41–50-ھەدىسلەر: ئەخلاق، زۇھد ۋە نەپسىنى تۇتۇۋېلىش
This content is not yet available in your language.
ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : باي ئادەمنىڭ قەرزىنى ئارقىغا سىرىشى زۇلۇم دۇر، بىرىڭلارنىڭ قەرزى بىر باي كىشىنىڭ بېرىپ قويۇشىغا ھاۋالە قىلىنسا، بۇ ھاۋالىنى قوبۇل قىلسۇن ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى: 2253[
ئىنسان بۇ دۇنيادا ئ ۆزى يالغۇز ياشىيالمايدۇ. چۈنكى ھاياتىدا بىر نەچچە تۈرلۈك نەرسىگە مۇھتاج بولىدۇ. ئىھتىياجىنى ئۆزى يالغۇز قامداپ كېتەلمەيدۇ . شۇڭلاشقا ئۇ باشقىلار بىلەن ئارىلىشىپ ھايات كەچىرىشكە مۇھتاج . ھەقىقەت مۇشۇ ئىكەن، كىشىلەر ئ ۆز ئارا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىپ، بىر بىرىنىڭ ئىھتىياجلىرىنى قامداپ ياشىشى كېرەك . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە مۇسۇلمانلارنى بىر بىرىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا رىغبەتلەندىرىدۇ . ئىنسان بۇ ھاياتتا يا ئالغۇچى بولىدۇ ياكى بەرگىچى . ئەگەر ئۇ بىراۋنىڭ سەدىقە ياكى ھەدىيەسىنى ئالسا، ئۇنى بەرگىچىگە رەھمەت ئېيتىدۇ ۋە قولىدىن كېلىشىچ ە ياخشىلىققا ياخشىلىق بىلەت جاۋاب قايتۇرۇشقا تىرىشىدۇ . ئەگەر بىراۋدىن قەرز ئالغان بولسا، ۋاقتى توشقان ھامان قايتۇرىدۇ ۋە قەرز بەرگىچىگە قىلغان ياخشىلىقى ئۈچۈن چوڭقۇر تەشەككۇرىنى بىلدىرىدۇ . مۇسۇلمان ئالغان نەرسىنى قايتۇرۇشتا، ئالغان ۋاقتىدىكىدىن ياخشىراق قا يتۇرۇرشى كېرەك . قەرز ئالىدىغان چاغدا ئاغزىدىن ھەسەل ئېقىتىپ، قەرزنى ئېلىۋىلىپلا ”مەن سېنى نەدە ك ۆرگەن“ دەپ قەرز ئىگىسىنى رەنجىتىش، قەرزنى قايتۇرماي تۇرىۋىلىش، قولىدا قەرزىنى ت ۆلەش ئىمكانىيىتى بار تۇرۇغلۇق قەرزنى كەينىگە سۆزۇش قەرز ئىگىسىگە زۇلۇم قىلغانلىق بۇلۇپ مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى ئەمەس .
مۇسۇلمان كىشى ئەگەر بەرگىچى بولسا، بېخىللىق، مىننەتخورلۇق قىلىپ، كەمبەغەللەرنى قىستىمايدۇ. چۈنكى مەنپەئەتلەرنىڭ ئ ۆز ئارا ئالمىشىپ تۇرۇشى تەبىئەت قانۇنى . شۇڭا قەرز بەرگىچى قەرزدارنى بەك قىستىماسلىقى، م ۆھلەتنى ئۇزايتىپ بېرىش ى، قەرزدارنىڭمۇ مۇ مكىن قەدەر قەرزنى تىزدىن قايتۇرۇشقا تىرىشىشى لازىم . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازلىرىدا » : ئى پەرۋەردىگارىم ! ساڭا سېغىنىپ گۇناھكارلىقتىن ۋە قەرزدار بۇلۇپ قېلىشتىن پاناھ تىلەيمەن « دېگەن دۇئانى كپ ۆ قىلاتتى. ساھابە كىراملار بۇ دۇئانى ك ۆپ قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ » : ئىنسان قەرزدار بولسا، يالغان س ۆزلەيدىغان ۋە ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان بۇلۇپ قالىدۇ « دەپ جاۋاب بەرگەن . شۇڭا مۇمكىن قەدەر قەرز ئالماسلىق، ئۇنىڭدىن باشقا ئام ال تاپالماي قەرز ئالغان بولسا ئەڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە قايتۇرىشى كېرە . ك كىشىنىڭ قەرز ياكى باشقا ھەقلەرنى ئ ۆتەشكە قۇربى يېتىپ تۇرۇغلۇق، ھەقلەرنى ئ ۆز ۋاقتىدا ئۆتىمەي كېچىكتىرىشى ھەق ئىگىسىگە زۇلۇم قىلغانلىقتۇر . زۇلۇم ئەڭ چوڭ گۇناھلاردىن بۇلۇپ، ھەق ئىگىسى رازى بولمىغۇچىلىك ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن ئ ۆتمەيدۇ . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ » : ئاللاھ باي زالىمنى، ياشانغان تۇرۇپ ئەقىل تاپمىغان كىشىنى ۋە نامرات مۇتەكەببىرنى بەك يامان ك « . رىدۇۆ ئاللاھ تائالا سەدىقىنىڭ ساۋابىنى بىرگە ئون قىلغان بولسا، قەرز بەرگەننىڭ ساۋابىنى بىرگە ئون سەككىز قىلدى. چۈنكى قەرز ئالغۇچى قاتتىق مۇھتاج بولىدۇ، سەدىقە ئالغۇچى بەزىدە سەدىقە ئېلىشقا ھەقلىق بولسا، بەزىدە ھەقلىق بولمايدۇ . قاتتىق زۆرىرىيەت جەھەتتىن قەرز سوراشقا مەجبۇر بۇلۇپ قالغان كىشىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ، ئۇنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇش مۇسۇلمانلىق بورچ ۋە ئىنسانىي ئەخلاقتۇرالل . ە تائالا مۇنداق دەيدۇ : ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغۇچە كىتىڭلار، ئەگەر)خەيرلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلسەڭ لار، قىيىنچىلىقتا قالغان قەرزداردىن ئالىدىغان قەرزنى ئۇنىڭغا ( سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر.] سىرە بەقەرە: 280 ئايەت [
ھەدىستىكى ئىككىنچى مەسىلە ھاۋالەدۇر . ئەگەر بىر كىشى ئىستىدىكى قەرزىنى باشقا باي بىر كىشىنىڭ بېرىپ قويۇشىغا ھ اۋالە قىلسا، قەرز ئىگىسى بۇنى قوبۇل قىلىشى قېرىنداشلىق بورچىدۇر. لېكىن كىنىمىزدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقى ناچارلاپ كەتكەنلىكتىن، بىر نەرسە ئالغان كىشى ئالغان نەرسىسىگە تېنىۋالىدىغان، مال ئىگىسىگە زۇلۇم قىلىدىغان، قەرزىنى ۋاقتىدا ئ ۆتىمەي كېچىكتىرىۋېتىدىغان، مال ئىگىسىنى زاڭلىق قىلىپ قەرزىنى باشقىسىنىڭ بېرىشىگە ھاۋالە قىلىپ قويىدىغان ، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدىغان، بىر نەرسە بەرسە كەم بېرىدىغان، ئىستىدىكى ھەقنى قايتۇرسا يامان س ۆزلەر ۋە قوپاللىق بىلەن قايتۇرىدىغان بۇلۇپ قالدى . شۇڭلاشقا كىشىلەر مەجبۇر قالمىغۇچە ھاۋالىنى قوبۇل قىلمايدىغان، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغاندىن ك ۆرە سەۋر قىلىپ، كىتىشنى ئەۋزەل بىلىدىغان بۇلۇپ قالدى .
بۇ ھەدىستىن ھاۋالىنى قوبۇل قىلىشنىڭ ۋاجىبلىقى چىقمايدۇ . بەلكى ئۇ گىزەل ئەخلاق ۋە ياخشى مۇئامىلىدۇر. ھاۋالىنى قوبۇل قىلىشتىن كۆپلىگەن قىيىنچىقىلار كېلىپ چىقىدىغان بولغاچقا، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مۇئامىلە ناچارلىشىپ كەتكەچكە، ھاۋالىنى قوبۇل قىلمىغان كىشى گۇناھكار بولمايدۇ .
ئەگەر مۇسۇلمانلار دىنىنىڭ تەلىماتلىرىغا ئەمەل قىلىپ، شەرىئىتىنىڭ ئىبادەت ۋە مۇئامىلىدىكى ھ ۆكىملىرىنى ئىجرا قىلسا ئىدى، سودىلىرى پايدىلىق بولاتتى، ھەق ھوقۇقلىرى قوغدىلاتتى، نامراتلار باي بولاتتى، رىزىقلىرى بەرىكەتلىك بۇلۇپ ھېچكىمگە مۇھتاج بولمايتى . مۇسۇلمانلار ئوتتورىسىدا ھەقىقى قېرىنداشلىق بۇلۇپ، بىر بىرىگە زۇلۇم قىلىش، بىر بىرىنىڭ ھەققىنى ئېلىۋىلىش بولمايتتى . بەلكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدىكى ھەر بىر كىشى يەنە بىر قېرىندىشىنىڭ دەردىگە دەرمان بۇلۇپ، ھەر كىشى ھۇزۇر ئىچىدە بەخت سائادەت قۇچاتتى .
بۇ يەردە شۇنى بىلىشىمىز لازىمكى، ئىستىدە بىر قېرىندىشىنىڭ ھەققى بولغان كىشى ئۇنى كېچىكتىرمەستىن ۋاقتىدا بېرىشى، باشقىلاردا ئېلىشى بولغان كىشىمۇ قوپال ۋە ئاغزى يامان بولماسلىقى، شەخسىي مەنپەئەتنى دەپ قېرىنداشلىقنىڭ ئارىسىنى بۇزىدىغان ناچار قىلىقلارنى قىلماسلىقى، مال مىلىك توپلايمەن دەپ پۇلغا چوقۇنۇپ ھارامنى ھالال سانىماسلىقى، ھالالدىن پۇل تېپىپ ھارامدىن ۋە شىبھىلىك ئىشلاردىن ئ ۆزىنى ساقلىشى، بۇ د ۇنيانىڭ ئاخىرىتى بارلىقىنى، توپىلغان ماللار ھالال بولسا ھېس ابى، ھارام بولسا ئازابى بارلىقىنى ئېسىدىن چىقارماسلىقى، بىر كۈنى ئاشكارا يوشۇرۇن ھەممە نەرسىنى بىلگىچى ئۇلۇغ اللەنىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىدىغانلىقىغا چىن ئىشىنپ، ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىنى ئېسىدىن چىقارماسلىقى لازىم .
كىمكى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭ ساۋابىنى زىيادە قىلىمى ز، كىمكى دۇنيانىڭ مەنپەئىتىنى ك ۆزلىسە، ئۇنىڭ تىلىگەن مەنپەئىتىنىڭ بەزىسىنى بېرىمىز، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە ھېچ نەسىۋە يوقتۇر.] سىرە شۇرا:20 ئايەت [
ئاللاھ تائالا بىزلەرگە ھەقنى ھەق، باتىلنى باتىل ك ۆرسىتىپ بارلىق مۇئامىلىلىرىمىزدە ھالالغا قانائەت قىلىپ ھارامدىن قاچىدىغان، كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىشنى يامان ك ۆرىدىغان پەزىلەت ئاتا قىلسۇن. ئامىين !
ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىنبى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جانابى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : بەرگەن سۋۋغىسىنى قايتۇرىۋالغان ئادەم خۇددى قەي قىلىپ بۇلۇپ، قەي قىلغان نەرسىنى قايتا يېگەن ئىتقا ئوخشايدۇ ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت . ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:6823[
سوۋغا باشقا بىر كىشىگە كۆڭلىدىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىدۇ . كىمكى ئۆز قولى بىلەن ھەر قانداق بىر نەرسىن ى بىراۋغا سوۋغا قىلىپ بەرگەن بولسا، ياكى ”پالان نەرسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىڭ، ئۇ مەندىن سىزگە ھەدىيە “ دېگەن بولسا، ئۇ نەرسە ئالغان كىشىنىڭ مىلكى بولىدۇ . سوۋغا قىلىپ بەرگەن ۋە ھەدىيە قىلغان نەرسىنى قايتۇرۇپ ئېلىش جائىز بولمايدۇ . لېكىن ئۆز بالىسىغا بىر نەرسە بەرگەن بولسا، ئۇنى قايتۇرۇپ ئالالايدۇ. چۈنكى بالىسىنىڭ مىلكى ئۆزىنىڭ مىلكىدۇر .
بىر كۈنى ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلغان بىر ئېتىنىڭ بازاردا ئۆز باھاسىدىن ئەرزان سېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىپ، ئۇنى سېتىۋالماقچى بولغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھ ۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى توسۇپ مۇنداق دېگەن » : پۇل بىلەن بولسىمۇ ئۇنى قايتۇرۇپ ئالمىغىن، چۈنكى سۋۋغىسىنى قايتۇرۇپ ئالغۇچى خۇددى قۇسۇقىنى قايتا يېگەنگە ئوخشايدۇ .« بىراۋغا بېرىپ بولغان نەرسىنى قايتۇرۇپ ئېلىش مانا مۇشۇنداق ناچار قىلىق ۋە پەسكەشلىك بۇلۇپ، مۆمىن مۇسۇلمانغا ياراشمايدۇ . چۈنكى ئۇ سوۋغات ئالغۇچىنى مەسخىرە قىلغاندەك بىر ئىش بۇلۇپ، ھەم سوۋغات ئالغۇچىنى رەنجىتىدۇ، ھەم سوۋغات بەرگىچىنىڭ يىزىنى چىشىرىدۇ . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇشۇنداق ناچار قىلىقنىڭ نەقەدەر پاسكىنا، قەبىھ بىر ئىش بولغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن مۇسۇلمانلارنى سەسكەندىرىش ئۈچۈن، بەرگەن سوۋغا سالام ۋە ھەدىيە سەدىقىلەرنى قايتۇرۇپ ئالغان كىشىنى قۇسۇقىنى قايتا يالاپ يەيدىغان ئىتقا ئوخشىتىدۇ . مۇسۇلمان دېگەن غۋرۇرلۇق، ئىستىن تەبىئەتلىك، ئېسىل سىپەتلىك، ئالى جاناب بولۇشى، بۇ نداق رەزىل ئىشلارغا چىشمەسلىكى كېرەك .
سوۋغا ۋە ھەدىيە مەڭگىلىك بولىدۇ . ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ۋاقىتلىق بەرگەن نەرسە ئارىيەت بۇلۇپ ھەدىيە ياكى سوۋغا بولمايدۇ . سوۋغا بېرىلگەن كىشىنىڭ ئۆز مىلكىگە ئايلىنىدۇ . قانداق خالىسا شۇنداق ئىشلىتىدۇ . سوغىنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى پايدىلىنىش ھالال بولغان نەرسە بولۇشى لازىم . ۋەقفە ۋە باشقا سەدىقىلەرمۇ سوغىنىڭ ھۆكمىگە كىرىدۇ . ئەڭ ئەۋزەل سەدىقە مەنپەئىتى ئومۇمىي ۋە داۋاملىق بولغان »سەدىقە جارىيە. دۇر «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ » : ئادەم بالىسى ئۆلسە بار لىق ئەمىلى ئىزىلۇپ قالىدۇ، پەقەت ئىچ ئىشنىڭ ساۋابى ئىزىلمەيدۇ، ئۇلار : سەدىقە جارىيە، مەنپەئەتلىك ئىلىم ۋە دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان سالىھ بالا .« سەدىقە جارىيە مەسجىد، مەكتەب، يول، كۆرىك، دوختۇرخانا ۋە شۇنىڭدەك ئومۇمى مۇسۇلمانلارنىڭ پايدىسىغا ئىشلىتىلىدىغان ئورۇنلارغا سەرپ قىلىنغان نەرسىدۇر .
ئاللاھ يولىدا بىر نەرسە سەدىقە قىلىدىغان كىشى، قىلىدىغان سەدىقىسىنى ئاللاھ ئۈچۈن ۋە ئۇنىڭ ساۋابىنى ئۇمىت قىلىپ بېرىدىكەن، قولىدىكى نەرسىنىڭ ياخشىسىنى ۋە ئەۋزىلىنى بېرىشى
كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئېرىشكەن نەرسىلەرنىڭ ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن رىزىقلارنىڭ ياخشىلىرىدىن سەدىقە قىلىڭلار؛ سىلەرگە بېرىلسە كۆزىڭلارنى يۇمماستىن ئالالمايدىغان ناچارلىرىنى ئىلغاپ سەدىقە قىلماڭلار . بىلىڭلاركى، ئاللاھ بىھاجەتتۇر، ھەمدىگە لايىقتۇر . ] بەقەرە سىرىسى:267 ئايەت [
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ :
ياخشى كۆرگەن نەرسەڭلاردىن سەدىقە قىلمىغىچە ھەرگىز ياخشىلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر. ]سىرە ئال ئىمران: 92 ئايەتنىڭ بىر قىسمى[ بۇ ئايەت نازىل بولغاندا، ھەزرىتى ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ” : يا رەسۇلەللاھ! مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مېلىم »بەيرەھا ) «باغنىڭ ئىسمى(، ئۇنى ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلدىم، ئۇنى ئۆزلىرى خالىغان ئىشقا سەرپ قىلغايلا “ دېدى .
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : ياخشى! ناھايىتى ياخشى ! بۇ پايدا كەلتىردىغان مالدۇر، ئۇنى ئۇرۇق تۇغقانلىرىڭغا بۆلىپ بەرگىن « دېدى . شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ باغنى يېقىن تۇغقىنى بولغان ھەسسان ئىبنى سابىت بىلەن ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا ئىلەشتىرىپ بەردى .
ھەزرىتى ئ ابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما شېكەرنى بەك ياخشى كۆرەتتى . بىر كۈنى يۇقىرىدىكى ئايەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىنى سەدىقە قىلماقچى بۇلۇپ، ئەللىك مىڭ تەڭگىلىك شېكەر سېتىۋىلىپ ھەممىنى ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلغان . سەدىقىنىڭ يولى مانا مۇشۇ. ئەمما خۇدائىمنى ئالدىغاندەك ئۆزى ئىشلەتكىلى راۋا كۆرمەيدىغان، ئەگەر ئۆزىگە بېرىلسە ئالمايدىغان ناچار، كونا نەرسىلەرنى سەدىقە قىلماسلىق، ئاز بولسىمۇ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئالغان ئادەممۇ مەنپەئەتلىنەلەيدىغان نەرسىلەرنى سەدىقە قىلىش لازىم . چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ سەدىقىگە ھاجىتى يوق، ئۇنىڭ پايدىسى سەدىقە بەرگىچىنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ . شۇنىڭدەك سەدىقە جەمئىيەتتىكى باي كەمبەغەللەرنىڭ ئارىسىدىكى قېرىنداشلىق رىشتىسىنى مۇستەھكەملەيدىغان بىر ۋاسىتە . ئەگەر ناچار، ئىشتىن چىققان نەرسىلەرنى سەدىقە قىلغاندا، ئۇلار ئوتتۇرىدا قېرىنداشلىق ئەمەس بەلكى دىشمەنلىك پەيدا بولىدۇ. بۇ ئىسلامنىڭ سوۋغا سالام، ھەدىيە ۋە سەدىقە قىلىشقا چاقىرىشتىكى ھېكمىتىگە زىت كېلىدۇ .
سەدىقە، ھەدىيە ۋە سوۋغا قاتارلىق نەرسىلەرنى قىلىشنىڭ يەنە بىر پرىنسىپى بەرگەن نەرسىگە مىننەت قىلماسلىق ۋە سەدىقە بېرىلگەن كىشىدىن ياخشىلىق كىتمەسلىك كېرەك . چۈنكى بۇ ئىشلار كىشى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلىدىغان ئىشلار بۇلۇپ، ھېچكىم ئۇنى قىلىشقا زورلىمايدۇ .
بىر نەرسىنى بېرىپ بۇلۇپ ئارقىسىدىن مىننەت قىلغاندىن بەرمىگەن ياخشى. چۈنكى بۇنىڭدا مىننەت قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ياخشى سۆز ۋە كەچىرىش كېيىن ئەزىيەت يەتكىزىدىغان سەدىقىدىن ئەۋزەلدۇر . ئاللاھ بىھاجەتتۇر، ھەلىمدۇر. ئى مۆمىنلەر! مىننەت ۋە ئەزىيەت قىلىش ئارقىلىق سەدىقىلىرىڭلارنى بىكار قىلىۋەتمەڭلار.] سىرە بەقەرە: 263 ،264 ئايەتلەر [
دېمەك، سەدىقە قىلغاندىن كېيىن مىننەت قىلىش سەدىقە ئالغۇ چىغا ئەزىيەت قىلغانلىق بۇلۇپ، سەدىقىنىڭ ساۋابىنى بىكار قىلىۋىتىدۇ .
ئى رەببىمىز ! بىزنى ھەر تۈرلۈك ناچار قىلىقلاردىن ساقلاپ ئالىجاناب كىشىلەردىن قىلغىن .
ئامىين !
ھەزرىتى ئەنەس ئىبنى مالك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن» : قايسى بىر مۇسۇلمان بىرەر دەرەخ تىكسە ياكى زىرائەت تېرىسا، ئۇنىڭدىن ئۇچار قۇشلار ياكى ئىنسانلار ياكى ھايۋانلار يېسە، ئۇ تىككەن كىشىگە سەدىقە ئورنىدا بولىدۇ ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:2320، مۇسلىمدىكى نومۇرى:4055[
ئىسلام كىشىلەرنى ھەر دائىم پايدىلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللۇنۇشقا، بېكارتىلەپ بولماسلىققا چاقىرىدۇ. چۈنكى ياخشى ئىشلارنى قىلغان كىشى ئۇنىڭدىن ئەڭ ئاۋۋال ئۆزى م ەنپەئەت ئالىدۇ، باشقا كىشىلەرگىمۇ ئۇنىڭ پايدىسى يېتىدۇ، ئۇ بۇنىڭ ساۋابىنى ئالىدۇ . ھۋرۇنلۇق، بېكارتىلەپلىك، تەييارتاپلىق ئىنساننى روھىي، جىسمانىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن كاردىن چىقىرىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتىن بولسا باشقىلارغا مۆھتاج ۋە قۇل قىلىدۇ . دانالار مۇنداق د ەيدۇ ” : مۇسۇلمانغا جىم تۇرۇش ياراشمايدۇ، مۇسۇلمان دېگەن ھەر دائىم ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇشى كېرەك، ئەگەر مۇسۇلمان باغلىنىپ قالسا سەكرىشى لازىم .“ ئاتىلىرىمىزمۇ ”بېكار تۇرغىچە بېكارغا ئىشلە “ دېگەن . ئىش ھەرىكەت قىلىپ تۇرغان ئادەمنىڭ تەن سالامەتلىكىمۇ ياخشى بولى دۇ، ئالدىراپ كېسەل بولمايدۇ .
ھۋرۇنلۇق قىلىپ بېكار ئولتۇرغانسىرى ھەرخىل كېسەللەر چاپلىشىپ، ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىنمۇ چىقالمايدىغان بۇلۇپ قالىدۇ .
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە بىزلەرنى ئىشلەپ چىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇشقا تەرغىب قىلىدۇ . ھاپىز ئىبن ى ھەجەر ئەسقەلانىي بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دەيدۇ” : بۇ ھەدىستە دەرەخ تىكىش ۋە زىرائەت تېرىشنىڭ پەزىلىتى، شۇ ئارقىلىق زېمىننى گىللەندىرىشكە تەرغىب قىلىش باردۇر “.
ياخشلىقنىڭ ئەڭ چوڭى داۋاملىق بولغىنى ۋە سەدىقىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى پايدىسى ئومۇمىي
بولغىنىدۇرال .لە تائالا مۇنداق دەيدۇ :
ئەر ئاياللاردىن مۆمىن بۇلۇپ تۇرۇپ ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار جەننەتكە داخىل بولىد ۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ )يەنى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى قىلچە كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ(.] سىرە نىسا:124 ئايەت [
ئىسلام مۇسۇلمانلارنى پىتكىل ياخشىلىقلارغا بۇيرۇيدۇ . شۇڭلاشقا ئۇ دىل بىلەن ئادا قىلىنىدىغان، بەدەن بىلەن ئادا قىلىنىدىغان ۋە ئىقتىسات بىلەن ئادا قىلىنىدىغان ئىبادەتلەرنى
بەلگىلىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ :
سىلەرنىڭ كىن چىققان ۋە كىن پاتقان تەرەپكە يۈز كەلتىرىشىڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگەياتمايدۇ. بەلكى اللەغا، ئاخىرەت كىنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا )يەنى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا، (پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتىرىش، اللەنى سۆيىش يىزىسىدىن خىش ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبنى سەبىللەرگە )يەنى پۇل مېلىدىن ئالاقىسى ئىزىلىپ قالغان مۇساپىرلارغا ، (سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازادلىقىغا ئېرىشىشگە پۇل مال ياردەم بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇزلۇققا، كېسەللىككە ۋە ئاللاھ يولىدا قىلىنغان ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ . ئەنە شۇلار ئىمانىدا راستچىل ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر . ] ،سىرە بەقەرە177 ئايەت [
ئىسلامنى توغرا چىشەنگەن كىشى بىلىدۇكى، ئىسلامدا بۇيرۇلمىغان ھېچقانداق ياخشىلىق يوقتۇر . ئۇ مائارىپ، س ەھىيە، ئىقتىساد، سودا سانائەت، قاتناش، دېھقانچىلىق ۋە باشقا بارلىق ساھەلەردە ئەڭ ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ . ئىسلام ئىشلەپ چىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئىنسانلارنىڭ بېشىدا قورال كۆتىرىپ زوراۋانلىق قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا قىلغان ئىشىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۆزىگە كەلتىرىدىغان پايدا مەنپەئەتلىرىنى كۆرسىتىش ۋە ئۇنىڭغا قىزىقتۇرۇش ئارقىلىق تەرغىب قىلغان .
دەرەخ تىكىش ۋە زىرائەت تېرىش ياخشىلىقلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى بۇلۇپ، ئۇنىڭ بىلەن يەر جانلىنىدۇ، مېۋە، ئاشلىق ۋە ئوت چۆپلەر مول بولىدۇ . ئۇنىڭدىن ھە م ئىنسانلار ھەم ھايۋاناتلار مەنپەئەتلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن دەرەخ تىككىچى، زىرائەت تېرىغۇچى مەزكۇر نەرسىلەردىن پايدىلانغاننىڭ تېشىدا سەدىقە قىلغاننىڭ ساۋابىنى ئالىدۇ . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ » : بىر مۇسۇلمان بىرەر دەرەخ تىكىپ قويغان ب ۋلسا، ئۇ دەرەختىن يېيىلگەن نەرسە سەدىقە بولىدۇ، ئوغرىلانغان نەرسە سەدىقە بولىدۇ، ھېچ بولمىغاندا بىرەر كىشى ئۇنىڭ ئاستىدا سايىدىسا سەدىقە بولىدۇ . بۇ ساۋابلار دەرەخ تىككىچىگە تا قىيامەت كىنىگىچىلىك يېتىپ تۇرىدۇ بۇ ] «.
ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان [
رىۋايەت قىلىنىشىچە : كىسرا زەيتۇن دەرىخى تىكىۋاتقان بىر قېرى بوۋاينىڭ يېنىدىن ئۆتىپ كېتىۋىتىپ” : سىز قېرى بوۋاي تۇرۇپ نېمىشقا ئۇزۇندا مېۋە بېرىدىغان دەرەخ تىكىسىز؟ “ دەپ سوراپتۇ” . ئاتىلىرىمىز تىكىپ قويغان دەرەخنىڭ مېۋىسىنى بىز يېدۇق، بىزمۇ كېيىنكىلەر يېسۇن دەپ تىكىمىز“ دەپتۇ بوۋاي جاۋاب بېرىپ . بوۋاينىڭ جاۋابىغا مەمنۇن بولغان پادىشاھ ئۇنىڭغا نۇرغۇن مال سوۋغا قىلىپتۇ . بوۋاي ماللارنى قولىغا ئېلىۋېتىپ ”كۆرمەمسىز! دەرىخىم نېمىدېگەن تىز مېۋە بەردى“ دەپتكەن، پادىشاھ ئۇنىڭغا يەنە نۇرغۇن نەرسە سوۋغا قىلىپتۇ . بۇنىڭغا خوشال بولغان بوۋاي : ”دەرەخ دېگەن بىر يىلدا بىر قېتىم مېۋە بېرەتتى، مېنىڭ دەرىخىم بىر دەمنىڭ ئىچىدە ئىككى قېتىم مېۋە بەردى “ دەپتۇ. پادىشاھ يەنە سوۋغا بېرىپتۇ . بۇنى كۆرگەن ۋەزىر بۇ قېرى دەللە پادىشاھنىڭ بارلىق ماللىرىنى ئېلىپ بولىدىغان ئوخشايدۇ، دەپ پادىشاھنى ئېلىپ كېتىپتۇ .
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاممىغا مەنپەئەتلىك ئىشلارغا بەك تەرغىب قىلاتتى. ئۇ ئىنسان ئۆلىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ساۋابى يېتىپ تۇرىدىغان ئىشلارنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ » : يەتتە تۈرلۈك ئىش بار، ئۇنىڭ ساۋابى بەندە ئۆلىپ قەبرىگە كىرگەندى ن كېيىنمۇ ئىزىلمەي يېتىپ تۇرىدۇ. ئۇ ئىشلار : 1 ئىلىم ئۆگىتىش، 2 ئۆستەڭ چېپىش، 3 قۇدۇق كۋلاش، 4 خورما دەرىخى )يەنى مېۋىلىك دەرەخ ( تىكىش، 5 مەسجىد سېلىش، 6 قۇرئان ۋەقفە قىلىش، 7 ئۆلگەندىن كېيىن ئارقىسىدىن مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان يا خشى ئەۋلاد قالدۇرۇش «.
خەيرلىك ئىش قىلغان كىشى ھەم ئۆزى پايدىلىنىدۇ، ھەم باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئارقىلىق ساۋابىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان قولىدىن كېلىدىغان ياخشىلىقلارنى كېچىكتىرمەستىن قىلىۋېلىشى لازىم. ئاتىلىرىمىز : ”بىگىننى غەنىمەت بىل، ئەرتىنى خىيال ئەتمە، ئىنمىگەن تىرەكۇ، قىيغۇسىز پىيال ئەتمە.“ دېگەن .
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ :
ئاللاھ بېدىشلىق ۋە بېدىشسىز باغلارنى بەرپا قىلدى. مېۋىلىرى، دانلىرى )رەڭگى، تەمى، ھەجمى ۋە پۇرىقى بىر ( بى رىگە ئوخشىمايدىغان خورما دەرەخلىرىنى، زىرائەتلەرنى، )رەڭگى ۋە شەكلى ( بىر بىرىگە ئوخشايدىغان، )تەمى( ئوخشىمايدىغان زەيتۇن ۋە ئانارنى ياراتتى . مېۋىسى پىشقاندا، ئۇلاردىن يەڭلار، مېۋە )نىڭ ھۋسۇلىنى ( يىغقان كۈندە ئۇنىڭ ئۆشرىسىنى ئادا قىلىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلا ر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ.] سىرە ئەنئام141 ئايەت [
ئاللاھ تائالا ھەر دائىم ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى نىسىپ قىلىپ، قىلغان ياخشىلىقلىرىمىزنى ئۆز دەرگاھىدا قوبۇل قىلسۇن. ئامىين !
ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : بىر ئادەم بىراۋدىن بىر يەر سېتىۋالدى . يەرنى سېتىۋالغۇچى ھېلىقى يەردىن ئالتۇن بىلەن توشقان بىر كۆزا تېپىۋالدى . ئۇ ئالتۇننى يەرنىڭ ئىگىسىگە ئېلىپ بېرىپ : ”ئالتۇنىڭىزنى ئېلىڭ، مەن سىزدىن يەرنى سېتىۋالغان، ئالتۇننى ئەمەس “ دېدى . يەرنىڭ ئىگىسى : ”مەن سىزگە يەرنى ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلىرى بىلەن ساتقان“ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار باشقا بىر كىشىدىن ھۆكۇم تەلەپ قىلدى . ئىككىسى ئارىسىدا ھۆكىم قىلماقچى بولغان كىشى ”سىلەرنىڭ بالاڭلار بارمۇ؟ “ دەپ سورىدى . ئۇلارنىڭ بىرى ”مېنىڭ بىر ئوغلۇم بار“ دېدى، يەنە بىرى ”مېنىڭ بىر قىزىم بار “ دېدى ئان . دىن ھاكىم بولغان كىشى ”ئوغۇل بىلەن قىزنى نىكاھلاپ قويۇڭلار، بۇ پۇلنى شۇلارغا خەجلەپ بېرىڭلار ۋە سەدىقە قىلىڭلار“ دېدى ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت. ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:3397[
جانابى رە سۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە ھەقىقىي زاھىدلىقنى جانلىق مىسال بىلەن چىشەندىرىدۇ. مۇسۇلمان دېگەن مانا مۇشۇنداق ئالىجاناب، مۇشۇنداق پەرھىزكار ۋە زاھىد بولۇشى لازىم . زاھىدلىق تەركى دۇنيا بۇلۇپ، ئىشلىمەي كىشىلەرنىڭ بەرگىنىنى يەپ ياشاش ئەمەس، زاھىدلىق مانا مۇشۇ ھەدىستىكى كىشىلەردەك نەپسىنى يېڭىپ، پۇل مالغا بېرىلىپ كەتمەسلىكتۇر .
بۇ ھەدىستە مىسال قىلىنغان ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى نېمىدېگەن ئالىجاناب كىشىلەر، ھە ؟
ئالغۇچى سېتىۋالغان يەرنىڭ ئاستىدىن ئالتۇن تېپىۋالىدۇ دە، ئۇنى ئىشلىتىشتىن ھەز ەر قىلىدۇ . چۈنكى ئۇ ”مەن بۇ يەرنىڭلا پۇلىنى بېرىپ سېتىۋالغان، ئالتۇننىڭ پۇلىنى بەرمىگەن تۇرسام، بۇ ماڭا قانداق ھالال بولىدۇ؟ بەلكى بۇ ئالتۇننىڭ قىممىتى مەن يەرگە بەرگەن پۇلدىن نەچچە ھەسسە كۆپتۇر“ دەپ ئويلاپ، ئالتۇننى يەرنىڭ ئىگىسىگە ئاپىرىپ بېرىشكە قارار قىلىدۇ . بىز بولساقچۇ؟
ھەنىم بولسا خۇدائىم بەردى دەپ ھېچكىمگە ئۇقتۇرماي چۋنتەككە سالىمىز .
يەرنى ساتقۇچى كىشىنىڭ ئەخلاقىغا قاراڭ ! ئۇمۇ ئالتۇننى ئالغىلى ئۇنىمايدۇ . چۈنكى ئۇ ئويلايدۇ” : بۇ ئالتۇننى مەن كۆمىپ قويغان ئەمەس، ئۇنىڭ بارلىقىدىنمۇ خەۋىرىم يوق ئىدى، مە ن يەرنى ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەر بىلەن ساتقان تۇرسام، ئۇنىڭ ئىستىگە ئۇ يەر ھازىر مېنىڭ مىلكىم ئەمەس، ئەمدى ئۇنىڭدىن تېپىلغان نەرسىنى ئالسام قانداق ھالال بولىدۇ؟ ئەگەر مېنىڭ ھەققىم بولغان بولسا، ئۇنى يىللاردىن بېرى مەن تاپقان بولاتتىم، دېمەك، بۇ ئالتۇننى ئاللاھ تائالا مۇشۇ كىشىگە نېمەت قىلىپ بېرىپتۇ، شۇڭا ئۇنىڭغا ئۇچراپتۇ، مۇشۇ كىشىگە ھالال بولسۇن “ دەپ ئالتۇنغا قولىنىمۇ سىرمەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قازىنىڭ قېشىغا بارىدۇ . قازى ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئادالەت بىلەن كېلىشتىرىپ قويىدۇ .
كاشكى بىزمۇ شۇنداق ئىپپەتلىك، ئالىيجاناب بولالىساق، راستچىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلساق، ئامانەتنى ئۆز لايىقىدا ساقلىساق، نەپسىمىزگە ھاكىم بۇلۇپ، شەرىپىمىزنى ۋە يۈز ئابرۇيىمىزنى ئازراق پۇل مال ئۈچۈن كىرلەتمىسەك، باشقىلارنىڭ ھەققىنى ئۆزىمىزنىڭ قىلىۋالمىساق، ئىشەنچلىك، پەرھىزكار، اللەدىن قورقىدىغان، ئاچكۆزلىك قىلمايدىغان، ئۆز قولىمىز بىلەن ئىشلەپ ھالال يەيدىغان، تاپقىنىمىزغا قانائەت قىلىپ كىشىلەرنىڭ رىزقىغا كۆز تىكمەيدىغان بولساق، ھۇزۇر ئىچىدە بەخت سائادەتلىك ياشىغان بولاتتۇق. ئېلىشىمىزدا بېرىشىمىزدە ئىشەنچلىك بولساق، پايدىمىز قاتمۇقات ئا شقان بولاتتى . ئاللاھ تائالانىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە ياخشى ئادەم بولاتتۇق .
ئەپسۇسكى دۇنياپەرەست بۇلۇپ كەتتۇق پۇل . مال بولسىلا بولدى دەيدىغان، ھالال ھارامنى ئىلغىمايدىغان، ”نەدىن بولسا مال جۇغلىساملا بولدى“ دەپ، دىنىنى، ئىپپەت نومۇسىنى بىر تەرەپكە قا يرىپ قويىدىغان، كىشىنىڭ ھەققىدىن قورقمايدىغان بولۋپ كەتتۇق . بولۇپمۇ ساقالنى ئۇزۇن قويىۋالغان، قولىدىن تەسبىھ، ئاغزىدىن بىسمىللاھ چىشمەيدىغان، موللا سىپىتىگە كىرىۋالغان زالىملارنىڭ يالغانچىلىقى، ھارامخورلىقى ئىسلام ئۈچۈن بىر نۇمۇستۇر . كىشىلەر ئۇنىڭ كۆرىنىشى ۋە تۇرۇقىغا قاراپ، ياخشى ئادەم دەپ ئويلاپ مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلىپ ئامانەت قويىدۇ . ئەمما ئۇ شەرمەندىلەر دىنىي قىياپەتكە كىرىۋىلىپ كىشىلەرنى ئالدايدۇ، ساختا قىلىدۇ، يالغان سۆزلەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن دىن دىشمەنلىرى ۋە ئىمانى ئاجىز بەزى مۇسۇلمانلار پ ىتىن ئالىملارنى بىر تاياقتا ھەيدەپ ” : موللا پۇلنى دوست تۇتماس، قولغا كىرسە بوش تۇتماس “ دەپ مەسخىرە قىلىدۇ .
مەن بۇ يەردە پىتىن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا شۇنى ئېلان قىلىمەنكى، دىنى تىسكە كىرىۋالغان ئالۋاستىلارنىڭ شەرمەندىلىكى ئېغىر بولسىمۇ، ئەسلى خاتا كىشىل ەرنىڭ تۇرىقىغا قاراپ مۇئامىلە قىلغانلاردا. ئاتىلىرىمىز” : ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا، ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە “ دەپ بىكار ئېيتمىغان. سودا سېتىق، پۇل مال مۇئامىلىسىدە قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىسى ھېچكىمگە ئىشەنمەسلىكتۇر . مۇئامىلە قىلىشتا قانداق ئادەم بولۇشتىن ق ەتئىينەزەر ھەممە نەرسىنى يېزىش، ئىمزالاش ۋە ئۇنىڭغا باشقىلارنى گۇۋاھچى قىلىش لازىم . ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن ھەر قانداق نەرسىنى ھۆججەت يېزىپ بېكىتىش كېرەك . بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى . ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە پۇل مۇئامىلە قىلغاندا ئۆزىمىز يېزىشنى، يازالمىساق، خەت يازالايدىغان كىشىنى تېپىپ يازدۇرۇشنى، كىشىلەرنى گۇۋاھچى قىلىشنى، ئەگەر ئۇ مۇمكىن بولمىسا گىرى ئېلىشنى بۇيرۇيدۇ .
سىرە بەقەرەنىڭ 284 ۋە285 ئايەتلىرىنى ياخشى چىشىنىپ ئوقۇڭلار .
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلار !
پۇل مال ھاياتتا بىردىنبىر كېرەكلىك نەرسە . بولۇپمۇ ھەممە نەرسە ماددىلىشىپ كەتكەن، ئىنسانلاردا ئىنساپ، مەرھەمەت قالمىغان بىگىنكى زاماندا پۇل مال تېخىمۇ كېرەك بۇلۇپ قالدى . لېكىن پۇل مالنى دەپ ئىپپەت نومۇسىمىزنى، دىنىمىزنى، كىشىلىك غۋرۇرىمىزنى ئاياغ ئاستى قىلساق بولامدۇ؟! شۇڭلاشقا سودا سېتىق ئىشلىرىدا مەيلى ساتقۇچى مەيلى سېتىۋالغۇچى بولمايلى راستچىل بولايلى، كىشىنىڭ ھەققىنى يېيىشتىن ساقلىنايلى، ئامانەتكە خىيانەت قىلمايلى، بىر بىرىمىزنى ئالدىمايلى، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئىتى، زىيىنىنى ئۆزىمىزنىڭ زىيىنى دەپ بىلەيلى . ئالدامچىلىق ، يالغانچىلىق بىلەن تاپقان مال دۇنيا ھەر قانچە كۆپ بولسىمۇ ئەسقاتمايدۇ . ئاللاھ تائالا ئۆزىگە قارشى ئىشلەنگەن گۇناھلاردىن خالىسا ئۆتىدۇ، ئەمما كىشىنىڭ ھەققىدىن ھەق ئىگىسى ئۆزى ئۆتمىگىچە قەتئىي ئۆتمەيدۇ . بۇ دۇنيادا كىشىلەرنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلماي ئۆ لىپ كەتكەنلەر، قىيامەت كۈنى بېرىدىغان پۇل مېلى يوق، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى ھېسابلاپ بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ . ئەگەر ياخشى ئەمەللىرى كىشىلەرنىڭ ھەقلىرىنى تۆلەشكە يەتمىسە، ھەق ئىگىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى ئىستىگە ئالىدۇ .
ئەگەر تەقۋادار بولمىساق، مال دۇنيانى د ەپ ھالال ھارامنى ئىلغىمىساق، ئۇ چاغدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئەيىبلىگەن ئەھلى كىتابلار بىلەن ئارىمىزدا نېمە پەرق قالىدۇ؟ ئەگەر پەرق قالمىسا، بىز ئۆزىمىزنى نېمىگە ئاساسەن ”مەن مۇسۇلمان “ دەيمىز؟ ئاللاھ تائالا ئەھلى كىتاب )يەھۇد ناسارا( لارنى ئەيىبلەپ مۇنداق دەيدۇ : ÿÏνÏjŠxσムy7ø‹s9Î) ωÎ) $tΒ |MøΒߊ ϵø‹n=tã $VϑÍ←!$s% 3 y7Ï9¨sŒ óΟßγ¯Ρr’Î/ (#θä9$s% }§øŠs9 $uΖøŠn=tã ’Îû z↵ÍhŠÏiΒW{$# ×≅‹Î6y™ ئەھلى كىتابتىن بەزىلىرى باركى، ئۇنىڭدا كۆپ مال ئامانەت قويساڭمۇ ساڭا ئۇنى قايتۇرۇپبېرىدۇ. ئۇلاردىن يەنە بەزى كىشىلەرمۇ باركى، ئۇنىڭدا بىر دىنار ئامانەت قويساڭمۇ ئۇنىڭ بېشىدا تۇرمىغىچە ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. بۇ شۇنىڭ ئىچىنكى، ئۇلار» : ئىممىيلەرنىڭ مېلىغا خىيانەت قىلساق بىزگە گۇناھ بولمايدۇ )يەنى بىزنىڭ دىنىمىزدا بولمىغانلارنىڭ ماللىرى بىزگە ھارام ئەمەس(« دېدى. ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى تۋقۇيدۇ.] سىرەئال ئىمران: 75 ئايەت [
ئاللاھ تائالا بىزگە مەرھەمەت قىلىپ ئەقىل ئاتا قىلدى، پەيغەمبەر ئەۋەتىش ۋە ئۇنىڭغا كىتاب نازىل قىلىش ئارقىلىق ھەق بىلەن ناھەقنى، توغرا بىلەن خاتانى چىشەندىردى، بىزنى مۇشۇ ئۇلۇغ دىنغا تەۋە بولۇش شەرىپىگە ئېرىشتىردى . ئەمدى بىز ئەقلىمىزنى ھەق يولدا ئىشلەتمىسەك، قۇرئان ھەدىسنىڭ روھىغا ئەمەل قىلمىساق قانداق مۇسۇلمان بولالايمىز؟ !
ئى ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىم ! بىزنى ھەق يولدىن ئايرىمىغىن، ھالال رىزىق بىلەن ياشاشنى نىسىپ قىلىپ، كىشىنىڭ ھەققىنى يەپ سېلىشتىن ساقلىغىن. ئامىين !
تەرجىمە تېكىستى كىرگۈزۈلمىگەن.
بىراۋنىڭ ئىستىدە ھەققى بولغان كىشى، زۇلۇم ۋە دىشمەنلىكتىن باشقا قايسى بىر ئۇسۇل بىلەن ھەققىنى تولۇق ئېلىش ھوقۋقىغا ئىگە . ئىستىدە ھەق بولغان كىشىنىڭ رازى بولۇش بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر ھىلە ئىشلىتىپ بولسىمۇ ھەققىنى ئالالايدۇ . كېرەك بولسا سۋتقا ئەرز قىلىپ ھەققىنى تەلەپ قىلالايدۇ . لېكىن ھەق ئىگىسىنىڭ يالغان سۆزلىمەسلىكى، خىيانەت قىلماسلىقى، ئۆزىنىڭ بولمىغان نەرسىنى مېنىڭ دەپ دەۋا قىلماسلىقى، يوقىلاڭ نەرسىلەر ئۈچۈن دەۋالاشماسلىقى، ئادالەت بىلەن ھۆكىم قىلمايدىغان، زالىم ھاكىمغا ئەرز قىلماسلىقى لازىم . چۈنكى بۇ ئىشلاردا ھەق ئىگىسى ئالى دىغان ھەققىدىن كۆپرەك زيانغا ئۇچرايدۇ . دەۋالىشىپ جىدەل ماجىرا قىلىش بەزىدە تەلەپتە ھەددىدىن ئېشىپ كېتىشكە سەۋەب بولىدۇ دە، زۇلۇم قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : بىر بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم ماللىرىنى زۇلۇم بىلەن يەۋىلىش ئۈچۈن ھاكىملارغا پارا بەرمەڭلار .] بەقەرە سىرىسى:188 ئايەت [ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ھەدىستە » : ئەگەر ئىنسانلارغا دەۋا قىلغان نەرسىسىنىڭ ھەممىسى ئېلىپ بېرىلسە، بەزى ئادەملەر كىشىلەرنىڭ مال مىلكىنى، قانلىرىنى تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن دەۋا قىلغۇچىغا ھۆججەت، تېنىۋالغۇچىغا قەسەم ۋاجىب بولىدۇ.« دېگەن .
قازى ھاكىملارنىڭ ئىچىدىمۇ خۇدادىن قورقمايدىغان، ئادالەت بىلەن ھۆكىم قىلمايدىغان، داۋىگەرلەردىن پارا ئالىدىغان، يالغان گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلىدىغان، بىلىپ تۇرۇپ راست گەپنى قوبۇل قىلمايدىغان، نائەھلىلەرمۇ بار . شۇڭلاشقا مۇسۇلمانلار ھەممە نەرسىدىن ئاۋۋال تەقۋانى چىڭ تۇتۇپ، كىشىنىڭ ھەققىنى بىلىپ ياكى بىلمەي يەپ سېلىشتىن قاتتىق ھەزەر قىلىشى كېرەك . كىشىلەردە ھەققى بار كىشىنىڭ ئۆز ھەققىنى ئېلىش ھوقۇقى بولسىمۇ، دەۋاسىدا قاتتىق بولماسلىقى، زۇلۇمدىن ساقلىنىشى لازىم . ئىستىدە باشقى لارنىڭ ھەققى بولغان كىشىلەرمۇ، كىشىلەرنىڭ ھەققىنى بەرمەي تۇرىۋالماستىن، ئۆز كەمچىلىكىنى تونۇپ ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى ئۆز ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بېرىشى، ئەگەر قايتۇرۇپ بېرىشكە قۇربى يەتمىسە، ھەق ئىگىسىگە چىرايلىقچە ئەھۋالنى ئۇقتۇرۇپ ئۆزرەخاھلىق قىلىشى، ئاللاھ تائالادىن ئىستىدىكى ھەقلەرنى تۆلەشكە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىشى لازىم . ئەگەر شۇنداق قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا چوقۇم بىر چىقىش يولى يارىتىپ بېرىدۇ ياكى ھەق ئىگىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بېرىپ، ئىستىدىكى ھەقنى ئۆتىۋىتىدۇ .
ئەھنەف ئىبنى قەيس مۇنداق دە يدۇ” : ئەقىللىق كىشى ئوتتۇرىدىكى مۇھەببەت ۋە دوستلۇق بۇزۇلمىسۇن ئۈچۈن، ھەققىدىن بىرئاز قويۇپ بېرىدۇ ياكى ھەممىنى ئۆتىۋىتىدۇ . چۈنكى ئۇ ئىسلام قېرىنداشلىقىنى كىشىلەردىن ئالىدىغان ھەققىدىن ئەۋزەل بىلىدۇ . سۋتقا بېرىشتىن ياخشىلىق كەلمەيدىغانلىقىنى، سۋتتا رەقىبىنى يېڭىش ھەۋىسى بېسىپ چىشىپ، ئالدامچىلىق، ساختىپەزلىك ۋە زۇلۇم قىلىپ سېلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلىدۇ . ئىستىدە ھەق بولغان كىشى نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ ھەققە تېنىۋىلىشى، كىچلىكراق كىشى بولسا، مەھكىمىدە ھەق ئىگىسىنى جىنايەتچى قىلىپ كۆرسىتىشى مۇمكىن . چۈنكى مال دۇنيا مۇھەببىتى ئىنساننى يىرتقۇچ ھايۋانغا ئوخشاش قىلىپ قويىدۇ. بىر شائىر شۇنداق دېگەن : تەرجىمىسى: سەن بايلىقتىن ئىلگىرى پەرشتە ھسابلايدىغان ئادەمنى مال دۇنيا يىرتقۇچ ھايۋان قىلىپ قويىدۇ .
دەۋاسىدا قاتتىق ئادەم ناھەق سۆزلەيدۇ، دىنىي قېرىنداشلىرىغا زۇلۇم قىلىشتىن، ئۇلارنىڭ قېنىنى تۆكىشتىن، مال مىلكىنى تارتىۋىلىشتىن، ھاكىمغا پارا بېرىپ ئالداشتىن، گۇۋاھچىلارنى سېتىۋىلىشتىن قورقمايدۇ . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ : مەن » بىر ئىنسان، سىلەر مېنىڭ ئالدىمغا دەۋالىشىپ كېلىسىلەر، بەزىلىرىڭلار دەلىل كەلتىرىشتە گەپكە ئۇستا بولۇشۇڭلار مۇمكىن، مەن ئاڭلىغىنىم بويىچە ھۆكىم قىلىمەن، ئەگەر مەن بىرىڭلارغا قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ھەققىدىن بىر نەرسە ھۆكىم قىلسام، ئۇنى ئالمىسۇن، چۈنكى ئۇنىڭغا دوزاخ ئوتىدىن بىر پارچا بەرگەن بولىمەن «.
يەنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە ھەر قانچە ئادالەتلىك قازى ۋە سۋتچىمۇ داۋىگەرلەرنىڭ سۆزىگە قاراپ ھۆكىم چىقارغانلىقى ئۈچۈن خاتا ھۆكىم چىقىرىپ سېلىش ئىھتىمالى بارلىقىنى، دەۋالاشقۇچى ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ قازىنىڭ ئالدىدا راست گەپ ۋە توغرا گۇۋاھلىق بېرىشى ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، يالغان سۆز ۋە يالغان گۇۋاھچىلار ئارقىلىق كىشىنىڭ ھەققىنى ئېلىشنىڭ ھاراملىقىنى، بۇ دۇنيادا قازىنى ئالدىغان بىلەن قىيامەت كۈنى ئالداش ۋە ھېچ نەرسىنى يوشۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان، ئىنسانلارنىڭ پىتىن ئىچكى سىرلىرىنى بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىدىغانلىقىنى، ئەسلىتىدۇ .
كىنىمىزدە كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئىمان ئاجىزلىشىپ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدىغان، دەۋالىشىپ قالسا ئاغزىنى بۇزىدىغان، شەيتاننىڭ ۋە يامان نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىدىغان، يەر يىزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ ھەددىدىن ئاشىدىغان، تۆھمەت چاپلاش، يالغان سۆزلەشتىن قورقمايدىغان، ھەممە نەرسىگە يالغاندىن قەسەم قىلىۋىرىدىغان بۇلۇپ كەتتى . ئۇلارغا يېڭىلگەندىن كۆرە كاپىر بولۇش ئاسانراق تۇيۇلىدۇ . ئىستىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەققىنى ئېتىراپ قىلىش ئېغىر كېسەللىكنىڭ ئاغرىقىدىنمۇ قاتتىق كېلىدۇ . ھەقسىز تۇرۇپ ئۆزىنى ھەقلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن پارا بېرىپ گۇۋاھچىلارنى سېتىۋالىدۇ . مانا مۇشۇنداق ئىنسانلار ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يامان كۆرىلىدىغان ئىنسانلاردۇر .
دېمەك، ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ س انلىقى ئاللاھ تائالا يامان كۆرىدىغان ئادەملەرگە ئايلىنىپ قالدى . ئاللاھ تائالا يامان كۆرگەن ئادەمگە ھەرگىز ياردەم بەرمەيدۇ . شۇڭلاشقا مۇسۇلمانلار خارلىقتىن قۇتۇلالمايمىز . ئەگەر بىز تىزدىن ئۆزىمىزنى تۈزىتىپ ئاللاھ تائالا دوست تۇتىدىغان كىشىلەردىن بولمىساق بۇ دۇنياد ىكى خارلىقىمىز يەتمەيدۇ، ئاخىرەتكە بارغاندا تېخىمۇ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىمىز .
ئى رەھىملىك ئۇلۇغ ئاللاھ ! بىزگە بالا چاقىلىرىمىزغا ئىنساپ ، تەۋپىق، ھىدايەت ئاتا قىلىپ، سېنى رازى قىلىدىغان ھەقىقى مۇسۇلماملاردىن بولۇشنى نىسىپ قىلغىن . بىزنى شەيتاننىڭ ۋە يامان نەپسىمىزنىڭ ئارقىسىغا كېرىپ سېنىڭ غەزىۋىڭگە ئۇچراپ كېتىشتىن ساقلىغىن. ئامىين !
ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : مۇشتلاشتا رەقىبىنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىغى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتىۋالغان باتۇر ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . ھەدىنىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:5972، مۇسلىمدىكى نومۇرى: 6595[
بەزى ئىنسانلار ئاچچىقى كەلگەندە كۆزى ھېچنىمىنى كۆرمەيدۇ. مېھرى مۇھەببەت، مەرھەمەت، شەپقەت دېگەن نەرسە ئۇنىڭ مىڭىسىدىن چىقىپ كېتىدۇ، ئۇ خۇددى ۋەھشى ھايۋانغا ئوخشاپ قالىدۇ . بۇنداق ئادەم جىسمانىي جەھەتتە ھەر قانچە كىچلىك بولسىمۇ، ئەڭ ئاجىز ئادەمدۇر .
ئەركەك بولسا ئاچچىغى كەلگەندە نەپسىنى يېڭەلىسە، ئاچچىغىنى بېسىۋالالىسا ئاندىن كىچلىك ۋە باتۇر ئادەم بولىدۇ .
ئەڭ ئەۋزەل ئىمان نەپس بىلەن جىھاد قىلىش، زۇلۇم قىلماسلىق، يامانلىق قىلغان ئادەمنى كەچىرىش، ئالاقىسىنى ئىزگەن ئۇرۇق تۇغقانلارغا سىلە رەھىم قىلىشتۇر . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بىر ئادەم كېلىپ ” : يا رەسۇلۇللاھ! ماڭا نەسىھەت قىلسىلا“ دېۋىدى، رەسۇلۇل » : لاھغەزەبلەنمىگىن « دىدى . ھېلىقى ئادەم يۇرقىرىدىكى تەلەپنى بىر نەچچە قېتىم قويدى . رەسۇلۇللاھ ھەر قېتىمدا »غەزەبلەنمىگىن« دېدى. رەسۇلۇللاھنىڭ غەزەبلەنمىگىن دېگىنى، غەزىۋىڭگە يېڭىلمە، ئاچچىغىڭنى بېسىۋالغىن دېگەنلىكىدۇر . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە »ئاچچىغى كەلگەندە ئۆزىنى بېسىۋالغان كىشىگە اللەنىڭ مۇھەببىتى ۋاجىب بولدى« دېگەن .
لۇقمان ھەكىم ئوغلىغا مۇنداق نەسىھەت قىلغان ” : ئېغىر بېسىقلىق پەقەت ئاچچىغى كەلگەندە، شىجائەت جەڭدە، دوست ئۇنىڭغا مۇھتاج بولغاندا مەلۇم بولىدۇ . غەزەبلەنگەندە بىر نەرسە دېگەن كىشى ئاچچىغى يانغاندا چوقۇم پۇشايمان قىلىدۇ . ئۆچ ئېلىشقا كىچى يېتىپ تۇرۇقلۇق ئېغىر بېسىقلىق قىلىش ۋە ئەپۇ قىلىش پەزىلەتتۇر “.
ھەزرىتى جەئفەر سادىقنىڭ يېنىدا ئەخلاقى ناچار، تىز ئاچچىغى كېلىدىغان، ئۇرۇشقاق بىر ئادەم بار ئىدى . كىشىلەر جەئفەردىن ” : بۇ ئادە منىڭ قىلىقىغا چىداپ تۇرامسىز؟ “ دەپ سوراشقاندا، ئۇ : ”ھەئە، ئۇنىڭدىن ئېغىر بېسىقلىق قىلىشنى ئىگىنىۋاتىمەن“ دەپ جاۋاپ بەرگەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە ھەزرىتى جەئفەر سادىقنىڭ بىر قۇلى بار ئىدى . بىر كۈنى قۇلى ئۇنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرىۋاتفاندا قولىدىن ئىبرىق چىشىپ كېتىپ ئۇنىڭ يىزىگە سۇ قاتتىق ئۇرۇلدى . ئۇ ئاچچىقلانغان ھالدا قۇلىغا قارىۋىدى، قۇلى قۇرئاندىكى »ئاچچىغىنى يۇتقۇچىلار « دېگەن ئايەتنى ئوقىدى، جەئفەر” : ئاچچىغىمنى يۇتتۇم“ دېدى. قۇل» : كىشىلەرنى ئەپۇ قىلغۇچىلار « دېگەن ئايەتنى ئوقۇۋىدى، جەئفەر ” : ئەپۇ قىلدىم “ دېدى . ئاندىن قۇل » : ئاللاھ ئېھسان قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ« دېگەن ئايەتنى ئوقۇۋىدى، جەئفەر” : ئاللاھ يولىدا سېنى ئازات قىلدىم“ دېدى .
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئېغىر بېسىق بولۇش، كىشىلەرگە يۇمشاق، سىلىق ۋە چىرايلىق مۇئامىلە قىلىش، دىشمەنلەردىن كەلگەن جەۋر جاپا ۋە ئ ەزىيەتكە سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بېرىش، ئۆچ ئېلىشقا ئالدىرىماسلىققا بۇيرۇپ ۋە مۇنداق قىلىشنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى پايدىلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : »ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ، ياخشى خىسلەت ئارقىلىق يامان ئىشلارغا تاقابىل تۇرغىن، شۇندا ق قىلساڭ سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گۇيا سىرداش دوستۇڭدەك بۇلۇپ قالىدۇ . بۇ خىسلەتكە پەقەت سەۋرچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ، بۇ خىسلەتكە پەقەت بىيىك نەسىۋە ئىگىسىلا ئېرىشەلەيدۇ ] «.سىرە فۇسسىلەت: 34 35 ئايەتلەر [
غەزەبلىنىش ئىنسان تەبىيئىتىدە بار نەرسە بۇلۇپ ئەيىبلىنىدىغان نەرسە ئەمەس. بۇ يەردە تەلەپ قىلىنىدىغىنى ئاددى ئىشلارغا غەزەبلىنىپ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان ۋە ئۇرۇش جىدەل قىلىپ قولۇن قوشنىلار بىلەن دىشمەنلىشىدىغان، مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى بۇزىدىغان ئىشلاردىن ئۆ زىنى ساقلاشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاچچىغى كەلگەندە بىر ئاز ئۆزنى بېسىۋىلىپ، ئىشنىڭ تىگى تەكتىنى سىرىشتە قىلسا، بەلكى ئۇنچىلىك ئاچچىقلىنىدىغان ئىش بولماسلىقى مۇمكىن . ئۇنىڭ بىلەن چىقىش ئالدىدىى جىدەل ماجىرانىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۆزئارا دوستلۇق، ئىناقلىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ .
سەۋر قىلىش، ئېغىر بېسىق بولۇش ئەسكىلىك قىلغان ئادەمدىن ئۆچىنى ئېلىشقا كىچى يەتمىگەنلىكى ياكى ئۇنىڭدىن قورققانلىقى ئۈچۈن بولسا، ئۇ ئاجىزلىق بۇلۇپ مەدھىيىلەشكە لايىق ئەمەس .
ئەگەر كىشى تەكەببۇرلۇقتىن ”ئەسكى بىلەن ئۆزىمنى تەڭ قىلامدىمەن د “ەپ ئېغىر بېسىقلىق قىلسا، ئۇمۇ ئالى خىسلەتكە كىرمەيدۇ .
ئەگەر كىشى يامانلىق قىلغان ئادەمگە جامائەت ئالدىدا بىر نەرسە دېمەي سەۋرچانلىق قىلىپ كەچىرۋاتقان بۇلۇپ، كېيىن ئۇنىڭدىن قاتتىق ئۆچ ئېلىشنى پىلانلاپ ئاچچىغىنى يۇتسا، ئۇ ھېلىگەرلىك، ئالدامچىلىق بولىدۇ .
ئەگەر ئەپۇ قىلىش ۋە سەۋرچانلىق كىشىنىڭ تەبىئىي خاراكتېرى بولسا، ئۇمۇ بۇ ھەدىستە سۆزلەنگەن ئاچچىغىنى بېسىۋالغان كىشىنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ تەبىئىتى شۇنداق .
ئەمما ئاچچىغى يامان، تەلۋە، ئۇرۇشقاق، يامانلىق قىلغان ئادەمنى ئۇرۇپ كۇكۇن تالقان قىلىۋەتسە دەردى چىقمايدىغان، كىچلىك، قورقۇمسىز ئادەم ئاللاھ تائالا ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلغانلىقى ئۈچۈن يالقۇنلاپ تۇرغان ئاچچىغىنى يۇتىۋەتسە، ئۆزىنى بېسىۋىلىپ يامانلىق قىلغان ئادەمنى كەچىرۋەتسە، ئاندىن ئۇ پەزىلەتلىك كىشى بۇلۇپ، ھەقىقى باتۇر دەپ سىپەتلىنىشكە ۋە ئاللاھ تائالانىڭ كاتتا مۇكاپاتىغا ئېرىشىشكە لايىق كىشى بولىدۇ . ئۇنداق قىلغان كىشى نەپسىنى ۋە شەيتاننى يەڭگەن، ھايۋانىي سىپەتنى تاشلاپ ئىنسانىيەت شەرىپىگە يىكسەلگەن كىشىدۇر .
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككە مۇكەررىمىدە دەۋەت ئېلىپ بارغاند ا قەۋمى ئۇنىڭغا قارشى چىققان، ئۇنى يالغانچىلىق، جادۇگەرلىك ۋە ساراڭلىق بىلەن ئەيىبلىگەن، ناماز ئوقىۋاتقاندا تۆگىنىڭ ئىشكەمبىلىرىنى بېشىغا تاشلىغان، يولدا ماڭسا تاش ئېتىپ مۇبارك پۇتلىرىنى قانىتىۋەتكەن، ئۆيىنىڭ ئالدىغا تىكەنلەرنى تاشلىغان . بىر نەچچە قېتىم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۆلتىرىشكە تەشەببۇس قىلغان . ھىجرەت كېچىسى ئەگەر ئاللاھ تائالا ساقلاپ قالمىغان بولسا رەسۇلۇللاھنى ئۆلتىرىۋەتكەن بولاتتى . چۈنكى رەسۇلۇللاھنى ئۆلتىرىش ئۈچۈن پىتىن قەبىلىنىڭ كىچلىك ياشلىرى ئۇنىڭ ئۆيىنى قۋرشىۋالغان ئىدى . بۇنىڭدىن باشقا دەپ تىگەتكىسىز زۇلۇم ۋە جەۋر جاپالارنى سالغان ئىدى . مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىنمۇ رەسۇلۇللاھقا قارشى بىر نەچچە قېتىم ئۇرۇش ئاچقان ئىدى . كېيىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككىنى فەتھى قىلغاندا، يۇقىرىدىكى زالىم كاپىرلار نىڭ ھەممىسى قولغا چىشكەن، رەسۇلۇللاھ ئۇلاردىن قانداق ئۆچ ئالسا، ئۇلارنى قانداق جازالىسا كىچى يېتىدىغان، بىر بۇيرۇق بىلەن پىتىن كاپىرلارنىڭ كاللىسىنى ئالالايدىغان ھوقۇق ۋە كىچنى قولىغا ئالغاندا، بارلىق كاپىر بۇرۇن ئۆزلىرىنىڭ رەسۇللاھقا ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغ ا قىلغان زۇلۇملىرىنى ئەسلەپ، ئەمدى بىزنى قانداق جازالايدىكى؟ بېشىمىزغا قانداق كىنلەر چىشەركى؟ دەپ خەۋپ ئەندىشىگە پاتقاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا خىتاب قىلىپ » : مېنى سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ، دەپ ئويلايسىلەر؟ « دېدى . كاپىرلار: ”ئالىيجاناب بۇرادىرىمىزنىڭ ئوغلى ئالىيجاناب بۇرادەرسەن“ دېدى . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : كېتىڭلار ! ھەممىڭلار ئازات . مەن بىگىن سىلەرگە پەقەت قېرىندىشىم يىسىفنىڭ دېگىنىنى دەيمەن ” : بىگىن سىلەر ئەيىبلەشكە ئۇچرىمايسىلەر، ئاللاھ سىلەرنى كەچىرسۇن، ئاللاھ ئەڭ مەرھەمەتلىكتۇر.“« دېدى. مانا بۇ ھەقىقى مەردلىك، ھەقىقى ئالىيجانابلىق، ھەقىقى قەھرىمانلىق ۋە ئاچچىغىنى يۇتقانلىقتۇر .
ئۆزىنى تۇتالماسلىق، ئاچچىغىنى باسالماسلىق تىپەيلى ئەرلەر خوتۇنلىرىنى تالاق قىلىدۇ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە بالىلار پەرىشان بولىدۇ، بىرى ئىگ ەي ئانا قولىدا زارلانسا، بىرى ئىگەي دادا قولىدا ئىزىلىدۇ. بەزىلەر ئاچچىغىم بار دەپ، ھە دېسىلا خوتۇنىنى ئىچ تالاق قىلىپ قويۇپ، قايتا يارىشىشقا يول تېپىش ئۈچۈن ھەر تىلىك ھىلە مىكرىلەرنى ئىشلىتىدۇ . بەزى ئاياللار ئېرى دىن كىچىككىنە كۆڭلى ئاغرىسا، سۆزىمنى بەر دەپ ئېرىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىدۇ، ئۇ ئاچچىغى كەلگەندە ئاجراشقاندىن كېيىن قانداق ئەھۋاللارغا قالىدىغانلىقىنى ئويلىيالمايدۇ . بەزى ئاتا ئانىلار قىزلىرى يامانلاپ كەلسە، ئىشنىڭ تېگى تەكتىنى سىرىشتىرىپ باقماستىنلا قىزىنى ئاجراشتۇرىۋالىدۇ .
بۇنداق ئالدىراپ ئاجراشقان قىزلارنىڭ كۆپ قىسمى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئەرسىز، ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ قولىغا قاراپ خورلۇق ئىچىدە ياشاشقا مەھكۇم بولىدۇ .
شۇنىڭدەك يوقىلاڭ ئىشلارغا غەزەبلىنىپ كىشىلەر بىلەن جىدەل ماجىرا چىقىرىدىغان ئادەمنى قولۇن قوشنىلىرى ۋە ئىش ھەمرالىرىمۇ ياقتۇرم ايدۇ. ئۇ ئاچچىغىنىڭ يامانلىقى بىلەن ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى ئۆزىگە دىشمەن قىلىۋالىدۇ . ئەگەر سودىگەر بولسا، دوكىنىغا ھېچكىم كەلمەيدۇ. ئىش ئىگىسى بولسا، ئىشچىلار قېچىپ كېتىدۇ . ئىش تاپماقچى بولسا، ئۇرۇشقاق دەپ ھېچكىم ئىشقا ئالمايدۇ، بېشىغا كىن چىشسە ھېچكىم يارد ەم بەرمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ جەمئىيەتتە چەتكە قېقىلىپ ئۆزى يالغۇز ياشاشقا مەھكۇم بولىدۇ . شۇڭلاشقا ئىنسان ئېغىر بېسىق بۇلۇپ ئاچچىغىغا مەغلۇپ بولغۇلۇق ئەمەس .
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتىش كېرەككى، ئاللاھ تائالا ئىنسانغا غەزەبلىنىش تۇيغۇسى بەرگەن، غەزەبلىنىشنىڭمۇ كېرەكلىك ئورۇنلىرى بار . دىنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىنسا، غەزەبلىنىشىڭ كېرەك. ئاللاھ تائالا نىڭ ھەققى زايا قىلىنغانلىقىنى، چەكلىگەن ئىشلىرىنىڭ ئىشلەنگەنلىكىنى كۆرسەڭ، ياخشى سۆزلەر بىلەن نەسىھەت قىلىشىڭ، ئەگەر نەسىھەت كار قىلمىسا ئەھۋالغا قاراپ كىچ ئىشلىتىشىڭ كېرەك. ئايالىڭ، قىزلىرىڭ ۋە ئاچا سىڭىللىرىڭنىڭ ئىپپەت نومۇسى تاجاۋۇزغا ئۇچرىسا غەزەبلىنىشىڭ كېرەك . بىر مۇسۇلمان بۇرادىرىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىسا، ۋەتىنىڭ دىشمەنلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىسا، غەزە پلىنىپ مۇداپىئە قىلىشىڭ كېرەك . يەنى ئاللاھ ئۈچۈن غەزەبلىنىسەن، ئاللاھ ئ ىچىن ئاچچىق بولسىمۇ ھەقىقەتنى ئېيتىسەن . ئەمما مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىڭغا قارشى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ يوليۇرۇقى بىلەن ئىش قىلىسەن : يېقىن خىشى ئەقرىبالىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن . ساڭا ەگەشكەن مۆمىنلەرگە مۇلايىم بولغىن . ئەگەر خىش ئەقرىبالىرىڭ ساڭا ئاسىيلىق قىلسا » : مەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن ھەقىقەتەن ئادا جۇدامەن« دېگىن.] سىرە شۇئەرا:214 215 216 ئايەتلەر [
ئاللاھ تائالا نەپسى شەيتانغا مەغلۇپ بۇلۇپ، دوستنى قورقىتىپ، دىشمەنگە خوشامەت قىلىدىغانلاردىن قىلمىسۇن. ئامىين !
47 ھەدىس يالغان قەسەم قىلىشنىڭ گۇناھى توغرىسىدا ھەزرىتى سابىت ئىبنى زەھھاك رەزىيەللاۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : كىمكى يالغاندىن ئىسلام دىنىنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم ئىچسە، ئۇنىڭ دېگىنىدەك بولىدۇ . كىمكى ئۆزىنى بىرەر نەرسە ئارقىلىق ئۆلتىرىۋالسا قىيامەت كۈنى شۇ نەرسە بىلەن ئازاب قىلىنىدۇ. كىشىنىڭ ئۆزى ئىگە بولمىغان نەرسىنى نەزىر قىلىشى لازىم ئەمەس.« بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە »مۆمىن ئادەمگە لەنەت قىلىش ئۇنى ئۆلتىرگەنگە باراۋەر . دۇركىمكى بىر مۆمىننى كاپىر دەپ تىللىسا، ئۇنى ئۆلتىرگەنگە باراۋەر بولىدۇ .« دېگەن جۈملە ئىلاۋە قىلىنغان . ]بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:5963 ، مۇسلىمدىكى نومۇرى:262[
ئىزاھات :
بەزى ئادەملەر ئاغىزىدىن نېمە چىقىۋا تقانلىقىنى ۋە گەپنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ نېمە قىلىمەن( دېگەن سۆزدىن ئىبارەت . چۈنكى »ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەن « دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى »مۇشۇ مېنىڭ سۆزىمنىڭ راستلىقىغا ئاللاھ گۇۋاھ « دېگەن بولىدۇ . غەيبنى پەقەت ئاللاھ تائالاغىنا بىلگەنلىكى ئۈچۈن، باشقا نەرسە بىلە ن قەسەم قىلىش شۇ نەرسىنى ئاللاھ تائالاغا ئوخشاش كۆرگەنلىك بۇلۇپ شېرىكتۇر .
بەزىلەر قەسەم قىلغاندا، ”ئۇنداق بۇلۇپ كېتەي، مۇنداق بۇلۇپ كېتەي “ دەپ قەسەم قىلىدۇ . بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىشتۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە بىزنى ئەنە شۇنداق قەس ەم قىلىشنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ . بىر ئادەم قەستەن يالغاندىن قەسەم قىلىپ، كاپىر ياكى يەھۇدى ياكى خىرىستىيان ياكى ئىسلامدىن باشقا ھەر قانداق بىر دىن ياكى مەزھەبنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلىسا، دېگىنىدەك بۇلۇپ كېتىدۇ . يەنى ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كاپىر بۇلۇپ كېتىدۇ. ئۇنداق ئادەم دەرھال تەۋبە قىلىپ ئىمانىنى يېڭىلىشى كېرەك .
يالغان قەسەم قىلىش چوڭ گۇناھتۇر . چۈنكى يالغان قەسەم قىلغان كىشى بىرىنچىدىن ئىنسانلارنى ئالدىدى، ئىككىنچىدىن ئاللاھ تائالانى يالغانچىلىقىغا گۇۋاھچى قىلىش ئارقىلىق، ئاللاھ تائالانىڭ ئەزىمەت ۋە جالالىغا قاتتىق بىھۆرمەتلىك قىلدى، ئىچىنچىدىن ئۇ يالغان سۆزلىدى . بۇلارنىڭ ھەر بىرى گۇناھى كەبىرە دەپ ئاتالغان چوڭ گۇناھلاردىن بۇلۇپ، يالغان قەسەم قىلغان ئادەم ئىچ تۈرلۈك چوڭ گۇناھنى بىراقلا ئىشلىگەن بولىدۇ . ئۇ زۇلۇم ئىستىگە زۇلۇم قىلغانلىقتۇر . بۇمۇ ئاز كەلگەن دەك باشقا دىنلاردا بۇلۇپ كېتىش سۆزىنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغان كىشى ئۆزىنى پىتىنلەي ھالاكەتكە تاشلىغان بولىدۇ .
بىزدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان” : قۇرئان ئۇرسۇن، نان ئۇرسۇن، تۇزغا دەسسەپ بېرەي“ دېگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسى گۇناھ ۋە خاتا ئىشلاردۇر . مۇسۇلمان مۇمكىن قەدەر قەسەم قىلماسلىقى كېرەك. ئەگەر قەسەم قىلىشقا مەجبۇر بۇلۇپ قالسا، ”اللەنىڭ ئۇلۇغلىقى بىلەن “ ياكى ”ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەن“ دېيىشى لازىم .
ئەڭ چوڭ گۇناھلاردىن بىرى ئۆزى ئۆزىنى ئۆلتىرىشتۇر . ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتىرگەن ئادەم، مۇشۇ دۇنيادا ئۆزىنى نېمە بىلەن ئۆلتىرگە ن بولسا، قىيامەت كۈنى شۇ نەرسە بىلەن ئازابلىنىدۇ . مەسىلەن : ئۆزىنى پىچاق بىلەن ئۆلتىرگەن بولسا، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ قولىغا بىر پىچاق تۇتقۇزۇلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى ئۆلتىرگىزىدۇ، ئاندىن تىرىلدىرىلىدۇ، يەنە ئۆزىنى ئۆلتىرىدۇ . ئەگەر زەھەر ئىچىپ ئۆلگەن بولسا، قىيامەت كۈنى قولىغا زەھەر بېرىلىپ ئىچىشكە مەجبۇرلىنىدۇ، ئۇ زەھەرنى ئىچىپ ئۆلىدۇ، قايتا تىرىلىدۇ، يەنە ئىچىدۇ، يەنە ئۆلىدۇ. مەڭگىلىك مۇشۇنداق ئازابلىنىدۇ .
ئىنسان ئۆز بەدىنىنىڭ ئىگىسى ئەمەس، ئۇنىڭ ئىگىسى ئۇنى ياراتقان ئاللاھ تائالا . دۇرھېچبىر كىشىنىڭ ئۆز مىلكى بولمىغان نەرسىنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىش ھەققى يوق . ئىرادىسى ئاجىز ئادەم قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، بېشىغا كەلگەن بەزى مۇسىيبەتلەرگە سەۋر قىلالمايدۇ. قاچان بېشىغا بىرەر خاپىلىق كەلسە، سەۋر تاقەت قىلالماي، بارلىق كىچى بىلەن ئۇنىڭدىن تىزدىن قۇت ۇلۇشقا ئۇرۇنىدۇ . ئەگەر قۇتۇلۇشتىن ئۇمىدىنى ئىزسە دەرھال ئۆزىنى ئۆلتىرىشكە تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇ كۆڭلىدە ئۆزىنى ئۆلتىرىش بىلەن پىتىن خاپىلىقلاردىن بىراقلا قۇتۇلۇپ كېتىمەن دەپ ئويلايدۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنى مەڭگىلك قۇتۇلالمايدىغان دوزاخقا تاشلايدۇ . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ھەدىستە » : ئۆزىنى ئۆلتىرىۋالغان ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ « دەپ كۆرسەتكەن. بۇنداق يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇشنىڭ سەۋەبى ئىمانىنىڭ قاتتىق ئاجىزلاپ كەتكەنلىكى ۋە ياخشىلىق يامانلىقنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى بىلەن بولىدىغانلىقىغا چىن ئىشەنمىگەنلىكىدىندۇر. شۇڭا بۇ جىنايەت ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدا ئىسلام ئەللىرىگە نىسبەتەن كۆپ يۈز بېرىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەركىنلىك ئىسمى ئاستىدا ھەر تۈرلۈك رەزىللىك ۋە ئەخلاقسىزلىقلارنى قىلىپ، بېشىغا بىر پالاكەت كەلسە چىدىيالماي ئۆزىنى ئۆلتىرىۋالىدۇ .
خارلىقتىكى ھاياتتىن شەرەپلىك ئۆلىم ياخشى . شەرەپلىك ئۆلىم دىنىنى، جېنىنى، مېلىنى، ئائىلىسىنى ۋە ۋەتىنىنى قوغداش يولىدا ئۆلىشتۇر . بۇ جېنىنى، مېلىنى ئاللاھ يولىدا پىدا قىلىش بۇلۇپ »شېھىت«لىكتۇر. شېھىتلەرنىڭ قىيامەت كىنىدىكى مۇكاپاتى جەننەتتىكى ئەڭ ئالى ماقامدۇر بىر . جەڭدە مۇسۇلمانلاردىن بىرى قۋرىلىنى كۆتىرگىنىچە دىشمەن سېپىنى بۆسىپ كىرىپ كېتىۋىدى، ئۇنى كۆرگەنلەر ” : ئۇ ئۆزىنى ھالاكەتكە تاشلىدى “ دېيىشتى . بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ” : سىلەر قۇرئاننى خاتا تەپسىر قىلىسىلەر، ئەنسارلار جىھادقا سەل قاراپ، ئاللاھ يولىدا مېلى ۋە جېنى بىلەن جىھاد قىلمىغان ئىدى، ئاللاھ تائالا : ئاللاھ يولىدا پۇل مېلىڭلارنى سەرپ قىلىڭ لار، ئۆزەڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار، ئىھسان قىلىڭلار، ئىھسان قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ ] سىرە بەقەرە:195 ئايەت [ دېگەن ئايەتنى نازىل قىلدى . ئۆزىنى ھالاكەتكە تاشلىغانلىق جىھادنى تەرك ئېتىشتۇر، جىھادنى تەرك ئەتكەن مىللەت خارلىنىدۇ“ دېدى .
دېمەك، مۇسۇلمانلارنىڭ خارلىنىشىنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ قېنى ناھەق تۆكىلىشىنىڭ سەۋەبى، مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنياغا بېرىلىپ كېتىپ جىھادنى تەرك ئەتكەنلىكى، »جان بېقىش ۋاجىپ « دەپ دىشمەنگە سېتىلغانلىقى، شەرەپلىك ئۆلىمدىن خارلىقتا ياشاشنى ئەلا بىلگەنلىكىدۇر .
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە بىزنى ئاگاھلاندۇرغان نەرسىنىڭ يەنە بىرى كىچى يەتمەيدىغان نەرسىنى نەزىر قىلماسلىق . ئەگەر بىر ئىشنى قىلىمەن ياكى بىر نەرسە سەدىقە قىلىمەن دەپ نەزىر قىلغان بولسا، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم . بۇ يەردىكى نەزىر قىلىش دېگەن ”مەن ئاللاھ تائالا ئۈچۈن مىڭ رەكئەت ناماز ئوقۇيمەن ياكى قۇرئان تامام قىلىمەن ياكى پالان ئىشىم ھەل بولسا ياكى كېسىلىم ساقايسا، بىر قوي سۋيۇپ سەدىقە قىلىمەن “ دېگەنگە ئوخشاش ۋەدە قىلىش بۇلۇپ، ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىش ۋە دېگەن ئىشىنى ئىجرا قىلىش ۋاجىب بولىدۇ . ئۆز ئىگىدارچىلىقىدا بولمىغان نەرسىنى سەدىقە قىلىمەن دەپ نەزىر قىلماسلىق كېرەك .
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە يەنە مۆمىننى لەنەتلەشنى ئۇنى ئۆلتىرگەن بىلەن ئوخشاش قىلىپ كۆرسەتتى . چۈنكى مۇسۇلماننى ئۆلتىرگەن ئادەم ئۇنىڭ جېنىغا ۋە قېنىغا چېقىلغان بولىدۇ، ئۇنى لەنەتلەپ ھاقارەتلىگەن، سەت گەپلەر بىلەن تىللىغان ئادەم ئۇنىڭ ئىپپەت نومۇسىغا ۋە غۋرۇرىغا چېقىلغان بولىدۇ. بۇلار جازالىنىشتا پەرقىلىق بولسىمۇ، گۇناھلىقتا ئوخشاش چوڭ گۇناھتۇر . يەنە بىر تەرەپتىن مۇسۇلماننى سەت گەپلەر بىل ەن ھاقارەتلەش، ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش جىدەلگە، ئاخىرىدا بىر بىرىنى ئۆلتىرىشكە ئېلىپ بارىدۇ. مۇسۇلماننى ئۆلتىرىشكە سەۋەب بولىدىغان ئىش ئۇنى ئۆلتىرگەنگە ئوخشاش جىنايەتتۇر . شۇڭلاشقا مۇسۇلماننى لەنەتلىگەن كىشى ئۇنى ئۆلتىرگەنگە ئوخشاش گۇناھكار بولىدۇ .
بۇنىڭدىن شۇنى بىلىمىزكى، ئىسلام مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى دوستلۇق، قېرىنداشلىقنى بۇزۇدىغان چوڭ كىچىك ھەر تۈرلۈك ئىشنى چەكلەيدۇ . چۈنكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ پاراۋنلىقى، بەخت سائادىتى پەقەت مۇستەھكەم قېرىنداشلىق بىلەن بولىدۇ .
ئەي ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز ب !ىزنى ھەقنى چىشىنىدىغان، بىلگىنىگە ئەمەل قىلىدىغان ھەقىقى مۆمىنلەردىن قىلىپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بەخت سائادىتىگە ئېرىشتىرگىن. ئامىين !
ئىزاھات تېكىستى كىرگۈزۈلمىگەن.
كىن قىيىنچىلىق .
ئەگەر ئىنسان ئۆزىگە رىزىق بېرەلىگەن بولسا ياكى پايدا زىيان يەتكىزىشكە قادىر بولالىغان بولسا ئىدى، دۇنيا خاراب بولمىغان ۋە يوقالمىغان بولاتتى . لېكىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ يوقۇلۇشىغا ھۆكىم قىلىۋەتكەن ۋە ئىنسانلارنى ئۆلىدىغان قىلغان. بۇنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ھەر جان ئىگىسى ئۆلىمنى تېتىيدۇ. پەقەت سەۋر قىلغانلارغا مۇكاپاتى ھېسابسىز بېرىلىدۇ] سىرە زىمەر:10 ئايەت[ ئاللاھ تائالا
ھەقىقى مۆمىن بەندىلىرىنى سىپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ :
مۆمىنلەر شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھ ياد ئېتىلسە يىرەكلىرى تىترەيدۇ، بېشىغا كەلگەنلەرگە سەۋر قىلىدۇ، نامازنى ئادا قىلىدۇ ۋە بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەدىن )ئاللاھ يولىغا( خەئالەيدۇ.] سىرە ھەج35 ئايەت [
ئاللاھ تائالا بىزلەرنى قازا قەدەرگە رازى بۇلۇپ، بالا مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلىدىغان , تائەت ئىبادەتكە سۇسلۇق قىلمايدىغان , گۇناھ مەسىيەتتىن ئۆزىنى يىراق تۇتىدىغان چىداملىق , سەۋرچان مۆمىنلەردىن قىلسۇن. ئامىين !
ئىزاھات تېكىستى كىرگۈزۈلمىگەن.
ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : ”رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەت قىلىقلىق ئەمەس ئىدى . ئۇ دائىم »سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار , ئەخلاقلىق بولغىنىڭلاردۇر « دەيتتى ] “.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت. ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:3483[
ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايە ت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ ” : مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھېقىل تىلى كۆرىنگىدەك قاتتىق كىلگەنلىكىنى قەتئىي كۆرمىدىم، ئۇ پەقەت تەبەسىسۇم قىلاتتى ] “بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت. ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى: 5950[
جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇيدىغان بولساق، ئۇنىڭ قانچىلىك گۆزەل ئەخلاقلىق بىر زات ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىنسانلار ئىچىدىن تاللانغان ئەڭ ئۇلۇغ كىشى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئە لەيھى ۋەسەللەم ھەق ئىش قىلىدىغان، راست سۆزلەيدىغان زات بۇلۇپ، كىشىلەرنى ئەيىبلىمەيتتى، گەپ توشۇمايتتى , غەيۋەت قىلمايتتى، خىيانەت قىلمايتتى، يالغان سۆزلىمەيتتى. ئۇ بولمىغۇر سەت قىلىقلىق، بېخىل، قورقۇنچاق، ھۋرۇن، ۋە قوپال ئەمەس ئىدى . بەلكى ئۇ ئۆزى يۇمشاق قەلبلىك، كىچىك پېئىل، مۇتەۋازى، شاپائەتچان، جەسۇر، قەيسەر , ئەپۇچان، كەچىرىمچان زات ئىدى . ئۇ خاتالىق ئۆتكىزىپ قويغان كىشىنى سوراققا تارتمايتتى . ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى پەرمانىغا خىلاپلىق قىلىشتىن باشقا ئىشتا كىشىلەرنى جازالىمايتتى . خەلقنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا ناھا يىتى ھېرىسمەن, مۆمىنلەرگە رەھىم شەپقەتلىك، گۆزەل سۆزلىك , خۇش پېئىل، ياردەمنى سۆيىدىغان , سىلە رەھىم قىلىدىغان , يوقسۇللارغا ياردەم قىلىدىغان , ھەر دائىم ھەق تەرەپتە تۇرىدىغان ئۇلۇغ زات ئىدى . ئۇ مۇنداق دەيتتى» : قىيامەت كۈنى ماڭا ئەڭ يېقىن بولىدىغىنىڭلار ئەڭ گىزەل ئەخلاقلىق بولغىنىڭلاردۇر.« ئۇ بەزى ساھابىلىرىگە نەسىھەت قىلىپ » : قەيەردە بولساڭ اللەدىن قورققىن, يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن يۇغىن , ۋە كىشىلەرگە ياخشى ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلغىن « دەيتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆپ يىغلايتتى، ئاز كىلە تتى ۋە »ئەگەر مېنىڭ بىلگىنىمنى بىلگەن بولساڭلار, ھەقىقەتەن ئاز كىلەتتىڭلار ۋە كۆپ يىغلايتتىڭلار« دەيتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىلۇشى تەبەسۇم ئىدى، ھېچقاچان چىشى كۆرىنگىدەك قاھقاقلاپ كىلمەيتتى. پايدىسىز، بېھۇدە گەپ سۆز قىلمايتتى، دۇنيانىڭ زىبۇ زىننەتلىرىگە باقمايتتى. ئاللاھ تائالا ئۇ زاتنى ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىن تاللاپ ياخشى ئەخلاقلىق قىلغان ئىدى .
ئاللاھ تائالا بىزنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىشكە بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ : )ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا( ئېيتقىنكى، »ئەگەر سىلەر اللەنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى, ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇ چىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر «] سىرە ئال ئىمران:31 ئايەت[ ئاللاھ تائالا يەنە
مۇنداق دەيدۇ :
سىلەرگە رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئىلگىدۇر.] سىرە ئەھزاب: 21 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [
ئەگەر بىز رەسۇلۇللا ھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭغان بولساق , سۆز ھەرىكەتلىرىمىزدە ئۇنىڭ يوليۇرۇقىغا ئەمەل قىلغان بولساق، ئەلۋەتتە قەلبلىرىمىز بىرلىشەتتى، ئارىمىزدىكى ئىسلامىي قېرىنداشلىقىمىز مۇستەھكەم بۇلۇپ بەخت سائادەتكە ئېرىشەتتۇق . غەيرى مۇسلىملار بى زنىڭ ئەھۋالىمىزنى ئىسلامنىڭ ھەقلىقىگە دەلىل قىلاتتى . ئىسلام دىنىڭ بىزدىكى ئىزلىرىنى كۆرگەنلەر بۇ مۇقەددەس دىنغا ئۆزلىرىنى ئاتاتتى . ئەمما مىڭ بىر ئەپسۇسكى بىز مۇسۇلمانلارنىڭ بىگىنكى ئەھۋالىنى كۆرگەنلەر ئىسلام دىنىغا سەلبىي كۆز بىلەن قارايدۇ .
ئاللاھ تائالا نىڭ نەزىرىدە ئەڭ يامان ئادەم كىشىلەر ئۇنىڭ شەررىدىن قورقىدىغان، گۇناھ مەسىيەتتىن باشقا ئىش قىلمايدىغان، تىلى ئاچچىق، باغرى قاتتىق، مۇئامىلىسى يامان، سۆھبىتى زىيان، قىلىقى دىشمەنلىك , سۆزى ئۆچمەنلىك، ئۇلۇغلارنى تىللايدىغان، ياخشىلىق قىلمايدىغان بەد ئەخلاق كىشىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ”كىشىنى جەننەتكە كىرگىزىدىغان نەرسە نېمە؟ “ دەپ سورىغاندا » , اللەدىن قورقۇش ۋە ياخشى ئەخلاق « دەپ جاۋاپ بەرگەن ” . ئىنساننى دوزاخقا كىرگىزىدىغان نەرسە نېمە؟ “ دەپ سورىغان كىشىگە، »ئېغىز ۋە ئەۋرەت« دەپ جاۋاپ بەرگەن . چۈنكى تىل يامان سۆز ئارقىلىق كىشىلەرگە ئازار بەرسە، ئەۋرەت زىنا ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئىپپىتىنى دەپسەندە قىلىدۇ . قىيامەت كۈنى تارازۇ مىزاندا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان ئەمەللەرنىڭ بىرى گىزەل ئەخلاقتۇر. بارلىق ئىشلىرىدا رەسۇلۇللاھنى ئۆزىگە ئىلگە قىلغان كىشى گىزە ل ئەخلاق بىلەن ئۆزىنى بىزىگەن بولىدۇ. ئۇنداق كىشىنىڭ مۇئامىلىسى توغرا , سۆزى راست , سۆھبىتى پايدىلىق بولىدۇ . شۇڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بارلىق ياخشى ئىشلارنى ئۆز ھاياتىدا ئەمەلىي قىلىش ئارقىلىق ئۆگەتكەن .
ئاللاھ تائالا بىزلەرنى رەسۇلۇلاھنىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلانغىلى نېسىپ قىلسۇن. ئامىن !
