71–80-ھەدىسلەر: ئائىلە، ئاتا-ئانا ۋە بالىلار تەربىيەسى
مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەزرىتى سەفىييە بىنتى ھۇيەي رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ ” : رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېتىكاپ قىلغان ئىدى , مەن بىر كۈنى كەچتە ئۇنى يوقلاپ كەلدىم. سۆھبەتلەشتۇق، ئاندىن مەن قايتىش ئۈچۈن ئورنىمدىن تۇردۇم. رەسۇلۇللاھمۇ مېنى ئۇزىتىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى . مەسجىدنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئەنسارلاردىن ئىككى كىشى ئۆتىپ كېتىۋاتاتتى, ئۇلار رەسۇلۇللاھنى كۆرىپ تىز مېڭىۋىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا »توختاڭلار! بۇ ھۋيەينىڭ قىزى سەفىييە« دېدى. ئۇلار: ”سۇبھانەللە، يا رەسۇلۇللاھ “ دېيىشتى . رەسۇلۇللاھ » : شەيتان ئىنساننىڭ قان تۋمۇرىدىن ماڭىدۇ , مەن شەيتاننىڭ كۆڭلىڭلەرگە بىر نەرسە كەلتىرىشىدىن ئەندىشە قىلدىم « دېدى ] “بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت . ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى:5633 [
جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھاياتى بويىچە ئىممىتىنىڭ غېمىنى يەپ، دەردىنى تارتىپ , پىتىن دۇئالىرىدا »ئىمىتىم، ئىممىتىم « دەپ ئۆتكەن ھىدايەت مەشئىلى ئىدى .
ھۇۋەيدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىممىتىگە مېھرىبانلىقىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ : چىقىپ مۇنبەرگە بىر كىن »ئىممىتى« دەپ يىغلىدى ئەھمەد، ئول ئەردەك ئىككى ئالەم ئىممىتىگە با كەرەم بولماس .
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىممىتىنىڭ
قانچىلىك دەردىنى تارتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ :
شىبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆز ئاراڭلاردىن شۇنداق بىر پەيغەمبەر كەلدىكى، سىلەرنىڭ ك ۇلپەت چېكىشىڭلار ئۇنىڭغا بەك ئېغىر كېلىدۇ . ئۇ سىلەرگە بەك ھېرىستۇر، مۆمىنلەرگە ئامراقتۇر، ناھايىتى كۆيىمچاندۇر. ] سىرە تەۋبە28 ئايەت [
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر بىر سۆزى ۋە قىلغان ئىشى بىلەن ئىممىتىگە تەلىم بېرەتتى ۋە ئىممىتىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت سائادەت يولىنى كۆرسىتەتتى . بۇ ھەدىستە بىزگە ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش , يامان گۇمان قىلىشقا تۆھمەتكە ھېچقانداق يۋچۇق قويماسلىق، جاسۇسلۇق قىلىشتىن ساقلىنىش قاتارلىق گىزەل ئەخلاقلارنى ئىگىتىش بىلەن بىرگە , شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ .
رەسۇلۇللاھ س ەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يولدىن ئۆتىپ كېتىۋاتقان ئىككى ئەنسار ساھابىنى توختىتىشىدا ئىككى چوڭ ھىكمەت بار : بىرى ئۆزىنى ھەر تۈرلۈك تۆھمەت ۋە يامان گۇمانلاردىن ساقلاش . چۈنكى مەدىنىدە مۇناپىقلار، كاپىرلار ۋە يەھۇدىيلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەشەددىي دى شمەن ئىدى ” . سۇ ئۇخلىسا ئۇخلايدۇ , دىشمەن ئۇخلىمايدۇ“ دېگەندەك, مەزكۇر دىشمەنلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دىشمەنلىك قىلىش، ئۇنىڭ ھەققىدە ھەر تۈرلۈك پىتنە ئىغۋالارنى تارقىتىشتا ئەڭ ئاكتىپ رۋل ئوينايتتى. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەققىدە نېمە گەپلەرنى قىلمىدى؟
بۇ ھەدىستىكى ۋەقەدە ۋاقىت كەچ بۇلۇپ، قاراڭغۇلۇق باسقان ۋاقىت ئىدى . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئايالى ھەزرىتى سەفىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن مەسجىدنىڭ ئىشىكى ئالدىدا خوشلىشىۋاتقان پەيتتە ئىككى ساھابە مەسجىد ئالدىدىن ئۆ تىپ قالدى. ئۇلار ئەلۋەتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەققىدە يامان گۇمان قىلماس ئىدى . لېكىن شەيتاننىڭ شەررىدىن, ۋەسۋەسىلىرىدىن ساقلىنىش قېيىن ئىش . ئۇلار ئۆزلىرى بىرەر گۇمانغا چىشمىگەن تەقدىردىمۇ باشقا بىرىگە رەسۇلۇللاھنىڭ بىر ئايال بىلەن گەپلىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۇق دېسە, رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دىشمەنلىك قىلىشنىڭ يوللىرىنى تاپالماي يىرگەن دىشمەنلەرگە بۇ گەپ بازارغا سېلىش ئۈچۈن تېپىلغۇسىز مال بولاتتى . شۇڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى توختۇتۇپ قېشىدىكى ئايالنىڭ يات نامەھرەم ئايال ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئۆز ئايالى سەفىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئىكەنلىكىنى ئىزاھلىدى . مانا بۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋەزىيەتكە قانداق رىئايە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . ھەر خىل يامان گەپ، پىتنە ئغۋالار تارقىلىپ بولغاندىن كېيىن ” , مەن ئۇنداق قىلمىغانتىم , مەن يات ئايال بىلەن پاراڭلاشمىغان ئىدىم , ئۆز ئايالىم بىلەن گەپلەشكەن ئىدىم “ دېگەندىن، باشتا پىتنىگە يول قويماسلىق ئەڭ ياخشىدۇر .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېتىۋاتقانلارنى توختىتىشتىكى ئىككىنچى ھىكمەت : مەزكۇر ساھابىلەرنى ھالاكە تتىن قۇتقۇزۇش. چۈنكى ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا تۇرغان ئايالنىڭ كىملىكىنى بىلمىگەندە، ئىككى تۈرلۈك گۇناھقا چىشىپ قېلىش ئېھتىمالى كىچلىكتۇر. بىرى ئۇلار شەيتانغا يېڭىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىم بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندۇ؟ دېگەن گۇمانغا چىشىپ قېلىش بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تۆھمەت چاپلاش گۇناھى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۆھمەت چاپلىغانلىق باشقا گۇناھقا ئوخشىمايدۇ . ئىمام شافىئى” : ئەگەر ھېلىقى ئىككى ساھابە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەققىدە قىلچىلىك بىر يامان گۇمان قىلغان بولسا ئىدى، ئىمانىدىن ئاجراپ كېتەتتى “ دەيدۇ . يەنە بىرى ئۆزلىرى يامان گۇمان قىلمىسىمۇ، باشقىلارنىڭ يېنىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ئايال بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق دېيىش ئارقىلىق، دىشمەنلەرنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەققى دە ھەر خىل يامان ئىغۋاللارنى تارقىتىشىغا سەۋەب بولاتتى . بۇنىڭ بىلەن ئۇلار پىتنىگە سەۋەب بولغانلىق گۇناھىغا گىرىپتار بولاتتى . شۇڭلاشقا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى گۇناھكار بۇلۇپ كېتىشتىن ساقلاپ قالدى .
بۇ ھەدىستىن بىز مۇسۇلمانلار شۇنداق دەرس ئېلىشىمىز لازىمكى، ھەر قانداق سۆز ھەرىكەتلىرىمىزدە تېتىز بولۇش، ئىپپەت نومۇسۇمىزنى كىرلەتمەسلىك، باشقىلارنىڭ ھەققىمىزدە يامان گۇمان قىلىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەرمەسلىك , بارلىق ئىش ئەمەللىرىمىزدە گۇمانلىق ئىشلاردىن يىراق بولۇش كېرەك .
ئىنسانلارنىڭ يىزىنى چىشىرىدىغان ئەڭ يامان ئىش زىنا باھىشىدۇر. بولۇپمۇ ھازىرقى ئەخلاقسىزلىق ئەۋج ئالغان، ئىنساپ، ئادالەت ئاز قالغان زاماندا, يات ئايال بىلەن يالغۇز يەردە بولۇشتىن ئۆزىنى ساقلاش كېرەك . چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام »بىر ئادەم يات ئايال بىلەن يالغۇز قالسا، شەيتان ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىدۇ« دېگەندەك، شەيتان ۋە نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىپ ئار نۇمۇسقا قېلىش ئېھتىمالى كىچلىك. ئەگەر شەيتانغا ئالدانماي، نەپسىنى يەڭگەن ھالەتتىمۇ، باشقىلارنىڭ يامان گۇمان قىلىشىدىن ساقلىنىش مىمكىن ئەمەس . ھەر خىل يامان سۆز چۆچەكلەر تارىلىپ بولغاندىن كېيىن , ئۇ سۆزلەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىگە كىشىلەرنى ئىشەندىرىش تېخىمۇ تەس . سۇنغان چىنىنى قاداتسا دەز بۇلۇپ قالغاندەك , چاپلانغان تۆھمەتنى يوقاتسىمۇ ئىزى قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ باشتا ئۆزىنى ساقلاش يىزىنى چىشىرىدىغان ئىشلارغا ئۇچرىماسلىقنى ڭ ئەڭ ياخشى يولى .
نەچچە ئون يىللىق ئائىلىلەر مانا مۇشۇنداق يامان گۇمان ۋە يالغان تۆھمەتلەرنىڭ قۇربانى بۇلۇپ بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، بالىلار يېتىم بولىدۇ، ئاياللار تۇل بولىدۇ، ئىناق تۇغقانلار بىر بىرىگە دىشمەن بولىدۇ . چۈنكى ھەر قانچە پاشىۋاز ئەر كىشىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئاغزىغا چىقىپ قالغان ئايال بىلەن بىر ئۆيدە ياشاشنى قوبۇل قىلمايدۇ . ئائىلىنىڭ مەڭگىلىك داۋاملىشىشى ئۈچۈن ئەر خوتۇنلارنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق گۇمانلىق ئىشلار سادىر بولماسلىقى كېرەك . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە بىزگە يەنە ئەر خوتۇنلارنىڭ بىر بىرىگە ئىززەت ھۆرمەت قىلىشىنىڭ زۆرىرلىكىنى تەلىم بېرىدۇ . ئۇ ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەن ئايالىنى ھۆرمەتلەپ، ئالاھىدە مەسجىدنىڭ دەرۋازىسىغىچە چىقىپ ئۇزۇتۇپ قويدى . ئەر خوتۇنلار بىر بىرىنى مۇشۇنداق ھۆرمەتلەپ قەدىرلىسە، ئائىلىدە مېھرى مۇھەببەت مۇستەھكەملىشىپ، بەھۇزۇر تۇرمۇش كەچىرەلەيدۇ .
ئاللاھ تائالا بىزلەرنى ھەر تۈرلۈك يامان گۇمان ۋە يالغان تۆھمەتلەردىن ساقلىسۇن. ئامىين !
ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ ” : مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى ئىچىدە خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى كىنلىگەندەك ھېچكىمنى كىنلىمىدىم. ھالبۇكى مەن ئۇنى كۆرمىگەن ئىدىم . لېكىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى كۆپ ياد ئېتەتتى، بەزىدە قوي سۋيۇپ، پارچىلاپ خەدىچىنىڭ دۋ ستلىرىغا ئەۋەتەتتى . مەن بىر قېتىم گۇيا دۇنيادا خەدىچىدىن باشقا ئايال يوقتىەك قىلىلا دېدىم . رەسۇلۇللاھ » : ئۇ دېگەن مۇنداق، مۇنداق سىپەتلىك ئايال ئىدى، مەن ئۇنىڭدىن بالا يىزى كۆرگەن « دېدى ] “.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت. ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:3731[
جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھاياتىدا بىرىنچى قېتىم ھەزرىتى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئۆيلەنگەن ئىدى . ھەزرىتى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مەككە مۇكەررەمەدىكى، بەلكى ئەرەب مەملىكەتلىرى دىكى ئەڭ ئېسىل نەسەبلىك، ئەڭ چىرايلىق، ئەقلى ئۆتكىر، مال دۇنياسى كۆپ، ناھايىتى ھۇشيار، پاكدامەن ئايال ئىدى. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا مەككە خەلقى ئىچىدە ساداقېتى ۋە ئىشەنچلىكى بىلەن تونۇلغان، گىزەل ئەخلاقلىق، مەككە خەلقىنىڭ ئەڭ شەرەپلىك ئائىلىسىنىڭ بالىسى، پاك، مۇبارك بىر يىگىت بولغان جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى چەتئەل تىجارىتى ئۈچۈن كىرالاپ ئىشلەتكەن ۋە سودىسى قاتمۇقات پايدا قىلغان ئىدى . مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ياخشى مۇئامىلىسى، راستچىللىقى، گىزەل ئەخلاقى ۋە ئالى سىپەتلىرىنى كۆرگەن ھەزرىتى خەد ىچە، ئۇنىڭ بىلەن ئۆيلىنىشنى تەلەپ قىلدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قوبۇل قىلىشى بىلەن بۇ ئىككى مۇبار ەك زات توي قىلىپ بىر ئۆيگە كىردى . بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 25 ياش ۋە ھەزرىتى خەدىچە40 ياش ئىدى .
ھەزرىتى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللە للاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەڭ ياخشى ياردەمچى بۇلۇپ، مال مىلكى ۋە ئۆتكىر ئەقلى بىلەن ئۇنى ھىمايە قىلغان، بولۇپمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىن دىشمەنلىرى ئۈچۈن يېڭىلمەس قالقان بولغان ئىدى . بۇ مۇبارەك ئانىمىزغا پەرىشتىلەر سالام قىلغان ۋە ئاللاھ تائالا جەننەتتە ئالى دەرىجىلىك قەسىر ساراي بىلەن خۇش خەۋەر بەرگەن ئىدى . ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىبراھىمدىن باشقا بارلىق بالىرىنى ھەزرىتى خەدىچە ئانىمىزدىن بەرگەن . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەزرىتى خەدىچە ئانىمزدىن بولغان بالىلىرى : ئابدۇللاھ، قاسىم، زەينەب، فاتىمە، رۇقەييە ۋە ئىممۇ كۇلسۇم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملاردۇر .
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەيغەمبەر بۇلۇپ 11 يىلى ھەزرىتى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋاپات بولغان . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا قاتتىق قايغۇرغان ئىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يىل »قايغۇ يىلى « دەپ ئاتالغان . چۈنكى ئۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ياردىمىگە بەك مۇھتاج ئىدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى قەدىرلەپ، ئۇ ھايات چا غدا ئىستىگە خوتۇن ئالمىغان ئىدى . ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ دائىم ئۇنى ئەسلەپ ياد ئېتەتتى . ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى قەدىرلەش يىزىسىدىن ئۇنىڭ ئۇرۇق تۇغقان ۋە دوستلىرىغا ياردەم قىلاتتى . بۇ يەردە ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ دېمەكچى بولغىنى مانا موشۇدۇر .
يەنە بىر رىۋايەتتە ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ” : ئاللاھ سىلىگە خەدىچىدىن ياخشىراقىنى بەردىغۇ“ دېگەن . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا » : ياق، ئۇنىڭدىن ياخشىسىنى بەرمىدى، پىتىن ئىنسانلار مېنى ئىنكار قىلغاندا ئۇ ماڭا ئىشىنىپ ئىمان ئېيتتى، ئىنسا نلار مېنى ھەيدەپ چىقارغاندا ئۇ ماڭا ھەمراھ بۇلۇپ يار يۆلەك بولدى، ئاللاھ ئىبراھىمدىن باشقا بالىلىرىمنى ئۇنىڭدىن بەردى« دېدى .
مانا بۇ يەردە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ كىندەشلىكىگە قارشى ئۇنى ئەيىبلىمەستىن، ھە زرىتى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۇنتۇلماس خىزمەتلىرىنى ئەسلىتىپ، ئۇنىڭ پەزىلىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتىرىش ئارقىلىق جاۋاب بەرگەن . بۇنىڭدىن مەلۇم بولىدۇكى، جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادەك گۇزەل قىزنى ۋە باشقا ياش ئاياللارنى نىكاھىغا ئېلىش بىلەن كونا ئايالىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغان . چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدەك قەدىرشۇناسلىقنىڭ سىمۋولى بولغان بىر زاتنىڭ، ھەزرىتى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىشى ئىمكانسىزدۇر .
دېمەك، كىشىل ەرنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى ۋە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى قەدىرلەپ ئۇنۇتماسلىق، ئۇنى قىلغان ياخشىلىقىدىنمۇ چوڭراق بىر ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلاش، ھېچ بولمىغاندا بىر ياخشىلىققا بىر ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش ئىسلامنىڭ ئالى پرىنسىپلىرىدىن بۇلۇپ، كىشىلەرنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرمەسلىك، ياخشىلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماسلىق ھەم ئىسلامغا ھەم ئىنسانىيەتكە زىت كېلىدىغان ناچار قىلىقتۇر .
ئى مۇسۇلمان ئايال قېرىنداشلار !
ئانىمىز ھەزرىتى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھادا سىلەر ئۈچۈن ياخشى ئىلگە باردۇر. چۈنكى ئۇ تارىختا ئەڭ بىرىنچى قېتىم مۇسۇلمان بولغان، بارلىق مال مىلكىنى ئاللاھ تائالانى ۋە رەسۇلۇللاھنى رازى قىلىش، ئىسلام دەۋىتىنى كەڭ تارقىتىش يولىدا سەرپ قىلغان، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئاخىرقى تىنىقىغىچە يار يۆلەك بولغاندۇر . رەسۇلۇللاھ كەمبەغەل ئۇ باي ئىدى . لېكىن ئۇ پىتىن بايلىقىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئىشلىتىپ تۇرۇقلۇق بىر قېتىم بولسىمۇ مىننەت قىلمىغان . سىلەرمۇ ئائىلىنىڭ ياخشى تەربىيىچىسى بۇلۇپ، ئەرلىرىڭلارنى خوشال قىلىشقا تىرىشساڭلار، يوقىلاڭ ئىشلارنى باھانە قىلىپ جىدەل ماجېرا چىقارمىساڭلار، بولۇپمۇ ئەرلىرىڭلارنىڭ ئاللاھ تائالا يولىدا خىزمەت قىلىشىغا يېقىندىن ياردەمچى بۇلۇپ، جاپا مۇشەققەتلىرىگە ئورتاق بولساڭلار، ئۇلارنىڭ دەرت ئەلەملىرىگە سەۋر تاقەت قىلىپ تەسەللى بېرىش، ياخشى مەسلىھەتلەر بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئالساڭلار، ئۇلارنىڭ قۇرب ى يەتمەيدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ بەر دەپ تەڭلىككە سالمىساڭلار، تالاغا چىققاندا پەردەز قىلىپ، ياسىنىپ، ئۆيدە بولسا ئىستى بېشىڭلار كىر، قارىغۇچىلىكى يوق بۇلۇپ ئەرلىرىڭلارنى يىرگەندىرمىسەڭلار، ئۆي ئىچىدىمۇ مۇمكىن قەدەر چىرايلىق، پاكىزە كىيىنىش، خۇش پىئىل بۇلۇپ گىزەل سۆز ھەرىكەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئەرلىرىڭلارنى رازى قىلساڭلار، ئۆي ئىچىدە ھۇزۇر، كۆڭىل ئاراملىقى، مېھرى مۇھەببەت بولىدۇ . بۇنداق ئائىلىدە ئاتا ئانا، بالا چاقا ھەممىسى ھۇزۇر ئىچىدە راھەت پاراغەت، خوشال خورام ياشايدۇ. خوشال تۇرمۇش ئۈچۈن پۇل مالنىڭ كۆپ بولۇشى شەرت ئەمەس، كۆڭىلنىڭ ئارامىدا ۋە ھۇزۇرلۇق بولۇشى لازىم .
ئى مۇسۇلمان ئەرلەر !
سىلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ئائىلەڭلاردىن مەسئۇل بولۇسىلەر . ئايالىڭلار سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىكى ئاللاھ تائالانىڭ ئامانەتلىرى . ئاياللىرىڭلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلاردىن ئۆتەلگەن كەمچىلىكلەرنى كەچىرىم قىلىش، ياخشى نەسىھەت قىلىش، سالىھ ئاياللارنىڭ ھېكايىلىرىنى ئوقۇپ بېرىش ئارقىلىق تىزىتىڭلار . ئۇلارغا قوپال مۇئامىلە قىلماڭلار، ئاچچىغىم بار دەپ ئاياللارنى ئۇرىدىغان، زۇلۇم قىلىدىغان ئىشلارنى قىلماڭلار. ئەڭ ئاۋال ئۆزەڭلار تەقۋادار بۇلۇپ ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلماڭلار، ئاندىن ئاياللىرىڭلارغا، بالىلىرىڭلارغا ياخشى نەسىھەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار قىلغان نەسىھەتلىرىڭلارنىڭ تەسىرى بولىدۇ . ئاياللىرىڭلار ۋە بالا چاقاڭلار ئۈچۈن ھەر زامان دۇئا قىلىڭلار . شۇنى بىلىڭلاركى، ئىنسان دېگەننى ئۆزى خالىغانچە ياسىۋالغىلى بولمايدۇ . بىر تەرىپى ياخشى بولسا يەنە بىر تەرىپى يارىماس بولىدۇ . شۇڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم» : ئاياللار قوۋۇرغىنىڭ ئەڭ قىڭغىر تەرىپىدىن يارىتىلغان « دەيدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۆ زەڭلارغا ئىلگە قىلىپ، ئاياللىرىڭلارنىڭ ياخشىلىقلىرىنى قەدىرلەڭلار . شۇنداق قىلساڭلار ئائىلىدە ھۇزۇر بولىدۇ .
ئاللاھ تائالا مۇسۇلمان ئائىلىلەرنى ھۇزۇرلۇق، خوشال خورام، راھەت پاراغەت ئىچىدە ياشىغىلى نېسىپ قىلسۇن. ئامىين !
73 ھەدىس سەپەردىن قايتقاندا ئۆيگە خەۋەرسىز كىرمەسلىك توغرىسىدا ھەزرىتى جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ ” : بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىرلىكتە بىر غازاتقا چىققان ئىدۇق، قايتقىنىمىزدا ئۇدۇل ئۆيلىرىمىزگە كىرىشكە ماڭدۇق . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : ئالدىرىماڭلار، ئاخشامدا كىرەيلى، ئاياللىرىڭلار چاچلىرىنى تاراپ، سىننەت قىلىپ تەييارلىنىۋالسۇن « دېدى .“ ]بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت . ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى:4920[
ئىزاھات :
دىندار، ئىپپەتلىك ئايال ئۆز ئېرىدىن باشقىلار ئۈچۈن ياسانمايدۇ . ئۆيىدە ئولتۇرغاندا كىر، ناچار كىيىملەرنى كىيىپ، سىرتقا چىققاندا كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلب قىلىدىغان پەرداز بويۇملىرىنى ئىشلىتىپ ۋە چىرايلىق كۆز قاماشتۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىپ چىقمايدۇ. ئائىلىنىڭ ھۇزۇر ئىچىدە بەخت سائادەتلىك بولۇشى ئەر خوتۇنلارنىڭ كۆڭىللىرى بىر بىرىدىن سۆيىنىپ خۇرسەن بولۇشىغا باغلىق . شۇڭلاشقا ئەر خوتۇنلار دائىم بىر بىرىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، بىر بىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ تۇرۇشى ناھايىتى زۆرىر. بۇ ئىشلارنىڭ ئەڭ بېشىدا كىيىم كېچەك ۋە تازىلىق كېلىدۇ . ئاياللار ئۆيىدە چىرايلىق كىيىنىپ، بەدەنلىرىنى پاكىزە تۇتۇپ، چىشلىرىنى چۋتكىلاپ، قولتۇق ۋە ئەۋرەتلىرىنىڭ تىكلىرىنى تازىلاپ، خۇش پۇراق ئەتىرلەرنى ئىشلىتىپ ئېرىنىڭ قەلبىنى ئۆزىگە جەلب قىلىپ تۇرسا ، ئېرى ئىشتىن ياكى سەپەردىن ھېرىپ ھەلگەندە، دەرھال ئۇنى تەبەسسۇم بىلەن قارشى ئېلىپ، ھالىنى سورىسا، ئاز بولسىمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا يېمەكلىك قويۇپ ھاردۇقىنى چىقىرىشقا تېرىشسا، ئەر خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت تېخىمۇ ئاشىدۇ. ئەكسىچە ئۆيىدە ئولتۇرغاندا خىزمەتچىگە ئوخشاش پاسكىنا مەينەت كىيىنىۋىلىپ، تىرناقلىرى ئۆسىك، پۇت قوللىرى كىر، چاچلىرى چۇۋۇق، ئادەمنىڭ قارىغۇسى كەلمەيدىغان قىياپەتتە بولسا، ئېرىنىڭ ئۇ ئايالدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەيدۇ . ئېرى ئىشتىن ياكى سەپەردىن ھېرىپ ئېچىپ كەلسە، ئۇنى ياخشى قارشى ئېلىپ ھالىنى سورىمىسا، تېخى تاماق پىشمىغان، يەيدىغان نەرسە يوق ئولتۇرسا، ئېرى ئىشىكتىن كىرىپ بولغىچە ئۆيدە ئۇ يوق، بۇ يوق، تاماق ئېتەلمىدىم دېگەندەك سۆزلەرنى قىلسا ئەر ئۇنداق خوتۇندىن نەپرەتلىنىدۇ . ئۇرۇش جىدەل چىقىدۇ، ھۇزۇر بۋزۇلىدۇ، ئەر خوتۇن ئارىسىدا مىھرى مۇھەببە ت، ھۆرمەت ئىھتىرام قالمايدۇ . كۆپىنچە ئاياللار ئېرىنىڭ باشقا ئاياللار بىلەن ئالاقە قۇرۇپ ئۆزىنى تاشلىۋەتكەنلىكىدىن دادلىنىدۇ . ھالبۇكى ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق قىلىشىغا ئاياللار ئۆزلىرى سەۋەبچى بولىدۇ .
ساھابىلاردىن بىرى سەپەرگە چىقىپ كەتكەندە ئۇنىڭ نارىسىدە بالىسى ۋاپات بولىدۇ . ئۇ سەپەردىن كەلگەندە ئايالى ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆتىۋىلىپ بالىسىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئېيتمايدۇ. ئۇ كىشى ”بالىمىزنىڭ ئەھۋالى قانداق “ دەپ سورىغاندا، ئايلى بالىسىنىڭ بۇرۇنقىدىن ياخشى بولغانلىقىنى ئېيتىپ، ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ كېچىنى ناھايىن ى خوشال ئۆتكىزىدۇ .
ئەرتىسى ئەتتىگەن ناشتىدىن كېيىن بالىنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى بېرىدۇ . ساھابە نېمە ئۈچۈن ئاخشام راست گەپ قىلمىدىڭ دەپ غەزەبلەنگەندە، ئايالى ھېرىپ ئېچىپ كەلگەن ئادەمگە شۇم خەۋەر بېرىشنى خالىمىغانلىقىنى، ۋە ھاردۇقى چىقىپ بولغاندىن كېيى ن خەۋەر بەرگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ساھابە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بېرىپ ئەھۋالنى يەتكىزگەندە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : كېچىدىن بىرگە بولدۇڭلارمۇ؟ دەپ « سورايدۇ ”ئۇ . ھەئە“ دېگەندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :»مۇبارەك بولسۇن، ئاللاھ سىلەرگە ياخشى پەرزنت ئاتا قىلسۇن « دەيدۇ . مانا بۇ ساھابىنىڭ ئايالى نېمىدېگەن ئەقىللىق !
ئاياللار مانا مۇشۇنداق ھۇشيار بولۇشى لازىم .
ئاياللار ئېرىنىڭ ياخشىلىقىنى ئاز كۆرمەسلىكى، ئۆزىدىن باي ئاياللار بىلەن بەس تالىشىپ ئاشۇلار بىل ەن تەڭ بولۇشقا ئۇرۇنماسلىقى، ئاللاھ تائالا نىڭ بەرگىنىگە رازى بولۇشى، ئېرىنى گۇمانغا تاشلايدىغان كىشىلەرنى ئۆيىگە كىرگىزمەسلىكى، ئېرى مېھمان باشلاپ كەلسە، غۇدۇرىماستىن، قازان قۋمۇشنى قوپاللىق بىلەن ئىشلىتىپ ئاۋاز چىقارماستىن، ياخشى ئۆزۇتۇشى، ھەر قانچە بېتاب بولسىمۇ، ئۆيىدە لازىمەتلىكلەر كەم بولسىمۇ چاندۇرماسلىقى لازىم . شۇنداق قىلسا ئېرى مېھماننىڭ ئالدىدا خىجىل بولمايدۇ ۋە ئايالىنىڭ ئىشىدىن رازى بۇلۇپ ئۇنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ .
ئەرلەرمۇ ئاياللىرىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشى، ئۇلارغا ئانچە مۇنچە ھەدىيە ئېلىپ كۆڭلىنى ئېلىشى، بەدەنلىرىنى پاكىزە تۇتۇشى، چىشلىرىنى تازىلاپ، خۇشپۇراق ئەتىرلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بەدەنلىرىدىكى تەر پۇراقلىرىنى يوقىتىپ تۇرۇشى، ئايالىنى سەسكەندىرىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى لازىم .
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە ئەر ئاياللار ئوتتۇرىسىدا كۆڭىلسىزلىك يۆز بېرىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشنى ئۇگەتكەن . ئۆيىدىكى ئاياللار ئەرلىرىنىڭ قاچان كېلىشىدىن خەۋىرى بولمىغاچقا، ئېرى ئۇشتۇمتۇت ئۆيگە كىرسە كۆڭلىگە ياقمايدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىشى مۇمكىن . مەسىلەن: بىر ئادەم سەپەرنىڭ مۇش ەققەتلىرى ئىچىدە ئائىلىسىنى سېغىنىپ، ئىشتىياق بىلەن ئۆيىگە كەلسە، ئايالى باشلىرى چۇۋۇق، كىيىملىرى كىر قارىغۇچىلىكى يوق ئولتۇرسا، ئېرىنىڭ ئۇ ئايالغا قارىغۇسى كەلمەيدۇ . بۇ ئەھۋاللار ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى سوغىتىدۇ. ئەر خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى يوقىتىدۇ . بەزىدە ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. شۇڭلاشقا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلىرىنى سەپەردىن كەلگەندە خەۋەرسىز ئۆيىگە كىرىشتىن توسۇپ ئالد » : ىرىماڭلار، خۇپتەن بولسۇن، ئاياللىرىڭلار باشلىرىنى تاراپ، بەدەنلىرىنى تازىلاپ، سىننەت قىلىپ تەييارلىنىۋالسۇن، ئاندىن كىرىڭلار« دەپ، ھەممە ئۆيلەرگە جەڭچىلەرنىڭ قايتقانلىقىنى خەۋەر قىلىشقا ئادەم ئەۋەتكەن . يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەردىن كەلگەن كىشىنىڭ كېچىدە خەۋەرسىز ئۆيىگە كىرىشىدىن توسقان .
دېمەك، يىراقتىن كەلگەن كىشى كېلىشتىن ئاۋۋال ئائىلىسىگە تېلىفۇن ياكى خەت ئارقىلىق خەۋەر بېرىۋىتىپ ئاندىن كېلىشى، ئاياللارنىڭ ئەرلىرىنى ياخشى قارشى ئېلىپ ھالىنى سورىشى، ئىشتىن ياكى سەپەردىن ھېرىپ ئېچىپ كەلگەن ئادەمگە ئالدى بىلەن ئاز بولسىمۇ يەيدىغان بىر نەرسە ئىكرام قىلىشى، قىلىشىدىغان گەپ سۆز بولسا ئېرى غىزالىنىپ، ھاردۇقى چىققاندىن كېيىن قىلىشى لازىم. مانا بۇ ئەڭ ئالى مەدەنىيەت ۋە ئائىلە ئىچىدىكى بەخت سائادەتنىڭ ئاچقۇچىدۇر .
ئىسلامدىن باشقا ئائىلە ئىشلىرىغا بۇنچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئاياللارنىڭ شەنىنى يۇقىرى كۆتىرىپ، ئېرىنىڭ جەۋرت زۇلمىدىن ساقلايدىغان يەنە بىر دىن ياكى قانۇن تىزىم بارمۇ؟ ب د ت دىن ئېلان قىلىنغان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق باياننامىسىدىمۇ ئاياللار بۇنچىلىك كۆتىرىلگەن ئەمەس. ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى ئايىتىنى پىكىر يىرگىزىپ ئوقۇغان كىشى بۇنى ئەلۋەتتە بىلىد . ۇ #|¤yèsù βr& (#θèδuõ3s? $Z↔ø‹x© Ÿ≅yèøgs†uρ ª!$# ϵŠÏù #[öyz #[ÏWŸ2 ∩⊇∪ ÷βÎ)uρ ãΝ›?Šu‘r& tΑ#y‰ö7ÏGó™$# 8l÷ρy— šχ%x6¨Β 8l÷ρy— óΟçF÷s?#uuρ £ßγ1y‰÷nÎ) #Y‘$sÜΖÏ% Ÿξsù (#ρä‹è{ù’s? çµ÷ΖÏΒ $¸↔ø‹x© 4 …çµtΡρä‹äzù’s?r& $YΨ≈tGôγç/ $VϑøOÎ)uρ ئى ئىمان ئېيتقان زاتلار! ئاياللارغا زورلۇق قىلىپ، ئۇلارنى مىراس قىلىپ ئالماق )يەنى بىر ئادەمنىڭ قولىدىن يەنە بىر ئادەمنىڭ قولىغا ئۆتىپ تۇرىدىغان ما ل ئورنىدا قىلىۋالماق ( سىلەرگە دۇرۇست بولمايدۇ؛ ئۇلار ئوپئوچۇق بىر پاھىشە ئىشنى قىلمىغان ھالەتتە، سىلەر ئۇلارغا بەرگەن مەھرىدىن بىر قىسمىنى يۇلۇۋېلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتمەڭلار، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار سەۋر قىلىڭلار، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمىغان بىر ئىشتا ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن . ئەگەر بىر خوتۇننى قويۇۋېتىپ، ئورنىغا يەنە بىر خوتۇننى ئالماقچى بولساڭلار، ئۇلارنىڭ بىرىگە مەھرى قىلىپ كۆپ مال بەرگەن بولساڭلارمۇ ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە قايتۇرۇۋالماڭلا . رئۇنى يالغان قارا چاپلاپ ۋە ئوچۇق زۇلۇم قىلىپ ئالامسىلەر؟ ئۆز ئارا خىلۋەتتە بولۇشقان تۇرساڭلار ۋە ئاياللار سىلەردىن نىكاھ ئەقدىدىن ئىبارەت مۇستەھكەم ئەھدە ئالغان تۇرسا، ئۇنى قانداقمۇ قايتۇرۇۋالىسىلەر؟] سىرەنىسا: 19 ،20 ،21 ئايەتلەر [
ئاللاھ تائالا بىزل ەرنى ئائىلە ئىچىدە ئۆز ئارا مېھرى مۇھەببەت بىلەن راھەت پاراغەتلىك ۋە بەخت سائادەتلىك تۇرمۇش كەچىرگىلى نىسىپ قىلسۇن. ئامىين !
ئىزاھات تېكىستى كىرگۈزۈلمىگەن.
ھەزرىتى ئەبۇ سەلەمەنىڭ قىزى زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلىدۇ : مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى ئىمم ۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ دادىسى ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەرب ۋاپات بولغان ۋاقتىدا ئۇنىڭ يېنىغا كىرگەن ئىدىم، ئۇ سېرىق رەڭلىك بىر خۇشبۇي نەرسىنى ئەكەلدىرىپ، ئۇنىڭدىن بىر قىزچاققا سىرىپ قويۇپ ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىككى مەڭزىگىمۇ سىرىپ مۇنداق دېدى ” : ئاللاھ بىلەن قەسە م قىلىمەنكى، مېنىڭ خۇش پۇراققا ھاجىتىم يوق ئىدى، بۇنى شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلەتتىمكى، مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مىنبەردە تۇرۇپ» : اللەغا ۋە ئاخىرەت كىنىگە ئىمان ئېيتقان ئايالنىڭ مېيىتكە ئىچ كېچە كىندىزدىن ئارتۇق ھازا تۇتۇشى ھالال بولمايدۇ، ئە مما ئېرى ئۆلگەن بولسا، ئۇنىڭغا تۆت ئاي ئون كىن ھازا تۇتسا بولىدۇ « دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم.“ دىدى .
ئاندىن ئەبۇ سەلەمەنىڭ قىزى زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ” : مەن زەينەب بىنتى جەھش رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قېرىندىشى ۋاپات بولغان چاغدا، ئۇنىڭ يېنىغا كىرگەن ئىدىم ، ئۇ خۇش پۇراق ئەكەلدىرىپ ئىشلەتتى، ئاندىن مۇنداق دېدى ” : ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مېنىڭ خۇش پۇراققا ھاجىتىم يوق ئىدى، لېكىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مىنبەردە تۇرۇپ :»اللەغا ۋە ئاخىرەت كىنىگە ئىمان ئېيتقان ئايالنىڭ مېيتكە ئىچ كېچە كىندىزدىن ئارتۇق ھازا تۇتۇشى ھالال بولمايدۇ، ئەمما ئېرى ئۆلگەن بولسا، ئۇنىڭغا تۆت ئاي ئون كىن ھازا تۇتسا بولىدۇ« دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم” دېدى. ]بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت .
ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:5209 [
ئاللاھ تائالا شۇنداق مۆمىنە ئاياللارغا رەھىم قىلسۇنكى، ئۇلار بۇيرۇلغان ئىشلىرىنى كامىل ئادا قىلىدۇ، توسالغان ئىشلاردىن قەتئى يانىدۇ . ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئەمرىگە ئەستايىدىللىق بىلەن ئەمەل قىلىدۇ : ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكىم چىقارغان چاغدا، ئەر ئايال مۆمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ )يەنى ئاللاھ ۋە اللەنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكىم چىقارغان ئىكەن، ھېچ ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ (، كىمكى اللەغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ.] سىرە ئەھزاب:36 ئايەت [
ئەنە شۇ ئىلگىلىك ئاياللارنىڭ بېشىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى پاكدامەن ئانىلىرىمىز كېلىدۇ . ھەزرىتى ئىمم ۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دادىسى ۋاپات بۇلۇپ ئىچ كىندىن كېيىن خۇش پۇراق ئىشلەتكەن . شۇنىڭدەك ھەزرىتى زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھا قېرىندىشى ئۆلىپ كېتىپ ئىچ كىن توشقاندىن كېيىن خۇش پۇراق ئىشلەتكەن . ھالبۇكى ئۇلارنىڭ خۇش پۇراق ئىشلىتىشكە ھېچ ئېھتىياجى يوق ئىدى ۋە ئۇنى ياقتۇرمايتتى . لېكىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىپ شۇنداق قىلغان. ھالال ھارامنى بىلىش، كىتابلار يېزىش، مۇنبەرلەردە سۆزلەش ناھايىتى ئاسان . مۇھىم بولغىنى ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلگەندە، مۇشۇ ئانىلىرىمىزغا ئوخشاش بۇيرۇلغان ئىشنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئىجرا قىلىشتۇر .
بۇ ھەدىستىن شۇنى بىلىمىزكى، ئۆلىپ كەتكەن كىشىگە مەيلى يېقىن مەيلى يىراق بولسۇن پەقەت ئ ىچ كىن ھازا تۇتۇش دۇرۇس بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ئارتۇق ھازا تۇتۇش دۇرۇس ئەمەس . لېكىن ئېرى ئۆلىپ كەتكەن ئايال تۆت ئاي ئون كىن ھازا تۇتىدۇ. بۇ بولسا مەزكۇر ئايالنىڭ ئىددەت مۇددىتى بۇلۇپ قۇرئان كەرىمدە بەلگىلەنگەندۇر .
ھازا تۇتۇش ساددا كىيىم كىچەك كىيىش، ئەتىر ۋە باشقا خۇش پۇراق نەرسىلەرنى ئىشلەتمەسلىك، زىنەت بويۇملىرى ئىشلەتمەسلىك ۋە ياتلىق بولۇشقا تەشەببۇس قىلماسلىقتىن ئىبارەتتۇر. بەزىلەرنىڭ قىلغىنىدەك بېلىگە ئاق پۋتا باغلاش، چاچ ساقىلىنى چىشىرمەسلىك كېرەك ئەمەس . بەزى يەرلەردىكى ئۇيغۇرلاردا ئېرى ئۆلىپ كەتكە ن ئايالنىڭ بىر يىل ھازا تۇتۇپ ياتلىق بولماي ئولتۇرۇشى ئادەت بۇلۇپ قالغاچقا، بىر يىل توشماستا ياتلىق بولماقچى بولغان ئاياللار جەمئىيەتتە ئەيىبلاشقا ئۇچرايدۇ . بۇ خاتا ئادەت بۇلۇپ تىزىتىش لازىم . چۈنكى بۇ ئادەت ھەم ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىگە خىلاپ، ھەم كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى قىيىن ئەھۋالغا چىشىرىپ قويىدۇ . ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ : ئىچىڭلاردا ئۆزى ۋاپات بۇلۇپ ئاياللىرى قېلىپ قالغان كىشىلەر بولسا، ئاياللىرى تۆت ئاي ئونكىن ئىددەت تۇتۇشى لازىم. ئىددىتى توشقاندىن كېيىن ئۆزلىرى توغرۇلىق قائىدە بويىچە ئىش قىلسا، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ.] سىرە بەقەرە:234 ئايەت [
دېمەك، ئېرى ۋاپات بولغان ئايال تۆت ئاي ئون كىن توشقاندىن كېيىن چىرايلىق كىيىم كىچەكلىرىنى كەيسە، ياتلىق بولسا بولىدۇ . بۇ ئۇ ئايالنىڭ ھەققى بۇلۇپ، ھېچ كىمنىڭ ئۇنى ئەيىبلاش ھوقۇقى يوق شۇ . نىڭدەك ئەرنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ئۇ ئايالغا ھۆكىمرانلىق قىلىش، ئۇنى ئۆلگەن ئېرىنىڭ قېرىندىشىغا ياكى تۇغقانلىرىدىن بىرىگە ياتلىق بولۇشقا زورلاش ھوقۇقى يوق . ئۇ ئايال ھۆر بۇلۇپ خالىغان كىشىگە ياتلىق بولۇش ھۇقۇقىغا ئىگە . ئۇ مىراس قىلىنىدىغان مال
ئەمەس. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ :
ئى ئىمان كەلتىرگەن زاتلار! ئاياللارغا زورلۇق قىلىپ، ئۇلارنى مىراس قىلىپ ئالماق سىلەرگە دۇرۇس بولمايدۇ.] سىرە نىسا:19 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [
يەنە بىلىشكە تىگىشلىك ئىش شۇكى، ئىددەت ئىچىدىكى ئاياللار كىيىدىغان مەخسۇس كىيىم بەلگىلەنگەن ئەمەس، ئاق ياكى قارا كىيىم كىيىش كېرەك دەيدىغان بىر قائىدە يوق، پەقەتلا يىڭى تىكىلگەن، زىننەتلىك كىيىم كەيمىسە، قانداق رەڭلىك كىيىم كەيسە بولىدۇ .
نۆۋىتى كەلگەن ئىكەن شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتەيلىكى، ئۆلىپ كەتكەن كىشى ھەققىدە، يەتتىسى، يىگىرمىسى، پەيشەنبىسى، قىرقى، يىلى دەيدىغان نەزىر چىراقلار ئىسلامدا بەلگىلەنگەن ئەمەس . ئىسلامدا مەۋجۇد بولغان نەزىر كىشى خالىغان چاغدا، بىرەر نامرات، ئاجىز بىچارىلەرگە ئاز ياكى كۆپ ياردەم قىلىپ , شۇنىڭ ساۋابىنى ئۆلىپ كەتكەن تۇغقىنى ئۈچۈن ئاتىسا بولىدۇ . ناماز ئوقۇب، قۇرئان ئوقۇب، روزا تۇتۇپ، ھەج ئۆمرە قىلىپ ساۋابىنى ئاتىسا، ئۆلىكلەرگە پايدىسى بولىدۇ . ئەمما مانچە كىن بولغاندا مۇنداق قىلىش كېرەك دېگەندەك نەزىر چىراقلار، ھەر خىل ئۆرپە ئادەتلەر كىشىلەرنىڭ بوينىغا مىنىپ جان باقىدىغان، موللا قىلىپىغا كىرىۋالغان چىلبۆرىلەرنىڭ چىقارغان يامان ئادىتى بۇلۇپ بىدئەتتۇر . مەن مۇسۇلمان دېگەن كىشى مۇنداق بىدئەت ئىشلاردىن يىراق تۇرىشى لازىم .
ئاللاھ تائالا بىزلەرگە ھەقنى تونۇپ ئەمەل قىلىدىغان ئىسلامىي ئاڭ ۋە كۇچ قۇۋۋەت بەرسۇن . ئامىين !
ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ” : رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھەمزىنىڭ قىزىنى نىكاھىغا ئېلىش تەلەپ قىلىنغاندا، مۇنداق دېگەن» : ئۇ ماڭا ھالال بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئىمىلداش بىر تۇغقىنىمنىڭ قىزى، نەسەبدىن ھارام بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئىمىلداشلىق سەۋەبى بىلەن ھارام بولىدۇ ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت . ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى:3538[
بۇ ھەدىستىكى ۋەقە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ : رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆمرە قىلىپ مەككىدىن قايتقاندا، ھەزرىتى ھەمزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئۇلارغا قوشۇلدى . ئۇ مەدىنىگە ھىجرەت قىلا لمىغان ئاجىز ساھابەلەردىن بۇلۇپ، دادىسى ھەمزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوھۇد ئۇرۇشىدا شېھىت بولغانلىقى ئۈچۈن ھىمايە قىلىدىغان كىشىسى يوق ئىدى، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى ئۇنى كاپالىتىگە ئېلىش ئۈچۈن تالىشىپ قالدى . ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ” : ئۇ مېنىڭ ت اغامنىڭ قىزى، ئۇنى مەن ئېلىپ كەلدىم، ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشقا مەن ھەقلىق“ دېدى . ھەزرىتى جەفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ” : ئۇ مېنىڭ تاغامنىڭ قىزى، ئۇنىڭ ھامماچىسى مېىنىڭ قولۇمدا، ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشقا مەن ھەقلىقراق “ دېدى . ھەزرىتى زەيد ئىبنى ھارىسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ” : ئۇ مېنىڭ دىنىي قېرىندىشىمنىڭ قىزى، ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشقا مەن ھەقلىق“ دېدى . ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ”ئۇنى ھىمايە قىلىشقا سىز ھەممىدىن ھەقلىقراقسىز، ئۇنى نىكاھىڭىزغا ئالسىڭىز بولمامدۇ؟ “ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ ھالال بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۆزىنىڭ ھەمزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئىمىلدەش ئىكەنلىكىنى بايان قىلغاندىن كېيىن ئۇنى ھەزرىتى جەفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كاپالىتىگە بېرىپ» : ھامماچا ئانىنىڭ ئورنىدا بولىدۇ« دېگەن .
بۇھەدىستىن تۆۋەندىكى ئىچ ھۆكىم چىقىدۇ :
1 قىز تەرەپنىڭ ئوغۇلغا ئۆيلىنىشنى تەلەپ قىلىشى . جەمئىيىتىمىزدە ئۆيلىنىشنى ئوغۇل تەرەپنىڭ تەلەپ قىلىشى ئادەت بۇلۇپ قالغاچقا، گۇيا قىز تەرەپنىڭ ئوغۇلغا تەلەپ قويۇشى ئەيىب ئىش دەپ قارىلىدۇ . ھالبۇكى دىندار، گىزەل ئەخلاقلىق، تەقۋادار كىشىگە تەكلىپنىڭ قىز تەرەپتىن كېلىشى ئەيىبلىنىدىغان ئىش ئەمەس . چۈنكى قىز تەرەپ ھەر دائىم قىزىنىڭ ئىستىقبالىنى كۆزلەيدۇ. شۇڭلاشقا قىزىنىڭ ئىستىقبالى ياخشى بولىدىغان كىشىگە ئۆزى خىرىدار بولۇش ناھايىتى ياخشى ئادەت. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابە كىراملار شۇنداق قىلاتتى .
مەسىلەن: ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى سەفىيەنىڭ ئېرى بەدرى غازىتىدا شېھىت بولغانىدى، ئۇنىڭ ئىددىتى توشقاندىن كېيىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قىزىنى ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تەكلىپ قىلدى، ئۇ جاۋاب بەرمىدى . ئاندىن ئۇنى ھەزرىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تەكلىپ قىلدى . ئۇ ئايالى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قىزى رۇقىيە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سىڭلىسى ئىمم ۇ كۇلسۇمنى نىكاھىغا ئېلىشنى ئۇمىد قىلىپ يىرەتتى، شۇڭا ئۆمەر رەزىيەللاھ ۇ ئەنھۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلمىدى . بۇ ئىش ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ناھايىتى ئېغىر كەلدى . كېيىن سەفىيەنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نىكاھىغا ئالدى .
بەزىلەر قىزىنى مالدار، مەنسىپى بار ئادەمگە بەرسە بەختلىك بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ . ھالبۇكى پۇل ما ل ۋە مەنسەپ دىنى سۇس، ئەخلاقى ناچار كىشىنىڭ قولىغا چىشسە، ئۇنى مۇغەمبەر، ھاكاۋۇر، گەردەنكەش قىلىپ قويىدۇ . ئۇنداق ئادەملەر ئۆزىنىلا ئويلايدۇ، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى چىشەنمەيدۇ، چىشىنىشنىمۇ خالىمايدۇ . ئۇنداقلارنىڭ قولىغا چىشكەن قىز ھاياتى بويىچە خورلۇق ئىچىدە ئىزىلىدۇ. قەتئىي بەختلىك بولالمايدۇ . ئەمما مەنسىپى بولمىسىمۇ، مال دۇنياسى ئاز بولسىمۇ، دىندار، اللەدىن قورقىدىغان، گىزەل ئەخلاقلىق كىشىگە ياتلىق بولغان قىز ھەقىقىي بەختلىك بولالايدۇ . چۈنكى ئۇنداق كىشىلەر باشقىلارنى قەدىرلەيدۇ، كۆڭلىنى چىشىنىدۇ، دەردىگە دە رمان رەنجىگە شىپا بولالايدۇ . تۇرمۇشى ئاددى بولسىمۇ كۆزى تۋق، كۆڭلى خاتىرجەم، ھۇزۇرلۇق ياشايدۇ .
مېھرى مۇھەببەت، بەخت سائادەت دېگەن ئەنە شۇنداق كىشىلەردە بولىدۇ . شۇڭا ئاللاھ تائالا بۇ نۋقتىغا دىققىتىمىزنى تارتىپ مۇنداق دەيدۇ : ئى مۇسۇلمانلار! مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغىچ ە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار . ھۆر، مۇشرىك ئايال )ھۆسن جامالى ۋە مېلى بىلەن ( سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۆمىن دىدەك، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر . مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغىچە ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار. ھۆر مۇشرىك ئەر )مەنسىپى ۋە مېلى بىلەن ( سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۆمىن قۇل، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر.] سىرە بەقەرە:221 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [
2 بالىغا ئۇنى بېقىشتا ھامماچىنى ئانىنىڭ ئورنىدا قىلىش . بالىغا ئەڭ شەپقەتلىك كىشى ئانا، ئۇنىڭدىن قالسا ئانىنىڭ ئانىسى، ئۇنىڭدىن ق السا ئانىنىڭ ئاچا سىڭىللىرى )ھامماچا . دۇر ( ئەگەر ئانا قايسى سەۋەبتىن بالىسىنى ھىمايىسىگە ئالالمايدىغان ئەھۋال بۇلۇپ قالسا، شەرىئەت بالىنى ئاۋۋال ئانىنىڭ ئانىسىغا، ئۇ بولمىسا ئانىنىڭ ئاچا ياكى سىڭلىسىغا بېرىدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن دادىنىڭ ئانىسى ۋە ئاچا سىڭىللىرىغا بېرىدۇ .
3 نەسەبدىن ئۆيلىنىش ھارام بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئىمىلداشلىقتىن ھارام بولىدۇ .
نەسەبتىن ئۆيلىنىش ھارام بولىدىغانلار تۆۋەندىكىلەر:
ئانا ۋە ئۇنىڭ ئاچا سىڭىللىرى، ئاتىنىڭ ئاچا سىڭىللىرى، بىر تۇغقان ئاچا سىڭىللار ۋە ئۇلارنىڭ قىزلىرى، ئوغۇل بىر تۇغقاننىڭ قىزلىرى، ئۆز ۋە ئىگەي قىزلىرى، قىز نەۋرىلىرى قاتارلىقلاردۇر. مانا مۇشۇ يۇقىرىدا ساناپ ئۆتكەنلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئىمىلداشلىقتىن ھارام بولىدۇ .
ئالىملارنىڭ ئىمىلداشلىق ھەققىدە كۆپ تەتقىقاتلىرى بۇلۇپ، بىلىشكە تىگىشلىك مەسىلە شۇكى، ئىمىلداشلىقنىڭ سابىت بولۇشى ئۈچۈن بالا ئىككى ياشقا توشماستا ئەمگەن بولۇشى شەرت. ئەگەر ئىككى ياشقا توشقاندىن كېيىن ئەمسە، ئىمىلداشلىق سابىت بولمايدۇ . چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىمىتىش مۇددىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : ئانىلار بالىلارنى ئېمىتىش مۇددىتىدە تولۇق ئېمىتمەكچى بولسا، تولۇق ئىككى يىلئېمىتىشى لازىم. ] سىرە بەقەرە:233 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [
ئاللاھ تائالا ھەق يولدا مېڭىپ ئۆز رازىلىقىغا ئېرىشكىلى نىسىب قىلسۇن. ئامىين !
ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ ” : مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىش قايسى؟ دەپ سورىدىم. رەسۇلۇللاھ» : ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇلغان ناماز « دېدى ” . ئاندىن قالسىچۇ؟ “ دېدىم . رەسۇلۇللاھ : ئاتا » ئانىغا ياخشىلىق قىلىش « دېدى ” . ئاندىن قالسىچۇ؟ “ دېدىم . رەسۇلۇللاھ » : ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش« دېدى ] “.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ب . ۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت. ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى:214 [
بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللەردىن ئىچ ئىشنى تەرتىپ بويىچە بايان قىلىدۇ . ئۇنىڭ بىرىنچىسى ۋە ئەڭ ئەۋزىلى ئۆز ۋاقتىد ا تەلەپكە لايىق ئادا قىلىنغان ناماز .
ناماز بەندىنىڭ ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئۇچرىشىشىدۇر . بەندىنىڭ تاھارەت ئېلىپ جەينىمازغا كەلگەنلىكى ئاللاھ تائالاغا چىن دىلىدىن چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدىرىش، ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزورىدا قول باغلاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا م ۇناجات قىلىش , بارلىق تىلەك، ئارزۇلىرىنى بىۋاسىتە ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىدىن تىلەش دىگەنلىكتۇر. نامازنىڭ ماھىيىتى قۇرۇق ھەرىكەتلەردىن ئىبارەت ئەمەس. نامازدا ئىجرا قىلىنىدىغان ھەر بىر ھەرىكەتنىڭ چوڭقۇر مەنىسى بار . تاھارەت ئېلىپ جەينىمازغا كەلگەنلىك، ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن تازىلىنىپ ئاللاھ تائالا نىڭ ھۇزۇرىغا چىقىش، ئاللاھ تائالا بىلەن بىۋاسىتە كۆرىشىشكە ئاتلىنىشتۇر . نامازغا باشلىغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ھازىر ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ, سىر باسقان ھالدا دەرھال ق ۋل باغلاپ ئاللاھ تائالا غا چوڭقۇر تەزىم بىلەن ھۆرمەت بىلدىرىدۇ . قۇرئاندىن بىلگەن ئايەتلەرنى ئوقۇپ , ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئاجىز ۋە گۇناھكارلىقىنى، ئاللاھ تائالانىڭ كاتتىلىقىنى، ئۇلۇغلىقىنى ھېس قىلىپ, ھۆرمەت بىلدىرىشتە تېخىمۇ ئىلگىرلەپ , قەددى قامىتىنى ئىگىپ رۇكۇ قىل . ىدۇرۇكۇدىن باش كۆتەرگەندىن كېيىن، ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئاجىز، ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدىغان بىر مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن , يەرگە پىشانىسىنى قويۇپ بارلىق ۋۇجۇدى ۋە ئىچكى ھېسسىياتلىرى بىلەن پەرۋەردىگارىغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدىرىدۇ. ئاللاھ تائالاغا ھۆرمەت بىلدىرىشتە بەندىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئەڭ يۇقىرى ئىش سەجدە قىلىشتۇر. ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىن بولغان ۋاقتى سەجدە قىلغان ھالىتىدۇر .
ناماز ئەينى زاماندا ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ دۇئا قىلىشتۇر . مانا مۇشۇنداق نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ ۋە ھېس قىلىپ تۇرۇپ ئوقۇغان ناماز ھەقىقەتەن تەلەپكە لايىق ئادا قىلىنغان نامازدۇر . بۇ شەكىلدە ئادا قىلىنغان ناماز ئىنساننى ياخشىلىققا ئىندەپ، قەبىھ، يامان ئىشلارنى قىلىشتىن ۋە گۇناھ مەسىيەتلەردىن توسىدۇ. ئاللاھ تائالا : ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلادىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ دېگەن. ]سىرە ئەنكەبۇت:45 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [
2 ئاتا ئانىغا ياخشىلىق قىلش . ئىنسان تونۇپ ئادا قىلىشقا تىگىشلىك ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئۇلۇغ ھەق ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىدۇر . ئۇنىڭدىن قالسىلا ئەڭ چوڭ ھەق ئاتا ئانىلارنىڭ ھەققىدۇر . ئاتا ئانا ئىنساننىڭ يوقلۇق ئالىمىدىن ۋۇجۇدقا كېلىپ مەۋجۇدىيەت ئالىمىنىڭ ئايدىڭلىقىغا كۆز ئېچىشىغا سەۋەبچى بولدى ۋە ئۇ چوڭ بۇلۇپ ئۆز كىچىگە تايانغۇدەك ھالەتكە كەلگىچە ئۇنى مىڭ بىر مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىقلا ر بىلەن باقتى . ئانىسى ئۇنى ئون ئاي قۋرسىقىدا كۆتىرىپ، ئۆلىم بىلەن بۇرۇن بۇرۇنغا كېلىپ تۇغىدۇ. ئۇندىن كېيىن ئۇنى ئىسسىق سىتى بىلەن ئىمىتىپ، بالىسىنىڭ راھىتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ راھىتىدىن كېچىدۇ . ئاتىسى بولسا ئانا بالىنى ياخشى بېقىش يولىدا كىچە كىندىز ئىشلەي . دۇئۇنىڭ ئىھتىياجلىرىنى قامداش ۋە ئۇنى ئوقۇتۇپ قاتارغا قوشۇش ئۈچۈن يىللارچە دەپ تىگەتكىسىز جاپا مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكىزىدۇ . يىغىپ ئېيتقاندا ئاتا ئانا بالا ئۈچۈن پىتىن ھاياتىنى پىدا قىلىدۇ . ئۇلار بۇ پىداكارلىقلىرى بەدىلىگە بالىسىدىن ھېچنەرسە تەلەپ قىلمايدۇ ۋە بالىسىنى بېقىش يولىدا تارتقان دەرت ئەلەملىرىدىن دادلانمايدۇ، زىرىكىپ قالمايدۇ. دۇنيادا بۇنداق بەدەلسىز ياخشىلىق قىلىدىغان ئاتا ئانىدىن باشقا كىم بار؟ ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئاتا ئانىنىڭ بالىسى ئۈچۈن تارتقان جاپا مۇشەققەتلىرىنى خاتى رلىتىپ مۇنداق
دەيدۇ :
ئىنساننى ئاتا ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق . ئانىسى ئۇنى ق ۋرسىقىدا ئىستى ئىستىگە ئاجىزلىق بىلەن كۆتىردى . ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى . ئى ئىنسان ! ماڭا ۋە ئاتا ئاناڭغا شىكىر قىلغىن، ئاخىر قايتىدىغان جايىڭ مېنىڭ دەرگاھىمدۇر. ]سىرە لۇقمان:14 ئايەت [
بىز ئىنساننى ئاتا ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق . ئىنساننى ئانىسى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتىرىپ، مۇشەققەت بىلەن تۇغدى . ئۇنىڭغا قورساق كۆتىرىش مۇددىتى ۋە ئۇنى سىتتىن ئايرىش مۇددىتى 30 ئايدۇر.] سىرە ئەھقاف: 15 ئايەت [
ئاللاھ تائالا ئاتا ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنى, ئۆزىگە يالغۇز ئىبادەت قىلىش بىلەن بىرلەشتىرىپ مۇنداق دەيدۇ : پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى , ئۇلارنىڭ بىرى، ياكى ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بۇلۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھۋي دېمىگىن )يەنى مالاللىقنى بىلدىرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن(، ئۇلارنى دىشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن , ئۇلارغا كامالى مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە » : ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگەندەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن « دېگىن .] سىرە ئىسرا: 23 24 ئايەتلەر [
مانا بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا ئاتا ئانىغا قانداق ياخشىلىق قىلىشنى تەپسىلى بايان قىلىدۇ . ئاللاھ تەئاللاغا ئىبادەت قىلىش , ئۇنىڭ ئاتا قىلغان سانسىز نازۇ نېمەتلىرىگە شىكرى قىلىش بولغان ئىكەن، ئاتا ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇلارنىڭ بىزنى بېقىپ تەربىيىلەش يولىدا تارتقان جاپا مۇشەققەتلىرىگە رەھمەت ئېيتىپ قىلغان ياخشىلىقلىرىغا شىكرى قىلىشتۇر . شۇڭا بۇ ئايەتتە ئاتا ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش بىلەن بىرلىكتە تىلغا ئېلىنغان .
ئاتا ئانىنىڭ بالىلار ئىستىدىكى ھەققى بەڭ چوڭ بۇلۇپ، ئۇنى ئادا قىلىپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس. بىر ئادەم ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ” : مېنىڭ قېرىپ كەتكەن ئانام بار، ئۇنى كۆتىرىپ تۇرمىسام تاھارەت سۇندۇرالمايدۇ، مەن ھەر كۈنى ئانامنى بىر نەچچە قېتىم كۆتىرىپ تاھارەت قىلدۇرىمەن، ئۇنىڭ ئىستىمدىكى ھەققىنى ئادا قىلدىممۇ؟“ دەپ سورىغاندا، ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ” : ياق، چۈنكى ئاناڭ سېنىڭ ياشىشىڭنى ئۇمىد قىلغان ھالدا سېنى ئاشۇنداق باققان، ھالبۇكى سەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىشنى ئۇمىد قىلغان ھالدا شۇنداق قىلىۋاتىسەن“ دەپ جاۋاب بەرگەن .
ئاتا ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى لازىم ئەمەس . غەيرى مۇسلىم ئاتا ئانىلارغىمۇ ياخشىلىق قىلىش لازىم. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ئەگەر ئاتا ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتىرىشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن .] سىرە لۇقمان:15 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [
ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ھەزرىتى ئەسما رەزىيەللا ھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ : ”رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا مېنىڭ مۇشرىك ئانام يېنىمغا كەلگەن ئىدى، مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ” : ئانام مەندىن ياخشىلىق كىتىپ كەپتۇ، ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلسام بولامدۇ؟“ دەپ سورىدىم. رەسۇلۇللاھ» : بولىدۇ، ئانىڭىزغا ياخشىلىق قىلىڭ« دېدى “.
3 ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش . جىھاد قىلىش يوقىرىسى دىن دىشمەنلىرى بىلەن قوراللىق ئۇرۇش قىلىش، تۆۋىنى ئاللاھ تائالا رازىلىقىنى كۆزلەپ قىلغان بارلىق ئىش پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئەۋزەل جىھاد مېلى ۋە جېنى بىلەن ئاللاھ تائالا يولىدا دىنىنى ۋە ۋەتىنىنى قوغداش ئۈچۈن قوراللىق ئۇرۇش قىلىشتۇر . لېكىن بۇنىڭ شەرت شارائىتلىرى ۋە ۋاقىت زامانى باردۇر .
ھەدىستە نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىش، ئاتا ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ۋە ئاللاھ تائالا يولىدا جىھاد قىلىشتىن ئىبارەت ئىچ ئىش تىلغا ئېلىنغان بۇلۇپ، ئىسلامدا بۇيرۇلغان بارلىق ئەمەل ئىبادەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ناماز بولسا، زاكات، روزا، ھەج ۋە باشقا بارلىق ئىبادەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئاتا ئانىغا ياخشىلىق قىلىش بولسا، بارلىق ئۇرۇق تۇغقان ۋە با شقىلار بىلەن ياخشى مۇئامىلە قىلىش ۋە گىزەل ئەخلاقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . جىھاد بولسا، دىنى، ئىممىتى ۋە ۋەتىنى ئۈچۈن قىلىدىغان بارلىق خىزمەتلەرنى ۋە پىداكارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
يۇقىرىدىكى ئىشلارنىڭ تىلغا ئېلىنىش تەرتىۋىمۇ ئالاھىدە ھىكمەتكە ئىگە چى . نكى ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان كىشىنىڭ ئەڭ ئاۋۋال قىلىدىغان ئىشى ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشتۇر. ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ بېشىدا ھەر كۈنى بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇش كېلىدۇ . ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغان كىشىنىڭ ئەخلاقى گۆزەل بولۇشى ۋە كىشىلەر بىلەن قىلىدىغ ان مۇئامىلىسى ياخشىلىنىشى كېرەك . ئاندىن چىن قەلبىدىن ئىشەنگەن مۇقەددەس دىنىنى ۋە سۆيىملىك ۋەتىنىنى دىشمەنلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك تەجاۋۇزلىرىدىن قوغدىشى، مۇداپىئە قىلىشى , كېرەك بولغاندا مېلىنى، جېنىنى پىدا قىلىشتىن چېكىنمەسلىكى لازىم . شۇنداق قىلغاندا ئاندىن ھەقىقىي مۇسۇلمان بۇلۇپ , ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ۋە مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشەلەيدۇ , بولمىسا ئۇنىڭ مەن مۇسۇلمان دېگىنى ئەمەلىيىتى يوق قۇرۇق دەۋا بۇلۇپ قالىدۇ، خالاس . ئاللاھ تائالا بىزنى ھەقىقىي مۇسۇلمان بۇلۇپ ياشاپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بەخت سائادىتىگە ئېرىشتىرسۇن. ئامىين !
ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ ” : بىر ئادەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كېلىپ” : ئى رەسۇلۇللاھ! مېنىڭ ياخشىلىق قىلىشىمغا ئەڭ ھەقلىق كىشى كىم؟ “ دەپ سورىدى . رەسۇلۇللاھ» : ئاناڭ« دەپ جاۋاب بەردى . ئۇ ئادەم” : ئاندىن قالسا كىم؟ “ دېدى . رەسۇلۇللاھ» : ئاناڭ « دېدى . ئۇ ئادەم ” : ئاندىن قالسا كىم؟ “ دەپ سورىدى . رەسۇلۇللاھ» : ئاناڭ« دېدى . ئۇ ئادەم ئ” : اندىن قالسا كىم؟ “ دەپ سورىدى . رەسۇلۇللاھ: »ئاندىن قالسا ئاتاڭ « دېدى . ]بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت. ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى:6452[
ئىنسانلار كۆپ ھاللاردا ئاتا ئانىسىنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى ئۆز لايىقىدا قەدىرلىمەيدۇ. ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشقا سەل قارايدۇ . خوتۇنىنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ ئاتا ئانىسىدىن يۈز ئۆرىيدىغان, ئۇلارنى دىشكەلەيدىغان ئەھۋاللارمۇ جەمئىيەتتە كۆپ ئۇچرايدۇ . شۇڭلاشقا قۇرئان كەرىمدە بولسۇن , رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىدە بولسۇن , ئاتا ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇغان ئەمرى پەرمانلار كۆپتۇر . بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئانىنى ئىچ قېتىم تىلغا ئېلىشىنىڭ ھېكمىتىنى ئۆلىمالار مۇنداق چىشىندىرىدۇ : بالا ئانىنىڭ ئۇنى بېقىش، تەربىيىلەش يولىدا تارتقان جاپا مۇشەققەتلىرىنى ئۆز لايىقىدا ھېس قىلمايدۇ. چۈنكى ئانىسى ئۇنى قۋرسىقىدا كۆتىرىش, تۇغۇش، ئېمىتىش, كېچىلىرى ئۇخلىماي ئۇنىڭغا قاراش قاتارلىق مىسلىسىز جاپا مۇشەققەتلەرنى بالا كىچىك چاغدا تارتقاچقا، بالا ئانىسىنىڭ ئۇ بىيباھا پىداكارلىقلىرىدىن خەۋ ەرسىزدۇر . بالا ئەقلىگە كېلىپ بىر نەرسىنى پەرق ئەتكىدەك بولغاندا پەقەت دادىسىنىڭ ياخشىلىقلىرىنى كۆرىدۇ . چۈنكى دادىسى ئۇنىڭ كىيىم كېچەك , يېمەك ئىچمەك قاتارلىق بارلىق ئېھتىياجلىرىنى ئېلىپ تەييارلاپ بېرىدۇ , بازارغا بارسا پۇل بېرىدۇ . مەكتەپكە بارسا , دەپتەر , قەلەم ۋە باشقا بارلىق چىقىملىرىنى قىلىپ بېرىدۇ .
ئانىسى تاماق ئېتىش , كىر يۇيۇشتىن ئىبارەت ئۆي خىزمەتلىرىنى قىلىدۇ . بۇ ھالەتتە بالا دادىسىنىڭ پىداكارلىقىنى كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئانىسىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى كىچىك كۆرىدۇ . بىزنى ئاتىمىزلا باقىدىكەن دەپ ئو يلايدۇ . ھالبۇكى , ئانىنىڭ تارتقا جەۋرى جاپا، دەرت ئەلەملىرى دادىنىڭ پىداكارلىقىدىن نەچچە ھەسە كۆپتۇر . بۇنى بالا ھېس قىلمايدۇ . شۇڭلاشقا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئانىنى ئىچ قېتىم تىلغا ئالغاندىن كېيىن ئاتىنى بىر قېتىم تىلغا ئالىدۇ .
ئىككىنچىدىن: دادا بالىغا ئانچە بەك مۇھتاج بولمايدۇ . كۆپىنچە دادا ئۆز ئېھتىياجىنى ئۆزى قامداپ كېتەلەيدۇ . ئەمما ئانا ئاجىز، بېچارە بولغانلىقى ئۈچۈن بالىسىنىڭ ياردىمىگە دادىسىدىن بەكراق مۇھتاج . شۇنىڭ ئۈچۈن ئانا ئىچ قېتىم تىلغا ئېلىنغان بولۇشى مۇمكىن . ئاللاھ تائالا مۇ قۇرئان كەرىمدە ئاتا ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىغاندىن كېيىن، ئانىنىڭ جاپا مۇشەققەتلىرىنى بالىلارنىڭ كۆز ئالدىغا كەلتىرىپ مۇنداق دەيدۇ : بىز ئىنساننى ئاتا ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىدۇق , ئىنساننى ئانىسى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتىرىپ, مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئۇنىڭغا قورساق كۆتىرىش مۇددىتى ۋە ئۇنى سىتتىن ئايرىش مۇددىتى 30 ئايدۇر.] سىرە ئەھقاف: 15 ئايەت [
ئاتا ئانىغا ياخشىلىق قىلىش : ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولمايدىغان ھالەتتە ئۇلارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىش، توسقان ئىشىدىن يېنىش، ئۇلارنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىش، ئۇلارنىڭ پىكرىگە قوشۇلۇش، ئۇلارنىڭ دىشمىنىگە دوست دوستىغا دىشمەن بولماسلىق، بىر نەرس ە تەلەپ قىلسا بېرىش بىلەن بولىدۇ . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ”دادام مېلىمنى تارتىۋالدى “ دەپ شىكايەت قىلىپ كەلگەن كىشىگە، »سەن ۋە مېلىڭ داداڭنىڭ مىلكى« دەپ جاۋاب بەرگەن .
ئاللاھ تائالا بالىلارنىڭ ئىستىگە ئاتا ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشنى پەرز قىلغاندەك، ئاتا ئانىلارنىڭ ئىستىگە ياخشى ئىشلاردا بالىلىرىغا ياردەم قىلىشنى، ئۇلارنى قۇدرىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا زورلىماسلىقنى، بالىلىرىنىڭ ئىشىنى قىيىنلاشتۇرماسلىقنى ۋاجىب قىلدى . بەزى ھەق ھوقۇق بىلمەيدىغان، ئىستىدىكى باشقىلارنىڭ ھەققى بىلەن كارى بولمايدىغا ن كىشىلەر بالىلىرىنىڭ پىتىن ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ، خاتالىقى ئوچۇق كۆرىنىپ تۇرسىمۇ ئۆزىنىڭ قارىشىنى پايدىلىق، باشقىلارنىڭ پايدىلىق كۆز قاراشلىرىنى زىيانلىق دەپ قارايدۇ. بۇنداق ئادەملەر بالىلىرىغا زىيان سالىدۇ، ئۇلارنى ڭ مەنپەئىتىنى بەربات قىلىدۇ. ئۇنداق كىشىلەرنىڭ خاتا ئىشلىرىغا ئىتائەت قىلىش بالىنىڭ ئىستىگە ۋاجىب ئەمەس .
چۈنكى ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش ھەم ئۆزىگە ھەم ئاتا ئانىسىغا زىيان كەلتىرىدۇ . ئاتا ئانىسىغا زىيان كەلتىرمەيدىغان ئىشتا ئۇلارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىش گۇناھ بولمايدۇ .
ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ” : ئوغلۇم ئابدۇللاھنى خوتۇنۇڭنى قويۇۋەتكىن دېسەم ئۇنىمىدى “ دەپ شىكايەت قىلغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئابدۇللاھقا » : ئاتاڭغا ئىتائەت قىلغ «ىن دېگەن . بۇ يەردە ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلىنى خوتۇنىنى قويۇۋېتىشكە بۇيرىشىدا ئەلۋەتتە چوڭ بىر سەۋەب بار . ئەمما ھەر قانداق ئاتا ئانا يوقىلاڭ سەۋەبلەرنى باھانا قىلىپ بالىلىرىنى خوتۇنىنى قويۇۋېتىشكە بۇيرىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلىپ خوتۇنىنى ق ۋيۇۋېتىشكە بولمايدۇ . بۇنى ئىمام ئەھمەد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى شۇنداق چىشەندىرگەن . بىر كۈنى ئۇنىڭ يېنىغا بىر ئادەم كېلىپ ” : دادام خوتۇنۇڭنى قويۇۋەتكىن دەيدۇ، قانداق قىلىمەن؟ “ دەپ سورىغاندا، ئىمام ئەھمەد ” : ئۇنى قويۇۋەتمىگىن“ دېگەن . ھېلىقى ئادەم : ئۆمەر رەزىيەللا ھۇ ئەنھۇمۇ ئوغلىغا خوتۇنۇڭنى قويۇۋەتكىن دېگەندە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاتاڭغا ئىتائەت قىلغىن دېگەن ئەمەسمىدى؟ “ دېۋىدى، ئىمام ئەھمەد ” : داداڭ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدەك بولغۇچىلىك قويۇۋەتمىگىن “ دەپ جاۋاب بەرگەن .
ئىمام ئىبنى تەيمىيە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى دىن ”ئانىسى ئوغلىنى خوتۇنۇنى قويۇۋېتىشكە ئەمرى قىلسا قانداق قىلىدۇ؟ “ دەپ سورىغاندا، ”ئۇ كىشىنىڭ خوتۇنىنى قويۇۋېتىشى دۇرۇس بولمايدۇ. بەلكى ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشى لازىم، خوتۇنىنى تالاق قىلىش ئانىغا ياخشىلىق قىلغانلىق ئەمەس“ دەپ جاۋاب بەرگەن. مۆمىنە ئايالنىڭ كېلىنى بىلەن جىدەل چىقىرىش، ئۇغلىنىڭ بالىلىرىنى ئۇرۇش، ئۇغلىنىڭ ئۆيىدىكى ئىشلارغا ئارىلىشىۋېلىش ئارقىلىق بالىسىنى ئىتائەتسىزلىككە چىشىرىشى توغرا ئەمەس . ئۆلىمالارئاتا ” : ئانىنىڭ بالىلىرىنى ئۆزلىرى خالىمىغان كىشىلەر بىلەن نىكاھلىنىشقا زورلاش ھەققى يوق، ئەگەر بالا بۇ ئىشتا ئۇلارغا بويسۇنمىسا ئاتا ئانىسىنى قاخشاتقان بولمايدۇ “ دەيدۇ . دېمەك ئاتا ئانىلارمۇ بالا چاقىلىرىنىڭ ھېسسىياتىغا قارشى چىقىپ ئۇلارنى ئۆزلىرىگە ياندۇرماسلىقى لازىم .
بىر ئادەم رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كېلىپ جىھادقا چىقىش ئۈچۈن رۇخسەت سورىغاندا، رەسۇلۇللاھئاتا » : ئاناڭ ھاياتمۇ؟ « دېگەن . ئۇ ئادەم ” : ھايات “ دەپ جاۋاب بەرگەندە , رەسۇلۇللاھ : »بېرىپ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغىن « دېگەن . يەنى ئۇلارغا ياخشىلىق قىلساڭ جىھاد قىلغاننىڭ ساۋابىنى ئالىسەن دېگەن بولىدۇ .
يەنە بىر كىشى يەمەن دىن كېلىپ, رەسۇلۇللاھدىن جىھادقا چىقىشنى تەلەپ قىلغاندا، رەسۇلۇللاھ» : يەمەندە كىمىڭ بار؟ « دەپ سورىدى . ئۇ ئادەم ئاتا ” : ئانام بار “ دېدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : ئۇلار ساڭا رۇخسەت بەردىمۇ؟ « دەپ سورىدى . ئۇ ئادەم ” : رۇخسەت بەرمىدى“ دېۋىدى، رەس ۇلۇللاھ» : ئۇنداق بولسا، ئۇلارنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ ئۇلاردىن رۇخسەت سورىغىن, رۇخسەت بەرسە جىھادقا چىققىن , ئەگەر رۇخسەت بەرمىسە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغىن « دېدى .
ئاتا ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ئۇلارنى سۆيىش , ھۆرمەتلەش، ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش , ئۇلارغا داۋاملىق دۇ ئا قىلىش , ئۇلارنىڭ تۇرمۇش چىقىملىرىنى ئىستىگە ئېلىشتىن ئىبارەت بولىدۇ . بۇ ئىشلارنى قىلىشتا ئوغۇل قىز، باي كەمبەغەل، كىچلىك ئاجىز ھەر كىشىنىڭ ئۆز ئىقتىدارىغا قاراپ بولىدۇ . ھەركىم قولىدىن قانداق ياخشىلىق كەلسە شۇنى قىلىش كېرەك . ئىسلامدا ھېچكىم كىچى يەتمەيدىغان ئىشقا بۇيرۇلمايدۇ. ئاتا ئانىغا ياخشىلىق قىلىشتا ھەممە ئادەم ئوخشاش بولىدىغان بىر نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇلار ھەققىدە ياخشى دۇئا قىلىشتۇر . ئاللاھ تائالا ئاتا ئانىغا دائىم دۇئا قىلىپ تۇرۇشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ : »ئى پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن« دېگىن.] سىرە ئىسرا: 24 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [
ئاللاھ تائالا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : پەرۋەردىگارىم! ماڭا، ئاتا ئانامغا، مېنىڭ ئۆيىمگە مۆمىن بۇلۇپ كىرگەن كىشىگە ۋە مۆمىن ئەرلەرگە، مۆمىن ئاياللارغا مەغپىرەت قىلغىن] سىرە نۇھ:28 ئايەت [
ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دادىسى ھەققىدە دۇئا قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى ئۇنىڭغا ئىلگىرى قىلغان ۋەدىسىنىئورۇنلاش ئۈچۈن ئىدى.] سىرە تەۋبە:114 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ » : ئادەم بالىسى ئۆلسە، ئىچ ئىشتىن باشقا بارلىق ئەمەللىرى ئىزىلىدۇ . ئۇ ئىچ ئىش : سەدىقە جارىيە، مەنپەئەتلىك ئىلىم ۋە ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى بالا «.
ئاللاھ تائالا ئاتا ئانىلارنىمۇ بالىلىرى ھەققىدە دۇئا قىلىشقا تەرغىب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : ئۇلار» : ئى پەرۋەردىگارىمىز ! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلاتلىرىمىز ئارقىلىق شاتلىق بېغىشلىشىڭنى تىلەيمىز، بىزنى تەقۋادارلارغا پىشىۋا قىلغىن« دەيدۇ.] سىرە فۇرقان:74 ئايەت [
ئى پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ ماڭا ۋە ئاتا ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شىكىر قىلىشنى ۋە سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئىشنى قىلىشىمنى ماڭا ئىلھام قىلغىن، مە ن ئۈچۈن مېنىڭ ئەۋلادىمنى تىزىگىن )يەنى مېنىڭ ئەۋلادىمنى ياخشى ئادەملەر قىلغىن (، مەن ھەقىقەتەن ساڭا جىمى گۇناھلاردىن تەۋبە قىلدىم، مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىندۇرمەن .] سىرە ئەھقاف: 15 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [
ئاتا ئانا بالىلىرىغا قىلغان دۇئالىرىنى بالىلىرىغا ئىشتتىرىپ قىلىشى ۋە بالىلارمۇ ئاتا ئانىلىرى ھەققىدىدە قىلغان دۇئالىرىنى ئۇلارغا ئاڭلىتىپ قىلىشى ياخشى . بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئاتا ئانا، بالا چاقا ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى مۇھەببەت ئاشىدۇ . ۋاپات بولغان ئاتا ئانىلار بالىلىرىنىڭ دۇئالىرىدىن مەنپەئەتلە نگەندەك، ئۇلار ھەققىدە قىلغان سەدىقە ۋە باشقا ياخشى ئەمەللەردىنمۇ مەنپەئەتلىنىدۇ. بىر ئادەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كېلىپ” : مېنىڭ ئانام ئۆلىپ كەتتى، ئۇنىڭ ھەققىدە سەدىقە قىلسام ئۇنىڭغا پايدىسى بولامدۇ؟ “ دەپ سورىغان، رەسۇلۇللاھ سەلل ەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم» : ھەئە، پايدىسى بولىدۇ « دەپ جاۋاب بېرىۋىدى، ئۇ ئادەم ” : گۇۋاھ بولۇڭ، مېنىڭ بىر بېغىم بار ئىدى، ئۇنى ئانام ھەققىدە سەدىقە قىلدىم “ دېدى .
ئاتا ئانىنىڭ دوست يارانلىرىگە ياخشىلىق قىلىشمۇ ئاتا ئانىغا ياخشىلىق قىلغانلىق جىملىسىدىن بول . ىدۇچىنكى ئۇلار ئۇ ياخشىلىق بىلەن ياخشىلىق قىلغۇچىنىڭ ئاتا ئانىسىنى ئەسلەپ رەھمەت تىلەيدۇ . ئىمام مۇسلىم ئابدۇللاھ ئىبنى دىنار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ” : بىر كۈنى مەككىنىڭ يولىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا بىر سەھرالىق ئەرەب ئۇچرىغان ئىدى، ئابدۇللاھ دەرھال ئۇلىغىدىن چىشىپ ئۇنىڭغا سالام بېرىپ ھال ئەھۋالىنى سورىدى، ئۇنى ئۆزى مىنگەن ئۇلاققا مىندىردى ۋە بېشىدىكى سەللىسىنى چىقىرىپ ئۇنىڭ بېشىغا كەيگىزىپ قويدى . مەن ئاللاھ سىزگە ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن، ئۇ سەھرالىقلار ئازراق بىر نە رسىگمۇ رازى بولىدىغۇ، دېدىم . ئابدۇللاھ ” : بۇ ئادەمنىڭ دادىسى دادام ئۆمەرنىڭ دوستى ئىدى، مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ » : ياخشىلىقنىڭ ئەڭ ياخشىسى بالىنىڭ ئاتىسىنىڭ دوستلىرىنىڭ ئائىلىسىگە ياخشىلىق قىلىشىدۇر« دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، دېدى “.
ئاللاھ تائالا ئاتا ئانىمىزغا قولىمىزدىن كەلگەن ياخشىلىقنى قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ئۆزىمىزنىڭ ھاياتىدىن ئەۋزەل بىلىدىغان ياخشى ئەۋلاتلاردىن بولغىلى نىسىپ قىلسۇن . ئەۋلادىمىزغا تەۋپىق ھىدايەت بېرىپ ئاتا ئانىىسىنىڭ قەدىر قىممىتىنى بىلىدىغان ياخشى ئەۋ لاتلاردىن قىلسۇن. ئامىين !
ھەزرىتى مۇغىرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى , پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن » : ئاللاھ سىلەرگە ئانىلا رنى قاقشىتىشنى، قىزلارنى تىرىك كۆمىشنى, بەرمەي ئېلىشنى ھارام قىلدى. پايدىسىز بەس مۇنازىرە قىلىشىڭلارنى، كۆپ سوئال سورىشىڭلارنى ۋە پۇل مالنى ئىسراپ قىلىشىڭلارنى يامان كۆرىدۇ ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئ ائىت. ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:5838 [
جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە ئىچ تۈرلۈك ئىشنى ھارام ۋە ئىچ تۈرلۈك ئىشنى مەكرۇھ دەپ كۆرسەتتى . ھارم ئىشلارنىڭ بىرىنچىسى ئانىلارنى قاخشىتىش . بۇندىن ئىلگىرىكى ھەدىسلەردە ئاتا ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىش ھەققىدە توختالغان ئىدۇق، بۇ ھەدىستە بولسا ئاتا ئانىلارنى بولۇپمۇ ئانىنى قاخشىتىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىمىز . ئانىلارنى قاخشىتىشنىڭ قانچىلىك يامان ئاقىۋەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ھەدىسنى ئوقۇساق كۇپايە قىلار دەپ ئويلايمەن : ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ئەۋفا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ : بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتۇق . بىر ئادەم كېلىپ ” : بىر ياش يىگىت سەكراتقا چىشىپ قالدى، ئۇنىڭغا ”لائىلاھە ئىللەللاھ“ دەڭ دېسەك دېيەلمەيۋاتىدۇ“ دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : ئۇ ناماز ئوقۇياتتىمۇ؟ « دەپ سورىدى . ھېلىقى ئادەم : ”ھەئە، ناماز ئوقۇياتتى “ دەپ جاۋاب بەردى . شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئورنىدىن تۇردى، بىزمۇ تۇردۇق .
رەسۇلۇللاھ ئۇ بالىنىڭ قېشىغا كېلىپ » : لائىلاھە ئىللە للاھ دەڭ « دېدى ” : ئۇ . دېيەلمەيمەن “ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ» : نېمىشكە؟« دېدى” . ئۇ ئانىسىنى قاخشىتاتتى“ دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ: »ئۇنىڭ ئانىسى تىرىكمۇ؟ « دېدى ” . ھەئە، تىرىك “ دەپ جاۋاب بېرىشتى سىرىندىكىلەر . رەسۇلۇللاھ : »ئۇنى چاقىرىپ كېلىڭلار « دېدى . بالىنىڭ ئانىسىنى چاقىرىپ كېلىشتى . رەسۇلۇللاھ ئۇ ئايالغا : »بۇ سىزنىڭ بالىڭىزمۇ؟ « دېدى . ئايال ” : ھەئە “ دېگەندىن كېيىن , رەسۇلۇللاھ » : سىز ئۇنىڭدىن رازىمۇ؟« دېدى . ئايال” : مەن ئۇنىڭدىن رازى ئەمەس “ دېدى . رەسۇلۇللاھ » : چوڭ بىر ئوت يېقىلسا , ئاندىن سىزگە بالىڭىزدىن رازى بولسىڭىز قويۇپ بې رىمىز, بولمىسا ئۇنى موشۇ ئوتتا كۆيدىرىمىز دېسە , بالىڭىزدىن رازى بولامسىز؟« دېدى. ئايال” : ئۇچاغدا رازى بولىمەن“ دېدى. رەسۇلۇللاھ» : ئۇنداقتا ھازىر بالىڭىزدىن رازى بولغانلىقىڭىزنى ئېلان قىلىڭ« دېدى. ئايال” : ئى ئاللاھ! مەن سېنى ۋە پەيغەمبىرىڭنى گۇۋاھچى قىلىمەنكى ، مەن بالامدىن ھەقىقەتەن رازى بولدۇم “ دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ بالىغا » : ئى ئوغۇل ! ئەشھەدۇ ئە للائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لاشەرىكە لەھۇ، ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئابدۇھۇ ۋەرەسۇلۇھۇ دېگىن « دېدى . ئۇ بالا كەلىمە شاھادەتنى ئوقىدى . ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھ ۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : بۇ بالىنى دوزاخ ئوتىدىن قۇتقۇزغان اللەغا شىكىر « دېدى .
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاتا » : ئاناڭلارنى قاخشىتىشتىن ھەزەر قىلىڭلار، جەننەتنىڭ خۇشپۇرىقى مىڭ يىللىق يىراقلىققا يېتىدۇ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاتا ئانىسىنى قاخشاتقۇ چى، سىلە رەھىمنى ئىزگىچى، قېرى تۇرۇپ زىنا قىلغۇچى، تەكەببۇرلۇق بىلەن ئىشتىنىنى سۆرەپ ماڭغۇچى جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالمايدۇ« … دېگەن .
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دەيدۇ ئاتا » : ئانىنى قاخشىتىشتىن باشقا ھەر قانداق گۇناھنىڭ جازاسىنى ئاللاھ خالىسا قىيامەت كىنىگە كېچىكتىرىدۇ، ئاللاھ ئاتا ئانىسىنى قاخشاتقۇچىنىڭ جازاسىنى ئۇ ئۆلۇشتىن ئىلگىرى مۇشۇ دۇنيادا نەخ بېرىدۇ «.
دېمەك، ئاتا ئانىلارغا ئىتائەت قىلىش, ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماسلىق, ئۇلارغا قوپال مۇئامىلە قىلماسلىق, ئۇلارغا قاتتىق ئاۋاز بىلەن سۆز قىلماسلىق, بولۇپمۇ ياشىنىپ قالغاندا ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياش لازىم . چۈنكى ئىنسان قېرىغاندا بەك نازۇك , كىچىككىنە بىر ئىشقا خاپا بولىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ .
يەنە شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، بىگىنكى ياشلار بىر كىن قېرىپ، ئاتا ئانىسىنىڭ ھالىغا چىشىپ ق الىدۇ. ئەگەر ئۇلار بىگىن ئاتا ئانىسىنى قاخشاتسا , ئەتە بالىلىرى ئۇلارنى قاخشىتىدۇ . شۇڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاتا » : ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار , بالىلىرىڭلار سىلەرگە ياخشىلىق قىلىدۇ« دېگەن .
ھەدىستە كۆرسىتىلگەن ھارام ئىشنىڭ ئىككىنچىسى قىزلارنى تىرىك كۆمىشتۇر.
ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن مەككىدىكى مۇشرىك ئەرەبلەر ”قىزلار ئار نۇمۇس كەلتىرىدۇ ياكى نامراتلىق ئېلىپ كېلىدۇ “ دېگەن باھانە بىلەن قىزلىرىنى تىرىك كۆمەتتى . قۇرئان كەرىمدە ئەرەبلەرنىڭ قىز پەرزەنتى بولسا قانچىلىك بىئارام بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : ئۇلارنىڭ بىرەرسىگە)خوتۇنىنىڭ( قىز تۇغقانلىق خۇش خەۋىرى يەتكىزىلسە، غەزەبلەنگەنلىكىدىن چىرايى قارىيىپ كېتىدۇ . يەتكىزىلگەن خەۋەرنىڭ يامانلىقىدىن ئۆز قەۋمىگە كۆرىنمەي يوشۇرۇنۇۋالىدۇ . ئاندىن نۇمۇسقا چىداپ قىزىنى ساقلاپ قالامدۇ؟ ياكى ئۇنى توپا ئاستىغا تىرىك كۆمەمدۇ؟ شۇ ھەقتە ئويلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ھۆكمى ھەقىقەتەن نېمىدېگەن قەبىھ!] سىرە نەھل: 58 59 ئايەتلەر [
بىر كۈنى ساھابە كىراملاردىن بىرى مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى قىزىنى قانداق كۆمگەنلىكىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مۇنداق ھىكايە قىلى پ بەرگەن: »مېنىڭ چىرايلىق بىر قىزىم بار ئىدى، ئۇ 6 يېشىغا قەدەم باسقاندا ئانىسىغا” : قىزىڭنى چىرايلىق كيىندىرگىن، ئۇنى مېھمانغا ئېلىپ بارىمەن “ دېدىم . ئانىسى مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى بىلەتتى . ئانىسى قىزىمنى چىرايلىق كىيىندىرىپ تەييارلىدى، مەن ئۇنى مىھما نغا ئاپىرىمەن دەپ ئېلىپ ماڭدىم . ئانىسى كۆز ياشلىرىنى دەريادەك ئاققۇزۇپ قالدى . كىچىك قىز بىر ئازدىن كېيىن تىرىك كۆمىلىدىغانلىقىنى قەيەردىن بىلسۇن؟ ئۇ ناھايىتى خوشال ئەركىلەپ ماڭدى. مەن ئۇنى كۆمىدىغان يەرگە ئېلىپ باردىم . چوڭقۇر ئورا كۋلىدىم، قىزىممۇ كىچىككىن ە قوللىرى بىلەن ماڭا ياردەملەشتى ۋە ساقىلىمدىكى توپىلارنى تازىلايتتى . ئورا پىتكەندىن كېيىن قىزمنى ئورىغا چىشىرىپ، ئىستىگە توپا تاشلاشقا باشلىدىم . ئۇ دادا دەپ يىغلاپ قوللىرىنى سۇناتتى، ئىتەكلىرىمگە ئېسىلاتتى، لېكىن مەن پىسەنت قىلماي ئۇنى كۆمىيۋەردىم . ئاخىرى قىزىم كىچىك قوللىرىنى ماڭا سۇنۇپ، يالۋۇرۇپ يىغلىغانچە كۆمىلدى «.
ئىككى ئالەمگە رەھمەت بولغان جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتى ۋە ھېلىقى ساھابىنى »يەنە بىر قېتىم ئېيتىپ بەرگىن « دېدى. مانا بۇ قەلبىدە ئىمان بولمىغان تاش يىرەك ئىنساننىڭ ۋەھشىلىكىنىڭ دىراممىسى . بۇ ۋەھشىلىك جاھىلىيەت ئەرەبلىرىگىلا خاس ئەمەس، ئىسلامدىن نەسىۋىسى بولمىغان، ئاللاھ تائالاغا چىن ئىشەنمەيدىغان بارلىق ئىنسانلارغا ئام. ئىشەنمىسىڭىز دۇنيانىڭ ئەڭ مەدەنىيەتلىك ئىنسانلىرى بولغان، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق، خەلقئارالىق ئاياللار ھوقۇقى، خەلقئارالىق بالىلار ھوقۇقى چىقارغان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئافغانىستاندا، فەلەستىندە، ئىراقتا قانچىلىغان نارىسىدە قىزلارنى بومباردىمان قىلىپ ئۆلتىرگەنلىكى، ئەر ئايال، ياش قېرى، چوڭ كىچىك دېمەستىن مىدىرلىغانلا گەۋدىنى ئات ! دەپ بۇيرۇق چىشىرگەنلەرنىڭ ئاشۇ ئەرەبلەردىن قەيىرى كەم؟ يەر ئاستى ۋە يەر ئىستى ئاتۋم تەجرىبىلىرى ئېلىپ بېرىپ، مىلي ۋنلارچە بالىلارنىڭ ئەيىبلىق توغۇلۇشىغا سەۋەب بولغانلارنىڭ ۋەھشىيلىكىگە نېمە دېگىلىك؟ يەنە كېلىپ بىكاردىن بىكارغا كىشىلەرنىڭ زېمىنىنى بېسىۋىلىپ، يەرلىك خەلقنى تېرۋرىست دەپ مىڭلاپ تۇرمىغا تاشلاپ، ۋەھشىلەرچە قىينىغان، يالىڭاچلاپ ئىنسانلىق غۋرۇرىنى دەپسەندە قىلغانلارنىچۇ؟
دېمەك، ئىسلام بولمىغۇچە ئىنسانلار ۋەھشىلىكتە يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كېتىدۇ. ئىسلام ئەنە شۇنداق ۋەھشىلىكنى مېھرىبانلىققا، ناھەقچىلىكنى ئادالەتكە، زۇلۇمنى رەھمەتكە ئايلاندۇرۇلايدىغان بىرلا ئامىلدۇر . يەر يىزىدە ئىسلام ئومۇملاشمايدىكەن ناھەق قان تۆكىلىش توختىمايدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم »قىزلارنى تىرىك كۆمىش سىلەرگە ھارام قىلىندى« دېگەن سۆزى بىلەن كىشىلەرنى مەرھەمەتكە چاقىرىدۇ .
»جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش « دېگەن كىتابنىڭ ئاپتۇرى بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دەيدۇ” : مېنىڭ نەزىرىمدە، قىزلارنى ئوقۇتۇپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئىشلىرىنى ئۆگەتمەي ھايۋانلاردەك بولۇشىغا تاشلاپ قويۇش، ئۇلارنى ئۆلتىرگەندىن يامان ۋە ئۇلار ئۈچۈن تىرىك كۆمگەندىنمۇ زىيانلىقراقتۇر. چۈنكى دادىسى ياخشى تەربىيىلىمىگەن، بىلىمسىز جاھىل خوتۇنلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھاياتىدا ھېچ ياخشىلىق يوق . ئۇنداق خوتۇنلار ھاياتتا يېيىش، ئىچىش ۋە باشقىلارغا كۆز كۆز قىلىش ئۈچۈن خىلمۇ خىل كىيىم كىيىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ “.
ھەدىستە ھارام دەپ كۆرسىتىلگەن ئىشنىڭ ئىچىنچىسى بېخىللىق ۋە مال جۇغلاشتۇر . يەنى مالنىڭ قايسى يولدىن كېلىشىدىن قەتئىينەزەر، ھالال ھارام ئىلغىماستىن مال جۇغلاش ۋە مۇھتاجلارغا ياردەم قىلماسلىق، ئاللاھ يولىدىكى خەيرىلىك ئىشلارغا سەدىقە بەرم ەسلىكتۇر. بېخىللىق قىلىپ سىقىۋىلىش جائىز بولمىغاندەك، ئىسراپخورلۇق قىلىپ پۇل مالنى بۇزۇپ چېچىش، ھارام ئىشلارغا پۇل سەرپ قىلىش، پايدىسىز يوللارغا پۇل خەجلەسمۇ دۇرۇس ئەمەس . توي تىكىن، ئۆلىم يېتىم مۇراسىملىرىدا ھەددىدىن ئاشۇرىۋىتىش، ۋىچىركا قىلدۇق دەپ ھاراق ئىچىپ تانسا ئويناش ئىشلىرىغا پۇل خەجلەس، ئىسلامدا ھېچ ئاساسى بولمىغان نەزىر چىراقلارنى چىقىرىۋىلىپ پۇل چىقىم قىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىسلامدا ھارام قىلىنغان ئىشلاردۇر. كىنىمىزدە مۇسۇلمانلار شۇنداق بىر ھالەتكە چىشىپ قالدىكى، پەقەتلا كۆڭىل ئېچىش مەقسىتى بىلەن مىڭلاپ پۇل چىقىم قىلشتىن چېكىنمەيدۇ، ئىشىكىنىڭ يېنىدىكى نامرات، بىچارىلەرگە ياكى پىتىن ھاياتىنى ئاللاھ يولىدا بالا ئوقۇتۇش بىلەن ئۆتكىزىۋاتقان ئۇستازلارغا ۋە تالىپلارغا ياردەم قىلىڭ دېسە، ئازغىنە ياردەم قىلىش ئېغىر كېلىپ بېخىللىق قىلىدۇ . بەرسىمۇ تىلەمچىگە بەرگەندەك ئازراق بىر نەرسە چىقىرىپ قويۇپ قاراپ ئولتۇرىدۇ . مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ تىپەيلى مۇسۇلمانلار غەيرى مۇسلىملارنىڭ جازالىشىدىن قورقۇپ ئۆزىنىڭ مىلكىگىمۇ ئىگە بولالمايدىغان ھالغا چىشىپ قالدى . مال مىلكىنى كېرەكسىز ئىشلارغا بۇزۇپ چېچىپ، لازىم بولغان يەرگە بېخىللىق قىلمىغان بولسا بۇ كىنگە قالمىغان بولاتتى .
جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يۇقىرىدىكى ھەدىستە مەكرۇھ دەپ كۆرسەتكەن ئىچ ئىشنىڭ بىرى پايدىسىز سۆز چۆچەكلەردۇر. بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئەڭ زىيانلىق ئىشلار بۇلۇپ، بىھۇدە سۆز، غەيۋەت شىكايەت، غەرەزلىك چاقچاق ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئىشچى خىزمەتچىلەر گېزىت خەۋەرلىرى، ئاخشىمى تىلىۋىزوردا كۆرگەن كىنۋلار، توپ مۇسابىقىلىرى ۋە ھاكازالار ھەققىدە گەپ سېتىپ ئولتۇرۇپ ئىشقا تەسىر يەتكىزىدۇ . ئۆلىمالار بىر بىرىنى ت ەنقىد قىلىش، سۇخەنچىلەرنىڭ توشۇپ كەلگەن گەپلىرىگە ئىشىنىپ تالاش تارتىش پەيدا قىلىش بىلەن ئۆمرىنى ئۆتكىزىدۇ. جامائەت مەسجىددىن چىقىپلا ئىمامنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشقا، ئۇ يەر بۇ يەرلەردىن ئاڭلىغان گەپلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشقا باشلايدۇ . ئەنە شۇنداق بىھۇدە گەپ س ۆزلەر بىلەن سائەتلەر بىكار ئۆتىپ كېتىدۇ . بىكار ئۆتكەن ھەر بىر مىنۇت ئىنسان ئۈچۈن زىيانلىق، پايدا بەرمەيدىغان سۆز پۇشايمانلىق ئېلىپ كېلىدۇ . كۆپ سۆزلىگەن ئادەمنىڭ خاتالىقىمۇ كۆپ بولىدۇ . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : ئىنسانلارنى يىزىچە دوزاخقا تاشلا يدىغان نەرسە ئۇلارنىڭ تىلى« دېگەن .
يەنە بىرى تولا سوئال سوراش . سوئال سوراش بىلىمنىڭ ئاچقۇچى، ئىنسان بىلمىگەننى سوراش ئارقىلىق ئۆگىنىدۇ . لېكىن تولا سوئال سوراش ئىنسان ئۈچۈن بەزىدە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە بىر كىشى ئۆلتىرىلگەن بۇلۇپ، قاتىلىنى تېپىش قېيىن بۇلۇپ قالدى . ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بىر كالا ئۆلتىرىپ، ئۇنىڭ بىر پارچىسى بىلەن ئۆلگەن كىشىگە ئۇرۇڭلار، ئۇ تىرىلىپ سىلەرگە قاتىلنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى دەپ بېرىدۇ، دەپ بۇيرىدى .
مۇسا ئەلەيھىسسالام قەۋمىگە ئاللاھ تائالانىڭ بۇ بۇيرۇقىنى يەتكىزگەندە، ئۇلار بىر كالا ئۆلتىرىپ ئىشىنى قىلغان بولسا بولاتتى . لېكىن ئۇلار قانداق كالا؟ رەڭگى قانداق؟ سىپىتى قانداق؟ دەپ تولا سوئال سوراپ تۇرىۋالدى . ئۇلار سورىغانسىرى ئىش تەسلەشتى، ئاخىرىدا شۇنداق بىر كالا تەلەپ قىلىندىكى ئۇنى تاپالمىغىلى تاس قالدىش . ۇڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ھەدىستە» : بۇيرۇلغان ئىشلارنى قىلىڭلار، بۇيرۇلمىغان ئىشلار ھەققىدە سوئال سورىماڭلار، بەزى ئىشلار ئۇنتۇپ قالغانلىقتىن ئەمەس، سىلەرگە تەس بۇلۇپ قالماسلىق ئۈچۈن سۇكۇت قىلىنغاندۇر« دېگەن .
يەنە بىرى پۇل مالنى زايا قىلىش. بۇ ھەقتە يۇقىرىدا توختالدۇق . قىمار، ھاراق، ئىت تالاشتۇرۇش، خوراز سوقاشتۇرۇش ۋە باشقا زىيانلىق يوللارغا پۇل مال چىقىم قىلىشنىڭ ھەممىسى پۇل مال زايا قىلىشتۇر . قولىدا پۇلى بار چاغدا بۇنداق نا شەرئى يوللارغا خەجلىگەن كىشى كېيىن ئىقتىسادى تىگەپ خار لىققا قالىدۇ ۋە بالىلىرىنى قىينايدۇ . شۇڭلاشقا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن .
ئاللاھ تائالا ئاتا ئانىمىزغا ياخشىلىق قىلىشنى مۇيەسسەر قىلىپ , ئۇلارنى قاخشىتىپ سېلىشتىن بىزنى ساقلىسۇن . يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ناچار قىلىق لاردىن يىراق بۇلۇپ توغرا يولدا مېڭىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن. ئامىين !
ھەزرىتى نۇئمان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ ” : ئاتام مېنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا ئېلىپ كېلىپ ” : مەن بۇ بالامغا بىر خىزمەتچىمنى ھەدىيە قىلدىم “ دېدى . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : ھەممە بالاڭغا شۇنداق ھەدىيە بەردىڭمۇ؟ « دەپ سورىدى . ئاتام: ”ياق“ دەپ جاۋاب بېرىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋ ەسەللەم» : ئۇنى قايتۇرۇپ ئالغىن« دېدى ] “.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت. ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى: 4131 [
ھەزرىتى نۇئماننىڭ ئاتىسى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئەنسارلاردىن بۇلۇپ , بىر نەچچە ئايالدىن بالىسى بار ئىدى . بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان نۇمان ئۇ بالىلارنىڭ بىرىدۇر . نۇماننىڭ ئانىسى ئىمرە بۇلۇپ , ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سىڭلىسىدۇر . نۇمان ئۇ ئايالنىڭ بىرلا بالىسى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ بالىغا مەخسۇس بىر نەرسە بېرىشىنى تەل ەپ قىلدى . بەشىر نۇمانغا بىر خىزمەتچى بالا , بەزى رىۋايەتلەردە بىر باغ ھەدىيە قىلدى . لېكىن نۇماننىڭ ئانىسى ئۇنى ھەدىيە قىلغانلىقىغا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى گۇۋاھچى قىلىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بەشىر ئوغلى نۇماننى رەسۇلۇللاھغا ئېلىپ بارغا . نمېھرى مۇھەببەت ۋە شەپقەتنىك سىمۋولى جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ بۇ ئىشىغا قوشۇلمىدى ۋە ئۇنى بالىلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل بولۇشقا بۇيرىدى .
ئىسلام ئاۋۋال ئاخىر قاتتىق كۆڭىل بولىدىغان نەرسىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئارا قېرىنداش بولۇ, پدوست، ئىتتىپاق، ئىناق بولۇشىدۇر . ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىكنى ساقلاشنىڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بىرى كىشىلەر ئارىسىدا ئادىل بولۇشتۇر . ئادالەت بولمىغان يەردە دىشمەنلىك باش كۆتىرىدۇ . ئادالەت بولمىغان جەمئىيەتتە بىرلىكتىن , ئىتىپاقلىقتىن سۆز قىلىش مىمكىن ئەمەس .
بىر تۇققانلار ئارىسىدا بۇنداق ئادالەتسىزلىكنىڭ بولۇشى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت , دىشمەنلىك ۋە زۇلۇمغا يول ئاچىدۇ . شۇڭلاشقا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىرلا ئوغلىغا ھەدىيە قىلىپ، قالغان بالىرىغا بىر نەرسە بەرمەسلىكتەك غەيرى ئادىل ئىشىنى رەت قىلىپ, ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ »ئۇنى قايتۇرۇپ ئالغىن« دېگەن سۆزىدىن بالىلىرىنىڭ بىرىگە بىر نەرسە بېرىپ، يەنە بىرىگە بەرمەسلىكىنىڭ جائىز ئەمەسلىكى , ئەگەر بىر نەرسە بەرمەكچى بولسا ھەممە با لىسىغا ئوخشاش بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلىمىز .
ئۆلىمالار ھەدىيە بېرىشتە قىز ئوغۇل پەرقلەندىرمەسلىك كېرەك، دەيدۇ. ئۇلار يەنە ئەگەر ئاتا ئانا بالىلىرىنىڭ بىرىگە ھەدىيە بەرسە , قالغان بالىلىرى ئۇنىڭغا رازى بولسا دۇرۇس بولىدۇ , بولمىسا بولمايدۇ، دەيدۇ . بۇ ئەگەر بالىلىرىنىڭ ھەممىسى چوڭ بۇلۇپ , رازى بولۇش نارازى بولۇش لاياقىتى بار بولسا شۇنداق بولىدۇ . لېكىن بالىلىرنىڭ بەزىسى كىچىك تېخى ئەقلى پىشىپ يېتىلمىگەن بولسا ئۇلارنى رازى بولدى دەپ باشقا بالىغا بىر نەرسە بېرىشكە بولمايدۇ .
قېرىنداشلار ئارىسىدا جېدەل ماجىرا چىقماسلىقى ۋە دىشمەنلىك , ئاداۋەت پەيدا بولماسلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا مىراس قانۇنىنى بېكىتكەن . ئائىلىدىكى ھەر بىر كىشىنىڭ مىراستىن تېگىشلىك ھەققى بەلگىلەنگەن . ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ بەلگىلەنگەن ھەققىنى ئالىدۇ . نېمىشقا مېنىڭ ئاز، سېنىڭ كۆپ دەيدىغان جاڭجال بولما . يدۇچىنكى ئۇ ئاللاھ تائالا بېكىتكەن ھەق بۇلۇپ، ئەڭ ئادالەتلىك قانۇندۇر . ھېچ قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئۇنىڭغا قارشى چىقىش ياكى نارازى بولۇش ھەققى يوق. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا مىراس ئەھكاملىرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ : ئەنە شۇلار )يەنى يوقىرىدا بەلگىلەنگەن مىراس ئەھكاملىرى ( اللەنىڭ قانۇنلىرىدۇر . كىمكى اللەغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن , ئاللاھ تائالا ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگىزىدۇ . ئۇ ئۇ يەرلەردە مەڭگى قالىدۇ . بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قا زىنىشتۇر . كىمكى اللەغا ۋە پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىپ، اللەنىڭ قانۇنلىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا كىرگىزىدۇ . ئۇ دوزاختا مەڭگى قالىدۇ . خورلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ . ]سىرە نىسا: 13 14 ئايەتلەر [
ھەممە كىشى ئاللاھ تائالانىڭ بەلگىلەپ ب ەرگەن نەسىۋىسىگە رازى بولغان ئىكەن قېرىنداشلار ۋە ئۇرۇق تۇغقانلار ئارىسىدا ھېچقانداق زىددىيەت ۋە ئاداۋەت پەيدا بولمايدۇ .
ئۆلىمالار: ئاتا ئانىلارنىڭ ئۆلىپ كېتىش ئالدىدا بالىلىرىنىڭ بەزىسىنى مىراستىن مەھرۇم قىلىش ئۈچۈن، قالدۇرغان ماللىرىنى بەزى بالىلىرىغا بېرۋىتىشى ياكى ”مېلىمنى پالانىغا بېرىڭلار “ دەپ ۋەسىيەت قىلىشى ياكى بارلىق مېلىنى ۋەقفە قىلىۋىتىشى جائىز بولمايدۇ، ئەگەر شۇنداق ۋەسىيەت قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ۋەسىيىتى ئىجرا قىلىنمايدۇ، دەيدۇ .
ئاللاھ تائالا بىز مۇسۇلمانلارنى قۇرئاندا كۆرسەتكەن ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆگەتكەن توغرا يولدىن ئايرىمىسۇن. ئامىين !
ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ : ئەقرەئ ئىبنى ھابىس رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ )نەۋرىسى ( ھەسەننى سۆيىۋاتقانلىقىنى كۆرىپ ” : مېنىڭ ئون بالام بار، ئۇلارنىڭ بىرىنىمۇ سۆيىپ باقمىدىم “ دېدى. جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم» : رەھىم قىلمىغان كىشىگە رەھىم قىلىنمايدۇ « دېدى . ]بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت . ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى:5981[
بۇ ھەدىس ئاتا ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا مىھرى شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى ئەمرى قىلىدۇ. بولۇپمۇ كىچىك بالىلار ئاتا ئانىسىنىڭ مىھرى شەپقىتىگە بەك مۇھتاج . ئۇلارغا ئۆز ئاتا ئانىلىرى مىھرى شەپقەت كۆرسەتمىسە كىم كۆرسىتىدۇ؟ بالىلارنىڭ ساغلام خاراكتىرلىك بۇلۇپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئاتا ئانىلارنىڭ مىھرىبانلىق كۆرسىتىشىگە ئېھتىياج بار . چۈنكى كىچىكىدىن ئاتا ئانىسىدىن قوپاللىق كۆرگەن بالىلار چوڭ بولغاندا، رەھىمسىز ، زالىم، باغرى قاتتىق بولىدۇ . دۇنيادىكى داڭلىق زالىم، تاش يىرەك، قانخور ئىنسانلارنىڭ بالىلىق تارىخى تەتقىق قىلىنسا، ئاتا ئانىسىنىڭ مىھرى مۇھەببەت ۋە شەپقىتىدىن مەھرۇم بولغان، باشقىلارنىڭ قولىدا ئىزىلىپ چوڭ بولغان، ئېچىنىشلىق تارىخنى بېشىدىن ئۆتكىزگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ .
بۇ ھەدىستىن ئاتا ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئۆگىنىمىز . بالا ئاتىنىڭ رەيھان گىلى، ئۇلارنىڭ كىچىكلىرىنى سۆيىدۇ، چوڭلىرىغا ياخشىلىق قىلىدۇ . ھۆكىمالارنىڭ بىرىدىن ”قايسى بالىڭىزنى بەكرەك ياخشى كۆرىسىز؟ “ دەپ سورىغاندا، ئۇ ”ئەڭ كىچىكىنى چوڭ بولغۇچە، كېسەل بولغىنىنى ساقايغۇچە، ئۇزاقتىكىنى قايتىپ كەلگىچە ئەڭ كۆپ ياخشى كۆرىمەن “ دەپ جاۋاب بەرگەن ئىكەن . ئەھنەف ئىبنى قەيس مۇنداق دېگەن ” : ئەۋلاتلىرىمىز قەلبىمىزنىڭ مىۋىسى ۋە تايانچۇقىمىزدۇر. بىز ئۇلارغا سايە سالىدىغان ئاسمان، ئۇلار د ەسسەپ ماڭىدىغان يەرمىز . ئۇلار ئارقىلىق ھەر قانداق ئۇلۇغ ئىشنى قىلىپ كېتەلەيمىز . ئۇلار ئاچچىقلانسا رازى قىلغىن، بىر نەرسە سورىسا بەرگىن، ئەگەر سورىمىسا ”نېمە ئىستەيسەن؟“ دەپ سەن سورىغىن، ئۇلارنىڭ سەندىن نەپرەتلىنىپ، ھاياتىڭدىن زېرىكىدىغان، ئۆلىمىڭنى تىلەيدىغان بولۇشىنى كىتمىگىن “.
ساھابە كىراملار ۋە ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئۆلىمالار كىچىك بالىلىرى بىلەن ئوينىشاتتى، ئۇلارغا چىرايلىق ناخشا شېئىرلارنى ئوقۇپ بېرەتتى . رىۋايەت قىلىنىشىچە ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كىشىنى ھۆكىمەت ئىشلىرىدىن بىر ئىشقا ت ەيىنلەپ قولىغا خەت قىلىپ بەرگەن. شۇ ئەسنادا بىر كىچىك بالا كېلىپ ھەزرىتى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قۇچىقىغا چىقىدۇ، ھەزرىتى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ بالىنى ئەركىلىتىپ سۆيىدۇ . بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ھېلىقى ئادەم ئى ” : مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ! كىچىك بالىلارنى قانداقمۇ سۆيىسىز؟ بالىلار قۇچىقىڭىزغا چىقىشقا قانداق جىرئەت قىلىدۇ؟ مەن ھېچبىر بالامنى سۆيگەن ئەمەسمەن “ دەيدۇ . بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ھەزرىتى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ ئادەمنىڭ قولىدىكى خەتنى يىرتىپ تاشلاپ ” : سەن ئۆز ئەۋلادىڭغا رەھىم قىلمىساڭ، باشقىلارغا ھەرگىزمۇ مەرھەمەت قىلمايسەن“ دەپ، ئۇنى ئەمىلىدىن ئېلىۋىتىدۇ .
جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىچىك ئوغلى ئىبراھىم ۋاپات بولغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئاققۇزغان ھالدا » : كۆز ياش تۆكىدۇ، قەلب قايغۇرىدۇ، بىز ئاللاھ نارازى بولىدىغان سۆز قىلمايمىز. ئى ئىبراھىم! بىز سەندىن ئايرىلغانلىقىمىزغا ھەقىقەتەن قايغۇرىمىز« دېگەن .
بەزى ئاتا ئانىلار قىلغاندەك بالىلىرىنى بولۇشىغا قويۇۋېتىش، ئۇلارنى خالىغىنىنى ئالىدىغان، خالىغان يەرگە بارىدىغان، خالىغان ئىشنى قىلىدىغان ھالەتتە تاشلىۋىتىش بالىلىر ىغا رەھىم قىلغانلىق، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغانلىق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى ھالاكەت گىرداۋىغا ئىتتىرگەنلىك بولىدۇ. بالىلارنى مېھرىبانلىق بىلەن ياخشى تەربىيىلەپ كەلگىسىدە ياخشى ھايات كەچىرىدىغان قىلىپ يېتىشتىرىش، ئۇلارغا ھەقىقى رەھىم شەپقەت قىلغانلىق بولىدۇ .
ئىمام غەزالى »ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىين « ناملىق ئەسىرىدە بالىلار تەربىيىسى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ” : بالىلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ياخشى كىزىتىش لازىم . بالىلاردا بىرىنچى قېتىم كۆرىلىدىغان پەزىلەت ھايا قىلىشتۇر . ئەگەر بالا ئۆزلىگىدىن ھايا قىلىپ بەزى ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتسا ، ئۇنىڭ ئەقلى ھەرىكەتكە ئۆتىپ شەيئىلەرنىڭ ياخشى يامىنىنى پەرق ئېتىشكە باشلىغان بولىدۇ . بۇ بولسا ئاللاھ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان ھىدايىتى بۇلۇپ، ئەخلاقىنىڭ نورماللىقىغا، قەلبىنىڭ پاكلىقىغا ۋە ئەقلىنىڭ مۇكەممەللىكىگە بىشارەتتۇر . ھايا قىلىشقا باشلىغان نارىسىدە بالىنى سەل قاراپ تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئەدەب ئەخلاق ئىگىنىشىگە ياردەم قىلىش كېرەك . كېچىك بالىلارغا ئەڭ باشتا تاماق يېيىش ئادابىنى ئىگىتىش لازىم . مەسىلەن: تائامنى ئوڭ قولى بىلەن يېيىش، بىسمىللاھ بىلەن باشلاش، ئۆز ئالدىدىن يېيىش، باشقىلارنىڭ ئالدىدىك ى نەرسىگە قول ئۇزاتماسلىق، باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى تائامغا ياكى تائام يەۋاتقان كىشىگە تىكىلىپ قارىماسلىق، تائام يېگەندە ئالدىراپ كەتمەي ئوبدان چايناپ يېيىش، قولىنى دەستۇرخان ياكى كىيىملىرىگە سىرتمەسلىك قاتارلىقلار . بالىلارغا بەزىدە قۇرۇق نان يېيىشنىمۇ ئىگىتى ش كېرەك، ئۇنىڭ يېنىدا كالىدەك كۆپ تاماق يەيدىغان بالىلارنى سۆكىپ، ئاز تاماق يەيدىغان ئەدەبلىك بالىلارنى ماختاپ قويۇش كېرەك . تاماقنى ئۆزىلا ئەمەس باشقىلار بىلەن بۆلىشىپ يېيىشنى، ئاز كۆپ، قاتتىق قۇرۇق ھەر قانداق تاماققا قانائەت قىلىشقا كۆندىرىش كېرەك .
كىچىك بالىلارنى ناھايىتى ئالىي كەيگىزىپ باقماسلىق كېرەك . شۇنىڭدەك ئالىي كىيىم كىيىپ باشقا بالىلار ئارىسىدا پەخىرلىنىدىغان بالىلارغا ئارىلاشتۇرماسلىق لازىم . چۈنكى كىچىك بالىلارنى كىيىم كىچەك، يېمەك ئىچمەكتە بەك يۇقىرى بېقىش كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئەخلاقسىز، كىبىرلىك، ماختانچاق، يالغانچى، ھەسەتخور بۇلۇپ يېتىلىشىگە سەۋەب بولىدۇ . ئۇندىن كېيىن بالىلارغا سالىھ ياخشى كىشىلەرنىڭ ھىكايىلىرىنى ئېيتىپ بېرىش، يېشىغا قاراپ قۇرئان ۋە ھەدىس ئۆگىتىش، ياخشى ئىش قىلسا ئۇنى قەدىرلەش، ئۇ سۆيىنىدىغان نەرسىلەر بىلەن مۇكاپاتلاش، ئەگەر خاتالىق ئۆتكىزسە دەسلەپتە كۆرمەسكە سېلىش، ئەگەر ئەينى خاتالىقنى قايتا ئۆتكىزسە، ئۇنىڭغا ۋارقىراپ كايىماستىن قىلغان ئىشىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، نەتىجىسىنىڭ يامان بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش، ئادەم بار يەردە ئۇنىڭ خاتالىقىنى يىزىگە ئۇرماسلىق، يالغۇز يەردە چىرايلىق نەسىھەت قىلىش لازىم .
دادا بالىسىنىڭ ئالدىدىكى ھەيبىتىنى ساقلاپ قېلىشى، ئانچە مۇنچە قورقىتى پ قويۇشى، ئانىسى بولسا دادىسىنىڭ ئاچچىغى كېلىدىغانلىقى بىلەن بالىسىنى قورقۇتۇپ قويۇشى زۆرىر . بالىلار ھۋرۇن بۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھەر كۈنى مەلۇم مىقداردا يول يىرىشكە كۆندىرىش ۋە تەنتەربىيەگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك .
ئاتا ئانىلار بالىلىرىغا ئاداشلىرى ئارىسىدا ئاتا ئانىسىنىڭ بايلىقى ياكى كىيىم كېچەك، يېمەك ئىچمەكلىرى بىلەن ماختانماسلىقنى تەلىم بېرىشى، بالىلارغا ئۇنداق قىلدىڭ، مۇنداق قىلدىڭ دەپ كۆپ تاپا قىلماسلىقى، ئۇنىڭ ئورنىغا ياخشى بالىنىڭ قىلغان ئىشلىرى ۋە ئېرىشكەن ياخشى ئۇتۇقلىرى، يامان بالىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ كەلتىرىپ چىقارغان پالاكەتلىرىنى بالىنىڭ ئەقلى قوبۇل قىلىدىغان شەكىلدە ھىكايە قىلىپ بېرىشى كېرەك .
بالىلارغا ئولتۇرىدىغان يەرلەرگە تىكىرمەسلىك، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئەسنىمەسلىك، كىشىلەرگە ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇرماسلىق، پۇتىنى مىنگەشتىرىپ ئولتۇرماسلىق، ئىڭىكىنى يۆلىمەسلىك، بېشىنى قولىغا قويۇپ ساڭايان ئولتۇرماسلىق ۋە كۆپ گەپ قىلماسلىق قاتارلىق ئولتۇرۇش ئادابىنى ئۆگىتىش كېرەك . كىچىكىدىن قەسەم قىلىشقا كۆنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن مەيلى راست، مەيلى يالغان قەسەم قىلىشتىن توسۇش، باشقىلار سۆزلەۋاتقاندا گەپ قىلماي سۆزگە قۇلاق سېلىش، ئۆزىدىن چوڭ بولغانلارنى ھۆرمەتلەپ ئورنىدىن تۇرۇش، چوڭلارغا ئورۇن بوشۇتۇپ بېرىش، چوڭلارنى ئالدىغا ئۆتكىزىش، يامان گەپ قىلىش، تىللاش ، جىدەل چىقىرىش قاتارلىق ئىشلاردىن توسۇش، ئاغزى بۇزۇق ئادەمگە يولۇقتۇرماسلىق، يامان بالىلارغا قوشماسلىق لازىم . بالىلارنى تەربىيلەشتىكى ئەڭ بىرىنچى ئىش بالىنى يامان ئەسكى بالىلارغا قوشماسلىقتۇر .
بالىلار دەرسىنى ت ۆگەتكەندىن كېيىن ھارغۇنلىقنى چىقىرىش ئۈچۈن ئازراق ئويناشقا يول قويۇش كېرەك . چۈنكى بالىنى پەقەت دەرسكىلا مەجبۇرلاپ، ئويۇن ئويناشقا رۇخسەت بەرمىسە، ئۇنىڭ قەلبى ئۆلىدۇ، زەكاسى يوقىلىدۇ . ئاتا ئانىسىغا، مۇئەللىملىرىگە، باشقا ئۆزىدىن چوڭ كىشىلەرگە ئىتائەت قىلىشنى، چوڭلارنى ھۆرمەتلەشنى، چوڭلارنىڭ ئالدى دا ئوينىماسلىقنى ئۆگىتىش، ئوغۇرلىقتىن، باشقىلارنىڭ ھەققىنى يېيىشتىن، خىيانەت قىلىشتىن، يالغان گەپ ۋە سەت گەپ قىلىشتىن توسۇش لازىم . بالا چوڭ بۇلۇپ بالاغەتكە يەتكەندە، بۇ دۇنيانىڭ يوقۇلۇپ كېتىدىغان پانى نەرسە ئىكەنلىكىنى، بۇ دۇنيانىڭ خۇددى بىر ئىشىكتىن كىرىپ يەنە بىر ئىشىكتىن چىقىپ كېتىدىغان ۋاقىتلىق ئۆتكىنچى ھايات ئىكەنلىكىنى، مەڭگىلىك ھاياتنىڭ ئاخىرەت ئىكەنلىكىنى، ئۆلىم ھەر سائەتتە كېلىشى مۇمكىنلىكىنى، ئەقىللىق كىشى ئاخىرەتتىكى مەڭگىلىك ھاياتى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى، ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ئال ى دەرىجىگە يېتىش ئۈچۈن ئىشلەشنىڭ زۆرىرلىكىنى سۆزلەپ قەلبىگە سىڭدىرىش كېرەك . كىچىكلىكىدە ئۆگىنىپ ئادەتلەنگەن ئىش تاشقا مۇھۇر باسقاندەك مۇستەھكەم ئورۇنلىشىپ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم» : پىتىن بۇۋاقلار ئىسلام ئىستىگە تۇغۇلىدۇ، ئاتا ئانىسى ئۇنى يەھۇدى يا خرىستىئان ياكى مەجۇسى قىلىدۇ « دەپ ئاگاھلاندۇرغان .
ئەۋلاتلار ئاللاھ تائالانىڭ ئامانىتىدۇر. ئاتا ئانىلار ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ئۇلار ھەققىدە جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ئى مۆمىنلەر! اللەغا، پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلماڭلار، سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىيانەت قىلماڭلار . بىلىڭلاركى، سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن بىر تىلىك سىناقتۇر، اللەنىڭ دەرگاھىدا چوڭ مۇكاپات بار.] سىرە ئەنفال:27 28 ئايەتلەر [
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەي : دۇ ئى مۆمىنلەر! ئۆزەڭلارنى ۋە بالا چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار، ئۇ پەرىشتىلەر اللەنىڭ بۇيرىقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ.] سىرە تەھرىم:6 ئايەت [ئاللاھ تائالا بىزلەرنى قەلبى قاتتىق تاش يىرەك بۇلۇپ قېلىشتىن ساقلاپ، بالىلىرىمىزنى رەھىمدىللىك بىلەن ياخشى تەربىيىلەپ يېتىشتىرىشنى مۇيەسسەر قىلسۇن. بالىلىرىمىزغا ئىنساپ، تەۋپىق ھىدايەت بېرىپ ئاسىي، باشتۇڭ بۇلۇپ قېلىشتىن مۇھاپىزەت قىلسۇن. ئامىين !
