2. ئەتىگەن-ئاخشام، ئۇيقۇ ۋە ۋىتىر دۇئالىرى
This content is not yet available in your language.
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە بارلىق ئىشلىرىمىزدا ئىستىخارە قىلىشنى خۇددى قۇرئان سۈرىلىرىنى تەلىم بەرگەندەك تەلىم بېرەتتى ۋە مۇنداق دەيتتى: سىلەردىن بىرىڭلار بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولسا، پەرزدىن سىرت ئىككى رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇسۇن، ئاندىن مۇنداق دېسۇن:»
«اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْتَخِيرُكَ بِعِلْمِكَ، وَأَسْتَقْدِرُكَ بِقُدْرَتِكَ، وَأَسْأَلُكَ مِنْ فَضْلِكَ الْعَظِيمِ، فَإِنَّكَ تَقْدِرُ وَلَا أَقْدِرُ، وَتَعْلَمُ وَلَا أَعْلَمُ، وَأَنْتَ عَلَّامُ الْغُيُوبِ، اللَّهُمَّ إِنْ كُنْتَ تَعْلَمُ أَنَّ هَذَا الْأَمْرَ خَيْرٌ لِي فِي دِينِي وَمَعَاشِي وَعَاقِبَةِ أَمْرِي (عَاجِلِهِ وَآجِلِهِ) فَاقْدُرْهُ لِي وَيَسِّرْهُ لِي ثُمَّ بَارِكْ لِي فِيهِ، وَإِنْ كُنْتَ تَعْلَمُ أَنَّ هَذَا الْأَمْرَ شَرٌّ لِي فِي دِينِي وَمَعَاشِي وَعَاقِبَةِ أَمْرِي (عَاجِلِهِ وَآجِلِهِ) فَاصْرِفْهُ عَنِّي وَاصْرِفْنِي عَنْهُ، وَاقْدُرْ لِيَ الْخَيْرَ حَيْثُ كَانَ ثُمَّ أَرْضِنِي بِهِ»
«ئى ئاللاھ! سېنىڭ چەكسىز ئىلمىڭگە سىغىنىپ سېنىڭدىن ياخشىلىق سورايمەن، سېنىڭ قۇدرىتىڭگە سىغىنىپ سېنىڭدىن كۈچ-قۇۋۋەت تىلەيمەن، سېنىڭ ئۇلۇغ پەزلىڭدىن سورايمەن. سەن ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن، مەن ئاجىزمەن. سەن ھەممىنى بىلىسەن، مەن بىلمەيمەن. سەن پۈتۈن غەيبلەرنى بىلگۈچىسەن. ئى ئاللاھ! مېنىڭ بۇ ئىشىم (ھاجىتىنى ئېيتىدۇ) مېنىڭ دىنىم، دۇنيالىقىم ۋە ئاخىرەتلىكىم ئۈچۈن ھازىردا ۋە كېلىچەكتە ياخشى بولىدىغان بولسا، ئۇنى ماڭا تەقدىر قىلغىن ۋە ماڭا ئۇنى ئاسان قىلغىن، ئاندىن ئۇنىڭدا ماڭا بەرىكەت ئاتا قىلغىن. ئەگەر بۇ ئىشىم مېنىڭ دىنىم، دۇنيالىقىم ۋە ئاخىرەتلىكىم ئۈچۈن ھازىردا ۋە كېلىچەكتە زىيانلىق بولسا، ئۇنى مەندىن يىراق قىلغىن ۋە مېنىمۇ ئۇنىڭدىن يىراق قىلغىن، نەدىلا بولمىسۇن ماڭا ياخشىلىقنى نېسىپ قىلغىن، ئاندىن مېنى ئۇنىڭ بىلەن مەمنۇن قىلغىن.»
مەنبە: [بۇخارى رىۋايىتى]
«بارلىق ھەمدۇ-سانا يەككە-يېگانە ئاللاھقا خاستۇر، دۇرۇت ۋە سالام ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەرگە بولسۇن.» ئەتىگەن ۋە ئاخشامدا ئايەتۇل كۇرسى، سۈرە ئىخلاس، سۈرە فەلەق ۋە سۈرە ناس 3 قېتىمدىن ئوقۇلىدۇ.
«أَصْبَحْنَا وَأَصْبَحَ الْمُلْكُ لِلَّهِ، وَالْحَمْدُ لِلَّهِ، لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ، رَبِّ أَسْأَلُكَ خَيْرَ مَا فِي هَذَا الْيَوْمِ وَخَيْرَ مَا بَعْدَهُ، وَأَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ مَا فِي هَذَا الْيَوْمِ وَشَرِّ مَا بَعْدَهُ، رَبِّ أَعُوذُ بِكَ مِنَ الْكَسَلِ وَسُوءِ الْكِبَرِ، رَبِّ أَعُوذُ بِكَ مِنْ عَذَابٍ فِي النَّارِ وَعَذَابٍ فِي الْقَبْرِ»
«بىز تاڭ ئاتقۇزدۇق، پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپ بولغان ھالدا تاڭ ئاتتى، بارلىق ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە-يىگانىدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر. پەرۋەردىگارىم! بۈگۈن ۋە ئەتىنىڭ ياخشىلىقىنى تىلەيمەن، ساڭا سىغىنىپ بۈگۈن ۋە ئەتىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن. پەرۋەردىگارىم! ساڭا سىغىنىپ ھۇرۇنلۇقتىن، قېرىلىقنىڭ يامانلىقىدىن، دوزاختىكى ئازابتىن ۋە قەبرىدىكى ئازابتىن پاناھ تىلەيمەن.» (دىققەت: كەچ كىرگەندە «أَمْسَيْنَا وَأَمْسَى الْمُلْكُ لِلَّهِ…» دەپ ئالماشتۇرۇلىدۇ). [مۇسلىم رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ بِكَ أَصْبَحْنَا، وَبِكَ أَمْسَيْنَا، وَبِكَ نَحْيَا، وَبِكَ نَمُوتُ وَإِلَيْكَ النُّشُورُ»
«ئى ئاللاھ! سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن ئەتىگەن تۇردۇق، سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەن كەچ قىلدۇق، سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن ياشايمىز، سېنىڭ قۇدرىتىڭ بىلەن ئۆلىمىز، توپلىنىدىغان جاي سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر.» (كەچتە «…وَإِلَيْكَ الْمَصِيرُ» دەپ ئوقۇلىدۇ). [تىرمىزى رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ أَنْتَ رَبِّي لَا إِلَهَ إِلَّا أَنْتَ، خَلَقْتَنِي وَأَنَا عَبْدُكَ، وَأَنَا عَلَى عهدِكَ وَوَعْدِكَ مَا اسْتَطَعْتُ، أَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ مَا صَنَعْتُ، أَبُوءُ لَكَ بِنِعْمَتِكَ عَلَيَّ، وَأَبُوءُ بِذَنْبِي فَاغْفِرْ لِي فَإِنَّهُ لَا يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلَّا أَنْتَ» (سەييىدۇل ئىستىغپار)
«ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق. سەن مېنى ياراتتىڭ، مەن سېنىڭ بەندەڭ، مەن ئەھدەڭ ۋە ۋەدەڭنى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىمەن. ئىشلىرىمنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن. ماڭا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىڭنى تونۇيمەن ۋە گۇناھلىرىمنى ئېتىراپ قىلىمەن. ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، ھەقىقەتەن گۇناھلارنى سەندىن باشقا ھېچكىم مەغپىرەت قىلالمايدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى]
«يَا حَيُّ يَا قَيُّومُ بِرَحْمَتِكَ أَسْتَغِيثُ، أَصْلِحْ لِي شَأْنِي كُلَّهُ، وَلَا تَكِلْنِي إِلَى نَفْسِي طَرْفَةَ عَيْنٍ»
«ئى ئەبەدىي ھايات ۋە ھەممىنى ئىدارە قىلغۇچى ئاللاھ! ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن مېنى قۇتقۇزۇشۇڭنى تەلەپ قىلىمەن. مېنىڭ ھەممە ئىشىمنى ياخشىلاپ بەرگىن ۋە مېنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ۋاقىتمۇ ئۆزۈمگە تاشلاپ قويمىغىن.» [ھاكىم رىۋايىتى]
«بِسْمِ اللَّهِ الَّذِي لَا يَضُرُّ مَعَ اسْمِهِ شَيْءٌ فِي الْأَرْضِ وَلَا فِي السَّمَاءِ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ» (3 قېتىم)
«نامى ئاتالغاندا ئاسمان ۋە زېمىندا ھېچنەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.» (ئۈچ قېتىم) [ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى]
ئىككى ئالقىنىنى ئېچىپ جۈپلەپ، سۈرە ئىخلاس، سۈرە فەلەق، سۈرە ناسنى ئوقۇپ، پۈۋلەپ پۈتۈن بەدىنىگە بېشى، يۈزىدىن باشلاپ سۈرتىدۇ (3 قېتىم). ئاندىن ئايەتۇل كۇرسى ۋە بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى 2 ئايىتىنى (285–286) ئوقۇيدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى]
«بِاسْمِكَ رَبِّي وَضَعْتُ جَنْبِي، وَبِكَ أَرْفَعُهُ، فَإِنْ أَمْسَكْتَ نَفْسِي فَارْحَمْهَا، وَإِنْ أَرْسَلْتَهَا فَاحْفَظْهَا، بِمَا تَحْفَظُ بِهِ عِبَادَكَ الصَّالِحِينَ»
«رەببىم! ئىسمىڭنى زىكىر قىلىپ تۇرۇپ يېنىمنى قويدۇم، ئىسمىڭنى زىكىر قىلىپ تۇرۇپ كۆتۈرىمەن. مېنى قەبزى روھ قىلساڭ، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىن. ئەگەر روھىمنى قويۇپ بېرىدىغان بولساڭ، ئۇنى ياخشى بەندىلىرىڭنى مۇھاپىزەت قىلغىنىڭدەك مۇھاپىزەت قىلغىن.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ قِنِي عَذَابَكَ يَوْمَ تَبْعَثُ عِبَادَكَ» (3 قېتىم)
«ئى ئاللاھ! مېنى سەن بەندىلىرىڭنى تىرىلدۈرىدىغان كۈندىكى ئازابتىن ساقلىغىن.» (ئۈچ قېتىم) [ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى]
«بِاسْمِكَ اللَّهُمَّ أَمُوتُ وَأَحْيَا»
«ئى ئاللاھ! سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن ئۆلىمەن ۋە تىرىلىمەن.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]
«سُبْحَانَ اللَّهِ (33 قېتىم)، وَالْحَمْدُ لِلَّهِ (33 قېتىم)، وَاللَّهُ أَكْبَرُ (34 قېتىم)»
«ئاللاھ نۇقسانلاردىن پاكتۇر (33 قېتىم)، جىمى ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر (33 قېتىم)، ئاللاھ بۈيۈكتۇر (34 قېتىم).» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ أَسْلَمْتُ نَفْسِي إِلَيْكَ، وَفَوَّضْتُ أَمْرِي إِلَيْكَ، وَوَجَّهْتُ وَجْهِي إِلَيْكَ، وَأَلْجَأْتُ ظَهْرِي إِلَيْكَ، رَغْبَةً وَرَهْبَةً إِلَيْكَ، لَا مَلْجَأَ وَلَا مَنْجَا مِنْكَ إِلَّا إِلَيْكَ، آمَنْتُ بِكِتَابِكَ الَّذِي أَنْزَلْتَ، وَبِنَبِيِّكَ الَّذِي أَرْسَلْتَ»
«ئى ئاللاھ! نەپسىمنى ساڭا بويسۇندۇردۇم، ئىشىمنى ساڭا تاپشۇردۇم، يۈزۈمنى ساڭا يۈزلەندۈردۈم، رەھمىتىڭدىن ئۈمىد كۈتتۈم، ئازابىڭدىن قورقتۇم. ئازابىڭدىن پەقەت سەن تەرەپكە يۈزلەنگەندىلا نىجات تاپقىلى بولىدۇ. نازىل قىلغان كىتابىڭغا، ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىڭگە ئىمان كەلتۈردۈم.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]
«لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ الْوَاحِدُ الْقَهَّارُ، رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا الْعَزِيزُ الْغَفَّارُ»
«قۇدرەتلىك بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، غالىپتۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.» [ھاكىم ۋە نەسائى رىۋايىتى]
«أَعُوذُ بِكَلِمَاتِ اللَّهِ التَّامَّاتِ مِنْ غَضَبِهِ وَعِقَابِهِ، وَشَرِّ عِبَادِهِ، وَمِنْ هَمَزَاتِ الشَّيَاطِينِ وَأَنْ يَحْضُرُونِ»
«ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن، ئازابىدىن، بەندىلىرىنىڭ يامانلىقىدىن، شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن ۋە ئۇلارنىڭ ماڭا ھازىر بولۇشىدىن ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ كەلىمىلىرى بىلەن سىغىنىمەن.» [ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى]
1. سول تەرىپىگە ئۈچ قېتىم تۈكۈرىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى]
2. شەيتاندىن ۋە كۆرگەن چۈشىنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سىغىنىدۇ («أَعُوذُ بِاللَّهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ» نى 3 قېتىم دەيدۇ). [مۇسلىم رىۋايىتى]
3. چۈشىنى ھېچكىمگە سۆزلەپ بەرمەيدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى]
4. بىر تەرەپتىن يەنە بىر تەرەپكە ئۆرۈلۈپ ياتىدۇ ياكى خالىسا ئورنىدىن تۇرۇپ ناماز ئوقۇيدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ اهْدِنِي فِيمَنْ هَدَيْتَ، وَعَافِنِي فِيمَنْ عَافَيْتَ، وَتَوَلَّنِي فِيمَنْ تَوَلَّيْتَ، وَبَارِكْ لِي فِيمَا أَعْطَيْتَ، وَقِنِي شَرَّ مَا قَضَيْتَ، فَإِنَّكَ تَقْضِي وَلَا يُقْضَى عَلَيْكَ، إِنَّهُ لَا يَذِلُّ مَنْ وَالَيْتَ، [وَلَا يَعِزُّ مَنْ عَادَيْتَ]، تَبَارَكْتَ رَبَّنَا وَتَعَالَيْتَ»
«ئى ئاللاھ! مېنى سەن ھىدايەت قىلغانلار قاتارىدا ھىدايەت قىلغىن، سەن سالامەتلىك بەرگەنلەر قاتارىدا ماڭىمۇ سالامەتلىك بەرگىن، مېنى سەن ھىمايە قىلغانلار قاتارىدا ھىمايە قىلغىن، بەرگەن نېمەتلىرىڭدە ماڭا بەرىكەت ئاتا قىلغىن، سەن تەقدىر قىلغان ئىشلارنىڭ شەررىدىن مېنى ساقلىغىن. ھەقىقەتەن سەن مۇتلەق خاھىش ئىگىسىسەن، ساڭا شېرىك بولغۇچى يوقتۇر. سەن ئەزىز قىلغان كىشى خارلانمايدۇ، سەن خارلىغاننى ھېچكىم ئەزىز قىلالمايدۇ. ئى پەرۋەردىگارىمىز، سەن يۈكسەك ۋە بەرىكەتلىكسەن.» [ئەھمەد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ إِيَّاكَ نَعْبُدُ، وَلَكَ نُصَلِّي وَنَسْجُدُ، وَإِلَيْكَ نَسْعَى وَنَحْفِدُ، نَرْجُو رَحْمَتَكَ، وَنَخْشَى عَذَابَكَ، إِنَّ عَذَابَكَ بِالْكَافِرِينَ مُلْحَقٌ…»
«ئى ئاللاھ! بىز ھەقىقەتەن ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز، سەن ئۈچۈنلا ناماز ئوقۇيمىز ۋە سەجدە قىلىمىز، ساڭىلا ئىنتىلىمىز ۋە تەلپۈنىمىز، رەھمىتىڭنى ئۈمىد قىلىمىز، ئازابىڭدىن قورقىمىز…» [بەيھەقى رىۋايىتى]
«سُبْحَانَ الْمَلِكِ الْقُدُّوسِ» (ئۈچ قېتىم) «رَبِّ الْمَلَائِكَةِ وَالرُّوحِ»
«مۇقەددەس پادىشاھ ئاللاھنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن (ئۈچ قېتىم، ئۈچىنچى قېتىمدا ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن سوزۇپ: «ئاللاھ پەرىشتىلەرنىڭ ۋە جىبرىئىلنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» دەيدۇ).» [نەسائى ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ إِنِّي عَبْدُكَ ابْنُ عَبْدِكَ ابْنُ أَمَتِكَ، نَاصِيَتِي بِيَدِكَ، مَاضٍ فِيَّ حُكْمُكَ، عَدْلٌ فِيَّ قَضَاؤُكَ، أَسْأَلُكَ بِكُلِّ اسْمٍ هُوَ لَكَ، سَمَّيْتَ بِهِ نَفْسَكَ، أَوْ أَنْزَلْتَهُ فِي كِتَابِكَ، أَوْ عَلَّمْتَهُ أَحَدًا مِنْ خَلْقِكَ، أَوِ اسْتَأْثَرْتَ بِهِ فِي عِلْمِ الْغَيْبِ عِنْدَكَ، أَنْ تَجْعَلَ الْقُرْآنَ رَبِيعَ قَلْبِي، وَنُورَ صَدْرِي، وَجَلَاءَ حُزْنِي، وَذَهَابَ هَمِّي»
«ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭ بەندەڭ، بەندەڭنىڭ ۋە قۇلۇڭنىڭ ئوغلىمەن. پىشانەم سېنىڭ قولۇڭدىدۇر، سېنىڭ ھۆكمىڭ ماڭا ئۆتكۈچىدۇر، ھەققىمدە چىقارغان ھۆكمىڭ مۇتلەق ئادىلدۇر. سەن كىتابىڭدا نازىل قىلغان ياكى مەخلۇقلىرىڭدىن بىرەر كىشىگە بىلدۈرگەن، ياكى غەيب ئىلمىڭدە ئۆزۈڭگىلا خاس قىلغان بارلىق ئىسىملىرىڭ بىلەن، قۇرئاننى قەلبىمنىڭ باھارى، كۆكسۈمنىڭ نۇرى، غەم-قايغۇلىرىمنى كەتكۈزگۈچى قىلىپ بېرىشىڭنى سورايمەن.» [ئەھمەد رىۋايىتى]
«اللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنَ الْهَمِّ وَالْحَزَنِ، وَالْعَجْزِ وَالْكَسَلِ، وَالْبُخْلِ وَالْجُبْنِ، وَضَلَعِ الدَّيْنِ وَغَلَبَةِ الرِّجَالِ»
«ئى ئاللاھ! غەم-قايغۇدىن، ئاجىزلىقتىن، ھۇرۇنلۇقتىن، بېخىللىقتىن، قورقۇنچاقلىقتىن، قەرزدارلىقتىن ۋە كىشىلەر ئالدىدىكى تىك قىسىنچىلىقتىن ساڭا سىغىنىمەن.» [بۇخارى رىۋايىتى]
