زىكىرنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
This content is not yet available in your language.
قۇرئان كەرىمدە زىكىرنىڭ پەزىلىتى
بۆلۈم: “قۇرئان كەرىمدە زىكىرنىڭ پەزىلىتى”ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
فَاذْكُرُونِي أَذْكُرْكُمْ وَاشْكُرُوا لِي وَلَا تَكْفُرُونِ
تەرجىمىسى: «مېنى (تائەت-ئىبادەت بىلەن) ياد ئېتىڭلار، (مېنى ياد ئەتسەڭلار) مەنمۇ سىلەرنى (ساۋاب بېرىش، مەغپىرەت قىلىش بىلەن) ياد ئېتىمەن. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، ناشۈكۈرلۈك قىلماڭلار.»
(سۈرە بەقەرە، 152-ئايەت)
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اذْكُرُوا اللَّهَ ذِكْرًا كَثِيرًا
تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىڭلار.»
(سۈرە ئەھزاب، 41-ئايەت)
وَالذَّاكِرِينَ اللَّهَ كَثِيرًا وَالذَّاكِرَاتِ أَعَدَّ اللَّهُ لَهُمْ مَغْفِرَةً وَأَجْرًا عَظِيمًا
تەرجىمىسى: «ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى.»
(سۈرە ئەھزاب، 35-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
وَاذْكُرْ رَبَّكَ فِي نَفْسِكَ تَضَرُّعًا وَخِيفَةً وَدُونَ الْجَهْرِ مِنَ الْقَوْلِ بِالْغُدُوِّ وَالْآصَالِ وَلَا تَكُنْ مِنَ الْغَافِلِينَ
تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەندە-ئاخشامدا ئۇنى پەس ئاۋازدا زىكىر قىلغىن، غاپىللاردىن بولمىغىن.»
(سۈرە ئەئراف، 205-ئايەت)
سەھىھ ھەدىسلەردە زىكىرنىڭ پەزىلىتى
بۆلۈم: “سەھىھ ھەدىسلەردە زىكىرنىڭ پەزىلىتى”1. زىكىر ئېيتقۇچى بىلەن ئېيتمايدىغۇچىنىڭ مىسالى
بۆلۈم: “1. زىكىر ئېيتقۇچى بىلەن ئېيتمايدىغۇچىنىڭ مىسالى”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«رەببىنى زىكرى قىلغان كىشى بىلەن زىكرى قىلمىغان كىشىنىڭ مىسالى ھايات بىلەن ئۆلۈكنىڭ مىسالىغا ئوخشاشتۇر.»
(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى)
2. ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ پاك ئەمەل
بۆلۈم: “2. ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ پاك ئەمەل”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرگە مۇنداق دەيدۇ:
«ئەمەللىرىڭلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ھۇزۇرىدا ئەڭ پاك ھېسابلىنىدىغان، دەرىجەڭلەرنى ئەڭ يۇقىرى كۆتۈرىدىغان، ئالتۇن-كۆمۈش ئېھسان قىلغاندىنمۇ، دۈشمىنىڭلار بىلەن ئېلىشقاندىنمۇ سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى بولىدىغان ئەمەلنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟»
ساھابىلەر: «ئېيتىپ بەرسىلە» دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن ئىبارەتتۇر» دەپ جاۋاب بەردى.
(تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى)
3. ئاللاھنىڭ بەندىگە بولغان يېقىنلىقى (ھەدىس قۇدسىي)
بۆلۈم: “3. ئاللاھنىڭ بەندىگە بولغان يېقىنلىقى (ھەدىس قۇدسىي)”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇكى: بەندەم مەن توغرۇلۇق قانداق ئويلىسا، مەن شۇنداقمەن. ئەگەر ئۇ مېنى ياد ئەتسە مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولىمەن، ئۇ مېنى ئىچىدە ياد ئەتسە مەنمۇ ئۇنى ئىچىمدە ياد ئېتىمەن، ئۇ مېنى جامائەت ئىچىدە ياد ئەتسە مەن ئۇنى مەزكۇر جامائەتتىنمۇ ياخشىراق جامائەت ئىچىدە ياد ئېتىمەن. ئۇ ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن، ئۇ ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا مەن ئۇنىڭغا بىر قۇلاچ يېقىنلىشىمەن، ئۇ ماڭا مېڭىپ كەلسە مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ بارىمەن.»
(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى)
4. تىلنىڭ داۋاملىق زىكىر بىلەن ھۆل تۇرۇشى
بۆلۈم: “4. تىلنىڭ داۋاملىق زىكىر بىلەن ھۆل تۇرۇشى”ئابدۇللاھ ئىبنى بۇسر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:
بىر كىشى: «يا رەسۇلۇللاھ! ئىسلام شەرىئىتىدىكى (نەپلە) ئەمەللەر ماڭا ناھايىتى كۆپ بولۇپ كەتتى، مەن چىڭ ئېسىلىدىغان بىر نەرسىنى ئېيتىپ بەرگەن بولسىلا» دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تىلىڭ ھەرۋاقىت ئاللاھنىڭ زىكرىدىن توختاپ قالمىسۇن» دېدى.
(تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى)
5. قۇرئان تىلاۋىتى ۋە ھەرپلەرنىڭ ساۋابى
بۆلۈم: “5. قۇرئان تىلاۋىتى ۋە ھەرپلەرنىڭ ساۋابى”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇسا ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق بولىدۇ، بىر ياخشىلىق ئون ھەسسىگە كۆپەيتىلىدۇ. ‹ئەلىف، لام، مىم› بىر ھەرپ دېمەيمەن. بەلكى ئەلىف بىر ھەرپ، لام بىر ھەرپ، مىم بىر ھەرپتۇر.»
(تىرمىزى رىۋايىتى)
6. زىكىرسىز ئولتۇرۇشنىڭ ھەسرىتى
بۆلۈم: “6. زىكىرسىز ئولتۇرۇشنىڭ ھەسرىتى”پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«كىمكى بىرەر ئورۇندا ئاللاھنى زىكرى قىلماي ئولتۇرىدىكەن، ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇنىڭغا ھەسرەت بولىدۇ. كىمكى بىرەر ئورۇندا ئاللاھنى زىكرى قىلماي ياتىدىكەن، ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇنىڭغا ھەسرەت بولىدۇ.»
(ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى)
«قانداق بىر جامائەت بىرەر ئورۇندا ئولتۇرغاندا ئاللاھنى ياد ئەتمەي، پەيغەمبىرىگە دۇرۇت ئېيتمىسا ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇلارغا ھەسرەت بولىدۇ. ئاللاھ خالىسا ئۇلارنى ئازابلايدۇ، خالىسا كەچۈرۈم قىلىدۇ.»
(ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى)
