Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

نۇھ ئەلەيھىسسالام: ئىككىنچى ئاتا ۋە 950 يىللىق سەبىر كۈرىشى

This content is not yet available in your language.

1. بۇتپەرەسلىكنىڭ باشلىنىشى ۋە نۇھنىڭ ئەۋەتىلىشى

بۆلۈم: “1. بۇتپەرەسلىكنىڭ باشلىنىشى ۋە نۇھنىڭ ئەۋەتىلىشى”

ئادەم ۋە ئىدرىس ئەلەيھىسسالاملاردىن كېيىن ئۇزۇن ئەسىرلەر ئۆتتى. ئىنسانلار ئارىسىدىكى سالىھ زاتلار (ۋەد، سۇۋاغ، يەغۇس، يەئۇق، نەسر) ۋاپات بولغاندا، شەيتان خەلققە: «ئۇلارنىڭ سۈرىتى ۋە ھەيكىلىنى ياساپ، سېغىنغاندا قاراپ تەقۋالىق قىلىڭلار» دەپ ۋەسۋەسە قىلدى. كېيىنكى ئەۋلادلار بۇ ھەيكەللەرگە چوقۇنۇشقا باشلاپ، ئىنسانىيەت تۇنجى قېتىم شىرك ۋە پۇتپەرەسلىك پاتقىقىغا پاتتى.

ئاللاھ تائالا ئۇلارنى تەۋھىد يولىغا قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۇلۇل ئەزم (ئىرادىلىك چوڭ) پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرى بولغان نۇھ ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتتى.


2. 950 يىللىق كېچە-كۈندۈز دەۋەت ۋە سەبىر

بۆلۈم: “2. 950 يىللىق كېچە-كۈندۈز دەۋەت ۋە سەبىر”

نۇھ ئەلەيھىسسالام خەلقىنى 950 يىل بوشاشماي ھەقكە چاقىردى:

«قَالَ رَبِّ إِنِّي دَعَوْتُ قَوْمِي لَيْلًا وَنَهَارًا * فَلَمْ يَزِدْهُمْ دُعَائِي إِلَّا فِرَارًا»
«نۇھ دېدى: ‹ئى رەببىم! مەن قەۋمىمنى كېچە-كۈندۈز دەۋەت قىلدىم. لېكىن مېنىڭ دەۋىتىم ئۇلارنى تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇشتىن باشقىغا يارىماي قالدى›.» (سۈرە نۇھ: 5–6)

قەۋمنىڭ ئاقسۆڭەك باشلىقلىرى نۇھنى مەسخىرە قىلىپ: «ساڭا پەقەت ئىچىمىزدىكى پەس تەبىقىدىكى كىشىلەرلا ئەگىشىپتۇ. ئەگەر سەن ئۇلارنى قوغلىۋەتسەڭ بىز سېنى ئاڭلايمىز» دەشتى. نۇھ ئەلەيھىسسالام مۆمىنلەرنى ھەرگىز قوغلىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇلارنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى. قەۋم ھەددىدىن ئېشىپ ھەتتا ئۆز بالىلىرىغا: «نۇھقا قۇلاق سالماڭلار!» دەپ تەلىم بېرىدىغان ھالغا يەتتى.


3. كېمىنىڭ ياسىلىشى ۋە مەسخىرە قىلىنىش

بۆلۈم: “3. كېمىنىڭ ياسىلىشى ۋە مەسخىرە قىلىنىش”

ئاخىرىدا ئاللاھ تائالا نۇھ ئەلەيھىسسالامغا: «ئىلگىرى ئىمان ئېيتقانلاردىن باشقا ئەمدى ھېچكىم ئىمان ئېيتمايدۇ» دەپ ۋەھىي قىلدى. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن نۇھ ئەلەيھىسسالام قۇرۇقلۇقتا، تاغ ئۈستىدە بىر چوڭ كېمە ياساشقا باشلىدى.

بۇنى كۆرگەن مۇشرىكلار: «ئى نۇھ! پەيغەمبەرلىكنى تاشلاپ ئەمدى ياغاچچى بولۇپ قالدىڭمۇ؟ قۇرۇقلۇقتا كېمىنى قانداق ماڭدۇرماقچىسەن؟» دەپ كۈلۈشتى. نۇھ ئەلەيھىسسالام تەۋەككۈل بىلەن: «بۈگۈن سىلەر بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتقان بولساڭلار، ئەتە سىلەرنىڭ ھالاكىتىڭلاردا بىز سىلەرنى مەسخىرە قىلىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.


4. كاتتا تۇفان ۋە نۇھنىڭ ئوغلىنىڭ ئاقىۋىتى

بۆلۈم: “4. كاتتا تۇفان ۋە نۇھنىڭ ئوغلىنىڭ ئاقىۋىتى”

پۈتۈن تەييارلىقلار پۈتكەندە، يەردىن بۇلاقلار پىقىراپ قاينىدى، ئاسماندىن قارا يامغۇرلار قۇيدى. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن نۇھ ئەلەيھىسسالام مۆمىنلەرنى ۋە ھەر بىر جانلىقتىن بىر جۈپتىن (ئەركەك ۋە چىشى) كېمىگە ئالدى.

سۇ يەر يۈزىنى قاپلاپ تاغلارنىڭ چوققىسىغىچە ئۆرلىدى. شۇ پەيتتە نۇھ ئەلەيھىسسالام ئىمان ئېيتمىغان ئوغلى يام (كەنئان) نى كۆرۈپ:

«يَا بُنَيَّ ارْكَب مَّعَنَا وَلَا تَكُن مَّعَ الْكَافِرِينَ»
«ئى ئوغلۇم! بىز بىلەن بىللە كېمىگە چىققىن، كاپىرلار بىلەن بىللە بولمىغىن!» دەپ چاقىردى.

ئوغلى بولسا غۇرۇرىغا تايىنىپ: «مەن بىر تاغقا چىقىۋالىمەن، ئۇ مېنى سۇدىن ساقلاپ قالىدۇ» دېدى. نۇھ ئەلەيھىسسالام: «بۈگۈن ئاللاھنىڭ رەھمەت قىلغىنىدىن باشقا ھېچكىم ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلالمايدۇ» دېدى. ئارىلىققا بىر دولقۇن چۈشۈپ ئوغۇل غەرق بولدى. نۇھ ئەلەيھىسسالام ئاتىلىق مېھرى بىلەن ئاللاھقا يالۋۇرغاندا، ئاللاھ تائالا: «ئى نۇھ! ئۇ سېنىڭ ئەھلىڭدىن ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭ ئەمەلى ناچاردۇر» دەپ ئىمان رىشتىسىنىڭ قان رىشتىسىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.


5. جۇدى تېغىغا توختاش ۋە ئەشۇرا كۈنى

بۆلۈم: “5. جۇدى تېغىغا توختاش ۋە ئەشۇرا كۈنى”

تۇفان بارلىق كاپىرلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھ يەرگە سۈيىنى يۇتۇشنى، ئاسمانغا يامغۇرىنى توختىتىشنى بۇيرۇدى. كېمە جۇدى تېغىغا بارىپ توختىدى. نۇھ ئەلەيھىسسالام ۋە مۆمىنلەر مۇھەررەم ئېيىنىڭ 10-كۈنى (ئەشۇرا كۈنى) كېمىدىن قۇرۇقلۇققا چۈشتى ۋە ئاللاھقا تەشەككۈر سۈپىتىدە كېمىدە قالغان تائاملارنى بىر يەرگە يىغىپ تاتلىق تائام پىشۇرۇپ خۇشاللىق تەنتەنىسى قىلدى.

نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ سام، ھام ۋە يافەس ئىسىملىك ئوغۇللىرى ئارقىلىق ئىنسانىيەت قايتا كۆپەيدى، شۇ سەۋەبتىن نۇھ «ئىككىنچى ئادەم» ياكى «ئىككىنچى ئاتا» دەپ ئاتالدى.

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.