ئاياللارغا خاس ھالەتلەر، غۇسلى ۋە تەيەممۇم
ئاياللارغا خاس ھالەتلەر
بۆلۈم: “ئاياللارغا خاس ھالەتلەر”ئاياللاردا ئۆزلىرىگە خاس ئۈچ ھالەت بار بولۇپ، ئۇلار:
. ئايلىق ھالىتى (ھەيزدارلىق ھالىتى1( . تۇغۇتلۇق ھالىتى (نىفاسلىق ھالىتى2( . ئۆزۈرلۈك ھالىتى (مۇستەھازىلىك ھالىتى3(
ئاياللارنىڭ ئايلىق ھالىتى
بۆلۈم: “ئاياللارنىڭ ئايلىق ھالىتى”ئايلىق ئادەتنىڭ قېنىنى كۆرۈش يېشىدىكى _ ئاياللارنىڭ ئايلىق ھالىتى ئاياللارنىڭ، كېسەللىكتىن ئەمەس، بەلكى نورمالدىكى ئايلىق ئادىتى بويىچە بالا ياتقۇلىرىدىن ئايلىق قېنىنىڭ كېلىشى دېگەنلىك بولۇپ، ئەرەب تىلىدا .«ھەيز» دەپ ئاتىلىدۇ
ئايلىق ئادەتنىڭ مۇددىتى
بۆلۈم: “ئايلىق ئادەتنىڭ مۇددىتى”كۈن10 ئاياللاردىكى ئايلىق ئادەت مۇددىتىنىڭ ئېزى ئۈچ كۈن، كۆپى، نورملا مۇددىتى بەش كۈن بىلەن يەتتە كۈن ئارىسىدا بولىدۇ.
ئاياللارنىڭ تۇغۇتلۇق ھالىتى
بۆلۈم: “ئاياللارنىڭ تۇغۇتلۇق ھالىتى”تۇغۇتتىن كېيىن، تۇغۇتنىڭ قېنىدىن_ ئاياللارنىڭ تۇغۇتلۇق ھالىتى »پاكلانغىچىلىك بولغان مەزگىل دېگەنلىك بولۇپ، ئەرەب تىلىدا «نەفاس دەپ ئاتىلىدۇ.
تۇغۇتلۇق ھالىتىنىڭ مۇددىتى
بۆلۈم: “تۇغۇتلۇق ھالىتىنىڭ مۇددىتى”ئاياللارنىڭ تۇغۇتلۇق ھالىتى تۇغۇتنىڭ قېنىنىڭ تۈگىشى بىلەن .)كۈندۇر. قىرىق كۈندىن ئېشىپ كەتكىنى ئۆزۈرلۈك ھالىتى ھېسابلىنىدۇ
ئاياللارغا ئايلىق ۋە تۇغۇتلۇق ھالەتلىرىدە مەنئى قىلىنغان ئىشلار
بۆلۈم: “ئاياللارغا ئايلىق ۋە تۇغۇتلۇق ھالەتلىرىدە مەنئى قىلىنغان ئىشلار”ئايلىق ئادەتنىڭ ۋە تۇغۇتنىڭ قېنىدىن پاكلانمىغان مۇددەت ئىچىدىكى ئاياللار ئۈچۈن مەنئى قىلىنغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە:
-
ناماز ئوقۇش
-
روزا تۇتۇش
-
قۇرئاننى تۇتۇش ۋە ئوقۇش. (ئەگەر قاپچۇقى بىلەن تۇتسا) بولىدۇ، شۇنىڭدەك، ئۆگىنىش ياكى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئوقۇسا .)بولىدۇ
-
مەسجىدكە كىرىش
-
تىلاۋەت سەجدىسى قىلىش
-
ئېتىكاپ قىلىش
-
كەئبىنى تاۋاپ قىلىش
-
جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئاياللار قانلىرىدىن پاكلانغاندىن كېيىنلا غۇسلى قىلىشى ۋاجىپتۇر.
ئاياللار يۇقىرىقى ھلا لار سەۋەبلىك ئوقۇيلىمىغان نامازلىرىنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ. ئەمما تۇتلىمىغان رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە، ئايلىق ئادىتىمىز كەلگەن ۋاقىت لاردا روزا تۇتمايتتۇق، ناماز ئوقۇمايتتۇق، پاكلانغاندىن كېيىن روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇشقا بۇيرۇلاتتۇق، ئەمما نامازنىڭ .(((»قازاسىنى ئوقۇشقا بۇيرۇلمايتتۇق
ئاياللارنىڭ ئۆزۈرلۈك ھالىتى
بۆلۈم: “ئاياللارنىڭ ئۆزۈرلۈك ھالىتى”ئايلىق ئادەت كۆرۈش مۇددىتى ئىچىدىكى _ ئاياللارنىڭ ئۆزۈرلۈك ھالىتى ئاياللارنىڭ ئۈچ كۈندىن ئاز ياكى ئون كۈندىن كۆپ، تۇغۇتلۇق مۇددىتى ئىچىدىكىلەردىن قىرىق كۈندىن كۆپ، قىزلاردىن توققۇز ياشقا تولۇشتىن بۇرۇن ۋە چوڭ ئاياللاردىن ئادەت كۆرۈش يېشىدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، بالا ياتقۇلىرىدىن قان كېلىشى ئاياللارنىڭ ئۆزۈرلۈك ھالىتى دېيىلىدۇ. ئاياللار ئۆزۈرلۈك ھالەتلىرىدە، ئىبادەتلەرنى قىلالايدۇ. ھەتتا قان توختىماي ئېقىپ تۇرسىمۇ، ھەربىر ناماز ئۈچۈن ئالاھىدە تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇيدۇ.
نامازنىڭ ۋاقتى چىقىشى بىلەن ئۇلارنىڭ تاھارىتى سۇنغان بولىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «فاتىمە ئىسىملىك بىر ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، «يا رەسۇلۇللاھ! مەن قېنىم »توختىمايدىغان بىر ئايالمەن، بۇسەۋەبلىك نامازنى تەرك ئېتىشىم كېرەكمۇ؟
دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا «سىزدىكى ھەيزنىڭ قېنى ئەمەس، ئۇ پەقەت تەرگە ئوخشاش سۇ، ئايلىق ئادىتىڭىز كەلگەندە، نامازنى توختۇتۇڭ، ئادىتىڭىز تۈگىگەندىن كېيىن، غۇسلى قىلىپ پاكلىنىپ .(((»نامازغا باش لاڭ» دېدى ئاياللار ئۆزۈرلۈك ھالەتلىرىدىمۇ جىنسىي مۇناسۋەتتە بولالايدۇ.
ئاياللار ھەيزدار ياكى ئۆزۈرلۈك ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيدۇ؟
بۆلۈم: “ئاياللار ھەيزدار ياكى ئۆزۈرلۈك ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيدۇ؟”ئاياللار ئايلىق ئادىتىنىڭ قېنى بىلەن ئۆزۈرلۈك ھالىتىنىڭ قېنىنى ئايرىيالايدۇ. چۈنكى ئايلىق ئادەتنىڭ قېنى قارامتۇل، قويۇقراق كېلىدۇ، ئەمما ئۆزۈرلۈك ۋاقتىدا كەلگەن قان قىپقىزىل، سۇيۇقراق كېلىدۇ. ئاياللار بۇنىڭغا قاراپ ئۆزىنىڭ ئادەت كۆرگەن ياكى باشقا بىرەر كېسەللىك تۈپەيلى ئۆزۈرلۈك بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىدۇ ۋە شۇنىڭغا قاراپ ئىش كۆرىدۇ.
تاھارەتسىز كىشىلەر ئۈچۈن مەنئى قىلىنغان ئىشلار
بۆلۈم: “تاھارەتسىز كىشىلەر ئۈچۈن مەنئى قىلىنغان ئىشلار”تاھارەتسىز كىشىلەر ئۈچۈن مەنئى قىلىنغان ئىشلار ئۈچ بولۇپ، ئۇلار:
يەنى»ُال صَلاةَ لِمَنْ ال وُضُوءَ لَه« :. ناماز ئوقۇش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام1 .(((«تاھارتسىز ناماز ئوقۇلمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن
-
﴾َالَ يََسُّهُ إِلَّ الْمُطَهَّرُون﴿ :. قۇرئاننى تۇتۇش. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە .(((يەنى (قۇرئاننى پەقەت پاك بولغان لارلا تۇتىدۇ) دەيدۇ چۈنكى قۇرئاننى ئۇلۇغ لاش پەرزدۇر. ئۇنى تاھارەتسىز تۇتۇش ئۇنىڭغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ. ئەمما قۇرئان كەرىمنى قاپچۇقى بىلەن تۇتۇشقا ۋە يادىسىغا ئوقۇشقا بولىدۇ. شۇنىڭدەك، بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلارنىڭ قۇرئان كەرىمنى ئۆگىنىش ياكى يادلاش ئۈچۈن تاھارەتسىز تۇتۇشى ۋە ئوقۇشى جائىزدۇر.
-
كەئبىنى تاۋاپ قىلىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن .(((»«كەئبىنى تاۋاپ قىلىشمۇ نامازدۇر. تاۋاپ ئەسناسىدا سۆزنى ئاز قىلىڭلار ئەمما كەئبىنى تاۋاپ قىلىشتا تاھارەت شەرت ئەمەس، بەلكى ۋاجىپتۇر.
شۇڭا كەئبىنى تاھارەتسىز تاۋاپ قىلىش مەكرۇھ تەھرىمىدۇر. ئەمما قىلغان تاۋاپ دۇرۇستۇر.
جۇنۇپ كىشى ئۈچۈن مەنئى قىلىنغان ئىشلار
بۆلۈم: “جۇنۇپ كىشى ئۈچۈن مەنئى قىلىنغان ئىشلار”جۇنۇب (غۇسلى قىلىشى پەرز بولۇپ قالغان كىشى) ئۈچۈن، تاھارەتسىز كىشىلەر ئۈچۈن مەنئى قىلىنغان يۇقىرىقى ئۈچ ئىش بىلەن بىرلىكتە، تۆۋەندىكى ئىككى ئىش مەنئى قىلىنىدۇ:
- قۇرئاننى يادىسىغا بولسىمۇ ئوقۇش. جۇنۇپ كىشىنىڭ بىرەر ئايەتنىمۇ يادىسىغا ياكى قاراپ ئوقۇشى قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق
يەنى «ھەيز ۋە نىفاستىكى»ِالَ تَقْرَإ الْحَائِضُ، وَالَ الْجُنُبُ شَيْئاً مِنَ القُرْآن« :دېگەن .(((»ئاياللار، جۇنۇپ كىشىلەر قۇرئاندىن ھېچنەرسە ئوقۇمىسۇن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام .(((»جۇنۇبلىقتىن باشقا ھەر قانداق ۋاقىتتا بىزگە قۇرئان ئوقۇپ بېرەتتى ئەمما جۇنۇپلىقى ئېسىدە يوق ئىختىيارسىز قۇرئان ئوقۇپ سالسا گۇناھ بولمايدۇ. شۇنداقلا، جۇنۇپ كىشىنىڭ تائام يېيىش ياكى بىرەر ئىشنى دېيىشى، ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر ئادا﴾ِبِسْمِ اللَِّ ٱلرَّحْ ٰنِ ٱلرَّحِيم﴿ باش لاش ئالدىدا دېيىشى، قاتناشقا ئولتۇرغاندا﴾َالَْمْدُ للِّ رَبِّ الْعَالَمِين﴿ قىلىش نىيىتى بىلەن ﴾َسُبْحَانَ الَّذِي سَخَّرَ لَنَا هَذَا وَمَا كُنَّا لَهُ مُقْرِنِينَْ وَإِنَّ إِلَ رَبِّنَا لَمُنقَلِبُون﴿ :زىكرى نىيىتى بىلەن دېيىشى، «ئايەتۇلكۇرسى»نى﴾َإِنَّ لِِّ وَإِنَّ إِلَيْهِ رَاجِعون﴿ نى ئوقۇشى، مۇسىبەتتە، «فاتىھە» ۋە «ئىخلاس» سۈرىلىرىنى زىكرى مەقسىتى بىلەن ئوقۇشى ھەنەفىي ۋە شافىئىي مەزھىپىنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن جائىزدۇر. چۈنكى ئىمام مۇسلىم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە:
»«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەممىلا ۋاقىتتا ئاللاھ تائالاغا زىكرى ئېيتاتتى دەپ كەلگەن. يۇقىرىقى ئەھكام لار ھەيزدار ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
- مەسجىدكە كىرىش ۋە ئۇنىڭدا ئېتىكاپ قىلىش. جۇنۇپ كىشىنىڭ قايسىبىر سەۋەب بىلەن بولمىسۇن، مەسجىدكە كىرىشى ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇرۇشى قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. ئەمما ئولتۇرماستىن ئۆتۈپ كېتىشكە بولىدۇ.
ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسجىدنىڭ مۇنارىغا چىقىپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن «جۇنۇپ ۋە ھەيزدارلارنىڭ مەسجىدكە كىرىشى مەنئى قىلىندى» دەپ نىدا قىلغان .(((»ئىدى
غۇسلىنىڭ بايانى
بۆلۈم: “غۇسلىنىڭ بايانى”پۈتۈن بەدەننى پاكىز يۇيۇش ئارقىلىق ئومۇمىي چوڭ تازىلىق _ غۇسلى قىلىش دېگەنلىكتۇر.
غۇسلى قىلىشنى كېرەك قىلىدىغان سەۋەبلەر
بۆلۈم: “غۇسلى قىلىشنى كېرەك قىلىدىغان سەۋەبلەر”غۇسلى قىلىشنى كېرەك قىلىدىغان سەۋەبلەر تۆۋەندىكىچە:
-
جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش. (گەرچە سپېرما چىقمىغان تەقدىردىمۇ) .)ئەر _ ئايال ھەر ئىككىسى ئۈچۈن غۇسلى قىلىش پەرزدۇر
-
قايسىبىر سەۋەب بىلەن سپېرمىنىڭ ئېتىلىپ چىقىشى
-
ئۇيقۇدا قانداقلا بىر كەيپىيات بىلەن بولمىسۇن، سپېرمىنىڭ چىقىشى
-
تۇغۇت ۋە ئايلىق ئادەتنىڭ قانلىرىنىڭ توختىشى
-
مەسلىكتىن، ھۇشسىزلىقتىن ئەسلىگە كەلگەن كىشىنىڭ ئۆزىدە سپېرما جىنسىدىن بىر ھۆللۈكنى بايقىشى.
يۇقىرىقىلار غۇسلى قىلىشنى كېرەك قىلىدىغان سەۋەبلەردۇر.
غۇسلىنىڭ تۈرلىرى
بۆلۈم: “غۇسلىنىڭ تۈرلىرى”غۇسلى ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى: پەرز بولغان غۇسلى، يەنە بىرى، سۈننەت بولغان غۇسلىدۇر.
پەرز بولغان غۇسلى
بۆلۈم: “پەرز بولغان غۇسلى”غۇسلى قىلىشنى كېرەك قىلىدىغان سەۋەبلەردىن كېيىن غۇسلى قىلىش پەرزدۇر.
غۇسلى قىلىشنى كېرەك قىلمايدىغان ئىشلار
بۆلۈم: “غۇسلى قىلىشنى كېرەك قىلمايدىغان ئىشلار”غۇسلى قىلىشنى كېرەك قىلمايدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىلەر:
چوڭ ئەر – ئاياللاردىن چىقىدىغان _ ») «مەزى»نىڭ چىقىشى. «مەزى1( سېرىقراق، سۇيۇق سۇدۇر. ئۇ، جىنسىي ھەۋەس قوزغالغاندا، ئېتىلماستىن چىقىدۇ. مەزى پەقەت تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ، ئەمما غۇسلى قىلىشنى كېرەك قىلمايدۇ.»مەزى«تېگىپ كەتكەن كىيىمنى ۋە بەدەننى سۇ بىلەن يۇيۇپ تازىلاش لازىم كېلىدۇ. سۈيدۈكتىن كېيىن چىقىدىغان _ ») «ۋەدى»نىڭ چىقىشى.«ۋەدى2( دۇغا، ئېقىش، قويۇقراق سۇدۇر. «ۋەدى»ئېغىر نەرسە كۆتۈرگەندە، ئىنجىقلىغاندا چىقىدۇ. «ۋەدى» مۇ خۇددى «مەزى»غا ئوخشاشلا تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ، ئەمما غۇسلىنى كېرەك قىلمايدۇ. «ۋەدى»تېگىپ كەتكەن كىيىمنى ۋە بەدەننى سۇ بىلەن يۇيۇپ تازى لاش لازىم كېلىدۇ.
،) جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى چۈشىدە كۆرگەن بولسىمۇ3( بەدىنى ياكى كىيىمى ھۆل بولمىغان ياكى سپېرمىنىڭ ئەسىرى تېپىلمىغان بولسا غۇسلى قىلىش لازىم كەلمەيدۇ.
غۇسلىنىڭ پەرزلىرى
بۆلۈم: “غۇسلىنىڭ پەرزلىرى”غۇسلىنىڭ پەرزى ئۈچ بولۇپ، ئۇلار:
-
ئېغىزغا سۇ ئېلىپ تولۇق چايقاش _
-
بۇرنىغا سۇ ئېلىپ تازىلاش _
-
پۈتۈن بەدەننىڭ ھەممە يېرىگە سۇ تەككۈزۈش ۋە پاكىز يۇيۇش _
غۇسلى قىلىشنىڭ قائىدىسى
بۆلۈم: “غۇسلى قىلىشنىڭ قائىدىسى”غۇسلى قىلىش تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئورۇندىلىدۇ.
-
ئاۋۋلا غۇسلى قىلىشنى نىيەت قىلىپ، «بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىم دەيمىز.
-
ئىككى قولىمىزنى پاكىز يۇيۇپ بولۇپ جىنسىي ئەزانى يۇيىمىز، ئاندىن بەدەندە سپېرما ياكى باشقا نىجاسەتلەر بولسا، ئۇنى تازىلايمىز.
-
يۇقىرىقىلارنى ئورۇندىغاندىن كېيىن، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالىمىز. ئەگەر يۇيۇنغان يەر سۇ توپلاشقان يەر بولسا، ئىككى پۇتىمىزنى يۇمايمىز.
-
تاھارەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاۋۋلا بېشىمىزغا ئاندىن ئوڭ ۋە سول مۈرىلىرىمىزگە ئەڭ ئاز ئۈچ قېتىم سۇ قويۇپ، ھەر قېتىم سۇ قۇيغاندا بەدەننىڭ پۈتۈن ئەزالىرىنى ئۇۋۇلاپ يويىمز. بەدەندە يىڭنىنىڭ ئۇچى چاغلىق قورۇق يەر قالماسلىقى شەرت. بۇنىڭ بىلەن غۇسلىنى تاماملىغان بولىمىز.
ئاقىدىغان سۇ ياكى چوڭ كۆلگە شۇڭغۇش غۇسلىنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. مۇلاھىزە: غۇسلى قىلغاندا، ئەرلەرنىڭ چاچلىرىنىڭ ھەممە يەرلىرىگە سۇنى يەتكۈزۈشى شەرتتۇر. ئەمما ئاياللارنىڭ ئۆرەلگەن چاچلىرىنى يېشىشى شەرت ئەمەس. پەقەت چاچنىڭ ئاستىغا سۇ يەتكۈزۈشى يېتەرلىكتۇر.
ئۆرەلگەن چاچنى ھۆل قىلمىسىمۇ بولىدۇ.
غۇسلىنى مۇشۇ تەرىقىدە قىلغان ئادەم غۇسلىنىڭ پەرز، سۈننەت ۋە ئەدەبلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئورۇندىغان بولىدۇ.
تەيەممۇمنىڭ بايانى
بۆلۈم: “تەيەممۇمنىڭ بايانى”سۇ بىلەن تاھارەت ئېلىشقا ياكى غۇسلى قىلىشقا ئىمكانىيەت_ تەيەممۇم بولمىغاندا، قوللارنى پاكىز تۇپراققا ئۇرۇپ مەلۇم ئەزالارنى سىلاش ئارقىلىق پاكىزلىق ھۆكمىگە كىرىش دېگەنلىكتۇر.
تەيەممۇمنى كېرەك قىلىدىغان سەۋبلەر
بۆلۈم: “تەيەممۇمنى كېرەك قىلىدىغان سەۋبلەر”تۆۋەندىكى ھاللاردا تاھارەت ياكى غۇسلى قىلىشنىڭ ئورنىغا تەيەممۇم قىلىنىدۇ:
-
تاھارەت ياكى غۇسلى ئۈچۈن يېتەرلىك سۇ تېپىلمىسا؛
-
سۇ تېپىلغاندىمۇ
-
سۇ بار جايدا ھالاكەت بولسا؛ مېتىر) يىراقلىقتا بولسا؛1848(. سۇ ئەڭ ئاز دېگەندە بىر مىل2
-
سۇ قوللىنىش بىلەن كېسەل بولۇش ياكى كېسەلنىڭ ئېغىرلىشىىشى ياكى ساقىيىشىنىڭ كېىچىكىشىدىن قورقۇلسا؛
-
مەۋجۇد سۇ تاھارەت ياكى غۇسلى ئۈچۈن قوللىنىلسا ئۆزىنىڭ ياكى ھايۋانلىرىنىڭ سۇسىز قېلىشىدىن قورقۇلسا؛
-
تاھارەت ئالاي دېسە، جىنازا ۋە ھېيت نامازلىرىغا ئۈلگۈرەلمەسلىكىدىن ئەنسىرىسە؛ (چۈنكى بۇ نامازلارغا ئۈلگۈرەلمىسە قايتا ئوقۇيلىمايدۇ.
ئەمما جۈمە نامىزىغا تەيەممۇم قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى جۈمە نامىزىنى قايتا ئوقۇشقا ئىمكانىيەت تېپىلىدۇ. شۇنىڭدەك، مېيىتنىڭ ئېگىلىرى ئۈچۈن تەيەممۇم قىلىش جائىز بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ .)جىنازا نامىزىنى كېچىكتۈرۈش ھوقۇقى بار يۇقىرىقى ھاللارنىڭ قايسىبىرىگە دۇچ كەلگەندە، تەيەممۇم قىلىش تاھارەت بىلەن غۇسلىنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. تەيەممۇم بىلەن تاھارەتسىز قىلىشقا بولمايدىغان ئىبادەتلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىشقا بولىدۇ.
تەيەممۇم قىلىشنىڭ شەرتلىرى
بۆلۈم: “تەيەممۇم قىلىشنىڭ شەرتلىرى”تەيەممۇم قىلىشنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە:
-
تەيەممۇم قىلىشنى نىيەت قىلىش (يەنى كۆڭلىگە پۈكۈش)
-
تەيەممۇم قىلىش ئۈچۈن ھەقىقىي ئۆزۈرنىڭ تېپىلىشى
-
تەيەممۇمنى تۇپراق جىنسىدىن بولغان پاكىز ماددىلار بىلەن قىلىش
-
تەيەممۇم قىلغاندا قول بىلەن يۈزنى تولۇق سىلاش
-
تەيەممۇ قىلغاندا سىلايدىغان ئورگانلارنى بارماقلارنىڭ ھەممىسى ياكى ئاز دېگەندە ئۈچ بارماق بىلەن سىلاش.
-
ئالىقان بىلەن يەرگە ئىككى قېتىم ئۇرۇش
-
ھەيزدار ياكى نىفاسدار بولماسلىق. چۈنكى بۇ ھالەتتىكى ئاياللاردىن ئىبادەتلەر ساقىتتۇر.
-
قوللاردا ياكى يۈزدە ماي، شام ۋە باشقىلارغا ئوخشاش ئۇنىڭغا تۇپراقنى تەككۈزۈشكە توسقۇن بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ بولماسلىقى.
تەيەممۇم تۆۋەندىكى شەكىل بويىچە قىلىنىدۇ
بۆلۈم: “تەيەممۇم تۆۋەندىكى شەكىل بويىچە قىلىنىدۇ”تەيەممۇمنىڭ پەرزلىرى
بۆلۈم: “تەيەممۇمنىڭ پەرزلىرى”تەيەممۇمنىڭ پەرزى ئىككى بولۇپ، ئۇلار:
-
تۇپراققا ئۇرۇلغان قوللار بىلەن يۈزنى سىلاش
-
تۇپراققا ئۇرۇلغان قوللار بىلەن ئىككى قولنى جەينەكلىرىگىچە سىلاش
تەيەممۇم قىلىشنىڭ قائىدىسى
بۆلۈم: “تەيەممۇم قىلىشنىڭ قائىدىسى”-
تەيەممۇم قىلىشنى كۆڭلىمىزگە پۈكىمىز
-
بىسمىللاھ»نى تولۇق ئوقۇيمىز
-
ئىككى قولىمىزنىڭ ئالىقىنىنى پاكىز تۇپراق ياكى تۇپراق جىنسىدىن بولغان پاكىز نەرسىلەرگە سۈرتىمىز. بۇ سۈرتۈشتە، ئالىقانلارنى ئاۋۋلا ئالدىغا، ئاندىن كەينىگە ماڭدۇرىمىز. ئاندىن ئالىقانلارنى سىلكىۋېتىپ، ئۇلار بىلەن يۈزىمىزنىڭ ھەممە يېرىنى سىلايمىز.
-
ئىككى قولىمىزنىڭ ئالىقىنىنى يەنە تۇپراققا ئۇرۇپ، يۇقىرىقىدەك سۈرتكەندىن كېيىن قوللىرىمىزنى بارماقلىرىمزنىڭ ئۇچىلىرىدىن باش لاپ، جەينەكلىرىمىزگە قەدەر سىلايمىز. قول لاردا ياكى يۈزدە سىلانمىغان ئازراقمۇ جاي قالماسلىقى شەرتتۇر. بۇنىڭ بىلەن تەيەممۇمنى تاماملىغان بولىمىز.
-
ئالىقانلىرىمىز بىلەن يۈزىمىزنىڭ ھەممە يېرىنى سىلايمىز
-
ئالىقانلىرىمىزنى يەنە تۇپراققا ئۇرۇپ، يوقىرىقىدەك سۈرتكەندىن كېيىن قوللىرىمىزنى بارماقلىرىمزنىڭ ئۇچىلىرىدىن باش لاپ، جەينەكلىرىمىزگە قەدەر سىلايمىز. قول لاردا ياكى يۈزدە سىلانمىغان ئازراقمۇ جاي قالماسلىقى شەرتتۇر.
تەيەممۇم قىلىشقا بولىدىغان ماددىلار
بۆلۈم: “تەيەممۇم قىلىشقا بولىدىغان ماددىلار”تەيەممۇمنى تۇپراق بىلەن قىلغانغا ئوخشاش زېمىن جىنسىدىن بولغان تاش، قۇمغا ئوخشاش پاكىز ماددىلار بىلەن قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئەمما ئوتۇن، كۆمۈر، ھاك ۋە كۆيدۈرۈش بىلەن كۈلگە ئايلىنىدىغان ياكى ئېرىيدىغان ماددى لار بىلەن تەيەممۇم قىلىش جائىز ئەمەس.
تاھارەت ۋە غۇسلى بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ ھەممىسىنى تەيەممۇم
بىلەنمۇ قىلىشقا بولىدۇ. بىراق تەيەممۇم بىلەن تاھارەت ئىككىسى بىر ۋاقىتتا توپلانمايدۇ. شۇنىڭدەك بەدىنىنىڭ كۆپ قىسمى ياكى يېرىمى يارىلانغان كىشى تاھارەتنىڭ ئورنىغا تەيەممۇم قىلسا بولىدۇ. ئەگەر بەدەننىڭ كۆپ قىسمى ساق بولسا، يارىنىڭ ئۈستىگىلا مەسھى قىلىدۇ ۋە تاھارەت ئالىدۇ.
تەيەممۇمنى بۇزىدىغان ئامىللار
بۆلۈم: “تەيەممۇمنى بۇزىدىغان ئامىللار”تەيەممۇمنى بۇزىدىغان ئامىللار ئۈچ بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىلەر:
-
تاھارەتنى بۇزىدىغان ھەرقانداق ئامىللار
-
سۇنىڭ تېپىلىشى
-
سۇنى قوللىنىشقا توسالغۇ بولغان ئۆزۈرنىڭ يوقىلىشى
يۇقىرىقى ھاللارنىڭ قايسىبىرىدە تەيەممۇم بۇزۇلىدۇ.
