1–10-ماقالىلەر: كەسىپ، كۆزقاراش ۋە تەپەككۇر
«ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىشىڭلارنى ياخشى كۆرىدۇ.» —ھەدىس شەرىپ
دۇنيادا بىرەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ، شۇ كەسىپ ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامداشتىن شەرەپلىك ۋە ياخشى ئىش يوقتۇر. بىر مۇئمىن ئۈچۈن تىرىكچىلىك يولىدا ئىشلەش ئىبادەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۆز مېھنىتى بىلەن ئىشلەپ يېگەندىن ياخشى تائام يوقتۇر [^1]» دەپ كۆرسەتكەن.
ئەڭ ياخشى كەسىپ قايسى؟
سىز ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۆز قىزغىنلىقىڭىز بىلەن قىلىدىغان كەسىپ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى كەسىپتۇر. بىر مۇئمىن ئۈچۈن جازانىخورلۇق، ھاراق، تاماكا سېتىش ياكى يۆتكەش دېگەندەك ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان كەسپلەردىن باشقا، دىنىمىزدا يول قويۇلغان تىرىكچىلىك كەسىپلىرىنىڭ ھەممىسى مۇھىم، ھەممىسى شەرەپلىك ۋە ھەممىسى ياخشىدۇر. شۇنداقتىمۇ، ھەربىر ئادەم ئۈچۈن ئۆزى قىزىقىدىغان ۋە بېجىرەلەيدىغان كەسىپ ئەڭ مۇناسىپ كەسىپتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق كۆرسەتكەن:
﴿تَبَارَكَ الَّذِي بِيَدِهِ الْمُلْكُ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ الَّذِي خَلَقَ الْمَوْتَ وَالْحَيَاةَ لِيَبْلُوَكُمْ أَيُّكُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا وَهُوَ الْعَزِيزُ الْغَفُورُ﴾
«(پۈتۈن كائىناتنىڭ) ھۆكۈمرانلىقى قولىدا بولغان ئاللاھ ئەڭ بۈيۈكتۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. ئۇ سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، ئۆلۈمنى ۋە ھاياتلىقنى ياراتقان [^2]».زاتتۇر دېمەك، ئەمەلنىڭ ئەڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن ئۇ ئەمەلنى سۆيۈپ ۋە قىزغىنلىق بىلەن قىلىش كېرەك. شۇنداق قىلمىغاندا ئەمەلنى ياخشى قىلغىلى بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىشىڭلارنى ياخشى كۆرىدۇ [^3]» دەپ كۆرسەتكەن. مەلۇمكى، ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىش ئۈچۈن ئۇ ئىشنى سۆيۈش ۋە ئۇنىڭغا قىزىقىش كېرەك.
ئەڭ ياخشى كەسىپنى قانداق تاللايسىز؟
ئۆزىڭىزگە مۇناسىپ ۋە ئەڭ ياخشى كەسىپنى تاللاشتا، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ شۇ كەسىپكە بولغان مايىللىقىڭزغا ۋە تالانتىڭىزغا قارايسىز. ئەگەر سىزدە ئاشۇ كەسىپنى قىلىشقا تەبىئىي مايىللىق ۋە يېتەرلىك قابىلىيەت بولسا ئۇنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. ناۋادا سىزئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ۋە بېجىرەلەيدىغان بىرەر كەسىپنى توغرا تاللىيالىسىڭىز، ئۆمۈر بويى يوقسۇللۇقتىن غەم قىلمايسىز. چۈنكى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ۋە قىلالايدىغان كەسىپنى قىلغىنىڭىزدا، ئۇنىڭدىن زېرىكمەيسىز، ئۇنى كۆڭۈل خۇشاللىقى بىلەن قىلىسىز. نەتىجىدە، بۇ كەسىپتە چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسىز.
ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان كەسىپنى قانداق بىلىسىز؟
ئۆزىڭىزنىڭ قايسى كەسىپنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى بىلمىسىڭىز تۆۋەندىكىچە ئىش كۆرسىڭىز بولىدۇ:
✦ بالىلىق چاغلىرىڭىزدا ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ۋە قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئىشلارنى خاتىرىلەپ چىقىڭ.
✦ سىز ئوڭايلا قىلالايدىغان، ئۆگىنىشكە ھاجىتىڭىز چۈشمەيدىغان ئىشلارنى خاتىرىلەپ چىقىڭ.
✦ تەڭتۈشلىرىڭىزدىن ئېشىپ كەتكەن ئىشلىرىڭىزنى ۋە ھازىرمۇ ئۇلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئىشلىرىڭىز نى خاتىرىلەپ چىقىڭ.
✦ ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن ئىشلىرىڭىزنى خاتىرىلەپ چىقىڭ.
يۇقىرىقىلار سىزنىڭ كەسىپ تاللىشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ، ئەمما باشقىلارنىڭ سىزنى ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان كەسىپلەرگە قىزىقتۇرۇش ئارقىلىق سىزنى خاتالىققا چۈشۈرۈپ قويۇشىغا يول قويماڭ. چۈنكى، بىرەر كەسىپ پالانى ئۈچۈن ياخشى بولغان بىلەن، سىز ئۈچۈن ياخشى تاللاش بولماسلىقى مۇمكىن. ھەربىر ئىنسان بىر ئالەم، ھەربىر ئادەمنىڭ قىزىقىشى ۋە تالانتى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا، سىز ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان ۋە ھۆددىسىدىن چىقىشقا ئۆزىڭىز ئىشىنىدىغان كەسىپنى تاللىشىڭىز ئاقىلانىلىقتۇر.
ئەپسۇسكى، بەزى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ قىزىقىشىغا ۋە ئىقتىدارىغا ئېتىبار بەرمەستىن، ئۇلارغا ئۆزلىرى كەسىپ تاللايدۇ، ھەتتا ئۆزلىرى يېتەلمىگەن ئارزۇلىرىنى پەرزەنتلىرىنىڭ ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشىنى خالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۇلار خالىمايدىغان كەسىپلەرنى قىلىشقا، ياخشى كۆرمەيدىغان پەنلەردە ئوقۇشقا مەجبۇرلايدۇ. ئاخىرىدا، پەرزەنتلەر نەتىجە قازىنالمايدۇ. چۈنكى، ئىنسان ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلمىسا، ئۇ ئىشتا نەتىجە قازىنالمايدۇ.
✦ ھېچكىم سىزگە دۇنيادىكى ئەڭ ئەۋزەل كەسىپنى دەپ بېرەلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ سىزنىڭ مايىللىقىڭىز ۋە ھاجىتىڭىزگە قاراپ تاللىنىدۇ.
✦ سىزگە مۇناسىپ كەسىپ ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ۋە ھاجىتىڭىزدىن چىقىدىغان كەسىپتۇر.
✦ ئىقتىدارىڭىز يېتىدىغان ۋە سىز ياقتۇرغان كەسىپ ئەڭ ياخشى كەسىپتۇر.
- ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى.
- مۇلۈك سۈرىسى: ئايەت2۔1 ۔.
- ئىمام تەبەرانى رىۋايىتى.
«ئىنسانلار ھېچقاچان بىرەر تەنقىدچىنىڭ ھەيكىلىنى تىكلىگەن ئەمەس.» —جان سىبېلىيۇس.
ھېچكىم تەنقىدلىمىسۇن دېسىڭىز، ھېچ ئىش قىلماڭ!
بۇنى دىنى ئۈچۈن، خەلقى ئۈچۈن، ۋەتىنى ئۈچۈن ئىش قىلغان ۋە بۇ يولدا كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، ئاندىن ناھەق تەنقىدلەرگە ئۇچرىغان ھەرقانداق ئادەم چۈشىنىدۇ. لېكىن ئۇلار توختاپ قالمايدۇ، تەنقىدچىلەرنىڭ، ھەسەتخورلارنىڭ ئۇلارنى توختىتىشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بەرمەسلىك ئۈچۈن، بۇرۇنقىدىن بەكرەك تىرىشىدۇ. چۈنكى، ئۇلارمۇ بىلىدۇكى، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت۔سائادىتى ئۈچۈن باش قاتۇرغان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغان كىشىلەرنىڭ ھېچبىرى تەنقىدچىلەر بىلەن ھەسەتخورلارنىڭ زەھەرلىك ئىپلاس تىلىدىن ساقلىنىپ قالمىغان، ھەتتا كەمچىلىكلەردىن پۈتۈنلەي پاك پەيغەمبەرلەرمۇ شۇنداق بولغان.
تەنقىدلەش ۋە ئەيىبلەش دېگەن تولىمۇ ئوڭاي ئىش، بۇنى ھەركىم قىلالايدۇ، ئەمما نەتىجە يارىتىش ناھايىتى قىيىن ئىش، ئۇنى ھەركىم قىلالمايدۇ. بىرەر كىتابنى ياكى بىرەر ئىلمىي ماقالىنى تەنقىدلەش ناھايىتى ئوڭاي، بۇنىڭ ئۈچۈن بەش مىنۇتمۇ ۋاقىت كەتمەيدۇ، ئەمما بىرەر كىتابنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن يىللار كېتىدۇ، بەزىدە بەش يىل، بەزىدە ئون ياكى يىگىرمە يىل كېتىدۇ، بەزىدە بىرەر ئىلمىي ماقالىنى يېزىش ئۈچۈن ئايلار كېتىدۇ.
مەيلى ئىلمىي ياكى ماددىي قانداقلا بىر خىزمەتنى ياكى بىرەر ياخشى ئىشنى تەنقىدلەش ناھايىتى ئوڭاي، ئەمما ئۇنىڭدىن ياخشىراقىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئوڭاي ئەمەس. بۇ يەردە مۇنداق بىر سوئال كېلىدۇ: ناۋادا سىز تەنقىدلىگەن ئاشۇ ئىشقا ئۆزىڭىز مەسئۇل بولغان بولسىڭىز، ئۇنىڭدىن ياخشىراقىنى قىلالامتىڭىز؟ بۇنى ھەربىر تەنقىدچى ئۆز ۋىجدانىدىن سورىشى لازىم.
تەنقىد — كەمچىلىك ۋە يېتەرسىزلىكلەر كۆرسىتىپ بېرىلگەن پىكىر دېگەنلىكتۇر. تەنقىد ھاياتىمىزدىكى كۆپلىگە ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئىلمىي ياكى ئەدەبىي ئەسەر، شېئىر، نۇتۇق، سىياسەت، سەنئەت، دىنىي مەسىلە، كۆزقاراش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە بولىدۇ.
ئىجابىي تەنقىد— باشقىلاردىن سادىر بولغان ئىش ۔ ھەرىكەت، گەپ – سۆز ۋە كۆزقاراش قاتارلىقلارغا ھەققانىي ۋە توغرا باھا بېرىش دېگەنلىك بولۇپ، ئىجابىي تەنقىد شەخسلەرنى ۋە كوللېكتىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تېخىمۇ ياخشى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن قىلىنىدۇ. ئىجابىي تەنقىد كىشىلەرنىڭ نىيىتى ياكى ئوي۔خىيالى بىلەن ھېسابلاشماستىن، مەزكۇر مەسىلە ئۈستىدىلا بولىدۇ. ئىجابىي تەنقىد كىشىلەرنى سازايى قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، ئۇلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۆزىگىلا قىلىنىدۇ. ئىجابىي تەنقىد ئىشلارنىڭ تەلەپكە لايىق شەكىلدە ئېلى پ بېرىلىشى ۋە ئىجابىي نەتىجىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۈچۈن تولىمۇ پايدىلىقتۇر. ئىجابىي تەنقىد سەمىمىي نەسىھەتتۇر. ئىمام شافىئىي تەنقىد ۋە نەسىھەت ھەققىدە مۇنداق دېگەنىكەن: «بىراۋغا مەخپىي ھالدا نەسىھەت قىلغان ئادەم ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلغان بولىدۇ، بىراۋغا كىشىلەرنىڭ ئالدىدا نەسىھەت قىلغان ئادەم ئۇنى سۆككەن ۋە ئۇنى چۈشۈرگەن بولىدۇ ».
سەلبىي تەنقىد— شەخس ۋە كوللېكتىپنى يىقىتىش، تەرەققىي قىلىشىنىڭ ۋە گۈللىنىشىنىڭ ئالدىنى توسۇش ئۈچۈن ئېلى پ بېرىلىدىغان ئۆچ-ئاداۋەت، ھەسەت ۋە دۈشمەنلىك خاراكتېرلىك قىلمىش بولۇپ، ئۇ بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئۆزىدۇر. سەلبىي تەنقىدچىلەر ئادەتتە باشقىلاردىن كەمچىلىك ئىزدەش، ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن بارچە ئىقتىدارىنى ۋە ئەقلىي كۈچىنى ئىشلىتىدۇ. ئۇلار نەتىجە قازانغان شەخسلەر ياكى جامائەتلەرنى ئەيىبلەشتە ئۇلارنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە يۆگەيدۇ، كەمچىلىكلىرىنى ۋە خاتالىقلىرىنى بولسا كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. سەلبىي تەنقىدچىلىككە تۈرتكە بولىدىغان ئامىللار كۆپتۇر. ئەمما ئەڭ ئالدىنقىسى ھەسەت بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ھەسەت دېگەن شۇنداق كۈچلۈك قوزغاتقۇچكى، ئۇ ھەسەتخورنىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇرىدۇ، كۆڭلىنى ئازابلايدۇ، ھەسەتنىڭ ئوتى ئۇنىڭ يۈرىكىنى كۆيدۈرىدۇ، بىرلىرىنى غاجىۋالمىغۇچە ئۇنىڭ كۆڭلى قەتئىي ئارام تاپمايدۇ.
بىرەر ئىشنى قىلىشقا كىرىشكىنىڭىزدە، سىزگە قارشى تەنقىدچىلەر ۋە ھەسەتخورلار تەرەپ-تەرەپتىن يېغىپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ تىل ۋە تۆھمەتلىرى توختىمايدۇ. بۇ چاغدا سىزدە يا ئىشىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇش ياكى توختاپ قېلىشتىن ئىبارەت ئىككىلا تاللاش قالغان بولىدۇ. ئەگەر سىز ئىككىنچىسىنى تاللاپ توختاپ قالماقچى بولسىڭىز، سىزگە تۆۋەندىكىلەرنى تەۋسىيە قىلىمەن:
✦ ھېچ خاتالاشماڭ ۋە ھەمىشە توغرىسىنى قىلىڭ.
✦ ئادەم يوق يەردە ياشاڭ، ھېچكىمگە كۆرۈنمەڭ.
✦ ھاياتتا ھېچقانداق بىر ئىشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈسىتىڭىزگە ئالماڭ.
✦ ھەممىلا ئادەمنى رازى قىلىدىغان گەپلەرنى لا قىلىدىغان مۇناپىقلىقنى ئۆگىنىڭ.
✦ ئىرادىڭىزدىن ۋاز كېچىپ باشقىلارنىڭ خاھىشى بويىچە ئىش كۆرۈڭ.
✦ يېڭىلىق يارىتىشتىن ۋاز كېچىڭ ۋە بۇرۇنقىلارنىڭ ئەقلى بويىچە مېڭىڭ.
✦ تەنقىدتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھېچ نەرسە يازماڭ ۋە سۆزلىمەڭ.
✦ سىز يۇقىرىقىلارنى تاللىغان تەقدىردىمۇ تەنقىدلەردىن ساقلىنىپ قالالامسىز؟
ئەگەر جاۋابىڭىز «ياق» بولسا، «ئىنسانلارنى رازى قىلىش مۇمكىن ئەمەس» دېگەن ھېكمەتگە قايىل بولۇڭ ۋە يولىڭىزدىن ھەرگىز قايتماڭ.
✦ تارىخ تەنقىدچىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى خاتىرىلىمەيدۇ، ھېچقاچان بىر تەنقىدچىنىڭ ھەيكىلى تىكلەنگەن ئەمەس.
✦ تەنقىدنى ھەركىم قىلالايدۇ، ھەتتا دۆتلەرنىڭمۇ قولىدىن كېلىدۇ.
✦ تەنقىدتىن قورقسىڭىز، ھېچ ئىش قىلماڭ. بۇ تارىخنىڭ سىزنى قورقۇنچاق دەپ خاتىرىلەپ قويۇشىغا يېتىدۇ.
« ئىسىت! مەن پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟.» —فۇرقان سۈرىسى 28: ۔ئايەت. نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ مېڭىسىنى ئۆزىڭىز يۇيۇشىڭىز كېرەك؟ چۈنكى، ئەگەر ئۆزىڭىز يۇمىسىڭىز، سىز ئۈچۈن يۇيۇپ قويىدىغانلار بار. ئۇ چاغدا سىزنىڭ مېڭىڭىز سىزگە ئائىت بولماي، ئۇنى يۇيۇپ، تولدۇرغان كىشىلەرگە ئائىت بولۇپ قالىدۇ. مېڭىمىز ھەر زامان باشقىلارنىڭ كۆزقاراشلىرىنى، كۆرسەتمىلىرىنى ۋە پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلىشقا تەييار بولۇپ، ناھايىتى ئوڭايلا قوبۇل قىلىدۇ. ئەگەر بىز بارچە مەلۇماتلىرىمىز ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىدىغان بولساق، بىز بىلىدىغان ۋە ئېتىقاد قىلىدىغان نەرسىلەردىن نىڭ99% باشقىلارنىڭ ئەقلىدىن ئېلىنغانلىقىنى كۆرىمىز. بىز ئىنسانلاردىن ئايرىلىپ ياشىيالمايمىز ياكى ئۇلارنىڭ تەسىرىنى ئۆزىمىزدىن توسالمايمىز. شۇڭا كۈندە ئىختىيارسىز ھالدا دوستلاردىن، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەردىن ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن نۇرغۇن تەسىراتلارنى قوبۇل قىلىمىز. چۈنكى، بىزدىكى يوشۇرۇن ئاڭ بۇلارنى تېز قوبۇل قىلىشقا ھازىر شارائىتتا تۇرىدۇ. مېڭىڭىزنى قانداق يۇيىسىز؟ ئۆزىڭىزنىڭ مېڭىسىنى ئۆزىڭىز يۇيۇشىڭىز ۋە ئۇنى سىرتتىن قوبۇل قىلىۋلغان سەلبىي تەسىرلەردىن تازىلىشىڭىز ئۈچۈن، ھەر كۈنى ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈشىڭىز، كۆزقاراش، پىكىر، تەۋسىيە، باھا، ھۆكۈم قاتارلىق مېڭىڭىز سىرتتىن قوبۇل قىلغان ھەرقانداق نەرسىنى ئەقىل، مەنتىق، قىممەت قاراش ۋە دىنىي تەربىيەنى ئاساس قىلغان ھالدا ئانالىز قىلىشىڭىز لازىم. كۈندە مەلۇم ۋاقىت چىقىرىپ، تەپەككۇر قىلىش، كۆزىڭىزنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئويلاش ۋە ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۈتۈن بىر كۈنلۈك ئىشلارنى ۋە ۋەقەلەرنى ئويلاپ چىقىپ، ئىجابىيلىقلارنى ئېلىپ قېلىپ، سەلبىيلىكلەرنى مېڭىڭىزدىن تازىلاپ چىقىرىشىڭىز لازىم. بۇنىڭدىن باشقا، ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ ئۆزىڭىزگە گەپ قىلىش، كۆزلىرىڭىزنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئىجابىي سۆزلەرنى ئۆزىڭىزگە دېيىشمۇ مېڭىڭىزنى يۇيۇشىڭىزغا ياردەمچى بولىدۇ. ئىبرەت: ■ مېڭىمىز ھەمىشە پىكىر ئۇرۇشى ئىچىدە تۇرىدۇ. ئەگەر سىز مەۋقەيىڭىزنى ئېنىق بەلگىلىمىسىڭىز، سەلبىي تەرەپنى قوبۇل قىلىۋالىسىز. ■ بىزنىڭ كۆزقارىشىمىز كىملىكىمىزنى بەلگىلەپ قويىدۇ، ئەگەر مېڭىڭىزنى ئۆزىڭىز يۇمىسىڭىز، جەمئىيەت ئۇنى يۇيۇپ قويىدۇ. ■ ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز نەسىھەت قىلىشىڭىز سىزنى ئىچكى جەھەتتىن ئۆزگەرتىپ، سىرتتىكىلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگىتىدۇ.
«ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئىنسانلارغا ئەڭ پايدىلىق بولغىنىدۇر.» —ھەدىس شەرىپ
سىزنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىڭىز ئۆزىڭىزدىكى بېغىشلاش روھىغا باغلىقتۇر. ئۆزىنىلا ئەمەس، باشقىلارنىمۇ ئويلايدىغان، بېغىشلاشنى بىلىدىغان، ياردەم قىلىدىغان ئادەم مۇھىم ئادەمدۇر. بۇنداق ئادەملەرنى خەلق قەدىرلەيدۇ، كۆرۈنمەي قالسا ئىزدەيدۇ، يوقلۇقى چوڭ بىر بوشلۇقنى قالدۇرىدۇ. شۇڭا مەشھۇر شەخس بولۇش مۇھىم ئەمەس، مۇھىم شەخس بولۇش مۇھىمدۇر. مۇھىم شەخسلەردىن كىشىلەر بىھاجەت بولالمايدۇ، ئۇلارنى ئىزدەپ بارىدۇ، ھۆرمەتلەيدۇ، ئالاھىدە سورۇنلىرىغا تەكلى پ قىلىدۇ، ئۇلاردىن مەسلىھەت سورايدۇ. قىسقىسى، مۇھىم ئادەم ئۆزىدىكى بېغىشلاش روھى بىلەن ھەم ئۆزىنى ھەم باشقىلارنى خۇشال قىلالايدىغان قىممەتلىك ئادەمدۇر.
شۇڭا ماركا بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، ئاۋۋال ئىنسان، ئاندىن مۇھىم ئادەم بولۇش ئۈچۈن تىرىشىڭ. چۈنكى، پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدىغان ھېچقانداق ماركا يوقتۇر. مەشھۇر ئادەم بىر زامان پارلاپ ئۆچۈپ قالىدۇ، ئەمما مۇھىم ئادەم ئۇنتۇلمايدۇ، ھەر زامان ئەسلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا دۇئا قىلىنىدۇ.
ئەپسۇسكى، ئەتراپىمىزدا شۇنداق ئىنسانلار باركى، بارلىقى ھېچكىمگە ۋە ھېچنەرسىگە يېڭىلىق قوشالمايدۇ، يوقاپ كەتسە ھېچكىم ئىزدىمەيدۇ، زېمىنغا يۈك بولۇشتىن باشقا ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ. شۇڭا ئالىملاردىن بىرى: «بەزى ئىنسانلارنىڭ قەبرىسىگە › 30 ياشتا ۋاپات بولدى، 60 ياشتا دەپنە قىلىندى› دەپ يېزى پ قويۇش كېرەك» دېگەن ئىكەن.
ئۆزىڭىزنىڭ مۇھىم شەخس ئىكەنلىكىڭىزنى قانداق بىلىسىز؟
ئەگەر سىزدە تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكلەردىن بىرەرسى ياكى بىر قانچىسى تېپىلسا ئۆزىڭىزنى مۇھىم شەخس دەپ بىلسىڭىز بولىدۇ:
✦ ئىش ئورنىڭىزدا ئىشقا كېلەلمەي قالسىڭىز ياكى دەم ئېلىشتا بولسىڭىز ئىشلار بۇرۇنقىدەك يۈرۈشمىسە،
✦ باشلىقىڭىز سىزگە تۇيۇقسىز مۇكاپات بەرسە ياكى مەنسىپىڭىزنى ئۆستۈرسە،
✦ كىشىلەر سىزنى ئىزدەپ تۇرسا، مەسلىھەت سورىسا، دوستلىرىڭىز ۋە باشلىقىڭىز قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا سىزنىڭ مەسلىھەتىڭىزنى ئالسا،
✦ ئىش ئورنىڭىزدا ھەمىشە سىزگە مۇھىم ئىشلار تاپشۇرۇلسا،
✦ قوشنىلار، تۇغقانلار، دوستلار ھەمىشە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولۇشىڭىزدىن سۆيۈنسە.
✦ قىممەت يارىتىدىغان ئىشلارنىڭ بېشىدا بېغىش لاش كېلىدۇ.
بېغىشلىيالىغان ئىنسان مۇھىم ئىنساندۇر.
✦ ھاياتتىكى قىممىتىڭىز ھاياتقا ۋە ئىنسانلارغا تەقدىم قىلالىغىنىڭىزغا قاراپ ئۆلچىنىدۇ.
✦ يۇقىرى ئىش ھەققى تەلەپ قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى بىھاجەت بولغىلى بولمايدىغان ئالاھىدە ئىنسان قىلى پ يېتىشتۈرۈڭ.
« كىشىلەرگە گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىل.» —ھەدىس شەرىپ. ئۆلىمالار دەيدۇكى، «ئىنسانلارغا ئۇلارنىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ ئەقلاقىڭىز بويىچە مۇئامىلە قىلىڭ». بۇ كۆڭلى
۔كۆكسى كەڭ، كەچۈرۈمچان كىشىلەرنىڭ ئادىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بېشىدا پەيغەمبەرلەر كېلىدۇ. پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىگە يامانلىق قىلغانلارنى كەچۈرۈۋەتكەنلىكى ۋە ئۇلارغا ئاللاھ تائالادىن ھىدايەت تىلەپ دۇئا قىلغانلىقى بۇنىڭ مىسالى.
ناۋادا ئىنسان بىراۋلارغا ئۇلارنىڭ قىلغان ناچار مۇئامىلىسىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلسا، ئۇنىڭ باشقىلاردىن ھېچقانداق پەرقى قالمىغان ۋە ئۆزىنىڭ ئەخلاقىنى باشقىلارنىڭ ئەخلاقىغا بويسۇندۇرغان بولىدۇ. شۇڭا ياخشى مۇئامىلە پۈتۈن دىنلاردا ۋە بارلىق مىللەتلەردە تەقدىرلىنىدىغان گۈزەل ئەخلاقتۇر.
ئۈلگىلىك مۇئمىنلەر نادانلار بىلەن ۋە ئەدەپ۔ئەخلاقتىن نېسىۋىسى بولمىغانلار بىلەن تەڭ بولمايدۇ، ئۆزىگە ئەدەپسىزلىك قىلغانلارغىمۇ تائالانىڭ ئەدەپ – ئەخلاق ئۇلارنىڭ بىلەن ئەخلاقىنى مۇئامىلە بايان قىلىدۇ. قىلغان قۇرئان. كەرىم بىزگە ئاللاھ
﴿وَعِبَادُ الرَّحْمَٰنِ الَّذِينَ يَمْشُونَ عَلَى الْأَرْضِ هَوْنًا وَإِذَا خَاطَبَهُمُ الْجَاهِلُونَ قَالُوا سَلَامًا﴾
«رەھمان ئاللاھنىڭ (ئۈلگىلىك) بەندىلىرى زېمىندا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ تەمكىنلىك بىلەن ماڭىدۇ، نادانلار ئۇلارغا (نالايىق ) سۆزلەرنى قىلسا، ئۇلار: «ئامان بولۇڭلار» دەيدۇ (يەنى گۈزەل سۆزلەرنى قىلىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.[^1]») بىراۋنى ياخشى كۆرۈش بىلەن ئۇنىڭغا گۈزەل ئەخلاق دائىرىسىدە مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بار. چۈنكى، سىزنىڭ ھەممىلا ئادەمنى ياخشى كۆرۈش مەجبۇرىيىتىڭىز يوق، ئەمما ھەممىلا ئادەمگە ئۆزىڭىزگە خاس گۈزەل ئەخلاق، ۋايىغا يەتكەن ئەدەپ ۋە ئادالەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش مەجبۇرىيىتىڭىز بار. بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن سىزنىڭ ئەخلاقىڭىز ۋە قىممەت قارىشىڭىز شۇنداق قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ.
كەچۈرۈش كارامەتلەرنى يارىتىدۇ ئاللاھ تائالا بىزگە:
﴿وَلَا تَسْتَوِي الْحَسَنَةُ وَلَا السَّيِّئَةُ ۚ ادْفَعْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ فَإِذَا الَّذِي بَيْنَكَ وَبَيْنَهُ عَدَاوَةٌ كَأَنَّهُ وَلِيٌّ حَمِيمٌ﴾
«ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ. (سەن يامانلىققا) ئەڭ ياخشى خىسلەت بىلەن تاقابىل تۇرغىن. (شۇنداق قىلساڭ) سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ [^2]» دەپ تەلىم بەرگەن. بىزنىڭ يولباشچىمىز ۋە ئۈلگىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ تەلىماتقا تولۇق ئەمەل قىلىپ نەتىجە قازانغان زاتتۇر. ئۇنىڭ مەككە پەتھى قىلىنغان كۈنىدە، بۇرۇن ئۆزىنى ۋە ساھابىلىرىنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە ئۇلارغا چىدىغۇسىز زۇلۇملارنى سالغان ئەرەب مۇشرىكلىرىنىڭ بارلىق يامانلىقلىرىنى كەچۈرۈۋەتكەنلىكى سايىسىدا ئۇلارنىڭ قەلبى بىردىنلا ئىسلامغا مايىل بولۇپ ھەممىسى دېگۈدەك مۇسۇلمان بولغان. چۈنكى، شۇ كۈندە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇن مۇسۇلمانلارغا قىلغان يامانلىقلىرىنى ئويلاپ، كۆڭۈللىرىدە «مۇسۇلمانلار بىزنى ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ» دەپ ئويلىغان ۋە قاتتىق چارىسىزلىكتە باشلىرىنى ئېگىپ تۇرغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «بولدى، قايتىڭلار، سىلەر ئەمدى ئەركىنسىلەر، بۈگۈن سىلەرگە كايىش يوق، ئاللاھ مېنى ۋە سىلەرنى كەچۈرسۇن!» دېگەن مۇبارەك سۆزى ئۇلارنىڭ دىللىرىنى يورۇتۇۋەتكەن ئىدى.
پەيغەمبىرىمىز ئەمەل قىلىپ كۆرسەتكەن بۇ پىرىنسىپ بويىچە ئىش كۆرگەن ئادەم غەلىبە قىلماي قالمايدۇ، بۇنداق ئادەم ئۆزىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ۋە گۈزەل ئەخلاق ساھىبى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئارقىلىق ھەركىمنى ۋە پۈتۈن دۇنيانى قايىل قىلالايدۇ. گەندىينىڭ سەۋرچانلىق بىلەن تىنچلىق يولىنى تۇتۇپ ئىنگىلىزلارنى ھىندىستاندىن قانداق چىقارغانلىقى ۋە مىليونلارچە كىشىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغانلىقى، نېلسون ماندېلانىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدا ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئىرقىي ئايرىمچىلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرۈشىدە كەچۈرۈمچانلىقنى ئاساس قىلغانلىقتىن قانداق غەلىبە قىلغانلىقى بۇنىڭ مىسالى.
كەچۈرۈش شۇنداق كۈچلۈك نەرسىكى، ئۇ قىساسنى ئەمەلدىن قالدۇرالايدۇ، ئىنتىقام ئوتىنى ئۆچۈرەلەيدۇ، دۈشمەنلىكنى دوستلۇققا ئۆزگەرتەلەيدۇ.
✦ سىز ھەممىلا ئادەمنى ياخشى كۆرۈشكە مەجبۇر ئەمەس، ئەمما ھەممىلا ئادەمگە ئەدەپ۔ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىش مەجبۇرىيىتىڭىز بار.
✦ دۇنيادا قىساسنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان، ئىنتىقام ئوتىنى ئۆچۈرىدىغان، دىللارغا ئىگە بولالايدىغان كەچۈرۈمدەك بىر خىسلەت يوقتۇر.
✦ ياخشى مۇئامىلە شارائىت ياكى ئىمكانىيەت تەلەپ قىلمايدۇ.
چۈنكى، ئۇنى ھەركىم قىلالايدۇ.
- فۇرقان سۈرىسى: ئايەت63 ۔.
- فۇسسىلەت سۈرىسى ئايەت34: ۔.
«مەن ھاياتىمنىڭ مۇدىرى، روھىمنىڭ يولباشچىسى.» —نېلسون ماندېلا ھاياتتا مۇستەقىل بولۇڭ، بىراۋنىڭ سايىسى بولۇپ ياشىماڭ. تەسىر كۆرسىتىشنى ۋە تەسىرلىنىشنى بىلىڭ، ئەمما باشقىلارنىڭ رايىدا ئېرى پ كەتمەڭ. ئەقىل، پاراسەت ۋە ھېكمەت ئىگىلىرىگە ئەگىشىڭ، ئەمما پادىدىكى قوي كەبى بولماڭ. ھېكايىدىكى قەھۋەگە ئوخشاش ھاياتتا تەىسر كۆرسىتىدىغان بولۇڭ، تۇرغان ۋە بارغا يېرىڭىزدە تەسىر قالدۇرۇڭ، كۈنلەرنىڭ بۇزۇپ قويغانلىرىنى تۈزەپ مېڭىڭ. بىر ئانا بالىلىرىغا ھاياتلىق دەرسى بەرمەكچى بولۇپ، ئۈچ قاچىغا سۇ تولدۇرۇپ ئوچاققا قويۇپتۇ. بىرىنچى قاچىغا سەۋزە، ئىككىنچى قاچىغا تۇخۇم، ئۈچىنچى قاچىغا قەھۋە سېلىپ قاينىتىپتۇ. سۇ قاينىغاندىن كېيىن، بالىلىرىغا مۇنداق دەپتۇ: «بالىلىرىم! ئوت بىزنىڭ كۈندىلىك ھاياتىمىزدا ئالدىمىزغا چىقىپ تۇرىدىغان قىيىنچىلىقلارغا ئوخشايدۇ. ئىنسانلار مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى، خۇددى قاينىغان سۇدا ئۆزىنىڭ قاتتىقلىقىنى يوقاتقان سەۋزىدەك قىيىنچىلىقلار ئالدىدا ئاجىزلاپ كېتىدىغانلاردۇر. يەنە بىرى، خۇددى قاينىغان سۇدا قاتتىقلىشى پ كەتكەن تۇخۇمدەك قىيىنچىلىقلار بىلەن كۈچلىنىدىغانلاردۇر. ئۈچىنچىسى، خۇددى سۇنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن قەھۋەگە ئوخشاش تەسىر كۆرسىتىدىغانلاردۇر.»
ھايات مۇساپىڭىز ئۈچۈن ئۆز خەرىتىڭىزنى ئۆزىڭىز سىزىڭ، ھەر ئىشتا ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىڭ ۋە ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ، ئۆز كۈچىڭىزگە ۋە ئۆز ئىقتىدارىڭىزغا ئىشىنىڭ. باشقىلارنىڭ تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىڭ، مەسلىھەتلىرىنى ئېلىڭ، ئەمما قانداق قىلىشنى ئۆزىڭىز قارار قىلىڭ. چۈنكى ھاياتتا ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز خەرىتىسى بولىدۇ. سىز ئۆز تارىخىڭىزنى ئۆزىڭىز يېزىڭ، ئۆز مۇنارىڭىزنى ئۆزىڭىز تىكلەڭ. چۈنكى، بۇ ئىشلارنى ھېچكىم سىز ئۈچۈن قىلىپ بەرمەيدۇ.
✦ ھەر ئىشتا ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىڭ ۋە ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ.
✦ ئىچىڭىز قورام تاشتەك مۇستەھكەم، تېشىڭىز ئېقىن سۇدەك ھەرىكەتچان بولسۇن.
✦ مەسلىھەتنى كۆپ ئېلىڭ، ئەمما قارارنى ئۆزىڭىز قىلىڭ.
«ئاللاھ گۈزەلدۇر، گۈزەللىكنى سۆيىدۇ.» —ھەدىس شەرىپ بىر تال قۇم دانىسىدە دۇنيانى، بىر تال چېچەكتە فىردەۋسنى كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن، بۇ پايانسىز ئالەمنى ئالىقىنىڭىزغا قويۇڭ ۋە ھەر سائىتىڭىزدە مەڭگۈلۈك ھاياتنى ياشاڭ. —ۋىليام بىلېيك ھايات گۈزەل، دۇنيا گۈزەل. گۈزەللىكلەرنى كۆرەلەيدىغان كۆز ۋە ئۇنى ھېس قىلالايدىغان قەلب بولسىلا بۇ دۇنيادا گۈزەل شەيئىلەر بەك كۆپتۇر. گۈزەللىكلەر خۇشاللىقنىڭ ۋە بەخت-سائادەتنىڭ ئەلچىسى بولۇپ، ئۇنى ھاسىل قىلىش تولىمۇ ئوڭاي. چۈنكى، ئۇ ھەمىشە مەۋجۇت، بىز نەگە بارايلى، ئۇ ئەتراپىمىزدا بار. بىزدىن كېتىدىغىنى پەقەتلا سۆيىدىغان قەلب ۋە ھاياتقا ئاشىق روھتۇر. گۈزەللىكلەر ئىنسانلارنىڭ مېجەزىنى تەڭشەيدۇ، كۆڭلىنى خۇشال قىلىدۇ، ئۇلارغا ئىلھام بېغىشلايدۇ. شۇڭا گۈزەللىكلەر قەدىمدىن بېرى شائىرلارنىڭ ۋە سەنئەتكارلارنىڭ ئىلھام مەنبەسى بولۇپ كەلگەن. گۈزەل شەيئىلەر ھەمىشە بىزنى قورشاپ تۇرغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئارقىسىدا بولۇپ، ئۇلارنى كۆرۈش ئۈچۈن، سۈزۈك قەلبلەرگە ۋە ئۆتكۈر كۆزلەرگە موھتاجمىز. گۈزەللىكلەرنى سۆيۈش ھەربىر ئىنساندا تۇغۇلۇشتىن بار بولغان تەبىئىي خىسلەت بولۇپ، گۈزەل شەيئىلەرگە قاراپ زوقلىنىشنى مەشق قىلغانسېرى بۇ خىسلەت كۈچلىنىدۇ۔دە، ئادەم ئۆزىدە ھەربىر ئىنساننىڭ ۋە ھەر شەيئىنىڭ گۈزەل تەرەپلىرىنى كۆرۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرىدۇ. ئېيتىلىشىچە، ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ھەمراھلىرى بىلەن كېتىپ باراتتى، ئۇلار يولدا بىر ئىتنىڭ جەسىتىنى ئۇچرىتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ھەمراھلىرى جەسەتنىڭ سېسىقلىقىدىن بۇرۇنلىرىنى يۆگەپ تۇرۇپ، سەسكىنگەن ھالدا ‹بۇ نېمىدېگەن چىرىپ كەتكەن جەسەت ›! دېيىشكەندە، ئىيسا ئەلەيھىسسالام: ‹قاراڭلار، ئۇنىڭ مەرۋايىتتەك چىشلىرى بار ئىكەن› دەيدۇ. بۇ يەردە ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ جەسەتكە قارىتا بېقىشى ئوخشاش بولمىغان بولۇپ، ئىيسا ئەلەيھىسسالام جەسەتنىڭ گۈزەل تەرىپىگە قارىغان بولسا، ھەمراھلىرى ئۇنىڭ چىرىگەن تەرىپىگە قارىغان. بىزدە ھەر شەيئىنىڭ گۈزەل تەرەپلىرىنى كۆرۈش ئادىتى يېتىلگەندە، بىز بەزى ئىنسانلارنىڭ ئەدەپسىزلىكىنى ۋە تەنتەكلىكىنى ئەپۇ قىلىۋېتىدىغان، كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ تېتىقسىز تەرەپلىرىنى ۋە غەملىرىنى ئۆزىمىزدىن يەڭگىللىتىدىغان كۈچكە ئىگە بولىمىز. كاشكى، سېھىرلىك بىر قول ياغلىقىمىز بولسا، سۆيۈشنى بىلمىگەن قەلبلەردىكى داغلارنى ۋە گۈزەللىكلەرنى كۆرەلمىگەن كۆزلەردىكى چاڭ۔توزانلارنى ئۇنىڭ بىلەن سۈرتۈپ چىقىرىۋەتسەك. ئىبرەت: ■ دۇنيادا گۈزەل شەيئىلەر ناھايىتى كۆپتۇر، ئەمما ھەممىلا ئادەم ئۇلارنى كۆرەلمەيدۇ. ■ گۈزەللىكلەر ئىنسانلارغا گۈزەل ئىلھاملارنى ئاتا قىلىدۇ. ■ سۆيۈشنى بىلىدىغان قەلب بىلەن ھاياتقا ئاشىق روھ لا بولىدىكەن، دۇنيادا گۈزەل شەيئىلەر بەك كۆپ، كۆرگىلى بولىدۇ.
« ھەربىر بىلىملىكنىڭ ئۈستىدە ئۇنىڭدىنمۇ بىلىملىك بىرى بار.»
يۈسۈف سۈرىسى: 76 ۔ ئايەت.
ئۆز ئەقلىڭىز بىلەن يەتكەن نەتىجىڭىز باشقىلار بەرگەن پىكىر ۋە كۆزقاراشلاردىن كۈچلۈك بولىدۇ. ئەمما نەتىجە بىلەن قانائەت ئوتتۇرىسىدا پەرق بار. سىز ئۆزىڭىز پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق يەتكەن نەتىجىڭىز ناۋادا باشقىلار تەرىپىدىن خاتا دەپ قارالغان بولسىمۇ، سىز ئۇنى بار كۈچىڭىز بىلەن مۇداپىئە قىلىسىز. بۇ نەتىجە يا توغرا بولۇپ سىزگە خىزمەت قىلىدۇ ياكى خاتا بولۇپ سىزگە زىيانلىق بولىدۇ. ئەمما كۆپ ۋاقىتلاردا سىز بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقىنى ئايرىيالمايسىز. بەزىدە پۇرسەت كېتىپ قالغاندىن كېيىن، ئۆزىڭىزنىڭ خاتالاشقانلىقىنى بىلى پ پۇشايمان قىلىسىز، بۇنداق پۇشايماندىن ساقلىنىش ئۈچۈن، پىكىردە، نەتىجە چىقىرىشتا كەمتەرلىك يولىنى تۇتۇش كېرەك. شۇنىڭدەك سىزنىڭ شەخسىي قانائىتىڭىزگىمۇ ئىجتىھاد ياكى ئۇرۇنۇش دەپ قاراپ، كېرەك بولسا ئۇنى ئۆزگەرتىشىڭىز لازىم. چۈنكى خاتالىقنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرۇش ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان زىيان۔زەخمەتلەرگە سەۋەب بولىدۇ. شۇڭا ئىمام شافىئىي «زامان مېنى ئەدەپلىگەنسېرى ئۆزۈمنىڭ نادانلىقىنى بىلىۋالىمەن، قانچىلىك كۆپ بىلىم ئالغانسېرى ئۆزۈمنىڭ جاھىللىقىنى بىلىپ يېتىمەن» دېگەنىكەن.
دۇنيادا ئۆز پىكرىنىڭ خاتالىقى ئىسپاتلانغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇۋېلىشتىن چوڭ خاتالىق بولمىسا كېرەك، بۇ ئەينى ۋاقىتتا پىكىر زوراۋانلىقى بولۇپ، ئۆتمۈشلەردىن بېرى ئالىملارنىڭ، زىياليلارنىڭ ۋە مۇتەپەككۇرلارنىڭ پىكىر زوراۋانلىرى تەرىپىدىن ئىسكەنجىلەرگە ئېلىنغانلىقى ۋە جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىنغانلىقى بۇنىڭ مىسالى.
سىز ئەقلىڭىزنى ئاشۇرۇش ۋە چۈشەنچىڭىزنى كېڭەيتىش ئۈچۈن باشقىلار بىلەن پىكىرلىشىش، ئۇلارنىڭ ئەقلىدىن پايدىلىنىش ۋە مەسىلىلەرگە ئۇلارنىڭ كۆزى بىلەن بېقىشنى ئادەت قىلىۋېلىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز باشقىلارنىڭ ئەقلىدىن پايدىلانغان ۋە ئىدراك دائىرىڭىزنى كېڭەيتكەن بولىسىز.
✦ شەخسىي قانائىتىڭىزگە ئىشىنىپ قارار چىقىرىشتىن ساقلىنىڭ. چۈنكى، خاتا ئېلىنغان بىرەر قارار ھاياتىڭىزنى تۈگەشتۈرۈشى مۇمكىن.
✦ ئۆز قانائىتىڭىزنى توغرا دەپ سانىغان ۋاقتىڭىزدا ئەقلىڭىزنى كۆپلىگەن ئېھتىماللار توغرۇلۇق ئويلىنىشتىن توختىتى پ قويغان بولىسىز.
✦ «كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس» دېگەن ھېكمەتكە ئەمەل قىلىش ۋە مەسلىھەت بىلەن ئىش كۆرۈش كۆپلىگەن خاتالىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
«سۆزلەش كۈمۈش بولسا، سۈكۈت ئالتۇندۇر.» —توماس كارلايل ئاڭلاش ۋە قۇلاق سېلىش ئالاھىدە چوڭ ماھارەت بولۇپ، ئۇ پاساھەتلىك نۇتۇقلاردىن قېلىپ قالمايدۇ. شۇڭا سۆزلەشتىن بەكرەك ئاڭلاشقا كۆڭۈل بۆلۈش لازىم. چۈنكى، ئاللاھ بىزگە ئىككى قۇلاق، بىر تىل ئاتا قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، ياخشى گەپ قىلسۇن ياكى سۈكۈت قىلسۇن» دەپ تەلىم
بەرگەن.
ئاڭلاش سۆزلىگەندىن پايدىلىقتۇر. چۈنكى، سىز سۆزلىگەن ۋاقتىڭىزدا ھېچ نەرسىنى ئۆگىنەلمەيسىز، ئەمما ئاڭلىغاندا كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالىسىز. سۆزلىگۈچى جىددىيلىشىدۇ ۋە ئاڭلىغۇچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ، ئەمما ئاڭلىغۇچى ناھايىتى راھەت ھالدا ئۆزىنى كونترول قىلىدۇ ۋە پايدىلىق نەرسىلەرنى مېڭىسىگە قاچىلايدۇ.
ئىنسانلارنىڭ تولىسى سۆزلەشكە ئامراق نۇرغۇن ئادەملەر سۆزلەشكە ئامراق كېلىدۇ. چۈنكى سۆز سۆزلىگۈچىنى كۆڭۈل بۆلۈش مەركىزىگە ئايلاندۇرغاندىن باشقا، سۆزلەش ھەر ۋاقىت ئوڭاي ئىش بولۇپ، بىر مىنۇتتا 225 سۆزنى قىلالايسىز، ئەمما ئاشۇ سۆزلەرنى ئاڭقىرىش ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئىككى مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە بىز باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئۇزۇن ئاڭلاشنى ياقتۇرمايمىز. بۇ بىزنى باشقىلارغا ئەگەشكۈچىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ قويغانلىقىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئاڭلاپ چۈشىنىشنى، مېڭىگە يەرلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىدىندۇر. مانا بۇ ئاڭلاش ئەسناسىدا مالاللىق ھېس قىلىش ۋە ئەسنەپ ئولتۇرۇشنىڭ سەۋەبىدۇر.
زامانىمىزدىكى چوڭ قىيىنچىلىقلىرىمىزنىڭ بىرى شۇكى، ھەممىلا ئادەم سۆزلەشنى ياخشى كۆرىدۇ، پەقەت ئازلا ئادەم ئاڭلاشنى خالايدۇ. ھەتتا بىز بىرەر مەسىلە ئۈستىدە مۇنازىرىلىشىپ قالساقمۇ، ئۇ مۇنازىرىنى ئۆگىنىش ياكى چۈشىنىش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت قارشى تەرەپنى يېڭىش ئۈچۈنلا قىلىمىز. شۇڭا قارشى تەرەپنىڭ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپلا ئۇنىڭغا بېرىدىغان رەددىيەنى تەييارلاپ بولىمىز.
بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ پاساھەتلىك گەپلىرى بىلەن قەلبلەرنى جەلپ قىلىشنى ئويلايدۇ، ئەمما نورۋىگىيەدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسى «سۆزلەش ماھارىتى يۇقىرى كىشىلەر ئەسلىدە ئاڭلاش ماھارىتى يۇقىرى بولغان كىشىلەردۇر» دېگەن يەكۈننى چىقارغان. دېمەك، ماھىر ناتىق ئەسلىدە ماھىر ئاڭلىغۇچىدۇر.
بەزى سۈكۈتلەر ئەڭ كۈچلۈك رەددىيەدۇر.
سۈكۈت قىلىش ۋە رەددىيە بەرمەسلىك بەزىدە ئەڭ كۈچلۈك رەددىيەنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. شۇڭا سىز بەزى چاغلاردا سۈكۈتنى تاللاشقا ئېھتىياجلىق بولىسىز. چۈنكى، ئەگەر سىز نادانغا رەددىيە بەرسىڭىز ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭ سەۋىيەسىگە چۈشۈرگەن، ھەسەتخورغا رەددىيە بەرسىڭىز ئۇنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىغا ياردەم قىلغان، تېگى پەسلەرگە رەددىيە بەرسىڭىز ئۇنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن بولىسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە تولا رەددىيە بېرىش ۋە ھەممىلا سەپسەتىگە رەددىيە بېرىش پىتنىخورلارنىڭ، ھەسەتخورلارنىڭ بازىرىنى قىزىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا سۈكۈت ئۇلارغا بېرىلگەن ئەڭ ئەجەللىك رەددىيە ۋە بازىرىنى كاسات قىلىشتۇر.
شۇنىمۇ ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، سۈكۈت قىلىش، رەددىيە بەرمەسلىك ھەرگىز ئاجىزلىق ئەمەس، بەلكى ئۇ كۈچلۈكلەرنىڭ خىسلىتىدۇر.
سۈكۈت قىلىش ئەۋزەل بولىدىغان ئورۇن10
✦ 1. سىز تونۇمايدىغان كىشىلەرنىڭ سىزگە مۇناسىۋەتلىك بولمىغان ماۋزۇدىكى تالاش۔تارتىشلىرىغا ئارىلاشماڭ.
✦ 2. سىز تونۇيدىغان كىشىلەرنىڭمۇ باشقىلارغا زىيانلىق بولغان تالاش۔تارتىشلىرىغا ئارىلاشماڭ.
✦ 3. قانداقلا بىر تالاش۔ تارتىش بولسۇن، ئەگەر سىزنىڭ ئۇنىڭغا قوشىدىغان يېڭىلىقىڭىز بولمىسا ئارىلاشماڭ. بۇ چاغدىكى سۈكۈت سىزنىڭ قەدرىڭىزنى كۆتۈرىدۇ.
✦ 4. كىشىلەر غەيۋەتكە باشلىغان ياكى سۇخەنچىلىككە كىرىشكەن چاغدا ئۇ سورۇندىن دەرھال تۇرۇپ كېتىڭ.
✦ 5. سىزدىن ياشتا كىچىك ياكى ئىلىم۔مەرىپەتتە تۆۋەن بىرسى سىزگە تىل ئۇزاتسا، سىز سۈكۈتنى تاللاڭ. چۈنكى، بۇ چاغدىكى سۈكۈت سىزنىڭ ئېسىللىكىڭىزنى دەلىللەيدۇ.
✦ 6. ئۇستازلار ياكى سىزدىن بىلىمدە يۇقىرى كىشىلەر بار سورۇندا بىلگەن نەرسىڭىزنىمۇ سىزدىن سورىمىغۇچە ئېيتماڭ. چۈنكى، ئۇ چاغدا سىز مەمەدانلىق ئورنىغا چۈشۈپ قالىسىز.
✦ 7. سىزنى باشقۇرىدىغان كىشىگە سورۇندا رەددىيە بېرىشتىن ساقلىنىڭ. چۈنكى، رەددىيە بەرمىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن پۇشايمان قىلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما رەدديە بېرىش ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىسىز. شۇڭا بۇ ئورۇندا سۈكۈت ئەۋزەل.
✦ 8. ئاتا-ئانا، قېيىنئانا، قېيىنئاتا ياكى ئۇستازغا ئوخشاش ھۆرمەتلىك كىشىلەردىن خاتا مەلۇمات ياكى توغرا بولمىغان خەۋەرنى ئاڭلىغاندا، ئۇنى تۈزىتىشكە ئالدىرىماڭ. كېيىنچە تۈزىتىپ قويسىڭىز بولىدۇ.
✦ 9. بىر-بىرىگە ھۆرمەت قىلمايدىغان نادان ئادەملەر بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ قالغاندا سۈكۈتنى تاللاڭ. بۇ ئۆزىڭىزنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ئۈچۈندۇر.
✦ 10. ھەرقانداق ئورۇندا كىشىلەرگە پايدىلىق گېپىڭىز بولسا قىلىڭ، بولمىسا سۈكۈت قىلىڭ. چۈنكى، قاتاردىن قالماسلىق ئۈچۈن گەپ قىلغان ئادەم كۆپ ھاللاردا خاتالىشىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
✦ سۈكۈت ھەممىلا ئادەم بېجىرەلەيدىغان ماھارەت ئەمەس، كىشىلەرنى ئۆز پىكرىڭىزگە قايىل قىلماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئۇلارغا ئوبدان قۇلاق سېلىڭ، گەپلىرىنى تولۇق ئاڭلاڭ ۋە مۇددىئاسىنى چۈشىنىڭ.
✦ سۈكۈت بەزى ۋاقىتلاردا ئەڭ كۈچلۈك رەددىيەدۇر.
✦ تىڭشاش مۇنازىرە ماھارىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىدۇر، سۈكۈت ھەممە گەپنى قىلىۋېلىشنىڭ يەنە بىر يولىدۇر.
« سىلەر بىر نەرسىنى ياخشى كۆرۈشۈڭلار مۇمكىن، ھالبۇكى، ئۇ نەرسە سىلەر ئۈچۈن يامانلىقتۇر.» —بەقەرە سۈرىسى: 216 ۔ ئايەت.
بىز نورمالدا ئۆزىمىز ياقتۇرىدىغان ۋە ئوي۔پىكىرىمىز بىر يەردىن چىقىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆزقاراشلىرىنى قوبۇل قىلىمىز، ئەمما بىز ياخشى كۆرمەيدىغان ۋە پىكىرىمىز بىر يەردىن چىقمايدىغان كىشىلەرنىڭ كۆزقاراشلىرى نەقەدەر توغرا ئىكەنلىكىنى بىلسەكمۇ يەنىلا رەت قىلىمىز. چۈنكى، بىز كىشىلەرگە قارىتا ئالدىن ھۆكۈم چىقىرىۋالغانلىقىمىز ئۈچۈن، نەزىرىمىزنى ئۇلارنىڭ پىكرىگە ياكى كۆزقارىشىغا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قارىتىمىز ۋە شۇ بويىچە ھۆكۈم قىلىۋېتىمىز. بۇ سەۋەبتىن بىز ئۆزىمىزنى نۇرغۇنلىغان ھەقىقەتلەرنى كۆرۈشتىن توسۇپ قويىمىز.
ئىنسان ئەقلى كىشىلەرنى سۇندۇرغىلى بولمايدىغان قېلىپلار ۋە بۇزغىلى بولمايدىغان تۈزۈملەر بويىچە سىنىپلارغا ئايرىۋالىدۇ۔دە، شۇڭا بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى پاسىق ئادەم ھەرقانچە ياخشى ئىشلارنى قىلسىمۇ، يەنىلا ئۇ پاسىقتۇر، تەقۋادار ئادەم قانچىلىك يامان ئىشلارنى قىلسىمۇ، يەنىلا ئۇ تەقۋادۇر. چۈنكى، بىز ئۇلار توغرۇلۇق ئالدىن چىقىرىۋالغان ھۆكۈمنى بۇزۇشنى خالىمايمىز.
ھەقىقەت شۇكى، ئىنسانلارنىڭ تولىسى كۆپ ئويلىنىشنى خالىمايدۇ، بەزىلەرنىڭ ئەقلى كىشىلەرنىڭ مەۋقەلىرىنى تەھلىل قىلىش، كۆزقاراشلىرىنى تەتقىق قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا ئاجىز كېلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئوڭاي يولنى تاللاپ كىشىلەرنى سىنىپلاندۇرۇشتىن ئىبارەت تەييار قائىدىگىلا ئاساسلىنىدۇ.
بىز ئۆزىمىزدىن سوراپ بېقىشىمىز كېرەككى، بىز ياقتۇرىدىغان ۋە ئىشەنچ قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆزقارىشى خاتا چىقىپ، بىز يامان كۆرىدىغان ۋە ئىشەنچ قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ كۆزقاراشلىرى توغرا چىقىپ قالغاندا نېمە قىلىمىز؟ ئىنساپ قىلىمىزمۇ ياكى ھەقىقەتكە كۆز يۇمىمىزمۇ؟ بۇ بىزگە قالغان مەسىلە.
كۆزقاراشلارنى ۋە پىكىرلەرنى باھالاشتا تەرەپسىز بولۇش كېرەك بىرەر شەخسنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ۋە پىكىرلىرىنى باھالاشتا ھېسسىياتقا بېرىلمەسلىك بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ شەخسنىڭ ئۆزىگە ھۆكۈم قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. چۈنكى، ھۆكۈم قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ ئىشىدۇر. « ئاللاھ سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە قىيامەت كۈنى ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.[^1]» ئىنسانلارغا ھېسسىياتىمىز ياكى ئۆز تەسەۋۋۇرىمىز بويىچە ھۆكۈم قىلىۋېتىش بىزنى نۇرغۇنلىغان خاتالىقلارغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. بىرەر مىللەتنى ياكى بىرەر قەۋمنى ئومۇمىي ھۆكۈم دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ قويغىنىمىزدا خاتالىق دەرىجىسى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. چۈنكى، دۇنيادا پۈتۈنلەي يامان مىللەت بولمىغاندەك، پۈتۈنلەي ياخشى مىللەت يوق. ھەربىر مىللەتنىڭ ئىچىدە ياخشىلار بولغاندەك، يامانلارمۇ بار. شۇڭا بىرەر مىللەتنى پۈتۈنلەي يامان ياكى پۈتۈنلەي ياخشى دەپ ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. « ئەھلى كىتابنىڭ ئارىسىدىن بەزى كىشىلەر باركى، ئۇنىڭغا كۆپ پۇل _ مال ئامانەت قويساڭمۇ ساڭا ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ؛ ئۇلاردىن يەنە بەزى كىشىلەرمۇ باركى، ئۇنىڭغا بىر دىنار ئامانەت قويساڭمۇ ئۇنىڭ بېشىدا تىكىلىپ تۇرمىغۇچە ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ [^2]» دېگەن ئايەت بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدۇ.
كۆزقاراشلار بىر يەردىن چىقمايدىغانلارغا قۇلاق سېلىشتا پايدا بار بىز ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان ۋە كۆزقارىشىمىز بىر يەردىن چىقىدىغان كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشقاندا ئۆزىمىزگە بىر نەرسە قوشالمايمىز، ئەمما ئۆزىمىز ياخشى كۆرمەيدىغان ۋە كۆزقارىشىمىز بىر يەردىن چىقمايدىغان كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى يېڭى پىكىرلەر بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز، ھەمدە بىزنىڭ تەپەككۇر دائىرىمىز كېڭىيىدۇ، ھەرخىل كۆزقاراشلارنى ئاڭلاش ئارقىلىق ئۇپۇقىمىزنى كېڭەيتەلەيمىز. شۇڭا ئىنسانلارنى چەتكە قاقماسلىق، بىز ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنىمۇ ئاڭلاپ قويۇش بىز ئۈچۈن ياخشىدۇر.
✦ ئىنسان ئەقلىنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىسى كىشىلەرنى سىنىپلاندۇرۇپ، ئۇلارنى سۇندۇرۇشقا بولمايدىغان قېلىپلارنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈۋېلىشتۇر.
✦ ئەگەر سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ۋە كۆزقاراشتا بىر لىشىدىغان كىشىلەرنىڭلا سۆزىنى ئاڭلىسىڭىز ھېچقانداق يېڭى مەلۇماتقا ئىگە بولالمايسىز.
✦ ئەگەر سىز ئۆزىڭىز مايىل بولىدىغان كۆزقاراشلارنىلا ئاڭلاشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز تەپەككۇرىڭىزدا يېڭىلىق ھاسىل قىلالمايسىز.
- ھەج سۈرىسى: ئايەت69 ۔.
- ئال ئىمران سۈرىسى: ئايەت75 ۔.
