقسەت قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ بىرى ئەگىشىپ ماڭغان كىشىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمەسلىك . ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا بىز بىلەن بىرگە ماڭمىغىن، دېگەن بولسا، ئۇ كىشىنىڭ كۆڭلى قاتتىق رەنجىيتتى، چۈنكى ئۇ يەيدىغان نەرسە تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن نا ئىلاج ئەگىشىپ ماڭغان ئىدى. يەنە بىرى يامان گۇمانغا يول قويماسلىق . چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئۇنى بىرگە مېڭىشتىن توسقان تەقدىردە، ھېلىقى كىشىنىڭ كۆڭلىدە رەسۇلۇللاھ تائامدىن قىزغىنىپ، مېنى توستى دېگەندەك يامان گۇمانغا چىشىپ قېلىش ئارقىلىق گۇناھكار بولۇش ئېھتىمالى . بارشۇڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ كىشىگە رۇخسەت بېرىش ياكى بەرمەسلىك ئىشىنى ئۆي ئىگىسىگە قويدى . مانا بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھىكمەتلىك ئىش قىلىدىغانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى .
ئەمدى تۆۋەندە ئۆيگە كىرگەن مېھمان رىئايە قىلىشق ا تىگىشلىك بەزى ئىشلارنى ئېيتىپ ئۆتىمىز: باشقا بىرىنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بارغان كىشى ئۆينىڭ ۋە ئىگىسىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىشى، دەستۇرخانغا تائام قويۇلغاندا يېمەك ئىچمەك ئادابىغا ئەمەل قىلىشى لازىم . ئالدى بىلەن قولىنى يۇيىشى، ئاندىن بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىيم دەپ يېيىشى، ئۆزىنىڭ ئالدىدىن يېيىشى ۋە ئوڭ قولى بىلەن يېيىشى كېرەك . باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى نەرسىگە قول ئۇزاتماسلىقى، لىگەننىڭ ئوتتۇرىدىكى نەرسىنى ئالماسلىقى، باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى تائامغا قارىماسلىقى، تاماق يېگەندە كۆپ كىلمەسلىكى، تاماقنى تىز تىز يەپ ھەممىدىن ئاۋۋال دەستۇرخاندىن قوپۇپ كەتمەسلىكى، بەك ئاستا بۇلۇپ ھەممىنىڭ ئارقىسىدا قالماسلىقى لازىم .
دەستۇرخاندا ئولتۇرۇپ كېكىرمەسلىك، ئاغزىغا ئېلىپ بولغان نەرسىنى قايتۇرۇپ چىقارماسلىق، قوشۇقتا ياكى ئارىدا تاماق يەيدىغان كىشىلەرنىڭ قېشىدا قولىدا تاماق يېمەسلى ك، بىرى بىر نەرسە ئۇزاتسا قولىنى قايتۇرماسلىق، ئالدىغا قويۇلغان نەرسىنى ”مەن بۇنى يېمەيمەن ياكى ياقتۇرمايمەن “ دېمەسلىك، چىشىنى كۋلىماقچى بولسا بېشىنى بىر تەرەپكە قايرىپ ياكى بىر قولى بىلەن ئاغزىنى توسۇپ تۇرۇپ كۋلاش، چىشىنىڭ ئارىسىدىن چىققان نەرسىلەرنى كىشىلەر كۆرمەيدىغان بىر يەردە قويۇش، تاماق يېگەندە ياكى چاي ئىچكەندە ئاۋاز چىقارماسلىق قاتارلىق ئىشلار دەستۇرخان ئادابلىرىدىن بۇلۇپ، مېھماندارلىققا بارغان كىشى بۇلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك .
بىر پىيالە چايغا بولسىمۇ چاقىرىقنى قوبۇل قىلىش، چاقىرغان يەرگ ە باشقىلارنى ئەگەشتۇرۇپ بارماسلىق، ئۆي ئىگىسى بولغان كىشىمۇ چاقىرماستىن كېلىپ قالغان مېھماننى قايتۇرماسلىق، ئەگەر بىرلا ۋاقىتتا ئىككى يەرگە چاقىرىپ قالغان بولسا، بىرىنچى قېتىم چاقىرغان يەرگە ئاۋۋال بېرىش، ساھىبخانلارنىڭ كەلگەن مېھمانلارنى ئىززەت ئىكرام بىلەن خۇش چىراي قارشى ئېلىشى، قۇربى يېتىدىغان ياخشى نەرسىلەرنى تەقدىم قىلىشى لازىم .
ئۇرۇق تۇغقان، يېقىن يورۇق، ئەل ئاغىنەلەر بىر بىرىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، يېمەكلىرىنى يېسە، ئۆي ئىگىسىنى بىئارام قىلمىغان ھالدا خالىغان ۋاقتىدا بارسا بولىدۇ ۋە خالىغىنىنى يېسە بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ خىزمەتچىسى بۇرەيرەنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇ ئۆيدە بولمىسىمۇ تائاملىرىنى يەيتتى . ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ : )ئى مۆمىنلەر!( سىلەر ئۆز ئۆيىڭلاردا )يەنى بالىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە( ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ئانىلىرىنىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ھەمشىرەڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاتاڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاناڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا سىلەر ئاچقۇچلىرىنى باشقۇرىدىغانلارنىڭ ئۆيلىرىدە )يەنى ئۆي ئىگىسى سىرتقا چىقىپ كېتىپ، ئۆي بىلەن ئاچقۇچنى سىلەرگە تاپشۇرغانلارنىڭ ئۆيلىرىدە (، يا دوستلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە )ئىجازەتسىز( بىرەر نەرسە يېسەڭلار گۇناھ يوقتۇر . سىلەر توپلىشىپ يېسەڭلارمۇ، يا يەككە يېسەڭلارمۇ گۇناھ يوقتۇر . سىلەر ئۆيلەرگە كىرگەن چېغىڭلاردا ئۆزەڭلارغا الل ە بەلگىلىگەن مۇبارەك، پاك سالامنى بېرىڭلار )يەنى ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم دەڭلار (، ئاللاھ سىلەرنى چىشەنسۇن دەپ ئايەتلەرنى مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ .] سىرە نۇر: 61 ئايەت [
ئاللاھ تائالا بىزنى ئىسلامى ئەخلاق بىلەن ئەخلاقلىنىپ، ناچار قىلىقلاردىن يىراق تۇرغىلى نىسىپ قىلسۇن. ئامىين !
ئىزاھات تېكىستى كىرگۈزۈلمىگەن.
ھەزرىتى ئەبۇ مۇسا ئەشئە رى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى , جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : ئىزىن سوراش ئىچ قېتىم بولىدۇ , ئىزىن بەرسە كىرگىن, بولمىسا قايتقىن ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت. ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى:5583[
بىراۋنىڭ ئۆيىگە ۋە خۇسۇسىي ئورۇنلارغا كىرىش ئۈچۈن ئۆي ئىگىسىدىن رۇخسەت سوراش , ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئەمرى قىلغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەشەببۇس قىلغان پەزىلەتلىك
ئەخلاقتۇر . ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ :
»ئى مۆمىنلەر ! باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىشكە ئىجازەت سورىمىغىچە ۋە ئۆي ئىگىسىگە سالام بەرمىگىچە كىرمەڭلار . بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر ۋەز . نەسىھەت ئالغايسىلەر . ئەگەر باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىدە ھېچ ئادەم بولمىسا سىلەرگە ئىج ازەت بېرىلمىگىچە كىرمەڭلار , ئەگەر سىلەرگە قايتىڭلار دېيىلسە, قايتىپ كېتىڭلار , قايتىپ كېتىش سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر . ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ قىلىدىغان ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر ] «.سىرە نۇر: 27 28 ئايەتلەر [
ئىجازەت سوراشنى ۋاجىب قىلىشنىڭ ھىكمىتى ۋە ئۇنىڭدىن مەقسەت شۇكى , ئىنسان بەزىدە باشقىلارنىڭ كۆرىشىنى خالىمايدىغان ھالەتتە بولىدۇ. ئۇ مەخپى بىر ئىش قىلىۋاتقا ن ياكى ئەر خوتۇن بىرگە بولغان ياكى تىببى دورا قىلىۋاتقان ھالەتتە بۇلۇپ , بۇنداق ھالەتتە بالىسى ياكى ئاتا ئانىسى ياكى دوستى ياكى خىزمەتچىسى ئىجازەت سورىماستىن ئىسسىپ كىرىشى ھەر ئىككى تەرەپنى خىجىل قىلىدۇ . بەزىدە تەرەپلەر ئارىسىدا دىشمەنلىك تۇغدۇرىدۇ . شۇڭلاشقا تالادىن كىرگەن كىشىمۇ, ياكى ئۆينىڭ ئىچىدە بىر بىرىنىڭ ھوجرىسىغا كىرمەكچى بولغان كىشىمۇ , ئىسسىپ كىرىۋەرمەستىن ئىجازەت سوراپ كىرىشى كېرەك .
بىر ئادەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپيا ” : رەسۇلەللاھ!
ئانامنىڭ قېشىغا كىرىش ئۈچۈن ئىجازەت سورايمەنمۇ؟“ دەپ سورىغاندا, رەسۇلۇللاھ» : ئىجازەت سورايسەن دەپ « جاۋاب بەرگەن. ئۇ ئادەم” : ئانامنىڭ مەندىن باشقا خىزمەتچىسى يوق , ئۇنىڭ قېشىغا ھەر قېتىم كىرىشىمدە ئىجازەت ئالىمەنمۇ؟“ دېگەندە, رەسۇلۇللاھ: » ئاناڭنى يالىڭاچ ھالەتتە كۆرىشنى خالامسەن؟ « دېدى. ئۇ كىشى: ”ياق“ دېۋىدى, رەسۇلۇللاھ» : ئۇنداق بولسا ئىجازەت ئالىسەن« دېدى .
ئىجازەت سوراش سالام بېرىش , ئىشىكنى قېقىش ياكى ئۆي ئىگىسىنى چاقىرىش بىلەن بولىدۇ. ئۆينىڭ ئىشىكىنى قاققاندا , ئىشىك ئالدىدا تۇرماستىن يان تەرەپتە تۇرۇش كېرەك .
ئىشىكنى قاققاندا ئاستا قېقىش لازىم . ئۆيدىكىلەرنى بىئارام قىلىدىغان شەكىلدە قاتتىق ئىشىك قاقماسلىق, ئىشىك ئېچىلغاندا ئۆيگە كىرىشكە رۇخسەت بېرىلىپ بولغىچە كىرمەسلىك ۋە ئىشىكنىڭ ئىچىگە قارىماسلىق كېرەك . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ : »بىراۋنىڭ ئۆيىگە ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز مارىلاپ قارىغان كىشىنىڭ كۆزىنى قۇيىۋەتسە , ئۇنىڭغا دىيەتمۇ كەلمەيدۇ، قىساسمۇ ئېلىنمايدۇ.« قارغۇ كىشىمۇ باشقىلارنىڭ ئۆيىگە ئىجازەتسىز كىرمەسلىكى كېرەك. چۈنكى ئۇنىڭ كۆزى كۆرمىگەن بىلەن, بەزى مەخپىيەتلىكلەرنى ئاڭلاپ قېلىشى مۇمكىن .
ئوچۇق يەردە تۇرغان بىر كىشى يا كى كۆپ كىشىلەرگە سالام بېرىشتە , يېراقتىن سالام بېرىش كېرەك. چۈنكى ئۇنىڭ قولىدا باشقىلارنىڭ كۆرىپ قېلىشىنى خالىمايدىغان بىر ەر نەرسە بولۇشى مۇمكىن. ياكى كىشىلەر ئۆزئارا سىرلىرىنى سۆزلىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. خەۋەرسىز قېشىغا كېلىپ كۆرىدىغاننى كۆرىپ, ئاڭلايدىغاننى ئاڭلاپ بۇلۇپ سالام بېرىش توغرا ئەمەس .
ئۆيگە كىرىشكە ئىجازەت سوراشنىڭ ۋاجىبلىقى, ھەممە نەرسىگە رۇخسەت سوراشنىڭ ۋاجىبلىقىنى تەقەززا قىلىدۇ . مەسىلەن: بىر ئادەم بىر نە رسە يېزىۋاتقان بولسا , ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كېلىپ يېزىۋاتقان نەرسىسىنى ئوقۇش , باشقىلارغا كەلگەن خەت چەك ۋە باشقا ماتىرىياللارنى ئېچىپ ئوقۇغان ئادەمنىڭمۇ كۆزىنى ئويىۋەتسە بولىدۇ .
بەزى ئەھۋاللاردا رۇخسەت سوراش ۋاجىب بولمايدۇ. مەسىلەن: بىر ئۆي ياكى دوكاندىن ئاد ەتتىن تاشقىرى ئوت چىقسا , ئۇنى كۆرگەنلەر دەرھال ئۆيگە كىرىپ , ئۆيدىكى ئىنسانلارنى ۋە مال مىلكنى قۇتقۇزۇش كېرەك. بۇنىڭغا ئىجازەت ئېلىش كەتمەيدۇ . شۇنىڭدەك, ئەگەر بىر ئۆيدە ئىنسانلار توپلىشىپ قىمار ئويناش ۋە باشقا شەرىئەتكە خىلاپ ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولسا, ئۇ ئۆيگە ئىجازەتسىز كىرىپ يامان پاھىشە ئىشلارنى يوقىتىش كېرەك .
دوكان, بازار ۋە ئۆي قاتارلىق يەرلەردە گەپ تىڭشاش, جاسۇسلۇق قىلىش شەرىئەتتە ئىنتايىن ئېغىر گۇناھتۇر. گەپ تىڭشىغان كىشىلەرنىڭ قۇلىقىغا قىيامەت كۈنى قوغۇشۇن قۇيۇلىدۇ .
بىرەر ئۆيگە كىرىشكە ئىجازەت سورىغاندا , ئىجازەت بېرىلمىسە خاپا بولماستىن قايتىش كېرەك . بۇ ئىسلامىي ۋە ئىنسانىي پەزىلەت بۇلۇپ رقۇ , ئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفلەردە بىزگە بۇيرۇلغاندۇر .
ئەپسۇسكى بىز بۇ گىزىەل ئەخلاقنى ئۆزىمىزگە ئۆزلەشتىرمەي قالاقلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. ھالبۇكى ياۋرۇپالىقلار بىزنىڭ بۇ پەزىلىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆرپەە ئادەتكە ئايلاندۇرغان. مانا ئەمدى بۇ ئىسلامىي پەزىلەت ”ياۋرۇپا مەدەنىيىتى “ بۇلۇپ ئالدىمىزغا چىقماقتا . قۇرئان ھەدىسنى قاتلاپ قويۇپ , ياۋرۇپالىقنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ كېتىۋاتقان بەزى ئەخمەق مۇسۇلمانلار, ياۋرۇپادا ئۆيگە كىرسە رۇخسەت سوراپ كىرىدىغان , بىر ئۆيدىكىلەر بىر بىرىنىڭ مەخسۇس ھوجرىلىرىغا كىرىشتە ئىجازەت ئالىدىغان , رۇخسەت بەرسە كىرىدىغان , بولمىسا كىرمەيدىغان, بىرسىنىڭ ئۆيىگە بارماقچى بولسا ئالدىدىن تېلىفۇن ئېچىپ خەۋەرلىشىپ بارىدىغان شۇنداق ياخشى ئادەت بار ئىكەن . بىزمۇ ئاشۇ مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك دەپ داۋراڭ سالماقتا .
بۇ نېمىدېگەن ئېچىنىشلىق ئەھۋال ! پەن تەخىنىكىدا ئارقىدا قالغاندەك , ئۆرپ ئادەت ۋە مەدەنىيەتتىمۇ غەيرى مۇسلىملارنىڭ ئارقىسىدا قېلىش , ئۇلارنىڭ ئادەتلىرىگە تەلمى رىش نېمىدېگەن نۇمۇس, نېمىدېگەن رەسۋالىق !؟ بىز قاچان ئۆزىمىزنى تىزىپ قۇرئان ھەدىسقا ئەمەل قىلىمىز ؟ قايسى ئايەت ۋە قايسى ھەدىس مۇسۇلمانلارنىڭ بىگىنكى ئەخلاقىنى ۋە مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىدۇ؟
ئىسلامنى ياخشى ئىگەنمەي , ئۇنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئوبدان چىشەنمەي , قۇرئان ئەخلاقىنى ئۆزىمىزگە ئۆزلەشتىرمەي , كونا قالاق ۋە خۇراپىي ئۆرپە ئادەتلەرگە ئېسىلىۋىلىپ , مەن مۇسۇلمان دەپ دەۋا قىلىش , مۇقەددەس ئىسلام دىنىنى كىرلەتكەنلىك , غەيرى مۇسلىملارنىڭ ئالدىدا ئىسلام دىنىنى مەدەنىيەتسىز, مەينەت, كىشىلەرنىڭ ئالدىنى توسۇپ ئىلىم پەندە تەرەققى قىلغىلى قويمايدىغان, 21 ئەسىرگە يارىمايدىغان ئارقىدا قالغان قالاق بىر دىن قىلىپ كۆرسىتىش بۇلۇپ , بۇنىڭ جازاسى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خارلىققا قېلىشتۇر . مۇسۇلمانلارنىڭ بىگىن خارلىققا قېلىشىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى مانا مۇشۇ بولماي نېمە؟ !
ئىسلامدىكى پەزىلەت ۋە گىزەل ئەخلاق ھېچقانداق دىن ۋە مىللەتتە يوق . ھېچقانداق بىر دىن ئىنسانلارنى ئىسلامدە ك ئىلىم پەنگە چاقىرمايدۇ . بۇ ئاساسى يوق قۇرۇق دەۋا ئەمەس . سۆزىمىزنىڭ راستلىقىنى قۇرئان ھەدىس ئۆزى ئىسپاتلايدۇ. ئەمما كىشىلەر قۇرئان ھەدىسنى تەتقىق قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنىغا , مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپلا ئىسلامغا باھا بېرىدۇ . ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق باھا بېرىشىگە قۇرئان ھەدىسنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ئىش ئېلىپ بارمىغان ۋە ھاياتىمىزنى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىگە بويسۇندۇرماي شەيتاننىڭ ئەمرىگە بويسۇندۇرغان بىز مۇسۇلمانلار سەۋەبچى .
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلار !
ھەقىقەتنى كۆرەيلى . قۇرئان ئەخلاقىنى ئۆزىمىزگە ئىلگە قىلايلى . خۇراپاتنى تاشلاپ بىلىمگە ئەمەل قىلايلى . كامىل مۇسۇلمان بولساق ھېچقاچان خارلانمايمىز . مۇنداق ئېتى بار جىسمى يوق چالا مۇسۇلمان بولسا ق ھەر ئىككى ئالەمدە خ ارلىقتىن قۇ رتۇلالمايمىز . ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز خار قىلمايلى .
ئاللاھ تائالا بىزلەرنى توغرا يولدا مېڭىشقا مۇۋەپپەق قىلىپ , دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئېزىز قىلسۇن . ئامىين !
ھەزرىتى سەئىد ئەبۇ شۇرەيھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى , پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ » : بىلەن قەسەمكى مۆمىن بولمايدۇ , ئاللاھ بىلەن قەسەمكى مۆمىن بولمايدۇ , ئاللاھ بىلەن قەسەمكى مۆمىن بولمايدۇ« دېدى. ساھابىلار” : كىم يارەسۇلۇللاھ؟ دەپ “سورىغاندا, رەسۇلۇللاھ» : قوشنىسى ئۇنىڭ زۇلمىدىن خاتىرجەم بولالمىغان ئادەم دەپ « جاۋاب بەردى ] .بۇ تېكىست بۇخارىغا ئائىت، ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:5878 [ ،ئىمام مسلىمنىڭ رىۋايىتىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : قوشنىسى ئۇنىڭ زۇلمىدىن خ اتىرجەم بولالمىغان ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ« دېگەن .
تەرجىمىسى :
ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدھن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : كىمكى بىر قەۋمنىڭ ئۆيىگە رۇخسەتسىز مارايدىكەن، ئۇلارغا ئۇ ئادەمكنىڭ كۆزىنى ئويىۋىتىش ھالال بولىدۇ ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت. ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى: 5592[
ئىسلام قوشنا ھەققىنى ناھايىتى چوڭ ۋە مۇھىم ھەقلەردىن ھېسابلايدۇ. چۈنكى ئىسلام قوشنىنى يېقىن تۇغقانغا ئوخشاش كۆرىدۇ . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ھ ەدىس دا ىمۇنداق دەيدۇ» : جىبرىيل ماڭا قوشنا ھەققى توغرىسىدا شۇنداق كۆپ تەۋسىيە قىلدىكى, مەن قوشنا قوشنىسىدىن مىراس ئالىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالدىم .« ئىسلام ئاللاھ تائالاغا ۋە قىيامەت كىنىگە ئىمان كەلتىرىشنىڭ كامىل بولۇشى ئۈچۈن قوشنىغا ياخشىلىق قىلىشنى شەرت قىل. دى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قوشنا ھەققى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ» : قوشنا ھەققىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ ئۇ قوشنا ياردەم سورىسا ياردەم قىلىش, كېسەل بولسا يوقلاش, ۋاپات بولسا جىنازىسىغا قاتنىشىش , ئەگەر بىر ياخشى ئىشقا ئېرىشسە تەبرىكلە , شبېشىغا بىر مۇسىيبەت كەلسە تەزىيە بىلدىرىش, قوشنىنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆينىڭ تېمىنى ئىگىز كۆتىرىپ , ئۇنىڭدىن ھاۋا ۋە كىننىڭ نۇرىنى توسماسلىق, ئۇنىڭغا ئازار بەرمەسلىك , ئەزىيەت يەتكىزمەسلىك , ميۋە ئالساڭ ئۇنىڭغىمۇ ھەدىيە قىلىش , ھەدىيە قىلمىساڭ كۆرسەتمەي مەخپى ئەكى رىش, قوشنىلارنىڭ بالىلىرىنى تەلمىرتىپ, بالاڭغا ياخشى مىۋىلەرنى تۇتقۇزۇپ تالاغا چىقىرىپ قويماسلىق, قازاندىن ئاۋاز چىقىرىپ ، قوشنىغا ئاڭلىتىپ تاماق ئەتمەسلىك , ياكى بولمىسا ئەتكەن تاماقلاردىن قوشنىغىمۇ بېرىش قاتارلىقلاردۇر ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام تەبەرانى رىۋايەت قىلغان [
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يوقىرىدىكى ھەدىسىدا قوشنا ھەققىنى ئون نەچچەخىل خىسلەت بىلەن بايان قىلدى . بۇ ھەقلەرنى ئادا قىلىشتا قوشنىنىڭ تۇغقان بولۇشى ياكى يات بولۇشى, مۇسۇلمان بولۇشى ياكى بولماسلىقى پەرق قىلمايدۇ. ھەممىسى ئوخشاش قوشنائ , ۋخشاش ھوقۇققا ئىگە. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەھۇدى ۋە مۇشرىك قوشنىلىرىنى يوقلايتتى . چاقىرسا باراتتى . ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى . سەدىقە بېرەتتى . بىراۋغا ياخشىلىق قىلماقچى بولسا ئاۋۋال قوشنىلىرىدىن باشلايتتى .
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھ ى ۋەسەللەم ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇنداق دېگەنئى » : ئەبۇ ! زەرشۋرپا پىشۇرساڭ سىيىنى كۆپراق قۇيۇپ قوشنۇڭغىمۇ بەرگىن . اللەغا ۋە قىيامەت كىنىگە ئىشىنىدىغان كىشىنىڭ قوشنىسىغا ئەزىيەت بېرىشى , ئۇنى تىللىشى , ئۇنىڭ بالىلىرىنى ئۇرۇشى , تۆھمەت قىلىشى , ئىشىكىنى قاتتىق قېقىشى , ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئەخلەتلەرنى تاشلاپ قويۇشى , قوشنىسىغا زىيان يېتىدىغان دەرىجىدە سۇ تۆكىشى, قوشنىسىدىن ھاۋا ۋە كىننىڭ نۇرىنى توسىدىغان شەكىلدە تېمىنى ئىگىزلىتىشى , قوشنىسىنىڭ ئۆيى تەرەپكە دەرىزە ئېچىشى, قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە قاراپ ئۇنىڭ ئايال ۋە قىز لىرىنى بىئارام قىلىشى ھارامدۇر ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام تىرمىزى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان [
ياخشىلىق ۋە خەيرى ساخاۋەت بىلەن مەشھۇر بولغان سالىھ بىر كىشى ئۆلىپ كەتكەن بۇلۇپ , ئۇنى سالىھلاردىن بىرى چىشىدە كۆرىپتۇ . قارىسا ھېلىقى كىشىنىڭ پەقەتلا بېشى ئوتتا كۆيۇۋاتقۇدەك. بۇ نېمە ئىش دەپ سورىسا , ئۇ كىشى ھايات چېغىدا دەرىزىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە قارايدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بېشى ئوتتا كۆيىۋېتىپتۇ .
رىۋايەت قىلىنىشىچە بىر كۈنى بىر ئادەم رەسۇلۇللاھقا قوشنىسىدىن داتلىنىپ كەپتۇ , رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا »سەۋر قىلىڭ ەپ د « تەسەللى بېرىپتۇ , ھېلىقى ئادەم ئىككى ئىچ قېتىم كەلگەندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا »بارلىق نەرسە كېرەكلىرىڭىزنى يولغا ئاچىقىپ ئولتۇرۇڭ« دەپتۇ. ئۇ شۇنداق قىلغاندىن كېيىن يولدىن ئۆتكەن كىشىلەر ئەھۋالنى ئۇقۇپ ئۇنىڭ قوشنىسىغا لەنەت ئوقۇشقا باشلاپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قوشنىسى كېلىپ ”ئۆيىڭگە قايتىپ كىرگىن, بىگىندىن باشلاپ مەندىن ھېچقانداق يامانلىق كۆرمەيسەن دەپ “ يالۋۇرۇپتۇ .
قوشنىلار ئارىسىدىكى ئىناقلىق, ئۇلپەت كۆپرەك ئاياللار ئارىسىدىكى غەيۋەت شىكايەت, مەنمەنچىلىك, بىربىرىنى ياراتماسلىق, بىربىرىنى گەپتە چېقىۋىلىشتەك يامان ئىللەتلەر تىپەيلى بۇزۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەر ئاللاھ تائالانىڭ ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قوشنا ھەقلىرى توغرىسىدىكى ئەمرى پەرمانلىرىنى ياخشى ئىگىنىپ ئەمەل قىلغاننىڭ تېشىدا , ئاياللىرىمىزغا, قىزلىرىمىزغا, ئاچا سىڭىللىرىمىزغا ئىگىتىشىمىز, ئۇلارغا ھەر دائىم پەند نەسىھەت قىلىپ تۇرۇشىمىز لازىم . ئەگەر ئاياللار ئارىسىدا بىرەر كۆڭىلسىزلىك يۈز بەرسە , ئەرلەر خوتۇننىڭ ئارقىسىغا كىرىپ بىر بىرى بىلەن ئۇرۇشماستىن , مەسىلىنى تەمكىنلىك بىلەن چىرايلىق ھەل قىلىش كېرەك .
شۇنىڭدەك ئۇششاق بالىلارنىڭ سەۋەبى بىلەنمۇ قوشنىلار ئارىسىدا كۆڭىلسىزلىك كېلىپ چىقىدۇ. ئۇششاق بالىلار ئويناپ ئۇرۇشۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەزى ئاتا ئانىلار دەرھال غەزەبلىنىپ جىدەل ماجىرا پەيدا قىلىدۇ. بۇ توغرا ئەمەس. چۈنكى كىچىك بالىلار ھازىر ئۇرۇشۇپ , چوڭلارنى جىدەلگە سېلىپ قويۇپ , يەنە بىللە ئوينايدۇ . ئۇنىڭ ئۈچۈن كىچىك بالىلارنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ, ئاتائانىلار بىر بىرىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىدىغان سۆز ھەرىكەتلەرنى قىلىش ى ئورۇنلۇق ئەمەس. ھەر ئىككى تەرەپ بالىلىرىغا ياخشى نەسىھەت قىلىش , كەمچىلىك ئۆتكىزگەن تەرەپ كەچىرىم سوراش لازىم. قارشى تەرەپتىكىلەرمۇ ئەپۇ قىلىشى كېرەك. ئۆز كەمچىلىكىنى تونۇپ كەچىرىم سوراش ۋە ئۇنى ئەپۇ قىلىش پەزىلەتتۇر . چۈنكى قوشنىنى رەنجىتىش ۋە ئۇنىڭغا ئەزىيەت قىلىش, ئىنساننىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى بىكار قىلىۋېتىدۇ. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر ئايال ھەققىدە مۇنداق سوئال سوراشتى : پالان ئايال كېچە ئۇخلىماي ناماز ئوقۇيدۇ, كىندىزى روزا تۇتىدۇ ۋە كۆپ سەدىقە بېرىدۇ , لېكىن ئۇ قوشنىسىغا ئازار بېرىدۇ . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم» : ئۇنىڭداچ ھقانداق ياخشىلىق يوقئۇ , دوزاخ ئەھلىدىندۇردې «گەن .
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قوشنا ھەققى توغرىسىدا سۆزلىگەن ھەدىسلىرى ناھايىتى كۆپ . مەسىلەن: رەسۇلۇللاھ» : مۆمىن ئىنسانلارنى خاتىرجەم قىلغان كىشىدۇر , مۇسۇلمان تىلى ۋە قولى بىلەن باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكىزمىگەن كىشىدۇر, مۇھاجىر يامانلىقنى تاشلىغان كىشىدۇر. ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى, قوشنىسى زۇلمىدىن خاتىرجەم بولالمىغان كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ« دېگەن .
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن» : ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا رىزقىڭلارنى تەقسىم قىلغاندەك , ئەخلاقىڭلارنىمۇ تەقسىم قىلدى , ئاللاھ تائالا دۇنيانى دوستىغىمۇ , دىشمىنىگىمۇ بېرىدۇ. دىننى پەقەت ئۆزى دوست تۇتقان كىشىگىلا بېرىدۇ . ئاللاھ كىمگە دىننى بەرسە ئۇنى دوست تۇتىدۇ . ئاللاھ بىلەن قەسەمكى , بىر ئ ادەم چىن دىلى ۋە تىلى بىلەن ئىشەنمىگىچىلىك مۇسۇلمان بولمايدۇ . قوشنىسى ئۇنىڭ زۇلمىدىن خاتىرجەم بولمىغۇچىلىك مۆمىن بولالمايدۇ بۇ ] «.ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان [
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ :
اللەغا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتىرمەڭلار، ئاتا ئاناڭلارغا، خىش ئەقرىبالىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنىغا، يىراق قوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا )يەنى سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا(، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، شىبھىسىزكى، ئاللاھ مۇتەكەببىر، ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ] سىرە نىسا: 36 ئايەت [
ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزلەرنى قوشنىلىرىمىزغا ھەر تۈرلۈك ئەزىيەت يەتكىزىشتىن , قوشنىلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىشتىن ساقلىغىن . ئى پەرۋەردىگارىمىز ! بىزنى قوشنا ھەققىگە رىئايە قىلمايدىغان ۋە سەندىن قورقمايدىغان يامان قوشنىغا گىرىپتار قىلمىغىن. ئى پەرۋەردىگارىمىز! ساڭا سېغىنىپ يامان قوشنىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمىز , بىزنى ئامان قىلغىن. ئامىين !
