سۆز سالدۇرۇش، توي خۇشاللىقى ۋە قۇرئاندىكى مىراس تەقسىماتى
سۆز سالدۇرۇش
بۆلۈم: “سۆز سالدۇرۇش”سۆز سالدۇرۇش يىگىت تەرەپنىڭ قىز تەرەپكە، ئۇلاردىن ئۋغلىغا قىزىنى سوراپ ئەلچى ئەۋەتىشى دېمەكتۇر. بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي شانلىق ئەنئەنىلىرىنىڭ بىرىدۇر. سۆز سالدۇرۇش يىگىت تەرەپتىن قىز تەرەپكە بۋلغىنىدەك، بەزى ھاللاردا، قىز تەرەپتىن يىگىت تەرەپكىمۇ بولىدۇ. بۇ بەزى كىشىلەرنىڭ چۈ شەنگىنىدەك، ئەيىب سانىلىدىغان ئىش ئەمەس.
نىشانلىنىش
بۆلۈم: “نىشانلىنىش”نىشانلىنىش » چاي ئۈچۈرۈپ قۋيۇش « ياكى » بارىكالال قىلىش « دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ قىز تەرەپنىڭ يىگىت تەرەپنىڭ تەلىيىنى قوبۇل قىلغانلىقى ۋە توينىڭ تەييارلىقلىرى پۈتكەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپنىڭ ئۋغۇل قىزلىرىنى بىر بىرىگە ئۆيلەپ قۋيۇشقا رازى بۋلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دېمەكتۇر. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا، يىگىت بىلەن قىز تۇرمۇش قۇرۇش ئۈچۈن نىشانىنى بىر بىرىگە قاراتقان بولىدۇ.
» گۈ ل قۋيۇش « نامى بىلەن يىگىت تەرەپنىڭ قىز تەرەپكە سۋۋغا سالام
تەقدىم قىلىشىمۇ، ئۇلارنىڭ بىر بىرىگە نىشانلانغانلىقنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسىدۇر. چاي ئىچۈر ۈپ بۋلغاندىن كېيىن، ئىككىنچى بىر شەخسنىڭ ئۇ قىزغا خېرىدار بۋلىشى ۋە توي تەكلىپىنى قۋيۇشى دۇرۇس ئەمەس. نىشانلىق دەۋرى ئىنتايىن مۇھىم بىر دەۋر بول ۇپ، بەختلىك ۋە مەڭگۈلۈك ئائىلە قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان يىگىت قىز ئۈچۈن بىر بىرىنى تونۇش، بىرى بىرىنىڭ دىيانىتىنى، ئەخلاقىنى ۋە بىلىشكە تېگىشلىك بولغان تەرەپلىرىنى ياخشى ئىگىلەش دەۋرىدۇر. بىراق بۇ
ئىككىسىنىڭ نىكاھ ئۋقۇلۇشتىن بۇرۇن بىرەر جايدا يالغۇز ئۇچ رىشىشى دىنىمىزغا ۋە مىللىي ئەنئەنىمىزگە خىلاپتۇر. نۇرغۇنلىغان گۈزەل قىزلارنىڭ » سىناشتۇق « شۇئارى ئاستىدا ئۆزلىرىنىڭ كېلەچەكلىرىنى نابۇت قىلىپ، پۇشايماندىن قۋللىرىنى چشلەپ قالغانلىقى ، يىگىتلىرىنىڭ شىرىن سۆزلىرىگە ئىشىنىپ كېتىپ ئۆزلىرىىنىڭ ھاياتىنى دەپسەندە قىلغاننىڭ ئۈ ستىگە، ئاتا ئانىسىغا نۋمۇس ۋە شەرمەندىلىك ئېلىپ كەلگەنلىكى ۋە باشقىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋاللار بىزنىڭ ئۆز دىنىمىزنىڭ قائىدە يۋسۇنلىرىغا مىللىي ئەنئەنىمزنىڭ ئەخلاق دەستۇرىغا خىلاپلىق قىلغانىلىقىمىزدىن كېلىپ چىقماقتا. دىنىمىزغا ئەمەل قىلساق بىزھ ەرتۈرلۈك پۇشايمانلاردىن ۋە بالايى ئاپەتلەردىن ئۆزىمىزنى ساقلاپ قالالايىمىز. ئاتا ئانىلارنىڭ قىزلىرىنىڭ يىگىتى بىلەن نىكاھتىن بۇرۇن يالغۇز ئۇچرىشىشىغا يول قۋيۇشى،
» دۋستلار زىيارىتى « باھانىسى بىلەن ئۆيىدىن كۈنلەپ، ھەتتا
كېچىلەپ يوق بولۇپ كېتىشىنى نورمال ئەھۋال دەپ چۈشىنىشى ئىنتايىن بېغەملىك ۋە بالىلىرىگە قارىتا ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر.
ئىددەت ئىچىدىكى ئاياللارغا نىشانلىنىش مەسىلىسى ئىددەت تۇتقۇچى ئاياللار ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:
1 . بىر تالاق بىلەن تالاق قىلىنغان ئاياللار
بۆلۈم: “1 . بىر تالاق بىلەن تالاق قىلىنغان ئاياللار”2 . ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئاياللار
بۆلۈم: “2 . ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئاياللار”3 . ئۈ چ تالاق بىلەن تالاق قىلىنغان ئاياللار
بۆلۈم: “3 . ئۈ چ تالاق بىلەن تالاق قىلىنغان ئاياللار”بىر تالاق بىلەن تالاق قىلىنغان ئايال بىر تالاق بىلەن ئېرىدىن ئايرىلغان ئايال گەرچە تالاق قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇ، ئىددەت ۋاقتى تۈ گىگەنگە قەدەر ئېرىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ. ئىددەت تۋشقۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا ئې رى ئۇنى خالىغان ۋاقىتتا نىكاھسىز قايتۇرۇپ ئالالايدۇ. ئىددەت ۋاقتى تۇگىگەندىن كېيىن، ئۇ ئايال ئېرىنىڭ زىممىسىدىن چىققان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا سۆز سالدۇرۇش، نىشانلىنىش ۋە ئۆيلىنىش جائىزدۇر. ئەمما ئايال ئېرىنىڭ ئىددىتىدىن چىقىپ بۋلمىغىچە ئۇنىڭغا نىشانلىنىش ياكى رەسمى نىشانلانمىسىمۇ سۆز سېلىش قەتئىي جائىز ئەمەستۇر. چۈنكى بۇ ئايال ئېرىنىڭ ئىددىتىدىن چىقىپ بۋلمىغان ئىكەن، ئۇ ئېرىنىڭ زىممىسىدا بولغان بولىدۇ. بۇنىڭدا ئېرى بىلەن يارىشىپ قىلىشى ئۈچۈن پۇرسەتمۇ بار دېگەنلىكتۇر.
ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايال ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ ھىسسياتلىرىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. ئادەتتە ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايالغا ھامان بىراۋ خېرىدار بولسا، ئېرىنىڭ تۇغقانلىرى بىئارام بولىدۇ، بالىلىرى بولسا پەرىشان بولىدۇ. ئىسلام دىنى ئايالنىڭ ھەرقانداق كىشىگە ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ماتەم تۇتۇشىنى قەتئىي چەكلىگەن بۋ لسىمۇ، ئۇنى ئېرى ئۈچۈن 4 ئاي 01 كۈن ئىددەت تۇتۇشقا بۇيرۇغان. چۈنكى، ئەر خوتۇنلۇق رىشتىسى ئالاھىدە مۇقەددەس بىر باغلىنىشتۇر. ئايالنىڭ ئېرىنىڭ يۈز خاتىرىسىنى قىلماستىن، ئىددىتىنى تۋشقۇزماي تۇرۇپ ياتلىق بۋلۇش كۋيىدا بۋلۇشى نىكاھنىڭ مۇقەددەسلىكىگە پەرۋا قى لمىغانلىقىدۇر. بۇ ئىنسانىيەتچىلىككىمۇ ياتمايدۇ. شۇڭا ئايالنىڭ بۇ مۇددەت ئىچىدە )يەنى 4 ئاي 01 كۈنلۈك ئىددىتى ئىچىدە( باشقا ئەرلەر بىلەن نىشانلىنىشى ھارام قىلىنغان. ئەمما بۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇنىڭغا سۆز سالدۇرۇشقا بولىدۇ.ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايالغا رەسمى نىشانال نماستىن سۆز سالدۇرۇش باشقىلارنىڭمۇ كۆڭۈللىرىنى رەنجىتى پ قۋيمايدۇ، چۈنكى ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايال ئىددەتتىن كېيىن بەرىبىر ياتلىق بۋلماي قالمايدۇ. شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىدە ئۋ مۇمىي لاشقان بىر قلاق ئادەت بار. ئۇ بولسىمۇ، بىر ئائىلىدىن بىرەرسى ۋاپات بولغان بولسا، ئۇنىڭ يىلى تۋشمىغىچە بۇ ئۆيدە ئۆيلىنىش ياكى ياتلىق بۋلۇش ئىشلىرى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدا بۇنداق قىلىش ئۆلگۈچى مەرھۇمنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمىغانلىقمىش. ئەمەلىيەتتە بولسا، بۇئادەت ئۆزىنى بىھۇدە ئاۋارە قىلغانلىق، ئۋغۇل قىزلىرىنىڭ بەختلىرىنى كېچىكتۈرگەنلىك ياكى دەپسەندە قىلغانلىقتۇر. كۆپلىگەن
قىز يىگىتلەر بۇ قلاق ئادەت تۈپەيلىدىن ۋاقتىدا ئۆيلىنەلمەي، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بىر بىرىدىن ۋازكېچىشىدۇ ياكى ئەخلاققا خىلاپ كېلىدىغان بىنۋرمال ئىشلارنى ئۆتكۈزۈپ سالىدۇ ۋە ئۆزلىرىنى بۇزىدۇ. نەتىجىدە، سائادەتلىرىنى كېچىكتۈرىدۇ، كۆپ ھاللاردا بەربات قىلىدۇ. ئۆلۈكلەرگە ھۆرمەت قىلىش ئۇلارنىڭ ۋەسىيەتلىرنى يۈرگۈزۈش، ھەققىدە دۇئا قىلىش ئارقىلىق بولىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ يىلىنى كۈتۈپ قىز ئۋغۇللىرىنى ئۆيلەش ياكى ياتلىق قىلىش ئىشلىرىنى كېچىكتۈر ۈش ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئازار قىلغانلىقتۇر. چۈنكى ئۇلار خاتا ئىشلارغا رازى بولمايدۇ. شۇڭا بىز پۈتۈن ئىشلىرىمىزدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرى مدە كۆرسەتكەن بۋيىچە ئىش كۆرسەك ئەڭ تۋغرىسىنى قىلغان بۋلىمىز. ئاللاھ تائالانىڭ كۆرسەتكەنلىرى بىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۈچ تالاق بىلەن تالاق قىلىنغان ئايال ئۈچ تالاق بىلەن ئېرىدىن ئايرىلغان ئايالنىڭ ئىددىتى تۋشقىچىلىك بولغان ئارىلىقتا، باشقا ئەرلەرنىڭ ئۇنىڭغا سۆز سېلىشى ياكى نىشانلىنىشى جائىزدۇر. چۈنكى، ئۈچ تالاق بىلەن ئاي رىلغان ئايال، ئېرى تالاق قىلغان ھامان ئۇنىڭ زىممىسىدىن پۈتۈنلەي چىقىپ كەتكەن بولىدۇ. ئۇنىڭ – تالاق قىلىنغان ئېرىدىن ئېغىر ئاياقمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟ ئېنىقلىنىشى ئۈچۈن - پەقەت ئۈچ قېتىم ئادەت كۆر ۈپ پاكلىنىشىال قالغان بولىدۇ. بۇ ھالەتتە ئېرى ئۇنى يېڭىدىن نىكاھ قىلىش بىلەنمۇ ئۆزىگە قايتۇرۇپ ئاللامايدۇ. پەقەت ئۇ ئايال باشقا بىرىگە ئۆمۈرلۈك خوتۇن بۋلۇش نىيتىدە نىكاھلىنىپ، كېيىن ئېرى ئۆلگەن ياكى ئايرىلغانغا ئۋخشاش سەۋەبلەر بىلەن ئىككىنچى ئېرىدىن
ئايرىلغاندىن كېيىن ، بىرىنچى ئېرىگە يېڭى نىكاھ بىلەن قايتالايدۇ. شۇڭا ئۈچ تا القنىڭ ئىددىتى ئىچىدىكى ئايالغا باشقىلارنىڭ سۆز سېلىشى ياكى نىشانلىنىىشى جائىزدۇر.
بىراۋنىڭ نىشانلانغىنىغا نىشانلىنىشنىڭ ھاراملىقى ئىسلام دىنى كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇھەببەت، سۆيگۈ، ۋە ۋاپادارلىقنىڭ ھەممىگە ئۋرتاق بولغان ھالدا داۋام قىلىشنى، ئاداۋەت ۋە دۈشم ەنلىكلەرنىڭ جەمئىيەتتىن يۋقۇلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇڭا ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ بېراۋنىڭ سۋدىسى ئۈستىگە سۋدا قىلىشىنى، بىراۋنىڭ نىشانلانغىنى ئۈستىگە نىشانلىنىشىنى قەتئىي مەنئى قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇھەقتە مۇنداق دېگەن: » مۆمىن مۆمىننىڭ قېرىندىشى، مۆمىن كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ دىنىي قېرىندىشىنىڭ سۋدىسى ئۈستىگە سۋدا قىلىشى، ئۇ نىشانلانغان بىرىگە ئۇ ئۆزى ۋازكەچمىگىچىلىك نىشانلىنىشى ھارامدۇر « . ئەمما بىراۋ بىر ئايالغا سۆز سالدۇرۇپ تېخى نىشانلانمىغان بولسا، ئۇ ئايالمۇ ئۇنىڭ تەلىبىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرۇپ ئېنىق جاۋاب قايتۇرمىغان بولسا، بۇ ھالەتتە، ئۇ ئايالغا باشقا بىرسىنىڭ سۆز سالدۇرۇشى جائىزدۇر. چۈنكى بۇئايال بۇرۇنقىسى بىلەن تېخى نىشانلانمىغان ۋە ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىرەر باغلىنىش ھاسىل بۋلمىغان ئىكەن، باشقىسىنىڭ ئۇنىڭغا سۆز سالدۇرۇشىغا ۋە نىشانلىنىشىغا يول بار دېمەكتۇر. شۇنىڭدەك، بۇ ئايال بىرىنچىسى بىلەن نىشانلىنىش جەريانىدا بىر بىرى بىلەن يېقىندىن تۋنۇشۇشى ئارقىلىق ئىككىسىنىڭ تۇرمۇش قۋرۇپ بەختلىك بۋلۇشىغا ئىشەنچ ( مۇسلىم رىۋايىتى
ھاسىل بۋلمىغانلىق سەۋەبتىن ئۇلار بىر بىرىدىن ۋاز كەچكەن بولسا، بۇ ۋاقىتتا باشقا بىرىنىڭ بۇ ئايالغا نىشانلىنىشى، ئۇنىڭمۇ قوبۇل قىلىشى جائىزدۇر. ئەگەر ئىككىنچىسى )يەنى ئىككىنچى بولۇپ سۆز سالدۇرغۇچى( بۇ ئايالنى تەھدىد قىلىپ قۋرقۇتۇش ياكى ئۇنىڭغا بىرىنچىسىنى )يەنى بىرىنچى بولۇپ ئۇنىڭغا سۆز سالدۇرغان كىشىنى( يامان كۆرسىتىش ياكى باشقا چارىلەر ئارقىلىق ئۇنىڭدىن ۋازكەچك تۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆزى نىشانلىنىش، ئاندىن ئۆيلىنىش مەقسىتى بىلەن سۆز سالدۇرغان بولسا، بۇ نە شەرىئەتكە، نە ئىنسانىيەتچىلىككە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان رەزىللىك ھەمدە مەككارلىقتۇر. شەرىئەت تارازىسى بۋيىچە ئېيتقاندا، ھارامدۇر. چۈنكى ، بۇ ھالەتتە ئىككىنچىسى بىرىنچىسىنىڭ نېسىۋىسىگە قول سالغان بولىدۇ. بۇنداق قىلىش ھەقسىزلىكتۇر. بۇ ماۋزۇدىكى ھارامدىن مەقسەت نىكاھنىڭ دۇرۇس بۋلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ، بەلكى نىكاھ ئۇنىڭ شەرتلىرىنىڭ تۋلۇق بۋلۇشى شەرتى بىلەن جائىزدۇر. بىراق ئىككىنچىسى بىرىنچىسىنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى ئۈچۈن گۇناھكار بولىدۇ دېگەنلىكتۇر. سەۋەبسىز ھالدا، ئىككىنچىسىنىڭ تەكلىبىنى قوبۇل قىلىپ بىرىنچىسىدىن ۋازكەچكەن ئايالمۇ ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى مۇسۇلمانلىقنىڭ نىشانىسى ئەھدىسىگە ۋاپا قلى شتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۆمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَالَّذِينَ هُمْ لِأَمَانَاتِهِمْ وَعَهْدِهِمْ رَاعُونَ﴾ يەنى ئۇلار ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھ دىسىگە رىئايە
قىلغۇچىلاردۇر .
( مۇئمىنۇن سۈرىسى 8 ئايەت
تۋيدىكى خۇشاللىق تە نتەنىسى ئاۋۋال شۇنى بىلىش كېرەككى، ئىسلام دىنى ئىجتىمائىي ھاياتقا ئەڭ كۆپ ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر دىن بولۇپ، باشقا دىنلارغا ئۋخشاش تەركىيدۇنيالىقنى ۋە قاتتىقچىلىقنى تەرغىب قىلمايدۇ. بەلكى ئىسلام دىنى ئىجتىمائىي ھاياتتىكى ھەرقانداق ئىجابىي پائالىيەتلەرگە ئەھ مىيەت بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئەھكاملارنى بەلگىلەيدۇ. توي ۋە باشقىمۇ ئىسلامىي بايرام كۈنلىرى بولسا خۋشاللقىنى تەنتەنە قىلىشنى تەقەززا قىلىدىغان كۈنلەردۇر. بۇ باشقا غەم قايغۇلۇق ۋە ماتەم كۈنلىرىگە ئۋخشىمايدۇ. شۇڭا ماتەم كۈنلىرىدە كىشىلەرنى خۇشاللىق تەن تەنىسى قىلىشقا تەشەببۇس قىلىش مۇناسىپ بۋلمىغىنىدەك، توي كۈنلىرىدىمۇ كىشىلەرنى ئۆلۈمنى ياد ئېتىشكە، دوزاخ ئازابىدىن قۋرقۇشقا تەرغىب قىلىشمۇ ھەرگىز ياخشى ئىش ئەمەس. ھەرقانداق ئىشنىڭ ئۆزىگە لايىق قائىدە يۇسۇنلىرى بار بۋلغىنىدەك، توي كۈنلىرىدە خۇشاللىقىنى ت ەنتەنە قىلىش، ھەممە بىردەك شادلىقنى ئىزھار قىلىش توي كۈنلىرىگە خاس قائىدە يۋسۇندۇر. نىكاھنى ئېلان قىلىش نىكاھنى ئەل - جامائەتكە ئېلان قىلىپ بىلدۈرۈش ئىسلام دىنى تەشەببۇس قىلغان ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام » نىكاھنى ئېلان قىلىڭلار « دەپ كۆرسەتكەن. ( ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى
قانۇنلۇق ھالال نىكاھنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ھەرخىل سۆز - چۆچەكلەر ۋە پىتنە ئىغۋالاردىن ساقلانغىلى بۋلغاندەك، جەمئىيەتتە زىنا، ھارام ئىشلاردىن پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. چۈنكى زىنا - ھارام ئىشلار ئادەتتە يۋشۇرۇن قىلىنىدۇ. ئەمما نىكاھ ھەمىشە ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىدۇ. نىكاھنى ئېلان قىلىش نىكاھى ئېلان قىلىنمىغان ئەر - خوتۇننىڭ ئارقىسىدىن قۇرۇق سۆز ۋە پىتنە - پاسات تارقىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئابرۋيىنى چۈشۈرمەكچى بۋلغانلارغا پۇرسەت بەرمەسلىك ئۈچۈنمۇ ياخشى. خەلقى ئالەمگە كۆرسىتىلمىگەن ۋە ئېلان قىلىنمىغان نىكاھ باشقىلارنىڭ سۆز تارقىتىشىدىن ۋە يامان گۇمانلارنى قىلىشىدىن خالىي بۇاللمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نىكاھنى ئېلان قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: » بۇ نىكاھنى ئېلان قىلىڭلار. ئۇنى مەسجدلەردە قىلىڭلار، توينىڭ تەنتەنىسى ئۈچۈن دا پ چېلىڭلار « . بۇھەدىستىن نىكاھنى ئېلان قىلىشنىڭ، توينىڭ تەنتەنىسىنى توي بولغان ئۆيدىكى سۋرۇندا چالغۇ ئەسۋاپلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئېلان قىلىشنىڭ ئەۋزەللىكى ئىپادىلىنىدۇ. ئەمما نىكاھنى مەسجىدلەردە قىلىشنى ئىسلام ئۆ لىمالىرى سۈننەت قاتارىدىن سانىمىسىمۇ، قىلسا گۇناھ بۋلمايدىغان ئىش. چۈنكى ھەرقانداق ھەدىستىن سۈننەت ھۆكۈمى ئېلىنمايدۇ. يەنە بىر ھەدىستە: » ھالال نىكاھ بىلەن ھارام نىكاھنىڭ ( تىرمىزي رىۋايىتى
ئۋتتۇرىسىدىكى پەرق ئېلاندۇر « دەپ كۆرسەتكەن. يەنە بىر ھەدىستە: » ھالال نىكاھ بىلەن ھارامنىڭ ئۋتتۇرىسىدىكى پەرق داپ ئاۋازىدۇر « دەپ كۆرسەتكەن. يەنى، ھالال نىكاھ بىلەن ھارامنىڭ ئارىسىدىكى پەرق چالغۇ ئەسۋاپلارنى چېلىش ، خۇشاللىقنىڭ ۋە شادلىقنىڭ تەنتەنىلىرىنى نامايەن قىلىدىغان ناخشا ئاۋازلىرىنى ياڭرىتىش ئارقىلىق ئۇنى خەلقى ئالەمگە ئېلان قىلىش بىلەن تۋنۇلىدۇ. ئەمما ھارام مۇھەببەت ئادەم كۆرمەيدىغان جايلاردا مەخپىي ئېلىپ بېرىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستىكى » نىكاھنى مەسجىدلەردە قىلى ڭلار « دېگەن سۆزى ئارقىلىق ئىككى مەقسەتنى كۆزلىگەن: ئۇنىڭ بىرى، نىكاھنى مەسجىدنىڭ رۋھانىيلىقى بىلەن باغلاشتۇرۇش. چۈنكى مەسجىدلەر ئىبادەت گاھلىرىدۇر. مۇسۇلمانلار مەسجىدتە ناماز ئوقۇش ئارقىلىق ئىبادەت قىلغاندەك، ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ھالال نىكاھلىرىنىمۇ مەسجىدلەردە قىلىشى ئارقىلىق )نىيەتنىڭ دۇرۇس بۋلۇشى شەرتى بىلەن( ئىبادەتنىڭ ساۋابىنى تاپىدۇ. ئىككىنچىسى، كىشىلەر نىكاھنى مەسجىدلەردە قىلىش ئارقىلىق ئۇنى تېخىمۇ نامايەن قىلىش ۋە ئېال ن قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. چۈنكى مەسجىدلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزئارا تۋپلىنىدىغان ئۋرۇنلىرى. مۇسۇلمانلار ھېيىت، جۈمە نامازلىرى ۋە بەش ۋاقىت نامازلار ئۈچۈن مەسجىدكە تۋپلىنىدۇ. بۇنداق ئادەم كۆپ تۋپلىنىدىغان ئۋرۇنلاردا نىكاھنى ئېلان قىلىش بىر ( » جام األۋل «) جامىئۇل ئۇسۇل (ناملىق ئەسەرنىڭ 11 – تۋم 44 – بېتىدىن. تىرمىزي رىۋايىتى
تەرەپتىن نىكاھنى خەلقى ئالەم ئالدىدا ئېلان قىلىش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن باشقا ياشلارنىمۇ ئۆيلىنىشكە تەشەببۇس قىلىش رۋلىنى ئۋينايدۇ. تويدا ناخشا ئېيتىش ۋە چالغۇ ئەسۋابلىرىنى چېلىش تويدا بولسۇن ياكى باشقا مۇناسىۋەتلەردە بولسۇن، ئىسلام ئەخلاقىغا ئۇيغۇن، ئەدەپ - ئەخلاققا يامان تەسىر يەتكۈز مەيدىغان، كىشىلەرنى يامان، گۇناھ ئىشلارغا تەشەببۇس قىلمايدىغان، مەزمۇنى ساغلام ناخشىلارنى ئېيتىش، ئۇنى ئاڭلاش ۋە چالغۇ ئەسۋاپلىرىنى چېلىش جائىزدۇر. خۇسۇسەن، توينى ئېلان قىلىش ئۈچۈن توي سۋرۇنلىرىدا ناخشا ئېيىتىش ۋە چالغۇ ئەسۋاپلىرىنى چېلىش ياخشىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنى تويدا تەنتەنە قىلىشقا بۇيرىغانلىقى توغرۇلۇق ھەدىسلەر سابىت بولغان. ئەمما ئېيتىشقا ۋە ئاڭلاشقا رۇخسەت قىلىنغان ناخشىلارنىڭ مەزمۇنى كىشىلەرنى يامان ھەۋەسلەرگە چاقىرىدىغان، ئەدەپ ئەخلاققا تەسىر يەتكۈزىدىغان، ھايا سىز، ئەدەپسىز سۆزلەردىن خالىي ھالدا، ۋەتەننى، دىننى، مەرتلىكنى، پەزىلەتنى، ئاتا ئانىنى ۋە مىللەتنى كۇيلەيدىغان ئېسىل سۆزلەردىن بۋلۇشى شەرتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە تۋيلاردا داپ چېلىناتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ساھابىلىرىنى ئۇنىڭدىن تۋس مايتتى. ھەتتا ئۇنىڭ بىر قېتىم ئۆز ئۆيىدە )ئۇنىڭ ئايالى( ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىدا داپ چېلىپ ئۋلتۇرغان قىزلارنىمۇ ئۇنىڭدىن مەنىئىي قىلمىغانلىقى، بەلكى ئۇلارنى ئۇنىڭغا تەشەببۇس قىلغانلىقى تۋغرسىدا كۈچلۈك ھەدىسلەر رىۋايەت قىلىنغان. ناخشا ۋە چالغۇ ئەس ۋاپلىرنى ئۆز
يۋلىدا قۋللانسا نەتىجىسىمۇ ياخشى بۋلغىنىدەك، بۇلارنى يامانلىققا - كىشىلەرنى ئازدۇرغۇچى ھاۋايى ھەۋەسلەرگە مۇپتىال قىلىدىغان شەكىلدە - قۋللانسا، ئۇنىڭ نەتىجىسى مۇ زىيانلىق بولىدۇ. شۇڭا ئۇ، ئىسلام نەزەرىدىمۇ جائىز بولمايدۇ. تۋيلاردا ئاياللار ئايرىم، ئەرلەر ئايرىم ئۋرۇنلاردا بولغان ھالدا تەنتەنە قىلىشى كېرەك. ئاياللارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئايال جىنىسلىرى ئارىسىدا ئەدەپ، ئەخلاققا ئۇ يغۇن شەكىلدە ناخشا، غەزەل ۋە شېئرلارنى ئۋقۇشلىرى ياخشى بۋلغاندەك، ئەرلەرنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەر جىنىسلىرى ئارىسىدا شۇنداق قىلىشلى رى ياخشىدۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: » ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئەنسارلاردىن بىرىنىڭ تۋيىدىن قايتىپ كەلگىنىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا، ئى ئائىشە! سىلەر تويدا ئۋيۇن تاماشا قىلمىدىڭلارمۇ ؟ ئەنس ارلار ئۋيۇن - تاماشانى ياقتۇرىدىغان خەلقتۇر دەيدۇ « . ئەنەس ئىبىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىپ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: » پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر جايدىن ئۆتكىنىدە، قىزلار داپ چېلىپ، ناخشا ئېيتىۋاتاتتى. ئۇلار مۇنداق دەپ ناخ شا ئېيتاتتى: خۇشال بىزلەر كۆككە يەتسۇن ناخشىمىز، ئارىمىزدا مۇھەممەدتۇر ياخشى مىز. ( بۇخارى رىۋايىتى
پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام بۇ ۋاقى تتا ئۇلارغا قاراپ » ئاللاھ بىلىدۇكى، ھەقىقەتەن، مەن سىلەرنى ياخشى كۆرىمەن « دېدى. يۇقىرىقىلاردىن باشقىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭت ۋيلاردا ناخشا ئېيتىش، چالغۇ ئەسۋاپلىرىنى چېلىش ئارقىلىق توينى نامايەن قىلىشقا تەشەببۇس قىلغان ھەدىسلىرى كۆپتۇر. بۇ ھەدىسل ەرگە بىنائەن، توينى نامايەن قىلىش ئۈچۈن يۇقىرىدا ئېتيتىلغان شەرتلەر ئاساسىدا، ناخشا ئېيتىش، ئۋيۇن تاماشا قىلىش ۋە چالغۇ ئەسۋابلىرىنى چېلىش جائىز بۋلۇپلا قالماستىن، بەلكى ئەۋزەلدۇر. ئەمما كۈنىمىزدىكى توي سۋرۇنلىرىدىكى ئەخلاقسىز ناخشىلار، ئەدەپسىز تاماشالار ۋە تار ياكى يېرىم يالىڭاچ كىيىمنى كىيىپ ئۋينايدىغان ھاياسىز ئۇسسۇللار نە ئىسلام دىنىنىڭ پىرىنسىپىغا نە بىزنىڭ مىللىي ئەنئەنىمىزگە ئۇ يغۇن كەلمەيدۇ. بۇال پەقەت ياۋرۋپالىقلارنىڭ ۋە خۇداسىزلارنىڭ رەزىل مەدەنىيەتلىرىدۇر. ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان دەپ يۈرگەن كىشىلەرنىڭ مۇقەددەس دىنىمىزنىڭ تەلىماتلىرىغا، مىللىي ئەنئەنىمىزگە ئەگىشىشى ۋە باشقىلارنىڭ رەزىل مەدەنىيىتىنى دۋراپ ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاقىنى بۇلغىم اسلىقى لازىم. ناخشا، مۇزىكا ئاڭلاش توي - تۆكۈنلەرگىلا خاس ئەمەس، بەلكى ئىسلام دىنى بەلگىلىگەن قائىدە - پىرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلىش شەرتى بىلەن ئۇنى ھەر قانداق ۋاقىتتا ئاڭلاشقا بولىدۇ. تويدا قىزلارنىڭ توي كۆڭلىكى كىيىش مەسىلىسى ( ئىبىن ماجە رىۋايىتى
بۇ مەسىلىدە ئۆلىمالار ئۋتتۇرىسىدا ئىككى خىل قار اش بار : بىرىنچى قاراشتىكىلەر قىزلارنىڭ توي كىيىمى كىيىشىنى باسقا دىندىكىلەرنىڭ ئادەتلىرىنى دۋراپ ئۇلارغا ئۆزىنى ئۋخشى تى ۋ الغانلىق بولىدۇ، دېگەن ئاساس بىلەن توغرا ئەمەس، دەپ قارايدۇ. ئىككىنچى قاراشتىكىلەر، توي كۆڭلىكى خرىستىئانلارنىڭ ئادىتى ب ۋلسىمۇ، دىنىي ئادەت ئەمەس، ھەم كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار دىيارىدا كەڭ تارقالغان بولغاچقا، خرىستىئانلارغىلا خاس ئادەت بۋلۇشتىن چىقىپ كەتكەن. شۇڭا توي كۆڭلىكى كىگۈچىسىنىڭ ئەۋرەت سانالغان ئەزالىرىنى يۆگە پ تۇرىدىغان ، نېپىز ئەمەس ، تېنىنى نامايان قىلمايدىغان بۋلۇشى ۋە ئۇنى يات ئەرلەرنىڭ ئالدىغا گرىم قىلغان ھالدا چىق ماسلىقى شەرتى بىلەن كىيىشى دۇرۇستۇر. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ سابىق مۇپتىسى ئابدۇلال ئىبىن باز ۋە كاتتا ئۆلىمالار ردىن ئىبىن ئۇسەيمىن، سالىھ ئىبىن فەۋزان قاتارلىقالمۇ بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرگەن.
نىكاھ ۋە ئۇنىڭ ئە ھكاملىرى نىكاھ ئەر بىلەن ئايالنىڭ بىر بىرىدىن ئۋرتاق مەنپەئەتلىنىش مەقسىتىدە بەختلىك بىر ئائىلىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىككىسىنىڭ ئۋتتۇرسىدىكى ئەر ئاياللىق مۇناسىۋىتىنىڭ باغلىنىشى دېمەكتۇر. نىكاھ ئىككى يات ئىنساننى بىر - بىرىگە سۆيگۈ - مۇھەببەت بىلەن باغال يدىغان ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىگە بىر - بىرىگە قارىتا تەبىئىي ئىسسىقلىقنى سالىدىغان مۆجىزىلىك نەرسىدۇر. نىكاھنىڭ شەرتلىرى ئىسلام شەرىئىتىنىڭ كامىللىقىنىڭ بىر مىسالى شۇكى، ئۇنىڭدا، مەيلى ئىنسانلار ئارىسىدا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان سۋدا سېتىق مۇئامىلىلىرى بولسۇن، م ەيلى ئامانەت قۋيۇش، قەرىز بېرىش ۋە ئېلىش مۇئامىلىلىرى بولسۇن، ھەمدە باشقىمۇ مۇئامىلىلار بولسۇن، ئىنسانلار جەمئىيىتى ئۇنىڭدىن بىھاجەت بولالمايدىغان ھەرقانداق بىر مۇئامىلە ئۈچۈن مۇئەييەن قانۇن پىرىنسىپلار بېكىتىلگەن. نىكاھمۇ يۇقىرىقى مۇئامىلىلارنىڭ بىر تۈرى بۋلغانلىقتىن، ئۇنىڭدىمۇ مۇئەييەن قانۇن پىرىنسىپلار بار. نىكاھنىڭ ئىسلام نەزەرىدە، قانۇنلۇق ھالدا دۇرۇس باغلىنىشنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1 . ئەر ئايال ئىككىسىىنىڭ رازىلىقى
بۆلۈم: “1 . ئەر ئايال ئىككىسىىنىڭ رازىلىقى”نىكاھنىڭ دۇرۇس باغلىنىشى ئۈچۈن نىكاھلانماقچى بولغان ئەر بىلەن ئايال ئىككىسىنىڭ رىغبىتى ۋە ئۇلارنىڭ رازىلىقى شەرتتۇر. مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن ھېچكىمنى ئۆزى خالىمىغان بىرىسى بىلەن نىكاھلىنىشقا زۋرلاشقا بولمايدۇ. ئىنسانلار تۇرمۇش
قۋرۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىگە جۋر تاللاشتا مۇتلەق ئەركىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: » چۋكان ئۆزىنىڭ نىكاھ ئىشلىرىغا ئىگە بۋلۇشتا ئاتا ئانىسىدىن ھەقلىقتۇر. قىزنىڭ رايى سۋرىلىدۇ. ئۇنىڭ سۇكۇت قىلغىنى ماقۇل كۆرگەنلىكىدۇر « .
2 . گۇۋاھچىلارنىڭ ھازىر بۋلۇشى
بۆلۈم: “2 . گۇۋاھچىلارنىڭ ھازىر بۋلۇشى”نىكاھنىڭ دۇرۇس باغلىنىشى ئۈچۈن نىكاھ ئۋقۇلغان ئۋرۇندا ئادالىتىگە، راستچىللىقىغا ئىشىنىلىدىغان ئىككى مۇسۇلمان ئەر گۇۋاھچىنىڭ ھازىر بۋلۇشى شەرتتۇر. ئىككى ئەر گۇۋاھچى تۋلۇق تېپىلمىغان شارائىتتا، بىر ئەر، ئىككى ئايال بىرلىكتە گۇۋاھلىققا ھازىر بۋلۇشى لازىم. چۈنكى بۇ تۈرلۈك مۇئامىلىلەردە ئىككى ئايال گۇۋاھچى بىر ئەر گۇۋاھچىنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. گۇۋاھچىلار ھازىر بۋلمىغان نىكاھ ، نىكاھ بولمايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَاسْتَشْهِدُوا شَهِيدَيْنِ مِنرِّجَالِكُمْ ۖ فَإِنلَّمْ يَكُونَا رَجُلَيْنِ فَرَجُلٌ وَامْرَأَتَانِ مِمَّنتَرْضَوْنَ مِنَ لاشُّهَدَاءِ﴾ يەنى سىلەر ئەر كىشىڭلاردىن ئىككى كىشىنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار. ئەگەر ئىككى ئەر كىشى بولمىسا ، سىلەر )ئادالىتىگە ، دىيانىتىگە( ئىشىنىدىغان كىشىلەردىن بىر ئەر، ئىككى ئايالنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار .
3 . شافىئىي، ھەنبەلى ۋە مالىكى مەزھەپلىرىدە، نىكاھلانماقچى
بۆلۈم: “3 . شافىئىي، ھەنبەلى ۋە مالىكى مەزھەپلىرىدە، نىكاھلانماقچى”بولغان قىزنىڭ )ش ۇنداقال چۋكاننىڭ( ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش مۇسلىم رىۋايىتى بەقەرە سۈرىسى 282 ئايەت
نىكاھنىڭ شەرتلىرىدىن سانىلىدۇ. بۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ :
» قىزنىڭ ئىگىلىرى مۇۋاپىق كەلمىگەن نىكاھ باغلانمايدۇ « دېگەن
ھەدىسىنى دەلىل قىلغان. ئەمما ھەنەفىي مەزھىبىدە، قىز ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئىشىنى ئۆزى قارار قىلالىغۇدەك ياشتا بولۇپ، ئۆزىگە مۇناسىپ بىرىگە ئۆيلەنمەكچى بولسا، ئۇنىڭ نىكاھى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش شەرت قىلىنمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: » چۋكان ئۆزىنىڭ نىكاھ ئىشىدا ئىگىلىرىدىن ھەقلىقتۇر « ، » چۋكاننى ئۇنىڭ ئىختىيارىسىز، قىزنى ئۇنىڭ رايىسىز ياتلىق قىلماڭلار « دېگەن ھەدىسلىرى قىزلارنى مەيلى ئۇلار ھېچ ياتلىق بۋلمىغان بولسۇن، مەيلى ياتلىق بولۇپ قايتىپ كەلگەن چۋكان بولسۇن، ئۇلارنى ئىختىيارىسىز ياتلىق قىلماسلىق ۋە ئۇلار قۋشۇلمىغان ۋە تۇرمۇش قۇرۇشقا رازى بۋلمىغان بىرىگە ئاتا - ئانىسىنىڭ زۋرلاپ ياتلىق قىلالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەللامە ئىبىن قەييىم » زادۇلمەئاد « ناملىق مەشھۇر ئەسى رىدە مۇنداق دەپ قارارلاشتۇرغان: » بالاغەتكە يەتكەن قىزنى ئاتا - ئانىسىنىڭ ياكى باشقا ئىگىلىرىنىڭ ئۇنىڭ رارىلىقىسىز ئۆيلەندۈرۈش ھەققى يوق. بۇ سەلەف )ئى لگىرىكى ئۈلگىلىك( ئۆلىمالارنىڭ ھەممىسى، ھەنەفىي مەزھىبى قارار قىلىپ كەلگەن كەسكىن مەسىلە. بىز بۇنى ئەبۇداۋۇد، تىرمىزى ۋە ئىبىن ماجە رىۋايەت قىلغان ھەدىس، ھەدىسشۇناس ئالىم ئىبىن ھىببان بۇ ھەدىسنى » سەھىھ « ھەدىسلەر قاتارىدىن سانىغان. بۇخارى رىۋايىتى
كۈچلەندۈرىمىز، بۇنىڭ باشقىسىنى قوبۇل قىلمايمىز. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بايان قىلغانلىرىغا تامامەن مۇۋاپىق كېلىدۇ. « شۇنىمۇ ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، شافى ئىي، ھەنبەلى ۋە مالىكى مەزھەپلىرىنىڭ قىز - چۋكانلارنىڭ ياتلىق بۋلىشى ئۈچۈن ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ئىگىلىرى قۋشۇلىشى نىكاھنىڭ باغلىنىشىنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى دەپ قارار قىلغانلىقى ئاياللارنى ئاسراش ۋە ئاتا - ئانىسىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماستىن يامان يەرگە كېلىن بولۇپ قىلىپ پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقى كۆزدە تۇتۇلغان. چۈنكى ئاتا - ئانىلارنىڭ تاللىغىنى ۋە قۋشۇلغىنى كۆپ ھاللاردا توغرا چىقىدۇ. ئاتا - ئانىلار بالىلار بىلمىگەنلەرنى بىلىدۇ ۋە بالىلىرىنى كىملەرگە ئۆيلەندۈرۈشنىمۇ بىلىدۇ. شۇڭا بۇ تەرەپتىن ئېيتقاندا ئاتا - ئانىلارنىڭ رازى لىقىنى ۋە مۇۋاپىقەتچىلىكىنى ئالماستىن قىزلارنىڭ ئۆز بېشىغا ئىش كۆرمىگىنى ياخشى. جەمئىيەتتە كۆرىۋاتىمىزكى، جەمئىيەتنى، ئادەملەرنىڭ خاراكتېرىنى تۋلۇق چۈشىنىپ يېتىپ بولالمىغان قىزلارنى ئاتا - ئانىسىنىڭ رۇخسىتىسىز ئالداپ ئېلىپ، ئاز ۋاقىتتىن كېيىنلا تاشلىۋېتىدىغا ن ياكى ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيىدىكى جەننەتتىن دۋزاخقا ئېلىپ بېرىپ خۋرلايدىغان ئالدامچى ئەرلەرمۇ ئاز ئەمەس. بۇ ھەقتىكى ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرمۇ ئاز ئەمەس. ئەبۇ ھەنىفەنىڭ مەزھىبىدە، ئاياللارنىڭ ئەركىنلىكى، بىر ئۆمۈر بىرگە ئۆتىدىغان، ياخشى كۈنلەردە، يامان كۈنلەردە، را ھەتتە، جاپادا دۋكتۇر يۈسۈپ ئەل قەرداۋىينىڭ » فتاۋى مارة « )ھازىرقى زامان پەتىۋالىرى( ناملىق ئەسىرى، 2 - تۋم، 143 - 243 - بەتلەر .
بىرگە بۋلىدىغان ئۆمۈرلۈك ھايات ھەمراھىنى ئۆزلىرىنىڭ تاللاش ھۋقۇقىنى قۋغداشنى مەقسەت قىلىدۇ. چۈنكى كۆرىۋاتىمىزكى، بەزى ئاتا - ئانىلار قىزلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ تۇغقانلىرىغا ياكى بايلارغا ياكى مەنسەپدارلارغا زۋرلاپ بېرىدۇ. ئۇلار قىزلىرىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئەمەس، پەقەت ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ئۋيلاپ شۇنداق قىلىشىدۇ. بۇ قىزلار بەختلىك بولامدۇ ياكى تەلەيسىز بولۇپ قالامدۇ؟ بۇنىڭ بىلەن ھېسابلاشمايدۇ. شۇڭا ھەر ئىككى مەزھەپنىڭ ئۋرۇنلۇق تەرەپلىرى بار. مۇسۇلمان ئادەم ھەر ئىككىسىگە ئەمەل قىلغان ھالدا، پەرزەنتلىرىنىڭ بەخت - سائادىتى ئۈچۈن تىرىشىشى لازىم. نىكاھنىڭ لەۋزىلىرى نىكاھنىڭ لەۋزىلىرى ئەر ئايال ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز رازىلىقى بىلەن تۇرمۇش قۇرماقچى بۋلغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ھەرقانداق سۆز ئىبارىلەردۇر. ئايال ئەرنىڭ نىكاھلىنىش تەلىبىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىل دۈرگەندىن كېيىن، ئەرمۇ ئۇنى زىممىسىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايالنىڭ قوبۇل قىلغانلىقىنى ئۆزى ياكى ئۇنىڭ ۋەكىلى بىلدۈرىدۇ. ئەمما ئەر ئۇنى زىممىسىغا ئالغانلىقىنى ئۆزى بىۋاسىتە بىلدۈرىدۇ. نىكاھنىڭ ئىبارىلىرى ئۆتكەن زامان پئېىللىرى )يەنى ئالدىم ، تەگدىم دېگە نگە ئۋخشاش پئېىللار( بۋلۇشى لازىم. شۇنىڭدەك ، تەلەپ بىلەن قوبۇل بىر ئۋرۇندا بۋلۇشى، ئىككى سۆزنىڭ )ئۋتتۇرىدا كۆپ ۋاقىت ئۆتۈپ( ئارىسىغا باشقا گەپلەر ئارىلىشىپ قالماسلىقى لازىم.
ئېغىر ئاياغ ئايالغا نىكاھ چۈشەمدۇ؟ ئىددەت ئىچىدىكى ئايالغا نىكاھ چۈشمەيدۇ. ئېغىر ئاياغ ئايالنىڭ ئىددىتى تۇغۇش بىلەن تۈگەيدۇ. شۇڭا ئېغىر ئاياق ئايال تۇغۇپ بۋلمىغىچە ئۇنىڭغا نىكاھ چۈشمەيدۇ. ئەمما بىر تالاق بىلەنلا تالاق قىلىنغان )تالاق رەجئىي قىلىنغان( ھامىلە ئايالنى تۇغۇپ بۋلغىچە ئۆزىنىڭ ئېرى نىكاھسىزلا ئەمرىگە قايتۇرۇپ ئا اللايدۇ. چۈنكى بۇ ئايال ئىددەتتىن چىقىپ بۋلمىغىچە ئېرىنىڭ زىممىسىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئەسلى ئېرىدىن باشقىسىغا نىكاھ چۈشمەيدۇ. ) ( ئۆزى زىنا قىلىپ ئېغىر ئاياق بول ۇپ قالغان ئايالنى ئالسا بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە زىنا چوڭ گۇناھلاردىن بولغاچقا، ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە تەۋبە قىلىشى كېرەك. بىراۋ بىر ئايال بىلەن زىنا قىلىپ، بۇ ئايال ئۇنىڭدىن ئېغىر ئاياق بولۇپ قالغان بولسا، ئۇ قۋرساقتىكى بالىنى ئۆزىنىڭ بالىسى دەپ قارىسا، ئۇ ئايالنى شۇ ئېغىر ئاياق ھالىتىدە نىكاھىغا ئېلىشى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئېغىر ئاياق ھالىتىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆت كۈزۈشى ھالالدۇر . چۈنكى زىنادىن ئىددەت تۇتۇش لازىم كەلمەيدۇ. بۇنداق سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن شەيخ ئابدۇراھمان جىبرىن پەتىۋاسىدىن. دكتۇر يۈسۈپ ئەل قەرداۋىينىڭ » فتاۋى مارة « ) ھازىرقى زامان پەتىۋالىرى( ناملىق ئەسىرى، 3 - تۋم، 326 - بەتتىن ئېلىندى .
بولغان ئىكەن، بۇ ئىككىسىنىڭ نىكاھلىنىشى ئۈچۈن تۋسالغۇ يوق دېگەن بولدى. ئۆزى زىنا قىلىپ ئۆزىدىن ئېغىر ئاياق بولۇپ قالغان ئايالنى نىكاھلاپ ئېلىشنىڭ شەرتسىز جائىزلىقى كۆپ سانلىق ئىسلام ئۆلى مالىرىنىڭ ئىتتىپاقى)ئىجما(بىلەن قارارلاشتۇرۇلغان مەسىلە. پەقەت ھەنبەلى مەزھىبىدىال مۇنداقلارنىڭ نىكاھىنىڭ جائىز بۋلۇشى ئۈچۈن بۇ ئىككىسىنىڭ قىلغان زىنا ئىشىغا تەۋبە قىلىشىنى شەرت قىلىدۇ. ئىلگىرى بىر - بىرى بىلەن زىنا قىلغان ئەر بىلەن ئايال ئىككىسى نىكاھلىنىپ 6 ئاي ئۆتۈپ بۋلغاندىن كېيىن ، ئايال بالىنى تۇغۇپ قالسا، بۇ بالا ئەر - خوتۇن ئىككەيلەننىڭ شەرئىي بالىسى ھېسابىدا بولىدۇ. ئەگەر توي قىلىپ ئالتە ئاي ئۆتۈپ بۋلغىچە بالىنى تۇغۇپ قالسا، بالا ئايالنىڭلا بالىسى بولىدۇ. ئەگەر ئەر بۇ بالىنى ئۆ ز ۈمنىڭ دەپ چىڭ تۇرسا ئا ندىن ئەرگىمۇ مەنسۇپ قىلىنىدۇ. باشقىلار بىلەن زىنا قىلىپ، ئېغىر ئاياق بولۇپ قالغان ئايالنى ئېلىشقا بولامدۇ؟ باشقا بىرى بىلەن زىنا قىلىپ، ئېغىر ئاياق بول ۇپ قالغان ئايالنى باشقا بىرىنىڭ نىكاھلاپ ئېلىشى ھالالدۇر. پەقەت ئۇ ئايال بالىسىنى تۇغۇپ بۋلغانغا قەدەرئ ۇنىڭ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشى ھالال ئەمەس. بۇ ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە ۋە مۇھەممەد ئىككىسىنىڭ قارارى بولۇپ، ھەنەفىي مەزھىبىدە بۇ قارار كۈچكە ئىگە. دكتۇر يۈسۈپ ئەل قەرداۋىينىڭ » فتاۋى مارة « ) ھازىرقى زامان پەتىۋالىرى( ناملىق ئەسىرى، 3 - تۋم، 426 - بەتتىن ئېلىندى.
بۇ بىر تەرەپتىن، ئۇ ئايالنى رەسۋاچىلىقتىن قۇتقۇزۇپ ئىنسانىي ھۆرمىتىنى ساقلاپ قالغانلىق، يەنە بىرت ەرەپتىن، تۇغۇلماقچى بولغان بالىنى » زىنا بالىسى « دېگەن يامان نامدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىغانلىق بۋلغانلىقتىن، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى ئالغان ئەرگە ساۋاب بېرىشى كۈتۈلىدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى بۋۋاق گۇناھسىز ئەمەسمۇ؟!
نىكاھ بىلەن بەلگىلىنىدىغان ئىشلار نىكاھتىن كېيىن تۆۋەندىكى ئۈچ نەرسە بەلگىلىنىدۇ: (1) مەھرى (2) نەپىقە (3) مىراس
مەھرى
بۆلۈم: “مەھرى”مەھرى نىكاھ سەۋەبى بىلەن ئەرنىڭ ئايالىغا بېرىشكە تېگىشلىك بولغان مەلۇم مىقداردىكى ماددىي ھەق )پۇل( دېمەكتۇر. مەھرى بېرىشنى ئەر ئايال ئىككىسى تۋيدىن بۇرۇن شەرت قىلغانب ۋلسۇن، ياكى شەرت قىلمىغان بولسۇن ھەر ھال دا ئەرنىڭ ئۇنى نىكاھتىن كېيىنلا ئايالىغا نەق ياكى يېرىمىنى نەق، يېرىمىنى نېسى بېرىشى لازىم. مەھرى مىقدارى مەھرى مىقدارىنىڭ ئاز كۆپلىكىنىڭ چېكى يوق. مەھرى پەقەت ئەرنىڭ ئىقتىسادىي شارائىىتىغا قاراپ بولىدۇ. تۋيدىن بۇرۇن ئەر تەرەپ بىلەن ئايال تەرەپ ئۆزئارا پۈتۈشكەن مەھرى مىقدارى ھېسابقا ئېلىنىدۇ. ئەگەر تۋيدىن بۇرۇن ئايالغا مەھرى بېرىشنى پۈتۈشمىگەن بولسا، ياكى پۈتۈشكەن بولسىمۇ ئۇنىڭ مىقدارىنى تەيىنلىمىگەن بولسا، بۇ ھالەتلەردە ئەر ئايالىغا شۇ شەھەردە ئادەت بولۇپ ئېقىۋاتقان مەھرى ئۆلچىمى بۋيىچە مەھرى بېرىدۇ. چۈنكى مەھرى ئەرنىڭ نىكاھ سەۋەبى بىلەن بەلگىلەنگەن تەبىئىي ھەققىدۇر. مەھرى مىقدارىنىڭ ئاددى، يېنىك بۋلغىنى ياخشىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
تەۋسىيى سىمۇ مەھرىنى ئېغىر قىلىۋېتىپ توينى قىيىنلاشتۇرۇپ قۋيماسلقتۇر. مەھرى پۇل مال بېرىش بىلەن ئادا تاپقىنىدەك، مەنىۋى مەنپەئەت بىلەنمۇ ئادا تاپىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ساھابىنى ئۇ كەمبەغەل بولغاچقا، ئۇنىڭ ئايالىغا بېرىدىغان مەھرىى بەدىلىگە، ئايالىغا قۇرئان ئۆگىتىشنى شەرت قىلىش بىلەن ئۆيلەندۈرگەن.
نەپىقە
بۆلۈم: “نەپىقە”نەپىقە ئەرنىڭ ئايالىنىڭ يېمەك ئىچمەك، كىيىم كېچەك ۋە باشقىمۇ بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجلىرىنى قامداش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇنى ئىجرا قىلىشى دېمەكتۇر. ئەر ئەگەر ئايالىنىڭ يۇقىرىقى چىقىملىرىغا بېخىللىق قىلىپ ئۇنى جايىدا ئادا قىلمىسا، ئاللاھنىڭ ئالدى دا گۇناھكار بولىدۇ. بۇ ھالەتتە ئەگەر ئايالى ئۇنىڭ ئىقتىسادىدىن ئۆزىنىڭ ھاجىتىگە يېتەرلىك مىقدارنى ئۇنىڭغا كۆرسەتمەستىن ئالسىمۇ، ئۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى ئايالنىڭ بارلىق چىقىملىرى ئېرىنىڭ زىممىسىدىدۇر.
مىراس
بۆلۈم: “مىراس”مىراس بىراۋ ۋاپات بۋلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مال دۇنياسى ۋە باشقا ماددىي مەنپەئەتلىرىنىڭ ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا يۆتكىلىشى دېمەكتۇر. قانداقلا بىر كىشى بىر ئايالغا نىكاھلىنىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر بىرىدىن مىراس ئېلىش ھوقۇقى بەلگىلەنگەن بولىدۇ. مىراس بىراۋ ئۆلگەندىن كېيىن ئېلىنىدۇ. يەنى ئەر ئاياللاردىن قايسىسى بۇرۇن ۋاپات بولسا، كېيىنكىسى ئۇنىڭ مىراسىنى ئالىدۇ.
ھەتتا نىكاھلىنىپ بىر بىرىگە يېقىنلاشماستىن بىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، كېيىنكىسى قۇرئان كەرىمدە بەلگىلەنگەن مىقدار بۋيىچە ئۇنىڭ مىراسىدىن ئالىدۇ.
مىراس ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسى لىلەر بىراۋ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا قالدۇرغان مال – دۇنيا ۋە باشقا ھەر قانداق نەرسىسى » مىراس « ياكى » تەرىكە « دەپ ئاتىلىدۇ. تەرىكىگە مۇناسىۋەتلىك ھەق – ھۋقۇقلار تەرىكىگە مۇناسىۋەتلىك ھەق – ھۋقۇقلار تۆۋەندىكىلەر بولۇپ، مۇنۇ تە رتىپ بۋيىچە ئىجرا قىلى نىدۇ: (1) مې يىتنى قائىدە – يۋسۇن بۋيىچە يۇيۇپ - تاراش، كېپەنلەش ۋە دەپنە قىلىشقا قەدەر بولغان پۈتۈن چىقىملار ئۈچۈن مې يىتنىڭ تەرىكىسىدىن ئىسراپ ياكى كەم قىلماستىن ئىشلىتىلىدۇ. (2) مې يىتنىڭ ئۈستىدە قە رز بولسا ئۇنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق ئادا قىلىنىدۇ. (3) مې يىتنىڭ ۋەسىيەتلىرىنى ئىجرا قىلىش. مې يىتتىن مىراس ئېلىشقا ھەقلىق بولغان ۋارىسلىرىغا مىراس سىرتىدا پۇل – مال بېرىشكە ۋەسىيەت قىلىشى توغرا ئەمەس، ئەگەر ۋەسىيەت قىلىنغان تەقدىردىمۇ ئەمەل قىلىنمايدۇ. ئەمما مې يىت ئۆزىنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ سىرتىدا بىراۋغا پۇل – مېلىدىن بېرىشنى ۋەسىيەت قىلغان بولسا، ئۇ مې يىتنىڭ تەرىكىسىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ئارتۇق بۋلماسلىق شەرتى بىلەن ئىجرا قىلىنىدۇ. (4) قالغان تەرىكە ۋارىسلار ئوتتۇرىسىدا شەرىئەت كۆرسەتمىسى بۋيىچە تەقسىم قىلىنىدۇ.
مىراس ئېلىشنىڭ سەۋەبلىرى ئىككى سەۋەب بىلەن كىشىلە ر بىر - بىرىدىن مىراس ئالالايدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى نەسەب، يەنە بىرى نىكاھتۇر .
1 . نەسەب سەۋەبى بىلەن مىراس ئالىدىغانلار
بۆلۈم: “1 . نەسەب سەۋەبى بىلەن مىراس ئالىدىغانلار”نەسەب سەۋەبى بىلەن مىراس ئالىدىغانلار - مې يىتنىڭ بالىلىرى، نەۋرىلىرى، بىر تۇغقانلىرى، بىر تۇغقانلىرىنىڭ بالىلىرى، ئاتا – ئانىسى، بۋۋا – مۋمىلىرى، دادا تەرەپ تاغىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرى قاتارلىق يېقىن تۇغقانلىرىدۇر .
2 . نىكاھ سەۋەبى بىلەن مىراس ئالىدىغانلار
بۆلۈم: “2 . نىكاھ سەۋەبى بىلەن مىراس ئالىدىغانلار”نىكاھ سەۋەبى بىلەن مىراس ئالىدىغانلار ئەر – خۋتۇنلار بولۇپ، بىراۋ بىر ئايالغا نىكاھلىنىپ تېخى ئۇلار بىر ياستۇققا باش قۋيماستىن ئۇلارنىڭ بىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ھايات قالغىنى ئۆلگەن جۋرىسىدىن مىراس ئالىدۇ. مىراس ئېلىشتىن مەنئى قىلىنىدىغانلار مىراس ئېلىشتىن مەنئى قىلىنىدىغانلار ئىككى خىل كىشى بولۇپ، ئۇلار مۇنۇلار: (1) مىراس قالدۇرغۇچىنى ئۆلتۈرگەن قاتىل، يەنى بىراۋ ئاتىسىنى ياكى شۇنىڭغا ئۋخشاش مىراسىغا ئىگە بولالايدىغان بىرەر كىشىنى قەستەن ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇنىڭدىن مىراس ئاللامايدۇ. پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە: » قاتىل ئۆزى ئۆلتۈرگەن كىشىسىنىڭ مىراسىدىن ھېچ نەرسە ئاللامايدۇ « دەپ كۆرسەتكەن. (2) مې يىت بىلەن ۋارىسنىڭ بىر دىندا بۋلماسلىقى يەنى مىراس قالدۇرغۇچى مې يىت مۇسۇلمان، مىراس ئالغۇچى مۇسۇلمان ئەمەس ياكى مىراس قالدۇرغۇچى مۇسۇلمان ئەمەس، مىراس ئالغۇچى مۇسۇلمان بولسا، بۇ ئىككىسى بىر – بىرىدىن مىراس ئاللامايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: » كاپىر مۇسۇلماندىن ، مۇسۇلمان كاپىردىن مىراس ئاللامايدۇ « دەپ كۆرسەتكەن. مۇسۇلمانلىقتىن يېنىپ مۇرتەد بولۇپ كەتكەن كىشىمۇ بۇ ھۆكۈمنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ. مىراس ئېلىشنىڭ شەرتلىرى مىراس ئېلىشنىڭ شەرتلىرى ئىككى بولۇپ، ئۇلار مۇنۇلار: (1) مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆلگەن ياكى ئۆلگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىنغا ن بولۇشى . مەسىلەن: ئىز - دېرەكسىز يۋقاپ كەتكەن ئادەمگە » ئۆلدى « دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغىنىغا ئۋخشاش. چۈنكى تىرىك ئادەمنىڭ مىراسى تەقسىم قىلىنمايدۇ. (2) مىراس قالدۇرغۇچى ئۆلگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ۋارىسنىڭ ھايات بولۇشى . چۈنكى مىراس قالدۇرغۇچىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئۇنىڭ مىراسىنى ئاللامايدۇ. مەسىلەن: بىراۋ ئاتىسىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ ) ( ئىبىن ئابدۇلبىر رىۋايىتى ) ( بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى
كەتكەن بولسا، ئۆلۈپ كەتكەن بۇ كىشىنىڭ بالىلىرىنىڭ مەزكۇر ئاتا ئۆلگەندە ئۇنىڭدىن دادىسىنىڭ مىراسىنى ئاللامىغىنىغا ئۋخشاش. ئەمما ئۇلارنىڭ نەۋرە سۈپىتى بىلەن مىراس ئېلىشى باشقا مەسىلە.
قۇرئان كەرىمدىكى مىراس ئايەتلىرى
بۆلۈم: “قۇرئان كەرىمدىكى مىراس ئايەتلىرى”مىراس ئايەتلىرى مۇنۇ ئايەتلەردۇر: 1 . ﴿يُوصِيكُمُ اللَّهُ فِي أَوْلَادِكُمْ ۖ لِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ الْأُنثَيَيْنِ ۚ فَإِنكُنَّ نِسَاءً فَوْقَ اثْنَتَيْنِ فَلَهُنَّ ثُلُثَا مَا تَرَكَ ۖ وَإِنكَانَتْ وَاحِدَةً فَلَهَا لانِّصْفُ ۚ وَلِأَبَوَيْهِ لِكُلِّ وَاحِدٍ مِّنْهُمَا السُّدُسُ مِمَّا تَرَكَ إِنكَانَ لَهُ وَلَدٌ ۚ فَإِنلَّمْ يَكُنلَّهُ وَلَدٌ وَوَرِثَهُ أَبَوَاهُ فَلِأُمِّهِ الثُّلُثُ ۚ فَإِنكَانَ لَهُ إِخْوَةٌ فَلِأُمِّهِ السُّدُسُ ۚ مِنبَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصِيبِهَا أَوْ دَيْنٍ ۗ آبَاؤُكُمْ وَأَبْنَاؤُكُمْ لَا تَدْرُونَ أَيُّهُمْ أَقْرَبُ لَكُمْ نَفْعًا ۚ فَرِيضَةً مِّنَ اللَّهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمًا﴾ يەنى ئاللاھ بالىلىرىڭلار )غا تېگىدىغان مىراس(ھەققىدە تەۋسىيە قىلىدۇكى، بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسى تېگىدۇ، ئەگە ر مېيىتنىڭ قىزى)ئىككى ياكى(ئىككىدىن كۆپ بولسا، ئۇ چاغدا ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسى تېگىدۇ، ئەگەر )ۋارىس(بىر قىز بۋلىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ بالىلىرى بولسا، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ھەر بىرىگە مىراسنىڭئ التىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ بالىلىرى بۋلماي مىراسقا پەقەت ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋارىسلىق قىلىدىغان بولسا، بۇچاغدا ئۇنىڭ ئانىسىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى تېگىدۇ)قالغىنى ئاتىسغا تېگىدۇ(. ئەگەر مېيىتنىڭ)ئاتا - ئانىسىدىن باشقا يەنە( قېرىنداشلىرى بولسا، ئانىسىغا مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ)قالغىنىنى ئاتىسى ئالىدۇ(. )بۇ تەقسىمات(مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئۋرۇندالغان ۋە قەرزى تۆلىنىپ بۋلغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاتا - ئاناڭلار ۋە بالىلىرىڭلاردىن )يەنى بۇ ئىككىسىدىن(قايسىنىڭ مەنپەئەت جەھەتتىن ئۆزەڭلارغا ئەڭ يېقىن
ئىك ەنلىكىنى بىلمەيسىلەر، بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بەلگىلىمىدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچى، ھېكمەت بىلە ئىش قىلغۇچىدۇر . ﴾ 2 . ﴿وَلَكُمْ نِصْفُ مَا تَرَكَ أَزْوَاجُكُمْ إِنلَّمْ يَكُنلَّهُنَّ وَلَدٌ ۚ فَإِنكَانَ لَهُنَّ وَلَدٌ فَلَكُمُلارُّبُعُ مِمَّا تَرَكْنَ ۚ مِنبَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصِينَ بِهَا أَوْ دَيْنٍ ۚ وَلَهُنَّلارُّبُعُ مِمَّا تَرَكْتُمْ إِنلَّمْ يَكُنلَّكُمْ وَلَدٌ ۚ فَإِنكَانَ لَكُمْ وَلَدٌ فَلَهُنَّ الثُّمُنُ مِمَّا تَرَكْتُم ۚ مِّنبَعْدِ وَصِيَّةٍ تُوصُونَ بِهَا أَوْ دَيْنٍ ۗ وَإِنكَانَ رَجُلٌ يُورَثُ كَلَالَةً أَوِ امْرَأَةٌ وَلَهُ أَخٌ أَوْ أُخْتٌ فَلِكُلِّ وَاحِدٍ مِّنْهُمَا السُّدُسُ ۚ فَإِنكَانُوا أَكْثَرَ مِنذَٰلِكَ فَهُمْ شُرَكَاءُ فِي الثُّلُثِ ۚ مِنبَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصَىٰ بِهَا أَوْ دَيْنٍ غَيْرَ مُضَارٍّ ۚ وَصِيَّةً مِّنَ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَلِيمٌ﴾ يەنى ئەگەر ئاياللىرىڭلارنىڭ بالىلىرى بولمىسا، بۇ چاغدا ئۇلار قالدۇرغان مىراسنىڭ يېرىمى)ئى ئەرلەر!(سىلەرگە تېگىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولسا، ئۇلار قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى سىلەرگە تېگىدۇ. )بۇ تەقسىمات(مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئۋرۇنلانغان ياكى قەرزى تۆلىنىپ بۋلغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولمىسا، بۇ چاغدا ئاياللىرىڭلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى تېگىدۇ، ئەگەر سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولسا، بۇ چاغدا ئايالىڭلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراستىن سەككىزدىن بىرى تېگىدۇ. )بۇ تەقسىمات(مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئۋرۇنلانغان ياكى قەرزى تۆلىنىپ بۋلغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر مىراس قالدۇرغۇچى ئاتا - ئانىسىز، بالىسىز ئەر ياكى ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ ئانا بىر قېرىندىشى ۋە ئانا بىر ھەمشىرىسى بەلسا، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ)يەنى مىراس قالدۇرغۇچى مېيىتنىڭ ئانا بىر ئاتا باشقا( ) ( نىسا سۈرىسى 11 . ئايەت
قېرىنداشلىرى ۋە ھەمشىرىلىرى بۇنىڭدىن)يەنى بىردىن(كۆپ بولسا، ئۇ چاغدا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۋرتاق تەقسىم قىلىنىدۇ. )بۇ تەقسىما ت(مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئۋرۇندالغان ياكى قەرزى تۆلىنىپ بۋلغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. )مىراس قالدۇرغۇچى ئادەمنىڭ( ۋەسىيىتى ۋارىسلارغا زىيان يەتكۈزمەيدىغان بۋلۇشى كېرەك. ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن قىلىنغان تەۋسىيەدۇر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچى ۋە ھەلىمدۇر ﴾ . 3 . ﴿يَسْتَفْتُونَكَ قُلِ اللَّهُ يُفْتِيكُمْ فِي الْكَلَالَةِ ۚ إِنِ امْرُؤٌ هَلَكَ لَيْسَ لَهُ وَلَدٌ وَلَهُ أُخْتٌ فَلَهَا نِصْفُ مَا تَرَكَ ۚ وَهُوَ يَرِثُهَا إِنلَّمْ يَكُنلَّهَا وَلَدٌ ۚ فَإِنكَانَتَا اثْنَتَيْنِ فَلَهُمَا الثُّلُثَانِ مِمَّا تَرَكَ ۚ وَإِنكَانُوا إِخْوَةً رِّجَالًا وَنِسَاءً فَلِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ الْأُنثَيَيْنِ ۗ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ أَنتَضِلُّوا ۗ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ﴾ يەنى سەندىن ئاتا – ئانىسى، بالىسى يوق مېيىتنىڭ مىراسى توغرۇلۇق پەتىۋا سۋرىشىدۇ، ئېيتقىنكى، » ئاللاھ ئاتا – ئانىسى، بالىسى يوق كىشى )قالدۇرغان مىراس( تۋغرىسىدىكى ھۆكۈمنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: ئەگەر بىر كىشى ۋاپات بولسا، بالىسى بولمىسا، پەقەت بىرال ھەمشىرىسى بولسا، ئۇ تەرى كىنىڭ يېرىمىنى ئالىدۇ، ئەگەر ئۇ ئايالنىڭ بالىسى بولمىسا، ئەر بىر تۇغقىنى ئۇنىڭ ۋارىسى بولىدۇ. ئەگەر ئىككى ھەمشىرىسى بولسا، ئۇلار تەرى كىنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسىنى ئالىدۇ، ئەگەر ۋارىسلار ھەم ئەر، ھەم ئايال بىر تۇغقانلار بولسا )ئۇلاردىن ( بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسى بېرىلىدۇ، ئاداشماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە )شەرىئەت ئەھكاملىرىنى( بايان قىلى پ بېرىدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ) ( نىسا سۈرىسى 21 . ئايەتلەر
بىلگۈچىدۇر « ﴾ . بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسىنى بىرى شنىڭ ھېكمىتى بەزىلەر » نېمە ئۈچۈن ئايالغا ئەرنىڭ ھەسسىسىنىڭ يېرىمى بېرىلىدۇ؟ بۇ ئادالەتسىزلىك ئەمەسمۇ؟ « دەپ سۋرىشى مۇمكىن. بۇ ئادالەتسىزلىك ئەمەس، بەلكى ھېكمەتلىك بەلگىلى مىدۇر. بۇنىڭ قىسقىچە بايانى مۇنداق: ئىسلامدىكى مىراس مەسىلىسى ئائىلە نىزامىغا باغلىق بىر مەسىلە. بۇ ئىككىسىنى بىر بىرىدىن ئايرىپ چۈشىنىشكە بولمايدۇ. بىر ئائىلىدىكى ئايال مۇنۇ تۆت خىل ئايالنىڭ بىرى بولىدۇ: ياكى شۇ ئائىلىدىكى ئەرنىڭ ئايالى بولىدۇ ياكى ئۇنىڭ قىزى بولىدۇ ياكى ئۇنىڭ ئانىسى بولىدۇ ياكى ئۇنىڭ ھەمشىرىسى بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئايال شۇ ئائىلىنىڭ قىزى بولسا، ئۇنىڭ يېمەك ئىچمەك، كىيىم كېچەك ۋە باشقىمۇ پۈتۈن چىقىملىرى ئاتىسىنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ. ئەگەر بۇ ئايال شۇ ئائىلىدىكى ئائىلە باشلىقىنىڭ ئايالى بولسا، ئۇنىڭ چىقىملىرى » نەپىقە « دەپ ئاتىلىپ ئېرىنىڭ ئۈ ستىگە يۈكلىنىدۇ. ئەگەر بۇ ئايال شۇ ئائىلە ئىچىدە ئانا بولۇپ )يەنى شۇ ئائىلىدىكى ئائىلە باشلىقى بولغان ئەرنىڭ ئانىسى بولۇپ( ياشىغان بولسا، ئۇنىڭ ) ( نىسا سۈرىسى 671 - ئايەت
پۈتۈن چىقىملىرى ئۋغلىنىڭ ئۈ ستىگە يۈكلىنىدۇ. ئەگەر بۇ ئايال شۇ ئائىلىدىكى ئائىلە باشلىقى بولغان ئەرنىڭ ھەمشىرىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى، ياكى جۋرىسى ياكى بالىسى بۋلمىغانلىقتىن ، شۇ كىشىنىڭ رىئايىتى ئاستىدا تۇرغان بولسا، ئۇنىڭ بارلىق چىقىملىرى شۇ ئۋغۇل قېرىندىشىنىڭ ئۈ ستىگە يۈكلىنىدۇ. ئېرى يوق، ئۋغلىمۇ يوق، ئا تسىمۇ يوق، قېرىندىشى ھەم يوق ئەرنىڭ چىقىملىرى ئۇنىڭ تاغا ئاكىلىرىنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ تاغا ئاكىلىرىمۇ بولمىسا، بۇ ئايالنىڭ ھاياتى مۇسۇلمانلار ئاممىسى تەرىپىدىن كاپالەتكە ئېلىنىدۇ. بۇ يەردىن مەلۇم بۋلىدۇكى، ئاياللارنىڭ تۇرمۇشتىكى پۈتۈن چىقىملىرى ئەرلەر تەرىپىدىن تەمىن ئېتىلىدۇ. ئاياللارنىڭ باشقىلارغا چىقىم قىلىشى ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجلىرى ئۈچۈنمۇ چىقىم قىلىشلىرى لازىم كەلمەيدۇ. بەلكى ھەممىنى ئەرلەر قامدايدۇ. ئەمدى ئەرلەرگە كەلسەك، ئۋغۇل بالا قولى ئىشقا تەككەندىن باشلاپ ئۆينىڭ ئېھ تىياجلىرىنى قامداشتا ئاتىسىغا ياردەملىشىدۇ. ئېغىر ئىشلار ئۇنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. ئۇ ئۆيلىنىپ بىر ئائىلىنىڭ بېشى بۋلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈ ستىگە ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ چىقىملىرى يۈكلىنىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئاتىسى بولمىسا، ئانىسىنى، قېرىنداشلىرىنى بېقىشى، ئاتا ئانىسى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار ياشىنىپ قالغان، كىرىمى يوق ھالەتتە بولسا، بۇلارنى ياخشى بېقىشى، بارلىق ئېھتىياجلىرىنى قامدىشى لازىم كېلىدۇ. دېمەك، ئائىلە ھاياتىدىكى بارلىق چىقىم خىراجەتلەر قانداقلا شارائىتتا بولمىسۇن، پەقەتلا ئەرنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ. شۇڭا ئى سالم دىنىنىڭ مىراس قانۇنى بىر ئەرگە
ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسىنى بەلگىلىگەن.
قۇرئان كەرىمدە مىراس ئېلىشى بەلگىلەنگەنلەر قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى ئارقىلىق مىراس ئېلىشى بېكىتىلگەن شەخسلەر تۆۋەندىكى 6 خىل شەخستۇر: (1) مىراسنىڭ يېرىمىنى ئالىدىغانلار (2) مىراسنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئالىدىغانلار (3) مىراسنىڭ سەككىزدىن بىرىنى ئالىدىغانلار (4) مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى ئالىدىغانلار (5) مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئالىدىغانلار (6) مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئالىدىغانلار مىراسنىڭ يېرىمىنى ئالىدىغانلار مىراسنىڭ يېرىمىنى ئالىدىغا نلار بىرى ئەر، تۆتى ئايال بولۇپ، تۆۋەندىكى 5 خىل شەخستۇر: (1) ئەۋلادى يوق ئۆلگۈچىنىڭ ئېرى، يەنى ئۆلگۈچى ئايالنىڭ بالىسى ياكى نەۋرىسى بولمىسا، ئۇنىڭ مىراسىنىڭ تەڭ يېرىمىنى ئۇنىڭ ئېرى ئالىدۇ. (2) ئۆلگۈچىنىڭ قىزى، يەنى ئۆلگۈچىنىڭ بىر قىزىدىن باشقا ئۋغۇل ياكى قىز ھېچقانداق ئەۋلادى بولمىسا، مىراسنىڭ تەڭ يېرىمىنى شۇ قىز ئالىدۇ. (3) ئۆلگۈچىنىڭ ئۋغلىنىڭ قىزى، يەنى ئۆلگۈچىنىڭ شۇ بىرال قىز نەۋرىسىدىن باشقا پەرزەنتى ياكى نەۋرىسى بولمىسا، مىراسنىڭ تەڭ
يېرىمىنى شۇ قىز نەۋرە ئالىدۇ. (4) ئۆلگۈچىنىڭ ئايال بىر تۇغقىنى، يەنى ئۆلگۈچىنىڭ بىرال ئايال بىر تۇغقىنىدىن باشقا ئاتا – ئانىسى ياكى بىر تۇغقىنى ياكى پەرزەنتى ياكى نەۋرىسى بولمىسا، ئۇنىڭ مىراسىنىڭ تەڭ يېرىمىنى بۇ ئايال بىر تۇغقىنى ئالىدۇ. (5) ئۆلگۈچىنىڭ دادا تەرەپتىن بولغان ئايال بىر تۇغقىنى ، يەنى ئۆلگۈچىنىڭ بۇ بىرال ئايال بىر تۇغقىنىدىن باشقا ئاتا – ئانىسى ياكى بىر تۇغقانلىرى ياكى بالىلىرى ياكى نەۋرىلىرى بولمىسا، ئۆلگۈچىنىڭ شۇ ئايال بىر تۇغقىنى مىراسنىڭ تەڭ يېرىمىنى ئالىدۇ. مىراسنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئالىدىغانلار مىراسنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئالىدىغانلار پەقەت ئىككى خىل كىشى بولۇپ ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: (1) ئەۋلادى بار ئۆلگۈچىنىڭ ئېرى، يەنى ئۆلگۈچى ئايالنىڭ ئۋغلى ياكى قىزى ياكى مەيلى قىز، مەيلى ئۋغۇل بىرەر نەۋرىسى بار بولغان شارائىتتا، ئۇ ئايالنىڭ ئېرى ئۇنىڭ مىراسىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئالىدۇ. (2) ئەۋلادى يوق ئۆلگۈچىنىڭ ئايالى، يەنى ئۆلگۈ چى ئەرنىڭ ئۋغلى ياكى قىزى ياكى مەيلى قىز، مەيلى ئۋغۇل بىرەر نەۋرىسى يوق بولغان شارائىتتا، ئۇ ئەرنىڭ ئايالى ئۇنىڭ مىراسىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئالىدۇ. مىراسنىڭ سەككىزدىن بىرىنى ئالىدىغان كىشى مىراسنىڭ سەككىزدىن بىرىنى ئالىدىغان پەقەت بىرال شەخس بولۇپ، ئۇ ئۆلگۈچىدىن پەرزەنت ياكى مەيلى ئۋغۇل بولسۇن، مەيلى قىز
بولسۇن بىرەر نەۋرە بىلەن قالغان ئايالدۇر. ئۆلگۈچىنىڭ بىردىن كۆپ ئايالى بولسا، مەزكۇر سەككىزدىن بىرىنى ئۇنىڭ ئاياللىرى ئۆز ئارىسىدا تەڭدىن ئۈ لۈ شىدۇ . مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى ئالىدىغانلار مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى ئالىدىغانلار تۆۋەندىكى 4 خىل شەخستۇر: (1) ئۆلگۈچىنىڭ قىزلىرى، يەنى ئۆلگۈچىنىڭ ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ قىزى بولۇپ، ئۋغلى بولمىسا، بۇ قىزلار ھەممە بىرلىكتە مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى ئالىدۇ. (2) ئۆلگۈچىنىڭ ئۋغلىنىڭ قىزلىرى، يەنى ئۆلگۈچىنىڭ ئۋغلىدىن بولغان ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ قىز نەۋرىلىرى بولۇپ، ئۋغلى ياكى باشقا بالىلىرى ياكى ئۋغۇل نەۋرىلىرى بولمىسا، بۇ قىز نەۋرىلەر ھەممە بىرلىكتە مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى ئالىدۇ. (3) ئۆلگۈچىنىڭ قىز بىر تۇغقانلىرى، يەنى ئۆلگۈچىنىڭ ئاتا بىر ۋە ئانا بىر ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ قىز بىر تۇغقانلىرى بولۇپ، قىز ياكى ئۋغۇل بىرەر پەرزەنتى ياكى نەۋرىسى ياكى ئاتا - ئانىسى بولمىسا ياكى ئاتا بىر ۋە ئانا بىر ئۋغۇل بىر تۇغقىنىمۇ بولمىسا، بۇ قىز بىر تۇغقانلار ھەممە بىرلىكتە مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى ئالىدۇ. (4) ئۆلگۈچىنىڭ ئاتا بىر قىز بىر تۇغقانلىرى، يەنى ئۆلگۈچىنىڭ ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئاتا بىر قىز بىر تۇغقانلىرى بولۇپ، قىز ياكى ئۋغۇل بىرەر پەرزەنتى ياكى نەۋرىسى ياكى ئاتا - ئانىسى بولمىسا، ئاتا بىر ئۋغۇل بىر تۇغقىنى ياكى ئاتا ۋە ئانا بىر قىز بىر تۇغقىنىمۇ
بولمىسا، بۇ ئاتا بىر قىز بى ر تۇغقانلار ھەممە بىرلىكتە مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى ئالىدۇ. مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئالىدىغانلار مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئالىدىغانلار تۆۋەندىكى 2 خىل كىشىدۇر: (1) ئۆلگۈچىنىڭ ئانىسى، يەنى ئۆلگۈچىنىڭ بالىسى ياكى ئۋغلىدىن بولغان بىرەر نەۋرىسى ياكى بىردىن ئارت ۇق قېرىندىشى بولمىسا، ئۇنىڭ ئانىسى مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئالىدۇ. (2) ئۆلگۈچىنىڭ ئانا بىر بىر تۇغقانلىرى، يەنى ئۆلگۈچىنىڭ بىردىن ئارتۇق ئانا تەرەپ بىر تۇغقانلىرى بولۇپ، ئاتىسى ياكى بالىلىرى بولمىسا، ئۆلگۈچىنىڭ بۇ ئانا بىر بىر تۇغقانلىرى مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئالىدۇ. ئەسلى قائىدە بۋيىچە، ئۆلگۈچىنىڭ ئانىسى بىلەن دادىسى ئىككىسىال بار بولۇپ، ئۇنىڭ بالىسى ياكى ئۋغلىدىن بولغان بىرەر نەۋرىسى ياكى بىردىن ئارتۇق قېرىندىشى بولمىسا، ئۇنىڭ ئانىسى مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئالىدۇ. مۇنۇ ئايەت بۇنى ئىپادىلەيدۇ: » ئەگەر ئۇنىڭ بالىلىرى بۋلماي مىراسقا پەقەت ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋارىسلىق قىلىدىغان بولسا، بۇچاغدا ئۇنىڭ ئانىسىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى تېگىدۇ )قالغىنى ئاتىسىغا تېگىدۇ( «. ئەمما بۇ ماۋزۇدا ئىككىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەر پۈتۈن ئۆلىما ساھابىلارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بۋيىچە بېكىت كەن ئىككى مەسىلە بار بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۆلگۈچىنىڭ ئانىسى ئۋمۇمىي مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئەمەس، بەلكى مىراستىن قالغاننىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئالىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
(1) ئۆلگۈچىنىڭ ئېرى، دادىسى ۋە ئانىسىدىن باشقا ھېچ نەرسىسى بولمىسا، ئېرى مىراسنىڭ تەڭ يېرىمىنى، ئا نىسى قالغان يې رىمنى ئۈچتىن بىرىنى، دادىسى بۇ ئىككىسىدىن قالغىنىنى ئالىدۇ. (2) ئۆلگۈچىنىڭ ئايالى، ئانىسى ۋە دادىسىلا بولۇپ، باشقا ھېچ نەرسىسى بولمىسا، ئۆلگۈچىنىڭ ئايالى مىراسنىڭ تۆتتىن بىرىنى، ئانىسى تۆتتىن بىرىدىن قالغاننىڭ ئۈچتىن بىرىنى، دادىسى قالغاننىڭ ھەممىسىنى ئالىدۇ. مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئالىدىغانلار مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئالىدىغانلار ئۆلگۈچىنىڭ دادىسى، دادىسىنىڭ دادىسى، ئانىسى، ئانىسىنىڭ ئانىسى، ئۋغلىنىڭ قىزى، دادا بىر ھەمشىرىسى، ئانا بىر بىر تۇغقىنى قاتارلىق 7 خىل كىشى بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: (1) ئۆلگۈچىنىڭ دادىسى ، يەنى ئۆلگۈچىنىڭ پەرزەنتى ياكى نەۋرىسى بولسا، ئۇنىڭ ئاتىسى مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئالىدۇ. (2) ئۆلگۈچىنىڭ دادىسىنىڭ دادىسى،يەنى ئۆلگۈچىنىڭ دادىسى بۋلماسلىق شەرتى بىلەن چوڭ دادىسى دادىسىنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. پەقەت تۆۋەندىكى 3 مەسىلىدە ئەھۋال باشقىچە بولىدۇ: ئۆلگۈچىنىڭ ئاتا بىر ۋە ئانا بىر ياكى ئاتا بىر بىر تۇغقانلىرى دادىسى بار بولغان ھالەتتە مىراس ئاللامايدۇ. لېكىن چوڭ دادىسى بار ھالەتتە ئالالايدۇ. بۇ شافىئىي، ھەنبەلىي ۋە مالىكى مە زھە پلىرىنىڭ كۆرۈشى. ئەمما ھەنەفىي مە زھىپىگە كۆرە، م ەزكۇر بىر تۇغقانلار چوڭ دادىسى بار ھالەتتىمۇ مىراس ئاللامايدۇ.
ئۆلگۈچىنىڭ ئېرى، ئانىسى ۋە دادىسىلا بولۇپ، باشقا ۋارىسلىرى بولمىسا، ئانىسى )يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ئېرى يېرىمىنى ئېلىپ بولغان مىراستىن قالغاننىڭ( ئۈچتىن بىرىنى ئالىدۇ. ئەگەر دادىسىنىڭ ئۋر نىدا چوڭ دادىسى بولسا، ئانىسى پۈتۈن تەرىكەنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئالىدۇ. ئۆلگۈچىنىڭ ئايالى، ئانىسى ۋە دادىسىلا بولۇپ، باشقا ۋارىسى بولمىسا، ئانىسى )يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ئېرى يېرىمىنى ئېلىپ بولغان مىراستىن قالغاننىڭ( ئۈچتىن بىرىنى ئالىدۇ. ئەگەر دادىسىنىڭ ئورنىدا چوڭ دادىسى بولسا، ئانىسى پۈتۈن تەرىكەنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئالىدۇ. (3) ئۆلگۈچىنىڭ ئانىسى، يەنى ئۆلگۈچىنىڭ بالىسى ياكى ئۋغلىنىڭ بالىسى ياكى بىردىن كۆپ قېرىندىشى بولسا ) مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن، مەيلى بىر دادا ۋە بىر ئانىدىن، مەيلى بىر ئانىدىن ياكى بىر دادىدىن بولغان بولسۇن(، ئانىسى ئالتىدىن بىرىنى ئالىدۇ. (4) ئۆلگۈچىنىڭ چوڭ ئانىسى، يەنى ئۆلگۈچىنىڭ ئانىسى بولمىسا، ئۇنىڭ چوڭ ئانىسى مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئالىدۇ. دەرىجە جەھەتتە ئۋخشاش بولغان) ئانىسىنىڭ ئانىسى ۋە دادىسىنىڭ ئانىسىغا ئۋخشاش( بى ردىن كۆپ چوڭ ئانىلار بولسا، بۇ چوڭ ئانىلار مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئۆز ئارىسىدا تەڭدىن ئۈ لۈ شىدۇ . (5) ئۆلگۈچىنىڭ ئۋغلىنىڭ قىزى، يەنى ئۆلگۈچىنىڭ بىرال قىزى بولۇپ، ھاياتتا بۋلمىغان بىر ئۋغلىنىڭ بىر ياكى بىردىن كۆپ قىزى بولسا، ئۆلگۈچىنىڭ قىزى مىراسنىڭ تەڭ يېرىمىنى، ئۋغلىنىڭ قىزى ياكى قىزلىرى مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئالىدۇ.
(6) ئۆلگۈچىنىڭ دادا بىر ھەمشىرىسى، يەنى ئۆلگۈچىنىڭ دادا بىر ئانا بىر ھەمشىرىسى بىلەن دادا بىر بىر ياكى بىردىن كۆپ ھەمشىرىسى بولسا، ئۆلگۈچىنىڭ دادا بىر ئانا بىر ھەمشىرىسى مىراسنىڭ تەڭ يېرىمىنى، دادا بىر ھەمشىرىسى ) ياكى ھەمشىرىلىرى بىرلىكتە( مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئالىدۇ. (7) ئۆلگۈچىنىڭ ئانا بىر بىر تۇغقىنى، يەنى ئۆلگۈچىنىڭ دادىسى ياكى چوڭ دادىسى، بالىسى ياكى نەۋرىسى بولمىسا، ئۇنىڭ بىرال ئانا بىر بىر تۇغقىنى بولسا، شۇ بىر تۇغقىنى مىراسنىڭئ التىدىن بىرىنى ئالىدۇ. دادىسى بۋۋىسىدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بالىلار بۋۋىسىدىن مىراس ئالامدۇ؟ دادىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ بالىلىرى، كېيىن بۋۋىسىمۇ ئۆلۈپ كەتكەندە، ئەگەر ئەگەر بۇ بۋۋاينىڭ ھاياتتا باشقا بالىلىرى بولسا، نەۋرىلەرگە بۇ بۋۋاينىڭ مىراسىدىن تەگمەيدۇ. چۈنكى بۋۋاينىڭ بالىلىرى ئۇنىڭ مىراسىنى ئېلىشقا نەۋرىلەردىن ھەقلىقتۇر. شۇڭا نەۋرىلەر بۋۋىسىنىڭ بالىلىرى بار ھالەتتە ئۇنىڭ مىراسىغا شېرىك بولالمايدۇ. ئەگە بۋۋاينىڭ بالىلىرى بولمىسا، نەۋرىلەرنىڭ مىراستىن ھەققى بولىدۇ. دادىسىدىن يېتىم قال غان بالىلارنى بۋۋىسىنىڭ مال - دۇنياسىدىن نېسىۋىدار قىلىشنىڭ چارىسى نېمە؟ دادىسىدىن يېتىم قالغان بالىلارنى بۋۋىسىنىڭ مال - مۈلكىدىن نېسىۋىدار قىلىش بۋۋىسىنىڭ قۋلىدىكى ئىش. يېتىم نەۋرىلىرىنىڭ قالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ باشقا بالىلىرى بۋلغانلىق سەۋەبتىن، مىراس قانۇنى بۋيىچە، نەۋرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ مىراسىنى ئاللامايدىغانلىقىنى
بىلگەن بۋۋاي ئەلۋەتتە بۇ بالىلارغا ھايات ۋاقتىدا مال - دۇنياسىدىن خالىغانلىرىنى ئايرىپ بېرىدۇ ياكى ئۆزى ئۆلگەندىن كېيىن نەۋرىلىرىگە بېرىلىشىنى تاپىلاپ ۋەسىيەت قالدۇرىدۇ. بۇ ئىككى يول بىلەن بۋۋاي ئۆزىنىڭ يېتىم نەۋرىلىرىنىڭ بېشىنى سىلىغان بولىدۇ. مۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا ۋەسىيەت قىلىش پەرزدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ﴿كُتِبَ عَلَيْكُمْ إِذَا حَضَرَ أَحَدَكُمُ الْمَوْتُ إِنتَرَكَ خَيْرًا الْوَصِيَّةُ لِلْوَالِدَيْنِ وَالْأَقْرَبِينَ بِالْمَعْرُوفِ ۖ حَقًّا عَلَى الْمُتَّقِينَ﴾ يەنى ئەگەر سىلەردىن بىرەيلەن ئۆلۈش ئالدىدا كۆپ مال قالدۇرسا، ئۇنىڭ ئاتا ئانىسىغا ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرىغا ئادىللىق بىلەن ۋەسىيەت قىلىشى تەقۋادارلارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى سۈپىتىدە پەرز قىلىندى چۈنكى ۋارىسلارغا بى ر نەرسە بېرىش ھەققىدە ۋەسىيەت قىلىشقا بولمايدۇ. قىلغان ھالەتتىمۇ بۇ ۋەسىيەت يۈرگۈزۈلمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: » ئاللاھ ھەر بىر ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى بەلگىلەپ بەردى. ۋارىسقا ۋەسىيەت قىلىشقا بولمايدۇ « دېگەن. ئەمما نەۋرىلەر تاغىلىرى سەۋەبتىن بۋۋىسىنىڭ مىراسىدىن مەھرۇم قالغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇلار ۋارىس ھېسابلانمايدۇ. نەتىجىدە، ئۇلارغا مال - دۇنياسىدىن بېرىش ھەققىدە ۋەسىيەت قىلىش جائىز بۋلۇپلا قالماستىن، مۇنداق شارائىتتا شۇ يېتىم نەۋرىلىرىنىڭ بېشىنى سىلاش ئۈچۈن پەرزدۇر . ) ( بەقەرە سۈرىسى 971 - ئايەت ) ( ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى ) (دۋكتۇر يۈسۈپ ئەل قەرداۋىينىڭ » فتاۋى مارة « ) ھازىرقى زامان
مۇسۇلمان ئەمەس ئائىلىدىن بىرى مۇسۇل مان بولغان بولسا، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىدىن كۆپ مىقداردا مىراس قالغان بولسا، بۇ كىشى مۇسۇلمان بۋلغانلىقى سەۋەبلىك ئاتا - ئانىسىنىڭ مال - دۇنياسىدىن مەھرۇم بولامدۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: » كاپىر مۇسۇلماندىن، مۇسۇلمان كاپىردىن مىراس ئاللامايدۇ « دەپب ېكىتكەن . بۇ ھۆكۈم كۈچكە ئىگە. ئەمما ئىسلام دىنى كىسىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بىر دىن ئەمەس. ئەلۋەتتە بۇ مەسىلىنىڭمۇ بىر چىقىش يولى بار. دۋكتۇر يۈسۈپ ئەل قەرداۋىي ياۋرۋپا جەمئىيىتىدە ياشايدىغان ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتقانھ الدا، مۇنداق دەپ پەتىۋا بەرگەن: » كاپىرنىڭ مۇسۇلماندىن، مۇسۇلماننىڭ كاپىردىن مىراس ئاللامايدىغانلىقى ئىسلام دىنىنى بېكىتكەن قانۇن. نۋ رمال ھالەتلەردە شۇنداق بولىدۇ. بەزى شارائىتلاردا ئەھۋال باشقىچە بولىدۇ. مەسىلەن: كاتتا ساھابىلاردىن مۇئاۋىيە ۋە مۇئاز ئىبىن جەبەل قاتارلىقلار مۇسۇلماننىڭ كاپىر تۇغقانلىرىدىن مىراس ئېلىشىغا يول قۋيغان ۋە كاپىرنىڭ مۇسۇلماندىن ئېلىشىغا يول قۋيمىغان. « كاتتا ئۆلىمالاردىن يەھيا ئىبىن يەئمۇر ئۆزلىرىنىڭ كاپىر پەتىۋالىرى( ناملىق ئەسىرى، 1 - تۋم، 805 - بەت. ) ( بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى ( ئەل مۇغنى 451 / 9 . يەھيا ئىبىن يەئمۇر - ھازىرقى ئىراقنىڭ بەسرە شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن كاتتا ئالىم، ئۆز زامانىسىنىڭ مۇجتەھىدلىرىدىن بولۇپ، قۇرئان، ھەدىس، فىقھى ۋە ئەرەب تىلى ئىلىملىرىدە كامالىغا يەتكەن. ھىجرىيە 921 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.
قېرىندىشىنىڭ مىراسى توغرىسىدا ھۆكۈم سوراپ كەلگەن بىرى مۇسۇلمان، يەنە بىرى يەھۇدىي ئىككى قېرىنداشقا ئۇنىڭ مىراسىنى بۆلۈپ بەرگەن. بۇ قىلغىنىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: » ئىسلام زىيادە قىلىدۇ، كەم قىلمايدۇ « يەنى ئىسلام ياخشىلىقلارغا سەۋەب تۈرتكە بولىدۇ، زىيان - زەخمەتكە سەۋەب بولمايدۇ، دېگەن سۆزىنى دەلىل قىلغان. بۇ ئۋرۇندا ، » ئىسلام ئۈستۇن بولىدۇ، ئۇنىڭغا باشقىسى ئۈستۈن بولالمايدۇ « دېگەن ھەدىسنى خاتىرلەشمۇ يېتەرلىك. شۇنىڭدەك، بىز مۇسۇلماللار يەھۇدىي ۋە خرىستىئان دىنىدىكى ئاياللار بىلەن نىكاھلىنالايمىز. ئەمما ئۇلار مۇسۇلمان ئاياللارغا نىكاھلىنالمايدۇ. بىزنىڭ كاپىرلاردىن مىرا س ئېلىشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ بىزدىن ئالماسلىقىمۇ بۇنىڭغا ئۋخشاش بىر ئىشتۇر « . ئمام ئەھمەد ۋە ھاكىم رىۋايىتى ) ( دارا قۇتنى ۋە بەيھەقى رىۋايىتى ) ( دۋكتۇر يۈس ۈپ ئەل قەرداۋىينىڭ » فتاۋى مارة « ) ھازىرقى زامان پەتىۋالىرى( ناملىق ئەسىرى، 3 - تۋم، 476 - 576 - بەتلەر.
