تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

ئەر-ئايال ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئائىلىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرى

ئەر ئايال ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش ئۇسۇلى ئايال ئۆز ئەركىنلىكى ۋە ئىختىيارى بىلەن ھېچبىر زۋرلۇقسىز ھالدا، ئەرنىڭ زىممىسىگە ئۆتكەن ئى كەن، ئۇنىڭ ئېرى ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ۋە ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بۋلمايدىغان پۈتۈن ئىشلاردا ئۇنىڭ توغرا پىكرىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئېرىنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى تۋنۇ غان، دىيانەتلىك ئايال ئېرىگە بۋيسۇنىدۇ . بۇنىڭ بىلەن ئائىلە تېخىمۇ گۈللىنىدۇ. ھەر ئىككىسى بىر بىرىدىن رازى بولغان ھالدا ھايات سۈ رىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەندەك، ئاياللار يارىتىلىشىدىن ئەقلىي جەھەتتە چەكلىك ۋە ھېسسياتىنى باشقۇرۇشتا ئاجىز بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى، گاھىدا ئۈ ستىدىكى ئېرىگە ئائىت ھەق ھۋقۇقلارنى تۋنۇمايدىغان، تۋنۇغاندىمۇ پەرۋا قىلمايدىغان كەيپىياتلاردا بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئاياللارنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرى مدە مۇنداق ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿الرِّجَالُ قَوَّامُونَ عَلَى النِّسَاءِ بِمَا فَضَّلَ اللَّهُ بَعْضَهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ وَبِمَا أَنفَقُوا مِنْ أَمْوَالِهِمْ﴾ يەنى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، )ئەرلىرى يېنىدا بۋلمىغان چاغلاردىمۇ ئۇلارنىڭ ھەقلىرىنى( ئاللاھنىڭ پاناھىدا ساقلىغۇچىلاردۇر. سىلەر ئىسيانكارلىق قىلىشلىرىدىن قۋرقىدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار، )بۇ ئۈنۈم بەرمىسە(بىر تۆشەكتە بىللە ياتماڭلار، )بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە(ئۇلارنى ئۇرۇڭلار. ئەگەر سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بۋزەك قىلىش خىيالىدا

بۋلماڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر ﴾ . ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە، سۆزگە كىرمەيدىغان خۋتۇننى ئۈچ خىل ئۇسۇل بىلەن ئىسلاھ قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئاۋۋال نەسىھەت قىلىش، بۇ ئۆنۈم بەرمىگەندە، ئىككىنچى ئۇسۇل بۋيىچە، ۋاقىتلىق بىر تۆشەكتە بىرگە بۋلماسلىق، بۇمۇ ئۆنۈم بەرمىگەندە، ئۈچىنچى ئۇسۇل بۋيىچە، يېنىك ئۇرۇش. بۇلارنىڭ بايانى تۆۋەندىكىچە: نەسىھەت قىلىش ئېرىنىڭ ياخشى پىكرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلغان ۋە ئۈستىدىكى ئۇنىڭ ھۋقۇقىنى تۋنۇمىغان ئايالنى تەربىيىلەشتە، ئۇنىڭغا چىرايلىقچە نەسىھەت قىلىش، قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامانلىقىنى ۋە مۇنداق قىلىشنىڭ خات الىقىنى چۈشەندۈرۈش، تارىخلاردىكى ياخشى، ئۈلگىلىك ئاياللارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى سۆزلەپ بېرىش ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ » قانداقلا ئايال ئېرىنىڭ يۈزىگە چىرايىنى تۈرتىدىكەن، ئۇ قىيامەت كۈنىدە چىرايى تۈرتۈلگەن ھالدا قۋپىدۇ « دېگەن ھەدىسنى يادلاندۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلارنى قوللىنىش كېرەك. بۇ ۋەز نەسىھەتلەر ئۇنىڭغا تەسىر قىلىپ، ئۇ ياخشىلىققا قايتسا، ئىشنىڭ ھەل بۋلغىنى شۇ. ئەگەر ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بۋيۇنتاۋلىقىدا داۋام قىلىۋەرسە، ئىككىنچى ئۇسۇل بىلەن ئىش كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

( نىسا سۈرىسى 34 - ئايەت

بىر تۆشەكتە ياتماسلىق سۆزگە كىرمىگەن ئايا لنى بىر تۆشەكتە بىرگە ياتماستىن ۋاقىتلىق يۋتقاندىن قۋغلاش ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى جازادۇر. چۈنكى ئايال يېمەك ئىچمەككە، كىيىم كېچەككە ھاجەت بۋلغانلىقتىن ياتلىق بولمايدۇ. كۆپلىگەن ئاياللار ئۆزلىرى شۇنچىلىك باياشات تۇرمۇشتا تۇرۇپ پېقىر، يۋقسۇل ۋە ئۆزىدىن بىر دە رىجە تۆۋەن تۇرىدىغان كىشىلەرگە ياتلىق بۋلۇشقا رازى بولىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ياقتۇرغان جۋرىسى بىلەن كېچە كۈندۈز بىللە بولۇپ، ئەر ئاياللىقنىڭ سائادەتلىرىدىن ئۋرتاقھ ۇزۇ رلىنىشنى ئارزۇ قىلىپ شۇنداق قىلىدۇ. ئۇلارنى ۋاقىتلىق يالغۇز يېتىشىقا مەجبۇر قىلىش، ئۇلار ئۈچۈن شۇنچىلىك ئېغىر كېلىدۇكى، تۈنلىرى ئۇزۇن، ياتقان جايلىرى قاتتىق، كۆزلىرى ئۇيقۇسىز ئاتىدۇ. ئەمما ئايال بىلەن بىر تۆشەكتە بۋلمايمەن دەپ، ئۇنى ئاتا ئانىسىنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ قۋيۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى، مۇنداق قىلىش جازالىغانلىق ھېسابلانمايدۇ. بەلكى ئۇنى ئۆز ئۆيىدە تۇرغۇزۇشى شەرتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، » ئايالنى تۆشەكتىن قۋغلاش )يەنى ۋاقىتلىق بىرگە يېتىشتىن مەھرۇم قىلىش( ئۆز ئۆيىدە بولىدۇ « دېگەن. ئايال ئېرىنىڭ تۆشىكىدىن مەھرۇم بولغان مۇددەت ئىچىدە، ئەگەر ئۇ ئۆز ئېرىنى ياخشى كۆرىدىغان ئايال بولسا، چۇق ۇم ئەقلىگە كېلىدۇ. ئەگەر بۋ ئۇسۇلمۇ ئۆنۈم بەرمىسە، ئۈچىنچى ئۇسۇلنى قۋللىنىشقا توغرا كېلىدۇ.

» نيل األۋتار « ) نەيلۇ ل ئەۋتار ( 6 تۋم 463 بەت

يېنىك ئۇرۇش يۇقىرىقى ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەنمۇ تۈزەلمىگەن ئايال بۇ باشتۇڭلۇقىنى قەستەن ھالدا، ئېرىنى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياشاشتىن زىرىكتۈرۈش ياكى ۋازكېچىشكە زۋرلاش ئۈچۈ ن قىلغان بولىدۇ. ئەگەر ئايال راستىنلا ئېرىدىن ئايرىلىش مەقسىتى بىلەن ئۇنىڭغا شۇنچىلىك بۋيۇنتاۋلىق قىلغان بولسا، بۇلارنىڭ چىرايلىقچە ئايرىلىپ كەتكىنى ياخشى. ئەمما ئايال ئېرىدىن ئايرىلىش نىيىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى دۈشمەنلەرنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ كەتكەنلىكى ياكى ئېرىنى خاتا چۈشىنىپ يۈرگەنلىكىدىن شۇنداق قىلغان بولسا، ئېرىنىڭ ئاۋۋال ئۇنىڭغا ئەھۋالنى چىرايلىقچە چۈشەندۈرۈشى كېرەك. ئەھۋالنى چۈشەنگەندىن كېيىنمۇ يەنە ئۆزگەرمىگەن ئايالنى ئېرىنىڭ يۈمشاق، يېنىك ئۇرۇش بىلەن ئەدەپلەش ھوقۇقى باردۇر. ئايالنى ئۇرۇشتىن مەقسەت، ئۇ نىڭدىن ئىنتىقام ئېلىش ياكى ئۇنىڭدىن ئاچچىىقىنى چىقىرىۋېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇرۇش بىلەن ئۇنىڭ تەكەببۇرلىقىنى، ھاكاۋۇرلۇقىنى يەرگە ئۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنى تۋنۇتۇ پ قۋيۇشتىن ئىبارەتتۇر. ئاياللارنى ئۇرۇش يۇقىرىقى ئىككى باسقۇچلۇق نەسىھەت بىلەن ئىبرەت كارغا كەلمىگەندە، ئاخىرقى چارە بولۇپ قۋللىنىلىدىغان بىر ئۇسۇلدۇر. ئاياللىرىنى ئۇرىدىغانلار ياخشى ئادەملەر ئەمەس پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام يۇقىرىقى باسقۇچلار سىرتىدا، ئاياللارنى ئۇرۇشتىن تۋسقان. چۈنكى ھەدەپ ئاياللىرىنى ئۇرۇش ئەخلاقلىق كىشلەرنىڭ ئىشى ئەمەس. پەيغەمبەر ئەل ەيھىسالام بىر ھەدىستە:

» ئاياللارنى ئۇرىدىغان كىشلەر ياخشى كىشلەر ئەمەستۇر « دېگەن.

يەنە بىر ھەدىستە: » ئۇلار بىلەن كېچىسى بىرگە بولۇپ، كۈندۇزى ئۇرامسىلەر؟! « دېيىش ئارقىلىق ھەدەپ ئاياللىرىنى ئۇرىدىغان قوپلا ئادەملەرنىڭ بۇ قىلىقىنى ئېيىپلىغان. تارىخلاردا ي اكى ھەدىسلەردە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ياكى ساھابىلىرىنىڭ ئاياللىرىنى ئۇرغانلىقى توغرىسىدا بىرەرمۇ رىۋايەت يۋق. ئاياللىرىنى ھەدەپ ئۇرىدىغانلار بۇ ئايەتنىڭ مەنىسىنى سۈ يېستېمال قىلغۇچى ئەبگالاردۇر. ئاياللار جىسمانىي جەھەتتىن ئاجىز ۋە نازۇك بۋلغانلىقى ئۈچۈ ن ئۇلارنى ئاسراش ۋە ئىمكان قەدەر ئۇرماسلىق كېرەك. ھەدەپ ئاياللىرىنى ئۇرىدىغان بۇ ئەبگا ئەرلەر ئادەتتە ئۆزلىرىگە ئۋخشاش جىسمانى كۈچكە ئىگە ئەرلەرنى بۇنداق ئۇرالمايدۇ، ھەتتا ئۇلار بىلەن جېدەللىشىشتىن قۋرقىدۇ. ئۆزلىرىدىن كۈچلۈكرەك بىرى بىلەن جېدەللەشكىنىدە قۋ يدەك مۇلايىم بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىگە تاقابىل تۇرالمايدىغان چارىسىز ئاياللىرىنى بۋ زەك ئەتكەندەك، باشقىلارنى بۋ زەك ئېتەلمەيدۇ ۋە ئۇرالمايدۇ دە، شۇڭا ئاجىزلارنى بۋ زەك ئېتىدۇ، كۈچلۈكلەردىن قۋرقىدۇ. مۇنداقلار كۈچىنى كۈچلۈكلەرگە كۆرسىتىشى كېرەك. ئا ياللىرىنى تاياق بىلەنلا باشقۇرۇشقا ئادەتلىنىپ قالغانلار دىيانىتى ئاجىز، ئەخلاقى ناچار، كاللىسى ئۆتمۈش زامانلارنىڭ ئەقلىيىتىدىكى قلاق ئادەملەردۇر. ئۆزىنىڭ كۈچىگە ئىشىنىپ ئاياللىرىنى خالىغانچە ئۇرىدىغانلار بۇ قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى ئاۋال مۇشۇ دۇنيادا، ئاندى ن ئىبىن ماجە ۋە نەسائىي رىۋايىتى

ئاخىرەتتە چۋقۇم كۆرىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ھەرقانداق گۇناھلارنى ئەپۇ قىلسىمۇ، كىشىلەرگە زۋرلۇق قىلغاننىڭ گۇناھىنى ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ. بەلكى ئۇنىڭ جازاسىنى ھامان كۆرسىتىدۇ. بىراۋنىڭ بىلىم سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىقى، يۈز ئابرۋيىنىڭ چۋڭلىقى، مەنسىبىنىڭ كات تىلىقى ئۇنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكى ۋە ئەخلاقىنىڭ ئېسىللىكى ئۈچۈن ئۆلچەم بولالمايدۇ. بەلكى ئەخلاق باشقا نەرسە، بۇلار باشقا نەرسىلەردۇر. شەيتان ئالىم ئىدى، پىرئەۋن چوڭ مەنسەپلىك ۋە يەرشارىدا ئەڭ ئابرۋيلۇق يېگانە پادىشا ئىدى، لېكىن ئاللاھ تائالا بۇلارنى خەلقى ئالەم ئۈچۈن ئىبرەتلىك ھالدا جازالىدى. ئەمدىلىكتە بۇ ئىككىسى بارلىق ساماۋىي دىنلاردا لەنەتكەردى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ تىللىرىدا قىيامەتكە قەدەر سۆكۈلۈشكە مەھكۇم بولدى. ئىمان ئەخلاقنىڭ جۋرىسىدۇر. ئەخلاقنىڭ ئېسىللىكى ئىماننىڭ كامىللىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا پە يغەبەر ئەلەيھىسسالام: » ئىمانى ئەڭ كامىل كىشى ئەڭ ئەخلاقلىق بولغان كىشىدۇر « دەپ كۆرسەتكەن. بىراۋنىڭ ياخشى يامانلىقى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىگە قىلىدىغان مۇئامىلىسىگە قاراپ ئۆلچىلى دۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: » سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئۆز ئائىلىسىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىرىڭلاردۇر « دەپ كۆرسەتكەن. ( بۇخارى رىۋايىتى بۇخارى رىۋايىتى

ئاياللارنى ئۇرۇش سەلبىي نەتىجىگە سەۋەب بولىدۇ بەزىبىر ئاياللارنى ھەمىشە تاياققا ئادەتلەندۈرۈپ قۋيسا، ئۇلار تاياقتىن ئازاپلىنىش ئەمەس، بەلكى ھۇزۇرلىنىدىغان ۋە ئۇلار ئۈچۈن تاياقنىڭمۇ ئۆنۈمى بۋلمايدىغا ن بولۇپ قالىدۇ. بەزىبىر ئاياللار ئەرلىرىدىن تاياق يېگەنلىكىدىن پەخىرلىنىدۇ ۋە ئۇرۇش ئەرلىكنىڭ نىشانىسى، دەپ بىلىدۇ. بۇنداقلار نادىر ئاياللاردۇر. شۇڭا دەيمىزكى، تاياق بىلەنلا ئىش ھەل بولمايدۇ. بەلكى بىز باشتا دېگەندەك يۈقىرىقى ئىككى خىل ئۇسۇل ئۆنۈم بە رمىگەندە، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ئەمەس، بەلكى بەدەنلىرىنىڭ نازۇك بۋلمىغان جايلىرىغا؛ تاياق بىلەن ئەمەس، بەلكى قول بىلەن يۇمشاق ئۇرۇش ئەڭ ئاخىرقى ئۆزگەرتىش چارىسىدۇر. شۇ نىمۇ بىلىش كېرەككى ، ئاياللار قانچىلىك چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنى قاتتىق ئۇرۇ ش ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ئېغىر جىنايەتتۇر.

ئاياللارنىڭ كىيىنىش ئۆلچىمى ئاياللارنىڭ ھىجاب لىنىشى مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ باشلىرىنى ياغلىق بىلەن يۆگەپ، چاچلىرىنى، بۋيۇنلىرىنى ۋە قۇ القلىرىنى بۇ جايلاردىكى زىننەتلىرى بىلەن قۋشۇپ ھەممىنى يېپىپ يۈرۈشى ئىسلامىيەتنىڭ شۋئارى ، تەقۋالىقنىڭ كىيىمى، ئالىيجاناپلىقنىڭ بەلگىسى، ھۆرمەت ئىززەتنىڭ نىشانىسى ۋە گۈزەل ئەخلاقنىڭ دەلىلىدۇر. مانا بۇ ھىجاب دەپ ئاتىلىدۇ. ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ھىجاب مۇسۇلمان ئاياللىرىنى ھەرتۈرلۈك ئازارلاردىن ، پەسكەشلىكلەردىن قۋغدىغاندەك ، خۇسۇسەن، مۇسۇلمان قىزلىرىنىڭ ھايا، نۋمۇس ۋە ئىپپەت ئىچىدە تېخىمۇ قەدىر قىممەتلىك ھەم كۆركەملىك بۋلۇشىنى تەمىن ئېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنى يامان ئاقىۋەتلەردىن ساقلاپ قالىدۇ. ھىجاب ئاياللارنى ھۆرمەتلىك، ئېتىبارلىق، ئېسىل مەرتىۋىلەرگە كۆتۈرۈشنىڭ بىر ۋاسىتىسىدۇ ر . ئىسلام دىنى ئاياللارغا ھىجابنى پەرز قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا قارىغۇلارچە دۋرامچىلىق قىلىشتىن تۋسىدىغان ئىلمىي ۋە مەدەنىي بىر دىننى ئۆگەتتى. ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىدىغان، ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان پەزىلەتلىك بىر جەمئىيەتنى تەسىس قىلىش ئۈچۈن، ئا ياللارنىڭ تۆھپىلىرى ئاز بولمايدۇ. چۈنكى ئاياللار جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئانىلىرى. بالىلار ئەڭ ئاۋۋال ئانىلارنىڭ تەربىي ەسىدە بولىدۇ . ئاللاھ تائالا ئاياللارنىڭ ھىجاب لىنىشىنى ھىجرىيەنىڭ 5 يىلى پەرز قىلىپ بۋيرۇغان. قۇرئان كەرىمنىڭ كۆپ لىگەن ئايەتلىرى بۇ ھۆكۈمنى

تەكىتلىمەكتە . ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنىڭ نۇر سۈرىسىدە مۇنداق خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿وَقُل لِّلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ وَيَحْفَظْنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا ۖ ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسمىدىن باشقا زىننەت ئۋرگانلىرىنى ئاشكارا قىل مىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن، زى ننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن، يا ئۋغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئۋغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئۋغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۋغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خۋتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەردىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن، ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار ر ﴾ . نۇر سۈرىسى 13 ئايەت

بۇ ئايەتلەرنىڭ چۈ شۈ شى ئارقىلىق مۇسۇلمان ئاياللار بىلەن جاھىلىيەت )ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى دەۋر( ئاياللىرىنىڭ پەرقى ئېنىق ئۋتتۇرىغا چىقتى. ھىجاب ئارتقان ئاياللارنىڭ دىندار، تەقۋا ۋە پەزىلەتلەرگە ئۈلگە ئاياللار بۋلغانلىقى ھەممىگە ئايان بولدى. ھىجابلىنى شنىڭ پەرز بۋلۇشى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئىبادەت، ئەخلاق، مۇ ئامىل ە ۋە باشقىمۇ پۈتۈن پائالىيەتلىرىدە ئالاھىدە يېڭى تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. پۈتۈن مۇسۇلمانلار بۇ ئايەتلەردىن ھىجابلىنىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ خوتۇن قىزلىرىغا ھىجابلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىپ كەلدى. بۇرۇنقى مۇسۇلمانلار ئەنە شۇنداق قىلاتتى. ئۇلار قانداقلا بىر ماۋزۇدا ئايەت چۈشۈپ ھۆكۈم بۇيرۇلسا، ئۇنى ھېچ كېچىكتۈرمەستىن، ھاياجان بىلەن ئۋرۇ ناليتتى . ئاللاھ تائالانىڭ بۇ يرۇ غانلىرىنى خۇددى، ئۇرۇش مەيدانىدىكى جەڭچىلەرنىڭ قۋمانداننىڭ بۇيرۇقىنى تا پش ۇر ۇۋې لىپ ئۇنى دەرھال ئىجرا قىلغىنىدەك، ۋاقتىدا ئۋرۇ ناليتتى . چۈنكى ھەقىقىي مۇسۇلمانچىلىق شۇنى تەقەززا قىلىدۇ. ئىسلام دىنى ھىجابلىنىش ئەمرىنى بۇ ير ۇش ئارقىلىق ئىنسانلارنى ھايۋانىي گۈزەللىكلەردىن ھۆرمەتلىك ئىنسانىي گۈزەللىككە كۆتۈردى. چۈنكى ئۋچۇ قل ۇ قتىكى گۈزە للىكلەر ھايۋ انىي گۈزەللىك بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەخلاقتىن نېسىۋىسى بۋلمىغان بەزى ئىنسانلار ھايۋانىي ھەۋىسى ۋە ئىشتىھاسى بىلەن قارايدۇ. ئۇنى ڭغا قاراپ ھۇزۇرلىنىدۇ. ھەتتا خىيالىدا، ئۇنى يالىڭاچلاپ، ئۇنىڭ ھە رتە رىپىگە بېقىشتىن ھۇزۇر ئالىدۇ. ئەمما پەردە ئىچىدىكى گۈزەللىك بولسا، پاك، تازا، قىممەتلىك ۋە ئېتىبارلىق گۈزەللىك بولۇپ، ئىنسانىي رۋھقا ئىگە بولغان ھەرقانداق كىشى ھېسسىياتىدا، پىكىر خىيالىدا ئۇنى ئەڭ گۈزەل دەپ بىلىدۇ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىدۇ،

ئۇنىڭدىن ھايا قىلىدۇ. چۈنكى، گۆھەرنى ھەركىم كۆرەلمىگىنى ئۈچۈن، دۇنيادا ئۇ شۇنچىلىك قىممەتلىك ۋە قەدىرلىك سانىلىدۇ. ھىجابنىڭ ئىسلام شەرىئىتىدىكى ئۆلچىمى ھىجابنىڭ ئۆلچىمى چاچنى، ئىككى قۇ الق بىلەن بۋيۇننى زىننەتلىرى بىلەن قۋشۇپ يۆگەپ تۇرىدىغان كەڭرەك، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قۋزغاتمايدىغان شەكىلدىكى ياغلىقتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھت ائالا مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ يۆگىنىشىنىڭ قانۇنلۇقوَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّ﴾ يەنى ﴿(ئاياللار) كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسىمدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن. لې چە كلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن ﴾ دەپ بۇيرۇغان. ساھابىلاردىن ۋە كېيىنكىلەردىن بولغان كۆپ سانلىق ئۆلىمالار ئايەتتىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسمىدىن ئاياللارنىڭ يۈزى ۋە ئىككى قولى مەقسەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئۋتتۇرىغا قۋيغان. خۇسۇسەن تەپسىرشۇناس ئالىملارنىڭ پې شۋاسى ۋە ساھابىلارنىڭ كاتتا ئالىمى ئابدۇلال ئىبىن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇ كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسمى دېگەن ئايەتنى ئاياللارنىڭ يۈزى ۋە ئىككى قولى دەپ تەپسىر قىلغان . فىقھىشۇناس ئالىملار بۇ مەسىلىدە ئىختىلاپلاشقان : ئىمام ئەزەم بىلەن ئىمام شافىئىي ئىبىن ئابب اسقا ئەگىشىپ ئاياللارنىڭ يۈزى بىلەن ئىككى قولى ئەۋرەت ئەمەس دەپ قارايدۇ. ھە نبە لىي مە زھىپىنى ڭپ ېشۋ اسى ئىمام ئەھمەدمۇ بىر رىۋايەتكە

كۆرە، يۇقىرىقى ئىككى مەزھەپنىڭ رايىنى كۈچلەندۈرگەن . تۆۋەندىكى مۇنۇ ھەدىسمۇ ئۇلارنىڭ بۇ قارىشىنى كۈچلەندۈرىدۇ . ئائىشە رەزىيە للاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى :» بىر كۈنى ئەسما )ئائىشەنىڭ ھەدىسى( رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆيىگە نېپىز كىيىم كىيگەن ھالدا كىرىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن يۈزىنى ئۆرۈپ تۇرۇپ: » ئى ئەسما! قىزلار بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن يۈزى بىلەن ئىككى قۋلىدىن باشقا ئەزالىرىنى ئۋچۇ ق قۋيماسلىقى كېرەك « دېگەن. ئەڭ مۇ ھىمى ، ھىجابنىڭ چاچنى قۇ الق ۋە بۋيۇننى پۈتۈن زىننەتلىرى بىلەن يېپىپ تۇرىدىغان بول ۇ شىد ۇر . ئەگەر ھىجاب بىز سۈ پە تلىگە ند ەك بۋلماستىن، ئاياللارنىڭ بېشىنىڭ چۋققىسىنىلا ياپىدىغان ياغلىق بولسا، ئۇنى بىز ئادەتتىكى ياغلىق دەيمىز. ئۇ، شەرىئەت بەلگىلەپ بەرگەن ئىسلامىي ھىجاب قاتارىغا كىرمەيدۇ. ھىجاب لىنىش قالاقلىق ئەمەس بەزى جاھىل كىشىلەر ئىسلام دىنىدىكى ھىجاب لىنىش مەسىلىسىنى چۈشەنمەستىن، ئۇنى » ئاياللارنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلىگەنلىك، ئېغىرت ۈزۈ م « ، » قەدىمىي ئادەت « دەپ ئېيىپلاشقا ئالدىرايدۇ . ئىسلام دۇنياسىدا بۇنداق خاتا چۈ شە نچىل ەر ۋە تۆھمەتلەر تۈپەيلىدىن پىتنە پاساتلار يۈز بېرىپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە ، ئىسلام دىنى ئاياللارنىڭ قەدىر قىممىتىنى ۋە ئىزز ەت ئابرۇ يىنى كۆتۈرگەن بىرال دىندۇر. دۋكتۋر يۈسۈپ ئەل قەرداۋىنىڭ » فتاۋى مارة « )ھازىرقى زامان پەتىۋالىرى( ناملىق ئەسىرىنىڭ 3 - تۋم، 813 - بېتىدىن. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى

ئىسلام دىنى كېلىشتىن بۇرۇن ئاياللارنىڭ ھالى خاراب ، قىممىتى يوق، ئۆزلىرى بەختسىزلىك ئىچىدە ئىدى. ھىندىلارنىڭ دىنىدا: ۋابا، ئۆلۈم ، زەھەر، دوزاخ ئايالدىن ياخشىراق دەپ قە يت قىلىنىدۇ. فىرانسىي ەدە مىلادىنىڭ 6 ئەسىرىدە، فىرانس ۇز ئالىملىرى ئايال ئىنسانمۇ؟ ياكى ئىنسان ئەمەسمۇ؟ دېگەن ماۋزۇدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ نەتىجىدە، » ئايالمۇ ئىنسان، بىراق ئۇلار ئەرلەرنىڭ خىزمىتى ئۈچۈنلا يارىتىلغان مەخلۇقلار « دېگەن قارارنى چىقارغان بولسا، ئە نگلىيە پادىشاھى ھې نرى ئاياللارنىڭ مۇقەددەس كىتابلارنى ئۋقۇشىنى مەنئى قىلىش، ئۇلارنىڭ ئەرلەرگە ئۋخشاش رەسمىي گىراژدان ئەمەسلىكى ۋە ما ل دۇنياغا ئىگىدارچىلىق قىلالمايدىغانلىقى توغرىسىدا رەسمىي قارار چىقارغانىكەن. ئەمما ئىسلام دىنى دۇنياغا كېلىشى بىلەن ئاياللارنىڭ قەدرى كۆتىرىلدى . ئۇلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەت نەسلىنىڭ داۋام قىلىشىدىكى ئىككى ئۇنسۇرنىڭ بىرى ۋە ھەرقانداق بىر جەمئىيەتنىڭ ئاساسىدىكى ئىككى چوڭ تە ركىبىنىڭ بىرى ئىكە نلىكنى ئىسلام دىنى بىرىنچى بولۇپ ئېلان قىلدى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا لانَّاسُ اتَّقُوا رَبَّكُمُ الَّذِيخَلَقَكُممِّننَّفْسٍ وَاحِدَةٍ وَخَلَقَ مِنْهَا زَوْجَهَا وَبَثَّ مِنْهُمَا رِجَالًا كَثِيرًا وَنِسَاءً﴾ يەنى ﴿ ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر شەخستىن ياراتقان، شۇ شەخستىن ئۇنىڭ جۈپتىنى ياراتقان ۋە بۇ ئىككىسىدىن نۇرغۇن ئەرلەرنى ۋە ئاياللارنى ياراتقان

رەببىڭلاردىن قۋرقۇڭلار ﴾ . ئىسلام دىنىنىڭ مۇسۇلمان ئاياللارغا ئاتا قىلغان ئەڭ كاتتا سۋۋغاتلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ كارامىتىنى، ھۆرمەت ئىززىتىنى، قەدىر قىممىتىنى ۋە ئىپپىتىنى ساقلايدىغان، ئاياللىقىغا لايىق، ئېسىل، كۆركەملىك ئىسلامىي ھىجابنى پەرز قىلدى. مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھىجابلىنىشى ھەرگىزمۇ قالا قلىقنىڭ بەلگىسى ئەمەس. بەلكى ئەزىزلىقنىڭ ، ھۆرمەت ئېتىبارنىڭ نىشانىسىدۇر. ئىسلامىي ھىجابنىڭ مەدەنىيەتلىك بۋلۇشقا ھېچقانداق تۋسقۇنلىقى يۋقتۇر. بەلكى بۇ ئۆزى ئەڭ ئېسىل ۋە كۆركەملىك بىر مەدەنىيەت بۋلۇپلا قالماستىن، ئاياللارنىڭ زىننىتى ھەم ھۆرمىتىنىڭ بەلگىسىدۇر . ئىسلام دىنىدىكى ھىجابلىنىش مەسىلىسىگە بەزى غەرب يازغۇچىلىرىمۇ قايىل بولۇپ، ئۇنى ماختاپ مۇنداق يازىدۇ: » ئىسلام دىنىدىكى ئاياللارنىڭ ھىجابلىنىش مەسىلىسى ئاياللارغا بولغان ئىشە نچسىزلىكتىن ئەمەس، بەلكى بۇ، ئاياللارنى ئۇلارغا تېگىشلىك بولغان ئىززەت، ئېھتىرام بىلەن قۋغداشنىڭ بىر ۋاسىتىسىدۇر «. نىسا سۈرىسى 1 ئايەت

ئائىلىنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مۇسۇلمان ئائىلىسىنىڭ تاشقىرىدىكىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىسلامىي قائىدە يۋسۇنلىرى تۆۋەندىكىچە: ئائىلىنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئائىلىنىڭ ئۇرۇق تۇغق انلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۇلارغا سىلە رەھىم)ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن ياردەم( قىلىش، ئۇلارنىڭ ھال ئەھۋاللىرىنى سۋراش، ئۇلارنى زىيارەت قىلىپ يۋقلاپ تۇرۇش، ئۇلار چاقىرسا قەدەم تەشرىپ قىلىش، ئېھتىياجلىق ھالدا قالسا ماددىي ياردەم بېرىش، مەسلىھەت سۋرسا يول كۆرسىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: » چۋڭلىرىڭلاردىن ئۇرۇق تۇغقانلارغا قانداق سىلە رەھىم قىلىش كېرەك ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىڭلار « دەپ كۆرسەتكەن. ئائىلىنىڭ قول ئاستىدىكى خىزمەتكارلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بۇ مۇناسىۋەت، ئۇلارغا سىلىق، يۇمشاق مۇئامىلە قىلىشنى، تەكەببۇرلۇق قىلماسلىقنى، ئۇلارنىڭ ھال ئەھۋاللىرىدىن ياخشى خەۋەر تېپىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىلىنىڭ قول ئاستىدىكى خىزمەتكارلىرى ( تىرمىزىي رىۋايىتى

توغرۇلۇق تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دېگەن: » ئۇال ر سىلەرنىڭ دىنى قېرىندىشىڭلاردۇر. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى سىلەرنىڭ قول ئاستىڭلاردا خىزمەتكار قىلدى. سىلەر نېمە يېسەڭلار ئۇلارغىمۇ شۇنىڭدىن يېگۈزۈڭلار، نېمە كىيسەڭلار ئۇلارغىمۇ شۇنداق كىيگۈزۈڭلار، ئۇلارنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا زۋرلىماڭلار « . بەزى ئائىلىلەردىكى بالا باققۇچى قىزلار ۋە ئاياللارمۇ شۇ ئائىلىلەرنىڭ خىزمەتكارلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرىقى ھەدىستىكى تەۋسىيەلەر بۇلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەلۋەتتە. ئائىلىنىڭ قۋشنىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مۇسۇلمان ئائىلىسىنىڭ قۋشنىلىرى بىلەن بۋلىدىغان مۇناسىۋىتى قۋشنىلارغا قۋ لىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىش، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن ئۇلارغا ياردەم قىلىش، ئۇلارنى ھۆرمەتلەش، ئازار بەرمەسلىك، ئىناق ۋە مېھرىبان بۋلۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: » قۋشنىلىرىغا ئازار بېرىدىغان ئادەم ھەقىقىي مۆمىن بولالمايدۇ « . يەنە بىر ھەدىستە: » كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرىدىكەن، قۋشنىسىنى ھۆرمەت قىلسۇن! « دەپ كۆرسەتكەن. ( بۇخارى رىۋايىتى بۇخارى رىۋايىتى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى

كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىشتىكى ئەدەپ ئەخلاقلار كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىشتە ئىشكنى قېقىپ، رۇخسەت سوراپ كىرىش ئىسلام شەرئىتىنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىندۇر. بىر قېتىم ئىشىكنى چېكىشتە ئاچمىسا، ئۈچ قېتىم چېكىش كېرەك. چۈنكى، بىرىنچى قېتىملىق چېكىشتە ئاڭلىماي قالغان بولسا، ئىككىنچى قېتىملىق چېكىشتە ئاڭلايدۇ. ئىشىكنى ئېچىشنى خالىغان كىشى ئۈچىنچى قېتىملىق چېكىشتە ئاچىدۇ. ئۈچىنجى قېتىملىق چېكىشتىمۇ ئاچمىسا، ياكى ئۆي ئىگىسى ئۆيىدە يوق ياكى ئېچىشنى خالىمىغان بۋلۇشى ئېھتىمىال. شۇڭا ئۈچ قېتىم چېكىشتە ئىشىكنى ئاچمىسا قايتىپ كېتىش لازىم. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَدْخُلُوا بُيُوتًا غَيْرَ بُيُوتِكُمْ حَتَّىٰ تَسْتَأْنِسُوا وَتُسَلِّمُوا عَلَىٰ أَهْلِهَا ۚ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌ لَّكُمْ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ﴾ يەنى ﴿ ئى ئىمان ئېيتقانلار! باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە )كىرىشكە( ئىجازەت سۋرىمىغىچە ۋە ئۆي ئىگىسىگە سالام بەرمىگىچە كىرمەڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن تۋلىمۇ ياخشىدۇر. ۋەز نەسىھەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن )بۇ تەۋسىيە قىلىندى( ﴾ . ئاياللارنىڭ سىرتقا چىقىشىدىكى ئەدەپلەر ئىسلام شەرىئىتى ئاياللارنىڭ سىرتقا چىققاندا باشلىرىنى، كۆكرەكلىرىنى، بۋيۇنلىرىنى يېپىپ، ئۇزۇ ن، ئېسىل كىيىملەرنى كىيىپ

( نۇر سۈرىسى 72 ئايەت

چىقىشلىرىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ، ئاياللارنىڭ ئىپپەت - نۋمۇسلىرىنى قۋغداش ۋە ھۆرمىتىنى كۆتىرىش يۋلىدىكى ئەڭ ئېسىل مەدەنىيەتتۇر. ئاللاھ تائالا ئاياللارنىڭ سىرتقا چىققانلىرىدا بولسۇن ياكى ئۆي ئىچىدە بولسۇن، نامەھرەم ئەرلەرگە تىكلىپ قارىماسلىقىنى ۋە زىننەتلىرىنى ئۇلارغا ئاشكارا قىلماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَقُل لِّلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ وَيَحْفَظْنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا﴾ يەنى ﴿مۆمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسمىدىن باشقا زىننەت ئۋرگانلىرىنى ئاشكارا قىل مىسۇن ﴾ . ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئەمرى ئاياللارنى ھەرتۈرلۈك پىتنە پاساتلاردىن مۇھاپىزەت قىلىش، شەيتانىي ھەۋەسلەرگە يول بەرمەسلىك ۋە بۇنداق شەيتانى ھەۋەسلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بولۇپ، نەتىجىدە ئىسلامىي ئائىلىنى يامان ئاقىۋەت ۋە پىتنەلەردىن قۋغداشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئەرلەرنى يات ئاياللارغا ئارىلىششتىن تۋسۇپ مۇنداق دەيدۇ : ﴿ سىلەر پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىر نەرسە سوراپ ئالماقچى بۋلساڭلار، پەردە ئا رقىسىدىن سوراپ ئېلىڭلار. مۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ دىللىرىڭلارنىمۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىنىمۇ ئەڭ پاك تۇتىدۇ ﴾ .

( نۇر سۈرىسى 13 ئايەت ( ئەھزاب سۈرىسى 35 ئايەت

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارغا تەلىم بېرىشتە ئۇلارغا ئايرىم بىر كۈن، ئەرلەرگە ئايرىم بىر كۈن بەلگۈلەيتتى. ئۇلارنى ئارىلىشىشتىن مەنئى قىلاتتى.

سىلە رەھىم ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى سىلە رەھىم ئۇرۇق تۇغقانلارنىڭ ئۆزئارا بىر بىرىگە ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن ياردەم قىلىشىش ئارقىلىق ئارىسىدىكى تۇغقانچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشى دېمەكتۇر. ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى ئائىلىلەر ئۋتتۇرىسىدىكى تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنى ئىناق شەكىلدە داۋام ئېتىشكە ۋە ھېچبىر زامان ئۇرۇق تۇغقانلىقنى ئۈزۈپ قۋيماسلىققا چاقىرىدۇ. ئىسلام دىنىدىن بۇرۇنقى ساماۋىي دىنلارمۇ كىشىلەرنى ئۆزئارا سىلە رەھىم قىلىششقا بۇيرىغانلىقى ھەققىدە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَاقَ بَنِي إِسْرَائِيلَ لَا تَعْبُدُونَ إِلَّا اللَّهَ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا وَذِي الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينِ وَقُولُوا لِلنَّاسِ حُسْنًا وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ﴾ يەنى ﴿ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماسلىققا، ئاتا - ئانىغا، ئۇرۇق - تۇغقانلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا، كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىشقا، ناماز ئۆتەشكە، زاكات بېرىشكە ئەھدە ئالدۇق ﴾ . ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغاخىتاب قىلىش ئارقىلىق، پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا ئەمر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَآتِ ذَا الْقُرْبَىٰ حَقَّهُ وَالْمِسْكِينَ وَابْنَ السَّبِيلِ﴾ يەنى ﴿تۇغقانغا، مىسكىنگە، بەقەرە سۈرىسى 3 8 ئايەت

مۇساپىرغا )خەيرى ساخاۋەتتىن( ھەققىنى بەرگىن ﴾ . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: » كىمكى رىزقىنىڭك ەڭ بۋلۇشىنى ئابرۋ يىنىڭ مەڭگۈ قېلىشىنى خالىي دىكەن، ئۇرۇق تۇغقانلىرىغا سىلە رەھىم قىلسۇن « . ئۇرۇق تۇغقانلارغا سىلە رەھىم قىلىش ماددىي ۋە مەنىۋى ھەر ئىككى جەھەتنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ: ماددىي جەھەتتىن سىلە رەھىم قىلىش دېگەنلىك، ئۇرۇق تۇغقانلاردىن بىرەرسى ماددىي قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بولسا، ئۇنىڭغا پۇ ل مال ياردەم قىلىش، قەرزدار بولسا، ئۇنى ئۈزۈشكە ياردەم قىلىش، كېسەل بولسا داۋالىتىش ۋە ئۇلاردىن بىرەرسى ئاجىز بولسا، ئۇنىڭ ئىشلىرىغا كۈچى بىلەن ياردەم قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما مەنىۋى جەھەتتىن سىلە رەھىم قىلىش دېگەنلىك، ئۇرۇق تۇغقانلارنى زىيارەت قىلىش، كېسەل بولسا يۋقلاش، چاقىرسا ئۇلارغا قەدەم تەشرىپ قىلىش، ئۇلارنىڭ مۇسىبەتلىرىگە تەزىيە بىلدۈرۈش، خۋشاللىقلىرىنى تە برىكلەش ۋە ئۋرتاقلىشىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . سىلە رەھىم قىلىش كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ چۈ شەنگىنىدەك سۆز بىلەن، قۇرۇق سالام بىلەن ياكى ئۇلارنى زىيارەت قىلىپ قۋيۇش بىلەنلا ئادا تاپمايدۇ. بەلكى ئۇ رۇق تۇغقانلارغا ئۆز نەپسىنىڭ مەنپەئەتلىرىدىن كېچىپ قۋللىرىدىن كېلىشچە ياردىمىنى يەتكۈزۈش ئىسرا سۈرىسى 62 ئايەت ھاكىم رىۋايىتى

بىلەن بولىدۇ. سىلە - رەھىم قىلىنىدىغانلارنىڭ تەرتىبلىرى ئىمام نەۋەۋى سىلە رەھىم قىلىنىدىغانلارنىڭ تەرتى بلىرى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: » سىلە رەھىمنى ئەڭ ئاۋۋال ئانىغا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاتىغا، ئۇنىڭدىن كېيىن چوڭ دادا ۋە چوڭ ئانىلارغا، ئۇنىڭدىن كېيىن قىز ئۋغۇل قېرىنداشلارغا، ئۇنىڭدىن كېيىن تاغا ئاكىلار ۋە تاغا ئاچىلارغا ئۇنىڭدىن كېيىن قىز ئۋغۇل قېرىنداشلارنىڭ ۋە تاغىلارنىڭ بالىلىرىغا ، ئۇنىڭدىن كېيىنق ۋشنىلارغا، ئۇنىڭدىن كېيىن قېيىن ئاتا ۋە قېيىن ئانا قاتارلىق قۇ دىلىقتىكى تۇغقانلىرىغا قىلىش كېرەك. قۋشنىلارغا سىلە رەھىم قىلىشتا، ئۇلارنىڭ سىلە رەھىم قىلغۇچىنىڭ ئۆيىگە يېقىن بۋلۇش ۋە ئۋزاق بۋلۇشىدىكى تەرتىپ بۋيىچە ئىش ئېلىپ بېرىلىدۇ. يېنىدىكى قۋشنىغا سىلە رەھىم قىلىش يىر اقتىكى قۋشنىغا سىلە رەھىم قىلىشتىن زۆرۈردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئاۋۋال يېقىندىكىگە، ئاندىن يىر اقتىكىگە قىلىش كېرەك… ئەمما كىشىنىڭ ئۆز ئائىلىسىگە يەنى ئايالىغا ۋە بالىلىرىگە قىلىدىغان چىقىملىرى » سىلە رەھىم « نامى بىلەن ئەمەس، بەلكى

» نەپىقە « نامى بىلەن ئاتىلىدۇ. نەپىقە سىلە رەھىمدىن ئالدىنقى

ئۋ رۇندا تۇرىدۇ. كىشى ئۆز ئائىلىسىنىڭ نەپىقىسىنى تۋلۇق ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن سىلە رەھىمنى ئادا قىلىشى كېرەك. سىلە رەھىم قىلىشنىڭ ھۆكۈمى سىلە رەھىم قىلىش ھەرقانداق مۇسۇلمان، بالىغ، ئاقىل بولغان كىشىنىڭ ئۈستىگە پەرزدۇر.

سىلە رەھىمنى ئۈ زۈپ قۋيۇش ئەڭ چوڭ گۇناھ ال ردىن سانىلىدۇ. سىلە رەھىمنىڭ يۇقىرىسى، ئۇرۇقت ۇغقانلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مال دۇنياسى، يۈز ئايرۇيىنى ۋە ماددىي ھەم مەنىۋى كۈچىنى ئايىماسلىق. سىلە رەھىمنىڭ ئەدناسى، ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىش ۋە تەبەسسۇم بىلەن قاراشتىن ئىبارەتتۇر. كىشىلەرگە چىرايلىق سۆز قىلىش ۋە تەبەسسۇم بىلەن قاراش ھەم ئىبادەت ھەم سەدە قىدۇر. سىلە رەھىم قىلىشنىڭ پەزىلىتى سىلە رەھىم قىلىشنىڭ پەزىلىتى ئىنتايىن كۆپتۇر. تۇغقانلارنىڭ ئۆزئارا بىر بىرىگە سىلە رەھىم قىلىشىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يېقىنلىق ۋە دىنىي قېرىنداشلىق كۈچىيىدۇ. چۈنكى دۇنيادا، يېقىن بولسۇن، يىراق بولسۇن ئۇرۇ ق تۇغقىنى بۋلمىغان ئادەم يۋقتۇر. پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرىغا سىلە رەھىم قىلىدىغان بولسا، جەمئىيەتتە سىلە رەھىم قىلىنمىغان ئاجىز، كەمبەغەل قالمايدۇ. مانا بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ إِخْوَةٌ﴾ يەنى ﴿ھەقىقەتەن مۆمىنلەر قېرىنداشلاردۇر﴾ دېگەن مۇبارەك سۆزى رىئاللىقتا تەتبىق قىلىنغان بولىدۇ. ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: » كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىىدىكەن، مېھمىنىنى ھۆرمەت قىلسۇن، كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، سىلە رەھىم قىلسۇن.

( ھۇجۇرات سۈرىسى 01 - ئايەت

كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى سۇكۇت قىلسۇن « . ئۇق بە ئىبىن ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىپ مۇنداق دەيدۇ: » پەيغەمبەر ئەلەيھىس سالام بىلەن ئۇچراشتىم ۋە ئۇنىڭ قۋلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، » ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ماڭا ئەڭ ئۇلۇغ ئەمەللەرنى ئېيتىپ بەرسى ڭىز « دېۋىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام » ساڭا سىلە رەھىم قىلمىغانلارغا سىلە رەھىم قىلغىن، ساڭا بەرمىگەنلەرگە سەن بەرگىن، ساڭا زۇلۇم قىلغانلا ردىن يۈز ئۆرىگىن « ، دېدى « . ئىبىن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : ئاللاھ بىر قە ۋمنىڭ يۈزىسىدىن شەھەرلەرنى گۈللەندۈرىدۇ، پۋل م اللارنى كۆپەيتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا، ئۇلار يارىتىلغاندىن بىرى غەزەب قىلىپ باققان ئەمەس، دېگەندە، ساھابىلار

» ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ! ئۇلارنىڭ قانداق قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن

شۇنداق بولىدۇ؟ « دېيىشكەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام » ئۇلارنىڭ سىلە رەھىم قىلغانلىقىدىن « دەپ جاۋاب بې رىدۇ. خەسئەم قەبىلىسىدىن بىر ئادەم مۇنداق بىر ھەدىسنى رىۋايەت قىلغ ان، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: » پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلسەم، ئۇ بىر قانچە ساھابىلىرى بىلەن ئۋلتۇراتتى، مەن ئۇنىڭدىن،

» ئۆزۈڭنى ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرى دەپ جاكارلىغان ئادەم سەنمۇ؟ « دەپ

بۇخارى رىۋايىتى ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى تەبەرانىي رىۋايىتى

سۋرىۋىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام » ھە، مەن « دەپ جاۋاب بەردى، مەن بۇ ۋاقى تتا، » ئى ئاللاھنىڭ پەيغەم بىرى ! ئاللاھقا ئەڭ ياخشى كۆرىلىدىغان ئەمەللەر قايسىلار؟ « دەپ سۋرىۋىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا جاۋاب بېرىپ، » ئاللاھ تائالاغا ئىمان كەلتۈر ۈش « دېدى، مەن » ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇنىڭدىن قالسىچۈ؟ « دېۋىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسس االم » سىلە رەھىم قىلىش « دېدى، مەن

» ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يامان كۆرىلىدىغان

ئەمەللەر قايسىلار؟ « دەپ سۋرىۋىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام » ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش « دېدى، مەن » يا رەسۇلەللاھ! ئۇنىڭدىن قالسىچۇ؟ « دەپ سۋرىۋىدىم، پەيغەم بەر ئەلەيھىسسالام » سىلە رەھىم قىلىشنى تەرك ئېتىش « دېدى، مەن » ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالاغا ئەڭ ياخشى كۆرىلىدىغان ئىش قايسى؟ « دەپ سۋرىۋىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام » كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن تۋسۇش « دەپ جاۋابب ەردى « . ئۇممۇ كۇلسۇم رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: » ئەڭ ئەۋزەل سەدەقە كۆڭلىدە ئاداۋەت ساقلاپ كەلگەن ئۇرۇق تۇغقانغا بەرگەن سەدەقە «. بۇ ھەدىستىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بۋلىدۇكى، ئادەتتە ھەرقانداق كىشى سەدەقىسىنى ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە يېقىن بولغان، ئامراق كىشىسىگە بېرىشنى ياقتۇرىدۇ، كۆڭلىدە ئاداۋەت ساقلاپ كەلگەن بىرسىگە بىر نەرسە بېرىشنى ياقتۇرمايدۇ. لېكىن كىشى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەنلىكتىن، ئەبۇ يەئال رىۋايىتى

ئارىسىدىكى ئاداۋەتنى يۋقىتىپ، ئۇنىڭ ئۋرنىغا مۇھەببەتنى ئۈندۈرۈش نى يتىدە، ئۆز كۆڭلىدىكى ئۆچمەنلىك تۇيغۇسىنى يېڭىپ، كۆڭلىدە ئاداۋەت ساقلاپ كەلگەن، كۆڭلىگە ياقمىغان بىرەر ئۇرۇق تۇغقىنىغا سەدەقە قىلسا، ئۇكىشى بۇ قىلغىنى ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ چوڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ قىلغان سەدەقىسى شۇڭا ئەڭ ئەۋزەل سەدەقە بولۇپ قۋ بۇل قىلىنىدۇ. سالمان ئىبىن ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: » مىسكىنلەرگە قىلغان خەير ساخاۋەت سەدەقەدۇر، ئەمما ئۇرۇق تۇغقانلارغا قىلغان خەير ساخاۋەت ھەم سەدەقە ھەم سىلە رەھىمدۇر « . بۇھەدىستىن شۇنى بىلىۋالالايمىزكى، ئۇرۇق تۇغقانلارغا قىلغان ياخشىلىقنىڭ ساۋابى يات كىشىلەرگە قىلغان ياخشىلىقنىڭ ساۋابىدىن كۆپتۇر. زاكاتنىمۇ ئاۋۋال ئېھتىياجلىق ئۇرۇق تۇغقانلارغا، ئاندىن باشقا مۇسۇلمانلارغا بېرىش ئەۋزەلدۇر. مەلۇمكى، ئىسلام ئۇممىتى كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۋيۇشمىسىدىن تەركىب بولغان بىر چوڭ ئىسلامىي ئائىلىدۇر. ئىجتىمائىي جەمئىيەتتىكى ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئەزالىرى ئۆز ئائىلىسىگە سىلە رەھىم قىلغاننىڭ سىرتىدا، ئائىلىلەرمۇ ئۆز ئارا، ئائىلىۋى سىلە رەھىم قىلىشىدىغان بولسا، شۇ ۋاقىتتا ئىسلام ئۇممىتى ئاللاھ تائالانىڭ ئەم رىگە مۇۋاپىق ھالدا، ھەقىقىي دىنى قېرىنداشلاردىن بولىدۇ ۋە ھەقىقىي مۇسۇلمان ئۇممەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ بىر ( تىرمىزىي رىۋايىتى

ئۇممەت بولۇپ بىرلىك ۋە ئىناقلىق ئىچىدە بەختلىك ياشىشى پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆزئارا سىلە رەھىملەرنى جارى قىلدۇرۇشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بىرلىك ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقى چاقىرىقىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿وَاعْتَصِمُوا بِحَبْلِ اللَّهِ جَمِيعًا وَلَا تَفَرَّقُوا﴾ يەنى ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا مەھكەم ئېسلىڭلار، ئايرىلماڭلار دەپ بۇيرۇيدۇ. سىلە رەھىم ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: ئۇلارنىڭ بىرى، ئۋمۇمىي سىلە رەھىم؛ يەنە بىرى، خۇسۇسىي سىلە رەھىمدۇر. ئۋمۇمىي سىلە رەھىم ئۋمۇمىي سىلە رەھىم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرمىللەت مۇسۇلمانلارنى بىر بىرى بىلەن باغلاپ تۇرىدىغان ئۋمۇميۈزل ۈك بىر دىنىي باغلنىش بولۇپ، بۇ باغلىنىش ئاللاھت ائالانىڭ مۇسۇلمانلارغا ئاتا قىلغان ئەڭ كاتتا نېمىتىدۇر. مۇسۇلمانلار مۇشۇ باغلىنىشنىڭ يۈزىسىدىن ئۆزلىرىنىڭ تىلنىڭ، ئىرقىنىڭ، رەڭگىنىڭ ۋە ۋەتىنىنىڭ ھەرخىل بۋلۇشىدىن قەئىينەزەر، ئۆزئارا بىر بىرى بىلەن ھەقىقىي قېرىنداشلاردۇر. ﴿إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ إِخْوَةٌ﴾ يەنى ھەقىقەتەن مۆمىنلەر قېرىنداشلاردۇر . بۇ ئۋمۇمىي سىلە رەھىمنى مۇسۇلمانلار بىر بىرىگە مېھرىبانلىق كۆرسىتىش، بىر بىرىنى ئاللاھ يۋلىدا ياخشى كۆرۈش، پەندە ) ( ئال ئىمران سۈرىسى 301 - ئايەت. ھۇجىرات سۈرىسى 01 - ئايەت

نەسىھەت قىلىشىش، بىر بىرىگە پايدا يەتكۈزۈش؛ زىيانلاردىن، خەتەرلەردىن، بالالاردىن بىر بىرىنى مۇداپىئە قىلىش؛ بىر بىرىگە ياخشى دۇئا قىلىش، ئاددى يسى بىر بىرى بىلەن ئۇچراشقاندا:

» ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم « )سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن(، دەپ قىزغىن سالام

بېرىشىش ئارقىلىق ئادا قىلىشقا بۇيرۇلغان. خۇسۇسىي سىلە رەھىم خۇسۇسىي سىلە رەھىم ئائىلىدىكى ئەزالارنى بىر بىرى بىلەن باغلاپ تۇرىدىغان تۇغقانلىق مۇناسىۋىتىدۇر. مەسىلەن: ئاتا ئانىلارغا، تاغا ئاكا تاغا ئاچىلارغا، قېرىنداشلارغا ۋە بالىلارغا قىلىنغان سىلە رەھىم خۇسۇسي سىلە رەھىمگە كى رىدۇ. خۇسۇسىي سىلە رەھىمنىمۇ ئۋمۇمىي سىلە رەھىمنى ئادا قىلغاندەك ئادا قىلىمىز. بۇنىڭ سىرتىدا، خۇسۇسىي سىلە رەھىم ئۈچۈن بىر بىرىگە ماددىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش، زىيارەت قىلىپ يۋقلاپ تۇرۇش، ھال ئەھۋاللىرىنى سۋراش قاتارلىق ھەقلەر بەلگىلەنگەن . ئۋمۇمەن ئېيتقاندا، ھەرئىككى تۈرلۈك سىلە رەھىم ھەركىشىنىڭ قولىدىن كېلىشچە، ئىمكانىيىتىنىڭ يار بېرىشچە بىر بىرىگە ياخشىلىق قىلىش، پايدا يەتكۈزۈش ۋە ئۇلارنى زىيان زەخمەتلەردىن قۋغداش ئارقىلىق ئادا قىلىنىدۇ. ئەبۇ ھۇ رەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە، ئۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:

» كىمكى رىزقىنىڭ كەڭ بۋلۇشىنى خالىسا سىلە رەھىم قىلسۇن « .

سىلە رەھىمنى تەرك ئېتىشنىڭ گۇناھى سىلە رەھىمنى داۋام قىلدۇرۇشنى ئۈزۈپ قۋيۇشنىڭ گۇناھى ئېغىردۇر. چۈنكى سىلە رەھىم مۇسۇلمانلارنىڭ ئۋرتاق مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن بۇيرۇلغان بىر ئىلاھىي پەرماندۇر. كىشىلەرنىڭ بىر بىرىگە سىلە رەھىم قىلىشى ئارقىلىق جەمئىيەتتە ياخشىلىق ۋە بەرىكەت داۋام قىلىدۇ. سىلە رەھىمنى ئۈزۈپ قۋيغۇچىلار ئاللاھ تائالانىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بۇ تۇغرىدا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَالَّذِينَ يَنقُضُونَ عَهْدَ اللَّهِ مِنبَعْدِ مِيثَاقِهِ وَيَقْطَعُونَ مَا أَمَرَ اللَّهُ بِهِ أَنيُوصَلَ وَيُفْسِدُونَ فِي الْأَرْضِ ۙ أُولَٰئِكَ لَهُمُ اللَّعْنَةُ وَلَهُمْ سُوءُ الدَّارِ﴾ يەنى ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن بۇزغانلار، ئاللاھ داۋ ام قىلدۇرۇشقا بۇيرۇغان ئىشلارنى) ئۇرۇق - تۇغقانلار ئارا سىلە - رەھىم قىلىشىشنى( ئۈزۈپ قۋيغانلار ، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار ئەنە شۇلار لەنەتكە ئۇچرايدۇ ۋە )ئۇلارنىڭ( ئاخىرەتلىكى يامان بولىدۇ . بۇ ئايەتتىن شۇنى بىلىشىمىز مۇمكىنىكى، سىلە رەھىم قىلى شنى تەرك ئەتكۈچىلەر ئاللاھ تائالاغا بەرگەن ئەھدىسىنى بۇزغان خائىنلار قاتارىدا جازاغا تارتىلىدۇ. چۈنكى ئۇ، ئادەم ئەۋلادىنىڭ ئۈستىگە بۇرۇنال يۈ كلەنگەن بىر پەرزدۇر. ئەبۇ ھۇ رەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ( بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى

( رەئد سۈرىسى 52 ئايەت

ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: » ئادەم ئەۋلادىنىڭ ئەمەللىرى ھەرجۈمە كېچىسى ئاللاھقا كۆرسىتىلىدۇ )كۆرسىتىشتىن بۇرۇنمۇ ئاللاھ ئۇنى بىلىدۇ، ئەلۋەتتە( سىلە رەھىمنى تەرك ئەتكۈچىنىڭ ئەمەلى ئاللاھقا قوبۇل بولمايدۇ « . ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇند اق دەيدۇ: » ئەڭ تىز ساۋاپ بېرىلىدىغان ياخشىلىق ئاتا ئانىغا ياخشلىق قىلىش ۋە ئۇرۇق تۇغقانلارغا سىلە رەھىم قىلىشتۇر. ئەڭ تىز جازا بېرىلىدىغان يامانلىق )ئاتا ئانىسىنى قاخشىتىپ( ھەقسىزلىق قىلىش ۋە سىلە رەھىمنى تەرك ئېتىشۇر « . سىلە رەھىمنى تەرك ئې تى شنىڭ قاتتىق ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكى ھەققىدە جۇ بەير ئىبىن مۇتئىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ » سىلە رەھىمنى تەرك ئەتكەن كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ « دىگەن ھەدىسنى رىۋايەت قىلىدۇ . بۇھەدىستىكى » جەننەتكە كىرمەيدۇ « دېگەن ئىبارە، سىلە رەھىمنى ت ەرك ئەتكەن كىشىنىڭ جەننەتكە، ئۇنىڭغا كىرىدىغان بىرىنچى قېتىملىق گۇرۇپپا بىلەن كىرەلمەستىن، بەلكى گۇناھىغا لايىق ئازا ب لىنىپ بولۇپ، ئاندىن كىرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىسە كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىس قۇدسىيدا، ئاللاھ تائالانىڭ:

» مەن شەپقەتلىك ئىالھمەن ، سىلە رەھىمنى ئۆزۈمنىڭ » رەھىم «

ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى ئىبىن ماجە رىۋايىتى ) ( ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى

دېگەن ئىسمىم بىلەن ئاتىدىم، كىمكى ئۇنى داۋاملاشتۇرىدىكەن، مەنمۇ رەھمىتىمنى ئۇنىڭغا داۋام قىلدۇرىمەن، كىمكى ئۇنى تەرك ئېتىدىكەن، مەنمۇ ئۇنى رەھمىتىمدىن مەھرۇم قىلىمەن « دېگەن سۆزىنى رىۋايەت قىلغان. بىرئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھى سالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: » ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مېنىڭ تۇغقانلىرىم بار ئىدى، مەن ئۇلارغا ياخشىلىق قىلسام، ئۇلار ماڭا يامانلىق قىلىدۇ، ئۇلارغا ياخشىلىق تىلىسەم، ئۇلار ماڭا يامانلىق تىلەيدۇ « دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا » ئەگەر ئىش سەن دېگە ندەك بولغان بولسا، ئاللاھنىڭ ياردىمى ھەمىشە ساڭا بولىدۇ، ئەگەر شۇنىڭغا داۋام قىلساڭ « دەيدۇ.

قۋشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈشنىڭ پىرىنسىپلىرى قۋشنىلارغا ياخشىلىق قىلىش زۆرۈر قۋشنىلارغا ياخشىلىق قىلىش ئىماننىڭ ئەڭ كۆرۈ نەرلىك نەتىجىلىرىدىن بى رىدۇر. چۈنكى، قۋشنىد ارلىقنىڭ ھەقلىرى بەكمۇ چۋڭدۇر. ئىسلام تارىخىدىكى ئۈلگىلىك زاتلار بىرەر كىشىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ياخشى ياكى يامان ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ قۋشنىدارچىلىقىغا قاراپ باھالايتتى. ئۇلار ئاۋۋال قۋشنىلىرىدىن ئۇ كىشى ھەققىدە سۋ رايتتى، قۋشنىلىرى ئۇنى ياخشى ئائىلە دەپ تەرىپلىسە، ئۇنىڭغا دىيانەتلىك، ياخشى ئائىلە دەپ باھا بېرەتتى. ئەگەر قۋشنىلىرى ئۇنىڭدىن زارلانسا، ئۇنىڭ ئەخلاقىدىن شىكايەت قىلسا، ئۇنىڭ بىلەن قۇدا بۋلۇش، قۋشنا بۋلۇش ۋە مۇئامىلە قىلىش قاتارلىق ئىشلاردىن ۋازكېچەتتى. بىزنىڭ مىللىتىمىزدىمۇ بۇ ئادەت بار. شۇڭا ئەجدادلىرىمىز

» قۋشنىسىغا قاراپ ئۆي ئال « دېگەن ھېكمەتنى بېكارغا ئېيتمىغان.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزىنى رىۋايەت قىلىدۇ: » جىبرىل پەرىشتە ماڭا قۋشنىلارغا ياخشىلىق قىلىشىم توغرۇلۇق تۋلىمۇ كۆپ تەۋسىيە قىلىۋاتىدۇ. ھەتتا ئۇنى بۇنداق تەۋسى يە قىلىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالامدىغاندۇ، دەپ گۇمان قىلىپ قالدىم « . ) ( بۇخارى رىۋايىتى .

قۋشنىدارچىلىقنىڭ ھەقلىرى قۋشنىدارچىلىقنىڭ ھەقلىرى ھەرتۈرلۈك بولىدۇ. مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۈستىدە، ئۆزىنىڭ كاپىر قۋشنىسىىغا ئۆتەشكە تېگىشلىك بىرال ھەق بولۇپ، بۇ بولسىمۇ قۋشنىدارلىق ھەققى. مۇس ۇلمان كىشىنىڭ ئۈستدە ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قۋشنىسىغا ئۆتەشكە تېگىشلىك ئىككى ھەق بولۇپ: ئۇنىڭ بىرى، قۋشنىدارلىق ھەققى؛ يەنە بىرى، مۇسۇلمانلىق ھەققىدۇر. مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۈستىدە، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان، ئۇرۇق تۇغقان قۋشنىسىىغا ئۆتەشكە تېگىشلىك ئۈچ ھەق بولۇپ: بۇلارنىڭ بىرى، قۋشنىدارلىق ھەققى؛ ئىككىنچىسى، مۇسۇلمانلىق ھەققى؛ ئۈچىنچىسى، ئۇرۇق تۇغقانلىق ھەققىدۇر. مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۈستىدە، ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان، ئۇرۇق تۇغقان، يېقىن )يەنى ئۆيى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئەڭ يېقىن بولغان( قۋشنىسىىغا ئۆتەشكە تېگىشلىك تۆت ھەق بولۇپ: بۇلارنىڭ بىرى، مۇسۇلمانلىق ھەققى؛ ئىككىنچىسى، تۇغقانلىق ھەققى؛ ئۈچىنچىسى، قۋشنىدارلىق ھەققى؛ تۆتىنچىسى يېقىن قۋشنىلىق ھەققىدۇر. يېقىن قۋشنا يىراق قۋشنىسىدىن ئەلۋەتتە ئەۋزەلدۇر. دەرھال ياردىمىڭىزگە ئۈلگۈرىدىغان، باشقىلارغىمۇ ياخشى تەرىپىڭىزنى قىلىپ بېرىدىغان ۋە سىزنى يالغۇز قۋي مايدىغان كىشى ئەلۋەتتە سىزنىڭ يېقىن قۋشنىڭىزدۇر. شۇڭا قۋشنىدارلىقنىڭ سىرتىدا، يېقىن قۋشنا بۋلغانلىقىنىڭ ھەققى ئالاھىدە ئايرىم بىرھەق بولۇپ بېكىتىلگەن. ئەجدادلىرىمىزمۇ » يىراقتىكى تۇغقىنىڭدىن يېقىندىكى قۋشناڭ ياخشى « دەپ بېكار ئېيتمىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قۋشنىدارچىلىقنىڭ ھەققىنىڭ چۋڭلىقى توغرۇلۇق مۇنداق بىر ھەدىس كەلگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ساھابىلىرىدىن زىنا توغرۇلۇق سورايدۇ،

ساھابىلار، » زىنا ھارامدۇر، ئۇنى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ھارام قىلغان « دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام » بىراۋنىڭ قۋشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلغىنى، باشقا 01 ئايال بىلەن زىنا قىلغىنىنىڭ گۇناھىدىن ئېغىردۇر « دەيدۇ. يەنە ئۇ ئۋغۇرلۇق تۋغرۈلۇق سورايدۇ، ئۇلار » ئۋغۇرلۇق ھارامدۇر، ئۇنى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ھارام قىلغان « دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: » بىراۋنىڭ قۋشنىسىنىڭ ئۆيىدىن ئۋغۇرلۇق قىلغىنى ، باشقا 01 ئۆينى بۋلاپ چىقىپ كەتكىنىنىڭ گۇناھىدىن ئېغىردۇر « دەيدۇ . بۇ ھەدىستىن قۋشنىسىنىڭ ئايالى بۋلمىغان بىرسى بىلەن زىنا قىلىشنىڭ ۋە قۋشنىسى بۋلمىغان بىرىنىڭ ئۆيىدىن ئۋغۇرلۇق قىلىشنىڭ گۇناھىنىڭ يېنىك ئىكەنلىكى ئىپادىلەنمەيدۇ، ئەلۋەتتە. بەلكى، ئۇنىڭ ئەكسىچە، قۋشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشنىڭ ۋە قۋشنىسىنىڭ ئۆيىدىن ئۋغۇرلۇق قىلىشنىڭ گۇناھىنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكى ۋە كەچۈرۈل گىسىز خىيانەت ھەم چوڭ جىنايەت ئىكەن لىكى ئىپادىلىنىدۇ. زىنا ۋە ئۋغۇرلۇقنىڭ گۇناھ جەھەتتىكى دەرىجىلىرى يېنىكلەشمەيدۇ بەلكى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. قۋشنىلارغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ تەرتىبى قۋشنىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى ئۆيگە مۇساپە جەھەتتىن ئەڭ يېقىن بۋلغىنىدىن باشلاش كېرەك. ئۆيگە ئەڭ يېقىن بولغان قۋشنىنىڭ ) ( ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى .

ھەققى، يىراق بولغان قۋشنىنىڭكىدىن ئەھمىيەتلىكتۇر. شۇڭا ئۇ ئاۋۋال ئادا قىلىنىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: » مەن رەسۇلۇللاھتىن ئىككى قۋشنامنىڭ قايسىسىغا ھەدىيەلىرىمنى ئاۋۋال بەرسەم بولىدۇ، « دەپ سۋرىغىنىمدا، ئۇ، ماڭا » ئىشكى سېنىڭ ئىشىكىڭگە ئەڭي ېقىن بۋلغىنىغا ئاۋۋال بەرسەڭ بولىدۇ « دەپ جاۋاب بەردى. ئىبىن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:

» قۋشنىسىنىڭ ئاچ ياتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، )ئۇنى تۋيغۇزماستىن،( ئۆزى تۋق ياتقان كىشى ھەرگىزمۇ مۇسۇلمان ھېسابلانمايدۇ « دېگەن ھەدىسىنى رىۋايەت قىلغان . ) ( بۇخارى رىۋايىتى

رىئايە قىلىش زۆرۈر بولغان ئەدەپ - ئەخلاقلار ئىسلامىي سالاملىشىش ئەنئەنىسى بىز ئۇيغۇرلاردا ئىككى كىشى ئۆزئارا ئۇچراشقىنىدا بىر - بىرىگە سالام بېرىش ئادىتى ئەڭ قەدىمىي ئەنئەنىلەردىن بولۇپ، سالاملىشىش مىللىي ئەخلاق ۋە دىنىي قائىدە يۋسۇن قاتارىدىن سانىلى دۇ . سالاملىشىش كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا مېھرى – مۇھەببەتنى داۋام قىلدۇرۇش ۋە كۆڭۈللەرنى جەلپ قىلىشتا ئەڭ زۋر سېھرىي كۈچكە ئىگە بىر ئىشتۇر. ئىنسانلار ئارىسىدا بىر - بىرى بىلەن سالاملىشىش ئادىتى ئۇلار بارلىققا كەلگەندىن بىرى مەۋجۇ د بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، مۇسۇلمانلا ردىكى ئۆزئارا سالاملىشىشنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ، مەزمۇنى ناھايىتى چۋڭقۇردۇر . ئۇيغۇرلاردا سالاملىشىشنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىز ئۇيغۇرلاردا سالاملىشىش بەزىدە قول ئېلىشىپ، بەزىدە قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈش يولى بىلەن بولىدۇ. دائىم كۆرۈشۈپ تۇرىدىغانلار ئارىسىدا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش قىسقارتىلىدۇ. قۇچاقلىشىش تېخىمۇ قىسقارتىلىدۇ. بەزىلەر بىر تەرەپتىن سالاملىشىپ، بىر تەرەپتىن ئۋڭ قۋلىنى كۆكرەككە قۋيىدۇ. بۇ سالامنىڭ چىن يۈرەكتىن چىققانلىقىنى، چىن دىلىدىن ئامانلىق تىلىگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بەزىلەر ئۋڭ قۋلىنى بېرىپ كۆرۈشۈپ، سۋل قۋلىنى قار شى تەرەپنىڭ ئۋڭ بىلىكىگە قۋيىدۇ. بۇ بەدەننىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى ۋە سالاملاشقۇچىلارنىڭ خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئۋخشاش يېقىن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

سالاملىشىشنىڭ قائىدىسى سالامنى ئاۋۋال باشلاش سۈننەت بولسا، ئۇنى قايتۇرۇش پەرزدۇر. ئاللاھ تالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: » سىلەرگە بىراۋ سالام بەرسە، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن جاۋاب بېرىڭلار ياكى ئۇنىڭ سالىمىنى ئەينەن قايتۇرۇڭلار « دەپ كۆرسەتكەن. ئايەتتىكى، تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن جاۋاب بېرىش » ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يەنى)ئاللاھنىڭ ئامانلىقى سىلەرگە بولسۇن( « د ەپ سالام بەرگەن كىشىگە: » ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ يەنى)ئاللاھنىڭ ئامانلىقى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى سىلەرگە بولسۇن( « دەپ جاۋاب قايتۇرۇش، سالامىنى ئەينەن قايتۇرۇش دېگەنلىك: » ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام يەنى)سىلەرگىمۇ ئاللاھنىڭ ئامانلىقى بولسۇن (« دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتۇر. سالام بەرگۈچى گەرچە يالغۇز بىرال كىشى بولسىمۇ، ئۇنىڭ سالىمىنى قايتۇرۇشتا » ئەلەيكۇم « يەنى)سىلەرگە…(دەپ قايتۇرۇلىدۇ. چۈنكى قارشى تەرەپ » كۆپچىلىك « نىڭ ۋەكىلى دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭدا مۇسۇلمانلار ئۋتتۇرىسىدىكى باراۋەرلىك ۋە بىرلىك ئەكسئ ەتتۈرۈلگەن. ئىسلامدا سالاملىشىشنىڭ ئەھمىيىتى ئىككى كىشى ئۇچراشقىنىدا بىر – بىرىگە سالام بېرىشى دۇنيادا ھەركىم ياقتۇرىدىغان گۈزەل ئەخلاق ۋە ئېسىل پەزىلەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: » بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمانغا ئۆتەشكە تېگىشلىك ھەقلىرى 6 بولۇپ، ئۇلار: ئۇچراشقاندا سالام

بېرىش، چاقىرسا بېرىش، نەسىھەت سورىسا نەسىھەت قىلىش، چ ۈشكۈرسە » ئەلھەمدۇ لىللاھ « دېيىش، كېسەل بولۇپ قالسا يۋقلاش، ئۆلۈپ كەتسە نامىزىغا بېرىش « . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: » سىلەر مۆمىن بۋلمىغىچە جەننەتكە كىر ەلمەيسىلەر، بىر – بىرىڭلارنى سۆيمىگىچە مۆمىن بولالمايسىلەر. سىلەرگە بىر - بىرىڭلارنى سۆيىدىغان ئىشنى كۆرسىتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇنداقتا، ئاراڭلاردا سالاملىشىشنى ئۋمۇملاشتۇرۇڭلار « . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىسىدە: » سىلەرگە يەھۇدىيلاردىن ياكى خرىستىئانال ردىن بىرى سالام قىلسا، سىلەرمۇ ئۇلارغا « ۋە ئەلەيكۇم )يەنى: سىلەرگىمۇ شۇنداق بولسۇن( « دەپ جاۋاب قايتۇرۇڭلار « دەپ كۆرسەتكەن.

» ئىسلام « سۆزى بىلەن » سالام « سۆزىنىڭ ئەرەبچە تۈپ يىلتىزى بىر

بولۇپ، ھەر ئىككىسى » تىنچلىق « دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ مۇسۇلمانلىقنىڭ تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگىنىدىن تاشقىرى، سالاملىشىشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. سالاملىشىش پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئېسىل ئەنئەنە سانىلىدىغان، ھېچقانداق چىقىم تەلەب قىلمايدىغان، ئۆزى ئاسان، پايدىسى ئىنتايىن مۋل بىر ئىشتۇر. ) ( ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى ) ( ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى ) ( بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى

سالام بېرىشنىڭ تەرتى پى سالام بېرىشتە كىچىكلەر چۋڭلارغا، ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار ئۋلتۇرغانلارغا، ئازسانلىق كۆپ سانلىققا ۋە قاتناش ئۈستىدىكىلەر پىيادىلەرگە سالام بېرىدۇ. شۇنداقلا سىرتتىن كەلگەنلەر شۇ يەردىكىلەرگە، ئەرلەر ئاياللارغا، ئېرى ئايالىغا، مېھمان ساھىبخانغا سالام بېرىدۇ.

كېسەللەرنى يۋقلاشتىكى ئەدەپ – ئەخلاق قائىدىلىرى كېسەللەرنى يۋقلاش كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئالاقىلارنىڭ قۋيۇقلىشىشىغا، ئىتتىپاقلىقنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە ۋە ئۆزئارا دۋستلۇقنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بۋلىدىغان مۇھىم بىر ئامىل. كېسەللەرنى يۋقلاشنىڭ پەزىلىتى ئاچ قالغانلارغا تاماق بېرىش، يېتىملەرنىڭ باشلىرىنى سىلاشتەك ساۋابلىق ۋە ياخشى ئىشتۇر. بىر ھەدىستە: » ئاچ قالغانلارغا تاماق بېرىڭلار، كېسەللەرنى يوقلاڭلار ، ئەسىرلەرنى قۇتقۇزۇڭلار « دەپ كەلگەن. ئىنسان ھەرخىل كېسەللىكلەرگە دۇچار بولۇپ تۇرىدۇ. بەزى كېسەللەر ئازغىنا سەۋەبلەرنى قىلىش بىلەن شىپاسىنى تاپىدۇ، بەزى كېسەللەر ئۇيەر، بۇ يەرلەرگە ئېلىپ بېرىپ كۆپ مىقداردا ئىقتىساد سەرپ قىلىپ داۋالىتىش بىلەنمۇ شىپا تاپالماي بۇ ئالەمدىن ئايرىلىدۇ. شۇڭا ئىنسان كېسەللەرنى يۋقلاپ بارغاندا، ئۇ كېسەل بولغان كىشىنىڭ ناھايىتى ئاجىز ھالىتىنى ئۆزىنىڭ ساق – سالامەت ھالىتىگە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تەن ساقلىقنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ نېمەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ئۇنىڭ قەدرىگە يېتىپ، تېنى ساق ۋاقتىدا خەلقىگە ۋە ۋەتىنىگە پايدىلىق بولغان ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىۋېلىشقا ئالدىرىشى ال زىم. كېسەللەرنى يۋقلاشقا سۋۋغا ئېلىپ بېرىشنى شەرت قىلىۋېلىش ياكى كېسەل بۋلغۇچى ئادەم بىر نەرسە ئالماي كەلگەن ئادەمدىن ) ( ئىمام بۇخارى رىۋايىتى

رەنجىپ قىلىش ياخشى ئىش ئەمەس. چۈنكى ھەقىقىي ياخشى ئادەم قېرىندىشى بىلەن ئۋچۇق چىراي ئۇچراشقاننىڭ ئۆزىنىمۇ كاتتا شەرەپ دەپ بىلىدۇ. شۇڭا بىر ھەدىستە: » قېرىندىشىڭ بىلەن ئۋچۇق چىراي ئۇچرىشىشىڭدەك ئىش بولسىمۇ، ياخشىلىقتىن ھېچ نەرسىنى كىچىك سانىما « دېيىلگەن. بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن كېسەللەرنى سۋۋغا – ھەدىيە ئالماي يۋقلاپ بارسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئۋچۇق چىراي ئۇچرىشىپ، رۋھىي جەھەتتىن تەسەللى بەرگەن ئادەمنى قەتئىي تۆۋەن كۆرۈشكە بۋلمايدىغانلىقى ئايان بولىدۇ. چۈنكى كېسەلنى قانچىكى كۆپ ئادەم يۋقلاپ تۇرسا، رۋھسىز ياتقان كېسەلگە نىسبەتەن رۋھىي ئۋزۇق بولۇپ، ئۇنىڭ كۆڭلىدە خۇرسەنلىك پەيدا بولۇپ، تېتىكلىشىپ قالىدۇ ۋە ئۆزىنى قۋۋم – قېرىنداشلىرى ئىچىدە ئالاھىدە ھۆرمەتلىك ھېس قىلىدۇ - دە، شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، دۋست – يارانلىرى ۋە قۋۋم – قېرىنداشلىرىگە بولغان مۇھەببىتى كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بارىدۇ. كېسەلنى يۋقلاپ بارغاندا ئۇنىڭ يېنىدا ئۇزۇن ئۋلتۇرۇشتىن ۋە تۋال سۆزلەپ كېسەلنى بىزار قىلىشتىن ھەزەر قىلىش كېرەك. بەلكى ئۇنىڭ كۆڭلى خۇرسەن بولۇپ، رۋھىي تەسەللى تاپىدىغان سۆزلەرنى قىلىش لازىم. مۇسۇلمان ئەمەس كې سەللەرنىمۇ يۋقلاش ساۋابلىقتۇر باشقا دىندا بولغان ئۇرۇق – تۇغقان، خۇلۇم – قۋشنا ۋە يار – بۇرادەرلەردىن كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغانلار بولسا، ئۇلارنى باشقا دىندا دەپ قارا پ تاشلىۋەتمەستىن يۋقلاش ياخشى ئىش بولۇپ سانىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر يەھۇدىي دىنىدىكى بالىنىڭ كېسىلىنى يۋقلاپ بارغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. كېسەل بولۇپ يېتىپ

قالغانق ۋشنىنى گەرچە ئۇ باشقا دىندا بولسىمۇ يۋقلاش تۋلىمۇ مۇھىمدۇر. چۈنكى بۇ مۇسۇلماننىڭ ئۈستىدىكى قۋشنىدارلىق ھەققىدىن سانىلىدۇ. قۋشنىدارلىق ھەققى ناھايىتى مۇھىم ۋە چوڭ ھەق بولۇپ، ئۇنى ئادا قىلىش مۇھىمدۇر. كېسەل يۋقلاشتا ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلار كېسەللەرنى يۋقلاپ كىرگەن ئادەم كېسەل كىشىنىڭ قانداق كېسەلگە گىرىپتار بۋلغانلىقىنى سۋرىماسلىقى لازىم. چۈنكى مۇنداق قىلىش كېسەل كىشىنىڭ رۋھىنى تېخىمۇ چۈشۈرۈشكە سەۋەب بولىدۇ. بەزى كىشىلەر نادانلىقتىن كېسەل بۋلغۇچىنىڭ قانداق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى سورايدۇ. كېسەل بۋلغۇچى كېسىلىنى ئېيتىپ بەرسە، ئۇلار: پالانى ئادەم مۇشۇنداق كېسەل بىلەن ئۇزۇن يېتىپ قىلىپ، ئاخىرى ساقىيالماي ئۆلۈپ كەتكەن دېگەندەك ئازاپلىق سۆزلەرنى كېسەلنىڭ يۈزىگە سېلىپ، ئۇنىڭغا رۋھىي ئازاب بۋلىدىغان ئىشلارغا سەۋەب بولىدۇ. شۇنداقلا، كېسەل ئادەمنىڭ يېنىدا مۇسىبەتلىك خەۋەرلەرنى ۋە ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى ئېيتماسلىق لازىم. چۈنكى مۇنداق قىلىش كېسەل كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئازابلايدۇ.

سۋرۇن ۋە سورۇنداشلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەدەپ – ئەخلاقلار ئىنسانلار ھاياتلا بۋلىدىكەن، ئۆزئارا بىر – بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇشقا ھەم تۋپلىشىپ ياشاشقا مۇھتاج بولىدۇ. قۇرئان كەرىم بىزگە سۋرۇن ۋە سۋرۇنداشلارغا بولغان ئەدەپ – ئەخلاق قائىدىلىرىنى ئۆگىتىپ مۇجادىلە سۈرىسىدە: ئى ئىمان ئېيتقانلار ! ئەگەر )سۋرۇندا( بەزىلەر سىلەرگە: ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار دېسە، ئورۇن چىقىرىپ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە )رەھمىتىنى ۋە جەننىتىنى(كېڭەيتىپ بېرىدۇ. ئەگەر سىلەرگە )باشقىلارغا ئورۇن بۋشىتىپ بېرىش ئۈچۈن( ئۋرنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار دېيىلسە، ئۋرنۇڭلاردىن تۇرۇپ بېرىڭلار دەپ كەلگەن ) مۇجادەلە سۈرىسى( . سۋرۇن توغرۇلۇق كۆپلىگەن قائىدە – يۋسۇنلار بار. تۆۋەندە بۇلاردىن بەزىسىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن: سۋرۇنغا كەلگەن كىشىلەر ئۆز ئارىسىدىكى بىلىمى يۇقىرى كىشىلەرنى ۋە تالانت ئىگىلىرىنى ئاۋۋال سۋرۇنغا كىرىشكە تەكلىپ قىلىپ، ئاندىن شۇ بۋيىچە كىرىشى لازىم. سۋرۇنغا كەلگەن مېھمانلارنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن ئۆي ئىگىسى ئۋرنىدىن قۋپۇپ، ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىشى، سۋرۇنغا كىرگەنلەر سۋرۇنداشلارغا » ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم « دەپ سالام بېرىپ كىرىشى، سۋرۇنغا كىرگەن ئادەم ئىلىم – مەرىپەت جەھەتتە ئارتۇق، ياش جەھەتتە چوڭ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ سۋرۇنغا ئىگىلىرى كىرىپ ئۋلتۇرغان كىشى بىلەن ئورۇن تالىشىپ ئۇنى ئۋرنىدىن تۇرغۇزىۋەتمەسلىكى لازىم. شۇنداقلا سۋرۇنغا كىرگەن كىشىنىڭ يېقىن ئۋلتۇرغان ئىككى ئادەمنىڭ رۇخسىتىنى ئالماستىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ كىرىپ ئۋلتۇرىشى توغرا ئەمەس. سۋرۇنغا كەلگەن ئىلىم ئەھلىلىرىنى ۋە ياشانغان كىشىلەرنى ھۆرمەتلەش

ئۈچۈن، سۋرۇنداشلارنىڭ ئۋرنىدىن تۇرۇپ بېرىشىگە بولىدۇ. ئەمما ئۆزىنى چوڭ ساناپ ، باشقىلارنى ئۆزىگە ھۆرمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۋرۇنلىرىدىن تۇرغۇزماقچى بۋلغانلارغا تۇر ۇپ بەرمەسلىك كېرەك . سۋرۇندا جاي تالاشماسلىق لازىم سۋرۇنغا كىچىكىپ كەلگەن ئادەم كىم بۋلىشىدىن قەتئىينەزەر سۋرۇنداشلارنى قۋزغاپ قۋيماسلىق ئۈچۈن، قەيەردە بىكار ئورۇن تېپىلسا شۇ يەردە ئۋلتۇرۇشى لازىم. مەيلى سۋرۇنغا كەلگەن بولسۇن، مەيلى مەسجىدكە كەلگەن بولسۇن، ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ مۈرىلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتۈشى توغرا ئەمەس. شۇنداقلا سۋرۇنغا كەلگەن ئادەم سۋرۇنداشلارنى قىستاپ ئۋلتۇرماسلىقى ۋە كەڭ – كەڭرى ئۋلتۇرۇپ بىر – بىرىگە راھەت بېغىشلىشى لازىم. ئەمما سۋرۇنغا بۇرۇن كېلىپ ئۋلتۇرغان ئادەم بىرەر ئۆزرە سەۋەبى بىلەن ياكى ھاجىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن سۋرۇندىن چىقىپ كەتكەن بولسا، قايتىپ كىرگەندىن كېيىن ئۆز ئۋرنىغا بېرىپ ئۋلتۇرۇشقا ھۋقۇقلۇقتۇر. بىر ھەدىستە: » قاچانكى، بىرىڭلار ئۋرنىدىن تۇرۇپ كېتىپ ئاندىن يەنە ئۋرنىغا قايتىپ كەلسە، ئۇ شۇ ئورنىدا ئۋلتۇرۇشقا ھەقلىقتۇر « دەپ كەلگەن. چاقىرىلمىغان سۋرۇنغا بارماسلىق لازىم چاقىرىلمىغان سۋرۇنغا بارماسلىق لازىم. سۋرۇنغا چاقىرىلغان ئادەمگە باشقا بىر ئادەم ئەگىشىپ بىللە بارغان بولسا، ئۇ كىشىنى سۋرۇنغا باشلاپ كىرىشي اكى كىرمەسلىك توغرىسىدا ساھىبخاننىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش شەرت. چۈنكى چاقىرىلمىغان مېھمان رۇخسەتسىز سۋرۇنغا كىرگەندە، ساھىبخان ياكى شۇ كىشى ئۈچۈن ئۇڭايسىزلىق تۇغۇلىشى ياكى سۋرۇننىڭ كەيپىنى بۇزىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ

قىلىشى ئېھتىمال. شۇڭا چاقىرىلمىغان ئادەم مۇ تلەق ساھىبخاننىڭ رۇخسىتىنى ئالماستىن سۋرۇنغا كىرمەسلىكى كېرەك. بۇ ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ياخشى ئىش. سۋرۇننىڭ ئەدەپلىرى دۇنيادا ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ ئۆزىگە لايىق قائىدە يۋسۇنى ۋە ئەدەپ – قائىدىلىرى بۋلغاندەك، سۋرۇننىڭمۇ مەلۇم قائىدە – تەرتىبلىرى ۋە ئەدەپ - ئئەخلاقلىرى باردۇر. ئۈچ ئادەم بولسا، ئىككىسى بىرىنى يالغۇز قۋيۇپ پىچىرلىشىشى ياكى ئۇ بىلمەيدىغان تىلدا سۆزلىشىشى قەتئىي توغرا ئەمەس. بۇ ئەخلاقلىق كىشىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. شۇنداقلا سۋرۇندا ئۋلتۇرغان ئادەم باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماسلىقى، غەيۋەت قىلغا نلارغا نەسىھەت قىلىشى لازىم. سۋرۇندىن تۇرۇپ كەتمەكچى بولغان ئادەمنىڭ سۋرۇنداشلارغا » ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم « دەپ ئۇلارغا سالامەتچىلىك تىلەپ قايتىشى مۇھىم ئەدەپ – ئەخلاقلاردىن سانىلىدۇ. سۋرۇندىن چىققان مېھماننى ساھىبخاننىڭ ئىشىك ئالدىغىچە بىللە چىقىپ ئۇزىتىپ قۋي ۇشى ئايرىم بىر ئەخلاقىي قائىدىدۇر.

داستىخاندىكى ئەدەپ – قائىدىلەر ئەدەپ – ئەخلاق ئىنسان بالىسى زىننەتلىنىدىغان ئەڭ ئېسىل كىيىم بولۇپ، ئۇ ئىنساننىڭ پۈتۈن ئىش – ھەرىكەتلىرىدە، ئۋلتۇرۇش – قۋپۇشلىرىدا، ھەتتا يېمەك – ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشلىرىدىمۇ تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىنساننىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بۋلمايدىغان يېيىش ۋە ئىچىشلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەدەپ – ئەخلاقلار ھەركىم دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تۋلىمۇ مۇھىم قائىدە – يۋسۇنلاردىن بىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئۆمەر ئىبىن ئەبۇ سەلەمە رەزىي ەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: » مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدا تېخى كىچىك بالا ئىدىم. داستىخاندا ئۋلتۇرسام قۋلۇم تاۋاقنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە چېپىپ يۈرەتتى. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر داستىخاندا ئۋلتۇرۇپ قالدىم. ئۇ ماڭا ئەي ئۋغۇل! تاماق يېيىشتىن بۇرۇن بىسمىللاھ دېگىن، ئۋڭ قۋلۇڭ بىلەن ئالدى تەرىپىڭدىن باشلاپ يىگىن دەپ نەسىھەت قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ مېنىڭ تاماق يېيىشىم ھەمىشە شۇنداق بولۇپ كەلدى «. بۇ ھەدىس داستىخاندىكى ئەدەپ – قائىدىلەر ئۈچۈن بىردىنبىر دەستۇردۇر. ئىمام غەززالىي » ئىھيا « ناملىق ئەسىرىنىڭ داستىخاندا ئۋلتۇرۇشتىكى ئەدەپ – ئەخلاقلار ھەققىدىكى بۆلۈمىدە مۇنداق دەپ يازغان: » غىزالىنىشنىڭ ئەدەپ – قائىدىلىرىنى تۆۋەندىكىچە ئىخچاملاشقا بولىدۇ: تاماقنى يېيىشتىن بۇرۇن بىسمىللاھ دېيىش، تاماقنى ئۋڭ قۋلىدا يېيىش، ئۆزىنىڭ ئالدىدىن ئېلىپ يېيىش، تاماققا باشقىلاردىن ئاۋۋال قول ئۇزاتماسلىق، تاماققا ۋە ئۇنى يەۋاتقان

كىشىلەرگە تىكىلىپ قارىماسلىق، تاماقنى بەك تېز يېمەستىن، ئالدىرىماي، يۇمشاق چايناپ يېيىش، تاماقنى ئېغىزىغا ئارقا – ئارقىدىن سىېلىۋەرمەستىن، ئاغزىدىكىنى يۇتۇپ بولۇپ، ئالدىرىماستىن ئېلىش، تاماقنى بەك كۆپ يىمەسلىك، مېھمانلارنى تاماققا كۆپ زۋرلىماسلىق ۋە باشقىلاردۇر « . يېمەك - ئىچمەكنىڭ ئەدەپ – قائىدىلەر

» قابۇسنامە « ناملىق دىداكتىك ئەسەرنىڭ ئاپتۋرى شەمسۇلمائالى

ئەبۇلھەسەن ۋەشمېرگىر كىتابىنىڭ » يېمەك – ئىچمەك ئەدەپلىرى « دېگەن بۆلۈمىدە مۇنداق دەپ يازغان: » تاماق يېگەندە ئۇنى ھەزىم قىلالايدىغان مىقداردا يې گىن، كۆپ يېمە. ئەگەر بىر قانچە كىشى ياكى كۆپ كىشىلەر بىلەن بىللە تاماق يېيىش توغرا كەلسە، كۆپچىلىك تاماققا ئۋلتۇرۇشتىن بۇرۇن تاماققا ئۋلتۇرمىغىن. ئەگەر ئۆيۈڭدە مېھمان قوبۇل قىلساڭ، مېھما نلار كېلىپ داستىخانغا ئۋلتۇرۇشتىن ئىلگىرى تاماقنى داستىخانغا ئەكىلىپ قۋيما. تاماق يېگەندە ئالدىرىماي، ئاستا – ئاستا يېيىشنى ئادەت قىل. تاماق يېگەندە بېشىڭنى تۆۋەن تۇتقىن. كىشىنىڭ يۈزىگە ۋە قولىغا ئالغان، ئاغزىغا سالغان لۋقمىسىغا قاراش ناھايىتى ئە يىب تۇر. ئە مدى ساڭا مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بېرەي: ساھىب كاپى دېگەن بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ پادىشاھ بىر كۈنى ئۆزىنىڭ كاتىپ – خادىملىرى بىلەن تاماق يەپ ئۋلتۇرۇپ، بىرىنىڭ قۋشۇقىدا بىر تال قىل تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قىلىپ، ئۇ كىشىگە: قۋشۇقۇڭدا بىر تال قىل بار، ئېلى پ تاشلىۋەت دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى قۋشۇقنى تاشلاپ تاماق يېمەستىن چىقىپ كېتىپتۇ. مەجلىس ئەھلى پەرىشان بۋلۇپتۇ. پادىشاھ ئۇ كىشىنى چاقىرتىپ: نېمە ئۈچۈن تاماق يېمەي چىقىپ كەتتىڭ؟ دەپ سۋراپتۇ. ئۇ كىشى: قۋلۇمغا ئالغان

لۋقمىدا بىر تال قىلنى كۆرۈپ تۇرغان كىشىنىڭ ئالدىدا قانداقمۇ تاماق يېگىلى بولسۇن؟ دەپتۇ. پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق خىجىل بولۇپ كېتىپتۇ «.

ئۆيگە كىرىشتىكى ئەدەپ – ئەخلاق قائىدىلىرى ئىنسان ئىجتىمائىي مەخلۇقات بۋلغانلىقتىن، ئۇ ئۆزى يالغۇز ياشاپ ئۆتەلمەيدۇ. بەلكى جەمئىيەتتىكى ئىنسانلار بىلەن ئارى لىشىپ ئۆتۈشكە مۇھتاجدۇر. ئىنسان تەبىئىتى ئەسلىدە ياخشىلىقنى سۆيىدىغان، يامانلىقتىن نەپرەتلىنىدىغان قىلىپ يارىتىلغان بولۇپ، گۈزەل ئەخلاقلارغا ئىنتىلىدۇ. ئىنسانلار ياشاۋاتقان بۇ جەمئىيەت ئۇلاردىن ھەر ئىشتا قائىدە – يۋسۇنلۇق بۋلىشىنى تەلەب قىلىدۇ. دۇنيادا ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ ئۆزىگە لايىق قائىدە – يۋسۇنى ۋە ئۆزىگە خاس ئەدەپ ئەخلاقى باردۇر. بىراۋنىڭ ئۆيىگە كىرىشتە ئۆي ئىگىسىدىن رۇخسەت سوراپ كىرىشمۇ شۇ ئەدەپ – ئەخلاق قائىدىلىرىدىن بىرىدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىلىرى، گۈزەل ئەدەپ – ئەخلاق قائىدىلىرى ئىنتايىن كۆ پ. مېھمان بۋلۇش، ئۋلتۇرۇپ – قۋپۇش، يەپ – ئىچىش، سۆزلىشىش، ئۇخلاش، تازىلىق، سالاملىشىش، ئىشىكتىن كىرىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە بەلگىلىك ئەدەپ – قائىدىلەر بار. تۆۋەندە ئۆيگە كىرىشنىڭ ئەدەپ – قائىدىلىرى ھەققىدە تۋختىلىمىز: بىراۋنىڭ ئۆيىگە كىرمەكچى بولغان ئاد ەم ئاۋۋال ئىشىكنى چېكىپ، ئۆي ئىگىسىدىن رۇخسەت سوراپ كىرىشى، رۇخسەت قىلىنمىسا قايتىپ كېتىشى لازىم. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق تەلىم بەرگەن: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَدْخُلُوا بُيُوتًا غَيْرَ بُيُوتِكُمْ حَتَّىٰ تَسْتَأْنِسُوا وَتُسَلِّمُوا عَلَىٰ أَهْلِهَا ۚ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌ لَّكُمْ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ * فَإِنلَّمْ تَجِدُوا فِيهَا أَحَدًا فَلَا تَدْخُلُوهَا حَتَّىٰ يُؤْذَنَ لَكُمْ ۖ وَإِنقِيلَ لَكُمُ ارْجِعُوا فَارْجِعُوا ۖ هُوَ أَزْكَىٰ لَكُمْ ۚ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ عَلِيمٌ * لَّيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَنتَدْخُلُوا بُيُوتًا غَيْرَ مَسْكُونَةٍ فِيهَا مَتَاعٌ لَّكُمْ ۚ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا تُبْدُونَ وَمَا

تَكْتُمُونَ﴾ يەنى ﴿ئى ئىمان ئېيتقانلار ! باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە (كىرىشكە) ئىجازەت سۋرىمىغىچە ۋە ئۆي ئىگىسىگە سالام بەرمىگىچە كىرمەڭلار، بۇ سىلەر ئۈچ ۈن تۋلىمۇ ياخشىدۇر. ۋەز نەسىھەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن )بۇ تەۋسىيە قىلىندى(. ئەگەر باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىدە ھېچ ئادەم بولمىسا سىلەرگە ئىجازەت بېرىلمىگىچە كىرمەڭلار، ئەگەر سىلەرگە » قايتىڭلار « دېيىلسە قايتىپ كېتىڭلار، قايتىپ كېتىش سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇ ر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلى ۋاتق ان ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئىچىدە سىلەرگە ئائىت نەرسە - كېرەكلەر بولغان، تۇرالغۇ بۋلمىغان ئۆيلەرگە كىرسەڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ يۋقتۇر ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاشكارىلىغىنىڭلارنىمۇ، يۋشۇرغىنىڭلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ ﴾ . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: » رۇخسەت ئۈچ قېتىم سۋرىلىدۇ. رۇخسەت بېرىلسە كىرىڭ. ئەگەر رۇخسەت بېرىلمىسە قايتىپ كېتىڭ « دەپ كۆرسەتكەن. ئىشىكتىن كىرىشتە ئاۋۋال چۋڭلار، بىلىم ئەھلىلىرى، ئاندىن تەرتىپ بۋيىچە ياشلار كىرگىنى ياخشى. بالىلار ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرگەندە، ئاۋۋال ئۇلارغا سالام بەرگەندىن كېيىن، شۇ ھامان كېچىكمەستىن ئەڭ گۈزەل ۋە ئېسىل ئىبارىلەر بىلەن ئۇلاردىن ھال – ئەھۋال سۋرىشى زۆرۈردۇر. ئۆيگە كىرىشتە ئەدەپسىزلىك سانىلىدىغان ئىشلار گەرچە بىراۋنىڭ ئۆيىگە كېلىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا خەۋەر بېرىپ قۋيغ ان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىشتە ئىشىكنى قاقماستىن ياكى ) ( نۇر سۈرىسى 72 - 92 - ئايەتلەر

ئالدىراپ سالام بەرمەستىن كىرىش، ئىشىكنى سىلىق قاقماستىن ئۆي ئىگىسىنى ۋە قۋشنىلىرىنى بىئارام قىلىدىغان شەكىلدە قاتتىق قېقىش ياكى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق قېقىش ئەدەپسىزلىكتۇر. شۇنداقلا بىراۋنىڭ، قۋشنىلارنىڭ ، بالىلارنىڭ تاقاقلىق تۇرغان ئىشىك – دەرۋازىلىرىدىن ماراپ قاراش بەكمۇ ئەدەپسىزلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداقلارغا ئاچچىقلىنىپ: » بىراۋنىڭ ئۆيىگە ئىشىكتىن ياكى تۆشۈكتىن رۇخسەتسىز ماراپ قارىغان ئادەمنىڭ كۆزىنى ئۋيۇۋەتسىمۇ بولىدۇ « دەپ سۆككەن. چۈنكى مۇن داق قىلىش ھەم ئەدەپسىزلىك ھەم باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىگە قىلىنغان ئېغىر خىيانەتتۇر. ئاتا – ئانىلارنىڭمۇ بالىلىرىنىڭ ياتاقلىرىغا ئىشىكنى چېكىپ، رۇخسەت سۋرىماستىن خالىغانچە كىرمەسلىكى، بالىلارنىڭمۇ ئاتا – ئانىسىنىڭ ياتىقىغا مەيلى كۈندۈزى، مەيلى ئاخشاملىرى ئى شىكنى سىلىق چېكىپ رۇخسەت ئالماستىن كىرمەسلىكى لازىم. چۈنكى مۇنداق قىلىش ئاتا – ئانىلار بىلەن بالىلار ئۋتتۇرىسىدىكى ئىپپەت – ھايانىڭ ئاجىزلىشىپ قېلىشىغا، ئارىسىدىكى ھۆرمەت – ئېھتىرامنىڭ سۇسلىشىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. بىر ئائىلىنىڭ بالىلىرىمۇ بىر - بىرىنىڭي اتاقلىرىغا كىرىشتە ئەلۋەتتە ئىشىكىنى چېكىپ، رۇخسەت سوراپ كىرىشى ئەدەپ – ئەخلاقنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

ئائىلە ھاياتىدىكى بىر يۈرۈش ئەدەپ - ئەخلاقلار ئىسلام دىنى جەمئىيەتنىڭ ئۇل تېمى بولغان ئائىلىگە زۋر ئەھمىيەت بەرگەن. ئائىلە ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئەدەپ - ئەخلاقلارنىڭ بەزىسى تۆۋەندىكىچە:

1 . ئۆيىڭىزگە كىرگەندە ۋە چىققاندا، ئىشىكنى قۋلىڭىز بىلەن

بۆلۈم: “1 . ئۆيىڭىزگە كىرگەندە ۋە چىققاندا، ئىشىكنى قۋلىڭىز بىلەن”

سىلىق يېپىڭ. ھەرگىز ئۇنى قاتتىق ياپماڭ ياكى ئۇنى ئۆزلىكىدىن قاتتىق يېپىلىشىغا قۋيۇپ بەرمەڭ. چۈنكى مۇنداق قىلىش سىز مەنسۇپ بولغان ئىسلام دىنىنىڭ ئەخلاقىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. پەيغ ەمبەر ئەلەيھىسسالام : » يۇمشاقلىق قايسى نەرسىگە كىرسە، ئۇنى چىرايلىقلاشتۇرىدۇ، ئۇ قايسى نەرسىدىن يۇلۇپ ئېلىنسا، شۇ نەرسىنى سەتلەشتۈرىۋېتىدۇ « دەپ كۆرسەتكەن.

2 . ئۆيىڭىزگە كىرگەندە ياكى چىققاندا، ئۆيدىكىلەرگە - مەيلى ئۇلار

بۆلۈم: “2 . ئۆيىڭىزگە كىرگەندە ياكى چىققاندا، ئۆيدىكىلەرگە - مەيلى ئۇلار”

چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، مەيلى ئەر يا كى ئايال بولسۇن - سالام بېرىشنى ئۇ نۇتماڭ. مۇسۇلماننىڭ سالىمى » ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم « دىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئىسلامنىڭ شۇئارى ۋە مۇسۇلماننىڭ ئۇنۋانىدۇر. بۇنداق ئېسىل بىر سالامنى قۋيۇپ خەيرلىك ئەتىگەن ياكى ياخشىمۇسىزلارغا ئۋخشاش مۇسۇلمان ئەمەس قۋۋملەرنىڭ سۆزلى رىنى دۋرىماڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارغا ئىسلامىي سالام بېرىشنى ئۆگەتكەن. ئۇ خىزمەتچىسى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تەلىم بېرىپ: » ئى ئۋغلۇم! ئۆيۈ ڭگە كىرگىنىڭدە، ئۆيدىكىلەرگە سالام بەرگىن. مۇنداق قىلىش سەن ۋە ئۆيۈڭدىكىلىرىڭ ئۈچۈن بەرەكەتلىك ) ( ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى

ئىشتۇر « دەپ كۆرسەتكەن.

3 . ئۆيىڭىزگە كىرگىنىڭىزدە، ئۆي ئىچىدىكىلەرنى

بۆلۈم: “3 . ئۆيىڭىزگە كىرگىنىڭىزدە، ئۆي ئىچىدىكىلەرنى”

چۆچۈتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئاياق تېۋىشىڭىز بىلەن ياكى گېلىڭىزنى قىرىش بىلەن ئۇلارغا سىزنىڭ كىرگىنىڭىزنى بىلدۈرۈپ كىرىڭ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: » پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى كېچىدە ئۆيىمىزنىڭ ئىشىكىنى قاتتىق قېقىشتىن ۋە ئەھلىمىزگە تۇيۇقسىز كىرىشتىن تۋسقان « .

4 . ئۆيىڭىزدىكىلەردىن بىرەرسى ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىدا بار ۋاقىتتا

بۆلۈم: “4 . ئۆيىڭىزدىكىلەردىن بىرەرسى ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىدا بار ۋاقىتتا”

ئۇنىڭ يې نىغا كىرمەكچى بۋلسىڭىز ئىشىكنى چېكىپ، رۇخسەت سوراپ كىرىڭ، ھەرگىز ئۈسسۈپ كىرمەڭ. بىر ئادەم پەيغەمبەرئ ەلەيھىسسالامدىن: » ئانامنىڭ يېنىغا كىرىش ئۈچۈنمۇ رۇخسەت سۋرامدىمەن؟ « دەپ سۋرىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:

» ھەئە، ئەلۋەتتە رۇخسەت سۋرايسەن « دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ ئادەم: »

ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن ئانام بىلەن بىر ئۆيدە تۇرىۋاتىمەنغۇ « دېگەندە، پەيغ ەمبەر ئەلەيھىسسالام : » شۇنداق بۋلساڭمۇ رۇخسەت سۋرىشىڭ كېرەك « دەيدۇ. بۇ ئادەم يەنە: » ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مەن ھەمىشە ئانام بىلەن بىللىغۇ « دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: » ئاناڭنى يالىڭاچ ھالىتىدە كۆرۈپ قېلىشنى ياقتۇرامسەن؟ « دەيدۇ، بۇ ئادەم: » يا ق « دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:

» ئۇنداقتا، ئاناڭنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئاناڭدىن

) ( تىرمىزى رىۋايىتى ) ( بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى

رۇخسەت سۋرىغىن « دەيدۇ

5 . بىراۋنىڭ ئىشىكىنى قاققىنىڭىزدا، سىرتتا ئىشىكنى قېقىۋاتقان

بۆلۈم: “5 . بىراۋنىڭ ئىشىكىنى قاققىنىڭىزدا، سىرتتا ئىشىكنى قېقىۋاتقان”

بىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگىچىلىك دەرىجىدە يۇمشاق ۋە سىلىق قېقىڭ. ھ ەرگىز ئىشىكنى قاتتىق قېقىپ، ئۆي ئىگىسىنى چۋچۇتىۋېتىدىغان قۋپاللىقنى قىلماڭ. بىر كۈنى بىر ئايال ئىمام ئەھمەد ئىبىن ھەنبەلنىڭ ئىشىكىنى قاتتىق قېقىپ، ئەدەپسىزلىك قىلغاندا، ئىمام ئەھمەد ئۇنىڭغا: » بۇ ساقچىلارنىڭ ئىشىك قېقىشى بولدى « دېگەن ئىكەن. ساھابىلار پەيغەم بەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشىكى ناھايىتى يۇمشاقلىق بىلەن تىرناقلىرىنى ئىشلىتىپ قاقاتتى. بىراۋنىڭ ئىشىكىنى قاققاندا، ھەر بىر قېقىش ئارىلىقىدا، ئۆي ئىگىسىگە نامازدا بولسا، ئۇنىڭدىن بىكار بۋلغىچىلىك، تائام ئۈستىدە بولسا، ئاغزىدىكى لۋ قمىسىنى ئالدىرىماستىن يۇتىۋال غۇچىلىك پۇرسەت بېرىش كېرەك. ئىشىكنى قېقىش ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : » رۇخسەت سۋراش ئۈچ قېتىم بولىدۇ. ئۈچىنچى قېتىمدىمۇ ئىشىك ئېچىلمىسا قايتىپ كېتىش كېرەك « دەپ كۆرسەتكەن.

6 . بىراۋنىڭ ئىشىكىنى قاققاندا، ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرا ۋالماستىن،

بۆلۈم: “6 . بىراۋنىڭ ئىشىكىنى قاققاندا، ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرا ۋالماستىن،”

ئىشىكنىڭ يان تەرىپىدە تۇرۇش گۈزەل ئەخلاقتىن سانىلىدۇ.

» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىراۋنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا كەلگىنىدە،

) ( ئىمام مالىك رىۋايىتى ) ( بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى

ئىشىكنىڭ ئۋڭ ياكى سۋل تەرىپىدە تۇراتتى، ئىشىككە يۈزىنى قىلىپ تۇرمايتتى « . ئىشىكتىن كىرگەندە، ئاۋۋال ئۆي ئىگىسىگە سالام بېرىش، ئىشىكتىن كىرگىچە ئاياغلارنى قېقىپ، سۈرتۈپ، تازىلاپ كىرىش، ئۆينىڭ ئىچى پايانداز سېلىنغان بولسا ئۇنىڭغا ئاياغنى چىقىرىپ كىرىش لازىم.

7 . بىراۋنىڭ ئىشىكىنى قاققاندا، ئۆي ئىگىسىنىڭ » كىم « دېگەن

بۆلۈم: “7 . بىراۋنىڭ ئىشىكىنى قاققاندا، ئۆي ئىگىسىنىڭ » كىم « دېگەن”

سۋئالىغا، » مەن « دەپ جاۋاب بەرمەستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئېنىق ئېيتى ش لازىم. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى:

» مەن بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشىكىنى قاققىنىمدا،

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ : » كىم « دەپ سۋرىغان سۋئالىغا » مەن « دەپ جاۋاب بېرىۋىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ياقتۇرمىغان قىياپەتتە: » مە ن، مەن؟ « دەپ ئىشىكنى ئاچتى « .

8 . بىراۋنى ئالدىن خەۋەر بەرمەستىن زىيارەت قىلغىنىڭىزدا،

بۆلۈم: “8 . بىراۋنى ئالدىن خەۋەر بەرمەستىن زىيارەت قىلغىنىڭىزدا،”

قايسىبىر ئۆزرىسى سەۋەبلىك سىزنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ سىزدىن ئۆزۈر سورىسا، ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلىشىڭىز ۋە ئۇنىڭدىن رەنجىپ قالماستىن قايتىپ كېتىشىڭىز لازىم. ئەگ ەر زىيارىتىڭىزنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئالدىن خەۋەر قىلالمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئۆزۈر سورىشىڭىز لازىم. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿وَإِنقِيلَ لَكُمُ ارْجِعُوا فَارْجِعُوا ۖ هُوَ أَزْكَىٰ لَكُمْ﴾ يەنى ﴿ئەگەر سىلەرگە قايتىڭلار دېيىلسە، قايتىپ كېتىڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر ﴾ دەيدۇ. ) ( ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى ) ( بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى ) ( نۇر سۈرىسى 82 - ئايەت

9 . بىراۋ سىزنى ئۆيىگە باشلىغاندا، ئۆينىڭ ھەر تەرىپىگە سىنچىلاپ

بۆلۈم: “9 . بىراۋ سىزنى ئۆيىگە باشلىغاندا، ئۆينىڭ ھەر تەرىپىگە سىنچىلاپ”

بېقىشتىن، ئۆيدىكىلەرگە تىكىلىپ قاراشتىن، شۇنداقلا ئۆيگە تەكلىپ قىلىشتىن بۇرۇن ئۆي ئىچىگە قاراشتىن ھەزەر قىلىڭ. مۇنداق قىلىش ئىسلام ئەخلاقىغا ئۇ يغۇن كەلمەيدىغ ان ئە يىب ئىشتۇر. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيىدە چېچىنى تارىۋاتاتتى، بىر ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا سىرتتىن قارىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قىلىپ، ئۇ ئادەمگە: » سېنىڭ مۇنداق قارىۋاتقانلىقىڭنى بىلگەن بۋلسام، ئىككى كۆزۈڭنى ئۋيىۋاتقان بولاتتىم، ئۆيگە كىرىشكە رۇخسەت سۋراشتىن مەقسەت پەقەت ئۆي ئەھلىنى تەييارلقىسىز ھالىتىدە كۆرۈپ قالماسلىق ئۈچۈندۇر « دېگەن.

01 . بىراۋنى زىيارەت قىلغىنىڭىزدا، ئۆيگە سىلىق كىرىڭ،

بۆلۈم: “01 . بىراۋنى زىيارەت قىلغىنىڭىزدا، ئۆيگە سىلىق كىرىڭ،”

ئاياقلىرىڭىزنى سىلىق سېلىپ، مەخسۇس جايدا رەتلىك قۋيۇڭ، ئاياقلارنى سېلىش ۋە كىيىش تەرتىبلىرىگە ئەھمىيەت بېرىڭ. پەيغەم بەر ئەلەيھىسسالام : » سىلەر ئاياقلىرىڭلارنى كىيمەكچى بۋلغىنڭلاردا ئىشنى ئۋڭ تەرەپتىن باشلاڭلار، ئاياقلارنى سېلىشتا ئىشنى ئاۋۋال سۋل تەرەپتىن باشلاڭلار « دەپ كۆرسەتكەن.

11 . ساھىبخان بىلەن ئۋلتۇرىدىغان ئۋرنىڭىز توغرىسىدا تارتىشماڭ.

بۆلۈم: “11 . ساھىبخان بىلەن ئۋلتۇرىدىغان ئۋرنىڭىز توغرىسىدا تارتىشماڭ.”

ساھىبخان قەيەرگە تەكلىپ قىلسا، شۇ يەردە ئۋلتۇرۇڭ. كۆپ تەكەللۇپ قىلماڭ. » مېھمان قۋيدىن ياۋاش بولىدۇ « دېگەن سۆز بار. بەلكى ساھىبخاننىڭ ئۇنى ئۋلتۇرۇشقا تەكلىپ قىلغان جاي سىز ۋە ساھىبخان ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ۋە مۇناسىب جاي بۋلىشى مۇمكىن. ساھىبخاننىڭ ئۆيىدە تۇرىۋاتقىنىڭىدا، خۇددى تەكشۈرۈشكە ) ( بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى ) ( مۇسلىم رىۋايىتى

كەلگەن كىشىدەك ئۆي ئىچىگە سىنچىلاپ قاراپ يۈرمەڭ، يېپىق نەرسىنى ئاچماڭ، سىزنى باشلىمىغان ھۇجرىلىرىغا كىرمەڭ.

21 . بىراۋنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن مۇناسىپ كۈن ۋە مۇناسىپ

بۆلۈم: “21 . بىراۋنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن مۇناسىپ كۈن ۋە مۇناسىپ”

ۋاقىتنى تاللاش كېرەك. زىيارەت قىلغاندا، بەك ئۇزۇن ئۋلتۇرۇپ ساھىبخاننى زېرىكتۈرىدىغان ئىشنى قىلماڭ. بىراۋنى تاماق ۋاقتىدا، ئۇخلايدىغان ۋاقتىدا ۋە دەم ئالىدىغان سائىتىدە زىيارەت قىلىشتىن ساقلىنىڭ.

31 . قانداقلا بىر جايغا كىرگىنىڭىزدە ئۋلتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىگە

بۆلۈم: “31 . قانداقلا بىر جايغا كىرگىنىڭىزدە ئۋلتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىگە”

سالام قىلىپ كىرىڭ. قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكچى بۋلغىنىڭىزدا، ئىشنى سۋرۇننىڭ چۋڭىدىن باشلاڭ. پەي غەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ماۋزۇدا:

» ئاۋۋال چۋڭدىن باشالڭلار « دەپ كۆرسەتكەن.

41 . بىرەر سۋرۇنغا كەلگىنىڭىزدە ئىككى كىشىنىڭ ئۋتتۇرىسىغا

بۆلۈم: “41 . بىرەر سۋرۇنغا كەلگىنىڭىزدە ئىككى كىشىنىڭ ئۋتتۇرىسىغا”

كىرىپ ئۋلتۇرىۋالماڭ، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۋڭ ياكى سۋل تەرىپىدىن ئورۇن ئېلىڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : » ئىككى ئادەمنىڭ ئۋتتۇرىسىدا ئۋلتۇرىۋالماڭلار « دەپ كۆرسەتكەن.

51 . ئۈچ كىشى بىر يەردە ئۋلتۇرىۋاتقان بۋلساڭلار، ئۇلارنىڭ بىرىنى

بۆلۈم: “51 . ئۈچ كىشى بىر يەردە ئۋلتۇرىۋاتقان بۋلساڭلار، ئۇلارنىڭ بىرىنى”

قايرىپ قۋيۇپ، يەنە بىرى بىلەن پىچىرلاشماڭ. بۇ ئەدەپسىزلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : » ئۈچ كىشى بار يەردە، ئىككىسى بىر - بىرى بىلەن پىچىرلاشمىسۇن « دە پ كۆرسەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەگەر ئۇلار تۆت كىشى بۋلسىچۇ؟ دەپ سۋرالغىنىدا، » ئۇ ) ( ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى ) ( ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى ) ( ئىمام مالىك ۋە ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى

ۋاقىتتا ھېچ ۋەقەسى يوق « دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ يەردىكى مەنئى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمەسلىك ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئىككى كىشىنىڭ ئۈچىنچى كىشىنى قارىتىپ قۋيۇپ پىچىرلىشىشى ئۈ چىنچى كىشىنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلماي قالمايدۇ.

61 . بىر يەرگە كىرىش ياكى چىقىشتا ياشتا ياكى ئىلىمدە چۋڭلارغا

بۆلۈم: “61 . بىر يەرگە كىرىش ياكى چىقىشتا ياشتا ياكى ئىلىمدە چۋڭلارغا”

يول بېرىڭ. ئەگەر قايسىسىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلەلمىسىڭىز، ئۋڭ تەرەپتىكىلەرگە يول قۋيۇڭ. بىر نەرسە تەقدىم قىلىشتىمۇ ئاۋۋال چۋڭلارغا بېرىڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: » چۋڭنىڭ ھەققىنى بەرگىن « دېگەن سۆزى بۇ مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

71 . ئاتا - ئانىڭىزنىڭ ئالدىدا ھە مىشە ئەدەپلىك بۋلۇڭ. چۈنكى

بۆلۈم: “71 . ئاتا - ئانىڭىزنىڭ ئالدىدا ھە مىشە ئەدەپلىك بۋلۇڭ. چۈنكى”

ئۇلارغا ئەڭ ئەدەپلىك ۋە ئەڭ ياخشى، سىلىق مۇئامىلىگە ھەقلىقتۇر. بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ياخشىلىق قىلىشىم ئۈچ ۈن ئەڭ ھەقلىق كىشىم كىم؟ دەپ سۋرىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ھەر قېتىملىق سۋئالىغا » ئاناڭ « دەپ جاۋاب بېرىپ، تۆتىنچى قېتىمىدا:

» داد اڭ « دەپ جاۋاب بەرگەن.

يول يۈرگەندە ھە ر گىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭماڭ، تائامغا ئۇلاردىن بۇرۇن قول ئۇزاتماڭ، ئۇلار ئۋلت ۇرۇشتىن ئاۋۋال سىز ئۋلتۇرماڭ، ئۇلار سۆزلەشتىن ئاۋۋال سىز سۆز قىلماڭ.

81 . مەسجىدكە ياكى قانداقلا بىر سۋرۇنغا بارغاندا ياكى بىرەر

بۆلۈم: “81 . مەسجىدكە ياكى قانداقلا بىر سۋرۇنغا بارغاندا ياكى بىرەر”

مېھماننى كۈتىۋېلىشقا چىققاندا، چىرايلىق كىيىنىپ، چاچ - ساقىلىڭىزنى ) ( ئالدىنقى مەنبەدىن. ) ( بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى ) ( بۇخارى ۋە مۇسلىم رى ۋايىتى

تاراپ، خۇشپۇراقلىق ئەتىرلەرنى چېچىپ چىقىڭ. يېقىمسىز ھىدىڭىز بىل ەن باشقىلارنى بىئارام قىلىشتىن ساقلىنىڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام » سىلەر باشقىلارنىڭ ئالدىغا چىقماقچى بۋلغىنىڭلاردا، ئۆزۈڭلارنى تۈزەپ چىقىڭلار. چۈنكى ئاللاھ گۈزەلدۇر، ئۇ گۈزەللىكنى ياقتۇرىدۇ « دېگەن.

91 . سىز بىرىنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ بارغىنىڭىزدا، ئۇنىڭ

بۆلۈم: “91 . سىز بىرىنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ بارغىنىڭىزدا، ئۇنىڭ”

شارائىتىغا رىئايە قىلىشنى بىلىڭ، ئۇنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلماڭ، ئۇنىڭغا ئېغىرلىق سالماڭ، ئۇنى ئاسراشنى بىلىڭ. ئاتىلىرىمىز: » ئۆزىنى سۋرىغان شە سۋراپتۇ « دەيدىغان ھېكمەتلەرنى قالدۇرغان. شۇنىڭدەك، سىزگە بىرى مېھمان بولۇپ كەلگەندە، ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى ياخشى قىلىڭ. بۇ يېمەك - ئىچمەكتە ھەددىدىن ئاشۇرىۋېتىپ ئىسراپ قىلىڭ دېگەنلىك ئەمەس. بۇنىڭدا نۋرماللىقنى ساقلاڭ، ئەمما ھۆرمەت - ئىكرامدا قانچىلىك ئاشۇرالىسىڭىز شۇنچىلىك ئاشۇرۇپ قىلىڭ. چۈنكى بۇ سىزدىن ئۋچۇق كۆڭۈل ۋە تەبەسسۇمدىن باشقا ھېچ نەرسە تەلەب قىلمايدىغان ئىش.

02 . تۇغقانلىرىڭىزدىن ياكى دۋستلىرىڭىزدىن ۋە ياكى

بۆلۈم: “02 . تۇغقانلىرىڭىزدىن ياكى دۋستلىرىڭىزدىن ۋە ياكى”

قۋشنىلىرىڭىزدىن ياكى خىزمەتداشلىرىڭىزدىن بىرەرسى كېسەل بولۇپ قالسا، ئۇنى زىيارەت قىلغان تۇنجى كىشى سىز بۋلۇشقا تىرىشىڭ. بىلىڭكى، بۇ چوڭ ساۋابلىق ئىبادەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :

» كىمكى بىر كېسەلنى يۋقاليدىكەن، ئۇ ئاللاھ نىڭ رەھمىتى ئىچىدە

بولىدۇ، ئۇ كېسەلنىڭ يېنىدا ئۋلتۇرغىنىدا بۇ رەھمەت ئۇنى تېخىمۇ ) ( ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى

تۋلۇق قۋرشايدۇ « دېگەن. كېسەل يۋقلاشتا ئۇنىڭ ئەدەپ - ئەخلاقلىرىغا رىئايە قىلىشنىمۇ ئۋنۇتماڭ. كېسەلنىڭ يېنىدا ئۇزۇن ئۋلتۇرىۋالماڭ، كۆپ سۆزگە سالماڭ، كۆڭلى بۇزۇلىدىغان سۆ ز ۋە خەۋەرلەرنى ئۇنىڭغا ئېيتماڭ. ئۇنىڭغا ئېيتىشقا تېگىشلىك بولغان شۇم خەۋەرنى ئېيىتماقچى بۋلغاندا، ئۇنى مۇقەددىمىسىز ھالدا، تۋساتتىن ئېيتماڭ.

12 . مېھماندارچىلىقلاردا ياكى قايسىبىر سۋرۇندا يېقىنلىرىڭىز بىلەن

بۆلۈم: “12 . مېھماندارچىلىقلاردا ياكى قايسىبىر سۋرۇندا يېقىنلىرىڭىز بىلەن”

سۆھبەتلىشىپ ئۋلتۇرغىنىڭىزدا، ئاۋازىڭىزنى ئۋتتۇرھا ل قىلىڭ. ئاۋازىڭىزنى ئېھتىياجغا قاراپ چىقىرىڭ. قاتتىق سۆزلەپ باشقىلارنى راھەتسىز قىلماڭ. قۇرئان كەرىم لۇقمان ھەكىمنىڭ ئۋغلىغا قىلغان ۋەسىيىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿وَاغْضُضْ مِنصَوْتِكَ﴾ يەنى ﴿ ئاۋازىڭنى يۇقىرى قىلمىغىن ﴾ .

22 . كىشىلەر بىلەن سۆھبەت لەشكىنىڭىزدە، قارشى تەرەپنىڭ

بۆلۈم: “22 . كىشىلەر بىلەن سۆھبەت لەشكىنىڭىزدە، قارشى تەرەپنىڭ”

كۆڭلىنى ئاسرىشىڭىز لازىم. بىراۋ سىزگە سۆزلەۋاتقاندا، سۆزلىگۈچىنىڭ كۆزىگە قاراپ جىم ئۋلتۇرۇپ تىڭشاڭ، ئۇياق - بۇياققا قاراشتىن ۋە كۆزىڭىزنى ئۇنىڭ كۆزىدىن قاچۇرۇشتىن قاتتىق ھەزەر قىلىڭ. چۈنكى مۇنداق قىلىش سۆزلىگۈچىنى بىئارام قىلىپق ۋيىدۇ. لۇقمان ھەكىم ئۋغلىغا: » ئۋغلۇم! سەن چىرايلىق سۆزلەشنى ئۆگەنگىنىڭدەك چىرايلىق ئاڭلاشنىمۇ ئۆگەنگىن « دېگەن ئىكەن. سۆزلىگۈچىگە پۈتۈن دىققىتىنى بېغىشلاش ۋە ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ ئاڭلاش چىرايلىق ئاڭلاشقا كىرىدۇ. ھەتتا ئۇ سىز بىلىدىغان بىر مەسىلىنى سىزگە ) ( ئىمام ئەھمەد، ئىبىن ھىببان رىۋايىتى ) ( لۇقمان سۈرىسى 91 - ئايەت

چۈشەندۈرمەكچى بۋلغىنىدا، سىز بۇ مەسىلىنى بىلىدىغانلىقىڭىزنى ئۇنىڭغا چاندۇرماستىن، سۆزىگە قۇ الق سېلىشىڭىز لازىم. مانا بۇ، ئىسلام ئەخلاقىدۇر. ئەمما مۇنازىرە قىلىشىش، ئۆگىنىش قىلىش بۇنىڭغا ئۋخشىمايدۇ، ئۇنىڭدا بەس - مۇنازىرە بولىدۇ.

32 . سۆھبەتنىڭ ئەخلاقلىرىدىن بىرى شۇكى، سۆزلىگۈچىنىڭ

بۆلۈم: “32 . سۆھبەتنىڭ ئەخلاقلىرىدىن بىرى شۇكى، سۆزلىگۈچىنىڭ”

سۆزلىرىدىن سىز چۈشىنەلمىگەن مەسىلىلەر ھەققىدە سوئال قىلىشنى ئۇ كىشى سۆزىنى تۈگىتىپ بۋلغىچە قۋيۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇش پۇرسىتىنى بېرىڭ. شۇنىڭدەك، سۆھبەتتە ياكى قايسى بىر سۋرۇندا باشقىلار بىلەن ئۋلتۇرغاندا، ئۇلاردىن بى رى قايسىبىر مەسىلىدىن سۋرالسا، سىز ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىشكە ئالدىرىماڭ. ئەگەر سىزنىڭ رەيىڭىزنى سورىسا ياكى سۋئالنى سىزدىن سۋرىغان بولسا، بۇ ۋاقىتتا جاۋاب بەرسىڭىز بولىدۇ.

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.