ئىستىنجا، ئىستىبرا ۋە نىجاسەتتىن پاكلىنىش
ئستىنجا ۋە ئىستىبرا
بۆلۈم: “ئستىنجا ۋە ئىستىبرا”تەرەت قىلىدىغان ئەزالارنى پاكلاش دېگەنلىكتۇر_ ئستىنجا.
ئستىنجا قىلىشنىڭ ھۆكمى
بۆلۈم: “ئستىنجا قىلىشنىڭ ھۆكمى”ئستىنجانىڭ ھۆكمى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
-
ئىنساننىڭ ئالدى ۋە كەينىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەت قىلىش ئورگىنىدىن چىققان نىجاسەتلەر بۇ ئىككى ئورگاندىن بەدەننىڭ باشقا جايلىرىغا تەگمىگەن ھالەتتە ئىستىنجا قىلىش سۈننەتتۇر.
-
ئىككى ئورگاندىن چىققان نىجاسەتلەر بىر تەڭگە مىقدارىدا بەدەننىڭ باشقا جايلىرىغا تەككەن بولسا، بۇ ھالەتتە سۇ بىلەن يۇيۇپ ئستىنجا قىلىش ئارقىلىق ئۇنى پاكلاش ۋاجىپتۇر.
-
بەدەنگە تېگىپ كەتكەن نىجاسەت بىر تەڭگە مىقدارىدىن كۆپرەك بولسا، بۇ ھالەتتە سۇ بىلەن ئستىنجا قىلىش پەرز بولىدۇ. ئستىنجا قىلىشتا سول قول ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇخلىغانلىق ياكى يەل چىقارغانلىق تۈپەيلى تاھارىتى سۇنغان كىشى ئۈچۈن ئىستىنجا قىلىش لازىم ئەمەسلىكىدە پۈتۈن فىقھىشۇناس ئالىم لار بىردەك ئىتتىپاقتۇر. چۈنكى ئىستىنجا پەقەت ئىككى تەرەت ئورگىنىنى تازى لاش ئۈچۈن لا بۇيرۇلغان. بۇنىڭغا ئاساسەن ئېيتالايمىزكى، ئىنساننىڭ ئىككى تەرەت قىلىش ئورگىنىدىن چىققان يەلدىن باشقا ھەرقانداق نەرسە ئۈچۈن ئىستىنجا قىلىش لازىم كېلىدۇ. ئەمما بۇ ئىككى ئورگاندىن يەلدىن باشقا بىر نەرسە چىقماستىن باشقا سەۋەبلەر بىلەن تاھارىتى بۇزۇلغان كىشىنىڭ ئىستىنجا قىلىشى لازىم كەلمەيدۇ.
ئستىنجادا قوللىنىشقا جائىز بولىدىغان ماددىلار
بۆلۈم: “ئستىنجادا قوللىنىشقا جائىز بولىدىغان ماددىلار”ئىستىنجا قىلىش ئۈچۈن جائىز بولىدىغان ماددىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى سۇدۇر. سۇدىن ياخشى پاكلىنىش ماددىسى يوق. سۇ بىلەن ئىستىنجا قىلىشقا ئىمكانىيەت بولمىغاندا، چالما، تاش، رەخت پارچىسى، قەغەز ۋە ئامالسىز قالغاندا ياغاچ ۋە ئوتۇن قاتارلىق ماددىلارنىڭ قايسىبىرى بىلەن ئستىنجا قىلىشقا بولىدۇ. ئىستىنجا قىلىشتا ئەۋرەت جايلارنى كىشىلەرگە كۆرسىتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى مۇنداق قىلىش ھارامدۇر.
ئستىنجادا قوللىنىشقا جائىز بولمايدىغان ماددىلار
بۆلۈم: “ئستىنجادا قوللىنىشقا جائىز بولمايدىغان ماددىلار”ئىستىنجا قىلىشقا جائىز بولمايدىغان ماددى لار: پىششىق قىش، كۆمۈر، تۆمۈر، ئەينەك، ھاك، ئىنسان ياكى ھايۋان لار يەيدىغان تائام لار. بۇلارنىڭ قايسىبىرى بىلەن ئىستىنجا قىلىشقا بولمايدۇ.
)شۇنداقلا، ئەرەبچە ( ھەتتا باشقا تىلدا بولسىمۇ ئەرەب ھەرپى بىلەن يېزىلغان كىتاب، ژۇرنلا ۋە گېزىتلەرنىڭ ۋاراقلىرىنى تازىلىق ئۈچۈن قوللىنىشقا بولمايدۇ. ئەمما ئەرەبچە ئەمەس، بەلكى التىن، رۇس، خىتايچە يېزىلغان، دىنىي بولمىغان كىتاب، ژۇرنلا ۋە گېزىتلەرنى تازىلىق ئۈچۈن قوللىنىشقا بولىدۇ.
ئىستىبرا
بۆلۈم: “ئىستىبرا”تاھارەت ئېلىشتىن ئاۋۋلا جىنسىي ئورگاندىن كەلگەن_ ئىستىبرا سۈيدۈكنىڭ قالدۇقلىرىدىن تولۇق پاكلىنىش دېگەنلىكتۇر. قايسى ئۇسۇل بىلەن بولمىسۇن سۈيدۈك تۇرۇبىسىدىن سېزىپ كېلىدىغان سۈيدۈك قالدۇقلىرىدىن تولۇق پاكلىنىش پەرزدۇر. سۈيدۈك تۇرۇبىسىدىن سېزىپ كەلگەن سۈيدۈك قالدۇقلىرىدىن تولۇق خالاس بولماي تۇرۇپ تاھارەتكە باشلاشقا بولمايدۇ. چۈنكى سۈيدۈك تامچىلىرىدىن پاكلىنىش تاھارەتنىڭ دۇرۇس بولۇشىنىڭ شەرتى بولغىنىدەك، قەبىر ئازابىدىن ساقلىنىشنىڭ بىر قالقىنىدۇر. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئىككى قەبرىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، «بۇ ئىككىسى ئازابلىنىۋاتىدۇ. چۈنكى بۇلارنىڭ ئازابلىنىشىغا سەۋەب بولغان نەرسە(كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە) چوڭ گۇناھلاردىن ئەمەس، (ئەمما ئاللاھنىڭ نەزىرىدە چوڭ ئىدى)، بۇلارنىڭ بىرى سۈيدۈكىدىن پاكلىنالمايتتى، يەنە بىرى، كىشىلەر ئارىسىدا گەپ .(((»توشۇپ يۈرەتتى» دېدى
ھاجەتخانىغا كىرىشنىڭ ئەدەپلىرى
بۆلۈم: “ھاجەتخانىغا كىرىشنىڭ ئەدەپلىرى”ھاجەتخانىغا كىرىشنىڭ ئەدەپلىرى تۆۋەندىكىچە:
- ئەئۇزۇ﴾ِ﴿اَعُوذُ ابهللِ مِنَ لاشَّيْطاَنِ لارَّجِيْم :. ھاجەتخانىغا كىرىشتىن ئاۋۋلا بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىيم (قوغلاندى شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھقا دېىيىش، ئاندىن ھاجەتخانىغا كىرىشتە(((»)سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن:
يەنى «ئى ئاللاھ! ساڭا سىغىنىپ ئەركەك » ِ«اللّهُمَّ إنِّ أَعُوذُ بِكَ مِنَ الْخُبُثِ وَالْخَبَائِثِ دېگەن دۇئانى(((»چىشى شەيتانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن پاناھ تىلەيمەن ئوقۇش.
-
ھاجەتخانىغا كىرىشتە پۇتقا ئاياغ كىيىپ، شىمنىڭ پۇشقىقىنى تۈرۈۋېتىپ كىرىش ۋە يېنىدا ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرى ياكى قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى يېزىلغان نەرسىلەر بولسا ئېلىۋېتىپ كىرىش.
-
ھاجەتخانىغا ئىمكان قەدەر سول پۇت بىلەن كىرىش
-
ھاجەتخانىدا سول قولنى ئىشلىتىش _
-
ئارىدا توساق بولمىغان جايلاردا قىبلە تەرەپكە ئالدىنى ياكى كەينىنى قىلىپ تۇرۇپ ھاجەت قىلماسلىق.
-
سۇغا، يول ئۈستىگە، مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ئاستىغا ۋە شامالنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ ھاجەت قىلماسلىق.
-
ئۆزۈرسىز ئۆرە تۇرۇپ تەرەت قىلماسلىق
-
ھاجەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىككى قولنى سوپۇنلاپ پاكىز يۇيۇش.
-
ھاجەتخانىدىن چىقىشتا ئىمكان قەدەر ئوڭ پۇت بىلەن چىقىش
-
»َ ِ«غُفْرَانَك، الَْمْدُ ِهللِ الَّذيِ اَذْهَبَ عَنيِّ اْألَذَى وَعَافَان :. ھاجەتخانىدىن چىقىشتا
يەنى«ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى كەچۈرگەيسەن، مەندىن زىيان زەخمەتنى دېگەن(((»يوق قىلغان ۋە مېنى سالامەت قىلغان ئاللاھقا مەدھىيە ئېيتىمەن دۇئانى ئوقۇش. يۇقىرىقى لار ھاجەتخانىغا كىرىش ۋە چىقىشنىڭ ئەدەبلىرى بولۇپ، شۇ بويىچە ئىش كۆرۈش سۈننەت ۋە ئەدەپتۇر. ئەمما بۇلارغا رىئايە قىلمىغان كىشى گۇناھكار بولمايدۇ.
نىجاسەت ۋە ئۇنىڭدىن پاكلىنىش ئۇسۇلى
بۆلۈم: “نىجاسەت ۋە ئۇنىڭدىن پاكلىنىش ئۇسۇلى”نىجاسەت ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى
بۆلۈم: “نىجاسەت ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى”نىجاسەت(پاسكىنىلىق) ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى، ئېغىر نىجاسەت، يەنە بىرى، يېنىك نىجاسەتتۇر. ئېغىر نىجاسەتلەر: قان، ھارام بولغان مالنىڭ گۆشى ۋە تېرىسى، گۆشى يېيىلمەيدىغان ھايۋانلارنىڭ سۈيدۈكى، ئىتنىڭ، چوشقىنىڭ ۋە يىرتقۇچلارنىڭ تەرىتى ۋە شۆلۈكلىرى، توخۇ، ئۆردەك، غاز قاتارلىقلارنىڭ ماياقلىرى ۋە ئىنساننىڭ بەدىنىدىن چىقىشى بىلەن تاھارەتنى بۇزىدىغان چوڭ تەرەت، قان، يىرىڭ، مەزى (جىنسى _ نەرسىلەر، مەسىلەن: كىچىك ھەۋەس قوزغالغاندا ئېتىلماي چىقىدىغان، سپېرمىغا ئوخشاپ كېتىدىغان (سۇ)، ۋەدى ( گاھىدا كىچىك تەرەتتىن كېيىن چىقىدىغان دۇغا، ئاق سۇ قاتارلىقلار. يېنىك نىجاسەتلەر: ئات ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش گۆشى يېيىلىدىغان ھايۋانلارنىڭ ماياقلىرى، سۈيدۈكلىرى، ئۇچارلىقلارنىڭ ماياقلىرى .(((قاتارلىق لاردۇر
نىجاسەتلەردىن كەچۈرۈم قىلىنىش مىقدارى
بۆلۈم: “نىجاسەتلەردىن كەچۈرۈم قىلىنىش مىقدارى”گرام)غا، يېنىك3.17( ئېغىر نىجاسەتلەردىن بىر تەڭگە مىقدارى نىجاسەتلەردىن كىيىمنىڭ ياكى بەدەننىڭ تۆتتىن بىرىگە يەتمىگىنى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. بۇ ئورۇندىكى كەچۈرۈم قىلىنىشنىڭ مەنىسى: ناماز ئوقۇغان كىشى بەدىنى ياكى كىيىمىدىكى نىجاسەتنى كۆرمىگەنلىكتىن ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇغان بولسا، بۇ نىجاسەت ئېغىر نىجاسەتتىن بولۇپ، ئۇنىڭ مىقدارى بىر تەڭگە مىقدارىغا يەتمىگەن بولسا، ياكى يېنىك نىجاسەتتىن بولۇپ، ئۇنىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغاندا كىيىمنىڭ ياكى بەدەننىڭ تۆتتىن بىرىدىن ئاز بولغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ بۇ نىجاسەتلەر بىلەن ئوقۇغان نامىزى ئادا تاپقان بولىدۇ، نىجاسەت بىلەن ناماز ئوقۇغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇ نامازنى قايتا ئوقۇشى كېرەك ئەمەس دېگەنلىكتۇر. ئەگەر ناماز ئوقۇغان كىشى يۇقىرىقى مىقداردىن ئاز نىجاسەت بولسىمۇ، ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۆزۈرسىز ھالدا ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇغان بولسا، ئۇنىڭ نامىزى دۇرۇس ئەمەس. نىجاسەتلەردىن پاكلىنپ نامازنى قايتا ئوقۇشى لازىم كېلىدۇ.
نىجاسەتلەردىن پاكلىنىش ۋە كىيىملەرنى پاكلاش ئۇسۇلى
بۆلۈم: “نىجاسەتلەردىن پاكلىنىش ۋە كىيىملەرنى پاكلاش ئۇسۇلى”-
قان، يىرىڭ ۋە چوڭ تەرەتكە ئوخشاش كۆرگىلى بولىدىغان نىجاسەتلەر بىلەن نىجىس بولغان نەرسىلەر نىجاسەتنىڭ ئۆزىنى سۇ بىلەن يۇيۇپ يوقىتىش ئارقىلىق پاكلىنىدۇ. يۇيۇلغاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ ئەسىرىنىڭ قېلىشى ئۇنىڭ پاكىزلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. مەسىلەن: قانغا بويالغان كىيىمنى يۇيۇپ تازىلىغاندىن كېيىن، قاننىڭ ئەسىرىدىن قالغان سېرىق رەڭ كىيىمدىن يوقلىمىغان بولسىمۇ، ئۇ كىيىم نىجىس دېيىلمەيدۇ، بەلكى پاكتۇر.
-
سۈيدۈككە ئوخشاش قۇرۇپ قالسا كۆرگىلى بولمايدىغان نىجاسەتلەر بىلەن نىجىس بولغان نەرسىلەر ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم يۇيۇش ۋە ھەر قېتىم يوغاندا ئۇنى سىقىش بىلەن پاكلىنىدۇ.
-
قانداق لا بىر نىجاسەت بىلەن نىجىس بولغان زېمىندىن نىجاسەتنىڭ ئەسىرىنى يوقىتىش بىلەن بۇ زېمىن پاك بولغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدە ناماز ئوقۇشقا بولىدۇ. بىراق ئۇ جايدا تەيەممۇم قىلىشقا بولمايدۇ.
زېمىننى تازى لاش ئۇسۇلى مۇنداق: زېمىندىكى نىجاسەت ئەگەر يېنىك نىجاسەتتىن بولسا، ئۇنىڭغا سۇ تۆكۈش بىلەن ئۇنىڭ ئەسىرى يوقالغىچە تازىلىنىدۇ. ئەگەر ئېغىر نىجاسەتتىن بولسا، مەزكۇر نىجاسەت زېمىندىن كولاپ ئېلىپ تاشلىنىدۇ ۋە ئورنىغا ئۈچ قېتىم سۇ چېچىپ تازىلىنىدۇ.
-
قانداقلا بىر نىجاسەت بولمىسۇن، ئۇ ئۆز ئەسلىدىن ئۆزگىرىشى بىلەن پاك بولغان بولىدۇ. مەسىلەن: ھايۋانلارنىڭ سۈيدۈكلىرىنىڭ قۇرۇپ تۇزغا ئايلانغىنىغا، ھايۋان لار ۋە ئىنسانلارنىڭ چوڭ تەرەتلىرىنىڭ كۆيدۈرۈلۈش بىلەن كۈلگە ئايلانغىنىغا ئوخشاش. تۇز بىلەن كۈل پاك ماددى لاردۇر.
-
ئىت ۋە چوشقىنىڭ نىجاسەتلىرى بىر قېتىم تۇپراق بىلەن ئالتە قېتىم سۇ بىلەن جەمئى يەتتە قېتىم يۇيۇش ئارقىلىق پاكلىنىدۇ. بۇ مەسىلە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسى بىلەن سابىت بولغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىرىڭلارنىڭ قاچىسىنى ئىت يالاپ قويغان بولسا، ئۇنى يەتتە قېتىم يۇيۇڭلار. ئاۋۋالقى قېتىمىنى تۇپراق بىلەن .(((»يۇيۇڭلار چۈنكى تۇپراق تەركىبىدە مىكروبلارنى ئۆلتۈرۈش كۈچىگە ئىگە ماددا بار بولغانلىقتىن، قاچىنى تۇپراق بىلەن بىر قېتىم سۈرتۈش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىتنىڭ شۆلۈكىدىن يۇققان مىكروبلار ئۆلىدۇ. سۇ بىلەن يەنە ئالتە قېتىم يۇيۇش ئارقىلىق قاچىدا مىكروبنىڭ ئەسىرى قلىمىغان بولىدۇ. پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسىدىكى ھېكمەت، تېخى ئەمدى لا تىببىي مۇتىخەسسىسلىرى تەرىپىدىن بايقالغان. ئىسلام ئالىملىرى چوشقىنىمۇ ئىتنىڭ ھۆكمىگە كىرگۈزگەن. چۈنكى چوشقا مىكروبلارنى يېتشتۈرۈشتە ئىتتىن پاسكىنىدۇر. ھەر ئىككىسىنىڭ شۆلۈكىدە مىكروپلار كۆپ ئورۇن تۇتىدۇ.
-
ئانىسىنىڭ سۈتى بىلەنلا غىزالىنىدىغان، تېخى تاماق يىگۈچى بولمىغان ئوغۇل بۇۋاقنىڭ سۈيدۈكى يۇقۇپ قالغان كىيىمنىڭ ئۈستىگە سۇ تۆكۈش بىلەن كىيىم پاك بولىدۇ. ئەمما قىز بوۋاقنىڭ سۈيدۈكى يۇقۇپ قالغان كىيىم سۇ بىلەن يۇيۇش ئارقىلىق لا پاك بولىدۇ. ئەمما ھەر ئىككىسىنىڭ چوڭ تەرىتى تېگىپ قالغان نەرسىلەر پەقەت سۇ بىلەن يۇيۇش ئارقىلىقلا پاكلىنىدۇ.
ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئوغۇل بۇۋاقنىڭ سۈيدۈكى تەككەن نەرسە ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ تۆكۈش بىلەن، قىز بۇۋاقنىڭ سۈيدۈكى تېگىپ كەتكەن .(((»نەرسە يۇيۇش بىلەن پاكىزىلىنىدۇ
