4. تەبىئەت، تائام، سورۇن ۋە سەپەر دۇئالىرى
This content is not yet available in your language.
«اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ خَيْرَهَا، وَأَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّهَا»
«ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن مەن سېنىڭدىن ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى سورايمەن، ئۇنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سىغىنىمەن.» [ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ خَيْرَهَا، وَخَيْرَ مَا فِيهَا، وَخَيْرَ مَا أُرْسِلَتْ بِهِ، وَأَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّهَا، وَشَرِّ مَا فِيهَا، وَشَرِّ مَا أُرْسِلَتْ بِهِ»
«ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن مەن سېنىڭدىن ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى، ئۇنىڭدىكى ياخشىلىقنى ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن ياخشىلىقنى سورايمەن. ئۇنىڭ يامانلىقىدىن، ئۇنىڭدىكى يامانلىقتىن ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن يامانلىقتىن ساڭا سىغىنىمەن.» [مۇسلىم ۋە بۇخارى رىۋايىتى]
«سُبْحَانَ الَّذِي يُسَبِّحُ الرَّعْدُ بِحَمْدِهِ وَالْمَلَائِكَةُ مِنْ خِيفَتِهِ»
«گۈلدۈرماما ۋە پەرىشتىلەر ئۇنىڭدىن قورقۇپ ھەمدۇ-سانا ۋە تەسبىھ ئېيتىدىغان زاتنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن.» [ئىمام مالىك رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ اسْقِنَا غَيْثًا مُغِيثًا مَرِيئًا مَرِيعًا، نَافِعًا غَيْرَ ضَارٍّ، عَاجِلًا غَيْرَ آجِلٍ»
«ئى ئاللاھ! بىزنى سىڭىشلىك، مول مەنپەئەتلىك، زىيان يەتكۈزمەيدىغان يامغۇر بىلەن كېچىكتۈرمەستىن سۇغارغىن.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ أَغِثْنَا، اللَّهُمَّ أَغِثْنَا، اللَّهُمَّ أَغِثْنَا»
«ئى ئاللاھ! بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن. ئى ئاللاھ! بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن. ئى ئاللاھ! بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ صَيِّبًا نَافِعًا»
«ئى ئاللاھ! مەنپەئەتلىك يامغۇر قىلىپ بەرگىن.» [بۇخارى رىۋايىتى]
«مُطِرْنَا بِفَضْلِ اللَّهِ وَرَحْمَتِهِ»
«بۇ يامغۇر بىزگە ئاللاھنىڭ پەزلى-مەرھەمىتى بىلەن ياغدى.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ حَوَالَيْنَا وَلَا عَلَيْنَا، اللَّهُمَّ عَلَى الْآكَامِ وَالظِّرَابِ، وَبُطُونِ الْأَوْدِيَةِ، وَمَنَابِتِ الشَّجَرِ»
«ئى ئاللاھ! بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ئەمەس، ئەتراپىمىزغا ياغدۇرغىن. ئى ئاللاھ! دۆڭلەرگە، جىلغىلارغا، ئورمانلىقلارغا ياغدۇرغىن.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]
«اللَّهُ أَكْبَرُ، اللَّهُمَّ أَهِلَّهُ عَلَيْنَا بِالْأَمْنِ، وَالْإِيمَانِ، وَالسَّلَامَةِ، وَالْإِسْلَامِ، وَالتَّوْفِيقِ لِمَا تُحِبُّ رَبَّنَا وَتَرْضَى، رَبُّنَا وَرَبُّكَ اللَّهُ»
«ئاللاھ بۈيۈكتۇر. ئى ئاللاھ! ئۇ ئاينى بىزگە تىنچ-ئامانلىق، خاتىرجەملىك، ئىمان-ئىسلام ۋە سەن ياخشى كۆرىدىغان، رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەقىيەت قىلىپ بەرگىن. بىزنىڭ ۋە سېنىڭ رەببىڭ ئاللاھتۇر.» [تىرمىزى ۋە دارىمى رىۋايىتى]
«ذَهَبَ الظَّمَأُ، وَابْتَلَّتِ الْعُرُوقُ، وَثَبَتَ الْأَجْرُ إِنْ شَاءَ اللَّهُ»
«ئۇسسۇزلۇق كەتتى، تومۇرلار ھۆللەندى، ئاللاھ خالىسا ئەجرىمۇ ھاسىل بولدى.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ بِرَحْمَتِكَ الَّتِي وَسِعَتْ كُلَّ شَيْءٍ أَنْ تَغْفِرَ لِي»
«ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن مەن سېنىڭدىن ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەھمىتىڭ بىلەن مېنى مەغپىرەت قىلىشىڭنى سورايمەن.» [ئىبنى ماجە رىۋايىتى]
«سىلەرنىڭ بىرىڭلار تائام يېمەكچى بولسا: «بِسْمِ اللَّهِ» دېسۇن. ئەگەر باشتا ئۇنتۇپ قالغان بولسا، ئېسىگە كەلگەندە: «بِسْمِ اللَّهِ فِي أَوَّلِهِ وَآخِرِهِ» دېسۇن.» [ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ بَارِكْ لَنَا فِيهِ وَأَطْعِمْنَا خَيْرًا مِنْهُ»
ئاللاھ تائام بەرگەندە: «ئى ئاللاھ! ئۇنىڭدا بىزگە بەرىكەت ئاتا قىلغىن، بىزگە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى تائام بەرگىن» دېسۇن. ئەگەر سۈت ئىچسە: «اللَّهُمَّ بَارِكْ لَنَا فِيهِ وَزِدْنَا مِنْهُ» (ئى ئاللاھ! ئۇنىڭدا بىزگە بەرىكەت ئاتا قىلغىن ۋە بىزگە ئۇنىڭدىن زىيادە قىلىپ بەرگىن) دېسۇن. [تىرمىزى رىۋايىتى]
«الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي أَطْعَمَنِي هَذَا، وَرَزَقَنِيهِ مِنْ غَيْرِ حَوْلٍ مِنِّي وَلَا قُوَّةٍ»
«جىمى ھەمدۇ-سانا مېنىڭ ھېچبىر چارە-تەدبىرىم ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىمسىز ماڭا بۇ تائامنى رىزىق قىلىپ بەرگەن ئاللاھقا خاستۇر.» [ئەسھابۇسسۈنەن رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ بَارِكْ لَهُمْ فِيمَا رَزَقْتَهُمْ، وَاغْفِرْ لَهُمْ وَارْحَمْهُمْ»
«ئى ئاللاھ! سەن ئۇلارغا ئاتا قىلغان رىزىقنى بەرىكەتلىك قىلىپ بەرگىن، ئۇلارنى مەغپىرەت قىلغىن ۋە ئۇلارغا رەھىم قىلغىن.» [بۇخارى ۋە تىرمىزى رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ أَطْعِمْ مَنْ أَطْعَمَنِي، وَاسْقِ مَنْ سَقَانِي»
«ئى ئاللاھ! ماڭا تائام بەرگەن كىشىنى غىزالاندۇرغىن، ماڭا ئۇسسۇزلۇق بەرگەن كىشىنى سۇغارغىن.» [مۇسلىم رىۋايىتى]
«أَفْطَرَ عِنْدَكُمُ الصَّائِمُونَ، وَأَكَلَ طَعَامَكُمُ الْأَبْرَارُ، وَصَلَّتْ عَلَيْكُمُ الْمَلَائِكَةُ»
«سىلەرنىڭكىدە روزىدارلار ئىپتار قىلدى، تائامىڭلارنى ياخشىلار يېدى، پەرىشتىلەر سىلەرگە رەھمەت تەلەپ قىلدى.» [ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە ۋە نەسائى رىۋايىتى]
«سىلەرنىڭ بىرىڭلار مېھمانغا چاقىرىلسا بارسۇن، ئەگەر روزىدار بولسا دۇئا قىلىپ قويسۇن، ئەگەر روزىدار بولمىسا تائام يېسۇن.» [مۇسلىم رىۋايىتى]
«إِنِّي صَائِمٌ، إِنِّي صَائِمٌ» (ھەقىقەتەن مەن روزىدارمەن، ھەقىقەتەن مەن روزىدارمەن). [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ بَارِكْ لَنَا فِي ثَمَرِنَا، وَبَارِكْ لَنَا فِي مَدِينَتِنَا، وَبَارِكْ لَنَا فِي صَاعِنَا، وَبَارِكْ لَنَا فِي مُدِّنَا»
«ئى ئاللاھ! مېۋىلىرىمىزدە بىزگە بەرىكەت ئاتا قىلغىن، شەھىرىمىزدە بىزگە بەرىكەت ئاتا قىلغىن، جىڭ-تارازىلىرىمىزدا بىزگە بەرىكەت ئاتا قىلغىن.» [مۇسلىم رىۋايىتى]
«سىلەرنىڭ بىرىڭلار چۈشكۈرسە: «الْحَمْدُ لِلَّهِ» (ئەلھەمدۇ لىللاھ) دېسۇن، بۇنى ئاڭلىغان ھەمراھى: «يَرْحَمُكَ اللَّهُ» (يەرھەمۇكەللاھ) دېسۇن، چۈشكۈرگۈچى قايتۇرۇپ: «يَهْدِيكُمُ اللَّهُ وَيُصْلِحُ بَالَكُمْ» (يەھدىيكۇمۇللاھۇ ۋە يۇسلىھۇ بالەكۇم) دېسۇن.» [بۇخارى رىۋايىتى]
«يَهْدِيكُمُ اللَّهُ وَيُصْلِحُ بَالَكُمْ»
«ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلسۇن، ھالىڭلارنى ئىسلاھ قىلسۇن.» [تىرمىزى، ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى]
«بَارَكَ اللَّهُ لَكَ، وَبَارَكَ عَلَيْكَ، وَجَمَعَ بَيْنَكُمَا فِي خَيْرٍ»
«ئاللاھ سىزگە بەرىكەت بەرسۇن، سىزگە تەۋە نەرسىلەرگە بەرىكەت بەرسۇن، ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىنى ياخشىلىق ئىچىدە جەم قىلسۇن.» [ئەسھابۇسسۈنەن رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ خَيْرَهَا وَخَيْرَ مَا جَبَلْتَهَا عَلَيْهِ، وَأَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّهَا وَشَرِّ مَا جَبَلْتَهَا عَلَيْهِ»
«ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن مەن سېنىڭدىن ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە سەن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا ئورۇنلاشتۇرغان تەبىئىتىنىڭ ياخشىلىقىنى سورايمەن. ئۇنىڭ يامانلىقىدىن ۋە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا ئورۇنلاشتۇرغان خۇسۇسىيىتىنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سىغىنىمەن.» (ئەگەر تۆگە ياكى مال-چارۋا سېتىۋالسا لوكىسىدىن تۇتۇپ مۇشۇ دۇئانى ئوقۇيدۇ). [ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى]
«بِاسْمِ اللَّهِ، اللَّهُمَّ جَنِّبْنَا الشَّيْطَانَ، وَجَنِّبِ الشَّيْطَانَ مَا رَزَقْتَنَا»
«ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن). ئى ئاللاھ! بىزدىن شەيتاننى يىراق قىلغىن، بىزگە رىزىق قىلىپ بەرگەن پەرزەنتتىنمۇ شەيتاننى يىراق قىلغىن.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]
«أَعُوذُ بِاللَّهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ»
«قوغلاپ چىقىرىلغان شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن.» [بۇخارى رىۋايىتى]
«الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي عَافَانِي مِمَّا ابْتَلَاكَ بِهِ، وَفَضَّلَنِي عَلَى كَثِيرٍ مِمَّنْ خَلَقَ تَفْضِيلًا»
«جىمى ھەمدۇ-سانا سېنى گىرىپتار قىلغان نەرسىدىن مېنى ئامان قىلغان ۋە مېنى نۇرغۇن مەخلۇقاتلىرىدىن ئۈستۈن قىلغان ئاللاھقا خاستۇر.» [تىرمىزى رىۋايىتى]
«رَبِّ اغْفِرْ لِي وَتُبْ عَلَيَّ إِنَّكَ أَنْتَ التَّوَّابُ الْغَفُورُ» (100 قېتىم)
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر سورۇندىن قوپۇپ كېتىشتىن ئىلگىرى يۈز قېتىم: «ئى رەببىم! مېنى مەغپىرەت قىلغىن ۋە تەۋبەمنى قوبۇل قىلغىن. ھەقىقەتەن سەن تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى، گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن» دەيتتى. [تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى]
«سُبْحَانَكَ اللَّهُمَّ وَبِحَمْدِكَ، أَشْهَدُ أَنْ لَا إِلَهَ إِلَّا أَنْتَ، أَسْتَغْفِرُكَ وَأَتُوبُ إِلَيْكَ»
«ئى ئاللاھ! ساڭا ھەمدۇ-سانا ئېيتىش بىلەن بىرگە سېنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن. سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، سەندىن مەغپىرەت تىلەيمەن ۋە ساڭا تەۋبە قىلىمەن.» [ئەسھابۇسسۈنەن رىۋايىتى]
«جَزَاكَ اللَّهُ خَيْرًا»
«ئاللاھ سىزگە ياخشى مۇكاپات بەرسۇن.» [تىرمىزى رىۋايىتى]
«كىمكى سۈرە كەھفنىڭ دەسلەپكى ئون ئايىتىنى يادلىسا دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ.» شۇنداقلا ھەر نامازنىڭ ئاخىرقى تەشەھھۇدىدا دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى]
«أَحَبَّكَ الَّذِي أَحْبَبْتَنِي لَهُ»
«سەن مېنى ئۇنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن بولساڭ، ئاللاھ سېنى ياخشى كۆرسۇن.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى]
«بَارَكَ اللَّهُ لَكَ فِي أَهْلِكَ وَمَالِكَ»
«ئاللاھ ئائىلىڭىزگە ۋە مېلىڭىزگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن.» [بۇخارى رىۋايىتى]
«بَارَكَ اللَّهُ لَكَ فِي أَهْلِكَ وَمَالِكَ، إِنَّمَا جَزَاءُ السَّلَفِ الْحَمْدُ وَالْأَدَاءُ»
«ئاللاھ ئائىلىڭىزگە ۋە مېلىڭىزگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن. ھەقىقەتەن قەرز بەرگەننىڭ مۇكاپاتى قەرزنى قايتۇرۇش ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشتۇر.» [نەسائى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ أَنْ أُشْرِكَ بِكَ وَأَنَا أَعْلَمُ، وَأَسْتَغْفِرُكَ لِمَا لَا أَعْلَمُ»
«ئى ئاللاھ! بىلىپ تۇرۇپ ساڭا شېرىك كەلتۈرۈپ قېلىشتىن ساڭا سىغىنىمەن، بىلمەي قالغان گۇناھلىرىم ئۈچۈن سەندىن كەچۈرۈم سورايمەن.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى]
«وَفِيكَ بَارَكَ اللَّهُ»
«ئاللاھ سىزگىمۇ بەرىكەت ئاتا قىلسۇن.» [ئىبنى سۈننىي رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ لَا خَيْرَ إِلَّا خَيْرُكَ، وَلَا طَيْرَ إِلَّا طَيْرُكَ، وَلَا إِلَهَ غَيْرُكَ»
«ئى ئاللاھ! سەن تەقدىر قىلغان ياخشىلىقتىن باشقا ھېچ ياخشىلىق يوق، سېنىڭ تەقدىرىڭدىن باشقا ھېچ شۇملۇق يوقتۇر، سەندىن باشقا ھېچ مەئبۇد بەرھەق يوقتۇر.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى]
«بِسْمِ اللَّهِ، الْحَمْدُ لِلَّهِ، ﴿سُبْحَانَ الَّذِي سَخَّرَ لَنَا هَذَا وَمَا كُنَّا لَهُ مُقْرِنِينَ وَإِنَّا إِلَى رَبِّنَا لَمُنْقَلِبُونَ﴾، الْحَمْدُ لِلَّهِ (3 قېتىم)، اللَّهُ أَكْبَرُ (3 قېتىم)، سُبْحَانَكَ اللَّهُمَّ إِنِّي ظَلَمْتُ نَفْسِي فَاغْفِرْ لِي، فَإِنَّهُ لَا يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلَّا أَنْتَ»
«ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)، جىمى ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر. (بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا مىنىشكە قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز). جىمى ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر (3 قېتىم). ئاللاھ بۈيۈكتۇر (3 قېتىم). ئى ئاللاھ! سېنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، ھەقىقەتەن مەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، مەن ئۈچۈن مەغپىرەت قىلغىن، چۈنكى سەندىن باشقا ھېچكىم گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلالمايدۇ.» [ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى]
«اللَّهُ أَكْبَرُ، اللَّهُ أَكْبَرُ، اللَّهُ أَكْبَرُ، ﴿سُبْحَانَ الَّذِي سَخَّرَ لَنَا هَذَا وَمَا كُنَّا لَهُ مُقْرِنِينَ وَإِنَّا إِلَى رَبِّنَا لَمُنْقَلِبُونَ﴾، اللَّهُمَّ إِنَّا نَسْأَلُكَ فِي سَفَرِنَا هَذَا الْبِرَّ وَالتَّقْوَى، وَمِنَ الْعَمَلِ مَا تَرْضَى، اللَّهُمَّ هَوِّنْ عَلَيْنَا سَفَرَنَا هَذَا وَاطْوِ عَنَّا بُعْدَهُ، اللَّهُمَّ أَنْتَ الصَّاحِبُ فِي السَّفَرِ، وَالْخَلِيفَةُ فِي الْأَهْلِ، اللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنْ وَعْثَاءِ السَّفَرِ، وَكَآبَةِ الْمَنْظَرِ، وَسُوءِ الْمُنْقَلَبِ فِي الْمَالِ وَالْأَهْلِ»
«ئاللاھ بۈيۈكتۇر (3 قېتىم). ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن بىز سېنىڭدىن بۇ سەپىرىمىزدە ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىقنى، سەن رازى بولىدىغان ئەمەلنى سورايمىز. ئى ئاللاھ! بىزگە بۇ سەپىرىمىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن ۋە يولىمىزنى يېقىنلاشتۇرۇپ بەرگىن. ئى ئاللاھ! سەن سەپەردە ھەمراھ، بالا-چاقىلىرىمىزنى ھىمايە قىلغۇچىسەن. ئى ئاللاھ! ساڭا سىغىنىپ سەپەرنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىدىن، چۈشكۈنلۈك ۋە غەم-قايغۇدىن، پۇل-مال ۋە ئائىلە ئەزالىرىمىزنىڭ يامان ئاقىۋەتكە قېلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن.» [مۇسلىم رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ رَبَّ السَّمَاوَاتِ السَّبْعِ وَمَا أَظْلَلْنَ، وَرَبَّ الْأَرَضِينَ السَّبْعِ وَمَا أَقْلَلْنَ، وَرَبَّ الشَّيَاطِينِ وَمَا أَضْلَلْنَ، وَرَبَّ الرِّيَاحِ وَمَا ذَرَيْنَ، أَسْأَلُكَ خَيْرَ هَذِهِ الْقَرْيَةِ وَخَيْرَ أَهْلِهَا، وَخَيْرَ مَا فِيهَا، وَأَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّهَا، وَشَرِّ أَهْلِهَا، وَشَرِّ مَا فِيهَا»
«ئى يەتتە قات ئاسمان ۋە ئۇلار سايە تاشلاپ تۇرغان نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارى، يەتتە قات زېمىن ۋە ئۇلار كۆتۈرۈپ تۇرغان نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارى، شەيتانلار ۋە ئۇلار ئازدۇرغان نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارى، شاماللار ۋە ئۇلار ئۇچۇرغان نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ! سېنىڭدىن بۇ يۇرتنىڭ ياخشىلىقىنى، ئۇنىڭ ئەھلىنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنىڭ ياخشىلىقىنى سورايمەن. ئۇنىڭ يامانلىقىدىن، ئۇنىڭ ئەھلىنىڭ يامانلىقىدىن ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سىغىنىمەن.» [ھاكىم ۋە نەسائى رىۋايىتى]
«لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ يُحْيِي وَيُمِيتُ وَهُوَ حَيٌّ لَا يَمُوتُ بِيَدِهِ الْخَيْرُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ»
«ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە-يېگانىدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر. چەكسىز سەلتەنەت ۋە ھەمدۇ-سانالار ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ، ئۇ ھاياتتۇر ۋە ھەرگىزمۇ ئۆلمەيدۇ، ياخشىلىق ئۇنىڭ قولىدىدۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.» [تىرمىزى، ئىبنى ماجە ۋە ھاكىم رىۋايىتى]
«بِسْمِ اللَّهِ»
«بىسمىللاھ.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى]
«أَسْتَوْدِعُكُمُ اللَّهَ الَّذِي لَا تَضِيعُ وَدَائِعُهُ»
«سىلەرنى ئامانەتلەرنى زايە قىلمايدىغان ئاللاھقا تاپشۇردۇم.» [ئەھمەد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى]
«أَسْتَوْدِعُ اللَّهَ دِينَكَ، وَأَمَانَتَكَ، وَخَوَاتِيمَ عَمَلِكَ»
«دىنىڭىزنى، ئامانىتىڭىزنى ۋە ئەمەللىرىڭىزنىڭ ئاخىرىنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم.» [ئەھمەد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى]
«زَوَّدَكَ اللَّهُ التَّقْوَى، وَغَفَرَ ذَنْبَكَ، وَيَسَّرَ لَكَ الْخَيْرَ حَيْثُمَا كُنْتَ»
«ئاللاھ سىزگە تەقۋادارلىقنى ئوزۇق قىلىپ بەرسۇن، گۇناھىڭىزنى مەغپىرەت قىلسۇن ۋە قەيەردە بولسىڭىز سىزگە ياخشىلىقنى مۇيەسسەر قىلىپ بەرسۇن.» [تىرمىزى رىۋايىتى]
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى: «بىز سەپەردە ئېگىزگە چىقساق تەكبىر («اللَّهُ أَكْبَرُ»)، پەسكە چۈشسەك تەسبىھ («سُبْحَانَ اللَّهِ») ئېيتاتتۇق.» [بۇخارى رىۋايىتى]
«سَمِعَ سَامِعٌ بِحَمْدِ اللَّهِ، وَحُسْنِ بَلَائِهِ عَلَيْنَا. رَبَّنَا صَاحِبْنَا وَأَفْضِلْ عَلَيْنَا عَائِذًا بِاللَّهِ مِنَ النَّارِ»
«ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە، گۈزەل ئېھسانلىرىغا بىنائەن ئېيتقان ھەمدىلىرىمىزنى بىر ئاڭلىغۇچى ئاڭلىدى. ئى رەببىمىز! بىزگە ئىگە بولغىن ۋە مەرھەمەت قىلغىن، ساڭا سىغىنىپ دوزاختىن پاناھ تىلەيمىز.» [مۇسلىم رىۋايىتى]
«أَعُوذُ بِكَلِمَاتِ اللَّهِ التَّامَّاتِ مِنْ شَرِّ مَا خَلَقَ»
«ئاللاھ ياراتقان مەخلۇقلارنىڭ يامانلىقىدىن ئۇنىڭ ئۇلۇغ سۆزلىرىگە سىغىنىمەن.» [مۇسلىم رىۋايىتى]
«لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ، وَلَهُ الْحَمْدُ، وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ، آيِبُونَ، تَائِبُونَ، عَابِدُونَ، لِرَبِّنَا حَامِدُونَ، صَدَقَ اللَّهُ وَعْدَهُ، وَنَصَرَ عَبْدَهُ، وَهَزَمَ الْأَحْزَابَ وَحْدَهُ»
ھەر قانداق ئېگىز جايغا يەتكەندە ئۈچ قېتىم تەكبىر ئېيتىدۇ، ئاندىن: «ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە-يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر. پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇ-سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. بىز قايتقۇچىلارمىز، تەۋبە قىلغۇچىلارمىز، ئىبادەت قىلغۇچىلارمىز، بىز پەرۋەردىگارىمىزغا ھەمدە ئېيتقۇچىلارمىز. ئاللاھ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، بەندىسىگە ياردەم بەردى، ئىتتىپاقداش دۈشمەنلەرنى يالغۇز مەغلۇپ قىلدى.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]
