تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

81–90-ھەدىسلەر: ئىجتىمائىي ئەدەپلەر ۋە نەسىھەت

8181-ھەدىس: كىشىلەرنى ئاشۇرۇپ ماختىماسلىق توغرىسىدا#

ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ )” : ئەبى سەلەمەنىڭ قىزى( زەينەبنىڭ ئەسلى ئىسمى بەررە ئىدى، كىشىلەر ئۇنى ئۆزىنى ماختايدۇ دېيىشكەن، كېيىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ ئىسمىنى زەينەب قويۇپ قويغان “.

جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھ ى ۋەسەللەم بەزى نامۇناسىپ ئىسىملارنى چىرايلىق، چوڭقۇر مەنىلىك ئىسىملارغا يۆتكىۋىتەتتى . بۇ ھەدىستىمۇ شۇنداق قىلغان بىر ۋەقە زىكىر قىلىندى .

»بەررە« دېگەن پاك، گۇناھسىز دېگەن مەنىلەرنى بىلدىرىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەررە دېگەن ئىسىمنى زەينەبكە يۆتكىۋەتكەن .

بۇ ھەدىستە ئىككى تۈرلۈك ھۆكىم بار : بىرى ماختاش يەنە بىرى ئىسىم قويۇش . ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۆزىنى ياكى باشقىسىنى ماختاشتىن توسۇپ مۇنداق دەيدۇ : سىلەر ئۆزەڭلارنى پاك ھېسابلىماڭلار، ئاللاھ تەقۋادار بولغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ ] «.سىرە نەجم:32 ئايەت [

ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ :

 ئۆزلىرىنى پاك دەپ قارايدىغانلارنى)يەنى ئۆزلىرىنى تەقۋادارلىق بىلەن ماختايدىغانلارنى ( كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس )يەنى ئىش ئۇلار دېگەندەك ئەمەس (، ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى پاك قىلىدۇ، ئۇلارغا قىلچىلىكمۇ زۇلۇم قىلىنمايدۇ.] سىرە نىسا:49 ئايەت [

ھەزرىتى ئوسما ن ئىبنى مەزئۇن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولغاندا، ئىممۇ ئەلا” : ئى ئەبا سائىب ! ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن، مەن شۇنداق گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئاللاھ چوقۇم سىزگە ئىكرام قىلىدۇ“ دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا » : اللەنىڭ ئۇنىڭغا ئىكرام قىلىدىغانلىقىنى نەدىن بىلىسىز؟ « دېدى . ئۇ ئايال ” : دادام سىزگە پىدا بولسۇن يا رەسۇلەللاھ ! ئاللاھ كىمگە ئىكرام قىلىدۇ؟ “ دېدى . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : ئوسمان بولسا ئىسلام بىلەن شەرەپلەندى، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا ياخشىلىق بولۇشىنى ئۇمىد قىلىمەن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن اللەنىڭ پەيغەمبىرى تۇرۇپ، ماڭا قانداق مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن « دەپ جاۋاب بەردى . ئىممۇ ئەلا ” : ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇندىن كېيىن ھېچكىمنى پاكلىق بىلەن ماختىمايمەن“ دېدى .

يۇقىرىدا ئۆتكەنلەردىن بىلىمىزكى، مەيلى ئۆزىنى مەيلى باشقىلارنى ش ەكسىز جەننىتى دېگەندەك سۆزلەر بىلەن مەدھىيەلەش توغرا ئەمەس . بۇ، كىشىلەرنى پەقەت ماختىماڭ دېگەنلىك بولمايدۇ. كىشىلەرنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى قەدىرلەش، ئۇنىڭدا كۆرىلگەن ياخشى خىسلەتلەرنى تىلغا ئېلىش ئەلۋەتتە ياخشى ئىش . لېكىن كىشىلەرنى يىزىگە ماختاش ۋە بىلمىگەن ، كۆرمىگەن ئىشلار بىلەن كۆككە كۆتىرىپ مەدھىيىلەش، بولۇپمۇ كىشىلەرنىڭ ئاخىرەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە سۆز قىلىش توغرا ئەمەس . ياخشى سالىھ كىشىلەرنى بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇيدىغان، ئامانەتكە ئىشەنچلىك، راستچىل، ۋەدىسىدە تۇرىدىغان، ئادالەتلىك كىشى دېگەندەك بىلىدىغان، كۆرگەن ئىشلىرىنى تىلغا ئېلىپ، ئاللاھ تائالادىن ئۇلارغا رەھمەت تىلەش لازىم . چۈنكى ھەر قانچە تەقۋادار، ئەۋلىيا كىشىلەرنىڭمۇ ئىمان بىلەن كەتكەنلىكىنى قەتئىي بىلمەيمىز . سوفى ئاللاھ يار

رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بۇ مەنىدە مۇنداق دەيدۇ :

ئەگەرچە ئەنبىيا بىيشەك ئاماندۇر، مۇبارك دىللىرى خەۋف ئىلە قاندۇر .

ۋەلى ئىممەت ئەگەر غەۋسى زاماندۇر، ئېسەن كەتمەكى ئاخىر دەر گۇماندۇر .

ئاللاھ تائالا ياخشىلىق قىلغان كىشىگە ياخشىلىق بىلەن مۇكاپات بېرىدۇ . بۇنىڭدا شەك يوق . لېكىن شۇ كىشىنىڭ قەلبىدە نېمە بار، نېمە يوق؟ ئۇ بىزگە ئايان ئەمەس . ئاللاھ تائالا كىشىنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىغا مۇكاپات بېرىشتە ئۇنىڭ قەلبىگە قارايدۇ، قەلبىدىكى نىيەت ۋە غەرىزىگە قاراپ مۇكاپات ياكى جازا بېرىدۇ . شۇڭلاشقا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : ئەمەللەر نىيەتلەرگە باغلىق « دېگەن. نىيىتىنى بىلمىگەندىن كېيىن ئاخىرىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەيمىز . لېكىن ئۇنىڭ بىز بىلگەن، كۆرگەن ياكى ئاڭلىغان ياخشىلىقلىرىغا تايىنىپ تۇرۇپ، ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، مەغپىرەت ۋە جەننەت تىلەيمىز ۋە ئاخىرەتلىكىنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئۇمىد قىلىمىز .

بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتەيلىكى، بەزى تەسەۋۋۇپ شەيخلىرىنىڭ مۇرىتلىرىغا” : مەن سىلەرنى قىيامەت كۈنى تونۇپ، ئاللاھ تائالادىن تىلىۋالىمەن“ دېگەن سۆزلىرى، پىتىنلەي ئالدامچىلىقتۇر. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ قانداق بولۇشىنى بىلمىسە، قانداقمۇ باشقىلارغا كېپىل بولالايدۇ؟ ئۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىنمۇ بەك ئۇلۇغ بۇلۇپ كەتكەنمۇ؟ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاغىسى ھەزرىتى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ۋە قىزى ھەزرىتى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا كەسكىن قىلىپ مۇنداق دېگەن » : ئى مۇھەممەدنىڭ تاغىسى ئابباس! ئەمەل قىلغىن، مەن سېنى اللەنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزالمايمەن . ئى مۇھەممەدنىڭ قىزى فاتىمە! ئەمەل قىلىڭ، مەن سىزنى اللەنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزالمايمەن .« بۇنىڭدىنمۇ ئوچۇق ۋە قەتئىي دەلىل بولامدۇ؟

مۆمىنلەر ئاللاھ تائالانىڭ يەر يىزىدىكى گۇۋاھچىلىرىدۇر . ئەگەر يالغان ئېيتماستىن راست گۇۋاھلىق بەرسە، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلىدۇ . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ» : قايسى بىر مۇسۇلمانغا تۆت كىشى ياخشىلىق بىلەن گۇۋاھلىق بەرسە، ئاللاھ ئۇنى جەننەتكە كىرگىزىدۇ.« ساھابىلار” : ئىچ كىشى گۇۋاھلىق بەرسىچۇ؟“ دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ س ەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : ئىچ كىشى گۇۋاھلىق بەرسىمۇ شۇنداق بولىدۇ « دەپ جاۋاب بەردى . ساھابىلار ” : ئىككى كىشى گۇۋاھلىق بەرسىچۇ؟ “ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم» : ئىككى كىشى گۇۋاھلىق بەرسىمۇ شۇنداق بولىدۇ« دەپ جاۋاب بەرگەن .

ئىككىنچى مەسىلە ئىسىم قويۇش .

بالىلارغا ئىسىم قويۇشتا اللەنىڭ بەندىسى دېگەن مەنىنى بىلدىرىدىغان ئابدۇللاھ، ئابدۇراھمان، ياكى رەسۇلۇللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن بولغان ئەھمەد، مۇھەممەد، مەھمۇد، ھامىد دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇش، باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە ساھابە كىراملارنىڭ ئىسىملىرىنى قويۇش ئەڭ ياخشى. شۇنىڭدەك ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى ئۆز تىلىدا چىرايلىق مەنىلەرنى بىلدىرىدغان ئىسىملارنى قويسا بولىدۇ . ئەمما مەنىسى ئىسلام ئەقىدىسىگە زىت كېلىدىغان ئىسىملارنى قويۇش توغرا ئەمەس . ئۆلىمالار پەيغەمبەرنىڭ بەندىسى دېگەن مەنىدىكى ئابدۇ نەبى، ئاب دۇ رەسۇل ۋە ئابدۇ مۇھەممەد دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇش جائىز ئەمەس دەيدۇ . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ھەدىستە » : مەلىكۇل مۇلۇك )پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ( دېگەن ئىسىمنى ئاللاھ بەك يامان كۆرىدۇ« دېگەن» . مەلىكۇل مۇلۇك« پارسچە ئاتىلىشى »شاھىنشاھ« بۇلۇپ، بەندىنى ئۇنداق ئىسىم بىلەن ئاتاش، ئۇنى ئاللاھ بىلەن ئوخشاش سىپەتكە ئىگە دېگەن مەنىنى بىلدىرگەنلىكى ئۈچۈن توغرا بولمايدۇ .

بۇ يەردە پەقەت ئەرەبچە ئسىم قويۇش كېرەك دېگەن مەنە چىقمايدۇ . دېمەكچى بولغان مەسىلە، قايسى تىلدا بولمىسۇن ئىنساننى كەمسىتىدىغان ناچار ئىسىملار ياكى ھايۋانلارنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئىسىم قويماسلىق، شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالا نىڭ ئۇلۇغلۇق سىپەتلىرىگە ئوخشاش ئىسىملارنى قويماسلىقتىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا ئىنساننىڭ ئىززەت ئابرۇيىغا يارىشىدىغان گىزەل ئىسىملارنى قويسا بولىۋىرىدۇ .

ئاللاھ تائالادىن رەسۇلۇل لاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىگەتكەن تەلىم تەربىيىلەرگە تولۇق ئەمەل قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىشنى تىلەيمىز. ئامىين !

8282-ھەدىس: ئاخشىمى بالىلارنى تالاغا قويۇپ بەرمەسلىك توغرىسىدا#

82 ھەدىس ئاخشىمى بالىلارنى تالاغا قويۇپ بەرمەسلىك توغرىسىدا ھەزرىتى جابىر ئىبنى ئابد ۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : قاراڭغۇ چىشكەندە ياكى كەچ كىرگەندە كىچىك بالىلىرىڭلارنى يىغىۋېلىڭلار، چۈنكى بۇ چاغدا شەيتانلار تارىلىدۇ، كېچىدىن مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندە، ئۇلارنى قويۇپ بېرىڭلار. بىسمىللاھ دەپ دەرۋازاڭلارنى تاقاڭلار، چۈنكى شەيتان تاقاقلىق ئىشىكنى ئاچالمايدۇ. بىسمىللاھ دەپ تۇلۇمۇڭلارنىڭ ئاغزىنى چىگىڭلار، بىر نەرسىنى ئىستىگە قويۇپ قويۇش بىلەن بولسىمۇ بىسمىللاھ دەپ قاچاڭلارنىڭ ئاغزىنى يېپىڭلار، بىسمىللاھ دەپ چىرىغىڭلارنى ئۆچىرىڭلار ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:5496، مۇسلىمدىكى نومۇرى:5206[

ئىزاھات :

جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇشۇ لەپزى قىسقا، مەنىسى چوڭقۇر مۇبارەك سۆزلىرى بىلەن ئىممىتىگە ئاخشىمى يېتىش ئادا بلىرىدىن بەش نەرسىنى ئۆگىتىدۇ . بۇ ئىنسانلار ئۈچۈن نەخ پايدىسى بار، جىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان شەيتانلارنىڭ زىيان زەخمەت يەتكىزىشىدىن ساقلىنىدىغان ئىشلاردۇر .

بىرىنچى ئاخشام بولسا بالىلارنى ئۆيگە يىغىش . كىن ئولتۇرۇپ شام بولغان ۋاقتىدا جىن شەيتانلار يەر يىزىگە تارىلىدۇ . بۇ چاغدا تالادا ئويناۋاتقان كىچىك بالىلارغا ھەر تۈرلۈك زىيان سالىدۇ .

قۇرئان كەرىمنىڭ بىلدىرىشىچە شەيتان ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ : بىرى جىندىن بولغان شەيتان يەنە بىرى ئىنساندىن بولغان ئادىمى شەيتان . ھەر ئىككى شەيتان ئىنسانغا دىشمەن بۇلۇپ پ ۇرسەت تاپسىلا زىيان يەتكىزىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنى ئاخشاملىقتا ئويناش ئۈچۈن تالاغا قويۇپ بېرىش ناھايىتى خەتەرلىك . چۈنكى ئادىمى شەيتان بولغان يامان بالىلار كېچىسى ئۆيگە كىرمەي تالادا ھەر تۈرلۈك ئەخلاقسىزلىق ۋە يامان ئىشلارنى قىلىپ يىرىدۇ . ئاخشىمى تالادا ق الغان بالىلارغا ئەنە شۇ ئادىمىي شەيتانلار مۇسەللەت بۇلۇپ، ئۇلارنى ھەر تۈرلۈك يامان يولغا باشلايدۇ . شۇنىڭ بىلەن تالاغا كۆنىپ قالغان بالىلار ئاتا ئانىسىغا ئىتائەت قىلمايدىغان، ئەخلاقسىز، ئەتتىگىنى تۇرمايدىغان، ئاخشىمى ئۆيگە كىرمەيدىغان، مەكتەبكە بەرسە ئوقۇمايدىغان، ئىش قىلىشقا ئۇنىمايدىغان كېرەكسىز نائەھلى بۇلۇپ قالىدۇ . ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش ۋە زىنا پاھىشە قاتارلىق يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كېچىسى تالادا يىرىپ ئۆگىنىدۇ .

ئەمما بالىلار ئاخشىمى ئۆيدە ئولتۇرسا، كىچىكلەر ئۇخلايدۇ، چوڭلار شام، خۇپتەن ناماز لىرىنى ئوقۇش، قۇرئان ھەدىس ئوقۇش، ھېچ بولمىسا ئاتا بۋۋىلىرىدىن ئۆتمىشتىكى ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ كەلگىسىگە توغرا قەدەم بېسىشنى ئىگىنىدۇ ۋە يۇقىرىقىدەك بالايى ئاپەتلەردىن ساقلىنىپ، ياخشى ئەخلاقلىق، جەمئىيەتكە پايدىلىق كىشىلەر بۇلۇپ يېتىشىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئات ائانىلار بالىلىرىنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىش، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك بۇزۇقچىلىق ئەۋج ئالغان زاماندا بەك دىققەت قىلىشى، بالىلىرىنى يامان بالىلار بىلەن ئەل ئاغىنە بۇلۇپ يىرىشىگە يول قويماسلىقى، ئۆيدە بالىلىرىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ساھابە كىراملارنىڭ شۇنىڭدەك سالىھ ياخشى كىشىلەرنىڭ ھېكايىلىرىنى ئوقۇپ بېرىشى لازىم .

ئىككىنچى ئىشىك دەرۋازىلارنى تاقاش . كىشى ئاخشام بولۇشى بىلەن بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم دەپ ئىشىك دەرۋازىلىرىنى تاقىسا، ھەم ئۆزىنى ھەم مال مىلكىنى ھېسسى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ساقلاپ قا لىدۇ. دەرۋازىلار ھەر قانچە مۇستەھكەم ۋە ھىم بولسىمۇ، ئۇنى بىسمىللاھ دەپ تاقاش كېرەك . چۈنكى بىسمىللاھ دەپ تاقالغان ئىشىكنى ئاللاھ تائالا ئۆزى ساقلايدۇ. بىسمىللاھ بىلەن تاقالغان ئىشىكنى جىن شەيتانلار ئاچالمايدۇ، لېكىن ئادىمىي شەيتان بولغان ئوغرىلار قولىدىكى ھەر تۈرلۈك سايمانلار بىلەن ئېچىشقا ئۇرۇنسا، ئاللاھ تائالا بىسمىللاھنىڭ شاراپىتى بىلەن ئوغرىنى مەقسىتىگە يەتكىزمەيدۇ . ئوغرى ئۆيگە كىرىشكە ئۇرۇنىۋاتقان پەيتتە يولدىن بىرىسى ئۆتىپ قالىدۇ، يا قوشنىلار تۇيۇپ قالىدۇ، يا ئۆي ئىگىسى ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ كېتىدۇ .

شۇنىڭ بىلەن ئوغرى مەقسىتىگە يېتەلمەي يا قېچىپ كېتىدۇ ياكى تۇتۇلۇپ جازاغا يولىقىدۇ .

ئىچىنچى تۇلۇمنىڭ ئاغزىنى بوغۇش . چىلەك، كىپ، چۋگۇن، چەينەك قاتارلىق سۇ ساقلايدىغان ۋە ئىچىدە سۇ بار نەرسىلەرنىڭ ئاغزىنى يېتىشتىن ئىلگىرى بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم دەپ مۇستەھكەم بېكىتىپ ئاندىن يېتىش كېرەك .

تۆتىنچى قاچىلارنىڭ ئاغزىنى يېپىش . قازان قۇمۇش ۋە قاچا قۇچىلارنى يۇيۇپ پاكىزىلىغاندىن كېيىن ئاغزىنى بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم دەپ يېپىش ۋە بىر نەرسە بىلەن يۆگەش كېرەك . چۈنكى سۇ ۋە يېمەك ئىچمەك قاچىلىرىنىڭ ئاغزىنى ياخش ى ئەتمىگەندە، قاچىلارغا بىز كۆرمىگەندە قۇرت قۋڭغۇز ۋە باشقا ھايۋانلار چېپىلىپ قويىدۋ، ھاۋا ئارقىلىق مىكرۋپلار كىرىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ھەر تۈرلۈك كېسەللىكلەر مەيدانغا كېلىدۇ .

بىر ئادەم بىر تۇلۇمدىن سۇ ئىچىپ، ئىچىگە يىلان كىرىپ كەتكەن ئىكەن . بۇنىڭ سەۋەبى ئۆزىنىڭ سەل قاراپ تۇلۇمنىڭ ئاغزىنى مەھكەم باغلىمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىچىگە يىلان كىرىۋالغان. شۇنىڭدەك ساچقان ۋە باشقا ھايۋانلارنىڭ كىرىشى مۇمكىن . ھېچنەرسە كىرمىگەندە ئاغزى ئوچۇق قالغان قاچىلار مىكرۋب بۇلۇپ قالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ھەر تۈرلۈك كېسەللەر كېلىپ چىقىد. ۇئىچىنى كۆرگىلى بولمايدىغان قاچىدىن ۋە چەينەك چۋگۇنلارنىڭ جۇغىسىدىن سۇ، چاي ئىچىشمۇ خەتەرلىك . ئۇنداق قاچىلاردىكى سۇ ۋە چايلارنى چىنىگە قۇيۇپ كۆزى بىلەن كۆرىپ تۇرۇپ ئىچىش كېرەك . يەنە سۇ، چاي ئىچكەندە قاچىغا تىنماسلىق لازىم . چۈنكى ئىنسان پاكىزە ھاۋانى ئىچىگە شۋراپ، زەھەرلىك ھاۋانى تاشقىرىغا چىقىرىدۇ . قاچىنىڭ ئىچىگە تىنغاندا زەھەرلىك ھاۋا ئىچىدىغان نەرسىگە ئارىلىشىپ قايتىدىن ئىچىگە كىرىدۇ دە، زەھەرلىنىپ كېسەل بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ .

جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ تەلىماتلىرىغا تولۇق ئ ەمەل قىلغان كىشى سالامەتچىلىكىنى ئاسراپ، ھەر تۈرلۈك خەتەرلەردىن ساقلىنىپ قالىدۇ . ئىنسان ئۆزى ئۈچۈن ۋە باشقىسى ئۈچۈن قىلغان ئىشنى پۇختا قىلىشى كېرەك . دېمەك، ئىشىك ۋە قۇلپىڭىزنى مۇستەھكەم قىلىڭ، ئىشىكنى ئوچۇق قويۇپ ياتماڭ، ھەر تاماقنى يەۋەرمەڭ، ھەر قاچىدىن ئىچىۋەرمەڭ، ھەر تۈرلۈك ۋەھىمە خىيال بىلەن يوق نەرسىلەردىن قورقۇپ كەتمەڭ ۋە تەۋەككۇلچىلىق قىلدىم دەپ ھەددىدىن ئارتۇق سەل قارىماڭ، بەلكى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ھەممىنى تولۇق قىلىڭ، تەدبىرلىرىڭىزنى پۇختا قىلىڭ، ئاندىن اللەغا تەۋەككۇل قىلىپ خەۋپ ئەندىشىسىز يولىڭىزغا داۋام قىلىڭ .

بەشىنچى چىراقنى ئۆچىرىپ يېتىش . بۇرۇنقى ئىنسانلار چىراققا سۇيۇق ماي ئىشلىتەتتى، ئەگەر چىراقنى ئۆچىرمەستىن ئۇخلاپ قالغاندا، يا ماي تىگەپ چىراق قىززىپ كېتىپ پارتىلىشى ياكى ساچقان چىراقنىڭ پىلىكىنى توشۇپ ئۆيگە ئوت كېتىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن . بەزىلەر ھازىر توك چىراق بار، بۇرۇنقىدەك خەتەرلىك ئەھۋال يوق دېيىشى مۇمكىن . لېكىن توك چىراق كېچە بويىچە يېنىپ تۇرغاندا نۇرغۇن توك ئىسراپ بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ بەدىلىگە كۆپ توك پۇلۇسى تۆلەش لازىم بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا توكتىن كېلىپ چىقىدىغان خەتەرلىك ئەھۋاللار ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ. ھازىرمۇ توك ماسلا بۇلۇپ قېلىپ ئۆيگە ئوت كەتكەن، بىر نەچچە كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋەقەلەرنى پات پات گېزىتلاردىن ئاڭلاپ تۇرىمىز .

شۇنىڭدەك ئوچاقنىڭ ئوتىنىمۇ ياخشى ئىچىرىش كېرەك . بولۇپمۇ قىشتا مەشكە كۆمىر سېلىپ قويۇپ يېتىپ قالغانلارنىڭ كېچىدە كۆمىردىن چىققان گازدا زەھەرلىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ خەۋىرى گېزىتلاردىن كەم بولمايدۇ . تاماكۇ چېكىدىغانلار تاماكىسىنى ئۆچىرمەي تاشلىغانلىق سەۋەبلىك قانچە گىكتار ئورمانلار كۆيىپ كىل بولىدۇ ۋە نەچچە ئون ئائىلە پەرىشان بولىدۇ . جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىزگە ئۆگەتكەن دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئەدەب ئەخلاقلار نېمىدېگەن ياخشى! ئۇنىڭ پايدىلىرى نېمىدېگەن كۆپ! ئەگەر بىز ئىسلامنىڭ بۇيرۇغىنىنى قىلىپ، توسقىنىنى تەرك ئەتسەك، ئەلۋەتتە بەخت سائادەتلىك ياشىغان بولاتتۇق . ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ :  ئەگەر ئۇلار قىلىنغان ۋەز نەسىھەتكە ئ ەمەل قىلسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ياخشى بولاتتى ۋە ئىمانى مۇستەھكەم بولغان بولاتتى . ئۇ چاغدا دەرگاھىمىزدىن ئۇلارغا بىيىك مۇكاپات ئاتا قىلاتتۇق .

ئۇلارنى ئەلۋەتتە توغرا يولغا ھىدايەت قىلاتتۇق.] سىرە نىسا:66 68 ئايەتلەر [

ئاللاھ تائالا تەۋپىق، ھىدايەت بېرىپ ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەلىم بەرگەن توغرا يولدا مېڭىشنى نىسىپ قىلسۇن، ئامىين !

ئىزاھات تېكىستى كىرگۈزۈلمىگەن.

8383-ھەدىس: خىزمەتچىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا#

83 ھەدىس خىزمەتچىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا مەئرۇر ئىبنى سۇۋەيد رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ ” : مەن بىر كۈنى ئەبۇ زەرنى كۆردىم، ئۇنىڭ ئىستىدە چىرايلىق تون بار ئىدى، خىزمەتچىسىنىڭ ئىستىدىمۇ ئۆزىنىڭكىگە ئوخشاش چىرايلىق تون بار ئىدى . مەن ئۇنىڭدىن خىزمەتچىسىگە ئۆزىنىڭكىگە ئوخشاش ئالى تون كېيگىزىشىنىڭ سەۋەبىنى سورىدىم، ئۇ جاۋاب بېرىپ : رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا بىر كىشىنى ئانىسىنى تىلغا ئېلىپ ئەيىبلىغانلىقىنى، ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كېلىپ ئەھۋالنى ئېيتقاندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇنىڭ » : غاسەن تېخى جاھىلىيەت قىلىقىنى تاشلىمىغان ئادەم ئىكەنسەن « دېگەندىن كېيىن »خىزمەتچىلىرىڭلار ئاللاھ قول ئاستىڭلاردا قىلغان بۇرادەرلىرىڭلاردۇر . بۇرادىرى قول ئاستىدا بولغان كىشى، ئۇنىڭغا ئۆزى يېگەندىن يېگىزسۇن، ئۆزى كەيگەندىن كېيگىزسۇن، ئۇلارنى كىچى يەتمەيدىغا ن ئىشقا بۇيرىماڭلار، ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار ئۇلارغا ياردەملىشىڭلار « دېگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى ] “.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت . ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى: 4269[

ئىزاھات :

ئىسلام دىنى ئىنسانلارنىڭ قەدرى قىممىتىنى يۇقىرى كۆتىرىشتە شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، قۇل خوجايىن پەرقىنى تىپ يىلتىزىدىن قۇمۇرۇپ تاشلىغان . بۇنىڭ ئەڭ ئوچۇق دەلىلى مانا مۇشۇ ھەدىستۇر. بۇ يەردە رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزلىرىنى ئىزاھلاشتىن ئاۋۋال ھەزرىتى ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىر كىشىنى ئەيىبلىغانلىق ۋەقەسىنى بايان قىلىمىز .

ۋەقە مۇنداق : كىنلەرنىڭ بىرىدە ھەزرىتى ئەبۇ زەر بىلەن ھەزرىتى بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئوتتۇرىسىدا بىر تالاش تارتىش چىقىپ، ھەزرىتى ئەبۇ زەر ھەزرىتى بىلالنى ”قارا خوتۇننىڭ بالىسى“ دەپ تاشلايدۇ . بۇ گەپكە ناھايىتى قاتتىق رەنجىگەن ھەزرىتى بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە كېلىپ ۋەقەنى بايان قىلىدۇ . دىنى بۇرادىرىنى رەنجىتىپ قويغانلىقىغا ئىنتايىن پۇشايمان بولغان ھەزرىتى ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ھەزرىتى بىلالدىن ئۆزرە تىلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن مەسجىدكە كېلىدۇ . ئىنسانپەرۋەرلىكتە مىسلى بولمىغان جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەبۇ زەرگە كايىپ » : ئۇنى ئانىسى بىلەن ئەيىبلىدىڭمۇ؟« دەيدۇ . خالىماستىن شۇنداق بىر ئېغىز سۆزنىڭ ئاغزىدىن چىقىپ قالغانلىقىغا پۇشايمان بولغان ھەزرىتى ئەب ۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىدا قاتتىق خىجالەت بولغانلىقتىن نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تىترەپ تۇرغاندا، رەسۇلۇللاھ : »سەن تېخى جاھىلىيەت قىلىقىنى تاشلىمىغان ئادەم ئىكەنسەن « دەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئەبۇ زەر رەزىيەللا ھۇ ئەنھۇ بېشىنى يەرگە قويۇپ ” : بىلال پۇتى بىلەن يىزىمگە دەسسىمىگىچە بېشىمنى كۆتەرمەيمەن “ دەيدۇ. ھەزرىتى بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسا ” : مەن اللەغا سەجدە قىلىدىغان يىزگە دەسسىمەيمەن“ دەپ، ئەبۇ زەرنى كەچىرىم قىلىدۇ .

»جاھىلىيەت« سۆزىنىڭ ئىسلام ئىستىلاھىدىكى م ەنىسى ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى كاپىرلىق دەۋرى دېگەن بولىدۇ . ئەمدى بۇ يەردە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەزرىتى ئەبۇ زەرگە» : سەن تېخى جاھىلىيەت قىلىقىنى تاشلىمىغان ئادەم ئىكەنسەن « دېيىشىنىڭ سەۋەبى بولسا، بىرىنچىدىن ھەزرىتى ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئە نھۇ ئاق تەنلىك ۋە ھەزرىتى بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قارا تەنلىك ئىدى . جاھىلىيەت دەۋرىدە ئاق تەنلىكلەر قارا تەنلىكلەرنى قاتتىق خور كۆرەتتى .

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنداق ئىنسانلارنى رەڭگى بىلەن پەرقلەندىرىشنى رەت قىلىپ » : ئەرەبلەرنىڭ باشقا مىلل ەتلەردىن ئارتۇقچىلىقى يوق، ئاق تەنلىكلەرنىڭ قارا تەنلىكلەردىن ئارتۇقچىلىقى يوق، اللەنىڭ دەرگاھىدا ھۆرمەتلىك بولغىنىڭلار ئەڭ تەقۋادار بولغىنىڭلاردۇر، ھەممىڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادى، ئادەم ئەلەيھىسسالام بولسا تۇپراقتىن يارىتىلغان « دەپ جاكارلىغان ئى . دىئىككىنچىدىن ھەزرىتى ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى غىفار قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئىدى، ھەزرىتى بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇبەي ئىبنى خەلەف دېگەن كاپىرنىڭ قۇلى ئىدى . جاھىلىيەت دەۋرىدە ھۆر ئادەملەر قۇللارنى ئىنسان قاتارىدا كۆرمەيتتى .

ئىسلامدا قۇل خوجايىن ياكى باشقا ھۆر ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرقى يوق، ھەممىسى ئوخشاش ئىنسان، ئوخشاش ھۆرمەتكە ئىگە دەپ تەلىم بېرىدۇ . بۇنىڭغا ئاساسەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزىنىڭ مەنىسى » : سەن مۇسۇلمان بولغان بولساڭمۇ، ئا شۇ جاھىلىيەت دەۋرىدىكى قۇللارنى كەمسىتىدىغان، خور كۆرىدىغان ئادەتنى تېخىچە تاشلىماپسەن، سەن تېخى كامىل مۇسۇلمان بولماپسەن « دېگەن بولىدۇ . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇسۇلماننىڭ قەدرىنى چىشىرىدىغان كىچىككىنە بىر ئېغىز سۆزگە شىنچىلىك قاتتىق رەددىي ە بەرگەن ۋە ساھابە كىراملارنى مۇشۇنداق تەربىيىلىگەن ئىدى . ئەگەر بىزنىڭ ھالىمىزنى كۆرسە ئەجەبا نېمە دەر ئىدى؟ !

جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەزرىتى ئەبۇ زەر بىلەن ھەزرىتى بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئوتتۇرىدىكى ئەھۋالنى يۇقىرىقىدەك بىر تە رەپ قىلغاندىن كېيىن، قۇللارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن» : خىزمەتچىلىرىڭلار ئاللاھ قول ئاستىڭلاردا قىلغان بۇرادەرلىرىڭلاردۇر . بۇرادىرى قول ئاستىدا بولغان كىشى، ئۇنىڭغا ئۆزى يېگەندىن يېگىزسۇن، ئۆزى كەيگەندىن كېيگىزسۇن، ئۇلارنى كىچى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرىماڭلار، ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار ئۇلارغا ياردەملىشىڭلار «.

ھەزرىتى ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەڭ سادىق مۇسۇلمانلاردىن بۇلۇپ، ھەق سۆزنى سۆزلەشتە ھېچكىمدىن تارتىنمايتتى . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى مەدھىيىلەپ مۇنداق دېگەن» : ئەبۇ زەردىنمۇ راست سۆزلەيدىغان بىر كىشىگە ئاسمان سايە سالمىدى ۋە يەر كۆرپە بولمىدى.« ھەزرىتى ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قۇرئان كەرىم ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىگە ئۆز ئەينى ئەمەل قىلاتتى . مۇنداق دېگەنلىك مۇنداق دېگەن بولىدۇ دەپ تەۋىل قىلمايتتى. مانا بۇ ھەدىستە كۆرسىتىلگىنىدەك، ھەزرىتى ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يۇقىرىدىكى ھەدىسىگە ئەمەل قىلىپ قۇلىغا ئۆزىگە ئوخشاش قىممەت باھالىق تون كېيگىزىپ قويغان . بۇنىڭغا ھەيران قالغان مەئرۇر ئىبنى سۇۋەيد ”نېمىشكە قۇلىڭىزغا ئۆزىڭىزگە ئوخشاش قىممەتلىك تون كېيگىزدىڭىز؟ “ دەپ سورىغاندا، ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەلىماتىنى ئېيتىپ بەرگەن .

ئىسلامدا قۇلغا قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئىسلام كەلگەندە پىتىن دۇنيادا قۇللۇق تىزىمى ئەۋج ئالغان ئىدى. كىچلىكلەر ئاجىزلارنى، بايلار نامراتلارنى قۇل قىلىپ ئىشلىتەتتى. قۇلدارلار قول ئاستىدىكى قۇللارنى قوي كالىغا ئوخشاش بازارلارغا ئاپىرىپ ساتاتتى، ئاچچىغى كەلسە ئۇراتتى، تىللايتتى ۋە ئۆلتىرەتتى. قۇللارنىڭ خوجايىنلىرىنىڭ زۇلۇملىرىغا نارازىلىق بىلدىرىش ھوقۇقى يوق ئىدى . مەھكىمىلەردە قۇلدارلار قۇللىرىغا زۇلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن سۋتلانمايتتى. بىگىنكى ياۋرۇپانىڭ 10 ئەسىر ئاۋۋالقى تارىخىنى كۆرگەن كىشى قۇل ئۇياقتا تۇرسۇن ئادەتتىكى ئىشچىلارنىڭمۇ ھېچقانداق ھوقۇقى يوقلىقىنى ئوچۇق كۆرەلەيدۇ . ئىسلام كېلىپ ئىنسانلارنى باي كەمبەغەل، ئاجىز كىچلىك، يۇقىرى تەبىقە تۆۋەن تەبىقە، ئاق تەنلىك قارا تەنلىك ۋە باشقا ھەر خىل ئىسىم ئاستىدا ئايرىشنى قەتئىي رەت قىلىپ، پىتىن ئىنسانلار تاغاقنىڭ چىشىغا ئوخشاش تەڭ بەراۋەر ھوقۇققا ئىگە دەپ جاكارلىدى . مەككە مۇشرىكلى رىنىڭ يېڭى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلماسلىقتىكى ئەڭ چوڭ سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىسلامنىڭ قۇللارنى خوجايىنغا ئوخشاش ئىنسان دەپ قارىغانلىقى ئىدى . ئۇلار قول ئاستىمىزدىكى قۇللار قانداقمۇ بىز بىلەن تەڭ بولىدۇ؟ بىز بۇنداق دىننى قوبۇل قىلمايمىز دەپ قارشى تۇرغان ئىدى .

ئىسلام كېلىپلا قۇللۇق تىزىمنى بىراقلا ئەمەلدىن قالدۇرمىدى . چۈنكى بۇنداق قىلىش ئىنساننىڭ تەبىئېتىگە زىت كېلىدۇ . ئىسلام قۇللۇقنى يوقىتىشتا ئىككى پرىنسىپنى يولغا قويدى. بىرى قۇل قىلىش يولىنى پەقەت ئۇرۇشتا ئەسىر چىشكەن كاپىرلارغىلا قىسقارتتى . ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقا نداق بىر يول بىلەن ئىنسانلارنى قۇل قىلىش جائىز بولمايدۇ . ئىككىنچىسى قولىدا بار قۇللارنى ئازات قىلىشقا رىغبەتلەندىرىش . شۇنىڭ ئۈچۈن قۇل ئازات قىلغاننىڭ ساۋابىنى ناھايىتى چوڭ ساۋاب ۋە مۇكاپات قىلدى. خاتا ئادەم ئۆلتىرىش، قەسىمىدىن يېنىش، روزىسىنى بۇزۇش ۋە باشقا گۇناھلارنىڭ كاپارىتىنى قۇل ئازات قىلىش قىلدى . ھەر پۇرسەتتە قۇل ئازات قىلىشقا رىغبەتلەندىردى. مانا مۇشۇ يول بىلەن قۇلدارلار بىلەن قۇللارنى بىر بىرىگە دىشمەن قىلماستىن، ئىنسانىي ۋە دىنىي قېرىنداشلىق بىلەن قۇللۇقنى تىگىتىشنى مەقسەت قىلدى . ئاللاھ

تائالا مۇنداق دەيدۇ :

 ئۇ داۋان ئاشمىدى. داۋان ئېشىشنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟ داۋان ئېشىش دېگەن قۇل ئازات قىلىشتۇر. ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىنگە تاماق بەرمەكتۇر.] سىرە بەلەد: 11 ئايەتدىن 16 ئايەتقىچە [

جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە قۇللا رنى خوجايىنلارنىڭ دىنى ۋە ئىنسانىي بۇرادەرلىرى دەپ ئاتىدى، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى : قۇللار ئىككىنچى سىنىپ ئىنسانلار ئەمەس، ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئىنسانلار بۇلۇپ، سىلەرگە ئوخشاش كۆڭلى بار، سىلەرگە ئوخشاش جېنى بار، سىلەرگە ئوخشاش خوشال بولىدۇ، قايغۇرىدۇ، سىلەر رە نجىگەن نەرسىدىن ئۇلارمۇ رەنجىيدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى قول ئاستىڭلاردا قىلىشى بولسا، ئۇرۇپ تىللاش، ئىزىش، زۇلۇم قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ ئىشلىرىڭلاردا ياردەمچى بولۇش ئىچىندۇر . شۇڭا ئۇلارنى خورلىماڭلار، ئۆزەڭلار يېگەن تاماقتىن بېرىڭلار، ئۆزەڭلا ر كېيگەن كىيىمدىن كېيگىزىڭلار، ئۇلارنى قۇدرىتى يەتمەيدىغان ئېغىر ئىشقا سالماڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ئېغىر ئىشقا بۇيرۇشقا توغرا كېلىپ قالسا، ئۇلارغا ياردەملىشىڭلار. چۈنكى ئۇلار تاش تۆمىردىن يارىتىلغان مەخلۇق ئەمەس، ئېغىر ئىشلار بىلەن ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى ئاغرىي دۇ، يامان گەپ سۆزلەر بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلى رەنجىيدۇ، دېگەن بولىدۇ .

جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن » : اللەدىن قورقۇڭلار، قول ئاستىڭلاردىكىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، ئۇلارغا سىلەر يېگەن نەرسىدىن يېگىزىڭلار، كەيگەن ن ەرسەڭلاردىن كەيگىزىڭلار، ئۇلارنى كىچى يەتمەيدىغان ئىشقا سالماڭلار، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئەخلاقى سىلەرگە ياقمىسا ئۇلارنى باشقىلارغا سېتىۋىتىڭلار، اللەنىڭ بەندىلىرىنى قىينىماڭلار .« ھەزرىتى ئىكرىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھ ى ۋەسەللەم ئەبۇ مەسئۇدنىڭ قۇلىنى ئۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرىپ » : ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سېنىڭ بۇنىڭغا كىچىڭ يەتكىنىدىن بەكراق اللەنىڭ ساڭا كىچى يېتىدۇ.« دېگەن .

خوجايىنلارنىڭ خىزمەتچىلەرنى كۆزىگە ئىلمەي ”ھەي دۆت كالۋا، ماۋۇ ئىشنى مۇنداق قىل !

ياكى ئۇنى قويە !“ دېگەندەك قوپال ۋە يامان سۆزلەرنى قىلىشى ئىسلام ئەخلاقىغا قەتئىي ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ھەدىستە » : سىلەردىن ھېچكىم ”قۇلۇم، دېدىكىم“ دېمىسۇن، لېكىن ”ئوغلۇم، قىزىم“ دېسۇن« دېگەن .

ئاللاھ تائالا كىشىنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىشتىن، كىشىلەرنى خور كۆرىشتىن، ئۆز نەپسىگە تەمەننا تارتىپ مەنمەنچىلىك قىلىشتىن ساقلىسۇن. ئامىين !

ئىزاھات تېكىستى كىرگۈزۈلمىگەن.

8484-ھەدىس: ئىككى ھەسسە مۇكاپات ئالىدىغان كىشىلەر توغرىسىدا#

ھەزرىتى ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : ئىچ خىل كىشى بار، ئۇلارغا ئىككى قات مۇكاپات بېرىلىدۇ: بىرى ئەھلى كىتاب )يەنى يەھۇدى، ناسارا ( بۇلۇپ، ئۆز پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتىرگەن ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتىرگەن كىشى، يەنە بىرى اللەنىڭ ھەققىنى ۋە خوجايىنىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغان قۇل، ئىچىنچىسى دىدىكىنى ياخشى تەربىيىلەپ، ياخشى ئوقۇتۇپ يېتىشتىرگەندىن كېيىن ئازات قىلغان، ئاندىن ئۇنى نىكاھىغا ئالغان كىشىگە ئىككى ھەسسە مۇكاپات بېرىلىدۇ ] «.ۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت. ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:97 [

بۇ ھەدىس ئومۇ مەن ئىككى مەسىلە ئىستىدە توختىلىدۇ، بىرى ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى دىنلار يەنە بىرى قۇللار مەسىلىسى .

دىن مەسىلىسىگە كەلسەك، ئاللاھ تائالا ئىنساننى زېمىننى گىللەندىرىش ۋە ياراتقان پەرۋەردىگارىنى تونۇپ ئۇنىڭغا قۇللۇق قىلسۇن ئۈچۈن ياراتقان . ئىنسانغا يارىتىلىش غايىسى بولغان ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالىشى ئۈچۈن دۇنيا نېمەتلىرىدىن مەنپەئەتلىنىشكە ئىنتىلىدىغان نەپس شەھۋەت ۋە پەرۋەردىگارى ھەققىدە پىكىر يىرگىزىدىغان ئەقىل، ئاڭ ئاتا قىلغان . ئەينى ۋاقتىدا ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئۆزلىكسىز تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئىنسانلارنى بىر بىرى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ياشايدىغان قىلىپ ياراتقان . لېكىن ئىنسانلار كۆپىنچە نەپسىي ھەۋىسىگە يېڭىلىپ مۇشتۇمزورلۇق قىلىشقا مايىل بۇلۇپ كېتىدىغان بولغاچقا، ئۇ ياشاش قائىدە يۋسۇنلىرىنى ئۆگىتىدىغان رەھبەر ۋە ئىش ھەرىكەتلىرىنى كونترۋل قىلىپ تۇرىدىغان قا نۇن تىزىمگە مۇھتاج. بۇ قانۇن تىزىملەرنىڭ ئەڭ يىكسەك ۋە ئالىي ماقام بىر زات تەرىپىدىن چىقىرىلىشى كېرەككى، ئىنسانلار ئۇ زاتنىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ، رەھمىتىدىن ئىمىد كىتىپ ئۇنىڭ قانۇن تىزىملىرىنى ئىجرا قىلسۇن . ئاللاھ تائالا دىن باشقا ھېچكىم ئۇنداق سىپەتكە ئىگ ە ئەمەس .

شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ بۇ ئېھتىياجىنى قامداپ، پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىپ، ئۆز دەرگاھىدىن كىتابلار نازىل قىلىپ، ئىنسانلارغا دۇنيا ئاخىرەتنىڭ بەخت سائادەت يولىنى كۆرسىتىپ قانۇن تىزىملەرنى بېكىتىپ بەرگەن .

ئىنسانلار يەر يىزىگە ئاپىرىدە بولغان دىن بىرى ئاللاھ تائالا تەرەپتىن ئۇلارغا يول كۆرسەتكىچى پەيغەمبەرلەر كېلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى پەرمانلىرىنى يەتكىزىپ تۇردى . ئەڭ بىرىنچى پەيغەمبەر ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ق ەدەر كەلگەن بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنسانلارغا يەتكىزگەن تەلىماتلىرىنىڭ نىگىزى ۋە غايىسى بىردۇر. ئۇ بولسىمۇ ئىنسانلارغا ئۆزىگە ئوخشاش مەخلۇقلارغا قۇل بولۇشنى تاشلاپ، ھەقىقىي پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغىلا قۇل بولۇش ۋە دۇنيا ئاخىرەتتە بەختلىك ھايات ك ەچىرىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالا نىڭ بەلگىلەپ بەرگەن قانۇن تىزىملىرىنى ئىجرا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ھەر دەۋردىكى ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ئوخشاش بولمىغاچقا، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېلىپ كەلگەن ئىجتىمائىي قانۇن تىزىملىرىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ مۇرەككەپلىشىشىگە ئەگىشىپ قانۇن تىزىملەرمۇ كۆپىيىدۇ . ئەمما ئەقىدە ۋە ۋە ئىماندا يەنى ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىغا، بىرلىكىگە چىن ئىشىنىش ۋە ئۇنىڭ ئۆزىگىلا قۇللۇق قىلىشتا ئۆزگىرىش بولمايدۇ. شۇڭلاشقا بىر پەيغەمبەرگە ئىممەت بۇلۇپ ئىتائەت قىلغان كىشى، ئۇنىڭدىن كېيىنك ى پەيغەمبەرگىمۇ ئىتائەت قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئىككى قات ئەجرى مۇكاپات بېرىدۇ .

كىنىمىزدە ساماۋى دىنلاردىن ئىچ دىن مەۋجۇد بۇلۇپ، بىرى يەھۇدى دىنى يەنە بىرى خرىستىئان دىنى ۋە ئىچىنچىسى ئىسلام دىنىدۇر . بۇ ئىچ دىننىڭ بىرىنچىسى بولغان يەھۇدى دىنى بولسا، ئەسلى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا چىشىرىلگەن مۇقەددەس دىن ئىدى .

مۇسا ئەلەيھىسسالام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن يەھۇدىلارنىڭ يامان نىيەت موللىلىرى ئاللاھ تائالانىڭ مۇقەددەس، پاك دىنىنى ئۆزلىرى خالىغانچە بۇرمىلاپ پىتىنلەي بۇزۇپ تاشلىدى . ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىنىڭ ئەسلىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلدىرىش ئۈچۈن بىر نەچچە پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولسىمۇ، يەھۇدىلار ئۇ پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ قالاق ئىددىيىسىدە چىڭ تۇردى . كېيىن ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ھەزرىتى ئېيسا ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا ئىنجىلنى نازىل قىلدى . ئىنجىلدا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان تەۋراتنىڭ ھۆكىملىرى بايان قىلىندى، بەزى ھۆكىملەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئورنىغا يېڭى ھۆكىملەر بېكىتىلدى. يەھۇدىيلارنىڭ يالغاندىن تۋقۇپ چىقىپ، كىشىلەرگە اللەنىڭ ھۆكمى دەپ ئېلان قىلغان يامان قىلمىشلىرى پاش قىلىندى . لېكىن يەھۇدىلار ئېيسا ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر دەپ تونۇپ ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىپ، ئىنجىلنى ئېتىراپ قىلغىلى ئۇنىمىدى . ئېيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتىرگەن كىشىلەر ئىنتايىن ئاز بۇلۇپ، ئۇلار »ئەنسار لارىناسارالار« يەنى ئېيسا ئەلەيھىسسالامغا ياردەم بەرگىچىلەر دەپ ئاتىلاتتى . يەھۇدىلار ئېيسا ئەلەھىسسالامنى ئۆلتىرىشكە خىرىس قىلغاندا، ئاللاھ تائالا ئۇنى يەھۇدىلارنىڭ سىيقەستىدىن ساقلاپ ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتكەن . شۇنىڭ بىلەن ناسارالار ئىنجىلنى ئۆزلىرى يېزىپ چىقى پ شۇنىڭغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ناسارا )خرىستىئان( دىنى شەكىللەندى . زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن خرىستىئانلارمۇ بۇزۇلۇپ، ئەمەلىيەتتە ئەسلى تولۇق بولمىغان ئىنجىلنى ھەر تۈرلۈك يېزىپ چىقىشقا باشلىدى . ئىنجىل شۇنداق كۆپىيىپ كەتتىكى، قايسى دۇرۇس، قايسى خاتا بىلگىلى بولمايدىغان ھەلەتكە كەلدى .

ھەزرىتى ئېيسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن 500 يىلدىن كۆپرەك مۇددەت ئىچىدە دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە پەيغەمبەر كەلمىدى . يەر يىزىنى ئادالەتسىزلىك، زۇلۇم، ناھەقچىلىك، زوراۋانلىقلار قاپلاپ كەتتى. مەيلى ساماۋى دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار بولسۇن، مەيلى باشقا دىندىكىلەر ياكى دىنسىزلار بولسۇن ئىجتىمائىي جەھەتتە پىتىنلەي چىرىكلىشىپ، ئىنسانلار بىر بىرىنى ئىزىشتە جاڭگاللاردىكى ۋەھشى، يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتتى . ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا رەھىم شەپقىتى كېلىپ ئۇلارنى كۇپۇر زالالەتنىڭ قاراڭغۇلۇقىدىن ئىمان ھىدايەتنىڭ يورۇقلىقىغا، ھەر خىل زۇلۇملارنىڭ پاتقىقىدىن ئىسلامنىڭ ئادالىتىگە چىقىرىش ئۈچۈن جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى پىتىن ئىنسان ۋە جىنلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا مەڭگى ئۆچمەس كالامى بولغا ن قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلدى . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر بۇلۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر كەلمەيدىغان بولغاچقا، ئاللاھ تائالا ئاخىرقى دىنىنى ئەڭ مۇكەممەل دىن قىلىپ، قۇرئان كەرىمنى قىيامەت كىنىگىچىلىك كىچكە ئىگە قىلدى ۋە ئۇنىڭ دا يەر شارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشايدىغان ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن كونىراپ قالمايدىغان ئەھكاملارنى بېكىتتى. ئىسلام دىنىنىڭ نىگىزىنى ئاللاھ تائالاغا ئىمان كەلتىرىش قىلىپ، بارلىق ھۆكىم ۋە گىزەل ئەخلاقلارنى ئاشۇ ئىمانغا باغلىدى .

ئاللاھ تائالا بۇ مۇقەددەس ۋە مەڭگىلىك دىنىنى نازىل قىلىش بىلەن بىرگە بۇرۇنقى دىنلارنىڭ ھەممىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. مۇسا ۋە ئېيسا ئەلەيھىسسالامغا ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كېلىشىدىن خەۋەر بېرىپ، ئۇ كەلگەندە ئۆزلىرىنىڭ دىنلىرىنىڭ ئەمە لدىن قالىدىغانلقىنى بىلدىرگەن ۋە ئۇلار ئۆز ئىممەتلىرىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كەلگەندە ئۆز دىنلىرىنى تاشلاپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش توغرىلىق ۋەدە ئالغان ئىدى . چۈنكى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىش بۇرۇنقى دىنلارنىڭ ھەممىنى قوبۇل قىلغانلىق ۋە ئاللاھ تائا لانىڭ ئەمرىنى ئىجرا قىلغانلىق بولىدۇ . چۈنكى ئىسلام دىنىدا بارلىق ساماۋى دىنلاردىكى ئەھكاملار ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە مەۋجۇد . پەقەت ئىجتىمائىي تىزىملەرگە بەزى ئۆزگەرتىشلەر كىرگىزىلگەن بۇلۇپ، بۇنى ئۆزگەرتكەن ئاللاھ تائالا ئۆزىدۇر. ھېچكىمنىڭ بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرۈش، قارشى چىقىش ھوقۇقى يوق . مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بۇلۇپ كەلگەندىن كېيىن يەنە تەرسالىق قىلىپ ئۆز دىنىدا چىڭ تۇرىۋالغۇچىلار كاپىرلار بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ دىنلىرى ۋە قىلغان ئىشلىرى قەتئىي قوبۇل قىلنمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆز دىنلىرىدا چىڭ تۇرغانلىقى ئاللاھ تائالا نىڭ ئەمرىگە قارشى چىققانلىقتۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا مەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەندىن كېيىن ئۆز دىنىڭلارنى قويۇپ ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار دەپ بۇيرىغان تۇرسا، ئۇلار ياق، بىز ساڭا سەن كۆرسەتكەن بويىچە ئەمەس، ئۆزىمىز خالىغان بويىچە ئىب ادەت قىلىمىز دېسە، بۇ قانداق اللەغا بويسۇنغانلىق بولىدۇ؟ ئاللاھ تائالا ئۇنداق كىشىنىڭ ئەمىلىنى قانداق قوبۇل قىلىدۇ؟ شۇڭا مۇسۇلمانلار خرىستىئانلارمۇ، يەھۇدىلارمۇ اللەغا ئىشىنىدىكەن دەپ ئالدىنىپ كەتمەسلىكى كېرەك . چۈنكى ئۇلار ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى ئىشىنىپ، ئۆز د ىنىغا چىن ئەمەل قىلسا ئىدى، ئەلۋەتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىمان كەلتىرىپ مۇسۇلمان بولغان بولاتتى .

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يۇقىرىدىكى ھەدىستە ئەنە شۇ يەھۇدى ۋە ي خرىستىئانلاردىن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، مۇسۇلمان بولغانلا رغا ئاللاھ تائالا نىڭ ئىككى قات مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى بىلدىرىدۇ . بىرى ئۆز پەيغەمبىرىگە ئىشەنگەنلىكى، يەنە بىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتىرگەنلىكى ئىچىندۇر . ئەگەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتىرمىسە، ئۇنىڭ پىتىن پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتىرگەنلىكى ئىمان ھېسابلانمايدۇ .

ئىككىنچى مەسىلە قۇللۇق مەسىلىسى :

كىنىمىزدە قۇللۇق قالمىدى، شۇڭلاشقا بۇ مەسىلە ئىستىدە توختىلىش ھاجەتسىز . لېكىن دىن دىشمەنلىرى دۇنياغا قۇللۇقنى ئىسلام دىنى ئېلىپ كەلگەندەك، بۇ ئۇلۇغ دىنىمىزغا ھەر تۈرلۈك تۆھمەتلەرنى چاپلايدۇ ۋە بە زى كەم ئەقىل مۇسۇلمانلارمۇ ئۇلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ دىشمەنلەرگە خىزمەت قىلىدۇ. ھالبۇكى دۇنيادا قۇللارنىڭ خوجايىنلار بىلەن ئوخشاش ئىنسان بولغانلىقىنى، ئۇلارغا ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىپ زۇلۇم قىلماسلىق لازىملىقىنى بىرىنچى قېتىم جاكارلىغان ۋە قۇل ئازات قىلىشنى ئەڭ ئۇلۇغ ساۋابلىق ئىش قىلغان دىن ئىسلام دىنىدۇر . ئىسلام خەلىپىلىرى دەۋرىدە ئازات قىلىنغان قۇللاردىن ئەڭ داڭلىق ۋە مەشھۇر ئالىملار چىققان بۇلۇپ، پىتىن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىگىنمۇ ئۇلارنى ھۆرمەتلىمەكتە ۋە ئۇلارنىڭ قالدۇرغان قىممەتلىك ئەسەرلىرىنى تەزىم بىلەن ئوقۇماقتا . جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يۇقىرىدىكى ھەدىستە قۇللارنىڭ شەنىنى يۇقىرى كۆتىرىپ، خوجايىنىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش بىلەن بىرگە ئاللاھ تائالاغا تائەت ئىبادەتلىرىنى ئۆز لايىقىدا ئادا قىلغان قۇللارغا ئىككى ھەسسە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدىرىدۇ .

جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە قۇل ئازات قىلىشقا رىغبەتلەندىرىپ، قول ئاستىدىكى دىدەكنى ھۆرمەتلەپ، ياخشى ئوقۇتۇپ، تەربىيىلەپ يېتىشتىرگەندىن كېيىن ئازات قىلغان، ئازات قىلدىم دەپ ئۇنى ئىگە چاقىسىز تاشلاپ قويماستىن ھۆر ئا يال قاتارىدا چىرايلىق تويىنى قىلىپ نىكاھىغا ئالغان كىشىنىڭ ئىككى قات مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدىرىدۇ .

دېمەك، ئىسلامدا قۇللار بۇ قەدەر ئىززەت ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ۋە شۇنداق ئالى دەرىجىگە چىقىرىلغان ئىكەن، ئىسلام قۇللۇقنى ياقىلايدىغان دىن دېيىش ئوپئوچۇق تۆھمەت بولىدۇ .

ئاللاھ تائالا بىزنى ھەقىقەتنى چىشىنىدىغان ۋە ئۆز دىنىمىزنىڭ قەدرى قىممىتىنى بىلىدىغان ئاڭلىق مۇسۇلمانلاردىن قىلسۇن. ئامىين !

8585-ھەدىس: كىشىلەرنى ئورنىدىن قوپۇرۇۋەتمەسلىك توغرىسىدا#

ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما، جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن » : بىراۋنى ئورنىدىن قوپۇرىۋىتىپ ئۇنىڭ ئورنىدا باشقا بىرىنىڭ ئولتۇرۇشىدىن توستى، لېكىن بىر بىرىڭلارغا ئورۇن چىقىرىپ بېرى«.ڭلار ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىرىسى ئورنىدىن قوپۇرىۋىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇشنى يامان كۆرەتتى .

]بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت . ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى: 6127[

جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە مەسجىد ۋە باشقا سورۇنلاردا ئولتۇرۇپ قوپۇش ئادابىنى ئۆگىتىدۇ . مەسجىد ۋە كۆپ ئادەم توپلىشىدىغان يەرلەردە بىر ئادەم بۇرۇن كېلىپ ئولتۇرغان بولسا، ئۇ ئورۇن شۇ كىشىنىڭ ھەققى بۇلۇپ، تاكى ئۆزى قوپۇپ كەتمىگىچىلىك ئۇ ئ ۋرۇندا باشقىلارنىڭ ئولتۇرۇش ھەققى بولمايدۇ . كىشىنىڭ مەرتىۋىسى قانچىلىك يۇقىرى بولسا بولسۇن، قەيەردە بوش ئورۇن تاپسا شۇ يەردە ئولتۇرۇشى كېرەك . مەنسىپىگە يا ئىلمىگە ياكى ئىقتىسادى ئىستىنلىكىگە تايىنىپ ئولتۇرغان كىشىنى قوپۇرىۋىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇش ئىسلام ئەخلاقىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ . چۈنكى بۇ قىلىق ئورنىدىن قوپۇرىۋىتىلگەن كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدۇ. ئىسلامدا سىنىپ ئايرىمىچىلىقى يوق، چوڭ كىچىك بارلىق ئىنسانلارغا ئوخشاش قارايدۇ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىشكە يول قويمايدۇ . چۈنكى بۇنداق ئىشلار كۆرىنىشتە ئاددى كىچىك ئىشلاردەك قىلسىمۇ، مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا ئاداۋەت، دىشمەنلىك، بىر بىرىنى يامان كۆرىشتەك ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ ۋە ئۆز ئارا قېرىنداشلىق رىشتىسىنى ئىزىپ قويىدۇ . شۇڭلاشقا جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ مەسىلىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ تەكىت لەپزى بىلەن بايان قىلغاندۇر .

بۇ ھەدىس شېرىفنىڭ شەرھىدە ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ : ئەگەر بىر كىشى مەسجىدتە ئورۇن ئالغان بۇلۇپ، قايتىپ كىرىش مەقسىتى بىلەن تاشقىرىغا چىقىپ كەتكەن بولسا، ئۇ كىشىنىڭ مەزكۇر ئورۇندىكى ھەققى يوقىلىپ كەتمەيد . ۇئەگەر بىر كىشى بىر ئورۇننى ئىگىلەپ جەيناماز، دۋپپا ياكى قول ياغلىقىغا ئوخشاش بىر نەرسە قويۇپ قويغان بولسا، كېيىن كىرگەن كىشىلەر ئۇ نەرسىنى ئېلىۋىتىپ ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ . ئەمما مەزكۇر ئورۇننى ئىگىلەپ قويۇپ پات كەلمىسە، نامازغا تەكبىر ئېيتىلغان ياكى مەسجى د توشۇپ كەتكەن بولسا، ھېلىقى ئورۇندا ئولتۇرۇشقا بولىدۇ .

بىر كىشى مەسجىدتە قۇرئان ئاڭلاش، دەرس ئىگىنىش ئۈچۈن دائىم بىر يەردە ئولتۇرىدىغان بۇلۇپ، كىشىلەر بۇنى بىلسە، مەزكۇر كىشى بىرەر سەۋەب بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولسا، ئورنىغا بىر نەرسە قويۇپ قويمىغان بولسىمۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ . ئەگەر ئۇ قايتىپ كىرگىچىلىك نامازغا تەكبىر ئوقۇلغان بۇلۇپ، سەپنى تولدۇرۇش كېرەك بۇلۇپ قالغان تەقدىردە ئۇ ئورۇنغا ئولتۇرۇشقا بولىدۇ .

شۇنىڭدەك مەسجىدلەردە كىشىلەرنىڭ گەردەنلىرىدىن ئاتلاپ، باشلىرىغا ئايىغىنىڭ توپىلىرىنى توزۇتۇپ ئالدى سەپكە ئۆتىش توغرا ئەمەس . بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا، بىر كىشىنىڭ جامائەتلەرنىڭ گەردەنلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتىۋاتقانلىقىنى كۆرىپ »ئولتۇرغىن، كىشىلەرگە ئەزىيەت بەردىڭ« دېگەن .

ئەگەر بىر سورۇندا ياكى مەسجىدتە ئولتۇرغاندا ئالىم، پازىل بىر كىشى كېلىپ قالسا، ئولتۇرغانلار ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدىرىپ ئورۇن چىقىرىپ بېرىش ياخشىدۇر . چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم» : كىشىلەرگە مەرتىۋىسىگە مۇۋاپىق مۇئامىلە قىلىڭلار« دېگەن .

سورۇنغا كېيىن كەلگەن كىشىگە ئورۇ ن بىكارلاپ بېرىش بەزىدە ھارام بولىدۇ بەزىدە دۇرۇس بولىدۇ. مەسىلەن : كەلگەن كىشىگە ئورنىدىن تۇرۇش خوشامەت قىلىش، ئۇنى ھەددىدىن ئارتۇق ئۇلۇغلاش يىزىسىدىن بولسا ياكى كەلگەن كىشى، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئورنىدىن تۇرۇشى بىلەن ئۆزىگە تەمەننا تارتىپ پەخرىلىنىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا ئورنىدىن تۇرۇپ ئورۇن بىكارلاپ بېرىش ھارام بولىدۇ. ئەگەر كاتتا ئالىم، قازى ۋە ھاكىمغا ئوخشاش، كىشىلەرنىڭ ئولتۇرغىنىغا، ئورنىدىن تۇرغىنىغا كۆڭىل بۆلىپ كەتمەيدىغان كىشىلەرگە ئورنىدىن تۇرۇش دۇرۇس بولىدۇ .

ئاتا ئاناڭ، ئۇستازىڭ، يېشى چوڭ كىشىلەر كى رسە ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ، ئورنىڭدىن تۇرۇپ ئۇلارغا ئورۇن بىكارلاپ بېرىشىڭ، قولىدىن كەشىنى، ھاسىسىنى ئېلىشىڭ، ئاستىغا كۆرپە سېلىشىڭ، سۆزىگە قۇلاق سېلىشىڭ، ئاۋازىڭنى پەس قىلىشىڭ، سۆزىنى كەسمەسلىكىڭ ئىسلام ئەخلاقىدىندۇر. سۇۋرۇندا ئولتۇرغاندا غەيۋەت شىكايەت قىلماسلىق، ئولتۇرغانلارنىڭ ئىچىدىن بىرەرسىنى مەسخىرە قىلىپ كىلمەسلىك، ئۆزىنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى سۆزلەپ ماختانماسلىق، كىشىلەرنىڭ سىرىنى پاش قىلماسلىق، ئەيىبىنى ئاچماسلىق، سورۇندىكىلەرنى خىجىل قىلماسلىق، مۇمكىن قەدەر ئاللاھ تائالا رازى بولىدىغان سۆھبەتلەرنى قىلىش، ياخشىلىققا تەرغىپ قىلىپ يامانلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇش، كۆپ ئادەم بار يەردە ئىككى كىشى مەخپى سۆھبەتلەشمەسلىك، ئەگەر ئىككى كىشى سۆھبەتلىشىۋاتقان بولسا ئۇلارنىڭ ئىزنىسىز گەپكە ئارىلاشماسلىق قاتارلىق ئىشلار سورۇنلارنىڭ ئەدەپ ئەخلاقىدىندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتىنىڭ تولىسىدا خەيرىيەت يوقتۇر. پەقەت سەدىقىگە ياكى ياخشىلىققا ياكى كىشىلەرنى ئەپلەشتىرىشكە ئەمرى قىلغان كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتى بۇنىڭدىن مەستەسنا. كىمكى ئۇ ئىشلارنى اللەنىڭ رازىلىقىنى تىلەش يىزىسىدىن قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بىيىك ئەجرى ئاتا قىلىمىز.] سىرە نىسا:114 ئايەت [

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ :

ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سورۇندا بەزىلەر سىلەرگە »ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار« دېسە، ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرگە رەھمىتى ۋە جەننىتىنى كېڭەيتىپ بېرىدۇ، ئەگەر سىلەرگە : »ئورنىڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار « دېيىلسە، ئورنىڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتىرىدۇ . ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر.] سىرە مۇجادەلە:11 ئايەت [

دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، سەندىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوق دەپ گۇۋ اھلىق بېرىمەن، سەندىن كەچىرىم سورايمەن ۋە ساڭا تەۋبە قىلىمەن.( ئاللاھ تائالا بىزنى مانا مۇشۇنداق پەزىلەتلىك ئەخلاقلار بىلەن ئەخلاقلىنىپ، ناچار ۋە يامان قىلىقلاردىن يىراق قىلسۇن, ئامىين !

8686-ھەدىس: ياخشى دوست تاللاش توغرىسىدا#

ھەزرىتى ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : ياخشى ھ ەمرا ئىپار ساتقۇچىغا ئوخشايدۇ . ناچار ھەمرا تۆمىرچىنىڭ كۆرىكىنى باسقۇچىغا ئوخشايدۇ . ئىپار ساتقۇچى يا ساڭا ئىپاردىن ھەدىيە قىلىدۇ، ياكى سەن ئۇنىڭدىن سېتىۋالىسەن، ياكى بولمىسا ئىپارنىڭ خۇش بۇيىنى پۇرايسەن . كۆرەك باسقۇچى يا كىيىمىڭنى كۆيدىرىدۇ، ياكى ئۇنىڭ يېنى دا سېسىق پۇراقلارنى پۇرايسەن ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت . ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى:6644[

جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە بىزنى ياخشى كىشىلەرنى تاللاپ ئۇلار بىلەن دوست ئاغىنە بولۇش، يامان دوست، يامان ئاغىنىلەردىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرىدۇ .

ياخشى دوستلارنىڭ پايدىسى بىلەن يامان ئاغىنىلەرنىڭ زىيىنىنى بايان قىلىپ، ياخشى دوستنى ئىپار ساتقۇچىغا، يامان دوستنى تۆمىرچىنىڭ كۆرىكىنى باسقۇچىغا ئوخشىتىدۇ .

ئىنسان دوستى بىلەن تون ۇلىدۇ. شۇڭلاشقا كونىلار ”دوستۇڭىزنى ئېيتىپ بېرىڭ، مەن سىزنىڭ قانداق كىشى ئىكەنلىكىڭىزنى ئېيتىپ بېرەي “ دېگەن ئىكەن . ياخشى كىشىلەر بىلەن دوست بولسىڭىز، ئۇلار سىزنى ياخشى ئىشلارغا ئىندەپ، يامان ئىش ۋە ناچار قىلىقلاردىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. سىزگە ساداقەت بىلەن راست سۆزلەرنى قىلىپ، پايدىلىق ئىشلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ . ئاللاھ تائالانىڭ ھېسابسىز نېمەتلىرىنى ئەسلىتىپ كۆڭلىڭىزنى ھۇزۇرلاندۇرىدۇ. سىزگە ئەيىبلىرىڭىزنى كۆرسىتىپ، پايدىسىز ئىشلاردىن توسىدۇ . سىز ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ ئاللاھ تائالا نى ئەسلەتسىڭىز، ئاللاھ تائالانىڭ ساۋابىنى ئۇمىد قىلىپ ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايدۇ . ئەگەر ئاللاھ تائالا نىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرسىڭىز دەرھال يامان ئىشلاردىن قول ئىزىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ھەم سىز، ھەم دوستىڭىز كىشىلەر ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر، ئىشەنچلىك، ياخشى كىشىلەردىن بولىسىلەر . ئائىلىدىكىلەر ۋە جەمئىيەتتىكى كىشىلەر سىلەرنى ئۆزىگە ئىلگە قىلىپ، ئۇلارمۇ ياخشى كىشىلەردىن بولىدۇ . ئەزالىرى ياخشى بولغان جەمئىيەتتە زۇلۇم، ناھەقچىلىك، جىدەل ماجىرا ۋە ئىتتىپاقسىزلىق بولمايدۇ . ھەممە بىر بىرىگە دوست، ئىناق بولىدۇ . ئەمەلدارلار پۇقرالارنى ئەزمەيدۇ، پۇقرالار باشلىقلىرىغا قارشى ئىسيان كۆتىرمەيدۇ. جەمئىيەتتە ھەقىقىي بەخت سائادەت ۋە پاراۋانلىق بولىدۇ .

ياخشى دوست سىزنىڭ سىرىڭىزنى ساقلايدۇ، خاتالىقىڭىزنى كەچىرىدۇ، ئەيىبىڭىزنى يۆگەيدۇ، كەمچىلىكىڭىزنى تىزىتىدۇ، قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭىزغا ھەمكارلىشىدۇ . ياخشى دۋ ست سىز بىلەن بىرگە بولۇشتىن زىرىكىپ قالمايدۇ، سىزدىن يىراقتا بولغاندا سىزنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ .

ئەمما ناچار ئادەملەر بىلەن دوست بولسىڭىز، سىز ئۇلارنىڭ يامان ئىشلىرىغا ئورتاق بولمىسىڭىزمۇ بالاسى يۇقىدۇ . ئۇلارنى يامان قىلىقلىرىدىن ئاگاھلاندۇرسىڭىز، سىزنىڭ سۆزىڭىزگە قۇلاق سالمىغاننىڭ تېشىدا، سىزگە زىيان كەلتىرىشتىن يانمايدۇ . ئەگەر ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا كۆز يۇمسىڭىز، يامان ئىشلارغا رازى بولغان بولىسىز، يامانلىققا رازى بۇلۇپ قاراپ تۇرۇش ئۇنى ئىشلىگەنگە ئوخشاش گۇناھتۇر . شۇڭا ئاتىلىرىمىز ” : ياماننىڭ قېشىغا بارماڭ بالا سى يۇقار، قازاننىڭ قېشىغا بارماڭ قاراسى يۇقار“ دېگەن .

دېمەك، ناچار ئادەملەر بىلەن ئولتۇرۇپ قوپۇش قىلىش، ئۇلارنىڭ يامان ئىشلىرىغا رازى بۇلۇپ قاراپ تۇرۇش دۇرۇس ئەمەس، يامانلىقنى توسۇش لازىم . ئەگەر ئۇنى توسۇشقا قۇدرىتى يەتمىسە، ئۇنداق يامان سۆز ، يامان ئىش قىلىنىۋاتقان يەرنى تاشلاپ كېتىش كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ :  ئۇلار بىھۇدە سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىپ، »بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلار ئۆزەڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، بىز نادانلاردىن دوستلۇق تىلىمەيمىز « دەيدۇ . ] سىرە قەسەس:55 ئايەت [

ناچار، يامان ئادەملەرنىڭ ئولتۇرۇشلىرىدا سەت گەپلەر، غەيۋەت شىكايەتلەر، سۇخەنچىلىك، يالغانچىلىق، بىر بىرىنى سەت تىللار بىلەن تىللاش ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك ناچار قىلىقلار بولىدۇ . ئۇلارغا نەسىھەت قىلسا مەسخىرە قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنداقلارنىڭ سورۇنلىرىدا ئولتۇرماسلىقنى ئەمرى قىلىپ مۇنداق دەيدۇ :  بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز توغرىسىدا تەنە ۋە مەسخىرە قىلىپ پاراڭ سېلىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرگىنىڭدە، ئۇلار بۇنىڭدىن باشقا پاراڭغا چىشمىگىچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن، ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماسلىقنى شەيتان ساڭا ئۇنتۇلدۇرغان بولسا، ئېسىڭگە كەلگەندىن كېيىن، زالىم قەۋم بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن.] سىرە ئەنئام: 68 ئايەت [

ياخشى يامان دوست ئاغىنىلەرنىڭ پايدا زىيىنى مۇشۇ دۇنيادىلا چەكلىنىپ قالمايدۇ . بەلكى قىيامەت كۈنى ھەر كىشى مۇشۇ دۇنيادا ياخشى كۆرگەن ۋە يېقىن بولغان كىشىلىرى بىلەن ھەشرى قىلىنىدۇ . ياخىشلارنى دوست تۇتقانلار ياخشىلار بىلەن، يامانلارنى دوست تۇتقانلار ياما نلار بىلەن بولىدۇ. سوفى ئاللاھ يار مۇنداق دەيدۇ : ”قىيامەت كىن قوشۇلسا جان بىلەن تەن، قوپار ھەر ئادىمى ئۆز دوستى بىرلەن “.

ئاللاھ تائالا بىزنى يامانلارنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ كېتىشتىن ساقلاپ، ياخشىلارغا ھەمرا قىلسۇن، ئامىين !

8787-ھەدىس: گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنمايدىغانلار توغرىسىدا#

87 ھەدىس گۇناھى كەچىرىم قىلىنمايدىغانلار توغرىسىدا ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ، جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ » : ئىممىتىمنىڭ ھەممىسى ئەپۇ قىلىنىدۇ، ئوچۇق ئاشكارا گۇناھ قىلغۇچىلار بولسا كەچىرىم قىلنمايدۇ . بىر ئادەم كېچىسى بىرەر گۇناھ ئىشنى قىلغان ۋە ئاللاھ ئۇنى يوشۇرغان بولسا، ئۇ ئادەمنىڭ ئەتىگىنى تۇرۇپ” : ھۋي پالا! نىمەن ئاخشام مۇنداق، مۇنداق ئىشلارنى قىلدىم“ دەپ، ئاللاھ يوشۇرغان بۇ ئىشنى ئەتتىگىنى ئاشكارىلىشى، ئوچۇق گۇناھ قىلغانلىق جىملىسىدىن بولىدۇ ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت. ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:5930 [

ئىزاھات :

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە چەكسىز مېھرىبان بولغانلىقى ئۈچۈن، بەندىلەردىن ئۆتەلگەن كەمچىلىكلەرنى ئۆز رەھمىتى بىلەن ئەپۇ قىلىپ كەچىرىدۇ . لېكىن ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئەپۇ مەغپىرىتىدىن مەھرۇم قالىدىغان بەزى ئىنسانلارمۇ بار . ئۇلار شۇنداق رەزىل، پەسكەش م ەخلۇقلاركى، ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشتىن قورقمايدۇ، كىشىلەردىن ھايا قىلمايدۇ . ئۇنداق ھاياسىز ئىنسانلار كىشىلەرنىڭ كۆزى ئالدىدا ھەر تۈرلۈك يامان قىلىقلارنى قىلىشتىن تەپ تارتمايدۇ . ئاللاھ تائالا نىڭ دىنىغا ۋە ئەمرى پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلىشنىڭ ئورنىغا ناپەرمانلىق قىلىدۇ .

ئاللاھ تائالانىڭ مەغپىرىتىدىن مەھرۇم قالىدىغان ئىنسانلارنىڭ يەنە بىر تىرى، كېچىسى ھاراق ئىچىش، زىنا قىلىش، قىمار ئويناش قاتارلىق گۇناھ مەسىيەتلەرنى ئىشلەپ، مەزكۇر جىنايى قىلمىشلىرىنى ئەرتىسى پەخرىلەنگەن ھالدا، باشقىلارغا ” : مەن كېچىدىن ئۇندا ق قىلدىم، مۇنداق قىلدىم“ دەپ سۆزلەپ بېرىدىغانلاردۇر . ئۇلار گۇيا ئۆزلىرىنى ئاشۇنداق ئىشلارنى قىلالايدىغان جاسارەتلىك ئادەملەر دەپ ئويلايدۇ . ئۇنداق تەبىئېتى بۇزۇق، كۆڭلى قارا، ھاياسىز ئىنسانلاردىن بىر نەچچىسى جۇغلىشىپ قالسا، قىلىشىدىغان پاراڭلىرى ھەر بىرى ئۆز رەسۋالىقى بىلەن پەخرىلىنىپ ”مەن مانچە ئايال بىلەن بىر يەردە بولدۇم، مەن قىماردا مانچىلىك پۇل ئۇتىۋالدىم، مەن ھاراقنى راسا ئېچىپ مەس بولىۋىلىپ تازا پۇخادىن چىقتىم “ دېگەنلەردىن ئىبارەت بولىدۇ . ھەتتا بەزىلىرى قىلمىغان گۇناھلارنىمۇ قىلدىم دەپ پۋ ئېتىپ ئۆزىنى كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. ئۇنداق نۇمۇسسىز ئىنسانلار يازغۇچى، ئەدىب بۇلۇپ قالسا، يازغان شېئىرلىرى، رۋمان، پۋۋىستلىرى ھاراق ئىچىپ مەس بولغان، نا مەھرەم ئاياللار بىلەن قانداق ئالاقە باغلاپ زىنا قىلغان رەسۋالىقلارنى گەۋدىلەپ تەسۋىرلەشتىن ئىبارەت بولىدۇ .

جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە ئەنە شۇنداق رەسۋا، ھاياسىز ئىنسانلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ . ئاللاھ تائالا ئۇنداق ئىنسانلارنىڭ گۇناھىنى كەچىرمەيدۇ .

چۈنكى ئۇلار بىلمەسلىكتىن ياكى خاتالاشقانلىقتىن ئەمەس، بەلكى قەستەن ئاللاھ تائالاغ ا ئىسيان قىلغان ھالدا گۇناھ ئىشلەيدۇ . ئۇلار ئەتراپىدىكى ئىنسانلارنى كەمسىتىپ كۆزىگە ئىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، گۇناھ مەسىيەت ۋە يامان ئىشلارنى كىشىلەرنىڭ كۆزى ئالدىدا ئاشكارا قىلىۋىرىدۇ . ئۇلار كۆڭلىدە كىشىلەردىن ھايا قىلىپ ئۇيىلىش دېگەن تۇيغۇ يوقالغان بۇزۇق ئىنسانلاردۇر . ھەممىدىن يامىنى ئاللاھ تائالانىڭ مۇقەددەس دىنى ۋە ئۇلۇغ ئەمرى پەرمانلىرىغا پىسەنت قىلمايدۇ . ئاللاھ تائالا توسقان ئىشلارنى يوشۇرۇن ئاشكارا قىلىۋىرىدۇ . يوشۇرۇن قىلغان ئىشلىرىنىمۇ ئاشكارىلاپ سۆزلەپ يىرىدۇ. ئۇلار بۇ قىلمىشلىرى بىلەن جەمئىيەتتە ئەخلاقسىزلىق ۋە گۇناھ مەسىيەتلەرنىڭ ئومۇملىشىپ كېتىشىگە، ئىمانى ئاجىز كىشىلەرنىڭ گۇناھ ئىشلەشكە جىرئەت قىلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. شۇنىڭ ئىچىنمۇ ئاللاھ تائالا ئۇلارنى كەچىرمەيدۇ .

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە گۇناھىنى كەچىرىم قىلىدىغان كىشىلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق : ەيدۇ د  ،تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا اللەنى ياد ئېتىدۇگۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، گۇناھنى كە چىرىدىغان اللەدىن باشقا كىم بار؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ . ئۇلارنىڭ )يەنى يۇقىرىدىكى خىسلەتلەرگە ئىگە كىشىلەرنىڭ( مۇكاپاتى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بولغان مەغپىرەت ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇر . بۇ يەرلەردە ئۇلار م ەڭگى قالىدۇ . ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئېرىشىدىغان ساۋابى نېمىدېگەن ياخشى!] سىرەئال ئىمران:135 136 ئايەتلەر [

ئىنسان ئاجىز مەخلۇق، نەپسى شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرىپ بەزى چوڭ كىچىك گۇناھلارنى قىلىپ سالىدۇ . مۇسۇلمان ئادەم بەزىدە غەپلەت بېسىپ گۇناھ مە سىيەتلەرگە چىشىپ قالسا، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى، ئۆزىنىڭ چوڭ خاتالىق ئۆتكىزگەنلىكىنى ئەسلەپ، خاتالىقىنى تونۇپ، ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، قىلىپ تاشلىغان گۇناھىغا پۇشايمان قىلىپ، ئۆزىنى ئۇنداق يامان ئىشلاردىن تارتسا، گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلغۇچى، مېھرىبان ئاللاھ ئەلۋەتتە ئۇ بەندىنى ئەپۇ قىلىپ گۇناھىنى كەچىرىدۇ .

ھەر قانداق بىر گۇناھنى ئىشلەپ سالغان كىشى، ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىپ، مەغپىرەت تىلىشى ۋە يامان ئىشلىرىنى كىشىلەرگە ئېيتماسلىقى كېرەك . ھەدىس قۇدسىيدا مۇنداق كەلگەن» : ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيادا مۆمىن بەندىسىنىڭ قىلغان گۇناھىنى يوشۇرىدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇنى گۇناھىغا ئىقرار قىلدۇرۇپ ”سەن مۇنداق، مۇنداق ئىشلارنى قىلغىنىڭ ئېسىڭدە بارمۇ؟ “ دەيدۇ . بەندە گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ : “ئېسىمدە بار، ئۇ گۇناھلارنى مەن قىلغان “ دەيدۇ . ئاندىن ئاللاھ تائالا : ”مەن سېنىڭ گ ۇناھلىرىڭنى دۇنيادا يوشۇرغان ئىدىم، بۇگۇنمۇ يوشۇرىمەن “ دەپ بەندىسىنى ئەپۇ قىلىدۇ «.

يۇقىرىدىكى ھەدىستە يەنە سىر ساقلاشنىڭ زۆرىرلىكىگە ئىشارەت باردۇر . چۈنكى ئۆزىنىڭ سىرىنى ساقلىيالمىغان ئادەم باشقىلارنىڭ سىرىنى ساقلىيالمايدۇ . بىر بىرىنىڭ سىرلىرىنى ساقلىيالمىغان كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق، ئىناقلىق بولمايدۇ . دوستلۇق ئىتتىپاقلىق بولمىغان جەمئىيەتتە ئامانلىق بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ، ئائىلىسىنىڭ ۋە دوستلىرىنىڭ سىرلىرىنى ساقلىشى، ئۇنى ئاشكارىلىماسلىقى لازىم . ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئېزىز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن ” : قەلبلەر ساندۇقلاردۇر، ئېغىزلار ئۇنىڭ قۇلۇپلىرى ۋە تىللار ئاچقۇچلىرىدۇر. ھەر بىر ئىنسان سىرىنىڭ ئاچقۇچىنى ساقلىسۇن “.

ئاللاھ تائالا بىزنى گۇناھ مەسىيەتلەرگە چىشىپ قېلىپ، بۇ دۇنيادىن تەۋبە قىلماي كېتىپ قېلىشتىن، دۇنيا ئاخىرەتتە خەلقى ئالەم ئالدىدا رەسۋا بولۇشتىن ساقلىسۇن . بىزدىن ئۆتەلگەن خاتالىقلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە يوشۇرۇپ ئەپۇ قىلسۇن. ئامىين !

ئىزاھات تېكىستى كىرگۈزۈلمىگەن.

8888-ھەدىس: مۇسۇلمانلار ئۆز ئارا نەسىھەت قىلىش توغرىسىدا#

تەرجىمە تېكىستى كىرگۈزۈلمىگەن.

ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى ۋە ئۇنى تۇتۇ پ تۇرىدىغان تىۋرىكى ئىچ نەرسە بۇلۇپ، ئۇنىڭسىز ئىسلام مەۋجۇد بولمايدۇ . كىمكى بۇ ئىچ نەرسىنى تەلەپكە لايىق ئورۇنلىسا، ئۇ ھەقىقى مۆمىن مۇسۇلمان بولىدۇ. ئۇ ئىچ نەرسە ناماز، زاكات ۋە مۇسۇلمانلار ئۆز ئارا بىر بىرىگە نەسىھەت قىلىشتۇر .

1 ناماز مۇسۇلمان بىلەن كاپىرنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىدىغان پەرق نامازدۇر . قەستەن ناماز ئوقۇمىغان ئادەم ئۆزىنى ”مەن مۇسۇلمان“ دەپ ئاتىۋالسىمۇ ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كېتىدۇ .

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : نامازنى قەستەن تەرك ئەتكەن ئادەم كاپىر بولىدۇ « دېگەن. رەسۇلۇللاھ س ەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دەيدۇ » : ئىنسانلار بىر اللەدىن باشقا بەرھەق مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام اللەنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بەرگىچىلىك، نامازنى ئادا قىلغۇچىلىك، زاكاتنى بەرگىچىلىك ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇشقا بۇيرۇلدۇم . ئەگەر ئۇلار يۇقىرىدىكى ئىشلارنى قىلسا قانلىرىنى ۋە ماللىرىنى مەندىن ساقلاپ قالىدۇ . پەقەت قىساس ئېلىشلا بولىدۇ . ئۇلارنىڭ ھېسابى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇلىدۇ .« ناماز ئىنساننى پەرۋەردىگارى بىلەن كۆرىشتىرىپ، ئۇنىڭ چەكسىز نېمەتلىرىنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ . ئاللاھ تائالانى ئېسىدىن چىقارماي كىند ە بەش قېتىم ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا مۇناجات قىلىپ تۇرغان كىشىنىڭ گۇناھ مەسىيەتلەرگە چىشىپ قېلىشى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ دېگەن] . سىرە ئەنكەبۇت:45 ئايەت [

ئىنسان ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىنلا ئۇنىڭغا پەرز بولىدىغان ئىبادەت نامازدۇر. ناماز ئاللاھ تائالا بىلەن بەندىنىڭ ئارىسىدىكى ۋاسىتە بولسا، زاكات مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى قېرىنداشلىق رىشتىسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە كۆپىنچە ناماز بىلەن زاكات بىرلىكتە تىلغا ئېلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ :  كىندىزنىڭ ئىككى تەرىپىدە)يەنى ئەتىگەندە ۋە كەچقۇرۇن ۋاقىتلىرىدا( ۋە كېچىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ناماز ئۆتىگىن . شىبھىسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ . بۇ چىشەنگىچىلەر ئۈچۈن ۋەز نەسىھەتتۇر.] سىرە ھۇد: 114 ئايەت [

ئىنسان ھەقىقەتەن چىدامسىز يارىتىلدى. ئۇنىڭغا بىرەر كۆڭىلسىزلىك يەتكەن چاغدا زارلانغۇچىدۇر. بىرەر ياخشىلىق يەتكەن چاغدا، بېخىللىق قىلغۇچىدۇر . پەقەت تۆۋەندىكىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا: نامازغا ھەمىشە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر . ماللىرىدىن تىلەيدىغان ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەت ھەق )يەنى زاكات( بەرگىچىلەر…] سىرە مەئارىج:19 ئايەتتىن 25 ئايەتلەرغىچە [

 ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى اللەغا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا يالغۇزاللەغىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى. نامازنى ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇلدى. ئەنە شۇلار توغرا دىندۇر.] سىرە بەييىنە:5 ئايەت [

ئاللاھ تائالا ھ ەبىبى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە پەزلى كەرىمىنى كۆرسىتىش ۋە ئۇنىڭغا ئاتا قىلىدىغان نېمەتلىرىنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئۇنى بىر كېچىدە مەسجىد ھەرەمدىن مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ باردى، ئۇ يەردىن يەتتە قات ئاسماننىڭ ئىستىگە ئېلىپ چىقىپ ئۆزىگە ئىككى ياچاق مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يېقىنراق يېقىنلاشتۇرۇپ، رازى بولغۇچىلىك ياخشىلىقلارنى بەردى ۋە ئىممىتىگە ھەر كۈنى 50 ۋاقىت ناماز ئوقۇشنى پەرز قىلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نامازنى يەڭگىللىتىپ بېرىشىنى تىلىشى بىلەن 50 ۋاقىت نامازنى 5 ۋاقىتقا چىشىرىپبېرىپ، 5 ۋاقىت نامازنى ئادا قىلغان كىشىگە50 ۋاقىت نامازنىڭساۋابىنى بېرىدىغانلىقىنى بىلدىردى . ئاللاھ تائالا نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنى بەلگىلەپ، ئۇنى ئادا قىلىش ئۇسۇلىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىگەتكەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ :  شىبھىسىزكى، ناماز مۆمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرز قىلىندى.] سىرە نىسا:103 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئۇقۇشنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ» : نامازنى مېنىڭ ئوقىغىنىمدەك ئوقۇڭلار« دېگەن .

ئاللاھ تائالا نامازنى ئادا قىلغان كىشىلەرنى ھەقىقى مۆمىنلەر دەپ ئاتاپ، ئۇلارغا ئالى دەرىجىلەرنى ۋەدە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ :  ئۇلار مۇكەممەل رەۋىشتە ناماز ئوقۇيدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن پۇل مالدىن ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدۇ، ئەنە شۇلار ھەقىقى مۆمىنلەردۇر، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە، مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا )جەننەتكە( ئېرىشىدۇ.] سىرە ئەنفال:3 4 ئايەتلەر [

ئاللاھ تائالا نامازغا سەل قاراش ۋە ئۇنى تەرك ئېتىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ :  ئۇلار)يەنى پەيغەمبەرلەر ( كەتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئورنىنى باسقان ئورۇن باسارلار نامازنى تەرك ئەتتى، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، ئۇلار )قىيامەتتە( گۇمراھلىقىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ . ]سىرە مەريەم:59 ئايەت [

ناماز ھەققىدە كەلگە ن ئايەت ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپ . ئېچىنارلىقى شۇكى، مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ سانلىقى نامازنىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە ئۇنى تەرك ئېتىشنىڭ قانداق يامان گۇناھ ئىكەنلىكىنى بېلىدۇ. بىلىپ تۇرۇپ نامازغا سەل قارايدۇ ۋە ئۇنى خالىغاندا ئوقۇپ قويۇپ، خالىغاندا تەرك ئېتىدۇ . نامازنى ئو قۇغانلارمۇ تەلەپكە لايىق ئىخلاس ۋە ھۇزۇر قەلب بىلەن، ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا قول باغلاپ تۇرۇپ مۇناجات قىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئەيمەنگەن ھالدا ئوقۇمايدۇ . ئۇنى خۇددى بىر ئالۋاڭ ياكى ئادەتكە ئوخشاش ئوقۇپ قويىدۇ . ئۇنداق ئوقۇغان نامازنىڭ نە ئۆزىگە، نە جەمئىيىتىگە پايدىسى بولمايدۇ. ھالبۇكى ئاللاھ تائالا نىجات تاپىدىغان مۆمىنلەرنىڭ نامازنى ھۇزۇر قەلب بىلەن ئادا

قىلىدىغان كىشىلەر بولغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ :

 مۆمىنلەر ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشتى، ئۇلار نامازلىرىدا اللەنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن سىر بېسىپ كەتكەنلىكتىن ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر.] سىرە مۇئمىنۇن:1 2 ئايەت [

2 زاكات زاكات بولسا ئىسلامنىڭ بەش ئاساسىنىڭ بىرى بۇلۇپ، قۇرئان كەرىمدە كۆپىنچە ناماز بىلەن بىرگە تىلغا ئېلىنىدۇ . زاكات مال بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەت بۇلۇپ، مەلۇم مىقداردا ئىقتىسادقا ئىگە بولغان كىشىلەر، يىلدا بىر قېتىم مېلىنىڭ يىزدە ئىككى يېرىم پىرسەنتىنى نامرات كەمبەغەل، ئاجىز، بىچارىلەرگە غەمخورلۇق تەرىقىسىدە بېرىدۇ . زاكات ئىسلام جەمئىيىتىدە باي بىلە كەمبەغەل ئوتتۇرىدىكى ئېغىر پەرقنى يەڭگىللىتىپ، كەمبەغەللەرگىمۇ مەلۇم تۇرمۇش سەۋىيىسى كاپالەت قىلىش، ئىجتىمائىي قېرىنداشلىق تۇيغۇسىنى ئەمەلىي جارى قىلدۇرۇش … ئۈچۈن يولغا قويۇلغاندۇر . كاپىتالىست جەمئىيەتتە ئىقتىساد مەلۇم كىشىلەرنىڭ قولىدا بۇلۇپ، باشقىلار ئۇلارغا ئىشلە پ بېرىپ جېنىنى ئاران باقىدۇ . ئۇنداق جەمئىيەتتە مەيلى ھۆكىمەت، مەيلى شەخسلەردە رەھىم شەپقەت بولمايدۇ . خۇددى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەندەك : »بايلار ئىككى تاغ ئالتۇنغا ئېرىشسە، يەنە ئىچىنچىسىنى ئىستەيدۇ «.

كۋممۇنىزم بولسا ھەممە ئادەمنى تەڭ باراۋەر قىلىمىز دېگەن شۇئار ئاستىدا شەخسىي ئىگىلىككە قارشى چىقىپ، بايلارنىڭ مال مىلكىنى زورلۇق زۋمبورلۇق بىلەن تارتىپ ئېلىپ ھەممە ئادەمنى ئوخشاش نامرات قىلىپ قويىدۇ . نامرات يالاڭتۆشلەرنى بايلارغا قارشى كىشكىرتىپ، خەلق ئوتتۇرىسىدا سىنىپىي كىرەش، دى شمەنلىك، ئاداۋەت پەيدا قىلىدۇ . كۋممۇنىزم جەمئىيىتىدە ئىنسانلار خۇددى جانسىز سايمانغا ئوخشاش بۇلۇپ، ھۆكىمەتنىڭ بۇيرۇغىنىنى قىلىپ، بەرگىنىنى يەپ ياشاشقا مەجبۇر. جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن خالىغان ئىشنى تاللاش ھوقۇقى بولمىغاچقا، پۇقرالار سىنئىي خوشاللىق بىلەن ياشاشقا مەھكىم .

ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ دىنى بولغان مۇقەددەس ئىسلام جەمئىيىتىدە بولسا، ئىنسانلارنىڭ تەڭ باراۋەرلىكىنى ھېچكىمنى رەنجىتمەستىن، كىشىلەرنى بىر بىرىگە دىشمەن قىلماستىن، قېرىنداشلىق، دوستلۇق، ئىناقلىقنى مۇستەھكەملىگەن ھالدا قولغا كەلتىرىدۇ . ئاللاھ تائالا زاكاتنى ھۆكىمەت تەرەپتىن ئېلىنىدىغان ئالۋاڭ سىلىق قىلماستىن، ئاللاھ تائالا نىڭ رازىلىقىغا ۋە ئۇلۇغ مۇكاپىتىغا ئېرىشىدىغان چوڭ ئىبادەت قىلىپ بېكىتتى . شۇڭلاشقا ئىقتىسادى ياخشى بولغان مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۆز ئىختىيارى بىلەن مېلىنىڭ زاكىتىنى ئايرىپ، كۆڭىل رازىلىقى بىلەن زاكات ئالىدىغان كەمبەغەللەرنى ئىستەپ تېپىپ ئاپىرىپ بېرىدۇ .

بىر يىللىق زاكىتىنى كەمبەغەللەرگە بېرىۋالغان مۇسۇلمان ئۆزىنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىدۇ. ئۇلار زاكاتنى بېرىشتە كەمبەغەللەردىن ھېچنەرسە تەلەپ قىلمىغانلىقى ۋە نامراتلارنى كەمسىتىپ مىننەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن باي كەمبەغەل ئوتتۇرىسىدا دىشمەنلىك بولمايدۇ. ئىسلامدا ئىنسانلار باي كەمبەغەل، يۇقىرى تەبىقە تۆۋەن تەبىقە، ھاكىم مەھكۇم دەپ ئايرىلمىغانلىقى ئۈچۈن پىتىن جەمئىيەت ئەزالىرى ھەقىقىيي قېرىنداشلىق ئىچىدە خوشال خورام تۇرمۇش كەچىرىدۇ .

زاكاتنىڭ قانداق چىقىرىلىشى ۋە قايسى ماللاردىن چىقىرىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى فىقھى كىتابلىرىغا ھاۋالە قىلىپ، قۇرئان كەرىمدىن بىر ئىككى ئايەت ئوقۇپ ئۆتىمىز . ئاللاھ تائالا زاكات بېرىشكە ئەمرى قىلىپ مۇنداق دەيدۇ :  ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئېرىشكەن نەرسىلەرنىڭ ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەر )يەنى ئاشلىقلار ۋە مىۋىلەر( نىڭ ياخشىلىرىدىن سەدىقە قىلىڭلار: ئۆزەڭلارغا بېرىلسە پەقەت كۆزىڭلارنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئالىدىغان ناچارلىرىنى ئىلغاپ سەدىقە قىلماڭلار . بىلىڭلاركى ئاللاھ بىھاجەتتۇر، ھەمدىگە لايىقتۇر.] سىرە بەقەرە: 267 ئايەت [

ئاللاھ تائالا زاكات بېرىلىدىغان كىشىلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ :  زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىشكۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازات قىلىشقا، قەرزدارلارغا، اللەنىڭ يولىغا، ئىبنى سەبىللەرگە بېرىلىدۇ.

بۇ اللەنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى ئوبدان بىلگىچىدۇ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.] سىرە تەۋبە:60 ئايەت [

ئاللاھ تائالا زاكات بەرمىگەنلەرنى كاپىر دەپ ئاتاب مۇنداق ديدۇ :  مۇشرىكلارغا ۋاي! ئۇلار زاكات بەرمەيدىغان ۋە ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان كاپىرلاردۇر .] سىرە فۇسسىلەت:7 ئايەت [

3 نەسىھەت »بۇ ئەمرى بىلمەرۇف، نە ھيى ئەنىل مۇنكەر )ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش(« دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ مەڭگى داۋاملىشىشىنىڭ كاپالىتىدۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن نەسىھەت ھەر بىر مۇسۇلمانغا ۋاجىبتۇر . ئاللاھ تائالا نەسىھەت ئارقىلىق ھەقنى ئەزىز، باتىلنى خار قىلىدۇ، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا نى سرەت ئاتا قىلىدۇ، يامانلىقلارنى يوقىتىدۇ، ياخشىلىق ۋە ئادالەتنى بەرپا قىلىدۇ . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نەسىھەتنى دىننىڭ ئاساسى قىلىپ مۇنداق دېگەن» : دىن نەسىھەتتۇر« ساھابىلار” : كىمگە يا رەسۇلەللاھ!“ دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : ئاللاھ ئۈچۈن، اللەنىڭ كىتابى ئۈچۈن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ئۈچۈن بارلىق مۇسۇلمانلارغا ۋە ئۇلارنىڭ باشلىقلىرىغا نەسىھەت قىلىشتۇر« دەپ جاۋاب بەرگەن .

نەسىھەتنىڭ تىرى ۋە ئۇسۇلى كىشىلەرنىڭ سەۋىيىسىگە قاراپ ھەر خىل بولىدۇ . ئالىملارنىڭ ۋەزىپىسى كىشىلەرنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلىپ، يامانلىقلاردىن ئاگاھلاندۇرۇش، مۇسۇلمانلارنىڭ بالىلىرىغا ئىلىم ئۆگىتىش ۋە قىلغان ۋەز نەسىھەت، تەلىم تەربىيىلىرىدە ئىخلاس قىلىش ۋە سەمىمىي بولۇشتۇر . سودىگەرلەر ئۆزلىرى سادىق بۇلۇپ، قولى ئاستىدىكىلەرنى سودىدا يالغان سۆز قىلماسلىق، كىشىلەرنى ئالدىماسلىق، ئەيىبلىق مالنى ئېيبىنى يوشۇرۇپ ساتماسلىق قاتارلىق ئىشلاردا نەسىھەت قىلىشى لازىم . شۇنىڭدەك بارلىق مۇسۇلمانلار ئاۋۋال ئۆزلىرى ياخشى ياماننى تونۇپ ئەمەل قىلىشى، ئاندىن باشقىلارغا نەسىھەت قىلىشى لازىم . مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىقلىرى خەلققە ن ەسىھەت قىلسا ۋە خەلقنىڭ نەسىھەتلىرىنى قوبۇل قىلسا، پۇقرالار ئۆز ئارا بىر بىرىگە نەسىھەت قىلىشسا، دۆلەتتە تىنچ ئامانلىق، ئادالەت، مۇقىملىق بەرپا بۇلۇپ ھەممە كىشى خاتىرجەم بەخت سائادەتلىك تۇرمۇش كەچىرىدۇ .

نەسىھەت قىلىش پەيغەمبەرلەرنىڭ سىپىتىدۇر . پەيغەمبەرلەر نەسىھەت قىلغانلىقى ئۈچۈن قەۋمىدىن ھەر تۈرلۈك جەۋر جاپا ۋە ئەزىيەتلەرگە ئۇچرىغاندا، قەۋمى ئۇلارنى ئەخمەق، يالغانچى ۋە ئەقىلسىز دەپ ئەيىبلىغاندا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نەسىھەت قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان . ئاللاھ تائالا ھۋد ئەلەيھىسسالامنى ھىكايە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ :  ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتمىغان چوڭلىرى: »بىز ھەقىقەتەن سېنى ئەخمەق ھېسابلايمىز، بىز سېنى ئەلۋەتتە يالغانچىلاردىن دەپ گۇمان قىلىمىز « دېدى . ھۋد ئېيتتى » : ئى قەۋمىم! مەن ئەخمەق ئەمەسمەن، لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن. سىلەرگە رەببىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكىزىمەن، سىلەرگە ئىشەنچلىك نەسىھەتچىمەن«] سىرە ئەئراف:66 67 68 ئايەتلەر [

ئاللاھ تائالا بىزنى نامازنى ئۆز لايىقىدا ئادا قىلىدىغان، زاكاتنى بېرىدىغان ۋە ئۆز ئارا ياخشى نەسىھەت قىلىدىغان راستچىل مۇسۇلمانلاردىن قىلسۇن. ئامىين !

8989 ۋە 90-ھەدىسلەر: ئىمام بولغان كىشىنىڭ نامازنى يېنىك ئوقۇشى توغرىسىدا#

ھەزرىتى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : مەن نامازنى ئۇزۇن ئوقۇماقچى بولغان ھالدا نامازغا باشلايمەن، ئاندىن كىچىك بالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ نامازنى قىسقا ئوقۇيمەن. چۈنكى مەن بالىنىڭ يىغىسىدىن ئانىسىنىڭ قاتتىق بىئارام بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت . ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:700[

تەرجىمىسى :

ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن» : سىلەردىن بىر كىشى كىشىلەرگە ئىمام ب ۋلغاندا، نامازنى يەڭگىل ئوقۇسۇن، چۈنكى جامائەت ئىچىدە كىچىك، ياشانغان، ئاجىز ۋە كېسەل ئادەملەر بولىدۇ. ئۆزى يالغۇز ناماز ئوقۇغاندا، خالىغىنىچە ئوقۇسا بولىدۇ ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت. ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى:998 [

پىتىن دۇنياغا رەھمەت بۇلۇپ كەلگەن، پىتىن ئۆمرىدە »ئىممىتىم، ئىممىتىم« دەپ بىز ئىممەتلەرنىڭ غېمىنى يېگەن، مۆمىنلەرگە چەكسىز مېھرىبان، كاپىرلارنىڭ ھىدايەت تېپىپ مۆمىن بولۇشىغا ھېرىسمەن بولغان، ئىنسانلاردىن ھېچبىر كىشى زالالەتتە قېلىپ دوزاخقا چىشىپ كەتمىسە ئىدى دەپ دەرت ئەلەم تارتقان جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يۇقىرىدىكى ئىككى ھەدىستە مۇسۇلمانلارغا ئىمام بولىدىغان كىشىنىڭ دىققەت قىلىشىغا تىگىشلىك مەسىلىلەرنى بايان قىلىدۇ .

ئىمام بولۇشنىڭ شەرتلىرى : قۇرئان كەرىمنى توغرا ۋە ياخشى ئوقۇيدىغان بولۇش، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يوليۇرۇقلىرىنى پىششىق ئىگىنىپ ئەمەل قىلىش، گىزەل ئەخلاقلىق، جامائەت بىلەن كېلىشەڭگى، كەچىرىمچان بولۇش، كىيىم كىچەكلىرى ۋە بەدەنلىرى ناھايىتى پاكىزە بۇلۇپ، كىشىلەرنى ئۆزىگە جەل ب قىلالايدىغان، قوپال ئاچچىغى يامان، جامائەت سەسكىنىدىغان بولماسلىق قاتارلىقلاردۇر . ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ :  اللەنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ، ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تاراپ كېتەتتى… ] سىرەئال ئىمران:159 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [

ئىمام بولغان كىشىنىڭ ھەممە ئىشتا جامائەتكە ئىلگە بولۇشى، جامائەتنىڭ چوڭ كىچىك، ئاجىز، ھاجەتمەنلىرىنىڭ ئەھۋالىغا رىئايەت قىلىشى، نامازنى تولىمۇ ئۇزۇن ئوقۇپ، ناماز ئوقۇش ئۈچۈن مەسجىدكە كىرگەن كىشىنى زىرىكتىرىپ قويماسلىقى، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئارقىسىدىكى جامائەتنىڭ نامىزىدىن مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىقى لازىم .

نامازنىڭ قوبۇل بولۇشىنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى نامازنى خۇشۇ بىلەن ئادا قىلىشتۇر . يەنى بەندە ناماز ئوقۇۋاتقاندا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئەسلەپ، ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇپ مۇناجات قىلىۋاتقانلىقىنى ئېسىدىن چىقارماي، ئاللاھ تائالادىن ئەيمەنگەن ھالدا تۇرۇپ ئوقۇ شتۇر. ئەمما نامازدا تۇرغاندا، ئاغزى قۇرئان ئوقۇۋاتقان، كۆڭلى باشقا نەرسىلەر بىلەن مەشغۇل بۇلۇپ تۇرسا، ئۇ كىشى كۆرىنىشتە ناماز ئادا قىلغان بولسىمۇ، ئۇنداق بىپەرۋالىق بىلەن ئوقۇغان نامازنىڭ ئاللاھ تائالا نىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولۇشى تەس . شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سە للەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازغا باشلىغاندىن كېيىن كىچىك بالىلارنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىسا، ئانىسىنىڭ نامىزىغا دەخلە يەتمىسۇن دەپ، نامازنى قىسقا ئوقۇياتتى . چۈنكى بالىنىڭ يىغىسى بىلەن ئانىنىڭ كۆڭلى نامازدا ئەمەس بالىسىدا بۇلۇپ قالىدۇ . رەسۇلۇللاھ سەللەللا ھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ » : بالىنىڭ يىغىسى بىلەن ئانىسىنىڭ قاتتىق بىئارام بولىدىغانلىقىنى مەن ئوبدان بىلىمەن « دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى مۇشۇ بولسا كېرەك .

ھازىرقى ئىماملىرىمىزمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۆزلىرىگە ئىلگە قىلىپ، جامائەت ئىچىدە ئىشى ئالدىراش، قېرىسال، سەپتە ئۇزۇن تۇرالمايدىغان ئاجىز، كېسەلجان كىشىلەرنىڭ بولۇشىنى ھېسابقا ئېلىپ، نامازنى يەڭگىل قىسقا ئوقۇشى لازىم . بولۇپمۇ بازارغا يېقىن يەردىكى مەسجىد ئىماملىرى نامازنى قىسقا ئوقۇشى لازىم . ئىمام بولدۇم دەپ مېھرابقا ئۆتىۋالسا، جامائەت نېمە ب ۋلىۋاتىدۇ كارى يوق، نامازنى تولىمۇ ئۇزۇن ئوقۇسا جامائەت نارازى بولىدۇ .

مۇسۇلمانلار مەسجىدكە بارمايدىغان بۇلۇپ قالىدۇ . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم : »جامائەت يامان كۆرىدىغان ئىمامنىڭ نامىزىنى ئاللاھ قوبۇل قىلمايدۇ« دېگەن .

يۇرتىمىزدىكى بەزى ئىماملار نىڭ قىلغىنىدەك، نامازنى قىسقا ئوقۇدۇم دەپ، قۇرئاننى تەجۋىد قائىدىسىگە رىئايە قىلماستىن، ھەرپلىرىنى ئۆز جايىدا چىقارماستىن، ھەددىدىن ئارتۇق تىز ئوقۇش، رۇكۇ سەجدىدە توخۇ دان چوقىغاندەك ئالدىراپ كېتىش ھەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يوليۇرىقىغ ا ۋە نامازنىڭ مەنىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ . بولۇپمۇ رامىزاندا تەراۋىھ نامازىنى 20 رەكئەت ئوقۇيمىز ياكى قۇرئان تامام قىلىمىز دەپ، نامازنىڭ ئاداب ئەركانلىرىغا رىئايە قىلماي ئوقۇيمىز. بۇ توغرا ئەمەس . ناماز بوينىمىزغا يىكلەنگەن ئالۋاڭ ئەمەس . ناماز چىن دىلىمىزدىن ئاللاھ تائالاغا ھۆرمەت بىلدىرىپ، ئاجىزلىقىمىزنى ئىزھار قىلىپ، مۇناجات قىلىشتىن ئىبارەت . شۇڭلاشقا نامازنى ئادا قىلىشتا ئېسى يادىمىز ئۇلۇغ ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا قول باغلاپ، رۇكۇ، سەجدە قىلىپ قۇللۇق قىلىۋاتقانلىقىمىزنى، بىز ئاللاھ تائالانى كۆرەلمىگەن بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ بىزنى كۆرىپ، دۇئالىرىمىزنى ئاڭلاپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەسلەپ تۇرۇشىمىز كېرەك . شۇنىڭ ئۈچۈن تەراۋىھ نامازلىرىنى ئاداب ئەركانلىرىغا رىئايە قىلىپ، تەلەپكە لايىق 20 رەكئەت ئوقۇيالىساق ناھايىتى ياخشى. ئەگەر مەھەللىمىزدە قارى كىشىلەر بۇلۇپ، ھەر كۈنى بىر پارىدىن قۇرئان ئوقۇپ، بىر ئاي رامىزاندا قۇرئاننى تامام قىلالىساق تىگەتكىسىز ساۋاب ئالىمىز . ئەگەر ئۇنىڭغا ۋاقتىمىز يەتمىسە، ئالدىراپ 15 مىنۇتتا20 رەكئەت ناماز ئوقۇغاندىن كۆرە، ئالدىرىماي تەلەپكە لايىق8 رەكئەت تەراۋىھ ئوقۇساق ئاللاھ تائالاغا ئەڭ ياقىدىغىنى ئاشۇ .

ئەمما كىشىلەرگە ئىمام بولماي ئۆزىمىز يالغۇز ناماز ئوقۇغاندا قانچىلىك ئۇزۇن ئوقۇساق، رۇكۇ، سەجدىدە قانچىلىك ئۇزۇن تۇرساق، ئاللاھ تائالاغا قانچىلىك كۆپ تەسبىھ ئېيتساق، قانچىلىك كۆپ نەفلە ناماز ئوقۇساق ساۋابى شىنچىلىك كۆپ بولىدۇ ۋە ئاللاھ تائالاغا شىنچىلىك يېقىن بولىمىز .

يۇقىرىدىكى ھەدىستىن يەنە ئىككى مەسىلە چىقىدۇ . بىرىنچىسى ئاياللارنىڭ مەسجىدكە بېرىشى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا ئاياللار مەسجىدكە باراتتى. تەرجىمىھال كىتابلىرىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابە كىرا ملار زامانلىرىدا ئاياللارنىڭ مەسجىدكە بېرىپ، ئەرلەرنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ۋەز نەسىھەت ئاڭلايدىغانلىقى، سوئال سورايدىغانلىقى، بەزى مەسىلىلەرنى مۇناقىشە قىلىدىغانلىقى، نۇرغۇن ئۆلىمالارنىڭ ئاياللاردىن دەرس ئالغانلىقى ۋە ھەدىس رىۋايەت قىلغانلىقى بايان قىلىنغان . كېيىنكى ئۆلىمالار ھازىر پىتنە پاسات ئەۋج ئالغان زامان، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىغا ئوخشىمايدۇ، ئاياللارنىڭ مەسجىدكە بېرىشى ھەر تۈرلۈك گۇناھلارغا سەۋەب بولىدۇ دېگەن ئەندىشە بىلەن ئاياللارنىڭ مەسجىدكە بېرىشىنى لايىق كۆرمىگەن . ۋاھالەنكى ئاياللار مەسجىدكە بارسا، دىنىي تەلىم تەربىيە كۆرسە پىتنە پاسات ئازالغان بولاتتى ۋە گۇناھلارنىڭ دەرۋازىسى ئېتىلگەن بولاتتى . لېكىن ئەكسىچە ئاياللارنى مەسجىددىن توسۇپ قويدۇق، شۇنىڭ بىلەن ئاياللار دىنىي تەلىم تەربىيىدىن ۋە دىنىي مەلۇماتتىن پىتىنلەي م ەھرۇم بولدى، ئاياللار بېشى باشتاق كوچىلارغا چىقىدىغان، قىزلار يىگىتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ كىنۋ خانا، تانسىخانىلارغا بارىدىغان بولدى، ئۆلىمالار قورققان پىتنە پاسات ۋە گۇناھ مەسىيەتلەرنىڭ دەرۋازىلىرى ئاخىرىغىچە ئېچىلىپ كەتتى . ئەمدى بىزگە چىقىش يولى ئەسلىگە قايتىپ، ئوغۇل قىزلىرىمىزنى ۋە ئاچا سىڭىللىرىمىزنى مەسجىدلەرگە ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى دىنىي تەلىم تەربىيە بىلەن يېتىشتىرىشتىن باشقا چارە يوق .

ئىككىنچى مەسىلە، ۋەز نەسىھەت. 88 ھەدىستە ۋەز نەسىھەت ھەققىدە توختالغان ئىدۇق .

بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمىزكى، توسىدىغان ئىش ھەقىقەتەن يامان ئىش بولۇشى، ئىختىلاپلىق مەسىلە بولماسلىقى، ئۇنى توسقان تەقدىردە، ئۇنىڭدىن چوڭراق يامان ئىش يۈز بەرمەسلىكى شەرت . يەنە ۋەز نەسىھەت قىلىدىغان كىشى بۇيرىماقچى بولغان ئىشنى ئاۋۋال ئۆزى قىلىشى ۋە توسماقچى بولغان ئىشتىن ئاۋۋال ئۆزى يېنىشى لازىم . چۈنكى ئۆزى ئەمەل قىلمىغان ئىشقا باشقىلار ئەگەشمەيدۇ . ئۆزى قىلمىغان ئىشنى باشقىلارغا دېگەننىڭ تەسىرىمۇ بولمايدۇ . مانا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يۇقىرىدىكى ھەدىستە ئاۋۋال ئۆزى نامازنى يەڭگىل ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدىرگەندىن كېيىن، ئىمام بولىدىغانلارنى نامازنى قىسقا ئوقۇشقا بۇيرىدى .

ئاللاھ تائالادىن ھەق يولدا مېڭىشنى، ئىسلامنى توغرا چىشىنىپ ئەمەل قىلىشنى ۋە دۇنيا ئاخىرەتتە سائاتمەن بەندىلەردىن قىلىشنى تىلەيمىز. ئامىين !

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.