تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

جامائەت نامىزى ۋە جۈمە نامىزى

بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ بىر_ جامائەت سۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى يەرگە جەم بولۇشى دېگەنلىكتۇر. ئەمما ئىسلام ئاتالغۇسىدا جامائەت مەسجىدتە ياكى ئۆيدە ياكى ھەرقانداق بىر جايدا توپلىنىپ ناماز ئوقۇغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما جامائەت نامىزى – پەرز، ۋاجىپ ۋە تەراۋىھ نامازلىرىنى ئىمامنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ئادا قىلىش دېگەنلىكتۇر.

جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇش ئەرلەر ئۈچۈن تەكىتلىك سۈننەتتۇر. جامائەت 27 بىلەن ئوقۇغان نامازنىڭ ساۋابى ئۆز ئالدىغا يالغۇز ئوقۇغان نامازدىن ھەسسە ئارتۇق بولدىغانلىقىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بايان قىلغان.

ئاياللارنىڭمۇ جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشى جائىز بولۇپ لا قالماستىن، بەلكى تولىمۇ ياخشىدۇ. ئۇلارمۇ جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇغاندا ئەرلەرنىڭ ئېرىشكەن ساۋابىغا ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇ.

مەسجىدكە بېرىشنىڭ ئەدەپلىرى

بۆلۈم: “مەسجىدكە بېرىشنىڭ ئەدەپلىرى”

مەسجىد ئاللاھ تائالانىڭ ئۆيى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەتگاھى، تەلىم تەربىيىە ۋە ئۆگىنىش ئورنىدۇر. مەسجىد يەنە مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدە _ مۇقەددەس ئورنى ۋە ھۆرمىتى بولغان بىر جاي. شۇڭا مەسجىدلەرگە تاھارەتسىز كىرىشكە بولمايدۇ. ناماز ئوقۇش ئۈچۈن مەسجىدكە كېلىشنىڭ ئەدەپلىرى تۆۋەندىكىلەر:

  1. كەمتەرلىك بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئۆيىگە كېرىش

  2. مەسجىدكە كىرگەن ھامان ئولتۇرماستىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇش .)(قايسىبىر مەقسەت بىلەن كىرگەن كىشىمۇ ئوقۇيدۇ

  3. ساۋابنىڭ كۆپرەك بولۇشى ئۈچۈن مەسجىدكە سالماق قەدەم بىلەن بېرىش. چۈنكى مەسجىدكە بېرىش ئۈچۈن ئالغان ھەربىر قەدەمگە ئايرىم ساۋاب يېزىلىدۇ.

  4. جامائەت بىلەن ناماز باش لانغىچىلىك قىبلىگە قاراپ ئولتۇرۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ زىكرى بىلەن مەشغۇل بولۇش.

  5. ھەر قانداق چوڭ — كىچىك گۇناھلار ئۈچۈن تەۋبىنى يېڭىلاش

  6. نامازدا تۇرغاندا سەپنى تۈزەش، بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇش. نامازدا سەپنى تۈزەش ناھايىتى مۇھىمدۇر. بۇ مەسىلە نامازنىڭ دۇرۇس بولۇشىغا ئالاقىدار بولۇپ، بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:

«سەپلىرىڭلارنى تۈزەڭلار. ھەقىقەتەن سەپنىڭ تۈز بولۇشى نامازنىڭ تولۇق .(((»ئادا بولۇشى دېگەنلىكتۇر

  1. نامازغا چىرايلىق كىيىنىپ بېرىش. ئىسلام دىنى گۈزەللىك ۋە پاكىزىلىق دىنى بولغانلىقتىن، ئۇ كىشىلەرنى ھەمىشە مەدەنىيەتلىك ۋە پاكىز بولۇشقا چاقىرىدۇ. خۇسۇسەن، مەسجىدكە بارغاندا كىيىملەرنى تۈزەپ، ئالاھىدە گۈزەل يارىشىملىق ھالدا بېرىش ساۋابتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە

يەنى (ئى ئادەم بالىلىرى﴾ٍايَ بَنيِ آدَمَ خُذُوا زِيْنَتَكُمْ عِنْدَ كُلِّ مَسْجِد﴿ :مۇنداق دەيدۇ! ((().ھەر ناماز ۋاقتىدا چىرايلىق كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار

ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنىدە پىشىن ۋاقتىدا جامائەت بولۇپ _ جۈمە نامىزى ئوقۇلىدىغان ناماز بولۇپ، كىشىلەر بىر يەرگە توپلىنىپ ئوقۇلىدىغان ناماز بولغانلىقى ئېتىبارى بىلەن «جۈمە ئەسلىسى – جۇمۇئە» يەنى (توپلىنىش، جەم بولۇش) دەپ ئاتالغان. جۈمە نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇش پەرز ئەيندۇر. جۈمە نامىزى جۈمە كۈنلۈكتىكى پىشىننىڭ ئورنىغا بەلگىلەنگەن پەرز ئەمەس، بەلكى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل پەرزدۇر. ئەمما جۈمە ئوقۇغان كىشىدىن شۇ كۈننىڭ پىشىن نامىزى ساقىت بولىدۇ. جۈمە نامىزى پىشىن نامىزىدىن ئەھمىيەتلىك ۋە ساۋابى كۆپتۇر. جۈمە نامىزى ھەر قانداق نامازلاردىن ئۇلۇغ ۋە شەرەپلىكتۇر.

جۈمە كۈنىمۇ باشقا كۈنلەردىن ئەلۋەتتە ئۇلۇغ كۈندۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جۈمە نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇش ھەر قانداق مۇسۇلمان كىشىگە پەرزدۇر. پەقەت تۆت خىل كىشىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا: بىراۋنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى قۇل، ئايال، بالاغەتكە .(((»يەتمىگەن بالا ۋە كېسەل كىشى

جۈمە كۈنىنىڭ پەزىلىتى

بۆلۈم: “جۈمە كۈنىنىڭ پەزىلىتى”

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كۈن چىقىپ، پاتقان كۈنلەرنىڭ ئىچىدە جۈمە كۈنىدىن ئەۋزەل كۈن يوقتۇر. جۈمە كۈنىدە بىر ۋاقىت باركى، مۇئمىن بەندە شۇ ۋاقىتنى تېپىپ ئاللاھ تائالادىن ياخشىلىق تىلەپ دۇئا قىلسا ئاللاھ ئۇنىڭ تىلكىنى چوقۇم بېرىدۇ، بىرەر نەرسىدىن ئاللاھقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ: «جۈمە كۈنى كۈنلەر ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى كۈندۇر. بۇ كۈندە ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلغان، بۇ كۈندە ئۇ جەننەتكە كىرگۈزۈلگەن ۋە بۇ كۈندە ئۇ جەننەتتىن چىقىرىلغان.

.(((»قىيامەت چوقۇم جۈمە كۈنلۈكتە بولىدۇ

جۈمە نامىزى ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى

بۆلۈم: “جۈمە نامىزى ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى”

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى يۇيۇنۇپ پاكىز بولغان ھالدا جۈمە نامىزىغا كېلىپ، كۈچى يەتكەنچە سۈننەتلەرنى ئوقۇسا، ئاندىن ئىمامنىڭ خۇتبىسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىسا، ئاندىن ئىمام بىلەن بىرلىكتە جۈمەنىڭ پەرزىنى ئوقۇسا، ئۇ كىشىنىڭ ئۆتكەن جۈمە بىلەن بۇ جۈمە ۋە كېلىدىغان جۈمە ئارىلىقىدىكى، يەنە كېيىنكى ئۈچ كۈندىكى گۇناھلىرى .(((»ھەم خاتالىقلىرى يوققا چىقىرىلىدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «جۈمە كۈنىدە دۇئا ئىجابەت بولىدىغان بىر سائەت باركى، مۇسۇلمان كىشى ناماز ئوقۇغان ھالىتىدە شۇ سائەتنى ئۇچرىتىپ ئاللاھتىن ياخشىلىق سوراپ دۇئا قىلسىلا .(((»ئاللاھ چوقۇم ئۇنىڭغا سورىغىنىنى بېرىدۇ جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەت توغرۇلۇق كۆپلىگەن رىۋايەتلەر بار. ئۆلىمالارنىڭ نەزىرىدە بۇ رىۋايەتلەرنىڭ ئەڭ كۈچلۈكرەكى، جۈمە كۈنىدە دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەت ئىمام خۇتبە ئوقۇش ئۈچۈن .(((مۇنبەرگە چىققان ۋاقتتىن باش لاپ ناماز ئاخىرلاشقانغا قەدەردۇر

جۈمە نامىزى پەرز بولىدىغان كىشىلەر

بۆلۈم: “جۈمە نامىزى پەرز بولىدىغان كىشىلەر”

جۈمە نامىزى تۆۋەندىكى يەتتە شەرت ھازىر بولغان كىشىگە پەرزدۇر:

  1. ئەر بولۇش. ئاياللارغا جۈمە نامىزى پەرز ئەمەس. ئەمما ئوقۇسا ساۋابقا ئېرىشىدۇ.

  2. ھۆر بولۇش. ئەسىر ياكى سوغۇقتا بولغانلارغا جۈمە پەرز ئەمەس

  3. سەپەر ئۈستىدە بولماسلىق. يولۇچىلارغا جۈمە پەرز ئەمەس

  4. ئەما (كۆزى كور) بولماسلىق. كورلارغا جۈمە پەرز ئەمەس

  5. مېيىپ بولماسلىق. جىسمانىي مېيىپ كىشىلەرگە جۈمە پەرز ئەمەس

  6. كېسەل بولماسلىق. ماڭالمايدىغان ئېغىر بىمارلارغا جۈمە پەرز ئەمەس

  7. كۆڭلىدە دۈشمەن ۋەھىمىسى بولماسلىق. جۈمەگە بارسا ھاياتى تەھدىدكە ئۇچراش ئېھتىمالى بار كىشىلەرگە جۈمە پەرز ئەمەس.

جۈمە ئوقۇشى پەرز بولمىغان يۇقىرىقى كىشىلەر ئەگەر جۈمە ئوقۇسا، ئۇلاردىن شۇكۈننىڭ پىشىن نامىزى ساقىت بولىدۇ.

جۈمە نامىزىنىڭ پەرزلىرى

بۆلۈم: “جۈمە نامىزىنىڭ پەرزلىرى”

جۈمە نامىزىنىڭ پەرزى ئىككى بولۇپ: بىرى، جۈمەنىڭ ئىككى رەكئەت پەرزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇش، ئىككىنچىسى، نامازدىن بۇرۇن خۇتبە(ئىككى خۇتبە) ئوقۇلۇشىدىن ئىبارەتتۇر. خۇتبىنى ئاڭلاش پەرزدۇر.

ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش ۋە ئۇنىڭغا ھەمدۇسانا ئېيتىىش _ خۇتبە ﴾ئاللاھنى ياد ئېتىشكە ئالدىراڭلار﴿ دېگەنلىكتۇر. چۈنكى قۇرئان كەرىمنىڭ تىن مەقسەت پۈتۈن تەپسىرشۇناس﴾ياد ئېتىش﴿ دېگەن ئايىتىدىكى ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن خۇتبىدۇر.

خۇتبىنى ئەرەبچە ئوقۇشقا بولغىنىدەك، ھەر مىللەت ئۆز تىلىدا ئوقۇشمۇ جائىزدۇر. خۇتبىنى ئەرەب تىلىدا ئوقۇش شەرت ئەمەس. ھەمدۇسانا بىلەن _ مەرۇپ، ۋەز _ دۇرۇدلارنى ئەرەب تىلىدا ئېيتسىمۇ، خۇتبىدىكى ئەمر نەسىھەتلەرنى جامائەتنىڭ چۈشىنىشى ئۈچۈن ھەر مىللەتنىڭ ئۆز تىلىدا .(((سۆزلىشى تولىمۇ زۆرۈردۇر

جۈمە كۈنىدىكى سۈننەت ئەمەللەر

بۆلۈم: “جۈمە كۈنىدىكى سۈننەت ئەمەللەر”

جۈمە كۈنىدە ياكى جۈمە ئوقۇغۇچى لار ئۈچۈن قىلىش سۈننەت بولغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە:

  1. جۈمە نامىزىغا بېرىشتىن بۇرۇن غۇسلى قىلىش، ئۆزىگە ھەم كىيىملىرىگە خۇشبۇيلارنى چېچىش ۋە چىرايلىق كىيىنىپ بېرىش.

غۇسلى قىلىش ۋاقتى جۈمە كۈنى سەھەردىن جۈمە ۋاقتىغىچە بولۇپ، غۇسلىنى كېچىكتۈرۈپ، جۈمە نامىزىغا بېرىش ئالدىدا قىلىش ئەۋزەلدۇر.

چۈنكى بۇنداق قىلىش يېقىمسىز ھىدلار بىلەن جامائەتنى راھەتسىز قىلماسلىقتىن ئىبارەت غۇسلىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:

.(((»«جۈمە نامىزىغا كەلگەن كىشى يۇيۇنۇپ كەلسۇن ئەمما خۇشبۇي قوللىنىش ۋە چىرايلىق كىيىنىش توغرۇلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى جۈمە كۈنلۈكتە يۇيۇنۇپ، خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئۆزىگە چاچقان ۋە ئەڭ چىرايلىق كىيىمىنى كىيگەن ھالدا، تەمكىنلىك بىلەن مەسجىدكە كەلسە، ئاندىن سۈننەت نامىزىدىن خالىغانچە ئوقۇسا ۋە ھېچكىمگە ئازار بەرمىسە، ئاندىن ئىمام خۇتبىگە باشلىغاندىن نامازغا تۇرغىچە سۆز قىلماي جىم ئولتۇرسا، ئۆتكەن جۈمە بىلەن بۇ جۈمە .(((»ۋە كېلىدىغان جۈمە ئارىسىدىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ

  1. جۈمە كۈنلۈكتە خۇتبىدىن بۇرۇن تۆت رەكئەت، جۈمەنىڭ پەرزىدىن رەكئەت سۈننەت ئوقۇش8 كېيىن تۆت رەكئەت، جەمئى.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە: »«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۈمەدىن ئىلگىرى تۆت رەكئەت سۈننەت ئوقۇيتتى .(((دېيىلگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر جۈمەدىن كېيىن سۈننەت .(((»ئوقۇماقچى بولساڭلار، تۆت رەكئەت ئوقۇڭلار جۈمەدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان سۈننەتنىڭ ئېزى ئىككى رەكئەت، كۆپى ئالتە رەكئەتتۇر. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان.

  1. جۈمە كۈنلۈكتە كەھف سۈرىسىنى ئوقۇش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جۈمە كېچىسىدە (ياكى كۈندۈزىدە) كەھف سۈرىسىنى ئوقۇغان كىشىگە ئۆزى بىلەن ھەرەم ئارىسىدا .(((»بىر نۇر بېرىلىدۇ

  2. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۆپلەپ دۇرۇد ئېيتىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزەل كۈنۈڭلار جۈمە كۈنىدۇر. بۇ كۈندە ماڭا كۆپلەپ دۇرۇد ئېيتىڭلار، ھەقىقەتەن .(((»سىلەرنىڭ ئېيتقان دۇرۇدلىرىڭلار ماڭا كۆرسىتىلىپ تۇرىدۇ


مەنبەلەر ۋە ئىزاھاتلار

بۆلۈم: “مەنبەلەر ۋە ئىزاھاتلار”
يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.