مەھرەم ۋە نامەھرەم، ئەۋرەت چېگرالىرى ۋە غەيرى دىندىكىلەر بىلەن توي
مەھرەم ۋە نامەھرەم ئۇقۇملىرى
بۆلۈم: “مەھرەم ۋە نامەھرەم ئۇقۇملىرى”مەھرەم — مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن ئۆزىنىڭ جۋرىسى ۋە ئۆزى بىلەن نىكاھى باغلانمايدىغان يېقىن تۇغقانلىرى دېمەكتۇر. نامەھرەم — بۇلارنىڭ ئەكسى، يەنى يات كىشىلەردۇر. ئاياللارنىڭ مەھرەملىرى — ئۇنىڭ ئېرى ۋە ئۆزى بىلەن نىكاھى باغلانمايدىغان ئەر تۇغقانلىرىدۇر. ئۇلار: شۇ ئايالنىڭ ئاتىسى، بۋۋىلىرى، تاغىلىرى، ئۋغۇللىرى، قېرىنداشلىرى، قېرىنداشلىرىنىڭ ئۋغۇللىرى، قېيىن ئاتىسى، ئۆگەي دادىسى، قىزلىرىنىڭ ئەرلىرى، ئاچا
- سىڭىللىرىنىڭ ئەرلىرى ۋە بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلار قاتارلىقلاردۇر. ئەرنىڭ مەھرەملىرى — ئۇنىڭ ئايالى ۋە ئۆزى بىلەن نىكاھى باغلانمايدىغان ئايال تۇغقانلىرىدۇر. (3) نامەھرەم بىلەن يالغۇز قىلىش. ئەر ياكى ئايال ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ ئۆ زىنىڭ جۋرىسى ياكى نىكاھى باغلانمايدىغان يېقىن تۇغقىنى بۋلمىغان يات بىرى بىلەن خالىي يەردە يالغۇز قىلىشى ئىسلامدا مەنئى قىلىنغان ھارام ئىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
» ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن ئادەم مەھرىمى يېنىدا بۋلمىغان
يات ئايال بىلەن خالىي بىر يەردە يالغۇز قالمىسۇن، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى شەيتان بولىدۇ « . ) ( ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى
(4) بىراۋنىڭ ئەۋرەت جايلىرىغا قاراش. مەيلى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن بىراۋنىڭ باشقا بىرىنىڭ ئەۋرىتىگە قارىشى مۇتلەق ھارامدۇر. پەقەت ئەر - خۋتۇنلارنىڭ بىر - بى رىنىڭ ئەۋرىتىگە ۋە پۈتۈن ئۋرگانلىرىغا قارىشى دۇرۇستۇر. (5) ھاياسىز فىلىملەرنى كۆرۈش، ئەخلاقسىز سۈرەتلەرگە قاراش، تېلېۋىزۋر كۋنترۋللۇقىنى قۋلدىن بېرىش. نامەھرەملەرگە قاراش ھارام بولغان يەردە، بەزى فىلىملەردىكى ئەخلاقسىز قىلىقلارغا قاراپ لەززەتلىنىش، ھاياسىز رەسىملەرگە قاراپ تاماشا قىلىش، تېلېۋىزۋر قاناللىرىنى كۋنترۋللۇقىدا تۇتۇپ، نورمال فىلىملەردىن باشقىلىرىنى كۆرۈشتىن ئۆزى ۋە ئائىلە ئەزالىرى چەكلەنمەستىن مۇتلەق قۋيۇۋېتىش ئەلۋەتتە چوڭ ھارامدىن بىرى ۋە ئىنساننىڭ قەلب كۆزىنى خىرەلەشتۈرىدىغان گۇناھتۇر. ئائىلە ب اشلىقى بولغان ئاتا بىلەن ئانا بالىلارنىڭ بۇ خىلدىكى ھارام ئىشلارنى سادىر قىلىپ، گۇناھ ئىشلىشىنى تۋسۇشى لازىم. شۇنداق قىلمىغاندا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرى بىلەن بىرلىكتە بالىلىرىمنى ڭمۇ گۇناھلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ جازاسىنى چېكىدۇ. (6) ئاياللار كېسەللىكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا، ئايال دۋختۇرلارغا بېرىش ئىمكانىيىتى بار بولغان شارائىتتا، ئاياللارنىڭ ئەر دۋختۇرغا بېرىشى. چۈنكى ئەر بىلەن ئايال ئىككى يات كىشىنىڭ يالغۇز بىر يەردە بۋلۇشى توغرا بولمايدۇ. بۇ ھەر قانداق ئادەم ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئىشتۇر. ئايال د ۋختۇر بۋلمىغاندا ياكى جىددىي ئەھۋال ئاستىدا ئەر بولامدۇ، ئايال بولامدۇ قايسىبىر دۋختۇرغا بېرىشقا بولىدۇ. چۈنكى ئىسلام قانۇنىدىكى » زۆرۈرىيەت چەكلەنگەن ئىشلارغا يول قۋيىدۇ « دەيدىغان ئۋمۇمىي پىرىنسىپ بۇ ئىشقا يول قۋيىدۇ.
(7) ئاياللارنىڭ ئەر ساتىراشقا، ئەرلەرنىڭ ئايال ساتىراشقا بېرىپ چاچ كەستۈرۈشى ياكى ياسىتىشى. يات ئايالنىڭ يات ئەرگە، يات ئەرنىڭ يات ئايالغا تىكىلىپ قارىشى ھارام بولغان يەردە، ئۆزىنىڭ جۋرىسى بۋلمىغان بىرىنىڭ بېشىنى تۇتۇپ، چېچىنى ياسىشى ئەلۋەتتە ھارامدۇر. بۇنىڭدا زۆرۈرىيەت ياكى ئۆزۈر بولمايدۇ. چۈ نكى ئاياللار ئۈچۈن ئايال ساتىراش، ئەرلەر ئۈچۈن ئەر ساتىراشلار تېپىلماي قالمايدۇ. ھەمدە چاچ ياسىتىش ياكى كەستۈرۈش جىددىي ئەھۋالمۇ ئەمەس، خالىغان ۋاقىتتا، خالىغان جايدا قىلغىلى بولىدۇ. (8) ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھالدا سەپەرگە چىقىشى. مۇسۇلمان ئايال سەپەرگە چىقماقچى بولسا، ئېرى ياكى مەھرەم تۇغقانلىرى بىلەنلا چىقىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: » ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن ئەرنىڭ بىر كېچە - كۈندۈزلۈك مۇساپىگە مەھرەمسىز سەپەر قىلىپ چىقىشى ھالال بولمايدۇ « دېگەن. مەھرىمى يوق ئايال سەپەرگە چىقىش مەسىلىسى ئېرى ياكى مەھرەم بولالايدىغان يېقىن تۇغقىنى بۋلمىغان ئايالنىڭ ھەج، ئۆمرە، سۋدا - سېتىق، ساياھەت قاتارلىق يۋللۇق سەپەرلەرگە چىقىش مەسىلىسىدە ئۆلىمالار ئوتتۇرىسىدا ھەر خىل قاراشلار بار. ئەڭ توغرا قاراش شۇكى، مەھرىمى بۋلمىغان ئايال سەپەرگە چىقماقچى بۋلغا ندا، ئىشەنچلىك ئاياللارنىڭ ھەمراھلىقىدا چىقسا بولىدۇ. ) ( بۇخارىي، مۇسلىم ۋە ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى
ئىمام شافىئىي، ئىمام مالىك، ئىبىن سىرىن، ئەۋزائىي قاتارلىق كاتتا ئۆلىمالار مەھرىمى يوق ئايالنىڭ پەرز ھەج ئۈچۈن ئىشەنچلىك ئەر – ئاياللاردىن تەشكىللەنگەن مۇسۇلمان گۇرۇپپىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا سەپەرگە چىقسا ب ۋلىدۇ، دەپ قارىغان بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۆلىمالىرى پەرز ھەج ئۈچۈن يول قۋيۇلغان ئىكەن، گۇناھ ئىشلەش مەقسەت قىلىنمىغان بارلىق سەپەرلەرگە يول قۋيۇشقا بولىدۇ، دېگەن پەتىۋانى بەرگەن. (9) زىنا قىلىش. دۇنيادىكى بارلىق دىنلارنىڭ زىنانى ھارام قىلغانلىقىنىڭ ھېكمى تى تەرەققىي قىلىۋاتقان ھازىرقى ئەسىردە تېخىمۇ رۋشەن ئۋتتۇرىغا چىقماقتا. چۈنكى زىنا دىنىي، ئەخلاقىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن ئەڭ زىيانلىق بىر ئاپەت بۋلغىنىنىڭ سىرتىدا، ساقايمايدىغان نىجىس كېسەللىكلەرگە ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا زىنادىن توسۇشتا: ﴿وَلَا تَقْرَبُوا الزِّنَا ۖ إِنَّهُ كَانَ فَاحِشَةً وَسَاءَ سَبِيلًا﴾ يەنى ﴿زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان ) ( ) ( يۋلدۇر ﴾ دەپ كۆرسەتكەن . ) ( ئىسرا سۈرىسى 32 - ئايەت ) ( زىنا توغرۇلۇق بۇ بۆلۈمدە ئايرىم تەپسىلىي تۋختىلىمىز.
ئەۋرەت ۋە ئۇنىڭ چەك - چېگراسى ئەۋرەت — ئىنساننىڭ ئېچىلىپ قالسا ئەيىب سانىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا قاراشتىن ھايا قىلىنىدىغان ئۋرگانلىرى دېمەكتۇر. ئەرنىڭ ئەۋرەت جايلىرىنىڭ چەك - چېگراسى ئەرنىڭ ئەۋرەت سانىلىدىغان ئۋرگىنى ئۇنىڭ كىندىكى بىلەن ئىككى تىزىنىڭ ئارىسىدىكى جايلىرىد ۇر . بۇنىڭدىن باشقا ئۋرگانلىرى ئەۋرەت ئەمەس. ئەرلەرنىڭ مەيلى نامازدا، مەيلى ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا ئەۋرەت سانالغان ئۋرگانلىرىنى يېپىپ يۈرىشى پەرزدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: » ئەرنىڭ كىندىكى بىلەن ئىككى تىزىنىڭ ئارىلىقى ئەۋرەتتۇر « . ئايالنىڭ ئەۋرەت جايلىرىنىڭ چەك - چېگراسى ئايالنىڭ ئەۋرىتى 3 خىل بولىدۇ: بىرىنچىسى، ئايالنىڭ ياتئ ەر ۋە مۇسۇلمان ئەمەس ئاياللار ئالدىدا ئەۋرەت سانىلىدىغان ئۋرگانلىرى، ئىككىنچىسى، ئايالنىڭ مەھرەملىرى ئالدىدا ئەۋرەت سانالغان ئۋرگانلىرى ئۈچىنچىسى، ئايالنىڭ مۇسۇلمان ئايال جىنسلىرى ئالدىدا ئەۋرەت سانالغان ئۋرگانلىرىدۇر. داراقۇتنى، بەيھەقىي رىۋايىتى
ئايالنىڭ يات ئەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئەمەس ئاياللار ئالدىدا ئەۋرەت سانىلىدىغان ئۋرگانلىرى ئايالنىڭ يات ئەرلەر ، مۇسۇل مان ئەمەس ئاياللار ۋە مۇسۇلمانلاردىن بولغان دىيانەت ۋە ئەخلاقتىن نېسىۋىسى بۋلمىغان ئاياللار ئالدىدا يۈزى ، ئىككى ئالىقىنى ۋە ئىككى پۇتىدىن باشقا پۈتۈن بەدىنى ئەۋرەتتۇر . چۈنكى يات ئەرنىڭ، مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئەۋرەت سانىلىدىغان ئۋرگانلىرىغا كۆ رۈ شى توغرا ئەمەس. مۇسۇلمانلاردىن بولغان ئەخلاقسىز ئاياللار ئۇ ئايالنىڭ ئەۋرەت ئۋرگانلىرىنى ئەرلەرگە سۈپەتلەپ بېرىشى ياكى ھازىرقى پەن - تېخنىكا ئەسىرىدە ئۇنىڭ يات ئەرلەر ئۈچۈن ئەۋرەت سانالغان ئۋرگانلىرىنى رەسىمگە تارتىۋېلىپ، يامان نىيەتلىك ئادە ملەرگە تارقىتىش ئېھتىمالى كۆپ . شۇ سەۋەبتىن مۇسۇلمان ئايال ئۆزىنىڭ ئىپپەت، نۋمۇسىنى قۋغداش يۈزىسىدىن مۇنداق ئەخلاقسىز ئاياللارغا ئەۋرەت ئۋرگانلىرىنى ئاچماسلىقى لازىم. ئەمما ئايالنىڭ زۆرۈرىيەت يۈزىسىدىن ياكى دۋختۇرغا كۆرۈنۈش ئۈچۈن بەزى ئۋرگانلىرىنى ئېچىشى رۇخسەت قىلىنغان ئىشلار قاتارىدىن سا نىلىدۇ. چۈنكى ئىسلام قانۇنىدا: » زۆرۈرىيەت مەنئى قىلىنغان ئىشلارغا يول قۋيىدۇ « دەيدىغان پىرىنسىپ بار. ئايالنىڭ مەھرەملىرى ئالدىدا ئەۋرەت سانالغان ئۋرگانلىرى
» ئايال نىڭ مەھرەملىرى )نىكاھى باغلانمايدىغان ( تۇغقانلىرى ئالدىدا
ئەۋرەت سانالغان ئۋرگانلىرى ئۇنىڭ قۋرسىقى، دۈمبىسى، كىندىكىنىڭ ئۈستىدىن ئىككى تىزىنىڭ ئاستىغىچە بولغان جايلار بولۇپ، بۇ
ئۋرگانلىرىنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئاچسا بولمايدۇ. ئەمما بۇلاردىن باشقا ئۋرگانلىرى ئەۋرەت سانالمايدۇ. ئۇلارغا بىلەكلىرىنى، پۇتلىرىنى، بۋينىنى ۋە چېچىنى ئاچسا گۇناھ بولمايدۇ « . ئۋمۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئايال ئۆزىنىڭ مەھرەملىرى ئالدىدا نۋرمالدا ئۆي ئىچىدە ئېچىپ يۈرسە ئەيىبكە بۇيرۇلمايدىغان ئۋرگانلىرىنى ئېچىپ يۈرسە بولىدۇ . سەئۇدى ئەرە بىستان پەتىۋا كۆمىتېتىنىڭ - نۋمۇرلۇق پەتىۋاسى ۋە دۋكتۋر يۈسۈپ ئەل قەرداۋىينىڭ » فتاۋى مارة «) ھازىرقى زامان پەتىۋالىرى(ناملىق ئەسىرىدىن. دۋكتۋر يۈسۈپ ئەل قەرداۋىينىڭ نۇتقىدىن. دۋكتۋر يۈسۈپ قەرداۋى – 6291 - يىلى مىسىرنىڭ غەربىيە رايۋنىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، قەدىمىي ئىلىم يۇرتى ئەزھەردە ئوقۇپ يېتىشكەن ئىسلاھاتچى ئالىم. مىسىردىكى » ئەل ئىخۋانۇل مۇسلىمۇن « جامائىتىنىڭ غۋللۇق ئەزالىرىدىن بىرى بۋلغانلىقى سەۋەبلىك 9491 - 4591 - ۋە 1691 - يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم تۈرمىگە ئېلىنغان، 1691 - يىلى قاتار دۋلىتىگە بېرىپ، شۇجاينىڭ نۋپۇسىغا ئۆتكەن ۋە ئۇ جايدا ئىسلام ئېنىستتۋتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن، 7791 - يىلى قاتار ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. ئۆزىنىڭ مۋل بىلىمى ۋە ئىسلام دۇنياسى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئۋتتۇرىغا قۋيۇش تىكى تالانتى بىلەن » ئىسلام تەرەققىيات بانكىسى « ، » پادىشاھ فەيسەل مۇكاپاتى « ، » مالايشىيا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى « ۋە بۇرۇناي سۇلتانى تەرىپىدىن مۇكاپاتلارغا نائىل بولغان. ھازىر ئۇ
» دۇنيا ئىسلام ئۆلىمالار ئىتتىپاقى « نىڭ رەئىسى، » ياۋرۋپا تەتقىقات ۋە پەتىۋا
كېڭىشى « نىڭ رەئىسى، » مىسىر ئىسلام تەتقىقات ئاكادېمىيىسى « نىڭ ئەزاسى، » ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى « تەركىبىدىكى » ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيىسى « نىڭ ئەزاسى، » قاتار ئىسلام بانكىسى « نىڭ كۆزىتىش كۋمىتېتى ئەزاسى، » ئافرىقا ئىسلامىي دەۋەت تەشكىلاتى « نىڭ ئەزاسى، كۇۋېيت دۆلىتى » زاكات ئىشلى رى كۋمىتېتى « نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، » ئىسلام ئونلاين « تۋر بېكىتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىمەكتە.
ئايالنىڭدىن داش ئايال جىنسلىرى ئالدىدا ئەۋرەت سانالغان ئۋرگانلىرى ئايالنىڭ مۇسۇلمان يات ئاياللار ئالدىدا ئەۋرەت سانالغان ئۋرگانلىرى ئۆزىنىڭ مەھرەملىرى ئالدىدا ئەۋرەت سانالغان ئۋرگانلىرىنىڭ ئۆزىدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلگە ن ئىسلامىي ئادەت مۇشۇ بولۇپ، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئىش ئۋرۇنلىرىدا، ئۆي ئىچىدە ۋە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئارىسىدا بېشىنى، بۋيۇنلىرىنى، پۇت ۋە قۋللىرىنى، شۇنداقلا ئېچىپ يۈرسە ئادەتتە ئەيىب سانالمايدىغان ئۋرگانلىرىنى ئۋچۇق قۋ يۇ پ يۈرىشى جائىزدۇر . مۇسۇلمان ئاي اللارنىڭ ھەمىشە كەڭ، ئازادە ۋە ئۇزۇن كىيىملەرنى كىيىشى، يۈزى، ئىككى قولى ۋە ئىككى پۇتىغا ئۋخشىغان ئادەتتە ئۋچۇق تۇرىدىغان ئەزالىرىدىن باشقا ئۋرگانلىرىنى يېپىپ يۈرۈشى ئىسلامىي گۈزەل ئەخلاقنىڭ جۈملىسىدىن سانىلىدۇ . ئەمما تېخى ئادەت كۆرۈش يېشىغا يەتمىگەن نارە سىدە قىزلارنىڭ نامازدا بولسۇن، ياكى ناماز سىرتىدىكى نورمال ۋاقىتلاردا بولسۇن، بەزى ئەۋرەت ئەزالىرى ئېچىلىپ قالسىمۇ، ئۇلارغا گۇناھ بولمايدۇ ۋە ئوقۇغان نامازلىرىمۇ بۇزۇلمايدۇ. ( ئالدىنقى مەنبەدىن . سەئۇدى ئەرەبىستان پەتىۋا كۆمىتېتىنىڭ پەتىۋاسىدىن.
ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئەۋرەت ئەمەس
بۆلۈم: “ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئەۋرەت ئەمەس”بەزى ئالىملار ئاياللارنىڭ ئاۋازىدىكى نازاكەتلىكنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئەۋرەت دەپ قارىغان. ئەمما ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرى ۋە پۈتۈن مەزھەپ پې شۋ الىرى ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئەۋرەت ئەمەس دەپ قەيت قىلغان. بىراق ئاياللارنىڭ قايسى بىر نامازغا ئەزان ئېيتىشى ، ئەرلەرگە قۇرئان تىلاۋەت قىلى پ بېرىشى جائىز ئەمەس . ئاياللارنىڭ ئەدەپ ئەخلاق ئىچىدە يات ئەرلەرگىمۇ نورمال سۆزلەرنى سۆزلىشى، ئېلىم سېتىم ئىشلىرىنى بېجىرىشى، ئۇلاردىن ئىلىم مەرىپەت ئۆگىنىشى، ئۇلارغىمۇ ئۆگىتىشى ئەلۋەتتە جائىز . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ياشىغان ساھابە ئاياللارمۇ ۋە كېيىنكى دەۋرلەردىكى مۆمىن ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ھە دىس ۋە تارىخلارنى رىۋايەت قىلىپ، سۆزلەپ بەرگەن. شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ جۋرىسىگە ۋە مەھرەملىرىگە ئەدەپلىك ناخشا شې ئىر ۋە قۋشاقلارنى ئېيتىپ بېرىشى جائىزدۇر. ئەمما بۈگۈنكى كۈندىكى رادىيۋ دۋلقۇنلىرى ۋە تې ل ېۋىزىيە قاناللىرىدىن بېرىلىۋاتقان ناخشىلار ئىنسانلارنىڭ قەلبلىرىنى كىرلىتىدىغان، كۆڭۈللىرىنى مەشغۇل قىلىدىغان ۋە ئۇلارنى ھەرخىل ۋەسۋەسىلەرگە ئۈندەيدىغان، شە يتانى ۋاسىتىلەردۇر. بۇلارغا بېرىلمەسلىك كېرەك.
مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇش قۇرۇشتىكى پىرىنسىپى
مۇسۇلمان ئەرنىڭ مۇسۇلمان ئەمەس ئايالغا ئۆيلىنىش مەسىلىسى
بۆلۈم: “مۇسۇلمان ئەرنىڭ مۇسۇلمان ئەمەس ئايالغا ئۆيلىنىش مەسىلىسى”مۇسۇلمان ئەرلەرنىڭ ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان كۋممۇنىست ياكى بۇددىست ياكى ساماۋى )ئەسلى ئاللاھتىن كەلگەن( بىرەر دىنغا مەنسۇپ بۋلمىغان ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىشى دۇرۇس ئەمەس. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَا تَنكِحُوا الْمُشْرِكَاتِ حَتَّىٰ يُؤْمِنَّ ۚ وَلَأَمَةٌ مُّؤْمِنَةٌ خَيْرٌ مِّنمُّشْرِكَةٍ وَلَوْ أَعْجَبَتْكُمْ ۗ وَلَا تُنكِحُوا الْمُشْرِكِينَ حَتَّىٰ يُؤْمِنُوا ۚ وَلَعَبْدٌ مُّؤْمِنٌ خَيْرٌ مِّنمُّشْرِكٍ وَلَوْ أَعْجَبَكُمْ﴾ يەنى مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. ھۆر مۇشرىك ئايال ھۆسىن جامالى ۋە مېلى بىلەن سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۆمىن دىدەك، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ياخشىدۇر . مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغىچە مۆمىن ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار، ھۆر مۇشرىك ئەر سىلەرنى م ەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ ، مۆمىن قۇل ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ياخشىدۇر بۇ ئايەت، بۇددىست، كۋممۇنىست ۋە مۇشرىكلارغا ئۋخشاش ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان، ئىمانسىزلارغا ئۆيلىنىشنىڭ قەتئىي ھاراملىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما خىرىستىيان ياكى يەھۇدىي دىنىغا ئىمانى بار ئاياللارغا ئۆيلىنىشكە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇسۇلمان ئەرلەرنىڭ ئەھلى كىتابتىن بولغان ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىشىنىڭ جائىزلىقى توغرىسىدا مۇنداق ) ( بەقەرە سۈرىسى 221 - ئايەت
دەيدۇ: ﴿وَالْمُحْصَنَاتُ مِنَ الْمُؤْمِنَاتِ وَالْمُحْصَنَاتُ مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِنقَبْلِكُمْ إِذَا آتَيْتُمُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ مُحْصِنِينَ غَيْرَ مُسَافِحِينَ وَلَا مُتَّخِذِي أَخْدَانٍ﴾ يەنى
﴿ ئىمان ئېيتقان ئاياللاردىن ئەفىفە ئاياللارنىڭ، سىلەردىن ئىلگىرى
كىتاب بېرىلگەنلەردىن بولغان ئەفىفە ئاياللارنىڭ مەھرىنى بېرىش شەرتى بىلەن، ئىپپەتلىك بۋلغىنىڭلار ۋە ئا شكارا – يۋشۇرۇن پاھىشىنى ) ( . كۆزلىمىگىنىڭلار ھالدا )ئۇلارنى ئالساڭلار(، ئۇلار سىلەرگە ھالالدۇر ﴾ خىرىستىيان ياكى يەھۇدىي دىنىدىكى ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىشنىڭ شەرتى، ئۇلارنىڭ ئۆز دىنلىرىدا مەھكەم بولۇپ، ئاللاھقا ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بۋلۇشىدۇر. ئەمما ئەھلى كىت ابلارغا قىلىنىدىغان مۇئامىلە پەرقلىق بولىدۇ. چۈنكى بۇلارنىڭ دىنلىرىمۇ ئەسلى ئېتىبارى بىلەن، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەن ھەق دىنلار بولۇپ، زامانلارنىڭ ئۆ تۈ شى ، دىندارلارنىڭ ئۆ ز دىنلىرىنى ھەرخىل ئۆزگەرتىلىشلەردىن، بۇ رۇ لۇ شلاردىن ۋە بۇزۇلۇشلاردىن ساقلاپ قالالمىغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ دىنلار )يەنى يەھۇدىي ۋە خىرىستىيان دىنلىرى( ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەن ئەسلىدىكى ماھىيىتىنى، مەزمۇنىنى، رۋھىنى ۋە ساما ۋى دىنلىققا ئائىت بولغان بارلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى يۋقىتىپ قۋيۇپ، ئاللاھ تائالاغا ئەمەس، بەلكى شەخسلەرگە چۋقۇنىدىغان بىرخىل خۇراپات دىنىغا ئايلىنىپ قالغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالا بۇ دىنلارنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۋرنىغا ) ( مائىدە سۈرىسى 5 ئايەت
تا قىيامە تكىچە ئۆزگەرمەيدىغان، مەڭگۈلۈك ھەق دىن ئىسلام دىنىنى چۈشۈرگەن ۋە ئىسلام دىنىدىن باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ دىنلىرىنىڭ ئاللاھ تائالاغا قوبۇل بۋلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَمَنيَبْتَغِ غَيْرَ الْإِسْلَامِ دِينًا فَلَنيُقْبَلَ مِنْهُ وَهُوَ فِي الْآخِرَةِ مِنَ الْخَاسِرِينَ﴾ يەنى كىمكى ئىسلامدىن باشقىسىنى دىن قىلىپ تۇتىدىكەن، ئۇنىڭ دىنى ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىدۇ . ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ نە زىرىدە قوبۇل بۋلىدىغاندىن پەقەت ئىسلام دىنى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّ الدِّينَ عِندَ اللَّهِ الْإِسْلَامُ﴾ يەنى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە قوبۇل قىلىنغان دىن ئىسلامدۇر . گەرچە ئەھلى كىتابلار ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكۈمى بۋيىچە كاپىر بولسىمۇ، ئىسلام دىنىنىڭ ھەققانىيلىقى ۋە ئادىللىقتىن ئۇلارنىڭ دىنلىرىنىڭ ئە سلىسىنى ئېتىبارغا ئالغان ھالدا، ئۇلارغا قىلىنىدىغان مۇئ امىلە پىرىنسىپىنى باشقىمۇ كاپىر قۋۋ ملارغا قارىتا بەلگىلەنگەن پىرىنسىپتىن پەرقلىق قىلىپ بېكىتكەن. بۇنىڭغا بىنائەن، ئەھلى كىتابلارنىڭ ھالال يېمەكلىرىنى يېيىش ۋە ئاياللىرى بىلەن ئۆيلىنىش جائىزدۇر. چۈنكى ئەھلى كىتابلار قانداقلا بولمىسۇن، ئاللاھ تائالاغا ئىشىنى دۇ.
( ئال ئىمرانس ۈرىسى 58 ئايەت
ئال ئىمران سۈرىسى 91 ئايەت
ئاللاھ تائالا مۇسۇلمان ئەرلەرنىڭ ئەھلى كىتابتىن بولغان ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىشىنىڭ جائىزلىقى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ﴿الْيَوْمَ أُحِلَّ لَكُمُ الطَّيِّبَاتُ ۖ وَطَعَامُ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ حِلٌّ لَّكُمْ وَطَعَامُكُمْ حِلٌّ لَّهُمْ ۖ وَالْمُحْصَنَاتُ مِنَ الْمُؤْمِنَاتِ وَالْمُحْصَنَاتُ مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِنقَبْلِكُمْ إِذَا آتَيْتُمُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ مُحْصِنِينَ غَيْرَ مُسَافِحِينَ وَلَا مُتَّخِذِي أَخْدَانٍ﴾ ﴿بۈگۈن سىلەرگە پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى. كىتاب بېرىلگەنلەر )يەنى يەھۇدى يلار ۋە خىرىستىيانلار ( نىڭ تامىقى سىلەرگە ھالالدۇر ۋە سىلەرنىڭ تامىقىڭلار ئۇلارغا ھالالدۇر. ئىمان ئېيتقان ئاياللاردىن ئەفىفە ئاياللارنىڭ، سىلەردىن ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن بولغان ئەفىفە ئاياللارنىڭ مەھرىنى بېرىش شەرتى بىلەن، ئىپپەتلىك بۋلغىنىڭلار ۋە ئاشكارا – يۋشۇرۇن پاھىشىنى كۆزلىمىگىنىڭلار ھالدا )ئۇلارنى ئالساڭلار(، ئۇلار سىلەرگە ھالالدۇر ﴾ . ئەھلى كىتابتىن بولغان ئاياللار بىلەن ئۆيلى نىشكە رۇخسەت قىلغانلىقنىڭ ھېكمەتلىرىدىن بىرى ، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان ئەرلەرگە ياتلىق بۋلۇشى ئارقىلىق ئىسلام دىنىنىڭ ئەۋزەل لىكىنى ۋە ھەقىقىتىنى تونۇپ، ئۆزلۈكىدىن ئىسلام دىنىغا كىرىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت بۋلۇشى مۇمكىن. لېكىن مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئەھلى كىتابتىن بولغان ئايالىنى ئۆز دىنىنى تەرك ئېتىپ ئىسلام دىنىغا كىرىشكە زۋرلىشىغا بولمايدۇ. چۈنكى
( مائىدە سۈرىسى 5 ئايەت
ئىسلام پىرىنسىپىدا كىشىلەرنى ھېچ ۋاقىتتا ئىسلام دىنىغا كىرىشكە زورلاش يوقتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَا إِكْرَاهَ فِي الدِّينِ ۖ قَدتَّبَيَّنَلارُّشْدُ مِنَ الْغَيِّ﴾ يەنى دىندا زورلاش يوقتۇر. ھىدايەت گۇمراھلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى ﴾ . ئۆز ۋاقتىدا، بەزى مەشھۇ ر ساھابىل ەر يەھۇدىي ۋە خىرىستىيان دىنىدا بولغان ئاياللارغا ئۆيلەنگەن. ھۇزەيفە، تەلھە،كەئبە ئىبن مالىكلار مۇ شۇلارنى ڭجۈ ملىسىدىند ۇر . ئۆمەر ئبن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا، » ئەھلى كىتابتىن بولغان ئاياللىرىڭلارنى قۋيۇۋېتىڭلار « دېگەن ماۋزۇدا خەت يازغاندا، ھۇ زە يفەدىن باشقىلار ئەھلى كىتابتىن بولغان ئاياللىرىنى قۋيۇۋېتىدۇ. ھۇزەيفە مەدائىن دېگەن شەھەرنىڭۋ الىيسى ئىدى . ئۇ شۇ يەردە يەھۇدىي دىنىدىكى بىر ئايالغا ئۆيلىنىۋالغان. ئۇ، ئۆمەر ئىبىن خەتتابنىڭ » ئاڭلىسام سەن ئەھلى كىتابتىن ئۆيلىنىۋاپسەن. ئۇنى قۋيۇۋەت! « دېگ ەن خې تىگە جا ۋ اب بېرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ خەت يازىدۇ: » سىز ماڭا ئەھلى كىتابتىن ئۆيلىنىشنىڭ ھالال ياكى ھارام ئىكەنلىكىنى ئېيتمىغىچە، مەن ئۇنى قۋپ ۇپ بەرمەيمەن، « ئۆمەر ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: » ئەھلى كىتابتىن بولغان ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىش ھالال. لېكىن ئەجەملەرنىڭ ئاياللىرىدا ئۆزگىچىلىكلەر بار. ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ بازىرىنى كاسات قىلىپ قۋيۇشىدىن ئەنسىرەيمەن، « دەپ يازىدۇ. ھۇزەيفە بۇ ۋاقىتتا: » مەن ئەمدى قانائەتلەندىم « دەيدۇ ۋە ئەھلى كىتابتىن بولغان ئايالىنى قۋيۇپ
( بەقەرە سۈرىسى 652 ئايەت
بېرىدۇ « . ئەھلى كىتابتىن ئۆيلىنىش جائىز بۋ لغان بولسىمۇ، مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆز ئابرۇ يىنى ، دىنىنى قۋغداش، ئەۋلادلىرىنىڭ كېيىنچە ئەھلى كىتابلارنىڭ دىنىغا كىرىپ كېتىش خەۋپىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بولسىمۇ، ئۋنى تەرك ئېتىشى ناھايىتى ئەۋزەلدۇر. خۇ سۇ سە ن ، ھازىرقى زاماندىكى ئۆزلىرىنى يەھۇدىي، خىرىستىيان دەپ ئاتىۋالغان، ئەمما ساما ۋى دىنلارنىڭ تەلىماتلىرىدىن ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان، جىنسىي ئەركىنلىكنى شەخسىي ئىشىمىز دەپ تونۇپ ئىنسانىيەت قېلىپىدىن چىقىپ، شەھۋانىي ھەۋەستىن باشقىسىنى بىلمەيدىغان بۇ ئىنسانلار ئەھلى كىتابتىن سانىلىشقا يارىمايدۇ. بەلكى ئۇلار باشقا كۇففارال ر بىلەن ئۋخشاشتۇر. شۇڭا ئەھلى كىتابلار بىلەن ئۆيلىنىشتىن ئالىملار تۋسۇپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ بۇ تۋسقانلىقى بۇ ئىشنى ھارام دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۇلار بىلەن ئۆيلىنىش ھالال. قۇرئاننىڭ ئايىتى بۇنى ئىسپاتلايدۇ. شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەككى ، يەھۇدىي ياكى خىرىستىيان دىنىدىكى ئاياللارغا ئۆيلىنىشنى ھالال )يەنى دۇرۇس( دەپ بېكىتكەن ئايەت، ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن » دىندار « ، ئاندىن
» ئىپپەتلىك « ئاياللارنى )يەنى ئۆز دىنلىرىغا سادىق بۋلغانلارنى(
تاللاشنى ئالاھىدە شەرت قىلغان. ئاخىرىدا، شەرىئەتنىڭ بۇ بەلگىلىمىسىدىن چىققۇچىلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ بىكار بۋلىدىغانلىقىنى ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ ئايەتتىكى تارىخى تەبەرىي 3 جىلد 855 بەت
» دىندار « ۋە » ئىپپەتلىك « ئاياللار دېگەن ئىككى شەرتكە ئەمەل قىلىش
مۇ ھىمد ۇر .
مۇسۇلمان قىزلار مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە ھارامدۇر مۇسۇلمان قىزلارنىڭ ۋە ئاياللارنىڭ مۇسۇلمان ئەمەس ئەرلەرگە ياتلىق بۋلۇشى قەتئىي جائىز ئەمەس. مەيلى ئۇلارنىڭ ياتلىق بۋلماقچى بولغان كىشىلىرى خىرىستىيان بولسۇن، مەيلى يەھۇدىي بولسۇن، مەيلى ئاتېئىست بولسۇن، مەيلى بۇددىست ياكى مۇشرىك بولسۇن، بۇلارنىڭ ھېچبىرى مۇسۇلمان ئاياللارغا ئۆيلىنىشكە لايىق ئەمەس. ئاللاھ تائالا مۇسۇلمان ئاياللار توغرىسىدا: ﴿لَا هُنَّ حِلٌّ لَّهُمْ وَلَا هُمْ يَحِلُّونَ لَهُنَّ﴾ يەنى ﴿ئۇلار كاپىرلارغا ھالال ئەمەس. كاپىرلارمۇ ئۇلارغا ھالال ئەمەس ﴾ دېگەن. ئۆز مىللەتتىن بولسىمۇ، ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان ئاتېئى زم ئېتىقا دىدىكى بىرىگە مۇسۇلمان قىزىنى قەتئىي ياتلىق قىلىشقا بولمايدۇ. مۇنداق قىلغۇچىلار ئاللاھنىڭ يۇقىرىقى ئايەتتىكى ھۆكۈمىگە قارشى چىققان بولۇپ، جازاسىنى ئېغىر تارتىدۇ.
» چۈنكى ئاتېئىزم ئاللاھ تائالاغا ئىشەنمەسلىك ئاساسىغا قۇرۇلغان
پەلسەپىۋىي ئېقىم بولۇپ، دىنغا ئى شىنىشنى خۇراپاتلىق دەپ بىلىدۇ. ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىدىغان يەھۇدىي ۋە خرىستىئانلارغا مۇسۇلمان قىزلىرىنى ياتلىق قىلىش ھارام بولغان يەردە، ئاللاھ تائالاغا ئىشەنمەيدىغانلارغا ياتلىق قىلىش قانداقمۇ ھارام بولمىسۇن؟! ئاتېئىزمچىلار ئىسلام قانۇ نىدا ، دىندىن يېنىۋال غان مۇرتەدلەرگە ) ( مۇمتەھىنە سۈرىسى 01 ئايەت
ئۋخشاش مۇئامىلە قىلىنىدۇ. مەسىلەن: مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھېچبىر ھالەتتە مۇسۇلمان ئەمەس ئەرلەر بىلەن نىكاھى باغلانمايدۇ. ناۋادا مۇسۇلمان ئاياللار ئاللاھ تائالاغا ئىشەنمەيدىغان ئاتېئى زم ئېتىقادىدىكىلەرگە ياتلىق بولغان ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى دەرھال ئايرىۋېتىش، بالىلىرىنىڭ ئېتىقادىنى ساقلاپ قىلىش يۈزىسىدىن ئۇلارنى ئاتىلىرىغا بەرمەسلىك، ئاتېئىزمچىلار ئۆلگەندە، ئۇلارنى يۇيۇپ تارىماسلىق، نامىزىنى ئۋقۇماسلىق ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلماسلىق قاتارلىق مۇئامىلە قىلىنىدۇ. « مۇبا دا مۇسۇلمان ئەرل ەر ئىسلام دىنىدىن يېنىپ كەتسە، ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنى ئۇلاردىن ئايرىۋېتىش مەسىلىسىدە، ئىسلام فىقھىشۇناسلىرى ئىختىلاپلاشقان ۋە بۇ مەسىلىدە تۋققۇز قاراشقا بۆلۈنگەن. ئەڭ تۋغرىسى ئۇلارنى ئايرىۋېتىشكە ئالدىرىماسلىقتۇر. مۇسۇلمان ئاياللارنى مۇسۇ لمان ئەمەسلەرگە ياتلىق قىلماسلىقنىڭ سىرى مۇسۇلمان ئاياللارنى مۇسۇلمان ئەمەس ئەرلەرگە ياتلىق قىلماسلىقتىكى سىر ۋە ھېكمەتنى ئاللاھ تائالا ئۆزى بىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئاجىزانە ئەقلىمىز بىلەن تەپەككۇر قىلغىنىمىزدا، بىزگە شۇ رۋشەن بۋلىدۇكى، ئەرلەر ئە قىل، كۈچ ۋە ئائىلىنىڭ مەسئۇلل ى قى جەھەتلەردە، دۋكتۇر يۈسۈپ ئەل قەرداۋىينىڭ » ھازىقى زامان پەتىۋالىرى « ناملىق ئەسىرى، 1 - تۋم، 054 - بەت. دۋكتۇر يۈسۈپ ئەل قەرداۋىينىڭ » ھازىقى زامان پەتىۋالىرى « ناملىق ئەسىرى، 3 - تۋم، 506 - 226 - بەتلەر.
ئاياللارغا نىسبەتەن ئارتۇ قل ۇ ققا ئىگە بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ تەقەززاسى، ئايالنىڭ ئېرىگە ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بۋلمايدىغان پۈتۈن ئىشلاردا بۋيسۇنۇشىنى ۋە ئۇنىڭ بۇ ئارتۇق چى لىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ سەۋەبى، ئەرلەرنىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە: ﴿الرِّجَالُ قَوَّامُونَ عَلَى النِّسَاءِ بِمَا فَضَّلَ اللَّهُ بَعْضَهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ﴾ يەنى ئەرلەر ئاياللارنىڭ يەنى ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر . ھالبۇكى مۇسۇلمان ئايال مۇسۇلمان ئەمەس ئەرگە ياتلىق بۋلغاندىن كېيىن، ئېرىگە بۋيسۇنۇشقا ۋە ئۆزىگە نىسبەتەن ئۇنىڭ ئارتۇق چى لىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولۇپقا لىدۇ. بۇ دېگەنلىك، ئۆزىنىڭ دىنىنى ئېرىنىڭ دىنى ئالدىدا خۋرلاشقا مەجبۇر بولىدۇ، دېگەنلىكتۇر. بۇنداق قىلىش ئىسلام قانۇنىغا ئۇ يغ ۇن كەلمەيدۇ. چۈنكى ئىسلام قانۇنىدا مۇسۇلمان ئەمەس لە رنىڭ قانداقلا بىر مۇسۇلماننى باشقۇرۇش ۋە بۋيسۇندۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ. بۇ ھەقتە ئالالھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَنيَجْعَلَ اللَّهُ لِلْكَافِرِينَ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ سَبِيلًا﴾ يەنى ئاللاھ كاپىرلارغا ھەرگىز مۆمىنلەرگە قارشى يول بەرمەيدۇ .
( نىسا سۈرىسى 34 - ئايەت ( نىسا سۈرىسى 141 ئايەت
