ئائىلە قۇرۇش، ھېكمەتلىرى ۋە جۈپ تاللاش پرىنسىپلىرى
ئائىلە قۇرۇش
بۆلۈم: “ئائىلە قۇرۇش”ئەر خوتۇنلۇق ھاياتىنىڭ مۇستەھكەم ھالدا قۇرۇلىشى ئەر خوتۇن ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بىر بىرىنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى تونۇشىغا باغلىقتۇر. ئەر خوتۇنلۇق ھاياتىنىڭ سائادىتى ئەر خوتۇن ھەر ئىككىسىنىڭ بىر بىرىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىگە ۋە سەمىمىي مۇئامىلىسىگە باغلىقتۇر. ئەر خوتۇنلۇق ھاياتىنىڭ بەختلىك ھالدا داۋام قىلىشى ئەر ئايال ھەر ئىككىسىنىڭ بىر بى رىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشى ۋە بىر بىرىنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى قانداق ئادا قىلىشىغا باغلىقتۇر. ئائىلە قۇرۇش چوڭ نېمەت ئۆيلىنى پ ئائىلە قۇرۇش ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان كاتتا نېمىتى ۋە بۈي ۈك رەھمىتىدۇر. قۇرئان كەرىمدىكى : ئۇنسى – ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئۆز تىپىڭلاردىن جۈپلەر يارىتىپ، ئاراڭلاردا مېھر مۇھەببەت ئۋرناتقانلىقىمۇ ئاللاھنىڭ )قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان( ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار دېگەن ئايەت بۇ مەنىنى ئىپ ادىلەيدۇ. رۇم سۈرىسى 12 - ئايەت
بۇ ئايەتتىن مەلۇمكى، ھەر قانداق بىر ئائىلە مېھر - مۇھەببەت ۋە شەپقەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. پەقەت بەزىلەرنىڭ ئاسىيلىقى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ قانۇنىدىن يىراقلىشىپ كېتىشى سەۋەبلىك بۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قەلبىدىن رەھىم - شەپقەت بىلەن مېھىر - مۇھەببەت سۇغۇرۇلۇپك ەتكەندىن كېيىن، جەننەت بۋلۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئائىلە دۋزاخقا ئايلىنىدۇ.
ئائىلە قۇرۇش بىر مۆجىزە
بۆلۈم: “ئائىلە قۇرۇش بىر مۆجىزە”تۇرمۇش قۇرۇپ بىر ئائىلىنى تەسىس قىلىش چوڭ بىر مۆجىزە. چۈنكى بىر - بىرى بىلەن ياشاپ باقمىغان، بىرگە ئۆسمىگەن، ھەتتا بىر - بىرىنى كۆرۈپ باقمىغان ۋە تۋنۇمايدىغان ، بىرى ئەر، يەنە بىرى ئايالدىن ئىبارەت يات ئىككى ئىنسان بىر - بىرىگە ئۆيلىنىپ بىرگە تۇرمۇش قۇرۇش ئارقىلىق دۇنيادا بىر - بىرىگە ئەڭ يېقىن، ئەڭ ئامراق ۋە سە مىمىي ھايات شېرىكلىرىگە ئايلىنىدۇ. ئۇلار شۇنداق شېرىكلەرگە ئايلىنىدۇكى، مۇھەببىتىنى، بەخت - سائادىتىنى، مال - دۇنياسىنى ۋە بارلىق نەرسىسىنى بىر - بىرىگە ئاتاپ، تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ. ئۆيلىنىش مۆجىزىسى ئىككى يات مىللەت كىشىلىرىنىمۇ بىر ياستۇقتا باش قۋيغۇزۇش ئارقىلىق ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ بىر تەنگە ئايلاندۇرىدۇ. ئۆيلىنىشتىن باشقا قايسى سەۋەب ئىنسانلارنى بىر - بىرىگە مۇنداق يېقىن قىلالايدۇ؟! ئۆيلىنىشنىڭ ھۆكۈمى ئۆيلىنى ش ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن تۇرمۇش قۇرۇشقا قادىر بولاللىغان كىشىلەر ئۈچۈن سۈننەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ
ھەقتە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن » ئۆيلىنىش مېنىڭ يۋلۇمدۇر. كىمكى ئۇنىڭدىن يۈز ئۆ رۈ يدىك ەن ، ئۇ مېنىڭ ئۈ ممى تىمدىن ئەمەس « . چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدىن يۈز ئۆرۈگەن كىشى ئەگەر باشقا بىر يۋلنى پەيغەمبەر ئە لە يھىسسالامنىڭ يۋلىدىن ئەال كۆرۈپ يۈز ئۆرۈگەن بولسا، ئۇ، مۇسۇلمانلىقتىن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ. ئەگەر ئۇ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۋيغانلىقى يۈزىسىدى ن، يالغۇز ئۆتۈپ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش بىلەن مەشغۇل بۋلۇشنى مەقسەت قىلىپ ئۆيلىنىشتىن يۈز ئۆرۈگەن بولسا، ئۇ بىدئەت )دىندا بۋلمىغان ئىش( نى سادىر قىلغان بولىدۇ، بۇ ھالەتتە ئۇ، ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولىدۇ، بۇ دۇ نيادا بولسا بىھۇدە جاپا تارتىپ، ئا خىرەتتە ئازابقا دۇچار بولىدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنىدا ئۆزىنى قىيناشقا ئورۇن يوق. بۇ دىننى قىيىنلاشتۇرۇشقا ئۇ رۇ نغان ھەر قانداق كىشى ئۆزىنى بىھۇدە ئاۋارە قىلغان بولىدۇ ۋە ئاخىرىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. ئىسلام دىنىدا ھەرقانداق ئىشنىڭ مەلۇم بىر سىستېمىسى بار. مۇس ۇلمانلار شۇ سىستېما بۋيىچە ئىش كۆرۈشكە بۇ يرۇ لغان . كىشىلەر دىنغا قانچىلىك ئاكتىپ بولۇپ، ئىخلاسمەنلىك كۆرسىتىمەن دېسىمۇ، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەرگىزمۇ ئېشىپك ېتە لمە يدۇ . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ پېشۋاسى ۋە پۈتۈن ئۈلگىسىدۇر. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئەخلاقىنى مەدھىيىلەپ: ﴿وَإِنَّكَ لَعَلَىٰ خُلُقٍ عَظِيمٍ﴾ يەنى ﴿سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسىسەن﴾ (قەلەم سۈرىسى 4) دەيدۇ.
ئاللاھ ئۇنىڭ تۇتقان يولىنى ماختاپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿عَلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ﴾ يەنى ﴿سەن ھەقىقەتەن توغرا يولدىسەن﴾ (ياسىن سۈرىسى 4).
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: » ئۈچ نەپەر زاھىد )دۇنيا مەنپەئەتلىرىدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆزلىرىنى ئاخىرەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئاتىۋ ەتكە ن( كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، پەيغەمبەر ئە لە يھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن ئۇنىڭ ئىبادىتى تۋغرىلىق سۋرىشىدۇ. ئاياللار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قانداق ئىبادەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادەتلىرىنى ئاز، دەپ ھېس قىلغانلىقلىرىدىن » بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارىغاندا نەدە؟ ئاللاھ ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى پۈتۈن كەمچىلىكلىرىنى كەچۈرىۋەتكەن تۇرسا دېيىشىدۇ « يەنى ئۇ نداق بولغان ئىكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئازلا ئىبادەت قىلسىمۇ يېتەرلىك، ئەمما بىز ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئىبادەت قىلىشىمىز كېرەك دېگەن چۈ شە نچىگە كېلىدۇ دە، ئۇلاردىن بى رى » مەن يىل بۋيى كۈندە رۋزا تۇتىمەن « دەيدۇ. يەنە بىرى » مەن ئايالدىن يىراق تۇرىمەن، ئۆمۈر بۋيى ئۆيلەنمەيمەن « دەيدۇ، ئۈچىنچىسى » مەن كېچە ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىمەن « دەيدۇ، بۇ ۋ اقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نۇن سۈرىسى 4 ئايەت ياسىن سۈرىسى 4 - ئايەت
كېلىپ ئۇلارغا: » سىلەر ئۇنى، بۇنى دې يىشىپسىل ەر ، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ ئېيتالايمەنكى، ئاراڭلاردا، مەن سىلەرنىڭ ئاللاھتىن ئەڭ قۋرقىدىغان، ئەڭ تەقۋا كىشىڭلارمەن. لېكىن مەن كېچىلىرىنىڭ بەزى ۋاقىتلىرىدا ناماز ئۋقۇيمەن، بەزى ۋاقىتلىرىدا بولسا ئۇخلايمەن، )رامىزاندىن باشقا كۈنلەردە( گاھىدا رۋزا تۇتىمەن، گا ھىدا تۇتمايمەن. مەن ئۆيلىنىمەن. كىمكى مېنىڭ بۇ يۋلۇمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن ئۇ مېنىڭ ئۈممىتىدىن ئەمەس « دەيدۇ « . دېمەك: ئۆيلىنىش ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئۇنىڭغا قادىر بولاللىغان كىشىلەر ئۈچۈن نورمال ھاللاردا ) يەنى ئۆيلەنمىسە زىنا ھارام ئىشلارغا چۈشۈپ قال ماسلىقىدىن خاتىرجەم بولاللىغان ، ئەگەر ئۆيلەنسىمۇ ئايالىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىشقا قادىر بولۇپ، ئىقتىسادىي شارائىتىمۇ ھازىر بولغان كىشىلەر ئۈچۈن ( سۈننەتتۇر. ئەگەر كىشى زادى ئۆيلەنمىسە ئۇنىڭ زىنا ھارام ئىشلارغا چۈشۈپ قىلىش ئېھتىمالى كۈچلۈك بولۇپ، ئۆ يلىنىشكە قۇدرىتى يېتىدىغان ۋە شەرت شارائىتى تۋلۇق بولغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ دەرھال ئۆيلىنىشى پەرزدۇر. بۇ ھالەتتە، ئەگەر ئۇ ئۆيلەنمىسە گۇناھكار بولىدۇ. ئەگەر كىشى ئۆيلەنسە ئايالىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھەقلىرىنى ئادا قىلالماسلىقىدىن، ياكى ئايالىغا زۇلۇم قىلىپ قۋ يۇ پ گۇناھكار بول ۇ شىدىن قۋرقسا ، يەنى ئۆزىدە قەتئىي ئىشەنچ بولمىسا، بۇ ھالەتتە ئۇنىڭ ئۆيلىنىشى ھارامدۇر. چۈنكى ئايالنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرالمايدىغان كىشىنىڭ ئۆيلىنىشى ھەم ئۆزىگە ھەم بۇخارى رىۋايىتى
ئايالىغا ياخشى نەتىجە ئېلىپ كەلمەيدۇ . مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ئۆي لىنىشتىكى مۇددىئاسى ئۆيلىنىش ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بېكىتپ بېرىلگەن تەبى ئىي قانۇنىيەتتۇر. ئۆيلىنىش كۆپلىگەن ئېسىل غايە ۋە ياخشى مەقسەتلەرنىڭ ۋاسىتىسىدۇر. مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ئۆيلىنىش تىكى ئەڭ ئاساسلىق مۇددىئاسى ئىككى بولۇپ: بىرى، پەرزەنت كۆرۈش ، يەنە بىرى، ئۆيلىنىش ئارقىلىق ئۆزىنى زىنا ھارام ئىشلارغا بېرىلىشتىن قۋغداپ قېلىشتىن ئىبارەت.
1 . ھارامدىن ساقلىنىش
بۆلۈم: “1 . ھارامدىن ساقلىنىش”مەلۇمكى، مۇسۇلمان كى شىنىڭ ئۆيلىنىشتى كى بىرىنچى مۇددىئاسى ئۆزىنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى ھالالدىن قاندۇرۇش ئا رقىلىق ھارام زىنا ئىشلاردىن ساقلىنىشتىن ئىبارەتتۇر. جىنسىي ھەۋەسنى ئۆزىنىڭ ھالال ئايالى ئارقىلىق ئادا قىلىش كىشىنىڭ ئىپپەتلىك بۋلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ، لېكىن بۇنداق ئىپپەتنى ھاسىل قىلىش ئاۋۋال نىيەت بىلەن بولىدۇ، ئەگەر كىشى بارلىق ھىممىتىنى ئۆزىنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇشقىلا بېغىشلىغان ھالدا ئۆيلىنىدىكەن، ئۇ باشقا مەخلۇقاتلاردىن قىلچە پەرقلەنمىگەن بولىدۇ. شۇڭا مۇسۇلمان ئادەم جىنسىي ھەۋىسىنى ھالالدىن قاندۇرۇش ئارقىلىق ھارامدىن ساقلىنىپ، ئىپپەتلىك بۋلۇشنى مەقسەت قىلىپ ئۆيلەنسە ساۋاب تاپىدۇ. چۈنكى ھارامدىنس اقلىنىش ۋە ھالال دائىرىسىدە ئىش كۆرۈش ساۋابلىق ئەمەلدۇر.
دېمەك: ھارامدىن ساقلىنىپ ئىپپەتلىك بۋلۇشنى يىتىدە ئۆيلەنگەن كىشى، ئۆيلىنىش ئارقىلىق چۋقۇم ئىپپەتلىك بولالايدۇ. ئەمما، پەقەت ئۆزىنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇش نىيىتى بىلەنلا ئۆيلەنگەن كىشى، ئۆيلىنىش ئا رقىلىقمۇ ئۆزىنىڭ ھەۋىسىنى قاندۇرالمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا ھارامدىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت بولغان ياخشى نىيەت بۋلمىغاچقا، ئۇنىڭدا قانائەتمۇ بولمايدۇ. ئىنساننىڭ نەپسى تۋيسىمۇ ، ئۇنىڭ كۆزى تۋيمايدۇ. ئۇنى پەقەت قانائەتلا تۋيغۇزالايدۇ. قانائەت بۋلمىغان ئادەم تۆت خوتۇننى بىر ۋاقىتتا نىكاھىدا ساقلىغان بولسىمۇ يەنە تۋيمايدۇ. ھازىرقى چىرىكلەشكەن ئەرەب جەمئىيىتىدە بۇنىڭ مىسالنى كۆپرەك ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
2 . پەرزەنت كۆرۈش
بۆلۈم: “2 . پەرزەنت كۆرۈش”مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆيلىنىشتىكى ئىككىنچى مۇددىئاسى پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىدىن، مىللەت ۋە ۋەتەن ئۈچۈن پايدىلىق بولغان، ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان دىيانەتلىك، ياخشى ئەۋلاد قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى ئارزۇ قىلىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: » كۆپ تۇغىدىغان، ئېسىل خىسلەتلىك ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىڭلار! مەن قىيامەت كۈنىدە باشقا ئۈممەتلەرنىڭ ئالدىدا، سىلەرنىڭ كۆپلىكىڭلاردىن پەخىرلىنىمەن « . ئىنسان ئۆز تەبىئىتىدىمۇ پەرزەنت كۆرۈشنى ، بالىلىرى بىلەن ( ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى
خۇ شاللىنىپ دۇنيانىڭ سائادەتلىرىدىن بەھرىمەن بۋلۇشنى ئارزۇلايدۇ، بالىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نام - نىشانىسىنى داۋام قىلدۇرۇشنى خالايدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿الْمَالُ وَالْبَنُونَ زِينَةُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا﴾ يەنى ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر . پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنى دىيانەتلىك، ئەخلاقلىق، ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ياخشى پەرزەنت قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش ھەقىقىي مۇسۇلمانغا خاس بىر ئالاھىدىلىكتۇر.
( كەھف سۈرىسى 64 ئايەت
ئىنسانلارنى ئۆيلىنىشكە تەشەببۇس قىلىشنىڭ ھېكمىتى بۇ ماۋزۇدا سۆز ئېچىشتىن بۇرۇن شۇنى ئېنىق بىلىشىمىز كېرەككى، ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغانلارنىڭ ھەممىسى پەقەت ھېكمەتتىنلا ئىبارەت دېسەك مۇبالىغە قىلمىغان بۋلىمىز. ئۇلار دا مەنىسىز، پايدىسىز ھېچ نەرسە يۋقتۇر. چۈنكى ئۇلار ھەر نەرسىنى تۋلۇق بىلگۈچى ۋە ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەن ئەھكاملاردۇر. لېكىن شەرىئەت ئەھكاملىرىدىكى ھېكمەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارغا مەلۇممۇ ؟ جاۋاب: ئىنسانلارنىڭ ئىلمى ۋە ئەقىل ئىدراكى چەكلىك بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسىنىڭ ھېكمەتلىرىنى ۋە مەقسەت غايىلىرىنى ئىدراك قىلىپ بىلىشى مۇمكىن ئەمەستۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا أُوتِيتُممِّنَ الْعِلْمِ إِلَّا قَلِيلًا﴾ يەنى سىلەر ئاز ال ئىلىم بېرىلدىڭلار . ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئاللاھ تائالا ئىنسانلار ئۈچۈن چۈشۈرگەن شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ ھەممىسىنى مەيلى بىز ئۇلارنىڭ ھېكمەت سىرلىرىنى بىلەيلى، مەيلى بىلمەيلى رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى بىر نەرسىنىڭ ھېكمىتىنى بىلمىگەنلىكىمىز، ئۇنىڭ ھېكمىتى ۋە پايدىسى يوق دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ھېكمىتىنى بىلىشكە بىزنىڭ ئەقىل، ئىدراكىمىزنىڭ يېتەرلىك ئەمەس ئىكەنلىكىدۇر. شۇنداقتىمۇ ، ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتى ئۈچۈن، ئەر
( ئىسرا سۈرىسى 58 ئايەت
ئايالدىن ئىبارەت بۇ ئىككى جىنسنىڭ بىر بىرى بىلەن ئۆيلىنىشى ئارقىلىق جۈ پلى شىشىنى ئىال ھىي قانۇن قىلىپ بېكىتكەنلىكىنىڭ بەزى ھېكمەتلىرىنى بىزنىڭ چەكلىك بولغان ئىنسانىي ئەقلىمىز بىلەن بىلەلىگەنچە سۆزل ەپ ئۆتكۈم كېلىدۇ :
1 . ئۆيلىنىش ئارقىلىق كىشىلەر ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى
بۆلۈم: “1 . ئۆيلىنىش ئارقىلىق كىشىلەر ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى”ئۋرناتقاندىن كېيىن، ئۇلار زىنا پاھىشە ئىشلاردىن ساقلىنالاي دۇ، تېگى پاك نەسىللەرنى تېرىيالايدۇ.
2 . ئۆيلىنىش ئارقىلىق جەمئىيەتنى يامان ئىشلاردىن،
بۆلۈم: “2 . ئۆيلىنىش ئارقىلىق جەمئىيەتنى يامان ئىشلاردىن،”ئە ئەخلاقسىزلىقتىن ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئۆيلىنىش بۋلمايدىغان بولسا، ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا رەزىللىكلەر ئۋرتاقلاشقان بولاتتى.
3 . ئۆيلىنىش ئارقىلىق ئەر ئايال ئىككىسى بىر بىرىگە تېگىشلىك
بۆلۈم: “3 . ئۆيلىنىش ئارقىلىق ئەر ئايال ئىككىسى بىر بىرىگە تېگىشلىك”بولغان ھەق ھۋقۇقلاردىن ئۋرتاق مەنپەئەتلىنەلەيدۇ. ئەر ئايالنىڭ يېمەك ئىچمەك، كىيىم كېچەك قاتارلىق ھاياتتىكى بارلىق ئېھتىياجلىرىنى تۋلۇقلاشنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: » ئاياللىرىڭلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ۋە كىيىم كې چە كلىرىنى تۋلۇقلاپ بېرىشىڭلار، ئۇلارنىڭ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ھەقلىرىدىندۇر « . ئايال مۇ ئېرىنىڭ ئۆي ئىچىدىكى ئېھتىياجلىرىدىن چىقىشنى ئۆز ئۈ ستىگە ئالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ( پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالا منىڭ ھەج قىلغان ۋاقتىدا، ئەرەفات تېغىدا سۆزلىگەن
» ۋىدا خۇتبىسى « دەپ ئاتالغان مەشھۇر نۇتقىنىڭ بىر قىسمى، ئەبۇداۋۇد،
تىرمىزى رۋۋايىتى.
» ئايال ئېرىنىڭ ئۆيىگە مەسئۇلدۇر، ئۇ ، ئۆي ئىشلىرىدىكى مەسئۇلىيىتىدىن سۋرىلىدۇ « .
4 . ئۆيلىنىش ئارقىلىق كىشىلەر يات ئائىلىلەر، قەبىلىلەر، ھەتتا
بۆلۈم: “4 . ئۆيلىنىش ئارقىلىق كىشىلەر يات ئائىلىلەر، قەبىلىلەر، ھەتتا”مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا تۇغقانچىلىق رىشتىنى باغلايدۇ، بىر بىرىنى تۋنۇمايدىغان ئائىلىلەر، ئۆزئارا قۇدىلىشىش ئارقىلىق بىر بىرى بىلەن تۋنۇشۇپ تۇغقان بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلار ئاخىرى بىر بىرىدىن مىراس ئالىدۇ.
5 . يەر يۈزىدە ئىنسان نەسلىنىڭ ساغلام ھالدا داۋام قىلىشى پەقەت
بۆلۈم: “5 . يەر يۈزىدە ئىنسان نەسلىنىڭ ساغلام ھالدا داۋام قىلىشى پەقەت”ئەر بىلەن ئايال ئىككى جىنسنىڭ بىر بىرى بىلەن ئۆيلىنىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا لانَّاسُ اتَّقُوا رَبَّكُمُ الَّذِيخَلَقَكُممِّننَّفْسٍ وَاحِدَةٍ وَخَلَقَ مِنْهَا زَوْجَهَا وَبَثَّ مِنْهُمَا رِجَالًا كَثِيرًا وَنِسَاءً﴾ يەنى ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر شەخستىن ياراتقان، شۇ شەخستىن ئۇنىڭ جۈپتىنى ياراتقان ۋە بۇ ئىككىسىدىن نۇرغۇن ئەرلەرنى ۋە ئاياللارنى ياراتقان رەببىڭلاردىن قورقۇڭلار ر . ئەگەر ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ئۆيلىنىش بۋلمايدىغان بولسا، تۆ ۋەندىكى ئىككى ئىشنىڭ بىرى بولاتتى، ياكى ئىنسانىيەتنىڭ نەسلى تۈگە شك ەن ، ياكى زىنا پاھىشە ئارقىلىق ئەسلى پەسلى بىلىنمىگەن ئەخلاقسىز ئىنسانلار مەيدانغا كەلگەن بولاتتى. بۇخارى رىۋايىتى نىسا سۈرىسى 1 ئايەت
تۇرمۇش قۇرغۇچىلار دا بۋلى دىغان سۈپەتلەر قىز يىگىتلەر بالاغەتكە يېتىپ، كۆڭۈللىرىگە خىياللار كىرىشكە باشلىشى بىلەن تەڭ، ئۇلارنى ڭزې ھنىي كېلەچەك تۇرمۇشىدىكى شېرىكى ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلايدۇ. كىشىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگەن ۋە تەربىيە ئا لغان مۇھىتلىرىنىڭ ئۋخشاش بۋلمىغىنىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش قۇرۇش ئۈچۈن جۆ ر تاللاشتىكى قىزىقىشلىرىمۇ ئۋخشاش بولمايدۇ. بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان جۆ رىسىنىڭ شەكلى گۈ زە للىكىنى كۆزدە تۇتسا، بەزىلەر ئۇنىڭ بايلىقىنى ياكى جە مئىيە تتىكى ئۋرنىنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى قانداقلا بىر جەمئىيەتتە بولمىسۇن، تۇرمۇش قۇرغۇچىلاردا ئۋمۇمەن كۆزدە تۇتىلىدىغان ئاساسلىق سۈپەتلەر. لېكىن يۇقىرىقى سۈپەتلەر ئىچىدە ھەممىدىن ئېسىل ۋە ئەڭ مەڭگۈلۈك ئۆزگەرمەيدىغان سۈپەت قايسى دېگەندە، ئۇ دىيانەت بىلەن ئەخلاق تۇر. تۇرمۇ ش قۇرغۇچىنىڭ جۆ رىسىدىن ئىزدەيدىغان ئەڭ ئاۋۋالقى نەرسىسى دىيانەت بىلەن ئەخلاق بولۇشى لازىم. ئەر خوتۇنلۇق ھاياتى كۆپلىگەن مەسئۇلىيەت ۋە مۇشەققەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھايات بولۇپ، شارائىتلارنىڭ تەسىرى بىلەن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئەر خوتۇنلۇق ھاياتىنىڭ ئاساسى ئەگەر پۇل مالنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولسا ، يەنى ئۇلار بىر بىرىنىڭ مال دۇنياسىنى كۆزلەپ ئۆيلەنگەن بولسا، پۇل مال دېگەن بىرخىل تۇرمايدۇ. جاھان ئۆزگىرىپ تۇرغاچقا، تۈنۈگۈنكى باينىڭ بۈگۈن گاداي بولۇپ قىلىشى تەبى ئىي ئەھۋال. مال دۇنيا قۋلدىن كەتكەن ۋاقىتتا، بۇ تۇرمۇشنىڭ ئاساسىي يېقىلغان
بولىدۇ . چۈنكى بۇنداق تۇرمۇش مال دۇنيانى كۆزلەپ، بايلى قنى ئاساس قىلغان ھالدا قۇرۇلغان . ئەگەر بۇ تۇرمۇش گۈزەللىك ياكى مە نسە پنى ئاساس قىلغان ھالدا قۇرۇل غان بولسا، گۈزەللىك ھەمىشە بىر خىل تۇرمايدۇ. ئۇ، يىللار بىلەن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مە نس ەپ دېگەنمۇ بۈگۈن بار، ئەتە يوق بولۇپ تۇرىدۇ. ئەر ئاياللىق ھاياتى ئۆز ئاساسىنى يۋقاتقاندىن كېيىن نېمە بۋلماقچى؟ شۈبھى سىزكى: بۇ نداق شارائىتتا، ئەر ئايال ئوتتۇرىسىدا چۋقۇم جېدەل ماجىرا چىقىدۇ، نەتىجىدە، ئۇلار ئاجرىشىدۇ ياكى بە ختسىز ھالدا بۇ تۇر مۇشنى داۋام قىلدۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. چۈنكى بۇ تۇرمۇش ئۆزگەرمەيدىغان سابىت نەرسە ئۈستىگە قۇرۇلماستىن، بەلكى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان شەخسىي مەنپەئەتلەرنى ئاساس قىلغان تۇرمۇشتۇر. ئەر خوتۇنلۇق ھاياتى ئەگەر دىيانەتنى ئاساس قىلىپ دىننىڭ ئۈستىگە قۇرۇلىدىكەن، دىنم ۇسۇلمان كىشىنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ سابىت ۋە ئەڭ كۈچلۈك نەرسىدۇر. شۇڭا مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى بارلىق نەرسىسى يوقالغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ دىنى قەتئىي يۋقالمايدۇ، ئۇ مەڭگۈ قالىدۇ ، ئۇنى ھېچبىر كۈچ تارتىۋالالمايدۇ . چۈنكى ئۇنىڭ قەلبىدىكىلىرىگە ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم ئىگە بولالمايدۇ. مەلۇمكى، مۇسۇلمان كىشى مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن، ئۇ باياشاتلىق، ياخشى كۈنلەردە ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىدۇ. قاتتىقچىلىق ۋە ئېغىر كۈنلەردە ئاللاھ تائالاغا سەۋر قىلىدۇ. رې ئاللىققا
ئىمانى ۋە سەۋرچانلىقى بىلەن مۇئامىلە قى لىدۇ. ئامەت كەلگەندە بىر بىرىگە ھاكاۋۇرلۇق قىلمايدۇ، زىيان تارتقاندا بىر بىرىگە تاپا تەنە قىلمايدۇ. دىيانەتنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان ئائىلىدىكى ئەر ئايال مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. ئۇلار رې ئاللىققا قانائەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىدىكى قارشى تەرەپنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى تونۇيدۇ ۋە يۋلىدا ئادا قىلىدۇ.
تۇرمۇش قۇرۇشتا ئەرلەرنىڭ جۋر تالال ش پىرىنسىپى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَا تَنكِحُوا الْمُشْرِكَاتِ حَتَّىٰ يُؤْمِنَّ ۚ وَلَأَمَةٌ مُّؤْمِنَةٌ خَيْرٌ مِّنمُّشْرِكَةٍ وَلَوْ أَعْجَبَتْكُمْ ۗ وَلَا تُنكِحُوا الْمُشْرِكِينَ حَتَّىٰ يُؤْمِنُوا ۚ وَلَعَبْدٌ مُّؤْمِنٌ خَيْرٌ مِّنمُّشْرِكٍ وَلَوْ أَعْجَبَكُمْ ۗ أُولَٰئِكَ يَدْعُونَ إِلَى لانَّارِ ۖ وَاللَّهُ يَدْعُو إِلَى الْجَنَّةِ وَالْمَغْفِرَةِ بِإِذْنِهِ ۖ وَيُبَيِّنُ آيَاتِهِ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ﴾ يەنى
﴿ مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. ھۆر
مۇشرىك ئايال ھۆسىن جامالى ۋە مېلى بىلەن سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۆمىن دىدەك، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ياخشىدۇر . مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغىچە مۆمىن ئايالال رنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار، ھۆر مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ مۆمىن قۇل ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ياخشىدۇر . ئەنە شۇلار )مۇشرىكلەر( سىلەرنى دۇزاخقا چاقىرىدۇ، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بۋيىچە سىلەرنى جەننەتكە، مەغپىرەتكە چاقىرىدۇ، كىشىلەر پەندە نەسىھەتئ السۇن دەپ ئاللاھ ئۇلارغا ئايەتلىرىنى بايان قىلىدۇ ﴾ . ئىسلام دىنى نە زىرىدە ، ئاياللار سۈ پە تلىنىدىغان ۋە زىننەتلىنىدىغان ئەڭ ئېسىل ۋە گۈزەل سۈپەتلەرنى ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا قىلغان خىتابىدا مۇنداق بايان قىلىپ كۆرسىتىدۇ: ﴿عَسَىٰ رَبُّهُ إِنطَلَّقَكُنَّ أَنيُبْدِلَهُ أَزْوَاجًا خَيْرًا مِّنكُنَّ مُسْلِمَاتٍ مُّؤْمِنَاتٍ قَانِتَاتٍ تَائِبَاتٍ عَابِدَاتٍ سَائِحَاتٍ ثَيِّبَاتٍ وَأَبْكَارًا﴾ يەنى ﴿ئەگەر ئۇ بەقەرە سۈرىسى 122 ئاي ەت
سىلەرنى قۋيۇۋەتسە رەببى )ئۇنىڭغا( سىلەرنىڭ ئۋرنۇڭلارغا، سىلەردىن ياخشى ، بۋيسۇن غۇچى، ئىمان ئېيتقۇچى، ئىتائەت قىلغۇچى، تەۋبە قىلغۇچى، ئىبادەت قىلغۇچى، رۋزا تۇتقۇچى چۋكانلارنى ۋە قىزلارنى بېرىشى مۇمكىن ﴾ . بۇ ئايەت، خاتىرجەم، بەرىكەتلىك ۋە ئېسىل بىر ئائىلىنى تەسىس قىلىشتا ئايالدىن تەلەپ قىلىنىدىغان بارلىق ئېسىل پەزىلەت ۋە گۈزەل سۈپەتلەرنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. يۇقىرىقى سۈپەتلەرنىڭ ئەڭ بېشىدا: 1 . » بۋيسۇنغۇچى « دېگەن سۈپەت بايان قىلىنغان، چۈنكى ئاللاھ تائالاغا ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە بۋيسۇنىدىغان ئايال ئېرىنىڭ خاھىشىغىمۇ چۋق ۇم بۋيسۇنىدۇ ۋە ئۈستىدىكى ئۇنىڭ ھۋقۇقىنى تونۇيدۇ. 2 . » ئىمان ئېيتقۇچى « دېگەن سۈپەت بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا ئىمانى بار ئايال ھەر قانداق ياخشى ئىشنى ئۆزلۈكىدىن ، ئىخلاس بىلەن قىلىدۇ. ئالدامچىلىق ۋە يالغانچىلىقلاردىن يىراق بولىدۇ. ئېرى ئۇنىڭ يېنىدا بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئېرىگە ھەمىشە ۋاپا دار بۋ لىدۇ. 3 . » تەۋبە قىلغۇچى « دېگەن سۈپەت بولۇپ، بۇرۇن قىلغان خاتالىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىشنى بىلىدىغان ئايال ئەلۋەتتە، ئۆزىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك توغرا ئىشلىرىنى بىلىدۇ. ئېرىنى ۋە پە رزە نتلىرىنى بەختلىك قىلىشنى بىلىدۇ. ئېرىنى ۋە پە رزە نتلىرىنى بەختلىك قىلىش
( تەھرىم سۈرىسى 5 ئايەت
ئۈچۈن ھەمىشە توغرا ياخشى ئىش قىلىشقا تىرىشىدۇ. 4 . » ئىبادەت قىلغۇچى « دېگەن سۈپەت بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىدىغان ئايال ئەلۋەتتە، ئېرىنىڭ ھۆرمىتىنى ۋە ھەققىنى تونۇپ، قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى جايىدا ئۋرۇنلايدۇ. چۈنكى ئايالنىڭ ئېرىنى ھۆرم ەتلىشىدە ئىبادەتنىڭ ساۋابى باردۇر . 5 . » رۋزا تۇتقۇ چى « دېگەن سۈپەت بولۇپ، رۋزا تۇتۇش بىلەن بولسۇن، مەيلى باشقا نە پل ە ) ئىختىيارىي ( ئىبادەتلەر بىلەن بولسۇن، ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنى خالىغان ئايال ھەر ھالدا ئېرىنىمۇ رازى قىلىشقا تىرىشىدۇ. چۈنكى ئېرىنىڭ رازىلىقى ئايالىنىڭ ئاللاھ تائالاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشىغا ۋاسىتە بولىدۇ. يۇقىرىقى سۈ پە تل ەر ئىسلام نە زە ردىكى ئەڭ ئۈلگىلىك ئايالنىڭ مىسالىدۇر. ئۈلگىلىك ئايال ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر پەرمانلىرىغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن قۋرقىدىغان، گۈزەل ئەخلاق ۋە ئېسىل پەزىلەتلەر بىلەن زىننەتلەنگەن ئايال دېمەكتۇر. پەيغەمبەر ئەل ەيھىسسالام بىر ھەدىستە مۇنداق دېگە ن : » دۇنيا مەنپەئەتتۇر، دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى مەنپەئەتى ئۈلگىلىك ئايالدۇر « . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇرمۇش قۇرغۇچىنىڭ ئۆز جۋرىسىنى قانداق تاللىشى ھەققىدە تەلى م بېرىپم ۇنداق دېگە ن : » كىشىلەر ئاياللارنى تۆت نەرسىگە قاراپ تال اليدۇ، ئۇنىڭ بايلىقىغا، چىرايىغا، نە سە بىگە ۋە ئۇنىڭ دىيانىتىگە. سەن ئەڭ ئاۋۋال دىيانەتلىك بول غىنىنى ( مۇسلىم رىۋايىتى
تاللىغىن ، شۇنداق قىلساڭ پايدا تاپىسەن « . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھە دىستە ، كىشىلەرنىڭ بىرگە تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان ئاياللاردىن تەلەپ قىلىشىدا ئۋمۇم بۋلغ ان تۆت خىل سۈپەتنى بايان قىلىپ، ئاخىرىدا، دىيانەتنى ئاۋۋال تالال پ ، ئۇنى بىرىنچى ئۋرۇندا قۋيۇشنىڭ لازىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بەزى كىشىلەرج ۋرىسى بۋلىدىغان ئايالنى تاللاشتا، ئۇنىڭ دىيانىتى ۋە ئەخلاقىدىن قەتئىينەزەر ھالدا، دۇنيانىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا تاقابىل كېلىشتە ياردەمچى بولۇپ قالار دېگەن ئۈمىد بىل ەن ئۇنىڭ بايلىقنىلا كۆز دە تۇتىدۇ . بەزى كىشىلەر ئايالنىڭ مە نسىپى ۋە جە مئىيە تتىكى ئۋرنىنى كۆزلەپ ئۇنىڭ دىيانىتىدىن ۋە ئەخلاقىدىن قەتئىينەزەر ھالدا، ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرىدۇ. بەزى كىشىلەر ئەڭ ئاۋۋال، ئايالنىڭ دىيا نە تنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۇنى تاللايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋسىيەسى مانا مۇشۇ.
» دىيانەتلىك « دېگەن سۈپەت يۇقىرىقى ئۈچ سۈپەت بىلەن بىرگە
تې قىلسا تېخىمۇ ياخشى ، ئەگەر باشقىسى بۋلمىسىمۇ، دىيانەت ئۆزى يالغۇزال يۇقىرىقى سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ، ئەلۋەتتە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى ئايالنىڭ دىيانىتىدىن خەۋەرسىز ھالدا، ئۇنىڭ ئىقتىسادىغا ياكى گۈزەللىكىگە ياكى نە سە بىگە ( بۇخارى رىۋايىتى
ياكى جەمئىيەتتىكى ئابرۇ يىغا بېرىلىپلا، ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشنىڭ پالاكىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: » كىمكى ئايالنى ئۇنىڭ ئابرۇ يىنى كۆزلەپ تالاليدىكەن، ئۇ خۋرلۇقتىن باشقا نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئۇنى، ئۇنىڭ ئىقتىسادىنى كۆزلەپ تالاليدىكەن، ئۇ پېقىرلىقتىن باشقىسىغا ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئۇنىڭ نە سە بىنى كۆزلەپ تالاليدىكەن، ئۇ پەقەت رەزىللىكتىن باشقىسىغا ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئايالنى، كۆزىنى نامەھرەمگە تىكىلىپ قاراشتىن، ئەۋرىتىنى ھارامدىن ساقلاشنى مەقسەت قىلغان ھالدا، ئۇنىڭ دىيانە تنى دەپ ئالىدىكەن، ئاللاھ تائالا ھەر ئىككىسىگە بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ « . يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: » ئايال ال رنى ئۇلارنىڭ چىرايىنىلا كۆزلەپ ئالم اڭلار. ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى، ئۇلارنىڭ سىلەرنى كۆزىگە ئىلماسلىقىغا سەۋەب بۋلىشى مۇمكىن. ئۇلارنى، ئۇلارنىڭ بايلىقىنى كۆزلەپ ئالماڭلار، بايلىقى ئۇلارنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ قۋيۇشى مۇمكىن. لېكىن ئۇلارنى دىيانە تنى كۆزلەپ ئېلىڭلار. دىيانەتلىك بولغان، قارا تەنلىك دې دە ك ، دىيانىتى بۋلمىغان ھۆر گۈزەلدىن ئەلۋەتتە ئەۋزەلدۇر « . ئىسلام دىنى كىشىلەرنى ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىدىن، بايلىقىدىن ۋە ئابرۇ يىدىن پايدىلنىشتىن تۋسمايدۇ. بەلكى ئۇلارنى بەزى ئاياللاردىكى ئاقىۋەتسىز، ۋاقىتلىق گۈزەللىككە، مال دۇنياغا ۋە داۋامى يوق ئابرۇيغا قىزىقىپ كېتىپ، ئۇلارنىڭ دىيانە تىنىڭ قانداق بۋلۇشىغا قارىماي، ئۇلار تەبەرانىي رىۋايىتى ( ئىبىن ماجە رىۋايىتى
بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنى ۋاقىتلىق مەنپەئەتلەرنىڭ ئەسىرىگە ئايلاندۇرۇپ قۋيماسلىقى، بەلكى ئەڭ ئاساسلىق ھەم مە ڭگۈلۈك بولغان دىيانەتنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، ئۆزلىرىنى ماددىي ۋە مەنى ۋى جەھەتلەردىن يۇقىرى س ەۋىي ەگە كۆتۈرۈشىنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئايالنىڭ ئىقتىسادىنى ياكى گۈز ەللىكىنى ياكى جەمئىيەتتىكى ئابرۋ يىنىلا كۆزلەپ، ئۇنىڭ دىيانىتىنىڭ قانداق بول ۇ شىغا قارىماستىن، قۇرۇلغان تۇرمۇش كىشىنى داۋامسىز، ۋاقىتلىق نەرسىلەرگە قۇل قىلغان بولىدۇ. بۇنداق كىشى ئۆزىنىڭ سائادىتىنى ۋە خاتىرجەملىكىنى ۋاقىتلىق لەززەتلەر ئارىسىدا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ھاۋايى ھەۋەسلەرنى سىرتمىسىغا ئاسقان بولىدۇ. تۇرمۇشتا ئۇ ھەرگىزمۇ خاتىرجەملىك ھېس قىلالمايدۇ. چۈنكى، دىيانەتسىز گۈزەل ئايال مەغرۇر ۋە ھاكاۋۇر كېلىدۇ. دىيانەتسىز باي ئايال ھەددىنى بىلمەيدىغان، چۋڭچى كېلىدۇ. دىيانەتسىز ئالىي نەسەبلىك ۋە ئابرۇيلۇق ئايال تەكە بب ۇر كېلىدۇ. ئەمما دىيانەتلىك ئايال كەمتەر، ئىتائەتچان، ئېسىل، ئەخلاقلىق، سەۋر تاقەتلىك كېلىدۇ. ئەگەر ئۇ، گۈزەل جامالغا، بايلىققا، ئابرۇ يغا ئىگە ئايال بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆزى دىيانەتلىك بولغاچقا، ئۆز ھەددىنى بىلىدىغان، ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان، ئېسىل، پەزىلەتلىك كېلىدۇ. شۇڭا دىيانەت يۇقىرىقى ئۈچ خىل سۈپەتنى بېسىپ چۈشىدۇ. 11 ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ پەيلاسوپ ئالىمي ۈسۈ پ خاس ھاجىپ دۇنياغا داڭلىق ئەسىرى » قۇ تا دغۇ بىلىك « تە مۇنداق دەپ يازغان : دېسە كىم ئۆيلىنەي، ئەي ئەرلەر بېشى،
ئالار شۇ تۆت خىلدىن بىرىنى ئۇ كىشى، بىرى باي خۋتۇننى ئالماق ئىستەر ، ئۇ بىرسى چىرايلىق ئۈچۈن كۆز تىكەر، يەنە بىرسى ئېسىل نەسەبلىك تىلەر، ئۇلۇغلۇق ئېتىغا قۇۋانىپ يۈ رە ر . بىرسى ئىستەر نەپىست ەقۋادارنى، ئۇنى تاپسا باغلار ئاڭا كارىنى، بۇلارنىڭ ئۇبدىنىنى ئېيتاي مەن ساڭا، ئالۇر بۋلساڭ قۇ الق سال ماڭا، ئايا باي خۋتۇنغا ئىنتىل گۈچى جان، ئەسىر بۋلما ئاڭا ئى ئالىم ئىنسان، گۈزەلنى تىلەگەن ئى ئەر ياخشىسى، ئۇنى ئالساڭ ياغار ئەلنىڭ كۈ لكىسى . ئەي ئەسلى بۈيۈككە ئىنتىل گۈچى سەن، ئۆ مر ۈڭنى خار ئەتمە بۇنىڭ بىلەن. ئېرىغ تەقۋا بولسا ئۇ، ئېسىل بۋلۇر، قالغان ئۈچ نەرسىمۇ ئۇندا تېپىلۇر. ھېكىم سەن بىر تەقۋا خوتۇن ئىستىگىل، ئۇ بولسا، بۋلۇر بۇ تۆت شە رتىمۇ بىل.
يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ يۇقىرىقى بېيىتلىرىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ تۋغرىدا ئېيتقان ھەدىسلىرىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ بۇ تۋغرىدىكى پىرىنسىپى كۈندىن كۈنگە ئىنسانلارنىڭ نەزەرىدە ھەقىقەتكە ئايلانماقتا. جەمئىيىتىمىز ۋە پۈتۈن ئىنسانلار جە مئىيىتىدە تەكرارلىنىپ كەلگەن تەجرىبىلەرمۇ ، بۇ پىرىنسىپنىڭ ئىنتا يىن توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە. ئىسلام نە زىرىدىكى ئۈلگىلىك ئاي لانىڭ سۈرىتىنى تۆۋەندىكى ھەدىستە كۆرىمىز: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قانداق ئايال ئەڭ ئۈلگىلىك ياخشى ئايال سانىلىدۇ؟ دېگەن سۋئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: » ئېرى ئۇنىڭ چىرايىغا قارىسا ئۇنى مەمنۇن قىلالايدىغان، ئۇنى بىرەر ئىشقا بۇيرىسا ئۋرۇنلايدىغان، ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ئىشتىمۇ ئېرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلغانلىقتىن ئۇنىڭ بىلەن قارشىلاشمايدىغان، ئېرىنىڭ ئامانىتىنى ھە ر ھالەتتە ساقلىيالايدىغان ئايال ئەڭ ئۈلگىلىك ئايالدۇر « . ئىمام غەززالىي » ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن « ناملىق ئەسىرىدە، ئەسما ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ، قىزىنىڭ توي كۈنىدە ئۇنىڭغا قىلغان نەسىھەتلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئەسما قىزىغا مۇنداق دېگەن: » ئى قىزىم! سەن ئۆسۈپ يېتىلگەن ئۇۋاڭدىن ئايرىلىپ، ساڭا تۋنۇشلۇق بۋلمىغان ئۆيگە ۋە سەن بىرگە بولۇپ كۆرمىگەن دۋ ستنىڭ يېنىغا كېتىپ بارىسەن! نەسائىي رىۋايىتى
سەن ئۇنىڭغا يەر بۋلساڭ، ئۇ ساڭا ئاسمان بولىدۇ. سەن ئۇنىڭغا بىسات بۋلساڭ، ئۇ ساڭا تۈ ۋر ۈك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆپ نەرسە سۋرىما، ئۇ سەندىن زې رىكىپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن يىر اقلاشما، ئۇ سېنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۇ ساڭا يېقىنلاشسا، سەنمۇ ئۇنىڭغا يېقىنلاشقىن. ئەگەر ئۇ سەندىن يىر اقلاشسا، سەنمۇ ئۇنىڭدىن يىر اقلاشقىن. ئۇنىڭ نۋمۇسىنى ۋە ئىپپىتىنى ساقلىغىن. ئۇ سەندىن پەقەت خۋشپۇراقنىلا بۇ رىس ۇن . ئۇ سەندىن پەقەت گۈزەل سۆزنىلا ئاڭلىسۇن. ئۇ سەندىن پەقەت گۈزەللىكلەر نىال كۆرسۇن « .
»إحياء علوم الدين« (دىنىي ئىلىملەرنى راۋاجلاندۇرۇش) ناملىق ئەسەر، 4
تۋم، 361 بەت
تۇرمۇش قۇرۇشتا ئاياللارنىڭ جۋر تالال ش پىرىنسىپى ئىسلام نە زە ردىكى ياخشى ئەر ئۇنىڭدا پۈتۈن ئىنسانلىق پەزىلەتلەر ۋە ئەرلىك خىسلەتلەر مۇجەسسەملەنگەن، ھاياتلىققا توغرا مۇئامىلە قىلىدىغان، دىيانەتلىك، راستچىل ئەردۇر. ئەر قانچىلىك باي بولۇپ كەتسۇن ياكى چوڭ مە نسە پلىك بولسۇن، دىيان ەتتىن ۋە گۈزەل ئەخلاقلاردىن خالىي بۋلىدىكەن، ئۇ، ئىسلام نە زە ردىكى ياخشى ئەر سانالمايدۇ. ئۆيلەنمەكچى بولغان قىز چۋكانلار ئەگەر تۇرمۇشتا بەختلىك بولاي دې سە، ئەڭ ئاۋۋال ئىسلام نە زە ردىكى ياخشى ئەرنى تاللىشى، شۇنىڭدەك دىيانەتسىز ئەرلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە، مال دۇنياسىغا، يۈز ئابرۇيىغا، ئالىي مە نسىپىگە ئالدىنىپ كەتمەسلىكى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلام نە زە ردىكى ياخشى ئەرنىڭ خىسلەتلىرىنى ئىخچاملىغان ۋە ئۇنىدىن بىلەن ئېسىل ئەخلاقتىن ئىبارەت ئىككى نەرسىگە مە ركە زل ە شتۈ رگ ەن ھالدا مۇنداق دەيدۇ: » دىنى بىلەن ئەخلاقى سىلەرنى رازى قىلىدىغان، قانداقلا بىر كىشى سىلەردىن قىز سوراپ كەلسە، ئۇلارنى تىز ئۆ يل ە ند ۈر ۈڭلار ! ئەگەر ئۇنداق قىلمى ساڭلار ، يەر يۈزىدە چوڭ بۇزۇقچىلىقنى تېرىغان بۋلىسىلەر « ، ساھابىلار يا رەسۇلۇللاھ! ئەگەر ئۇنىڭدا ئۇنداق - مۇنداق ئىشلار )يەنى پېقىرلىك ياكى تېگى پەسلىك( بۋلسىچۇ ؟ دېيىشكەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام،
» دىنى ۋە ئەخلاقى سىلەرنى رازى قىلىدىغان، قانداقلا بىركىشى
سىلەردىن قىز سوراپ كەلسە، ئۇلارنى تىزدىن ئۆيلەن دۈرۈڭلار « دېگەن ئىبارىنى ئۈچ قېتىم تەكرارلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زەينەپ رەزى يەلالھۇ ئەنھانى زەيد ئىبىن ھارىسەگە ياتلىق قىلماقچى بۋلغاندا، زەينەپ ئېسىل نەسەبلىك بۋلغىنىنىڭ ئۈستىگە، گۈزەل جامالغا ئىگە ئايال بولغاچقا، زەينەپ ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرى زەيدنى ياقتۇرمىغان پۋزىتسىي ەدە بولىدۇ. شۇ ۋ اقىتتا ، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن مۇنۇ ئايەت چۈشىدۇ: ﴿وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ وَلَا مُؤْمِنَةٍ إِذَا قَضَى اللَّهُ وَرَسُولُهُ أَمْرًا أَنيَكُونَ لَهُمُ الْخِيَرَةُ مِنْ أَمْرِهِمْ ۗ وَمَنيَعْصِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَالًا مُّبِينًا﴾ يەنى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغا ندا، ئەر ئايال مۆمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ )يەنى ھېچ ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ( كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن، ھەقىقەتەن ئۇ ئۋپئۋچۇق ئاز غان بولىدۇ . مانا بۇ ئىسلام دى نىنىڭ، ئىن سانلارنىڭ ئۆزئارا بىر بىرىدىن ئارتۇق بۋلۇشىنىڭ ئۆلچىمى تەقۋالىق ئىكەنلىكى تۋغرىسىدىكى پىرىنسىپىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنى ئەمەلىيەتتە تەتبىق قىلغانلىقنىڭ بىر نەمۇنىسىدۇر. ئىسلام دىنى كىشىلەر ئارىسىدىكى ئۆز ئارا ئارتۇقچىلىقنىڭ مىقياسىنى ۋىجداننى ئىدارە قىلىدىغان ، ھاياتلىققا سادىق نەزەر بىلەن قاراپ، ئۇنىڭغا توغرا مۇ ئامىل ە قىلىدىغان، ئېسىل پىرىنسىپلارغا باغلىق قىلدى. ( تىرمىزىي رىۋايى تى ئەھزاب سۈرىسى 36 - ئايەت
ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا لانَّاسُ إِنَّا خَلَقْنَاكُممِّنذَكَرٍ وَأُنثَىٰ وَجَعَلْنَاكُمْ شُعُوبًا وَقَبَائِلَ لِتَعَارَفُوا ۚ إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِندَ اللَّهِ أَتْقَاكُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ﴾ يەنى ئى ئىنسانلار! بىز سىلەرنى بىر ئەر، بىر ئايالدىن ياراتتۇق، ئۆز ئارا تۋنۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى مىللەتلەرگە ۋە قەبىلىلەرگە ئايرىدۇق. شەكسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ھۆر مەتلىك سانىلىدىغىنىڭلار ئەڭ تەقۋادار بۋلغانلىرىڭلاردۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر ﴾ . چۈنكى، دىيانەتلىك كىشى ئۈستىدىكى ئايالىغا مۇناسىۋەتلىك ھەق ھۋقۇقلارنى تونۇيدۇ. ئايالىنى ياقتۇ رغانىدى ھۆرمىتىنى قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئاچچىقال پ قالغاندا زۇلۇم قىلمايدۇ، ئايالى ئەگەر يېتەرلىك ئۆ زرىل ەر سەۋەبلىك ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈ زمەستىن ئايرىلىدۇ. چۈنكى، تەقۋا كىشى دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر پەرمانلىرىغا ئاسىيلىق قىلىشتىن قۋرقىدىغان كىشى دېگەنلىكتۇر.
مۇھەببەت
بۆلۈم: “مۇھەببەت”مۇھەببەت قەلبنىڭ مەھبۇبى تەرەپكە بولغان مايىللىقى دېمەكتۇر. مۇھەببەت پەقەت قەلبتە بولىدۇ. ئەر ئاياللىق ھاياتى پەقەت ئەر ئايال ھەر ئىككىسىنىڭ بىر بىرىگە بولغان چىن مۇھەببىتى بۋلغاندىال بەختلىك ۋە سائادەتلىك بولالايدۇ. ئەر ئاياللىق ھاياتتا ئۋرتاق مۇھەببەت ئىنت ايىن ئەھمىيەتلىك نەرسىدۇر. مۇھەببەت ئەسلىدە، ھەر
( ھۋجۇرات سۈرىسى 31 ئايەت
كىشى ئۇنىڭدىن بىھاجەت بولالمايدىغان پاكىز، ئېسىل بىر ئەنئەنىدۇر. ئەمما ئە پسۇ سلىنارلىقى كۈنىمىزدە، مۇھەببەت سۆزى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قۇ القلىرىغا چىرايلىق ئاڭلانمايدۇ. ئۇلار مۇھەببەت دېسە، ئۇنى بىر گۇناھ ئىش دەپ ھېسابلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا، پاك مۇھەببەت بەخت سائادەتنىڭ ئاچقۇچىدۇر. كىشىلەرنىڭ مۇھەببەت سۆزىنى بىر خىل گۇناھ مەسىيەت دېگەن قاراش بىلەن چۈشىنىپ قېلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، زامانىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەر مۇھەببەت شۋئارى ئاستىدا ئۆزىنىڭ ئايالى بولمىغان يات ئاياللار بىلەن يۋلسىز ئالاقە قىلىشىدۇ ئۇلار بىلەن بىرگە تىياتىرغا بېرىشىدۇ، بىرگە تانسا ئۋينايدۇ، ھاراق شاراب سۋرۇنلىرىغا بىرگە بېرىشىدۇ، بەزىلەر ئىش ئۋرۇنلىرىدا خىزمەت باھانىسى بىلەن يات ئاياللار بىلەن يۋلسىز ئالاقە باغلىشىدۇ، يۇقىرىقى يۋ لسىز مۇناسىۋەتلەر تە رە ققىي قىلىپ، ھەتتا پاھىشە ئىشلارنى قىلىشىدۇ. دېمەك: بەزى كىشىلەر پۈتۈن بۇزۇقچىلىقلارنى مۇھەببەت شۋئارى ئاستىدا قىلىشىدۇ. بۇ خىل بۇزۇقچىلىقلارنى كۆرگەن خەلق مۇھەببەت دېگەن شۇنداق بۋلىدىكەن دەپ چۈشى نىپ، مۇھەببەت سۆزىنى يامان كۆ رىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىدىغان بولۇپ قالغان. ھەقىقىي پاك مۇھەببەت ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىدىغان رەزىل نەرسە ئەمەس،بەلكى ئۇنى يۋلىدا قۋللانسا ئېسىل ئەنئەنىدۇر. ئەمما بەزى كىشىلەرنىڭ مۇھەببەت شۋئارى ئاستىدا قىلىۋاتقان بۇ يۋلسىزلىقلىرى ھەرگىزمۇ مۇھەببەت دېيىلمەيدۇ. بەل كى بۇنداق ئىشلار ئالدامچىلىق ۋە ئەدەپسىزلىكتۇر. پاك مۇھەببەت قەلبنى گۈ لل ە ندۈ رىدۇ . كىشى بىرسىگە كۆڭلىنىڭ مايىل بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا جاۋابكارلىققا
تارتىلمايدۇ. بەلكى مۇھەببەتنى يامان يولغا قۋللىنىپ، يۋلسىزلىق قىلغانلىقى ئۈچۈنلا ج اۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. ئىنساننىڭ قەلبى ئاللاھ تائالانىڭ ئىدارە قىلىشىدا بولىدۇ. شۇڭا ئۇ، قەلبىگە چۈشۈپ قالغان نەرسىلەردىن جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ. ئەمما سەۋەبلەر ئارقىلىق جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. سەۋەبلەر قايسى دېگەندە، ئۇلار: ئۆزىنىڭ ئايالى بۋلمىغان بى رسىگە، ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىش نىيىتى بىلەن تىكىلىپ قاراش، ھېچبىر زۆرۈرىيەتسىز ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش ۋە ئۇنىڭ بىلەن زۋرىغا پاراڭلىشىش قاتارلىق ئىشلاردۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇسۇلمانلارنى يات ئاياللارغا تىكىلىپ قارىماسلىققا بۇيرۇيدۇ. ئەڭ غەلى بىلىك مۇھەببەت تۋيدىن كېيىن ئەر ئايال ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان مۇھەببەتتۇر. ئەمما تېخى ئۆيلەنمەستىن ۋايىغا يەتكەن مۇھەببەت گارانتىسىز)كاپالەتسىز( مۇھەببەت بولۇپ، بۇنداق مۇھەببەت كۆپ ھاللاردا قىز ئۋغۇل ھەر ئىككىسىگە پۇشايمان ۋە بەختسىزلىك ئېلىپ كې لىدۇ. چۈنكى مۇھەببەت گىردابىغا چۈشۈپ قالغانلارنىڭ ئاز قىسمى ئارمانلىرىغا ئېرىشەلىسىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، ھاياتىنى بەختسىزلىككە دۇچار قىلىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى، ئىنسان ئۆزىنىڭ قەلبىگە بىرسىنىڭ ئىشقىنى سېلىپ قۋيىدىغان پۈتۈن سەۋەبلەردىن يىراق تۇرۇشى ۋە ئۆز كۆڭلىگە ئۆزى ئىگە بولۇشى زۆرۈردۇر. چۈنكى كۆڭۈل دېگەن ئىنساندىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە، ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئۋيلىماستىن، ئۇنى خالىغان يەرگە بېرىپ قۋيماسلىق لازىم. ئۇنىڭ پالاكىتىدىن قۇتۇلۇش ئىنتايىن قىيىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەي دۇ: » ئىككى مەھبۇب ئۈچۈن
نىكاھتىن ياخشى ن ەرسە يۋقتۇر « . مۇھەببەتنىڭ غايىسى ئىككىسى بىرگە تۇرمۇش قۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئەمەلىيەتتە تۇرمۇش قۇرالىغان مۇھەببەت مۇرادىغا يەتكەن غەلىبىلىك مۇھەببەتتۇر. مۇھەببەتنىڭ غايىسى بىر بىرىنى ۋاقىتلىق ئالداپ كۆڭۈل ئىشى شتىنلا ئىبارەت بولسا، بۇ مۇھەببەت ئەمەس، بەلكى ئالدامچىلىق ۋە رەزىللىكتۇر. مۇھەببەتنىڭ غايىسى ئىككىسى بىرگە تۇرمۇش قۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ ، ئەمەلىيەتتە تۇرمۇش قۇرالمىغان مۇھەببەت باشلىنىشى غەلىبە، ئاخىرى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشقان ئا ۋ ارىچىلىكت ۇر .
ئىشق
بۆلۈم: “ئىشق”ئى شق قەلبنىڭ مەشۇق تەرەپكە بولغان چۋڭقۇر مايىللىقى بولۇپ، ئۇ، مۇھەببەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر. ئىشقمۇ مۇھەببەتكە ئۋخشاش ئىپپەت بىلەنمۇ بولىدۇ، ئەگەر ئۇنى يۋلىدا ئىشلەتمىسە يۋلسىزلىق بىلەنمۇ بولىدۇ. ئەمما ئىپپەتلىك ئاشىق ئەگەر مۇرادىغا يېتەلمەي ئۆلۈ پ كەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئىپپىتى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭغا ساۋاب بېرىدۇ. ھەدىسلەردە ، كىشىنىڭ قەلبى ئىختىيارسىز بىرسىگە مايىل بولۇپ قىلىپ، ئۇنى ئىزھار قىلىشقا پېتىنالماي، ئۆزىنى ھارامدىن ساقلاپ، ( ئىبىن ماجە رىۋايىتى
سەۋر قىلىپ، شۇ ئىشق يۋلىدا ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ كىشى شېھىتلەرنىڭ قاتارىدا ئەجرى ساۋاب بې رىلىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان. چۈنكى ئەڭ چوڭ جىھاد نەپسى شەيتان بىلەن قىلغان جىھادد ۇر . نەپسى شەيتاننىڭ ھاۋايى ھ ەۋىسىگە بىرىلمەستىن، ئىرادىسىدە چىڭ تۇرۇپ ئىپپىتى بىلەن ئۆلگەن كىشىنىڭ شې ھىتل ەر قاتارىدىن سانىلىشى ئە جە بلىنە رلىك ئىش ئەمەس . كۈنلەش كۈنلەش بىراۋنىڭ ھەققىگە باشقىلارنىڭ شېرىك بۋلۇۋېلىشىدىن قىزغىنىشى دېمەكتۇر. بۇ مەنىدىكى كۈنلەش مۇھەببەتنىڭ نەتىجىلىرىدىن سانىلىدۇ. كۈنلەش ئەر ئايال ئىككىسىنىڭ ئۋتتۇ رىسىدا بولىدۇ. ئايال ئېرىنىڭ باشقا ئاياللار بىلەن بىنۋرمال ئالاقە باغلىشىنى ياقت ۇرمايدۇ. ئۈستىگە باشقا خوتۇن ئېلىشىغا قارشى تۇرىدۇ. بۇ ئاياللارنىڭ خاراكتېرى بولۇپ، يامان كۆرىلىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ھەققىدۇر. ئەر مۇ ئايالىنىڭ ئىككىنچى شەخس بىلەن بىنۋرمال مۇناسىۋەتتە بۋلۇشىغا ۋە ئالاقە باغلىشىغا قارشى تۇرىدۇ. ئەرنىڭ ئايالىنى ب اشقا ئەرلەر )ئۆزىنىڭ ۋە ئايالىنىڭ بۇ ئايال بىلەن نىكاھتا باغلىنالمايدىغان تۇغقانلىرىدىن باشقا يات ئەرلەر( بىلەن بىنۋرمال ئارىلىشىشتىن، يۋلسىز مۇناسىۋەت باغلاشتىن مە نئى قىلىشى، ھەتتا ئۇنىڭغا باشقىلارنىڭ يامان نىيەت بىلەن سۆزقىلىشىدىن قىزغىنىشى ئىسلام شەرىئى تىدە تەلەپ قىلىنغان زۆرۈرىيەتتۇر. غۇرۇرلۇق، دىيانەتلىك ۋە ۋىجدانلىق ئادەم ئۆزىنىڭ خوتۇن قىزلىرىنىڭ يات ئەرلەر بىلەن يۋلسىز ئارىلىشىشىنى ۋە ئۇلار بىلەن بىنۋرمال چاقچاقلىشىىشىنى قەتئىي ياقتۇرمايدۇ. بۇ ئىشلارغا ئۇلار جېنى
بىلەن قارشى تۇرىدۇ. مانا بۇ ھەقىقىي مۇسۇلمانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. ئەپسۇسكى، كۈنىمىزدە خوتۇن قىزلىرىنى باشقىلارنىڭ يامان نىيەتلىك كۆزلىرىدىن مۇھاپىزەت قىلىدىغان ۋە ئۇلارنى يات ئەرلەرگە ئارىلاشتۇرمايدىغان، ئائىلىسىنىڭ ئابرۇ يىنى ۋە نۋمۇسىنى ساقلاشقا تىرىشىدىغان، غۇرۇرلۇق كىشىلەر » مۇ تە ئە سسىپ « ، » قىزغانچۇق « دەپ ئاتىلىپ قالماقتا. چۈنكى زامانىمىزدىكى كۆپ سانلىق كىشىلەر » شەرم ھايا « ، » ئەدەپ - ئەخلاق « ۋە » نۋمۇس « دېگەنلەرنى قامۇسلىرىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىغان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ئەسىر بولۇپ قالغاچقا، ئۇلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۈلگە قىلىۋالغان. يەنە بىر تەرەپتىن دىن دۈشمەنلىرىنىڭ دىنىي ئەنئەنىلەرگە قىلىپ كەلگەن ھۇجۇملىرى تۈپەيلىدىن كىشىلەر ئىلاھىي تەلىماتلاردىن يىر اقلىشىپ قالغان. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئۆزلىرى مۇسۇلمان بولۇپ تۇرۇپ، دىنىمىزدىكى گۈزەل ئەخلاقلارنى كەمسىتىدىغان، يامان ئىشلارغا كۆز يۇمىدىغان بولۇپ قالغا ن. بۇلار كۈنىمىزدە مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر مۇسىبەتلەردىن بىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خوتۇن قىزلىرىنى يات ئەرلەر بىلەن يۋلسىز ئارىلىشىشتىن تۋسمايدىغان، ئۇلارنىڭ ئىپپەت نۋمۇسلىرىنى قۋغدىمايدىغان ئادەمنى » دەييۇس « دەپ ئاتىغان. پەيغەمبەر ئە لەيھىسسالام بىر ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: » ئۈچ خىل ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ: ئۇلارنىڭ بىرى، ھاراقتىن باش ئاللامايدىغان ئادەم. يەنە بىرى ، ئاتا ئانىسىنى قاقشاتقان ئادەم. يەنە بىرى، دەييۇس ئادەم « ئىسلام دىنىدىكى كۈنلەشنىڭ مەنىسى ئۆزىنىڭ خوتۇن قىزلىرىنى يات ئە رلەرنىڭ يامان نىيەتلىك
تە مالىرىدىن مۇھاپىزەت قىلىش، ئۇلارغا يۋلسىز ئارىلىشىشتىن تۋسۇش ئىسلام دىنى نە زىرىدە ۋە مىللىي ئەنئەنىمىزدە گۈزەل ئەخلاقلاردىن سانىلىدۇ. مانا بۇ ئەقىل بىلەن دىننىڭ بىردەك تە لىپىد ۇر . ئەمما ئۆزلىرىنى مە دە نىيە تلىك ۋە بىلىملىك دەپ ساناي دىغان بەزى ئە بگارلار بۇ گۈزەل ئەخلاقنى خاتا چۈشىنىپ، مەدەنىيەتلىك بۋلۇشقا ۋە ئىنسانىيەتچىلىككە زىت كېلىدىغان » قالاقلىق « ، » قىزغانچۇقلۇق « ، » مۇ تە ئە سسىپلىك « دەپ چۈشىنىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ يارىتىلىشتىكى ساپ تەبىئىتىنى يۋقاتمىغان ئىنسانلاردا ئىپپەت نۋمۇس ۋە خوتۇن قىزلىرىنى يۋلل ۇق ھالدا كۈنلەش خىسلىتى بولىدۇ. ئىسلام دىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىپپەت نۋمۇسلىرىنى قۋغداش يۋلىدا ئۆلگەنلەرنى شېھىتلەرنىڭ قاتارىدىن سانايدۇ. مانا بۇ ئىسلام دىنىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىپپەت نۋمۇسلىرىنى نەقەدەر قەدىرلەيدىغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: » كىمكى دىنىنى قۋغداش يۋلىدا ئۆلىدىكەن، ئۇ شې ھىتت ۇر . كىمكى مال مۈ لكىنى قۋغداش يۋلىدا ئۆلىدىكەن، ئۇ شې ھىتت ۇر . كىمكى ئۆز ئەھلىنىڭ نۋمۇسىنى قۋغداش ي ۋلىدا ئۆلىدىكەن، ئۇ شې ھىتت ۇر « . جەمئىيىتىمىزدىكى بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ بىپە رۋالىقى ياكى بۇ ھەقتىكى شەرىئەت ھۆكۈمىنى بىلمىگەنلىكى تۈپەيلى ، ئاياللىرىنى كۈنلەشتە سەل قارىسا، بەزىلەر شەرىئەت ھۆكۈمىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، كۈنلەشتە ھەددىدىن ئاش ۇر ۇۋې تىپ ، ئاياللىرىغا ئاساسسىز ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى
تۆھمەت قىلىدىغان، ھەمىشە ئۇلاردىن يامان گۇمان قىلىدىغان دەرىجىگە يېتىپ قالغان. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى توغرا ئەمەس. ھەر ئىشنىڭ نورمال بۋلغىنى توغرا بۋلغىنىغا ئۋخشاش، كۈنلەشتىمۇ، ئۇنىڭ ئۆز چەكلىمىسىدىن ھالقىپ كەتمەسلىك كېرەك. ئاياللارنى كۈنلەش دېگەننى كۆپ كىشىلەر ئاياللاردىن ھەمىشە شەكلىنىش، يامان گۇمان قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن پايلاقچىلىق قىلىش دەپ چۈشەنسە كېرەك، شۇڭا ئۇلار ھەدەپ ئاياللىرىنى ئاساسسىز ھالدا، قارىلاشقا ئالدىرايدۇ. مۇنداق كۈنلەش مۇھەببەتنىڭ دۈشمىنىدۇر. چۈنكى كۈنلەشنىڭ مەنىسى بىز يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك خوتۇن قىزلىرىنى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ تە مالىرىدىن مۇھاپىزەت قىلىش، ھەرقانداق يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ مۇقەددىمىلىرىدىن ۋە شۈبھىلىك ئىشلاردىن ئۇلارنى يىراق تۇتۇش دېگەنلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆۋەن دىكى ھەدىستە كۈنلەشنىڭ چەك چې گراسىنى بايان قىلىدۇ: » كۈنلەشتىن ئاللاھ ياقتۇرىدىغان كۈنلەشمۇ، ئال الھ يامان كۆرىدىغان كۈنلەشمۇ بار، ئاللاھ ياقتۇرىدىغان كۈنلەش ئۆز ئەھلىنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىپ، ئۇلاردىن ئاساسسىز ھالدا ، يامان گۇمان قىلماسلىق؛ ئاللاھ يامان كۆرىدىغان كۈنلەش بولسا، ئۆز ئەھلىنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلماستىن، ئۇلارنى دەلىلسىز قارىلاشت ۇر « . ( ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى
ئالدانغان ئىشەنچ بىز مۇ سۇ لمانلار كېيىنكى دەۋرلەردە، ئۆزىمىزنى ئالداپ كەلگەن يالغان ئىشەنچلەرنىڭ بىرى، خوتۇن قىزلىرىمىزنىڭ ئىپپەت نۋمۇ سلىرىنى مۇ ھاپىز ەت قىلىشتا بىپ ەرۋ الىق قىلىش، بۇنداق بىپ ەرۋ الىقتىن يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ كەلمەسلىكىگە ئىشىنىپ كېتىش بولدى. بۇ پەقەت، ئىماننىڭ ئاجىزلاشقانلىقى، ۋىجداننىڭ غەپلەت ئىچىدە كىرلەنگەنلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن، ھېچقانداق كىشى خاتالىقلاردىن خالىي بولالمايدۇ . كىشى پەقەت يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ مۇقەددىمىلىرىدىن ساقلىنىش ئارقىلىقلا خاتالىقلاردىن ساقلىنالايدۇ. ئايال ھەرقانچە ئىرادىلىك، دىيانەتلىك، جۋرىسىگە سادىق بول ۇپ كەتكەندىمۇ، ئۇلار ھېچ ۋاقىت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئانىلىرى، ئەخلاق ۋە پەزىلەتلەردە ئەڭ ياخشى ئۈلگىدۇر . بۇنىڭلىق بىلەنمۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا مۇنۇ تەۋسىيەلەرنى قىلغان: ﴿يَا نِسَاءَ لانَّبِيِّ لَسْتُنَّ كَأَحَدٍ مِّنَ النِّسَاءِ إِنِ اتَّقَيْتُنَّ فَلَا تَخْضَعْنَ بِالْقَوْلِ فَيَطْمَعَ الَّذِيفِيقَلْبِهِ مَرَضٌ وَقُلْنَ قَوْلًا مَّعْرُوفًا﴾ يەنى ﴿ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! ئەگەر سىلەر تەقۋالىق قىلساڭلار، باشقا ئاياللارنىڭ ھېچبىرىگە ئۋخشىمايسىلەر. )يات ئەرلەرگە سۆز قىلغاندا( نازاكەت بىلەن سۆز قىلماڭلار، )چۈنكى ئۇنداق قىلساڭلار(دىلىدا يامان غەرەز بار ئادەم )سىلەرگە قارىتا( تەمەدە بولۇپ قالىدۇ، )گۇماندىن خالى( ياخشى
سۆزنى سۆزلەڭلار ﴾ . ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَإِذَا سَأَلْتُمُوهُنَّ مَتَاعًا فَاسْأَلُوهُنَّ مِنوَرَاءِ حِجَابٍ ۚ ذَٰلِكُمْ أَطْهَرُ لِقُلُوبِكُمْ وَقُلُوبِهِنَّ﴾ يەنى ﴿سىلەر پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىر نە رسە سوراپ )ئالماقچى( بۋلساڭلار، پەردە ئارقىسىدىن سوراپ ئېلىڭلار، بۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ دىللىرىڭلارنىمۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىنىمۇ پاك تۇتىدۇ، سىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنى رەنجىتىپ قۋيۇشۇڭلار دۇرۇس ئەمەس ﴾ . كىتابخانلارنىڭ چۈشى نىشىگە ئانچە يىراق ئەمەسكى، يۇقىرىقى ئايەتلەردە خىتاب قىلىنغان كىشىلەر يەر يۈزىدىكى ئەڭ تەقۋا، ئەڭ ئەخلاقلىق زاتلار بولغان ساھابىلەر )پەيغەمبەرنىڭ زامانىدىكى ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتە بولغان ئۈلگىلىك مۇسۇلمانلار(دۇر. ئۇلار مۇئامىلە قىلىدىغان ئاياللارمۇ يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئاياللارنىڭ ئەڭ تەقۋالىرى، ئەڭ ئەخلاقلىق ۋە ئەڭ ئۈلگىلىك ئانىلىرى بولغان ئاياللار پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدۇر. يۇقىرىقى بايانلاردىن كېيىنمۇ، يەنە خوتۇن قىزلىرىنىڭ ئىپپەت نۋمۇسلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئىشىدا، يالغان ئىشەنچكە بېرىلىپ ئالدانغۇچىلارغا دەيمەنكى: سىلەر قانچىلىك ياخشى بولۇپ كەتسەڭلارمۇ، پەيغەمبەردىن كامىل ئەمەسسىلەر. ئاياللىرىڭلارمۇ
( ئەھزاپ سۈرىسى 23 - ئايەت
ئەھزاپ سۈرىسى 35 - ئايەت
قانچىلىك پاك ۋە ئىشە نچلىك بولۇپ كەتكەندىمۇ، ئۇلار يەنىلا پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىغا يەتمەيدۇ. سىلەر ئارىلىشىدىغان يېقىن يورۇقلىرىڭلارمۇ ساھابىلەردىن ۋاپادار ئەمەس. سىلەر نېمەتلەرگە بۇنچىۋالا ئىشەنچ قىلىپ كېتىسىلەر؟! غۇرۇرنىڭ يوقالغانلىقى ئەرلىكنىڭ ئۆلگەنلىكىدۇر ئىنساننىڭ دۇنيادا ئەڭ شەرەپلىك ۋە ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسى ئۇنىڭ نۋمۇسىدۇر. بەلكى ئىنساننىڭ نۋمۇسى ئۇنىڭ دىنىنىڭ ئاساسلىق پارچىسىدۇر. نۋمۇسنى ساقلاش دىنىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى تە لىپى ۋە ئىماننىڭ كۆرۈنەرلىك ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر. بۇ مەسىلىدە پۈتۈن دىنلار ئىتتىپاقت ۇر . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئۆز ئەھلىنىڭ نۋمۇسىنى ساقلاشتا، ئەڭ غۇرۇرلۇق زاتلار ئىدى . مۇنۇ ھەدىس ئۇلارنىڭ نەقەدەر غۇرۇرلۇق ۋە ئىپپەتلىك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ: » بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھىبلىرىغا : » سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆز ئۆيىگە كىرگەندە، ئايالىنى بىراۋ بىلەن يامان ئىش ئۈستى دە كۆرسە 4 كىشىنى گۇۋاھلىققا چاقىرسۇن « دېگەندە، سەئىد ئىبىن مۇ ئاز ئىسىملىك ساھابە ئۋرنىدىن تۇرۇپ يا رەسۇلۇللاھ ! مەن ئايالىمنى يامان ئىش ئۈستى دە كۆرسەم، ئۇنىڭغا 4 گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق بې رىشىگە قاراپ تۇرامدىمەن ؟ ياق! ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر مەن ئايالىمنى بىراۋ بىلەن يامان ئىش ئۈستى دە كۆرسەم ئۇنى بېشىدىن ئايىغىغىچە پارچىلاپ، ئېزىپ ، ئۇندەك قىلىۋېتىمەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ مېنى قانداق جازالىسا، جازالىسۇن، دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بۇ غۇرۇرىغا قايىل بۋلغانلىقتىن تەبەسسۇم قىلىپ، ھەقىقەتەن سەئىد بەكمۇ غۇ رۇ رل ۇق ، مەن سەئىدتىن، ئاللاھ ھەممىمىزدىن بەك غۇرۇرلۇقتۇر. ئاللاھ
تائالانىڭ غۇرۇرى يۈزىسىدىن ھارام – پاھىشە ئىشلارنىڭ ھەر قاندىقى ھارام قىلىنغان « ) (. ھەر كىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ نۋمۇسى ۋە ئىپپىتى شۇنچىلىك مۇقەددەس بولغان يەردە، باشقىلارنىڭمۇ نۋمۇسى ۋە ئىپپىتىمۇ شۇنچىلىك مۇقەددەستۇر، ئۆ زىنىڭ نۋمۇسىنى قۋغداش يۋلىدا غۇرۇرلۇق بولغان كىشى، ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭمۇ ئىپپەت، نۋ مۇسلىرىنى قۋغدىشى، دۈشمەنلىك ۋە خىيانەتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ نۋمۇسلىرنى ئاياق ئاستى قىلىشتىن ھەزەر قىلىشى كېرەك. بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى
يامان ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بۋلىدىغان بۋشلۇقال ر ئىپپەت - نۋمۇسنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى ۋە يامان نىيەتلىك ئادەملەرنىڭ بۇزۇقچىلىق ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغان بۋشلۇقلار تۆۋەندىكىلەر:
1 . ئائىلە مەسئۇلىنىڭ ئۆز ئەھلىنى يات ئەرلەرنىڭ يامان نىيەتلىك
بۆلۈم: “1 . ئائىلە مەسئۇلىنىڭ ئۆز ئەھلىنى يات ئەرلەرنىڭ يامان نىيەتلىك”تەمەلىرىدىن قۋغداشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىكى. بۇ ئاجىزلىق ، ئائىلە مەسئۇلىنىڭ ئەرلىك غۇرۇرىنى يۋقاتقانلىقى ياكى ئۆز ۋەزىپىسىنى تۋنۇ مىغانلىقى ياكى ئۆزىنىڭ تەربىيە ساھەسىدە بىلىمسىزلىكىنى تۈپەيلىدىن مەيدانغا كەلگەن ئاجىزلىقتۇر.
2 . مۇسۇلمان خانىم - قىزلارنىڭ مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنى
بۆلۈم: “2 . مۇسۇلمان خانىم - قىزلارنىڭ مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنى”دۋراپ، ئۋچۇق، نېپىز ۋە قىسقا كىيىنىشى ۋە يۈرۈش تۇ رۇ شلىرى دىكى بىنۋرمال نازاكىتى. شۇڭا ئىسلام دىنى ھەرتۈرلۈك يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاياللارنى ئۆزلىرىگە قارىتا ئەرلەرنىڭھ ەۋە سلىرىنى قۋزغىتىپ قۋيىدىغان بارلىق ئامىللاردىن يىراق بۋ لۇشقا چاقىرغان. ئاللاھ تائالا پۈتۈن مۇسۇلمان ئاياللارغا خىتاب قىلىپم ۇنداق دەيدۇ: ﴿وَقَرْنَ فِيبُيُوتِكُنَّ وَلَا تَبَرَّجْنَ تَبَرُّجَ الْجَاهِلِيَّةِ الْأُولَىٰ ۖ وَأَقِمْنَ الصَّلَاةَ وَآتِينَ الزَّكَاةَ وَأَطِعْنَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ﴾ يەنى ئىلگىرىكى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ ياسىنىپ چىققىنىدەك ياسىنىپ چىقماڭلار، ناماز ئۋقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار ﴾ .
( ئەھزاب سۈرىسى 33 ئايەت
بۇ ئايەتتىكى خىتابتىن مەقسەت، ئاياللارنى گۈزەل، يارىشىملىق كىيىملەرنى كىيىپ، ئېسىل يۈ رۈ شلىرىدىن مەنئى قىلىش ئەمەس. بەلكى ئىسلام دىنى كېلىشتىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىكى ئاياللارنىڭ ۋە كۈنىمىزدىكى مەدەنىيە ت دەۋاسى قىلغۇچى ئاياللارنىڭ كىيىنگىنىدەك، يات ئەرلەر بار يەردە نېپىزلىكتىن بەدەنلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان، قىسقىلىقتىن تىزىدىن ئاشمايدىغان، تارلىقتىن بەدەنلىرىگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىشتىن مەنئى قىلىدۇ. گۆ ھە ر نەچچە قات تۈگۈنلەر ئىچىدە ساقلانغا نلىقى ۋە ھەركىشىنىڭ ئۇنى كۆرەلمىگىنى ئۈچۈن شۇنچىلىك قىممەتكە سازا ۋە ر بولغان نەرسىدۇر. ئايال مۇ ئۇ زۇ ن ، ئاز ادە، ئېسىل كىيىمل ە رنى كىيىپ يۈ رسە ، ئۇنىڭ ھۆرمىتى ۋە قىممىتى ئاشىدۇ، كىشىلەرمۇ ئۇنىڭدىن ھايا قىلىدۇ ۋە ئۇنى قەدىرلەيدۇ. شۇڭا ئاياللار يات ئەرلەر بار جاي دا سۆز قىلغاندا، ئىمكان قەدەر ئۆزلىرىنىڭ ئاۋازلىرىنى جەلىبكار ۋە نازاكەتلىكتە سۈنئىيلەشتۇرىۋالماستىن، بەلكى نورمال، تەبىئىي سۆزلەشكە تىرىشىشى كېرەك. چۈنكى نازاكەتلىك، سۈ نئىي ئاۋازلار ئەرلەرنى ئۆزىگە جە لپ قىلىشنىڭ بىر ۋاسىتىسىدۇر. ئەرەب ماقال تەمسىل لىردىمۇ » قۇ الق كۆزدىن بۇرۇن ئاشىق بولىدۇ « دەيدىغان سۆز بار.
3 . ئەر ئايال جىنسلىرىنىڭ ئاممىۋى سۋرۇنلاردا ئارىلىشىپ
بۆلۈم: “3 . ئەر ئايال جىنسلىرىنىڭ ئاممىۋى سۋرۇنلاردا ئارىلىشىپ”ئۋلتۇرۇشى. ئىسلام شەرىئىتىدە، ئاياللارنىڭ ئۆز تۇغقانلىرىدىن بۋلمىغان، يات ئەرلەر بىلەن ئاممىۋى سۋرۇنلاردا ئارىلىشىپ ئۋلتۇرۇشى، ئۇلارغا نازاكەتلىك ۋە سۈ نئىي ئاۋازلىرى بىلەن، زۆرۈرىيەتسىز سۆز قىلىشى مەنئى قىلىنغان تۇرسىمۇ، كۆپلىگەن مۇسۇلمان ئائىلىلىرى ئۆزئارا زىيارەت ياكى باشقا مۇناسىۋەتلەردىن تاشقىرى، ئاممىۋى سۋرۇنلاردىمۇ ئەر ئاياللار بىر ئۋرۇندا ئارىلىشىپ ئۋلتۇرىدىغان، ئەرلەر
بىلەن ئاياللار بىر بىرىگە چاقچاق قىلىشىدىغان ئادەتلەرنى ئۆ گىنىپ قالغان. بۇنداق ئىشلار دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسىگە خىلاپ بۋلغىنىنىڭ سىرتىدا، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرىمىزگىمۇ يات كېلىدىغان ئەھۋالدۇر.
4 . ئائىلىدە دىنىي تەربىيەنىڭ يۋقلىقى ياكى كەملىكى. بىر ئائىلىدە
بۆلۈم: “4 . ئائىلىدە دىنىي تەربىيەنىڭ يۋقلىقى ياكى كەملىكى. بىر ئائىلىدە”ھەقىقىي دىنىي تەربىيە بۋلىدىغان بولسا، ئۇنىڭ پايدىسى شۇ ئائىلىدىن يېتىشىپ چىققان بالىلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇلار ياشىغان مەھەللە، يۇرت ۋە جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ ئۋمۇم بولىدۇ. ئائىلىدىكى دىنىي تەربىيە، بالىلارنىڭ ئىپتىدائى تە ربىيەسى بولۇپ، دىنىي تە ربىيەنى ئۆزلىرىگە ئۆ زل ە شتۈ رگ ەن قىز يىگىتلەر ئائىلىنىڭ شەرىپىنى ۋە نۋمۇسىنى قۋغداشنىڭ نەقەدەر مۇقەددەس ۋە ئۇلۇغ ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى تونۇيدۇ. نەتىجىدە، قۇرۇق سۆزلەردىن ۋە يالغان تۆھمەتلەردىن ساقىلىنىش ئۈچۈن بولسىمۇ، ياتلار بىلەن بىنۋرمال ئالاقە قۇرمايدۇ، قىزلار ئائىلىسىدىن رۇخسەتسىز خالىغان جايغا كەتمەيدۇ، يات ئەرلەر بىلەن بىرگە يۈ رمە يدۇ . چۈنكى ئىسلام تە ربىيەسىنىڭ تەقەززاسى بۇ خىل يۋلسىز ئالاقىال رنى رەت قىلىدۇ ۋە مەنئى قىلىدۇ. ھۆرمەتلىك كىتابخان! يۇقىرىقى كەمچىلىكلەرنى تۈ زىتىش ئۈچۈن مۇنۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى ياخشى چ ۈشىنىپ، شۇنىڭغا ئەمەل قىلىش بىزگە يېتەرلىك دەپ ئويلايمەن: ﴿قُل لِّلْمُؤْمِنِينَ يَغُضُّوا مِنْ أَبْصَارِهِمْ وَيَحْفَظُوا فُرُوجَهُمْ ۚ ذَٰلِكَ أَزْكَىٰ لَهُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا يَصْنَعُونَ * وَقُل لِّلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ وَيَحْفَظْنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا ۖ وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّ
وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوْ آبَائِهِنَّ أَوْ آبَاءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ أَبْنَائِهِنَّ أَوْ أَبْنَاءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوْ إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي أَخَوَاتِهِنَّ أَوْ نِسَائِهِنَّ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُنَّ أَوِ التَّابِعِينَ غَيْرِ أُولِي الْإِرْبَةِ مِنَ الرِّجَالِ أَوِ الطِّفْلِ الَّذِينَ لَمْ يَظْهَرُوا عَلَىٰ عَوْرَاتِ النِّسَاءِ ۖ وَلَا يَضْرِبْنَ بِأَرْجُلِهِنَّ لِيُعْلَمَ مَا يُخْفِينَ مِنزِينَتِهِنَّ ۚ وَتُوبُوا إِلَى اللَّهِ جَمِيعًا أَيُّهَ الْمُؤْمِنُونَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ﴾ يەنى مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، )نامەھرەملەرگە( تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى )زىن ادىن( ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تۋلۇق خەۋەردار. مۆمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، ئۇلار كۆزلىرىنى نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قاراشتىن ساقلىسۇن، نۋمۇسىنى ۋە ئىپپىتىنى قۋغدىسۇن، كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسىمدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارا قىلمىسۇن، ياغلىقلىرىنى ياقىلىرى بىلەن قۋشۇپ تاڭسۇن ، زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن، يا ئۋغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئۋغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئۋغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۋغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خۋتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەردىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن، ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە
قىلىڭلار .
( نۋر سۈرىسى 92 03 ئايەتلەر
