Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

كىتاب ۋە ئاپتور ھەققىدە

This content is not yet available in your language.

«ھىسنۇل مۇسلىم» (حصن المسلم من أذكار الكتاب والسنة — قۇرئان ۋە سۈننەتتىن ئېلىنغان دۇئا ۋە زىكىرلەر) پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدا ئەڭ كەڭ تارقالغان، ھەر بىر مۇسۇلمان ئائىلىسى ۋە يانچۇقىدىن ئورۇن ئالغان مۆتىۋەر دۇئا توپلىمىدۇر. مەزكۇر كىتابتا كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ پۈتكۈل پائالىيەتلىرى، تاھارەت، ناماز، ئەتىگەن-ئاخشام زىكىرلىرى، سەپەر، ھاجەت، كېسەل، ھەج ۋە تەۋبە-ئىستىغپارغا ئائىت قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە سەھىھ ھەدىسلەردىن سۈزۈپ ئېلىنغان دۇئالار مۇكەممەل تۈردە جەملەنگەن.

  • مۇئەللىپ: دوكتور، شەيخ سەئىد ئىبنى ئەلى ئىبنى ۋەھف ئەلقەھتانى رەھىمەھۇللاھ (د. سعيد بن علي بن وهف القحطاني)
  • ئۇيغۇرچە تەرجىمان: ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى
  • تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
  • نەشر: نەشر ھوقۇقى پۈتكۈل مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ، IslamHouse.com (ھ. 1433 / م. 2012)
  • مەزمۇن كۆلىمى: كىرىش سۆز، زىكىر پەزىلىتى ۋە 131 تۈرلۈك دۇئا-زىكىر سەھىپىسى

ئاپتورنىڭ كىرىش سۆزى

بۆلۈم: “ئاپتورنىڭ كىرىش سۆزى”

بارلىق ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر، بىز ئۇنى داۋاملىق مەدھىيەلەيمىز، ئۇنىڭدىن ياردەم ۋە مەغپىرەت تىلەيمىز. ئاللاھقا سىغىنىپ نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن، ئەمەللىرىمىزنىڭ ناچارلىقىدىن پاناھ تىلەيمىز. ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ئازدۇرغۇچى، ئازدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلغۇچى يوق. ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەئبۇد بەرھەق يوق، ئۇ يەككە-يېگانە، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوق. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇ زاتنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىگە، قىيامەتكە قەدەر ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ سالامى ۋە چەكسىز رەھمىتى بولسۇن.

قولىڭىزدىكى بۇ كىتابچىنى سەپەرلەردە ئېلىپ يۈرۈشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، «قۇرئان ۋە سۈننەتتىن ئېلىنغان دۇئا-زىكىرلەر ۋە ئۇنىڭ بىلەن دەم سېلىپ داۋالاش» ناملىق ئەسىرىمنىڭ «دۇئا ۋە زىكىرلەر» بۆلۈمىنى نەقىل كەلتۈرۈش بىلەن، دۇئا-زىكىرلەرنىڭ تېكىستىنىمۇ ئالدىم ۋە ئەسلىدە بار بولغان بىر ياكى ئىككى مەنبەنى زىكىر قىلىش بىلەن كۇپايىلەندىم. مەزكۇر دۇئا ياكى زىكىرنى رىۋايەت قىلغان ساھابىنىڭ كىملىكىنى بىلىش ياكى توپلىغۇچىلار ھەققىدە كۆپرەك مەلۇماتقا ئىگە بولۇشنى خالىغۇچىلار ئەسلى مەنبەگە مۇراجىئەت قىلسۇن.

ئاللاھتىن، ئۆزىنىڭ گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرىنى ۋەسىلە قىلىپ، بۇ ئەمىلىمنى خالىس ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن قىلىپ بېرىشىنى، ھايات ۋە ماماتلىقىمدا بۇنىڭ بىلەن مېنى ۋە ئۇنى ئوقۇغان ياكى باستۇرۇپ تارقاتقان ۋە تارقىتىشقا ھەمكارلاشقان، تەرجىمە قىلغان كىشىلەرنى مەنپەئەتلىنىشكە مۇيەسسەر قىلىشىنى سورايمەن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەھلىدۇر ۋە شۇنداق قىلىشقا قادىردۇر.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە، قىيامەتكە قەدەر ئۇلارغا ياخشىلىقتا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.

ئاپتور: دوكتور سەئىد ئىبنى ئەلى ئىبنى ۋەھف ئەلقەھتانى
ھىجرىيە 1409-يىلى سەپەر ئېيى

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.