Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

11–20-ھەدىسلەر: تەقۋالىق، پاكلىق ۋە ئەخلاق

This content is not yet available in your language.

1111-ھەدىس: بىرەۋگە قورال تەڭلىمەسلىك توغرىسىدا#

ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى , جانابى رەسۇلۇللا ھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن : »سىلەرنىڭ بىرىڭلار قېرىندىشىغا قورال تەڭلىمىسۇن ! چۈنكى ئۇ بىلمەيدۇ , بەلكى شەيتان ئۇنىڭ قولىدىكىنى تارتىدۇ دە، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوزاخنىڭ چۇقۇرىغا چىشىپ كېتىدۇ ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت. ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى: 6620 [

ئىسلام مۇسۇلمانلارنى ھەرقانداق زىيانلىق ۋە يامان ئىشلاردىن توسۇپلا قالماستىن , ئۇنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە شۇ زىيانلىق ئىشقا ئاپىرىدىغان ئامىللاردىنمۇ توسىدۇ . چۈنكى شەيتان داۋاملىق ئىنسان بىلەن بىللە ۋە ئۇنى ھەر تۈرلۈك زىيانلىق ئىشلارنى قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ . شۇڭلاشقا ئىنسانلار كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بەزى ئىشلارنى كۆزىگە ئىلمەستىن , ئاقىۋىتىنى ئويلىماستىن قىلىپ , كېيىن پۇشايمان قىلىدۇ. لېكىن بولىدىغان ئىش بۇلۇپ بولغان، پۇشايمان پايدا بەرمەيد .ۇ مانا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇسۇلمانلارنى مەيلى چاقچاق بولسۇن , مەيلى قەستلىگەن ھالدا بولسۇن، بىر بىرىگە پىچاق، قىلىچ، نەيزە، تاپانچا , مىلتىق قاتارلىق قوراللارنى تەڭلەشتىن ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىشارەت قىلىشتىن توستى . چۈنكى بۇ قوراللارنى چاقچا ق قىلىشىپ بولسىمۇ بىر بىرىگە تەڭلەش خەتەرلىك. بەلكى ئۇ ينىشىپ تاپانچىنىڭ تەپكىسى بېسىلىپ كەتسە, ياكى پىچاق، قىلىچقا ئوخشاش نەرسىلەر بىر بىرىنىڭ بەدىنىگە سانجىلىپ كەتسە , قېرىندىشىنى ئۆلتىرىپ قويىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ۋا ي ئېسىت دەپ ھەسرەت چېكىدۇ . بۇلۇپ بولغان ئىشنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدۇ” . نېمىشقا قورال تەڭلىگەندىمەن“ دەپ باش كۆزىنى تاتىلىغاننىڭ ھېچ پايدىسى يوق. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ :  ئەگەر شەيتان ساڭا ۋەسۋەسە قىلسا، اللەغا سېغىنپ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن پاناھ تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن سۆزىڭنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئىشىڭنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر  ]سىرە ئەئراف: 200 ئايەت [

ئەمما بىرىنى سەۋەبسىز قورقۇتۇش ئۈچۈن قورال تەڭلەش ھارام . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ» : كىمكى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىغا تىغ تەڭلىسە، ئاتا ئانىسى بىر قېرىندىشى بولسىمۇ قولىنى قايتۇرمىغىچىلىك پەرىشتەلەر ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇيدۇ ] «.ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس [

خەتەرلىك نەرسىلەر بىلەن , يامان غەرەزلىك سۆزلەر بىلەن ئويۇن چاقچاق قىلىش مۇسۇلمانلارغا ياراشمايدىغان ئىشلاردۇر . كىشىلەرنىڭ ئارقىسىدىن تۇيۇقسىز ۋارقىراش ياكى قۇلىقىغا قاتتىق تۋۋىلاش ئارقىلىق قورقۇتۇش بىر , بىرىنىڭ بېشىغا بىر نەرسە قويۇپ ئوق ئېتىش , يولدا بىخارامان كېتىۋاتقان ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن ماشىنىنىڭ سىگنىلىن ى قاتتىق بېسىش ئارقىلىق قورقۇتۇش، توي مەرىكە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلەردە خوشاللىقىمىزنى ئېلان قىلىمىز دەپ ئاسمانغا ئوق ئېتىش, كىنىمىزدە پەيدا بولغان يىلان ۋە باشقا قورقۇنچلۇق ھايۋانلارنىڭ ھەيكەللىرىنى , ئاجىز، باشقا بىر نەرسە ئويلاپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ قولىغا تۇيۇقسىز تۇتقۇزۇش , ياكى ئالدىغا تاشلاش ئارقىلىق قورقۇتۇش قاتارلىق ئويۇن چاقچاق لار رەسۇلۇللاھ توسقان، ئىسلامدا مەنئى قىلىنغان ئىشلاردۇر. چۈنكى بۇنداق چاقچاق نەتىجىسىدە سىل كېسىلى ۋە باشقا ئېغىر كېسەللىكلەرگە دۇچار بولغانلار, ھەتتا ئۆلىپ كەتكەنلەرمۇ بار .

چاقچاقنىڭ يامىنى يوقىرىدىكىدەك كىشىلەرگە ئازار بېرىدۇ . ئاددەتتىكى چاقچاقمۇ، چاقچاق قىلغۇچىنىڭ شەرىپىنى چىشىرىدۇ . ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن” : كۆپ كىلگەن كىشىنىڭ ھەيۋىتى قالمايدۇ , كۆپ چاقچاق قىلغان كىشى كۆزگە ئىلىنمەيدۇ . ھەرقانداق كىشى كۆپ قىلغان ئىشى بىلەن تونىلىدۇ . جىق گەپ قىلغان ئادەمنىڭ خاتاسى كۆپ بولىدۇ . خاتالىقى كۆپ بولغان كىشىنىڭ ھاياسى ئاز بولىدۇ. ھاياسى ئاز بولغان ئادەمنىڭ تەقۋاسى ئاز بولىدۇ. تەقۋاسى ئاز بولغان ئادەمنىڭ قەلبى ئۆلىدۇ “.

ھۆكۋملاردىن بىرى ئوغلىغا مۇنداق دەپ ۋەسىيەت قىلغان” : ئوغلۇم! ئۇلۇغ كىشىلەرگە چاقچاق قىلمىغىن , ساڭا ئاداۋەت قىلىدۇ . ناچار كىشىلەرگە چاقچاق قىلمىغىن، سېنى كۆزىگە ئىلمەيدۇ “.

بەزى ھۆكۋمالار” : ھەر نەرسىنىڭ ئۇرۇغى بار، دىشمەنلىكنىڭ ئۇرىغى چاقچاق“ دېگەن ئىكەن .

بۇ يەردە دېمەكچى بولغان : پەقەتلا چاقچاق قىلماڭ دېگەنلىك ئەمەس , باشقىلارنى گەپتە سوقىۋالىدىغان, كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا كەمسىتىدىغان , كىشىلەرگە ھەر خىل زىيان زەخمەت يەتكىزىدىغان, ياكى چاقچاق قىلىنغۇچىنىڭ يىزىنى چىشىرىدىغان چاقچاقلارنى قىلماڭلار دېمەكچى .

ئەمما دوستلۇقنى كىچلەندىرىدىغان، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىدىغان، چىرايلىق چاقچاقلارنى قىلىش جائىزدۇر . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ بەزىدە ساھابىلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېچىش ئۈچۈن چىرايلىق چاقچاقلارنى قىلاتتى. لېكىن چاقچاق قىلغاندىمۇ ھەق سۆزلەيتتى. رەسۇلۇللاھنىڭ چاقچاق قىلىشتىكى مەقسىتى ، ساھابى لارنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇش , بەزى كىشىلەرنىڭ قورقۇنچىسىنى يوقىتىش، ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئۆزىگە مايى ل قىلىش ۋە ساھابىلار ئارىسىدا ئۇنس ئۆلپەت پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى .

مەسىلەن: بىر قېتىم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا بىر ياشانغان ئايال كېلىپ” : يا رەسۇلۇللاھ! مېنىڭ سىز بىلەن بىرگە جەننەتكە كىرىشىمگە دۇئا قىلىڭ“ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ » : قېرى ئايال جەننەتكە كىرمەيدۇ « دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئايال خاپا بۇلۇپ يىغلىغاندا، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا » : شۇبھىسىزكى، بىز ھىرلەرنى يېڭىدىن ياراتتۇق، ئۇلارنى پاكىز، ئەرلىرىگە ئامراق، تەڭ تۇش قىلىدۇق« دېگەن ئايەتنى ئوقۇمىدىڭىزمۇ؟ )يەنى قېرىلىق ھالەتتە كىرمەيسىز(« دېگەن ئېدى .

ئىسلام مۇسۇلمانلارنى مانا موشۇنداق ھەرجەھەتتىن ئەخلاقلىق بولۇشقا , ئۆزئارا ياخشى سۆزلەرنى قىلىشىپ , پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ , ساھابە كىراملا رىنىڭ ۋە خەلققە ياخشى تۋھپە قالدۇرۇپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ھايات ھىكايىلىرىدىن سۆز قىلىشىپ، كۆڭىللىرىنى راھەتلەندىرىشكە چاقىرىدۇ. چۈنكى بۇنداق سۆھبەتلەردە بىلمىگەنلەر بىلگەنلەردىن ئۆ گىنىدۇ. ئۆزئارا مۇھەببەت، دوستلۇق كىچىيىدۇ. ياشلار چوڭلاردىن ئەدەب ئەخلاق ئىگىنىدۇ .

كىشىلەرگە يامان كۆزى بىلەن قاراش , كۆز سېلىش ئارقىلىق زىيان ئۇرۇشمۇ موشۇ ھەدىسنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ» : كاپىرلار قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا ساڭا بولغان دىشمەنلىكىنىڭ قاتتىقلىقىدىن يامان كۆزلىرى بىلەن سېنى يىقىتىۋېتىشك ە تاس قالىدۇ .« ]سىرە نۇن: 51 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [

ئاللاھ تائالا تىلى ياماننىڭ تىلىدىن, كۆزى ياماننىڭ كۆزىدىن ساقلىسۇن. شۇنىڭدەك باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا ھەر تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق زىيان زەخمەت يەتكىزىشتىن ساقلىسۇن . ئامىين !

1212-ھەدىس: چوڭ گۇناھلاردىن ساقلىنىش توغرىسىدا#

12 ھەدىس چوڭ گۇناھلاردىن ساقلىنىش توغرىسىدا ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى , جانابى رەسۇلۇللاھ سە للەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن : »ھالاك قىلغۇچ يەتتە گۇناھتىن ساقلىنىڭلار « ساھابە كىراملار : “يا رەسۇلەللاھ! ئۇلار قايسى؟” دېدى. رەسۇلۇللاھ» : اللەغا شېرىك كەلتىرىش, سېھىرگەرلىك قىلىش, ناھەق ئادەم ئۆلتىرىش, جازانە يېيىش, يېتىمنىڭ مېلىنى يېيىش, ئۇرۇش م ەيدانىدىن قېچىش ۋە مۆمىنە، پ اك ئاياللارغا تۆھمەت چاپلاشتۇر .« دېدى . ]بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت. ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:2707[

ئىزاھات :

جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە مۇسۇلمانلارنى ھالاكەتكە تاشلايدىغان يەتتە خىل گۇناھتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئىسلام ئىستىلاھىدا بۇ گۇناھلار ”گۇناھى كەبىرە )چوڭ گۇناھ دەپ “( ئاتىلىدۇ. بۇ چوڭ گۇناھلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت : 1 ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتىرىشئۇ . جانلىق جانسىز ھەر قانداق بىر نەر سىنى اللەغا ئوخشاش ئىش قىلالايدۇ , ياكى اللەنىڭ ياردەمچىسى , ياكى خۇدالىقتا , ئىبادەت قىلىنىشتا اللەغا ئورتاق دەپ ئېتىقاد قىلىشتۇر . اللەغا شېرىك كەلتىرىش , گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭى بۇلۇپ , ئاللاھ تائالا ئۇنى قەتئىي كەچىرمەيدۇ. شېرىك كەلتىرگەن ئادەمنىڭ قىلغان ئەمەل ئىبادەتلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ :  ئاللاھ ھەقىقەتەن اللەغا شېرىك كەلتىرگەن گۇناھنى مەغپىرەت قىلمايدۇ , خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا )شېرىكتىن باشقا ( گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ , كىمكى اللەغا شېرىك كەلتىرىدىكەن, چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ.] سىرە نىسا: 48 ئايەت [

اللەدىن باشقىغا رۇكۇ , سەجدە قىلىش , ھالال ھايۋاننى اللەدىن ب اشقىسىنىڭ نامى بىلەن سۋيۇش, اللەدىن باشقا بىر نەرسە بىلەن قەسەم قىلىش , ھاجىتىنى ئۆلىكلەردىن تىلەش , مازار ماشايىخلاردىن بالا , مالدۇنيا, ئىلىم تىلىگەنگە ئوخشاش ئىشلارنىڭ ھەممىسى اللەغا شېرىك كەلتىرگەنلىك بولىدۇ . ئەمەل ئىبادەتتە رىيا قىلىشمۇ مەخپى شېرى ك ياكى كىچىك شېرىك ھېسابلىنىدۇ .

2 سېھىرگەرلىك قىلىش. ھەر تۈرلۈك سېھىر قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ كۆزىنى بوياش, راستنى يالغان , يالغاننى راست كۆرسىتىش , ئىسسىق سوغۇتقا قىلىپ كىشىلەرنى ئۆچ ئامراق قىلىش , غەيىبدىن سۆزلەپ كىشىلەرنى ئالداش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى سېھىرگەرلىك بۇلۇپ چوڭ گۇناھتۇر . كاھىن ۋە سېھىربازلارنىڭ سۆزلىرىگە راست دەپ ئىشىنىشمۇ چوڭ گۇناھتۇر. ئىسلام ئالىملىرى سېھىربازلارنى ئۆلىم جازاسى بىلەن جازالاشقا ئىتتىپاقلاشقاندۇر .

3 ئادەم ئۆلتىرىش . ئىسلام شەرىئېتىدە ئۆلىم جازاسى بېرىلگەن جىنايەتل ەر بۇلۇپ , ئۇ جازانىمۇ ھۆكىمەت بېرىدۇ . ئۇنىڭ تېشىدا ئىنسانلارنىڭ جېنىغا قەست قىلىش , ئۇنى ئۆلتىرىش , ناھەق ئادەم ئۆلتىرگەنلىك بۇلۇپ چوڭ گۇناھتۇر .

4 يېتىمنىڭ ھەققىنى يېيىش. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىستىگە يېتىم بالىلارنى بېقىش , تەربىيلەشى, ئۇلارنى كاپالىتى ئاستىغا ئېلىپ ھىمايە قىلىش ۋاجىب بولغان تۇرسا , يېتىملەرگە ئۆز مېلىدىن چىقىم قىلىپ بېقىشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنىڭ ھەققىنى يەۋىلىش نېمىدېگەن ئېغىر جىنايەت! ئۇ ئىنسانىيەتكىمۇ خىلاپ ئىشتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ» : زۇلۇم قىلىپ يېتىملەرنىڭ مال مىلكىنى ناھەق يەۋا لىدىغانلار, شىبھىسىزكى, قۋرسىقىغا ئوتنى يېگەن بولىدۇ . ئۇلار يېنىپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ ] «.سىرە نىسا: 10 ئايەت [

يېتىمغا پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن ئۇنىڭ مېلىنى تىجارەتكە سېلىش ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك تەسەررۇپلار جائىزدۇر . بۇنىڭ شەرتى ئانا پۇل يوقاپ كەتمەسلىكى ۋە چىققان پايدا يېتىمنىڭ بولۇش ى كېرەك. ئەگەر يېتىمنى باققۇچى كەمبەغەل بۇلۇپ , يېتىمنىڭ پۇل مېلىنى ئىسراپ قىلماسلىق شەرتى بىلەن ئۆزى ۋە يېتىمنىڭ ھاجىتى ئۈچۈن ئىشلەتسە بولىدۇ . ئەگەر يېتىمنىڭ مېلىغا ھاجىتى چىشمىسە ئۇنى يېمەسلىك كېرەك .

5 رىبا )جازانە(. يەنى مالنىڭ پىرسەنت بىلەن چىققان ئۆسىمىنى يېيىش . بۇمۇ چوڭ گۇناھلاردىن بۇلۇپ, ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا دوزاختىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن : ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر ! ھەقىقى مۆمىن بولساڭلار , اللەنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار, كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە قېلىپ قالغان جازانىنى )ئۆسىمنى( تەرك ئېتىڭلار, ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار, بىلىڭلاركى, ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرگە ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ. ئەگەر جازانە قىلىشتىن تەۋبە قىلساڭلار, قەرز بەرگەن سەرمايەڭلار ئۆزىڭلەرگە قايتىدۇ, باشقىلارنى زىيان تارتقۇزمايسىلەر, ئۆزىڭلارمۇ زىيان تارتمايسىلەر .] سىرەبەقەرە: 278 ۋە279 ئايەتلەر [

جازانە ئالغۇچى , بەرگىچى ۋە گۇۋاھ بولغۇچى قىيامەت كۈنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ» : بىر ئادەمنىڭ بىلىپ تۇرۇپبىر , دىرھەم جازانە يېگىنى 36 قېتىم زىنا قىلغاندىن يامان گۇناھتۇر ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان [

6 ئۇرۇش مەيدانىدىن قېچىش. بۇ قوچقۇن راقلىق ۋە ئاجىزلىق بۇلۇپ , بۇنداق ناچار ئىللەتكە گېرىپتار بۇلۇپ قېلىشتىن اللەغا سېغىنىش لازىم . چۈنكى قورقۇنچاق ئادە م ئۆز جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن, سەپداشلىرىنى بەلكى ۋەتىنىنى سېتىۋىتىشتىن يانمايدۇ . ئۇرۇش بولۇۋاتقاندا مەيداندا چىڭ تۇرۇش , تەۋرەنمەسلىك, قۇمانداننىڭ بۇيرۇقىنى قەتئى ئورۇنلاش ، غەلىبە قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر. ئۇنداق پەيتتە ئەسكەرلەرنىڭ ئىرادىسى ۋە ئۆزىگە بولغ ان ئىشەنچىسىنى ئاجىزلىتىدىغان ئەڭ كىچىك بىر ھەرىكەت , دىشمەنگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ ۋە مەغلۇبىيەتكە سەۋەب بولىدۇ . ئۇرۇش مەيدانىدىن قېچىش ئەسكەرنىڭ غالىبىيىتىنى مەغلۇبىيەتكە , مىللەت ۋە ۋەتەننى ئاسارەتكە ئۇچرىتىدىغان ئېغىر جىنايەتتۇر . ئاللاھ تائالانىڭ قازا ۋە قەدەرىگە ئىشەنگەن مۇسۇلماننىڭ قانداق ھالەتتە بولمىسۇن مەيداندىن قېچىشى جائىز ئەمەس . مۇسۇلماننىڭ پرىنسىپى يا غەلىبە قىلىش , يا شېھىت بولۇش . تۇرئۇنىڭدىن باشقا يول يوق . شۇڭا ئاللاھ تائالا

مۇسۇلمان ئەسكەرلەرنى سىپەتلەپ :

 ئۇلار ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ دىشمەنلەرنى ئۆلتىرىدۇ ۋە ئۆلتىرىلىدۇ. دېگەن ] .سىرە تەۋبە : 111 ئايەت [

7 ئىپپەتلىك ئاياللارغا يالغاندىن زىنا قىلدى دەپ تۆھمەت چاپلاش . ئاللاھ تائالا نىڭ غەزىپىنى ل كەتىرىدىغان بۇنىڭدىن يامانراق بىر گۇناھ يوقتۇر . بۇنداق تۆھمەت تۋقۇغۇچى سۆزىنى ئىسپاتلا ش ئۈچۈن، تۆھمەت قىلىنغۇچىنىڭ ئوچۇق ئاشكارا زىنا قىلغانلىقىنى كۆرگەن , يالغان گەپ قىلمايدىغان ئادالەتلىك 4 ئەر كىشىنى گۇۋاھچى قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق گۇۋاھچى تاپالمىسا, ياكى گۋاھچىلاردىن بىرىنىڭ شەرتى توشمىسا , مەزكۇر تۆھمەتچى گە80 قامچا ئۇرۇلىدۇ ۋەئۇنىڭ گۇۋاھلىقى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ . قىزلارنى, ئانىلارنى, ئاچا سىڭىللارنى زىنا بىلەن ئەيىبل, شەئۇلارغا يالغاندىن قارا سۇۋىغانلىق بۇلۇپ ئەڭ ئېغىر گۇناھتۇر . ئاتا ئانىلار , ئىمام مۇئەززىنلەر, ئالىم ئۆلىمالارنىڭ بۇنداق يامان قىلىقلارنى كۆرىپ تۇرۇپ سۇكۇت قىلىشى ۋە كۆڭلىدە نارازى بولۇشى كۇپايە قىلمايدۇ. ئۇنىڭغا قاتتىق قارشى تۇرۇپ تىزىتىش كېرەك .

ئاللاھ تائالا بىزلەرنى يۇقىرىدىكى چوڭ جىنايەت ۋە ئەخلاقسىزلىقلاردىن پاك قىلسۇن . ئەۋلاتلىرىمىزنى ئىسلام ئەخلاقى بىلەن تەربىيىلىنىپ بىر , بىرىگە چىرايلىق مۇئامىلە قىلىدىغان , ياخشى ئىشلارنى قىلىپ يامان قىلىقلاردىن يېراق تۇرىدىغان پاك جەمئىيەت ئەۋلاتلىرى قىلسۇن .

ئامىين !

ئىزاھات تېكىستى كىرگۈزۈلمىگەن.

1313-ھەدىس: قىيامەت كۈنى ئەرشنىڭ سايلىقىدا سايىدايدىغان كىشىلەر توغرىسىدا#

13 ھەدىس قىيامەت كۈنى ئەرشىنىڭ سايىسىدا سايىدايدىغان كىشىلەر توغرىسىدا ھەزرىتى ئەبۇ ھۇر ەر ەيرەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جانابى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : يەتتە خىل كىشى بار ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئەرشىنىڭ سايىسىدىن باشقا سايا بولمىغان كۈنى )قىيامەت كىنىە ئ (رشىنىڭ سايىسىدا سايىتىدۇ. ئۇلارلااد ئ :ەتلىك ئىمام، اللەنىڭ ئىبادىتىدە ئۆسكەن يىگىت، قەلبى مەسجىدكە باغلانغان كىشى، ئاللاھ ئۈچۈن دوست بولغان، ئاللاھ ئۈچۈن ئايرىلغان ئىككى كىشى ، مەنسەپلىك، چىرايلىق ئايال ئۆزىگە چاقىرسا، مەن ئاللاھ دىن قورقىمەن دېگەن كىشى، ئوڭ قولى بىلە ن بەرگەن سەدىقىسىنى سول قولى بىلمەيدىغان ھالەتتە مەخپى س ەدىقە بېرىدىغان كىشى ۋە ئۆزى يالغۇز يەردە اللەنى ياد ئېتىپ كۆزىدىن ياش تۆكىدىغان كىشىدۇر ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت. ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇ: رى651[

ئىزاھات :

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە، قىيامەت كۈنى قۇياش نەيزە بويى پەسلەپ ھاۋا مىستەك، يەر ت ۆمىردەك ق پىىز كەتكەن ، ئىنسانلار تەرنىڭ ئىچىگە چۆكىپ كەتكەن، ھېچكىم ئاللاھ تائالانىڭ قانداق ھۆكىم چىقىرىدىغانلىقىنى، جەننەتكە كىرەمدۇ ي اكى دوزاخقا ھەيدىلەمدۇ؟ بىل ەلمەي ئۆز غېمىدە پ ەرىشان بول ۇپ تۇرغان ، پەيغەمبەرلەرمۇ مېنىڭ ھالىم نېمە بولار دەپ غەمگە چۆكىدىغان، ئەرشنىڭ سايىسىدىن باشقا سايە بولمايدىغان شۇنداق قورقۇلچنۇق ۋە دەھشەتلىك كۈندە، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز پەزلى بىلەن يەتتە خىل كىشىنى ئەرشىنىڭ سايىسىدا سايىتىدىغانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ. مەزكۇر سائادەتمەن كىشىلەر تۆۋەندىكىلەرد : ۇر 1 ل ائادەتلىك ئىمام، يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ئادالەت ۋە ھەققانىيەت بىلەن ھۆكىم قىلىدىغان، ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ۋە تۇغقىنى بولسىمۇ تەرەپ تۇتمايدىغان، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمايدىغان، باي كەمبەغەل، ئاجىز كىچلىك، خوجايىن خىزمەتچى دەپ ئايرىماستىن ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغان باشلىق ، دۆلەت رەئىسى قاتارلىق كىشىلەرد . ۇرئادالەتلىك باشلىق خەلقنى ئۆز ئەۋلادىغا ئوخشاش كۆرىدۇ . بىلىمسىزلەرنى ئوقىتىدۇ، كەمبەغەللەرنى يۆلەيدۇ، كىچىكلەرنى تەربىيىلەيدۇ، كېسەللەرنى دەۋالايدۇ، پىتىن خەلقنى باغرىغا باسىدۇ . ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ : ”باشلىقنىڭ ئى ستىگە اللەنىڭ كىتابى بىلەن ھۆكىم قىلىش ۋە ئامانەتنى ئېگىسىگە تاپشۇرۇش ۋاجى . بئەگەر ئۇ بۇ ۋەزىپىسىنى ئا دا قىلسا، خەلقنىڭ ئى ستىگە ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلا ش، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ۋە چاقىرىقىنى قوبۇل قىلىش ۋاجىب بولىدۇ .“ ئاللاھ تائالا مۇستەبىد، زالىم، ھاكىمىيىتىدىن پايدىلىنىپ مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلىدىغان، ئاللاھ ئەزىز قىلغاننى خار، خار قىلغاننى ئەزىز قىلىدىغان پادىشاھ كىرال، رەئىس، ھ اكىم، ۋە ۋالىيلارنى

ئەرشىنىڭ سايىسىدا تۇرغۇزمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ :

 زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى ئادەم ئىنتىقامىنى ئالسا، ئۇنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ. ئەيىبلىنىدىغانلار پەقەت كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىدىغان، زېمىندا ناھەق رەۋىشتە پىتنە پاسات تېرىيدىغان ئادەملەردۇر . ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.] سىرە شۇرا: 41 42 ئايەتلەر [

ئادالەتلىك ئىمام سۆزى يۇقىرىسى پادىشاھ رەئىسلەردىن باشلاپ تۆۋىنى ئائىلە باشلىقىغىچە چوڭ كىچىك پىتىن باشلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

2 اللەنىڭ ئىبادىتىدە ئۆسكەن يىگىت، بۇ يىگىت ئۆمرىنى ئاللاھ تائالاغا تائەت ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۆتكىزىدۇ، بەدىنىنى، جېنىنى، مېلىنى ۋە ئاللاھ تائالا بەرگەن بارلىق ئىقتىدارىنى اللەنى ۋە رەسۇلۇللاھنى رازى قىلىدىغان يولدا ئىشلىتىدۇ . ھەر دائىم ئائىلىسىگە خەلقىگە ۋە ۋەتىنىگە خىزمەت قىلىدۇ . ھەرتىرلىك گۇناھ مەسىيەت ۋە زىيانلىق ئىشلاردىن يىراق تۇرىدۇ . پۇل مېلىنى ھالال يول بىلەن تاپىدۇ ۋە ئاللاھ يولىدا جىھا د قىلىشقا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋلادىنى تەربىيىلەپ يېتىشتىرىشكە، ۋەتىنىگە ۋە مىللىتىگە خىزمەت قىلىشقا سەرىپ قىلىدۇ . ئۇ جەڭ مەيدانىدا ئەسكەر، بازاردا سودىگەر، ئېتىزدا دېھقان، شىپاخانىدا دوختۇر، زاۋۇدتا خىزمەتچى، جەمئىيەتلەرنىڭ سادىق ئەزاسى بۇلۇپ، ياخشىلىققا چاقىرىلسا دەرھال قوبۇل قىلىدۇ، يامانلىقنى كۆرسە ياكى ئاڭلىسا ئۇنى تىزىتىشكە تىرىشىدۇ، ئەگەر كىچى يەتمىسە ئۆزى ئۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇرىدۇ. قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالانىڭ ئىبادىتىد ە ئۆسكەن ياشلار ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ . ئاللاھ تائالا

ئەسھابۇل كەھف ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ :

بىز ساڭا ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى راستى بىلەن ئېيتىپ بېرىمىز، ئۇلار ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتقان بىز ھىدايەتنى زىيادە قىلغان يىگىتلەردۇر.] سىرە كەھف: 13 ئايەت [

قېرىغان ياكى كېسەل بولغانلارغا ئىبادەت قىلىش ئېغىر كەلمەيدۇ . چۈنكى ئۇلار بىر پىتىنىڭ گۆرگە ساڭگىلىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، جان چىقىپ بولغىچ ە بىر ئاز ئىبادەت قىلىۋالاي دەپ ئۆزىنى ئىبادەتكە بېرىدۇ . ئۇلارنىڭ گۇناھ مەسىيەت قىلىشقا ماغدۇرىمۇ يوق . ئەمما ساغلام، ئۆلىم تېخى مىڭىسىگە كىرمەيدىغان، ھەر تۈرلۈك ئويۇن تاماشاغا قىزىقىدىغان، قېنى قىززىق ياش يىگىتلەرنىڭ نەپسىنى يېڭىپ يامان ئىشلاردىن يىر اق بۇلۇپ، ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇشى ئىنتايىن قىيىن ئىش. مۇشۇنداق قىيىن ئىشنى ئۆز لايىقىدا ئادا قىلالىغان، قېرىلىق كېلىشتىن بۇرۇن ياشلىقىنى، كېسەل بولۇشتىن بۇرۇن ساقلىقىنى، نامراتلىقتىن بۇرۇن بايلىقىنى، مەشغۇلىيەتتىن بۇرۇن بوشلىقىنى، ئۆلىم ئىشىكىنى قېقىشتىن بۇرۇن ھاياتلىقنى غەنىمەت بىلىپ ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان يىگىتلەر قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ .

مۆمىن تەقۋادار ياشلار چوڭلارنى ئۇلۇغلاپ ھۆرمەتلەيدۇ، كىچىكلەرگە كۆيىنىپ مەرھەمەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئىنساننىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىدىغان، گۇناھقا ئېلىپ بارىدىغان يامان سۆز چىقمايدۇ. يىزىدىن تەبەسسۇم بىلەن نۇر يېغىپ تۇرىدۇ . ئۇلار ئىمانىنىڭ تەقەززاسى بولغان ئېسىل ئەخلاق لىباسىنى كىيىپ، كىچىكلەرنىڭ ئەخلاقسىزلىقىدىن، چوڭلارنىڭ ئازغۇنلىقىدىن يىراق بولىدۇ. بۇنداق پەزىلەتلىك ياشلار ئاللاھ تائالانىڭ ئەرشىسىنىڭ سايىسىدا بولۇشقا لايىقتۇر .

3 قەلبى مەسجىدگە باغلانغان كىشى ئۇ ،بەش ۋاقىت نامازنى مەسجىددە ئوق ۇيدىغان، مەسجىدنى رېمۇنت قىلىدىغان ۋە مەسجىددە ئىتىكاب قىلىدىغان كىشىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : اللەنىڭ ئۇلۇغلىنىشى ۋە ئىسمىنىڭ ياد ئېتىلىشى بۇيرۇلغان مەسجىدلەردە مۆمىنلەر ئەتىگەن ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ . ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى، سودا سېتىق ئۇلارنى اللەنى زىكىر قىلىشتىن، ناماز ئۆتەشتىن، زاكات بېرىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمايدۇ . ئۇلار دىللار ۋە كۆزلەر قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغان كىندىن )قىيامەت كىنىدىن ( قورقىدۇ . اللەنى ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە مۇكاپات بەرسۇن ۋە ئۆزىنىڭ پەزلىدىن ئاشۇرۇپ بەرسۇن دەپ ئۇلار شۇنداق ئىبادەتلەرنى قىلىدۇ. ئاللاھ خالىغان ئادەمگە ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ.« ]سىرە نۇر: 36 38 ئايەتلەر [

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ :

 اللەنىڭ مەسجىدلىرىنى پەقەت اللەغا، ئاخىرەت كىنىگە ئىمان ئېيتقان، ناماز ئۆتىگەن، زاكاتبەرگەن، اللەدىن باشقىدىن قورقمايدىغان كىشىلەرلا ئاۋات قىلىدۇ . ئەنە شۇلارنىڭ ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولۇشى كۆزدە تۇتىلىدۇ.] سىرە تەۋبە: 18 ئايەت [

ئىسلام جەمئىيىتىدە مەسجىد بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ . بىر يەردە مەسجىد بولىدىكەن ئۇ يەردە مۇسۇلمان بار دېگەن سۆز . شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندا، بىرىنچى قېتىم قىلغان ئىشى مەسجىد سېلىش بولغان ئېدى . ئۇ چاغدا مەسجىد كىنىمىزدىكى پارلامېنت، مەدرىسە، مەھكىمە رۋلىنى ئوينايتتى . ەئينى زاماندا مەسجىد مۇسۇلمانلارنى بىر يەرگە توپلايدىغان ، ئىتتىپاق ئىناق بىر جامائەت مەيدانغا كەلتىرىدىغان ناھايىتى مۇھىم ئورۇن . مەسجىددە باي كەمبەغەل، كاتتا كىچىك ھەممە ئادەم بىر سەپتە يانمۇ يان تۇرۇپ ئاللاھ تائالاغا ئوخشاش سەجدە رۇكۇ قىلىدۇ. شۇڭا دائىم مەسجىدنى تاشلىمايدىغان كىشىنىڭ مۇكاپىتى موشۇنداق چوڭ بولىدۇ .

4 ئاللاھ ئۈچۈن دوست بولغانلار ، ئىسلامدا دوستلۇق دىشمەنلىكنىڭ ئۆلچىمى ئاللاھ نى دوست تۇتۇش، اللەغا دىشمەن بولۇش بىلەن بەلگىلىنىدۇ . مۇسۇلمان كىشىنىڭ اللەنى سۆ يگەن كىشىنى دوست تۇتۇشى، اللەغا دىشمەن بولغان ئىنساننى دوست تۇتماسلىقى كېرەك. مانا بۇ ھەقىقىي دوستلۇق بول ۇپ، ئاخىرىغىچە داۋام قىلىدۇ . ئەمما باشقا مەخسەت بىلەن دوست بولغانلار مەنپ ەئىتىگە زىيان يەتكەن ھامان بىر بىرىگە دىشمەن بولىدۇ. دوستلۇق داۋاملاشمايدۇ .

ئاللاھ تائالا ئۈچۈن دوست بولۇشقانلار قىيامەت كۈنى نۇردىن ياسالغان مۇنبەرنىڭ ئىستىدە بولىدۇ. قىيامەت كۈنى ھەر ئادەم ئۆز دوستى بىلەن ھەشر قىلىنىدۇ . بىر ئادەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ”قىيامەت كۈنى قاچان بولىدۇ؟ “ دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : قىيامەت كۈنى ئۈچۈن نېمە تەييارلىدىڭ؟ « دېدى . ھېلىقى كىشى ”ھېچ نەرسەم يوق، لېكىن مەن اللەنى ۋە پەيغەمبىرىنى بەك ياخشى كۆرىمەن “ دېگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ» : سەن ياخشى كۆرگەن كىشىڭ بىلەن بىرگە بولىسەن « دېدى . ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ”رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ سۆزىگە بەكمۇ خۇرسەن بولدۇق، مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى، ئەبۇ بەكىرنى ۋە ئۆمەرنى ياخشى كۆرىمەن، ئۇمىد قىلىمەنكى قىيامەت كۈنى ئۇلار بىلەن بىرگە بولغايمەن “ دېگەن . ]بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان [ سوفى ئاللاھ يار

مۇنداق دەيدۇ :

قىيامەت كىن قوشۇلسا جان بىلەن تەن، قوپار ھەر ئادىمى ئۆز دوستى بىرلەن .

بىر بىرىنى ئاللاھ ئۈچۈن دوست تۇتقان جەمئىيەتتە ئۆزئارا مۇھەببەت، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق مۇستەھكەم بۇلۇپ، دىشمەنلىك، بۆلىنىش، ئىتتىپاقسىزلىق يوقىلىدۇ ۋە پاراۋانلىق، بەخت س ائادەت بولىدۇ .

5 ن زى ادىن ئۆزىنى ساقلىغان كىشى ، كىشىلەر كۆرگەندىمۇ، يالغۇز قالغاندىمۇ اللەدىن قورقىدىغان ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بەندىنى دائىم كىزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىر مىنۇتمۇ ئېسىدىن چىقارمايدىغان كىشى ھەقىقىي سادىق مۇسۇلمان بولىدۇ . دىشمەننى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، نەپسىنى يەڭگەن باتۇر . باي، مەنسەپلىك، ساھىبجامال ، چىرايلىق ياسانغان ئايال ئۆزىگە چاقىرسا، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولۇشقا ھېچقانداق توسالغۇ قالمىغان ، ئۇلارنى كىزىتىپ كۆرىپ قالىدىغان ۋە باشقىلارغا چېقىپ قويىدىغان ھېچبىر كىشى بولمىغان ۋە نەپسى قاتتىق ئارز ق ۇىلىۋاتقان ھالەتتە پەقەت اللەدىن قورقۇپ ، نەپسى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەي گۇناھتىن ساقلانغان كىشى مانا موشۇنداق ئەرشىنىڭ سايىسىدا بولۇش شەرىپىگە ئېرىشىدۇ. گۇناھتىن ئۆزىنى تارتىش ئىبادەت قىلىشتىن تەس. شۇڭلاشقا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : ماڭا ئىككى ساقال ئارىسىدىكى ۋە ئىككى يۋتا ئارىسىدىكى نەرسىنى )تىل بىلەن ئەۋرەتنى( ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلساڭلار، مەن جەننەتكە كىرىشىڭلارغا كاپالەتلىك قىلىمەن « دېگەن . ]بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان [

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ :

 ئۇلار)جەننەتكە كىرىدىغانلار ( ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچىلاردۇر . )يە نى ئەۋرەتلىرىنى ( پەقەت خوتۇنلىرىدىن، چۆرىلىرىدىن باشقىلاردىن ساقلىغۇچىلاردۇر . )خوتۇنلىرى ۋە چۆرىلىرى بىلەن يېقىنچىلىق قىلغۇچىلار ( مالامەت قىلىنمايدۇ . بۇنىڭ سىرتىدىن )جىنسىي تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشنى( تەلەپ قىلغۇچىلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر. ]سىرە مۆمىنۇن: 5 7 ئايەتلەر [

6 مەخپىي سەدىقە قىلىدىغان كىشى، ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى دەرىجىدە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئۆزئارا دوستلۇق پەيدا قىلىش ئۈچۈن بايلارغا زاكات بېرىشنى پەرز قىلغان. ئۇنىڭ تېشىدا ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى كىشىلەر ئاجىز كە ،مبەغەل، يوقسۇل، بالا چاقىسى كۆپ بېچارىلەرگە ۋە مەسجىد، مەدرەسە ، يول، دوختۇرخانىغا ئوخشاش ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىگە ئىشلىتىدىغان ئورۇنلارغا سەدىق ە قىلىشقا تەرغىب قىلغان . بۇنداق سەدىقىلەرنى بەرگەندە، رىيادىن ساقلىنىش ۋە سەدىقە ئالغۇچىنىڭ ئىززەت، ئابرويىنى چىشىرمەسلىك ئۈچۈن مەخپىي بېرىش ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ساۋابلىق بولىدۇ . چۈنكى قىلغان سەدىقىنى ئاللاھ تائالا كۆرىپ تۇرىدۇ ۋە مۇكاپ اتىنى ئۆزى بېرىدۇ . كىشىلەر كۆرمىسىمۇ، سەدىقە بەرگىچىنىڭ ھەققىدە دۇئا قىلمىسىمۇ، ئاللاھ تائالا بەندىنىڭ قىلغان ياخشىلىقىلىرىنى قەتئىي زايا قىلى ۋەتمەيدۇ . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ » : سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن يېرىم خورما بىلەن بولسىمۇ دوزاختىن ساقلىنىشقا كىچى يېتىدىغان كىشى شۇنداق قىلسۇن ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان [

سەدىقىنى ئاز كۆرمەسلىك كېرەك . كۆپ بېرەلىسە ناھايىتى ياخشى. ئۇنىڭغا قۇربى يەتمىسە ئاز بولسىمۇ قولىدىن كېلىشىچە سەدىقە قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئىخلاسىغا قاراپ ساۋابىنى نەچچە ھەسسە كۆپەيتىپ بېرىدۇ . ئەگەر سەدىقە بەرگىچى ياخشىلىق دەرۋازىسىنى كەڭ ئېچىش، كىشىلەرنى ياخشى ئورۇنلارغا سەدىقە قىلىشقا رىغبەتلەندىر ىش ۋە ئۆزىگە باشقىلارنى ئەگەشتىرىش مەقسىتىدە سەدىقىنى ئاشكارا بەرسە بولىدۇ . چۈنكى بۇنىڭدا باشقىلارنىڭ ياخشى ئىشلارغا ياردەم قىلىشىنى قولغا كەلتىرىشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن رىيا بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : سەدىقىنى ئاشكارا بەرسەڭلار، بۇ ياخشىدۇر. ئەگەر ئۇنى مەخپىي بەرسەڭلار ۋە يوقسۇللارغا بەرسەڭلار تېخىمۇ ياخشىدۇر. بۇ، سىلەرنىڭ بەزى گۇناھلىرىڭلارغا كەففارەت بولىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.] سىرە بەقەرە: 271 ئايەت [

7 يالغۇز يەردە اللەنى ياد ئېتىپ يىغلايدىغان كىشى، ئاللاھ تائالانىڭ بەرگەن نازۇ نېمەتلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتىرگەن ، ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ۋە گۇناھلىرىنىڭ كۆپلىكىنى ھېس قىلغان كىشى، ئىختىيارسىز يىغلايدۇ . بۇ يىغلاش جامائەت ئىچىدە بولسۇن ، يالغۇز يەردە بولسۇن قەلبى يۇمشاق كىشىلەردىن سادىر بولىدۇ . لېكىن سەھەر ۋاقىتلىرىدا، ھەممە ئادەم ئۇيقىدا ئىكەن ئۆزى يالغۇز ئاللاھ تائالانىڭ ئەزىمەت جالالىدىن ئەيمىنىپ، ئازابىدىن قورقۇپ ۋە چەكسىز رەھمىتىدىن ئىمىد قىلىپ يىغلىغان كىشى قىيامەت كۈنى يىغلىمايدۇ . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن » : اللەدىن قورقۇپ يغلىغان كىشى دوزاخقا كىرمەيدۇ.« ]بۇ ھەدىسنى ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان [

كاشكى پىتىن مۇسۇلمانلار يىغلىيالىساق . ئەھۋالىمىزنىڭ خارابلىشىپ، ئەخلاقىمىزنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشى نەتىجىسىدە اللەنىڭ ئۇلۇغ دىنىنىڭ ئاياغ ئاستى بولغانلىقىغا يىغلىساق .

ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى تولۇقى بىلەن ئىجرا قىلماي، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئە لەيھى ۋەسەللەمنىڭ سىننىتىگە ئەمەل قىلماي خورلانغىنىمىزغا يىغلىساق . كەمچىلىكىمىزنى تونۇپ تەۋبە قىلىشنىڭ ئورنىغا، خاتالىقتا چىڭ تۇرىۋاتقانلىقىمىزغا يىغلىساق، ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىدىن قورقۇشنىڭ ئورنىغا كاپىردىن مەدەد تىلەپ يېلىنىپ يالۋۇرغىنىمىزغا يىغلىساق ھا . لىمىز شىنچىلىك ئېچىنىشلىقكى، ئەگەر ھايۋاناتلارنىڭ تىلى بولسا، بىزنىڭ ھالىمىزغا يىغلايتتى .

ئى پەرۋەردىگارىم ! بىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت سائادەتكە ئېرىشتىرگىن . بۇدۇنيادا ھەق يولدا مېڭىپ رازىلىقىڭغا ئېرىشىدىغان راستچىل مۇسۇلمان بولۇشنى نىسىپ قىلغىن ، قىي امەت كۈنى غەزىبىڭگە ئۇچراپ كېتىشتىن ساقلىغ . نىبىزنى قىيامەت كۈنى ئەرشىنىڭ سايىسىدا تۇرىدىغانلار قاتارىدىن قىلغىن، ئاخىرى بارىدىغان جايىمىزنى جەننەت قىلغىن. ئامى !ني

ئىزاھات تېكىستى كىرگۈزۈلمىگەن.

1414-ھەدىس: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غەيبتىن خەبەر بەرگەنلىكى توغرىسىدا#

ھەزرىتى ئىمران ئىبنى ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار مېنىڭ ئەسرىمدە ياشىغان كىشىلەردۇر، ئۇلاردىن قالسا ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەسىردە ياشىغان كىشىلەردۇر، ئۇلاردىن قالسا ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەسىردە ياشىغان كىشىلەردۇر، ئۇلاردىن قالسا ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەسىردە ياشىغان كىشىلەردۇر« ئىمران” : رەسۇلۇللاھ ئۆز ئەسرىنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن ئىككى ئەسىر دېدىمۇ ياكى ئىچ ئەسىر دېدىمۇ بىلمەيمەن “ دېدى . رسۇلۇللاھ »ئۇنىڭدىن كېيىن شۇنداق بىر خەلق كېلىدۇكى، ئۇلار گۇۋاھلىققا تارتىلمىسىمۇ ئۆزلىگىدىن گ ۇۋاھلىق بېرىدىغان، خىيانەتكار، ئىشەنچسىز، اللەغا قىلغان ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدىغان ئادەملەردۇر، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سېمىزلىك ئاشكارا كۆرىلىدۇ .« دېدى . ]بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت. ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇ: رى6427 [

ئەسىر يۈز يىل دېگەن بۇلۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ »مېنىڭ ئەسرىمدە ياشىغانلار« دېگەن سۆزىدىن ساھابە كىراملار مەقسەت قىلىنىدۇ» . ئۇلاردىن قالسا ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەسىردە ياشىغان كىشىلەردۇر، « دېگەن سۆزىدىن تابىئىين يەنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولغاندىن كېيىن مۇسۇلمان بۇلۇپ ساھابە كىراملار بىلەن كۆرىشكەن كىشىلەر مەقسەت قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككىنچى قېتىم »ئۇلاردىن قالسا ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەسىردە ياشىغان كىشىلەردۇر،« سۆزىدىن تەبئى تابىئىين يەنى ساھابە كىراملار بىلەن كۆرىشىش شەرىپىگە ئېرىشەلمىگەن، تابىئىنلار بىلەن كۆرىشكەن مۇسۇلمانلار يەنى ئىسلام تارىخىدا ئىچىنچى ئەسىردە ئۆتكەن مۇسۇلمان كۆزدە تۇتۇلىدۇ .

ئەڭ ياخشى ئەسىر جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياشىغان ئەسىر بۇلۇپ، ئۇ دەۋرىدە ئىسلام بىلەن شەرەپلەنگەن ساھابە كىراملار شەرىئەتكە ئەمەل قىلىشتا، ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشتا، گىزەل ئەخلاقتا، ئىلىم مەرىپەتتە، ئادالەتتە، ھەق يولدا ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلىرىنى تەرەددۇتسىز قۇربان بېرىشتە گۇيا ئاللاھ تائالانىڭ يەر يىزىدىكى پەرىشتىلىرى ئىدى . ئاللاھ تائالا ئۇلارنى قۇرئان كەرىمدە مەدھىيىلەپ مۇنداق دېگەن :  مۇھەممەد اللەنىڭ رەسۇلىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۆمىنلەر كۇففارلارغا قاتتىقتۇر، ئۆزئارا كۆيىمچاندۇر، ئۇلارنى رۇكۇ قىلغان، سەجدە قىلغان ھالدا كۆرىسەن. ئۇلار اللەنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ يىزلىرىدە سەجدىنىڭ ئەسىرىدىن نىشانلار بار.] سىرە فەتھ: 29 ئايەت [

ئۇلار ياخشىلىقنى ئۆزى قىلىپلا قالماستىن بەلكى بارلىق ئىنسانلارنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلىپ يامانلىقتىن ئاگاھلاندۇراتتى، بۇ يولدا كەلگەن ھەر تۈرلۈك جەۋرى جاپالارغا بەرداشلىق بېرىپ ھەقنى بەرپا قىلىشتا ھېچكىمنىڭ مالامەت قىلىشىدىن قورقمايتتى . چۈنكى ئۇلارنىڭ پىتىن ئارزۇسى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئىدى . ئاللاھ تائالا رازى بولسا پىتىن دۇنيا خەلقى نارازى بولسا ھېچ كېرىكى يوق، پىتىن دۇنيا خەلقى رازى بۇلۇپ، ئاللاھ تائالا نارازى بولسا ھېچ پايدىسى يوقم . انا بۇ ساھابە كىراملارنىڭ ۋاز كەچمەس پرىنسىپى ئىدى . شۇڭا ئۇلار ئاللاھ تائالانى رازى قىلىش يولىدا ھېچنەرسىدىن قورقمايتتى . ئۇلارنىڭ دەيدىغىنى خۇددى ھەزرىتى خۇبەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شېھىت قىلىنىش ئالدىدا ئېيتقان مۇنۇ سۆزىدۇر : ئىلاھىم ماڭا بەرداشلىق ئاتا قىلغىنكى، دىشمەنلەر ئازابلاشلار بىلەن تىلدى شىلىپ گۆشتۇمنى ئۇستخاندىن .

خۇدانىڭ يولىدا ئۆلدىم ئەگەر ئۇ خالىسا شەكسىز، ئورۇن ئالغاي بۇ قىينالغان ۋۇجۇدۇم باغۇ رىزۋاندىن .

مېنى قىستاشتى ئىماندىن يېنىشقا، يىغلىمايمەن ھېچ، ئۆلىشكە رازىمەنكى، يوق يېنىش ھەرگىزمۇ ئىماندىن .

ئۆلىمدىن زادى قورقمايمەن، ياشامتىم مەڭگى ئۆلمەستىن، ئۆلىم مىڭ ياخشى ئاسىيلىق قىلىپ دەۋزەختە يانغاندىن .

خۇدا دەرگاھىغا قايتقۇم، پىسەنت قىلمايمەن دىشمەنگە، ئىگىپ باش ياۋغا قىلمايمەن خوشامەت قىلچە يالغاندىن .

پەقەت ئىمان بىلەن كەتسەملا بولدى، يوقكى پەرۋايىم شېھىت بۇلۇپ يىقىلسام سول تەرەپتىن ياكى ئوڭ ياندىن ∗.

ساھابە كىراملاردىن كېيىن كەلگەن تابىئىينلار ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەنلەرمۇ ساھابە كىراملارنىڭ يوللىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، شۇلار ماڭغان يولدا مېڭىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ مۇقەددەس دىنى ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شانلىق سىننىتىنى تارقىتىش يولىدا جانلىرىنى، ماللىرىنى قۇربان بەرگەن زاتلار ئىدى . شۇلارنىڭ مىسلىسىز تىرىشچانلىقى، تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان پىداكارلىقلىرى بولمىغان بولسا بىز مۇسۇلمان بولۇش دېگەن بۇ ئۇلۇغ شەرەپكە ئېرىشەلمىگەن بولاتتۇق . شۇڭلاشقىمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يۇقىرىدىكى ھەدىسىدە بىزگە ئۇلارنىڭ پەزىلىتىنى تەكىتلەپ كۆرسەتكەن . ∗ سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى ئىزاھات ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى: 381 بەت .

كېيىنكىلەرچۇ خۇددى ئاللاھ تائالا دېگەندەك ناچارلىشىپ كەتتۇق :

 ئۇلار كەتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئورنىنى باسقان ئورۇنباسارلار نامازنى تەرك ئەتتى، نەپسىخاھىشلىرىغا ئەگەشتى، ئۇلار قىيامەتتە گۇمراھلىقىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ .] سىرە مەريەم: 59 ئايەت [

شۇنداق، كېيىنكىلەر شۇنداق ناچارلىشىپ كەتتۇقكى، پىتىن ناچار ئىللەت، يامان ئادەت، ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىك، ھەسەتخورلۇق، يالغانچىلىق، خىيانەت، ساتقۇنلۇق بىزدىن تېپىلىدۇ .

ھاكىملار مۇستەبىد، بايلار ئىنساپسىز، ئۆلىمالاردا تەقۋا يوق، تالىبلاردا تائەت يوق. مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە ناھەقچىلىك ئەۋج ئالغان، ئادالەت يوقالغان، شۇڭلاشقا خارلىق ئىچىدە قالغان .

جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يۇقىرىدىكى سۆزىدە كېيىنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ناچارلىشىپ كېتىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ » : ئۇنىڭدىن كېيىن شۇنداق بى ر خەلق كېلىدۇكى، ئۇلار گۇۋاھلىققا تارتىلمىسىمۇ ئۆزلىگىدىن گۇۋاھلىق بېرىدىغان، خىيانەتكار، ئىشەنچسىز، اللەغا قىلغان ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدىغان ئادەملەردۇر، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سېمىزلىك ئاشكارا كۆرىلىدۇ .« دېگەن . دەر ۋەقە ھازىر شۇنداق زامان بولدى . ھېچكىمگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ . بەزى مۇسۇلمانلار شىنچىلىك راھەتپەرەس بۇلۇپ كەتكەنكى، يەپ ئىچىپ قۋرسىقىنى يوغىتىپ ئولتۇرۇشنىلا بىلىدۇ . خەلقى ئۈچۈن، دىنى ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلىنسا، راھىتىمگە دەخلە يېتىپ قالامدىكىن دەپ، مىڭ بىر خىل باھانىلارنى كۆرسىتىدۇ .

گەپنى كۆپ قىلغاننىڭ پايدىسى يوق. شۇنى قەتئىي بىلىش لازىمكى، بىز نەپسى خاھشىمىزنى يېڭىپ، بارلىق ئىش ھەرىكەتلىرىمىزنى قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇنلاشتۇرمايدىكەنمىز، بۇرۇنقى ساھابە كىراملاردەك چىن مۆمىن بۇلۇپ، يوقالغان ئىززەت ئابرۇيىمىزنى قولىمىزغا ئالمايدىكەنمىز، بىزنىڭ مەن مۇسۇلمان دېگىنىمىز قۇرۇق دەۋا بۇلۇپ ھېچنەرسىگە ئەسقاتمايدۇ . بىزنىڭ بۇ قۇرۇق دەۋايىمىز بىزنى ھەم بۇ دۇنيادا ھەم ئاخىرەتتە خار قىلىدۇ. بۇ دۇنيادا ئەمەلىيەتتە خارلىنىۋاتىمىز، ئاخىرەتتىكى ئازاب بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە قاتتىق . مەيلى ئىشىنەيلى، مەيل ى ئىشەنمەيلى بۇ بىر ھەقىقەت . شۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقىي، چىن مۆمىن بولۇشتىن باشقا چارە يوق، چىن مۆمىن بولۇش يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ئاغزىمىزدا مەن مۇسۇلمان، مەن مۆمىن دەپ قويۇش بىلەن بولمايدۇ .

ئى رەھىملىك پەرۋەردىگارىمىز ! بىز ئازغۇن قۇللىرىڭنى ھەق يولۇڭغا ھىدايەت قىلىپ، ھەقىقىي مۆمىن، مۇسۇلمان بولۇشقا مۇۋەپپەق قىلغىن . بىزگە ھەقىقەتنى ھەقىقەت كۆرسىتىپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىشنى، باتىلنى باتىل كۆرسىتىپ ئۇنىڭدىن يىراق بولۇشنى نىسىپ قىلغىن . ئامىين !

1515 ۋە 16-ھەدىسلەر: مۇناپىقنىڭ سۈپىتى توغرىسىدا#

ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ل ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جانابى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن ت» : ۋت خىسلەت، بار ئۇ كىمد ە بولسا خالىس مۇناپىق بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ئوت خىسلەتتىن بىرى كىمدە بولسا، ئۇنى تاشلىمىغۇچىلىك ئۇنىڭدا مۇناپىقنىڭ بىر سىپىتى بولغان بولىدۇ تئۇ . ۋت خىسلەت : ئامانەت قويۇلسا خىيانەت قىلىدۇ، گەپ قىلسا يالغان سۆزلەيدۇ، ۋەدە قىلسا خىلاپلىق قىلىدۇ، تارتىشىپ قالسا ئاغ زىنى بۇزىدۇ.« ]بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت . ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:34[

تەرجىمىسى :

ھەزرىتى ئەبۇ ھۇر يرە ەرەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن نمۇ » : اپىقنىڭ ئىچ ئالامىتى بار : گەپ قىلسا يا لغان گەپ قىلىدۇ، ۋەدە قىلسا خىلاپلىق قىلىدۇ، ئامانەت قويۇلسا خىيانەت قىلىدۇ .« ]بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت. ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى 33[

مۇناپىقنىڭ لۇغەت مەنىسى ، بىر ئىشىكتىن كىرىپ، يەنە بىر ئىشىكتىن چىقى پ كەتكەن دېگەن بولىدۇ . ئۇنىڭ شەرىئەتتىكى ئىستىلاھ مەنىسى ”دىلىدا كىپرۇنى يوشۇرۇپ تۇرۇپ ئاغزىدا مەن مۇسۇلمان دەيدىغانلاردۇر “ ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇناپىقلارغا ل ەنەت ۇقئوغان ، ئۇلارنى سۆككەن ۋە ئۇلارغا ئاخىرەتتە ناھايىتى قاتتىق ئازاب بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش بەرگە. نئۇلارنى دىلىدا يوق نەرسىنى تىلىدا دەيدۇ، ئۆزلىرى ئىشەنمەي تۇرۇپ اللەغا ۋە ئاخىرەت كىنىگە ئىشىنىمىز دەپ دەۋا قىلىدۇ دەپ سىپەتلىگەن. مۇناپىقلارنىڭ قىلىقى ئالداش، ساختا قىلىش ، يالغان سۆزلەش، غ ەيبەت قىلىش، گەپ توشۇش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماسلىق، بەرگەن سۆزىدە تۇرماسلىق ، ئەھدىنى بۇزۇش، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا ئاداۋەت سېلىش ئارقىلىق يەر يىزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، بىخىل، بەدىنىنىڭ سېمىزلىقى، كىيىمىنىڭ پاكىزلىقى ۋە سۆزىنىڭ تاتلىقلىقى بىلەن تاشقى كۆرىنىشى چىرايلىق، م ۇتەكەببىرلىك، ھەسەتخورلۇق، رىياكارلىق ۋە باشقاكىىخسىپي ئىللەتلەر بىلەن ئىچى زەھەر قەبىھ ئىنسانلاردۇر .

ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى مۇناپىقلاردىن ھەزەر قىلىشقا چاقىرىپ

مۇنداق دېگەن :

 ئۇلارغا قارايدىغان بولساڭ، بەدەن قۇرۇلۇش ى، سالاپەتلىكى سېنى ھە يران قالدۇرىدۇ . ئەگەر ئۇلار سۆزلىسە، سۆزىنىڭ پاساھەتلىكىدىن سۆزىگە قۇلاق سالىسەن، ئىلىمسىز ۋە ئەقىلسىزلىكت ە گۇيا ئۇلار تامغا يۆلەپ قويۇلغان چىرىپ كەتكەن ياغاچلاردۇر . ئۇلار قورقۇنچتىن ھەر قانداق ئاۋازن ى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان دەپ گۇمان قىلىدۇ . ئۇلار ساڭا ۋە م ۆمىنلەرگە دىشمەندۇر . ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلىگىن، ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلسۇن! ئۇلار قانداقمۇ ھىدايەتتىن گۇمراھلىققا بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟! ]سىرە مۇنافىقۇن: 4 ئايەت [

مۇناپىقلارنىڭ ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا بولغان خەتىرى كاپىر لاردىنمۇ يامان . چۈنكى كاپىرنىڭ دىشمەنلىكى ئاشكار ا. ئەمما مۇناپىق مۇسۇلمان قېلىپىغا كىرىۋالغان زەھەرلىك يىلان بولغا چقا، كىشىلەر ئۇنىڭ تاشقى كۆر ىنىشىگە قاراپ ئۇنى دوست گۇمان قىلىپ ئىچكى سىرلىرىنى ئېيتىدۇ، قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ پىلانلىرىدىن ئۇنىڭغا خەۋەر بېرىدۇ . لېكىن ئۇ ئىككى يىزلىك دىشمەن ، بىر ي ىزى بىلەن دوست كۆر ىنىپ تۇرۇپ مەخپىيەتلىكلەرنى بىلىۋېلىپ ، ئاندىن يەنە بىر يىزى بىلەن نەشتىرىنى تىقىدۇ ندەئ . ەلىس، مۇسۇلمان تى رك مەملىكەتلىرى ۋە ەلپەستىن قاتارلىق ئىسلام دىيارلىرىنىڭ ھەممىسى مانا مۇشۇنداق مۇناپىقلارنىڭ سەۋەبى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدىن چىقىپ كەتكەن . ئىسلام تارىخىدا مۇنا پىقلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا سالغان زىيىنى ئاز ئەمەس . ئۇلار يالغاندىن ھەدىس تۋقۇپ چىقىپ مۇسۇلمانلارنىڭ پاك ئەقىدىسىنى بۇلغىغان . گەپ توشۇپ مۇسۇلمانلارنى پارچە پارچە بۆلىپ تاشلىغان . مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پىتن ەپاسات پەيدا قىلىش ئارقىلىق تاشقى دىشمەنگە يول ئېچىپ بەرگەن .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يوقىرىدىكى ھەدىستە مۇسۇلمانلارنى مۇنداق ناچار قىلىقتىن ئۆزىنى پاكلىسۇن, ئۆتىلىپ قالغان كەمچىلىكلىرى بولسا دەرھال تۆۋبە قىلىپ ئۆزىنى تىزەتسۇن , ئىككى يىزلىك مۇناپىقلاردىن يىراق تۇر سۇن ئۈچۈن بى ،زگە مۇناپىقلارنىڭ ئەڭ ئاشكارا ئالامەتلىرىدىن تۆتنى بايان قىلىدۇ . چۈنكى ۆتت ىب نەرسىگە ئادەتلەنگەن كىشىنىڭ ئىككى يىزلىك ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان بولىدۇ. گەپ قىلسا يا لغان گەپ قىلىپ كىشىلەرنى ئالدايدۇ . پۇل مال، سۆز ياكى سىر ئامانەت قويسا خىيانەت قىلىپ ئىشەنچ ە قىلغان كىشىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ . قىلمايدىغان ئىشقا ۋەدە بېرىپ، كېيىن ۋەدىسىدە تۇرمايدۇ . ئازراق بىر جىدەل بۇلۇپ قالسا ئاغزىنى بۇزۇپ سەت گەپلەر بىلەن تىللايدۇ. بۇنداق ئادەمنىڭ مەن مۇسۇلمان دەپ دەۋا قىلغىنى، ناماز ئوقۇغىنى، روزا تۇتقىنىنىڭ پايدىسى نېمە؟

ئاللاھ تائالا مۇناپىقلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ :

ىئ مۇھەممەد! مۇناپىقلارغا بېشارەت بەرگىنكى، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچ ار بولىدۇ. ئۇلار مۆمىنلەرنى قويۇپ ، كاپىرلارنى دوست تۇتىدۇ . ئۇلار كاپىرلارنىڭ قېشىدىن ئىززەت ۋە قۇدرەت تەلەپ قىلامدۇ؟ ئىززەت ۋە قۇدرەتنىڭ ھەممىسى اللەغا خاستۇر. ئاللاھ قۇرئاندا سىلەرگە نازىل قىلدىكى، سىلەر اللەنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقان ۋە مە سخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا , ئۇلار باشقا پاراڭغا كىرىشمىگىچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار , بولمىسا گۇناھتا ئۇلارغا ئوخشاش بۇلۇپ قالىسىلەر . ئاللاھ ھەقىقەتەن مۇناپىقلارنىڭ ۋە كاپىر لارنىڭ ھەممىسىنى جەھەننەمدە توپلايدۇ . مۇناپىقلار سىلەرگە ھادىسە كېلىشىنى كىتىدۇ . ئەگەر سىلەر اللەنىڭ نۇسرىتىگە ئېرىشسەڭلار , ئۇلار : »بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق؟ )كاپىرلاردىن ئالغانىنغەمەتلەردىن بىزگىمۇ بېرىڭلار (« دەيدۇ. ئەگەر كاپىرلار ز ەپەر تاپسا مۇ , ناپىقلار )كاپىرلارغا» ( بىز سىلەردىن غالىپ بۇلۇپ تۇرۇپ سىلەرنى ئۆلتىرمىدۇق ئەمەسمۇ؟ سىلەرنى مۆمىنلەردىن ساقلىمىدۇقمۇ؟« دەيدۇ. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئاراڭلاردا ھۆكىم چىقىرىدۇ . ئاللاھ كاپىرلارغا ھەرگىز مۆمىنلەرگە قارشى يول بەرمەيدۇ . شۇبھىسىزكى, مۇناپىقلار اللەنى ئ الدىماقچى بول ۇشىدۇ . ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىغا يارىشا جازا بېرىدۇ . ئۇلار ناماز ئۈچۈن تۇرغاندا، خىش ياقماسلىق بىلەن تۇرىدۇ , نامازنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقىيدۇ . اللەنى پەقەت ئازغىنا ياد ئېيتىدۇ. مۇناپىقلار كۆپرى بىلەن ئىمان ئارىسىدا ئار ىسالدى بۇلۇپ تۇرىدۇ, مۆمىنلەرگىمۇ، كاپىرلارغىمۇ مەنسۇپ ئەمەس . كىمنى ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئكەنى, ئۇنىڭغا ھەزگىزمۇ توغرا يول تاپالمايسەن. ]سىرە نىسا: 138 دىن143 ئايەتغىچە [

ئاللاھ تائالا بىزنى بۇنداق يامان ئاقىۋەتكە ئاپىرىدىغان ناچار ئىللەتلەردىن ساقلىسۇن! ئامى !ني

1717-ھەدىس: راستچىل بولۇش توغرىسىدا#

ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : راست سۆزلەڭلار ! چۈنكى راستچىللىق ياخشىلىققا باشلايدۇ ۋە ياخشىلىق جەن ە كتنەئېلىپ بارىدۇ . كىشى داۋاملىق راست سۆزلىسە ۋە راست سۆزلەشكەې ترىشسا، ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە راستچىل كىشى دەپ يېزىلىدۇ. يالغان سۆزلەشتىن ساقلىنىڭلار! چۈنكى يالغان سۆز گۇناھقا باشلايدۇ ۋە گۇناھ دوزاقا خئېلىپ بارىدۇ . كىشى ھەمىشە يالغان سۆزلىسە ۋە يالغان سۆزلەشكە ئۇرۇنسا، ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە يالغانچى ئادەم دەپ يېزىلىدۇبۇ ] «.ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت .

ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى:6591[

راست سۆزلەش سۆزنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولغانلىقى بۇلۇپ , ئىنساننىڭ ئەڭ ئېسىل سىپەتلىرىدىن بىرى. دۇرئىمام غ ازالى ”ئىھيائۇ ئۇلۋمىددىن“ ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ : ”بىلگىنكى, راستچىللىق ئالتە مەنىدە ئىستېمال قىلىنىدۇ، ئۇلار : سۆزدە راستچىل بولۇش، نىيەتتە راستچىل بولۇش، ئىرادىدە راستچىل بولۇش، ئىرادىگە ۋاپا قىلىشتا راستچىل بولۇش، ئىشىدا راستچىل بولۇش ۋە دىنىنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئادا قىلىشتا راستچىل بولۇش . تۇركىمكى بۇ ئالتە نەرسىدە راستچىل بولسا: ”ئۇ , سىددىق“ دەپ ئاتىلىدۇ “.

ئىنسان ھەق بولسۇن باتىل بولسۇن قانداق نەرسىگە ئادەتلەنسە، كىشىلەر ئۇنى ئاشۇ ئادىتى بىلەن تون ۇيدۇ ۋە ئۇنىڭغا قارىتا ئۇنى م ەدھىيىلەيدۇ ياكى سۆكىدۇ . ئىنساننىڭ تونۇ لۇشقا تېگىشلىك ئەڭ ئۇلۇغ سىپىتى راستچىل بولۇش ۋە يالغاندىن ئۆز ىنى ساقلاش . تۇربۇنداق ئالىي سىپەت بىلەن سىپەتلىنىش كاپىر مۇسۇلمان، دىندار دىنسىز ھەممە ئادەمنىڭ مەتلۇبىدۇر. چۈنكى راستچىللىق ئادەمنىڭ كىشىلەر ئارىسىدىك ى يۈز ئابرۇيىنى كۆتىرىدۇ. ئۇنى ئاللاھ تائالانىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ىنەزرىدە ئالى مەرتىۋىگە چىقىرىدۇ .

سۆزىدە, بۇيرىقىدا, جاۋابىدا، زىكرىدەېئ ,لىشىداېب , رىشىدە راستچىل بولغان كىشى ئاللاھ تائالا ۋە ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە ئ, زىزەشەرەپلىك, ئىشەنچلىك بولىدۇ. ئۇنداق كىشىنىڭ گۇۋاھلىقى ياخشىلىق, ھۆكىمى ئادالەت , مۇئامىلىسى پايدىلىق , سۆھبىتى بەرىكەتلىك بولىدۇ . ئىشىدا راستچىل بولغان كىشى رىياكارلىقتىن , سىمئىدىن )يەنى قىلغان ئىشىنى باشقىلارغا ئاڭلىتىشتىن( يىراق بولىدۇ ، قىلغان ئىشىدا ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىدىن باشقا ھېچ نەرسە كۆزلىمەيدۇ. نامىزى، زاكىتى، روزىسى، جە ھجى، سىلە رەھىم قىلىشلىرى، ھىجرىتى , ى،ش ىسۆزل سىكىت قىلىش ى ۋە باشقا با رلىق ئىش ھەرىكەتلىرى پەقەت ئاللاھ ئىچىنلا بولىدۇ. ئاچچىق بولسىمۇ ھەقىقەتنى سۆزلەيدۇ. راست سۆزلەشتە كاتتىلارنىڭ كاتتىلىقىدىن ۋە مەخلۇقنىڭ كىچىدىن قورقمايدۇ. ئۇنىڭ بۇ قىلغان ئىشلىرى ئۇنى ياخشىلىققا ئاپىرىدۇ ۋە ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سىددىقلاردىن قىلىدۇ، قىيامەتكە بارغاندا ئۇنى جەننەتكە كىرگيزىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئارىلاشقانلار ئۇنىڭغا ئىشەنچە قىلىدۇ ۋە ئا ئىلىسىنى , مال مىلكىنى قورقماي ئۇنىڭغا تاپشۇرىدۇ . ئاللاھ تائالا

مۇنداق دەيدۇ :

ئى مۆمىنلەر! اللەدىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار. ]سىرە تەۋبە: 119 ئايەت [

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ :

 ئاللاھ ئېيتىدۇ» : بۇ كىن )يەنى قىيامەت كۈنى ( راستچىللا رنىڭ راستچىللىقى ئۆزىگە پايدا قىلىدىغان كىندۇر، ئۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردە مەڭگى قالىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ اللەدىن مەمنۇن بولىدۇ، بۇ زور بەختتۇر«. ]سىرە مائىدە: 119 ئايەت [

ئەپسۇسكى، بىزنىڭ جەمىئىيىتىمىزدە يالغ انچىلىق ئۇمۇملىشىپ كەتكەن اي , لغان سۆزلەش , يالغان قەسەم قىلىش , يالغان گۇۋاھلىق بېرىش ، ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالغان . ھالبۇكى , كاپىرلارب , ىتپەرەسلەر راستچىللىققا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ . ئۇلار راستچىللىقنىڭ پايدىسىنى تونۇپ يەتكەچ , دەىزۆس مۇئامىلىلىرىدە را ستچىللىق قىلىدۇ ۋە پرىنسىپىدە چىڭ تۇرىدۇ . شۇڭلاشقا ئۇلار مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ . ئۇلار ئىشەنچىلىك بولۇشتا بەزى مۇسۇلمانلاردىن نەچچە ھەسسە ئىستىن تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر مۇسۇلماننىڭ ئىشلەپ چىقارغان نەرسىلىرىنى ئالماي, يەھۇدىينىڭ، ئامېرىكنىڭى، گېرمانىي ەنىڭ ئىشلەپ چىقارغان ماللىرىنى قىممەت ئالىدۇ , ئۇلار تەرەققىي قىلىدۇ بىز ئا رقىدا قالىمىز . سەۋەبى راستچىل بولمىغانلىقىمىز ۋە مۇئامىلىدە كىشىلەرنى ئالدىغانلىقىمىزدۇر .

كىشى كۆپ يالغان سۆزلىسە , بولمىغان ۋەقەلەرنى بولدى دەپ خەۋەر بېرىشكە داۋام قىلسا ، ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ۋە خەلق ئالدىدا يالغانچى دەپ تونىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سۆزىنى ھېچكىم ئېتىبارغا ئالمايدۇ . ھېچكىم ئۇنىڭغا ئىشەنچە قىلمايدۇ . ئەگەر ئۇ ئالىم بولسا سۆزىگە ئىشەنمەيدۇ . سودىگەر بولسا جىڭ ،غاى ئۆلچىمىگە ئىشەنمەيدۇ . ھىنەرۋەن بولسا ئىشىنىڭ پۇختىلىقىغا ئىش ەنمەيدۇ.

دوختۇر بولسا ئۇستىلىقىغا ۋە سايمانلى رىغا ئىشەنمەيدۇ . ۋئادوكات بولسا ئۇنىڭ ئىقتىدارىغا ۋە دەۋادا يېڭىپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ . مانا موشۇنداق يالغانچى باشقىلارغا ك ۋلىغان ئورىغا ئا ۋۋال

ئۆزى چىشىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ :

ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى, ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى. ] سىرەئال ئىمران: 117 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [

ئىككى مۇسۇلماننىڭ ئارىسىنى ياراشتۇرۇش ئۈچۈن يالغان گەپ قىلىش ، ئۇرۇشتا دىشم ەننىڭ دىققىتىنى باشقا تەرەپكە بۇراش ئۈچۈن يالغان سۆزلەش ، جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقى ۋە ئۆي بۇزۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئايالىغا مەلۇم دائېرىدە يالغان ئېيتىش جائىزدۇر .

ئاتائانىلارنىڭ كىچىك بالىلىرىنى ئالد ” ى،شىبىر نەرسە ئېلىپ بېرىمەن “ دەپ ۋەدە قىلىپ ئېلىپ بەرمەسلىكى , ئۇلارنى بىلمەيدۇ دەپ يا لغان گەپ قىلىش ى توغرا ئەمەس . چۈنكى بالىلار ئاتا ئانىسىنىڭ بۇ قىلىقىنى كۆرىپ كىچىكىدىن يالغان سۆزلەشكە، ئاتا ئانىسىنى ئالداشقا كۆنىپ قالىدۇ. چوڭ بولغاندا يالغانچىلىق ئۇنىڭ ئايرىلماس ئەخلاقى بۇلۇپ قالىدۇ .

دېمەك ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشى , كىچلىك بول ۇشى , ئارزۇ قىلغان مەقسىتىگە ئېرىشىشى خەلقنىڭ ئەخلاقلىق بولۇشىغا , يالغان سۆزلىمەسلىكىگەىب بىر , رىنى ئالدىماسلىقىغا ، ھېلىگەرلىك قىلماسلىقىغا، ئىشنى پۇختا قىلىشىغا, راستچىل ۋە ئىشەنچلىك بولۇشىغا باغلىق .

ئاللاھ تائالا بىز مۇسۇلمانلار نى رەسۇلۇللاھغا ئەگىشىپ , ئۇ ەگ ئۆتكەن گىزەل ئەخلاقلار بىلەن ئەخلاقلىنىپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت سائادەتكە ئېرىشكىلى نەسىپ قىلسۇنئامى . !ني

1818-ھەدىس: ياخشى كىشىلەر توغرىسىدا#

ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : ئىنسانلارنى كانلارغا ئوخشاش كۆرىسىلەر، ئۇلارنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدە ياخشى بولغانلىرى، ئەگەر ئىسلامىي بىلىملەرنى ياخشى چى شەنسە، ئىسلامىيەتتىمۇ ياخشى كىشىلەر بولىدۇ . كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى ئىسلامنى ئەڭ يامان كۆرگەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرىسىلەر . كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ يامان ئادەمنىڭ، ئۇلارغا بىر خىل، بۇلارغا بىر خىل باقىدىغان ئىككى يىزلىمە ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرىسىلەر ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت . ھەدىسنىڭ

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە بىزگە ئىنسانلارنىڭ خاراكتىرىنى چىشەندىرىدۇ . ئىنسانلارنىڭ خاراكتىرى خىددى كاندىن چىققان مەدەنلەرگە ئوخشاش خىلمۇخىل بولىدۇ. كاندىن ئالتۇن، كىمىش، ئالماس قاتارلىق قىممەت باھالىق مەدەنلەر چىققاندەك، تۆمىر، كۆمىرگە ئوخشاش نەرسىلەرمۇ چىقىدۇ . خىددى شۇنىڭغا ئوخشاش ئەسلى نەسلى ياخشى، پاگىرى ئېسىل كىشىلەر مۇسۇلمان بول ۇشتىن بۇرۇنمۇ گىزەل ئەخلاقلىق، ئادالەت بىلەن ئىش قىلىدىغان، كىشىلەرنى ئالدىمايدىغان، باشقىلارنىڭ ھەققىنى يېمەيدىغان، ئىنساپلىق بولىدۇ . ئۇنداق تىگى تەكتى ياخشى كىشىلەر ھىدايەت تېپىپ مۇسۇلمان بولسا، ئىسلامىي ئىلىملەرنى ئوقۇپ، ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەندىن كېيى ن، تېخىمۇ ياخشى، ئېسىل سىپەتلىك، تائەت ئىبادەتكە سەل قارىمايدىغان كىشىلەر بۇلۇپ، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى پەرمانلىرىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن نەپسىنىڭ خاھىشىدىن كېچىش، كۆڭلى ئارزۇ قىلىپ تۇرسىمۇ گۇناھ ئىشلارنى تەرك ئېتىش ئېغىر كەلمەيدىغان بولىدۇ. بۇنداق ياخشى كىشىلەرنىڭ قولىدا ئۆسىپ يېتىلگەن ئەۋلاتلارمۇ، شۇنداق ياخشى، دىنى، ۋەتىنى ۋە جەمئىيىتى ئۈچۈن پايدىلىق كىشىلەر بۇلۇپ چىقىدۇ . ئۇنداق ئەۋلاتلار ئاتا ئانىلىرىغا ئەگىشىپ، ياخشى ئىشلارغا ئادەتلەنگەن، يامان ئىشلاردىن نەپرەتلىنىدىغان بولىدۇ . خىددى ئاللاھ تائالا دېگەندەك :  ئۆزلىرى ئىمان ئېيتقان، ئەۋلادلىرىمۇ ئەگىشىپ ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلار بىلەن تەڭ دەرىجىدە قىلىمىز، ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن قىلچىمۇ كېمەيتىۋەتمەيمىز، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا مەسئۇلدۇر] سىرە تۇر: 21 ئايەت [

بۇنداق ياخشى سىپەتلىك ئىنسانلار بۇرۇن ئىسلامىيەتنى يامان كۆرگەن بولسىمۇ، ئىسلامىيەتكە كىرىپ، ئۇنىڭدىكى ياخشىلىقنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، ئەڭ ياخشى كىشىلەردىن بولىدۇ . خۇددى خالىد ئىبنى ۋەلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشاش . ئۇنداق كىشى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى دىنىغا قايتىشنى قەتئىي ئويلىمايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن چىن كۆڭلىدىن نەپرەتلىنىدۇ . چۈنكى ئۇلار ئىسلامدى ن باشقا دىنلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ تەبىيئېتىگە ۋە پىتىن ئالەمنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان اللەنىڭ ئەمرىگە زىت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە چىن ئىشىنىدۇ .

يەر يىزىدە ئىككى يىزلىك مۇناپىقتىن يامانراق بىر ئىنسان بولمىسا كېرەك . چۈنكى ئۇ ساڭا دوست كۆرىنىپ، بارلىق سىرلىرىڭنى ئى گىنىۋىلىپ، دىشمىنىڭگە بېرىپ سېنى تۇتۇپ بېرىدۇ . ئۇ ئالدىڭدا سېنى ماختايدۇ، يوق يېرىڭدە غەيۋىتىڭنى قىلىدۇ . ئۇنىڭ ئادىتى غەيۋەت قىلىش، گەپ توشۇش ۋە ھەقىقەتنى بۇرمىلاش بۇلۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا بۆلگىنچىلىك سالىدۇ . ئەر ئايال ئوتتۇرىنى ئايرىپ بالىلارنى يېتىم قىلىدۇ. يېقىننى يىراق، دوستنى دىشمەن قىلىدۇ .

ئىككى يىزلىك مۇناپىق سېنىڭ قېشىڭدا ئولتۇرسا، ئۇنى سەمىمىي دوست ، ۋاپادار ئاغىنە دەپ ئويلايسەن، ئەگەر ئۇ يېنىڭدىن چىقسا سېنىڭ ھەققىڭدە قىلغان سۆزلىرى، ئۇبەينىڭ ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىدىن ئېشىپ كېتىدۇ . مۇناپىقنىڭ ئىسلام جەمئىيىتىگە بولغان زىيانكەشلىكى كاپىر دىشمەندىن يامان . چۈنكى كاپىرنىڭ دىشمەنلىكى ئاشكارا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ھەزەر قىلىسەن . ئەمما مۇناپىق خۇددى تېشى يۇمشاق ئىچى زەھەر يىلانغا ئوخشاش دىشمەنلىكى ئىچىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھىلە مىكىرلىرىگە ئالدىنىپ قالىسەن . شۇڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە »ئىنسانلارنىڭ ئەڭ يامىنى ئىككى يىزلىمىلىك ئىنسان « دەپ بىزنى ئىككى نەرسىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ : بىرى ئۆزىمىزنى بۇنداق ناچار قىلىقتىن پاكلاپ، ئىككى يىزلىمىلىك قىلماسلىق. يەنە بىرى ھۇشيار بۇلۇپ، مۇناپىقلارغا سىر بەرمەسلىك .

ئاللاھ تائالا بىزنى بۇنداق رەزىل ئەخلاققا گىرىپتار بۇلۇپ قېلىشتىن ۋە ئىككى يىزلىمىلىك مۇناپىقلارنىڭ ھى لەيمىكىرلىرىگە ئالدىنىپ زىيانغا ئۇچراپ كېتىشتىن ساقلىسۇن. ئامىين !

1919 ۋە 20-ھەدىسلەر: زالمىنىڭ جازاسى توغرىسىدا#

ھەزرىتى ئەبى مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : ئاللاھ زالىمغا مۆھلەت بېرىدۇ، ئۇنى تۇتقاندا ھەرگىز قاچۇرۇپ قويمايدۇ.« دېگەندىن كېيىن مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى : »پەرۋەردىگارىڭ زالىم يۇرتلار ئاھالىسىنى ھالاك قىلسا، ئەنە شۇنداق ھالاك قىلىدۇ . اللەنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن تولىمۇ قاتتىقتۇر ] «.سىرە ھۇد : 102 ئايەت[ ]بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت .

ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:4568[

تەرجىمىسى :

ھەزرىتى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : دىن قېرىندىشىڭغا زالىم بولسۇن، زۇلۇمغا ئۇچرىغان بولسۇن ياردەم قىلغىن« دېگەندە، بىر ئادەم يا ” :رەسۇلۇللاھ! زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىگىغۇ ياردەم قىلىمەن، زالىمغا قانداق ياردەم قىلىمەن؟ شۇنى ئېيتىپ بەرسىلە. دىې د “رەسۇلۇ» : لاھلئۇنى زۇلۇم قىلىشتىن توسساڭ، ئاشۇ ئۇنىڭغا ياردەم قىلغانلىق بولىدۇ « دېدى ] .بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت. ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:6801[

دۇنيادا زۇلۇم ئەڭ قورقۇنچلۇق جىنايەت بۇلۇپ، ئاقىۋىتى ئىنتايىن يامان ۋە جازاسى جەھەننەمدۇر. ئاللاھ تائالا ھېچ قاند اق جىنايەتنى زۇلۇمدەك قاتتىق چەكلىمىدى ۋە ئۇنىڭ ئازابىدەك قاتتىق ئازاب ۋەدە قىلمىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دە :دۇي  بىز ھەقىقەتەن زالىملار ئۈچۈن تىتىن پە ردىلىرى ئۇلارنى ئورىۋالىدىغان ئوتنى تەييارلىدۇق، ئۇلار تەشنالىقتىن سۇ تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشاش، يىزلەرنى كۆيدىرۋېتىدىغان ناھايىتى قىززىق سۇ بېرىلىدۇ. بۇ نېمىدېگەن يامان شاراپ! جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي. ] سىرە كەھف:29 ئايەت [

ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ :

 ئاللاھ خالىغان ئادەمنى رەھمىتىنىڭ دا ئېرىسىگە كىرگيزىدۇ . ئاللاھ زالىملارغا قاتتىق ئازابنى تەييارلىدى. ]سىرە ئىنسان: 31 ئايەت [

زۇلۇمنىڭ ئەڭ يامىنى اللەغا شېرىك كەلتىرىش، اللەدىنلا تىلەيدىغان نەرسىلەرنى باشقىلا ردىن تىلەشدۇر. لوقمان ئەلەيھىسسالام ئوغلىغا مۇنداق ۋەسىيەت قىلغان :  ئى ئوغۇلچىم! اللەغا شېرىك كەلتىرمىگىن، شېرىك كەلتىرىش ھەقىقەتەن ئېغىر زۇلۇمدۇر . ]سىرە لۇقمان:13 ئايەت [

ئىنسانلارغا قارشى زوراۋانلىق قىلىش، كىشىلەرنىڭ ھوقۋقىنى قولىدىن تارتىۋېلىش، كەچىرىم قىلىنمايدىغان ئېغىر جىنايەت بۇلۇپ، زۇلۇم قىلغۇچى، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ رازىلىقىنى ئالمىغۇچىلىك، ياكى ئېلىۋالغان ھەقل ىنەر ئۆز ئېگىسىگە قايتۇرۇپ بەرمىگىچىلىك، ئوقۇغان نامىزى، بەرگەن س ەدىقىلىرىەۋ ت ، بەئىستىغفارلىرىمۇ ئۇنىڭ گۇناھىغا كاپارەت بولمايدۇ . بۇلاڭچىلىق، ئوغرىلىق، جازانىخورلۇق، ئۆلچەم ۋە جىڭدا كەم زىيادە قىلىش، ئىشچىلارنى ئالداش، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش، قەرز بەرگىچىگە، شېرىكىگە، ۋەكىلىگە خىيانەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى زۇلۇمغا كىرىدۇ . بۇ جىنايەتلەرنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ جازاسىمۇ ھەر تۈرلۈك بولىدۇ .

ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى گۇناھلىرىدىن قايتىپ ت ەۋبە قىلىۋېلىشىغا پۇرسەت بېرىپ، زالىملارنىڭ جازاسىنى كېچىكتىرىدۇ . ئاللاھ تائ الانىڭ مۇھلەت بەرگەنلىكىنى كۆرگەن زالىم تۆۋبە قىلىشنىڭ ئورنىغا، زۇلۇم قىلىشقا داۋام قىلسا ۋە ھەددىدىن ئاشسا، ئاللاھ تائالا ئۇنى شۇنداق تۇتىدۇكى، قېچىپ قۇتۇلۇش مىمكۇن ئەمەس. ئاللاھ تائالا ئۇنى پىتىن ئالەمگە ئىبرەت بولىدىغان ھالەتتە شۇنداق

قاتتىق جازالايدۇ ۋە رەسۋا قىلىدۇ. بىر شائىر مۇنداق دەيدۇ :

تەرجىمىسى: ئامانەتنى ئادا قىلغىن، خىيانەت قىلىشتى ن ساقلانغىن ، ئادالەت قىلغىن، زۇلۇم قىلمىغىن، تاپقىنىڭ ھالال بولىدۇ . زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئوقىدىن ھەزەر قىل، چۈنكى ئۇنىڭ ئوقى دەل تېگىدۇ. شۇنى بىلگىنكى، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسى بىلەن ئاللاھ ئارىسىدا پەردە بولمايدۇ .

زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا ياردەم قىلىپ ھەققىنى ئېلىپ بېرىش ۋە زالىمنى زۇلۇم قىلىشتىن ۇتوسا ش ئ رقىلىق جەمئىيەتتە تىنچ ئامانلىق ۋە خاتىرجەملىك بولىدۇ. ئاجىز بېچارىلەر كىچلىك مۇتەكەببىرلەرنىڭ زوراۋانلىقىدىن، زۇلمىدىن ھىمايە قىلىنىدۇ .

ئىنسانلار نەپسى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ، ھەممە نەرسىگە ئۆزىلا ئىگە بولۇش، باشقىلارنى ئۆزىگە ئوخشاش ئىنسان قاتارىدا كۆرمەي قۇل قىلىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن زۇلۇم مەيدانغا كېلىدۇ . ئىسلام دا زۇلۇم قاتتىق مەنئى قىلىنغان ۋە زۇلۇم قىلغۇچىلا رنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى جازاسى ئىنتايىن ئېغىر قىلىنغان. ئىسلام مۇسۇلمانلارغا ھەر دائىم تەۋەسى يەىلقىدىغان نەرسە ، قېرىنداشلىق، قېرىنداشلىق، قېرىنداشلىق .تۇرنېمە ئۈچۈن ؟ چۈنكى كىشىلەرنىڭ قەلبىدە قېرىنداشلىق يەرلەشسە بىر ، بىرىگە زۇلۇم قىلمايدۇ . بىر ىبىرنى ئوخشا ش ھوقۇققا ئىگە دەپ قارايدۇ . بىر بىرىنىڭ مېلىغا، جېنىغا، ئىپپە تنومۇسىغا چېقىلمايدۇ .

قېرىندىشىنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆز مەنپەئىتىدىن ئەلا بىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتە ھېچكىم بىر بىرىگە زىيان ئۇرمايدۇ، ئامانلىق ئومۇملىشىدۇ. پىتىن خەلق ھۇزۇر ئىچىدە غەم قايغۇ ۋە دئەنىشىدىن خالى راھەت پاراغەت تۇرمۇش كەچىرىدۇ. بەختئسا ادەت دېگەن مانا موشۇ .

ئەمما بىگىن دۇنيادا تىنلىقچ ئامانلىقتىن سۆز قىلىش ئىنتايىن قىيىن . چۈنكى چوڭ،لىچىكك دۆلەتلەر ئاجىز خەلقلەرنى بېسىۋېلىپ ، يۇرتلىرىنى ۋە باشقا پىتىن ھەق ھوقۇقلىرىنى قولىدىن تارتىۋالغان . بۇ زۇلۇم ۋە خ ۋرلىققا چىدىماي ئۆز ھوقۇقىنى تەل ەپ قىلسا، ئۇنىڭ دەردىنى اڭشىتش ئۇياندا تۇرسۇن، يىزلەپ، مىڭلاپ ئۆلتىرگەن . ھەر تەرەپت ە ئاجىزلارنىڭ قېنى ئېقىتىلماقتا، ھەر يەردە مۇسۇلمانلار ئۆلتىرىلمەكتە، مانا موشۇ ئادالەتمۇ؟ ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۋقىغا ھۆرمەت قىلغانلىقمۇ ؟ 21 ىئەسرنىڭ مەدەنىيىتى مانا موشۇ .

دېمەك، ئىسلامدىن باشقا مەدەنىيەت، ئىسلامدىن باشقا دىن ۋە قانۇن ئىنسانلارنى بەختلىك قىلمايدۇ. جەمئىيەتتە ئامانلىق ۋە خاتىرجەملىك ئورنىتالمايدۇ . چۈنكى ئىسلامدىن باشقا بارلىق قانۇن تىزىملەر بولسا ، ئىنسانلار ئۆز لىرى چىقارغان قانۇنلار بولغاچقا ، ئۇ تىزىملەر ئىنسانلار ئارىسىدا ھەقىقىي ئادالەتنى بەرپا قىلىشتىن ئاجىز . ئەمما ئىسلام پىتىن دۇنيانىڭ خ ،قىىلا ئىنسانلارنىڭ ياراتقۇچىسى، ئىنسانغا ھەر تۈرلۈك تەبىئەت ۋە تۇيغۇلارنى بەرگىچى ، چەكسىز ئىلىم ساھىبى بولغان ئاللاھ تائالا ئۆزى بىۋاسىتە تىزىپ بەرگەن قانۇندۇر . شۇڭلاشقا ئۇ پىتىنلەي ئادالەت بۇلۇپ، ئامانلىق ئۇنىڭدا، مەدەنىيەت ئۇنىڭدا، ھەقىقەت ئۇنىڭدا ، بەختلىك ھايات ئۇنىڭدا ۋە ئۆلگەندىن كېيىنكى ئساادەت يەنە ئۇنىڭدادۇر .

ئاللاھ بىزنى كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىپ سېلىشتىن ساقلىسۇن، اللەدىن قورقمايدىغان، رەھىمسىز زالىملارنىڭ زۇلمىدىن ئامان قىلسۇن، بىزنى ئىسلامنىڭ پارلاق داغدام يولىدىن ئايرىمىسۇن . ئامى !ني

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.