91–100-ھەدىسلەر: تەن-تەربىيە، ھالال-ھارام ۋە تەۋبە
This content is not yet available in your language.
ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : كىمكى ئۆزىگە تەمەننا قىلغان ھالدا كىيىمىنى سۆرەپ ماڭسا، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنىڭغا قارىمايدۇ .« ئەبۇ بەكر : “كىيىمىمنىڭ بىر پىشىنى ھەر دائىم كۆتىرىپ ماڭمىسام يەرگە تىگىپ قالىدۇ “ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ » : سەن ئۆزىگە تەمەننا قىلىپ كىيىمىنى سۆرەپ ماڭىدىغانلاردىن ئەمەسسەن« دېدى. ]بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت . ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:5651[
تەكەببۇرلۇق، گەردەنكەشلىك، ئۆزىگە تەمەننا قىلىش، مۇغەمبەرلىك قاتارلىق ئىشلار ئىسلامدا ئەڭ يامان كۆرىلگەن ناچار ئىللەت ۋە يامان ئادەتلەردىن بۇلۇپ، قەلبىد ە قىلچىلىك تەكەببۇرلۇق بولغان كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ . بەزىلەر ئازراق پۇل مالغا ئىگە بولسا، تېرىسىگە پاتماي كۆرەڭلەپ، يىرىش تۇرۇشلىرىنى ئۆزگەرتىپ، كىيىم كېچەكلىرىنى ئالى كىيىپ باشقىلارنى ياراتمايدىغان بۇلۇپ قالىدۇ . بولۇپمۇ ئاياللىرىمىز كىيىم كېچەك ۋ ە ئالتۇن بويۇملىرى بىلەن باشقا ئاياللار ئارىسىدا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە بەك ئامراق بولىدۇ . جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە بىز مۇسۇلمانلارنى مانا مۇشۇنداق ناچار قىلىقلارنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ .
كىيىم كېچەكنىڭ ئىسلام ئەخلا قىغا ئۇيغۇن قائىدە يۋسۇنى بار . ئۇ بولسىمۇ كىيىمنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ ئۇزۇن كەيمەسلىك، كىيىمنىڭ كەڭ تارلىقىدا ۋە باھاسىدا چېكىدىن ئاشۇرىۋەتمەسلىكتۇر. چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى تەكەببۇرلۇق ۋە ئۆزىگە تەمەننا قىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ .
جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەخسۇس كىيىمى يوق ئىدى، تاپقىنىنى كىيەتتى، ئىشتان، كۆينەك، تون، رىدا، سەللە كىيەتتى . چەتئەللەردىن ھەدىيە قىلىنغان كىيىملەرنىمۇ كىيەتتى. كىيىملرىنىڭ ۋە بەدەنلىرىنىڭ پاكىز تۇرۇشىغا بەك دىققەت قىلاتتى .
شۇڭلاشقا ئاق كىيىمنى ياخشى كۆرەتت . ىچىنكى ئاڭ كىيىمدە كىر دەرھال مەلۇم بولغانلىقى ئۈچۈن، كىرلەشكەن ھامان يۇيۇپ، تازىلاپ تۇرۇش ئارقىلىق كىيىمنى دائىم پاكىزە ۋە چىرايلىق تۇتۇش ئاسان بولاتتى. باشقا رەڭدە كىيىم كىيىشنى مەنئى قىلمايتتى. قارا، قىزىل رەڭلىك كىيىملەرنى ئانچە ياقتۇرمايتتى، رەخلەرنىڭ ئىچىدە يىپەك رەختە كىيىم كىيىشنى ئەرلەرگە ھارام قىلغان، ئاياللارغا ھالال قىلغان ئىدى . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلىرىگە : »ئىسراپ قىلمىغان ۋە تەكەببۇرلۇق قىلمىغان ھالدا يەڭلار، ئىچىڭلار، كىيىڭلار ۋە سەدىقە قىلىڭلار« دېگەن .
بەزى ساھابىلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىيىم كېچەكتە ئىسراپ قىلىپ چېكىدىن ئاشۇرىۋىتىشتىن توسقانلىقىنى، چىرايلىق كىيىنىش پىتىنلەي ھارام ۋە گىزەل كىيىم كەيگەنلەرنىڭ ھەممىسى مۇتەكەببىر بولىدۇ دەپ چىشىنىپ: “يا رەسۇلۇلاھ! بەزىلىرىمىز چىرايلىق كىيىم، چىرايلىق ئاياغ كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ” دېگەندە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چىرايلىق كىيىم كىيىشنىڭ ھەممىسى تەكەببۇرلۇق بولمايدىغانلىقىنى بىلدىرىپ» : ئاللاھ بەندىلىرى ئىستىدە نېمىتىنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرىشنى ياخشى كۆرىدۇ« دېگەن .
ئىسلامدا بەلگىلەنگەن مەخسۇس بىر خىل كىيىم يوق . مۇسۇلمان كىشى خالىغان رەڭدە، خالىغان يارىشىملىق كىيىمنى كەيسە بولىدۇ . لېكىن ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ئوخشاش ۋە ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا ئوخشاش كىيىم كىيىشى ھارام . شۇنىڭدەك كىيىم كېچەكلىرى بىلەن باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىگە تەمەننا قىلىشى دۇرۇس ئەمەس .
ئاياللار يىزى بىلەن ئىككى قولىدىن باشقا پىتىن ئەزايىنى يۆگەيدىغان، ئازادە كىيىم كىيىشى كېرەك. بەدەنلىرى كۆرىنىپ تۇرىدىغان نېپىز ياكى بەدەنلىرى سىرتتىن مەلۇم بۇلۇپ تۇرىدىغان تار كىيىم كىيىشىي، ئەرلەرگە ئوخشاش شىم كىيىپ كوچىلاردا يىرىشى دۇرۇس ئەمەس . بىر كۈنى ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئەسما رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كىرگەندە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭدىن يىزىنى ئۆرىپ تۇرۇپ» : ئى ئەسما ! قىز بالا بالاغەتكە يەتكەندە، بۇنىڭدىن باشقا ئەزاسىنىڭ كۆرى نىپ قېلىشى دۇرۇس ئەمەس« دەپ، يىزى بىلەن قولىغا ئىشارەت قىلغان . مەدەنىيەتلەشتىك دەپ ياۋرۇپاچە ياسىنىۋىلىش، ئۆزىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىنى تاشلاش مۇسۇلمانغا يارىشىدىغان ئىش ئەمەس .
كىيم كېچەكتە بەك ئاشۇرۇپ قىممەت باھا كىيىملەرنى كىيىش توغرا بولمىغان دەك، ناھايىتى ناچار، يىرتۇق، پاسكىنا، كۆرگەن ئادەمنى يىركەندىرىدىغان كىيىملەرنى كىيىشمۇ دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى بەك ئالىي كىيىنىش ھەم ئۇنى كەيگىچىگە تەمەننا پەيدا قىلىدۇ، ھەمدە ئۆزىدىن تۆۋەن تۇرمۇشتىكىلەرنىڭ ھەسەتخورلۇق قىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ . بەك ناچار كىيىم كىيىش بولسا، كىشىلەرنى يىركەندىرىپ قاچۇرىدۇ . ھەر ئىككى ھالەتتە جەمئىيەتتىكى قېرىنداشلىققا دەخلە يېتىدۇ، بىرلىك، باراۋەرلىك، ئىناقلىق ئاجىزلىشىدۇ . شۇڭلاشقا تۆۋەن تۇرمۇشتىكى كىشىلەرنى ئۆزىگە قارىتىپ ھەسەت قىلدۇرمايدىغان ۋە كىشىلەرنى بىر سورۇندا ئولتۇرۇشتىن سەسكەندىرمەيدىغان ھالەتتە نورمال، ساددا، ئەمما پاكىزە، ئەرلەر ئۆزلىرىگە يارىشا ئېسىل، ئاياللارمۇ ئۆزلىرىگە لايىق چىرايلىق كىيىنىش كېرەك . يەنى نە سەن باشقىلارنى كەمسىتمىگىن، نە باشقىلارنىڭ سېنى كەمسىتىشىگە ھەم يول ئېچىپ بەرمىگىن . شۇنداق قىلغاندا جەمئىيەتتە ھەممە كىشى بىلەن ئىناق ئۆتكىلى بولىدۇ .
ئاللاھ تائالا بىزنى تەكەببۇرلۇقتىن، كىشىلەرنى كەمسىتىپ ياراتمايدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن ۋە باشقىلارنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچراشتىن ساقلىسۇن . كىيىم كېچەك ۋە ئىش ھەرىكەتلىرىمىزدە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن. ئامىين !
ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ ” : بىر كۈنى ھەبەش بالىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا نەيزىلىرى بىلەن ئويناۋاتقاندا، ئۆمەر كىرىپ كەلدى . ئۇ يەرگە ئىڭىشىپ شىغىل تاشلارنى ئېلىپ بالىلارغا ئاتقاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا» : ئى ئۆمەر ! ئۇلارنى ئوينىغىلى قويغىن « دېدى ] “.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت. ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:2834 [
ئىسلام مۇسۇلمانلارنىڭ كىچلىك ۋە شىجائەتلىك بولۇشىنى ئەمر قىلىدۇ . ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدە شىجائەتلىك ۋە كىچلىك مۆمىنلەرنى بەكراق ياخشى كۆرىدۇ . يىگىرىش، سۇ ئىزىش، ئوق ئېتىش ۋە باشقا تەن ھەرىكەتلەر ئىنساننى جىسمانىي جەھەتتىن كىچلىك قىلىدۇ .
ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغ دىنىنى، ۋەتەننى، مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى، ئانا قىز، ئاچا سىڭىللارنىڭ ئىپپەت نومۇسىنى دىشمەنلەرنىڭ تاجاۋۇزلىرىدىن پەقەت كىچلىك بولغان كىشىلەرلا قوغدىيالايدۇ . ئىمانى، ئىرادىسى كىچلىك، پۇت قولى قۇۋۋەتلىك مۆمىنلەر باشقىلا رنىڭ خورلىشىغا، تاجاۋۇزچى كىچلەرنىڭ ئايىغى ئاستىدا ئىزىلىشكە زادى رازى بولمايدۇ . شۇڭلاشقا ئىسلام تەن ھەرىكەت ساھەسىدە مۇسابىقە ئېلىپ بېرىشقا، ئوق ئېتىشنى ئۆگىنىشكە، يىگىرىش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇشقا ۋە چېلىشىشقا رۇخسەت قىلىدۇ . بىز يۇقىرىدا ئوقۇپ ئۆتكەن ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نىگىر بالىلارنىڭ مەسجىدنىڭ ساھەسىدە نەيزە قىلىچ ئويۇنى ئوينىشىغا رۇخسەت قىلغان . ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارنى تاش بىلەن قوغلاپ چىقىرىشقا ئۇرۇنغاندا ئۇنى توسقان . چۈنكى ئۇلارنىڭ ئويۇنى مەسجىدتە قىلىنىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ بىر تىرى ھېسابلىنىدۇ . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۇلارنىڭ ئويۇنلىرىنى كۆرىشىگە رۇخسەت قىلىپ، ئۆزى ئىشىك ئالدىدا تۇرغان . ھەزرىتى ئائىشە ئانىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ئويۇن كۆ رگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىمۇ ئات مۇسابىقىسىغا ۋە يىگىرىش مۇسابىقىسىغا قاتنىشاتتى ۋە باتورلار بىلەن چېلىشىپ يېڭىۋالاتتى .
ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ ” : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەن بىلەن يىگىرىش مۇسابىقىسى ئېلىپ باردى، مەن ئۇنى يېڭىۋالدىم. كېيىن مەن سەمىرىپ قالغاندا، يەنە مۇسابىقىلەشكەنىدۇق، ئۇ مېنى يېڭىۋالدى ۋە »بۇ ھېلىقىنىڭ بەدىلى« دېدى “.
ساھابىلارنىڭ ئىچىدە رۋكانە ئىسىملىك كىچلىك، يېڭىلمەس بىر كىشى بار ئىدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بىلەن چېلىشىپ ئۇنى يېڭى ۋالغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدە چاغدا يۈز قويدىن تىكىشىپ چېلىشقا چىشىپ، غەلىبە قىلىپ قويلارنى ئۆتىۋالغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىۋەتكەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارنىڭ ئىچىدىن كىچلىك، يېڭىلمەس بولغانلارنى بەك ياخشى كۆ رەتتى، جىھاد قا ئاتلىنىدىغان چاغدا كىچلىك كىشىلەرنى تاللايتتى، ئاجىز كىشىلەرنىڭ ئۇرۇشقا چىقىشىغا رۇخسەت بەرمەيتتى . بىر كۈنى بىر بالىنىڭ جىھادقا چىقىشىغا رۇخسەت بەردى، يەنە بىر بالىغا رۇخسەت بەرمىدى . رۇخسەت ئالالمىغان بالا ” : مەن سىز رۇخسەت بەرگەن پالانىنى يېڭىۋىتى “مەن دېگەن ئىدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بىلەن چېلىشىشقا بۇيرىدى . ئۇ بېرىپ ھېلىقى بالىنى يېڭىپ ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ جىھادقا چىقىشىغا رۇخسەت بەردى .
يۇقىرىدا ئۆتكەنلەردىن بىلىمىزكى، ئىسلام تەنتەربىيىگە ئالاھىدە كۆڭىل بۆلى دۇ ۋە ئۇنىڭغا بۇيرۇيدۇ. ئىسلامدا دۇرۇس بولغان تەن ھەرىكەت پەقەت رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا مەۋجۇد بولغان ۋە ھەدىسلاردا زىكىر قىلىنغان ئويۇنلاردىنلا ئىبارەت ئەمەس . بەلكى ئىسلام تەن ھەرىكەتنىڭ بارلىق تىرلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ . ئىسلام ھار ام قىلىدىغان نەرسە قىمار ۋە پۇل تىكىپ ئويناشتۇر . چۈنكى ئۇ جەمئىيەتتە ئاداۋەت ۋە دىشمەنلىك پەيدا قىلىدۇ ۋە پۇلنى ھەقلىق بولمىغانلارغا بېرىدۇ . بۇ ھارام . بۇنىڭدىن باشقا بارلىق تەن ھەرىكەت تىرلىرى ھالالدۇر . ئەمما پۇل ئۈچۈن بوكسيورچىلارنى سوقۇشتۇرۇش، بىكار تەلەپلىك ئىللىتىنى يېيىپ پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، تەرەپ تۇتۇپ ئۆز ئارا ئۇرۇش جىدەل پەيدا قىلىش دۇرۇس ئەمەس .
ئىسلام دىنى سالامەتلىككە ئالاھىدە كۆڭىل بولىدۇ . بۇنىڭ مىساللىرىدىن بىرى، ئىسلام مۇسۇلمانلارنى يول مېڭىشقا، نەفلە روزا تۇتۇشقا، ئاز تا ماق يېيىشكە بۇيرىغانلىقىدۇر . بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن» : ئىنسان بالىسىغا بىر نەچچە لۇقما كۇپايە قىلىدۇ، ئەگەر كۆپ يېمەكچى بولسا، قۋرسىقىنىڭ ئىچتىن بىرىنى تاماققا، ئىچتىن بىرىنى سۇغا ۋە ئىچتىن بىرىنى نەپەس ئېلىشقا ئايرىسۇن .« ھۆكىمالار ” : ئەقىللىق ياشاش ئۈچۈن يەيدۇ، نادان يېيىش ئۈچۈن ياشايدۇ“ دېگەن .
دېمەك، ئىنسان يېمەك ئىچمەك، ئىش ھەرىكەت ۋە ھەر تۈرلۈك ھىنەر سانائەتتە ئۆزىنى چېنىقتۇرسا، ئۇنىڭ بېشىغا نامراتلىق، ئېغىرچىلىق ۋە باشقا ھەر قانداق قىيىنچلىق كەلسىمۇ ئېغىر ك ەلمەيدۇ. ھەر قانداق قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىپ يېڭىپ كېتەلەيدۇ . ئۇزۇن سەپەرلەرنى ئاسانلىق بىلەن باسالايدۇ .
تالىب ئىلىملەرگە نەسىھىتىمىز شۇكى، ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن بىرگە، تەنتەربىيە ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرسۇن . چۈنكى جىسمانى جەھەتتە كىچلىك بولمىغان كىشى باشقىلارنىڭ تاجاۋۇزىدىن ئۆزىنى مۇداپىئە قىلالمايدۇ ۋە ھەققىنى ساقلىيالمايدۇ . ئىمانىي جەھەتتە كىچلىك بولمىغان كىشى ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، باتىلغا قارشى چىقالمايدۇ . ئىلىمدا كىچلىك بولمىغان كىشى ھەر خىل خۇراپات ۋە دىن دىشمەنلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك يالغ ان تۆھمەتلىرىگە تاقابىل تۇرالمايدۇ . شۇڭلاشقا مۇسۇلمانلار ھەم ئىلىم پەنگە، ھەم تەن تەربىيىگە قاتتىق كۆڭىل بۆلىپ، ھەر ساھەدە پىشىپ يېتىلىشى كېرەك .
ھەزرىتى ئەلى، ھەزرىتى خالىد ئىبنى ۋەلىد، ھەزرىتى ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملەرگە ئوخشاش ساھابە كىراملار ھەم شىجائەتلىك قەھرىمان، ھەم يۇقىرى بىلىملىك ئۆلىما، ھەمدە كۆپ ئىبادەت قىلىدىغان زاھىدلار ئىدى . چۈنكى بىلىكى كىچلىك بولمىغان ئادەمنىڭ قولىدىكى ئۆتكىر قىلىچ ھېچنەرسىگە يارىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە : دىشمەنلىرىڭلارغا قارشى قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قورال كىچى ۋە جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار… دېگەن] . سىرە ئەنفال: 60 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [
ئاللاھ تائالا يەھۇدىلارغا ھەزرىتى تالۇتنى باشلىق قىلغاندا، يەھۇدىلار ئۇ باي بولمىسا بىزگە قانداق باش بولالايدۇ؟ دەپ ئېتىراز بىلدىرگەن . ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئېتىرازىغا ھەزرىتى تالۇتنىڭ بىلىملىك ۋە كىچلىك بولغانلىقى ئۇچىن باشلىق بولۇشقا لايىق ئىكەنلىكىنى بىلدىرىپ مۇنداق دېدى : پەيغەمبىرى ئۇلارغا» : ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە تالۇتنى پادىشاھ قىلىپ ئەۋەتتى« دېدى. ئۇلار: »ئۇ قانداقمۇ بىزگە پادىشاھ بولىدۇ؟ پادىشاھلىققا بىز ئۇنىڭدىن ھەقلىقمىز ئۇنىڭ ئىستىگە ئۇنىڭ مال مىلكى كۆپ بولمىغان تۇرسا؟« دېدى . پەيغەمبەر» : ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە پادىشاھ قىلىشقا ئۇنى تاللىدى، ئۇنىڭ ئىلمىنى زىيادە ۋە بەدىنىنى قابىل قىلدى، ئاللاھ سەلتەنەتنى خالىغان ئادەمگە بېرىدۇ . اللەنىڭ پەزلى كەڭدۇر، ئۇنىڭغا كىمنىڭ لايىق بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ « دېدى.] سىرە بەقە: رە247 ئايەت [
ئاللاھ تائالا بىزنى ئىمانى، ئىلمى ۋە جىسمانىي جەھەتتە كىچلىك بۇلۇپ، دىشمەنلەرگە بوي ئەگمەيدىغان جاسارەتلىك ۋە شىجائەتلىك مۇسۇلمانلاردىن قىلسۇن. ئامىين !
ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : يول يىرىپ قاتتىق ئۇسساپ كەتكەن بىر ئادەم، بىر قۇدۇق ئۇچراتتى، ئۇ قۇدۇققا چىشىپ سۇ ئىچىپ چىققاندا، تەشنالىقتىن ئۆلەي دەپ قالغان، تىلىنى ساڭگىلىتىپ ھالسىراپ تۇرغان بىر ئىتنى كۆردى . ئۇ ئادەم )ئۆز ئۆزىگە ” ( بۇ ئىت ماڭا ئوخشاش قاتتىق ئۇسساپ كېتىپتۇ “ دېدى دە، قۇدۇققا يېنىپ چىشىپ، كەشىگە سۇ تولدۇرۇپ، ئۇنى ئاغزى بىلەن چىشلەپ قۇدۇقتىن چىقىپ ئىتنى سۇغاردى، ئاللاھ ئۇنىڭ بۇ ئىشىغا خۇرسەن بۇلۇپ ئۇنى مەغپىرەت قىلىدى.« ساھابىلار” : يا رەسۇلۇللاھ! ھايۋانلارغا ياخشىلىق قىلغانغىمۇ ساۋاب بېرىلەمدۇ؟“ دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : ھەر قانداق جان ئىگىسىگە ياخشىلىق قىلى ش ساۋابلىق ئىش « دېدى . ]بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان .
بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت. ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى:5811[
تەرجىمىسى :
ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئە نھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : بىر ئايال بىر مىشىكنى تاماقمۇ بەرمەي، سۇمۇ بەرمەي، زېمىندىكى ھاشارەتلەردىن يېيىش ئۈچۈن قويۇپمۇ بەرمەي، سولاپ قويۇپ ئۆلتىرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن دەۋزىخى بۇلۇپ كەتتى ] «.بۇ ھ ەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت. ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى:5804 [
پىتىن ئالەمگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئىككى ھەدىستە بىزگە ئاللاھ تائالا نىڭ بارلىق مەخلۇقاتلىرىغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆگىتىدۇ . سىز قولۇڭىزدىن كەلگەن ياخشىلىقنى ئايىماڭ، ئاللاھ تائالا ئەجرىڭىزنى زايا قىلىۋەتمەيدۇ . شۇنى بىلىڭكى، سىز ئاللاھ تائالا رازىلىقى ئۈچۈن ئازدۇر كۆپتۇر سەدىقە قىلماقچى بۇلۇپ، سەدىقىڭىزنى تىگىشلىك بولغان ياكى بولمىغان كىشىلەرگە بەرگەن بولسىڭىز، ئەجرىڭىزنى ئاللاھ تائالا بېرىدۇ . ھەر قانداق جان ئىگىسىگە قىلىنغان ياخشىلىق مۇكاپاتسىز قالمايدۇ . ياخشىلىقنى ھەرگىز ئاز ياكى كىچىك كۆرمەڭ . چۈنكى ئاچ قالغانغا بەرگەن بىر لۇقما تاماق، ئۇسساپ قالغانغا بەرگەن بىر يۇ تۇم سۇ، ئاللاھ تائالانى خۇشنۇد قىلىپ، سىزنى چوڭ بالالاردىن ساقلاپ قېلىشى، ھەر تۈرلۈك خەۋپ خەتەردىن قۇتقۇزۇپ قېلىشى مۇمكىن . قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا نىڭ ئالدىدا ھېلىقى كۆزگە ئىلمىگەن كىچىككىنە ياخشىلىقىڭىز دوزاخقا كىرىپ كېتىشتىن پەردە بۇلۇپ قالىدۇ .
يۇقىرىدىكى ھەدىستىكى ئادەمگە قاراڭ، ئۇسساپ قالغان بىر ئىتقا ئىچى ئاغرىپ سۇغۇرۇپ قويۇپ ئىدى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بارلىق گۇناھلىرىنى كەچىرىم قىلىۋەتتى . ئۇ ئىتنى تەشنالىقتىن ئۆلىشتىن قۇتقۇزۇپ قويۇپ ئىدى، ئاللاھ تائالا ئۇنى مەڭگىلىك ئازاب ئوقۇبەت ماكانى بولغان دوزاختىن قۇتقۇزدى. ساھابە كىراملار بۇنىڭدىن ئەجەبلىنىپ، ”ھايۋاناتقا ياخشىلىق قىلغانغىمۇ ساۋاب بولامدۇ؟ “ دەپ سورىغاندا، رەھمەت پەيغەمبىرى بولغان مېھرىبان رەسۇلۇللاھ » : جانلىقنىڭ ھەر قاندىقىغا قىلغان ياخشىلىققا ساۋاب بولىدۇ« دەپ چىشەندىردى .
ئىككىنچى ھەدىستە جانابى رە سۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر مىشىكنى تاماق بەرمەي سولاپ قويۇپ ئۆلتىرىۋەتكەن ئايالنىڭ ئاقىۋىتىنى ھىكايە قىلىش ئارقىلىق، بىز مۇسۇلمانلارنى ھايۋاناتلارنى خورلاشتىن، ئۇلارنى قىيناشتىن ۋە ئۇلارنىڭ ھەققىنى بەرمەسلىكتىن مەنئى قىلىدۇ .
بۇرۇنقى مۇسۇلمان لار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەلىملىرىگە ئەمەل قىلىپ ھەر شەھەردە ھايۋاناتلار ۋەقپى قۇرغان ۋە جامەلەردە كەپتەر قۇچقاچلار ئۈچۈن ئالاھىدە ئورۇن ياسىغان ئىدى. كىيىنكىلەر دىندىن ھەر ساھەدە ئارقىغا چېكىنگەندەك بۇ مەسىلىدىمۇ ئىسلام تەلىماتلىرىغا ئەمەل قىلمىدى. ئەگەر كىشىلەر بۇرۇنقىدەك رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ تەلىماتلىرىغا تولۇق ئەمەل قىلغان بولسا ئىدى، بىگىنكى ”ھايۋان سۆيگىچىلەر جەمئىيىتى، “”ھايۋانلارنى قوغداش جەمئىيىتى“ دېگەنلەرنى غەرب ئەللىرىدىن ئېلىپ كىرىشكە ھاجەت قالمىغان ۋە دىن دىشمەنلىرىنىڭ بۇ مۇقەددەس دىنىمىزغا تىل تەككىزىشىگە يول چىقمىغان بولاتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاجىزلارغا ئەڭ رەھىملىك ۋە ھايۋاناتلارغا ئەڭ شەپقەتلىك زات بولغانلىقىنى پىتىن دۇنيا بىلگەن بولاتتى . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئوقۇۋېتىپ مىشىكنىڭ ئىشىكنى تاتىلىغىنىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىشىكىنى ئېچىپ بەرگەن. يىزىگە داغلاش ئارقىلىق بەلگە قويۇلغان بىر ئىشەكنى كۆرىپ، »بۇ ئىشنى قىلغان كىشىگە ئاللاھ لەنەت قىلسۇن « دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كېسەل ئىت ۋە توخۇلارنى داۋالىغا نلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ . ئۇ مەدىنىلىك ساھابىلارنى قېرىپ قالغان تۆگىلىرىگە يىك ئارتماسلىقنى بۇيرىغان . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن » : ئاللاھ ھەممە نەرسىدە ياخشىلىقنى پەرز قىلدى، ئەگەر بىر ھايۋاننى ئۆلتىرسەڭلار ياخشىلىق بىلەن ئۆتىرىڭلار، بىر ھايۋاننى بوغۇزلىساڭلار ياخشى بوغۇزلاڭلار، پىچاقنى ئىتتىك قىلىڭلار، بوغۇزلىنىدىغان ھايۋاننى راھەتلەندىرىڭلار «.
ھايۋاناتنى تاقىتىدىن تاشقىرى ئىشقا سېلىش، كۆتىرەلمىگىدەك يىك ئارتىش، قامچا ۋە تاياقلار بىلەن ئۇرۇش، ھەلەپ ۋە سىيىنى تولۇقلاپ بەرمەسلىك، يېشى چوڭ، كېسەل ھايۋا نلارنى ئىشلىتىش ھارامدۇر . اللەدىن قورقمايدىغان، ئاجىزغا رەھىم قىلمايدىغان، نەسىھەت كار قىلمايدىغان بەزى ئادەملەرنى ھايۋاناتلارغا زۇلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالاپ تۇرمىغا ئېلىش ياكى ئۇلارنىڭ قولىدىكى ھايۋانلارنى تارتىۋىلىپ ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇش كېرەك .
مەنپەئەتلىنىدىغان ھايۋانلارنى باقماي تاشلىۋىتىش جائىز ئەمەس، ئۇنى باقالمىغان كىشى سېتىۋىتىشى ياكى بوغۇزلىۋىتىشى ياكى باشقا بىر كىشىگە بېرىۋىتىشى لازىم . يىلان، چايان ۋە غالجىر ئىتقا ئوخشاش ئىنسانلارغا زىيانلىق ھايۋانلارنى ئۆلتىرۋىتىش كېرەك .
يۇقىرىدىكى ئىككى ھەدستە كۆپ كىشىلەر ياقتۇرمايدىغان، بەزى جايلاردا باقسىمۇ بەزى جايلاردا يامان كۆرىلىدىغان ھايۋانلاردىن ئىككىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق پىتىن ھايۋانلارغا مېھرىبان بولۇشقا چاقىرىدۇ .
ئەمما سىتى، گۆشى، تىرىسى، يىڭى ۋە ئۇستىخىنى قاتارلىق نەرسىلىرىدىن پايدىلىنىدىغان ۋە مىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ھايۋانلارغا ياخشىلىق قىلىشقا چاقىرمىسىمۇ، ئىنسانلار ئۆز تەبىئېتى بىلەن ئۇلارنى بېقىپ ھىمايە قىلىدۇ . بۇ ئاللاھ تائالانىڭ كاتتا نېمەتلىرىدىن بۇلۇپ، ئىنسانلارغا بۇ نېمەتلەرگە شىكىر قىلىش ۋاجىب . ئۇنىڭغا شىكىر قىلىش مەزكۇر ھايۋانلارنى ئاچ ، سۇسىز قويماستىن ياخشى بېقىش، ئۇلارنى كىچى يەتمەيدىغان ئىشلاردا ئىشلەتمەسلىك بىلەن
بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ :
ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئۇلار ئۈچۈن ھايۋانلارنى قولىمىز بىلەن خەلق ئەتتۇق. ئۇلار ھايۋانلارنى باشقۇرۇپ تۇرغۇچىلاردۇر. ھايۋانلارنى ئۇلارغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلار ئۇ ھايۋانلارنىڭ بەزىسىنى مىنىدۇ، بەزىسىنى يەيدۇ. ئۇلار شۇ ھايۋانلاردىن پايدىلىنىدۇ ۋە سىتلىرىنى ئىچىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ بۇ نېمەتلىرىگە شىكىر قىلمامدۇ؟] سىرە ياسىن:71 73 ئايەتلەر [
لېكىن كىنىمىزدە غەربلىكلەرنىڭ قىلغىنىدەك ئىتلارنى ئۆيگ ە ئەكىرىپ بېقىش جائىز ئەمەس. چۈنكى ئىتلار نىجىس ۋە ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىدىغان شالۇكلىرىدا ھالاك قىلغۇچ مىكرۋپلار . بارشۇڭلاشقا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىت يالاپ قويغان قاچىنى يەتتە قېتىم يۇيۇشقا بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن» : سىلەرنىڭ قاچاڭلارغا ئىت چېپىلىپ قويسا، ئۇنى بىر قېتىمى توپا بىلەن بولۇش شەرتى بىلەن يەتتە قېتىم يۇغاندا پاك بولىدۇ «.
ئەمما ئوۋ ئولاش، پادىچىلار پادىلىرنى قوغداش ۋە ھۋيلا ئۆيلەرنى ئوغرىلاردىن ساقلاش ئۇچىن ئىت باقسا، ئۇنى ئۆينىڭ ئىچىدە ئەمەس، سىرتتا مەخسۇس بىر يەردە باقسا جائىز بول .ىدۇ ئاللاھ تائالا بىزنى مەخلۇقاتلارغا رەھىم قىلمايدىغان، ئاللاھ تائالادىن قورقمايدىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىماتلىرىغا ئەمەل قىلمايدىغان باغرى قاتتىق تاش يىرەك ئىنسانلاردىن قىلمىسۇن. ئامىين !
ھەزرىتى جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەككە فەتھى قىلىنغان يىلى مەككە مۇكەررەمەدە تۇرۇپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇال» :لە ۋە اللەنىڭ پەيغەمبىرى ھاراقنى، ئۆزى ئۆلگەن ھالال ھايۋاننى، چوشقىنى ۋە بۇتلارنى سېتىشنى ھارام قىلدى .« ساھابىلار ” : يا رەسۇلەللاھ ! ئۆزى ئۆلگەن ھايۋاننىڭ مېيى ھەققىدە نېمە دەيسىز؟ ئۇنىڭ بىلەن كىمە ۋە تىرىلەر ياغلىنىدۇ، كىشىلەر ئۇنى چىراققا ئىشلىتىدۇ“ دېگەند ە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : بولمايدۇ، ئۇ ھارامدۇر « دېگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى» : ئاللاھ يەھۇدىلارغا لەنەت قىلسۇن! ئاللاھ ئۆزى ئۆلگەن ھايۋاننىڭ مېيىنى ھارام قىلغاندا، ئۇلار ئۇنى ئېرىتىپ، سېتىپ پۇلىنى يېگەن ئىدى ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت . ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:2207[
ھالال رىزىق ئىزدەش مۇسۇلمان ئۈچۈن ئەڭ چوڭ پەرزلەرنىڭ بىرى . ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ھالال رىزىق ئۆز قولى بىلەن ئىشلەپ تاپقان نەرسىسى، ئۇنىڭدىن قالسا سودا سېتىق بىلەن ت اپقان پايدىسىدۇر. ئاللاھ تائالا ئېلىم سېتىم قىلىشقا ۋە كىشىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا رۇخسەت قىلغان . لېكىن پۇل ناھايىتى تاتلىق، مېھرى ئىسسىق نەرسە بولغانلىقتىن كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا بىر بىرىنىڭ ھەققىنى ناھەق يەۋىلىش ئىشلىرى كۆپ بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەدىس شەرىفلىرىدە سودا سېتىق ئىشلىرىنىڭ ئادالەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن بەزى قائىدە ۋە شەرتلەرنى بېكىتكەن، شۇنىڭدەك سېتىشقا بولىدىغان ۋە بولمايدىغان نەرسىلەرنىمۇ كۆرسىتىپ بەرگەن .
جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە بىزگە سېتىشقا بولمايدىغان بەزى نەرسىلەرنى بايان قىلىدۇ . ھاراق، ئۆزى ئۆلىپ قالغان ھالال ھايۋان، چوشقا ۋە بۇتلارنى سېتىشنىڭ قەتئىي ھاراملىقىنى بىلدىرگەندە، بەزى ساھابىلار بۇ نەرسىلەرنىڭ يېغىدىن پايدىلىنىش مۇمكىن . مەسىلەن: چوشقا بىلەن ئۆزى ئۆلىپ قالغان ھالال ھايۋانلارنىڭ يېغىدا كىمىلەرنى ۋە تىرىلەرنى ياغلىغىلى بولىدۇ، چىراق ياققىلى بولىدۇ، ئۆزى ئۆلىپ قالغان ھالال ھايۋانلارنىڭ تىرىسىنى ئاشلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ، چوشقىنىڭ تىكلىرىدىن پايدىلىنىش مۇمكىن، شۇڭلا شقا بۇ نەرسىلەرنى ساتساق بولمامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : ياق، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق نەرسىسىنى سېتىشقا بولمايدۇ « دېگەندىن كېيىن، يەھۇدىلارغا لەنەت قىلىپ، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا مەزكۇر ھايۋانلارنىڭ مېيىنى ھارام قىلغاندا، ئ ۇلار ئۇ مايلارنى كۆيدىرىپ ئىشلەپ سېتىپ پۇلىنى يېگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا يەھۇدىلارغا لەنەت قىلسۇن دېگەن . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ يەردە يەھۇدىلارغا لەنەت قىلىشى بولسا، بىز مۇسۇلمانلارغا ھارام نەرسىنى ھالال قىلىشقا ئۇرۇنماسلىق ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇشتۇر .
بۇ ھەدىستىن بىلىمىزكى، ئاللاھ تائالا بىر نەرسىنى ھارام قىلسا، ئۇنىڭ ھەر قانداق بىر پارچىسىدىن ھەر قانداق بىر شەكىلدە پايدىلىنىشنى ھارام قىلىدۇ .
بۇ ھەدىس ۋە بۇ ھەقتە كەلگەن باشقا ھەدىسلارنى جۇغلىساق ئېلىم سېتىم قىلىشقا بولمايدىغان نەرسىلەرنىڭ تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت بولغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ : 1 ھاراقنى ئېلىش سېتىش ھارام . 2 گۆشى ھالال ھايۋان بوغۇزلانماي ئۆزى ئۆلگەن بولسا، ئۇنىڭ گۆشى، مېيىنى سېتىش ھارام . 3 چوشقىنى ئۆلىك بولسۇن، تىرىك بولسۇن ئېلىش سېتىش ۋە ئۇنىڭ ھەر قانداق بىر نەرسىسىدىن پايدىلىنىش ھارام . 4 ئوۋ ئىتىدىن باشقا ئىتلارنى ئېلىش سېتىش ھارام . 5 قاننى ئېلىش سېتىش ھارام . 6 بۇت ھەيكەللەرنى ئېلىش سېتىش ھارام، بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا . 7 قىمار ئوينايدىغان ئالەتلەرنى ئېلىش سېتىش ھارام. 8 شەرىئەتتە پايدىلىنىشقا بولمايدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن ھاشارەتلەرنى ئېلىش سېتىش ھارام . 9 ھايۋاننىڭ قۋرسىقىدىكى بالىسىنى سېتىش ھارام . 10 ھاۋادا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان ئۇچارلىقلارنى ۋە سۇدىكى بېلىقلارنى تۇتماستىن سېتىش ھارام . 11 كىشىلەرنى ئالداپ مالنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرۇ پ سېتىش ھارام . 12 يىراقتىكى نەرسىگە بىر نەرسە ئېتىش ئارقىلىق مۆلچەرلەپ سېتىش ھارام . 13 تاغارنىڭ ئىچىدىكى نەرسىنى ئىستىدىن تۇتۇپ بېقىش ئارقىلىق مۆلچەرلەپ ئېلىش سېتىش ھارام . 14 رىبا )جازانە ئۆسىم( بىلەن مۇئامىلە قىلىش ). رام ھا2( يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ئىچىدە قۇرئان كەرىمدە ئەڭ قاتتىق چەكلەنگەن نەرسە رىبا بۇلۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ئى ئىمان كەلتىرگەن زاتلار! ھەقىقى مۆمىن بولساڭلار، اللەنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە قېلىپ قالغان جازانىنى )يەنى ئۆسىمنى( ئالماڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى سىلەرگە ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ.
ئەگەر جازانە قىلىشتىن تەۋبە قىلساڭلار، قەرز بەرگەن سەرمايەڭلار ئۆزەڭلارغا قايتىدۇ. باشقىلارنى زىيان تارتقۇزمايسىلەر، ئۆزەڭلارمۇ زىيان تارتمايسىلەر.] سىرە بەقەرە: 278 279 ئايەتلەر [
(2) سودا سېتىقتا ھارام بولغان مەزكۇر14 نەرسىنى. ”جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش “ دېگەن كىتابتىن ئالدىم . بۇ مەسىلىدە تە پسىلى مەلۇماتقا ئىگە بولۇشنى خالىغان كىشىنىڭ فىقھى كىتابلىرىغا مۇراجىئەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .
جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ » : ئەڭ ھالال كەسپ، يالغان گەپ قىلمايدىغان، ئامانەتكە خىيانەت قىلمايدىغان، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدىغان، سېتىپ ئالماقچى بولغان مالنى سۆكمەيدىغ ان، ساتماقچى بولغان مالنى ماختىمايدىغان، ئىستىدە باشقىلارنىڭ ھەققى بولسا بەرمەي ئارقىغا سۆزمايدىغان، باشقىلارنىڭ ئىستىدىكى ھەققىنى ئالىمەن دەپ كىشىلەرنى قىستىمايدىغان سودىگەرلەرنىڭ كەسپىدۇر «.
ئەزىز مۇسۇلمان قېرىنداشلار !
ھالال يەڭلار، ھالال ئېچىڭلار، ھالال كەسپ قىلىڭلار، دۇنيانىڭ ئازراق پايدىسىنى دەپ ھارامغا ئارىلاشماڭلار . پايدا ئاز بولسىمۇ ھالالدىن بولغىنى ئەسقاتىدۇ . ھارامدىم تاپقان پۇل مال ھەر قانچە كۆپ بولسىمۇ ئەسقاتمايدۇ . شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىمكى تاپقان پۇل مېلىمىز ھالالدىن بولسا ھېسابى، ھارامدىن بولسا ئازابى بار. ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار : ئى ئىمان كەلتىرگەن زاتلار! اللەغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، سىلەر قۇرئاننى ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىمەڭلار . ئاڭلىماي تۇرۇپ ئاڭلىدۇق دېگەن كىشىلەرنى يە )نى كاپىرلارنى( دورىماڭلار. شىبھىسىزكى اللەنىڭ نەزىرىدە ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى ھەقنى ئاڭلىماي گاس بولۇۋالغان، ھەقنى سۆزلىمەي گاچا بولۇۋالغان، ياخشى ياماننى پەرق ئەتمەي ئەقلىنى يوقاتقان كىشىلەردۇر.] سىرە ئەنفال: 20 22 ئايەتلەر [
ئاللاھ تائالادىن ھالال ك ەسپ، ھالال رىزىق تىلەيمىز . ئاللاھ تائالا بىزگە قانائەت، ئىنساپ ئاتا قىلىپ، ئاچكۆزلىك قىلىشتىن، ئىش ھەرىكەتلىرىمىزدە ھالال ھارامنى پەرق ئەتمەيدىغان بۇلۇپ قېلىشتىن ساقلاپ، ئاخىرەتتە ھېساب كىتابلىرىمىزنى ئاسان قىلسۇن. ئامىين !
96 ھەدىس مەس قىلغۇچ نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : مەس قىلغۇچى نەرسىنىڭ ھەر قاندىغى ھارا قتۇر، مەس قىلغۇچى نەرسىنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر . كىمكى بۇ دۇنيادا ھاراق ئىچسە ۋە ئۇنى ئىچىشكە ئادەتلەنگەن ھالدا تەۋبە قىلماي ئۆلسە، ئاخىرەتتە ئۇنى ئىچەلمەيدۇ .« ]يۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت . ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى:5174[
ئىزاھات :
ئاللاھ تائالا ئىنساننى باشقا مەخلۇقاتلاردىن ئارتۇق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەقىل ئاتا قىلغان . ئەقىل بولسا ئىنساننى بارلىق مەخلۇقلاردىن ئالاھىدە ئايرىپ تۇرىدىغان ئەڭ قەدىرلىك نەرسىدۇر . ئۇنىڭسىز ئىنساننىڭ ھېچقانداق قەدىر قىممىتى بولمايدۇش . ۇڭلاشقا ئىسلامدا ئەقىلنى قوغداش بەش چوڭ پەرزنىڭ بىرى . ئىنساننىڭ ئەقلىنى كەتكىزگەنلىك ئۇنى ئۆلتىرگەن بىلەن بەراۋەردۇر . مەس بولۇش ئەقلىنى يوقاتقانلىقتۇر . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە ئىنساننىڭ ئەقلىنى يوقىتىدىغان مەس قىلغۇچ ماددىلارنىڭ ھ ەر قاندىغىنى ئىستېمال قىلىشنىڭ ھاراملىقىنى تەكىتلەيدۇ . بۇ نەرسىلەرنىڭ بېشىدا ھاراق كېلىدۇ . كىنىمىزدە ئىنساننىڭ ئەقلىنى ئالۇدە قىلىدىغان ھەرخىل ئىسىمدىكى ماددىلار پەيدا بولدى . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم 14 ئەسىر بۇرۇن بۇنداق نەرسىلەرنىڭ چىقىشىدىن خەۋەر بېرىپ، مەس قىلىدىغان نەرسىنىڭ ئىسمى نېمە بولسا بولسۇن، ئۇ ھاراق بىلەن ئوخشاش ھارامدۇر دەپ كۆرسەتكەن .
بەزىلەر ھاراقنى مەس قىلمىغۇدەك بىرەر رۋمكا ئىچىپ قويسا بولمامدۇ؟ دېيىشىدۇ . بولمايدۇ، كۆپ ئىستېمال قىلسا مەس قىلىدىغان نەرسىنىڭ ئېزىمۇ، كۆپىمۇ ئوخشا ش ھارام . چۈنكى مەزكۇر نەرسىلەر ئاز ئىستېمال قىلىش بىلەن مەس قىلمىغان بىلەن ئىچكى ئەزاغا زىيان يەتكىزىپ ھەر تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولىدۇ. ئاز ئىچىش كۆپ ئىچىشكە ئېلىپ بارىدۇ .
دوختۇرلار ھاراقنىڭ زىيانلىرىنى تەتقىق قىلىپ، مۇنداق 14 تۈرلۈك زىيىنى بار دەپ
كۆرسەتكەن :
1 ھاراق ئىنساننىڭ يۇقىرى نېرۋا سىستېمىسىنى زەھەرلەپ، ھاراق ئىچكىچىنى ۋاقىتلىق ساراڭ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قالايمىقان سۆزلەپ كىشىلەرگە ئەزىيەت بېرىدۇ .
2 يىرەكنى قاتتىق قوزغىتىپ، ئارقىدىن ئاجىزلاشتۇرىدۇ .
3 ئىنساننىڭ كىسەللىككە قارشى كىچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئىنساندىكى يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرىدىغان ئاق قان ئايلىنىشىنى ئىشلىمەس ھالغا كەلتىرىپ قويىدۇ .
4 ھاراق ئىچىشكە ئادەتلەنگەن ئادەم سىل كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ . ئەگەر ئۇ ئىچەي ياللىغۇ كېسىلى بۇلۇپ قالسا، قۇتۇلۇش ئىمكانى بولمايدۇ .
5 ھاراققا ئادەتلەنگەن ئادەمنىڭ ئاپىراتسىيەدە قۇتۇلۇش نىسبىتى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ . شۇڭلاشقا سۇغۋرتا شىركەتلىرى ھاراقكەشلەرنىڭ ھاياتىنى سۇغۋرتىغا ئالمايدۇ .
6 دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دوختۇرخانىلاردا ناھايىتى چوڭقۇر تەكشىرىش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ساراڭلا ر دوختۇرخانىسىغا كىرگەن كېسەللەرنىڭ %50 پرسەنتتىن كۆپرەكى ھاراق ئىچىدىغان ئادەمنىڭ بالىلىرى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى .
7 ھاراق بۆرەك بىلەن جىگەرنى كاردىن چىقىرىدۇ .
8 قان بېسىمى، شىكەر سىيىش ۋە يىرەك كېسىلى بار ئادەم ھاراق ئىچىدىغان بولسا، ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتىرگەن بىلەن ئوخشاش بولىدۇ .
9 ھاراق بەزىلەرنىڭ گۇمان قىلغىنىدەك تاماق سىڭدىرىشكە ياردەم قىلمايدۇ . بەلكى ئۇ تاماق سىڭدىرىش ئورگانلرىنىڭ پائالىيىتىگە توسالغۇ بولىدۇ .
10 ھاراقنىڭ ھېچقانداق غىزا قىممىتى يوق . شۇنى بىلىش كۇپايە قىلىدۇكى، بىر شىشە ھاراقنىڭ بىر قوشۇق گىرىچچىلىك غىزا كىچى يوقتۇر .
11 ھاراقكەش نامراتلىققا گىرىپتار بولىدۇ . چۈنكى ئۇ بارلىق پۇلىنى ھاراققا خەجلەيدۇ . ئۇ ھاراق ئۈچۈن ئايالىنى ۋە بالىلىرىنى ئاچ قويىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئائىلە ئەزالىرى ياخشى غىزالانمىغانلىقى ئۈچۈن ھالاك قىلغۇچ كېسەللىكلەرگە دۇچار بولىدۇ.
12 تىببى ستاتىستىكىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، جىنسىي كېسەللىككە دۇچار بولغانلارنىڭ كۆپ سانلىقى ھاراقنىڭ سەۋەبى بىلەن بولغان .
13 ھاراقكەشلەردىن كىچلىك ئەۋلاد چىقارغان ئادەم يوق، چۈنكى ھاراق قورساقتىكى بالىنىڭ ئورگانلىرىنىڭ زەئىپ بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ .
14 قاتناش ۋەقەسىنىڭ %40 پرسەنتىدىن كۆپرەكى ھاراق سەۋەبى بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ. چۈنكى ھاراق خەتەرنى ھېس قىلىش ئورگانلىرىنى ئاجىزلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن، بىر سكىنۇت ئىچىدە ماشىنىنى توختىتىش كېرەك بولغان بىر ۋەقەدە ھاراق ئىچكەن ئادەم ئىككى سكىنۇتتىن كېيىن توختىتالايدۇ. بۇ چاغدا بولىدىغان ئىش بۇلۇپ بولغان بولىدۇ .
ھاراقكەش مەس بولغان ۋاقتىدا توخۇدىنمۇ ئاجىز، تېزەكچىدىنمۇ پاسكىنا، ئىشەكتىنمۇ دۆت، تۆڭگىزدىنمۇ دەييۇس بولىدۇ . شەيتان ئۇنى ھاراق ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ زىكرىدىن ۋە نامازدىن توسىدۇ، ھەر تىرلىك يامان گۇنا ۋە جىنايەتلەرنى قىلدۇرىدۇ . ھاراق ئىچىپ مەس بولغۇچى كۇپۇر سۆزلەيدۇ، ئاللاھ تائالانى سۆكىدۇ، ئانىسىغا چاقچاق قىلىدۇ، دادىسىنى تىللايدۇ، خوتۇنىنى تالاق قىلىدۇ، بالىلىرىنى يېتىم قىلىدۇ، زىنا قىلىپ، پاك قىزلارنىڭ نۇمۇسىغا چېقىلىدۇ، كىيىمىنى بۇلغايدۇ، ئۆي سەرەمجانلىرىنى چاقىدۇ، كىچىك بالىلار ئۇنى زاڭلىق قىلىپ ئوينايدۇ، نادانلار مەسخىرە قىلىدۇ، ئاقىللار يىركىنىدۇ، ئائىلىسى ۋە خوشنىلىرى ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇيدۇ .
مانا يۇقىرىدىكىلەر ھاراقنىڭ بەزى زىيانلىرى بۇلۇپ، ئۇ شەخسنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ . لېكىن ھاراقنىڭ جەمئىيەتكە كەلتىرىدىغان ئىجتىمائىي زىيانلىرى تېخىمۇ ئېغىر . ھاراق ئىچىپ مەس بولغان ئادەم ھەر تۈرلۈك ئەخلاقىي جىنايەتلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق جەمئىيەتتە دىشمەنلىك ۋە ئاداۋەت پەيدا قىلىدۇ . كىشىلەرنىڭ ئىپپەت نومۇسىغا تېگىدۇ. ھاراق ئىچىپ مەس بۇلۇپ كېلىپ خوتۇن بالىلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۆيدىكى قىممەت باھالىق جىھازلارنى چىقىپ تاشلاپ، ئائىلىنى ۋەيران قىلىدۇ . شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ھاراقنى قۇرئان كەرىمدە قەتئىي ھارام قىلغان . ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلارغا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر . بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار. شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دىشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە اللەنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى ھاراقتىن، قىماردىن يانمامسىلەر؟ ]سىرە مائىدە:90 ۋە91 ئايەتلەر [
يەمەن خەلقىدىن بىر ئادەم ” : يا رەسۇلەللاھ ! بىزنىڭ يۇرتىمىزدا قوناقتىن ئىشلىنىدىغان مىزرۇ ئېسىملىك بىر خىل ئىچىملىك بار، ئۇنى ئىچىشكە بولامدۇ؟ “ دېدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : ئۇ مەس قىلامدۇ؟ « دەپ سورىدى . ھېلىقى ئادەم ” : ھەئە، مەس قىلىدۇ “ دەپ جاۋاب بېرىپ ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : مەس قىلىدىغان ھەر قا نداق نەرسە ھارام. ئاللاھ مەس قىلىدىغان نەرسە ئىچكەن ئادەمگە قىيامەت كۈنى تىنەتى خەبالدىن ئىچكىزىدىغانلىقىغا ئەھدە قىلدى « دېدى . ساھابىلار” : تىنەتى خەبال دېگەن نېمە؟ “ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام» : دوزاخ ئەھلىنىڭ ئاىرىڭ زەرداپلىرى« دەپ جاۋاب بەردى .
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : ئىچ خىل كىشى بار، جەننەتكە كىرمەيدۇ: ھاراقكەش، ئاتا ئانىسىنى قاخشاتقۇچى ۋە ئائىلىسىنى كىنلىمەيدىغان دەييۇس «.
ئىمام تەبەرانى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگە» : ناللەغا ۋە قىيامەت كىنىگە ئىمان كەلتىرگەن كىشى ھاراق ئىچمىسۇن، اللەغا ۋە قىيامەت كىنىگە ئىمان كەلتىرگەن كىشى ھاراق ئىچىلىدىغان دەستۇرخاندا ئولتۇرمىسۇن «.
ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئىسلامدا مەس قىلغۇچ ئىچىملىك ۋە چېكىملىك شىنچىلىك قاتتىق چەكلەنگەن ۋە ئۇنىڭ ئ اقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىكەن، مۇسۇلمانلاردا بۇ ئىللەت كىندىن كىنگە ئەدەپ كېتىۋاتىدۇ . ئاتا ئانىلار بالىلىرىنىڭ ھاراق ئىچىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ توسمايدۇ. توسۇش ئۇياقتا تۇرسۇن پۇل خەجلەپ ۋېچىركا قىلىپ بېرىدۇ . بالىلىرىنى ئاخشاملىرى تالاغا قويۇپ بېرىپ، نەگە بارىدۇ، قانداق ئادەملەر بىلەن ئاغىنەدارچىلىق قىلىدۇ، كېچىسى تالادا نېمە ئىش قىلىدۇ كارى بولمايدۇ . بېشىغا بىر خاپىلىق كەلگەندە، ”ۋاي خۇدائىم مەن نېمە قىلغان بولغىيدىم، ماڭا بۇ خاپىلىقلار كەلدى“ دەپ ئاھ، ۋاھ ئۇرۇپ يىغلايدۇ. ئەگەر ھاراق ئىچكىچىلەر دەرھال ھاراقنى تاشلاپ، ئاللاھ تائالاغا قاتتىق تەۋبە قىلماي ئۆلىپ كەتسە، ئۇنىڭ ئاخىرەتتىكى ئازابى چوڭ ۋە قاتتىق بولىدۇ .
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يۇقىرىدىكى ھەدىسىدە، ھاراققا ئادەتلىنىپ ئۆلگەن ئادەم گۇناھى كەچىرىم قىلىنىپ جەننەتكە كىرگەن تەقدىردە، جە ننەتنىڭ تەمى ئۆزگەرمەيدىغان، سېسىق پۇرىمايدىغان، لەززەتلىك ھارىقىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىنى بىلدىرىدۇ .
ئاللاھ تائالادىن ھالال يەپ ئىچىشنى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقىنى بۇزىدىغان ھاراق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھەر تۈرلۈك نىجىس نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقىلىنىشن ى ۋە ئەۋلادلىرىمىزنى بۇنداق رەزىل نەرسىلەردىن ھىمايە قىلىشىنى تىلەيمىز . ئى ئۇلۇغ ئاللاھىم ! بىزنى شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرىپ كېتىشتىن ئۆزەڭ ساقلىغىن. ئامىين!
ئىزاھات تېكىستى كىرگۈزۈلمىگەن.
ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ : رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى غەنىمەت ئىلەشتىردى، بىر ئادەم ”بۇ ئاللاھ رازىلىقى كۆزلەنمىگەن ئىلەشتى رىش بولدى “ دېدى . مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە كېلىپ ئۇنىڭ سۆزىنى يەتكىزدىم، رەسۇلۇللاھ شۇنداق غەزەبلەندىكى، ئۇنىڭ غەزىپىنى يىزىدە كۆردىم . ئاندىن مۇنداق دېدى » : ئاللاھ رەھمىتى مۇساغا رەھمەت قىلسۇن، ئۇ بۇنىڭدىنمۇ قاتتىق ئەزىيەتكە ئۇچرىغاندا، سەۋر قىلغان ئىدى ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت. ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:3335 [
ھەزرىتى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ ” : مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن كېتىپ باراتتىم، رەسۇلۇللاھنىڭ ئىستىدە نەجراندا ئىشلەنگەن قىرغاقلىرى يىرىك بىر تون بار ئىدى . يولدا بىر ئەرابى ئۇچراپ، رەسۇلۇللاھنى رىداسىدىن تۇتۇپ قاتتىق تارتتى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ بوينىغا قارىسام، تون قاتتىق تارتىلغانلىقتىن ئۇنىڭ قىرغاقلىرى رەسۇلۇللاھنىڭ بوينىغا ئىز چىقىرىۋېتىپتۇ . ھېلىقى ئەرابى” : ئى مۇھەممەد! يېنىڭدىكى اللەنىڭ ماللىرىدىن ماڭا بۇيرۇپ بەرگىن “ دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا بۇرۇلۇپ قاراپ كىلدى ۋە ئۇنىڭغا سوغا بېرىشكە ئەمر قىلدى ] “.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت . ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى:2382[
بۇ ئىككى ھەدىستە جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قانچىلىك ئالىي جاناب، كەڭ قورساق، سەۋرلىك، ئەپۇچان بىر زات بولغانلىقىنى ئوچۇق كۆرىمىز .
جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جىھاددا قولىغا چىشكەن غەنىمەتلەرنى ئىلەشتىرىشتە، ئىمانى كىچلىك، قىلغان جىھادىنىڭ بەدىلىگە دۇنيانىڭ مال مىلكىنى تەلەپ قىلمايدىغان ساھابىلەرگە نىسبەتەن، يېڭى مۇسۇلمان بولغان، ئىمانى تېخى كىچلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن دۇنيا مېلىنى ئارتۇق بىلىدىغانلارغا ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىسلامغا تېخىمۇ مايىل قىلىش يىزىسىدىن كۆپرەك نەرسە بەرگەن ئىدى . جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ ئىشىنىڭ ھېكمىتىنى بىلەلمىگەن بەزى كىشىلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللە منى ئۆز قەۋمىگە يان بېسىپ، يېڭى مۇسۇلمان بولغان قۇرەيش كاتتىۋاشلىرىغا كۆپ نەرسە بەردى، يىللاردىن بىرى ئاللاھ يولىدا جېنىنى تىكىپ جىھاد قىلغانلارغا ئاز نەرسە بەردى دەپ” : بۇ ئىلەشتىرىشتە ئاللاھ رازىلىقى كۆزلەنمىدى )قەبىلىۋازلىق قىلىندى (“ دېگەندەك سۆزلەرنى قىلدى .
مەزكۇر نالايىق سۆزلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە يەتكىزىلگەندە، رەسۇلۇللاھ بىر ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق خاپا بۇلۇپ، مۇبارەك يىزلىرى قىزىرىپ كەتتى . چۈنكى دۇنيادا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىنمۇ ئادىلراق كىم بار؟ ئەگەر رەسۇل ۇللاھ غەنىمەت تەقسىم قىلىشتا ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلىمىسە، ئادالەت قىلمىسا، كىم ئادالەت قىلىدۇ؟ ! رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەزكۇر سۆزلەرگە قاتتىق خاپا بۇلۇپ غەزەبلىنىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، مەزكۇر سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى رەسۇلۇللا ھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەققىدە يامان گۇمان قىلىشقا تىرتكە بولغان ئىنسانلار، ئەگەر رەسۇلۇللاھنىڭ ئىشىنىڭ ھىكمىتىنى بىلەلمىگەن بولسا، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۆزىدىن مەسىلىنىڭ تىگى تەكتىنى سورىماي ئوتتۇرىدا گەپ پەيدا قىلىدۇ؟ دېگەندىن ئىبارەت بول ۇشى مۇمكىن. لېكىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەزكۇر بولمىغۇر سۆزنى قىلغۇچىنى تۇتۇپ جازالاشقا قادىر تۇرۇقلۇق، غەزىپىنى بېسىۋىلىپ، ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئۆز قەۋمىدىن كۆرگەن ئەزىيەتلىرىنى ئەسلەپ، ئۇنىڭ ئالدىدا بۇ دېگەن ھېچنەرسە دەپ، ئاچچىغىنى يۇتىۋەتتى . چۈنكى مۇسا ئەلەيھىسسالامنى قەۋمى جادۋگەر، كاززاب، زوراۋان، پادىشاھلىق تالىشىدۇ، فىرئەۋن، ھامان ۋە قارۇننىڭ مېلىدا كۆزى بار دېگەندەك بولىمغۇر سۆزلەر بىلەن ئەيىبلىغان ئىدى . مۇسا ئەلەيھىسسالام ناھايىتى ھايالىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنسانلار بار ي ەردە قەتئىي كىيىمىنى چىقارمايتتى، بۇنى كۆرگەنلەر مۇسانىڭ ئاق كېسىلى بار، تىرە كېسىلى بولغاچقا نۇمۇس قىلىپ كىيىمىنى چىقىرالمايدۇ، دەپ ئەيىبلايتتى. اللەنى ئوچۇق كۆرمىگىچە ساڭا ئىشەنمەيمىز، دەپ ئىمان كەلتىرگىلى ئۇنۇمايتتى . جىھاد قىلىشقا بۇيرۇسا سەن خۇدايىڭ بىلەن بېرىپ ئۇرۇشقىن، بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرىمىز، دەپ ماڭغىلى ئۇنىمىغان . ئاللاھ سىلەرگە بىر كالا ئۆلتىرىشنى بۇيرىدى دېسە، بىزنى زاڭلىق قىلىۋاتامسەن، دەپ قوپاللىق قىلغان ئىدى. ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالام مانا شۇنداق ئەزىيەتلەرنىڭ ھەممىگە سەۋر تاقەت قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى ئۆز لايىقىدا ئادا قىلىپ ئالەمدىن ئۆتكەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ يەردە ئاللاھ تائالانىڭ : ئەنە شۇلار)يەنى پەيغەمبەرلەر( ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكىن] سىرە ئەنئام: 90 ئايەت[ دېگەن ئەمرىگە ئىتائەت قىلىپ، ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىگە ئىلگە قىلىپ، ھەققىدە شۇنداق بولمىغۇر سۆزلەرنى قىلغان كىشىلەرنى ئەپۇ قىلدى . مانا بۇ ھەقىقىي باتۇرلۇق . جەڭدە بىر نەچچە ئادەمنى يىقىتقان ب اتۇر ئەمەس، قاتتىق غەزەبلەنگەندە، يىرىكىدە ئىنتىقام ئوتى يالقۇنلاپ تۇرغاندا، ئۆزىنى بېسىۋىلىپ ئاچچىقىنى يۇتىۋىتەلىگەن، ئىنتىقام ۋە جازاغا تىگىشلىك بولغان كىشىنى ئەپۇ قىلىۋىتەلىگەن ئادەم باتۇر بولىدۇ .
ئىككىنچى ھەدىستە بولسا، بىر نەرسە سوراش، كىشىلەر بىلەن ق انداق مۇئامىلە قىلىش، چوڭلارغا قانداق ھۆرمەت قىلىش قاتارلىق ئەدەپ ئەخلاقنى بىلمەيدىغان قوپال بىر ئادەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىنى توسۇپ، تونىنى قاتتىق تارتىپ، ئۇنىڭ مۇبارەك بوينىنى قىزارتىۋەتكەن ۋە رەسۇلۇللاھقا ”يا رەسۇلەللاھ !“ دېم ەستىن، ناھايىتى قوپال ھالدا، خۇددى بالىسىغا ياكى قۇلىغا خىتاب قىلغاندەك ” : ئى مۇھەممەد ! يېنىڭدىكى اللەنىڭ ماللىرىدىن ماڭا بۇيرۇپ بەر“ دېدى. مەرھەمەت ۋە ئېغىر بېسىقلىقنىڭ سىمۋولى بولغان جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھېلىقى قائىدە ئۇقمايدىغان، قوپال ئادەمنىڭ ئەدەبسىزلىكىنى كەچىرىم قىلىۋىتىپ، كىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھەدىيە ۋە سوغاتلار بەرگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ .
بىز مۇسۇلمانلار ئىلگىلىك پەيغەمبىرىمىز جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ گىزەل ئەخلاقىدىن ئىبرەت ئېلىپ، كەڭ قورساق، ئېغىر بېسىق، ئەپۇجان بولۇشىمىز لازىم . دىنىي قېرىنداشلىرىمىزدىن كەلگەن بەزى ياخشى يامان گەپ سۆزلەرنى كەچىرىۋېتىشنى بىلىشىمىز، يوقىلاڭ ئىشلارغا غەزەبلىنىپ دوستلار ئارىسىدا دىشمەنلىك پەيدا قىلماسلىقىمىز كېرەك .
ھازىر بىز مۇسۇلمانلاردا شۇنداق ئېچىنىشلىق ئەھۋال مەۋجۇدكى، ياتلار كېلىپ ئۆيلىرىمىزنى، مال مىلىكىمىزنى تارتىۋالسا، يۇرتىمىزنى بېسىۋالسا، خوش غۋجام دەپ قول قۋۋۇشتۇرۇپ تازىم بەجا كەلتىرىمىز. ئۆزىمىزنىڭ مىللەتدىشىمىز، يۇرتدىشىمىز، دىندىشىمىز بولغان قېرىنداشلىرىمىزدىن ئازراق كەمچىلىك ئۆتەلسە، يولۋاستەك ئېتىلىپ، بىرگە ئوننى قىلىمىز . بىزنىڭ بۇ خۇنۇك خاراكتىرىمىز خەلقارا مۇناسىۋەتلەردىمۇ ئۆزىنى كۆرسەتمەكتە . مەسىلەن: ھازىر دۇنيادا 50 دىن ئارتۇقمۇسۇلمان دۆلەت بار . كاپىرلار مەزكۇر دۆلەتلەرنى خالىغانچە قورقۇتۇپ، ئاچچىغى كەلسە قورال كىچى بىلەن بېسىۋىلىپ، ئاياغ ئاست ى قىلىۋاتسا، پىتىن مۇسۇلمان دۆلەتلىرى دىنىي قېرىنداشلىرىغا ياردەم قىلىدىغاننىڭ ئورنىغا، كاپىرلارنى قوللاپ، موللام مىشىك بۇلۇپ تۇرىدۇ . ئەگەر مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا بىر بىرىگە كىچىككىنە بىر ئېغىز گەپ ئۆتىپ كەتسە، دەرھال چىگراغا ئەسكەر توپلاپ، يانار تاغقا ئوخشاش پارتلاشقا تەييار بولىدۇ . مۇسۇلمان ھاكىملار ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ھەقلىق تەنقىدلىرىنى كۆتىرەلمەيدۇ . ئەمەلدارلارنىڭ قىلغان خاتالىقلىرىدىن بىرىنى ئاغزىغا ئېلىپ سالغان ئادەمنىڭ بارىدىغان جايى تۇرما زىندانلاردىن ئىبارەت بولىدۇ. ئەمما كاپىر دۆلەتلەر تەنقىدلەپ قورقۇتۇپ قويسا، ئەتتۇز ئىككى چىشىنىڭ ھەممىنى چىقىرىپ، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشقا ۋەدە بېرىدۇ .
مانا مۇشۇنداق دوست دىشمەننى پەرق ئەتمەي، كىمگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلمەي كېتىۋەرسەك، ئىزىلگىنىمىز ئىزىلگەن، خورلانغىنىمىز خورلانغان، ھېچكىم بىزنىڭ كۆز ياشلىرىمىزغا ئىچ ئاغرىتمايدۇ . شۇڭلاشقا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىپ، خۇي پەيلىمىزنى تۈزىتىپ، مۇئامىلە پۇزىتسىيەمىزنى توغرىلاپ، ياتلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىمىزنى خار قىلمىساق، دىنى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بولغان دوستلىقىمىزنى بۇزمىساق، بىر بىرىمىزگە ياخشى نەسىھەتلەرنى قىلساق، بىر بىرىمىزنىڭ نەسىھەتلىرىنى قوبۇل قىلساق، ئاللاھ تائالا بىزگە چوقۇم نىسرەت ئاتا قىلىدۇ .
ئاللاھ تائالا بىزگە ھەق يولدا مېڭىشنى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ھەقىقى ئىممەت بۇلۇپ، ئىززەت ۋە شەرەپ بىلەن ياشاشنى نىسىپ قىلسۇن. ئامىين!
99 ھەدىس ئەمىلى سۆزىگە ئۇيغۇن بولمىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا ھەزرىتى ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ، جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ » : قىيامەت كۈنى بىر ئادەم كەلتىرىلىپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ، ئازابنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئۇنىڭ ئىچ ئورگانلىرى چىقىپ كېتىدۇ . ئۇ ئادەم دوزاختا خۇددى تىگمەندە ئايلانغان ئىشەكتەك ئايلىنىدۇ . دوزاخ ئەھلى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ”ھۋي پالانى ! سىزگە نېمە بولدى؟ سىز ياخشى ئىشقا بۇي رۇپ، يامان ئشتىن توساتتىڭىز ئەمەسمۇ؟ “ دەيدۇ. ئۇ ئادەم ” : شۇنداق . مەن ياخشى ئىشقا بۇيرىياتتىم، ئۆزەم ئۇ ئىشنى قىلمايتتىم . يامام ئىشتىن توساتتىم، ئەمما ئۇنى ئۆزەم قىلاتتىم “ دەپ جاۋاب بېرىدۇ ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىس ت مۇسلىمغا ئائىت . ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى :
7432[ ئىزاھات :
بۇ ھەدىس نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق ! بۇ ھەدىسنى ئوقىغاندا قورقۇنچتىن ئادەمنىڭ ۋۇجۇدى تىترەپ كېتىدۇ . كىشىلەرگە ھەقىقەتنى يەتكىزىش، ئۇلارنى ياخشى ئىشلارغا چاقىرىپ، يامان ناچار ئىشلاردىن توسۇش ئىسلام دىنىنىڭ 8 چوڭ ئاساسىنىڭ بىرى بۇلۇپ، ئۇنىڭسىز ئىسلام مەۋجۇد بۇلۇپ تۇرالمايدۇ . لېكىن كىشىلەرگە ياخشى ياماننى چىشەندىرىپ بېرىدىغان ئۆلىمالار، داموللاملار، مەخسۇملار ئۆزلىرى بىلگەن، چىشەنگەن ھەقىقەتكە ئۆزلىرى ئەمەل قىلمىسا، ياخشى ئىشلارنى بىلىپ تۇرۇپ قىلمىسا ، يامان گۇناھ مەسىيەتلەرنى بىلىپ تۇرۇپ تەرك ئەتمىسە، ئۇنداق كىشىلەرنىڭ سۆزى باشقىلارغا قانداق تەسىر قىلىدۇ؟ ئۆز نەپسىنى ئىسلاھ قىلالمىغان ئادەم جەمئىيەتنى قانداق ئىسلاھ قىلىدۇ . دىنىي ئوقىغان، ياخشى ياماننى بىلىدىغانلارنىڭ ئىلمىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى ئىچ ىن ئاۋام خەلق ئارىسىدا ”موللىنىڭ دېگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما “ دەپ ماقال چىققان . چۈنكى موللىنىڭ سۆزى باشقا، ئىشى باشقا . قۇرئان ھەدىستىن سۆزلەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭ قىلغان ئىشى سۆزىگە ماس كەلمەيدۇ . ئۇنداق ئالىملارنىڭ ئاقىۋىتى مانا مۇشۇ ھەدىستە كۆرسىتىلگەندەك قورقۇنچلۇق بولىدۇ .
ئى پەيغەمبەرنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئۆلىمالار !
بۇ دەھشەتلىك ھەدىس ئالدىدا ئۆزەڭلارنى بىر دەڭسەپ بېقىڭلار . سىلەر بۇ ھەدىسقا ئىشىنەمسىلەر، يوقمۇ؟ ئەگەر ئىشەنسەڭلار ئىشلىرىڭلار سۆزلىرىڭلارغا ئۇيغۇن كېلەمدۇ؟
ئىلمىڭلارغا ئەمەل قىلىۋاتامسىلەر؟ ا للە تائالا سىلەر ۋە بىزلەرگە ئوخشاش ئىلمىگە ئەمەل قىلمايدىغان، قىلغان ئىشى سۆزىگە ماس كەلمەيدىغانلارغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : ئى مۆمىنلەر! نېمە ئۈچۈن قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمىز دەيسىلەر؟ )يەنى ئەمەلدە قىلمايدىغان ياخشى ئىشلارنى نېمە ئۈچۈن ئاغزىڭلاردا قىلىمىز دەيسىلەر؟ ( سىلەرنىڭ قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمىز دېيىشىڭلار اللەنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئۆچ كۆرىلىدىغان نەرسىدۇر. ]سىرە سەف: 2 3 ئايەتلەر [
بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر ئوخشاش بولمايدۇ . ئىلمىنىڭ كۆپىيىشىگە قاراپ ئەمىلى كۆپەيمىگەن ئادەم ئاللاھ تائالا نىڭ رەھمىتىدىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ . كىشىلەرگە ياخشىلىقلارنى سۆزلەپ بېرىپ ئۆزى ئەمەل قىلمايدىغان ئالىم، خۇددى سۇنى ساقلايدىغان، ئەمما ھېچ نەرسە ئىندىرمەيدىغان شۋرلۇق يەرگە ئوخشايدۇ . ئىمام غەزالى كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىپ ئۆزى ئەمەل قىلمايدىغان ئالىمنى مۇنداق سىپەتلەيدۇ ” : بىلىپ تۇرۇپ ئەمەل قىلمايدىغان كىشى، خۇددى كىشىلەرگە ئىلىم ئىگىتىپ ئۆزى بىلىمسىز قالىدىغان دەپتەرگە، پىچاقنى ئۆتك ىر قىلىپ ئۆزى كەسمەيدىغان بىلەيگە، كىشىلەرگە كىيىم تىكىپ ئۆزى يالىڭاچ قالىدىغان يىڭنىگە ئوخشايدۇ .“ ئاللاھ تائالا ئەمىلى سۆزىگە ماس كەلمەيدىغان كىشىلەرگە كايىپ مۇنداق دەيدۇ : كىشىلەرنى ياخشى ئىشقا بۇيرۇپ ئۆزەڭلارنى ئۇنتۇمسىلەر؟ ھالبۇكى سىلەر كىتابنى ئوقۇپتۇرىسىلەر، چىشەنمەمسىلەر؟] سىرە بەقەرە: 44 ئايەت [
ھۆرمەتلىك ئۆلىمالار !
ۋەزىپىمىز ئىنتايىن ئېغىر، ئاقىۋىتىمىز ناھايىتى خەتەرلىك دى .نى ئىلىم ساھەسىگە كىرگەن، ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولغان ۋە كىشىلەر ئارىسىدا ئالىم دەپ تونۇلغان ئىكەنمىز، كىشىلەرگە قىلىدىغان نەسىھەتنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە قىلىشىمىز، كىشىلەرگە بۇيرىدىغان ياخشىلىقنى سۆزلەشتىن بۇرۇن ئۆزىمىز ئىجرا قىلىشىمىز، كىشىلەرنى توسىدىغان يامان قىلىقلارنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىز تاشلىشىمىز، ئاندىن باشقىلارغا ۋەز نەسىھەت قىلىشىمىز لازىم .
ئىمام ئەزەمنىڭ ئالدىغا بىر ئايال بالىسىنى ئېلىپ كېلىپ ” : بۇ بالا تولا ئىزىم يەپ مېنى خاپا قىلىدۇ، بىر نەسىھەت قىلىپ قويسىلا “ دېگەن ئىكەن، ئىمام ئەزەم ” : ئىچ كى ندىن كېيىن كېلىڭ، نەسىھەت قىلاي “ دەپتۇ. ھېلىقى ئايال ئىچ كىندىن كېيىن بالىسىنى ئېلىپ كەلگەن ئىكەن، ئىمام ئەزەم بالىغا ” : بالام ئىزىم يېمەڭ “ دەپتۇ. بالىنىڭ ئانىسى غەزەبلەنگەن ھالدا : ”نەسىھەتلىرى مىشىنچىلىكمىدى؟ بۇ گەپنى ئىچ كىن بۇرۇن كەلگەندە دېسىلە بولمامتى ؟“ دېگەن ئىكەن، ئىمام ئەزەم ” : ئىچ كىن بۇرۇن كەلگەن چېغىڭىزدا مەن ئىزىم يېگەن ئىدىم، ئۇ چاغدا ئىزىم يېمەسلىك ھەققىدە بۇ بالىغا بىر كىن سۆزلىگەن بولساممۇ تەسىر قىلمايتتى . ئىچ كىندىن بىرى مەن ئىزىم يېمىدىم، ئەمدى مېنىڭ بۇ بىر ئېغىز سۆزىم بىلەن بۇ بالا ئىزىم ي ەپ سىزنى خاپا قىلمايدۇ“ دېگەن ئىكەن .
ئۆلىمالارنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلماسلىقى سۆزىنىڭ تەسىر قىلماسلىقى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. بەلكى گۇناھ مەسىيەتلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگە، جەمئىيەتنىڭ بۇزۇلۇشىغا، ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكىملىرىنىڭ ئىجرا قىلىنماسلىقىغا سەۋەب بولىدۇ. چۈنكى خەلق ئۇلارنى رەھبەر دەپ قارايدۇ . يەنە ئىنسان ئاڭلىغىنىدىن بەكراق كۆرگىنىگە ئەمەل قىلىدۇ . ئۆلىمالارنىڭ گۇناھ ئىشلارنى قىلغانلىقىنى كۆرگەن خەلق، پالانى ئالىممۇ قىلىدىكەن دەپ، گۇناھ مەسىيەتكە سەل قارايدىغان، ئاللاھ تائالادىن قورقمايدىغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەت تىزىلىشنىڭ ئورنىغا بۇزۇلىدۇ . ياخشىلىنىشنىڭ ئورنىغا چىرىكلىشىدۇ . كىچلىنىشنىڭ ئورنىغا ئاجىزلىشىدۇ. ئالغا بېسىشنىڭ ئورنىغا چىشكىنلىشىدۇ . نەتىجىدە پىتىن جەمئىيەت ئاللاھ تائالا نىڭ غەزىپىگە ئۇچراپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك خارلىققا قالىد . ۇئۆلىمالارنىڭ جازاسى باشقىلاردىن ئېغىر بولۇشىنىڭ سەۋەبى مۇشۇ بولسا كېرەك .
دىنى ئوقۇغان، ئۇنىۋېرسىتېت پىتتىرگەن ياشلار، كشىلەرگە پىشىۋا بولىدىغان ئالىملار ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىشىمىز، ئالدىن بالا چاقا، ئۇرۇق تۇغقانلىرىمىزنى ئىسلاھ قىلىشىمىز كېرەك . چۈنكى ياخشى جەمئىيەت سالىھ كىشىلەردىن بارلىققا كېلىدۇ . ئۆز نەپسىنى ئىسلاھ قىلالمىغان ئادەم باشقىلارنى ھەرگىزمۇ ئىسلاھ قىلالمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر كىشى ئىسلاھاتنى ئۆزىدىن باشلىشى، نەپسىنى يامان ئىشلاردىن توسۇپ، ياخشى ئىشلارغا كۆندىرىشى كېرەكمۇ . شۇ ئىشنى قىلالىغان كىشى ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن بولىدۇ . چۈنكى كىشىلەرگە سۆزلەش، ماقالا، كىتابلار يېزىش ئاسان . ئەمما ئاشۇ يازغانلىرىنى ۋە سۆزلىگەنلىرىنى ئۆزىگە تەتبىقلاش ئىنتايىن قىيىن . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىش چوڭ جىھاد دەپ ئاتالغا. ناللە تائالا مۇنداق دەيدۇ : نەپسىنى يامان ئىشلاردىن پاكلىغان ئادەم نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. نەپسىنى يامان ئىشلارغا كۆمگەن ئادەم زىيان تارتىدۇ. ]سىرە شەمەس: 9 10 ئايەتلەر [
بۇ يەردە دېمەكچى بولغان گەپ، سىز ئۆزىڭىزنىلا تىزىتىڭ، باشقىلار بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى ئاۋۋال ئۆزىنى تىزىتىش، ئاندىن باشقىلارنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ زۆرىرلىكىنى كۆرسەتمەكچى . چۈنكى باشقىلارنى ئىسلاھ قىلىش ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشقا باغلىق .
ئەرەبلەردە” : بىر ئادەمنىڭ مىڭ ئادەم ئوتتۇرىسىدا قىلغان ئىشى، مىڭ ئادەمنىڭ بىر ئادەمگە نەسىھەت قىلغىنىغا تەڭ “ دەيدىغان ماقال بار . ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ھەر ئىككى ئىشنى بىرلىكتە ئېلىپ بارغانلارغا رەھىم قىلىدىغانلىقىنى بىلدىرىپ مۇنداق دەيدۇ : مۆمىن ئەرلەر، مۆمىن ئاياللار بىر بىرى بىلەن دوستتۇر، ئۇلار كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، نامازنى تولۇق ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، اللەغا ۋە اللەنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ، ئەنە شۇلارغا ئاللاھ رەھىم قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.] سىرى تەۋبە:71 ئايەت [
ئاللاھ تائالا ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىنى ھىكايە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : مەن سىلەرنى بىر ئىشتىن مەنئى قىلىپ، ئۇنى ئۆزەم قىلماقچى ئەمەسمەن، مەن پەقەت كىچىمنىڭ يېتىشىچە ئىسلاھ قىلىشنىلا خالايمەن، مېىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىم پەقەت اللەنىڭ ياردىمى بىلەن بولىدۇ، ھەممە ئىشتا اللەغا تايىنىمەن ۋە ئۇنىڭغا يىزلىنىمەن .] سىرە: ھۇد88 ئايەت [
ئاللاھ تائالادىن بىزنى سۆزىمىز ھەم ئىشىمىز بىردەك بولغان ۋە ئاللاھ تائالادىن قورقىدىغان كىشىلەردىن قىلىشىنى تىلەيمىز . يۇقىرىدىكى ھەدىستە كۆرسىتىلگەن ھالغا چىشىپ قېلىشتىن پاناھ تىلەيمىز. ئامىين !
ئىزاھات تېكىستى كىرگۈزۈلمىگەن.
ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان » : بىر بەندە گۇناھ ئىشلەيدۇ، ئاندىن ”ئى پەرۋەردىگارىم ! مەن بىر گۇناھ ئىشلىدىم، مە ن ئۈچۈن ئۇنى مەغپىرەت قىلغىن “ دەيدۇ .
پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا ” : بەندەم گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدىغان پەرۋەردىگارىنىڭ بارلىقىنى بىلدى، مەن ئۇنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلدىم . يدۇ ە د “ئۇ بەندە مەلۇم مۇددەت تۇرغاندىن كېيىن يەنە گۇناھ ئىشلەيدۇ. ئاندىن ”ئى پەرۋەردىگارىم! مەن بىر گۇناھ ئىشلىدىم، مەن ئۈچۈن ئۇنى مەغپىرەت قىلغىن“ دەيدۇ. پەرۋەردىگارى” : بەندەم گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدىغان پەرۋەردىگارىنىڭ بارلىقىنى بىلدى، مەن ئۇنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلدىم “ دەيدۇ . ئۇ بەندە مەلۇم مۇددەت تۇرغاندىن كېيىن يەنە گۇناھ ئىشلەيدۇ. ئاندىن ”ئى پەرۋەردىگارىم! مەن بىر گۇناھ ئىشلىدىم، مەن ئۈچۈن ئۇنى مەغپىرەت قىلغىن“ دەيدۇ. پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا ” : بەندەم گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدىغان پەرۋەردىگارىنىڭ بارلىقىنى بىلدى، مەن ئۇنىڭ گۇناھىنى ئىچ قېتىم مەغپىرەت قىلدىم، ئۇ خالىغىنىنى قىلسۇن “ دەيدۇۇ ب ] «.
ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت . ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:7341[
ئى گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلغۇچى، ئەيىبلەرنى ياپقۇچى ئاللاھ ! سەن نېمىدېگەن مەرھەمەتلىك، ئاسى بەندىلەرگە نېمىدېگەن مىھرىبان ! سېنىڭ رەھىمىتىڭ شىنچىلىك چەكسىزكى، ئاسىي قۇللىرىڭنىڭ گۇناھى ھەر قانچە كۆپ بولسىمۇ كەچىرىسەن . بىز بەندىلەر نەپسى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ساڭا ئاسىيلىق قىلساق، سەن ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن تەۋبە دەرۋازىسىنى ئاخىرىغىچە ئېچىپ، گۇناھىڭلارغا تەۋبە قىلىپ مېنىڭ تەرىپىمگە قايتىڭلار، مەن سىلەرنى ئەپۇ مەغپىرەت قىلاي دەپ دەرگاھىڭغا چاقىرىسەن . گۇناھ مەسىيەت ۋە ئازغۇنلۇق دېڭىزىغا چۆكىپ كەتكەن ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۇمىدى بولمىغان ئىنسانلارنى رھمەت كىمەڭ بىلەن تارتىپ ئېلىپ، مەغپىرەت دەرياسىدا يۇيۇپ، نېمەت گىلىستانى بولغان جەننىتىڭگە قويىسەن .
سېنىڭ چەكسىز رەھمىتىڭ ئالدىدا ھەر قانچە چوڭ گۇناھلارمۇ كىچىككىنە بىر نەرسە بولىدۇ . سېنىڭ ئۇلۇغ رەھمىتىڭ گۇمراھلارغا يول، مەيۇسلارغا ئۇمىت، قەلبى ئۆلگەنلەرگە ھايات بەخش ئېتىدۇ. سەن بىز ئاسىي بەندىلەرنى ئۇمىدلەندىرىپ، ئەزەلىي كالامىڭدا » : گۇناھلارن ى قىلىۋېرىپ ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم ! اللەنىڭ رەھمىتىدىن ئۇمىدسىزلەنمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن جىمى گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ . شىبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مىھرىباندۇر.« ∗دېدىڭ .
ئاسىي بەندىلەرنىڭ قەلبىگە رەھمەت سىيى چېچى پ، پەيغەمبىرىڭ تىلى ئارقىلىق » : ئى ئادەم بالىسى ! ئەگەر سەن ماڭا دۇئا قىلىپ مەغپىرىتىمنى تىلىسەڭ، گۇناھلىرىڭنىڭ قانچىلىكلىكىگە پىسەنت قىلماستىن ھەممىنى مەغپىرەت قىلىمەن. ئى ئادەم بالىسى! ئەگەر گۇناھلىرىڭ كۆپىيىپ ئاسمانغا تاقاشسىمۇ، مەندىن مەغپىرەت تەلەپ قىلس اڭ، سېنى مەغپىرەت قىلىمەن. ئى ئادەم بالىسى! ئەگەر ماڭا زېمىننىڭ چوڭلىقىدا خاتالىقلار بىلەن كەلسەڭ، ماڭا ∗ سىرە زۇمەر53 ئايەت .
ھېچنەرسىنى شېرىك كەلتىرمىگەن ھالەتتە ئۇچراشساڭ، ساڭا زېمىننىڭ چوڭلىقىدا مەغپىرەت بىلەن كېلىمەن« دېدىڭ .
ئەزىر مۇسۇلمان قېرىنداشلار !
يۇقىرىدىكى ھەدىستە جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ تائالانىڭ بىز گۇناھكار بەندىلەرگە چەكسىز مېھرىبان بولغانلىقىنى، بەندىنىڭ گۇناھ مەسىيەتلىرى ھەر قانچە چوڭ ۋە كۆپ بولسىمۇ، ھەقىقى تەۋبە قىلسا ئۇنى ئەپۇ قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ .
تەۋبە لۇغەتتە قايتى ش دېگەن بۇلۇپ، ئىسلام ئىستىلاھىدا گۇناھ مەسىيەتلەرگە پۇشايمان قىلىپ، يامان قىلىقلىرىنى تاشلاپ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىغا قايتىش دېگەن بولىدۇ. ئۆلىمالار تەۋبىنى مۇنداق چىشەندىرىدۇ : تەۋبىنىڭ ئىچ شەرتى بار، بىرىنچى قىلغان گۇناھ ۋە يامان ئىشلىرىغا چىن دىلىدىن پۇشايمان قىلىش، يەنى نېمە ئۈچۈن شۇنداق گۇناھلارنى قىلغاندىمەن؟ دەپ ئۆكىنىش ۋە ئۇ ئىشلاردىن يېنىش . ئىككىنچى بۇندىن كېيىن ئۇنداق يامان ئىشلارنى ھەرگىز قىلمايدىغانلىقىغا قەتئىي بەل باغلاش . ئىچىنچى ئۆزىدىن ئۆتەلگەن گۇناھلارنى كەچىرىم قىلىشنى تىلەپ ئاللاھ تائالاغا قاتتىق يالۋۇرۇشتۇر. ئەگەر باشقىلارنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلغان بولسا، بۇ كىشىنىڭ تەۋبە قىلىشىنىڭ يۇقىرىقىدىن باشقا يەنە بىر شەرتى بار . ئۇ بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ ھەققىنى قايتۇرۇش ياكى رازىلىقىنى ئېلىش، ھەق ئىگىسى بولمىسا ۋارىسلىرىغا ھەققىنى قايتۇرۇش. ھەق ئىگىسىنى تاپالمىسا، ئۇنىڭ ھەققىنى ئۇنىڭ نامىدا سەدىقە قىلىشتۇر . مانا مۇشۇ شەرتلەرگە توشقان تەۋبىنى ئاللاھ تائالا ئەلۋەتتە قوبۇل قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ : تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا اللەنى ياد ئېتىپ، دەرھال گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ . گۇناھنى كەچىرىدىغان اللەدىن باشقا كىم بار؟ ! ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ . ئۇلارنىڭ مۇكاپاتى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بولغان مەغپىرەت ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇر . بۇ يەرلەردە ئۇلار مەڭگى قالىدۇ . ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئېرىشىدىغان مۇكاپاتى نېمىدېگەن ياخشى ! ] سىرەئال ئىمران :135 136 ئايەتلەر [
ئاللاھ تائالا يەنە بەندىلەرنىڭ گۇناھى ھەر قانچە كۆپ بولسىمۇ مەغپىرەت قىلىدىغانلىقىنى بايان
قىلىپ مۇنداق دەيدۇ :
ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن ( ئېيتقىنكى، ئى »! )گۇناھلارنى قىلىۋىرىپ ( ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! اللەنىڭ رەھمىتىدىن ئۇمىدسىزلەنمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن جىمى گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شىبھىسىزكى ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. سىلەرگە ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن پەرۋەردىگارىڭلار تەرەپكە قايتىڭلار، بولمىسا كېيىن سىلەرگە ياردەم قىلىنمايدۇ. ]سىرە زۇمەر:53 54 ئايەتلەر [
ھەزرىتى ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : بەنى ئىسرائىلدا بىر كىشى بۇلۇپ، ئۇ تۋقسان تۋققۇز ئادەمنى ئۆلتىردى، ئاندىن ئۇ تەۋبە توغرىلىق سوراش ئۈچۈن چىقتى . ئۇ بىر راھىبنىڭ ئالدىغا كېلىپ” : مەن تۋقسان تۋققوز ئادەم ئۆلتىردىم، تەۋبە قىلسام قوبۇل بولامدۇ؟ “ دەپ سورىدى . راھىب : ياق ”“ دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى، ئۇنىمۇ ئۆلتىرىپ يىزنى تولۇقلىدى . كېيىن ئۇ ئالىم ئىزدەشكە باشلىدى. ئۇنى بىر ئالىم كىشىنىڭ قېشىغا ئېلىپ باردىلار ” : ئۇ . مەن يۈز ئادەمنى ئۆلتىردىم، تەۋبە قىلسام قوبۇل بولامدۇ؟“ دەپ سورىدى. ئۇ ئالىم” : ھەئە، قوبۇل بولىدۇ، سەن بىلەن تەۋبىنىڭ ئارىسىنى كىم توسالايدۇ؟ سەن پالانى پالانى يېزىغا بارغىن، ئۇ يەردە اللەغا ئىبادەت قىلغۇچىلار بار، ئۇلار بىلەن بىرگە اللەغا ئىبادەت قىلغىن، ئۆز يۇرتىڭغا قايتمىغىن، چۈنكى ئۇ يامان ئادەملەرنىڭ يۇرتى“ دېدى . ئۇ ئادەم يولدا كېتىۋاتقاندا ئۇنىڭ ئەجىلى يېتىپ يېزا تەرەپكە يىزلىنىپ دىم چىشتى . رەھمەت پەرىشتىلىرى بىلەن ئازاب پەرىشتىلىرى ئۇنىڭ ئىستىدە تالىشىپ قالدى . رەھمەت پەرىشتىلىرى” : بۇ ئادەم تەۋبە قىلىپ، چىن قەلبىدىن اللەغا يىزلىنىپ كەلدى “ دېدى. ئازاب پەرىشتىلىرى” : ئۇ ھېچبىر ياخشىلىق قىلمىغان “ دېدى . بۇ چاغدا بىر پەرىشتە ئادەم سىرىتىدە كەلدى، پەرىشتىلەر ئۇنى ئوتتۇرلىرىدا ھاكىم قىلدى . ھاكىم” : بۇ ئادەم كەلگەن تەرەپ بىلەن بارىدىغان تەرەپنى ئۆلچەڭلار، قايسى تەرەپكە يېقىن بولسا شۇ ئالسۇن “ دېدى . ئۇلار ئۆلچەپ، بارماقچى بولغان يېرىگە يېقىن بولغانلىقى بىلىندى، ئۇنى رەھمەت پەرىشتىسى ئالدى ) . يەنى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ پىتىن گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلدى « .( يەنە بىر ھەدىستە جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم» : ئاللاھ تائالا بەندىنىڭ تەۋبىسىنى جان ھەلقىغە كەلمىگۇچىلىك قوبۇل قىلىدۇ« دېگەن .
تەۋبە قىلىش ئاغزىنىڭ ئۇچچىدا تۋۋا قىلدىم خۇدائىم دەپ قويۇپ، گۇناھ مەسىيەتلەرنى قىلىۋىرىش بىلەن بولمايدۇ . تەۋبىنىڭ مەنىسى ۋە شەرتلىرىنى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتتۇق . ئاللاھ تائالا كەچىرىم قىلمايدىغان گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭى اللەغا شېرىك كەلتىرىش ۋە كىشىلەرنىڭ ھەققىنى ناھەق يەۋىلىشتۇر . ئاللاھ تائالاغا ھەر قانداق بىر نەرسىنى شېرىك كەلتىرگەن كىشى، شېرىكتىن يېنىپ، قايتىدىن ئىمانىنى يېڭىلىمايدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ باشقا تەۋبىلىرىنى ۋە ياخش ى ئىشلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ . شۇنىڭدەك كىشىنىڭ ھەققىنى ناھەق يېگەن كىشىمۇ ھەق ئىگىسىنى رازى قىلمىغۇچە ئاللاھ تائالا مەزكۇر گۇناھنى كەچىرمەيدۇ . ئەگەر ھەق ئىگىسى ئۆلىپ كەتكەن ۋە ۋارىسلىرىمۇ قالمىغان بولسا، ھەققىنى يېگەن كىشى ھەر قانچە قىلىپمۇ ھەقنى قايتۇرالمىغان بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ كىشىنى كەچىرىم قىلىشى ئۇمىد قىلىنىدۇ .
نامازنى ئوقۇمىغان، زاكات بەرمىگەن، رامىزاندا روزا تۇتمىغان، ھاراق ۋە باشقا مەس قىلغۇچ نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغان، ئاتا ئانىسىنى قاخشاتقان، زىنا قىلغان، ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىنى ھالال قىلغا نلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاختۇر . مەگەر ئۇلار چىن دىلىدىن ھەقىقى تەۋبە قىلسا ئاللاھ تائالا مەغپىرەت قىلىپ جەننىتىگە كىرگىزىدۇ . ئاللاھ تائالا تەۋبە قىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دەيدۇ : ئى ئىمان ئېيتقان زاتلار! اللەغا سەمىمى تەۋبە قىلىڭلار، ئۇمىدكى، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگىزىد. ۇئۇ كۈندە )يەنى قىيامەت كىنىدە( ئاللاھ پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى رەسۋا قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرىپىدە يىرىدۇ، ئۇلار» : ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە نۇرىمىزنى مۇكەممەللەشتىرىپ بەرگىن، بىزنى مەغپىرەت قىلغىن، سەن بولساڭ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن« دەيدۇ. ]سىرە تەھرىم: 8 ئايەت [
بۇنىڭ بىلەن ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ئەڭ سەھىھ ھەدىسلەردىن ئىجتىمائىي تۇرمۇش ھەققىدە تاللانغان يۈز ھەدىسنىڭ تەرجىمە ۋە قىسقىچە ئىزاھاتى تامام بولدى .
بۇ ھەدىسلەر بى زنى توغرا يولغا باشلايدۇ . ئەگەر بىز بۇ ھەدىسلەرگە چىن ئىشىنىپ، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن يولىدا ماڭساق دۇنيا ھاياتىدا ئىززەت ھۆرمەت ۋە غەلىبىلەرگە، ئاخىرەتتە بولسا ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ۋە جەننەتتىكى بەخت سائادەتكە ئېرىشىمىز ئىنشائاللاھ.
ئى مېھرىبان پەرۋەردىگارىم! بىزنىڭ ھالىمىزنى ئۆزەڭ بىزدىن ياخشى بىلىسەن، بىزگە كۆرىش ئۈچۈن كۆز بەردىڭ، نامەھرەملەرگە قارىدۇق . ئاڭلاش ئۈچۈن قۇلاق بەردىڭ، ھارام نەرسىلەرنى ئاڭلىدۇق. تۇتۇش ئۈچۈن قول بەردىڭ، ئۇنى ھارامغا سۇندۇق . مېڭىش ئۈچۈن پۇت بەردىڭ، گۇناھ ئىشلەش ئۈچۈن ماڭدۇق ھ . ەق بىلەن باتىلنى ئايرىش ئۈچۈن ئەقىل ئاتا قىلدىڭ، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى زىيانغا ئۇچرىتىش ئۈچۈن پىلانلار تىزدىك. بىزگە توغرا يولنى كۆرسەتكىچى پەيغەمبەر ۋە كىتاب ئەۋەتتىڭ، پەيغەمبىرىڭگە ئەگەشمىدۇق. كىتابىڭغا ئەمەل قىلمىدۇق. ئەمرىڭگە خىلاپلىق قىلدۇق، ئىتا ئەت قىلمىدۇق . ساڭا ئاسىيلىق قىلدۇق، ئىبادەت قىلمىدۇق .
رەھمىتىڭدىن ئۇمىد قىلىپ غەزىۋىڭدىن قورقمىدۇق . جەننىتىڭگە تەلمىرىپ، دەۋزىخىڭدىن قاچمىدۇق. گۇناھىمىز بەك چوڭ ۋە ناھايىتى كۆپ . يىزىمىز قارا، ھالىمىز خاراب . لېكىن سېنىڭ رەھمىتىڭ چەكسىز ۋە رەھمىتىڭ غەزىۋىڭنى بېسىپ چىشىدۇ . بىز يىزى قارا قۇللار، سەندىن بىر نەرسە سوراشقا يىزىمىز يوق، لېكىن سەن غەفۇر، رەھىم سەن، سەن بىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىگىمىزسەن، سەندىن باشقا ئىگىمىز يوق . سەن بىزنىڭ خالىقىمىز سەن، سەندىن باشقا تايانچۇقىمىز يوق . ساڭىلا سېغىنىمىز، ساڭىلا يا لۋىرىمىز، بىز بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان، بىلىپ تۇرۇپ قىلغان ۋە بىلمەي قىلغان چوڭ كىچىڭ بارلىق گۇناھلىرىمىزغا ئېتىراپ قىلغان ھالدا قارا يىزىمىز بىلەن دەرگاھىڭغا كەلدىك، قولىمىزنى ئېچىپ رەھمەت دەرۋازاڭنى قاقتۇق . پەرۋەردىگارىم! ساڭا قايتتۇق، ساڭا تەۋبە قىلدۇ ق، بىزنى مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى رەھمەت دەرۋازاڭدىن قۇرۇق قول ياندۇرمىغىن، سەن گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، بىزگە سەن رەھىم قىلمىساڭ كىم رەھىم قىلىدۇ؟ گۇناھىمىزنى سەن مەغپىرەت قىلمىساڭ سەندىن باشقا كىمگە يالۋۇرىمىز؟
ئى پەرۋەدىگارىمىز! بىزگە شەدىدۇلئەزاب سىپىتىڭ بىلەن ئەمەس، ھەلىم سىپىتىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلغىن . بىزگە قەھھار سىپىتىڭ بىلەن ئەمەس غەففار سىپتىڭ بىلەن قارىغىن . ئەدل سىپىتىڭ بىلەن بىزنى مۇئاخىزە قىلماي، فەزل كەرەم، سىپىتىڭ بىلەن كەمچىلىكلىرىمىزنى يۇغىن. سەتتار سىپىتىڭ بىلەن ئەيىبلىرىمىزنى يۆگە پ، كەششاف سىپىتىڭ بىلەن بىزنى رەسۋا قىلمىغىن .
ئى ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ۋە ئەۋلادلىرىمىزنى ئۆزىڭدىن باشقىغا مۇھتاج قىلمىغىن .
بىزنى ھەر دائىم ھىمايە قىلىپ ئۆز بېشىمىزغا تاشلاپ قويمىغىن . بىزنى نەپسى شەيتاننىڭ شەررىدىن ئۆزىڭ ساقلىغىن. سەن ئۆزەڭ ساقلىمىساڭ بىز ئاجىز بەندە، نەپسى شەيتانلارنىڭي ھىلىسىگە ئالدىنىپ كېتىمىز . بىزگە دائىم سېنى ئەسلەپ، رەھمىتىڭدىن ئۇمىد قىلىپ، غەزىۋىڭدىن قورقىدىغان ھېسسيات ئاتا قىلغىن .
ئى ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز ! دۇئالىرىمىزنى ئىجابەت قىلغىن . قەلبىمىزدىكى تىلەكلىرىمىزنىڭ ھەممىنى ئىپادىلەشكە تىلىمىز ئاجىزلىق قىلىدۇ, بىزگە تىلىمىز بىلەن تىلىگەننىلا ئەمەس، بەلكى سەندىن تىلىمەكچى بۇلۇپ ئېيتالمىغان ۋە سەن بىلىدىغان قەلبلىرىمىزدىكى بارلىق تىلەكلىرىمىزنى بەرگىن. مىشكىللىرىمىزنى ئاسان قىلغىن. دەرتلىرىمىزگە دەرمان بولغىن .
ئى ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز! مۆمىن مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلغىن، كاپىرلارنى خار قىلغىن .
مۇسۇلمانلارنىڭ سەپلىرىنى بىرلەشتىرگىن. ئۇلارغا كىچ قۇۋۋەت ئاتا قىلغىن. پەرۋەردىگارىمىز! گۇناھلىرىمىز تىپەيلى سېنىڭ دىشمىنىڭ بولغان كاپىرلارنىڭ نىجىس ئاياقلىرى ئاستىدا ئىزىلىپ، خورلىنىپ كەتتۇق، ساڭا يالۋۇرىمىز، بىزنى بۇ خورلۇقتىن ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن قۇتقۇزغىن . مۇبارەك پەيغەمبىرىمىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە بارلىق ساھابە كىراملىرىگە چەكسىز سالام يوللايمىز ئۆزىڭ يەتكىزگىن. ئامىين !
ئى رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ مەرھەمەتلىكى بولغان ئاللاھ! ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن دۇئالىرىمىزنى ئىجابەت قىلغىن .
ئاخىرقى دۇئايىمىز پىتىن ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اللەغا خاس، دېگەندىن ئىبارەتتۇر .
ھ1426 يىلى ماھى سەفەرنىڭ 28 كۈنى ج مەى 2005 يىلى 7 فىۋرال
