51–60-ھەدىسلەر: سەدىقە، قانائەت، ئىشلەش ۋە مەغپىرەت
This content is not yet available in your language.
ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى , جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : بەندىلەرگە ھەر كۈنى ئىككى پەرىشتە چىشىپ، ئۇلارنىڭ بىرى : ”ئى پەرۋەردىگارىم ! سېخى ئادەمگە ئۇنىڭ خەيرى ئېھسان قىلىپ بەرگىنىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بەرگىن“ دەيدۇ . يەنە بىرى ” : ئى پەرۋەردىگارىم ! بېخىلنىڭ مېلىنى ھالاك قىلغىن “ دەيدۇ ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم ر ىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت .
ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى:2289 [
بىلىش كېرەككى, ئاللاھ تائالا ئىسراپخورلارنى ياقتۇرمايدۇ. كىشىلەرگە ھېچقانداق پايدا يەتكىزمەيدىغان دەرىجىدە مال دۇنيانى دوست تۇتقۇچىنىمۇ ياقتۇرمايدۇ . ئەڭ ياخشى ئىش نورمال بولۇشتۇر. يەنى مال مىلكىنى بۇزۇپ چاچماسلىق ۋە ئاجىز , بېچارىلەرگە مەنپەئەت بەرمەيدىغان ھالدا بېخىل بولماسلىق لازىم . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يوقۇرىدىكى سۆزىدىن مەلۇم بولىدۇكى , ھەر كۈنى پەرىشتەلەر ئىنسانغا دۇئا قىلىپ تۇرىدۇ . ئۇلار م ال مىلكىنى ئاللاھ تائالا يولىدا سەرپ قىلغان ۋە اللەنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ مۇھتاجلارغا ياردەم قولىنى سۇنغان كىشىلەرگە اللەدىن بەرىكەت ۋە ھالال رىزىق تىلەيدۇ . ئەمما مېلىنى ھەق يولىدا چىقىم قىلمىغان بېخىل، پىقسىق ئىنسانلارغا بولسا، پەرىشتىلەر ئۇنىڭ مېلىنىڭ ھالا ك بولۇشىنى تىلەپ دۇئا قىلىدۇ. مال مىلكىنى ئۆزى ۋە ئەۋلادىنىڭ خىراجىتىگە ئىشلەتكەندىن كېيىن , يوقسۇل، مىسكىن، ئاجىز، يېتىم يېسىرلارغا ياردەم بېرىشكە، مەسجىد , مەدرىسە، دوختۇرخانا , يول، كۆرىككە ئوخشاش مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتلىنىدىغان ئورۇنلىرىغا س ەرپ قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ, مال مىلكىگە بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ . ئەمما مال مىلكىنى ئۆزىگىمۇ , ئائىلىسىگىمۇ چىقىم قىلمايدىغان, باشقا يوللارغىمۇ سەرپ قىلمايدىغان بېخىل كىشى بولسا , ئۇنىڭ دۇنيا يىغىش يولىدا تارتقان جاپا مۇشەققەتلىرىدىن باشقا نەرسىسى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ توپلىغان مېلىدىن ئۆزىمۇ پايدىلانمايدۇ ۋە باشقىلارغىمۇ نەپ يەتكىزمەيدۇ . ئۇ مېلىم كېمىيىپ كېتەمدىكىن دېگەن ئەندىشە بىلەن بېخىللىق قىلىدۇ. ھالبۇكى ئاللاھ تائالا يولىدا مېلىنى سەرىپ قىلىش ھەرگىز مالنى كېمەيتمەيدۇ. ئەكسىچە ئۇنى بەرىكەتلىك ۋە كەڭ قىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم» : سەدىقە قىلىش مالنى كېمەيتمەيدۇ« دېگەن. ئاللاھ تائالا قانداق قىلغاندا مالنىڭ بەرىكەتلىك بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ : سىلەر كىشىلەرنىڭ پۇل مېلى ئىچىدە ئۆستىرىش ئۈچۈن بىرەر پۇل مال بەرسەڭلار , اللەنىڭ دەرگاھىدا ئۇ ئۆسمەيدۇ )يەنى كىشىلەر بەرگىنىمدىن جېقراق قايتۇرسۇن دېگەن نىيەت بىلەن بېرىلگەن سوغىنىڭ اللەنىڭ دەرگاھىدا ساۋابى بولمايدۇ (. اللەنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرگەن سەدىقەڭلارغا ھەسسىلەپ ساۋاپ بېرىلىدۇ .] سىرە: رۇم39 ئايەت [
سەدىقە بالانى توسىدۇ . مەسىلەن : سالىھ، كەمبەغەل كىشى بىر كېسەلدىن بىرنەرسە ئالغان بۇلۇپ, ئۇنىڭغا اللەدىن شىپالىق تىلەپ دۇئا قىلسا , ئاللاھ تائالا ئۇ مىسكىن، بېچارىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ كېسەلگە شىپالىق بېرىشى مىمكىن . نامرات، مۇھتاجلارنىڭ دۇئاسى دوختۇرنىڭ دورىسىدىن پايدىلىقراق بولۇشى مىمكىن. بىر ھەدىس شەرىپتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم» : كېسىلىڭلارغا سەدىقە بىلەن دورا قىلىڭلار, چۈنكى سەدىقە سىلەردىن كېسەللەرنى كەتكىزىدۇ ۋە ھادىسىلەرنى توسىدۇ« دېگەن .
سەندىن ھاجىتىنى سوراپ كەلگەن كىشىگە ئۇنىڭ باي كەمبەغەل, ياش قېرىلىقىغا قارىماستىن قولۇڭدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىشىڭ كېرەك . چۈنكى سەن ئۇنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى بىلمەيسەن. ئەمما بىر نەرسە تىلەپ كەلگەن كىشىنىڭ تىلەمچىلىكنى كەسىپ قىلىۋالغانلىقىنى بىلسەڭ، ئۇنىڭغا ئۆز لايىقىدا رەت قايتۇرساڭ بولىدۇ . بىرەر ھاجەتمەن ئىشىكىڭگە كەلسە , ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشقا كىچىڭ يېتى دىغان بولسا , ئاز بولسىمۇ ئۇنىڭغا بىرنەرسە بەرگىن . ئەگەر بېرىدىغان نەرسەڭ بولمىسا, چىرايلىقچە ئۆزرە ئېيتقىن, ئالدىڭغا كەلگەن سائىلنى قۇرۇق ياندۇرمىغىن . ئۇلارغا قاتتىق سۆز ۋە قوپال مۇئامىلە قىلمىغىن . ئاتىلىرىمىزمۇ ”تاتلىق نېنىڭ بولمىسا، تاتلىق سۆزىڭ يوقمۇ؟ “ دەپ بىكار ئېيتمىغان . چۈنكى ھاجەتمەننىڭ كۆڭلى سۇنۇق بولىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ سۇنغان كۆڭلىنى رەنجىتمەسلىك كېرەك . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ تائالا نىڭ: »ئى بەندەم ! خەير ساخاۋەت قىلغىن، مەنمۇ ساڭا خەيرى ساخاۋەت قىلىمەن « دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ .
ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ ياخشى سەدىقە ئۆز ھىمايىسى ئاستىدىكى بالا چاقا ئۇرۇق تۇغقانلارغا يېمەك ئىچمەك, كىيىم كېچەك ئۈچۈن خىراجەت قىلغان نەرسىدۇر. بۇنىڭدا ئىسراپ قىلماسلىق ۋە سىقىۋالماسلىق, نورمال بولۇش كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ئۇلار)يەنى ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر( خىراجەت قىلغاندا, ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدۇ, بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ, ئوتتۇرا ھال خىراجەت قىلىدۇ.] سىرە فۇرقان:67 ئايەت [
ئۆزىگە ۋە ئەۋلاتلىرىغا خىراجەت قىلىشتا ھەددىدىن ئاشۇرۋىتىش، نەپسىنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ، ھالال ھارام دېمەستىن زۋق ئۈچۈن پۇل مال سەرپ قىلىش ئاقىلنىڭ ئىشى ئەمەس . چۈنكى كەلگىسى اللەنىڭ قولىدا، بىگىن باي بولغان بىلەن ئەرتە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىر ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ. ئەقىللىق كىشى ئەرتىسى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدىغان كىشىدۇر .
بەزى كىشىلەر ئازراق باي بولسا دۇنياغا پاتماي قالىدۇ بالا . چاقىلىرىنىڭ ئاشكارا ئىشلەۋاتقان گۇناھ مەسىيەتلىرىنى توسمايدۇ . بالىلىرى ئالى ماركىلىق ماشىنىلار بىلەن ئويۇن تاماشا قىلىپ، ئەل ئاغىنىلىرى بىلەن ھەر تۈرلۈك يامان ئىشلارنى قىلسا، نامەھرەم قىزلار بىلەن تانسا ئويناپ، زىنا پاھىشە ئىشلارنى قىلىپ يىرسە كارى بولمايدۇ . بۇنداق بېشى بوش بالىلار ئاخىرىدا قىمار، ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە پۇل بۇزۇپ، ئاخىرىدا ئاتا ئانىسىنىڭ بايلىقىنى نامراتلىققا ئايلاندۇرىدۇ . بالىلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكلىرىگە پۇل يەتكىزىپ بولالماي قان يىغلايدىغان، پۇل يەتكىزىپ بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن بالىلىرىدىن تاياق يايدىغان ئاتا ئانىلار جەمئىيەتتە ئاز ئەمەس . چۈنكى ئۇلار باشتا بالىلىرىنى ئويۇن تاماشاغا قويۇۋەتكەن، ئۇلارنىڭ سادىر قىلىۋاتقان يامان ئىشلىرىغا كۆز يۇمۇپ كۆرمەسكە سالغان . ئەگەر ئاتا ئانىلار بالىلىرىنىڭ تىزگىنىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ قوللىرىغا چاڭگاللاپ پۇللارنى تۇتقۇزۇپ قويمىغان بولسا، ئەۋلادلىرىنى جەمئىيەت دەشقاللىرى بولغان يامان بالىلارغا قوشمىغان بولس ا، ئۇلاردىن ئەڭ كىچىك بىر گۇناھ سادىر بولسا، دەرھال بالىلارغا بۇ ئىشنىڭ خاتالىقىنى چىشەندىرىپ ئاگاھلاندۇرغان بولسا، ئەگەر سۆز كار قىلمىسا قاتتىق قوللۇق بىلەن بالىلىرىنى كونترۋل قىلغان بولسا، ھەم بالىلىرى ئۇنداق يامان يولغا كىرىپ قالمىغان بولاتتى، ھەم ئاتا ئانىلار پۇل مېلىدىن ئايرىلىپ قالغاننىڭ ئىستىگە بالىلىرىدىن تاياق يېمەيتتى .
ئاللاھ تائالا مال دۇنيا بېرىپ باي بولغان كىشى، پۇل مېلىنى بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەش، ئوقۇتۇش يولىدا سەرپ قىلسا، بالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى قامداپ، كىيىم كىچەك ۋە مەكتەپ، يول چىقىملىرىنى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرسا، بالىلىرىغا خىراجەت قىلىشتا چېكىدىن ئاشۇرۇپ ئىسراپ قىلمىسا، بەك سىقىۋىلىپ ئۇلارنى خەلقى ئالەم ئالدىدا خىجالەتكە قويمىسا، ئۇلارنىڭ قانداق بالىلار بىلەن ئاغىنىدارچىلىق قىلىدىغانلىقىنى كىزىتىپ، يامانلارغا يولاتمىسا، باشقا يېتىم يېسىر، نامرات مۇھتاجلارنىمۇ ئۇنتىماي يار يۆلەكتە بولسا، ئاللاھ بەرگەن بايلىقىدىن ئاللاھ يولىدا خىراجەت قىلىشقا بېخىللىق قىلمىسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ مۇكاپىتىنى ھەم مۇشۇ دۇنيادا ھەم ئاخىرەتتە بېرىدۇ . بۇ دۇنيادا ئوقۇغان، ئەدەپ ئەخلاقلىق يېتىشىپ چىققان ئەۋلادلىرىنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرىدۇ . ئۇنداق ياخشى ئەۋلادلار ئاتا ئانىسىغا ئۆلگەندىن كېيىنمۇ دۇئا قىلىپ تۇرىدۇ . قىيامەت كىنىدىكى مۇكاپىتى كۆزى كۆرمىگەن، قۇلىقى ئاڭلىمىغان ۋە كۆڭلىگە كەلمىگەن دەرىجىدە نازۇ نېمەتلەر بىلەن تولۇپ تاشقان جەننەت بولىدۇ .
ئەمما بېخىل پىقسىق بولسا، مال مىلكىدىن يا ئۆزى، بالا چاقىسى مەنپەئەت ئالمايدۇ ياكى جەمئىيەتكە پايدىسى بولمايدۇ . بېخىل يالاڭ ئاياق ماڭىدۇ، قۇرۇق، قاتتىق نان يەيدۇ، كونا، يىرتۇق كىيىملەرنى كىيىدۇ، ئاغرىپ قالسا، ئىككى تەڭگىگە دورا ئالغىلى چىدىماي، بىرىنىڭ سەدىقە قىلىشىنى ياكى بىكارغا بېرىشىنى كىتىپ ياتىدۇ . ۋەھالەنكى ئەگەر خالىسا، يىپەك گىلەملەردە ئولتۇرۇش، كىمخاپ تونلارنى كىيىش ۋە ئەڭ ئالى دەرىجىلىك تاماقلارنى يېيىشكە قۇربى يېتىدۇ . ئۆزىگە بېخىللىق قىلغان ئادەمنىڭ باشقىلارغا بېخىللىقى نەچچە ھەسسە قاتتىق بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بېخىللىقنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ» : سىلەردىن بۇرۇنقى ئىممەتلەر بېخىللىق سەۋەبى بىلەن ھالاك بولغان، ئۇلار بېخىللىققا بۇيرۇلسا بېخىللىق قىلدى، سىلە رەھىمنى ئىزىشكە بۇيرۇلسا ئىزدى، گۇنا قىلىشقا بۇيرۇلسا گۇناھ مەسىيەتلەرگە چۆكتى «.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە »مۆمىندە بېخىللىق ۋە بەد ئەخلاقتىن ئىبارەت ئىككى خىسلەت جۇغلاشمايدۇ« دېگەن .
ئاللاھ تائالا مال دۇنيانى قانداق ئىشلىتىش ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ : (#ûθçΡ%x. tβ¨uθ÷zÎ) ÈÏÜ≈u‹¤±9$# ( tβ%x.uρ ß≈sÜø‹¤±9$# ϵÎn/uÏ9 #Y‘θàx. ∩⊄∠∪ $¨ΒÎ)uρ £|ÊÍ÷è? ãΝåκ÷]tã u!$tóÏGö/$# 7πuΗ÷qu‘ ÏiΒ ،تۇغقانغا، مىسكىنگە، ئىبنى سەبىلگە خەيرى ساخاۋەتتىن ھەققىنى بەرگىنپۇل ) مېلىڭنى نا توغرا يوللارغا ( ئىسراپ قىلمىغىن. ئىسراپ قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن شەيتانلارنىڭ قېرىنداشلىرىدۇ، شەيتان پەرۋەردىگارىغا تولىمۇ كۇفرانى نېمەت قىلغان ئىدى . ئەگەر سەن پەرۋەردىگارىڭدىن كىتىۋاتقان مەرھەمەت نازىل بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇلارغا خەيرى ساخاۋەت قىلماقچى بولساڭ )يەنى قولۇڭدا ئۇلارغا بېرىدىغان نەرسە بولمىسا(، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىلغىن. قولۇڭنى بوينۇڭغا باغلىۋالمىغىن )يەنى بېخىللىق قىلمىغىن (، قولۇڭنى تولىمۇ ئېچىپمۇ ئەتمىگىن )يەنى ئىسراپ قىلمىغىن ، ()ئۇنداق قىلساڭ پۇلسىز قېلىپ( مالامەتكە، پۇشايمانغا قالىسەن.] سىرە ئىسرا:26 دىن29 ئايەتلەرغىچە [
ئاللاھ تائالا بىزنى سېخىلاردىن قىلسۇن! بېخىللىقتىن ساقلىسۇن. ئامىين !
ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جانابى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن» : ئايال كىشى ئۆيىدىكى ئاش ناننى بۇزۇپ چاچماستىن سەرپ قىلسا، ئۇنىڭغا سەرپ قىلغاننىڭ ساۋابى بولىدۇ، ئېرىگە ئاش ناننى تاپقاننىڭ ساۋابى بولىدۇ، خىزمەتچىگە ئۇنى ساقلاپ بەرگەننىڭ ساۋابى بولىدۇ . بۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ساۋابى ئايرىم ئايرىم بۇلۇپ، بىر ب ىرىنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت. ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى: 2041[
مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە كىشىلەر ياخشىلىق قىلىشقا ئالدىرايدۇ ۋە ياخشىلىق يوللىرىنى ئىزدەپ قىلىد. ۇدائىم خەيرى ئېھسان قىلىشنى ئويلايدىغان كىشىگە ئاللاھ تائالا ھەر تۈرلۈك پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىدۇ . ئۇنداق كىشى كۆپ بېرىشكە توغرا كەلسە ئىچى تارلىق قىلمايدۇ، ئاز بېرىشنى ھەقىر كۆرمەيدۇ . ئۇ ھەر ھالەتتە نامرات، مىسكىن، مۇھتاجلارغا ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ . ئۇ ئۆزىلا سېخى بۇلۇپ قالماستىن ئايالى، بالا چاقىلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىنىمۇ شۇنداق ئېسىل ئەخلاق بىلەن تەربىيىلەيدۇ . ئايالىنىڭ ئۆيىدىكى يېمەك ئىچمەك ۋە باشقا نەرسىلەردىن قولۇم قوشنا ۋە يېتىم يېسىرلارغا سەدىقە قىلغانلىقىغا نارازى بولمايدۇ. ئۇ خىزمەتچىسىنىڭ مۇھتاجلارغا بېرىشكە تىگىشلىك نەرسىنى ئىچى تارلىق قىلماستىن ئوچۇق چىراي بىلەن ئاپىرىپ بېرىشىنى ياقتۇرىدۇ . خىزمەتچىسىمۇ ئىشەنچلىك بۇلۇپ، بۇيرۇلغان ئىشنى ئۆز لايىقىدا ئورۇنلايدۇ ۋە كىشىلەرگە ئاپىرىپ بېرىدىغان نەرسىگە خىيانەت قىلماستىن ساق ئاپىرىپ بېرىدۇ. بۇنداق خىزمەتچى گەرچە ئۆز مېلىدىن سەدىقە قىلمىسىمۇ، سەدىقە قىلغۇچىلاردىن ھېسابلىنىدۇ ۋە مۇكاپىتىنى ئالىدۇ .
ئايال كىشى ئۆيدىكى نەرسىلەرنى بۇزۇپ چاچمىغان، بېخىللىق قىلىپ سىقىۋالمىغان ۋە ئىسراپ قىلمىغان ھالدا سەد ىقە قىلسا ۋە ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلسا، سەدىقە قىلغاننىڭ ساۋابىنى ئالىدۇ . ئېرى بولسا ئىشلەپ تاپقاننىڭ ساۋابىنى ئالىدۇ . يەنى سەدىقە قىلىشقا بۇيرۇغۇچى سەدىقە قىلغۇچىدۇر ۋە بۇ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلغۇچىمۇ سەدىقە قىلغۇچى بولىدۇ .
دىيانەتلىك ياخشى ئايال مۇلايىم سۆزلىرى ۋە قوزغاتقۇچ ھېسسىياتى ئارقىلىق ئېرىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشىگە ۋە كۆپ ئەجرى مۇكاپات ئېلىشىغا ياردەمچى بولىدۇ . ئۇ ئېرى ياقتۇرمايدىغان ئىشنى قىلمايدۇ، ئېرى خوشال بولىدىغان ئىشنى تاشلىمايدۇ، بەزىدە ئېرىغا قوشنىلىرىنىڭ، مۇھتاجلارنىڭ ئىھتىياجلىرىنى خاتىرلىتىپ، ئۇلارغا ئازدۇر كۆپتۇر ياردەم قولىنى سۇنۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ھەزرىتى ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆيدە ئېرى يوق ۋاقىتلاردىمۇ كەلگەن مۇھتاجلارغا تاپقىنىنى سەدىقە قىلاتتى . لېكىن ئۇ ئىشىكىنىڭ ئا لدىغا ھەر كۈنى كېلىۋالىدىغان مىسكىندىن ئېرىنىڭ كىنلىشى ۋە نارازى بۇلۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلاتتى . بىر كۈنى ئەر خوتۇن بىرگە ئولتۇرغىنىدا، بىر مىسكىن ئۇلارنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردى . ھەزرىتى ئەسما ئېرىغا، ”ئاۋۇ بىزنىڭ ئۆيىمىزدىن باشقا يەردە سايە تاپ المىغاندەك كېلىۋالغان مىسكىننى ھەيدىۋىتىڭ “ دېدى . ئېرى ھەزرىتى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ “سايىغىمۇ بېخىللىق قىلامسىز، ئۇنىڭ تامنىڭ تىۋىدە ئولتۇرۇشىنىمۇ كۆپ كۆرەمسىز؟ سىزنىڭ ئۇنىڭغا بىر نەرسە بېرىشىڭىز كېرەك ئىدى “ دېدى . ھەزرىتى ئەسما ”ئۇنىڭغا بىر نەرسە بېرىشىمنى خالامسىز؟“ دېگەن ئىدى، ھەزرىتى زۇبەير ”ھەئە“ دېدى. ھەزرىتى ئەسما ”مېنىڭ خالىغىنىممۇ شۇ ئىدى “ دېدى. ھەزرىتى زۇبەير ئايالىنىڭ ياخشىلىق قىلغانلىقى ۋە ئېرىغا ئىتائەتچانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى .
ئايال كىشى سەدىقە قىلىشتا ئېرىنىڭ ئەھۋالىغا رىئايە قىلىش لازىم ئ . ۆيدە بار نەرسىنىڭ ھەممىنى كىشىلەرگە بېرىۋەتمەسلىكى، ئېرى ئۈچۈن قىممەتلىك بولغان نەرسىنى سەدىقە قىلماسلىقى كېرەك . چۈنكى ئۇنداق قىلىش ئېرىنى غەزەبلەندىرىدۇ ۋە ئۇنى بۇنداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن توسۇپ قويۇشىغا سەۋەب بولىدۇ . سەدىقىنىڭ چوڭ ياكى كۆپ بولۇشى لازى م ئەمەس، بەلكى قۇربى يەتكەن نەرسە بولسا بولىدۇ . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم » : يېرىم خورما سەدىقە قىلىش ئارقىلىق بولسىمۇ دوزاختىن ساقلىنىڭلار« دېگەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ،قىيامەت كۈنى بىز ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز، ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمەلى بولسىمۇ ئۇنى ھازىر قىلىمىز . )بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن ( ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز.] سىرە ئەنبىيا:47 ئايەت [
ئاللاھ تائالا پىتىن مۇسۇلمانلارنى مانا مۇشۇنداق بەختلىك ۋە سېخى ئائىلىلەردىن بولغىلى نىسىپ قىلسۇن. ئامىين !
ھەزرىتى ئەبۇ مۇسا رە زىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى , جانابى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : ھەر بىر مۇسۇلمان سەدىقە قىلىشى لازىم « ساھابىلار “ئى رەسۇلۇللاھ! ئەگەر سەدىقە قىلىدىغان نەرسە تاپالمىسىچۇ؟ “ دېدى. رەسۇلۇللاھ» : كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق ئۆزىگىمۇ پايدا يەتكىزسۇن، سەدىقىمۇ قىلسۇن « دېدى . ساھابىلار “ئىشلەشكە قادىر بولالمىسىچۇ؟ “ دېگەندە، رەسۇلۇلاھ » : ئاجىز، بىچارىلەگە يار يۆلەك بولسۇن « دېدى . ئەبۇمۇسا ئېيتتى: ساھابىلار “ئۇنىمۇ قىلالمىسىچۇ؟ دېگەندە، رەسۇلۇلاھ » : ياخشىلىققا دەۋەت قىلسۇن « دېدى . ئەبۇ مۇسا “ئۇنىمۇ قىلالمىسىچۇ؟ “ دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ » : يامان ئىشلاردىن قول يىغسۇن، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە ئورنىدا بولىدۇ « دەپ جاۋاپ بەردى . ]بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت. ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى: 2286 [
ھەزرىتى ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى , جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : ئى ئادەم بالىسى! ئۆز ئېھتىياجىڭدىن ئاشقاننى سەدىقە قىلساڭ سەن ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر سەدىقە قىلماي تۇتۇۋالساڭ ئۇ سەن ئۈچۈن يامانلىقتۇر، يەتكىدەك ئىشلەتكەن نەرسەڭدە مالامەت قىلىنمايسەن، سەدىقە قىلىشتا قول ئاستىڭدىكى كىشىلەردىن باشلىغىن , يۇقىرى قول )بەرگەن قول ( تۆۋەن قولدىن )ئالغان قولدىن ( ياخشىدۇر .« ]ئىمام بۇخارى بۇ ھەدىسنىڭ بەزى قىسمىنى رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست ئىمام مۇسلىمغا ئائىت. ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى:2341[
ئاللاھ تائالانىڭ بەندىگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرى چەكسىز بۇلۇپ ئۇنى ساناپ تىگەتكىلى بولمايدۇ .
ئەگەر اللەنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى سانىساڭلار، ئۇنىڭ ھېسابىنى ئېلىپ بولالمايسىلەر. ] سىرە نەھل:18 ئايەتنىڭ بىر قىسمى [ ئاللاھ تائالا نېمەتكە شىكرى قىلغانلارغا نېمىتىنى تېخىمۇ زىيادە قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭلار» : نېمىتىمگە شىكىر قىلساڭلار , ئۇنى تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن، ئەگەر نانكۆرلۇق قىلساڭلار، مېنىڭ ئازابىم، ئەلۋەتتە، بەكمۇ قاتتىق بولىدۇ« دەپ ئۇقتۇرغان ئىدى.] سىرە ئىبراھىم:7 ئايەت [
نېمەتكە شىكرى قىلىش , بېرىلگەن نېمەتنىڭ قەدرى قىممىتىنى بىلىش ۋە ئۇنى ئۆز ئورنىدا ئىشلىتىش بىلەن بولىدۇ. نېمەتنى اللەتىن دەپ بىلمەسلىك ۋە ئۇلارنى گۇناھ مەسىيەتلەرگە ئىشلىتىش بولسا، ناشىكرىلىك بۇلۇپ، ياخشىلىققا يامانلىق قىلغانلىق، شىكرى قىلىشنىڭ ئورنىغا نانكۆرلىق قىلغانلىقتۇر . ئۇنداق كىشى قاتتىق ھېساپ ئېلىنىشقا ۋە نېمەتلەردىن مەھرۇم قېلىشقا ھەقلىقتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ئەڭ چوڭ نېمەتلىرى سالامەتلىك, مال مىلىك ۋە ئىلىم نېمىتىدۇر. بۇ نېمەتلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ سەدىقىسى بار . بەندە بۇ نېمەتلەر ئارقىلىق ئۇنى بەرگەن ئىگىسىگە ئىتائەت قىلىشى ۋە ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك . چۈنكى ئاللاھ تائالا پىتىن مىلكنىڭ ئىگىسى، ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ، خالىغان كىشىدىن تارتىپ ئالىدۇ، خالىغان كىشىنى ئەزىز قىلىدۇ، خالىغان كىشىنى خار قىلىدۇ .
بەندىنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى, بەرگەن سەدىقىلىرى ئاللاھ تائالاغا پايدا يەتكىزەلمەيدۇ.
ئۇلارنىڭ قىلغان يامان ئىشلىرى , نانكۆرلۇقلىرى ئاللاھ تائالاغا زىيان يەتكىزەلمەيدۇ . قىلغان ياخشى يامان ئىش ئەمەللەرنىڭ پايدا زىيىنى پەقەتلا ئىنساننىڭ ئۆزىگە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنساننى، ئۆز ئىختىيارى بىلەن ياراتقۇچۇسى بولغان پەرۋەردىگارىنى تۇنۇپ , ئۇنىڭغا قۇللۇق قىلىشى ئۈچۈن ياراتقان، ئۇلاردىن رىزىق ياكى تائام بېرىشنى تىلىمەيدۇ، ئاللاھ تائالا نىڭ بەدىلەردىن تىلەيدىغىنى پەقەت ياخشى ئىشلاردا ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش , يامانلىقلاردىن قول ئىزىشتۇر . بەندىنىڭ ب ۇ ئىشىنى سەدىقە ھېساپلاپ ئۇنى »نامە ئەمال« دەپتىرىگە ياخشى ئەمەللەر قاتارىغا يازىدۇ .
ياردەم قىلىش كۆپىنچە پۇل مال ئارقىلىق بولىدۇ . چۈنكى زاكات، سەدىقە، كاپارەت , ھەج , يوقسۇللارغا ياردەم بېرىش , جىھادقا ياردەم بېرىش، مەسجىد , مەكتەب، دوختۇرخانا , تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇل، ياشلانغانلارغا ياردەم بېرىش , كىتاپ باستۇرۇش، دىنىنى، ۋەتېنىنى قوغداش پۇل چىقىم قىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالا بەرگەن پۇل مال نېمىتىگە شىكىر قىلغانلىق بولىدۇ. ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىنغان ھەر بىر تەڭگە پۇل، يېتىم يېسىرلارنىڭ ئاغ زىغا قويغان ھەر بىر لۇقما تائام، ھەرگىز زايا بۇلۇپ كەتمەيدۇ، بەلكى نامە ئەمال دەپتىرىگە يېزىلىپ قىيامەت كۈنى ھاجىتىڭىز چىشكەندە ئالدىڭىزغا كېلىدۇ .
ئەگەر قولىڭىزدا ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغۇدەك نەرسىڭىز بولمىسا، تېرىشىپ تىرمىشىپ ئىشلەڭ. ئىشلەش ئارقىلىق ھەم ئۆ زىڭىزنىڭ ۋە ئائىلىڭىزنىڭ ئېھتياجلىرىنى قامداپ، كىشىلەرگە مۇھتاج بولمايسىز، ھەمدە ئېھتىياجىڭىزدىن ئاشقىنىنى ئۆزىڭىزدىن تۆۋەن ئاجىز بىچارىلەرگە ياردەم قىلىش ئارقىلىق جەننەتكە ئېرىشىسىز . ئەگەر ئىشلىمەي باشقىلارنىڭ بەرگەن سەدىقىسى بىلەن ياشىسىڭىز يىزىڭىز تۆۋ ەن بولىدۇ، خەلقى ئالەم ئالدىدا خارلىققا قالىسىز. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ »بەرگەن قول ئالغان قولدىن ياخشىراق « دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى مانا مۇشۇ .
ھاجەتمەننىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا ياردەم قىلىش، قارغۇنىڭ قولىدىن يېتىلەپ بارى دىغان يېرىگە يەتكىزىپ قويۇش، قۇلىقى ئېغىرلارغا سۆزنى چىشەندىرىش، يېتىمنىڭ بېشىنى سىلاش، تۇل خوتۇن، ئاجىز بىچارىلەرگە يار يۆلەك بولۇش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىش ئاللاھ تائالا بەرگەن سالامەتلىك نېمىتىگە شىكىر قىلغانلىق بولىدۇ .
كىشىلەرگە ۋەز نەسىھەت قىلىش، ياخشى ئىشلارغا چاقىرىش، يامان ئىشلاردىن توسۇش، كىشىلەرگە ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى پەرمانلىرىنى چىشەندىرىش، بىلمىگەنلەرگە ئۆگىتىش، سورىغانلارغا جاۋاب بېرىش، غاپىللارنى ئاگاھلاندۇرۇش، ھەم ئۆزى شەرىئەت ئەھكاملىرىغا تولۇق ئەمەل قىلىش ئارقىلىق بارلىق ئىش ھەرىكەتلىرىدە كىشىلەرگە ياخشى ئىلگە بولۇش قاتارلىق ئىشلار بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ بەرگەن ئىلىم بىلىم نېمىتىگە شىكىر قىلغانلىق بولىدۇ .
ئەگەر كىشى ئىشلەشكە قادىر بولالمىسا، كىشىلەرگە ياردەم قىلغۇدەك نەرسىگە ئىگە بولالمىسا، باشقىلارنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا رىغبەتلەن دىرىشى، مال مىلىك ئىگىلىرىنى پېقىر مىسكىنلەرگە ياردەم قىلىشقا چاقىرىشى لازىم . كىشىلەرنى ياخشىلىققا دەۋەت قىلىش پەقەت دىنى ئالىملارنىڭلا ۋەزىپىسى ئەمەس، ياخشى ياماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسىدۇر .
يۇقىرىدىكى ئىشلارنىڭ ھېچبىرىنى قىلىشقا قادىر بولالمىغان كىشى، باشقىلارغا زىيان يەتكىزىشتىن، گۇناھ مەسىيەتلەردىن قول ئىزسە، مەيلى تىلى مەيلى قولى ئارقىلىق بولمىسۇن كىشىلەرگە ئازار بەرمىسە، سەدىقە قىلغاندەك ساۋاب ئالىدۇ .
دېمەك، كىشىنىڭ بۇ ھاياتتا بىر رۋلى بولۇشى كېرەك . چۈنكى ئىنسان بۇ دۇنياغا بىكاردىن بىكار يارىتىلغان ئەمەس . ياشىغان ياشىمىغىنىنىڭ ھېچقانداق بىر پەرقى يوق كىن ئۆتكىزگەن ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئىنسان قىلىپ يارىتىلىشىنىڭ غايىسىنى بىلمەيدىغان مەخلۇقلاردۇر . سوفى ئاللاھ يار قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ نېمە دەپ سورايدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ : تېنۇ تىرەڭدە تاتلىق جان ياراتتىم، باھايىم قىلمىدىم ئىنسان ياراتتىم .
تامام ئەزالىرىڭنى سالىم ئەتتىم، ئېرىغ زاتىم بىلىرگە ئالىم ئەتتىم .
سۇغاردىم ئابى نېمەتتىن چىشىڭنى، قېنى ئېيغىل ماڭا قىلغان ئىشىڭنى .
ئىنسان بۇ چەكلىك ئۆمرىدە قولىدىن كېلىشىچە ياخشى ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق جەمئىيەتكە پايدىلىق بولۇشى لازىم . ئەكسىچە ئىشلىمەي جەمئىيەتكە يىك بۇلۇپ ياشاش مۇسۇلما ئۈچۈن كۆتەرگىسىز نومۇستۇر . شۇڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ يەردە ئىشلەشكە، ھەر بىر كىشىنى قولىدىن قانداق بىر ئىش كە لسە شۇنى قىلىشقا، بىكار تىلەپ بولماسلىققا، جەمئىيەتكە ھېچقانداق تۆھپە قوشالمىسا، زىيان ئۇرماسلىققا چاقىرىدۇ .
ئاللاھ تائالا بىزلەرنى جەمئىيەتكە پايدىسىز يىك بۇلۇپ ياشاتىن ساقلىسۇن، ئاز بولسىمۇ دىن مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەتكىلى نېسىپ قىلسۇن. ئامىين !
56 ھەدىس قانائەتلىك بولۇش توغرىسىدا ھەزرىتى ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى , جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : مالنىڭ كۆپلىكى بايلىق ئەمەس، لېكىن ھەقىقىي بايلىق كۆڭىلنىڭ بايلىقىدۇر ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:6299، مۇسلىمدىكى نومۇرى:2373[
ئىزاھات :
پۇل مال ھاياتلىق ئۈچۈن ئەڭ كېرەكلىك نەرسە . لېكىن ئۇ مۇسۇلماننىڭ غايىسى ۋە مەقسىتى بولماسلىقى لازىم . مۇسۇلمان كىشى مال دۇنيانى غايە قىلمايدۇ . بەلكى ئۇنى ئالىي نىشانغا يېتىش ئۈچۈن بىر ۋاسىتە قىلىدۇ . مال دۇنيانى ئۆزىگە غايە قىلغانلار ھەر گىز تويمايدۇ , مال دۇنياسى كۆپ بولغانسىرى تېخىمۇ كۆپ بولسا بولاتتى دەپ كېچە كىندىز دۇنيا قوغلايدۇ . پۇل مال يىغىشتا ھالال ھارامنى ئىلغىمايدۇ . كىشىلەرنىڭ ھەققىنى يەۋېلىشتىن قورقمايدۇ .
ئۇنداق ئادەمدە تاماخورلۇق ۋە ئاچ كۆزلىكنىڭ چېكى بولمايدۇ .
ئەمما پۇ لمالنى ھاياتلىق ۋاستىسى دەپ قارىغان مۇسۇلمان، ئۆز كىچىگە تايىنىپ ئىشلەپ , ھالال يول بىلەن ئىقتىساد يىغىدۇ . ھارام نەرسە يەپ سېلىشتىن ھەزەر قىلىدۇ . ئۆز مەپىئىتى ئۈچۈن كىشىلەرگە زىيان ئۇرمايدۇ . باشقىلارنىڭ ھەققىنى يېمەيدۇ. بەلكى ئۇ ئىشلەپ تاپقان رىزقىغا ئاز بولسۇن , كۆپ بولسۇن قانائەت قىلىدۇ . قولىدىن كېلىشىچە نامرات بىچارىلەرگە ياردەم قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن كۆڭلى خاتىرجەم , ھەممە ئادەم بىلەن دوست ئىناق ئۆتىدۇ . ھاياتلىقنىڭ تەمىنى مانا موشۇنداق ئادەم تېتىيدۇ . ئۇ اللەنىڭ بەرگىنىگە شىكرى قىلىدۇ . ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ رىزقىغا بەركەت ئاتا قىلىدۇ . رەسۇلۇللاھنىڭ ھەقىقىي بايلىق كۆڭىل بايلىقى دېگىنىڭ مەنىسى مانا موشۇ .
ئاللاھ تائالا ئاچكۆزلىك ۋە تاماخورلۇق كېسىلىگە دۇچار بولۇشتىن ساقلاپ، نامرات بولسىمۇ قۋرسىقى كەڭ، كۆزى تۋق ياشىغىلى نىسىپ قىلسۇن. ئامىين !
ئىزاھات تېكىستى كىرگۈزۈلمىگەن.
57 ھەدىس خەيرى ئېھسان قىلىنىشقا تېگىشلىك كىشى توغرىسىدا ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : مىسكى ن كىشىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ بىر ئىككى لوقما تائام, بىر ئىككى خورما تىلەيدىغان كىشى ئەمەس . لېكىن ھەقىقىي مىسكىن ھاجىتىنى قامدىيالىغىدەك بايلىق تاپالمىغان, سەدىقە بېرىىلىشى ئۈچۈن ھالىنى بىلىندىرمىگەن ۋە كىشىلەردىن بىر نەرسە سورىمايدىغان كىشىدۇر ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت. ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:1461[
ئىزاھات :
ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولمايدۇ ۋە بىر ئىنسان ھەر دائىم ئوخشاش ھايات كەچىرەلمەيدۇ. بەزى كىشىلەر يوقسۇزلۇق , پېقىرلىققا دۇچار بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا چىشىپ قالغانلار سەۋر تاقەت قىلىشنى تاشلاپ , تىلەمچىلىكنى باشلاپ، ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن بىر نەرسە سوراپ , سەدىقە بىلەن ھايات كەچىرىشنى ئادەت قىلىۋالسا , بۇنداق كىشى ھەقىقىي پېقىر مىسكىن ھېساپلانمايدۇ. چۈنكى ئۇ باشتا ھاجىتىنى راۋا قىلىش، تۇرمۇشىنى قامداش يىزىسىدىن كىشىلەردىن ياردەم سورىغان بولسىمۇ , بارا بارا تىلەمچىلىكنى كەسىپكە ئايلاندۇرۇۋېلىپ , كىشىلەرنىڭ بوينىغا مىنىپ, پۇل توپلاشقا ئادەتلەنگەن بۇلۇپ, ھەرقانچە باي بولسىمۇ, يىرتىق چاپاننى تاشلىماي تىرىكتاپلىق بىلەن ھايات كەچىرىدۇ . ھەقىقى مىسكىن ، پېقىر كىشى بولسا , ئەمەلىيەتتە قولىدا ھېچ نەرسىسى يوق , كىشىلەردىن تىلەشنى ئۆزى ئۈچۈن نومۇس دەپ بىلىدىغان، ئۇلارنىڭ كۆرىنىشىدىن قىيىنچىلىق ئەھۋالى مەلۇم بولمايدىغان كىشىلەردۇر . ئۇنداق ئىپپەتلىك زاتلارنى كىشىلەر باي دەپ ئويلايدۇ . ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇلار يار دەم قىلىنىشقا ئەڭ مۇھتاچ كىشىلەردۇر . ئۇلار ئاچ بولسىمۇ قانائەت قىلىپ, كىشىلەرگە چاندۇرماسلىققا تىرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ،ئۆزىنى ئاللاھ يولىغا ئاتىغان)تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن( يىراق جايلارغا بارالمايدىغان يوقسۇللارغا خەير ئې ھسان قىلىنىشى كېرەك . ئەھۋالنى ئۇقمايدىغانلار، ئۇلارنىڭ نەرسە تىلىمىگەنلىكلىرىگە قاراپ، ئۇلارنى باي دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن تونۇيسەن، ئۇلار كىشىلەرگە چاپلىشىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلمايدۇ . مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ئېھسان قىلماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنى بىلگىچىدۇر.] سىرە بەقەرە:273 ئايەت [
مانا شۇنداق كىشىلەرنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇلارغا ياردەم قىلىش ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ . بۇھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دېمەكچى بولغىنى كىشىلەرنى ئىپپەتلىك، ئالى سىپەتلىك بولۇشقا چاقىرىش ۋە يىزىنى چىشىرىپ كىشىلەردىن نەرسە سوراشتىن توسۇشتىن ئىبارەت .
ئىزاھات تېكىستى كىرگۈزۈلمىگەن.
ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى , جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ بىر باغلام ئوتۇن تىرىپ، يىدىپ كېلىپ جان باققىنى مەيلى بەرسۇن ياكى بەرمىسۇن، كىشىدىن تىلەپ جان باققىنىدىن ياخشى ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت .
ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:2334 [
جانابى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىز مۇسۇلمانلارنىڭ شۇنداق ئالى سىپ , ەت ئىپپەتلىك، غۇرۇرلۇق، ئېسىل كىشىلەر بولىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ . ئىشلەپ چىقىرىشقا رىغبەتلەندىرىدۇ. ئىنسان قانداق ئىش بولمىسۇن ئىشلەپ يېيىشى كېرەك . ئىشنىڭ چوڭىمۇ كىچىكىمۇ ئوخشاش . ھەر قانچە ئاددىي ئىش بولسىمۇ ئىشلەش , باشقىلاردىن تىلىگەندىن ياخشى . ئىشنى كۆزگە ئىلماسلىق، ئىشچىلارنى كەمسىتىش ئىنتايىن ناچار ئەخلاق ۋە مۇسۇلمانلىققا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قىلىقلاردۇر .
مانا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئاددىي دەپ قارىلىدىغان ئىشلاردىن بىرىنى مىسال قىلىپ » : ئوتۇن توشۇپ جان بېقى ش كىشىلەرگە قول سۇنغاندىن ياخشى « دەيدۇ . دېمەك، كىشىلەرگە قولىنى سۇنۇپ بىر نەرسە سورىسا يابېرىدۇ ياكى بەرمەيدۇ. مۇشۇنداق بېرىش بەرمەسلىكى ئېھتىماللىق بولغان كىشىلەرگە ئۆزىنى خار قىلىپ، يىزىنى چىشىرىپ قول سۇنۇش ئەڭ پەسكەش، نۇمۇس قىلىشقا تېگىشلىك ئىشتۇر بە . زىلەر تۆۋەن ئىشلارنى قىلىشتىن نومۇس قىلىدۇ . ھەقىقەتتە نومۇس قىلىشقا تېگىشلىك نەرسە بىكار تەلەپلىك ۋە جەمئىيەتكە يىك بۇلۇپ ياشاتۇر . مۇسۇلمان دېگەن ئىستىن تەبىيئەتلىك , ئالى سىپەتلىك , جاپا مۇشەقەتكە چىداملىق، بالا ئاپەتكە سەۋرلىك بولۇش، ھەقىقى مىلىك ئېگىس ى بولغان اللەغا يالۋۇرۇش, پىتىن ھاجىتىنى ئۇنىڭدىن سوراش، كىچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشىپ ئىشلەش , بېكارتەلەپ, لايىغەزەل بولماسلىق , ۋاقتىنى بېكار ئۆتكىزمەسلىك , ھەر قانچە ئاددى تۆۋەن ئىش بولسىمۇ كىچىك كۆرمەستىن قىلىش , باشقىلارغا قول سۇنۇشتىن , ھاجىتىنى تىلەپ كىشىلە رگە يالۋۇرۇشتىن بارغا قانائەت قىلىشنى ئەۋزەل كۆرىش لازىم . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بىر كۈنى بىر ساھابە كېلىپ سالام بېرىدۇ . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرىشكىنىدە، ئۇنىڭ قوللىرىنىڭ قاپىرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ » : قولۇڭغا نېمە بولدى؟ « دەپ سورايدۇ . ھېلىقى ساھابە ئىشلەپ قولىنىڭ شۇنداق قاپىرىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ قولىنى ئىگىز كۆتىرىپ تۇرۇپ » : بۇ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ياخشى كۆرىدىغان قول « دەيدۇ . ئەپسۇسك ى بازالار، مەسجىد ئالدىلىرى تىلەمچىلەر بىلەن تولۇپ تاشماقتا . تىلەمچىلىكنى كەسىپ قىلىۋالغانلارغا قارىتا رەسۇلۇلاھنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىگ دىققەت قىلىڭ .
ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جانابى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : سىلەرنىڭ بىرىڭلار اللەغا ئۇچراشقۇچىلىك تىلەمچىلىك قىلىۋەرسە، قىيامەت كۈنى يىزىدە گۆش دىدارى بولمىغان ھالدا ھازىر بولىدۇ ] «.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست مۇسلىمغا ئائىت .
ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى نومۇرى:2349[
بۇ دۇنيادا كىشىلەرگە قولىنى سۆزۇپ تىلەمچىلىك قىلىشتىن نومۇس قىلمىغان , پۇل مال ئۈچۈن يىزىنى چىشىرىپ , تىلەمچىلىكنى كەسىپ قىلىۋالغان كىشىنىڭ ئاخىرەتتىكى ئەھۋالى بولسا, يىزىدە پەقەت گۆش دىدارى بولمىغان , قۇرۇق ئۇستۇخان ھالدا تى رىلىدۇ. خەلقى ئالەم ئالدىدا ئاشۇنداق رەسۋا بولىدۇ . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ : »بەرگەن قول ئالغان قولدىن ياخشى، خەير ئېھسان قىلىشتا قول ئاستىڭدىكىلەردىن باشلا، ئەڭ ياخشى سەدىقە بايلىقتىن بەرگەن سەدىقىدۇر . ئىپپەتلىك بولۇشنى تەلەپ قىلغان كىشىنى ئاللاھ ئىپپەتلىك قىلىدۇ، كىشىلەرگە قول سۇنۇشتىن بىھاجەت بولۇشنى تەلەپ قىلغان كىشىنى ئاللاھ باي قىلىدۇ. پۇل توپلاش ئۈچۈن تىلەمچىلىك قىلغان كىشى مەيلى كۆپ ياكى ئاز توپلىسۇن جەھەننەم چۋغلىرىنى توپلىغان بولىدۇ . كىشى تىلەمچىلىك قىلىۋە رسە قىيامەت كۈنى يىزىدە گۆش دىدارى بولمىغان ھالدا كېلىدۇ «.
بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا ئىككى كىشى سەدىقە سوراپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا بىر قۇر كۆز يىگىرتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىشلەش ئىقتىدارى بار لىقىنى بايقىدى دە، مۇنداق دېدى » : ئەگەر خالىساڭلار سىلىگە تىلىگەن نەرسەڭلارنى بېرىمەن، لېكىن ئۇنىڭدا باي ۋە ئىشلىيەلەيدىغان كىچلىك كىشىنىڭ نەسىۋىسى يوق )يەنى مەن بېرىدىغان سەدىقە سىلەرنىڭ نەسىۋەڭلار ئەمەس« (. دېدى .
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم م ۇنداق دەيدۇ » : كىمكى بېشىغا يوقسۇزلۇق چىشمەستىن ياكى بېقىشقا قۇربى يەتمەيدىغان ئەۋلادلىرى بولماستىن، كىشىلەردىن نەرسە تىلىسە، قىيامەت كۈنى يىزىدە گۆش دىدارى بولمىغان ھالدا كېلىدۇ.« رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دەيدۇ » : كىمكى يوقسۇزلۇققا ياكى بېقىپ بولالمايدىغان ئەۋلادقا دۇچار بولماستىن تىلەمچىلىكنىڭ ئىشىكىنى ئاچسا، ئاللاھ ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭغا يوقسۇزلۇقنىڭ ئىشىكىنى ئاچىدۇ «.
ئەي نامراتلىققا گرىپتار بولغان كىشىلەر ! يالغۇز ئاللاھ تائالاغا تايىنىڭلار، قۇربىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئىشلەشكە تىرىشىڭلا ر، كىشىلەرگە قول تەڭلەپ تىلەمچىلىك قىلىشتىن، مۇسۇلمانلىق شەرىپىڭلارنى ئاياغ ئاستى قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار. بىر شائىر مۇنداق دەيدۇ : تەرجىمىسى: ئەي ئوغلۇم ! ئادەمدىن ھاجىتىڭنى سورىما، دەرۋازىسى ئېتىلمەيدىغان زات اللەدىن سورا. چۈنكى ئاللاھ سورىمىساڭ غەزەبلىنىدۇ، ئادەم بولسا، سورىساڭ غەزەبلىنىدۇ .
ئاللاھ تائالا ئىشلەشكە ئەمر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ :
ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى مېڭىشقا ئاسان قىلدى، زېمىننىڭ ئەتراپىدا مېڭىڭلار. اللەنىڭ بەرگەن رىزقىدىن يەڭلار، سىلەر تىرىلگەندىن كېيىن اللەنىڭ د ەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.] سىرە مىلك:15 ئايەت [
ئاللاھ تائالا بىزنى ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمگە مۇھتاج قىلمىسۇن . بىزگە قانائەت، سەۋرجانلىق ئاتا قىلپ, كىشىلەرگە قول سۇنۇشتىن ساقلىسۇن . ھۋرۇنلۇقتىن، بېكار تەلەپلىكتىن , قورقۇنچاقلىقتىن, بېخىللىقتىن ئۆز پاناھىدا ساقلا پ، ئىپپەتلىك، ئىززەتلىك ئالىجاناپ مۇسۇلمانلاردىن قىلسۇن. ئامىين !
ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن » : تۇل خوتۇن ۋە مىسكىنگە ياردەم قىلىشقا تىرىشقان كىشى، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان ياكى كېچىنى ئىبادەت ۋە كىندىزنى روزا بىلەن ئۆتكىزگەن كىشىگە ئوخشايدۇ.« ]بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . بۇ يەردىكى تېكىست بۇخارىغا ئائىت .
ھەدىسنىڭ بۇخارىدىكى نومۇرى:5226[
ئىنساننىڭ بۇ ھاياتتىكى قەدرى قىممىتى دىنى ياكى دۇنيالىقى ئۈچۈن قىلغان ئىش ئەمەللىرىگە قاراپ بولىدۇ . ئاللاھ تائالا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پەزىلەتلىك ئەمەل دىنىنى ھىمايە قىلىش ۋە كىشىلەرنى ئۇنىغا دەۋەت قىلىش يولىدا ئاللاھ ئۈچۈن جېنى ۋە مېلى بىلەن جىھاد قىلىشتۇر. جىھاد پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بۇلۇپ، ئۇلاردىن كېيىنكى ئىنسانلار جىھاد قىلىش جەھەتتە بەش تۈرلۈك بولىدۇ . ئۇلار : تىلى ۋە قەلىمى ئارقىلىق جىھاد قىلىدىغان ئالىم؛ كىچى ۋە ھوقۇقى بىلەن جىھاد قىلىدىغان پادىشاھ؛ ئىمانى ۋە قورالى بىلەن جىھاد قىلىدىغان ئەسكەر؛ مېلى ۋە ھەمراھلىرى بىلەن جىھا د قىلىدىغان باي؛ كېچىنى ئىبادەت ۋە كىندىزنى روزا بىلەن ئۆتكىزىدىغان، ئېچى تېشى ئوخشاش بولغان ئابىددۇر . ئۆزىنىڭ كىندىلىك ئېھتياجىنى قامداش ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ۋە ئاجىز، بىچارە، باققۇچىسى يوق ئاياللارغا، غېرىپ، مىسكىنلەرگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغا ن كىشى بولسا، ئاللاھ تائالا نىڭ دەرگاھىدا يۇقىرىدىكى بەش خىل كىشىنىڭ ساۋابىغا نائىل بولىدۇ .
بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدىن ناھايىتى كىچلىك، ساغلام ۋە پائال كۆرىنىدىغان بىر يىگىت ئۆتىپ كېتىۋاتاتتى، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىكى ساھابىلار : ”كاشىكى بۇ يېگىت ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان بولسىچۇ “ دېيىشتى . بۇنى ئاڭلىغان رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم» : ئەگەر كىچىك بالىلىرىنى بېقىش ئۈچۈن چىققان بولسا، ئاللاھ يولىدا بولىدۇ. ئەگەر ياشىنىپ قالغان ئاتا ئانىسىنى بېقىش ئۈچۈن چىققان بولسا ئاللاھ يولىدا بولىدۇ. ئەگەر ئۆز تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن چىققان بولسا ئاللاھ يولىدا بولىدۇ، ئەگەر ئۇ رىياكارلىق ۋە ئۆزىگە تەمەننا تارتىپ چىققان بولسا شەيتاننىڭ يولىدا بولىدۇ« دېدى .
كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ياردەمگە ئەڭ مۇھتاج بولغان كىشى باقىدىغان ئېرى ياكى ئاتا ئانىسى يوق ت ۇل خوتۇندۇر . ھاياتتا ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللار ئاجىز ۋە ھاجەتلىرى كۆپ بولىدۇ . ئىشلەشكە قادىر بىر ئەركىشىنىڭ ياردىمى بولمىسا ئاياللار ئۆزىنىڭ ھاجىتىنى ئۆزى قامداپ كېتەلمەيدۇ . شۇڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللارغا ياردەم بېرىشكە رىغبەتلەند ىرىپ مۇنداق دېگەن : »ئىچ قىزى ياكى ئىچ قىز قېرىندىشى ياكى ئىككى قىزى ياكى ئىككى قىز قېرىندىشى بولغان كىشى، ئۇلارغا ياخشى يار يۆلەك بۇلۇپ، اللەنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ئەمرىنى تۇتسا، جەننەتكە كىرىدۇ.« يەنە بىر رىۋايەتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم »ئۇلارنى ئوبدان تەربىيىلىسە، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلسا ۋە ئۇلارنى ياتلىق قىلسا، جەننەتكە كىرىدۇ « دېگەن . رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دەيدۇ » : كىشىنىڭ باشقىلارغا مۇھتاج بولماسلىق ئۈچۈن ئۆزىگە سەرپ قىلغان نەرسىسى سەدىقىدۇر؛ ئايالىغا، بالىسىغا ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە سەرپ قىلغان نەرسىسى سەدىقىدۇر «.
ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان مىسكىنگە كەلسەك، ئۇ قېرىپ قالغانلىقى ياكى كىچىك بولغانلىقى ياكى كېسەل ياكى قايسى بىر سەۋەب بىلەن ئىشلەپ تۇرمۇشىنى قامدىيالمايدىغان، ئاچ يالىڭاچ كىشىلەردۇر . ئۇنداق كىشىلەرگە ئاجى زلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خەۋەر ئېلىش، كىچى بارلارغا ئىش تېپىپ بېرىش كىچىكلەرنى ئوقۇتۇپ تەربىيىلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قولىدىن تۇتۇش لازىم . مانا بۇ ئىسلامىي قېرىنداشلىقنىڭ تەقەززاسى . بىز ھەقىقى مۇسۇلمان بولىدىغان بولساق، ”مەن مۇسۇلمان“ دېگەن سۆزىمىزدە راسچىل بولساق ، جەمئىيىتىمىزدىكى تۇل خوتۇن، يېتىم يېسىرلارغا ئىگە چىقىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىن قولىمىزدىن كېلىشىچە خەۋەر ئېلىشىمىز لازىم .
ئەپسۇسكى كىنىمىزدە مال دۇنيا كۆپىيىپ بايلار كۆپەيگەن ئىدى، تېچى نەچچە ئون يىل ئالدىدىكى ئەھۋاللارنى تىزلا ئۇنتۇپ، نامرات، مىسكىن، تۇل خوتۇن، يېتىم يېسىرلارغا غەمخورلۇق قىلىشنىڭ ئورنىغا ھە دەپ بەس بەستە ھەشەمەتلىك ئۆي ئىمارەتلەرنى سالىدىغان، مىھماندارچىلىقتا بىر نەچچە دەستۇرخان سېلىپ ئىسراپ قىلىدىغان، يۇز ئابرۇي ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ئۆرپە ئادەتلەرنى چىقىرىۋىلىپ نامرات بىچارىلەر نىڭ تۇرمۇشىنى تەسلەشتىرىدىغان، پەقەتلا ھاجىم ئاتىلىش ياكى مانچە قېتىم ھەج قىلغان دېگەن نامغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن پۇل بۇزۇپ بىر نەچچە قېتىم ھەج قىلىدىغان بۇلۇپ كەتتۇق ” . پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى تۋڭ“ دېگەندەك، بىر ئادەمنىڭ ياخشى يامانلىقىنى پۇل بىلەن ئۆلچەيدىغان، پۇلى بار بايلار ياخشى، يۇرتنىڭ چوڭلىرى بۇلۇپ تازىم قىلىنىدىغان، نامرات كەمبەغەللەر كۆزگە ئىلىنمەي كەمسىتىلىدىغان، نەزىر چىراق، ھېيت ئاياملاردا بايلارنى باشقا ھوجرىغا، كەمبەغەللەرنى باشقا ھوجرىغا باشلايدىغان، توي تىكىن، مېھماندارچىلىققا يېقىندىكى كەمبەغەل قوشنا، نامرات ئۇرۇق تۇغفانلارنى تاشلاپ قويۇپ يىراقتىكى بايلارنى چاقىرىدىغان ئادەتلەر ئەۋج ئالدى . بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام ئەڭ قاتتىق قارشى تۇرىدىغان يامان ئادەت ۋە كاپىرلارنىڭ ئىشى ئىدى . مۇشۇنداق يامان ئىللەتلەرنى ئۆزىمىزگە ئۆزلە شتىرىۋالغان بىزلەر قايسى يىزىمىز بىلەن مەن مۇسۇلمان دەپ ئېيتالايمىز؟ قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىز ھەممىسى دىنىمىزغا خىلاپ تۇرسا، قانداقمۇ ئۇيالماستىن ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلەيمىز؟ بىز دىنىمىزنى، ۋەتىنىمىزنى، مىللىتىمىزنىڭ ئىستىقبالىنى ئويلاشنىڭ ئورنىغا دۇنيا قوغلىشىپ يىرسەك، نىسرەت قەيەردىن كېلىدۇ؟
ئېزىز مۇسۇلمان قېرىنداشلار !
كېلىڭلار دىنىمىزغا قايتايلى، ئاللاھ تائالانىڭ كۆرسەتمىسى ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يوليۇرىقىغا ئەستايىدىللىق بىلەن ئەمەل قىلىپ ھەقىقىي مۆمىن بولايلى . بايلىرىمىز ماللىرىمى زدىكى يوقسۇل قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەققى بولغان زاكاتنى تولۇق بېرىپ، قولىمىزدىن كېلىشىچە جەمئىيىتىمىزدىكى مۇھتاجلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالايلى . نامرات يوقسۇللار سەۋرچان بۇلۇپ، ئاللاھ تائالا نىڭ بەرگىنىگە قانائەت قىلايلى . ئالىم مەخسۇملار ئالدى بىلەن دىنىمىزغا چىن ئەمەل قىلىپ، ئاندىن كىشىلەرنى ھەق يولغا باشلايلى . بۇ دۇنيا بىر ئىمتىھان سىناق دۇنياسى . ئاخىرەت بولسا بۇ دۇنيادا قىلغان ئىشىمىزنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدىغان جاي . مەڭگىلىك ھايات ئاخىرەتكە بارغاندا باشلايدۇ . بۇ دۇنيانىڭ ئىچ بەش كىنلىك ئۆتكىنچى ھاياتىغا ئالدىنىپ ئۆزىمىزنى مەڭگىلىك ھالاكەتكە تاشلىمايلى . ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئېسىمىزدىن چىقارمايلى : ئۇلارغا ئېيتقىنكى، خالىغان ئەمەللەرنى قىلىڭلار، قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئاللاھ، اللەنىڭپەيغەمبىرى ۋە مۆمىنلەر كۆرىپ تۇرىدۇ . يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا نەرسىلەرنى بىلگىچى اللەنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرىلىسىلەر، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى سىلەرگە خەۋەر بې رىدۇ )يەنى قىلمىشىڭلارغا قاراپ جازا ياكى مۇكاپات بېرىدۇ(.] سىرە تەۋبە:105 ئايەت [
ئى ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىم ! بىزگە ھەق يولغا قايتىشنى ۋە بىزنى سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشتىرىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشنى نەسىپ قىلغىن . بىزنى ھەر تۈرلۈك يامان ئادەت ۋە ناچار قىلىقلاردىن پاكلىغىن. ئامىين !
