سۈنئىي ئىدراك ئاۋاز مودېلى قوزغىلىۋاتىدۇ. تۇنجى قېتىمدا سەل ۋاقىت ئېلىشى مۇمكىن (تەخمىنەن 5 ~ 15 سېكۇنت)، سەۋر بىلەن كۈتۈپ تۇرۇڭ...
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان 2
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان 2
بۆلۈم: “سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان 2”(ھىجرىيە 245 – 344 / مىلادىيە 859 – 956)
1. تۇنجى مۇسۇلمان تۈرك ھۆكۈمدارى ۋە نەسەبى
بۆلۈم: “1. تۇنجى مۇسۇلمان تۈرك ھۆكۈمدارى ۋە نەسەبى”تۇنجى مۇسۇلمان تۈرك ھۆكۈمدارى ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخاننىڭ ئاتىسى بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ چېگرالىرى ئىچىدىكى كاشغەر ئەتراپىدا ھۆكۈمران بولغان قاراخانىيلار دۆلىتى خان جەمەتىدىن بازىر ئارسلانخاندۇر، بوۋىسى بىلگە مانگۇر (Mangur) قېدىرخاندۇر1. نەسەبى ئافراسىياپ ئىبنى بەسەن ۋاسىتىسى بىلەن تۈرك ئىبنى يافەس ئىبنى نۇھ ئەلەيھىسسالامغا تۇتىشىدۇ.
ھىجرىيە 245-، مىلادىيە 859-يىللىرىدا بىر قاراخانىي شاھزادىسى بولۇپ تۇغۇلغان ساتۇق بۇغراخان دادىسى بازىرخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، تاغىسى ئوغۇلچاق قېدىرخانغا ياتلىق بولغان ئانىسىنىڭ ھىمايىسىدە چوڭ بولدى. 12 ياش ۋاقىتلىرىدا مۇسۇلمان بولۇش بىلەن شەرەپلىنىپ، ئابدۇلكەرىم ئىسمىنى قوللاندى. 25 يېشىدا ئىسلام نېمىتىگە ئېرىشكىنىنى پۈتۈن خالايىققا ئېلان قىلدى. 26 يېشىدا بۇتپەرەس تاغىسىنى ئۆلتۈرۈپ، قاراخانىيلار تەختىنى قولىغا ئالدى ۋە تۇنجى مۇسۇلمان تۈرك ھۆكۈمدارى بولدى. 70 يىل ھۆكۈم سۈردى. ئۇنىڭ دۆلەتنى ياخشى ئىدارە قىلىشى قەۋمىدىن نەچچە مىڭلارچە كىشىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا سەۋەب بولغانىدى. مىلادىيە 955 ياكى 956-يىلى (ھىجرىيە 344-يىلى) كاشغەر يېنىدىكى ئارتۇچ (ئاتۇش) ناھىيىسىدە ۋاپات بولدى ۋە شۇ يەرگە دەپنە قىلىندى.
2. ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى تارىخىي رىۋايەتلەر
بۆلۈم: “2. ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى تارىخىي رىۋايەتلەر”ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخاننىڭ مۇسۇلمان بولۇشى توغرىسىدا تارىخچىلار ھەر خىل مەلۇماتلارنى بەرمەكتە:
-
مۇنەججىمباشىنىڭ بايانى: مۇنەججىمباشى «جامىئۇددۇۋەل» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ:
«قاراخانىيلاردىن تۇنجى مۇسۇلمان بولغان كىشى ساتۇق بۇغراخاندۇر. ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇش سەۋەبى مۇنداق: ئۇ چۈشىدە بىر زاتنى كۆردى. بۇ زات ئۇنىڭغا: ‹مۇسۇلمان بولساڭ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سالامەتلىككە ئېرىشىسەن› دېدى. ساتۇق بۇغراخان چۈشىدە مۇسۇلمان بولدى. ئەتىگىنى ئويغىنىپ، ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلىپ، مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلىدى. ساتۇق بۇغراخان ۋاپات بولغاندا، تەختىگە مۇسا ئىبنى ساتۇق چىقتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ئەلى ئىبنى مۇسا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ناسىر ئارسلان تەختكە ۋارىسلىق قىلدى.»
-
ئىبنۇلئەسىرنىڭ بايانى: ئىبنۇلئەسىرمۇ «ئەلكامىل فىتتارىخ» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە مۇنداق بايان قىلغان:
«ساتۇق بۇغراخان چۈشىدە يېنىغا ئاسماندىن بىر كىشىنىڭ چۈشكەنلىكىنى كۆردى. ئۇ كىشى تۈركچە ئۇنىڭغا: ‹مۇسۇلمان بول، دۇنيا – ئاخىرەتتە سالامەت بولىسەن› دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن چۈشىدە مۇسۇلمان بولغان ساتۇق بۇغراخان ئويغانغان ھامان مۇسۇلمان بولدى.»
-
«تەزكىرەئى ساتۇق بۇغراخان» ھەققىدە: ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخاننىڭ مۇسۇلمان بولۇشى ئۇنىڭ نامىغا بېغىشلاپ يېزىلغان «تەزكىرەئى ساتۇق بۇغراخان» دېگەن ئەسەردىمۇ سۆزلەنگەن. بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورىنىڭ ئەھمەد ئىبنى سەئد ئەرغانىي ئىكەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. پارسچە ۋە تۈركچە كۆپ نۇسخىلىرى بولغان بۇ ئەسەرگە كېيىن ئىشەنچىسىز مەلۇمات ۋە ئەپسانىلەر ئارىلىشىپ كەتكەنلىكتىن، تارىخچىلار تەرىپىدىن ئېھتىيات بىلەن قارىلىپ كەلمەكتە.
-
جامال قارشىينىڭ بايانى («مۇلھەقاتۇس سۇراھ»): ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخان ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئەڭ مۇھىم ۋە ئىشەنچلىك مەنبە جامال قارشىينىڭ «مۇلھەقاتۇس سۇراھ» دېگەن ئەسىرىدۇر. جامال قارشىيمۇ ئەبۇلفۇتۇھ ئابدۇلغافىر ئىبنى شەيخ ئەبۇ ئابدۇللاھ ھۇسەين فەزلىي كاشغەرىينىڭ تارىخىدىن نەقىل قىلىپ، ساتۇق بۇغراخاننىڭ مۇسۇلمان بولۇش سەۋەبىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ.
3. سامانىيلار بىلەن ئالاقە ۋە ئەبۇ ناسىر سامانى بىلەن ئۇچرىشىش
بۆلۈم: “3. سامانىيلار بىلەن ئالاقە ۋە ئەبۇ ناسىر سامانى بىلەن ئۇچرىشىش”جامال قارشىينىڭ بايانى بويىچە ۋەقە مۇنداق يۈز بەرگەن:
سامانىيلاردىن ناسىر ئىبنى ئەھمەد قېرىندىشى بىلەن ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تەخت تالىشىشى ماجراسىدا مەغلۇپ بولۇپ، كاشغەرگە قېچىپ كەلدى ۋە قاراخانىي ھۆكۈمدارى ئوغۇلچاق قېدىرخانغا پاناھلاندى. ئوغۇلچاق قېدىرخان ناسىر ئىبنى ئەھمەدنى ئارتۇچ (ئاتۇش) ناھىيىسىگە ئورۇنلاشتۇردى ۋە ئۇ يەرنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى.
ناسىر ئىبنى ئەھمەد بىر كۈنى ئوغۇلچاق قېدىرخانغا مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن مەسجىد بىنا قىلىش ئۈچۈن بىر ئۆكۈزنىڭ تېرىسى يېتىدىغان بىر پارچە يەر سورىدى. ئوغۇلچاق قېدىرخان بۇ تەلەپنى قوبۇل قىلدى. ناسىر ئىبنى ئەھمەد بىر ئۆكۈز تېرىسىنى تاپتى ۋە ئۇنى ئىنچىكە يىپتەك قىلىپ تىلىپ كېسىپ، ئۇزۇن بىر تانا ياسىدى. ئاندىن ئۇ تانا بىلەن چوڭ بىر پارچە يەرنى قورشاپ ئېلىپ، ئۈستىگە بىر مەسجىد بىنا قىلدى ۋە يېنىغا بىر ساراي سالدى. قاراخانىيلار تۇپرىقىدا قۇرۇلغان تۇنجى مەسجىد مۇشۇ ئىدى.
بۇ ۋاقىتلاردا ئوغۇلچاق قېدىرخاننىڭ جىيەنى ساتۇق بۇغراخان گۈزەل يۈزلۈك، ئەقىللىق، زېرەك ۋە ئۆتكۈر، پاساھەتلىك گەپ قىلىدىغان بىر بالا ئىدى. تاغىسى ئوغۇلچاقخان ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى. ساتۇق بۇغراخان دائىم ئارتۇچقا بېرىپ، ئوۋ ئوۋلايتتى. بىر كۈنى ئوۋدىن قايتىشتا ناسىر ئىبنى ئەھمەدنىڭ مەسجىدتە ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ بىر نەچچە قېتىم رۇكۇ ۋە سەجدە قىلدى. ساتۇق بۇغراخان ئۇنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى ۋە سورىدى: — سەن نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟
ناسىر ئىبنى ئەھمەد جاۋاب بېرىپ: — بىزگە ھەر كۈنى بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇش پەرز (مەجبۇرىيەت) دۇر، — دېدى.
ساتۇق بۇغراخان: — بۇنى كىم پەرز (مەجبۇرىيەت) قىلدى؟ — دەپ سورىدى.
ناسىر ئىبنى ئەھمەد: — ئاللاھ تائالا پەرز قىلدى، — دەپ، ساتۇق بۇغراخانغا ئىمان ۋە ئىسلامنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى، چىرايلىق خۇلق-پەزىلەتلىرىنى، كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىنى بىر-بىرلەپ بايان قىلدى ۋە ئۇنىڭغا: — ئاللاھتىن باشقا ھەق ئىلاھ يوق، ئىبادەت پەقەت ئۇنىڭغىلا قىلىنىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىشەنچلىك ۋە راستچىل بىر پەيغەمبەردۇر، — دەپ، ئىسلام ئەقىدىسىنى قەلبىگە سىڭدۈردى.
4. ئىمان ئېيتىش ۋە تەختكە ئولتۇرۇش
بۆلۈم: “4. ئىمان ئېيتىش ۋە تەختكە ئولتۇرۇش”ساتۇق بۇغراخاننىڭ قەلبىدە ئىمان نۇرى پارلىدى. ئۇ ئىسلامنى چىن دىلىدىن قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولدى ۋە ئىسمىنى ئابدۇلكەرىمگە ئۆزگەرتتى. بارلىق گۈزەل خىسلەتلەرنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغان ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخان كۈندۈزلىرى تاغىسىنىڭ كۆزىچە بۇتپەرەس كىشىلەردەك، كېچىلىرى بولسا ھەقىقىي مۇسۇلماندەك ياشاپ، يوشۇرۇنچە نامازلىرىنى ئادا قىلدى، ئىسلام ئەھكاملىرىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى.
ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخان 25 ياشلارغا كىرگىنىدە ئىسلام ئىلىملىرىنى مۇكەممەل ئىگىلەپ بولغانىدى. مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئەتراپىدىكى يېقىن كىشىلىرىگە بىلدۈردى. نەتىجىدە 50 كىشى ئۇنىڭ دەۋىتى بىلەن مۇسۇلمان بولدى. ئۇلار يوشۇرۇنچە كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان مۇسۇلمانلار بىلەن تاغىسىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا پىلان تۈزدى.
ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخان ئەتراپىدىكى مۇسۇلمان ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە بىر كېچىدە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، قاراخانىيلار ئوردىسىنى قولغا ئالدى. بۇتپەرەس تاغىسى ئوغۇلچاقخان يوقىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن ھىجرىيە 271-يىلى (مىلادىيە 885-يىلى) ساتۇق بۇغراخان قاراخانىيلار تەختىگە چىقىپ، ھۆكۈمرانلىقنى رەسمىي قولىغا ئالدى ۋە ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلدى.
5. دەۋەت ۋە تارىخىي فەتھىلەر
بۆلۈم: “5. دەۋەت ۋە تارىخىي فەتھىلەر”ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخان مۇسۇلمان بولغىنىدىن كېيىن، ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ھەرىكەت باشلىدى. تۈرك ئەللىرىنى ئارىلىدى، خەلققە تەۋھىد ئەقىدىسىنى، ئىسلامنىڭ ھەقىقەتلىرىنى بايان قىلدى.
ساتۇق بۇغراخان تۈركلەرگە ئىسلامىيەتنى چۈشەندۈرۈپ تارقىتىشتا ئانچە كۆپ قىيىنچىلىق تارتىپ كەتمىدى. چۈنكى تۈركلەرنىڭ ئەسلى ئېتىقادى بولغان كۆكتەڭرى ئېتىقادىدا بىرلا تەڭرىگە ئىشىنىش بار بولۇپ، ئىسلام ئەقىدىسىدىكى ئاللاھنىڭ بىرلىكى (تەۋھىد) بىلەن كۆپ جەھەتتىن ئوخشىشاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسلامنىڭ ئادالەت، ئەركىنلىك، پاكلىق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك پرىنسىپلىرى تۈركلەرنىڭ مىجەز-خاراكتېرىگە ئىنتايىن ئۇيغۇن كېلەتتى. شۇڭلاشقا خەلق توپ-توپى بىلەن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى.
ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخاننىڭ مۇسۇلمان بولۇشى ۋە دۆلىتىدە ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلدۇرۇشى پۈتۈن تۈرك-ئىسلام تارىخىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى. ئۇ قاراخانىيلار تەختىگە چىققاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا ۋەسىلە بولغان سامانىيلارغىمۇ ياردەم قىلدى:
- ئىبنى خەلدۇننىڭ «ئەلئىبەر» ئاتلىق ئەسىرى ۋە جامال قارشىينىڭ «مۇلھەقاتۇس سۇراھ» ناملىق ئەسىرىدىكى خاتىرىگە قارىغاندا، مىلادىيە 915-يىلى (ھىجرىيە 303-يىلى) ھەسەن ئىبنى قاسىم ئەددائىي تەرىپىدىن جۇرجانغا ۋالىي قىلىپ تەيىنلەنگەن لەيلا ئىبنى نوئمان سامانىيلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئەتراپىغا زور كۈچ توپلىغان ۋە خۇراسان مەركىزى نىشاپۇرنى ئىشغال قىلغانىدى.
- سامانىيلار ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخاندىن ياردەم سورايدۇ. ساتۇق بۇغراخان مىلادىيە 921-يىلى (ھىجرىيە 309-يىلى) لەيلا ئىبنى نوئماننىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئامىد شەھىرىدە ئۇنى قەتئىي مەغلۇپ قىلىپ، ئىسياننى باستۇردى.
ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخان كېيىنكى يۈرۈشلىرىدە ياغما، چىگىل، ئوغۇز قەبىلىلىرى يەرلەشكەن تۈركىستان شەھەرلىرىنى بىر-بىرلەپ دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرگۈزدى. ئىسلام دىنىنى كېڭەيتىش ۋە تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىدا مەشھۇر ئالىملاردىن بولغان ئەبۇلھەسەن مۇھەممەد ئىبنى سۇفيان كالاماتى (Kalamati) خۇراسانىينىڭ ئىلىم-مەرىپىتىدىن كەڭ دائىرىدە پايدىلاندى.
مىلادىيە 942-يىلى (ھىجرىيە 332-يىلى) بالاساغۇن ئەتراپىدىكى تاجاۋۇزچى كۈچلەرگە قارشى مۇسۇلمانلار قوشۇنى بىلەن جەڭ قىلىپ يۈكسەك غەلىبە قازاندى ۋە تۈركىستان زېمىنىنى بىرلىككە كەلتۈردى.
6. ۋاپاتى ۋە ۋارىسلىرى
بۆلۈم: “6. ۋاپاتى ۋە ۋارىسلىرى”ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخان دەۋرىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغۇللىرىنىڭ دەۋرىدىمۇ قاراخانىيلار دۆلىتىگە ماۋەرائۇننەھر ۋە خۇراساندىن نۇرغۇنلىغان ئىسلام ئالىملىرى، پېقىھلار ۋە مۇھەددىسلەر كېلىپ، ئىسلام تەلىماتىنىڭ ئەڭ توغرا يولدا يىلتىز تارتىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى.
ئابدۇلكەرىم ساتۇق بۇغراخان مىلادىيە 955 ياكى 956-يىلى (ھىجرىيە 344-يىلى) ئاتۇشتا ئالەمدىن ئۆتتى ۋە شۇ جايدىكى خان جەمەتى مازارلىقىغا دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭدىن كېيىن تەختكە ئوغلى مۇسا تۇڭا (مۇسا ئىبنى ئابدۇلكەرىم بۇغراخان) چىقتى. مۇسا تۇڭادىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى بايتاش سۇلايمان ئارسلان2 ھۆكۈمدارلىق قىلدى. ساتۇق بۇغراخاننىڭ باشقا پەرزەنتلىرىمۇ كېيىنكى قاراخانىيلار دەۋرىدە دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئىشلىرىدا يېتەكچىلىك رول ئوينىغان.
پايدىلانغان مەنبەلەر
بۆلۈم: “پايدىلانغان مەنبەلەر”- جامال قارشىي: «مۇلھەقاتۇس سۇراھ» (ۋ. ۋ. بارتولد نەشرى، سانكت-پېتېربۇرگ)، 130-، 135-بەتلەر.
- مۇنەججىمباشى: «جامىئۇددۇۋەل»، 240-، 1030-بەتلەر.
- ئىبنۇلئەسىر: «ئەلكامىل فىتتارىخ».
- ئىبنى خەلدۇن: «ئەلئىبەر»، 4-توم، 339-بەت.
- Rehber Ansiklopedisi: 17-توم، 147-بەت؛ 9-توم، 249-بەت.
- مەھمەد ئاتىف: «كاشغەر تارىخى»، ئىستانبۇل، ھ. 1300، 52-بەت.
- مەنبە تورى: ehlisunnetbuyukleri.com («İslam Tarihi Ansiklopedisi / Detay: Abdülkerim Satuk Buğra Han»).
- ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: يۇلتۇز (ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى، p=3693).