61–70-ھەدىسلەر: ئىبادەت، مەسئۇلىيەت ۋە ئائىلە ئەخلاقى
This content is not yet available in your language.
ھەزرىتى ئەنەس ئىبنى م الىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جانابى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : ئاسانلاشتۇرۇڭلار، تەسلەشتىرمەڭلار، خۇشخەۋەر بېرىڭلار، قاچۇرۋەتمەڭلار ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت. ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:69[
جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەزرىتى ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى ۋە مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانى يەمەن خەلقىگە ئىسلامنى دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكىنىدە، يۇقىرىدىكى مۇبارك سۆزى بىلەن ئۇلارغا تەۋسىيە قىلغان .
ئاللاھ تائالا پىتىن مەخلۇقاتلارنىڭ باش تاجى بولغان ئۇلۇغ پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھەممە ئالەمگە رھمەت قىلىپ ئەۋەتكەن ۋە بارلىق ساماۋى دىنلارنىڭ ئەڭ مۇكەممىلى، ئەڭ ئەۋزىلى بولغان ئىسلام دىنىنى نازىل قىلغاندا، ئەمەل ئىبادەتلە ردە بولسۇن، قانۇن تىزىملەردە بولسۇن ئىنتايىن ئاسان ۋە ھەر قانداق كىشى ئورۇندىيالايدىغان شەكىلدە ئاسان قىلىپ نازىل قىلغان. ئاللاھ تائالا ئىسلام دىنىنى ئاسان قىلغانلىقىنى بىلدىرىپ مۇنداق دەيدۇ : ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ.] سىرە بەقەرە:185 ئايەتنىڭ بىر قىسمى[
سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مىشكىللىكنى قىلمىدى.] سىرە ھەج:78 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [
ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ.] سىرە بەقەرە:286 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [
ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە چەكسىز مىھرىبان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆز رەھمىتىنى نامايان قىلىپ، بەندىلىرىنىڭ قىلغان كىچىككىنە ئىبادەت ۋە ياخشىلىقلىرىغا ھ ەسسىلەپ ئەجرى مۇكاپات بېرىدۇ .
ئۆتكىزگەن خاتالىق ۋە گۇناھ مەسىيەتلىرىنى خالىسا كەچىرىم قىلىدۇ، خالىسا بىر گۇناھقا بىر جازا بېرىدۇ .
ئىسلامدا بۇيرۇلغان ئەھكاملارغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇنىڭ ھەم ئاز ۋە ھەم ناھايىتى ئاسان بولغانلىقىنى ئوچۇق ئاشكارا ك ۆرىمىز. مەسىلەن ئالايلۇق، بىر كۆندە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇش بۇيرۇلغان . بەش ۋاقىت نامازنى جۇغلىسا يېرىم سائەتتىن كۆپ ۋاقىت ئالمايدۇ . 24 سائەتلىك بىر كۈندە اللەتائالاغا ئىبادەت قىلىدىغان ۋاقىت پەقەت يېرىم سائەت . روزا بىر يىلدا پەقەت بىر ئايلا تۇتۇلىدۇ . زاكات بولسا پۇل مېلى كۆپ بولغان بايلارغا بىر يىلدا بىر قېتىم پەقەت مېلىنىڭ %2.5 پرسەنتىنى يوقسۇللارغا بېرىشتۇر. ھەج مەككە مۇكەررەمەگە بېرىپ كېلىشكە قۇربى يېتىدىغان كىشىگە ئۆمرى ئىچىدە بىر قېتىم بۇيرۇلغاندۇر . بۇ ئىبادەتلەرنىڭ مۆمىنلەرگە مۇشۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرە تتە نۇرغۇنلىغان پايدىلىرى بار . ئىسلامدا چەكلەنگەن نەرسىلەر پەقەت ئىنسانلارنىڭ ھازىرى ۋە ئىستىقبالى ئۈچۈن زىيانلىق نەرسىلەر بۇلۇپ، ھالال قىلىنغان نەرسىلەرگە نىسبەتەن ھارام قىلىنغان نەرسىلەر يوق دېيەرلىك دەرىجىدە ئازدۇر . ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇدسىدا مۇنداق دەيد » : ۇئى بەندىلىرىم ! بۇ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلار، مەن ئۇنى سىلەر ئۈچۈن خاتىرلەپ قويىمەن ئاندىن ئۇنىڭ مۇكاپات جازاسىنى سىلەرگە تولۇق بېرىمەن، كىمكى ياخشى مۇكاتقا ئېرىشسە اللەغا شىكىر قىلسۇن، كىمكى مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىسە پەقەت ئۆزىگىلا مالامەت قىلسۇن «.
ئىسلامدا مۇساپىر ۋە كېسەل كىشىلەرگە جىمە ئوقۇش پەرز قىلىنمىدى، رامىزاندا روزا تۇتماسلىققا رۇخسەت قىلىندى . مۇساپىرلارغا تېخىمۇ ئاسان بولسۇن ئۈچۈن تۆت رەكئەتلىك ناماز ئىككى رەكئەتكە چىشىرىلدى . تاھارەت ئېلىش ئىمكانى بولمىغانلارغا تەيەممۇم قىلىش بۇيرۇلدى . قىيىن ئەھۋال دا قالغان كىشىگە ھارام نەرسىنى ئىستېمال قىلىش ھالال قىلىندى . ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : » ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ئۆلىپ قالغان ھايۋاننى، قاننى، چوشقا گۆشىنى، اللەدىن غەيرىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى . كىمكى ئۆز ئىختىيارىچە ئەمەس، ئىلاجىسىزلىقتىن يۇقىرىقى ھارام قىلىنغان نەرسىلە ردىن ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك يېسە، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مىھرىباندۇر ] «.سىرە بەقەرە: 173 ئايەت [
مۇقەددەس دىنىمىز ھەقىقەتەن ئاسان بۇلۇپ، ئۇنىڭدا ئىنسان قىلالمايدىغان ھېچقانداق نەرسە يوقتۇر. ئەمدى بۇ يەردە شۇنى ئېتىپ ئۆتىش كېرەككى، مۇنداق ئىككى خىل ئىنسانلار بۇ ئۇلۇغ دىننى خارلىماقتا : ئۇلارنىڭ بىرى بەزى مۇتەئەسسىپ ئالىملار بۇلۇپ، ئۇلار مۇنبەرگە چىقسا قىلىدىغان سۆزلىرى، ۋەز نەسىھەتلىرى پەقەت كىشىلەرنى قورقۇتۇش، ھە دىسىلا مۇسۇلمانلارنى كاپىر قىلىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. ئۇلار ”ئارا بىلەن، جۋزىدا ئولتۇرۇپ تاماق يېيىش، شىم كەستۇم كىيىش، چاچ قويۇش ئىسلامدىن چىقىپ كەتكەنلىك، كاپىر بولغانلىق “ دەپ جار سالىدۇ . بەزىلەر كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا قانداق ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىشىنى ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلىشنى ئويلىماستى ن ئادەتتىكى ئىشلارنى ھارام قىلىپ، بەرگەن پەتىۋالىرى بىلەن تەقۋادار مۇسۇلمانلارنى قيىن ئەھۋالغا چىشىرىپ قويماقتا. بۇ يەردە سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھازىر بولۇۋاتقان بىر ئەھۋالنى ئېيتىپ ئۆتىش بىلەن مەسىلىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇشنى خالايمەن: سەئۇدى ئەربىستاننىڭ سابىق باش مۇپتىسى مەرھۇم ئابدۇللاھ ئىبنى باز باشلىق بىر نەچچە ئالىم »ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشى ھارم « دەپ پەتىۋا بەرگەن . مانا بۇ پەتىۋا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بارلىق ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىدا چەتئەللىك شۋپۇر ئىشلىتىش قېچىپ بولمايدىغان ئىھتىياج بۇلۇپ قالغان ھ . ەر قانچە تەقۋا ئائىلىدىمۇ ئايالىنى ياكى قىزىنى مەكتەبكە، ئىشقا ۋە باشقا ئھتىياجى چىشىدىغان ئورۇنلارغا يات شۋپۇرلار ئاپىرىدىغان ئەھۋال ئادەتتىكى ئىشقا ئايلانغان. بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ھەر تۈرلۈك بۇزۇقچىلىقلارنى بۇ يەردە زىكىر قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. لېكىن يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستان ئۆلىمالار ھەيئىتىدىكى داڭلىق ئالىملاردىن بىرى »ئايال كىشىنىڭ يات ئەر كىشى ھەيدىگەن ماشىنىدا يالغۇز ئولتۇرۇشى ھارم« دەپ پەتىۋا چىقاردى .
بۇ چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن پەتىۋالار ئارىسىدا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي ھەيرانلىقتا قالغان مۇسۇلمانلاردىن بىرى گېزىتقا »ھۆرمەتلىك شەيخ! بىزنى ھەيرانلىقتا قالدۇردىڭىز« دېگەن سەر لەۋھە ئاستىدا بىر ماقالا ئېلان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ” : ھۆرمەتلىك شەيخ! ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشى ھارام بولسا، يات شۋپۇرلار ھەيدىگەن ماشىنىغا ئولتۇرۇشى تېخى ھارام بولسا، بى زنىڭ ھەم قىزلىرىمىزنى مەكتەپكە، ئاياللىرىمىزنى ئىشقا ئاپىرىپ قويۇش ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئىشىغا بېرىش قاتارلىق ئىشلارنى بىرلا ۋاقىتتا قىلىشىمىز مۇمكىن بولمىسا، ئەمدى بىز قانداق قىلىمىز؟ بىزنى ھەيرانلىققا چىشىرىپ قويدىڭىز .“ مانا بۇ دىننى تەسلەشتىرگەنلىك . بۇنداق پەتىۋالارنى چىقارغۇچىلار بۇ ھەرىكىتى بىلەن دىنغا خىزمەت قىلدىم، كىشىلەرنى ھەق يولغا چاقىردىم دەپ ئويلايدۇ . ئەمەلىيەتتە ئۇلار كىشىلەرنى ئىسلامدىن يىراقلاشتۇرىدۇ، دىنغا ھەقسىزلىق قىلىدۇ . بەزىلەر كىشىلەرنى گۇناھ مەسىيەتتىن توسىمەن دەپ، قۇرئان ھەدىستە بولمىغا ن نەرسىلەر بىلەن خەلقنى قورقۇتۇشقا ئۇرىنىدۇ. ھالبۇكى ئۇلار بۇ قىلمىشى بىلەن كىشىلەرنى دىندىن قاچۇرىدۇ .
يەنە بىر تۈرلۈك كىشىلەر بولسا، ئۆزىنى مەن مۇسۇلمان دەپ ئاتايدىغان، ئەمما ئاللاھ تائالا نىڭ ئەمرى پەرمانلىرىنى تۇتمايدىغان، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سىننىتىگە ئەگەشمەيدىغان، تائەت ئىبادەتلەرگە سەل قارايدىغان، ھالال ھارامنى پەرق ئەتمەيدىغان، گۇناھ مەسىيەتلەردىن ئۆزىنى تارتمايدىغان كىشىلەر بۇلۇپ، ئۇلار كىنىمىزدە مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ سانلىقىنى ئىگەللەيدۇ . ئۇلار نەپسى شەيتانغا قۇل بولغان كىشىلەر بۇلۇپ، بېشىغا كىن چىشسە ۋاي خۇدائىم دەپ داتلىنىپ، ئاخۇنۇملارنى چاقىرتىپ خەتمە ئوقۇتىدۇ . ئەمما راھەت پاراغەتلىك كىنلىرىدە، بۇ نېمەتلەرنى ماڭا ئاللاھ تائالا ئاتا قىلدى، ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى كەرىمى بىلەن بۇ ئەھۋالغا ئېرىشتىم دەپ ئويلاپمۇ قويمايدۇ ب . ۇنداق ئىنسانلار ناچار قىلىقلىرى ۋە بۇزۇق ئەخلاقلىرى بىلەن غەيرى مۇسلىملارنىڭ ئالدىدا ئىسلامنى خورلايدۇ. چۈنكى باشقىلار ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىغا قاراپ ئىسلامغا ھەر تۈرلۈك تاپا تەنىلەرنى قىلىدۇ . غەربلىكلەردىن بېرى ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىدە ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، دىنى قېرىنداشلىرىم بولغان مۇسۇلمانلارنى كۆرىپ كېلەي دەپ ئىسلام مەملىكەتلىرىدىن بېرىگە كەپتۇ .
ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرگەندىن كېيىن” : مۇسۇلمانلارنى كۆرىشتىن ئىلگىرى مېنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغان اللەغا شى كىر، چۈنكى مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەن بولسام، ھەرگىز مۇسۇلمان بولمايدىكەنمەن“ دېگەن ئىكەن .
يۇقىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىسلامدا خاتالاشقان كىشىلەردۇر. چۈنكى ئۇلار دىننى ئۆزلىرى خالىغان تەرەپكە بۇراپ، ساپ ھەقىقەت بولغان مۇق ەددەس دىنىمىزنى خۋنىكلەشتىرىپ قويغان كىشىلەردۇر .
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلار !
ئىسلام دىنى ھەر كىم خالىغانچە ھەر تەرەپكە تارتسا بولىۋىرىدىغان، ئاساسى يوق بىر نەرسە ئەمەس. ئىسلام دىنى ئاللاھ كالامىدىن ئىبارەت مۇستەھكەم ئاساس ئىستىگە قۇرۇلغان، ئۆزگەرمەس، كونېرىماس پرىنسىپلىرى بولغان ئۇلۇغ دىندۇر. بۇ دىندا ھەممە نەرسە ئوچۇق بايان قىلىنغان بۇلۇپ، بىرلىرىنىڭ بىر نەرسە قوشۇشىغا ياكى كەمەيتىشىگە ھاجەت يوقتۇر ۋە ھېچكىمنىڭ ئۇنداق قىلىش ھوقۇقىمۇ يوقتۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن دىن ئالىملىرى كىشىلەرگە پەقەت ھەىقەقنى كەم زىياد ە قىلماستىن ئېيتىشى، ئۇنىڭ بۇنىڭ كۆڭلىگە قاراپ دىننى بۇرمىلىماسلىقى لازىم . كىشىلەرگە دىننى يەتكىزىشتە قوپال مۇئامىلە قىلماسلىق، قوپال سۆز قىلماسلىق، قارشى پىكىردىكىلەرنى تىللىماسلىق ۋە ئەيىبلىماسلىق كېرەك . مۇسۇلمان ئالىملار خىشپېئىل، چىقىشقاق، چىرايلىق، يۇمشاق ۋە تاتلىق سۆز قىلىدىغان، سەۋرلىك بۇلۇپ، كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلب قىلىشى، كىشىلەرگە مەسىلە سۆزلىگەندە مۇمكىن قەدەر ئۇلارغا ئاسان بولىدىغان ۋە كۆڭلىگە ياقىدىغان مەسىلىلەرنى ئېيتىپ بېرىشى، ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىدىن سۆزلەشتىن بۇرۇن چەكسىز رەھمىتىدىن سۆزلىشى، كىشىلەرگە ئاخىرەتتىكى ئەجرى مۇكاپاتتىن ئىلگىرى ئىسلامنىڭ بۇ دۇنيادا كىشىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان بەخت سائادەتنى، جەھەننەم ئازابىدىن ئىلگىرى جەننەت نېمەتلىرىنى، گۇناھلاردىن ئىلگىرى ساۋابلىق ئىشلارنى چىشەندىرىشى كېرەك . جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ »خۇشخەۋەر بېرىڭلار، قاچىرىۋەتمەڭلار« دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى مانا مۇشۇ .
بەزى كىشىلەر تاقىتىدىن تاشقىرى نەپلە ئىبادەتلەرنى قىلىمەن دەپ ئۆزىنى قىينايدۇ . بۇنداق قىلىشمۇ توغرا ئەمەس. چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم »ئىستىڭدە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەققى بار، بەدىنىڭنىڭ ھەققى بار، ئائىلەڭنىڭ ھەققى بار، پىتىن ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغىن « دېگەن. يەنە بىر ھەدىستە »ئاللاھ ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئەمەل ئاز بولسىمۇ داۋاملىق قىلىنغان ئەمەلدۇر« دېگەن. ئاللاھ تائالا قۇر ئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ : (#θçΡθä3s?uρ u!#y‰pκà− ’n?tã Ĩ$¨Ζ9$# 4 (#θßϑŠÏ%r’sù nο4θn=¢Á9$# (#θè?#uuρ nο4θx.¨“9$# (#θßϑÅÁtGôã$#uρ «!$$Î/ uθèδ óΟä39s9öθtΒ ( اللەنىڭ يولىدا تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە جىھاد قىلىڭلار، ئاللاھ)دىنىغا ياردەم بېرىشكە ئىممەتلەر ئارىسىدىن( سىلەرنى تاللىدى. سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مىشكىللىكنى قىلمىدى )سىلەرنى سىلەر تاقەت قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تەكلىپ قىلمىدى(. بۇ ئاتاڭلار ئىبراھىمنىڭ دىنىدۇر، ائاللاھ سىلەرنى ئىلگىرى )يەنى قۇرئاندىن ئىلگىرىكى كىتابلاردا( مۇسۇلمان دەپ ئاتىدى. قۇرئاندىمۇ ش ۇنداق ئاتىدى . ئاللاھ پەيغەمبەرنى سىلەرگە گۇۋاھ بولۇشقا ۋە سىلەرنى كىشىلەرگە گۇۋاھ بولۇشقا تاللىدى، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، اللەغا يېپىشىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر، ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ئىگە! نېمىدېگەن ياخشى مەدەتكار.] سىرە ھەج: 78 ئايەت [
ئاللاھ تائالادىن دىلى يۋمشاق، تىلى تاتلىق دەۋەتچىلەر بولۇشنى تىلەيمىز. ئاللاھ تائالا دىلى قاتتىق، تىلى ئاچچىق قوپال ئىنسانلاردىن قىلمىسۇن. ئامىين !
تەرجىمە تېكىستى كىرگۈزۈلمىگەن.
ئىماندىن قالسا ئاللاھ تائالاغا ئەڭ ياخشى كۆرىلىدىغان ئەمەل ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىنغان نامازدۇر .
ئۇنىڭدىن قالسا جېنى , مېلى , ئىلمى , پىكرى ۋە تىلى ئارقىلىق ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتۇر . جىھاد تىل، قەلەم ۋە قورال بىلەن قىلىنىدۇ . ئاللاھ تائالا ئىسلامنى جىھاد ئارقىلىق ئەزىز قىلىدۇ , دوستلىرىغا غەلىبە ئاتا قىلىدۇ ۋە كاپىرلارنى ھالاك قىلىدۇ . مۇجاھىدلارنىڭ بۇدۇنيادىكى مۇكاپىتى ئەزىز ۋە شەرەپلىك بولۇش، دىنىنى , جېنىنى, ئائىلىسىنىڭ ئىپپەت نومۇسىنى, مال مىلكىنى , تىلىنى, مىللىتىنى, ۋە ۋەتىنىنى دىشمەنلەرنىڭ تاجاۋۇزىدىن ھىمايە قىلىشتۇر . قايسى بىر مىللەت جىھاد قىلىشنى تەرك ئېتىدىكەن خارلىققا قالىدۇ . مۇجاھىدلارنىڭ ئاخىرەتتىكى مۇكاپىتى بولسا جەننەتتۇر. بۇھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : شىبھىسىزكى ئاللاھ مۆمىنلەردىن ئۇلارنىڭ جانلىرىنى, ماللىرىنى ئۇلارغا جەننەتنى بېرىپ سېتىۋالدى. ئۇلار ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ دىشمەنلەرنى ئۆلتىرىدۇ ۋە ئۆلتىرىلىدۇ. )جىھاد قىلغۇچىلارغا جەننەتنى ۋەدە قىلىش ( تەۋراتتا، ئىنجىلدا ۋە قۇرئاندا زىكرى قىلىنغان اللەنىڭ ۋەدىسىدۇر. ۋەدىسىگە اللەدىنمۇ بەك ۋاپا قىلغۇچى كىم بار؟ ! قىلغان بۇ سوداڭلاردىن خۇشال بولۇڭلار، بۇ زور مۇۋەپەقىيەتتۇر.] سىرە تەۋبە:111 ئايەت [
بۇرۇن جەننەت قىلىچىڭ ئاستىدا بولغان بولسا , ھازىر باشقۇرۇلىدىغ ان بۋمبا , يىراق مۇساپىلىك ۋە قىسقا مۇساپىلىك راكىتالار، تانكىلار ۋە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ئاستىدا بۇلۇپ قالدى . قانداقلا بولمىسۇن ئۆلىم بىردۇر، بۇ دۇنيادا مەڭگىلىك ھايات يوق .
شائىر مۇنداق دەيدۇ :
تەرجىمىسى: قىلىچ بىلەن ئۆلمىگەن كىشى باشقا نەرسە بىلەن ئۆلىدۇ . سەۋەب ھەر تۈرلۈك بولسىمۇ ئۆلىم بىردۇر .
ئەجدادىمىز جىھاد بىلەن دۇنيانى سورىغان، مەڭگى ئۆچمەس مەدەنىيەتلەر قۇرغان , دۇنيادا مۇستەقىل دۆلەتلەر , خەلىپىلىكلەر بەرپا قىلغان . چۈنكى ئۇلار شەرەپ بىلەن ئۆلىشنى خورلۇقتاتا ياشاشتىن ئەۋزەل بىلگەن، اللەنىڭ دىنىنى راۋاجلادۇرۇش , ئۇنى ئەزىز قىلىش ئۈچۈن جاپا مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بېرىشنى ۋە ئۆلتىرىلىشنى شەرەپ دەپ بىلگەن . ئۇلار جىھاد بىلەن ئادالەتنى تىكلەپ , مۇستەبىد زالىملارنى يوقاتقان , ئىنسانلارغا ھەقىقىي ئەركىنلىكنىڭ تەمىنى تېتىتقان ئىدى .
ئەگەر مۇسۇلمانلار دۇنيادا ئىززەتلىك بۇلۇپ بەخت سائادەتلىك ھايات كەچىرمەكچى بولسا , ئەۋلادلىرىىنى باتۇر، قەھرىمان ۋە ئەسكىرى روھ بىلەن تەربىيىلىشى , ئۇلارنىڭ قەلبىگە دىن، ۋەتەن مۇھەببىتىنى سىڭدىرىشى, دىنى، ۋەتىنى ئۈچۈن جېنىنى, مېلىنى ۋە بارلىق كىچىنى پىدا قىلىپ قۇربان بولۇشنى ئۆگىتىشى كېرەك . بايلار ماللىرىنى ئاللاھ تائالا يولىدا سەرپ قىلىشى , كەمبەغەل بۇلۇپ قېلىشتىن قورقۇپ بېخىللىق قىلماسلىقى لازىم . چۈنكى قورقۇنچاقلىق ۋە بېخىللىق ئۆز ئۆزىنى ھالاكەتكە تاشلىغانلىقتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ : ئاللاھ يولىدا)پۇل مال( سەرپ قىلىڭلار، ئۆز قولۇڭلار بىلەن ئۆزەڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار…] سىرە بەقەرە:195 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [
قاچانكى مۇسۇلمانلار جىھادنى تاشلاپ دۇنياپەرەست بۇلۇپ كەتتى، ئۇلارنىڭ بېشىغا ياتلارنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا ئاياغ ئاستى قىلىنىش، بارلىق ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنىشتىن ئىبارەت تىگىگىسىز بالا ئاپەت يىزلەندى . ئىسلام تارىخىدا مۇسۇلمانلار ھەر تىر لىك قىيىنچىلىقلار ۋە ئۇرۇشلارنى بېشىدىن ئۆتكىزدى، ئەمما ھېچبىر زامان بىگىنكىدەك خورلانغان ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنغان ئەمەس . بۇ دۇنيادا ئاجىز ، كىچسىزلەرگە ھايات يوق . ئەگەر ئىنسانچە ياشايمەن دەيدىكەنمىز ھەر جەھەتتە كىچلىك بولۇشىمىز لازىم . بۇ بۇلۇتسىز ئا سماندىكى قوياشتەك ئوچۇق بىر ھەقىقەت. شۇڭا ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى كىچ توپلاشقا بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن : ،دىشمەنلىرىڭلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قورال كىچىجەڭ ئېتى تەييارلاڭلار…] سىرە ئەنفال:60 ئايەتنىڭ بىر قىسمى[ لېكىن بىز ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلدۇق، دىنىمىزنى قوغداشنىڭ ئورنىغا بايلىقىمىزنى قوغداپ قالماقچى بولدۇق، ھۆررىيەت ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن شەرەپلىك ئۆلىمدىن قورقۇپ، قۇللۇق ئاستىدا خورلىنىپ ياشاشنى ئەۋزەل كۆردۇق، نەتىجىدە ئاللاھ تائالا خۇددى تۆۋەندىكى ئايەتتە ئېيتقان پالاكەت بېشىمىزغا كېلىپ، ۋەتىنىمىز، مال مىلكىمىز، كىشىلىك ھوقۇقلىرىمىز ھەممىدىن مەھرۇم بولدۇق .
ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتا ئاناڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىنداشلىرىڭلار، خوتۇنلىرىڭلار، ئۇرۇق تۇغقانلىرىڭلار، تاپقان پۇل ماللىرىڭلار، كاسات بۇلۇپ قېلىشىدىن قورققان تىجارىتىڭلار، ياخشى كۆرىدىغان ئۆيلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن اللەدىن، اللەنىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە اللەنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ سۆيىملىك بولسا، ئۇ ھالدا سىلەر تاكى اللەنىڭ ئەمرى كەلگىچە كىتىڭلار، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى )يەنى اللەنىڭ دىنىنىڭ چەك چىگرىسىدىن چىقىپ كەتكىچىلەرنى ( ھىدايەت قىلمايدۇ . ]سىرە تەۋبە: 24 ئايەت [
يېقىن تارىخىمىزغا ۋە ھازىرقى ھالىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بىزنىڭ يۇرتلىرىمىزدا يامبۇلىرىنى تىزسا قەشقەردىن يېڭىسارغىچە كېلىدىغان، ئون چارەك گىرىچنىڭ پۇلىرىنى پىل قالاپ پۇشۇرۇشقا بەسلىشىدىغان داڭلىق بايلار بۇلۇپ تۇرۇغلۇق 1933 يىلىدىكى جىھادقا پۇل مېلىنى چىقىم قىلغىلى ئۇنىمىغان ئىكەن . كېيىن ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولدى؟ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ مال مىلىكلىرى مۇسادىر قىلىندى , ئاندىن ئۆزلىرى ئۆلتىرىلدى، بالا چاقىلىرى بولسا، پۋمېشچىكنىڭ بالىسى دەپ يىللارچە خار زار قىلىندى. ئۇلارنىڭ ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىشقا چىدىمىغان ماللىرى يا ئۆزلىرىگە ياكى بالىلىرىغا ئەسقاتماقتا يوق، باشلىرىغا كۆتەرگىسىز بالايى ئاپەت بولدى .
تارىخ تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان نەرسە . تارىختىن ئىبرەت ئالمىغان مىللەت نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدۇ. بۇدۇنيادا كاپىرلارنىڭ ئاياغ ئاستىدا خورلانغان ۋە ئۇنىڭدىن قۇر تۇلۇشقا تىرىشمىغان مۇسۇلماننىڭ ئاخىرەتتە ھەم نىجاتلىق تېپىشى مۇمكىن ئەمەس . چۈنكى جىھاد اللەنىڭ ئەمرى . اللەنىڭ ئەمرىنى تەرك ئەتكەن كىشى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خارلىققا قالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : tΑ$s% Éb>u‘ zΟÏ9 ûÉ_s?ö|³xm 4‘yϑôãr& ô‰s%uρ àMΖä. #[ÅÁt/ ∩⊇⊄∈∪ tΑ$s% y7Ï9¨x‹x. y7÷Gs?r& $uΖçF≈tƒ#u $pκyJŠÅ¡uΖsù ( كىمكى مېنىڭ زىكرىمدىن يۈز ئۆرىيدىكەن تارخا )تىرجەمسىز( بولىدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇنى بىز كۆر قوپۇرىمىز » : ئۇ . ئى پەرۋەردىگارىم ! نېمىشقا مېنى كۆر قوپۇردۇڭ , ۋاھالەنكى )دۇنيادىكى چاغدا ( مېنىڭ كۆزىم كۆرەتتىغۇ؟« دەيدۇ. ئاللاھ ئېيتىدۇ» : شۇنىڭدەك، ساڭا روۋشەن ئايەتلىرىمىز كەلدى، سەن ئۇلارنى تەرك ئەتتىڭ , سەن بۇگۇن شۇنىڭغا ئوخشاش تەرك ئېتىلىسەن «] سىرە تاھا:124 ۋە126 ئايەتلەر [
ئەڭ ئەۋزەل جىھاد زالىم پادىشاھنىڭ ئالدىدا ھەقىقەتنى سۆزلەشتۇر . ئۆلىمالارنىڭ ئەمەلدارلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ خاتالىقلارغا سىكىت قىلىشى بۇرۇنقى ئىممەتلەرنى ھالاك قىلغان ئىشلاردىندۇر. شۇڭلاشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئۆلىمالار ئەمرى مەرۇف نەھيى مۇنكەرنى قولىدىن بەرمەسلىكى، سادىق سۆزلىرى ۋە ياخشى ئەمەللىرى ئارقىلىق كىشىلەرنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بەخت سائادىتىگە ئېرىشتىردىغان ھەق يولغا باشلىشى، ھىكمەتلىك سۆزلىرى بىلەن كىشىلەرنى ياخشىلىققا رىغبەتلەندىرىشى، مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا قېرىنداشلىقنى بۇزىدىغان ھەر قانداق بىر ئەھۋال كۆرىلسە دەرھال تىزىتىشى، كىشىلەرگە بۆلىنىشنىڭ ئاقىۋىتىنى چىشەندىرىشى لازىم .
ئەگەر كىشىلەر دىندىن يۈز ئۆرىسە , دۇنياغا يىزلەنسە , ئىمانى ئاجىزلاشقان، ۋەز نەسىھەت پايدا بەرمەيدىغان بۇلۇپ، ”بىزگە نەسىھەت قىلساڭمۇ قىلمىساڭمۇ بەرى بىر ئوخشاش, بىز ساڭا قۇلاق سالمايمىز“ دەيدىغان ھالغا كەلسە , ئۇ چاغدا دىندار مۇسۇلمان بىر تەرەپكە چېكىنىپ , ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىپ، كىشىلەرنىڭ پىتنى پاساتلىرىدىن يىراق تۇرۇشى لازىم .
ئاخىر زاماندا ئىلىم كۆتىرىلىپ كېتىدۇ , جاھالەت ئۇمۇملىشىدۇ , كىشىلەر جاھىل بىلىمسىزلەرنى ئۆزلىرىگە باشلىق سايلايدۇ، ناماز تەرك ئېتىلىدۇ , زاكات مەنئى ي قىلىنىدۇ , ئامانەت يوقىلىدۇ، ھاراق ئىچىش، پاھىشە ئۇمۇملىشىدۇ . ئۇنداق چاغدا دىنىنى چىڭ تۇتقان كىشى خۇددى يالقۇنلاپ تۇرغان چۋغنى تۇتقاندەك بولىدۇ . موشۇنداق زاماندا ياشىغان ھەقىقىي مۇسۇلمان ئاللاھ تائالا يولىدا قولى , تىلى بىلەن جىھاد قىلىشتىن ئاجىز كەلسە , كىشىلەردىن يىراقلىشىپ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولسا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ئى مۆمىنلەر! ئۆزەڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار , سىلەر قاچانكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكىزمەيدۇ] سىرە مائىدە:105 ئايەت [
ئى ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ھەق يولدىن ئايرىمىغىن , دۇنيانىڭ پىتنە پاساتلىرىغا ئالدىنىپ دىنىمىزنى تەرك ئېتىشتىن بىزنى ساقلىغىن . بىزنى ئەڭ ئۇلۇغ غايىسى شېھىتلىك بولغان مۆمىنلەردىن قىلغىن. ئامىن !
63 ھەدىس ساھابىلارنىڭ تارتقان قىيىنچىلىقى توغرىسىدا ھەزرىتى سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ » : مەن ئەرەبلەرنىڭ ئىچىدە ئاللاھ يولىدا بىرىنچى قېتىم ئوق ئاتقان ئادەممەن، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى, بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرلىكتە غازات قىلاتتۇق , يېمەك ئۈچۈن ھۇبلە ۋە سۋمۇر دەرىخىنىڭ غازىڭىدىن باشقا تائام يوق ئىدى . ھەتتاكى بىزدىن بىرى تاھارەت سۇندۇرسا، خۇددى قوي ماياقلىغاندەك تاھارەت سۇندۇراتتى ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت. ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى:7382[ ئىزاھات : بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان ھەزرىتى سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسا , جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئانا تەرەپتىن تاغىسى , دەسلەپ مۇسۇلمان بولغان 40 كىشىنىڭ بىرى , جەننەت بىلەن خۇشخەۋەر بېرىلگەن 10 كىشىنىڭ بىرى، ھەزرىتىئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كېيىن خەلىپە سايلاشقا تەيىنلەنگەن ئالتە مەسلىھەتچىنىڭ بىرى . ئۇ شىجائەتلىك، قەيسەر قۇماندان , پارىسنى پەتھى قىلغان , كۆپ شەھەرنىڭ لايھەسىنى سىزغان , ئاللاھ تائالا يولىدا بىرىنچى قېتىم ئوق ئاتقان, بىرىنچى قېتىم كاپىرلارنى ئۆلتىرگەن زات. ئۇ تەن قۇرۇلۇشى كىچلىك، ئۆتكىر كۆزلىك ساھابەدۇر . ئۇھۇد ئۇرىشىدا مىڭغا يېقىن ئوق ئاتقان . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا » : ئوقۇڭنى ئات ! ئاتا ئانام ساڭا پىدا بولسۇن « دېگەن . ئۇ ھەربىر ئوقنى ئاتقاندا ” : ئى رەببىم ! بۇ سېنىڭ ئوقۇڭ، ئۇنى دىشمەنگە ئۆزىڭ تەككىزگەيسەن “ دەپ ئاتاتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : ئى رەببىم! ئۇنىڭ ئاتقان ئوقىنى زايان قىلمىغىن، ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغىن « دەيتتى . جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئە لەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ دۇئاسىدىن كېيىن، ھەزرىتى سەئد ئاللاھ تائالادىن نېمە تىلىسە بېرەتتى .
ھەزرىتى سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەدىستە بىزگە ساھابە كىراملارنىڭ ھاياتىنىڭ قانداق تار ۋە قىيىن بولغانلىقىنى , قوللىرىنىڭ قانداق قىسقا بولغانلىقىنى ئ , ۇرۇش قىلىۋاتقان ۋاقىتتا چۆل دەرەخلىرىنىڭ يۋپۇرماقلىرىدىن باشقا يەيدىغان تائام تاپالمىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ماددىي ھاياتى تەسەۋىرلەشكە سۆز تېپىپ بولۇش مىمكىن بولمايدىغان دەرىجىدە ناچار, ئاچارچىلىق ئىچىدىن تۇرۇغلۇق دىشمەنگە قارشى كىچلىك بۇلۇپ , ئۇلا ر بىلەن ئۇرۇشقىلى كەلگەنلەرگە يەرنى چىشلىتەتتى . چۈنكى ئۇلار ماددىي ھاياتتا كەمبەغەل , نامرات , يوقسۇل، ناچار ئىدى. لېكىن ئىمانى كىچلىك بۇلۇپ چىن قەلبىدىن ئورۇن ئالغان، ئاللاھ تائالا نىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشتىن باشقا ئارزۇسى يوق , ئاللاھ تائالانىڭ ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشقان مۆمىنلەرگە قىلغان ۋەدىسىگە چىن ئىشەنگەن بۇلۇپ, باشقىلار بىر كىن بولسىمۇ كۆپراق ياشىۋىلىشنى ئارزۇ قىلغاندا، ئۇلار بۇرۇنراق ئۆلىپ ئاللاھ تائالاغا تېزراق ئۇچرىشىشنى ئارزۇ قىلاتتى .
ئۇلار بەزى غازاتلىرىدا يەيدىغان ئوزۇقلىرى تىگەپ 15 كىنغىچە دېڭىزنىڭ دۋلقۇنىدا قىرغاققا چىقىپ قالغان بېلىقلار بىلەن، بەزىدە ھەپتىلەپ پەقەت چىكەتكى يەپ ياشىغان ئىدى . ھالبۇكى ئۇلار ئۆزلىرىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ۋە كىچلىك دىشمەنلەر بىلەن ئۇرۇشاتتى . كىچلىك ئىرادىسى , سادىق، چىن ئىمانى ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى بارلىق قىيىنچىلىقلار ۋە ئاچلىقلارنى يېڭىپ كېتەتتى .
چۈنكى ئۇلار قۋرسىقىنى، شەھۋانىي تۇيغۇلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالا نىڭ مۇقەددەس دىنىنى مۇداپىئە قىلىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغ شانىنى يەر شارىنىڭ ھەرتىپىدە يۇقىرى كۆتىرىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلاتتى . شۇڭلاشقا بۇلارنىڭ ئالدىنى ھېچقاندا ق قىيىنچىلىق توسالمايتتى ۋە بۇلارنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق كىچلىك بىر دىشمەن پۇت تىرەپ تۇرالمايتتى .
شانلىق تارىخ ياراتقان ۋە ئىش ئىزلىرى تارىخ سەھىپلىرىگە ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يېزىلغان بۇ ئەزىمەتلەرنىڭ يەيدىغىنى قۇرۇق نان , بەزىدە خورما بىلەن سۇ ئىدى . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆيىدە ئايلار ئوت كۆيمەيتتى، قازان قاينىمايتتى . پەقەت خورما ۋە سۇ بىلەن ھايات ئۆتكىزەتتى. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى , ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەنسارىلىرى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ھەممىسى ئاللاھ يولىدا جىھاد قى لاتتى , كىشىلەرنى ئىسلامغا دەۋەت قىلاتتى، ئۇلارنىڭ ئىپپىتىدىن، ئىچكى ھالىنى بىلمىگەنلەر ئۇلارنى باي دەپ گۇمان قىلاتتى . ئەمما ھەقىقەتتە ئاچلىقتىن ئۇلارنىڭ قورساقلىرى دىمبىسىگە چاپلىشىپ قالغان , قىشنىڭ سوغىقى، يازنىڭ ئىسسىقى ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنى قۇرۇتىۋەتكەن ئىدى . سەئد ئىبنى ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دېگىنىدەك ئۇلاردىن چىققان گەندە قوينىڭ قۇرۇپ قالغان مايىقىغا ئوخشايتتى. چۈنكى چىققان نەرسە , كىرگەن نەرسىنىڭ مىقدارىدا بولىدۇ . دە شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ قىلىچى ئۆتكىر، نەيزىلىرى كەسكىن بۇلۇپ، كاپىرلارنىڭ گەردەن ۋە كۆكسلىرىگە قاتتىق تېگەتتى. ئۇلار ئاجىزلىق، قورقۇش، ھۋرۇنلۇق، چىشكىنلىك دېگەن نەرسىلەرنى بىلمەيتتى .
ئەمما مال دۇنياغا بېرىلگەنلەر , قورساقلىرىنى تويغۇزۇپ سەمرىگەنلەر، ”ئەرتىدىكى دىمبىدىن بىگىنكى ئۆپكە ياخشى“ دەپ، ئاخىرەتنىڭ ئورنىغا دۇنيا ھاياتىن ى تاللىغانلارنىڭ ھاجىتى تىگىمىدى, كۆزى تويمىدى، بالىلىرىنىڭ كۆپ , ئېقتىسادىنىڭ ئازلىقىدىن شىكايەتلىرى كېمەيمىدى. دۇنيا كۆپەيگەنسىرى، ئىنسانلار باي بولغانسىرى غەپلەت باستى . ئاللاھ تائالانى ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېلىپ كەلگەن دىنىنى ئۇنۇتتى . خەلىپىلىك پادىشاھلىققا، زاكات باجغا، ئامانەت غەنېمەتكە ئايلىنىپ كەتتى، ھەقلەر زايا بولدى , ناھەقچىلىق ئەۋج ئالدى . مۇسۇلمانلار ھاراق ئىچىشكە، ئىپەك ۋە ئالتۇن كىيىشكە باشلىدى , ئويۇن تاماشالارغا ئالدىراپ تائەت ئىبادەتنى ئۇنۇتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بېشىغا ب الا كەلدى، قالايىمقانچىلىق ئۇمۇملاشتى، ئىتتىپاق بۇزۇلدى . باشلىقلار مەنسىپىنىڭ كېتىپ قېلىشىدىن قورقىدىغان، پۇقرالار ئەقىدىسى يولىدا قۇربان بېرىشتىن قورقىدىغان، بايلار مال دۇنياسىنىڭ ئاز قېلىشىدىن قورقىدىغان بولدى ” . قورققان يەردە جىن بار “ دېگەندەك، قورققانسىرى، ھەق ھوقۇقلىرىدىن ئۆتىنىپ بەرگەنسىرى كاپىرلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا ئىزىلىدىغان بولدى .
ئاللاھ تائالا بىزگە زۇلۇم قىلمىدى بىز ئۆزىمىز ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلدۇق. ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشتىن قورقماي، زالىملارنىڭ ئاچچىغىنى كەلتىرىپ قويۇشتىن قورقتۇق . دىنىمىزنى قوغداش، تارتىپ ئېلىنغان ھەقلىرىمىزنى تەلەپ قىلىشنىڭ ئورنىغا سىڭگەن ناننى يەپ، بىر بۇلۇڭدا جان بېقىشنى ئەۋزەل كۆردۇق . مانا ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشىلىك جېنىنىمۇ باقالمايدىغان ئەھۋالغا چىشىپ قالدۇق .
ئى ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز ! بىزنىڭ قەلبىمىزنى ئىسلاھ قىلغىن . شەيتاننىڭ ۋەسۋىسىدىن ۋە نەپسىمىزنىڭ تويماس ئارزۇلىرىدىن ساقلاپ، ھەق يول بىلەن مېڭىپ سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىشنى نەسىپ قىلغىن. ئامىين !
ئىزاھات تېكىستى كىرگۈزۈلمىگەن.
ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى , جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : ئىچ تۈرلۈك ئادەمگە ئاللاھ قىيامەت كۈنى سۆزلىمەيدۇ , ئۇلارغا قارىمايدۇ, ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىمايدۇ ۋە ئۇلارغا قاتتىق ئازاب باردۇر. بىرىنچىسى يول ئىستىدە ئېشىپ قالغان سىيى تۇرۇپمۇ ئۇنى مۇساپىرغا بەرمىگەن ئادەم؛ ئىككىنچىسى ناماز ئەسرىدىن كېيىن ماللىرىنى بازارغا سېلىپ ”ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن بۇ مالنى مانچە پۇلغا ئالغان“ دەپ، يالغان قەسەم بىلەن ساتقان ئادەم . ئىچىنچىسى باشلىققا دۇنيا ئۈچۈن بەيئەت قىلىپ, باشلىق ئۇنىڭغا بىر نەرسە بەرسە ئەھدىگە ۋاپا قىلىدىغان , بەرمىسە سۆزىدىن يېنىۋالىدىغان ئادەمدۇر ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت. ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى:257[
بۇھەدىستە سۆزلەنگەن ئازاب ئاللاھ تائالانىڭ ئازابلىرى ئىچىدە ئەڭ قاتتىق ئازاب بۇلۇپ , قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئۇلارغا رەھمەت نەزىرى بىلەن قارىمايدۇ . ئۇلارغا سۆز قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ. پەقەت مۇنۇ سۆزى بىلەن ئۇلارغا كايىدۇ : سىلەرگە ئۆمرىڭلارنى ئۇزۇن قىلىپ، ۋەز نەسىھەت ئالىدىغان ئادەم ۋەز نەسىھەت ئالالىغۇدەك ۋاقىت بەرمىدىممۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلارندۇرغۇچى )پەيغەمبەر( كەلدىغۇ، ئەمدى ئازابنى تېتىڭلار، زالىملارغا ھېچقانداق ياردەم بەرگىچى بولمايدۇ .] سىرە فاتىر:37 ئايەت [ بۇ نېمىدېگەن قاتتىق نېمىدېگەن قورقۇنۇشلۇق ئازاب! بۇ ئازاب ئۇلار ئۈچۈن ھەرگىز زۇلۇم ئەمەس. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھېچكىمگە قىلچىلىك زۇلۇم قىلمايدۇ؛ ھېچكىمنى يامان قىلمىشلىرىدىن ئارتۇق جازالىمايدۇ . ئاللاھ تائالا بۇتوغرىدا مۇنداق دەيدۇ : بىگىن ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمەلىگە يارىشاجازا بېرىلىدۇ , بۇگىن زۇلۇم يوقتۇر , ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساپ ئالغۇچىدۇر. ]سىرە غافىر:17 ئايەت [
بۇ كۆندە)يەنى قىيامەت كىنىدە ( بەندىلەرنىڭ )ياخشى يامان ئەمەللىرىنىڭ ( ئۆلچىلىنىدىغانلىقى ھەقتۇر. ياخشى ئەمەللىرى ئېغىر چىققانلار نىجات تاپقۇچىلاردۇر . ياخشى ئەمەللىرى يېنىڭ چىققانلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى تىپەيلىدىن ئۆزلىرىگە زىيان سالغۇچىلاردۇر.] سىرە ئەئراف:8 9 ئايەتلەر [
بۇھەدىستە ئاشۇنداق قاتتىق ئازاب بىلەن تەھدىت قىلىنغان كىشىلەر بولسا بېخىل , ساختىپەز ۋە دىنىغا ۋافا قىلمايدىغان كىشىلەردۇر .
بېخىللىق ئەڭ نىجىس ئادەت بۇلۇپ , بېخىل ئادەم ئاللاھ تائالا نىڭ رەھمىتىدىن، جەننەتتىن يىراق ۋە دوزاخقا يېقىن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بېخىل ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ : ئاللاھ مۇتەكەببىرلەر ۋە ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ. ئۇلار بېخىللىق قىلىدىغان ۋە كىشىلەرنى بېخىللىق قىلىشقا بۇيرۇيدىغانلاردۇر . كىمكى اللەنىڭ يولىدا نەپىقە قىلىشتىن باش تارتىدىكەن، اللەغا ھېچ ز ىيان يەتكىزىلمەيدۇ . چۈنكى ئاللاھ تائالا بېھاجەتتۇر , مەدھىيىگە لايىقتۇر . ]سىرە ھەدىد:24 ئايەت [
بېخىللىق قىلىپ )اللەنىڭ ساۋابىدىن ( ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك، بىز ئۇنىڭغا يامان يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز . ئۇ دوزاخقا تاشلانغان چاغدا، ئۇنىڭ مېلى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ.] سىرە لەيل:8 11 ئايەتلەر [
سىلەر شۇنداق كىشىلەر سىلەركى، اللەنىڭ يولىدا پۇل مال سەرپ قىلىشقا چاقىرىلسىلەر، ئاراڭلاردا بەزىلەر بېخىللىق قىلىدۇ . كىمكى بېخىللىق قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن بېخىللىق قىلىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ مال مىلكىڭلاردىن بىھاجەتتۇر، سىلەر بولساڭلار اللەغا مۇھتاجسىلەر، ئەگەر سىلەر اللەغا ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرىسەڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى ئالماشتۇرىدۇ، ئۇلار سىلەرگە ئوخشاش بولمايدۇ.] سىرە مۇھەممەد: 38 ئايەت [
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ » : بېخىللىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار , سىلەردىن بۇرۇنقى ئىممەتلەر بېخىللىق بىلەن ھالاك بولغان . چۈنكى ئۇلار بېخىللىق قىلىشقا چاقىرىلسا بېخىللىق قىلاتتى؛ سىلە رەھىم قىلماسلىققا چاقىرىلسا سىلە رەھىم قىلمايتتى؛ گۇناھ مەسىيەتلەرگە چاقىرىلسا گۇناھلارغا چۆمىپ كېتەتتى .« بېخىللارنىڭ ئەڭ يامىنى , ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەسكىسى سۇسىز چۆلدە ئۆز ئېھتىياجىدىن ئاشقۇدەك سىيى بۇلۇپ تۇرۇقلۇغ، سۇغا مۇھتاج بولغان مۇساپىرغا سۇ بەرمىگەن ئادەمدۇر . چۆلدىكى ئادەم بەلكى سىيىنىڭ تىگەپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىشى مىمكىن . شۇنداق تۇرۇقلۇق مۇھتاجغا سۇ بە رمىگەنلىكىگە شىنچە ئېغىر ئازابقا دۇچار بولىدىغان تۇرسا، شەھەر كەنتىلەردە كۆل، قۇدۇق ۋە ئۆستەڭلەرنىڭ سىيىنى توسىۋىلىپ، مۇھتاجلارغا بەرمىگەن زالىملار قانداق ئازابقا گىرىپتار بولار؟ !
ھەدىستە تەھدىت قىلىنغان ئىچ كىشىنىڭ ئىككىنچىسى ساختىپەز سودىگەردۇر . ئۇ كىشىلەرنى ئالداپ ”مەن بۇ مالنى مانچە پۇلغا ئالغان “ ياكى ”سىزنىڭ ئالدىڭىزدا بۇ مالنى مانچە پۇلغا بەرمىگەن ئىدىم“ دەپ، يالغان قەسەم قىلىپ ساتىدىغان سودىگەرلەردۇر. بۇلار مىشتېرىنى ئالدايدىغان ساختىپەز, ئالدامچى, يالغانچىلاردۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلار ھەققىدە» : بىزنى ئالدىغانلار بىزدىن ئەمەس « دېگەن . ھېلىگەرلىك قىلىشمۇ موشۇ ھەدىسنىڭ ھۆكىمىگە كىرىدۇ. بۇنداق يالغان قەسەم بىلەن كىشىلەرنى ئالدىغانلار ھەقىقەتتە ئاخىرىتىنى دۇنيالىقى ئۈچۈن ساتقانلاردۇر . كىشىلەرنى ئالداپ تاپقان پۇل ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ ئەسقاتمايدۇ . شۇڭلاشقا ناچار مالنى ياخشى كۆرسىتىپ كۆز بويامچىلىق قىلىدىغانلار، بەزى ساددا، باھا تالىشىشنى بىلمەيدىغان كىشىلەرنى ئالداپ، مالنى ئۆز باھاسىدىن قىممەت ساتىدىغانلار، مالنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرۇپ سېتىپ، كېيىن ياندۇرۇپ بەرگىلى ئۇنىمايدىغانلار ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن قورقۇڭلار. شۇنى ئوبدان بىلىڭلاركى، بۇ قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى مۇشۇ دۇنيادا كۆرىسىلەر، سىلەر كۆرمىسەڭلار بالا چاقاڭلار كۆرىدۇ . چۈنكى نى نى بايلارنىڭ بالا چاقىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن خار زار بۇلۇپ، تىلەمچىلىك قىلىپ ھايات كەچىرگىنىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق .
ئۆلىمالار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ ھەدىستە يالغان قەسەمنى ئەسرىدىن كېيىن دەپ قەيد قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ : يالغان قەسەم قىلىش مەيلى ئەسرىدىن كېيىن مەيلى ئىلگىرى ھارامدۇر . ئەسرىدىن كېيىن قىلغان يالغان قەسەمنىڭ ئازابى نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ . چۈنكى ئۇ چاغدا كۆندىزدە چىشىدىغان پەرىشتەلەر بىلەن كېچىدە چىشىدىغان پەرىشتەلەر ئۇچرىشىدىغان، ئىنسانلار ئىشتىن يېنىپ ئۆيلىرىگە قايتىدىغان ۋاقىت بولغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئۆيلىرىگە ئالدىراپ باھا تالىشىپ ئولتۇرمايلا ئۇچرىغاننى ئېلىپ ماڭىدۇ. مۇشۇ ئەھۋالنى غەنىمەت بىلگەن ساختىپەز ئەتىگە قالسا بۇزۇلۇپ قالىدىغان ئەيىبلىق، ناچار ماللارنى ھەر تۈرلۈك يالغان سۆزلەر بىلەن كىشىلەرنى ئالداپ ساتىدۇ . شۇڭلاشقا بۇ چاغدىكى يالغان قەسەمنىڭ ئازابى ئەنە شۇنداق قاتتىق بولىدۇ .
بۇھەدىستە سودىگەرلەر تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ , ئۇ پىتىن ئالدامچى ساختىپەزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى ئالدامچىلىقنىڭ يولى , تىرى ۋە ئۇسۇلى خىلمۇ خىل بولىدۇ . ھەر قانداق بىر كىشى يالغان قەسەم قىلىش ئارقىلىق باشلىقلارنى سۆزىگە ئىشەندىرىپ ئالدايدىكەن موشۇ ھەدىستە سۆزلەنگەن ئازابقا دۇچار بولىدۇ. لېكىن ئالدامچلىق سودا تىجارەتتە كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ يەردە سودىگەرلەرنى تىلغا ئالغان . كىنىمىزدە بۇ ئەھۋال شىنچىلىك ئېغىرلىشىپ كەتتىكى، راستچىل كىشى بىلەن يالغانچىنى، ئىشەنچلىك كىشى بىلەن خائىننى، سەمىيمى كىشى بىلەن قەسەمخور ئالدامچىنى ئايرىغىلى بولمايدۇ .
ئىچىنچى كىشى سۆزىدە تۇرمايدىغان ۋاپاسىز ئادەم . ئۇ سۆزى چىرايلىق , كۆرىنىشى مۇلايىم , مۇئامىلىسى سىلىق , لېكىن دىلى زەھەر , كۆڭلى قارا , نىيىتى يامان ئادەم بۇلۇپ، كىشىلەردىن بىر نەرسە ئالىدىغان چاغدا ئاغزىدىن بال ئېقىتىدۇ . ئازراق پايدا تېگىشىگە كۆزى يەتسە يىلاندەك تولغىنىپ قىلمىغىنى قالمايدۇ. ساختا سۆزلىرى بىلەن خوشامەت قىلىپ , گۇيا سەن ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدىغاندەك كۆرىنىدۇ . ئەمما پايدا كۆرمىگەن , سەندىن مەنپەئەت ئالالمىغان چاغدا بولسا، ئىچى تېشىغىلا ئۆرىلىپ زەھىرىنى چاچىدۇ . سېنى پەقەت تونىمايدىغاندەك دىشمەنلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ . بۇرۇن ساڭا بەرگەن ۋەدىلىرى، قىلغان ھەسەلدەك سۆزلىرىدىن ئەسەر قالمايدۇ .
خۇددى يىرتقۇچلاردەك ساڭا ئېتىلىدۇ . سېنىڭ دوستلىقىڭنى ئېتىبارغا ئالمايدۇ، بۇرۇن قىلغان ياخشىلىقلىرىڭنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ . ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇدسىيدا مۇنداق دەيدۇ » : ئىچ تۈرلۈك ئادەم قىيامەت كۈنى مېنىڭ دىشمىنىم بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بىرىنچى خىلى مېنىڭ نامىم بىلەن قەسەم قىلىپ ۋەدە بەرگەندىن كېيىن , ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمايدىغان ئادەم. ئىككىنچى خىلى ھۆر ئ ادەمنى سېتىپ پۇلىنى يېگەن ئادەم . ئىچىنچى خىلى بىر ئادەمنى ياللاپ ئشلىتىپ ئىش ھەققىنى بەرمىگەن ئادەم .« ئازراق ئويلايدىغان بولساق، بۇ يەردە كۆرسىتىلگەن ئىچ خىل ئادەمنىڭ ھەممىسىنى ئالدامچى ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان ئادەملەر ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز . ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى سۆزى ئارقىلىق كىشىلەرنى ئالدايدۇ . ئىككىنچىسى ئۇنىڭغا ئىشەنگەن دوستىنى ئالدايدۇ ياكى سەپەردە ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ھەمرا بولغان كىشىنى ئالداپ، قۇل دەپ سېتىپ پۇلىنى يەيدۇ . ئىچىنچىسى ئىشچىلارنى ئالداپ ئىشىنى قىلدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئىش ھەققىنى بەمەيدۇ ياكى كەم بېرىدۇ .
ئەپسۇسكى ئىسلام جەمئىيىتىمىز ئاشۇنداق ناچار سىپەتلىك ئىنسانلاردىن خالى ئەمەس . مەن مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ, موشۇنداق ناچار قىلىقلارنى قىلىدىغانلار جەمئىيەتتە كۆپ سانلىقىنى ئىگەللەيدىكەن اللەنىڭ ياردىمى , دىشمەننىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىش قۇرۇق لاپ بولىدۇ . شۇڭا ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزنى ئوڭشاپ ئەخلاقىمىزنى تىزىتىشىمىز كېرەك . چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۆزىنى تىزەتمىگەن جامائەتكە نىسرەت ئاتا قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.] سىرەرەئد:11 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [
ئاللاھ تائالا ئۆزىمىزنى تۈزىتىپ، ناچار قىلىقلارنى تاشلاپ , گۆزەل ئەخلاقلار بىلەن ئەخلاقلانغىلى نىسىپ قىلسۇن. ئامىين !
ھەزىرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جانابى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : ئاغرىق كۆچىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىش يوق، قۇشلارنىڭ ئۇچۇشىدىن شۇملىنىش يوق، ھۇ قۇشتىن شۇملىنىش يوق، يىلاندىن شۇملىنىش يوق ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت .
ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:5625 [
ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئەرەبلەر ھەر تۈرلۈك خىراپاتلارنى دىن دەپ ئېتىقاد قىلاتتى . ئىسلامدا باتىل ئەقىدىلەر ۋە ھەر تۈرلۈك خۇراپى ئۆرپە ئادەتلەر قەتئىي چەكلەندى . بۇ ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان نەسىلەر ئەنە شۇ خۇراپاتلاردىندۇر . ئەپسۇسكى مۇسۇلمانلاردا سەيشەنبە كۈنى نەس كىن، ئۇ كۈندە ئىش باشلاشقا بولمايدۇ. سەپەرگە چىقماقچى بولغاندا قارغا تۋۋىلىسا يولغا چىقماسلىق كېرەك دەيدىغان خۇراپى ئەقىدىلەر ھازىرمۇ ساقلىنىپ كەلمەكتە . ھالبۇكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنداق ئېتىقادلارنى ئىسلامنىڭ دەسلىپىدىلا يوقىتىۋەتكەن ئىدى .
بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تۆت نەرسىدىن مەنئىي قىلىدۇ : 1 كېسەل كۆچىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىش . ئاللاھ تائالا كېسەل بولۇشنى مەلۇم سەۋەبلەرگە باغلاپ قويسىمۇ، ھەقىقە تتە كېسەل بەرگىچى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزى بۇلۇپ سەۋەبلەرنىڭ قولىدىن ھېچ نەرسە كەلمەيدۇ . چۈنكى سەۋەبنى ياراتقان ئاللاھ، ئۇنى خالىغان چاغدا تەسىرسىز قىلىۋىتىدۇ . شۇڭلاشقا مۇسۇلمان كېسەلنى بەرگىچى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭغا شىپالىق بەرگىچىمۇ ئاللاھ دەپ ئېتىقاد قىلىش، ئەينى ۋاقتى دا قولىدىن كېلىدىغان سەۋەبلەرنىڭ ھەممىنى قىلىش كېرەك . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ يەردە توسقىنى كېسەل ئۆزلىگىدىن كۆچىپ ساق ئادەمنى كېسەل قىلىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىشتۇر . بۇنىڭدىن كېسەل يۇقمايدۇ ياكى يۇقۇملۇق كېسەل يوق دېگەنلىك چىقمايدۇ. چۈنكى ئىمام بۇخارى رىۋايىتىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يۇقىرىدىكى تۆت نەرسىدىن توسقاندىن كېيىن » : ماخاۋ كېسىلىدىن خۇددى يولۋاستىن قاچقاندەك قاچقىن« دېگەن . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن » : بىر يەردە تائۇن كېسىلى بار دەپ ئاڭلىساڭلار، ئۇ يەرگە كىرمەڭلار، ئەگەر سىلەر تۇرغان يەردە تائۇن كېسىلى يۈز بەرسە، ئۇ يەدىن چىقىپ كەتمەڭلار« دېگەن .
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ سۆزى بىلەن بىزگە يۇقۇملۇق كېسەللەردىن يىراق تۇرۇشنى، يۇقۇملۇق كېسەلگە دۇچار بولغان كىشىنىڭ ساق ئادەملە رنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارغا كېسەل يۇقتۇرماسلىقىنى، كېسەل بولۇش بولماسلىق ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا چىن ئىشىنىشنى ئۇقتۇرىدۇ. تىببى ئىلىمدە باشقىلارغا يۇقۇشى ئىسپاتلانغان كېسەللەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمىگە كىرىدۇ .
2 قۇشلارنىڭ ئۇچۇشىدىن شۇملىنىش . بۇ ئىمانى زەئىپ ۋە بىلىمسىزلەرنىڭ ئىشى بۇلۇپ، ئۇلار بىر ئىشنى قىلماقچى بۇلۇپ تالاغا چىققاندا قايسى بىر ئۇچارلىق ئوڭ تەرەپكە ئۇچسا، ئۇنى ئىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت دەپ بىلىدۇ، ئەگەر ئۇچارلىق سول تەرەپكە ئۇچسا، ئۇنى شۇملۇقنىڭ ئ الامىتى دەپ قىلماقچى بولغان ئىشىدىن ۋاز كېچىدۇ . بىزنىڭ يۇرتىمىزدىمۇ بىر يەرگە بارماقچى بۇلۇپ ئۆيدىن چىققاندا قارغا تۋۋىلىسا، شۇملۇقنىڭ ئالامىتى دەپ بىلىپ يولىغا ماڭمايدىغان ئىشلار بار . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ يەردە ئىسلامدا مۇنداق ئاساسى يوق خۇراپاتلارغا ئىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدىرىدۇ . يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : قۇشنىڭ ئۇچۇشىدىن شۇملانغان كىشى اللەغا شېرىك كەلتىرگەن بولىدۇ « دېگەن. ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ” : قۇشنىڭ ئۇچۇشىدىن شۇملىنىپ ئىشىدىن قايتقان ئام اللەغا شېرىك كەلتىرگەن بولىدۇ“ دېگەن .
كىنىمىزدە پال باقتۇرىدىغان، كوچىلاردا ئۇششاق تاشلارنى، قەرتلەرنى، يېسى پۇرچاق ئۇرۇقلىرىنى تىزىپ قويۇپ كىشىلەرنىڭ كېلىچىكىنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى داۋا قىلىدىغان يالغانچى دەججاللار كۆپىيىپ كەتتى. بەزىلەر تېخى “پالغىمۇ ئىشەنمە پالسىزمۇ يىرمە” دەپتىكەن دەپ، پال باقتۇرۇشنىڭ زۆرىلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە پال باقتۇرۇشنىڭ ھاراق ۋە قىمارغا ئوخشاشلا ھارام ئىكەنلىكىنى بىلدىرىپ مۇنداق
دەيدۇ :
ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئېچىش، قىمار ئويناش، بۇتلارغا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش، شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار .] سىرەمائىدە:90 ئايەت [
ئەزلام)يەنى پال ئوقلىرى ( بىلەن پال سېلىشىڭلار ھارام قىلىندى .] سىرەمائىدە :3 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [
3 ھۇ قۇشتىن شۇملىنىش . جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئەرەبلەر ھۇ قۇشتىن شۇملىناتتى . ھۇ قۇش ئەگەر بىراۋنىڭ ئۆگزىسىگە قونسا، ئۇ ئۆي ئەھلىدىن بىرىسى ئۆلىدۇ ياكى ئۇ ئۆي يېقىلىدۇ، دەپ قورقاتتى .
بەزىلەر ھۇ قۇشنى ئۆلتىرىلگەن كىشىنىڭ قەبرىسىدىن چىقىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ سايرىشى ئىنتىقام تەلەپ قىلغانلىقى، قاتىل ئۆلتىرىلگىچىلىك ئۇ سايرايدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ . يەنە بەزىلەر ئۆلىكنىڭ ئۇستىخانلىرى ھۇ قۇشقا ئايلىنىپ كېلىپ ئۆلىكنىڭ ئائىلىسىگە سايرايدۇ. ئۇنىڭ سايرىغىنى سەدىقە تەلەپ قىلغىنى ياكى ئۆلىكنىڭ ئەھۋالىدىن ئائىلىسىدىكىلەرنى خەۋەرلەندىرگىنى دەپ ئېتىقاد قىلدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق ھايۋاندىن شۇملىنىش ياكى ئۇلارنى ئىنتىقام ئالىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىش ھەممىسى خۇراپات بۇلۇپ پاك ئىسلام ئەقىدىسىگە زىت كېلىدۇ .
4 يىلاندىن شۇملىنىش . جاھىلىيەت ئەرەبلىرى يەرنىڭ تىگىدە ياشايدىغان بىر خىل يىلان بار، ئۇنداق يىلان بار يەردىن ئۆتىپ قالغان ئادەمنى چېقىپ ئۆلتىرىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلاتتى . بۇ يەردە چەكلەنگىنى يىلان چاقىدۇ دېگەنلىكتىن ئەمەس، بەلكى يىلان ئۆلتىرىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىشتىن مەنئى قىلغان. چۈنكى ئۆلىم ئاللاھ تائالانىڭ قولىدىدۇر. بەزى ئالىملار ھەدىستىدى »سەفەر« سۆزىنى سەپەر ئېيىدىن شۇملىنىش دەپ چىشەندىرگەن . چۈنكى جاھىلىيەت ئەرەبلىرى سەپەر ئېيى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئىچ ئاينىڭ ئاخىرىدىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭدا ئۇرۇش ۋە قان تۆكىش كۆپ بولىدۇ دەپ شۇملىناتتى . لېكىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدىمۇ بەزى يالغان ھەدىسلەرگە ئەگىشىپ، سەپەر ئېيىنى شۇم ئاي دەپ قاراپ، ئۇ ئايدا توي قىلمايدىغان، سەپەر قىلمايدىغان، سەپەر دەپ يېزىشنى يامان كۆرگەنلىكتىن زەپەر دەپ يازىدىغانلارمۇ بار . بىزدە سەيشەنبە كىنىنى نەس كۈنى دەپ بىلىدىغان ئېتىقاد بار . مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى خۇراپات ۋە باتى ل ئەقىدىلەردۇر. جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە مانا مۇشۇنداق خۇراپات، باتىل ئېتىقادلارنىڭ ھەممىنى رەت قىلىپ بىز مۇسۇلمانلارنى ئەقىدىمىزنى پاكلاشقا چاقىرىدۇ .
غەيبنى پەقەت ئاللاھ تائالا ئۆزى بىلىدۇ . كىشىگە ئەرتە نېمە بولىدىغانلىقىنى، كىشىنىڭ قانداق ياخشى يامان ئىشلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ھېچكىم ئالدىن ئالا بىلمەيدۇ . شۇڭلاشقا مۇسۇلمانلارغا ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى تەۋەككۇل قىلىپ، ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇشى، ئەگەر بېشىغا ياخشىلىق كەلسە شىكىر قىلىشى، ئەگەر بىرەر خاپىلىققا يولۇقسا سەۋر قىلىشى، ياخشىلىق ۋە يامانلىق ھەممە ئىشنى ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى بىلەن بولۇشىغا چىن ئىشىنىشى لازىم . ئەقىدىمىز دۇرۇست بولمىسا قىلغان ياخشى ئىشلىرىمىز ۋە ئەمەل ئىبادەلترىمىز بىكارغا كېتىدۇ . سوفى ئاللاھ يار مۇنداق دەيدۇ : ”ئەقىدە بىلمىگەن شەيتانغا ئەلدۇر، ئەگەر مىڭ يىل ئەمەل دەپ قىلسا يەلدۇر “.
ئاللاھ تائالا بىزگە توغرا ئەقىدە ۋە چىن ئىخلاس ئاتا قىلىپ، ھەر تۈرلۈك باتىل ئەقىدە ۋە خۇراپاتلارغا ئىشىنىپ ھەق يولدىن ئېزىپ كېتىشتىن ساقلىسۇن. ئامىين !
ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: »ھەممىڭلار پادىچى ھېساپلىنىسىلە ر، ھەممىڭلار ئۆز پادىسىدىن مەسئۇلسىلەر : باشلىق پادىچىغا ئوخشاشتۇر، ئۇ قول ئاستىدىكىلەردىن مەسئۇلدۇر. ئائىلە باشلىقى بولغان كىشى ئائىلىسىدە پادىچىغا ئوخشاشتۇر, ئۇ قول ئاستىدىكىلەردىن مەسئۇلدۇر, ئايال كىشى ئېرىنىڭ ئۆيىدە پادىچىغا ئوخشاشتۇر، ئۇ قول ئاستىدىكىل ەردىن مەسئۇلدۇر . خىزمەتچى خوجايىنىنىڭ مېلىدا پادىچىغا ئوخشاشتۇر , ئۇ قولىدىكى مالدىن مەسئۇلدۇر . بالا ئاتىسىنىڭ مېلىدا پادىچىغا ئوخشاشتۇر ۋە ئۇنىڭدىن مەسئۇلدۇر .
يەنى ھەممىڭلار پادىچىسىلەر ۋە ھەممىڭلار قول ئاستىدىكىلەردىن سورىلىسىلەر ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخار ى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت . ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:882[
ئىنساننىڭ بۇدۇنيا ھاياتىدا قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ چوڭ ۋە مۇھىم ئىشى ئۆز مەسئۇلىيەتلىرىدىن تولۇق چىقىشتۇر. ئىنسانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە مەرتىۋىسىگە قاراپ ھەرتىرلىك بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە مەسئۇلىيىتى ئەڭ ئېغىر بولغانلار پەيغەمبەرلەردۇر. چۈنكى ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى كىشىلەرگە تولۇق يەتكىزىشكە بۇيرۇلغان . ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى يەتكىزگىن , ئەگەر تولۇق يەتكىزمىسەڭ , اللەنىڭ تاپشۇرغان ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان بولىسەن .] سىرە مائىدە:67 ئايەت [ بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس .
بۇ بەزىدە قاتتىق قوللۇق قىلىش ئارقىلىق بولىدۇ . ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : ئى مۇھەممەد! اللەنىڭ يولىدا جىھاد قىلغىن )يەنى ئۆزەڭ يالغۇز بولساڭمۇ جىھاد قىلغىن (، سەن پەقەت ئۆزەڭگىلا جاۋابكارسەن. مۆمىنلەرنى جىھادقا قىزىقتۇرغىن.] سىرە نىسا:84 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [
ئى پەيغەمبەر! كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا قارشى جىھاد قىلغىن، ئۇلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلغىن ] سىرە تەۋبە:73 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [ بەزىدە يۇمشاقلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ . ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : اللەنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغانبولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى.] سىرەئال ئىمران:159 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [
پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا)يەنى ئىسلام دىنىغا ( ھىكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار )يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلا ( ربىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن.] سىرە نەھل:125 ئايەت [
پەيغەمبەرلەردىن قالسا ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئۆلىمالار ۋە شەرىئەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئىستىگە ئەمرى مەرۇپ، نەھيى مۇنكەر، ۋەز نەسىھەت قىلىش ۋە بارلىق كىچى بىلەن جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشقا تىرىشىش ۋاجىب بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ كىتاب بېرىلگەنلەردىن كىتابنى كىشىلەرگە چوقۇم بايان قىلىپ بېرىشكە ۋە يوشۇرماسلىققا ئەھدە ئالدى.] سىرەئال ئىمران:187 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [
مۆمىنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جىھادقا چىقىشى لايىق ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىرجامائەدىن بىر تىركىمى دىنىي ئالىم بۇلۇپ، ئۇلار قەۋمىنىڭ قېشىغا قايتقاندىن كېيىن، قەۋمىنىڭ اللەدىن قورقۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگ اھلاندۇرۇش مەقسىتىدە نېمىشقا ئىلىم تەلەپ قىلىشقا چىقمىدى؟] سىرە تەۋبە:122 ئايەت [
ئەگەر ئۇلار ئۆز ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئادا قىلمىسا، دەۋەتلىرىدە ئىخلاس قىلمىسا، سىياسەتكە قاراپ ئىش كۆرىپ ھەق گەپ قىلىشتىن ئۆزىنى تارتسا ياكى ھەقىقەتنى يوشۇرسا ياكى يالغان سۆزلەپ شەرىئەتنى بۇرمىلىسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. ئەگەر ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلغان بولسا ئاللاھ تائالا نىڭ نەزىرىدە ئالىي دەرىجىلەرگە ئېرىشىدۇ . ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : بۇ كىتابتا كىشىلەرگە توغرا يولنى ئىنىق بايان قىلغىنىمىزدىن كېيىن، بىز نازىل قىلغانروۋشەن دەلىللەرنى ۋە توغرا يولنى يوشۇرىدىغانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلىدۇ )يەنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ(؛ لەنەت قىلغۇچىلارمۇ )يەنى پەرىشتە ۋە مۆمىنلەرمۇ ( ئۇلارغا لەنەت قىلىدۇ .] سىرە بەقەرە: 159 ئايەت [
پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئۆلىمالاردىن قالسا , باشقا ئىنسانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئ ۆز مەرتىۋىلىرىگە قاراپ ئېغىر يېنىك, چوڭ كىچىك بولىدۇ . جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە ئىنسانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يوقىرىدىن تۆۋەنگە تەرتىپ بىلەن مۇنداق بايان قىلىدۇ : 1 باشلىق بولغان كىشى بۇ . يوقۇرىسى پادىشاھ رەئىسلەردىن باشلاپ تۆۋىنى ئائىلە باشلىقلىرىغىچە بولغان كىشىلەردۇر. خەلىپە، دۆلەت رەئىسى, پادىشاھ ۋە ۋەزىرلەر ئادالەت بىلەن ھۆكىم قىلىشى , پىتىن خەلقنى ئوخشاش كۆرىشى، خەلقنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇشى , خەلقىگە زوراۋانلىق قىلماسلىقى، ئۇلارنى كىچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا سالماسلىقى, ئۇلاردىن كۆتىرەلمەيدىغان ئالۋاڭ سىلىق ۋە باج ئالماسلىقى لازىم . يەنى ئۇلار پىتىن خەلقىنىڭ ئىشلىرىدىن مەسئۇل بولىدۇ .
2 ئائىلە باشلىقى بولغان كىشى . بۇ كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئائىلىسىدىكى بارلىق كىشىلەردىن بولىدۇ . ئاتا ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىش، ئايالى ۋە بالا چاقىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش, ئۇلارنى ياخشى تەربىيىلەش , ئوقۇتۇش، ھىنەر سانائەت ئۆگىتىش , ئەۋلادىنى يامان ئىشلاردىن توسۇش, گىزەل ئەخلاق بىلەن يېتىشتىرىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئائىلە
باشلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ :
ئائىلەڭدىكىلەرنى نامازغا بۇيرىغىن. ئۆزەڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشقا چىداملىق بولغىن , سەندىن بىز رىزىق تەلەپ قىلمايمىز، ساڭا بىز رىزىق بېرىمىز, ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا خاستۇر.] سىرە تاھا:132 ئايەت [
ئى مۆمىنلەر! ئۆزەڭلارنى ۋە بالا چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار.] سىرە تەھرىم:6 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [
ئاتىنىڭ ئىستىگ ە بالىلىرىغا ئۆزى يېگەندىن يېگىزىشى، ئۆزى كەيگەندىن كېيگىزىشى، ئۇلارغا ياخشى ئىسىم قويۇشى، بالاغەتكە يەتكەندە ئۆيلەپ قويۇشى، قىز ئوغۇللىرىنى خالىمىغان كىشى بىلەن ئۆيلىنىشكە مەجبۇر قىلماسلىقى، بەلكى ئۇلارغا ئۆمىرلىك جۇپتىنى تاللاشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىنى ئۆگىتىشى ۋە يول كۆرسىتىشى لازىم . بەزى ئاتا ئانىلار قىزلىرىنى بايلارغا ۋە ئالى نەسەبلىك كىشىلەرگە بېرىمىز دەپ، قىزنىڭ كۆڭلىگە رىئايە قىلماي تويىنى كېچىكتىرىۋاتىدۇ .
شۇنىڭ بىلەن كۆپىنچە قىزلار جەمئىيەتتە قېرى قىز نامىنى ئالىدۇ . بەزىلەر كىچىككىنە قىزىنى بايلىقنى دەپ بۋۋىسىدەك ئادەملەرگە بېرىدۇ . بۇلارنىڭ ھەممىسى بالىلىرىغا زۇلۇم قىلغانلىق، ئىستىدىكى بالىلىرىنىڭ ھەققىنى ئۆز لايىقىدا ئادا قىلمىغانلىق بولىدۇ . مەيلى ئوغۇلنى ئۆيلەندىرىشتە بولسۇن، مەيلى قىزنى ياتلىق قىلىشتا بولسۇن دىيانەتلىك، ئاللاھ تائالادىن قورقىدىغان، ھەق ناھەقنى بىلىدىغان بولۇشىنى ئەڭ بىرىنچى ئۆلچەم قىلىش كېرەك . مۇشۇ ئۆلچەمگە چىشىدىغان، ئۆزىنىڭ ۋە ئايالىنىڭ تۇرمۇشىنى نورمال قامدىيالىغۇدەك كىرىمى بار كىشى بولسا، ئىككىلەنمەستىن بالىلارنىڭ تويىنى قىلىپ قويۇش كېرەك .
يەنە بىر مۇھىم مەسىلە، بىردىن كۆپ خوتۇنى بار كىشىلەر، كىيىم كىچەك، يىمەك ئىچمەك ۋە يېتىپ قوپۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە خوتۇنلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشى، بىرىنى بىرىدىن پەرقلەندىرمەسلىكى لازىم. شۇنىڭدەك بالىلار ئارىسىدىمۇ ھەممىسىنى ئوخشاش كۆرىشى، بىرىنى بىرىدىن ئارتۇق بىلم ەسلىكى، بىر نەرسە بېرىشتە ھەممىسىگە ئوخشاش بېرىشى كېرەك . ئۇنداق قىلمىغاندا بالىلار ئوتتۇرىسىدا ھەسەد قىلىش ۋە دىشمەنلىك پەيدا بولىدۇ .
قىيامەت كۈنى ئاتا ئانىلارنىڭ بالىلىرى ھەققىدە جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغان ئەڭ چوڭ مەسىلە، ئۇلارغا دىنىي تەربىيە بېرىش مەسىلىسىدۇر. چۈنكى بالىلار چوڭ بولغاندا كىچىگىدە ئۆگەنگەن ئىشىنى قىلىدۇ . شۇڭلاشقا ناماز ئوقۇش ۋە باشقا ياخشى پەزىلەتلىك ئىشلارغا ئاتا ئانا بالىلىرىغا ياخشى ئىلگە بولۇشى، ئاندىن ئۇلارنى ناماز ئوقۇشقا ۋە ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ ئۇنىڭغا كۆندىرىشى كېرەك. شۇڭا ج انابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : بالاڭلار يەتتە ياشقا كىرگەندە نامازغا بۇيرۇڭلار، ئون ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇمىسا ئۇرۇڭلار، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياتىقىنى ئايرىۋىتىڭلار« دەپ كۆرسەتكەن .
3 ئايال كىشى ئۇ . ئېرى ھازىر بولسا ئۇنى خۇرسەن قىلىشى رىئې , بىر يەرگە كەتسە ئۆزىنىڭ ئىپپىتىنى, ئېرىنىڭ مال مىلكىنى ۋە بالىسىنى ساقلىشى، گۇناھ بولمايدىغان ئىشلاردا ئېرىغا ئىتائەت قىلىشى، ئېرىگە ھەمدەم بۇلۇپ ئۇنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭىل بولىشى، ئېرىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىدىغان گەپ سۆزلەرنى قىلماسلىقى، ئېرىنىڭ ئاتا ئانىسى ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرىنى ياخشى كىتىشى، قېيىن ئانىسىغا يامان كۆز بىلەن قارىماسلىقى، ئېرىنى ئۇرۇق تۇغقانلىرى ۋە يېقىنلىرى ئالدىدا خىجالەتكە قويماسلىقى، ئۆيگە مىھمان كەلسە قولىدىن كېلىشىچە چىرايلىق ئۇزۇتىشى، ئەۋلادىنى، بولۇپمۇ قىزىنى ياخشى ئەخلاق بىلەن تە ربىيلەپ ئۆستىرىشى كېرەك . ئايال كىشى مانا مۇشۇنداق ئىشلارنى ئۆز لايىقىدا قىلسا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئەر خوتۇن مىھرى مۇھەببەت بىلەن بەختلىك ۋە ھۇزۇرلۇق تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ . ئەكسىچە بولغاندا ئۆيدە ئۇرۇش جىدەل، ھۇزۇرسىزلىق بۇلۇپ، كۆپىنچە ئائىلنىڭ بۇزۇلۇشىغا ۋە ئەۋلادلارنىڭ يېتىم قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ . ئۆينى جەننەتكە ياكى چىدىغۇسىز دوزاخقا ئايلاندۇرۇش ئايال كىشىنىڭ قولىدا .
4 خىزمەتچى. خىزمەتچىمۇ خوجايىنىنىڭ مال مىلكىدىن مەسئۇلدۇر . مائاش ئېلىپ ئىشلەيدىغان خىزمەتچى كادىرلارنىڭ ھەممىسى ئىشلىرىن ى توغرا قىلدىمۇ ياكى ۋاقىت ئۆتكىزىپ ئىش ئېگىسىگە زىيان ئۇردىمۇ؟ قولىغا تاپشۇرۇلغان مال مىلىكنى قانداق ئىشلەتتى؟ دېگەندەك بارلىق تەسەررۇپاتلاردىن اللەنىڭ ئالدىدا مەسئۇل بولىدۇ .
5 ئەۋلادلار. ئەۋلادلار ئاتا ئانىلىرىغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش, ئاتا ئانىسىنىڭ مال مىلكىنى قوغداش، ئۇنى ئىسراپ قىلىپ بۇزۇپ چاقماسلىق، ئاتا ئانىسى ئاللاھ تائالاغا ئاسىلىق بولىدىغان ئىشلارنى قىلسا، ئۇلارغا ياخشى نەسىھەت قىلىش، ئاتا ئانىسى ئۆلىپ قالسا ئۇلارنىڭ ۋەسىيىتىنى ئورۇنلاش، قەرزى بولسا ئۆتەش، ئۇلار ھەققى دە دۇئا قىلىپ تۇرۇش، مىراسلىرىنى ئادالەت بىلەن ئۆلەشتىرىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ ئىستىدىكى مەسئۇلىيەتلەردۇر .
كىمكى ئاتا ئانىسىدىن مىراس ئالغان مال مىلكىنى گۇناھ مەسىيەتلەرگە ئىشلەتسە، ياكى ھالال ئىشلاردىمۇ ھەددىدىن ئارتۇق ئىسراپ قىلسا , قىيامەت كۈنى اللەنىڭ ئالدىدا مەسئۇل بولىدۇ .
ئاللاھ تائالا بىز مۇسۇلمانلارنى ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى تونۇپ، ھەر دائىم مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئىش قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن . ھەر ئادەم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونىسا ۋە ئۇنى لايىقىدا ئادا قىلسا، جەمئىيەتتە يامان ئىشلار ئاز بولىدۇ. پىتىن ئىنسانلار بەخت سائادەت ئىچىدە راھەت ياشايدۇ .
ئاللاھ تائالادىن كۆڭلىمىزگە مەسئۇلىيەت تۇيغىسىنى ئاتا قىلىشىنى تىلەيمىز. ئامىين !
67 ھەدىس زىنادىن ساقلىنىش توغرىسىدا ھەزرىتى ئابدۇلاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : ئى ياشلار ! سىلەردىن ئۆيلىنىشكە قادىر بولغانلار ئۆيلەنسۇن، ئۆيلىنىش كۆزنى نا مەھرەمدىن، ئەۋرەتنى زىنادىن ساقلىغۇچىدۇر . ئۆيلىنىشكە قۇدرىتى يەتمىگەنلەر روزا تۇتسۇن، روزا ئۇنىڭ ئۈچۈن ھىمايە بولىدۇ ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:4946، مۇسلىمدىكى نومۇرى:3352 [
ئىزاھات :
ئاللاھ تائالا جەمئىيەتتىكى ھەر تۈرلۈك ناچار قىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زىنا پاھىشىنى ھارام قىلغان . چۈنكى زىنا پاھىشە ئومۇملاشقان جەمئىيەتتە ئائىلىلەر بۇزۇلىدۇ . ئائىلە ساغلام بولمىسا تۇغۇلغان بالىلار ئىگە چاقىسىز، تەربىيىسىز چوڭ بولىدۇ . ئۇنداق تەربىيىسىز، بەد ئەخلاقلار جەمئىيەتتە ھېچ قانداق ئىنسانغا ئامانلىق بەرمەيدۇ . ئىنسانلار ئائىلىسىنىڭ ئىپپەت نومۇسىغا ۋە مال مىلكىگە ئىگە بولالمايدۇ . شۇڭلاشقا ئىسلامدا زىنا ئەڭ چوڭ گۇناھلاردىن بىرى بۇلۇپ، ئۇنى ئىشلىگىچى قىيامەت كۈنى ئەڭ ئېغىر ئازابقا دۇچار بولىدۇ . ئىسلام زىنا قىلماڭلار دەپ چەكلەپلا قويماستىن توي قىلىشقا تەرغىب قىلىدۇ. چۈنكى زىنا پاھىشىدىن ساقلىنىشنىڭ بىردىنبىر يولى ۋە چارىسى توي قىلىشتۇر .
ياش ئوغۇل قىزلار توي قىلىش بىلەن كۆڭلى ئارام ئالىدۇ , يالقۇنلۇق نەپسى بېسىقىدۇ، قەلبى راھەتلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا پەرزەنت ئاتا قىلسا، ئويى ئاۋات بولىدۇ , ئەر ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى مۇھەببەت تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىدۇ. ئوغۇل ئۆيلىنىش ئارقىلىق يېڭى ئائىلىنىڭ باشلىقى بولىدۇ. ئۆينى ئىدارە قىلىش ۋە ئائىلە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئارقىلىق مەنسەپ تۇتالايدىغان، بىرەر ئىدارىغا باشلىق بولسا باشقۇرۇپ كېتەلەيدىغان، پىشىپ يېتىلگەن بىر ئەر جەمئىيىتىگە قوشىلىدۇ. ئەمما خوتۇن بالىسى يوق ئادەمنىڭ قەلبىدە مېھرى شەپقەت , باشقىلارغا مەرھەمەت قىلىش دېگەن نەرسە بولمايدۇ . ئۇنداق ئادەمنىڭ قۋرسىقىنى تويغۇزۇش , مال دۇنيا يىغىشتىن باشقا غېمى بولمايدۇ. ئۇ كىچىكىدە ئائىلىسىگە يىك بولغان بولسا، چوڭ بولغاندىن كېيىن قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان ئەبگا، ئۆلۇپ كەتسە دۇئا قىلغۇچىسى يوق غېرىب بولىدۇ .
جانابى رەسۇلۇللاھ دائىم ئۆيلىنىشكە رىغبەتلەندىرەتتى . »ئۇ نىكاھلىنىش مېنىڭ سىننىتىم، كىمكى مېنىڭ سىننىتىمدىن يۈز ئۆرىسە مەندىن ئەمەس« دەيتتى. بىر كۈنى ئىچ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالا منىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭ ئۆيدىكى ئىبادەتلىرى ھەققىدە سوراشتى . ئانىلىرىمىز ئۇلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادەتلىرىدىن خەبەر بەرگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ بىرى ” : مەن يىل بويى روزا تۇتىمەن “ دېدى . يەنە بىرى ” : مەن كېچە بويىچە ئۇخلىماي ناماز ئوقۇيمەن “ دېدى .
ئىچىنچىسى” : مەن قەتئىي ئۆيلەنمەيمەن “ دېدى . كېين پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا » : مەن بەزىدە روزا تۇتىمەن، بەزىدە تۇتمايمەن، كېچىدە ھەم ئۇخلايمەن، ھەم ناماز ئوقۇيمەن، ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىمەن، كىمكى مېنىڭ سىننىتىمدىن يۈز ئۆرىسە مەندىن ئەمەس« دېدى .
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نىكاھلىنىشتىن مەقسەت: ئىپپەت نومۇسىنى ھارامدىن، كۆزىنى نامەھرەمدىن، ئەۋرىتىنى زىنادىن ساقلاش ۋە ئەۋلاد تەربىيىلەش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. رەسۇلۇللاھ بىر ھەدىستە » : نىكاھلىنىڭلار، كۆپىيىڭلار، مەن سىلەر بىلەن پەخىرلىنمەن دېگ « . ەن ئۆلىمالار يۇقىرىدىكى ھەدىستە ئېيتىلغان »ئۆيلىنىشكە قادىر بولسا« دېگەن سۆزنى ”جىسمانىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قادىر بولسا “ دەپ ئىزاھلايدۇ. بۇنىڭدىن مۇنداق ھۆكىم چىقىدۇ: ھەر جەھەتتىن ئۆيلىنىشكە ئىقتىدارى بار كىشىلەر كېچىكتىرمەستىن ئۆيلىنىشى كېرەك. چۈنكى ئۆيلىنىش ئارقىلىق ئۆزىنى ھەر تۈرلۈك يامان قىلىقلاردىن ۋە شەيتاننىڭ ۋەسۋىسىلىرىدىن ساقلىيالايدۇ . ئەمما ھەر قانداق بىر سەۋەب بىلەن نىكاھلىنىش ئىقتىدارى بولمىغان كىشىنىڭ ئۆيلىنىشى توغرا ئەمەس . چۈنكى ئۇ ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى ئادا قىلالمايدۇ، بۇ بولسا ئاياللارغا زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ .
ئەمما جىسمانىي جەھەتتىن ئىقتىدارلىق بۇلۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە نامرات بولغانلار، بىر ئائىلىنى ئىدارە قىلشقا يەتكىدەك ئىقتىسادقا ئىگە بولغىچىلىك روزا تۇتۇشى كېرەك . چۈنكى روزا تۇتقان كىشى بىرىنچىدىن ئىبادەت ھېسسىياتى ئىچىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ھاۋايى ھەۋەسلەردىن يىراق بولىدۇ. ئىككىنچىدىن روزا ئۇنىڭ شەھۋانى كىچىنى تۆۋەنلىتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن نەپسىنىڭ ئىستەكلىرىگە سەۋر تاقەت قىلىشى ئاسان بولىدۇ . ئۇ كىشى دائىم روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا يېقىن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ، مىشكىللىرىنى ھەل قىلىدۇ .
ئاتا ئانىلار دۇنياپەرەستلىك قىلىپ، شۆھرەت ۋە ئابرۇينىلا ئويلىماستىن ئوغۇل قىز ئەۋلادلىرىنىڭ كېلەچىكىنى ئويلىشى، ئوغۇل قىزلىرى ئۆيلىنىش يېشىغا توشقاندىن كېيىن مۇمكىن قەدەر تىز ئۆيلەندىرىشى لازىم . ھەر تۈرلۈك ئۆرپەە ئادەت، قائىدە يۋسۇنلارنى چىقىرىۋېلىپ، توي، مېھىر، تويلۇق ئىشلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئوغۇل قىزلىرىنىڭ ئۆيلىنىشىگە توسالغۇ بولۇشى گۇناھتۇر . چۈنكى ئۇ بىر تەرەپتىن ئۆز پەرزەتلىرىگە زۇلۇم قىلغانلىق، يەنە بىر تەرەپتىن ياشلارنىڭ ھەر خىل گۇناھ مەسىيەتلەرگە چىشىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغانلىق بۇلۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا مەسئۇلىيىتى ئېغىر بولىدۇ . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ» : توينىڭ ئاسان بولۇشى، ئايالنىڭ مېھرىنىڭ ئاز بولۇشى، ئايالنىڭ بەرىكەتلىك ئىكەنلىكىدىندۇر «.
يەنە بىر مەسىلە: قىزلارنى ئۆزى ياقتۇرمىغان كىشىلەر بىلەن مەجبۇرى ئۆيلەندىرمەسلىك، ئوغۇللارنىمۇ خالىمىغان قىز ئاياللار بىلەن ئۆيلەندىرمەسلىك كېرەك . چۈنكى ئاتا ئانىلارنىڭ زورلىشى ئاستىدا قۇرۇلغان ئائىلە كۆپىنچە ۋاقىتتا بەختلىك بولالماي ئايرىلىپ كېتىدۇ . ئەنسار ساھابىلاردىن بىرىنىڭ قىزى خەنسادىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ چۋكان چېغىدا ئاتىسى ئۇنى ئەرگە بەرگەن، خەنسا ئېرىنى ياقتۇرماي رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كەلگەندە رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ نىكاھىنى قايتۇرىۋەتكەن، يەنى ئۇنى ئاجراشتۇرىۋەتكەن .
ئاللاھ تائالا بىزگە ھەق يولدا مېڭىشنى، ئىسلامىي ئەخلاق بىلەن ياشاشنى نىسىپ قىلسۇن .
ھەر تۈرلۈك گۇناھ مەسىيەت ۋە پاھىشە ئىشلاردىن يىراق قىلىپ، دۇنيا ئاخىرەتتە بەخت سائادەتلىك قىلسۇن. ئامىين !
ئىزاھات تېكىستى كىرگۈزۈلمىگەن.
68 ھەدىس نىكاھلىنىدىغان ئاياللارنى توغرا تاللاش توغرىسىدا ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋا يەت قىلىنىدۇكى، جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : ئايال كىشى تۆت نەرسە ئۈچۈن نىكاھقا ئېلىنىدۇ : مېلى ئۈچۈن, نەسىبى ئۈچۈن , گىزەللىكى ئۈچۈن ۋە دىنى ئۈچۈن , ھەممىدىن دىندارنى ئارتۇق بىلگىن .« ]بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى :4970 ، مۇسلىمدىكى نومۇرى:3590[
ئىزاھات :
نىكاھلىنىش ئوغۇل قىز ئىككىسىنىڭ ئۆمرى بويىچە بىرگە ئائىلە قۇرۇپ ياشىشى دېگەنلىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز جۆرىسىنى ياخشى تاللاش كېرەك . ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى تاللىشى ۋە ئۇنىڭغا كۆڭلىنىڭ مايىل بولۇشى ھەر خىل بولىدۇ . ئەرلەر ئايال تاللاشتا ئومۇمەن تۆۋەندىكى تۆت خىسلەتىنىڭ بىرىنى ئۆلچەم قىلىدۇ . ئۇلار، ئاياللارنىڭ باي بولۇشى، ئېسىل نەسەپلىك بولۇشى, گىزەل بولۇشى, ۋە دىندار بولۇشى. پىتىن بۇ سىپەتلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق تېپىلىدىغان ئايال ئەر ئۈچۈن تېپىلغۇسىز نېمەتتۇر . ئەمما دىندار بۇلۇپ باشقا ئىچ ئالاھىدىلىكى بولمىسا, ئۇنىڭ دىندارلىقى ھەممە ئالاھىدىلىكىنى بېسىپ چىشىدۇ . باشقا ئىچ ئالاھىدىلىك تولۇق تېپىلىپ دىندار بولمىسا، ئۇ خوتۇننى ئالغان ئەرنىڭ ھالىغا ۋاي .
چۈنكى مالدار بايلارنىڭ قى زى كىبىرلىك، ھېچكىمنى ياراتمايدىغان، ئۆزىنى ھاكىم مۇتلەق چاغلايدىغان بولىدۇ . ئەگەر ئۇنىڭ ئېرى ئىقتىساد جەھەتتە تۆۋەن بولسا , ئېرىنىڭ گەردىنىگە مىنىدۇ دە، خالىغان ئىشنى قىلدۇرىدۇ, ئەگەر ئۆي ئىشلىرىغا ئازراق ياردەم قىلسا , ئۇنىڭ مىننىتى ئېرىنىڭ پېشانىسىدىن كەتمەيدۇ. ھەر دائىم ئېرىنى نامراتلىقى، ئاجىزلىقى بىلەن ئەيىپلەيدۇ, قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان دەپ تىللايدۇ . ئېسىل نەسەپلىك خېنىملار دىندار بولمىسا، ھېچ كىمنى ئۆزىگە تەڭ قىلمايدۇ . ئۆزىنى گۇيا ئاسماندىكى كىن , باشقىلارنى ئۇنىڭ بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرۇش لاياقېتى بولمىغان ئاددىي مەخلۇقلار دەپ قارايدۇ. ئېرىنى كۆزىگە ئىلمەي ”سەندەك ئادەمدىن كىرمىڭى بار , مېنىڭدەك ئېسىلزادە، شەرەپلىك كىشى يوق “ دەپ ئاھانەت قىلىدۇ , ئېرىنىڭ ئاتا ئانىسىنى, ئۇرۇق تۇققانلىرىنى ياراتماي كۆڭلىنى ئاغرىتىدۇ .
گىزەللەر بولسا, گىزەللىكى بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا پەخىرلىنىپ، ئۆزىنى خەلقى ئالەمگە نامايان قىلىشقا ئورۇنىدۇ . ئەگەر ئۇ دىندار بولمىسا , پىتنىنىڭ ئوتىنى ياققۇچى بۇلۇپ , ھەر ئىشىكتىن چىقىدۇ, ھەر دەرىزىدىن قارايدۇ, كەلگەن كەتكەن بارلىق ئىنسانلارغا يىزىنى كۆرسىتىشكە, كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ماختىنىشقا ئامراق بولىدۇ . ئۆز ئېرىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرغاننى تىرمىدە ئولتۇرغانلىق دەپ ھېساپلايدۇ . كوچىغا چىقسا نامەھرەمدىن ئۆزىنى تارتمايدۇ . بۇنداق خوتۇنلار ھەققىدە سوفى ئاللاھ يار مۇنداق دەيدۇ : ئۇشۇل خاتۇنكى، نامەھرەم نەزەردۇر، ئەگەر شەمسۇ قەمەردۇر، ماچە خەردۇر .
ئەگەر چەندىكى بۇزرۇك زادەدۇر ئول، يېقىن بىل تۆرت ئاياغلىق مادەدۇر ئول، ئەگەرچە ئالمىدۇر، رۇخسارە ئالما، ئىزىلمەس سالمىنى بوينىڭغا سالما .
دىندار، ئىپپەتلىك ئايال بولسا، سالىھ خوتۇن، ئېرى ئۈچۈن ئۆمىرلىك يولداش بۇلۇپ ئېرى خۇرسەن بولسا، بىرگە خۇرسەن بولىدۇ . ئېرى غەمكىن بولسا كۆڭلىنى ئالىدۇ . مۇشكىللىككە دۇچ كەلسە ياخشى مەسلىھەت بېرىدۇ . ئېرىنىڭ بېشىغا خاپىلىق كەلسە تەسەللى قىلىدۇ . ئېرى بىر يەرگە كەتسە ئىپپەت نومۇسىنى ۋە مال مىلكىنى ساقلايدۇ . ئېرى تالادا ئىش ۋە باشقا قىيىنچىلىقلار سەۋەبى بىلەن چارچىغان ھالدا ئۆيگە كەلسە ئۇنىڭ ھالىنى سوراپ كۆڭلىنى ئېچىشقا، تاشقىرىدىكى ھارغىنلىق ۋە كۆڭىلسىزلىكلەرنىڭ دەرت ئەلەملىرىنى يوقىتىشقا تىرىشىدۇ. ئېرىنىڭ مال مىلكىنى ئىسراپ قىلىپ بۇزۇپ چاچمايدۇ. ئېرىنىڭ كىچى يەتمەيدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ بەر دەپ تەلەپ قىلمايدۇ . نامرات بۇلۇپ قالسا يىزىنى ئۆرىپ ئاتا ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەتمەيدۇ . ياخشى كىندىمۇ , يامان كىندىمۇ ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتمايدۇ. ئۇ ئاللاھ تائالا نىڭ قازا ۋە قەدىرىگە رازى بولىدىغان , نېمەتكە شىكرى قىلىدىغان، قىيىنچىلىققا سەۋر قىلىدىغان، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئىستەيد ىغان ئايال بولغاچقا , ئېرىنىڭ ھەقىقى دوستى , سۆھبەتدىشى , دەرت ئەلەملىرىگە ئورتاق, كۆڭىلچەك, مېھرىبان، سۆيىملىك يولدىشى بولىدۇ .
دىندار، سالىھ ئايال ئېرىگە ئىتائەتمەن بولىدۇ، تامىقىنى ئېتىدۇ , كىرىنى يۇيىدۇ, ئۆزى، بالىلىرى ۋە ئېرىنىڭ ئۆيدىكى ئىشلىرىنى ياخشى، رەتلىك قىلىدۇ . ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز تالاغا چىقمايدۇ. ئەۋلادلىرىنى بولۇشىغا تاشلاپ قويمايدۇ . ئۇ ئەينى ۋاقتىدا ھىكمەتلىك ئۇستاز , سالىھ خوتۇن, ئۆز مەسئۇلىيىتىنى بىلىپ ئادا قىلغۇچى، مەسئۇلىيەتچان , شەپقەتلىك ئانا بولىدۇ . شۇڭلاشقا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم يوقۇرىدىكى ھەدىستە »ھەممىسىدىن دىندار بولغىنىنى ئارتۇق بىلگىن « دېگەن . ئاللاھ تائالا قۇرئاندا قۇل بولسىمۇ دىندارنى ئېلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ : ئى مۇسۇلمانلار! مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېتمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. ھۆر مۇشرىك ئايال ھۆسن جامالى ۋە مېلى بىلەن سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ , مۆمىن دىدەك، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر ] سىرەبەقەرە 221 ئايەت [
رەسۇلۇللاھ سە للەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ » : كىمكى خوتۇننى ئىززەتلىك بولغانلىقى ئىچىنلا ئالسا , ئاللاھ ئۇنى خار قىلىدۇ . كىمكى خوتۇننى مېلى كۆپ بولغانلىقى ئىچىنلا ئالسا، ئاللاھ ئۇنى نامرات قىلىدۇ . كىمكى خوتۇننى ئېسىل نەسەپلىك بولغانلىقى ئىچىنلا ئالسا، ئاللاھ ئۇنىڭ مەر تىۋىسىنى چىشىرىدۇ . كىمكى كۆزىنى ناماھرەمگە قاراشتىن , جان يىرىنى زىنادىن ساقلاش ياكى سىلە رەھىم قىلىش يىزىسىدىن دىندار ئايالنى ئالسا , ئاللاھ ئايالنى ئەرگە , ئەرنى ئايالغا بەرىكەتلىك قىلىدۇ «.
ئىسلام نامرات، مسكىن، ھېچنەرسىسى يوق خوتۇنلارنىلا ئېلىڭلار دەپ بۇيرىمايدۇ . بەلكى ئۇ چىرايلىق، شەرەپلىك، تۇغىدىغان قىزلارنى ئېلىشقا رىغبەتلەنىرىدۇ . ساھابە كىراملاردىن بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسامغا ئۆيلەنگەنلىكىنى خەۋەر بەرگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام » : قىزمۇ، چۋكانمۇ؟« دەپ سورىغان. ھېلىقى كىشى ”چۋكان“ دېگەندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : قىز ئالساڭ بولمامدۇ؟ بىر بىرىڭلار بىلەن ئوينىشاتتىڭلار، بىر بىرڭلارنى كىلدىرەتتىڭلار « دېگەن ئىدى. چۈنكى ھۆسنى جاماللىق، ياش، خۇشپىئىل، سۆيىملىك ئايالى بولغان ئەر كىشى تالادىكى خوتۇنلارغا قارىمايدۇ . كۆڭلىنى ئۆزىنىڭ ھا لال ئايالى بىلەنلا قاندۇرىدۇ . بۇ يەردە دېمەكچى بولغان مەسىلە ئاياللارنىڭ دىندار بولۇشىنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇشتۇر .
ئاللاھ تائالا قىز ئوغۇل پەرزەنتلىرىمىزنى دىندار, سالىھ ۋە ياخشى ئەخلاقلىق قىلىپ يېتىشتىرگىلى نىسىپ قىلسۇن . ئۆيلەنمەكچى بولغان ياشلىرىمىزغا د ىندار، سالىھ قىزلار ئاتا قىلسۇن. ئامىين !
ئىزاھات تېكىستى كىرگۈزۈلمىگەن.
ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللا ھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار، چۈنكى ئاياللار قوۋۇرغىدىن يارىتىلغان، قوۋۇرغىنىڭ ئەڭ قىڭغىر يېرى باش تەرىپىدۇر . ئەگەر ئۇنى رۇستلىماقچى بولساڭ سۇندۇرۇپ قويىسەن، ئەگەر ئۆز ھالىغا قويساڭ قىڭغىر تۇرىۋىرىدۇ . شۇڭا ئاياللار غا ياخشى مۇئامىلە
جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە ئائىلە تۇرمۇشىدا ئەرلەرنىڭ ئاياللىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىپ، ئاياللارنىڭ مىجەز خاراكتېرىنى ئەگرى قوۋۇرغىغا ئوخشىتىدۇ . ئەر ئاياللار تۇرمۇش قۇرۇپ بىرگە ياشىماقچى بولغان ئىكەن، بىر بىرىنىڭ مىجەز خاراكتېرىنى ياخشى چىشىنىشى ۋە بىر بىرىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشى لازىم . ئاياللار ئومۇمەن ئاجىز، كۆڭىلچەك، نازۇك، تىز ھاياجانلىنىدىغان، كىچىككىنە نەرسىگە خوش بولىدىغان، راستقا ئىشەنمەي يالغانغا ئىشىنىدىغان، ھەر قانداق ئىشقا قارشىلىق كۆرسىتىدىغان، كىچىك بالىغا ئوخشاش ئۆزگىرىشچان خاراكتېرلىك بولىدۇ . ئۇنىڭ بۇ سۇيۇق خاراكتېرى بەزىدە ئۇنى كىچىككىنە ئىشقا ئاغرىنىپ جىدەل چىقىرىدىغان قىلىپ قويىدۇ .
بەزى ئەرلەر ھ ۇرۇن، مۇئامىلىسى قوپال، ئاچچىغى يامان، ئاسانلىقچە ر ازى بولمايدىغان، ئايالى شىنچە خىزمەت قىلىپ تۇرسىمۇ، ھېچ ئىش قىلمىدىڭ دەپ ئۇرىدىغان، بىر نەرسە تەلەپ قىلسا ئىسراپخور دەپ تىللايدىغان بەد ئەخلاق بولىدۇ . بۇنداق ئەرلەر ئاياللىرىنى تاقىتىدىن تاشقىرى ئىشلىتىپ قىينايدۇ ۋە ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلىدۇ . شۇڭلاشقا رەسۇلۇللا ھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە »ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار« دېگەن سۆزنى ئىككى قېتىم تەكرارلىغان .
ئىنسان دېگەننى ئۆزى خالىغاندەك قىلىپ ياسىۋالغىلى بولمايدۇ . شۇڭلاشقا ئەرلەر ئاياللارنىڭ بەزى ئۆزگىرىشچان، ئەگرى خاراكتېرىگە سەۋر قىلىپ، كەڭ ق ۋرساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى لازىم. ئۇنداق قىلمىغاندا تۇرمۇشىنى كۆڭىللىك ۋە ھۇزۇرلۇق داۋاملاشتۇرالمايدۇ. بىزدە ”تاغ يۆتكەلدى دېسە ئىشەن، ئادەمنىڭ خۇيى ئۆزگەردى دېسە ئىشەنمە “ دەيدىغان ماقال بار . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مانا مۇشۇ ھەقىقەتنى چىشەندىرىپ »ئاياللار قوۋۇرغىدىن يارىتىلغان« دېدى. يارىتىلىپ بولغان نەرسىنى ئۆزگەرتكىلى، ئوڭشىغىلى بولمايدۇ . دېمەك ئاياللارنىڭ خۇي پەيلىنى ئۆزگەرتىمەن، ئۆزىم خالىغاندەك قىلىمەن دېيىش مۇمكىن ئەمەس . چۈنكى ئۇ قوۋۇرغىنىڭ ئەڭ ئەگرى ئۇچچىغا ئوخشايدۇ . ئەگەر ئۇنى رۇستلاپ تىزلەيمەن دېسەڭ سۇندۇرۇپ قويىسەن . يەنى ئۇنىڭدىن پايدىلىنالمايسەن . شۇڭلاشقا ئۇنىڭ خاراكتېرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆي ئىچىدىكى بەزى ئىشلىرىغا كۆز يۇمۇپ، سەۋرلىك ۋە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلماي، ئۇنىڭ ھەر بىر ئىشىنى ئەيىبلەپ ھېساب ئالغىلى تۇرساڭ، ئۇ ھېچ ئىش قىلالمايدىغان پالەجگە ئايلىنىدۇ . ئەمما ئۇنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى ماختاپ قويساڭ، ئۇ خوش بۇلۇپ، ساڭا ئەرزىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىدۇ .
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە بىر ھەدىستە ئاياللارنى تىز سۇنۇپ كېتىدىغان شىشىگە ئوخشاتقان . ھەقىقەتەن ئاياللار ناھايىتى تىز خاپا بولىدۇ، ئاسانلا كۆڭلى سۇنىدۇ، بىر ئېغىز سۆزدىن رەنجىيدۇ. ئىشنىڭ تىگى تەكتىنى بىلمەيلا خاپا بۇلۇپ يىغلاشقا باشلايدۇ .
جەمئىيەتتە ئاياللارغا زۇلۇم قىلىدىغان ئىش كۆپ بولغاچقا جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولۇ ش ئالدىدا »ئاياللار ۋە قول ئاستىڭلاردىكى قۇل چۆرىلەر ھەققىدە اللەدىن قورقۇڭلار« دەپ ۋەسىيەت قىلغان .
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن » : سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى بولغىنىڭلار ئائىلىسىگە ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغىنىڭلاردۇر، مەن ئائىلىسىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشتا سىلەرنىڭ ياخشىراقىڭلاردۇرمەن «.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن » : ئىمانى كامىل بولغان مۆمىنلەر، ئەخلاقى ياخشى بولغانلاردۇر، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئەڭ ياخشى كىشى ئاياللىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان كىشىدۇر «.
ئاياللارمۇ ئەرلىرىنىڭ مىجەز خۇلقىنى ياخشى چىشىنىشى، مۇمكىن قەدەر ئېرىنىڭ ئاچچىغى كېلىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى، ئېرىنىڭ قۇربى يەتمەيدىغان نەرسىلەرنى تەلەپ قىلماسلىقى، ئېرىگە قوپال سۆزلەر بىلەن جاۋاب قىلماسلىقى، ئېرى غەزەبلەنگەندە، ئۆزىنى بېسىۋىلىپ، ئوتقا بېنزىن چاچماسلىقى لازىم . ھەر ئىككى تەرەپ بىر بىرىنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ئىش قىلسا، بەختلىك ئۆتەلەيدۇ .
ئاللاھ تائالا ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان، ئۇلارغا زۇلۇم قىلمايدىغان، ئۇلارنىڭ كەمچىلىكلىرىنى كەچىرىدىغان، مېھرى شەپقەتلىك ئەرلەرگە رەھىم قىلسۇنرىئې .گە ئىتائەت قىلىدىغان، ئاچچىغى كەلسە ئېرىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلمايدىغان، يوقىلاڭ ئىشقا ”خېتىمنى بەر “ دەپ يامانلاپ ئولتۇرىۋالمايدىغان ئاياللارغا رەھىم قىلسۇن. ئامىين !
ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جانابى ر ەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : ئەر كىشى خوتۇنىنى تۆشەككە چاقىرسا، خوتۇنى كەلگىلى ئۇنىمىغانلىقى ئۈچۈن، خوتۇنىدىن خاپا بولغان ھالدا يېتىپ قالسا، پەرىشتىلەر تاڭ ئاتقۇچىلىك ئۇ خوتۇنغا لەنەت ئوقۇيدۇ ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋ ايەت قىلغان. بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت. ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:3167[
جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم 68 ھەدىستە ياخشى جۆر تاللاشنى تەۋسىيە قىلدى. 69 ھەدىستە ئەرلەرگە ئاياللىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى م . انا بۇ ھەدىستە ئاياللارنىڭ ئەرلىرىنى ياخشى كىتىۋىلىشىنى، ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ .
ئەر ئاياللارنىڭ تۇرمۇش قۇرۇپ بىر ئۆيدە ياشىشىنىڭ ئاساسى ئەر خوتۇن بىر بىرىنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇشىدۇر. قالغان ئىشلار ئۇنىڭغا تەۋە. كىم نېمە دېسە دېسۇن بۇ بىر ھەقىقەت. شۇڭلاشقا ئۆيلەنمەكچى بولغان يىگىتلەر كۆڭلىنى ئاچالمايدىغان قېرى ئاياللار بىلەن توي قىلىشنى خالىمايدۇ . قىز چۋكانلارمۇ ئىستەكلىرىنى قاندۇرالمايدىغان بوۋايلارغا، ئىقتىدارسىز كىشىلەرگە تىگىشنى خالىمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدىن ئەسلى مەقسەت ھاسىل بولمايدۇ .
تۇرمۇشنىڭ بەخت سائادەتلىك ئۆتىشى، ئائىلىدە ھۇزۇر ۋە مۇھەببەتنىڭ داۋاملىشىشى ئاياللارنىڭ قولىدا . ئاياللار تالاغا چىقسا ياسىنىپ چىقىدىغان، ئۆيدە ئولتۇرسا پۇت قوللىرى كىر، چاچلىرى چۇۋۇق، كىيىملىرىنىڭ قارىغۇچىلىكى يوق ئولتۇرسا، ئېرى ئۇنىڭدىن يىرگىنىپ قارىغۇسى كەلمەيدۇ . ئۆيدە كۆڭلى سۇ ئىچمىگەندىن كېيىن كوچىلاردا ياسىنىپ يىرگەن خوتۇنلارغا قارايدۇ. بولۇپمۇ ئېرىنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلسا، ئېرىنىڭ كۆڭلى ئۇنىڭدىن پىتىنلەي سوغۇپ كېتىدۇ .
بۇ ئەھۋاللار ئاخىرىدا بىر بىرىدىن نەپرەتلىنىشكە، ھەتتا ئاجرىشىشقا ئېلىپ بارىدۇ .
ئېرى تۆشەككە چاقىرسا، بويۇنتاۋلىق قىلىپ ئۇنىمىغان ئايال، ئېرىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشتىن باش تارتقانلىقى ئۈچۈن، پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇيدۇ . ئەگەر ھەيز كۆرىپ قالغان ياكى ئاغرىپ قالغان بولسا، ئۇنىڭ ئۇنىماسلىقى ئاسىيلىق بولمايدۇ . پەيغەمبەر ئەلە يھىسسالامنىڭ يېنىغا بىر ئايال كېلىپ ” : يا رەسۇلۇللاھ ! ئەر كىشىنىڭ خوتۇنى ئىستىدىكى ھەققى نېمە؟ “ دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : ئەرنىڭ خوتۇنى ئىستىدىكى ھەققى : ئېرى تۆشەككە چاقىرسا رەت قىلماسلىقى، ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز نەپلە روزا تۇتماسلىقىدۇر. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا، تاكى ئېرىنى رازى قىلغۇچىلىك رەھمەت ۋە ئازاب پەرىشتىلىرى ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇيدۇ « دەپ جاۋاب بەرگەن .
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئەرنىڭ رازىلىقىغا باغلىدى . يەنى ئېرى رازى بولغان ئايالدىن ئاللاھ تائالا رازى بولىدۇ . ئېرى نارازى بولغان ئايالدىن ئاللاھ تائالامۇ رازى بولمايدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېرىنى نارازى قىلغان ئايالنىڭ ئوقۇغان نامازلىرى ۋە قىلغان ئىبادەتلىرى قوبۇل بولمايدىغانلىقىنى بىلدىرىپ، »ئېرىنى نارازى قىلغان ئايال، تاكى ئېرىنى رازى قىلغۇچىلىك نامازلىرى ۋە ياخشى ئىشلىرى قوبۇل قىلىنمايدۇ« دېدى .
ئاياللارنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشىدىن مەقسەت، زالىم ئەرلەرنىڭ ئىستىبداتلىق قىلىپ ئاياللارنى ئىزىشىگە يول ئېچىپ بېرىش ئەمەس . بۇنىڭدىن مەقسەت ئەر ئاياللارنىڭ بىر بىرىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش ۋە بىر بىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئارقىلىق ئۆز ئارا مۇھەببەتنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە بەخت سائادەتلىك ئائىلە قۇرۇشتۇر . چۈنكى ئائىلە جەمئىيەتنىڭ كىچىك شۆبىلىرىدۇر. ئائىلىلەر بەخت سائادەتلىك بولسا، ئۇنىڭدىن چىققان ساغلام ئىنسانلاردىن تەركىپ تاپقان جەمئىيەتتە تىنچ ئامانلىق ۋە خاتىرجەملىك بولىدۇ . ئائىلە بۇزۇلسا، جەمئىيەتتە ھەر تۈرلۈك مىشكىللىكلەر، يامان ئىللەتلەر مەيدانغا كېلىپ خەلق خاتىرجەم ياشىيالمايدۇ . شۇڭلاشقا ئىسلام ئائىلىگە ناھايىتى بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ .
ئاللاھ تائالا ئەرلەرگە ئىنساپ، ئاياللارغا تەۋپىقھ ىدايەت ۋە ئەقىل بېرىپ، ئاڭلىق ھالدا ياخشى تۇرمۇش كەچىرگىلى نىسىپ قىلسۇن. ئامىين !
