Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

1. كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ناماز زىكىرلىرى

This content is not yet available in your language.

11. ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا ئوقۇلىدىغان زىكىرلەر#

«الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي أَحْيَانَا بَعْدَ مَا أَمَاتَنَا وَإِلَيْهِ النُّشُورُ»

«جىمى ھەمدۇ-سانا بىزنى ۋاپات قىلغاندىن كېيىن تىرىلدۈرگەن ئاللاھقا خاستۇر، بىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىمىز.»

[بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]

«لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ، وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ. سُبْحَانَ اللَّهِ، وَالْحَمْدُ لِلَّهِ، وَلَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَاللَّهُ أَكْبَرُ وَلَا حَوْلَ وَلَا قُوَّةَ إِلَّا بِاللَّهِ الْعَلِيِّ الْعَظِيمِ، رَبِّ اغْفِرْ لِي»

«ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەئبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئۇ يەككە-يېگانىدۇر ۋە ھېچ شېرىكى يوقتۇر. پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇ-سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. ئاللاھ پاكتۇر، بارلىق ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەئبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، قۇدرەتلىك ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچقانداق كۈچ-قۇۋۋەت يوقتۇر. ئى رەببىم مېنى مەغپىرەت قىلغىن.»

[بۇخارى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى]

«الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي عَافَانِي فِي جَسَدِي وَرَدَّ عَلَيَّ رُوحِي وَأَذِنَ لِي بِذِكْرِهِ»

«بارلىق ھەمدۇ-سانا تېنىمنى سالامەت قىلغان، روھىمنى قايتۇرۇپ بەرگەن، ئۆزىنى زىكرى قىلىشىمغا مېنى مۇيەسسەر قىلغان ئاللاھقا خاستۇر.»

[تىرمىزى رىۋايىتى]

﴿إِنَّ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَاخْتِلَافِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ لَآيَاتٍ لِأُولِي الْأَلْبَابِ ۝ الَّذِينَ يَذْكُرُونَ اللَّهَ قِيَامًا وَقُعُودًا وَعَلَىٰ جُنُوبِهِمْ وَيَتَفَكَّرُونَ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ رَبَّنَا مَا خَلَقْتَ هَٰذَا بَاطِلًا سُبْحَانَكَ فَقِنَا عَذَابَ النَّارِ…﴾ [سورة آل عمران: 190-200]

«شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە روشەن دەلىللەر بار. ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ…» [سۈرە ئال ئىمران، 190–200-ئايەتلەرنى ئوقۇيدۇ].

[بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]

22. كىيىم كىيگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئا#

«الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي كَسَانِي هَذَا (الثَّوْبَ) وَرَزَقَنِيهِ مِنْ غَيْرِ حَوْلٍ مِنِّي وَلَا قُوَّةٍ»

«بارلىق ھەمدۇ-سانا ماڭا بۇ كىيىمنى كىيدۈرگەن ۋە ئۇنى چارە-تەدبىر ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىمسىز ماڭا مۇيەسسەر قىلغان ئاللاھقا خاستۇر.»

[نەسائىيدىن باشقا ھەدىسشۇناس ئالىملارنىڭ ھەممىسىدىن رىۋايەت قىلىنغان]

33. يېڭى كىيىم كىيگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئا#

«اللَّهُمَّ لَكَ الْحَمْدُ أَنْتَ كَسَوْتَنِيهِ، أَسْأَلُكَ مِنْ خَيْرِهِ وَخَيْرِ مَا صُنِعَ لَهُ، وَأَعُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّهِ وَشَرِّ مَا صُنِعَ لَهُ»

«ئى ئاللاھ! بارلىق ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر، بۇ كىيىمنى ماڭا سەن كەيدۈردۈڭ، سەندىن بۇ كىيىمنىڭ ياخشىلىقىنى، ئۇنىڭ تەييارلىنىشىدىكى مەقسەتنىڭ ياخشىلىقىنى سورايمەن. بۇ كىيىمنىڭ شەررىدىن، ئۇنىڭ تەييارلىنىشىدىكى مەقسەتنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سىغىنىمەن.»

[ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى]

44. يېڭى كىيىم كىيگەن كىشىگە قىلىنىدىغان دۇئا#

«تُبْلِي وَيُخْلِفُ اللَّهُ تَعَالَى»

«ئۆمرىڭىز ئۇزۇن بولسۇن، ئاللاھ تېخىمۇ زىيادە قىلىپ بەرسۇن.»

[ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى]

«إِلْبِسْ جَدِيدًا وَعِشْ حَمِيدًا وَمُتْ شَهِيدًا»

«يېڭىنى كىيىڭ، مەدھىيىلىنىپ ياشاڭ، شېھىتلەرچە ئۆلۈڭ.»

[ئىبنى ماجە رىۋايىتى]

55. كىيىم سالغاندا ئوقۇلىدىغان زىكىر#

«بِسْمِ اللَّهِ»

«ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (سالىمەن).»

[تىرمىزى رىۋايىتى]

66. ھاجەتخانىغا كىرىشتىن بۇرۇن ئوقۇلىدىغان دۇئا#

«بِسْمِ اللَّهِ، اللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنَ الْخُبُثِ وَالْخَبَائِثِ»

«ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (كىرىمەن)، ئى پەرۋەردىگارىم! ئەركەك ۋە چىشى شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىسىدىن ساڭا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن.»

[بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]

77. ھاجەتخانىدىن چىققاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا#

«غُفْرَانَكَ»

«سېنىڭ مەغپىرىتىڭنى (تىلەيمەن).»

[نەسائىيدىن باشقا ھەدىسشۇناس ئالىملارنىڭ ھەممىسىدىن رىۋايەت قىلىنغان]

88. تاھارەت ئېلىش ئالدىدا ئوقۇلىدىغان زىكىر#

«بِسْمِ اللَّهِ»

«ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).»

[ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە، ئەھمەد رىۋايىتى]

99. تاھارەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان زىكىر#

«أَشْهَدُ أَنْ لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ»

«ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەئبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئۇ يەككە-يېگانىدۇر ۋە ھېچ شېرىكى يوقتۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇ زاتنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن.»

[مۇسلىم رىۋايىتى]

«اللَّهُمَّ اجْعَلْنِي مِنَ التَّوَّابِينَ وَاجْعَلْنِي مِنَ الْمُتَطَهِّرِينَ»

«ئى ئاللاھ! مېنى تەۋبە قىلغۇچىلاردىن ۋە گۇناھتىن پاك بولغۇچىلاردىن قىلغىن.»

[تىرمىزى رىۋايىتى]

«سُبْحَانَكَ اللَّهُمَّ وَبِحَمْدِكَ أَشْهَدُ أَنْ لَا إِلَهَ إِلَّا أَنْتَ أَسْتَغْفِرُكَ وَأَتُوبُ إِلَيْكَ»

«ئى ئاللاھ! ساڭا ھەمدە ئېيتىش بىلەن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، سەندىن باشقا ھېچ مەئبۇد بەرھەق يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، سەندىن كەچۈرۈم سورايمەن ۋە ساڭا تەۋبە قىلىمەن.»

[نەسائى رىۋايىتى]

1010. ئۆيدىن چىققاندا ئوقۇلىدىغان زىكىر#

«بِسْمِ اللَّهِ تَوَكَّلْتُ عَلَى اللَّهِ وَلَا حَوْلَ وَلَا قُوَّةَ إِلَّا بِاللَّهِ»

«ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (چىقتىم) ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم، ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچقانداق كۈچ-قۇۋۋەت يوقتۇر.»

[ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى]

«اللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ أَنْ أَضِلَّ، أَوْ أُضَلَّ، أَوْ أَزِلَّ، أَوْ أُزَلَّ، أَوْ أَظْلِمَ، أَوْ أُظْلَمَ، أَوْ أَجْهَلَ، أَوْ يُجْهَلَ عَلَيَّ»

«ئى پەرۋەردىگارىم! مەن ئېزىپ كېتىشتىن ياكى ئازدۇرۇلۇشتىن، خاتالىشىشتىن ياكى خاتالاشتۇرۇلۇشتىن، زۇلۇم قىلىشتىن ياكى زۇلۇم قىلىنىشتىن، جاھىللىق قىلىشتىن ياكى ماڭا جاھىللىق قىلىنىشتىن ساڭا سىغىنىمەن.»

[ئىبنى ماجە رىۋايىتى]

1111. ئۆيگە كېرىشتە ئېيتىلىدىغان زىكىر#

«بِسْمِ اللَّهِ وَلَجْنَا، وَبِسْمِ اللَّهِ خَرَجْنَا، وَعَلَى رَبِّنَا تَوَكَّلْنَا»

«ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن كىردۇق، ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن چىقتۇق، رەببىمىزگىلا تەۋەككۈل قىلدۇق، دەپ ئاندىن ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا سالام قىلسۇن.»

[ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى]

1212. مەسجىدكە ماڭغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا#

«اللَّهُمَّ اجْعَلْ فِي قَلْبِي نُورًا، وَفِي لِسَانِي نُورًا، وَفِي سَمْعِي نُورًا، وَفِي بَصَرِي نُورًا، وَمِنْ فَوْقِي نُورًا، وَمِنْ تَحْتِي نُورًا، وَعَنْ يَمِينِي نُورًا، وَعَنْ شِمَالِي نُورًا، وَمِنْ أَمَامِي نُورًا، وَمِنْ خَلْفِي نُورًا، وَاجْعَلْ فِي نَفْسِي نُورًا، وَأَعْظِمْ لِي نُورًا، وَعَظِّمْ لِي نُورًا، وَاجْعَلْ لِي نُورًا، وَاجْعَلْنِي نُورًا، اللَّهُمَّ أَعْطِنِي نُورًا، وَاجْعَلْ فِي عَصَبِي نُورًا، وَفِي لَحْمِي نُورًا، وَفِي دَمِي نُورًا، وَفِي شَعْرِي نُورًا، وَفِي بَشَرِي نُورًا»

«ئى پەرۋەردىگارىم! قەلبىمنى نۇرلۇق قىلغىن، تىلىمنى نۇرلۇق قىلغىن، قۇلىقىمنى نۇرلۇق قىلغىن، كۆزۈمنى نۇرلۇق قىلغىن، ئۈستۈمنى نۇرلۇق قىلغىن، ئاستىمنى نۇرلۇق قىلغىن، ئوڭ تەرىپىمنى نۇرلۇق قىلغىن، سول تەرىپىمنى نۇرلۇق قىلغىن، ئالدىمنى نۇرلۇق قىلغىن، ئارقامنى نۇرلۇق قىلغىن، روھىمنى نۇرلۇق قىلغىن، مېنى بۈيۈك نۇرلۇق قىلغىن، يۈكسەك نۇرلۇق قىلغىن، مېنى نۇرلۇق قىلغىن. ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا نۇر بەرگىن، نېرۋامنى نۇرلۇق قىلغىن، گۆشۈمنى نۇرلۇق قىلغىن، قېنىمنى نۇرلۇق قىلغىن، چېچىمنى نۇرلۇق قىلغىن، چىرايىمنى نۇرلۇق قىلغىن.»

[بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]

«اللَّهُمَّ اجْعَلْ لِي نُورًا فِي قَبْرِي، وَنُورًا فِي عِظَامِي، وَزِدْنِي نُورًا، وَزِدْنِي نُورًا، وَزِدْنِي نُورًا، وَهَبْ لِي نُورًا عَلَى نُورٍ»

«ئى پەرۋەردىگارىم! قەبرەمنى ماڭا نۇرلۇق قىلىپ بەرگىن، سۆڭەكلىرىمنى نۇرلۇق قىلغىن. ماڭا نۇرنى زىيادە قىلىپ بەرگىن، ماڭا نۇرنى زىيادە قىلىپ بەرگىن، ماڭا نۇرنى زىيادە قىلىپ بەرگىن. ماڭا نۇر ئۈستىگە نۇر بېغىشلىغىن.»

[تىرمىزى ۋە بۇخارى رىۋايىتى، ئىبنى ھەجەر «فەتھۇلبارى»دا قەيت قىلغان]

1313. مەسجىدكە كىرگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئا#

«أَعُوذُ بِاللَّهِ الْعَظِيمِ وَبِوَجْهِهِ الْكَرِيمِ وَسُلْطَانِهِ الْقَدِيمِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ. بِسْمِ اللَّهِ، وَالصَّلَاةُ وَالسَّلَامُ عَلَى رَسُولِ اللَّهِ. اللَّهُمَّ افْتَحْ لِي أَبْوَابَ رَحْمَتِكَ»

«مەلئۇن شەيتاننىڭ شەررىدىن ئۇلۇغ ئاللاھقا، ئۇنىڭ بۈيۈك زاتىغا، ئەزەلىي سەلتەنىتىگە سىغىنىمەن. ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (كىردىم). رەھمەت، سالام ۋە دۇرۇتلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە بولسۇن. ئى ئاللاھ! ماڭا رەھمىتىڭنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئاچقىن.»

[ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]

1414. مەسجىدتىن چىققاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا#

«بِسْمِ اللَّهِ، وَالصَّلَاةُ وَالسَّلَامُ عَلَى رَسُولِ اللَّهِ، اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ مِنْ فَضْلِكَ، اللَّهُمَّ اعْصِمْنِي مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ»

«ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (چىقتىم). رەھمەت، سالام ۋە دۇرۇتلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە بولسۇن. ئى ئاللاھ! پەزلى-رەھمىتىڭدىن سورايمەن، ئى ئاللاھ! مېنى مەلئۇن شەيتاندىن ساقلىغىن.»

[ئەبۇ داۋۇد ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]

1515. ئەزان ئېيتىلغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا#

ئەزان ئېيتىلغاندا ئەزاننى ئاڭلىغۇچى مۇئەززىننىڭ دېگىنىنى تەكرارلايدۇ، لېكىن مۇئەززىن «ھەييە ئەلەسسەلاھ» ۋە «ھەييە ئەلەلفەلاھ» دېگەندە «لَا حَوْلَ وَلَا قُوَّةَ إِلَّا بِاللَّهِ» دەيدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى]

«وَأَنَا أَشْهَدُ أَنْ لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ وَأَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ، رَضِيتُ بِاللَّهِ رَبًّا، وَبِمُحَمَّدٍ رَسُولًا وَبِالْإِسْلَامِ دِينًا»

مۇئەززىن شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن ئەزاننى ئاڭلىغۇچى مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇ زاتنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن. پەرۋەردىگارىمنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىگە، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكىگە، دىنىمنىڭ ئىسلام ئىكەنلىكىگە رازى بولدۇم.» [مۇسلىم رىۋايىتى]

«اللَّهُمَّ رَبَّ هَذِهِ الدَّعْوَةِ التَّامَّةِ وَالصَّلَاةِ الْقَائِمَةِ، آتِ مُحَمَّدًا الْوَسِيلَةَ وَالْفَضِيلَةَ، وَابْعَثْهُ مَقَامًا مَحْمُودًا الَّذِي وَعَدْتَهُ [إِنَّكَ لَا تُخْلِفُ الْمِيعَادَ]»

«بۇ ئۇلۇغ چاقىرىق ۋە بەرپا قىلىنغان نامازنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا يېقىنلىق ۋە پەزىلەت ئاتا قىلغىن، ئۇنى ئۆزەڭ ۋەدە قىلغان ماقامى مەھمۇد (قىيامەت كۈنىدىكى شاپائەت مەرتىۋىسى) گە ئېرىشتۈرگىن، جەزمەنكى سەن ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن.» [بۇخارى رىۋايىتى]

ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىلىقىدا ئۆزىگە دۇئا قىلىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئا ئىجابەت قىلىنىدۇ. [تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەد رىۋايىتى]

1616. نامازنى باشلىغاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان دۇئا (ئىستىفتاھ)#

«اللَّهُمَّ بَاعِدْ بَيْنِي وَبَيْنَ خَطَايَايَ كَمَا بَاعَدْتَ بَيْنَ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ، اللَّهُمَّ نَقِّنِي مِنْ خَطَايَايَ كَمَا يُنَقَّى الثَّوْبُ الْأَبْيَضُ مِنَ الدَّنَسِ، اللَّهُمَّ اغْسِلْنِي مِنْ خَطَايَايَ بِالثَّلْجِ وَالْمَاءِ وَالْبَرَدِ»

«ئى ئاللاھ! مەن بىلەن مېنىڭ خاتالىقلىرىمنىڭ ئارىلىقىنى شەرق بىلەن غەربنىڭ ئارىلىقىدەك يىراق قىلغىن. ئى ئاللاھ! مېنى خاتالىقلىرىمدىن ئاق كىيىمنى كىردىن پاكىزلىغاندەك پاكىزلىغىن. ئى ئاللاھ! خاتالىقلىرىمنى سۇ، قار ۋە مۆلدۈر بىلەن يۇغىن.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]

«سُبْحَانَكَ اللَّهُمَّ وَبِحَمْدِكَ وَتَبَارَكَ اسْمُكَ وَتَعَالَى جَدُّكَ وَلَا إِلَهَ غَيْرُكَ»

«ئى ئاللاھ، ساڭا ھەمدە ئېيتىش بىلەن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، ئىسمىڭ بەرىكەتلىكتۇر، ئۇلۇغلۇقۇڭ يۈكسەكتۇر، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر.» [تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى]

«وَجَّهْتُ وَجْهِيَ لِلَّذِي فَطَرَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ حَنِيفًا وَمَا أَنَا مِنَ الْمُشْرِكِينَ…»

«مەن يۈزۈمنى ئاسمان ۋە زېمىنلارنى ياراتقان زاتقا يۈزلەندۈردۈم، مەن مۇشرىكلەردىن ئەمەسمەن. ھەقىقەتەن مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر…» [مۇسلىم رىۋايىتى]

«اللَّهُمَّ رَبَّ جَبْرَائِيلَ، وَمِيكَائِيلَ، وَإِسْرَافِيلَ فَاطِرَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ، عَالِمَ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ… اهْدِنِي لِمَا اخْتُلِفَ فِيهِ مِنَ الْحَقِّ بِإِذْنِكَ…»

«ئى جىبرىئىل، مىكائىل، ئىسراپىل ئەلەيھىسسالاملارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچى، غايىب ۋە ھازىرنى بىلگۈچى ئاللاھ! سەن بەندىلىرىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرىدە ھۆكۈم قىلىسەن. سەن مېنى ئىختىلاپ قىلىنغان نەرسىلەردە ئىPermission بىلەن توغرىغا باشلىغىن. سەن ھەقىقەتەن خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايسەن.» [مۇسلىم رىۋايىتى]

1717. رۇكۇدا ئوقۇلىدىغان دۇئا#

«سُبْحَانَ رَبِّيَ الْعَظِيمِ» (3 قېتىم)

«ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن.» (ئۈچ قېتىم) [ئەھمەد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى]

«سُبْحَانَكَ اللَّهُمَّ رَبَّنَا وَبِحَمْدِكَ اللَّهُمَّ اغْفِرْ لِي»

«ئى رەببىمىز ئاللاھ، ساڭا ھەمدۇ ئېيتىش بىلەن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز، ئى ئاللاھ، مېنى مەغپىرەت قىلغىن.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]

«سُبُّوحٌ قُدُّوسٌ رَبُّ الْمَلَائِكَةِ وَالرُّوحِ»

«ئاللاھ پاكتۇر، مۇقەددەستۇر، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە جىبرىئىلنىڭ رەببىدۇر.» [مۇسلىم ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى]

1818. رۇكۇدىن باش كۆتۈرگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئا#

«سَمِعَ اللَّهُ لِمَنْ حَمِدَهُ»

«كىمكى ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ (ھەمدىسىنى) ئاڭلايدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى]

«رَبَّنَا وَلَكَ الْحَمْدُ حَمْدًا كَثِيرًا طَيِّبًا مُبَارَكًا فِيهِ»

«ئى رەببىمىز، بەرىكەتلىكى چەكسىز ۋە پاك ھەمدۇ-سانالار ساڭا خاستۇر.» [بۇخارى رىۋايىتى]

«مِلْءَ السَّمَاوَاتِ وَمِلْءَ الْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا وَمِلْءَ مَا شِئْتَ مِنْ شَيْءٍ بَعْدُ…»

«ئى مەدھىيە ۋە شان-شەرەپ ئىگىسى ئاللاھ! ئاسمان-زېمىننى تولدۇرغۇدەك، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىنى تولدۇرغۇدەك ۋە بۇنىڭدىن باشقا سەن خالىغان نەرسە تولغۇدەك چەكسىز ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر…» [مۇسلىم رىۋايىتى]

1919. سەجدىدە ئوقۇلىدىغان دۇئا#

«سُبْحَانَ رَبِّيَ الْأَعْلَى» (3 قېتىم)

«ھەممىدىن يۈكسەك رەببىمنى بارلىق نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن.» (ئۈچ قېتىم) [ئىمام ئەھمەد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى]

«سُبْحَانَكَ اللَّهُمَّ رَبَّنَا وَبِحَمْدِكَ اللَّهُمَّ اغْفِرْ لِي»

«ئى رەببىمىز ئاللاھ، ساڭا ھەمدۇ-سانا ئېيتىش بىلەن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز. ئى ئاللاھ، مېنى مەغپىرەت قىلغىن.» [بۇخارى ۋە تىرمىزى رىۋايىتى]

«اللَّهُمَّ اغْفِرْ لِي ذَنْبِي كُلَّهُ، دِقَّهُ وَجِلَّهُ، وَأَوَّلَهُ وَآخِرَهُ، وَعَلَانِيَتَهُ وَسِرَّهُ»

«ئى ئاللاھ! بارلىق چوڭ-كىچىك، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن، ئىلگىرى ۋە كېيىنكى بارلىق گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن.» [مۇسلىم رىۋايىتى]

«اللَّهُمَّ أَعُوذُ بِرِضَاكَ مِنْ سَخَطِكَ، وَبِمُعَافَاتِكَ مِنْ عُقُوبَتِكَ، وَأَعُوذُ بِكَ مِنْكَ، لَا أُحْصِي ثَنَاءً عَلَيْكَ أَنْتَ كَمَا أَثْنَيْتَ عَلَى نَفْسِكَ»

«ئى ئاللاھ! غەزىپىڭدىن رازىلىقىڭغا، ئازابىڭدىن كەچۈرۈم قىلىشىڭنى تىلەپ ساڭا سىغىنىمەن. مەن سېنى قانچىلىك مەدھىيەلىسەممۇ سەن ئۆزۈڭنى مەدھىيىلىگەندەك مەدھىيىلىيەلمەيمەن.» [مۇسلىم رىۋايىتى]

2020. ئىككى سەجدىنىڭ ئارىلىقىدا ئوقۇلىدىغان دۇئا#

«رَبِّ اغْفِرْ لِي، رَبِّ اغْفِرْ لِي»

«ئى رەببىم! مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ئى رەببىم! مېنى مەغپىرەت قىلغىن.» [ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى]

«اللَّهُمَّ اغْفِرْ لِي، وَارْحَمْنِي، وَاهْدِنِي، وَاجْبُرْنِي، وَعَافِنِي، وَارْزُقْنِي، وَارْفَعْنِي»

«ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھىم قىلغىن، مېنى ھىدايەت قىلغىن، مېنىڭ كەمچىللىكلىرىمنى تۈزۈتۈپ بەرگىن، مېنى ئەپۇ قىلغىن، ماڭا رىزىق بەرگىن، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە دەرىجەمنى كۆتۈرگىن.» [تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى]

2121. تىلاۋەت سەجدىسىدە ئوقۇلىدىغان دۇئا#

«سَجَدَ وَجْهِي لِلَّذِي خَلَقَهُ، وَشَقَّ سَمْعَهُ وَبَصَرَهُ بِحَوْلِهِ وَقُوَّتِهِ [فَتَبَارَكَ اللَّهُ أَحْسَنُ الْخَالِقِينَ]»

«مېنىڭ يۈزۈم ئۇنى ياراتقان، كۈچ-قۇدرىتى بىلەن قۇلاقنى ۋە كۆزنى ئورۇنلاشتۇرغان زاتقا سەجدە قىلدى. ئەڭ ماھىر ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر.»

«اللَّهُمَّ اكْتُبْ لِي بِهَا عِنْدَكَ أَجْرًا، وَضَعْ عَنِّي بِهَا وِزْرًا، وَاجْعَلْهَا لِي عِنْدَكَ ذُخْرًا، وَتَقَبَّلْهَا مِنِّي كَمَا تَقَبَّلْتَهَا مِنْ عَبْدِكَ دَاوُدَ»

«ئى ئاللاھ! بۇ سەجدەم ئارقىلىق ماڭا ئۆز دەرگاھىڭدا ئەجىر يازغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەندىن گۇناھنى ئېلىپ تاشلىغىن، ماڭا ئۇنىڭ ساۋابىنى دەرگاھىڭدا ساقلىغىن، مەندىن ئۇنى بەندەڭ داۋۇد ئەلەيھىسسالامدىن قوبۇل قىلغاندەك قوبۇل قىلغىن.» [تىرمىزى ۋە ھاكىم رىۋايىتى]

2222. تەششەھھۇد (ئەتتەھىيياتۇ)#

«التَّحِيَّاتُ لِلَّهِ، وَالصَّلَوَاتُ، وَالطَّيِّبَاتُ، السَّلَامُ عَلَيْكَ أَيُّهَا النَّبِيُّ وَرَحْمَةُ اللَّهِ وَبَرَكَاتُهُ، السَّلَامُ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَادِ اللَّهِ الصَّالِحِينَ. أَشْهَدُ أَنْ لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ»

«ئېھتىراملار، ناماز، دۇئا ۋە ياخشى ئەمەللەر ئاللاھقا خاستۇر. ئى پەيغەمبەر! سىزگە سالام، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكىتى بولسۇن. بىزگە ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگە سالام بولسۇن. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ھەق ئىلاھ يوقتۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]

2323. تەشەھھۇدتىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت يوللاش#

«اللَّهُمَّ صَلِّ عَلَى مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمَّدٍ كَمَا صَلَّيْتَ عَلَى إِبْرَاهِيمَ وَعَلَى آلِ إِبْرَاهِيمَ إِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ، اللَّهُمَّ بَارِكْ عَلَى مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمَّدٍ كَمَا بَارَكْتَ عَلَى إِبْرَاهِيمَ وَعَلَى آلِ إِبْرَاهِيمَ إِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ»

«ئى ئاللاھ! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت قىلغاندەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن ماختاشقا لايىق ۋە ئۇلۇغ مەرتىۋىلىك زاتسەن. ئى ئاللاھ! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ نام-نىشانىسىنى مەڭگۈ قىلغاندەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ نام-نىشانىسىنى مەڭگۈ قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن ماختاشقا لايىق ۋە ئۇلۇغ مەرتىۋىلىك زاتسەن.» [بۇخارى رىۋايىتى]

2424. ئاخىرقى تەشەھھۇدتىن كېيىن سالامدىن ئىلگىرى ئوقۇلىدىغان دۇئا#

«اللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنْ عَذَابِ الْقَبْرِ، وَمِنْ عَذَابِ جَهَنَّمَ، وَمِنْ فِتْنَةِ الْمَحْيَا وَالْمَمَاتِ، وَمِنْ شَرِّ فِتْنَةِ الْمَسِيحِ الدَّجَّالِ»

«ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن مەن قەبرە ئازابىدىن، دوزاخ ئازابىدىن، ھايات-مامات پىتنىسىدىن ۋە دەججالنىڭ پىتنىسىنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سىغىنىمەن.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]

«اللَّهُمَّ إِنِّي ظَلَمْتُ نَفْسِي ظُلْمًا كَثِيرًا وَلَا يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلَّا أَنْتَ فَاغْفِرْ لِي مَغْفِرَةً مِنْ عِنْدِكَ وَارْحَمْنِي إِنَّكَ أَنْتَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ»

«ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن مەن ئۆزۈمگە كۆپ زۇلۇم قىلدىم، گۇناھلارنى سەندىن باشقا ھېچكىم مەغپىرەت قىلالمايدۇ. ئۆز پەزلىڭ بىلەن مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھىم قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە كۈيۈنگۈچىسەن.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]

«اللَّهُمَّ أَعِنِّي عَلَى ذِكْرِكَ، وَشُكْرِكَ، وَحُسْنِ عِبَادَتِكَ»

«ئى ئاللاھ! سېنى زىكرى قىلىشىمغا، ساڭا شۈكۈر قىلىشىمغا ۋە ساڭا گۈزەل قۇلچىلىق قىلىشىمغا ياردەم قىلغىن.» [ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائى رىۋايىتى]

2525. نامازدا سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان دۇئا#

«أَسْتَغْفِرُ اللَّهَ (3 قېتىم)، اللَّهُمَّ أَنْتَ السَّلَامُ وَمِنْكَ السَّلَامُ تَبَارَكْتَ يَا ذَا الْجَلَالِ وَالْإِكْرَامِ»

«ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمەن (ئۈچ قېتىم). ئى ئاللاھ! سەن تىنچلىق بەرگۈچىسەن، تىنچلىق زادى سېنىڭدىن. ئى ئۇلۇغ ۋە پەزلى-كەرەم ئىگىسى ئاللاھ! سېنىڭ بەرىكىتىڭ بۈيۈكتۇر.» [مۇسلىم رىۋايىتى]

«لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ، اللَّهُمَّ لَا مَانِعَ لِمَا أَعْطَيْتَ، وَلَا مُعْطِيَ لِمَا مَنَعْتَ، وَلَا يَنْفَعُ ذَا الْجَدِّ مِنْكَ الْجَدُّ»

«ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە-يېگانىدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇ-سانالار ئۇنىڭغا خاستۇر. ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. ئى ئاللاھ، سەن بەرگەن نەرسىنى چەكلىگۈچى، سەن چەكلىگەننى بەرگۈچى يوقتۇر، سېنىڭ دەرگاھىڭدا ئابرويلۇقلارنىڭ ئابرويى ئەسقاتمايدۇ.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]

«سُبْحَانَ اللَّهِ (33 قېتىم)، وَالْحَمْدُ لِلَّهِ (33 قېتىم)، وَاللَّهُ أَكْبَرُ (33 قېتىم)، لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ»

«ئاللاھ پاكتۇر (33 قېتىم)، جىمى ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر (33 قېتىم)، ئاللاھ بۈيۈكتۇر (33 قېتىم). ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە-يېگانىدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە بارلىق ھەمدۇ-سانا ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.» [مۇسلىم رىۋايىتى]

شۇنداقلا ھەر نامازدىن كېيىن سۈرە ئىخلاس، سۈرە فەلەق، سۈرە ناس [ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائى]، ۋە ئايەتۇل كۇرسى (سۈرە بەقەرە، 255-ئايەت) [نەسائى رىۋايىتى] ئوقۇلىدۇ.

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.