ھامىلىدارلىق، ئەقىقە، ئوغۇللارنى خەتنە قىلىش ۋە ئانا-بالا ھەقلىرى
ھامى لى دار بۋلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسى تۇغۇش تۇغماسلىق مەسىلىسى ئەر ئايال ئىككىسىنىڭ قارارىغا باغلىق ئىشتۇر. ئائىلىدىكى مەلۇم سەۋەبلەر ياكى زۆرۈرىيەتلەر تۈپەيلى ئەر – ئايال ئىككىسى كېلىشىپ تۇغۇشنى ۋاقىتلىق كېچىكتۈرۈش نىيىتى بىلەن ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دۋرا، ئۋكۇل ۋە باشقا ھەر قانداق بىر چارىنى قۋللىنىشى دۇرۇستۇر. بۇ دېگەنلىرىمىزنىڭ تۋغ را ئىكەنلىكىنى كۈچلەندۈرىدىغان ھەدىسلەر كۆپ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: » بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىمۇ ئەزلە قىلاتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى بىلگەن، ئەمما ئۇنىڭدىن تۋسمىغان ئىدى « . ئەزلە قىلىش — جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە، بالا بولۇپ قالمىسۇن دەپ، سپېرمىنى سىرتقا تۆكۈۋېتىش دېگەنلىكتۇر. تۇغۇش ياكى تۇغماسلىق ئاتا - ئانا بۋلغۇچىنىڭ ئىختىيارىدۇر تۇغۇش ياكى تۇغماسلىق ئىختىيارى ئاتا - ئانا بۋلغۇچىنىڭ ھەققىدۇر. بۇ سەۋەبتىن تۇغۇش ياكى تۇغماسلىق مەسىلىسىنىڭ دۆلەتلەرنىڭ پىرىنسىپلىرىدىن بىرەر پىرىنسىپقا ياكى كىشىلەرنى ئۇنىڭغا تەشەببۇس قىلىدىغان بىرەر چاقىرىققا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. چۈنكى، كىشىلەرنى ئاز تۇغۇشقا ياكى تۇغماسلىققا تەشەببۇس قىلغۇچىلار ياكى زۋرلىغۇچىلار بىرەر يامان غەرەزنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ) ( ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى
ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلاردۇر. تۇغۇ ش تۇغماسلىق مەسىلىسى ئەر ئايال ئىككىسىنىڭ قارارىغا باغلىق ئىشتۇر. باشقىلارنىڭ ئۇلارنى تۇغۇشقا ياكى تۇغماسلىققا زۋرلاش ھوقۇقى بۋلماسلىقى كېرەك. قۋرساقتىكى بالىنى چۈشۈرۈۋېتىش جىنايىتى قۋرساقتىكى بالىغا زىيان يەتكۈزۈش ئەڭ ئېغىر قاتىللىق جىنايىتىدىن سانىلىدۇ. ئىسلام جازا قانۇنى بۋيىچە، چۈشۈرۈۋېتىلگەن بالا تىرىك چۈشكەن بولسا )يەنى تىرىك چۈشۈپ ئاندىن ئۆلگەن بولسا( ئۇنى چۈشۈرۈۋەتكۈچىنىڭ ئۈستىگە بىر ئادەمنىڭ دىيىتى )يەنى بىر ئادەمنى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈۋەتكەن كىشىگە كېلىدىغان ماددىي تۆلەم( كېلىدۇ. ئەگەر ئۇ ب اال ئۆلۈك چۈشكەن بولسا، ئۇنى چۈشۈرۈۋەتكۈچى ئۇنىڭ ئانىسىغا ئالدىنقىسىدىن يېنىكرەك تۆلەم تۆلەيدۇ. بۇ ئانىنىڭ قۋرسىقىدىكى بىر جان ئىگىسىنى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈۋەنكەنلىكنىڭ بۇ دۇنيادىكى جازاسى، خالىس . ئەمما ئۇنىڭ ئاخىرەتتىكى جازاسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىكى ئىش بۋ لۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭ جىنايەت ئىشلىگەن ۋاقىتتىكى نىيىتىگە قاراپ خالىسا ئۇنى ئەپۇ قىلىدۇ، خالىسا جازالايدۇ. لېكىن ئانىنىڭ قۋرسىقىدا بولۇپ، بۇ دۇنياغا تېخى كۆز ئاچمىغان بىر بۋۋاقنى قەستەن ئۆلتۈرگۈچىنىڭ جازاسى قۇرئان كەرىمدە ناھايىتى ئېنىقتۇر. ئۇ بولسىمۇ، دۋزاختۇ ر! قانداق شارائىتتا قۋرساقتىكى بالىنى ئېلىۋەتسە بولىدۇ؟ ھازىرقى زامان ئىسلام ئۆلىمالىرى تۆرەلمىنىڭ ئاتا - ئانىسى بۋلغۇچىلارنىڭ رازىلىقى بىلەن 04 كۈنلۈك بۋلمىغان تۆرەلمىنى ئېلىۋېتىشقا بولىدۇ، دەپ قارار قىلىدۇ. كۇۋېيت دۆلىتىنىڭ » پەتىۋا ئىشلار كۋمىتېتى « نىڭ 4891 - يىلى 9 - ئاينىڭ 92 - كۈنى چىقارغان
پەتىۋاسىدا مۇنداق دەپ قەيت قىلىنغان: » تۆرەلمىنى ئۇنىڭ تۆرەلگىنىگە 04 كۈن تۋشمىغان بولسا ، ئاتا - ئانىسىنىڭ ئىستىكى ۋە رازىلىقى بىلەن ئېلىۋېتىشقا بولىدۇ. « تۆرەلمىنى ئېلىۋەتمىگەندە، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ھاياتى خەتەرگە ئۇچرايدىغانلىقى ئېنىق ۋە كەسكىن قارارلاشقاندا، پەقەت ئانىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قىلىش يۈزىسىدىن تۆرەلمىگە 021 كۈن تۋشمىغان بولسا، ئۇنى ئېلىۋەتسە بولىدۇ « . ئەمما تۆرەلگىنىگە 021 كۈن تۋلۇپ ئېشىپ كەتكەن تۆرەلمىنى قايسىبىر سەۋەب بىلەن چۈشۈرىۋېتىشقا قەتئىي بولمايدۇ. چۈنكى مۇنداق قىلىش بىر جاننى قەستەن ئۆلتۈرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى زامان مەشھۇر ئۆلىمالىرىدىن مۇتلەق كۆپ سانلىقى يۇقىرىقى قاراشنى ماقۇللايدۇ. بۋۋاقنىڭ ئەيىبلىك تۇغۇلىدىغانلىقى ئېنىقلانسا نېمە قىلىش كېرەك؟ بۋ ۋاقنىڭ ئەيىبلىك تۇغۇلىدىغانلىقى ئىشەنچلىك تېببىي مۇتەخەسسى سلىرى تەرىپىدىن شەكسىز ھالدا ئېنىقلانغان ۋە تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇنى ساقايتىش ئىمكانىيىتى بۋلۇشتىن قەتئىي ئۈمىد ئۈزۈلگەن بولسا، مەزكۇر تۆرەلمىگە 021 كۈن تۋشمىغان ۋاقىت ئىچىدە ئېلىۋە تسە بولىدۇ. ئەمما تۆرەلمىگە 021 كۈن ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، بۇ ھالدا قايسىبىر .
ئۆزۈ ر ياكى زۆرۈرى يەت تۈپەيلى تۆرەلمىنى ئېلىۋېتىشقا بولمايدۇ . تۆرەلمىگە قاچان جان كىرىدۇ؟ پەيغەمبە ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: » سىلەر ئاناڭلارنىڭ قۋرسىقىدا پەيدا بولۇپ، 04 كۈن ئىچىدە لەختە قانغا، ئاندىن گۆش پارچىسىغا ئايلىنىسىلەر، ئاندىن مەخسۇس پەرىشتە ئەۋەتىلىپ، سىلەرگە جاننى پۈلەيدۇ ۋە سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى، ئەجىلىڭلارنى، بەختلىك ياكى بەختسىزلىكىڭلارنى يېزىشقا بۇيرىلىدۇ « . يەنە بىر ھەدىستە: » تۆرەلمىگە 24 كۈن بۋلغاندىن كېيىن، ئاللاھ بىر پەرىشتىنى ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ، ئۇنى ئىنسان شەكىلگە كىرگۈزىدۇ، ئۇنىڭ قۋلىقىنى ، كۆزىنى، تېرىسىنى، گۆشىنى ۋە سۆڭەكلىرىنى يارىتىدۇ. ئاندىن پەرىشتە: ئى رەببىم! بۇ تۆرەلمە ئەركەك بولامدۇ ياكى قىزمۇ؟ دەيدۇ. ئاللاھ ئۆز خاھىشى بىلەن ئەمر قىلىدۇ، پەرىشتە يازىدۇ « . ئىسلام ئۆلىمالىرى بۇ ئىككى ھەدىسنىڭ رۋھىغا ئاساسەن، » ت ۆرەلمە ئانىسىنىڭ قۋرسىقىغا ئۈنۇپ 04 ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا جان
» ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى « تەركىبىدىكى » ئىسلام فىقى
ئاكادېمىيىسى « نىڭ 0991 - يىلى 2 - ئاينىڭ 01 - كۈنىدىكى 01 41 - نۋم ۇرلۇ ق قارارى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ » پەتىۋا ۋە ئىلمىي تەتقىقات دائىمى كۋمىتېتى « نىڭ 9791 - يىلى 2 - ئاينىڭ 61 - كۈنىدىكى 4842 - نۋم ۇرلۇ ق قارارى يۇقىرىقى ھالەتتىكى تۆرەلمىنى 021 كۈن تۋشماستىن ئېلىۋېتىشنى جائىز ساناپ پەتىۋا چىقارغا ن . ( ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى
كىرىدۇ. بىراق مەزكۇر 04 كۈن ئۆتۈپ قانچە كۈندىن كېيىن جان كىرىدىغانلىقىنىى ھېچكىم ئېنىق كېسىپ ئېيتالمايدۇ. شۇنداقتىمۇ قۇرئان كەرىمدىكى: ﴿ثُمَّ سَوَّاهُ وَنَفَخَ فِيهِ مِنرُّوحِهِ﴾ يەنى ئاندىن ئۇنى راۋۇرۇس يارى تىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىگە مەنسۇپ رۋھنى كىرگۈزدى دېگەن ئايەتتتىن، تۆرەلمە ئىنسان شەكلىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنلا ئۇنىڭغا جان كىرگۈزىلىدۇ، دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. يەنە ئىنفىتار سۈرىسىدىكى ﴿الَّذِيخَلَقَكَ فَسَوَّاكَ فَعَدَلَكَ﴾ يەنى ئۇ سېنى ياراتتى، )ئەزالىرىڭنى( بېجىرىم، قامىتىڭنى تۈز قىلدى دېگەن ئايەتكە ئاساسلانغاندا، تۆرەلمىگە 8 ھەپتە بۋلغاندىن كېيىن جان كىرىپ بولىدۇ، دەپ چۈشىنىسكە بولىدۇ. كۆپلىگەن مۇپەسسىرلەر بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرگەن . ئاز تۇغۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ باھانىلىرى بەزى كىشىلەرنىڭ چۈشەن چىسى بۋيىچە جەمئىيەتتىكى پېقىرلىق، كېسەللىك، بىلىمسىزلىك ۋە ئىشسىزلىق قاتارلىق بەختسىزلىكلەر نۋپۇسنىڭ كۆپلىكىدىن كېلىپ چىقارمىش. شۇڭا جەمئىيەتنى بۇ ۋابالاردىن ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن تۇغماسلىق كېرەكمىش. ئەمەلىيەتتە بولسا، جەمئىيەتنى بۇ نداق ۋابالاردىن ۋە بەختسى زلىكلەردىن ساقلاش ئۈچۈن تۇغۇشنى چەكلەشكە ھاجەت يوق. بۇ ئۋپئۇچۇق جاھىللىق،
( سەجدە سۈرىسى 9 - ئايەت
ئىنفىتار سۈرىسى 7 - ئايەت دۋكتۋر ئابدۇلجەۋۋاد ساۋىي، مەككە مۇكەررەمەدىكى » قۇرئان ۋە سۈننەت مۆجىزىلىرىنى تەتقىق قىلىش خەلقئارالىق كۆتىتېتى « نىڭ تۋر بېتىدىن.
ئاخماقلىق ۋە ئاجىزلىقتۇر. چۈنكى ئاللاھت ائالا ئىنسانغا ھەرقانداق بالايى ئاپەتلەرنىڭ ۋە بەختسىزلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەقىل ئىدراك، ئىلىم پەن ئاتا قىلدى. يۋللۇق ۋە ئىلمىيلىك بىلەن جەمئىيەتتىكى ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشماستىن، تۇغۇتنى چەكلەشكە ئۋرۇنۇش بولسا، ئىنسانلىق بۇرچىنى ئادا قىلىشتىن ئاجىز كەلگەنلىك ۋە قىيىنچىلىقلار ئالدىدا يېڭىلغانلىقتۇر. جەمئىيەتنى ئاغرىق سىالقلاردىن، پېقىرلىقلاردىن، بىلىمسىزلىكلە ردىن ۋە ئىشسىزلىقلاردىن ساقلاشنىڭ ئىلمىي ۋە مەنتىقىي يولى مەكتە پلەرنى كۆپ ئېچىش، كىشىلەرنى بىلىم ئېلىشقا قەتئىي تۈردە تەشەببۇس قىلىش، دىنىمىزدا كۆرسىتىلگەن بۋيىچە ھەركىشى ئاممىۋى ۋە شەخسىي تازىلىقلارغا رىئايە قىلىشى كېرەك. چۈنكى دىنىمىزدا پاكىزىلىق ئىماننىڭ يېرىمى سانىلىدۇ. ھەر قانداق ئاغرىق سىالقلار ئۋمۇمەن، پاكىزىلىققا رىئايە قىلمىغانلىقتىن بولىدۇ. جەمئىيەتتىكى كاپىتالستلارنى ۋە پۇ ل مال ئىگىلىرىنى جەمئىيەتكە، خەلققە پايدىلىق بولغان ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشقا ئۈندەش، ئۇلارغا دۆلەت تەرەپتىن ئۋ ڭا يلىق ۋە كەڭچىلىك تۇغدۇرۇپ بېرىشى ئىشسىزلارنى ئىشتىن بەھرىمەن قىلىشنىڭ توغرا يۋلىدۇر. يۋقسۇللۇققا سەۋەب بولىدۇ، دېگەن باھانە بىلەن تۇغماسلىقنى ياكى ئاز تۇغۇشنى تەشەببۇس قىلىش خۇددى قاتناش ھادىسىلىرى كۆپ بولىدۇ، دەپ ماشىنا ھەيدەشنى مەنئى قىلماقچى بۋلغانغا ئۋخشاش بىمەنىلىكتۇر.
تۇغۇشنىڭ ۋاقىتلىق ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە پەتىۋا بۇ يەردە سەئۇدى ئەربىستان پەتىۋا كۋمى تېتى دىكى كاتتا ئۆلىمالار ھەيئىتىنىڭ 4791 - يىلى 31 - ئاپرىل)ھىجرىيە 4931 يىلى 4 ئاينىڭ 31 كۈنى ( چىقارغان 24 نۋمۇرلۇق مۇنۇ پەتىۋاسىنى نەقىل كەلتۈرىمەن : » ئىسلام شەرىئىتىنىڭ نەسىللەرنى كۆپەيتىشكە تەشەببۇس قىلىدىغانلىقى، بالىلار ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئاتا ئانىلارغا ئاتا قىلىنغان ئەڭ كاتتا نېمەت دەپ ئېتبار قىلىنىدىغانلىقى ۋە نەسىل يېتىشتۈرۈش ئىشنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقى ھەققىدە كەلگەن ئايەت ۋە ھەدىسلارنىڭ كۆپلىكىگە ئاساسلىنىپ ۋە تۇغۇت چەكلەش ياكى پىلانلاش مەسىلىسىنىڭ ئىنسان تەبىئىتىگە، ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتتا بېكىتكەن ئىلاھىي قانۇنىيىتىگە زىت كېلىدىغانلىقى، تۇغۇت چەكلەش پىكىرلىرىنى تارقىتىپ، كىشىلەرنى ئۇنىڭغا تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ ئۋمۇمەن، پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا؛ خۇسۇسەن، ئەرەب دۇنياسىغا پىلانلىق ھالدا سۇيقەسىت قىلىۋاتقان بىر تۈركۈم مەككار گۋرۇپپا ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ بۇ تەشەببۇسلىرى ئارقىلىق ئىسلام دۇنياسىنى مۇستەملىكە قىلىشتىن ئىبارەت نىجىس غەرەزلىرىگە يېتىشنى پىلانلىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكى ۋە نامرا تلىقتىن قۋرقۇپ تۇغۇتنى چەكلەشنىڭ ﴿وَمَا مِندَابَّةٍ فِي الْأَرْضِ إِلَّا عَلَى اللَّهِ رِزْقُهَا﴾ يەنى يەر يۈزىدىكى جانلىقلارنىڭ ھەممىسىگە رىزىق بېرىشنى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان ) ( دېگەن ئايەتكە ئىشەنچ قىلمىغانلىق بولۇپ، چوڭ گۇناھ سانىلىدىغانلىقى ئۈچ ۈن ھەيئىتىمىز تۆۋەندىكىچە قارار چىقاردى: ھۇد سۈرىسى 6 - ئايەت
تۇغۇت چەكلەش مۇتلەق خاتادۇر. پېقىرلىقتىن قۋرقۇپ ھامىلدارلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دۋرا ئۋكۇل ۋە باشقىمۇ چارىلەرنى قوللىنىش جائىز ئەمەس. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەرقانداق جانلىقنى ئۆز رىزقى بىلەن يارىتىدۇ. ئەمما ئائىلىۋىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، مەسىلەن: ئانىنىڭ نورمال تۇغۇتتا تۇغالماستىن، بالىنى ھەر قېتىمدا ئۋپىراتىسىيە قىلىش ئارقىلىق ئېلىشقا مەجبۇ ر بولۇپ قالغانلىقى ياكى ئەر ئايال ئىككىسى تۇغۇشنى بىر زامان كېچىكتۈرۈشتە ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشىراق بۋلىدىغانلىقىنى مەسلىھەتلە شكەنلىكى قاتارلىق ھاللاردا ئۇلارنىڭ ھامىلدارلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دۋرا، ئۋكۇل ۋە باشقىمۇ چارىلەرنى قۋللىنىشى جائىزدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەزلە ھەققىدىكى ھەدىسلىرى ۋە ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرىنىڭ تۆرەلگىنىگە قىرىق كۈن بۋلمىغان نۇتفە )ئابىمەنى( نى دۋرا ياكى ئۋكۇللار ئارقىلىق زۆرۈرىيەت يۈزىسىدىن چۈشۈرىۋېتىشنىڭ جائىزلىقى ھەققىدىكى پەتىۋالىرى بىزنىڭ بۇ قارارىمىزنى كۈچلەندۈ رىدۇ «. سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش مەسىلىسى سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش دېگەن نېمە؟ سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش — ئەرنىڭ سپېرمىسىنى ئېلىپ ئايالنىڭ رە ھمىگە )بالىياتقۇسىغا( يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئايالنى ئېغىر ئاياق قىلىش دېگەنلىكتۇر. بۇ ئىش قايسىبىر سەۋەب تۈپەيلى ئەر - ئايال ئوتتۇرىسىدا ئەمەلگە ئاشسا ھېچ ۋەقەسى يوق. چۈنكى ئۇلار بەرىبىر نىكاھلىق ئەر - خۋتۇنلاردۇر. ئۋخشىمايدىغان تەرىپى ئەر سپېرمىسىنىڭ جىنسىيم ۇناسىۋەت بىلەن ئەمەس، بەلكى تېببىي ئۇسۇل بىلەن ئايالنىڭ رەھمىگە ئۆتكەنلىكىدۇر. ئەمما ئايالنىڭ ئۆز ئېرى بۋلمىغان بىر ئەرنىڭ سپېرمىسىنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ رەھمىگە يەرلەشتۈرىشى ھارامدۇر. ئۆزىنىڭ ئېرى بۋلمىغان بىرىنىڭ سپېرمىسى بىلەن سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش زىنادىن بالا تېپىشنىڭ تەرەققىي قىلغان زامانىۋى تۈرى بولۇپ، قەتئىي ھارامدۇر. چۈنكى مۇنداق قىلىش مەزمۇن ۋە نەتىجە جەھەتتە زىنا بىلەن ئۋخشاش بولۇپ، ئۆزىنىڭ نىكاھلىق ئېرى بۋلمىغان يات ئەردىن بالا تاپقانلىقتىن تاشقىرى ، نەسىلنى بۇزۇشتۇر. مىسىرنىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن شەيخ شەلتۇت ئۆز ۋاقتىدا، سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇشنىڭ زىناغا ئۋخشاشال ھارام ئىكەنلىكىگە پەتىۋا بەرگەن. ) ( » شەيخ شەلتۇت پەتىۋالىرى « 003 - بەت
ئەقىقە ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى
بۆلۈم: “ئەقىقە ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى”ئەقىقە - بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ چېچىنى چۈشۈرگەن چاغدا، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ كاتتا نېمىتىگە شۈكۈر ئادا قىلىش يۈزىسىدىن يۋقسۇلال رنى تائاملاندۇرۇش ئۈچۈن قىلىنىدىغان قۇربانلىقتۇر. يېڭى تۇغۇلغان ئۋغۇل بۋۋاقنىڭ چېچىنى تۋلۇق چۈشۈرۈشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكىدە بارلىق ئۆلىمالار ئىتتىپاقتۇر. ئەمما قىز بۋۋاقنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈشنىڭ سۈننەت ياكى ئەمەسلىكى توغرۇلۇق ئىختىلاپ بار. شۇنداقتىمۇ چۈشۈرۈشنىڭ بۋۋاق ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تېببىي مۇتەخەسسىسلەر تەكىتلىمەكتە. ئەقىقە قىلىش مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا ئۋمۇمىيلىشىشى زۆرۈر بولغان تەكىتلىك سۈننەت ئەمەللىرىدىن بىرى بولۇپ، ئەقىقە قىلىشتا ئۋغۇل بالا ئۈچۈن ئىككى قۋي، قىز بالا ئۈچۈن بىر قۋي بۋغۇزلىنىدۇ. ئەقى قە ئۈچۈن بۋغۇزلىنىدىغان قۋينىڭ قۇربانلىققا يارايدىغان قۋيدىن بۋلىشى شەرتتۇر. ئەقىقىنى بۋۋاق تۇغۇلۇپ 7 كۈندىن كېيىن قىلىش ئەۋزەل سانالغان. ئۋغۇل بالا ئۈچۈن ئىككى قۋي، قىز بالا ئۈچۈن بىر قۋي بۋغۇزلاش شەرتمۇ؟ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: » يېڭى تۇغۇلغان ئۋغۇل بالا ئۈچۈن ئىككى قۋي، قىز بالا ئۈچۈن بىر قۋي
بۋغۇزلاشقا بۇيرىغان « لىقىنى رىۋايەت قىلغان. ئۋغۇللار ئۈچۈن ئىككى قۋي بۇغۇزلاش سۈننەت. ئەمما ئىقتىسادىي شارائىتى يار بەرمىگەن كىشىلەر بىر قۋي بۋغۇزلىسىمۇ كۇپايە قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ﴾ يەنى تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار دەپ بۇيرىغان. قۋي بۋغۇزلىماستىن گۆش ئېلىپ تارقاتسا بولامدۇ؟ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ قۋي بۋغۇلاش ئىبادەت بولۇپ، خۇددى ھاجىلار ھەج جەريانىدا قۇربانلىق قىلغىنىغا ئۋخشاش ئەقىقە قىلىشتىمۇ مال بۋغۇزلاپ، قان ئېقىتىش تەلەب قىلىنىدۇ. شۇڭا بىراۋ ئەقىقە قىلىشتا، قۋي ئېلىپ بۋغۇزلايدىغان پۇلغا تەييار گۆش ئېلىپ، ئۇنى يۋقسۇللارغا سەدىقە قىلىپ تارقىتىپ بەرسە، سەدىقە قىلغاننىڭ ساۋابىنى ئەلۋە تتە تاپىدۇ. ئەمما بۇ ئەقىقە قىلغانغا ياتمايدۇ. قۋي سېتىپ ئېلىپ ئەقىقە قىلىدىغان پۇلنى يۋقسۇللارغا تارقىتىپ بەرسە بولامدۇ؟ قۋي سېتىۋېلىپ ئەقىقە قىلىدىغان پۇلنى يۋقسۇللارغا تارقىتىپ بەرسە، ئەلۋەتتە سەدىقە قىلغاننىڭ ساۋابىنى تاپىدۇ. بىراق بۇ قىلغانلىق ئەقىقىگە ياتمايدۇ. ئەمما قۋي سېتىپ ئېلىپ ئەقىقە قىلىدىغان پۇلنى ئىقتىسادىي ئەھۋالى بەكمۇ ناچار، ھاجەتمەنلەرگە تارقىتىپ بەرگەننىڭ ساۋابى ئەقىقە قىلغاننىڭ ساۋابىدىن چوڭ بۋلىشىدا شەك ) ( ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى، » سەھىھ « دېيىلگەن ھەدىس. ) ( تەغابۇن سۈرىسى 61 - ئايەت.
يوق. چۈنكى ئەقىقە قىلىش سۈننەت. ئەمما بىرەر مۇسۇلمان ھاجەتمەننىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش پەرزدۇر. ئەلۋەتتە پەرز ئەمەلنىڭ ساۋابى سۈننەت ئەمەلنىڭكىدىن چوڭ بولىدۇ. ئەقىقىنىڭ گۆشىنى قانداق تەقسىم قىلىش ياخشى؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەقىقە قىلغان قۋينىڭ گۆشىنى قانداق تارقىتىش ھەققىدە بەلگىلىمە قۋيمىغان. ئىسلام ئۆلىمالىرى ئەقىقىنىڭ گۆشىنى خۇددى قۇربانلىق قىلغان قۋينىڭ گۆشىنى بىر تەرەپ قىلغانغا ئۋخشاش بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئەۋزەللىكىنى سۆزلىگەن. مەسىلەن: گۆشنى ئۈچكە بۆلۈپ، بىر بۆلۈكىنى ئۆزى ئائىلىسىدە يېيىش، يەنە بىر بۆلۈكىنى يۋقسۇللارغا تارقىتىپ بېرىش، قالغان بۆلۈكىنى قۋشنىلىرىنى، تۇغقانلىرىنى ۋە دۋ ستلىرىنى چاقىرىپ ھەممە بىرگە زىياپەت قىلىشقا ئۋخشاش. ئەقىقىنىڭ گۆشىنىڭ ھەممىسىدە تاماق ئېتىپ ياكى گۆشنىڭ ئۆزىنىلا پۇشۇرۇپ، ئەل - جامائەتنى چاقىرىپ، ئۇلارغا زىياپەت بەرسىمۇ بولىدۇ. ئەقىقە قاچان قىلىنىدۇ؟ ئەقىقىنى بالا تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنىدە قىلىش سۈننەت. پەي غەمبەر ئەلەيھىسسالام: » ھەر قانداق بالا ئۆزىنىڭ ئەقىقىسىگە مەھبۇستۇر. بالا تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى بۋلغاندا، ئۇنىڭ ئۈچۈن قۋي بۋغۇزلىنىدۇ، بېشى چۈشۈرىلىدۇ ۋە ئېتى قۋيۇلىدۇ. « دەپ كۆرسەتكەن. ئەقىقىنى يەتتىنچى كۈنىدە قىلالمىغانلار ئۋن تۈتىنچى ياكى يىگىرمە بىرىن چى ) ( ئەبۇداۋۇد ۋە باشقىلارنىڭ » سۇنەن « توپلاملىرىدا رىۋايەت قىلىنغان، ئەللامە ئالبانىي » سەھىھ « ھەدىسلەر قاتارىدىن سانىغان ھەدىس.
كۈنلىرىدە ياكى قايسىبىر ۋاقىتتا قىلسىمۇ ئادا تاپىدىغانلىقىنى كۆپ سانلىق ئىسلام ئۆلىمالىرى بايان قىلغان. ھەدىستە يەتتىنچى كۈننى قەيت قىلغانلىق پەقەت ئەۋزەللىكنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما قايسى ۋاقىتتا قىلسا ئادا تاپىدىغانلىقىدا شەك يوق. بۋۋاقنىڭ چېچىنىڭ ئېغىرلى قىدا كۈ مۈش سەدىقە قىلىش سۈننەتمۇ؟ ب الىنىڭ چېچىنى چۈشۈرگەندە، ئۇنىڭ چېچىنىڭ ئېغىرلىق مىقدارىنى ئۆلچەپ، ئۇنىڭ ئېغىرلىقىدا، كۈمۈش سەدىقە قىلىش سۈننەت دەيدىغان كۆز قاراش مەۋجۇت. بۇ قاراشتىكى ئۆلىمالارنىڭ دەلىلى : » ئەلى ئىبىن ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رى ۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەۋرىسى ھەسەن ئۈچۈن ئەقىقە قىلدى ۋە ئى فاتىمە! بۇنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈپ، چاچنىڭ ئېغىرلىقى باراۋىرىدە كۈمۈش سەدىقە قىلغىن! دېدى. فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەسەننىڭ چېچىنى چۈشۈرۈپ ئۆلچىگەن ئىدى، بىر تەڭگە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئاز ئېغىرلىققا تەڭ كەلدى « دېگەن ھەدىستۇر. بۇ ھەدىسنىڭ » سەھىھ « دەرىجىسىگە يەتمىگەنلىكى سەۋەبلىك، بەزى ئۆلىمالار: بالىنىڭ چېچىنىڭ ئېغىرلىقىدا كۈمۈش سەدىقە قىلىشنى سۈننەت ياكى مۇستەھەپ دېگىلى بولمايدۇ، دېگەن . ئەقىقە ئۈچۈن بۇغۇزلىنىدىغان قۋي قانداق بۋ لىشى كېرەك؟ ئىسلام ئۆلىمالىرى ئەقىقە ئۈچۈن بۇغۇزلىنىدىغان قۋينىڭ قۇربانلىق ) ( ئىمام تىرمىزىنىڭ » سنن المي «) سۈنەنى تىرمىزى( ناملىق ھەدىس تۋپلىمىنىڭ 915 1 - ھەدىسى. بۇ ھەدىسنى ئەلبانى ھەسەن دېگەن ، ) 6221 ( ھەدىس.
قىلىشقا يارايدىغان قۋيدىن بۋلىشىنى شەرت قىلىدۇ. خۇددى قۇربانلىق قىلىدىغان ھايۋاننىڭ بەك ئۇرۇق ياكى بەك قېرى ياكى مېيپ ھايۋانلاردىن بۋلماسلىقى ياكى قۋينىڭ ئالتە ئايلىقتىن، ئۆچكىنىڭبىر ياشتىن كىچىك بۋلماسلىقى شەرت قىلىنغاندەك، ئەقىقە ئۈچۈنمۇ بۇ شەرتلەر تەلەب قىلىنىدۇ. ئەقىقە بىلەن قۇربانلىقنىڭ ئۋخشىمايدىغان تەرىپى: قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تۆگە ياكى بىر كالا يەتتە ئادەمگە كۇپايە قىلىدۇ. يەنى يەتتە ئادەم بىرلىشىپ بىر تۆگە ياكى بىر كالا قۇرب انلىق قىلسا ئادا تاپىدۇ. ئەمما ئەقىقە بۇنداق ئەمەس. ئەقىقىدە ھەر بىر بالا ئۈچۈن ئايرىم قان ئېقىتىش شەرت. بىر كالا ياكى بىر تۆگە بۇغۇزلىغان تەقدىردىمۇ، ئۇ پەقەت بىر بالىنىڭ ئەقىقىسى ئۈچۈنلا بولىدۇ. ئەقىقە قىلىش ساۋاب، ئەمما ئىسراپچىلىق گۇناھتۇر جەمئىيىتىمىزدە نۇرغۇن كىشىلەر بالىلىرىنىڭ ئەقىقىسىنى قىلىش باھانىسى بىلەن كۆپ ئىسراپخۋرلۇقلارنى سادىر قىلىدۇ، بۇزۇپ - چاچىدۇ، ئەقىقىدىن پايدىلىنىش ھەققى بولغان يۋقسۇللارنى، ھاجەتمەنلەرنى، يېتىملەرنى ۋە تۇللارنى قايرىپ قۋيۇپ، بايلارنى، مەنسەپلىكلەرنى ۋە ئابرۇيلۇق ھاجىملارنى چاقىرىپ زىياپەت ئۆتكۈزىدۇ. مۇنداق قىلغانلار ھەرگىزمۇ ئەقىقىنىڭ ساۋابىنى تاپالمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەقىقە قىلىشقا بۇيرۇشتا يۋقسۇللارنى غىزالاندۇرۇش، شۇلارغا ياردەم قىلىپ، شۇلارنىڭ يۈزىنى كۈلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. ئەمما زامانىمىزدا بۇ ئەقىقىنى قىلۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار بۇ مەقسەتتىن چەتتە قالماقتا.
ئۋغۇللارنى خەتنە قىلىش ۋە خەتنە توي ئۋغۇللارنى خەتنە قىلىش ئادىتىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەنلىكى سۆزلىنىدۇ. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 0053 - يىللارغا ئائىت بابىل مەدە نىيىتى قۋليازمىلىرىدا ئۋغۇللارنى خەتنە قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى سۆزلەنگەن. مىلادىيدىن بۇرۇنقى 0022 - يىللاردا مىسىردا ئۆتكەن ئا نخ ئامۇن قەبرىسىدىن تېپىلغان قۋليازمىلاردا ئۋغۇللارنى خەتنە قىلىشتىن ئاۋۋال خەتنە قىلىنىدىغان ئۋرگاننى مەخسۇس دۋرىلار بىلەن مەست قىلىدى غانلىقى بايان قىلىنغان. ئۋغۇللارنى خەتنە قىلىش پەيغەمبەرلەرنىڭ پېشۋاسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ رەسمىي دىنى ي تۈسكە كىرگەن بىر ئادەت . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىس تە: » ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام 08 يېشىدا خەتنە قىلىنغان « دېگەن . بۇ ھەدىسقا ئاساسال نغاندا، ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى خەتنە قىلىنىشقا بۇيرىغان ۋە شۇندىن باشلاپ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىمۇ خەتنە قىلىدىغان بولغان بۋلىشى ئېھتىمال خەتنە قىلىشنىڭ ھۆكۈمى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: » بەش ئىش ئادەم ئەۋلادىنىڭ قەدىمىي ئادىتىدىن سانىلىدۇ. ئۇلار: ئۋغۇللارنى خەتنە ) ( بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
قىلىش، س ۈننەت قىلىش، قۋلتۇقلارنى تازىلاش، تىرناقلارنى ئېلىش، بۇرۇتنى قىسقارتىشتۇر. « ئۋغۇللارنى خەتنە قىلىش مەسىلىسىدە ئىسلام مەزھەپلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەرخىل قاراشلار بار. شافىئىي ، ھەنبەلىي ۋە مالىكىيم ەزھەپلىرىگە كۆرە، ئۋغۇللارنى خەتنە قىلىش پەرزدۇر. ھەتتا بۇ مەزھەپلەردە خەتنە قىلىنمىغان كىشىنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇش دۇرۇس ئەمەس دېيىلىدۇ. ئەمما ھەنەفىي مەزھىبىدە سۈننەتتۇر. خەتنە قىلىشنىڭ ۋاقتى ئەرەب مەملىكەتلىرىدە بالا تۇغۇلغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ خەتنىسىنى قىلىۋېتىش ئادىتى بار. بەزىدە بالا تۇغۇلۇپ بىر ھەپتىدىن كېيىن خەتنىسىنى قىلىدۇ. ئالاھىدە بىر ئەھۋال بولمىسا بۇنىڭدىن كېچىكتۈرۈىۋەتمەيدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۋنۇلغان مەشھۇر مې دىتسىنا ئالىمى دۋكتۋر مۇھەممەد ئەلى بار مۇنداق دەپ يازغان: » تېببىي تەتقى ق اتلار ئۋ غۇللارنى كىچىك يېشىدىلا خەتنە قىلىشنىڭ ئىنتايىن پايدىلىق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بالىلارنى تۇغۇلغىنىغا 04 كۈن تۋلماستىن خەتنە قىلىش تېببىي جەھەتتىن ياخشى راق « . ئەمما ئۇيغۇرلار ۋە شۇنداقلا بارچە تۈركىي خەلقلەر ئۋغۇل بالىلىرىنىڭ خەتنىسىنى بالىلار 6 - 7 ياشلارغا كىرگەندىن كېيىن ) ( ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى ) ( دۋكتۇر مۇھەممەد ئەلى بارنىڭ » قۇرئان كەرىم ۋە تىببىي تەرەققىيات « ناملىق ئەسىرىدىن.
قىلىدۇ. ئۋغۇللارنى خەتنە قىلىشنىڭ تېببىي جەھەتتىكى پايدىسى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۋغۇللارنى خەتنە قىلىشنىڭ ئەيدىز كېسىلىدىن ساقلىنىشنىڭ بىر چارىسى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يەنە ئافرىقا مەملىكەتلىرىدە ئېلىپ بارغان تېببىي تەتقىقات نەتىجىسىدە، خەتنە قىلىنغانلارنىڭ ۋى رۋسى بىلەن يۋقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ خەتنە قىلىنمىغانلارنىڭكىدىن 05 تۆۋەن بۋلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. 6002 - يىلنىڭ ئاخىرىدا جەنۇبىي ئافرىقىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرىمۇ بۇرۇنقىسىنى تەكىتلىگەن. پرۋفېسسۋر ۋىزۋل 0991 - يىلى مۇنداق دەپ يازغان: » مەن ئۋغۇللارنى خەتنە قىلىش ئادىتىگە ئەڭ قاتتىق قارشى تۇرغانلارنىڭ بىرى ئىدىم. 5791 - يىلىدىن باشلاپ ئۋغۇللارنى خەتنە قىلىشقا قارشى كۆپلىگەن ماقالىلارنى يازدىم. بىراق 08 - يىللارنىڭ باشلىرىدا ھازى رقى زامان تېببىي تەتقىقاتلىرى ئۋغۇللارنى خەتنە قىلىشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلىكىنى ۋە نەسىل ئۋرگانلىرىدا پەيدا بۋلىدىغان راكنىڭ خەتنە قىلىنمىغانلاردا كۆپ بۋلىدىغانلىقىنى ھەمدە خەتنە قىلىنمىغانلاردا سۈيدۈك تۇرۇبىلىرىدا كېسەللىك پەيدا بۋلۇش نىسبىتىنىڭ زۋر بۋلىدىغا نلىقىنى يەكۈنلەپ چىققاندىن كېيىن، ئۋغۇللارنى خەتنە قىلىش ئادىتىنى قۋللىغۇچىلارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قالدىم «. تېببىي مۇتەخەسسىسلەردىن دۋكتۋر ھېلبىرگ مۇنداق دەپ يازغان: » تېببىي تەتقىقاتلار جىنسىي ئۋرگاندا بۋلىدىغان راكنىڭ خەتنە قىلىنغانلاردا ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىغانلىقىنى ۋە يەھۇدىيلار بىلەن
مۇسۇلمانلاردا مۇنداق راكنىڭ يۋقنىڭ ئورنىدا ئى ك ەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. چۈنكى يەھۇدىيلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئۋغۇل بالىلىرىنى كىچىك يېشىدىلا خەتنە قىلىدۇ «. خەتنە توي ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىيى ئەنئەنسىدۇر خەتنە توي قىلىش تۈركىي خەلقلەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرىدىن بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ پەرزەنت ئاتا قىلغانلىقىدىن ئىبارەت كاتتا نېمىتىگە شۈكۈر ئىزھار قىلىش يۈزىسىدىن قىلىنىدۇ. خەتنە توي خەتنىسى قىلىنغان بالىلار ئۈچۈن زۋر خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ خەتنە تۋيى بولغان كۈن ئۇلار ئۈچۈن چوڭ بايرام بولىدۇ. دۋستلىرى، تۇغقانلىرى ئۇنى تەبرى كلەپ ھەدىيەلەرنى تەقدىم قىلىدۇ. ئاتا - ئانىلارمۇ بايرام خۋشاللىقىنى ياشايدۇ، بەزىلىرى ئالاھىدە مېھمان چاقىرىپ، قازان ئېسىپ بۇ خۋشاللىقنى تەنتەنە قىلىدۇ. بالىلارنىڭ خەتنە تۋيىنى قىلىش ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەپ شاملارنى ياققاندىن نەچچە ھەسسە ياخشى ۋە ئېسىل پائالىيەتتۇر. چۈنكى تۈغۇلغان كۈننى خاتىرىلەش مىللىتىمىز ئارىسىغا باشقا دىندىكى مىللەتلەردىن كىرگەن ئادەت بولۇپ، بىزنىڭ نە مىللىي، نە دىنىي ئەنئەنىمىزدە بۋلمىغان يات ئىشتۇر. بالىلارنىڭ خەتنە تۋيىنى قىلىش دىنىي مەجبۇرىيەت ئەمەس، بەلكى مىللىي ئەنئەنە. شۇڭا خەتنە توي قىلغۇچىلارنىڭ ئىسراپچىلىق قىلىپ گۇناھكار بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن . چۈنكى ئىسراپچىلىق ئېغىر گۇناھتۇر. ئاللاھ تائالا ئىسراپخۋرلارنى شەيتانلارنىڭ دۋستلىرى دەپ تەبىرلەش ئارقىلىق ئۇلارنى قاتتىق سۆككەن: ﴿إِنَّ الْمُبَذِّرِينَ كَانُوا
إِخْوَانَ الشَّيَاطِينِ﴾ يەنى ئىسراپخورلار ھەقىقەتەن قېرىنداشلىرىدۇر ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بىر قىسىم كىشىلەر بالىلىرىنىڭ خەتنە تۋيى مۇناسىۋىتى بىلەن نۇرغۇن ئىسراپچىلىقلارنى قىلىدۇ. ئۇلار ئىقتىسادىي ياردەمگە مۇھتاج بۋلۇۋاتقان تۇغقانلىرى، دۋستلىرى ۋە يېقىنلىرى شۇنچە كۆپ تۇرسىمۇ، خۇددى پۇلنى خەجلىگىلى يەر تاپالمىغاندەك ئىسراپ قىلىپ تۈگىتىدۇ. ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان پۇل - مالنىڭ ھېسابى بار. خەلقىمىزدىمۇ :» ھالالنىڭ ھېسابى بار، ھارامنىڭ ئازابى)بار( « دەيدىغان ھېكمەت بار. ) ( ئىس را سۈرىسى 72 - ئايەت.
ئانا - بالا ھەقلىرى بالا ئېمىتىش مەسىلىسى ھەرقانداق ھايات ئىگىسىنىڭ ھاياتىنى داۋام قىلدۇرۇشى ۋە ساغلىقىنى ساقلىشى ئۈچۈن ئۋزۇق لىنىشى كېرەك. ئۋزۇقلارمۇ ئۆز تەركىبلىرىگە قاراپ ھەرخىل بولىدۇ. بىرىگە پايدىلىق بولغان نە رسە، باشقا بىرسىگە زىيانلىق بۋلۇشى ئېھتىمال. بۋۋاقلارنىڭ ئەڭ تەبىئىي ۋە ئەڭ پايدىلىق ئۋزۇقى سۈتتۇر. سۈتلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە ئەڭ پايدىلىق بۋلغىنى ساغلام ئانىنىڭ سۈتى بولۇپ، ئەمدى تۋغۇلغان بۋۋاققا ئەڭ ئاز دېگەندە 42 سائەت ئانا سۈتىنى ئەمدۈرۈش ئۇنىڭ تەن سالا مەتلىكى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىمدۇر. چۈنكى تېببىي يەكۈنلەرگە ئاساسلانغاندا، ئانا سۈتىنىڭ تەركىبلىرى بۋۋاقنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تەرەققى قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىك ياسالغان سۈت تۈرلىرىنىڭ تەركىبلىرىدە يۋقتۇر. ئانىنىڭ بالىسىنى ئېمىتىشكە باشلىغان ئاۋۋالقى كۈنلىرىدىكى سۈتنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقدار دىكى پرۋتېين )ئاقسېل( ۋە مەدەن ماددىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ) ( ماددىسى بار بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭدا ماي ۋە شېكەر ئاز بولىدۇ. چۈنكى بۋۋاقنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدە بۇلارغا ھاجىتى بولمايدۇ. مۇندىن باشقا، ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدە بۋۋاقنى ھەر تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە قارشى قۋغدىغۇچى ماددىلار بار. سىل كېسىلى ۋە باشقىمۇ ئىرسىي كېسەللىكلىرى بولغان ئانىنىڭ سۈتىنى بۋۋاققا ئېمىتىشگە بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا، ئېمىتكۈچىدىكى بۇ ئىرسىي كېسەللىك بۋۋاققا ئۆتىدۇ دە ، ئۇنىڭ بېجىرىم ئۆ سۈشىگە تۋسقۇن بولىدۇ. بۋۋاقنى ئۆز ئانىسىنىڭ
ئېمىتكىنىگە ھېچ نەرسە تەڭ بولالمايدۇ. چۈنكى ھەرقانداق ئانا ئۆز بالىسىغا ئۆز جېنىدىنمۇ بەك كۆيۈنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئالاھىدە مېھرى شەپقەت كۆرسىتىدۇ. ئۆز ئانىسىنىڭ سۈتىنى ئېمىپ چوڭ بولغان بالىلار، باشقا ئاياللاردىن يا كى ھايۋانلاردىن سۈت ئەمگەن بالىلارغا قارىغاندا ساغال م ۋە باشقىمۇ تەرەپلەردىن ئالاھىدە پەرقلىق ئۆسىدىغانلىقىمۇ تېببىي ۋە پىسخۋلۋگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىردەك يەكۈنىدۇر. چۈنكى، ئۆز ئانىسىنىڭ سۈتىنى ئېمىپ يېتىلگەن بۋۋاق ئەڭ ئاۋۋال ئانىلىقنىڭ تېپىلماس شەپقىتىگە قانىدۇ، ئانىسىغا كۆيىدىغان ۋە ئۇنىڭ ئامراقلىقىنى ھېس قىلىدىغان بولۇپ يېتىلىدۇ. كېلەچەكتىمۇ ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. تېببىي تەرەپتىن ئانىغا بالىسىنى ئېمىتىشكە بىرەر تۋسقۇنلۇق كۆرۈلگەن ۋاقىتتا، بالىنى ساغلام ھايۋاننىڭ سۈتىنى ئەمدۈرۈشكە بولىدۇ . بۋۋاقنىڭ ئۆز ئانىسىنىڭ سۈتىنى ئەڭ كۆپ ئىككى يىل ئېمىش ھەققى دەيدۇ: ﴿وَالْوَالِدَاتُ يُرْضِعْنَ أَوْلَادَهُنَّ حَوْلَيْنِ كَامِلَيْنِ ۖ لِمَنْ أَرَادَ أَنيُتِمَّلارَّضَاعَةَ ۚ وَعَلَى الْمَوْلُودِ لَهُ رِزْقُهُنَّ وَكِسْوَتُهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ ۚ لَا تُكَلَّفُ نَفْسٌ إِلَّا وُسْعَهَا ۚ لَا تُضَارَّ وَالِدَةٌ بِوَلَدِهَا ئېمىتىش مۇددىتىدە( تۋلۇق ئېمىتمەكچى بولسا، تۋلۇق ئىككى يىل ئېمىتىشى لازىم ئىسلام شەرىئىتىنىڭ بەلگىلىمىسى بۋيىچە، ئاتا ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەنلىك سەۋەبتىن ئۋتتۇرىدا قالغان بۋۋاقلارنى ئۆز ئانىسى ئېمىتىدۇ. ئۇنىڭ ئېمىتكىنى ئۈچۈن ئاتىسىنىڭ ھەق تۆلىشى لازىم كەلمەيدۇ. ئانا ئەگەر ھەق تەلەب قىلسا، بەرسە بولىدۇ . بەقەرە سۈرىسى 332 ئايەتوَلَا مَوْلُودٌ لَّهُ بِوَلَدِهِ ۚ وَعَلَى الْوَارِثِ مِثْلُ ذَٰلِكَ ۗ فَإِنْ أَرَادَا فِصَالًا عَنتَرَاضٍ مِّنْهُمَا وَتَشَاوُرٍ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِمَا ۗ وَإِنْ أَرَدتُّمْ أَنتَسْتَرْضِعُوا أَوْلَادَكُمْ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِذَا سَلَّمْتُممَّا آتَيْتُمبِالْمَعْرُوفِ ۗ كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇ شى كېرەك. پەقەت كىشى قۋلىدىن كېلىدىغان ئىشلارغىلا تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئانىنى بالىسى سەۋەبلىك زىيان تارتقۇزماسلىق لازىم. ئاتىنىمۇ بالىسى سەۋەبلىك زىيان تارتقۇزماسلى ق لازىم . بالىنى ئۆزى تەرەپكە ئېلىۋالغان ئاتىنىڭ ئانىنى بالىسىنى ئېمىتىش توغرۇلۇق زۋرلاش ھەققى يۋقتۇر. ئانا خالىسا ئۆزى ئېمىتىدۇ، خالىسا باشقا ئىشەنچلىك ئانىنىڭ ئېمىتىشىگە رازى بولىدۇ. بالىلار ئەقىل ئىدراكقا ئىگە بۋلغاندىن كېيىن، ئۋغۇل بالىلار ئاتىلى رىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئاتىسىنىڭ يېنىدا، قىزلار ئائىلە ئىشلىرىنى ئۆگىنىشى ۋە ئۆي ئىشلىرىغا پىشىشى ئۈچۈن ئانىسىنىڭ يېنىدا تۇر غىنى ياخشى. ئەپسۇسكى، ھازىرقى جەمئىيەتتە، كۆپلىگەن كىشىلەر ئائىلە دەۋالىرىنى ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسى بۋيىچە، ئۆز ئارىلىرىدا ھەل قىلماستىن، بىر - بىرى ئۈستىدىن ئەرز قىلىشىپ سۋتلارغىچە بېرىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنى خار ۋە رە سۋا قىلغاننىڭ ئۈستىگە، ئۆز ئارىسىدىكى مۇھەببەت، ھۆرمەتلەرنىمۇ يۋقىتىدۇ. ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭوَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ﴾ يەنى ﴿ئانىلار (بالىلارنى ئېمىتىش بەقەرە سۈرىسى 332 ئايەت
ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر . بۋۋاقلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئۋزۇقى ھەرقانداق ھايات ئىگىسىنىڭ ھاياتىنى داۋام قىلدۇرۇشى ۋە ساقلىقىنى ساقلىشى ئۈچۈن ئۋز ۇق لىنىشى كېرەك. ئۋزۇقلارمۇ ئۆز تەركىبلىرىگە قاراپ ھەرخىل بولىدۇ. بۋۋاقلارنىڭ ئەڭ تەبىئىي ۋە ئەڭ پايدىلىق ئۋزۇقى سۈتتۇر. سۈتلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە ئەڭ پايدىلىق بۋلغىنى ساغلام ئانىنىڭ سۈتى بولۇپ، ئەمدى تۋغۇلغان بۋۋاققا ئەڭ ئاز دېگەندە 42 سائەت ئانا سۈتىنى ئەم دۈرۈش ئۇنىڭ تەن ساقلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر. چۈنكى تېببىي يەكۈنلەرگە ئاساسلانغاندا، ئانا سۈتىنىڭ تەركىبلىرى بۋۋاقنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تەرەققى قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىك ياسالغان سۈت تۈرلىرىنىڭ تەركىبلىرىدە تېپىلمايدۇ. شۇڭا بۋۋاقلارنى ئۇلار ئالتە ئايلىق بۋلغىچىلىك پەقەت ئانا سۈتى بىلەنلا ئۋزۇقلان دۇرش تېببىي مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن تەۋسىيە قىلىنماقتا. بەقەرە سۈرىسى 7 32 ئايەت
بۋۋاقلارنىڭ ئانا قۇچىقى ۋاقتى ھەزانە بۋۋاقلارنىڭ ئانا قۇچىقى ۋاقتى بۋۋاق چوڭ بولۇپ يېمەك ئىچمەكلىرىنى ئۆزى يەپ، ئىچەلەيدىغان، كېيىم كېچەكلىرىنى ئۆزى كىيەلەيدىغان بۋلغىچىلىك ئارىلىقتىكى ۋاقىت دېمەكتۇر. بۋۋاقلارنىڭ ئانا قۇچىقى ۋاقتىدا ، ئۇلارغا ياخشى قاراش ئاتا ئانىنىڭ ئۈستىدىكى پەرزەنت ھەقلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئاتا - ئانا ئۆزلىرى بېقىشى ۋە تەربىيىگە بىۋاسىتە ئۆزلىرى ئىگە بۋلىشى زۆرۈردۇر. چۈنكى ھازىرقى ئەسىرىمىزدە، يەسلى دەپ ئاتىلىدىغان مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلۇپ بۋۋاقلارنى ئەتىگەندىن ئاخشامغىچە بېقىش ۋەزىپىسىنى ئېلىپ بارماقتا. بۇ مۇئەسسەسەلەر ھەقىقىي مەنىدىكى يەسلىلەر ئەمەستۇر. ھەقىقىي يەسلى ئانىنىڭ ئىسسىق قۋينىدۇر. ياۋرۇپانىڭ يالغان ياۋۇداق، ساختا، رەڭلى ك ئېلانلىرىغا ئالدىنىپ قالغان بەزى كىشىلەر، ھەرقايسى جەمئىيەتلەردىكى يەسلى ئاتالغان مۇئەسسەسەلەرنى ماختاپ، ئۇلار بالىلارنى ئۆز ئانىسىدەك ياخشى قاراپ بېقىپ، ساغلام چوڭ قىلىدۇ دېيىشىدۇ. بۇ خاتادۇر. چۈنكى ئۇلار بالىلارنى ياخشى بېقىپ، قۋ رسىقىنى ياخشى تۋيغۇزۇپ چوڭ قىلغان بىلەن، ئۇلارنى ھەقىقىي مەنىدىكى ئىنسان قىلىپ تەربىيىلەپ چىقالمايدۇ، ئۇلارغا ئانىنىڭ بەرگەن مېھرىنى بېرەلمەيدۇ، ئۇلارغا ئىمان، ئىسلام ۋە ئەخلاق قائىدىلىرىنى ئۆگىتىپ، تىللىرىنى ئىسلام كەلىمىلىرى بىلەن ئاچالمايدۇ. بالىلارنى باشقا جانلىقلارغا ئۋخشاش قۋرسىقىنى تۋق، كۆڭلىنى خۋش قىلىپ بېقىش بىلەن، ئۇلارغا قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچلارنى ئۆتىگەن بولمايدۇ. ھازىرقى كۈنىمىزدىكى بالىلارنىڭ ئاتا ئانىسىغا كۆي ۈن مەسلىكى، ئۇلارنى ھۆرمەتلىمەسلىكى، ئۈستىدىكى ئۇلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى تۋنۇماسلىقى ئۇلارنىڭ
كۆپلىرىنىڭئ انىلار قۋللىرىدا ئەمەس، بەلكى يەسلى دېگەن مۇئەسسەسەلەردە ھېسسياتسىز، سۆيگۈسىز، ئېتىقادسىز ھالدا، باشقا جانلىقلارغا ئۋخشاش چۋڭ بۋلغانلىقى سەۋەبتىن بولسا كېرەك. بالىلار ئانىسىغا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ياشلىرىدا، يەسلى دېگەن يەرلەردە سۆ رۈلۈپ يۈرۈپ ئانا مېھرىدىن مەھرۇم بولغاچقا، ئۇلار سۆيگۈ ۋاپادىن خەۋەرسىز چوڭ بولىدۇ. ئاتا - ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بالىلار كىمگە بېرىلىدۇ؟ ئاتا - ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بالىلارنى ئانىسىنىڭ بېقىشى ئۇنىڭدىن بىھاجەت بۋلغىلى بۋلمايدىغان مۇھىم ئىشتۇر. بۇ مەزگىل ئىچىدە بۋۋاقنى پەرۋىش قى لىشتا ئۇنىڭ ئانىسى دادىسىدىنمۇ ھەقلىقتۇر. بۋۋاقنى بۇ مەزگىل ئىچىدە تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش ھەققىنى ئۇنىڭ ئانىسىغا بەرگەن. ھەر بۋۋاق ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆز ئانىسى ئەڭ كۆيۈمچان ۋە ئەڭ مېھرىبان كىشىسىدۇر. شۇڭا دەيمىزكى، بالىنى تەربىيىلەش ھوقۇقى » ئانا قۇچىقى « نامى بىلە ن ئاتىلىپ، ئۇنىڭ ئانىسىغا بېرىلگەن تەبىئىي ھوقۇق. ئۇنىڭدىن قالسا، ئۇنىڭغا ئانىسىنىڭ ئايال تۇغقانلىرى ھەقلىقتۇر. بۇ ھوقۇق ئۈچۈن ئانىسىنىڭ ھەقلىق بۋلۇشىنىڭ سەۋەبى مۇنداق: بىرىنچىدىن، بۋۋاق ئۆزىنىڭ يېمىكىنى ئۆزى يەپ، ئىچەلەيدىغان بۋلغىچىلىك ۋاقىت ئىچىدە ئۆز ئانىسىغا قاتتىق ئېھتىياجلىقتۇر. ئىككىنچىدىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سابىت بولغان ھەدىسلەردە ، بۋۋاقلارنى ئۆز ئانىسى بېقىپ، تەربىيىلىشىنىڭ زۆرۈرلىكى تەكىتلىنىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، ئانىسى ئۆز بالىسى ئۈچۈن ئۆز جېنىنى قۇربان قىلالايدۇ ۋە بالىسىغا بېرىشكە تېگىشلىك ئانىلىقنىڭ تېپىلماس مېھرىنى بېرەلەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېرى بىلەن ئاجر اشقاندىن كېيىن ، ئېرى بالىسىنى تارتىۋالماقچى بولغان بىر ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئەرز قىلىپ كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: » سەن ياتلىق بۋلغانغا قەدەر بالاڭنى ئۆزۈڭ بېقىشىڭغا ھەقلىقسەن « دېگەن. ئىسلام ئۆلىمالىرى بۋۋاقلارنى يەسلى ياشلىرىدا بېقىشقا، تەربىيىلەشكە ئانىسىنىڭ ئەڭ ھەقلىق ئى كەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بالىنىڭ چىقىملىرىنى ئاتىسى كۆتىرى دۇ. چۈنكى ئاتىسىنىڭ ئۈستىگە ئانىنى ۋە بالىنى بېقىش پەرزدۇر. بالا تۇغ ۇلۇشى بىلەن ئۇنىڭ ھەققىدە تۆۋەندىكى 3 ھوقۇق بەلگىلەنگەن بولىدۇ:
1 . ئۇنى تەربىيىلەش ھوقۇقى .
بۆلۈم: “1 . ئۇنى تەربىيىلەش ھوقۇقى .”2 . ئۇنىڭ جېنىنى قۋغداش ھوقۇقى .
بۆلۈم: “2 . ئۇنىڭ جېنىنى قۋغداش ھوقۇقى .”3 . ئەگەر ئۇنىڭغا ئاتاپ قۋيۇلغان مال بولسا، ئۇنى قۋغداش
بۆلۈم: “3 . ئەگەر ئۇنىڭغا ئاتاپ قۋيۇلغان مال بولسا، ئۇنى قۋغداش”ھوقۇقى . ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى تاشلاپ كەتكەن بالىنىڭ ئەھۋالى ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى تاشلىۋې تىپ كېتىپ قالغان بۋۋاقنى ئانىسىنىڭ ئانىسى بېقىشقا ھەقلىقتۇر. ئەگەر ئانىسىنىڭ ئانىسىمۇ ( ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇداۋۇ د رىۋايىتى، ھاكىم » سەھىھ « دەپ باھالىغان ھەدىس.
بولمىسا ياكى ئۇ باقمىسا، ئۆز ئاتىسى باقىدۇ. ئۇمۇ بولمىسا، ئانىسىنىڭ ھەمشىرىلىرى باقىدۇ. ئۇلارمۇ باقمىسا ، ئاتىسىنىڭ ھەمشىرىلىرى باقىدۇ. بالا باققۇ ئايالنىڭ ئۇنىڭغا ھەقلىق بۋلۇشىنىڭ شەرتلىرى ئۆز ئانىسى بۋلمىغان ياكى ئانىسى تاشلاپ كېتىپ قالغان، يېقىن تۇغقانلىرىمۇ ئۇنى ئۆز تەربىيەسىگە ئالمىغان بالىلارنى تەربىيىلەشكە ھەقلىق بول غۇچىدا بۋلۇشقا تېگىشلىك شەرتل ەر تۆۋەندىكىچە:
1 . بالىنى باققۇچى ئايالنىڭ ئاقىل، بالىغ ۋە مۇسۇلمان بۋلۇشى،
بۆلۈم: “1 . بالىنى باققۇچى ئايالنىڭ ئاقىل، بالىغ ۋە مۇسۇلمان بۋلۇشى،”2 . بالىنى باققۇچى ئايالنىڭ بالىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى تەمىنلەشكە
بۆلۈم: “2 . بالىنى باققۇچى ئايالنىڭ بالىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى تەمىنلەشكە”كۈچى يېتىدىغان، ياشراق، تېنى ساق ئايال بۋلۇشى. ئۆزى ياشىنىپ قالغان ياكى كېسەلچان ياكى سىرتتا ئىشلەيدىغان ئايال بالىنى بېقىش مەسئۇلىيىتىدىن چىقالمايدۇ.
3 . بالىنى باققۇچى ئايالنىڭ ئەخلاقىي، دىنىي جەھەتتىن
بۆلۈم: “3 . بالىنى باققۇچى ئايالنىڭ ئەخلاقىي، دىنىي جەھەتتىن”ئىشەنچلىك بۋلۇشى. ئەگەر ئەكىسچە بولسا، بالىنى بۇزۇپ قۋيىدۇ.
ئاياللارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرى ئاياللارنىڭ بىلىم ئېلىشىنىڭ زۆرۈرلىكى ئىسلام دىنى ئۆگىنىشكە چاقىرغان ئىلىملەر، ئەر ئايال ھەر ئىككى جىنسقا ئۋرتاقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: » ئىلىم ئۆگىنىش ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن ھەرقانداق مۇسۇلمان كىشىگە پەرزدۇر « دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ھەدىستىكى بۇيرۇق ئەر ئايال ھەر ئىككى جىنسقا ئۋخشاش قارىتىلغان. ئىسلام تارىخىدا، ئاياللار ئىلىم پەن ئۆگىنىش ھۋقۇقىدىن ھېچ ۋاقىت چەكلەنگەن ئەمەس. لېكىن ئى سالم دىنىنىڭ دۈشمەنلىرى بۇ دىننى كەمسىتىپ، كىشىلەرنىڭ رايىنى ئۇنىڭدىن قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۋنىڭغا تۈرلۈك تۆھمەتلەرنى تۋقۇپ كەلدى. » ئىسلام دىنى ئاياللارنى كەمسىتىدۇ « ، » ئۇلارنى ئىلىم ئۆگىنىشتىن مەھرۇم قىلىدۇ « دەيدىغان ئاساسسىز دەۋالارمۇ بۇ تۆھمەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ئىسلام دىنىنى ياخشى چۈشەنمىگەن بەزى كىشىلەرمۇ بۇنداق يالغان دەۋالارغا ئىشىنىپ قالماقتا. بۇنىڭ سەۋەبى بىزنىڭ ئۆز دىنىمىزنىڭ ھەقىقىتىنى ۋە ماھىيىتىنى بىلمىگەنلىكىمىزدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىر كۈنى ساھابىلارنىڭ ئاياللىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ ، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمۋىرى! ، ئەرلەر سىزنىڭ دەرىسىڭىزگە ھازىر بولۇپ دىنىي مەسىلىلەرنى ئۆگىنىدۇ، بىزلەرگىمۇ ئايرىم بىر كۈننى بەلگىلەپ بەرسىڭىز، شۇ كۈندە ئاللاھ تائالا سىزگە بۇخارى رىۋايىتى
بىلدۈرگەنلەرنى بىزلەرگە ئۆگەتسىڭىز، دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى: » پالانى كۈنى، پالانى يەردە تۋپلىشىڭلار « دەپ بۇيرۇپ، شۇ بەلگىلەنگەن كۈنلەردە ئاياللارغا مەخسۇس تەلىم بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ساھابىلارنىڭ ئاياللىرى ياخشى ئۈلگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ساھابىلارنىڭ ئاياللىرى ئىچىدىن قۇرئاننى، كۆپلىگەن ھەدى سلەرنى يادلىغان، شېئىر، نەسىر ۋە تارىخلارنى يازىدىغان ئاياللار كۆپ بولۇپ، ھەتتا مەشھۇر ساھابىلار ۋە بۈيۈك ئالىملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىۋاسىتە سوراپ ئۆگىنەلمىگەن ئائىلە بىلىملىرىنى، ئاياللارغا قىلىنىدىغان مۇئامىلىلەرنىڭ قائىدىلىرىنى، ئاياللارغا مەخ سۇس بولغان ئايلىق ئادەت، قۋ رساق كۆتىرىش، تۇغۇت ۋە بالا ئېمىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھۆكۈملىرىنى يەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن سوراپ ئۆگەنگەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەبەر ئەلەيھىسسالامدىن 0121 ھەدىس رىۋايەت قىلغان. ئۇ، ئۆ زى ئايەت ۋە ھەدىسال ردىن ھۆكۈملەرنى چىقىرالايتتى، ئۆزىدىن ياشتا چۋڭ بولغان كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ سۋئاللىرىغا قانائەتلىك جاۋابلارنى بېرىپ، ئۇلارنى دىنىي مەسىلىلەردىن خەۋەردار قىلاتتى. ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يېزىش ئۋقۇشتا ماھىر بۋلغاننىڭ سىرتىدا، ئۇستا خەتتات ئىدى. كۆپلىگەن ئا لىملار ۋە مەزھەپ پىشىۋالىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن، ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مەسىلىلەرنى ۋە نۇرغۇنلىغان ھەدىسلارنى شۇ ئاياللاردىن ئاڭلاپ ئۆگەنگەن. تارىختا ئېيتىلىشچە 007 دىن ئارتۇق ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەدىسلارنى رىۋايەت قىلغان. ئۇلاردىن ئالىملار ئۆگەنگەن. مەسىلەن: مەشھۇر ئالىم
ئىبىن ئەساكىر ئىراق ۋە سۈرىيە ئەتراپىدا 005 دىن ئارتۇق ئايالدىن پەيغەبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى ئۆگىنىپ رىۋايەت قىلغان. مىسىر، شام، ئىراق، يەمەن، ماراكەش، ھەبەشىستان ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق ئىسلام شەھەرلىرىدە، تارىخ، ئەدەبىيات، شېئر، تەپسىر، ھەدىس قاتارلىق ئىلىملەردە تۋنۇلغان مەشھۇر ئاياللار كۆپ ئۆتكەن ئىكەن. بىلىمسىزلىك ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ چېكىنىش دەۋرى مۇسۇلمانلار 61 ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، ھەرخىل قلاق پىكىرلەر ۋە خۇراپى ئېقىملارغا ئەگىشىپ كېتىپ ، ئىسلام دىنىنىڭ رۋھىدىن يىرا قلاشقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەمەلىيىتى ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ۋە ئىسلامنىڭ بۇرۇنقى پارلاق دەۋرلىرىدە ياشاپ، ھاكىمىيىتىنى ئۈچ قىتئەدە سۈردۈرگەن ھەقىقىي مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۋخشىمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىدىن، ئۇلاردا تەركىيدۇنيالىق، چەكتىن ئاشقان شۈكۈرۋازلىق، ئىلىم پەنگە يۈرۈش قىلىشتىنمۇ ئۆز ئارىسىدىكى زۆرۈر بۋلمىغان دىنىي تالاش تارتىشلارنى ئەۋزەل كۆرۈش قاتارلىق ئىللەتلەر قانات يايغان. شۇڭا بىزدىكى بەزى قلاق مۋللىلار ئىسلام دىنىنىڭ تەرەققىيپەرۋەر، مەدەنىيەتلىك ، پاكىز ۋە ئىلىم مەرىپەتلىك بۋلۇشقا چاقىرىدىغان، ھەتتا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھەر ساھە ئىلىملىرىنى ئوقۇپ ئۆگىنىشنى ئەڭ ئالدىنقى پەرزلەردىن قىلىپ بېكىتكەن ئىلغار بىر دىن ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكتىن، ھەرخىل پەتىۋالارنى ئۋيدۇرۇپ چىقىرىپ، بۇ دىننى ھاياتلىقتىن يىر اقلاشت ۇرۇپ كەلدى. مىللىتىمىزنىڭ ئانىلىرى بولغان ئاياللارنى مەسجىدلەردىن ۋە باشقا ھەر قانداق ئىجابىي ئاممىۋى پائالىيەتلەردىن، دىنىي سۋرۇنلاردىن چەكلەپ كەلدى. قىزلاردىن بىلىم ئەلىشتىن تۋستى. ھەتتا ئاۋامنىڭ ئېتىقادىدا
» قىزلار كۆپ ئوقۇسا تەلەيسىز بولۇپ قالىدۇ « دەيدى غان قلاق چۈشەنچە
شەكىللەن دى . نەتىجىدە، بۇلار ئۆزلىرى بىلىمسىز قالغاننى ئاز دەپ، ئاياللارنىڭمۇ بىلىمسىز، نادان قېلىشىغا سەۋەب بولدى. بۇنىڭ بىلەن، ئاشۇ بىلىمسىز ئانىلارنىڭ قۋلىدىن ئۆسۈپ چىققان ئەۋلادلار دىننىڭ ۋە مىللىي ئەدەپ ئەخلاقنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەنمە يدىغان، ھەدەپ ئۇنى قارىلايدىغان بولۇپ چىقتى. ئاخىرىدا، ئىسلامىي ۋە مىللىي ئەخلاقىمىزدىن نېسىۋە ئاللامىغان بۇ ئەۋلادلار ياۋرۇپالىقلارنى ۋە دىن سىزلارنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىۋالدى . ئانىلارنىڭ بىلىملىك بۋلۇشى ئاتىلارنىڭ كىدىن مۇھىم ئانىلارنىڭ بىلىملىك بۋلۇشى ئانىلىرىنىڭ بىلىملىك بۋلۇشىدىنمۇ مۇھىمدۇر. چۈنكى ئائىلە بالىلارنىڭ ئى پ تىدائى مەكتى پى بولۇپ، بۇ مەكتە پ تە ئاتىنىڭ رۋلىدىنمۇ ئانىنىڭ رۋلى ئەلۋەتتە چوڭ. بالىلار كۆپرەك ئانىسى بىلەن بولىدۇ. كۆپ نەرسىلەرنى ئانىسىدىن ئۆگىنىدۇ. بالىلار كېيىن، رەسمى مەكتە پكە بېرىپ، ئائىلىدە قۇبۇل قىلغىنىغا زىت كېلىدىغان، ھەرخىل پىكىرلەرنى قىسمەن قۇبۇل قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدە دەسلەپ قۇبۇل قىلغان ئەقىدىسى، پىكرى كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇنىڭغا زىت پىكىرلەر ئۇنى ئازدۇرۇپ كېتەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ دەسلەپكى قەلبى خۇددى ئاپ ئاق قەرغەزگە ئۋخشا ش ساپ بولىدۇ. مانا بۇلار تەربىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يەكۈنىدۇر. ئاياللارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئايالنىڭ ھاياتلىقتىكى ۋەزىپىسىگە نەزەر سالىدىغان بۋلساق، ئۇنىڭ نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ۋە شەرەپلىك بىر ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى، ئاياللارنىڭ بۇ ۋەزىپىگە ئەڭ ئۇ يغۇن يارىتىلغان لىقىنى كۆرىمىز. ئىنسان
نەسلىنىڭ يەر شارىدا مەۋجۇ د بولۇپ تۇرۇشى ئانىلارغا مۇھتاجدۇر. پىسخۋلۋگىيە، تەربىيە ئالىملىرى ۋە بيۋلۋگىيە مۇتەخەسسىلىرى ئايالنىڭ يارىتىلىشىدىن ال ئانىلىققا ھازىرلانغانلىقىنى يەكۈنلەيدۇ. ئايال ئۆتەيدىغان ئانىلىق ۋەزىپىسىنى ئەرلەردىن بىر ەرسىمۇ ئۆتىيەلمەيدۇ. ھەتتا پۈتۈن ئەرلەر جىنسى بىرلىشىپمۇ بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىيالمايدۇ. ئانىنىڭ بالىلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش ئىشلىرى بىلەن بۋلۇشى ئانا بالا ھەر ئىككىلىسى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىكتۇر. ئانا ھەردائىم ئۆز بالسىنىڭ يېنىدا بۋلۇشىنى، ئۇنى ئۆز قولى بىلەن بېقىپ، باغرىغا بېسىشى ئارقىلىق ئانىلىقنىڭ ھۇزۇرىدىن بەھرىمەن بۋلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بالىمۇ ئانىنىڭ مېھرى شەپقىتىگە مۋھتاجدۇر. ئۇنىڭ ئۆز ئانىسىنىڭ تەربىيسى ۋە پەرۋىشى ئاستىدا بۋلۇشقا بولغان ئېھتىياجى ئانىسنىڭ تەبىئىي تاتلىق سۈتىدىن ھۇزۇرلىنىشقا بولغان ئېھتىياجىدىن كۈچلۈك بولىدۇ . ئانىلارنىڭ يۈرەك پارىسى، ئۇلارنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ، ئۆز ۋۇجۇدىنىڭ بىر پارچىسى بولغان، ئەڭ قىممەتلىك بالىلىرىنى ئۆزلىرى ھەر ۋاقىت باغرىغا باسماي، باشقا بىرسىنىڭ تەربىيىلىنىشىگە تاشلاپ قۋيۇشى تۋلىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش تۇر . ئەلۋەتتە ئاياللار ئۈچۈن ئىشتىن ۋە پۈتۈن دۇنيا بايلىقلىرىدىن ئۇلارنىڭ بالىلىرى قەدىرلىك ۋە ئەۋزەلدۇر. توغرا، ئائىلىنىڭ بەزى قىيىنچىلىقلىرى سەۋەبىدىن بەزى ئاياللار سىرتتا ئىشلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. لېكىن، ئاتا بولغان ئادەمنىڭ قانداقلا شارائىتتا بولمىسۇن، ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى ئۆزى يالغۇز كۆتۈرۈش بۇرچى بار. شۇڭا ئەرلەر جىسمانىي جەھەتتە ئاياللاردىن كۈچلۈك يارىتىلغان. ئائىلە ئېھتىياجلىرىنى ئاتىلار جايىدا تۋلۇقلىسا، ئانىلارمۇ ئۆز ئۆيىدە ئارامىدا ئۋلتۇر ۇپ بالىلىرىنى تەربىيىلەش،
يېتىشتۈرۈش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. ئا يال ۋە ئىشلەش ئالدى بىلەن شۇنى ئېنىق ئېيتالايمىزكى، ئىسلام شەرىئەت قانۇنىدا ئاياللارنىڭ سىرتتا ئىشلىشىنى چەكلەيدىغان بىرەر ھۆكۇم يوق. ئاياللار ئىسلام دىنىنىڭ گۈللەنگەن شانلىق ئەسىرلىرىدىمۇ ئىشلەشتىن ۋە جەمئىيەتكە ھەسسە قۋشۇشتىن ئىبارەت ۋەزىپىسىدىن مەھرۇم قىلىنغان ئەمەس. ئاياللارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش يۋلىدا ئۆزلىرىگە لايىق كېلىدىغان شەرەپلىك ئۋ رۇنلاردا ئىشلىشى جائىزدۇر. شۇنداقتىمۇ، ئەگەر بىز ئايالنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ۋەزىپىسىگە ۋە ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىگە قارايدىغان بۋلساق، بۇ ۋەزىپىنىڭ ئىنسانىيەت نەسلىنىڭ يەر يۈزىدە داۋام قىلىشىغا باغلىق بولغان ئالاھىدە ئۇلۇغ، مۇھىم بىر ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇ ۋەزىپە قايسى دېگەندە » ئانىلىق « ۋەزىپىسىدۇر. ئايالنىڭ يارىتىلىش تەبىئىتى، ئۇنىڭ ئانا قارنىدا تۆرەلگەن ئاۋۋالقى ۋاقتىدىن باشلاپ ال ئۇنى بۇ ۋەزىپىگە تەييارلايدۇ. پىسخۋلۋگىيە ۋە تەربىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئانىنىڭ ئۆز بۋ ۋىقى بىلەن مەشغۇل بۋلۇشىنىڭ ئانا بالا ھەرئىككىسى ئۈچۈن تەبىئىي زۆرۈرىيەت ئېكەنلىكىنى قارار قىلىدۇ. ئانا ئۆز بۋ ۋىقىنى بېقىشقا ئۆزى مەسئۇل بولۇپ، ئۇنىڭ ئېھتىياجلىرىدىن چىقىشى ئا رقىلىق ئانىلىقتىن ھۇزۇرلىنىشقا بولغان ئېھتىياجىنى ھەمىشە ھېس قىلغۇچىدۇر. يەر شارىدا ئۆز بالىسىنى باغرىغا بېسىپ، كېچە كۈندۈز ئۇنىڭ يېنىدا بۋلۇشنى ئارمان قىل مايدىغان، ئائىلىنىڭ ئېھتىياجى يۈزىسىدىن
بالىسىنى ئۆيىدە تەرك ئېتىپ ياكى باشقىلارنىڭ تەربىيەسىگە تاپشۇ رۇپ قۋيۇپ ئىشقا كەتكىنىگە كۆڭلى بىئارام بۋلمايدىغان ۋە تۇرمۇشنىڭ ئېھتىياجى مەجبۇر قىلمىسا، ئۆز ئۆيىدە ئۋلتۇرۇپ بالىسىنى باغرىغا بېسىشنى ئارزۇ قىلمايدىغان بىرەر ئانا بارمىدۇ؟! بالىلار ھەر زامان ئۆز ئانىسىغا مۇھتاج بالىمۇ ئانىسىنىڭ يېنىدا بۋلۇشقا، ئانىسىنىڭ ئىسسىق قۋينىدىن ھۇزۇر ھالاۋەت ئېلىشقا تۋلىمۇ مۇھتاجدۇر. ئانىلار ئىشەنچ قىلىپ بالىلىرىنى تاشلاپ قۋيىدىغان يەسلىلەر بالىلارنى باشقا جانلىقلارنى باققاندەك باقالىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى ئىنسانىي خىسلەتتە، ئىنسانىي ئەخلاقتا يېتىشتۈرۈرپ چىقىشقا ئەلۋەتتە ئاجىزدۇر. ئامېرىكىلىق ئىجتىمائىي ئىشلار مۇتەخەسسىسى پرۋفېسسۋر دۋكت ۋر ئېدالىن خانىم مۇنداق دەپ يازىدۇ: » تەجرىبىلەر ئانىنىڭ ئۆز ئۆيىدە بۋلۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى ۋە بالىلىرىنىڭ تەربىيە ئىشلىرىغا ئۆزلىرى ئىگە بۋلۇشنىڭ نەقەدەر كېرەكلىك بولغان زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ھازىرقى زامان بالىلىرىدىكى ئەخلاق سەۋىيىسى بىلەن ئۆتمۇشتىكى بالىال رنىڭ ئەخلاق سەۋىيىسى ئۋتتۇرىسىدىكى پەرق ناھايىتى چۋڭدۇر. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئانىلار سىرتتىكى ئىشلىرىنى قۋغلاپ يۈرۈپ، ئۆيلىرىنى تاشلاپ قۋيۇش ئارقىلىق ئۆز پەرزنتلىرىنىڭ تەربىيەسىنى تەرك ئەتتى ۋە تەربىيە ئىشىنى ئۇنىڭغا لايىق بۋلمىغان بىرسىگە تاپشۇردى « . مانابۇ، ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى مۇسۇلمان بۋلمىغان بىر ئايال مۇتەخەسسىسنىڭ يەكۈنى. بىز مۇسۇلمانلار ئەلۋەتتە بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئۋيلىنىپ كۆرۈشىمىز كېرەك. بىزنىڭ دىنىمىز، ئانىلارنىڭ بالىلارنى
باشقىلارغا تاپشۇرۇپ قۋيۇپ، ئۆز قۋللىرى بىلەن باقماسلىقنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى 41 ئەسىر بۇرۇن ال ئېلان قىلغان بولسا، ئەمدىلىكتە تەجرىبىلەر ۋە ئاچچىق ساۋاقلارنى كۆرگەندىن كىيىن، كىشىلەر بۇ ئىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى قايتا ئىسپاتلىماقتا. ئۆزى باقماي باشقىلارنىڭ تەربىيەسىگە تاپشۇرۇپ قۋيۇپ چوڭ قىلغان بالىنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىن يېتەرسىز بولۇپ چىقىشنىڭ سىرتىدا، ئۇنىڭ ئاتا ئانىسىغا بولغان كۆيۈمچانلىقىنىڭ ۋە ھۆرمىتىنىڭ ئاجىز بۋلىدىغانلىقىمۇ ھەممىگە مەل ۇم. بالىلار يۈرەك پارىمىز، جېنىمىز ۋە ھاياتلىقتىكى ئەڭ قىممەتلىك بارلىقىمىزدۇر . سىرتتىكى ئىشلار، پۇل - مال، ئابرۇي شۆھرەتلەر يۈرەك پارىمىز، بۈگۈنىمىز ۋە ئەتىمىز بولغان شۇ بالىلىرىمىزدىن قىممەتلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە. توغرا، باققۇچىسى يوق، تۇل ۋە چارىسىزلىقتىن سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بۋلىۋاتقان ئانىلارمۇ جەمئىيەتتە ئاز ئەمەس. ئۇلار ئىشلەشكە ھەقىقەتەن مەجبۇر بولۇپ قالغانلاردۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئۋ ڭاي قىلسۇن. ئۇلاردىن باشقا ئىشلىمىسىمۇ بۋلىدىغان ۋە ئېرىنىڭ كىرىمى بىلەن كۇپايە قىلسىمۇ تۇرمۇشىنى نورمال ھالدا ئېلىپ كېتەلەيدىغان ئانىلار ئەقىللىرىنى ئىشلىتىپ، پ ەرزەنت قەدرىنى ۋە ئۆز ۋەزىپىسىنى تۋنۇيدىغان بولسا، ھازىرقى مۇسۇلمان بالىلىرىنىڭ ئەخلاقىدا، دىيانىتىدە ئالاھىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەر بۋلار ئىدى. شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى، كۆپىنچە ئەرەب مەملىكەتلىرىدىكى ئاياللارغا قارىتىلغان قىسمەن بەلگىلىمىلەرنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. بۇ شۇ رايۋنلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش.
