Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

21–30-ھەدىسلەر: ئىستىقامەت، ھەمكارلىق ۋە تەقۋالىق

This content is not yet available in your language.

2121-ھەدىس: مۇسۇلماننىڭ سۈپىتى توغرىسىدا#

21 ھەدىس مۇسۇلمانىڭ سىپىتى توغرىسىدا ھەزرىتى بئادۇللاھ ئىبنى ئەمرئى ۇىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى, جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن» : مۇسۇلمان باشقا مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تىلى ۋە قولى دىنساق قالغان كىشىدۇر. مۇھاجىر ئاللاھ تائالا توسقان ئىشلارنى تەرك ئەتكەن كىشىدۇر ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت. ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:10[

ئىزاھات :

ئىسلام ى دىنپەقەت ناماز , روزا، زاكات , ھەج، قۇرئان تىلاۋ ەت قىلىش, تەسبىھ ئېيتىش، س ە دىقە ۋە باشقا ئىبادەتلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ بۇ . لار ناھايىتى زور ۋە ئىنتايىن مۇھىم ئىبادەتلەر بۇلۇپ، تەرك ئېتىشكە ياكى سەل قاراشقا زادى بولمايدۇ . لېكىن دىن پەقەت موشۇلاردىنلا ئىبارەت ئەمەس. بەلكى ئىسلام ى دىن ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئەست ايىدىل بەجا كەلتىرىش ، ئاللاھ توسقان بارلىق ئىشلاردىن قەتئى يېنىش , نەپسى خاھىشىنى اللەغا بويسۇندۇرۇپ، تۇرمۇشنىڭ بارلىق سەھىپىلىرىنى ئىسلامنىڭ تەلىماتىغا توغرىلاش ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇنىڭ دىن ئايرىلماسلىقتىن ئىبارەتتۇر . چۈنكى دىن بىر پىتىن گەۋدە بۇلۇپ , ئۇنى پارچىلىغىلى بولمايدۇ . كىمكى ئۇنى پارچىلاپ ، بىرىگە ئەمەل قىلىپ بىرىنى تاشلاپ قويىدىكەن ، ئۇ مۇشۇ دۇنيا ۇا خارلىققا دۇچار بولۇپلا قالماستىن ئۇ دۇنيادىمۇ ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : سىلەر كىتاپنىڭ بىر قىسىم ئەھكاملىرىغا ئىشىنىپ , بىر قىسىم ئەھكاملىرىنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ سىلەردىن شۇنداق قىلغانلارنىڭ جازاسى پەقەت ھاياتى دۇنيادا خارلىققا قېلىش , قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر ] سىرە بەقەرە:85 ئايەت [

ئاللاھ تائالانىڭ بەزى ئىشلارنى توسقانلىقى، پەقەت ئامانلىقنى ئۇمۇملاشتۇرۇش ، قانۇن تىزىمنى قوغداش، پەزىلەتنى ياشىتىش، بەدەن ۋە ئەقىلنى ھەر تۈرلۈك بۇزغۇنچىلىقتىن ساقلاش ، ھوقۇق ۋە مالىمىلكنى تاجاۋۇزدىن قوغداش، مۆمىننىڭ يامان نەپسىنى يېڭىشىنى قولغا كەلتىرىش، زىنا , بەچچىۋازلىق، ھاراق، قىمانەش , رشە، ئەفيۇن، غەيۋەت، گەپ توشۇش، جازانىخورلۇق، ئوغر، قىلى بۇلاڭچىلىق، قاراقچىلىق ، تارا زىدا، ئۆلچەمدە , گەزدە ، مېتىردا , ساندا كىشىلەرنى ئالداش قات ارلىق ئىشلارنى يوقىتىش ئارقىلىق , شەخسلەرنى, جامائەت ،نىلەرمىللەتنى بەختلىك قىلىش , مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەرگە مۇھ ەممەد ئەلەيھىسسالا منىڭ شەرىئىتىنىڭ ھەر زامان ۋە ھەر ماكانغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى بىلدىرىش ئۈچۈن .دۇر ئەقلى بار ھەر قانداق كىشى بۇ ھەقىقەتلەرنى بىلسە , ئاللاھ تائالانىڭ بەرگەن نازۇ نېمەتلىرىنى ئويلىسا، ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىدۇ ۋە ئىسلامنى قوبۇل قىلىدۇ . چۈنكى بۇ دىن بارلىق ئىنسانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئالەمشۇمۇل قانۇنغا ئىگە بۇلۇپ، ئىلىم پەن ۋە مەدەنىيەتكە زىت كەلمەيدۇ .

پەزىلەتلىك مەدەنىيەتتىن ھېچكىمنى مەنئى قىلمايدۇ .

مەن مۇسۇلمان دەپ د ۋا ەقىلغان كىشىنىڭ ئىسلامى، پەقەت كىشىلەرگە ئازار بېرىشتىن قولىنى، تىلىنى يىققاندىلا ئاندىن مۇكەممەل بولىدۇ. ھەقىقىي مۇھاجىر ۋەتىنىنى تەرك ئەتكەن كىشى ئەمەس , بەلكى ئاللاھ تائالا چەكلىگەن نەرسىلەرنى تەرك ئەتكەن كىشىدۇر . باشقىلارغا ئەزىيەت بەرمەكچى بولغان ئادەم كۆزى بىلەن , قولى بىلەن , قۇلىق ى بىلەن , تىلى بىلەن ۋە ئەۋرىتى بىلەن دىشمەنلىك قىلىدۇ . لېكىن ئەڭ كۆپ ئەزىيەت تىل ۋە قول بىلەن بولغاچقا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ يەردە تىل بىلە ن قولنى زىكىر قىلغان . بۇ ئىككى ئەزاسى بىلەن باشقىلارغا ئازار بېرىشتى ن، زىيان زەخمەت يەتكىزىشتىن ئۆزىنى ساقلىغان كىشى، ئەلۋەتتە باشقا ئەز الىرى بىلەن ئەزىيەت بەرمەيدۇ .

بۇ يەردە شۇنىمۇ ئۇنت ۇماسلىق لازىمكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ يەردە مۇسۇلمانلارنى تىلغا ئېلىشى دىن، كاپىرلارنىڭ مېلىغا ، جېنىغا، ئىپپەت نومۇسىغا چېقىلىشقا بولىدۇ دېگەن مەنە چىقمايدۇ. چۈنكى ئىسلام مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن، مەيلى كاپىر بولسۇن، باشقىلارغا زىيان يەتكىزىشنى مۇسۇلمانلارغا ھارام قىلغان . ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئەھلى جەننەت بىر كىشىنىڭ بوينىدا ئەھلى دوزاخنىڭ ھەققى بولسا، شۇنى ئېلىپ بەرمىگىچىلىك ئۇ كىشى نى جەننەتكە كىرگي زمەيدىغانلىقىغا، ئەھلى دوزاختىمۇن ئەھلى جەننەتنىڭ قىساسىنى ئېلىپ بەرمىگىچە دوزاخقا كىرگيزمەيدىغانلىقىغا ھۆكىم قىلغان (1). شۇنىڭ ئۈچۈن كىم بولۇشىدىنئقەتىينەزەر ھېچبىر كىشىنىڭ ھەققىگە چېقىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەكخا . ئىنغا خىيانەت بىلەن، يامانلىق قىلغانغا يامانلىق بىلەن مۇئامىل ە قىلىش مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتىلىرىمىز ” : ئاتاڭ يەردۇر، ئاناڭ يەردۇ ر، سەن ھەم يەردەك قىلىق قىل . يامانلىق ئەيلىگەنگە ياخشىلىق قىل“ دېگەن .

ئەھلى ھەقىقەت بولغان زاتلار مۇنداق دېگەن ئىكەن :

گەر ” قولۇڭدىن كەلسە ھەرگىز مۇرچىنى ئاغرىتمىغىل ، بەس خۇدا بەندەم دېمەس ھەركىمگە دىل ئازارىدۇر “.

مۇسۇلمانز ئۆ ىگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئ ىلگە قىلىپ ئ ، ۇنىڭ تۇتقان يولىنى تۇتۇشى كېرەك. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر قانداق كىشى گە راستچىللىق ۋە ئىشەنچىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى . كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا (1) »جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش «81 بەت. ئاپتۇرى: مۇھەممەد ئىبنى سالىم بەيھانى .

مۇسۇلمان كاپىر ، يەرلىك مۇساپىر دەپ ئايرىماتتى. ئۆزىگە ئەگەشكەن مۆمىن بولسۇن، ياكى قارشى چىقىپ دىشمەنلىك قىلىۋاتقان كاپىر مۇشرىكلارل بوسۇن ھېچكىمگە يامانلىق قىلمايتتى. پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىگە قارشى چىقسا، ياكى دەۋەتنىڭ ئالدىنى توسسا، ئۇچاغدا بۇنداق دۈشمەنلەرگە ر شۇلارنىڭ كەلتىرگەن زىيىنى مىقدارىدا جازاسىنى بېرەتتى. بەزىدە ئاللاھ تائالانىڭ : ئەپۇنى دوست تۇتقىن، ياخشىلىققا بۇيرىغىن , نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن  ] سىرە ئەئراف: 199 ئايەت[ دېگەن ئەمىرگە ئىتائەت قىلىپ كەچىرىم قىلاتتى .

مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى مانا موشۇنداق پەزىلەتلىك بۇلۇپ، ھەرقانداق كىشىنىڭ ئىشەنجىسىگەگە ىئبولۇشى لازىم . ئۆزىگە خائىنلارنى، يامان ئادەملەرنى ئەمەس رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ۋە ئۇنىڭ نۇرلۇق چىراق بولغان ساھابىلىرىنى ئىلگە قىلىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا

مۇنداق دەيدۇ :

سىلەرگە اللەنى، ئاخىرەت كىنىنى ئۇمىد قىلغان ۋە اللەنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ەر سۇلۇ للاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئىلگىدۇر. ]سىرە ئەھزاب: 21 ئايەت [

ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلار !

تىلىڭلارنى, دىلىڭلارنى, قولۇڭلارنى ۋە باشقا بارلىق ئەزالىرىڭلارنى كىشىلەرگە ئەزىيەت بېرىشتىن ۋە زىيان زەخمەت يەتكىزىشتىن ساقلا ڭلار. ئازراق دۇنيا مەنپەئىتىنى دەپ دىنىڭلارنى ساتماڭلار. ئاللاھ تائالانىڭ بەرگىنىگە قانا ئەت قىلىڭلار بىز . نىڭ ۋەزىپىمىز توغرا يول بىلەن تىرىشىپ ئىشلەش، رىزىق بەرگىچى ئاللاھ ئۆزى. شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەپ ئاللاھ تائالا نىڭ ئاتا قىلغان رىزقىغا رازى بۇلۇپ، شىكىر قانائەت قىلىش، باشقىلارنىڭ مال مىلكىگە كۆز تىكمەسلىك، ھەققىگە تاجاۋۇز قىلماسلىق , يامانلىق قىلىشقا كىچى يېتىپ تۇرۇغلۇق يامانلىق قىلىشنى تەرك ئېتىش، ھەققىى كامىل مۇسۇلمانلىقنىڭ بەلگىسىدۇر .

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ :

ئى مۆمىنلەر! اللەدىن قورقۇڭلار، توغرا سۆزنى قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى تىزەيدۇ )يەنى سىلەرنى ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋپەپەق قىلىدۇ ( گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ . كىمكى اللەغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىتائەت قىلسا زور مۇۋ ەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ . ] سىرە ئەھزاب: 70 71 ئايەتلەر [

ئاللاھ تائالا بىزگە توغرا يولنى كۆرسىتىپ، شۇ يولدا مېڭىشنى نەسىپ قىل .سۇنئۆزئارا دوستلۇق قېرىنداشلىقىمىزنى مۇستەھكەم قىلىپ، كىشىلەرگە تىلىمىز ۋە قولىمىز بىلەن زىيان ئۇرۇشتىن ساقلىسۇن. ئامى !ني

ئىزاھات تېكىستى كىرگۈزۈلمىگەن.

2222-ھەدىس: ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش توغرىسىدا#

22 ھەدىس ئۆز ئازا ھەمكارلىشىش توغرىسىدا ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشى، ئۇ قېرىندىشىغا زۇلۇم قىلمايدۇ ۋە ياردەمسىز تاشلاپ قويمايدۇ . كىمكى بىر دىن قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىدۇ . كىمكى بى ر مۇسۇلماننى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قويسا، ئاللاھ تائالا شۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇ كىشىنى قىيامەت كىنىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ، كىمكى بىر مۇسۇلماننى يۆگىسە، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇنى يۆگەيدۇ.« ]بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم ئوخشاش تېكىست بىلەن رىۋايە ت قىلغان. ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى 2399، مۇسلىمدىكى نومۇرى: 6530[

ئىزاھات :

قېرىنداشلىق نەسەپ، دىن، ۋەتەن، پرىنسىپ ۋە مۇئامىلاتلار بىلەن بولىدۇ . بۇ ئالاقىلارنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم ۋە ئەڭ مۇھەببەتلىك بولغىنى ئىسلام قېرىنداشلىقى بۇلۇپ، ئۇ مەڭگىلىك بولىدۇ ۋە ھەر تۈرلۈك ئېگىز پەس ھادىسلەر بىلەن بۋزۇلمايدۇ. بۇ ئىسلام قېرىنداشلىقى بىر مىللەتكە مەخسۇس ياكى مەلۇم بىر زامانغا باغلىق ئەمەس، بەلكى ئۇ پىتىن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىلەن بولىدىغان مەڭگىلىك قېرىنداشلىقتۇر .

ئاللاھ ئۈچۈن بولغان قېرىنداشلىق داۋاملىشىدۇ، باشقا سەۋەبلەر بىلەن بولغان دوستلۇق قېرىنداشلىق داۋام قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : بۇ كۈندە )قىيامەت كىنىدە ( دوستلار بىر بىرىگە دىشمەن بولىدۇ، پەقەت خۇدالىق ئۈچۈن دوستلاشقان تەقۋادارلارلا ئۇنداق ئەمەس .] سىرە زۇخرۇف: 67 ئايەت[ دېمەك، ئىسلام قېرىنداشلىقى قىيامەت كۈنى جەننەتتىمۇ داۋام قىلىدۇ .

بۇ قېرىنداشلىق ئېغىزدىلا ئەمەس، ئەمەلىيەتتە مەۋجۇد بولۇشى كېرەك . ئەمەلىيەتتىكى دوستلۇق، قېرىنداشلىق قانداق بولىدۇ؟ يوقۇرىدىكى ھەدىس مانا موشۇ سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ.

مۇسۇلمان يەنە بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىغا زۇلۇم قىلماسلىقى، ئۇنىڭ ھەققىنى ئېلىۋالماسلىقى، ئۇنىڭغا چوڭ كىچىك زىيان ئۇرماسلىقى، ئۇنى كەمسىتمەسلىكى، خور كۆرمەسلىكى، ئالدىماسلىقى، ساختا قىلماسلىقى، ئۆز نەپسى ئۈچۈن دىن قېرىندىشىنى ئو تقا تاشلىماسلىقى، قېرىندىشى ھەققىدە يامان گۇمان قىلماسلىقى، تىللىماسلىقى، ئۇرماسلىقى، يوقۇرىغا چاقماسلىقى ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك ناھەقچىلىك ئىشلارنى قىلماسلىقى لازىم .

ئەگەر بىر دىن قېرىندىشىنىڭ بېشىغا كىن چىشسە، ياكى بىرەر مۇسىبەت كەلسە، ئۇنى يالغۇز تاشلاپ ق ۋيماستىن ياردەم قىلىشى، ئۇنىڭغا يار يۆلەك بولۇشى، خارلىنىپ قالسا ئېزىز قىلىش، ئېزىپ كەتسە ياخشى نەسىھەت قىلىپ ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇشى، زۇلۇمغا ئۇچرىسا ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇرۇپ زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشى، يېقىنلىرىدىن بىرەرسى ئۆلىپ كەتسە تەزىيە بىلدىرىشى، ياخشىلىق كۆرسە رەھمەت ئېيتىشى، كۆڭلىنى ئاغرىتىپ سالغان بولسا ئۆزرە ئېيتىشى لازىم. ھەقىقىي قېرىنداشلىقنىڭ بەلگىسى مانا موشۇ ئىشلارنى قىلىشتۇر .

بىر شائىر مۇنداق دەيدۇ :

يەنى: ھەر قانداق ئ ەھۋال ئاستىدا سەن بىلەن بىرگە بولغان ۋە ساڭا مەنپەئەت يەتكىزىش ئۈچۈن ئۆزىگە زىيان ئۇرغان كىشى سېنىڭ سادىق قېرىندىشىڭدۇر .

مانا موشۇنداق سادىق دوست، مۇخلىس قېرىنداش، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ ساغلام ئەزاسى بولالايدۇ . ئەگەر پىتىن ئەزالار موشۇنداق ساغلام بولغا ن بولسا، ئەلۋەتتە غايىمىزگە يېتەتتۇق ۋە نەتىجىسىنى كۆرەتتۇق . ئەمما بىگىنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھالىغا بىر قارايدىغان بولساق، كىچ قۇۋەت، ئىززەت غۇرۇر دېگەن نەرسە يوقالغان، دوستلۇق، قېرىنداشلىق ئاجىزلاشقان، ئەگەر بىرسىنىڭ بېشىغا بىر خاپىلىق كەلسە، ئۇنىڭغا يار دەم قىلىدىغان، يىقىلىپ چىشسە، قولىدىن تۇتۇپ يۆلەيدىغان، بىر يېرى سۇنۇپ كەتسە، تېڭىپ قويىدىغان كىشى تېپىلمايدۇ . بەزىدە كۆرىپ تۇرۇپ ياردەم قىلماي تاشلاپ قويىدۇ ۋە مۇسۇلمان قېرىندىشىغا قىلىدىغان خىزمىتىنى، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمايدۇ. خۇددى شائىر دېگەندەك : يەنى: سانايدىغان بولساڭ قېرىنداشلار نېمىدېگەن كۆپ ! لېكىن بېشىڭغا خاپىلىق كەلگەندە ئۇلار ئىنتايىن ئازدۇر .

ھەقىقىي مۇسۇلمان ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىدۇ، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ ھۋ قۇقىنى تەلەپ قىلىدۇ، پىتىن ئىشلىرىدا بىر اللەغىلا تايىنىدۇ، باشقىلارغا يىك بولىۋالمايدۇ .

ئەگەر دىنى قېرىنداشلىقىمىز سادىق ۋە مۇستەھكەم بولمايدىكەن، ئىسلامىي بىرلىك سېپىمىز بولمايدۇ، سۆزىمىزنى بىرلەشتىرمىسەك بىزنىڭ بارلىقىمىز ئېتىراپ قىلىنمايدۇ. پىتىن مىشكىلاتلار ۋە قىيىنچىلىقلار، تەئەسسۇبىيەتنى تاشلاپ قېرىنداشلىقنى مۇستەھكەملەش، پەزىلەتلىك ئەخلاقنى بەرپا قىلىش ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كىچەيتىشكە باغلىق .

مۇسۇلمان قېرىندىشىغا ياردەم قىلىش ھەرگىز مۇكاپاتسىز قالمايدۇ . ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ مۇكاپاتىنى ھەم بۇ دۇني ادا، ھەم ئاخىرەتتە بېرىدۇ . ئىنساننىڭ بېشىغا قاچان كىن چىشىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. بۇگىن بىر كىشى ماڭا مۇھتاج بولغان بولسا، ئەرتىسى مەنمۇ باشقا بىرىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بۇلۇپ قېلىشىم مىمكىن . بۇ ھەقىقەتنى قەتئىي ئۇنۇتماسلىق كېرەك . شۇڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يوقۇرىدىكى ھەدىستە »كىمكى دىن قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىدۇ « دىگەن . يەنى بىز قولىمىزدىن ياردەم كېلىدىغان شارائىتتا دىن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ قويساق، بىزنىڭ بېشىمىزغا كىن چىشكەندە ئاللاھ الاتائ ھەرگىز بىزنى ياردەمسىز قويمايدۇ .

ئاللاھ تائالانىڭ بۇ مۇكاپاتى موشۇ دۇنيادىلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، قىيامەت كۈنى ئاتا بالىدىن، تۇغقان تۇغقاندىن، ئەر خوتۇندىن قاچىدىغان، ھېچ قانداق ياردەمچى تاپقىلى بولمايدىغان دەھشەتلىك ئاندا ئاللاھ تائالا ياردەم قولىنى سۇنىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنى بىلدىرىپ» : كىمكى بىر مۇسۇلماننى قىيىنچىلىقتىن قۇتتۇلدۇرسا، ئاللاھ شۇنىڭ سۋۋەبى بىلەن ئۇ كىشىنى قىيامەت كىنىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ« دېگەن .

بىر مۇسۇلمانغا ئىلمى بىلەن، مېلى بىلەن، ياكى مەرتىۋىسى بىلەن ياردەم قىلسا، ياكى نەسىھەت قىلسا، ياكى بىرىنىڭ گۇناھىنى تىلىۋالسا، ياكى دىن قېرىندىشىنىڭ ھەققىدە دۋئا قىلسا، موشۇ ئىشلارنىڭ ھەر بىرى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلغان بۇلۇپ، يۇقىرىدىكى ھەدىستە ئېيتىلغان مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ .

ئى ئۇلۇغ ال ! لەبىزلەرنى مۇسۇلمانلارنى سۆيىدىغان، ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان، قولىدىن كېلىدىغان ياردەمنى ھېچكىمدىن ئايىمايدىغان ھەقىقىي قېرىنداش مۇسۇلمانلاردىن قىلىپ، قىيامەت كۈنى ياردەمگە ئەڭ قاتتىق مۇھتاج بولغان چېغىمىزدا، بىزنىڭ قولىمىزدىن تۇتقىن ۋە بىزنى قىيامەتنىڭ دەھشەتلىك كۇلپىتىدىن قوتۇلدۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى نىسىپ قىلغىن. ئامىين !

ئىزاھات تېكىستى كىرگۈزۈلمىگەن.

2323-ھەدىس: پەزىلەتلىك ئىشلار توغرىسىدا#

23 ھەدىس پەزىلەتلىك ئىشلار توغرىسىدا ھەزرىتى ئەلبەرا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ ” : رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى يەتتە ئىشقا ئەمرى قىلىپ , يەتتە ئىشتىن توستى . بىزنى كېسەلنى يوقلاشقا , جىنازىغا قاتنىشىشقا شچى ,كىرگيچىگە دۇئا قىلىشقا , چاقىرغان يەرگە بېرىشقا, سالامنى كۆپ قىلىشقا, زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا ياردەم قىلىشقا , قەسەم قىلغۇچىنىڭ قەسىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بۇيرىدى لئا .تۇن يىزىك سېلىشتىن, كىمىش قاچىدا بىر نەرسە ئىچىشتىن، يىپەك , مەشىت , ئىبرىشىم ەسق ,سى )مىسىردا يىپەكتى ن ئىشلىنىدىغان بىر خىل كىيىم(نى كىيىشتىن , يىپەك كۆرپىدە ئولتۇرۇشتىن , بىزنى توستى ] “.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت . ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:5508[

ئىزاھات : سۆيىملىك پەيغەمبىرىمىز جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى بارلىق ياخشىلىقلارغا بۇيرۇپ , ئۇنىڭ يوللىرىنى كۆرسەتكەن . بارلىق يامانلىقلاردىن توسۇپ , ئۇنىڭ قورقۇنچلۇق ئاقىۋېتىدىن ئاگاھلاندۇرغان . مانا ب ۇ ھەدىست ە پەيغەمبىرىمىز كىندىلىك تۇرمۇشتىكى ئەدەب ئەخلاق ۋە مۇئامىلىنىڭ ياخشى خىسلەتلىرىنى توپلاپ ئۇنىڭغا بۇيرىدى . كىيىم كىچەك ۋە زىبۇن زى نەتلەردە ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا ئوخشىۋېلىشىدىن توستى . بىزنى بۇيرىغان ئىشلارنىڭ بىرىنچىسى كېسەل يوقلاش . جانابى رەس ۇلۇللاھ مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن , مەيلى بولمىسۇن قانداق بىر كىشى ئاغرىپ قالسا, ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېسىلىنى يوقلايتتى. چۈنكى كېسەل يوقلاش كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى كۆتىرىدۇ. كېسەل ۋە ئائىلىسىنىڭ دەردىنى يەڭگىللىتىدۇ . زىيارەتچى كېسەلنىڭ ساقىيىشىنى ئۇمىت قىلىپ , كېسەلگە سەۋر قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ . بۇنداق كېسەللەرنىڭ ئاسان ساقىيىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ .

تونۇيدىغان ياخشى دوختۇر بولسا ئەكىلىدۇ . دورا ئېلىشقا ياردەم قىلىدۇ ۋە كېسەلگە چىرايلىق سۆزلەر بىلەن تەسەللى بېرىپ كۆڭلىنى ئالىدۇ . ئەگەر كېسەلنىڭ ساقىيىشىدىن ئۇمىت بولمى , سائۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ ئاخىرەتتىكى نازۇ نېمەتلىرىنى سۆزلەپ اللەنى ئەسلىتىدۇ . گۇناھىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ . 2 مۇسۇلمان ۋاپات بولسا جېنازىسىغا قاتنىشىش , نامىزىنى ئوقۇش ۋە يەرلىكىدە قويۇش . بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بىر بىرى ئىستىدىكى ھەققى . دۇرجېنازا نامىزىغا قانچە كۆپ ئادەم قاتنىشىپ مەغپىرەت تەلەپ قىلسا , مېيىتنىڭ گۇناھىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى شىنچىلىك ئۇمىت قىلىنىدۇ. جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : يۈز مۇسۇلمان نامىزىنى ئوقۇپ , ھەممىسى بىردەك مەغپىرەت تەلەپ قىلغان مېيىتنىڭ گۇناھى كەچىرىم قىلىنىدۇ ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان [ جىنازىغا قاتناشقان كىشىنىڭ , جىنازا بىلەن قەبرىستانغا بېرىشى ۋە مېيىت ھەققىدە ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلىشى مۇستەھەب . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم» : جىنازا نامىزىغا قاتناشقۇچىغا بىر قىيرات، نامازغا قاتنىشىپ قەبرىستانغا بىرگە بارغۇچىغا ئىككى قىيرات ساۋاب بولىدۇ « ئىككى قىيرات دېگەن قانچىلىك؟ دەپ سورالغاندا، رەسۇلۇللاھ »ئىككى چوڭ تاغدەك « دەپ جاۋاب بەرگەن ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان [ جىنازا نامىزىغا بېرىش ۋە قەبرىستانغا بېرىپ مېيتنى يەرلىكىدە قويۇشقا ئىشتىراك قىلىش مۇسىيبەت ئەھلىگە چوڭ تەسەللى بولىدۇ .3 شچىكىرگىچىگە دۇئا قىلىش . يەنى چى شكىرگ ىچى ”ئەلھەمدۇ لىللاھ )اللەغا شىكرى (“ دەيدۇ . بۇنى ئاڭلىغۇچى ”يەرھەمۇكەللاھ )ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن (“ دەپ دۇئا قىلىدۇ. شچىكىرگچىى بۇنىڭا جاۋابەن ”يەھدىكۇمۇللاھۇ ۋە يۇسلىھە بالەكۇم )ئاللاھ سىلەرنىمۇ ھىدايەت قىلسۇن ۋە ئەھۋاللىرىنى تېخىمۇ ياخشى قىلسۇن (“ دەيدۇ . ئەگەر كىشى ئىچ قېتىمدىن ئارتۇ ق شچىكىرسە, ئۇنىڭغا ”شەفاكەللاھ )ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن (“ دەپ دۇئا قىلىدۇ . چۈنكى ئۇ زۋكامنىڭ بەلگىسىشىچ .كىرگىچى چىشكىرگەندە، مۇمكىن قەدەر ئاۋازىنى پەس قىلىشى , يىزىنى يان تەرەپكە چۆرىشى ۋە ئېغىز بۇرنىنى ياغلىق ياكى قولى بىلەن يۆگىشى لازىم . 4 چاقىرغان يەرگە بېرىش . ئەگەر شەرىئەتكە خىلاپ قىلىقلار بولمايدىغان يەرگە چاقىرىلسا , ئۇنى قوبۇل قىلىپ بېرىش كېرەك . جانابى رەسۇلۇللاھ مۇشرىك ياكى يەھۇدى چاقىرسىمۇ باراتتى . بەزى ئالىملار نەپلە روزا تۇتقان كىشى تويغا چاقىرىلسا , روزىسىنى بۇزۇپ بېرىش كېرەك دەيدۇ . ئەگەر ھاراق شاراپ ئىچىلىدىغان سورۇنلارغا چاقىرىلسا, ئۇنداق يەرگە بېرىشقا بولمايدۇ .

5 سالاملىشىش. مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى قېرىنداشلىقنىڭ بىرىنچى ئالامىتى ئۆزئارا سالاملىشىشتۇر. بىرى ”ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم “ دەپ سالام قىلسا ” , ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام “ دەپ جاۋاب قايتۇرۇش ئەڭ ئاددى جاۋابتۇر. ئاللاھ تائالا سالامغا جاۋاب قايتۇرۇش ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ :  سىلەرگە بىر كىشى سالام بەرسە, ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم« دەپ سالام بەرسە, ئۇنىڭغا »ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ« دەڭلار» ياكى ئۇنىڭ سالامىنى ئەينەن قايتۇرۇڭلار ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام « دەڭلار « .»]سىرە نىسا:86 .ئايەتنىڭ بىر قىسمى [ بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتىش كېرەككى، مۇسۇلمانلارنىڭ سالامى »ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم « دىن ئىبارەت بولىدۇ . بەزى ياشلىرىمىزنىڭ »ياخشىمۇسىز؟« دېگەن سۆزى ياكى تىركچىدىكى م »ەرھابا« دېگەن سۆز سالامنىڭ ئورنىنى تۇتمايدۇ . چۈنكى بۇ سۆزلەر »ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم« سۆزىدىكى چوڭقۇر مەنىلەرنى ئىپادىلىمەيدۇ » . ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم « دېگەن )سىلەرگە سالامەتچىلىك بولسۇن، ئامانلىق بولسۇن، اللەنىڭ رەھمىتى سىلەرگە بولسۇن ( دېگەن دۇئا مەنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇلۇپ، ئۇ سالام بىلەن مۇسۇلمانلار بىر بىرىگە ئامانلىق ۋە رەھمەت تىلىشىدۇ . بۇ بولسا ھەقىقىي ئىسلامىي قېرىنداشلىقنىڭ سىمۋولى . بۇنى باشقا سۆزلەرگە ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ . ئالدى بىلەن »ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام « دەپ سالاملىشىپ، ئاندىن قانداق شەكىلدە ئەھۋال سوراشسا بولىدۇ . 6 زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا ياردەم قىلىش . مۇسۇلمان ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمايدۇ ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىنى ياردەمسىز قويمايدۇ . چۈنكى ناھەقچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىسلامنىڭ پىرىنسىپىدۇر . 7 قەسەم قىلغۇچىنىڭ قەسىمىنى ئە مەلگە ئاشۇرۇش . ئىنسانلار بەزىدە دىققەتسىزلىك قىلىدۇ . قىلىشقا كىچى يېتىدىغان يەتمەيدىغان ئىشلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىماستىن قەسەم قىلىپ تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قەسىمى ئارقىلىق كىچى يەتمەيدىغان ئىشلارنى ئىستىگە ئېلىۋالىدۇ . ئەگەر سادىق مۆمىن بولسا, مېلىدىن كاپپارەت بېرىدۇ ۋە ئۆزىدىن ئۆتەلگەن ئىشلارغا پۇشايمان قىلىدۇ. ئەگەر پاسىق , خۇدادىن قورقمايدىغان كىشى بولسا , ھەر كۈنى يىزلەرچە قەسەم قىلىپ ئۇنىڭدىن يانىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ يەردە قەسەم قىلغۇچىنىڭ قەسىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم قىلىشقا بۇيرىغان . يەنى بىر ئادەم ئويلىماستىن كىچى يەتمەيدىغان بىر ئىشنى قىلىمەن, ياكى قىلمايمەن دەپ قەسەم قىلغان بۇلۇپ, ئۇنى ئىجرا قىلالماي قالسا , باشقا مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ قەسىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم قىلىشى لازىم. ئەگەر قەسىمىنى ئەمەلگە ئاشۇر الماي بۇزسا ئۇ چاغدا كەپپارەت بېرىش لازىم بولىدۇ . قەسەمنىڭ كەپپارىتى ھەققىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ :  ئاللاھ سىلەرنى سەھۋەنلىك بىلەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، لېكىنسىلەرنى قەستەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ . مۇنداق قەسىمىڭلارنى بۇزساڭلار ئۇنىڭ كەففارىتى ئائىلەڭلارغا بېرىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك تاماق بىلەن ئون مىسكىنن ى بىر ۋاخ غىزالاندۇرۇشتۇر، ياكى ئۇلارغا )ئون مىسكىنگە ( بىر قۇر كىيىم بېرىشتۇر، ياكى بىر قۇل ياكى بىر چۆرىنى ئازاد قىلىشتۇر . كىمكى بۇنداق قىلىشقا كىچى يەتمىسە، ئىچ كىن روزا تۇتۇشى لازىم . بۇ ئەنە شۇ ئىچكەن قەسىمىڭلارنى بۇزغانلىقىڭلارنىڭ كەففارىتىدۇر، قەسىمىڭ لارغا رىئايە قىلىڭلار )يەنى كەلسە كەلمەس قەسەم ئىچمەڭلار(. سىلەرنىڭ شىكىر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ.] سىرە مائىدە: 89 ئايەت [ھەدىستە مەنئى قىلىنغان نەرسىلەرنى ڭ بەزىسى ئاياللارغىلا ھالال قىلىنغان بۇلۇپ , ئەرلەرگ ە ھارام قىلىنغان ئۇ . ئالتۇندىن ياسالغان نەرسىلەرنى ئىشلىتىش ۋە يىپەك كىيىم كىيىشتۇر . بۇ ئىككى نەرسىنىڭ تىرى نېمە بولسا بولسۇن ئەرلەرگە ھارام . دۇرئاياللارغا ھالالدۇر . ئەمما ئالتۇن ۋە كىمىش قاچىدا يېيىش ئىچىش ئەر ئايال ھەممىگە بىردەك ھارامدۇر . رەسۇلۇ للاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : ئالتۇن ۋە كىمىش قاچىدا ئىچمەڭلار, ئۇ ئىككى ماددىدىن ياسالغان لىگەندە تاماق يېمەڭلار , ئۇ بۇ دۇنيادا كاپىرلارنىڭ , ئاخىرەتتە سىلەرنىڭدۇر .« ]بۇ ھەدىس ئەل مۇغنىي دېگەن كىتابتا كەلگەن [مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ زىبۇ زىنەتتە ھەددىدىن ئېشىپ , قوللىرىنى, بويۇنلىرىنى ئالتۇن بىلەن تولدۇرۇپ, ھەر بىر سورۇنغا بېرىش ئۈچۈن يېڭى كىيىم كىيىپ , ئۆزىدەك كىيەلمىگەن ئاياللارنىڭ ئالدىدا زىنەتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىشى , كەمبەغەل ئاياللارنى زاڭلىق ئېتىشى , ياراتماسلىقى , بىر يەردە ئولتۇرۇشتىن سەسكىنىشى قاتارلىق ئىشلارمۇ ھارامدۇر. ئۆزىدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلارنى كەمسىتىش چوڭ گۇناھ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاياللار ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشمىسۇن , مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار اللەنىڭ دەرگاھىدا مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن .] سىرە ھۇجۇرات:11 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [مانا ئىسلام قېرىنداشلىققا مۇشۇنداق كۆڭىل بۆلىدۇ . بۇ ھەدىستە ب ۇيرۇلغان ئىشلارنىڭ ھەر بىرى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىرلىك، بارابەرلىك ۋە قېرىنداشلىقنى مۇستەھكەملەشنىڭ بىرەر ۋاسىتىلىرىدۇر. توسۇلغان ئىشلارمۇ مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى قېرىنداشلىققا دەخلە يەتكىزىدىغان ۋە دىشمەنلىك، ئاداۋەت پەيدا قىلىدىغان ئىشلاردۇر . قېرىنداشلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ ھەدىسنىڭ روھىغا ئەستايىدىل ئەمەل قىلىشىمىز لازىم . چۈنكى قۇرتۇلۇش يولىمىز ئىسلامىي قېرىنداشلىقتۇر .ئى ئۇلۇغ پەرۋەردىگارم ! بىزلەرنى ھەبىبىڭ مۇھەممەد مۇستەپا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كۆرسەتكەن يولىدىن توغرا ماڭغىلى نىسىپ قىلغىن ، مۇسۇلمانلارنىڭ سەپلىرىنى بىرلەشتىرگىن. ئامىين!

ئىزاھات تېكىستى كىرگۈزۈلمىگەن.

2424 ۋە 25-ھەدىسلەر: مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى - مۇھەببەت توغرىسىدا#

ھەزرىتى ئنومان ئىبنى بەشىير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى, جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن : »مۆمىنلەر ئۆزئارا بىر بىرىگە مېھرى مۇھەببەت كۆرسىتىشتە ۋە بىر بىرىگە ھېسداشلىق بىلدىرىشتە خۇددى بىر بەدەنگە ئوخشايدۇ . ئەگەر بەدەننىڭ بىر ئەزاسى ئاغرىسا, قالغان ئەزالارنىڭ ھەممىسى ئۇيقىسىزلىق ۋە ئىسمىداش بىلەن ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىدۇ ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت. ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى:6538[

ئاللاھ تائالا بارلىق مۆمىنلەرنى بىر ئىمم ەت قىلىپ، ئۇلارنى ڭ ئارىسىنى بىرلەشت ىرىش ئۈچۈن پىتىن مۇسۇلمانلارغا بىر خىل ئىبادەت بۇيرىغان , مەزكۇر ئىبادەتلەر نىڭ كۆپ قىسمى بىرلا ۋاق ا ت تىئادا قىلىنىدۇ . بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەت قىلىدىغان ئىلاھى بىر , پەيغەمبىرى بىر , قۇرئانى بىر, قىبلىسى بىر, ئىبادەتلىرى بىر, يىزلەرچە بىر ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بىر بىرىگە مۇستەھكەم باغلاپ تۇرىدۇ . ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتىرىپ , ئۇلارنى »ئۆزئارا قېرىنداش « دەپ ئېلان قىلدى . بۇ قېرىنداشلىقنى بۇزىدىغان ھەر تۈرلۈك ئامىللارنى مەنئى قىلدى . ئىسلامدا چوڭ كىچىك, ئاۋۋال ئاخىر, ئەر ئايال, خوجايىن , لقۇ پادىشاھ گاداي ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق يوقتۇر. ھەممىسى ئوخشاش اللەنىڭ بەندىلىرىدۇر. شەرىئەت قانۇنى ئالدىدا ھەممىسى تەڭ باراۋە ر ھوقۇققا ئىگە, ھەممىسى قېرىنداشتۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن : ئەگەر ئۇلار كۇفرىدىن تەۋبە قىلسا, ناماز ئۆتىسە, زاكات بەرسە دىنى جەھەتتە سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلاردۇر.] سىرە تەۋبە: 11 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [

ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى پىتىن دۇنيا خەلقىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن . رەسۇلۇللاھ بارلىق ئىنسانلارنى ھەق يولغا باشلاپ , تەۋھىدك ە ۋە بىرلىشىشكە چاقىرغان . ئىنسانلارنى بۇتلارغا ۋە باشقا ماددىي ئىلاھلارغا چوقۇنۇشتىن, مۇستەبىد ھۆكىمدارلارنىڭ زوراۋانلىقىدىن قۇتقۇزۇپ, ئاسمان زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مە خلۇقاتلارنىڭ ياراتق ۇچىسى ۋە مۇتلەق ھاكىمى بولغان ھەقىقى ئىلاھ ئاللاھ تائالاغا قۇللۇق قىلىشقا يىزلەندىرگەن . مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ قايسى مىللەت , قايسى ئىرق , قايسى دۆلەتكە مەنسۇپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مۇسۇلمانلا بولىدىكەن ھەممىسىنى قېرىنداش قىلىد ۇ، بىر ئىمم ەت قىلىدۇ . ئاللاھ تائالا ئەگەر مۇسۇلمانلار ئۆز ئارىلىرىدا ئىختىلاپ قىلىشىپ پارچىلىنىپ كەتسە قانداق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : ئىختىلاپ قىلىشماڭلار, بولمىسا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيسىلەر, كىچ قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ.] سىرە ئەنفال:46 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [

 ھەممىڭلار اللەنىڭ دىنىغا مەھكەم ئېسىلىڭلار, بۆلىنمەڭلار .] سىرە ئال ئىمران: 103 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىنىڭ ھەقىقىتىنى چىشىنىپ , رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىپ ئىدى , كۆپلىگەن مەملىكەتلەرگە ھاكىم بولدى , دۇنيانى ئۆزىگە بويسۇندۇردى , ئىنسانلارنى بەخت سائادەتكە ئېرىشتىردى , ئۇلارنىڭ خىزمىتى بىلەن ئاجىزلار كىچلىك بولدى , ئۇلارنىڭ ئادالىتى بىلەن كىچىگە تايىنىپ ئىنسانلارنى ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئىزىدىغان مۇستەبىدلەر ئاجىز بولدى . ئاللاھ يولىدا مېلى ۋە جېنى بىلەن جىھ اد قىلىپ , ھەقىقەتتە مۇستەھكەم تۇرۇپ ئىدى , خۇددى يىقىلمايدىغان مۇستەھكەم بىنا غا ئو خشاش بولدى . كىچىكلەر چوڭلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان , چوڭلار كىچىكلەرگە شەپقەت قىلىدىغان , پۇقرالار ئۆز باشلىقلىرىغا ئىتائەت قىلىدىغان, بايلار نامراتلارنى يۆلەيدىغان, ئالىملار بىلمىگەنلەرگە ئۆگىتىدىغان, ھەممە كىشى بىر بىرىنىڭ قەدىر قىممىتىنى بىلىدىغان, باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆز مەنپەئىتىدىن ئەلا بىلىدىغان , شەرقتىكى بىر مۇسۇلماننىڭ بېشىغا خاپىلىق كەلسە, غەربتىكى مۇسۇلمان ياردەمگە يىگىرىدىغان , پەزىلەتلىك بىر جەمئىيەت مەيدانغا كەلدى . شۇنىڭ بىلەن دىنى ئەزىز بولدى . يۇرتى, مېلى, جېنى, ئىپپىتى ھىمايە قىلىندى . ھاكىمىيىتى كىچلەندى, دىشمەنلىرى ئۇلارنىڭ ھەيۋىتىدىن ئەيمىنىدىغان بولدى . ئىنسانلار بۇ ھەقىقەتنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزلىگىدىن ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولدى. ھەقىقەت مەيدانغا چىقتى, ئىلىم پەن, مەدەنىيەت كەڭ تارالدى. مۇسۇلمان بولمىغانلارمۇ ئۇلارنىڭ ئادالەتلىك ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاشنى تەلەپ قىلىپ تەسلىم بولدى . زوراۋان ھاكىملارنىڭ زۇلمىدىن قاچقانلار مۇسۇلمانلارنىڭ پاناھىغا سېغىندى. ئەينى زاماننىڭ دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتىرگەن كىچلىك دۆلەتلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىدا پۇت تىرەپ تۇرالماي يىقىلىپ تارمار بولدى . مۇسۇلم انلار بەدەننىڭ بىر يېرى ئاغرىسا, پىتىن بەدەن بىئارام بولىدىغان بىر پىتىن گەۋدىگە ئايلاندى .كېيىنكى مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالانىڭ »ھەقىقەتەن مۆمىنلەر قېرىنداشتۇر« دېگەن سۆزىگە ئەمەل قىلماي، ئەرەب، ھىندى، تىرك، پارس دەپ مىللەتچىلىك، ھەتتا بىر مىللەت بولغان مۇسۇلمانلار خوتەنلىك، قەشقەرلىك، ئۇچى بۇچى دەپ، يۇرتۋازلىق، مەھەللىۋازلىق، مەزھەبۋازلىق قىلىپ پارچىلانغان ئىدى, ئەڭ ئاۋۋال دىنى, ئاندىن ھاكىمىيىتى، ھەتتا ۋەتەنلىرى قولىدىن كەتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : جامائەتتىن ئايرىلماڭلار، جامائەتتىن ئايرىلغاننى بۆرە يەيدۇ « دېگەن ئىدى ] .بۇ ھەدىسنى ئىمام نەسائى رىۋايەت قىلغان [ دەرۋەقە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىرلىك قالمىغاچ ھەممىسىنى يىرتقۇچ بۆرىلەر يەپ تىگە . تىتئىسلام دۆلەتلىرىنى ئەنگىلىيە, فرانسىيە, ئىتالىيە, گۋللاندىيە, پۋرتىگالىيە ۋە ئىسپانىيە ئۆز ئارىسىدا بۆلىشىپ مۇستەملىكە قىلىۋالدى . ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ بەزى ئۆلكىلىرى كۆرىنىشتە مۇستەقىل بولغان بولسىمۇ , ھەقىقەتتە ئۆز ئا لدىغا ھېچ ئىش قىلالمايدىغان , بىر بىرى بىلەن قەتئىي بىرلىشەلمەيدىغان پالەج ھۆكىمەتلەر قۇرۇلدى . مانا بىگىن دۇ نيادا مۇسۇلماننىڭ قېنى سۇدىنمۇ ئەرزان . ھەر يەردە مۇسۇلمان لار ئىزىلمەكتە , مۇسۇلماننىڭ دىنى ئاياغ ئاستى قىلىنماقتا , مۇسۇلماننىڭ يۇرتى بومباردىمان قىلىنماقتا , دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدە م ۇسۇلماننىڭ قېنى ئېقىتىلماقتا , بۇ ئەھۋاللار ھەممىگە ئايان . دۇنيادا ئەللىكتىن ئارتۇق مۇسۇلمان دۆلەت بار, ھەممىسى تاجاۋۇزچى، جاھانگىر ئامېرىكىدىن قورقۇپ قاراپ تۇرىدۇ . ئى مۇسۇلمانلار ! قېنى ئۆزئارا قېرىنداشلىق؟ قېنى دوستلۇق مۇھەببەت؟ قېنى رەھىم شەپقەت؟ قاچانغىچە مۇشۇنداق خار زەبۇن ياشايمىز؟ باشقىلارغا قاراپ ئىبرەت ئالمامسىلەر؟ با شقا باشقا دىندىكى ئىنسانلار دۇنياۋى مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن قانداق بىرلىشىۋاتىدۇ، كۆرمەمسىلەر؟ ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىشلىمەيدۇ، شەخسىي مەنپەئىتىنى قىلچە ئېتىبارغا ئالمايدۇ، ئۇلار خەلقى ۋە ۋەتىنى ئۈچۈن ئىشلەيدۇ . ئۇلار ئاتا بۋۋىلىرىمىز ئىشلىگەن ئىكەن پايدىسىنى بىز كۆردۇق، بىزمۇ كەلگىسى ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن ئىشلەيمىز دەيدۇ . ئۇلار مۇشۇ يولدا ماللىرىنى جانلىرىنى پىدا قىلىدۇ . ئۇلار دۇنيالىق ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق ئىتتىپاق بىرلىك ئىچىدە ئىشلەيدۇ . قىلغان ئىشلىرىمىزنىڭ دۇنيا ئاخىرەتتە پايدىسىنى كۆرىدىغانلىقىمىزغا ئىشەنگەن بىز مۇسۇلمانلار ئاشۇلاردىن ئىبرەت ئېلىپ، ئېڭىمىزنى ئۆستىرىشىمىز، ئۆز ھاياتىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ بىرلىشىشىمىز لازىم ئەمەسمۇ؟ بۇرۇنقى مۇسۇلمانلار بىلەن ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ ھالىنى شېلىشتۇرساق , شۇ ئايان بولىدۇكى, ئەگەر مۇسۇلمانلار ئەسلىگە قايتىپ ھەقىقى قې رىنداشلىق ئورناتمىسا , كىچى بولمايدۇ . ئاجىزلىق داۋاملاشقان مۇددەتچە بېشىنى كۆتىرەلمەيدۇ ۋە دىنىنىڭ ئەمرى پەرمانلىرىنىمۇ ئورۇنلىيالمايدۇ. چۈنكى بۇ دۇنيا كىچلىكنىڭ ھۆكىم سىرىدىغان يىرى . شۇڭا كىچسىزلەر بېشىنى كۆتىرەلمەيدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمبۇ » : ئىممەتنىڭ ئاۋۋىلى نېمە بىلەن تىزەلگەن بولسا , ئاخىرىمۇ شۇنىڭ بىلەن تىزىلىدۇ « دېگەن . مۇسۇلمانلارنىڭ ئاۋۋىلى چىن ئىمان ۋە مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارلار ئارىسىدىكى ھەقىقى قېرىنداشلىق بىلەن كىچكە ئىگە بۇلۇپ دۆلەت قۇرغان ۋە ئىسلامنى دۇنيا مىقياسىدا كەڭ يايغان ئىدى . ھازىرمۇ قۇرتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولى چىن ئىمان ۋە ئىسلامى قېرىنداشلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس . بىز ئەقلى ھوشىمىزنى يىغىپ , ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىپ , خۇددى رەسۇلۇللاھ دېگەندەك »بىر بەدەنگە ئخشاش « قېرىنداش بولمىساق بېشىمىزدىكى پالاكەتتىن قۇرتۇلالمايمىز . ئىشنىڭ يامىنى ئاخىرەتتىمۇ ئۆزىمىزنى ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزالمايمىز .

ئى ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىم ! بىزگە چىن ئىمان , ھەقىقى قېرىنداشلىق نېسىپ قىلغىن . بىزنى دۇنيا ئاخىرەتتە خار قىلمىغىن. ئامىين !

2626-ھەدىس: ھەسەد قىلماسلىق توغرىسىدا#

26 ھەدىس ھەسەت قىلماسلىق توغرىسىدا تەرجىمى : سى ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : پەقەت ئىككى كىشىگىلا ھەسەت قىلىشقا بولىدۇ : بىرى ئاللاھ تائالا مال مىلىك ئاتا قىلغان ۋە ئۇنى ھەق يولدا سەرپ قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغان ئادەم، يەنە بىرى ئاللاھ تائالا ئىلىم ئاتا قىلغان ۋە ئىلمىغا ئەمەل قىلىدىغان، باشقلارغا ئىگىتىدىغان ئادەم.« ]بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، بۇ يەردىكى بۇخارىغا ئائىت . ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:1389[

ئىزاھات:

ھەسەت قىلىش با شقىلارنىڭ قولىدىكى پۇل مال، ئىلىم، مەنسەپ قاتارلىق نېمەتلەرنىڭ يوقۇلۇپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىشتۇر . بۇنداق ھەسەتخورلۇق قۇرئان كەرىمدە چەكلەنگەن ۋە پىتىن پەيغەمبەرلەر تەرىپىدىن لەنەتلەنگەندۇر . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ ھەدىستىكى ”ھەسەت قىلى ش“ دېگىنى باشقىلارنىڭ قولىدىكى نېمەتلەرنىڭ ئۆزىدىمۇ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىش دېگەن بۇلۇپ، ئۇ ”غىبتە“ دېيىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ يەردە مۇسۇلمانلارنى ياخشىلىققا تەرغىب قىلىپ، ئىككى تۈرلۈك كىشى بار، سىلەرمۇ شۇ كىشىلەرگە ئوخشاش بولۇشنى ئار زۇ قىلساڭلار بولىدۇ دەيدۇ . چۈنكى بىر نەرسىنى ئارزۇ قىلغان كىشى ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتە ياخشىلار كۆپىيىدۇ. بۇ ئىككى تۈرلۈك كىشىنىڭ بىرىنچىسى : ئاللاھ تائالا پۇل مال ئاتا قىلغان باي كىشى بۇلۇپ، بايلىقى بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا مۇتەكەببىرلىك قىلمايدىغان، كەمبەغەللەرنى خورلىمايدىغان، ئەكسىچە بايلىقىنى ھەق يولدا سەرپ قىلىدىغان، مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىگە چىقىم قىلىدىغان، يېتىم يېسىر، ئاجىز، كەمبەغەللەرنى يۆلەيدىغان پەزىلەتلىك كىشىدۇر . بۇنداق ئالىي سىپەت كىشىنى كۆرگەن مۇسۇلمان ”خۇدايىم ماڭىمۇ ئاشۇنداق بايلىق بەرسە، مەنمۇ بۇ كىشىدەك ياخشى ئىشلارنى قىلغان بولسام “ دەپ ئارزۇ قىلسا بولىدۇ . ئەمما ”مەن تۇرغۇچىدا مۇشۇ ئادەم باي بۇلۇپ كېتەرمۇ؟ ئاشۇنىڭ بايلىقى مەندە بۇلۇپ قالسىچۇ؟” دېيىش ھەسەتخورلۇق بۇلۇپ، چوڭ گۇناھلار قاتارىدىن . دۇر ئىككىنچى كىشى : ئاللاھ تائالا ئىلىم ئاتا قىلغان ئالىم بۇلۇپ، ئىلمىغا ئەمەل قىلىدىغان ۋە بىلمىگەنلەرگە ئىلىم ئۆگىتىدىغان كىشىدۇر . بۇنداق پازىل ئالىمنى كۆرگەندە ” : ئاللاھ تائالا ماڭىمۇ ئىلىم ئاتا قىلغان بولسا، مەنمۇ مۇشۇ كىشىدەك ئىلىم مەرىپەت بىلەن ئىش قىلا ر ئىدىم ۋە كىشىلەرگە ئىلىم ئۆگىتىپ خەلققە خىزمەت قىلار ئىدىم “ دەپ ئارزۇ قىلىشقا بولىدۇ . ئەمما ”ئاشۇنىڭ ئورنىغا مەن ئالىم بۇلۇپ قالسام بولمامدۇ؟ ئاشۇ كىشى تاپقان شان شۆھرەتنى مەن تاپسام نېمە بولار ئىدى “ دېيىش ھەسەتخورلۇقتۇر . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنى ”يوقىرىدىكى ئىككى كىشىنىڭ خىسلىتىنى ئۆزەڭلارغا ئىلگە قىلىپ، سىلەرمۇ شۇنداق بولۇشقا تىرىشىڭلار “ دېمەكچى. چۈنكى پەقەت ئېغىزدىلا ئارزۇ قىلىپ قويۇش ئەھمىيەتسىز بۇلۇپ ھېچقانداق پايدىسى يوق .

تۆۋەندە ھەسەتخورلۇق توغرىسىدا بى ر ئاز توختىلىپ ئۆتىمىز : ھەسەتخورلۇق پىسىخۋلۋگىيىلىك كېسەللىك بۇلۇپ، ئۇنىڭغا گىرىپتار بولغان ئادەم راھەت ياشىيالمايدۇ . چۈنكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ بەخت سائادەت ئىچىدە ھايات كەچىرىشىگە زادى چىداپ تۇرالمايدۇ . ھەسەتخورلۇق ئاسماندا ۋە يەر يىزىدە يۈز بەرگەن بىرىنچى گۇناھتۇر. ئاسماندا شەيتان ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ھەسەت قىلىپ ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى پەرمانىغا قارشى چىقىپ ئاللاھ تائالا نىڭ رەھمىتىدىن مەڭگى قوغلاندى . يەر يىزىدە بولسا، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى قابىل قېرىندىشى ھابىلغا ھەسەت قىلىپ، ئۇنى ئۆلتىرىپ مەڭگىلىك پۇشا يمانغا گىرىپتار بولدى . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ھەدىستە ئوت »

ئوتۇننى كۆيدىرگەندەك ھەسەت پىتىن ياخشىلىقنى يەيدۇ « دېگەن . ]بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان [

ھەسەتخورلۇق ساقىيىشى ئىنتايىن تەس بولغان شۇنداق نىجىس كېسەلدۇر . ئۇ باشقى لاردىكى نېمەتنى ئۆزىگە ئازاب دەپ قارايدۇ . ھەسەتخورنىڭ غېمى تىگىمەيدۇ، قەلبى راھاتلەنمەيدۇ، كۆڭلى ئارام ئالمايدۇ، دىشمەنلىكى بېسىقمايدۇ . ئۇنىڭ ئىشىغا ھېچ كىم رازى بولمايدۇ . ئاللاھ ئۇنىڭغا غەزەب قىلىدۇ، ئىنسانلار لەنەت ئوقۇپ ئۇزاقلىشىدۇ . ھەسەتخور ئاللاھ تائالانىڭ قازا ۋە قەدىرىگە رازى بولمايدۇ . ئۆزىدىن باشقىلارنىڭ ئىلىم ياكى بايلىق ياكى مەنسەپ ئېگىسى بولۇشىنى ۋە شەرەپلىك بۇلۇپ قېلىشىنى ئادالەتسىزلىك دەپ قاراپ دائىم غەم قايغۇ، ھەسرەت نادامەت بىلەن ئۆتىدۇ .

قۇرئان كرىمدە ئاللاھ تائالا يەھۇدىيلارنىڭ ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئىمان كەلتىرىپ مۇسۇلمان بولماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى، ئۇلارنىڭ ھەسەتخورلىقى دەپ سىپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ :  ئەھلى كىتاب ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىگە ھەقىقەت)يەنى دىنىڭلارنىڭ ھەقلىقى ( ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، ھەسەت قىلىش يىزىسىدىن سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن قايتۇرۇپ كاپىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ . اللەنىڭ ئەمرى كەلگەنگە قەدەر )يەنى ئاللاھ سىلەرگە ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت بەرگ( چەىئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭلار ۋە كەچىرىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر.] سىرە بەقەرە: 109 ئايەت [

موشۇنداق نىجىس، يامان ئىللەتنىڭ ئالىملاردا بولۇشى تېخىمۇ يامان ۋە تېخىمى قاتتىق ئىشتۇر. شۇڭا مالىك ئىبنى دىينار مۇنداق دېگەن ” : قارىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ھەممە نەرسىدە قوبۇل قىلىنىدۇ. لېكىن بىر بىرى ئىستىدە بەرگەن گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ . چۈنكى ئۇلار بەك ھەسەتخور بولىدۇ “ بەزى ھۆكىمالار مۇنداق دەيدۇ ” : شەيتاننىڭ بەش مېلى بار، ئۇنى بەش خىل كىشى سېتىۋالىدۇ: 1 ھەسەت، ئۇنى ئالىملار سېتىۋالىدۇ . 2 مۇتەكەببىرلىك، ئۇنى رەزىل پەسكەش ئىنسانلار سېتىۋالىدۇ . 3 زۇلۇم، ئۇنى ئەمەلد ارلار سېتىۋالىدۇ. 4 خىيانەت، ئۇنى سودىگەر ۋە ھىنەرۋەنلەر سېتىۋالىدۇ. 5 ئاداۋەت، ئۇنى ئاياللار ۋە شەخسىيىتى ئاجىز كىشىلەر سېتىۋالىدۇ “.

ئەمدى ئالىملار نىمىشقا ھەسەت قىلىشىدۇ؟ دەپ سورالسا، جاۋابىمىز شۇكى، ئالىملار ئەگەر ئىلىمنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئوقىمىغان بولسا، دۇنياۋى غەرەزلەر بىلەن ئىلىم ئۆگەنگەن بولسا، ئۇلار كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن بىر بىرىگە ھەسەت قىلىشىدۇ . بەزىلەر بىر نەچچە يىل مەدرىسىنى كاشىلا قىلىپ ئوقۇشنى تاشلاپ كېتىدۇ . ئاندىن ئۇلار ئۆزىدىن ياخشى ئالىمنى كۆرسە چىدىيالماي ھەسەت قىلىدۇ .

ئەمما ئاللاھ ئۈچۈن ئىلىم ئۆگەنگەن، ئاخىرىتىنى تەلەپ قىلىدىغان، دۇنيالىق ئۈچۈن باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش ئىشلەيدىغان، ھەقىقىي ئالىملار ۋە ئۇستا ھىنەرۋەنلەر كامالەتكە يەتكەنلىكى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن ئىستىن ياكى تۆۋەن بولۇشىغا قارىمايدۇ . چۈنكى ئۇلار مۇتلەق كامالەتنىڭ اللەغا خساس ئېكەنلىكىنى، بەندە ھەر قانچە ئالىم ۋە ئۇستا بولسىمۇ كەمچىلىكتىن خالى ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ ۋە داۋاملىق كەمچىلىكىنى تولۇقلاش ۋە تېخىمۇ ياخشى بولۇشقا تىرىشىدۇ. ئۇلار ئىلىم ئىقتىدارى ۋە ھىنەر كەسىپتىن قازانغان پۇل مالنى مەسجىد، مەدرەسە، يول، دوختۇرخانا، دارۇلئەيتام، ئۇنىڭدىن باشقا ئاممىنىڭ پايدىسىغا ۋە ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشلارغا ئىشلىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلارنىڭ قولىدىكى نېمەتلەرگە نەزەر سالمايدۇ ۋە ھەسەت قىلمايدۇ .

ھەسەتخورلۇقتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى ئۆزىدىن تۆۋەن دەرىجىدىكى كىشىلەرگە قار اش ۋە ئۆزىنىڭ ئۇلاردىن قانچىلىك يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئاللاھ تائالاغا شىكرى قىلىشتۇر .

ئاللاھ تائالا بىزنى ئەمەل سالىھ قىلىشقا ۋە ھەسەتخورلاردىن يىراق بولۇشقا نىسىپ قىلسۇن، مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن، قاراڭغۇلىقى بىلەن كىرگەن كېچىنىك شەررىدىن، تىگىنلەرگە دەم سالغۇچى سېھىرگەرلەرنىڭ شەررىدىن، ھەسەتخورلارنىڭ ھەسەت قىلغان ۋاقتىدىكى شەررىدىن سىبھىنىڭ پەرۋەردىگارى اللەغا سىغىنىپ پانا تىلەيمىز. ئامىين !

ئىزاھات تېكىستى كىرگۈزۈلمىگەن.

2727-ھەدىس: جەننەت ۋە دوزاخ ئەھلى توغرىسىدا#

ھەزرىتى ھارىسە ئىبنى ۋەھب رەزىيەللا ھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ » : مەن سىلەرگە جەننەت ئەھلىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇلار ئاجىز، باشقىلارنىڭ نەزىرى ئانچە چىشمەيدىغان كىشىلەر بۇلۇپ، بىر ئىشنى قىلىشقا قەس ەم قىلسا، ئاللاھ ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ قەسىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ . سىلەرگە دوزاخ ئەھلىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇلار قوپال، ئىچى تار، مۇتەككەبىر كىشىلەردۇر ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت . ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى: 4798[

ئىنسانلار بەدەن جەھەتتە ئاجىز كىچلىك بولۇشتا ئوخشاش بولمىغاندەك، روھىي جەھەتتىمۇ پاك نىجىس بولۇشتا ئوخشاش بولمايدۇ . ئاللاھ تائالا جەننەت ئەھلىنى ئۆزئارا مىھرىبان، يۇمشاق ۋە رەھىملىك، كاپىر دىشمەنلىرىگە قارشى ناھايىتى كىچلىك، قاتتىق قول مۆمىنلەردىن قىلدى.

ھەقىقەتكە بويۇن ئەگمەيدىغان مۇتەكەببىر، تەرسا كاپىرلارنى بولسا، دوزاخ ئەھلى قىلدى . چۈنكى ئۇلار ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلمايدۇ، ئىسلامغا دەۋەت قىلغۇچىلارنى مەسخىرە قىلىپ باشلىرىنى سىلكىيدۇ، ئۇلار تەككەببۇرلۇق قىلىپ، ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ قوبۇل قىلمايدۇ . ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ :  كاپىرلار مۆمىنلەرگە» : ئەگەر )قۇرئان بىلەن ئىسلام دىنى ( ياخشى بولىدىغان بولسا ئىدى، ئۇلار )يەنى ئاجىز مۆمىنلەربى ( زدىن بۇرۇن ئىشەنمىگەن بولاتتى« دېدى] سىرە ئەھقاف: 11 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ :

ئۇلارغا» : بىر اللەدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق « دېيىلسە، )كەلىمە ت ەۋھىددىن( تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتاتتى.] سىرە ساففات: 35 ئايەت[ دېمەك، كاپىر، مۇناپىقلار مانا مۇشۇ گەردەنكەشلىكى تىپەيلىدىن دوزاخ ئەھلى بولدى .

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ يەردە جەننەت ئەھلىنى ئاجىز، كىشىلەر كۆزگە ئىلمەيدىغان كىشىلەر د ەپ سىپەتلىشى، ئۆزى كەمبەغەل، نامرات، ئاجىز، بىچارە، ناھايىتى كەمتەرلىكىدىن كىشىلەر كۆزگە ئىلىپ كەتمەيدىغان، لېكىن قەلبى ئىمان نۇرى بىلەن تولغان، ئىرادىسى كۆچلىك، ئاللاھ تائالانىپ تائەت ئىبادىتىنى قولدىن بەرمەيدىغان كىشىلەر دېگەن مەنىدە بۇلۇپ، بىگىنكىدەك قۋ لىدىن ئىش كەلمەيدىغان، ئاڭسىز، ئۆزىنى، دىينىنى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىپپەت نومۇسىنى دىشمەندىن مۇداپىئە قىلالمايدىغان، جان باقماق ۋاجىب دەپ دىنىنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىنىشىغا قاراپ تۇرىدىغان، نانقېپىلار جەننەتكە كىرىدۇ دېگەن بولمايدۇ . بۇ يەردىكى ئاجىز دېگەنلىك ھې چ كىمگە تەككەبۇرلۇق قىلمايدىغان، ئۆزىدىن تۆۋەندىكىلەرنى كەمسىتمەيدىغان، نامرات، يوقسۇل، يېتىم يېسىرلارنى خور كۆرمەيدىغان، ھېچ كىمگە زۇلۇم قىلمايدىغان، ھەقكە بويۇن ئېگىدىغان، ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ئاجىزلىقىنى بىلىدىغان كىشىلەر جەننەتكە لايىق بولىدۇ . جەننەت ئەھلى پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار، ئىلمىغا ئەمەل قىلىدىغان ئالىملار، سالىھلار، ئاللاھ يولىدا جېنىنى، مېلىنى پىدا قىلغان شېھىت لار، ئاللاھ بەرگەن مال مىلكىنى يەنە ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغان بايلاردۇر . بۇلار بارلىق پەزىلەت ۋە شەرەپكە ئىگە بۇلۇپ تۇرۇغلۇق ئۆزىنى ھەر دائىم تۆۋەن تۇتىدىغان مۇتەۋازى كىشىلەردۇر . ئۇلار داۋاملىق قىلغان ئىشىم كەم بۇلۇپ قالدى دەپ كامالەتكە يېتىشكە تىرىشىدۇ . ھەرگىز قىلغان ياخشى ئىشى بىلەن پەخىرلەنمەيدۇ . ئۇلار ئالىم بولسا، مەندىن چوڭ ئالىم يوق دەپ كىبىرلەنمەيدۇ، بەلكى ئۇ ھەر قانداق ئىلىم ئەھلىنىڭ ئىستىدە ئۇنىڭدىن ئالىمراق بىرىنىڭ بارلىقىنى ئېسىدىن چىقارمايدۇ . ئۇلار قىلغان ئىبادىتىگە رىيا ۋە سىمئە ئارىلىشىپ قېلىپ، قىلغان ئەمەل ئىبادەتلىرىنىڭ بىكار بۇلۇپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئەمەل ئىبادەتلىرىنى مۇمكىن قەدەر مەخپى قىلىشقا تىرىشىدۇ .

مۇتەۋازى باي ۋە ئەقىللىق ئەمەلدارلار ئۆزلىرىنىڭ خەلققە بولغان ئېھتىياجىنى بىلىدۇ . چۈنكى ئۇلار ئەتراپىدىكى خىزمەتچى ۋە ئىشچىلاردىن بىھاجەت بولمايدۇ . ئاللاھ تائالانىڭ ئەڭ چوڭ ھىكمىتى شۇكى، بارلىق ئىنسانلارنى بىر بىرىگە مۇھتاج قىلىپ قويغان . دۇنيادا ھېچ قانداق بىر ئىنسان مېنىڭ ھېچ كىمگە ھاجىتىم چىشمەيدۇ، ئۆز ئالدىمغا ياشايمەن دېيەلمەيدۇ، دېسىمۇ ياشىيالمايدۇ .

ئۇنداق بولغان ئىكەن ئىنسان ھەر جەھەتتىن ئاجىز، ھەر جەھەتتىن مۇھتاجدۇر . دېمەك، تەكەببۇرلۇق قىلىشقا ھېچ قانداق سەۋەب يوق . چۈنكى سەن ھەر قانچە چوڭ، كىچلىك، تۋققۇزۇڭ تەل بۇلۇپ كەتسەڭمۇ، يېمەك ئۈچۈن دېھقانغا، كەيمەك ئۈچۈن تىكىنچىگە، سالامەتلىك ئۈچۈن دوختۇرغا، خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىشچىغا ۋە نەچچە مىڭلىغان ئىنسانلارغا مۇھتاجسەن . ئۇلارمۇ بەزى ئىشلاردا ساڭا مۇھتاج . ئۇنداقتا نېمىمىزگە تايىنىپ يوغانچىلىق قىلىمىز؟ نېمە ئاساس بىلەن باشقىلارنى خور كۆرىمىز؟ كىشىلەرنى كۆزگە ئىلماي كەمسىتىمىز؟ بۇنداق قىلىش ئىنسان ئۆزىنى بىلمىگەنلىك ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققانلىق. شۇڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە »دوزاخ ئەھلى مۇتەككەببىر، قوپال، ئاچكۆز )ھالال ۆ ھارامنى ئىلغىماي پۇل توپلايدىغان، ئاللاھ يولىدا مال سەرپ قىلمايدىغان( ئادەملەردۇر« دېگەن .

تەكەببۇرلۇقنى سۆكىپ نۇرغۇن ئايەتلەر نازىل بولغان. مەسىلەن، ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دېدى : ارۇن ق» : مېنىڭ ئالاھىدە بىلىمىم بولغانلىقتىن، بۇ بايلىققا ئېرىشتىم « دېدى . قارۇندىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىممەتلەردىن ئۇ نىڭغا قارىغاندا تېخىمۇ كىچلىك، توپلىغان مېلى تېخىمۇ كۆپ بولغان كىشىلەرنى اللەنىڭ ھالاك قىلغانلىقىنى ئۇ بىلمىدىمۇ؟ گۇناھكارلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ سورىلىشى ھاجەتسىزدۇر.] سىرە قەسەس:78 ئايەت [

ئاللاھ تائالا دوزاخ ئەھلىنىڭ مۇتەكەببىرلەر ئىكەنلىكى بىلدىرىپ مۇنداق دەيدۇ : » قىيامەت كۈنى اللەغا يالغاننى تۋقىغانلارنىڭ يىزلىرىنى قاپ قارا كۆرىسەن، جەھەننەمدە مۇتەككەببىرلەرگە ئورۇن يوقمۇ؟«] سىرە زۇمەر: 60 ئايەت [

مۇتەكەببىر باي تۇيماستىن كەمبەغەل بۇلۇپ قالىدۇ. كەمبەغەل بولغانلىقىغا تەن بەرمەي ئۆزىنى قىيناپ، تۆۋەندىكى ھەدىستە كۆرسىتىلگەن ئىچ كىشىنىڭ بىرى بولىدۇ . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ » : ئىچ خىل كىشى بار، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئۇلارغا نەزەر قىلمايدۇ، ئۇلارغا گەپ قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىمايدۇ . ئۇلار : قېرى تۇرۇپ زىنا قىلغان ئادەم، يالغانچى پادىشاھ ۋە كەمبەغەل مۇتەكەببىر ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان [

تەكەببۇرلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەم ئۆزىدىن باشقىسىنى ياراتمايدۇ، بىلمىگەننى سورىمايدۇ، خاتا كەتسە خاتالىقىنى تونۇپ توغرىغا قايتمايدۇ، مۇھتاج بۇلۇپ قالسا كىشىلەردىن ياردەم سورىمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ قولى قىسقا، مېلى ئاز، تەجرىبسى يوق بۇلۇپ قالسا ۋاي ئۇنىڭ ھالىغا . ئىمام مالىكنىڭ ئەخمەق تالىپلىرىدىن بىرى مۇتەكەببىرلىك بىلەن مۇنداق دېگەن ئېكەن ” : مەن كىرسەم مېنى ھۆرمەتلىمىدى، ئولتۇرسام ماڭا ئىززەت ئىكرام قىلمىدى، مېنىڭ كىم ئېكەنلىكىمنى ھېچ كىم بايقىمىدى، ھىدايەتنى بىلىش مۇنداق خارلىق بولىدىغان بولسا، مەن ھىدايەتكە كۆڭىل قويمايمەن “.

مۇتەكەببىرلەرنى ھەقنى سۆزلەشتىن ۋە پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىشتىن پەقەت تەكەببۇرلۇقى توسقان ۋە ئۇلار ” : بىز پەيغەمبەرلەرگە بەرگەن نەرسىنىڭ ئوخشىشىنى بېرىلمىگىچە ئىشەنمەيمىز “

دەپ تۇرىۋالغان. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ھەققىدە مۇنداق دېگەن :

 بۇ ئازاب سىلەرنىڭ زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە)گۇناھ قىلىپ، پۇل مالنى ھارام يوللارغا سەرپ قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن( خوشال بولغانلىقىڭلار ۋە ھاكاۋۇر بۇلۇپ كەتكىنىڭلار ئىچىندۇر . سىلەر دۋۋزاخنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىپ ئۇ يەردە مەڭگى قېلىڭلار، مۇتەكەببىرلەرنىڭ جايى نېمە دېگەن يامان؟!] سىرە غافىر:75 76 ئايەتلەر [

ئەمما ئاللاھ تائالا ئىمتىھان قىلىپ كەمبەغەللىك ياكى كېسەللىك بەرسە، ياكى باشقا ھەر قانداق بىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسە، ئۇنىڭغا سەۋر تاقەت قىلىش، اللەنىڭ تەقدىر ئىرادىسىگە رازى بولۇش ۋە بايلىق، شىپا تېپىش، ياخشىلىقلارغا ئېرىشىشنىڭ سەۋەبلىرىنى قولىدىن بەرمەي قىلىش لازىم .

ئىسلام ئاجىز، خار ، تەسلىمىيەتچى، قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان، »جان باقماق ۋاجىب« دەپ دىشمەنگە قارشى كىرەش قىلمايدىغان روھسىز، ئەبگاھ مۇسۇلماننى خالىمايدۇ . ئىسلام تەلەپ قىلىدىغان مۇسۇلمان كىچلىك، ئىرادىلىك، مۇتەۋازى، كەمتەر، قەھرىمان، باتۇر، دىنىنى ۋەتىنىنى مۇداپىئە قىلىدىغان، دىنىنىڭ ۋە ۋەتىنىنىڭ دىشمەنلەرنىڭ ئايىغى ئاستىدا دەپسەندە قىلىنىشىغا رازى بولمايدىغان، مۆمىن مۇسۇلمانلارنىڭ خورلىنىشىغا، ئېزىلىشىگە، مۇستەملىكە قىلىنىشىغا قاراپ تۇرمايدىغان، غۇرۇرلۇق، ئالى ھىممەتلىك، جاسارەتلىك، ۋاپادار، ھەر قانداق قىيىنچىلىق كەلسە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، بىر بىرىنى ھەقكە ۋە سەۋر تاقەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلىدىغان ئاكتىپ، ئىشچان، پائال مۇسۇلماندۇر .

سەۋر قىلىش بېشىغا كەلگەن قىيىنچىلىققا رازى بۇلۇپ جىم ئولتۇرۇش دېگەن بولمايدۇ .

سەۋر قىلىش بېشىغا كەلگەن خاپىلىق، بالايى ئاپەتلەرگە يېڭىلىپ ئاھ ئۇرۇپ خۇدايىمنى تىللىماستىن، خاپىلىققا بەرداشلىق بېرىپ پىتىن كىچى بىلەن قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە تىرىشىش ۋە بۇ يولدا كەلگەن جاپا مۇشەققەتلەرگە چىداش دېگەن بولىدۇ . قۇرئاندا مەدھىيىلەنگەن سەۋر مانا موشۇنىڭدىن ئىبارەت .

ئاللاھ تائالاھ بىزلەرنى غەيرەتلىك ۋە كەمتەر مۆمىنلەردىن بۇلۇپ، قىيامەت كۈنى جەننەت ئەھلىنىڭ قاتارىدىن قىلسۇن. ئامىين !

2828-ھەدىس: تۇرمۇش ئىشلىرىدا ئۆزىدىن تۆۋەن كىشىلەرنى ئۆلچەم قىلىش توغرىسىدا#

ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى, جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن ەئۆز » : ڭلاردىن تۆۋەن تۇرمۇشتىكى كىشىلەرگە قاراڭلا , رەئۆز ڭلاردىن يۇقىرى تەبىقىدىكى كشىلەرگە قارىماڭلار , بۇنداق قىلىش اللەنىڭ نېمەتلىرىنى ئاز كۆرمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئىشتۇر ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان، بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت. ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى:7379[

جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە ئەڭ پەزىلەتلىك ئەدەب ۋە ئەڭ گىزەل ئەخلاققا چاقىرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئىمان ئەھلىنىڭ سىپىتى بۇلۇپ, ئاللاھ تائالادىن نېمەت كەلسە شىكىر قىلىشبالا , مۇسىيبەت كەلسە سەۋر قىلىشتۇر .

ئىنسان تۇرمۇش ھاياتىدا بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن, ئۆزىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىگە قانائەت قىلىشى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە شىكىر قىلىشى كېرەك . بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىدىن تۆۋەن تۇرمۇش كەچىرىۋاتقان كىشىلەرگە قارىشى لازىم . چۈنكى ئۆ زىدىن يۇقىرى تۇرم ۇشتىكىلەرگە قارىغان كىشىنى شەيتان دەرھال چاڭگىلىغا ئېلىپ , نەپسىنى كۆپتىرىدۇ مەن ”ئۇ , دە نېمىشقا ئاشۇلارغا ئوخشاش بولالمايمەن؟ مېنىڭ ئاشۇلاردىن نېمەم كەم؟ خۇدا يىم نېمىشقا ماڭىمۇ ئاشۇ لارغائوخشاش باياشات تۇرمۇش بەرمەيدۇ؟ دەپ “ كۇپۇر سۆزلەشك ە باشلايدۇ . شەيتان ئۇنى تېخىمۇ پىدەيدۇ , شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاچكۆزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ , ئاللاھ تائالا نىڭ بەرگەن نېمىتىگە شىكىر قىلمايدۇ. ئۇنداق ئادەم ھاياتلىقنىڭ لەززىتىنى تېتىيالماي دا ئىم پسىخىكى ئازاب ئىچىدە ھەسرەت چىكىپ ياشايدۇ. ئۇنداق ئادەم مۇشۇ دۇنيادا تۇرۇپ دقاخازۋ كىرگەن بولىدۇ .

ئەمما ئۆزىدىن تۆۋەن تۇرمۇشتىكى كىشىلەرگە قارىغان ئادەم , ئۇلارغا قارىغاندا ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنىڭ خېلى ئوبدان ۋە تۇرمۇشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرگە قانائەت قىلىدۇ . ئاچكۆزلىكامات , خورلۇقتىن ساقلىنىدۇ . ئۇ بىر تەرەپتىن ئاللاھ تائالانىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە شىكىر قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئۆزىدىن تۆۋەن ياشايدىغان ئاجىز, كەمبەغەل بىچارىلەرگە ياردەم قىلىش ھېسسىياتى تۇغۇلىدۇ. زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا, يېتىم يېسىرلارغا ياردەم قىلىدۇ . بىلىمسىزلەرگە ئىلىم ئىگىتىدۇ . كېسەلىمېيپلارنى كۆرگەندە ئۆزىنىڭ تەن سالامەتلىكىگە شىكىر قىلىدۇ . كېسەللەرنىڭ تىزدىن شىپالىق تېپىشىغا دۇئا قىلىدۇ. قولىدىن كەلسە ياردەم قىلىدۇ. نامرات مىسكىنلەرنى كۆرسە, ئۆزىنىڭ ھالىغا شىكىر قىلىپ, ئاللاھ تائالادىن ئۇلارغا ياخشى رىزىق ئاتا قىلىشىنى تىلەيدۇ . پاسىق ئاسىيلارنى كۆرگەندە , ئۇلارنى چىرايلىقچە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا , يامانلىق ۋە ناچار قىلىقلارنى تەرك ئېتىشكە چاقىرىدۇ . ئاللاھ تائالا يۇقىرى تۇرمۇشتىكىلەرگە كۆز سالماسلىق ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ : بىز ئىنسانلاردىن تۈرلۈك جامائەنى بەھرىمەن قىلغان دۇنيانىڭ نېمەتلىرى ۋە زىبۇزىننەتلىرىگە كۆز سالمىغىن, بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى سنايمىز, پەرۋەردىگارىڭنىڭ رىزقى ئەڭ ياخشىدۇر ۋە ئەڭ باقىيدۇر. ]سىرە تاھا: 131 ئايەت [

ئىسلام ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلانغان مۇسۇلمان , كىشىلەرنى كەمسىتمەيدۇ . پېقىر , مىسكىن , غېرىب, يېتىملار بىلەن بىر يەردە بولۇشتىن, ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىشتىن, بىر دەستۇرخاندا تاماق يېيىشتىن گىريىنمەيدۇ. ساھىبخانلارمۇ بايلارنى باشقا ھوجرىغا , كەمبەغەللەرنى باشقا ھوجرىغا باشلىمايدۇ . بايلارغا ئالى تاماق , نامراتلارغا ئاددى تاماق تەييارلىمايدۇ . ھەممىگە ئوخشاش قارايدۇ. مۇشۇنداق ياخشى ئەخلاق بىلەن ھەم ئۆزى ھۇزۇرلۇق راھەت ئىچىدە ياشايدۇ ، ھەم باشقىلار بىلەن دوست, ئىتتىپاق, ئىناق ۋە قېرىنداشلىق بىلەن ھايات كەچىرىدۇ .

ئىسلام ئەخلاقىنى ئۆزىگە ئۆزلەشتىرگەن مۇسۇلمان ئۆزىدىن يۇقىرى تۇرمۇشتىكىلەرگە ھەسەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ قولىدىكى نېمەتنىڭ يوقۇلۇشىنى ئارزۇ قىلمايدۇ . ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەرنىڭ رىزقىنى بەلگىلەشتىكى ھىكمىتىگە نارازى بولمايدۇ . يېمەك ئىچمەك، كىيىم كىچەكتە بايلاردەك بولىمەن دەپ ئۆزىنى قىينىمايدۇ . بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ بەرگەن رىزقىغا رازى بۇلۇپ، قولىدىن كېلىشىچە ئىشلەپ تاپقىنىغا شىكىر قىلىدۇ . ئەگەر ئىشىدا ئوڭۇشلۇق بولماي قېلىپ مەقسىتىگە يېتەلمىسە، ئۆزىدىن ناچار تۇرمۇشتىكى كىشىلەرگە قاراپ ھالىغا شىكىر قىلىدۇ . ئەمما ئۆزىدىن تۆۋەن كىشىلەرنى ياراتماسلىق، يۇقىرى تۇرمۇشتىكىلەرگە ھەسەت قىلىپ قولى يەتمەيدىغان نەرسىنى ئارزۇ قىلىش بىر خىل ساراڭلىق بولىدۇ . بەزى ھۆكىمالار مۇنداق دېگەن ئىكەن ” : بايلارغا ھەمرا بۇلۇپ، غەم قايغۇغا پاتتىم. چۈنكى مەن ئۇلاردا مېنىڭكىدىن ياخشى كىيىم ۋە مېنىڭكىدىن ياخشى ئۇلاغ كۆردىم . كېيىن نامراتلارغا ھەمرا بۇلۇپ ئىدىم راھەت ئالدىم، ھېچقانداق غېمىم قالمىدى “.

ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە كۆرىنىشى ناھايىتى ئاددى، چاچلىرى چۇۋۇق، كىيىملىرى كونا كىشىلەر باركى، ئۇ ھەقىقەتتە يولۋاستىنمۇ جاسارەتلىك، ئىلىم مەرىپەتتە ئەللامىلەرنى بېسىپ چىشىدىغان، ساخاۋەتتە ھاتەم تائىنى ئارقىدا قويىدىغان، تەجرىبىدە پەيلاسوپلارغا دەرس بېرىدىغان، دىن دىيانەت ۋە تەقۋادارلىقتا سىددىقلارغا ھەمرا بولىدىغان كىشىدۇر. ئۇنداق كىشىلەر بىر ئىشنى قىلىمەن دەپ قەسەم قىلسا ئاللاھ تائالا چوقۇم ئۇنىڭ قەسىمىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ . شۇڭلاشقا ئاللاھ

تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ :

ئى مۆمىنلەر ! بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى )يەنى بىر جامائە يەنە بىر جامائەنى، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى( مەسخىرە قىلمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغان قەۋم اللەنىڭ نەزىرىدە مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاياللارمۇ ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار اللەنىڭ دەرگاھىدا مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن .« ]سىرە ھۇجۇرات: 11 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [

ئى مۆمىن بۇرادەر ت ! اماخور بولمىغىن، قولۇڭدىن كەتكەنگە ھەسرەتلەنمىگىن، قولۇڭ يەتمەيدىغان نەرسىگە ئىنتىلىپ ئۆزۇڭنى ئاۋارە قىلمىغىن، ئۆزۇڭدىن تۆۋەن كىشىلەرنى خور كۆرمىگىن. شۇنى قەتئى بىلگىنكى، ھەممە نەرسە ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدۇ . ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئ ۋبدان بىلىدۇ . ئۇ خالىغان كىشىنى ئەزىز قىلىدۇ، خالىغان كىشىنى خار قىلىدۇ، خالىغان كىشىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ، خالىغان كىشىنى تۆۋەن قىلىدۇ، خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ، خالىغان كىشىنى كىلدىرىدۇ، خالىغان كىشىنى يىغلىتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىرەر ئىمتىھاندۇر .

ئاللاھ تائالا بىز مۇسۇلمانلارنى مۇقەددەس دىنىمىز كۆرسەتكەن گىزەل ئەخلاقلارنى ئۆزىمىزگە ئۆزلەشتىرىپ, ھەقىقىي سىپەتكە لايىق مۇسۇلمان بولغىلى نىسىب قىلسۇن. ئامىين !

2929 ۋە 30-ھەدىسلەر: گۆر ئازابىغا سەبەب بولىدىغان ئىشلار توغرىسىدا#

29 ۋە30 ھەدىس گۆر ئازابىغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلار توغرىسىدا ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مادىن رىۋايەت قىلىنىدۇ : بىر كۈنى جانابى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى قەبرىنىڭ يېنىدىن ئۆتىپ كېتىۋىتىپ مۇنداق دېدىبۇ » : ئىككى قەبرىدىكىلەر ئازابلىنىۋاتىدۇ . ئۇلارنىڭ ئازابلىنىشى چوڭ گۇناھ سەۋ ەبى بىلەن ئەمەس. ئۇلارنىڭ بىرى سىيدىكىدىن ئۆزىنى ساقلىمايتتى, يەنە بىرى كىشىلەر ئارىسىدا گەپ توشۇيتتى «.

ھەزرىتى ھىزەيفە ئىبنى ئەليەمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنما رىۋايەت قىلىنىدۇكى ئۇ ,جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ» : گەپ توشۇغۇچى جەننەتكە كىرمەيدۇ .« دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دېگەن . ]بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇ سلىم ئوخشاش تېكىست بىلەن رىۋايەت قىلغان. ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:5917، مۇسلىمدىكى نومۇرى:251[ ئىزاھات : گور ئازابى ھەقىقەت بۇلۇپ , ئۇنىڭغا ئىمان ل كەتىرىش ۋاجىبتۇر . ئۇ يەردىكى ئازاب ۋە نېمەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئاللاھ تائالا ئۆزى بىلىدۇ . بىزگە گوردا ئازاب ۋە نېمەتنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىشۇئ , نىڭ قانداق كەيپىيەتتە بولىدىغانلىقىنى سىرىشتە قىلماسلىق ۋاجىب .

مېيىت گورغا دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن تىرىلدىرىلىدۇ ۋە سوئال سوراق قىلىنىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر مېيىتنى دەپنە قىلسائۇ , نىڭ قەبرىنىڭ بېشىدا تۇرۇپ گۇناھىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنى تىلەيتتى ۋە ساھابىلىرىگە» : قېرىندىشىڭلار ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئۇنىڭ سوئالغا جاۋاب بېرىشىنى تىلەڭلار ، چۈنكى ئۇ ھازىر سوراق قىلىنىۋاتىدۇ« دەيتتى ] .بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان م [ېيىتكە سورىلىدىغان سوئاللار” : رەببىڭ كىم؟ , دىنىڭ نېمە؟ ۋە پەيغەمبىرىڭ كىم؟ “ دېگەندىن ئىبارەت بولىدۇ . ئەگەر بۇ سوئاللارغا توغرا جاۋاب بېرەلىسە , جەننەتنىڭ خۇشپ ۇراقلىرى ئىچىدە راھەتتە ياتىدۇ . ئەگەر جاۋاب بېرەلمىسە, ھەر تۈرلۈك ئازاب چېكىدۇ .

مۇھەممەد ئىبنى سالىم ئىبنى ھىسەين ئەلبەيھانى ئۆزىنىڭ مجە ”ئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش “ ناملىق كىتاۋىدا يۇقىرىدىكى ھەدىسنى ئىزاھات قىلىپ مۇنداق دەيدۇ ” : دۇئا , ئىستىغفار ۋە قەبرى بېشىدا ئوقۇلغان قۇرئاننىڭ مېيىتقا پايدىسى بولىدۇ . مېيىت ھەققىدە قىلىنغان سەدىقە , ھەدىيە ۋە باشقا سالىھ ئەم ەللەرنىڭ ساۋابىنىڭ مېيىتقا پايدىسى بولۇشى ئۇمىت قىلىنىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يۇقىرىدىكى ھەدس تەقەبرىگە ھۆل شاخنى سانجىپ قويۇپ» : مۇشۇ شاخ قۇرۇپ قالغۇچىلىك ئازاب يەڭگىللەيدۇ « دېگەن . ئەگەر جانسىز ھۆل شاخنىڭ تەسبىھى بىلەن ئازاب يەڭگىللىسە, ئىنسانلارنىڭ ئېيتقان تەسبىھ , تەھلىل ۋە دۇئالىرىنىڭ ئەلۋەتتە مېيىتكە پايدىسى بولىدۇ.” بۇ دۇنيادا گور ئازابىغا, ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلار : 1 يسىدىكتىن ساقلانماسلىق, بۇ بولسا مۇسۇلمانلار سەل قارايدىغان ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يۇقىرىدىكى ھەدىس » تەئۇلارنىڭ ئازابلىنىشى چوڭ گۇناھ سەۋەبى بىلەن ئەمەس « دېگەن . يەنى ”كىشىلەر كىچىك ساناپ سەل قارايدىغان ئىشلار بىلەن ئازابلىنىۋاتىدۇ “ دېمەكچى. تازىلىققا رىئايە قىلماسلىق, بەدىنىنى , كىيىم كىچىكىنى, ئولتۇرۇپ قوپقان جايلىرىنى سىيدىك ۋە باشقا نىجاسەتلەردىن پاك تۇتماسلىق ئىنتايىن ناچار ۋە ئېچىنارلىق ئىشتۇر . ئىسلام دىنىدەك تازىلىققا رىئايە قىلىدىغان , كىشىلەرنى تازىلىق قىلىشقا چاقىرىدىغان يەنە بىر دىن ياكى مەزھەب يوقتۇر . ئالايلۇق , ئىسلام مۇسۇلمانلارغا ھەر كۈنى بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇشنى پەرز قىلغان . ناماز ئوقۇشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق شەرتلىرى بەدەننىڭ پاك بولۇشى, تاھارەت ئالىدىغان سۇنىڭ پاك بولۇشى , ناماز ئوقۇيدىغان كىيىمنىڭ پاك بولۇشى, ناماز ئوقۇيدىغان يەرنىڭ پاك بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر . ئەگەر بۇ شەرتلەرنىڭ بىرى تول ۇقلانماي قالسا ناماز بولمايدۇ. ئىسلام مۇشۇنداق قاتتىق كۆڭىل بۆلگەن مۇھىم مەسىلىگە سەل قاراپ, تازىلىققا رىئايە قىلمىغان مۇسۇلماننىڭ جازاسى گور ئازابىدۇر .

شۇنىڭدەك ئاممىنىڭ ماڭىدىغان يوللىرىغا, ئاممىۋى ئورۇنلارغا تاھارەت سۋندۇرۇش , ئەخلەت ۋە باشقا نىجىس نەرسىلەرنى تاشلاش ئارقىلىق كىرلىتىش ئىنتايىن يامان ئىشتۇر . چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن يەر ۋە ھاۋانىڭ كىرلىنىشىگە سەۋەب بولىدۇ ۋە مىكرۋپلارنىڭ تارىلىشى بىلەن ھەر تۈرلۈك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر خەلق ئارىسىغا تاراپ كېتىدۇ. بۇنداق يامان ئاقىۋەتلىك ئىشنى مۇسۇلماننىڭ قىلىشى ئۆ , زىنىلا ئەيبلىماستىن , ئىسلامنىڭ پاك , مۇقەددەس دىن ئىكەنلىكىگە داغ تەككىزىدۇ ۋە غەيرى مۇسلىملارنىڭ ئىسلام دىنىنى ناھەق ئەيبلىشىغا ۋە ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىشىگە سەۋەب بولىدۇ . شۇڭلاشقا مۇسۇلمانلارنىڭ تازىلىققا قاتتىق رىئايە قىلىشى , بەدەن , كىيىم كىچەكلىرىگە نىجاسەت تىگىپ قېلىشتىن , بولۇپمۇ سىيدىك چاچراپ كېتىشىدىن ناھايىتى قاتتىق ئېھتىيات قىلىشى لازىم .

2 كىشىلەر ئارىسىدا گەپ توشۇش , كىشىلەر ئارىسىدا گەپ توشۇش , ئەرنى ئايالىدىن , ئاتىنى بالىدىن, توغقانلارنى بىر بىرىدىن ئايرىيدىغان ناچار ئىللەت بۇلۇپ، بۇنداق نىجىس قىلىقتىنمۇ رەزىل ۋە يامان ئىش بولمىسا كېرەك .

ھۆكىمالار ”ساڭا گەپ ئېلىپ كەلگەن ئادەم , چوقۇم سېنىڭ گېپىڭنى باشقىلارغا ئېلىپ بارىدۇ“ دەيدۇ .

ھەزرىتى لۇقمان ئەلەيھىسسالام ئوغلىغا مۇنداق نەسىھەت قىلغان ئىكەن ” : ئى ئوغلۇم ! ساڭا بىر نەچچە خىسلەتنى ئېيتىپ بېرىمەن، ئەگەر ئۇ خىسلەتلەرنى چىڭ تۇتساڭ ھەرگىز خورلانمايسەن: يېقىن يىراق بارلىق ئىنسانلارغا ياخشى ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلغىن . ياخشى يامان ھەر قانداق كىشىدىن غەزىۋىڭنى تۇتقىن . دوستلۇقنى ساقلىغىن، ئۇرۇق تۇغقانلارغا سىلە رەھىم قىلغىن . ئۇلارنى سۇخەنچىلەرنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلمايدىغان، سېنىڭ ئاراڭنى بۇزماقچى بولغانلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمايدىغان قىلغىن. بۇرادەرلىرىڭ بىلەن دوستلىقىڭ شۇنداق مۇستەھكەم بولسۇنكى، بىر بىرىڭلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەيىبلاشمىغايسىلەر “.

سۇخەنچىلەرنىڭ جەمئىيەتكە كەلتىرىدىغان زىيىنى ھەققىدە مۇنداق بىر ھىكايە بار : بىر ئادەم قۇلىنى ساتقىلى بازارغا ئېلىپ بېرىپتۇ، ئۇ قۇلنى سېتىۋالماقچى بولغان كىشىگە ” : بۇ قۇلنىڭ سۇخەنچىلىكتىن باشقا ئەيىبى يوق “ دېگەن ئىكەن، مۇشتەرى قوبۇل قىلدىم دەپتۇ . بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ھېلىقى قۇل خوجايىنىنىڭ خوتۇنىغا ىئېر ” :ڭىز سىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ئۇ سىزنىڭ ئىستىڭىزگە خوتۇن ئالماقچى، ئېرىڭىز ئۇخلاپ قالغاندا ئۇستۇرا بىلەن ساقىلىدىن بىر نەچچىنى كېسىپ بېرىڭ، مەن سىزنى ياخشى كۆرىشى ئۈچۈن سىھىر قىلىپ بېرەي “ دەپتۇ.

ئاندىن خوجايىنىغا ” : خوتۇنىڭىز ئاشنا تۇتىۋاپتۇ، ئۇ سىزنى ئۇخلاپ ق الغان چېغىڭىزدا ئۆلتىرمەكچى، بىگىن سىز ئۇخلىغان بۇلۇپ يېتىڭ، سۆزىمنىڭ راست يالغانلىقىنى بىلىسىز“ دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇخلىغان بۇلۇپ ياتقان ئىكەن، دەرۋەقە خوتۇنى ئۇستىرىنى ئېلىپ ساقىلىنى كېسىشكە تەمشىلىپتۇ . بۇنى كۆرگەن خوجايىن ئورنىدىن تۇرۇپ خوتۇنىنى ئۆ لتىرىپتۇ، خوتۇنىنىڭ تۇغقانلىرى ئىنتقام ئېلىش ئۈچۈن خوجايىننى ئۆلتىرىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىككى قەبىلە ئارىسىدا ئۇرۇش باشلىنىپتۇ .

جەمئىيەتتە شۇنداق رەزىل, ناچار ئىنسانلار باركى , كىشىلەر ئارىسىدا گەپ توشۇپ، دوستنى دىشمەن قىلىدۇ. گۇناھسىز خەلقنى زالىم ئەمەلدارلارغا چېقىپ جازالىتىدۇ. ئادەملەرنىڭ مال مىلكىنى ناھەق مۇسادىر قىلدۇرىدۇ. بىگۇناھ ئىنسانلارنى تۇرمىغا سولىتىدۇ .

دېمەك, جەمئىيەتتىكى ئىتتىپاقسىزلىقلار, بۆلىنىشلەر، ھەر تۈرلۈك زۇلۇملار ۋە دىشمەنلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇنداق گەپ توشۇغۇچىلارنىڭ تارقاتقان پىتنە ئىغۋا ۋە چېقىمچىلىقلىرى تىپەيلىدىن بولىدۇ . شۇڭلاشقا مۇسۇلمانلارنىڭ مۇنداق يامان ئىللەتتىن ئۇزاق تۇرۇشى ۋە بىراۋ گەپ توشۇپ كەلسە ئۇنىڭغا قۇلاق سالماسلىقى لازىم. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ئى مۆمىنلەر ! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە , ئىنىقلاپ كۆرۇڭلار . بولمىسا ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەستىن بىرەر قەۋمنى رەنجىتىپ قويۇپ , قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالىسىلەر.] سىرە ھۇجۇرات: 6 ئايەت [

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە بۇيرىغاندەك , كىشىلەردىن كەلگەن خەۋەرنى تەكشىرىپ ئېنىقلاش كېرەك .

ئەگەر بىرى پالانى سىلىنى مۇنداق دېدى دەپ كەلسە , ئۇنىڭ گېپىگە ئىشەنمەستىن , شۇ سۆزنى دىگىچىنى چاقىرىپ اشۇئ , گەپنى ئېلىپ كەلگەن كىشىنىڭ ئالدىدا ئىنىقلاش كېرەك . مۇشۇنداق قىلغاندا گەپ توشۇغۇچى سۇخەنچى رەسۋا بولىدۇ, دە ئىككىنچى گەپ توشىماسلىققا مەجبۇر بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلماي ئاڭلىغان گەپنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىپ كەتسە , ئۇ چاغدا ھېلىقى سۇخەنچى تېخىمۇ كۆپ گەپ ئېلىپ كېلىدۇ . ئۇنىڭ گېپى بىلەن ئائىلە پارچىلىنىدۇ . جامائەت بۆلىنىدۇ. دىشمەنلىك تۇغۇلىدۇ. نەتىجىدە مۇسۇلمانلار بىر بىرىنى ئۆلتىرىدۇ. كېيىن پۇشايمان قىلىدۇ. لېكىن بولىدىغان ئىش بۇلۇپ بولغان, پۇشايمان پايدا بەرمەيدۇ .

ئاللاھ تائالادىن بۇنداق يامان ئىللەتكە گىرىپتار بۇلۇپ قېلىشتىن ۋە سۇخەنچىنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ, كېيىن پۇشايمان قىلىشتىن پاناھ تىلەيمىز. ئامىين !

ئىزاھات تېكىستى كىرگۈزۈلمىگەن.

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.