Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

5. ھەج-ئۆمرە، تەۋبە ۋە ئەدەپ-ئەخلاق

This content is not yet available in your language.

105105. خۇش-خەۋەر ياكى شۇم-خەۋەر يەتكەندە دېيىلىدىغان دۇئا#

خۇش-خەۋەر يەتكەندە: «الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي بِنِعْمَتِهِ تَتِمُّ الصَّالِحَاتُ»

«جىمى ھەمدۇ-سانا ئۆز نېمىتى بىلەن ياخشىلىقلار تامام بولىدىغان ئاللاھقا خاستۇر.»

شۇم خەۋەر يەتكەندە: «الْحَمْدُ لِلَّهِ عَلَى كُلِّ حَالٍ»

«ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا بارلىق ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر.» [ئىبنى سۈننىي ۋە ھاكىم رىۋايىتى]

106106. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت يوللاشنىڭ پەزىلىتى#

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمىكى ماڭا بىر قېتىم دۇرۇت ئېيتسا ئاللاھ ئۇ كىشىگە ئون قېتىم رەھمەت قىلىدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى]

«مەن تىلغا ئېلىنغان جايتا ماڭا دۇرۇت ئېيتمىغان ئادەم بېخىلدۇر.» [تىرمىزى رىۋايىتى]

«ھەقىقەتەن زېمىندا ئاللاھنىڭ ساياھەتچى پەرىشتىلىرى بار، ئۇلار ئۈممىتىمنىڭ سالامىنى ماڭا يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ.» [نەسائى ۋە ھاكىم رىۋايىتى]

107107. سالاملىشىشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا#

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر مۆمىن بولمىغىچە جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرمىگۈچە مۆمىن بولالمايسىلەر. مەن سىلەرگە شۇنداق بىر ئىشنى ئېيتىپ بېرەيمۇ، ئۇنى قىلساڭلار بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈشىسىلەر: ئاراڭلاردا سالامنى كېڭەيتىڭلار (سالاملىشىڭلار).» [مۇسلىم رىۋايىتى]

«ئۈچ تۈرلۈك خىسلەت بار، كىمكى بۇ خىسلەتلەرنى ئۆزلەشتۈرسە ئىمانى تولۇق بولغان بولىدۇ: ئۆزىگە نىسبەتەن ھەققانىي بولۇش، ئۇچرىغانكى كىشىگە سالام قىلىش، ۋە موھتاج تۇرۇپمۇ باشقىلارغا قولى ئوچۇق بولۇش.» [بۇخارى رىۋايىتى]

108108. كاپىر سالام قىلسا قانداق جاۋاب قايتۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا#

«وَعَلَيْكُمْ»

«سىلەرگە ئەھلى كىتاب (ياكى غەيرى دىندىكىلەر) سالام قىلسا: ‹وَعَلَيْكُمْ› (سىلەرگىمۇ شۇنداق بولسۇن) دەپ جاۋاب بېرىڭلار.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]

109109. خوراز چىللىغاندا، ئېشەك ھاڭرىغاندا نېمە دېيىش توغرىسىدا#

«سىلەر خورازنىڭ چىللىغىنىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا ئاللاھنىڭ پەزلىنى سوراڭلار، چۈنكى ئۇ پەرىشتىنى كۆرىدۇ. ئېشەكنىڭ ھاڭرىغىنىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھقا سىغىنىڭلار، چۈنكى ئۇ شەيتاننى كۆرىدۇ.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]

110110. كېچىسى ئىت قاۋىغاندا نېمە دېيىش توغرىسىدا#

«كېچىدە ئىتنىڭ قاۋىغىنىنى، ئېشەكنىڭ ھاڭرىغىنىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سىغىنىڭلار («أَعُوذُ بِاللَّهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ»). چۈنكى ئۇلار سىلەر كۆرەلمەيدىغان نەرسىلەرنى كۆرىدۇ.» [ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەد رىۋايىتى]

111111. بىرەر مۇسۇلماننى تىللاپ سالغاندا قىلىدىغان دۇئا#

«اللَّهُمَّ فَأَيُّمَا مُؤْمِنٍ سَبَبْتُهُ فَاجْعَلْ ذَلِكَ لَهُ قُرْبَةً إِلَيْكَ يَوْمَ الْقِيَامَةِ»

«ئى ئاللاھ! مەن تىللاپ سالغان ھەرقانداق بىر مۇسۇلمانغا ئۇنىڭ مەندىن ئاڭلىغان كۆڭۈلسىزلىكىنى قىيامەت كۈنىدە ساڭا يېقىنلاشتۇرىدىغان سەۋەب قىلىپ بەرگىن.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]

112112. مۇسۇلمان مۇسۇلماننى مەدھىيىلىسە نېمە دېيىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا#

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىنى مەدھىيىلىمەكچى بولسا: ‹پالانچىنى مۇنداق دەپ ئويلايمەن، ئۇنىڭدىن ھېساب ئالغۇچى ئاللاھ ئۆزىدۇر، ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھېچكىمنى ئاقلىمايمەن› دېسۇن.» [مۇسلىم رىۋايىتى]

113113. باشقىلار تەرىپىدىن ياخشى باھا بېرىلگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئا#

«اللَّهُمَّ لَا تُؤَاخِذْنِي بِمَا يَقُولُونَ، وَاغْفِرْ لِي مَا لَا يَعْلَمُونَ، [وَاجْعَلْنِي خَيْرًا مِمَّا يَظُنُّونَ]»

«ئى ئاللاھ! ئۇلارنىڭ دېگەنلىرى سەۋەبلىك مېنى جاۋابكارلىققا تارتما، ئۇلار بىلمەيدىغان خاتالىقلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، مېنى ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ياخشى ھالەتكە ئېرىشتۈرگىن.» [بۇخارى «ئەدەبۇل مۇفرەد» رىۋايىتى]

114114. ھەج ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغۇچىنىڭ تەلبىيە ئېيتىشى#

«لَبَّيْكَ اللَّهُمَّ لَبَّيْكَ، لَبَّيْكَ لَا شَرِيكَ لَكَ لَبَّيْكَ، إِنَّ الْحَمْدَ، وَالنِّعْمَةَ، لَكَ وَالْمُلْكَ، لَا شَرِيكَ لَكَ»

«ئى ئاللاھ! مەن چاقىرىقىڭغا ئىتائەت قىلدىم، مەن چاقىرىقىڭغا ئىتائەت قىلدىم، سېنىڭ ھېچقانداق شېرىكىڭ يوقتۇر. شۈبھىسىزكى، ھەمدۇ-سانا، نېمەت ۋە پادىشاھلىق ساڭا خاستۇر، سېنىڭ ھېچقانداق شېرىكىڭ يوقتۇر.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]

115115. ھەجەرۇل ئەسۋەدنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە تەكبىر ئېيتىش#

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلغاندا، ھەجەرۇل ئەسۋەدنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ئىشارەت قىلىپ تەكبىر («اللَّهُ أَكْبَرُ») ئېيتاتتى. [بۇخارى رىۋايىتى]

116116. رۇكنى يامانى بىلەن ھەجەرۇل ئەسۋەد ئوتتۇرىسىدا ئوقۇلىدىغان دۇئا#

﴿رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي الْآخِرَةِ حَسَنَةً وَقِنَا عَذَابَ النَّارِ﴾

«ئى رەببىمىز ئاللاھ! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن ۋە ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.» (سۈرە بەقەرە، 201-ئايەت) [ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەد رىۋايىتى]

117117. سافا-مەرۋىدە تۇرغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا#

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سافاغا يېقىنلاشقاندا: ﴿إِنَّ الصَّفَا وَالْمَرْوَةَ مِنْ شَعَائِرِ اللَّهِ﴾ دېگەن ئايەتنى ئوقۇپ، «ئاللاھ باشلىغاندىن باشلايمەن» دەپ، قىبلىگە يۈزلىنىپ ئۈچ قېتىم تەكبىر ئېيتىپ تۆۋەندىكى دۇئانى ئوقۇيتتى:

«لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ، لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَحْدَهُ، أَنْجَزَ وَعْدَهُ، وَنَصَرَ عَبْدَهُ، وَهَزَمَ الْأَحْزَابَ وَحْدَهُ»

«ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە-يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر. پادىشاھلىق ۋە بارلىق ھەمدۇ-سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. ئاللاھ ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇردى، بەندىسىگە ياردەم بەردى ۋە ئىتتىپاقداش دۈشمەنلەرنى ئۆزى يالغۇز مەغلۇپ قىلدى.» (ئاندىن ئارىلىرىدا خالىغانچە دۇئا قىلىپ بۇنى 3 قېتىم تەكرارلايدۇ). [مۇسلىم رىۋايىتى]

118118. ئەرەفات كۈنى ئوقۇلىدىغان دۇئا#

«لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ»

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دۇئانىڭ ئەڭ ياخشىسى ئەرەفە كۈنىدىكى دۇئادۇر. مەن ۋە مەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ئېيتقان ئەڭ ياخشى سۆز: «ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە-يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، سەلتەنەت ۋە جىمى ھەمدۇ-سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر» دېگەن كەلىمىدۇر.» [تىرمىزى رىۋايىتى]

119119. مەشئەرۇل ھەرامدا ئوقۇلىدىغان زىكىر#

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەشئەرۇل ھەرامغا كەلگەندە، قىبلىگە قاراپ ئاللاھقا دۇئا قىلدى، تەكبىر («اللَّهُ أَكْبَرُ»)، تەھلىل («لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ») ئېيتتى، تاڭ يورۇغۇچە شۇ ھالەتتە تۇردى، ئاندىن كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى يۆتكەلدى. [مۇسلىم رىۋايىتى]

120120. شەيتانغا تاش ئاتقاندا تەكبىر ئېيتىش#

ھەر بىر تاشنى ئاتقاندا تەكبىر («اللَّهُ أَكْبَرُ») ئېيتىدۇ. بىرىنچى ۋە ئىككىنچى جەمرەگە تاش ئېتىپ بولغاندىن كېيىن قىبلىگە قاراپ قولنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىدۇ. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]

121121. ئەجەبلىنەرلىك ۋە خۇشاللىنارلىق ئىشقا يولۇققاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا#

«سُبْحَانَ اللَّهِ!»، «اللَّهُ أَكْبَرُ!»

«ئاللاھ بارچە نۇقسانلاردىن پاكتۇر!» [بۇخارى]، «ئاللاھ كاتتىدۇر!» [بۇخارى ۋە تىرمىزى رىۋايىتى]

122122. خۇشاللىنارلىق ئىش يۈز بەرگەندە نېمە قىلىش توغرىسىدا#

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىرەر خۇشاللىنارلىق خەۋەر يەتسە، ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن دەرھال شۈكۈر سەجدىسى قىلاتتى. [ئەھلۇسسۈنەن رىۋايىتى]

123123. بەدەندە بىرەر ئاغرىقنى ھېس قىلغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا#

بەدەندىكى ئاغرىغان جايغا قولنى قويۇپ تۇرۇپ: «بِسْمِ اللَّهِ» (ئۈچ قېتىم) دەيدۇ، ئاندىن يەتتە قېتىم مۇنداق دەيدۇ:

«أَعُوذُ بِاللَّهِ وَقُدْرَتِهِ مِنْ شَرِّ مَا أَجِدُ وَأُحَاذِرُ» (7 قېتىم)

«مەن ھېس قىلىۋاتقان ۋە قورقۇۋاتقان ئاغرىقنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ قۇدرىتىگە سىغىنىمەن.» [مۇسلىم رىۋايىتى]

124124. باشقىلارغا كۆزى تېگىپ كېتىشتىن قورققان كىشى ئوقۇيدىغان دۇئا#

«سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىدىن، قېرىندىشىدىن ياكى مېلىدىن ئەجەبلەندۈرىدىغان بىرەر ئەھۋالنى كۆرسە، ئۇنىڭغا بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلسۇن («مَا شَاءَ اللَّهُ لَا قُوَّةَ إِلَّا بِاللَّهِ، اللَّهُمَّ بَارِكْ فِيهِ» دېگەندەك)، چۈنكى كۆز تېگىش ھەقىقەتتۇر.» [ئەھمەد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى]

125125. چۈچۈپ كەتكەندە نېمە دېيىش توغرىسىدا#

«لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ»

«ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]

126126. مال بوغۇزلىغاندا نېمە دېيىش توغرىسىدا#

«بِسْمِ اللَّهِ وَاللَّهُ أَكْبَرُ [اللَّهُمَّ مِنْكَ وَلَكَ] اللَّهُمَّ تَقَبَّلْ مِنِّي»

«ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (بوغۇزلايمەن)، ئاللاھ ئۇلۇغتۇر. ئى ئاللاھ! بۇ سەندىندۇر ۋە سەن ئۈچۈندۇر، بۇنى مەندىن قوبۇل قىلغىن.» [مۇسلىم ۋە بەيھەقى رىۋايىتى]

127127. شەيتاننىڭ ھىلە-مىكىرلىرىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان دۇئا#

«أَعُوذُ بِكَلِمَاتِ اللَّهِ التَّامَّاتِ الَّتِي لَا يُجَاوِزُهُنَّ بَرٌّ وَلَا فَاجِرٌ مِنْ شَرِّ مَا خَلَقَ، وَبَرَأَ وَذَرَأَ، وَمِنْ شَرِّ مَا يَنْزِلُ مِنَ السَّمَاءِ، وَمِنْ شَرِّ مَا يَعْرُجُ فِيهَا، وَمِنْ شَرِّ مَا ذَرَأَ فِي الْأَرْضِ، وَمِنْ شَرِّ مَا يَخْرُجُ مِنْهَا، وَمِنْ شَرِّ فِتَنِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ، وَمِنْ شَرِّ كُلِّ طَارِقٍ إِلَّا طَارِقًا يَطْرُقُ بِخَيْرٍ يَا رَحْمَنُ»

«ئاللاھنىڭ سالىھلارمۇ ۋە پاسىقلارمۇ ھالقىپ ئۆتەلمەيدىغان كامىل كەلىمىلىرى بىلەن، ئۇ ياراتقان بارچە مەخلۇقاتلارنىڭ يامانلىقىدىن، ئاسماندىن چۈشىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئۆرلەيدىغان نەرسىلەرنىڭ شەررىدىن، زېمىندا تارقالغان ۋە ئۇنىڭدىن چىقىدىغان نەرسىلەرنىڭ شەررىدىن، كېچە-كۈندۈزنىڭ پىتنىلىرىدىن ۋە خەيرلىك ئىشىك قاققۇچىدىن باشقا ھەر بىر كېچىدە كەلگۈچىنىڭ شەررىدىن ساڭا سىغىنىمەن، ئى رەھمان ئاللاھ!» [ئەھمەد ۋە ئىبنى سۈننىي رىۋايىتى]

128128. ئىستىغپار ۋە تەۋبە توغرىسىدا#

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ھەر كۈنى ئاللاھتىن يەتمىش قېتىمدىن كۆپرەك مەغپىرەت تىلەيمەن ۋە ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىمەن.» [بۇخارى رىۋايىتى]

«ئى ئىنسانلار! ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار، مەن ئاللاھقا كۈنىگە يۈز قېتىم تەۋبە قىلىمەن.» [مۇسلىم رىۋايىتى]

«أَسْتَغْفِرُ اللَّهَ الْعَظِيمَ الَّذِي لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ الْحَيَّ الْقَيُّومَ وَأَتُوبُ إِلَيْهِ»

«ئۇلۇغ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمەن ۋە ئۇ زاتقا تەۋبە قىلىمەنكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ ھاياتتۇر، ھەممىنى ئىدارە قىلغۇچىدۇر.» [ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە ھاكىم رىۋايىتى]

129129. سۇبھاناللاھ، ئەلھەمدۇلىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر دېيىشنىڭ پەزىلىتى#

«سُبْحَانَ اللَّهِ وَبِحَمْدِهِ» (100 قېتىم)

«كىمكى كۈنىگە 100 قېتىم: ‹سُبْحَانَ اللَّهِ وَبِحَمْدِهِ› دېسە، گۇناھلىرى دېڭىزنىڭ كۆپۈكىدەك كۆپ بولسىمۇ مەغپىرەت قىلىنىدۇ.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]

«سُبْحَانَ اللَّهِ وَبِحَمْدِهِ، سُبْحَانَ اللَّهِ الْعَظِيمِ»

«ئېيتىشقا تىلغا يەڭگىل، مىزاندا ناھايىتى ئېغىر، رەھمان ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈك بولغان ئىككى كەلىمە بار، ئۇلار: ‹سُبْحَانَ اللَّهِ وَبِحَمْدِهِ، سُبْحَانَ اللَّهِ الْعَظِيمِ› دۇر.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]

«لَا حَوْلَ وَلَا قُوَّةَ إِلَّا بِاللَّهِ»

«ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچبىر كۈچ-قۇۋۋەت يوقتۇر.» بۇ كەلىمە جەننەت خەزىنىلىرىدىن بىر خەزىنىدۇر. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]

130130. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قانداق تەسبىھ ئېيتقانلىقى توغرىسىدا#

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەسبىھ ئېيتقاندا، ئۇنى ئوڭ قولىنىڭ بارماق بوغۇملىرى بىلەن سانىغانلىقىنى كۆردۈم.» [ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى]

131131. ياخشىلىقنىڭ تۈرلىرى ۋە ئەدەپ-ئەخلاق توغرىسىدا#

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كەچ كىرگەندە كىچىك بالىلىرىڭلارنى تاشقىرىغا چىقىشتىن چەكلەڭلار. چۈنكى بۇ چاغدا شەيتانلار تارىلىدۇ، كەچنىڭ بىر قىسمى ئۆتۈپ بولغاندا ئۇلارنى قويۇپ بېرىڭلار. ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكرى قىلىپ تۇرۇپ ئىشىكلىرىڭلارنى تاقاڭلار (چۈنكى شەيتان تاقالغان ئىشىكنى ئاچالمايدۇ)، ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكرى قىلىپ تۇرۇپ قاچا-قاچىلىرىڭلارنىڭ ئۈستىنى يېپىپ قويۇڭلار، ۋە چىراغلىرىڭلارنى ئۆچۈرۈڭلار.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]

ئاخىرىدا دۇئا: بارلىق ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر. ئۇلۇغ ئىگىمىز ئاللاھ تائالادىن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە ئۇلارغا ساداقەت بىلەن ئەگەشكەن بارلىق مۇسۇلمانلارغا چەكسىز رەھمەت، ئامانلىق ۋە سالاملار بولسۇن!

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.