تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

سۈترە، تىلاۋەت سەجدىسى، قازا ۋە ئۇلاغلاردا ناماز

سۈترە ۋە ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈش مەسىلسى

بۆلۈم: “سۈترە ۋە ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈش مەسىلسى”

ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈچىلەرگە قارشى توساق _ سۈترە سانتمېتىر) ئېگىزلىكتە47( دېگەنلىكتۇر. سۈترە ئەڭ كەم دېگەندە بىر گەز بولۇشى شەرت. ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدىن ئادەم ئۆتۈش ئېھتىمالى بولغان يەرلەردە دەرەخنىڭ، مومىنىڭ ئارقىسىدا ئوقۇش ياكى ئالدىغا خادا تىكلەش ياكى ئورۇندۇق قۇيۇش لازىم. ئەگەر يەر قاتتىق بولۇپ خادىنى قاداش مۇمكىن بولمىسا، خادىنى ياتقۇزۇپ قويۇش، تىكلىگىدەك خادا تېپىلمىسا ئالدىغا بىر سىزىق سىزىپ قويۇش كېرەك. بۇنىڭدىن مەقسەت نامازنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈچىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ سۈترەنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى نەرسىلەرگە قاراپ كۆڭلىنى بۆلىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىدى.

جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇغاندا، پەقەت ئىمامنىڭ ئالدىغىلا سۈترە قاداش يېتەرلىكتۇر. ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈلمەيدۇ. ئۆتۈلگەن تەقدىردە ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ نامىزىغا زىيان بولمايدۇ. قەستەن ئۆتكۈچىلەر گۇناھكار بولىدۇ. ئۆتكۈچىلەرنى توسۇش ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ قىرائەتنى ئاۋازلىقراق ئوقۇشى، ئاياللار بولسا، ئوڭ قۇلى بىلەن سول قولىغا ئۇرۇشى جائىز .(((كۆرۈلگەن

قىرائەت خاتالىقلىرى

بۆلۈم: “قىرائەت خاتالىقلىرى”

نامازدا ئوقۇلىدىغان سۈرىلەر مەنىسى ئۆزگىرىپ كەتكىدەك دەرىجىدە خاتا ئوقۇلسا ناماز بۇزۇلىدۇ. ئەمما ئىككى ھەرپ ئارىسىدا مەخرەج بىرلىكى ۋە يېقىنلىق بولمىسىمۇ، ئاۋام ئۈچۈن بۇلارنى بىر بىرىدىن ئايرىش قىيىن بولسا، بىرىنىڭ ئورنىغا يەنە بىرىنى ئوقۇپ سېلىش بىلەن ناماز بۇزۇلمايدۇ.

دەپ﴾ۋەلەدداللىين﴿ ياكى﴾ۋەلەززاللىين﴿ نى﴾َْوَالَ الضَّالِين﴿ :مەسىلەن ئوقۇغانغا ئوخشاش ياكى ھەرپلەرنىڭ تەلەپپۇزىنى ئالماشتۇرۇپ قويۇپ، دەپ ئوقۇپ سالغانغا ئوخشاش﴾﴿ز ھەرپىنى﴾﴿ظ ، دەپ﴾﴿ذ ھەرپىنى﴾ض﴿.

بۇنداق ئۆزۈرلەر يېزىش ۋە ئوقۇشنى بىلمەيدىغان ئاۋام خەلقتىن لا قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەمما ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئۆگىنىپ توغرىسىنى ئوقۇشى لازىم.

تىلاۋەت سەجدىسىنىڭ بايانى

بۆلۈم: “تىلاۋەت سەجدىسىنىڭ بايانى”

سەجدە ئايىتىنى ئوقۇغان ياكى ئاڭلىغان ياكى _ تىلاۋەت سەجدىسى ئاڭلاش نىيىتى بىلەن بولمىسىمۇ ئىشتىپ قالغان سەۋەبتىن قىلىنىدىغان سەجدە دېگەنلىكتۇر.

تىلاۋەت سەجدىسىنىڭ بۇيرۇلىشى

بۆلۈم: “تىلاۋەت سەجدىسىنىڭ بۇيرۇلىشى”

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە قۇرئان ئوقۇلغاندا سەجدە قىلمىغۇچىلارنى يەنى (ئۇلارنىڭ﴾َوَإِذَا قُرِئَ عَلَيْهِمُ الْقُرْآنُ الَ يَسْجُدُون﴿ :سۆكۈپ مۇنداق دېگەن .((()يېنىدا قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا نېمىشقا سەجدە قىلمايدۇ؟

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە سەجدە ئايىتى بار سۈرىنى ئوقۇپ بەرگىنىدە سەجدە قىلاتتى ۋە بىزمۇ بىرگە دەرھلا سەجدە قىلاتتۇق، ھەتتا سەجدە قىلىش ئۈچۈن پىشانىمىزنى قويغىلى يەر تاپالماي قالىدىغان .(((»چاغلارمۇ بولاتتى

تىلاۋەت سەجدىسىنىڭ ھۆكمى

بۆلۈم: “تىلاۋەت سەجدىسىنىڭ ھۆكمى”

تىلاۋەت سەجدىسىنى كېرەك قىلغان ھلا لاردا بۇ سەجدىنى قىلىش ھەنەفىي مەزھىپىگە كۆرە ۋاجىپتۇر. ئەمما باشقا كۆپ سانلىقى مەزھەپ .(((ئالىملىرىنىڭ نەزىرىدە تىلاۋەت سەجدىسى سۈننەتتۇر

تىلاۋەت سەجدىسىنى قىلىشقا سالاھىيەتلىك بولۇشنىڭ شەرتلىرى

بۆلۈم: “تىلاۋەت سەجدىسىنى قىلىشقا سالاھىيەتلىك بولۇشنىڭ شەرتلىرى”

تىلاۋەت سەجدىسىنى قىلىشقا سالاھىيەتلىك بولۇشىنىڭ شەرتلىرى خۇددى نامازنىڭ شەرتلىرىنىڭ ئۆزىدۇر، يەنى مۇسۇلمان، بالىغ، ئاقىل بولۇش، تاھارەتسىزلىك، جۇنۇپلۇق ۋە پاسكىنىلىقلاردىن خالىي بولۇش، ئەۋرەت جايلارنى يۆرگەش، قىبلىگە قاراش، نىيەت قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. تىلاۋەت سەجدىسىنى قىلىش كاپىرغا، بالاغەتكە يەتمىگەن .(((بالىلارغا، ساراڭلارغا ۋە ھەيزدار ياكى نىفاسدار ئاياللارغا ۋاجىپ ئەمەستۇر

تىلاۋەت سەجدىسىنى قىلىشنى ۋاجىپ قىلىدىغان سەۋەبلەر

بۆلۈم: “تىلاۋەت سەجدىسىنى قىلىشنى ۋاجىپ قىلىدىغان سەۋەبلەر”

تىلاۋەت سەجدىسىنى ۋاجىپ قىلىدىغان سەۋەبلەر ئۈچ بولۇپ، ئۇلار:

  1. سەجدە ئايىتىنى ئوقۇش. مەيلى نامازدا بولسۇن، مەيلى ناماز سىرتىدا بولسۇن، مەيلى ئۆزى پاڭ بولۇپ، ئوقۇغانلىرىنى ئۆزى ئاڭلىمىغان بولسۇن، ھەر ھالەتتە سەجدە ئايىتىنى ئوقۇغان كىشىگە تىلاۋەت سەجدىسى قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.

  2. سەجدە ئايىتىنى ئاڭلاش ياكى ئىختىيارسىز ئىشتىپ قېلىش. قانداقلا سەۋەب بىلەن بولمىسۇن، سەجدە ئايىتىنى ئىشتكەن كىشى ئۈچۈن سەجدە قىلىش ۋاجىپتۇر.

  3. جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇغاندا ئىمامنىڭ سەجدە ئايىتىنى ئوقۇشى گەرچە جامائەت ئىمامنىڭ سەجدە ئايىتىنى ئوقۇغانلىقىنى تولۇق ئاڭقىرلىمىغان بولسىمۇ، ئىمام سەجدە قىلغان ھامان جامائەتنىڭ بىرگە سەجدە قىلىشى .(((ۋاجىپتۇر

تىلاۋەت سەجدىسى قىلىش ئۇسۇلى

بۆلۈم: “تىلاۋەت سەجدىسى قىلىش ئۇسۇلى”

﴾ْ﴿اَهللُ اَكْبَر نامازدىكى سەجدىگە ئوخشاش باشنى يەرگە قويۇش ئۈچۈن .(ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر ئېيتىىلىدۇ. ئەمما قول لار كۆتۈرۈلمەيدۇ ﴾َ﴿سُبْحَاَن رَبَِّ اْالَعْلى سەجدىدە ئادەتتە نامازنىڭ سەجدىسىدە ئوقۇلىدىغان (سۇبھانە رەببيەل ئەئ لا) ئۈچ قېتىم ئوقۇلىدۇ. سەجدىدىن تۇرۇش ئۈچۈن يەنە تەكبىر ئېيتىلىدۇ. سەجدىگە بېرىش ۋە تۇرۇش ئۈچۈن ئېيتىلىدىغان ھەر ئىككى تەكبىر سۈننەتتۇر. تىلاۋەت سەجدىسىدە تەشەھھوتتا ئولتۇرۇش (ئەتتەھىياتۇ ئوقۇش)، بىر نەرسە ئوقۇش ۋە سالام بېرش يوقتۇر. تىلاۋەت سەجدىسى بىرلا سەجدىدۇر.

تىلاۋەت سەجدىسىنىڭ ۋاقتى

بۆلۈم: “تىلاۋەت سەجدىسىنىڭ ۋاقتى”

سەجدە ئايىتىنى ئوقۇغان ياكى ئاڭلىغان كىشى نامازدا بولسا دەرھلا تەكبىر ئېيتقان ھالدا، بىر قېتىم لا سەجدە قىلىدۇ، يەنە تەكبىر بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، نامازنىڭ كەلگەن يېرىدىن داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەگەر نامازنىڭ سىرتىدا بولسا ئۇنى دەرھلا قىلىش زۆرۈر ئەمەس. بەلكى ئالدىرىماستىن، تاھارىتى بولمىسا تاھارەت ئالغاندا قىلىۋەتسە بولىدۇ. ئەگەر بۇ سەجدىنى ئۇنتۇپ قالسا قازاسى كەلمەيدۇ.

تىلاۋەت سەجدىسى قىلىشنى كېرەك قىلىدىغان شەرتلەر

بۆلۈم: “تىلاۋەت سەجدىسى قىلىشنى كېرەك قىلىدىغان شەرتلەر”

سەجدە ئايىتىنى ئاڭلىغان كىشىنىڭ سەجدە قىلىشىنىڭ ۋاجىپ بولۇشى _ ئۈچۈن سەجدە ئايىتىنى ئوقۇغۇچىنىڭ ئىنسان بولۇشى، ئويغاق ۋە ئەقىل ھۇشى جايىدا بولغان بىرى بولۇشى شەرتتۇر. شۇنىڭدەك، سەجدە ئايىتىنى غۇسلى قىلىشى كېرەك بولۇپ قالغان جۇنۇپ كىشىدىن ياكى ھەيزدار (ئايلىق ئادىتى كەلگەن) ياكى نىفاسدار (تۇغۇتلۇق) ئايالدىن ياكى كاپىردىن ياكى ئەقلى جايىدا بولغان كىچىك بالىدىن ياكى مەستىن ئاڭلىغان كىشىگىمۇ تىلاۋەت سەجدىسى قىلىش ۋاجىپتۇر.

ئەگەر كىشى سەجدە ئايىتىنى سىنئالغۇ، ئۈن ئالغۇ پلاستىنكىلىرىدىن ۋە سۆزلەيدىغان پاپۇگاي قۇشىدىن ئاڭلىسا تىلاۋەت سەجدىسى قىلىشنى كېرەك قىلمايدۇ. شۇنىڭدەك، سەجدە ئايىتىنى ئۇيقۇدا جۆيلۈپ ئوقۇغان بىرىدىن ياكى ھۇشىنى يۇقاتقان كىشىدىن ياكى تېخى ئەقىل تاپمىغان نارىسىدە بالىدىن ئاڭلىغان كىشىگىمۇ تىلاۋەت سەجدىسى قىلىش كېرەك بولمايدۇ. چۈنكى، بۇلاردا ئىدراك بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئوقۇش توغرا .(((ئوقۇش قاتارىغا كىرمەيدۇ

كۆپ سەجدە ئايىتىنى ئوقۇسا كۆپ قېتىم سەجدە قىلىش كېرەكمۇ؟

بۆلۈم: “كۆپ سەجدە ئايىتىنى ئوقۇسا كۆپ قېتىم سەجدە قىلىش كېرەكمۇ؟”

سەجدە ئايىتىدىن بىرىنى بىر ئورۇندا تۇرۇپ كۆپ قېتىم تەكرار ئوقۇغان كىشى ئۈچۈن بىر قېتىملا سەجدە قىلىش كۇپايە قىلىدۇ. ئەگەر شۇ سەجدە ئايىتىنى بىرقانچە ئورۇندا ئوقۇغان كىشىگە قانچە قېتىم ئوقۇغان بولسا شۇنچە قېتىم تىلاۋەت سەجدىسى قىلىش ۋاجىپتۇر.

ئەمما بىر ئورۇندا ياكى بىرقانچە ئورۇندا بىرقانچە سەجدە ئايىتىنى ئوقۇغان كىشىنىڭ قانچە سەجدە ئايىتى ئوقۇغان بولسا شۇنچىلىك سەجدە .(((قىلىشى ۋاجىپتۇر. ئوقۇغۇچى ۋە ئاڭلىغۇچى بۇ ھۆكۈمدە ئوخشاشتۇر قۇرئان ئوقۇغاندا سەجدە ئايىتىنى قالدۇرۇپ قويۇپ ئوقۇش مەكرۇھ .(((تەھرىمىدۇر. چۈنكى بۇ قۇرئان كەرىمنىڭ تەرتىپىنى بۇزغانلىق بولىدۇ

سەجدە ئايەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىلەر ۋە ئايەتلەر

بۆلۈم: “سەجدە ئايەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىلەر ۋە ئايەتلەر”

سۈرە ئىسمى ئايەت نومىرى: ئايەت _ 206.

  1. ئەئراف – ئايەت15.

  2. رەئد ئايەت _ 49.

  3. نەھل ئايەت _ 107.

  4. ئىسرا ئايەت _ 58.

  5. مەريەم ئايەت _ 18.

  6. ھەج ئايەت _ 60.

  7. فۇقان ئايەت _ 24.

  8. نەمل ئايەت _ 16.

  9. سەجدە ئايەت _ 24.

  10. ساد ئايەت _ 37.

  11. فۇسسىلەت ئايەت _ 62.

  12. نەجم ئايەت _ 13.

  13. ئىنشىقاق ئايەت _ 19.

  14. ئەلەق

قازا نامازلار ھەققىدىكى مەسىلىلەر

بۆلۈم: “قازا نامازلار ھەققىدىكى مەسىلىلەر”

بەلگىلەنگەن ۋاقتى چىقىپ كەتكەن ئىبادەتلەرنى كېيىن ئورۇنداش _ قازا دېگەنلىكتۇر. مۇسۇلمان كىشىنىڭ نامازلارنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر دىنىي مەجبۇرىيەتتۇر. ئۆزۈرسىز تۇرۇپ نامازلارنى ھەقىقەتەن﴿ :ۋاقتىدىن كەينىگە سۈرۈش گۇناھتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا دېگەن سۆزىدە(((﴾ناماز مۇئمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرز قىلىندى، بەش ۋاخ نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، نامازلارنى كېچىكتۈرمەستىن، بەلگىلەنگەن شۇ مەلۇم ۋاقىت لار ئىچىدە ئادا قىلىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. ناماز ۋاقىتلىرىغا رىئايە قىلماسلىق ئاللاھ تائالانىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاسىيلىق قىلغانلىقتۇر.

نامازلارنى كېچىكتۈرۈشنىڭ ئۆزۈرلىرى

بۆلۈم: “نامازلارنى كېچىكتۈرۈشنىڭ ئۆزۈرلىرى”

ئۇيقۇ ياكى ئۇنتۇپ قالغانلىق سەۋەبىدىن ۋاقتىدا ئوقۇيلىمىغان نامازلارنىڭ قازاسىنى ئويغانغان ياكى ئېسىگە ئالغان ھامان ئوقۇسا قازا قىلغانلىقنىڭ (كېىچىكتۈرگەنلىكنىڭ) گۇناھى ئەپۇ قىلىنىدۇ. چۈنكى ئۇيقۇ ۋە ئۇنتۇش ئۆزۈرلىرى شەرىئەتتە ئېتىراپ قىلىنغان ئۆزۈرلەردۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «نامازنى ئۇنۇتقان كىشى ئېسىگە كەلگەن يەنى ۋاقتىدا(((»ھامان ئوقۇسۇن. بۇنىڭغا ئۇنىڭدىن باشقا كاپارەت يوقتۇر.

ئوقۇيلىمىغان بولسىمۇ، ئېسىگە كەلگەن ۋاقىتتا ئوقۇسا، ئۇ، ۋاقتىدا ئوقۇلغان نامازغا ئوخشاش قوبۇل قىلىنىدۇ ۋە كېىچىكتۈرگەنلىكنىڭ گۇناھىمۇ ئۇنىڭ بىلەن يوققا چىقىدۇ دېگەنلىكتۇر.

ئەمما نامازنى قەستەن (يەنى، ھورۇنلۇق، دۇنيا ھەلەكچىلىكى، ناماز ۋاقتىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك سەۋەبىدىن) قازا قىلىپ ئوقۇغان كىشى گۇناھكار بولىدۇ. بىراق ئوقۇغان نامىزى ئادا تاپقان بولىدۇ.

نامازنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىغا تۈرتكە بولغان ئۆزۈرلەر

بۆلۈم: “نامازنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىغا تۈرتكە بولغان ئۆزۈرلەر”

ھەيز ۋە نىفاسدار ئاياللاردىن نامازنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىدا، بارچە ئىسلام مەزھەپلىرى بىردەك ئىتتىپاقتۇر. بۇ سەۋەبتىن، ھەيز ۋە نىفاسلىق ھاللىرىدا بولغان ئاياللارنىڭ بۇ ئەسنادا ئوقۇمىغان نامازلىرىنىڭ قازاسىنى ئوقۇمايدۇ. شۇنداقلا، ئەمدى لا مۇسۇلمان بولغان كىشى ئۈچۈنمۇ بۇرۇن كاپىرلىق ھالىتىدە ئوقۇمىغان نامازلارنىڭ قازاسى يۈكلەنمەيدۇ. چۈنكى ئۇ بۇرۇن ناماز ئوقۇشتىن جاۋابكار سانلىمايدۇ. ئەمما ھۇشىنى يوقاتقان ياكى ساراڭ بولغان كىشىنىڭ ھۇشسىزلىقى ياكى ساراڭلىقى ئالتە ۋاخ نامازنىڭ ۋاقتىغىچىلىك داۋام قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا قازا كەلمەيدۇ. بەلكى ئەپۇ قىلىنىدۇ. ئەگەر بەش ۋاخ نامازنىڭ ۋاقتى ئۆتۈشتىن بۇرۇن ئوڭشالغان بولسا، ساراڭلىقىدا ياكى ھۇشسىزلىقىدا ئوقۇيلىمىغان نامازلىرىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ.

شۇنىڭدەك، مۇرتەد (ئەسلىدە مۇسۇلمان كېيىن دىندىن يېنىپ كاپىر بولغان كىشى) ئىمانغا قايتقاندىن كېيىن، بۇرۇنقى مۇرتەدلىك ۋاقىتلىرىدىكى نامازلارنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ. چۈنكى مۇرتەد بولغان كىشى بارلىق ئەمەللىرى بېكار بولۇپ، خۇددى ئەسلىدىن كاپىر بولغان كىشىگە وَمَن﴿ :ئوخشاشتۇر. كاپىرغا ناماز پەرز ئەمەس. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ِيَرْتَدِدْ مِنكُمْ عَن دِينِهِ فَيَمُتْ وَهُوَ كَافِرٌ فَأُوْلَئِكَ حَبِطَتْ أَعْمَالُُمْ فِ الدُّنْيَا وَاآلخِرَةِ وَأُوْلَئِكَ أَصْحَابُ النَّار يەنى (سىلەردىن كىمكى ئۆز دىنىدىن قايتىپ كاپىر پېتى﴾َهُمْ فِيهَا خَالِدُون ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق .((()ئادەملەر دۇزاخ ئەھلىدۇر ۋە دۇزاختا مەڭگۈ قالغۇچى لاردۇر شۇنداقلا، ئۇ مۇرتەد بولۇشتىن ئىلگىرى ھەج قىلغان بولسا، بۇ ھەجنى قايتا قىلىشى لازىم كېلىدۇ. چۈنكى بۇرۇن قىلغان ھەججىسى مۇرتەد بولۇش ناماز مەيلى ئۆزۈر تۈپەيلى قازا بولغان بولسۇن، مەيلى ئۆزۈرسىز قازا بولغان بولسۇن، ئۇنى كېچىكتۈرمەستىن دەرھلا ئادا قىلىش پۈتۈن .(((فىقھىشۇناس لارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن پەرزدۇر

قازا نامازلارنى ئوقۇش ئۇسۇلى

بۆلۈم: “قازا نامازلارنى ئوقۇش ئۇسۇلى”

قازا نامازلار مەيلى سەپەر ئۈستىدە بولسۇن، مەيلى مۇقىم (ئۆز يۇرتىدا) بولسۇن، قازاغا قالدۇرۇلغان ۋاقىتتىكى ئۇسۇلى بويىچە ئوقۇلىدۇ.

مەسىلەن: سەپەر ئۈستىدە ئوقۇماي قازا قىلغان نامازلارنى مۇقىم ھالىتىدە ئوقۇماقچى بولغان كىشى بۇ نامازلارنى سەپەردىكى ئۇسۇلى بويىچە قەسىر قىلىپ(قىسقارتىپ)، تۆت رەكئەتلىك پەرز نامازلارنى ئىككى رەكئەت قىلىپ ئوقۇيدۇ. ئەگەر مۇقىم ھالىتىدە قازا قىلغان نامازلارنى سەپەردە ئوقۇماقچى بولغاندا تۆت رەكئەت قىلىپ تولۇق ئوقۇيدۇ.

قازا قىلىنغان نامازلار ئەسلىدىكى قائىدىسى بويىچە ئوقۇلىدۇ. مەسىلەن:

قازاسىنى ئوقۇماقچى بولغان ناماز پىشىن نامىزىغا ئوخشاش قىرائىتى مەخپى ئوقۇلىدىغان ناماز بولسا قىرائەت مەخپى ئوقۇلىدۇ. ئەگەر خۇپتەن نامىزىغا ئوخشاش قىرائىتى ئاشكارا ئوقۇلىدىغان نامازلاردىن بولۇپ، ئۆزى ئىمام بولسا قىرائەت ئاشكارا ئوقۇلىدۇ. ئەگەر بۇ نامازنى ئۆز ئالدىغا يالغۇز ئوقۇماقچى .(((بولسا قىرائەتنى ئىچىدە ئوقۇش ياكى ئاۋازلىق ئوقۇش ئىختىيارىدۇر

قازا نامازلارنى ئوقۇشنىڭ تەرتىپى

بۆلۈم: “قازا نامازلارنى ئوقۇشنىڭ تەرتىپى”

قازا نامازلارنى ئوقۇشتا، قازانىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ناماز ئارىسىدىكى تەرتىپكە رىئايە قىلىنىدۇ. يەنى، ئاۋۋلا ئۈستىمىزدىكى قازا نامازلارنى ئوقۇپ بولۇپ، ئاندىن شۇ ۋاقىتنىڭ نامىزىنى ئوقۇشىمىز كېرەك. مەسىلەن: بىراۋ بامدات نامىزىنى ۋاقتىدا ئوقۇيلىمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ قازاسىنى پىشىن ۋاقتىدا ئوقۇماقچى بولسا، ئاۋۋلا ئۇنىڭ قازاسىنى ئوقۇپ بولۇپ، ئاندىن كېيىن، .)پىشىن نامىزىنى ئوقۇشى كېرەك (يەنى ۋاجىپتۇر ئەگەر كىشى قازا قىلغان نامازنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنى ئوقۇماستىن ۋاقىتنىڭ نامىزىنى ئوقۇسا، ئۇنىڭ بۇ ئوقۇغان نامىزى قوبۇل بىلەن رەدنىڭ ئارىسىدا تۇرىدۇ. مەسىلەن: بىراۋ بامدات نامىزىنى قازا قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئاۋۋلا ئۇنى ئوقۇماستىن پىشىن نامىزىنى ئوقۇغان بولسا، پىشىن نامىزى قوبۇل بىلەن رەدنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئۇ، ئۈستىدىكى بامداتنىڭ قازاسىنى ئوقۇماستىن، يەنە ئەسىر نامىزىنى ئوقۇغان بولسا، ئەسىر نامىزىمۇ قوبۇل بىلەن رەدنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ قالىدۇ. ئەتىسى بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى چىققۇچىلىك بۇ ھۆكۈم مۇشۇنداق داۋام قىلىدۇ.

يەنى ئوقۇغان نامازلىرى يۇقىرىقىدەك ئىككى ئارىدا قالىدۇ. ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىپىنىڭ كۆرىشىچە: يۇقىرىقى مۇئەللەقتە قالغان نامازلار نەپلە نامىزىغا ھېساب بولىدۇ. پەرز ئادا تاپمايدۇ. ئەبۇ يۇسۇف ۋە مۇھەممەدنىڭ كۆرىشىچە:

يۇقىرىقى نامازلار باتىلدۇر. ھەر ئىككى قاراشنىڭ خۇلاسىسى يۇقىرىقى نامازلارنى قايتىدىن ئوقۇشنى .(((لازىم قىلىدۇ

قازا نامازلارنى ئوقۇشتا تەرتىپنىڭ ئەمەلدىن قېلىشى

بۆلۈم: “قازا نامازلارنى ئوقۇشتا تەرتىپنىڭ ئەمەلدىن قېلىشى”

تەرتىپ تۆۋەندىكى ئۈچ ھالدا ئەمەلدىن قالىدۇ:

  1. قازا قىلىنغان نامازلارنىڭ سانى (ۋىتىردىن باشقا) ئالتە ۋاخقا يېتىپ قالغان بولسا، يەنى بىر كۈنلۈك بەش ۋاخ نامازنىڭ ھەممىسى يەنە ئەتىنىڭ بىر ۋاخ نامىزى بولۇپ، جەمى ئالتە ۋاخ ناماز ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ناماز قازا بولغان بولسا، تەرتىپ ئەمەلدىن قالىدۇ. بۇ نامازلارنى قاچان خالىسا شۇ ۋاقىتتا ئوقۇپ ئادا قىلسا بولۇۋېرىدۇ. بۇ ئىسلام شەرىئىتىنىڭ كىشىلەرنى قىيىن ئىشقا تەكلىپ قىلماسلىقتىن ئىبارەت كەڭچىلىكلىرىدىن بىرى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە بولغان شەپقىتىنىڭ ئىپادىسىدۇر. چۈنكى قازا قىلىنغان نۇرغۇن نامازلارنى تەرتىپ بىلەن ئوقۇش تەلەپ قىلىنغان بولسا ئىدى، بۇ ناماز كىشىلەرگە ئەلۋەتتە ئېغىر كەلگەن بولاتتى.

  2. ۋاقىتنىڭ تارلىقى يەنى شۇ ۋاقىتتىكى نامازنىڭ ۋاقتى قازا نامازلار بىلەن شۇ ۋاقىتنىڭ نامىزىنى ئوقۇشقا تار كەلسە، مەسىلەن: پىشىن نامىزىنىڭ ئاخىرىقى ۋاقتى بولۇپ قېلىپ پىشىندىن ئاۋۋلا قازا نامازلارنى ئوقۇپ ئاندىن پىشىن نامىزىنى ئوقۇشقا ۋاقىت يېتىشمىگەنلىكتىن، نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كېتىپ ئوقۇماقچى بولغان پىشىن نامىزىنىمۇ قازا قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن تەرتىپكە رىئايە قىلماستىن، ئاۋۋلا پىشىن ئاندىن قازا نامازلىرى ئوقۇلىدۇ.

  3. ئۇنتۇش يەنى شۇ ۋاقىتتىكى نامازنى ئوقۇيدىغان چاغدا ئۈستىمىزدە قازا ناماز بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقتىن، ئاۋۋلا قازانى ئادا قىلماستىن شۇ ۋاقىتنىڭ نامىزىنى ئوقۇغان بولساق ناماز دۇرۇستۇر. تەرتىپ ئەمەلدىن قالغان بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇنتۇپ قالغاننىڭ ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. قازا نامازلارنى كېيىن ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «ئاللاھ ئۇممىتىمنىڭ خاتالىقتىن، ئۇنۇتقانلىقتىن ياكى .(((»زورلانغانلىقتىن سادىر قىلغان گۇناھلىرىنى كەچۈرۈۋەتتى

يۇقىرىقى ئۈچ ھالەتتە، قازا نامازلارنى ئوقۇشتىكى تەرتىپكە رىئايە قىلىنمايدۇ. چۈنكى تەرتىپ بۇ ئۈچ ھالەتتە ئەمەلدىن قالغان بولىدۇ.

تەرتىپ بۇزۇلغان ئىكەن، قازا نامازلارنى، ناماز ئوقۇش مەنئى قىلىنغان ۋاقىت لار سىرتىدا قايسىبىر ۋاقىتتا ئوقۇسا ئادا تاپىدۇ.

قازاسى ئوقۇلىدىغان نامازلار

بۆلۈم: “قازاسى ئوقۇلىدىغان نامازلار”

بەش ۋاخ نامازنىڭ پەرزلىرى، ۋىتىر نامىزى ۋە بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىنىڭ قازاسى (ئەگەر پەرزى بىلەن بىرگە قازا بولغان بولسا ۋە پىشىن ۋاقتىغىچە ئوقۇماقچى بولسا) ئوقۇلىدۇ. ئەمما، جۈمە، ھېيت، جىنازە نامازلىرى ۋە بەش ۋاخ نامازنىڭ سۈننەتلىرىنىڭ قازاسى ئوقۇلمايدۇ. قازا _ بولغان نامازلارنى ناماز ئوقۇش مەنئى قىلىنغان ۋاقىتلاردىن باشقا كېچە .(((كۈندۈزنىڭ قايسىبىر ۋاقىتلىرىدا ئوقۇشقا بولىدۇ

نامازلارنى جەمئى قىلىپ ئوقۇش مەسىلىسى

بۆلۈم: “نامازلارنى جەمئى قىلىپ ئوقۇش مەسىلىسى”

شافىئىي، ھەنبەلىي ۋە مالىكىي مەزھەپلىرىگە كۆرە، سەپەردە، يامغۇرلۇق ياكى قاتتىق سوغۇق كۈنلەردە، ھاجى لار ئۈچۈن ئەرەفات كۈنىدە پىشىن نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى پىشىن ياكى ئەسىر ۋاقتىدا، شام نامىزى بىلەن خۇپتەن نامىزىنى شام ياكى خۇپتەن ۋاقتىدا جەمئى قىلىپ (ئىككىسىنى ئارقا –ئارقىدىن بىر ۋاقىتتا) ئوقۇش جائىزدۇر.

ئىككى نامازنى ئالدىنقىسىنىڭ ۋاقتىدا جەمئى قىلىپ ئوقۇش «جەمئى تەقدىم»، ئىككى نامازنى كېيىنكىسىنىڭ ۋاقتىدا جەمئى قىلىپ ئوقۇش .«جەمئى تەخىر» دەپ ئاتىلىدۇ

  1. يولۇچى لار نامازلارنىڭ قازا بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسە بىرىنچى نامازنىڭ ۋاقتىنى بىر ئاز كېچىكتۈرۈپ، ئاۋۋلا بىرىنچىسىنى ئاندىن ئىككىنچىسىنى بىر ۋاقىتتا جەمئى قىلىپ ئوقۇسا بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەپەردە نامازنى جەمئى قىلغانلىقى ھەققىدە كەلگەن كۈچلۈك ھەدىسلەر كۆپتۇر.

  2. كېسەل سەۋەبى بىلەن نامازلارنى جەمئى قىلمىسا مۇشەققەت تارتىپ قېلىشى ئېنىق بولغان كىشىلەر ئىككى نامازنى بىر ۋاقىتتا ئوقۇسا بولىدۇ.

ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن، ئىبنى ئابباس ٍجََعَ رَسُولُ اللِّ بَينَْ الظُّهْرِ وَالْعَصْرِ، وَالْمَغْرِبِ وَالْعِشَاءِ، بِلْمَدِينَةِ، فِ غَيرِْ خَوْف« :مۇنداق دەيدۇ يەنى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە پىشىن بىلەن ئەسىر»وَالَ مَطَر نامىزىنى ۋە شام بىلەن خۇپتەن نامىزىنى خەۋپسىز ۋە يامغۇرسىز ۋاقىتلاردىمۇ .(((»جەمئى قىلىپ ئوقۇغان

  1. ئۆزۈرلۈك (ھەمىشە قېنى ئېقىپ تۇرىدىغان) ئاياللار ئىككى نامازنى بىر ۋاقىتتا ئوقۇسا بولىدۇ. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق ٍ اَنَّ النَّبِ َّ صَلَّى هللاُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ اَمَرَ سَهْلَة بِنْتِ سُهَيْلٍ وَحَْصَة بِنْتِ جَحْش« :دەپ قەيت قىلىنغان

يەنى «سۇھەيل»ٍلَمَّا كَانَتَا مُسْتَحَاضَتَيِْ بِتَأْخِيِْ الظُّهْرِ وَتَعَجِيْلِ الْعَصْرِ وَالَْمْعِ بَيْنَهُمَا بِغَسْل وَاحِد قىزى سەھلە بىلەن جەھش قىزى ھەمسە ئىككىسىنىڭ ئۆزۈرلۈك ۋاقىتلىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى پىشىننىڭ ۋاقتىنى كەينىگە، ئەسىرنىڭ ۋاقتىنى ئالدىغا سۈرۈپ، ئىككى نامازنى بىر ۋاقىتتا، بىر تاھارەت بىلەن (((».ئوقۇشقا ئەمر قىلغان

  1. بالا ئېمىتىدىغان ئايال ئۈچۈن بوۋىقىنىڭ تەرەتلىرىدىن كىيىمىنى ھەمىشە يۇيۇپ بولۇش قىيىن بولغانلىقتىن، – ئالدىنقى نامازنىڭ ۋاقتىنى ئاخىرقى ۋاقتىغىچىلىك كېچىكتۈرۈپ، ئىككىنچى نامازنىڭ ئاۋۋالقى ۋاقتىدا ئىككى نامازنى جەمئى قىلىپ بىر ۋاقىتتا ئوقۇشنى ئىسلام فىقھىشۇناس _ .(((ئالىملىرى دۇرۇس سانايدۇ

  2. سۈيدۈكى توختىمايدىغان ئۆزۈرلۈك كىشى ھەر نامازغا ئايرىم تاھارەت ئېلىشقا ئاجىز كەلسە، ئۇنىڭ ئىككى نامازنى بىر ۋاقىتتا بىر تاھارەت بىلەن ئوقۇشى جائىز سانالغان. مۇندىن باشقا قاتتىق سوغۇق ياكى قاتتىق يامغۇرلۇق كۈنلەردە نامازلارنى جەمئى قىلىش جائىز كۆرۈلگەن. بىراق بۇنىڭ شەرتى: جەمئى قىلمىسا مۇشەققەت ياكى تەن ساقلىققا زىيان يېتىدىغان .(((شارائىتتا بولسا جەمئى قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنداق بولمىسا جائىز ئەمەس

كېمە، ئايروپىالن ۋە ماشىنىدا ناماز ئوقۇش مەسىلىسى

بۆلۈم: “كېمە، ئايروپىالن ۋە ماشىنىدا ناماز ئوقۇش مەسىلىسى”

پاراخوت، كېمە، ئايرۇپى لان، پويىز، ئاپتوموبىل قاتارلىق قاتناش قوراللىرى ئۈستىدە سەپەر قىلغاندا، ئۆزۈرسىز تۇرۇپمۇ ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇش جائىزدۇر. پەرز، ۋاجىپ ۋە ھەر قانداق نامازلارنى شۇنداق ئولتۇرۇپ ئوقۇشقا بولىدۇ. بىراق رۇكۇ ۋە سەجدىلەر بىلەن ئوقۇش شەرتتۇر.

  1. پاراخۇتتا يۈرگەندە، نامازلارنى ئۆرە تۇرۇپ ئادەتتىكىدەك ئوقۇش كېرەك. چۈنكى پاراخۇتتا باش قېيىش ياكى يېقىلىپ كېتىش خەۋپى بولمايدۇ. چۈنكى پاراخۇت ئۆيگە ئوخشاشتۇر.

  2. كېمىدە يۈرگەندە كېمە كىچىك بولۇپ، ئۆرە تۇرسا بېشى قېيىش ياكى يېقىلىش ئېھتىمالى بولسا، ئولتۇرۇپ ئوقۇش جائىزدۇر. پەرز، ۋاجىپ، سۈننەت ۋە ھەر قانداق نامازنى ئولتۇرۇپ ئوقۇسا بولىدۇ.

  3. ئايروپىلاندا يۈرگەندە، ئورۇندۇقتىن چىقىپ بوش جايلاردا ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇشقا (بوش ئورۇن تېپىلمىغانلىقتىن) ئىمكانىيەت بولمىغان ياكى ئۆرە تۇرسا بېشى قايىدىغان شارائىتلاردا، ئولتۇرۇپ ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇش جائىزدۇر.

  4. ماشىنىدا يۈرگەندە، ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇش ھەقىقەتەن ئىمكانسىز بولغانلىقتىن، ئەگەر نامازنى كېىچىكتۈرسە ئۇنىڭ ۋاقتى چىقىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان شارائىتلاردا، ئولتۇرۇپ ئىشارەت بىلەن ماشىنىنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ ئوقۇش جائىزدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە:

يەنى: «كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋالىق﴾فاَتَّقُوا هللاَ ماَاسْتَطَعْتُم﴿ قىلىڭلار» دەپ بۇيرىغان. بۇنداق شارائىتتا كۈچىمىزنىڭ يەتكىنى ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇش بولغاچقا، بۇ ناماز دۇرۇستۇر.

  1. پەرز، ۋاجىپ، تەكىتلىك سۈننەت بولغان نامازلاردىن باشقا نەپلىگە ئوخشاش نامازلارنى ئۆزۈرسىز ھالدىمۇ، قايسىبىر ۋاقىتتا ئولتۇرۇپ ياكى ئىشارەت بىلەن ئوقۇش جائىزدۇر. بىراق ساۋاب جەھەتتە پەرقلىق بولىدۇ.

نەپلە نامازلار توغرۇلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «نەپلە نامازلارنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇش ئەۋزەلدۇر. ئولتۇرۇپ ئوقۇغان كىشىگە ئۆرە .(((»تۇرۇپ ئوقۇغان كىشى ئېرىشكەن ساۋابنىڭ يېرىمى بېرىلىدۇ


مەنبەلەر ۋە ئىزاھاتلار

بۆلۈم: “مەنبەلەر ۋە ئىزاھاتلار”
يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.