مۇقەددىمىلەر ۋە ئاپتور ھەققىدە
بىرىنچى نەشرىنىڭ مۇقەددىمىسى بسم اھاللائ الرمن الرم با ر چە مەدھىيە ۋە ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ۋە مۆمىنلەرنىڭ مەدەتكارى، ئىنسانلارنى ئەر - ئايال قىلىپ يارىتىپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا مېھرى – مۇھەببەت ئادا قىلغان جانابى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالاغا مەۋجۇداتنىڭ سانىچە ھەمدۇ سانا ئېيتىمەن. ھەق دىننى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنى كۇپرى، زالالەت ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىمان، ھىدايەت ۋە ھەقىقەتنىڭ نۇرىغا يېتەكلىگەن ۋە ئۇلارغا ئىنسانى ئالىي پەزىلەتلەرنى ئۆگەتكەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ بىزلەرگىچە يەتكۈزگەن ساھابىلىرىغا، شۇنداقلا تا قىيامەتكىچە ھەق يولدا يۈرگەن مۆمىنلەرگە سالام يۋللايمەن. ئىسلام دىنى ئىنسانلار جەمئىيىتىنى ھەرتۈرل ۈك ئىللەتلەر ۋە خۇ راپاتلىقىدىن ئازاد قىلىپ، ئۇنى ئىسلاھ قىلىپ، تە رە ققىي قىلدۇرۇشقا چاقىرىدىغان ئەڭ ئىلغار، مەدەنىي ۋە ئىلمىي بىر دىندۇر. ئائىلە ھاياتىمۇ ئىجتىمائىي ھايات بولغاچقا، جەمئىيەت ھاياتىنىڭ ئاساسلىق تەركىبىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇڭا جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇنى تە رە ققىي قىلد ۇرۇ شتا ئىشنى ئالدى بىلەن ئائىلىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئائىلە ھەرقانداق ئىنساننىڭ ئىپتىدائى مە كتىپى بولۇپ، ئۇنىڭ جەمئىيەتكە ۋە خەلققە پايدىلىق بولۇپ چىقىشى پەقەت
ئۇنىڭ ئائىلىسىدە كۆرگەن تۇ نجى تەربىيە سىگە باغلىقتۇر، ياخشى ئائىلە ياخشى ئىنسانلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ. ئىسلام دىنى يۇ قىرىسى دۆلەت تۆۋىنى ئائىلە ھاياتىغىچە بولغان ھەر قانداق ئىجتىمائىي ھايات ئۈچۈن مەلۇم قانۇن تۈزۈم ۋە پىرىنسىپلەرنى بېكىتكەن. ئائىلە ھاياتىدىمۇ مەلۇم قانۇن تۈزۈملەر ۋە پىرىنسىپلار بار. ئائىلە ھاياتىنىڭ بەختلىك ھەم خاتىرجەم ھالدا داۋام قىلىشى ئۈچۈن دىنىمىزدا كۆرسىتىلگەن ئائىلە تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلىشىمىز تۋلىمۇ مۇھىمدۇر. مەملىكىتىمىزدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ياكى تەرجىمە قىلىنغان دىنىي ئەسەرلەرنىڭ يېتەرلىك بۋلمىغانلىقىدىن مۇسۇلمانلا رنىڭ بۇ ئەسەرلەرگە بولغان ئېھتىياجى ئىنتايىن كۆپ، بۋلۇپمۇ ئائىلە ھاياتى ھەققىدە نۋپۇزلۇق بىرەر كىتابنىڭ بۋلمىغانلىقى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئائىلە مەسىلىلىرىدىكى بىلىشى ئىنتايىن زۆرۈر بولغان قائىدە تۈزۈملەردىن خەۋەرسىز قېلىشىىغا سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە. ھۆرم ەتلىك كىتابخان! قۋلىڭىزدىكى » ئىسلامدىكى ئائىلە تۈ زۈ مى « ناملىق كىتابنى يۇقىرىقى بۋشلۇقنى ئازراق بولسىمۇ تۋلدۇرۇش نىيىتىدە، سەۋىيەمنىڭ يېتەرسىزلىكىگە قارىماي مۇسۇلمانلارغا پايدىسى بولۇپ قالار، دېگەن ئۈمىد بىلەن يېزىپ چىقتىم. بۇ كىتابنى يېزىپ چىقىشتا قۇرئان كەرىم بىلەن سە ھىھ ھەدىسلەرنى ۋە ئائىلە ھەققىدە يېزىلغان نۋپۇزلۇق كىتابلارنى مەنبە قىلدىم. كىتابنىڭ ئىخچام ۋە سىستې مىلىق بۋلۇشى ئۈچۈن ماۋزۇلارنى مۇمكىن قەدەر ئىخچاملاشقا تىرىشتىم، شۇنداقلا ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ ئەرەبچە تې كىستلىرىنى
كەلتۈرمەستىن ئۇلارنىڭ ئۇي غۇرچە مەنىلىرىگە كۇپايە قىلدىم. ، سەۋىيەمنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە تەجرىبەمنىڭ يۋقلىقىدىن بۇ كىتابنى تۈ رل ۈك سەۋەنلىكلەردىن خالىي دېگىلى بولمايدۇ. كىتابخانلىرىمىزنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىنى سۋرايمەن. مۇھەممەد يۈسۈ پم . تۇرسۇن 5991 - يىلى 51 - ماي ئالمۇتا - قازاقىستان.
ئىككىنچى نەشرىنىڭ مۇقەددىمىسى بسم اھاللائ الرمن الرم بارچە ئېسىل ماختاشلار ۋە مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىنسانلارنىڭ رەببى ۋە مۆمىنلەرنىڭ مەدەتكارى جانابى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالا جىمى كەمچىلىك ۋە نۇ قسانلاردىن پاكتۇر. ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز ۋە يۋلباشچىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇ رۇ ت ، دۇئا ۋە سالاملىرىمنى يۋللايمەن. ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە ئۇنىڭ يولى ئەگەشكەن مۆمىنلەرگە مەڭگۈلۈك ئامانلىق تىلەيمەن. ئائىلە ھەرقانداق جەمئىيەتنىڭ ئاساسىدۇر. ئائىلىدىن سۆزئ اچقىنىمزدا ئاياللارنىڭ ئائىلە ھاياتىدىكى رۋلى بىرىنچى بولۇپ كېلىدۇ. چۈنكى ئاياللار جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ئانىلىرىدۇر. ئاتاقلىق ئالىملار، سىياسىيۋنلار ، ئىجادكارلار ۋە باشقىمۇ ئەربابلارنىڭ ھەممىسى ئاۋۋال شۇ ئانىلار مە كتىپىنى پۈتتۈرۈپ چىقىدۇ. ئاياللار مەسىلىسى ھەرقانداق ئاتا ۋە بالىنىڭ مەسىلىسى بولۇپ، بۇ دۇنيادا ئاتا بالا مەۋجۇتال ئىكەن، ئانىلارغا بولغان سانسىز ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام مەۋجۇت دېمەكتۇر. دىن دۈشمەنلىرى مۇقەددەس دىنىي ئېتىقادىمىزغا ۋە ئىسلامىي ئەنئەنىلىرىمىزگە ھۇجۇم قىلىشتىكى بۋشلۇقنى ئاياللاردىن تاپقان بولۇپ، ئۇلارنى ئازدۇرۇش ئارقىلىق كېلەچەكنىڭ ئىگىلىرى بولغان ياش نەسىللەرنى يۋلدىن چىقىرىشنى مەقسەت قىلماقتا. ئاياللار جەمئىيەت ھاياتىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلغاندىمۇ، ئۇلار ئەرلەرگە نىسبەتەن يەنىلا سالماقلىقنى ئىگىلەيدۇ. بالىلارمۇ ئانىلارنىڭ دىيانىتى ۋە ئەخ القىنى ئەڭ ئاۋۋال ئۆزلىرىگە يەرلەشتۈرىدۇ. چۈ نكى ، ئانىلار
بىرىنچى مۇئەللىملەردۇر.
» ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈ مى « ناملىق بۇ كىتاب 6991 يىلى
ئىستانبۇلدا تۇ نجى قېتىم نە شر قىلىنغان بولۇپ، قۋلىڭىزدىكى ئىككىنچى قېتىملىق نەشرىگە 04 تىن كۆپرەك يېڭى ما ۋزۇلارنى كىرگۈزدۈ م، ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ماۋزۇلارنى سەۋىيەمنىڭ يېتىشىچە كېڭە يتتى م . ئاخىرىدا، بۇ كىتابنىڭ نەشرى ئۈچۈن ماددىي ياردىمىنى ئايىمىغان مەرھۇم ئابدۇقادىر ئەھمەد ھاجىمغا رەھمەت ئېيتىمەن. بىلگەنگە ئۋخشايمەن، بىلگەنچە بىراق، پاراسەت بابىدا ئەمەسمەن ئۋيغاق. ئوقۇدۇم يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ ئۇزاق، بىلمەيمەن يېزىشنى ھەرقاچان قايناپ. ۋەلېكىن يازدىممەن، بىلگەننى تۇتۇپ، ياشلى قىم كەتمىسۇن، مەنىسىز ئۆ تۈ پ . بىلگىنىم ئاز بىراق، ھىممىتىم كۆپتۇر، يازدىممەن ئاللاھتىن ياخشىلىق كۈتۈپ. مۇھەممەد يۈسۈ پم . تۇرسۇن 9991 يىل 03 ئىيۇل مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئە رە بىستان
ئۈچىنچى نەشرىنىڭ مۇقەددىمىسى بسم اھاللائ الرمن الرم ئىنسانلارغا ئائىلە قۇرۇشتىن ئىبارەت چوڭ نېمەتنى ئاتا قىلىپ، ئەر - ئايال ئىككىسىنىڭ ئۋتتۇرىسىغا مېھىر - مۇھەببەت ۋە سۆيگۈنى سالغان، ئائىلە ھاياتىنى بۇ ئۇلۇغ سۆيگۈنىڭ سېھرى ي كۈچى بىلەن بەخت - سائادەتلىك ۋە ھۇزۇر - ھالاۋەتلىك قىلىپ بېيىتقان ئۇلۇغ ئاللاھ تائالانى مە دھىي ەل ە يم ەن ۋە ئۇنى چىن يۈرىكىمدىن ئۇلۇغلايمەن. يېگانە رەھبىرىمىز ۋە يۋلباشچىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇ رۇ ت ، دۇئا ۋە سالاملىرىمنى يۋللايمەن. ئۇنىڭ ئائىلە ت اۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە ئۇنىڭ يولى ئەگەشكەن مۆمىنلەرگە مەڭگۈلۈك ئامانلىق تىلەيمەن. ئائىلە ھەرقانداق بىر جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق تېرىكى . ئىنسانلارنىڭ جەمئىيەتكە، ئۋمۇم خەلققە پايدىلىق بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدە ئالغان تۇنجى تەربىيە سىگە باغلىق. شۇ سەۋەبتىن ئىسلام دىنىمىز ئائىلىگە ۋە ئائىلە تەربىيە سىگە زۋر ئەھمىيەت بەرگەن، ئائىلە تە ربىيەسىنى ئەڭ ئالدىنقى ئۋرۇنغا قۋيغان. ئائىلە نىزامى، ئائىلە تە ربىيەسى ۋە ئەر - ئايالنىڭ، بالىلارنىڭ ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ، شۇنداقلا ئۇرۇق - تۇغقانلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرى تۋغر ۇل ۇ قمۇ كەلگەن ئايەتلەر ۋە ھەدىسلەر ئىنتايىن كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ. ئىسلام دۇنياسىدا ئائىلە نىزامى ۋە ئائىلە تە ربىيەسى ھەققىدە ئۆ تمۈ شتىن تا ھازىرغىچە يېزىلىپ كېلىۋاتقان ئىسلامىي ئەسەرلەر
ناھايىتى كۆپ ، ھەتتا ئىسلام ئۈممىتىدىن ھەر بىر مىللەتنىڭ بۇ ماۋزۇدىكى ئىسلامىي ئەسەرلىرى سان - ساناقسىز بولۇپكە لمە كتە . ئەپسۇسكى، بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزدا يېزىلغان ئىسلامىي ئەسەرلەر يۋقنىڭ ئورنىدا بولۇپ كەلمەكتە. ئۆتمۈشتە ئۇيغۇرلاردىن دۇنياغا تۋنۇلغان كاتتا ئالىملار ئاز بۋلمىغان بولسىمۇ، ئۇلار ئەسەرلىرىنى ئەرەبچە ياكى پا رسچە يازغان ئىكەن. پەقەت 02 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن ئۋت يۈرەك ئالىم مەرھۇم ئابدۇلقادىر داموللام باشچىلىقىدىكى مىللىي ئۋيغىنىش ۋە ئىسلاھات سايىسىدا ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان دىنىي ئەسەرلەر بارلىققاكە لگە نىدى . ئەمما ئائىلە نىزامى ۋە ئائىلە تە ربىيەسى ھەققى دە ئۇيغۇر تىلىدا بىرەر ئەسەر يېزىلىپ باقمىدى. شۇ سەۋەبتىن » ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى « ناملىق بۇ ئەسەرنى زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم دەپ ئۋيلايمەن.
» ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈ مى « ناملىق بۇ كىتاب تۇ نجى قېتىم 6991
يىلى، ئىككىنچى قېتىم 200 2 - يىلى ئىستانبۇلدا نە شر قىلىنىپ تارقىتىلغان . قۋلىڭىزدىكىسى كېڭەيتىلگەن نۇسخىسى بولۇپ، بىر قانچە يېڭى ماۋزۇلارنى كىرگۈزدۈم. بۇ ئىشىمنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ياخشى ئەمەل قاتارىدا قوبۇل بۋلۇشىنى تىلەيمەن. مۇھەممەد يۈسۈ پم . تۇرسۇن 92 / 40 / 1341 - ھىجرى 51 / 40 / 0102 - مىلادى
تۆتىنچى نەشرىنىڭ مۇقەددىمىسى بسم اھاللائ الرمن الرم ئەڭ گۈزەل ماختاش ۋە ئەڭ ئېسىل مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە پەرۋىشچىسى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالانى چىن يۈرەكتىن مەدھىيىلەيمەن ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىمەن. ھەق دىننى بى زلەرگە يەتكۈزگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد، دۇئا ۋە سالام يۋللايمەن. ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە تا قىيامەتكىچە ئۇنىڭ يۋلىدا ماڭغان مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا بەخت - سائادەت تىلەيمەن. ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئۇل تېمى ۋە ئىنسان ھاياتىنىڭ داۋام قىلىشىنىڭ سىرىدۇر. ئاللاھ تائالادىن كەلگەن دىنلارنىڭ ھەممىسى ئائىلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ۋە بارلىق دەۋەتنى ھەم ئىسلاھاتنى ئەڭ ئاۋۋال ئائىلىدىن باشلىغان. ھازىرقى زاماندىمۇ ئائىلە ئەھمىيەت جەھەتتە ئەڭ ئالدىنقى ئۋرۇندا تۇرىدىغان دۇنياۋى مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا. چۈنكى قۇرئان كەرىم : سىلەر ئىنسانلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئۋتتۇرىغا چىقىرىلغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر دېگەن ئايەتتە مەقسەت قىلغان ياخشى ئۈممەت بىلەن پەيلاسوپلار ئارمان قىلغان » پەزىلەتلىك جەمئىيەت « ئەنە شۇ ئائىلىدىن چىقىدۇ. يەنى ياخشى ئائىلىدىن ياخشى ئۈممەت،
پەزىلەتلىك ئائىلىدىن پەزىلەتلىك ئىنسانلار ئۋتتۇرىغا چىقىپ، ياخشى ۋە پەزىلەتلىك جەمئىيەتنى تەشكىل قىلىدۇ. كۈچلۈك ۋە پەزىلەتلىك ئائىلە ئۆزى چىقارغان پائالىيەتچان ئەزالىرى بىلەن جەمئىيەتنى كۈچلەندۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا كېرەكلىك ھەسسىلەرنى قۋشالايدۇ. چۈنكى ئائىلە ھەر قانداق بىر جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تايانچىدۇر. ئائىلە ئەنە شۇنداق ئەھمىيەتلىك بىر مۇئەسسەسە بولۇپ، ئائىلە ھەققىدە قانچىلىك كۆپ ياز ساق مۇ، ئۇنىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتىگە بولغان زۋر ئەھمىيىتىنى ۋە تەسى رىنى تۋلۇق پابان قىلىپ بۋلۇشىمىز ناتايىن. ھۆرمەتلىك كىتابخان! قۋلىڭىزدىكى » ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى « ناملىق بۇ ئەسەر 0102 - يىلى قايتا رەتلىنىپ نەشر قىلىنغان ئۈچىنچى نۇسخىسىغا ئاساسەن نەشرگە تەييارلاندى. بەزى مۇھىم دەپ قارالغان يېڭى ماۋزۇلار قۋشۇلدى. كىتا بنىڭ تۈزۈلىشى تۆۋەندىكىچە بولدى:
بىرىنچى بۆلۈم: ئائىلىنىڭ قۇرۇلۇشى
ئىككىنچى بۆلۈم: ئەر - ئاياللىق ھايات
ئۈچىنچى بۆلۈم: ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇشى
تۆتىنچى بۆلۈم: ئاتا - ئانىلار ھەققىدە
بەشىنچى بۆلۈم: بالىلار ھەققىدە
بۇ ئەسەرنىڭ ھەربىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە بىر نۇسخىدىن بۋلۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن. جانابى ئاللاھ تائالادىن بۇ ئاددىي ئەمگىكىمنى
ئاخىرەتتە ئەسقاتىدىغان ياخشى ئەمەللەر قاتارىدا قوبۇل قىلىشىنى تىلەيمەن. مۇھەممەد يۈسۈ پم . تۇرسۇن 41 / 11 / 4 341 - ھىجرى 02 / 90 / 3102 - مىلادى
ئاپتۋر ھەققىدە مۇھەممەد يۈسۈپ 8691 - يىلى خۋتەن ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ تۋلۇقسىز ئۋتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا قارىيلىققا كىرىشكەن بولۇپ، كىچىك يېشىدىلا قۇرئان كەرىمنى يادلاپ بولغان. 4891 - يىلى ناھىيىلىك چوڭ جامىدە تۇنجى خەتمىنى ئۋقۇغاندا كىشىلەرنىڭ زۋقىنى قۋزغىغان. 4891 - ۋە 5891 - يىللار ئارىسىدا يۋشۇرۇن مەدرىسەدە ئەرەب تىلى ئۆگىنىشكە باشلاپ، دەسلەپكى ساۋادىنى چىقارغاندىن كېيىن، 6891 - يىلى 6 - ئايدا چەت ئەلدە ئىلىم تەھسىل قىلىش مەقسىتى بىلەن ۋەتەندىن ئايرىلغان ۋە شۇ يىلى ھەج پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولۇپ، مىسىرغا ئۋقۇشقا كەتكەن. 6891 - يىلى 9 - ئايدا مىسىرئ ەزھەر بىلىمگاھىنىڭ تەييارلىق سىنىپىغا ئۋقۇشقا كىرىپ، شۇ يىلنىڭ ئاخىرى تۋلۇق ئۋتتۇرىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن. تۋلۇقنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى يىللىقىنى ئوقۇپ بولۇپ، مۇسابىقە ئارقىلىق تۆتىنچى يىللىققا ئاتلىغان. شۇنداق قىلىپ 4 يىللىق تۋلۇق ئۋتتۇرىنى 3 يىلدا پۈتت ۈرگەن. 9891 - ئەزھەر ئۇنىۋېرستېتىنىڭ شەرىئەت ۋە قانۇن فاكۇلتېتىغا قۇبۇل قىلىنىپ، 3991 - يىلى تاماملىغان. 3991 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 5991 - يىلىنىڭ بېشىغىچە تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى » ئۈسكۈدار رايۋنلۇق قۇرئان يادلاش مەدرىسەسى « دە ئەرەب تىلى ۋە قىرائەتتىن دەرس بەرگەن.
5991 – يىلىدىن 1002 - يىلىغىچە قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا
بۆلۈم: “5991 – يىلىدىن 1002 - يىلىغىچە قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا”شەھىرىدىكى » قازاق - تۈرك ئىنىستتۋتى « دا ئەرەب تىلىدىن مۇئەللىم
بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا قازاقىستاننىڭ جۇمھۇرىيەتلىك گېزىتلىرىدىن » ئۇيغۇر ئاۋازى « ۋە » يېڭى ھايات « گېزىتلىرىدە دىنىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدە نۇرغۇن ماقالە يېزىپ ئېلان قىلغان. 1002 - يىلىدىن بىرى سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئۋسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىدە بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ پىكىر - قارىشى مۇھەممەد يۈسۈپ دىنىي جەھەتتە ئۋتتۇراھاللىقنى ئاساس قىلغان ئىلغار پى كىر - قاراشقا ئىگە بولۇپ، رادىكاللىقتىن ۋە چەكلىك مۇھىت تەسىرىدىن ئەلۋەتتە يىراقتۇر. تىنىمسىز ئىزدىنىش رۋھىغا ئىگە مۇھەممەد يۈسۈپ ھازىرغىچە 02 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يازغاننىڭ سىرتىدا، ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا 01 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب تەرجىمە قىلغان ھەمدە ھەر قايسى تۋر بەتلىرىدە 001 پارچىدىن كۆپرەك ماقالە ئېلان قىلغان. ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ نەشر قىلىنىپ بولغان ئەسەرلىرى: 1 . » ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى « بىرىنچى نەشرى 6991 يىلى، ئىككىنچى نەشرى 2002 يىلى ئىستانبۇلدا، ئۈچىنچى نەشرى 0102 - يىلى بەيرۇتتا نەشر قىلىنغان. 2 .» ئىسلام ئەقىدىلىرى « بىرىنچى نەشرى 7991 يىلى )ئۇيغۇر سىالۋيان يېزىقىدا( ئالمۇتىدا، ئىككىنچى نەشرى 8991 يىلى قەشقەردە، ئۈچىنچى نەشرى 3002 يىلى قازاق تىلى دا ئالمۇتا، تۆتىنچى نەشرى
4002 يىلى ئىستانبۇلدا، بەشىنچى نەشرى 5002 - يىلى )ئۇيغۇر سىالۋيان يېزىقىدا( ئالمۇتىدا، ئالتىنچى نەشرى 6002 - يىلى قازاق تىلىدا ئالمۇتىدا، يەتتىنچى، سەككىزىنچى ۋە تۋققۇزىنچى نەشلىرى 8002 - 9002 - ۋە 0102 - يىللىرى ئالمۇتىدا ئارقا - ئارقىدىن )ئۇيغۇر سىالۋيان يېزىقىدا( نەشر قىلىنغان . 3 . » ناماز ۋە ئۇنىڭ قائىدە تەرتىپلىرى « بىرىنچى نەشرى 8991 يىلى )ئۇيغۇر سىالۋىيان ۋە ئەرەب يېزىقلىرىدا( ئالمۇتىدا، ئىككىنچى نەشرى 7002 - يىلى ئىستانبۇلدا، ئۈچىنچى نەشرى 8002 - يىلى، تۆتىنچى نەشرى 2102 - يىلى بەيرۇتتا نە شر قىلىنغان. 4 . » ناماز ھەققىدە ساۋات « بىرىنچى نەشرى 8991 يىلى، ئىككىنچى نەشرى 6002 - يىلى، ئۈچىنچى نەشرى 8002 - يىلى، تۆتىنچى نەشرى 9002 - يىلى، بەشىنچى نەشرى 0102 - يىلى )ئۇيغۇر سىالۋيان يېزىقىدا( ئالمۇتىدا بېسىلغان. 5 .» رۋزا ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى « بىرىنچى نەشرى 999 1 يىلى ئەرەب ۋە سىالۋىيان يېزىقلىرىدا ئالمۇتىدا، 4002 - يىلى ئىككىنچى نەشرى ئىستانبۇلدا بېسىلغان. 6 .» دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قۋغدايلى « ) يېڭى ھايات ۋە ئۇيغۇر ئاۋازى گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرىنىڭ تۋپلىمى(، بىرىنچى نەشرى 9991 - يىلى، ئىككىنچى نەشرى 500 2 - يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان. 7 .» زاكات كىتابى « بىرىنچى نەشرى 3002 يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان. 8 . » دۇئا ۋە ئۇنىڭ پەزىلەتلىرى « بىرىنچى نەشرى 4002 - يىلى
ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان. 9 .» ئىلاھىي قۋرغان « بىرىنچى نەشرى 5002 يىلى، ئىككىنچى نەشرى 6002 - يىل ى، ئۈچىنچى نەشرى 0102 - يىلى ئىستانبۇلدا ، تۆتىنچى نەشرى 2102 - يىلى بەيرۇتتا نەشر قىلىنغان. 01 .» غەرب مەدەنىيىتى ۋە بىز « 4002 يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان. 11 . » ھەج ۋە ئۆمرە قۋللانمىسى « بىرىنچى نەشرى 5002 - يىلى ئىستانبۇلدا، ئىككىنچى نەشرى 7002 - يىلى رىيا د، ئۈچىنچى نەشرى 9002 - يىلى )ئۇيغۇر سىالۋيان يېزىقىدا( ئالمۇتىدا، تۆتىنچى نەشرى 1102 - يىلى مەككىدە نەشر قىلىنغان. 21 . » ئىسلامدىكى ھارام ۋە چەكلەنگەن ئىشلار « بىرىنچى نەشرى 9002 - يىلى ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىدا ئىستانبۇلدا، ئىككىنچى نەشرى 0102 - يىلى )سىالۋيان يېزى قىدا( ئالمۇتىدا نەشر قىلىنغان. 31 . » بەش پەرز ۋە ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى « 6 كىتابنىڭ تۋپلىمى بولۇپ، 9002 - يىلى بەيرۇتتا نەشر قىلىنغان. 41 . » ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن دىنىي ساۋات « بىرىنچى نەشرى 9002 - يىلى بەيرۇتتا قاتتىق مۇقاۋىلىق قىلىپ بېسىلغان. قىسقارتىلغان ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى نەشرلىرى 2102 - يىلى بەيرۇتتا ۋە ئىستانبۇلدا، تۆتىنچى نەشرى 3102 - يىلى )ئۇيغۇر سىالۋيان يېزىقىدا( ئالمۇتىدا، بەشىنچى نەشرى 3102 - يىلى مەككىدە نەشر قىلىنغان. 51 . » دىن ۋە ھايات ) 0061 سۋئالغا جاۋاب( « 9002 - يىلى بەيرۇتتا نەشر قىلىنغان. كېيىنچە تۋلۇقلىنىپ، » دىن ۋە ھايات) 0002 سۋئالغا
جاۋاب( « دېگەن ئىسىم بىلەن ئىككىنچى نەشرى 0102 - يىلى، ئۈچىنچى نەشرى 1102 - يىلى بەيرۇتتا، ئۈچىنچى نەشرىنىڭ ئۇيغۇر سىالۋيان يېزىقىدىكى نۇسخىسى 3102 - يىلى ئالمۇتىدا ، تۆتىنچى نەشرى 3102 - يىلى بەيرۇتتا ئىككى تۋملۇق نەشر قىلىنغان. 61 . » ئىسال م ئەخلاقى « بىرىنچى نەشرى 0102 - يىلى بەيرۇتتا نەشر قىلىنغان. 71 . » ھەج بەدەل تىجارىتىنىڭ ھاراملىقى ھەققىدە ئۋچۇق سۆز « 2102 - يىلى بەيرۇتتا نەشر قىلىنغان. 81 . » پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق تەربىيەلەيمىز؟ « 3102 - يىلى بەيرۇتتا نەشر قىلىنغان . 91 . » مانا بۇ ئىسلام «. نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ئەسەرلىرى: 1 .» قۇرئان ئوقۇش قائىدىلىرى «. 2 . » غۇربەتتىكى ياشلىق « )شېئىرلار تۋپلىمى(. 3 .» يۈرەك سىرى «) شېئىرلار تۋپلىمى(. 5 .» قۇرئان كەرىم بىزنىڭ نىجات يۋلىمىز «. 6 .» پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇلۇغ ماقامىنى قۋغدايلى! «) ماقالىلار تۋپلىمى(. ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرى: 1 .» التفس الۋا «) رۋشەن تەپسىر(. ئاپتۋرى: دۋكتۋر مەھمۇد ھىجازى. 2 . » األدان ىف القرآن «) قۇرئاندىكى دىنلار(. ئاپتۋرى: دۋكتۋر مەھمۇد
شەرىف. 3 .» تر كتاب إار اق «) ھەقىقەتنىڭ ئېلانى(. ئاپتۋرى: ئەللامە رەھم ەتۇللاھ ھىندى. 4 .» كتاب التۋد «) تەۋھىد كىتابى(. ئاپتۋرى: مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلفۋزان. 5 .» القدة ال « )توغرا ئەقىدە(. ئاپتۋرى: سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ سابىق مۇپتىسى ئەللامە ئىبنى باز. 6 . » شر أۋل اإلان «) ئىمان ئاساسلىرىنىڭ شەرھى(. ئاپتۋرى مۇھەممەد سا لىھ ئەل مۇسەيمىن. 7 .» منج ال السن ۋاما «) ئەھلى سۈننىلەرنىڭ يولى(. ئاپتۋرى: ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھاب. 8 .» لانران ىف األل ۋالۋاق «) خرىستىئان دىنىنىڭ ئەسلى ۋە بۈگۈنى(. ئاپتۋرى: ئەللامە مۇھەممەد ئابدۇلال سەھىم. 9 . » ف الة لان «) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش كەيپىيىتى(. ئاپتۋرى: مۇھەممەد ئىبنى ناسىرۇددىن ئەلبانى. 01 . » الۋسائل اف دة للاة الب « ئەللامە ئابدۇراھمان ناسىر ئەل سەئدى. 11 . » الدرۋس ام لام األم «) مۇسۇلمانلارغا مۇھىم تەلىماتلار(. ئاپتۋرى: ئىبنى باز. 21 . » 33 سببا للخشۋ ىف الالة «) نامازدا خۇشۇنىڭ 33 سەۋەبى(. ئاپتۋرى: مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد.
