تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

بەش ۋاخ نامازنىڭ رەكئەتلىرى ۋە نامازنىڭ پەرزلىرى

بەش ۋاخ نامازنىڭ رەكئەتلىرى

بۆلۈم: “بەش ۋاخ نامازنىڭ رەكئەتلىرى”

بەش ۋاخ نامازدىكى رەكئەتلەرنىڭ بايانى تۆۋەندىكىچە:

بامدات نامىزى ئىككى رەكئەت، پىشىن نامىزى تۆت رەكئەت، ئەسىر نامىزى تۆت رەكئەت، شام نامىزى ئۈچ رەكئەت، خۇپتەن نامىزى تۆت رەكئەت، ۋىتىر نامىزى ئۈچ رەكئەتتۇر.

يوقىرىقى لار كۈندىلىك بەش ۋاخ نامازنىڭ پەرزلىرى بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇيرىغان بەش ۋاخ ناماز مۇشۇلاردۇر. بۇلارنى بارلىق شەرتلىرىگە، پەرزلىرىگە، تەرتىپلىرىگە تولۇق رىئايە قىلغان ھالدا _ ۋاجىپلىرىغا ۋە جىمى قائىدە، كامىل ئادا قىلغان كىشى ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان بەش ۋاخ نامازنى ئادا قىلغان بولىدۇ. ئەمما ئىنسان ئەقىل، ئىرادە ۋە بىلىم جەھەتتە قانچىلىك يېتىشكەن بولسىمۇ، بەرىبىر كەمچىلىكلەردىن، خاتالىقلاردىن ۋە نۇقسانلاردىن خالىي بوللىمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن ھېچكىم نامازلىرىنى ئاللاھ تائالا تەلەپ قىلغان رەۋىشتە تولۇق ئادا قىلدىم دەپ ئېيتلىمايدۇ. شۇڭا بەش ۋاخ نامازنى سۈننەتلىرى بىلەن قوشۇپ ئوقۇشقا زور ئېھتىياجلىقمىز. چۈنكى بەش ۋاخ نامازنىڭ سۈننەتلىرى پەرزدە سادىر قىلىنغان كەمچىلىكلەرنى تولۇقلايدۇ ۋە ئايرىم ساۋابقا ئېرىشتۈرىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككى مەقسەتنى كۆزلىگەنلىكتىن بەش ۋاخ نامازنىڭ سۈننەتلىرىنى ئوقۇشنى تەكىتلىك سۈننەت قىلىپ بېكىتكەن بولۇشى مۇمكىن.

نامازغا كىرگەندىن باش لاپ، قىيام، قىرائەت، رۇكۇ ۋە ئىككى_ رەكئەت سەجدىنى تاماملىغۇچىلىك بولغان ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى رەكئەت دېيىلىدۇ. يەنى ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ نامازغا باش لاپ ئۆرە تۇرۇشىمىز، بۇ ئارىدا، قۇرئاندىن ئايەتلەرنى ئوقۇشىمىز، ئاندىن رۇكۇغا ئىگىلىشمىز، ئاندىن رۇكۇدىن تۇرۇپ، ئىككى قېتىم سەجدە قىلىشىمىز ھەممىسى بولۇپ بىر رەكئەت ھېسابلىنىدۇ.

بەش ۋاخ نامازنىڭ ئوقۇلۇش تەرتىپى

بۆلۈم: “بەش ۋاخ نامازنىڭ ئوقۇلۇش تەرتىپى”

بەش ۋاخ نامازنىڭ ئوقۇلۇش تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:

بامدات نامىزى: ئاۋۋلا ئىككى رەكئەت سۈننەت، كېيىن ئىككى رەكئەت پەرز ئوقۇلىدۇ. پىشىن نامىزى: ئاۋۋلا تۆت رەكئەت سۈننەت، كېيىن تۆت رەكئەت پەرز، ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى رەكئەت سۈننەت ئوقۇلىدۇ.

ئەسىر نامىزى: ئاۋۋلا تۆت رەكئەت تەكىتسىز سۈننەت، كېيىن تۆت رەكئەت پەرز ئوقۇلىدۇ. شام نامىزى: ئاۋۋلا ئۈچ رەكئەت پەرز، كېيىن ئىككى رەكئەت سۈننەت ئوقۇلىدۇ. خۇپتەن نامىزى: ئاۋۋلا تۆت رەكئەت تەكىتسىز سۈننەت، ئاندىن تۆت رەكئەت پەرز، كېيىن ئىككى رەكئەت سۈننەت، ئەڭ ئاخىرىدا ئۈچ رەكئەت ۋىتىر نامىزى ئوقۇلىدۇ.

بەش ۋاخ نامازنىڭ سۈننەتلىرىنى ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى

بۆلۈم: “بەش ۋاخ نامازنىڭ سۈننەتلىرىنى ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى”

بەش ۋاخ نامازلارنىڭ سۈننەتلىرىنى تولۇق ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى زور، پايدىسى چوڭ، پەزىلىتى كۆپ ۋە ساۋابى ئارتۇقتۇر. بۇلارنىڭ قىسقىچە بايانى تۆۋەندىكىچە:

  1. بەش ۋاخ نامازنىڭ سۈننەتلىرىنى ئوقۇش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەمەلىي رەۋىشتە ئەگەشكەنلىكتۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاياتىدا بەش ۋاخ نامازلارنىڭ سۈننەتلىرىنى ئۆزۈرسىز ھېچ تەرك ئەتمىگەن. شۇڭا بۇ سۈننەتلەر تەكىتلىك سۈننەت دەپ تونۇلغان. دۇنيادا ھېچقانداق مۇسۇلمان بۇ سۈننەتلەرنى تولۇق ئوقۇشتىن بىھاجەت بوللىمايدۇ. چۈنكى ئۇلار پەرز نامازلىرىنى قانچىلىك تولۇق ۋە كامىل ئادا قىلالىدىم دېگەندىمۇ ھەرگىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدەك ئادا قىللىمايدۇ. بۇ سۈننەتلەردىن بىھاجەت بولۇش مۇمكىن بولىدىغان بولسا ئىدى، ئالدى بىلەن ئاۋۋالقى ۋە ئاخىرقى پۈتۈن گۇناھلىرى مەغپىرەت كىچىك بارلىق گۇناھ ۋە كەمچىلىكلەردىن پاك بولغان _ قىلىنغان، چوڭ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىھاجەت بولغان بولار ئىدى. لېكىن_ مەسۇم زات ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ سۈننەتلەرنى داۋام قىلدۇرغان.

  1. بەش ۋاخ نامازنىڭ سۈننەتلىرىنى ئوقۇش جەننەتتە قەسىرگە ئىگە بولۇشنىڭ كاپالىتىدۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى بەش ۋاخ نامازنىڭ سۈننەتلىرىگە تەشەببۇس قىلىپ مۇنداق دېگەن: «كىمكى، كۈندە ئون ئىككى رەكئەت سۈننەت ئوقۇيدىكەن، بۇلار بىلەن ئۇنىڭغا جەننەتتە بىر قەسىر بىنا .(((»قىلىنىدۇ بۇ ھەدىستىكى ئون ئىككى رەكئەت سۈننەت كۈندىلىك بەش ۋاخ نامازنىڭ تەكىتلىك سۈننەتلىرىدۇر. چۈنكى بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت، پىشىننىڭ ئالتە رەكئەت، شامنىڭ ئىككى رەكئەت ۋە خۇپتەننىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنىڭ ھەممىنى قوشقاندا ئون ئىككى رەكئەت بولىدۇ.

  1. بەش ۋاخ نامازنىڭ سۈننەتلىرىنى ئوقۇش ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلغانلىقتۇر. چۈنكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىش ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت َمَّنْ يُطِعِ لارَّسُولَ فَقَدْ أَطَاع﴿ :قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە

يەنى (كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت﴾َّالل .(((قىلغان بولىدۇ) دەيدۇ

  1. بەش ۋاخ نامازلارنىڭ سۈننەتلىرىنى ئادا قىلىش مۇسۇلماننىڭ ئەمەللىرىنىڭ زاپىسىدۇر. بۇ خۇددى بانكىدا زاپاس پۇل قويۇپ ساقلىغانغا ئوخشاشتۇر. بانكىدا پۇل قويغان ئادەم ئۇنىڭغا ھاجىتى چۈشكەندە دەرھلا ئۇنى ئېلىپ خەجلىيەلەيدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، مۇسۇلمان كىشى پەرز ئەمەللىرىنى ئادا قىلغاننىڭ سىرتىدا، ئىختىيارىي ئەمەللەرنى كۆپ قىلسا، دە، ملا – دۇنيا ۋە _ ئۇنى ئاخىرەت ئۈچۈن زاپاس ساقلىغان بولىدۇ پەرزەنتلەر ئەسقاتمايدىغان قىيامەت كۈنىدە بۇ ئەمەللىرىنىڭ پايدىسىنى چوقۇم كۆرىدۇ.

  2. بەش ۋاخ نامازنىڭ سۈننەتلىرى پەرزنى ئادا قىلىشتىكى نۇقسانلارنى تولۇقلايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلارغا دىندا ئەڭ ئاۋۋلا پەرز قىلىنغان ئىبادەت نامازدۇر. ئەڭ ئاخىرغىچە داۋاملىشىدىغان ئىبادەتمۇ نامازدۇر. قىيامەت كۈنى ئەڭ ئاۋۋلا ھېساب ئېلىنىدىغان ئەمەلمۇ نامازدۇر.

ئاللاھ ‹ بەندەمنىڭ نامىزىغا قاراڭلار› دەيدۇ. ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ نامىزى تولۇق بولغان بولسا، ئۇنىڭ پۈتۈن ئەمەللىرى تولۇق بولغان بولۇپ قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ نامىزى كەمچىل (ناقىس) بولسا، ئاللاھ ‹ قاراڭلار (بۇ بەندەمنىڭ نەپلە (پەرزدىن تاشقىرى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئوقۇغان نامىزى بارمىكەن› دەيدۇ. ئەگەر نەپلە ئىبادەتلىرى بولغان بولسا، شۇ .(((»نەپلە ئىبادەت بىلەن پەرزنىڭ نۇقسانلىرى تولۇقلىنىدۇ

  1. بەش ۋاخ نامازنىڭ سۈننەتلىرىنى ئادا قىلماسلىق پەيغەمبەر _ ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدىن ۋە ئۇنىڭ مۇھەببىتىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىك بولۇپ قېلىش قورقۇنچىسى بار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە دىندا ئۈلگە بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ بارلىق ئىش – ئىزلىرىنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭغا ھەقىقىي رەۋىشتە ئەگىشىشىمىز بىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىمىزنىڭ تەقەززاسىدۇر.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھ تائالا بىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىش وَمَا آتَكُمُ لارَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانتَهُوا﴿ .ۋە ئۇنىڭ يولىغا ئەگىشىشكە بۇيرىغان يەنى (پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار﴾وَاتَّقُوا اللََّ إِنَّ اللََّ شَدِيدُ الْعِقَاب، ئۇ چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەقىقەتەن .((()ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر

نامازنىڭ پەرزلىرى ئالتە بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىلەر:

  1. تەكبىر تەھرىمى (نامازنى باشلاش تەكبىرى)

  2. قىيام (نامازدا ئۆرە تۇرۇش)

  3. قىرائەت (نامازدا قۇرئان سۈرىلىرىدىن ئوقۇش)

  4. رۇكۇ (قولنى تىزغا قويۇپ يەرگە ئىگىلىش)

  5. سەجدە (نامازدا باشنى يەرگە قويۇش)

  6. قەئدە ئاخىر (نامازنىڭ ئاخىرىدىكى ئولتۇرۇش)

تەكبىر تەھرىمى- نامازنىڭ بىرىنچى پەرزى

بۆلۈم: “تەكبىر تەھرىمى- نامازنىڭ بىرىنچى پەرزى”

(ئاللاھۇ»هللا أكبر« ،ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغ لاش دېگەنلىك بولۇپ _ تەكبىر ئەكبەر) دېگەن جۈملىدە ئىپادىسىنى تاپىدۇ. تەكبىر تەھرىمى نامازنىڭ دەپ»هللا أكبر«بىرىنچى پەرزى بولۇپ، ئۇنىڭسىز ناماز بولمايدۇ. تەكبىرنى ئەرەب تىلى بىلەن ئېيتىش شەرت. ئۆزى يالغۇز ناماز ئوقۇماقچى بولغان ئادەمنىڭ تەكبىرنى ئۆزى ئىشىتكىچىلىك ئاۋازدا ئېيتىشى يېتەرلىكتۇر. ئەمما ئىمام بولغان كىشىنىڭ جامائەت ئىشتكىچىلىك ئۈنلۈك ئاۋازدا ئېيتىشى مۇستەھەبتۇر. تىلسىز كىشىلەردىن تەكبىر ساقىتتۇر، يەنى ئۇلارنىڭ تەكبىرسىز ئوقۇغان نامازلىرى دۇرۇس بولىدۇ.

ئوڭ قولنى سول قولنىڭ ئۈستىگە قويۇش «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازدا تۇرغىنىدا ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ نامازدا مەيلى ئىككى قولىمىزنى كىندىك ئاستىدا تۇتايلى، مەيلى كۆكسىمىزدە تۇتايلى، مۇھىم بولغىنى ئاللاھ تائالاغا ئەڭ ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرۈشتۇر. بەلكى بىزلەرگە نىسبەتەن، ئىككى قولىمىزنى كىندىكىمىز ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئەڭ ئالى ئېھتىرامنى ئىپادىلىشى مۇمكىن. شۇڭا بىزدە بىراۋغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ تۇرغاننى «قول باغ لاپ تۇردى»دەيدۇ.

ئىككى قولنى كىندىك ئاستىدا تۇتۇپ، باشنى_ قول باغ لاپ تۇرۇش ساڭگىلىتىپ تۇرۇش دېگەنلىكتۇر. مانا بۇ، نامازدا ئەڭ ئوبرازلىق ھالدا ئىپادىسىنى تاپىدۇ. سانا ئوقۇش »َسُبْحَانَكَ اَللَّهُمَّ وَبَِمْدِكَ، وَتَبَارَكَ اسُْكَ، وَتَعَالَ جَدُّكَ، وَالَ إلٰهَ غَيْرُك« يەنى «ئى رەببىمىز! بىز سېنى جىمى نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز. پۈتۈن ھەمدۇسانا ساڭا خاستۇر. نامىڭ ئۇلۇغ، شەنىڭ ئۈستۈندۇر .(((»ۋە سەندىن باشقا ھېچبىر ئى لاھ يوقتۇر

قىيام- نامازنىڭ ئىككىنچى پەرزى

بۆلۈم: “قىيام- نامازنىڭ ئىككىنچى پەرزى”

يەنى (ئاللاھنىڭ﴾وَقُومُواْ لِِّ قَانِتِني﴿ :پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ دېگەن ئەمرىگە ئاساسەن((()ھۇزۇرىدا ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار، ھەرقانداق نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇيتتى. نامازدا ئۆرە تۇرۇش كەيپىيىتى، قولنى سوزسا تىزغا يەتمەيدىغان شەكىلدە ئۆرە تۇرۇشتۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇغىن، ئەگەر ئۆرە تۇرۇشقا كۈچۈڭ يەتمىسە ئولتۇرۇپ ئوقۇغىن، ئولتۇرۇشقىمۇ كۈچۈڭ يەتمىسە دەپ تەلىم بەرگەن(((»يېتىپ ئوقۇغىن.

ئۆرە تۇرۇشقا ماجالى يوق كىشىنىڭ ناماز ئوقۇش مەسىلىسى پەرز نامازلارنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇشقا ماجالى يوق كېسەلنىڭ ئۇنى ئولتۇرۇپ ئوقۇشى جائىزدۇر. شۇنداقلا ئۇ گەرچە ئولتۇرۇپ ئوقۇسىمۇ، خۇددى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇغان نامازلىرىغا ئوخشاش تولۇق ساۋابقا ئېرىشىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ئۇلارنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا بۇيرىغان ئەمەس.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«بەندە كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغانلىق ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ قالغانلىق سەۋەبتىن ئىبادەتلەرنى بەلگىلەنگەن بويىچە تولۇق ئادا قىلالمىسىمۇ، ئۇنىڭغا تېنى ساق، (((»سەپەردە بولمىغان چاغلىرىدا قىلغان ئىبادەتلىرىنىڭ ساۋابى يېزىلىدۇ دەپ كۆرسەتكەن. «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاخىرقى كېسىلىدە نامازلارنى .(((»ئولتۇرۇپ ئوقۇغان ئىدى

قىرائەت- نامازنىڭ ئۈچىنچى پەرزى

بۆلۈم: “قىرائەت- نامازنىڭ ئۈچىنچى پەرزى”

قىرائەت يەنى نامازدا قۇرئان سۈرىلىرىدىن ئوقۇش ھەرقانداق سۈننەت، نەپلە، ۋاجىپ نامازلارنىڭ پۈتۈن رەكئەتلىرىدە، ئىككى رەكئەتلىك پەرز نامازلارنىڭ ھەممە رەكئىتىدە ۋە ئىككى رەكئەتتىن كۆپ پەرز نامازلارنىڭ ئالدىنقى ئىككى رەكئىتىدە پەرزدۇر. ناماز ئوقۇغۇچى مەيلى ئىمام بولسۇن ياكى ئۆزى يالغۇز ناماز ئوقۇسۇن يۇقىرىقى نامازلارنىڭ پۈتۈن رەكئەتلىرىدە قۇرئاندىن خالىغان سۈرە ياكى ئايەتلەرنى ئوقۇشى ئوخشاشلا پەرزدۇر.

قىرائەتنىڭ ئەڭ ئاز مىقدارى، قىسقا ئايەتلەردىن ئۈچ ئايەت ياكى ئۇزۇن ئايەتلەردىن ئۈچ ئايەتكە تەڭ كېلىدىغان بىر ئايەت ئوقۇشتۇر. بۇنىڭدىن ئاز قۇرئان ئوقۇغان كىشىنىڭ نامىزى قوبۇل بولمايدۇ. كۆپ ئوقۇشنىڭ چېكى يوقتۇر. ئەمما ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان كىشىلەردىن قىرائەت ساقىت بولىدۇ. چۈنكى .(((ئىمامنىڭ ئوقۇغىنى ئۇلار ئۈچۈن كۇپايىدۇر فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش مەسىلىسى .(((»«فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇمىغان كىشىنىڭ نامىزى دۇرۇس ئەمەس «كىمكى ناماز ئوقۇپ ئۇنىڭدا فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇمايدىكەن، ئۇنىڭ .(((»نامىزى ناقىستۇر بۇ ھەدىسلەرگە بىنائەن، نامازدا فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش پەرزدۇر.

فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇيالمايدىغان كىشىنىڭ مەسىلىسى ئىمام خەتتابىي مۇنداق دېگەن:«ئەسلىدە فاتىھە سۈرىسىنى ئوقماستىن ناماز ئادا تاپمايدۇ. ئەگەر بىراۋ فاتىھە سۈرىسىنى بىلمىسە ياكى توغرا ئوقۇيلىمىسا، قۇرئان كەرىمنىڭ باشقا سۈرىلىرىدىن بىرەر سۈرىدىن يەتتە ئايەت مىقدارىدا ئوقۇسا كۇپايە قىلىدۇ.

ئەگەر ئۇ تىلى كەلمىگەنلىك ياكى ياشىنىپ قالغانلىق ياكى ئۇنتۇغاقلىقى ،»سەۋەبى بىلەن قۇرئان كەرىمدىن ھېچ نەرسە ئۆگىنەلمىسە، «سۇبھاناللاھ .«ئەلھەمدۇ لىل لاھ» ۋە «ئاللاھۇ ئەكبەر» قاتارلىقلارنى ئوقۇسا كۇپايىدۇر چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«قۇرئاندىن قالسا ئەڭ ئەۋزەل زىكىر ‹سۇبھاناللاھ›، ‹ئەلھەمدۇ لىل لاھ›، ‹الئىلاھە ئىللەللاھۇ ئاللاھۇ ئەكبەر›دۇر». ئۇ يەنە بىر ئادەمگە ناماز ئوقۇشنى ئۆگىتىپ مۇنداق دېگەن:«قۇرئان ئوقۇيالىساڭ ئوقۇغىن. ئەگەر ئوقۇيالمىساڭ ئاللاھقا تەسبىھ، .(((»تەھلىل ۋە تەكبىر ئېيتقىن ئامىن دېيىش دېگەندە﴾ئامىين﴿ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىمام دېگىنى پەرىشتىلەرنىڭ﴾ئامىين﴿ دەڭلار. بىراۋنىڭ﴾ئامىين﴿ سىلەرمۇ دېگىنىگە ئودۇل كېلىپ لا قالسا، ئۇنىڭ ئۆتكەنكى بارلىق﴾ئامىين﴿ .(((»گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ ئىجابەت قىلغىن دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ _ ئامىين.

فاتىھەدىن كېيىنكى قىرائەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام فاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن بەزىدە ئۇزۇن سۈرىلەرنى ئوقۇيتتى، بەزىدە، خۇسۇسەن سەپەر ئۈستىدە بولغان، مېجەزى ياخشى بوللىمىغان ۋاقىت لاردا، مەسجىدتە كىچىك بالا يىغلىغاندا قىسقا سۈرىلەرنى ئوقۇيتتى. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى بامدات نامىزىدا ئەڭ قىسقا سۈرىلەرنى ئوقۇدى. نامازدىن كېيىن ساھابىلەر – يا رەسۇلۇللاھ! سىز بەك بىر_ قىسقا سۈرە ئوقۇدىڭىزغۇ؟ دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىچىك بالىنىڭ يىغىسىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئۇنىڭ ئانىسى مەسجىدتە بىز بىلەن بىرگە نامازغا تۇرغان بولسا، ئانىسى تېزرەك بالىسىغا بارسۇن دەپ .(((» دېدى_ قىسقا سۈرىلەرنى ئوقۇدۇم

رۇكۇ- نامازنىڭ تۆتىنچى پەرزى

بۆلۈم: “رۇكۇ- نامازنىڭ تۆتىنچى پەرزى”

،»«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىرائەتتىن پارىغ بولغىنىدا، بىر ئاز تۇراتتى «ئاندىن ئىككى قولىنى خۇددى نامازغا باش لاش تەكبىرىدىكىدەك .(((»كۆتۈرەتتى»، «تەكبىر ئېيتاتتى»، «رۇكۇغا باراتتى باش بىلەن دۈمبىنى قول لار تىزلارغا ئازادە يەتكىچىلىك ئىگىش_ رۇكۇ دېگەنلىك بولۇپ، رۇكۇدا بويۇن بىلەن دۈمبە تەكىشى ھالدا باراۋەر بولۇشى شەرتتۇر. رۇكۇدا باشنى كۆتۈرىۋېلىش ياكى ساڭگىلىتىۋېلىشقا بولمايدۇ، ئىككى قولنىڭ بارماقلىرى ئېچىلغان ھالدا تىزلارنى تۇتۇپ تۇرىدۇ. رۇكۇدا ئەرلەر جەينەكلىرىنى قۇرسىقىغا تەككۈزمەيدۇ. ئەمما ئاياللار جەينەكلىرىنى .(((قۇرسىقىغا چاپ لاپ تۇرىدۇ «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رۇكۇ قىلغىنىدا ئىككى ئالىقىنىنى ئىككى ،»تىزىنىڭ ئۈستىگە قوياتتى»، «باشقىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇيتتى «ئىككى قولىنى ئىككى تىزىنىڭ ئۈستىگە قويغىنىدا، خۇددى ئىككى .(((»تىزىنى قاملا لاپ تۇتقاندەك تۇراتتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازنى نۇقسانلىق بىلەن ئوقۇغان بىرىگە تەلىم بېرىپ:«رۇكۇ قىلغىنىڭدا، ئىككى ئالىقىنىڭنى ئىككى تىزىڭنىڭ ئۈستىگە قويغىن، ئاندىن بارماقلىرىڭنىڭ ئارىسىنى ئاچقىن، ئاندىن ھەربىر ئورگان دېگەن(((»ئۆز ئورنىغا چۈشۈپ بولغانغا قەدەر تۇرغىن.

ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى، «سەھىھ» ھەدىس.

((( ئالدىنقى ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان، قالغانلىرىنى بۇخارى ۋە مۇسلىم ((( رىۋايەت قىلغان. بەت- 193 توم-1 فتح القدير (((. بىرىنچىسى بىلەن تۆتىنچىسىنى بۇخارى ۋە ئەبۇداۋۇد، ئۈچىنچىسىنى بۇخارى ۋە مۇسلىم ((( رىۋايەت قىلغان. ئالدىنقىسىنى ھاكىم رىۋايەت قىلغان، ئەبۇداۋۇد «سەھىھ» ھەدىسلەر توپلىمىدا قەيت قىلغان، ((( «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رۇكۇدا تۇرغىنىدا، بىلەكلىرىنى يان تەرەپلىرىدىن يىراق تۇتاتتى»، «رۇكۇدا دۈمبىسىنى تۈپتۈز تۇتاتتى»، «ھەتتا دۈمبىسىگە .(((»سۇ تۆكسىمۇ ئورنىدىلا تۇرۇپ قالغۇدەك تۈز تۇتاتتى ،«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رۇكۇدا بېشىنى دۈمبىسىدىن تۆۋەنمۇ ئەمەس .(((»يۇقىرىمۇ ئەمەس»، «بەلكى ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا تۇتاتتى رۇكۇ بىلەن سەجدىنى تەمكىنلىك بىلەن قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رۇكۇ بىلەن سەجدىنى تەمكىنلىك بىلەن قىلىشنىڭ پەرزلىكى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «رۇكۇ بىلەن سەجدىلەرنى تولۇق ئادا قىلىڭلار، جېنىم ئىلكىدە بولغان زاتنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەرنىڭ مېنىڭ كەينىمدە تۇرۇپ رۇكۇ ۋە سەجدە قىلغىنىڭلارنى .(((»كۆرۈپ تۇرىمەن بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرىدىن بىرى بولۇپ، نامازغى لا خاستۇر. ئۇنىڭ ناماز سىرتىدا ئارقىسىدىكىلەرنى كۆرەلەيدىغانلىقى توغرۇلۇق .(((دەلىل يوق «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازدا تۇرۇپ بىر ئادەمنىڭ رۇكۇنى تولۇق ئادا قىلمىغان، سەجدىلەرنى خۇددى توخۇ دان چوقۇغاندەك قىلغانلىقىنى كۆرۈپ «بۇ ئادەم ئەگەر مۇشۇ ھالىتى بىلەن ئۆلسە مۇھەممەدنىڭ ئۇممىتى بولمىغان ھالەتتە ئۆلىدۇ. رۇكۇنى تولۇق ئادا قىلمايدىغان، سەجدىلەرنى توخۇ دان چوقۇغاندەك قىلىدىغان كىشى بىر ياكى ئىككى تلا خورمىنى »ئالدىراپ يېيىش بىلەن ئاچلىقىنى قاندۇرلىمىغان كىشىگە ئوخشاشتۇر .(((دېگەن كېيىنكىسىنى ئىبنى خۇزەيمە ۋە ئىبنى ھىببانلار «سەھىھ» ھەدىسلەر توپلاملىرىدا قەيت قىلغان. ئالدىنقىسىنى تىرمىزى رىۋايەت قىلغان ۋە ئىبنى خۇزەيمە «سەھىھ» دېگەن، كېيىنكىسىنى ((( بۇخارى ۋە بەيھەقىي، ئاخىرقىسىنى تەبەرانىي ۋە ئىبنى ماجەلەر رىۋايەت قىلغان.

ئالدىنقىسىنى بۇخارى ۋە ئەبۇ داۋۇد، كېيىنكىسىنى مۇسلىم ۋە ئەبۇ ئەۋانە رىۋايەت قىلغان.

((( بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى. ((( ئەللامە ئەلبانىي. ((( بەيھەقى، تەبەرانىي رىۋايەت قىلغان، ئىبنى خۇزەيمە «سەھىھ»دېگەن ھەدىس.

((( رۇكۇدا ئوقۇلىدىغان دۇئا ۋە زىكىرلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رۇكۇدا تۆۋەندىكى ھەر تۈرلۈك دۇئا ۋە زىكىرلەردىن ھەر قېتىمدا خالىغانلىرىنى ئېيتاتتى:

.((( - ئۈچ قېتىم﴾ُسُبْحَانَ رَبَِّ الْعَظِيْم﴿ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزىدە ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق ئېيتاتتى.

رۇكۇ قىلىش مىقدارى ،«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رۇكۇ قىلىشى، رۇكۇدىن كېيىنكى تۇرۇشى بىرىگە _ سەجدىلىرى ۋە ئىككى سەجدە ئارىلىقىدا ئولتۇرۇشى ئۇزۇنلۇقتا بىر .(((»ئاساسەن ئوخشاپ كېتەتتى رۇكۇدىن تۇرۇش ُسَِعَ هللا﴿ :«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇمۇرتقىسىنى رۇكۇدىن كۆتۈرگەن ھالدا يەنى «ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەمدۇسانا ئېيتقاننى ئاڭلىغۇچىدۇر»دەيتتى﴾ُلِمَنْ حَِدَه.

نامازنى ناقىس ئوقۇغان بىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ مۇنداق دېگەن:

َسَِع﴿ «تەكبىر ئېيتىپ ئاندىن رۇكۇ قىلمىغىچە ۋە رۇكۇدىن تۈزلەنگىچىلىك .(((» دېمىگىچە ھېچكىمنىڭ نامىزى تولۇق بولمايدۇ﴾ُهللاُ لِمَنْ حَِدَه «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگىنىدە ھەربىر ئورگان .(((»ئۆز جايىغا بېرىپ بولغانغا قەدەر ئۆرە تۈپتۈز تۇراتتى ئۇ مۇنداق دەيتتى: «ئىمام ئۇنىڭغا ئىقتىدا قىلىش ئۈچۈن تۇرىدۇ. ئىمام:

دەڭلار. ھەقىقەتەن﴾ُربَّنَا وَلَكَ الَْمْد﴿ : دېگەندە، سىلەر﴾ُسَِعَ هللاُ لِمَنْ حَِدَه﴿ كىمنىڭ سۆزى پەرىشتىلەرنىڭ سۆزىگە ئۇدۇل كېلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۆتكەن .(((»بارلىق گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رۇكۇدىن تۇرۇشتا تەكبىر ئېيتقىنىدا، ئىككى .(((»قولىنى خۇددى نامازغا كىرىش تەكبىرىدە كۆتۈرگەن شەكىلدە كۆتۈرەتتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رۇكۇدىن ئۆرە بولۇپ تۇرۇپ تۆۋەندىكىلەردىن بەزىدە ئۇنى، بەزىدە بۇنى (خالىغانلىرىنى) ئېيتاتتى:

.((( يەنى «رەببىم! ساڭا كۆپلەپ ھەمدۇسانا ئېيتىمەن»دەيتتى﴾ُربَّنَا وَلَكَ الَْمْد﴿

سەجدە- نامازنىڭ بەشىنچى پەرزى

بۆلۈم: “سەجدە- نامازنىڭ بەشىنچى پەرزى”

پىشانىنى يەرگە قويۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالا ئالدىدىكى_ سەجدە خارلىقىنى، ئاجىزلىقىنى ۋە كەمتەرلىكىنى ئىزھار قىلىش دېگەنلىكتۇر. پۈتۈن فىقھىشۇناس ئالىملار سەجدىنىڭ يەتتە ئەزانى يەرگە تەكشى قويۇش بىلەن تولۇق ئادا تاپىدىغانلىقىغا ئىتتىپاقتۇر. بۇ ئەزالار: پىشانە، بۇرۇن، ئىككى قول، ئىككى تىز ۋە ئىككى پۇتتىن ئىبارەت. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسى بىلەن سابىت بولغان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق ِ على اجلَبهةِ وأشارَ بيدهِ على أنفهِ واليَدَينِ ولارُّكبتَين:ٍ أُمِرْتُ أن أسجُدَ على سَبعةِ أَعظُم«:دىگەن يەنى «مەن يەتتە چوڭ ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇم»ِوأطرافِ القَدَمَني.

،(قولى بىلەن ئىشارەت قىلىپ دەيدۇ) ئۇلار: پىشانە، بۇرۇن، ئىككى قول .(((»ئىككى تىز ۋە ئىككى پۇتتۇر ئىككى سەجدە ئارىلىقىدىكى ئولتۇرۇشتا، ئەرلەر سول پۇتىنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرىدۇ ۋە ئوڭ پۇتىنى تىكلەپ ئىككى پۇتىنىڭ بارماقلىرىنى قىبلىگە قارىتىدۇ، بارماقلارنىڭ ئاستىنى يەرگە بېسىپ ئولتۇرىدۇ. ئەمما ئاياللار ئىككى پۇتىنى ئوڭ تەرەپكە ياتقۇزۇپ، پاقالچىقىنى بېسىپ ئولتۇرىدۇ.

.(((ئىككى سەجدە ئارىلىقىدا ئالدىرىماي ئولتۇرۇش ۋاجىپتۇر سەجدىنىڭ كەيپىيىتى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەجدىگە بېرىشتا تەكبىر ئېيتاتتى» ۋە باشقىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيتتى: «رۇكۇدىن تۇرۇشتا هللا﴿ دېمىگىچە، ئاندىن ئۆرە تۈپتۈز تۇرمىغىچە، ئاندىن﴾ُسَِعَ هللاُ لِمَنْ حَِدَه﴿ دەپ تەكبىر ئېيتىپ سەجدىگە بارمىغىچە ۋە سەجدىدە بوغۇملىرى﴾ْأَكْبَر ئورنىغا چۈشۈپ ئارام ئالغىچىلىك ئالدىرىماي تۇرمىغىچە ھېچكىمنىڭ نامىزى .(((»تولۇق بولمايدۇ سەجدىنى ئالدىرىماي قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى تولۇق ئادا قىلىشقا بۇيرۇيتتى. ھەتتا بۇ ئىككىسىنى تولۇق ئادا قىلمىغۇچىلارنى ئاچلىقتىن بىر ياكى ئىككى خورمىنى ئالدىراپ يېگەن بولسىمۇ ئاچلىقى قامدلىمىغان كىشىگە ئوخشاتقان ۋە مۇنداق دېگەن: «ئوغرىلارنىڭ ئەڭ يامىنى ئۆزىنىڭ نامىزىنى (رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى تولۇق ئادا قىلماسلىق بىلەن)ئوغرىلايدىغان .(((»كىشىدۇر ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ رۇكۇ ۋە سەجدىلەردە ئۇمۇرتقىسىنى تۈز .(((»تۇتلىمىغان كىشىنىڭ نامىزىغا نەزەر سلىمايدۇ سەجدىدە ئوقولىدىغان تەسبىھلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەجدە قىلغىنىدا، تۆۋەندىكى كۆپلىگەن ھەرتۈلۈك دۇئا ۋە زىكىرلەردىن تاللاپ بەزىدە ئۇنى، بەزىدە بۇنى ئوقۇيتتى:

.((( - ئۈچ قېتىم»ٰسُبْحَانَ رَبَِّ اْألَعْلَى« نى ئۈچ قېتىمدىن»ٰسُبْحَانَ رَبَِّ اْألَعْلَى« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «بەزىدە كۆپرەك ئېيتاتتى» (بۇھەدىسلەردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رۇكۇ .)بىلەن سەجدىلەرنىڭ مىقدارىنى ئوخشاش قىلىدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ .((( - ئۈچ قېتىم»ِسُبْحَانَ رَبَِّ اْألَعْلَىٰ وَبَِمْدِه« .(((»ِسُبُّوحٌ قُدُّوسٌ رَبُّ الْمَالاَئِكَةِ وَلارُّوح« »ئالدىنقىسى بۇخارى ۋە مۇسلىم، كېيىنكىسى ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان ۋە ھاكىم «سەھى ((( دېگەن ھەدىس. تەبەرانى ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان، ھاكىم «سەھىھ» دېگەن ھەدىس.

((( ئەھمەد، تەبەرانىي رىۋايىتى. ((( ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە، ئىبنى خۇزەيمە رىۋايىتى.

((( ئەھمەد، تەبەراني، ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.

((( مۇسلىم رىۋايىتى. ((( سەجدىدە قۇرئان ئوقۇماسلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رۇكۇ ۋە سەجدىلەردە قۇرئان ئوقۇشنى مەنئى قىلاتتى. بۇ ئىككىسىدە دۇئانى كۆپ قىلىشقا بۇيرۇيتتى ۋە مۇنداق دەيتتى:

«بەندىنىڭ ئاللاھقا ئەڭ يېقىن بولىدىغان ۋاقتى دەل ئۇنىڭ سەجدە .(((»قىلىۋاتقان ۋاقتىدۇر. سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىڭلار سەجدىنى ئۇزۇن قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەجدىنى ئۇزۇن قىلىشتا رۇكۇغا يېتىشىپ قالاتتى. بەلكى بەزىدە بەزىبىر سەۋەپلەر تۈپەيلى سەجدىنى رۇكۇدىنمۇ ئۇزۇنراق قىلاتتى. ئابدۇللاھ ئىبنى شەدداد ئاتىسىدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەۋرىلىرىدىن ئىمام ھەسەن ياكى ئىمام ھۇسەين (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغاي)نى كۆتۈرگىنىچە بىزگە پىشىن ياكى ئەسىر نامىزىنى ئوقۇپ بېرىشكە چىقىپ، مىھرابقا ئۆتتى، ئۇنى ئوڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. ئاندىن تەكبىر ئېيتىپ نامازغا باشلىدى. سەجدىنى شۇنداق ئۇزۇن قىلدىكى، بېشىمنى كۆتۈرۈپ قاراپ سالدىم ۋە ھېلىقى كىچىك بالىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۈمبىسىگە مىنىپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئاندىن ھامان سەجدىگە قايتتىم.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ساھابىلەر «يا رەسۇلۇللاھ! سەجدىلەرنىڭ بىرىنى بەكمۇ ئۇزۇن قىلدىڭىزكى، بىز بىرەر ئىش يۈزبەرگەنمىدۇ ياكى ۋەھى كەلگەنمىدۇ، دەپ قالدۇق» دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ «سىلەر گۇمان قىلغانلارنىڭ ھېچقايسىسى يۈزبەرمىدى. ئەمما بالام ئۈستۈمگە مىنىۋالغانىدى، ئۇنىڭ .(((»ئويۇنى تۈگىمەستىن تۇرۇپ كېتىشنى ياقتۇرمىدىم»دېدى بۇ ھەدىس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەزىدە سەجدىنى شۇنچىلىك – ئۇزۇن قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەندەك، ئۇ زاتنىڭ ئىنتايىن مېھرى شەپقەتلىك، خۇسۇسەن كىچىك بالىلارغا بەكمۇ مېھرىبان ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. كۆپىنچە دىندارلارنىڭ قوپاللىقى ۋە رەھىمسىزلىكىگە ھەيرانمەن.

ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىغا ئەگەشمەستىن، ئۇنىڭ ئىبادەتلىرىگى لا ئەگىشىشكە بۇيرۇلغانمۇ؟ ياق! گۈزەل ئەخ لاق ئىماننىڭ ئالامىتى ۋە ئەمەل – ئىبادەتلەرنىڭ جەۋھىرىدۇر.

سەجدىدىن تۇرۇش «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېشىنى سەجدىدىن تەكبىر ئېيتقان ھالدا كۆتۈرەتتى» ۋە باشقىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن:

«سەجدىنى بوغۇملىرى ئۆز ئورنىغا تولۇق كېلىپ ئارام تاپقىچىلىك ئالدىرىماي قىلمىغىچە، ئاندىن تەكبىر ئېيتىپ، سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ تولۇق .(((»ئورنىشىپ ئولتۇرمىغىچە ھېچكىمنىڭ نامىزى تولۇق بولمايدۇ «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەجدىدىن تۇرۇشتا بەزىدە تەكبىر بىلەن .(((»بىرگە ئىككى قولىنى كۆتۈرەتتى ،»ئاندىن «سول پۇتىنىڭ ئۈستىگە ئولتۇراتتى ۋە ئوڭ پۇتىنى تىكلەيتتى .(((»«ئوڭ پۇتىنىڭ بارماقلىرىنى قىبلىگە قارىتاتتى ئىككى سەجدە ئارىسىدىكى ئولتۇرۇش «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى سەجدە ئارىسىدىكى ئولتۇرۇشتا ھەربىر سۆڭەك ئۆز ئورنىغا تولۇق چۈشۈپ بولغىنىدىن خاتىرجەم بولغىچىلىك ئولتۇراتتى» ۋە باشقىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيتتى:

.(((»«شۇنداق قىلمىغىچە ھېچبىرىڭلارنىڭ نامىزى تولۇقلانمايدۇ ئىككى سەجدە ئارىلىقىدا زىكىر ئېيتىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى سەجدە ئارىسىدىكى ئولتۇرۇشتا تۆۋەندىكى زىكىرلەرنى ئېيتاتتى: يەنى «ئى رەببىم! گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن» ِرَبِّ اِغْفِرْلِ ، رَبِّ اِغْفِرْل«، .(((»ئى رەببىم! گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن يەنى «ئى ئاللاھ» َاَللَّهُمَّ اغْفِرْلِ وَارْحَْنيِ وَاهْدِنِ وَاجبُرْنِ وعاَفِنيِ وَارْزُقنيِ وَارْفَعْني«!

گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھىم قىلغىن، مېنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلغىن، مېنى ياخشى ئىشلارغا مۇيەسسەر قىلغىن، ماڭا ساقلىق .(((»ۋە كەڭ رىزىق ئاتا قىلغىن، مەرتىۋەمنى يۇقىرى قىلغىن ئىككىنچى سەجدىگە بېرىش .(((»«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەكبىر ئېيتىپ ئىككىنچى سەجدىگە باراتتى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەكبىر بىلەن بىرگە بەزىدە ئىككى قولىنى .(((»كۆتۈرەتتى ئاندىن «سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرەتتى ۋە تەكبىر ئېيتاتتى»، «بەزىدە .(((»ئىككى قولىنى كۆتۈرەتتى سەجدىدىن رەكئەتكە تۇرۇش «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەرگە تايانغان ھالدا ئىككىنچى رەكئەتكە .(((»تۇراتتى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككىنچى رەكئەتكە تۇرۇشتا ئىككى قولىغا .(((»تايىنىپ تۇراتتى بىرىنچى تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى رەكئەتتىن كۆپ نامازلاردىكى ئىككىنچى رەكئەتتىن كېيىنكى ئولتۇرۇشتا خۇددى ئىككى سەجدە ئارىلىقىدىكى .(((»ئولتۇرۇشقا ئوخشاش «سول پۇتىنىڭ ئۈستىگە ئولتۇراتتى ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى. ((( بۇخارى، مۇسلىم ۋە باشقىلار رىۋايىتى.

((( بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى. ((( ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەبۇ ئەۋانە رىۋايەت قىلغان «سەھىھ» ھەدىس.

((( ئالدىنقىسى ئەبۇ داۋۇد بىلەن ھاكىم، كېيىنكىسى ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەبۇ ئەۋانە رىۋايەت قىلغان ((( .«سەھىھ» ھەدىسلەر بۇخارى ۋە شافىئىي رىۋايىتى. ((( ئەبۇ ئىسھاق، بەيھەقىي رىۋايەت قىلغان «سەھىھ» ھەدىس.

((( نەسائىي رىۋايەت قىلغان «سەھىھ» ھەدىس.

((( ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام .(((»مېنى ئىتنىڭ ئولتۇرغىنىدەك ئولتۇرۇشتىن مەنئى قىلغان ئىدى ئەبۇ ئۇبەيدە ۋە باشقىلار «ئىتنىڭ ئولتۇرغىنىدەك ئولتۇرۇش»نى ئەرنىڭ_ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «ئىتنىڭ ئولتۇرغىنىدەك ئولتۇرۇش ساغرىسىنى يەرگە چاپ لاپ، ئىككى پۇتىنى تىكلەپ ۋە ئىككى قولىنى يەرگە »قويۇپ ئولتۇرۇشىدۇر («پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەشەھھۇدتا («ئەتتەھىياتۇ»نى ئوقۇشقا ئولتۇرغىنىدا، ئوڭ ئالىقىنىنى ئوڭ تىزىنىڭ ئۈستىگە، سول ئالىقىنىنى سول .(((»تىزىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، بارماقلىرىنى يېيىپ ئولتۇراتتى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئادەمنىڭ نامازدا سول قولىغا تايىنىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ، ئۇنى مۇنداق ئولتۇرۇشتىن مەنئى قىلغان ۋە «ئۇ .(((يەھۇدىيلارنىڭ ئولتۇرۇشىدۇر»دېگەن تەشەھھۇد ئوقۇش «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر قانداق نامازنىڭ ئىككىنچى رەكئىتىدىن .(((»كېيىن تەشەھھۇد(ئەتتەھىياتۇ) ئوقۇيتتى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككىنچى رەكئەتتىن كېيىن تەشەھھۇد .(((»ئوقۇشنى ئۇنۇتسا، نامازنىڭ ئاخىرىدا سەجدە سەھۋى قىلاتتى تەشەھھۇد ئوقۇغاندا كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى مىدىرلىتىش مەسىلىسى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەشەھھۇدتا ئولتۇرغىنىدا، سول قولىنىڭ ئالىقىنىنى يايغان ھالدا، سول تىزىنىڭ ئۈستىگە قوياتتى، ئوڭ قولىنىڭ بارماقلىرىنى ئاچمايتتى، كۆرسەتكۈچ (بىگىز)بارمىقى بىلەن قىبلىگە ئىشارەت .(((»قىلاتتى ۋە كۆزىنى ئۇنىڭغا تىكەتتى «كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن قىبلىگە ئىشارەت قىلغىنىدا، باش بارمىقىنى .(((»ئوتتۇرا بارمىقىنىڭ ئۈستىگە قوياتتى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئىككى تەشەھھۇدنىڭ ھەممىسىدە .(((»قىلاتتى

قەئدە ئاخىر- نامازنىڭ ئالتىنچى پەرزى

بۆلۈم: “قەئدە ئاخىر- نامازنىڭ ئالتىنچى پەرزى”

قەئدە ئاخىر ( نامازنىڭ ئاخىرىدىكى ئولتۇرۇش)دا خۇددى ئىككى سەجدە ئارىلىقىدا ئولتۇرغاندەك ئولتۇرىلىدۇ. نامازنىڭ ئاخىرىدىكى ئولتۇرۇشنىڭ پەرز بولغان مىقدارى تەشەھھۇدنىڭ مىقدارىدۇر (يەنى ئەتتەھىياتۇنى ئوقۇپ بولغىچىلىك ۋاقىتتۇر). ئۇنىڭدىن ئارتۇقى سۈننەتتۇر. ئەمما «ئەتتەھىياتۇ»نى ئوقۇش ۋاجىپتۇر. تەھىيات دۇئاسىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىنلا، قايسىبىر سەۋەب بىلەن نامازدىن چىقىشقا بولىدۇ. ئابدۇل لاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئىمام سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ، (تەشەھھۇد مىقدارى (تەھىيات دۇئاسىنى ئوقۇپ بولغىچىلىك ۋاقىت ئولتۇرغاندىن كېيىن، جامائەت سۆزلىسىمۇ ياكى بىر نەرسە يېسىمۇ ئۇنىڭ .(((نامىزى تامام بولغان بولىدۇ» دېگەن سۆزىنى رىۋايەت قىلغان شۇنداقلا، جامائەت تەشەھھۇد مىقدارى ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، .(((ئىمامدىن بۇرۇن نامازدىن چىقسىمۇ ئۇلارنىڭ نامىزى تاماملانغان بولىدۇ تەشەھھۇد دېگەن نېمە؟ نامازدا تەھىيات دۇئاسىنى ئوقۇش دېگەنلىكتۇر. تەھىيات_ تەشەھھۇد (ئەتتەھىياتۇ) دۇئاسى ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقلىقىنى جاكارلىغان شاھادەت كەلىمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن .«تەشەھھۇد» (گۇۋاھلىق بېرىش) دەپ ئاتالغان تەشەھھۇدنىڭ تېكستى تەشەھھۇد ئوقۇش نامازنىڭ ۋاجىپلىرىدىن سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىغا ھەرتۈرلۈك تەشەھھۇدلارنى ئۆگەتكەن بولۇپ، ئەڭ ئۈلگىلىك تەشەھھۇد ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئۆگەتكەن تەشەھھۇدتۇر. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ قولۇمنى ئىككى ئالىقىنىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ تۇرۇپ ماڭا مۇنۇ تەشەھھۇدنى خۇددى قۇرئان سۈرىلىرىنى ئۆگەتكەندەك ئۆگەتكەن ئىدى:

ِ السَّالاَمُ عَلَيْكَ أَيُّها النَّبِ ُّ وَرَحَْةُ هللاِ وَبرَكَاتهُ، السَّلَ مَ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَاد:ُاَلتَّحِيّاتُ لِِّ وَالصَلَوَاتُ والطيِّبات« يەنى «جىمى مەدھىيەلەر»ُهللاِ الصَالِِيَ ، أَشْهَدُ أنْ الَ إلٰهَ إلاّ هللاُ، وأشهَدُ أَنَّ مَُمَّداً عَبْدُهُ وَرَسُولُه، بەش ۋاخ ناماز ۋە باشقا جىسمانىي ئىبادەتلەر، ياخشى ئەمەللەر ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى سىزگە بولسۇن ئى ئۇلۇغ پەيغەمبەر! بىز(نامازغا ھازىر بولغان بارلىق جامائەت ۋە پەرىشتىلەر)گە ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگە ئاللاھنىڭ ئافىيىتى ۋە ئامانلىقى بولغاي.

ئاللاھتىن باشقا ئى لاھ يوقلىقىغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە بەرھەق پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە چىن قەلبىمدىن گۇۋاھلىق .(((»بېرىمەن «ئەتتەھىياتۇ» دىن كيىن دۇرۇد ئوقۇش نامازنىڭ ئاخىرىدىكى ئولتۇرۇشتا «ئەتتەھىياتۇ»نى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى .(((چوڭدۇر. بۇ ھەنەفىي ۋە مالىكىي مەزھەپلىرىگە كۆرە، سۈننەتتۇر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئادەمنىڭ نامازدا ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتماستىنلا دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قېلىپ: «بۇ كىشى ئالدىراپ كەتتى»دېگەن، ئاندىن ئۇنىڭغا ۋە باشقىلارغا خىتاب قىلىپ: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىدا، ئالدى بىلەن ئاللاھقا ھەمدۇسانا، پەيغەمبەرگە دۇرۇد ئېيتسۇن، ئاندىن خالىغان .(((»دۇئاسىنى قىلسۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ئادەمنىڭ نامازدا ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتقانلىقىنى ئاڭلاپ قېلىپ:

.(((«دۇئا قىلغىن ئىجابەت بولىدۇ، سورىغىن ئېرىشىسەن» دېگەن دۇئا قىلغاندا، ئالدى بىلەن ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىشنىڭ زۆرۈرلىكى نامازدىكى دۇئالارغى لا خاس ئەمەس، بەلكى قانداق لا بىر ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئالارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دۇئادىن ئاۋۋلا تۆت نەرسىدىن پاناھ تىلەش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيتتى: «سىلەر نامازنىڭ ئاخىرىدىكى ئولتۇرۇشتا تەشەھھۇدنى ئوقۇپ بولغىنىڭلاردىن كېيىن، ئاللاھقا سىغىنىپ ِ ، ْاَللَّهُمَّ إنّ أعُوذُ بِكَ مِنْ عَذَابِ جَهَنَّمِ وَمِنْ عَذَابِ الْقَب« :مۇنۇ تۆت نەرسىدىن پاناھ تىلەڭلار يەنى «ئى ئاللاھ! ساڭا سىغىنىپ» ِ وَمِنْ شَرِّ فِتْنَةِ الْمَسِيْحِ الدَّجَّال ِ وَمِنْ فِتْنَةِ الْمَحْيَا وَالْمَمَات، دوزاخ ئازابىدىن، قەبرى ئازابىدىن، ھايات ۋە ماماتلىقنىڭ پىتنىسىدىن، دەججالنىڭ پىتنىسىنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن.«ئاندىن ئۆزۈڭلار .(((»ئۈچۈن خالىغان دۇئالىرىڭلارنى قىلىڭلار سالام بېرىشتىن بۇرۇن دۇئا قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازدا كۆپلىگەن ھەرخىل دۇئالاردىن گاھ ئۇنى، گاھ بۇنى ئوقۇيتتى ۋە «ناماز ئوقۇغۇچىنى بۇ دۇئالاردىن خالىغانلىرىنى .(((»ئوقۇشقا بۇيرۇيتتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سالام بېرىشتىن ئاۋۋلا ئوقۇغان دۇئالار تۆۋەندىكىلەر:

اَللَّهُمَّ إنّ أعُوذُ بِكَ مِنْ عَذَابِ الْقَبِْ وَأَعُوذُ بِكَ مِنْ فِتْنَةِ الْمَسِيْحِ الدَّجَّالِ ، وَأَعُوذُ بِكَ مِنْ فِتْنَةِ الْمَحْيَا« يەنى «ئى ئاللاھ! ساڭا سىغىنىپ»ِوَفِتْنَةِ الْمَمَاتِ ، اَللَّهُمَّ إنّ أعُوذُ بِكَ مِنَ الْمأْثَِ وَالْمَغْرَم قەبرى ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن، دەججالنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەيمەن، ساڭا سىغىنىپ ھايات ۋە ماماتلىقنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەيمەن. ئى ئاللاھ!

.(((»ساڭا سىغىنىپ گۇناھكار بولۇشتىن ۋە قەرزدارلىقتىن پاناھ تىلەيمەن

دەپ سالام»ِاَلسَّلاَمُ عَلَيْكُمْ وَرَحَْةُ هللا« «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوڭ تەرىپىگە بەرگىنىدە، ئۇنىڭ يۈزىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئاقلىقنى كۆرگىلى بولاتتى، ئۇ دەپ سالام بەرگىنىدە، ئۇنىڭ يۈزىنىڭ»ِاَلسَّلاَمُ عَلَيْكُمْ وَرَحَْةُ هللا« سول تەرىپىگە . «بەزىدە بىرىنچى(((»سول تەرىپىدىكى ئاقلىقنى كۆرگىلى بولاتتى .(((»نى قوشۇپ ئېيتاتتى»ُوَبَرَكاَتُه«سالامدا نامازدىن ئىككى تەرەپكە سالام بېرىش بىلەن چىقىش ھەنەفىي مەزھىپىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيتتى: «نامازنىڭ ئاچقۇچى(((ۋاجىپتۇر.

.(((»تاھارەت، بېشى تەكبىر ۋە ئاخىرى سالامدۇر


مەنبەلەر ۋە ئىزاھاتلار

بۆلۈم: “مەنبەلەر ۋە ئىزاھاتلار”
يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.