تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

21–30-ماقالىلەر: ۋاقىت، روھىيەت ۋە ئۆمۈر نىجاتلىقى

2121-ماقالە: مەشغۇل بولغانلىق قازانغانلىق ئەمەس#
«ۋاقىت قىلىچقا ئوخشايدۇ، سەن ئۇنى كەسمىسەڭ، ئۇ سېنى كېسىدۇ.» —ئەرەب ماقال ۔تەملىسى.

«ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئورنىنى ۋاقىت بىلەن تولدۇرۇۋالغىلى بولىدۇ، ئەمما ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ھېچقانداق نەرسە بىلەن تولدۇرغىلى بولمايدۇ.»

— گۆتې بۈگۈنكى كۈندە ھەممىلا ئادەم مەشغۇل، ھەممىلا ئادەم ئالدىراش، ھەممىلا ئادەمنىڭ ۋاقتى قىس ئۆتمەكتە. «ۋاقتىم يوق» دېگەن سۆزنى كۈندىلىك ھاياتىمىزدا ناھايىتى كۆپ ئاڭلايدىغان بولدۇق، ھەتتا بۇ سۆزنى ئىش۔ئوقىتى يوق، بىكار يۈرىدىغان كىشىلەردىنمۇ ئاڭلاپ تۇرىمىز. نۇرغۇن دوستلىرىمىزنىڭ بوش ۋاقىتلىرى كۆپ بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئالدىراش ئىشلىرى يوق، ھەتتا بەزىسىنىڭ ھېچبىر ئىشى يوق، ئەمما ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ قېلى پ، «كۆرۈنمەيلىغۇ؟» دەپ سورىساق، «ئالدىراش» دەپ قويىدۇ.

ھەقىقەت شۇكى، مەشغۇل بولغانلىق قازانغانلىق مەنىسىگە كەلمەيدۇ، قازىنىشمۇ ھەمىشە مەشغۇل بولۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ. شۇنىڭدەك، ئۆزىڭىزنى مەشغۇل دەپ ئويلىشىڭىز بىلەن مەشغۇلىيەت ئىچىدە بولۇشىڭىزنىڭ ئارىسىدا ئاسمان۔زېمىن پەرق بار. چۈنكى، بەزى كىشىلەر ھېچبىر ئەھمىيىتى يوق، يا دۇنيالىق ياكى ئاخىرەتلىك قىلچە پايدىسى يوق ئىشلار بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئىش ۋە مەشغۇلىيەت دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا بىھۇدە ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان كىشىلەرمۇ ئۆزلىرىنى «مەشغۇل» دەپ قارايدۇ.

«ۋاقتىم يوق» باھانىسى ئەمەلىيەتتە، ھەمىشە «ۋاقتىم يوق» دەيدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپ سانلىقى ۋاقىت باشقۇرۇشنى بىلمەيدىغان، ئىشلارنىڭ مۇھىملىرىنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار پىلانسىز ياشايدۇ، ئەرزىمەس مەشغۇلىيەتلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى ئالدايدۇ. ئەمما ئەقىللىك كىشىلەر ۋاقىتنى قەدىرلەيدۇ ۋە بىر مىنۇتمۇ ۋاقتىنىڭ بىكارغا ئۆتۈپ كېتىشىگە يول قويمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەن ھەربىر مىنۇت ۋە ھەربىر سائەتنىڭ ئۇنىڭ ئۆمرىدىن بىر پارچىنى ئېلى پ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ.

ھەربىر ئىنساننىڭ بۇ ھاياتتا چوقۇم پىلانى بولۇشى، پىلان بولغاندىمۇ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە قىسقا مۇددەتلىك دېگەندەك كونكېرت پىلان تۈزۈلۈشى، ئۇنىڭدىن باشقا كۈنلۈك، ھەپتىلىك، ئايلىق، يىللىق پىلانى بولۇشى ۋە ھەر ئاخشىمى ئەتىسى قىلىدىغان ئىشنىڭ پىلانىنى قىلماي ئۇخلىماسلىقى ئىنتايىن زۆرۈر. چۈنكى، قىلىدىغان ئىش قانچىلىك ئېنىق ۋە پىلانلىق بولسا ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش شۇنچىلىك ئوڭاي ۋە تېز بولىدۇ. پىلانسىز ئىنسان ئۆلۈك بېلىقتۇر.

نەتىجە قازانغانلارنىڭ تەرجىمىھالى بىلەن تونۇشقانلار بىلىدۇكى، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى ۋاقىت بولۇپ، ئۇلار ۋاقىتنى يانچۇقىدىكى پۇلدىنمۇ بەك چىڭ تۇتقان ۋە كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلىگەن. شۇڭا ئاز ۋاقىت ئىچىدە كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ۋە نەتىجىلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىككىنچى ئۆمرىنى ياراتقان.

«ۋاقتىم بارغۇ» ھىيلىسى يۇقىرىقىلارنىڭ ئەكسىچە، ھەر ئىشقا «ۋاقتىم بارغۇ» دەپ مۇئامىلە قىلىدىغان ئىنسانلارنىڭ تىلغا ئالغۇدەك تۆھپىسى ياكى بىرەر ئەسلىمىسى بولمىغان. ھەممە ئىشنى ئەڭ ئاخىرقى ۋاقتىدا ئالدىراپ۔ تېنەپ قىلىدىغان ئادەملەر ھەقىقەتەن ئۆزىنى بىھۇدە ئازابلايدىغان ئەخمەقلەردۇر. مۇنداقلارنىڭ قىلغان ئىشى ھەمىشە كەمتۈك، چولتا بولىدۇ، ھەرگىز غەلىبىلىك بولمايدۇ. چۈنكى ۋاقىتقا رىئايە قىلمايدىغان ئادەم ھەرقانداق بىر ئىشقا «ۋاقتىم بارغۇ» مۇئامىلىسىنى قىلىپ، باشقا ئىشلار بىلەن بولۇپ قالىدۇ. نەتىجىدە قىلىدىغان ئىشىنى كېچىكتۈرۈپ قويىدۇ، بارىدىغان يېرىگە كېچىكىپ بارىدۇ. بۇ ئارىدا كۆپ ئىزتىراپ چېكىدۇ، ئىشىنى ئالدىراپ۔تېنەپ چالا۔پۇچۇق قىلىدۇ. ئەمما ۋاقىتقا رىئايە قىلىدىغان ئادەم ھەرقانداق ئىشنى ۋاقتىدا ئادا قىلىدۇ، بارىدىغان يېرىگە ۋاقتىدا بارىدۇ، ئىزتىراپ چەكمەيدۇ، كېچىكىپ قېلىپ ئالاقىزادە بولمايدۇ، ھەممە ئىشنى تەمكىنلىك بىلەن قىلىدۇ. مۇنداق ئادەم ھۇزۇر ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە بولىدۇ.

ۋاقىت ھەممە كىشىگە تەڭ بېرىلگەن نېمەتتۇر گەرچە ئىنسانلار كۈچ۔قۇۋۋەتتە، ئەقىل۔پاراسەتتە ۋە تەن ساقلىقىدا پەرقلىق بولسىمۇ، ئۇلار ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ۋاقىتقا ئىگە بولۇشتا باراۋەردۇر. چۈنكى، ۋاقىت ھەممە كىشىگە تەڭ بېرىلگەن بولۇپ، بىر يىلدىكى 52 ھەپتە، بىر كېچە۔كۈندۈزدىكى 24 سائەت ھەممە كىشىنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ. ئەمما پادىشاھقىمۇ، پۇقراغىمۇ، ئالىمغىمۇ، ئاۋامغىمۇ ئوخشاش بېرىلگەن بۇ ۋاقىت ھەممىلا ئادەمدە مېۋە بېرەلمەيدۇ. چۈنكى، بەزى كىشىلەر ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلانسا، بەزىسى ئازراق پايدىلىنىدۇ ۋە بەزىسى قىلچە پايدىلانماي بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. پىلانلىق ياشىغان ئادەم ۋاقىتتىن تولۇق پايدىلانغان ئادەمدۇر. مۇۋەپپەقىيەتلىك كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ 24 سائىتىنى 48 سائەتكە چىقىرىپ ئىشلىگەن. شۇڭا ئۇلار ئاز ئۆمۈر كۆرگەن بولسىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

ئىمام غەززالىي، ئىمام نەۋەۋىي قاتارلىق ئۆلىمالار 50 يىلدىن ئاز ياشىغان. ئەمما قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلىرى تا قىيامەتكىچە داۋام قىلىدىغان كاتتا ئەسەرلەردىن بولۇپ قالغان. بەزى ئۆلىمالارنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلىرىنى ئۇلارنىڭ ئۆمرىگە سېلىشتۇرغاندا، ھەربىر كۈنىگە

✦ 90. بەتتىن توغرا كەلگەنلىرى بار. مەلۇمكى، كۈنىمىزدە 90 بەتنى بىر كۈندە ئوقۇپ بولالمايدىغانلار كۆپ. ئۇلار ۋاقتىنى قەدىرلەش ۋە ئۇنى پىلانلىق ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۆمرىگە ئۆمۈر قوشقان كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ ئەكسىچە، بەزى كىشىلەر 100 يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ياشايدۇ. ئەمما سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسە، ئۇلارنىڭ كېيىنكىلەرگە قالدۇرغان ھېچ نەرسىسى چىقمايدۇ، تىلغا ئالغۇدەك بىرەر نەرسە قالدۇرالمايدۇ.

ۋاقىت باشقۇرۇش ھەققىدە بەزى تەكلىپلەر

✦ 1. بۇرۇن يېتىپ سەھەر تۇرۇڭ. بۇ ئال لاھ تائالانىڭ كائىناتتا بېكىتىۋەتكەن قانۇنى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغانلار نەتىجە قازىنىش، تەن ساقلىقىنى ساقلاش قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپتىن پايدا تاپىدۇ. بۇ قانۇن بىلەن زىتلاشقانلار ھەر تەرەپتىن زىيان تارتىدۇ. رېئاللىق بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. بۇرۇن يېتىپ سەھەر تۇرۇش نەتىجە قازانغانلارنىڭ ئادىتىدۇر. چۈنكى، ئاخشىمى ۋاقتىدا ئۇخلىماي زايە قىلىۋېتىلگەن ۋاقىتنىڭ بەدىلى ئەتىكى مۇھىم مەشغۇلاتتىن چوقۇم تۆلىنىدۇ.

✦ 2. ئەتىگەنلىك ۋاقتىڭىزنى زايە قىلىۋەتمەڭ. چۈنكى، ئەتىگەن زېھىن ئوچۇق ۋاقىت بولغانلىقتىن، ئەڭ مۇھىم ئىشلارنى ئەتىگەندە قىلىۋېلىش لازىم. ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپلا تېلېفونغا قاراش ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئەڭ زىيانلىق ئىشتۇر. ئەگەر كەلگەن ئۇچۇرلارغا قاراش زۆرۈر بولۇپ قالغاندا، بەش مىنۇتتىن ئون مىنۇتقىچە قارىۋېتى پ، ئاندىن دەرھال مۇھىم ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇش ئاقىلانىلىكتۇر.

✦ 3. ئۇخلاشتىن بۇرۇن تېلېفوننى ئۆزىڭىزدىن يىراقلاشتۇرۇڭ. چۈنكى، سىز ئۇخلايمەن دەپ يوتقانغا تېلېفون بىلەن كىرگەن ۋاقتىڭىزدا ئۇزۇنغىچە ئۇخلىمايسىز، ھەتتا ئۇخلىيالمايسىز. شۇڭا يوتقانغا تلېفونسىز كىرىپ، كەچلىك زىكىرلەرنى ئوقۇپ، ئەگەر ئۇلارنى بىلمىسىڭىز ئىخلاس، فەلەق ۋە ناس سۈرىلىرىنى ئوقۇپ، يەنە بىلگەن دۇئالىرىڭىزنى ئوقۇپ ياتسىڭىز ئۇيقۇنىڭ لەززىتىنى ئالالايسىز. ئەگەر جىم ياتسىڭىز ئۇيقۇڭىز كەلمەيدىغان ئادىتىڭىز بولسا كىتاب ئوقۇڭ. بۇ ئەڭ ياخشى چارىدۇر.

✦ 4. ئۇخلايدىغان ۋە تۇرىدىغان سائىتىڭىز ئېنىق بەلگىلەنگەن بولسۇنكى، ھەرگىز قالايمىغان بولمىسۇن. چۈنكى، تەرتىپلىك ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن ئۇيقۇ ۋە تۇرۇش سائەتلىرىمىزمۇ تەرتىپلىك بولۇشى لازىم. ئاخشىمى سائەت 11 دىن كېيىن قالماي ئۇخلاش، ئەتىگىنى ناماز بامداتتىن بۇرۇن تۇرۇش غەلىبىلىك كىشىلەرنىڭ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ سالىھ بەندىلىرىنىڭ ئادىتىدۇر.

چۈنكى، ئىنسان بەدىنىدىكى بىيولوگىيەلىك سائەت كەچ سائەت

✦ 11. دىن باشلاپ زەھەر تازىلايدۇ. مەسىلەن: جىگەرنىڭ تازىلىنىش سائىتى كەچ سائەت 11 دىن كېچە سائەت 3 كىچە داۋاملىشىدۇ، بۇ ئارىلىقتا بىزنىڭ چوقۇم ئۇخلىغان بولۇشىمىز شەرتتۇر.

✦ 5. نەتىجە قازىنىشنىڭ تاكتىكىسىنى ئۆگىنىۋېلىڭ. نەتىجە قازىنىشنىڭ تاكتىكىسى پىلانلىق ۋە ئىزچىل ئىشلەشتۇر.

چۈنكى، نەتىجە كۆپ ئىشلەش ياكى كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى پىلانلىق ئىشلەش بىلەن قولغا كېلىدۇ.

شۇنداق قىلسىڭىز بىر كۈندە ئىككى كۈنلۈك ئىشنى تاماملىغان ۋە ۋاقتىڭىزغا ۋاقىت قوشقان بولىسىز.

✦ مەشغۇل بولغانلىق نەتىجە قازانغانلىق مەنىسىگە كەلمەيدۇ، چۈنكى مەشغۇل بولغانلارنىڭ ھەممىسىلا نەتىجە قازىنى پ كەتمەيدۇ.

✦ نەتىجە قازىنىش ئۈچۈنمۇ ھەمىشە مەشغۇل بولۇش شەرت ئەمەس، ئەمما پىلانلىق قىلىش شەرتتۇر.

✦ قازانغانلار ئېنىق پىلان ۋە روشەن يول خەرىتىسى بويىچە ماڭغانلار بولۇپ، مەشغۇل بولغانلار جۇۋازدا ئايلانغان چارۋىلارغا ئوخشايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۆمۈر بويى شۇنداق مەشغۇل بولۇپ تۇرىدۇ، ئەمما ھاياتىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ.

2222-ماقالە: ھاياتىمىزدا خاتا كۆزقاراشلارنىڭ نىسبىتى#
«ھەرقانداق ئادەم بالىسى خاتالاشقۇچىدۇر. خاتالاشقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر.» —ھەدىس شەرىپ

خاتا كۆزقاراشتا بولۇش، ھەتتا خاتالىشىش ئەيىب ئەمەس، ئەمما قاتماللىق ۋە ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلماسلىق ئەيىبتۇر. بۇ ھۆكۈم ئاۋام خەلققە چۈشكەندەك، ئۆلىمالارغا، زىيالىيلارغا ۋە مۇتەپەككۇرلارغىمۇ چۈشىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسان. ئىنسانلار ئەلۋەتتە خاتالىشىدۇ. مۇھىم بولغىنى ئۆز خاتالىقىنى تونۇش ۋە ئۆزىگە ئايان بولغان توغرىنى قوبۇل قىلىشتۇر. توغرىسىنى تېپىش، خاتالىشىش، غەلىبە قىلىش، مەغلۇپ بولۇش قاتارلىقلار ئىنساننىڭ بېشىدىن ئۆتۈپ تۇرىدىغان ئىشلار بولۇپ، بۇنىڭدا ھەممە مىللەت ۋە ھەممە جەمئىيەت ئوخشاشتۇر.

ئىنسانلار ئۆزلىرى ياشىغان زامان ۋە جەمئىيەتنىڭ مەھسۇللىرىدۇر. شۇڭا ھەربىر جەمئىيەت ئەھلىنىڭ مەيلى توغرا ياكى خاتا بولسۇن، ئورتاق پىكىر ۔قاراشقا، بىر خىل ئېتىقادقا ۋە ئوخشاش قىممەت قاراشقا ئىگە بولغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى، ئۇلار ئەجدادلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدۇ ۋە ئەجدادلىرىنىڭ پىكىر۔قاراشلىرى ۋە ئېتىقادى گەرچە خاتا بولسىمۇ ئۇنى قوغدايدۇ. خاتا پىكىر۔قاراشلارغا ۋە باتىل ئەقىدىلەرگە قارشى چىققان ئادەم شۇ جەمئىيەت خەلقىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ. شۇڭا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغان چىققانلار تارىختىن بېرى چوڭ بەدەللەرنى تۆلىگەن. بۇلارنىڭ بېشىدا پەيغەمبەرلەر، ئاندىن ئىسلاھاتچىلار كېلىدۇ. خاتا پىكىر-قاراش ۋە باتىل ئېتىقاد جەمئىيەتنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: دىن، تېبابەت، جۇغراپىيە قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە خاتا پىكىر۔قاراشلار ۋە باتىل ئېتىقادلار يۈز بېرىپ كەلگەن. خاتالىشىش ۋە ئېزىپ كېتىش ئادەتتىكى ئىنسانلارغىلا خاس ئەمەس، بەلكى بىلىملىك ۋە ئەقىللىك كىشىلەرمۇ خاتالىشىدۇ ۋە ئازىدۇ. ئەگەر شۇنداق بولمايدىغان بولسا ئىدى، ھىندىستاندا تېبابەت ۋە پەن۔تېخنىكا ساھەسىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن تەبىئىي پەن ئالىمىرى ۋە دوكتۇر، پروفېسسورلار ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشنى قوبۇل قىلماي، كالىغا چوقۇنمىغان بولاتتى. چۈنكى، ھىدايەت باشقا، ئىلىم باشقا نەرسىدۇر.

دىن1.

ئاللاھ تائالانىڭ دىنى ئەزەلدىن بىر بولۇپ، ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قەدەر كەلگەن ۋەھيىلەرنىڭ ھەممىسى بىر خىل بولغان بولسىمۇ، زامانلارنىڭ ئۆتۈشى، ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دىنىدىن يىراقلىشىپ ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرىنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىشى سەۋەبلىك ھەر خىل خۇراپاتلار دىن نامى بىلەن قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ھەربىر قەۋمنىڭ ئۆزىگە خاس دىنى بولغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار باتىل دىننى ئەجدادلىرىدىن تاپشۇرۇپ ئېلى پ ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىدىغان بولدى. كېيىن ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئاخىرقى پەيغەمبەر ئەۋەتىلىپ، ئىنسانلار ئەسلىدىكى دىنغا قايتىشقا دەۋەت قىلىندى. ئىسلام دىنىنىڭ كېلىشى بىلەن ھەربىر قەۋم چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان دىنلارنىڭ باتىل دىنلار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئىنسانلار بۇ توغرا دىنغا قايتقان بولسىمۇ، يەنە نۇرغۇنلىرى ئۆزلىرىنىڭ باتىل دىنلىرىدا قالدى. چۈنكى، ئۇلار ئۆزگىرىشنى خالىمىدى.

✦ 2. تېبابەت بۇنىڭدىن 200 يىل ئىلگىرى كۆپ ساندىكى مېدىتسىنا ئالىملىرى مىكروپنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلاتتى. شۇڭا ئۇلار مىكروبلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن دېزىنفېكسىيە قىلىشقا كۆڭۈل بۆلمىگەن. نەتىجىدە، ۋابا قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمىغان.

تېببىي مۇتەخەسسىسلىرى بىر زامانلاردا «بالا پەقەتلا ئانىنىڭ ئىسپېرمىسىدىن تۆرىلىدۇ» دەيدىغان نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، كېيىنچە «بالا پەقەتلا ئاتىنىڭ ئىسپېرمىسىدىن تۆرىلىدۇ » دېگەن. 19 ۔ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن ئۇلار «بالا ئاتا ۋە ئانا ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئىسپېرمىسىدىن تۆرىلىدۇ» دەيدىغان بولدى. بۇ دەل قۇرئان كەرىم بىزگە بۇنىڭدىن 14 ئەسىر ئىلگىرى بەرگەن خەۋىرى ئىدى. ئىنسانلار ئۇنى، بۇنى دەپ بېقىپ ئاخىرى قۇرئان كەرىمدىكى ھەقىقەتنى تاپقان بولدى. قۇرئان كەرىمدە « بىز ئىنساننى ئارىلاشما مەنىيدىن ياراتتۇق [^1]» دەپ جاكارلانغان.

✦ 3. جۇغراپىيە بۇرۇنقى ئىنسانلار زېمىننى تاۋاقتەك يېيىلغان دەپ قارايتتى. ئۇلار زېمىننىڭ شار شەكىللىك ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشەنمەيتتى. لېكىن ئىلىم۔پەن زېمىننىڭ شار شەكىللىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققاندىن كېيىن، ھەممە ئۇنى ئېتىراپ قىلىدىغان بولدى. قۇرئان كەرىم بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتتى. ئۇ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ. كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ) بويسۇندۇرۇپ بەردى، بۇلارنىڭ ھەربىرى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە ئۆز ئوربىتىسىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھ غالىبتۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.[^2]»

✦ خاتا كۆزقاراشتا بولۇش ئەيىب ئەمەس، ئەمما ئۆزگىرىشنى خالىماسلىق ۋە قاتماللىق ئەيىبتۇر.

✦ خاتالىشىش ھەرقاندق ئىلىم۔پەندە بولغاندەك، كۆزقاراش ۋە ئېتىقادتىمۇ بولىدۇ.

✦ ئومۇملاشقان خاتا چۈشەنچىلەرنى تۈزىتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغان چىققان ئادەم ھەممىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ.

✦ شەخسىيلەردىكى خاتا پىكىر ۋە خاتا كۆزقاراشلارنى بىر كۈندە، ھەتتا بىر سائەتتە ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، ئىجتىمائىيلاشقان خاتا پىكىر ۋە خاتا كۆزقاراشلارنى بىر ياكى ئىككى ئەۋلادنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىقلا تۈزەتكىلى بولىدۇ.

  1. ئىنسان سۈرىسى ئايەت2: ۔.
  2. زۇمەر سۈرىسى: ئايەت5 ۔.
2323-ماقالە: قورقمايدىغان ئادەم تۇغۇلۇپ باقمىدى#
« ئىنسان ئاجىز يارىتىلغان.» —نىسا سۈرىسى: 28 ۔ئايەت. قورقۇش ۋە ئەندىشە قىلىش تەبىئىيدۇر. ئەمما قورقۇش بىلەن ئەندىشىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قېلىش تەبىئىي ئەمەس. چۈنكى، قورقۇنچ، ئەندىشە ۋە داۋاملىق غەمكىن يۈرۈش ھاياتىڭىزنىڭ بىر قىسمىنى مەشغۇل قىلىپلا قالماستىن، كۆڭۈل ئارامىڭىزنى بۇزىدۇ، تەپەككۇرىڭىزنى چېچىۋېتىدۇ. ئىشەنمىسىڭىز، تور دۇنياسىدىن ئىزدەنسىڭىز قورقۇنچنىڭ ۋە غەمكىنلىكنىڭ ئەقىل، روھ ۋە تەن ساقلىقىغا قانچىلىك زور خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، يۈرەكنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، بەدەننىڭ ئېممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى بىلىپ قالىسىز. شۇڭا خاتىرجەملىك ئەڭ كاتتا نېمەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۆز ۋاقتىدىكى قۇرەيش كاپىرلىرىغا بۇ نېمەتنى ئەسلەتكەن. «قۇرەيشلەرگە ئوڭايلاشتۇرۇلغانلىقى — ئۇلارنىڭ قىشلىق ۋە يازلىق سەپىرى ئوڭايلاشتۇرۇلغانلىقى (غا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ) ئۈچۈن، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاچلىقتىن تويغۇزغان، قورقۇنچتىن خاتىرجەم قىلغان بۇ ئۆي (كەئبە)نىڭ رەببىگە ئىبادەت قىلسۇن [^1]»!

ئەندىشە قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان سەۋەبلەر بىلەن ئەندىشە قىلىشنى تەلەپ قىلمايدىغان ئېھتىماللارنىڭ پەرقىنى ئايرىۋېلىش كېرەك. مەسىلەن: بالىلىرىڭىزدىن بىرەرسىنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئامىل بىلەن سىزنىڭ خىزمىتىڭىزدىن ئايرىلىش ئېھتىماللىقىڭىز ئوتتۇرىسىدا ئاسمان۔ زېمىن پەرق بار. سىز بۇنىڭ پەرقىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، ئەمەلىيەتتە ئەندىشە قىلىشقا ۋە ئەنسىرەشكە تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ئىنتايىن ئازلىقىنى ۋە ئەندىشە قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئىشلارنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى بىلىپ قالىسىز.

فرانسىيەدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسىگە كۆرە، پسىخىكا مۇتەخەسسىسلىرى 24000 كىشىدىن «ھاياتىڭىزدا ئۇچرىغان ئەڭ چوڭ مۇسىبەت قايسى؟» دەپ سورىغاندا، بىرىنچى ئورۇندا «خىزمىتىمدىن ئايرىلىپ قېلىش» دېگەن جاۋاب، ئاندىن «جورامدىن ئاجرىشى پ كېتىش»، ئاندىن «يېقىن كىشىمنىڭ ۋاپاتى» دېگەن جاۋاب كەلگەن.

بۇنىڭغا ئوخشىغان ئەھۋاللار ھاياتىمىزدا بىر ياكى ئىككى قېتىم بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ، بۇلار ۋاقىتلىق مۇسىبەت ياكى ئۆتكۈنچى كۆڭۈلسىزلىكلەردۇر. ئەمما بۇ ئىشلار ئۈستىدە كۆپ ئويلىنىش، داۋاملىق غەم۔ئەندىشە قىلىش ھاياتىمىزنى نابۇت قىلىشقا يېتەرلىكتۇر. شۇنىمۇ ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، بىز يۈز بېرىدۇ دەپ قورققان ۋە ئەندىشە قىلغان ئىشلارنىڭ 90% يۈز بەرمەيدۇ، يۈز بەرگەن تەقدىردىمۇ بىز ئويلىغاندىن يېنىك بولىدۇ.

قورقۇش ۋە ئەندىشىنىڭ ئىنسان ھاياتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ھېچكىم ئىنكار قىلمايدۇ. لېكىن ئىنسانلارنىڭ مۇسىبەتلەرگە ۋە قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش كۈچى پەرقلىق بولغانلىقتىن، بەزى كىشىلەر بولمىغان ۋە بولۇش ئېھتىمالى تۆۋەن بولغان ئىشلار ئۈچۈنمۇ ئۆزىنى ئۇپرىتىدۇ، كۆپ ئويلىنىش، زىيادە غەم قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەن سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يەكۈنلىشىچە، بىزنىڭ قورقۇنچلىرىمىزنىڭ 90% ى ئېھتىمال دەرىجىسىدىكى قورقۇنچلار بولۇپ، يۈز بېرىش نىسبىتى ئىنتايىن ئاز ياكى ھېچ يۈز بەرمەيدىكەن.

كورونا زامانىدا كۆردۇقكى، كورونا ۋىرۇسىدىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ تولىسى قورقۇنچ سەۋەبلىك كېسەل بولغان بولسىمۇ، كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى يوقنىڭ ئورنىدا بولغان. شۇڭا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان خاپىلىقلاردىن قورقۇپ تولا ئويلىنىشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ تەدبىرىنى ئېلىش بىلەن بىللە ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇش ئاقىلانىلقتۇر.

✦ بىزنىڭ قورقۇنچلىرىمىز كىچىك ئىشلار ئۈچۈنمۇ يوغان سايىلارنى تاشلايدۇ.

✦ قورقۇنچنى 100% توسىدىغان رېتسىپ يوق، ئەمما ئىجابىيلىق ۋە تەجرىبىلەر قورقۇنچلىرىمىزنىڭ 90% نى تۆۋەنلىتىدۇ.

✦ سىزنىڭ قورقىدىغىنىڭىز كېلەچەكتە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئىشلاردۇر. ئەھۋال شۇنداق تۇرسا، سىز نېمە ئۈچۈن تېخى بولمىغان، بەلكى ھېچ بولمايدىغان ئىشلارنى ئويلاپ بۈگۈنىڭىزنى ماتەمگە ئايلاندۇرىسىز؟

  1. قۇرەيش سۈرىسى.
2424-ماقالە: مۇنداق كىشىلەردىن يىراق تۇرۇڭ#
«پاسسىپ كىشىلەردىن يىراق تۇرۇڭ. چۈنكى، ئۇلار ھەبىر چارە ئۈچۈن مۈشكىلە تاپالايدۇ.» —ئالبېرت ئېينىشتېيىن.

بىز كۈندىلىك ھاياتىمىزدا مەغلۇبىيەتچى، يالغانچى، گەپ توشۇغۇچى، غەيۋەتچى، سوۋۇتقۇچى، تەنقىدچى، ھەسەتخور، ھۇرۇن كىشىلەردىنمۇ يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك.

✦ مەغلۇبىيەتچىدىن يىراق تۇرۇڭ. چۈنكى، مەغلۇبىيەتچى يەنە مەغلۇب بولۇشقا مەھكۇمدۇر.

✦ گەپ توشۇغۇچىدىن يىراق تۇرۇڭ، چۈنكى، ئۇ سىزنىڭ گېپىڭىزنىمۇ توشۇيدۇ.

✦ يالغانچىدىن يىراق تۇرۇڭ. چۈنكى، ئۇ سىزگىمۇ يالغان ئېيتىدۇ.

✦ سوۋۇتقۇچىدىن يىراق تۇرۇڭ، چۈنكى، ئۇ سىزنى ئۇلۇغۋار ئىشلىرىڭىزدىن سوۋۇتىدۇ.

✦ تەنقىدچىدىن يىراق تۇرۇڭ. چۈنكى، ئۇ سىزدە ئەيىبلىرىڭىزدىن باشقىسىنى كۆرمەيدۇ.

✦ ھەسەتخوردىن يىراق تۇرۇڭ. چۈنكى، ئۇ سىزدىكىلەرنىڭ يوق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.

✦ ھۇرۇن كىشىلەردىن يىراق تۇرۇڭ. چۈنكى، ئۇلار سىزگە پاسسىپلىقنى يۇقتۇرىدۇ.

بەزىلەر دېيىشى مۇمكىن، ئىنسانلارنىڭ كۆپ سانلىقى يۇقىرىقىدەك تۇرسا، بىز ھەممىلا ئادەمدىن قانداق يىراق تۇرالايمىز؟

جاۋاب شۇكى، گەرچە ئىنسانلارنىڭ كۆپ سانلىقىدا يۇقىرىقى ئىللەتلەر بولسىمۇ، يەنىلا ئارىلىشىشقا ئەرزىيدىغان ئېسىل كىشىلەر ئاز ئەمەس. شۇنداق كىشىلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشقا مۇۋەپپەق بولغانلار ھەقىقەتەن تەلەيلىك كىشىلەردۇر. شۇڭا ئىنسانلارنى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىش ناھايىتى مۇھىمدۇر. ئەجدادلىرىمىز «قازاننىڭ قېشىغا بارساڭ قارىسى يۇقار» دەيدىغان ھېكمەتنى قالدۇرغان. ئاللاھ تائالا بىزگە

﴿فَأَقِمْ وَجْهَكَ لِلدِّينِ حَنِيفًا ۚ فِطْرَتَ اللَّهِ الَّتِي فَطَرَ النَّاسَ عَلَيْهَا ۚ لَا تَبْدِيلَ لِخَلْقِ اللَّهِ ۚ ذَٰلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ﴾

«ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار» دەپ ئەمر قىلغان.

رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئوتتۇرا ئەسىرلەردە، ئىتالىيەنىڭ مەشھۇر ئەمەلدارلىرىدىن بىرى شەھەر مەركىزىگە پەرىشتە بىلەن شەيتاننى تەسۋىرلىگەن ئىككى چوڭ رەسىم سىزدۇرۇش نىيىتىگە كېلىپ، ئۇستا رەسساملارنى ئىزدەشكە باشلايدۇ. ئەمەلدار شۇنىڭ بىلەن ئىتالىيەنىڭ داڭلىق رەسساملىرىدىن بىرىگە ئىنتايىن كۆپ مىقداردا ھەق تۆلەش بەدىلىگە شۇنداق ئىككى چوڭ رەسىم سىزىپ بېرىش تەكلىپىنى سۇنىدۇ. رەسسام بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، ئاۋۋال پەرىشتىنىڭ رەسىمىنى سىزماقچى بولۇپ، ناھايىتى پاك، چىرايلىق بىر سەبىي بالىنى تېپىپ، شۇ بالىغا قاراپ تۇرۇپ سىزىشنى پىلانلايدۇ. رەسسام شەھەر ۋە يېزىلارنى ئارىلاپ يۈرۈش جەريانىدا، ناھايىتى كېلىشكەن، چىرايىدىن سائادەت ۋە پاكلىق چىقىپ تۇرىدىغان بىر بالىنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ. بالا بىلەن سۆزلىشىپ، ئاخىرى ئۇ بالىنىڭ ئائىلىسىگە بارىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئاتا۔ئانىسىدىن ئوغلىنىڭ رەسىمىنى سىزىش ئۈچۈن رۇخسەت سورايدۇ. ئاندىن مەزكۇر ئائىلىگە ھەق تۆلەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بالىنىڭ ئاتا۔ئانىسى مۇۋاپىق كەلگەندىن كېيىن، ئۇ بالىنىڭ رەسىمىنى ناھايىتى چىرايلىق ۋە كۆركەم قىلىپ سىزىپ چىقىدۇ. بارچە رەسساملار بۇ رەسىمنىڭ گۈزەللىكىگە قايىل بولىدۇ.

رەسسام ئەمدى شەيتاننىڭ رەسىمىنى سىزىش ئۈچۈن، شەيتانغا ئوخشاتقىلى بولىدىغان بىرەر ئادەمنى ئىزدەپ كۆپ جاپا تارتىدۇ، ئەمما تاپالمايدۇ. ئارىدىن يىگىرمە يىل ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئەمەلدار ناۋادا بۇ رەسسام شەيتاننىڭ رەسىمىنى سىزالماي ئۆلۈپ كەتسە، ئىشىمىز يېرىم يولدا قالارمۇ دەپ ئەنسىرەشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەمەلدار رەسسامنى قىستاشقا باشلايدۇ ۋە تەلەپ قىلغان ئىش ھەققىدىنمۇ كۆپ مىقداردا ھەق بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلىپ، ئۇنى ئالدىرىتىدۇ. رەسسام كۆپ باش قاتۇرىدۇ ۋە ئىزدەيدۇ، تۈرمىلەرنى، قىمار ئوينىلىدىغان، ھاراق ئىچىلىدىغان مەينەت جايلارنى ۋە پىسخىكا كېسەللىرىدىن بىرەرسى ياراپ قالارمۇ دەپ بەزى دوختۇرخانىلارنى كېزىپ چىقىدۇ، ئەمما شەيتانغا ئوخشايدىغان بىرىنى تاپالمايدۇ. بىر كۈنى ئاخشىمى بىر كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىدا، بىر دۆۋە ئەخلەتنىڭ يېنىدا ھاراق شېشىسىنى غاجاۋاتقان، بەكمۇ كۆرۈمسىز، ئۈستى۔بېشى ئىنتايىن مەينەت، كىيىملىرى پاسكىنا بىر ئادەمنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ. رەسسام ئادەمنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ رەسىمىنى سىزىش نىيىتى بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا كۆپ مىقداردا پۇل بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئادەم تېزلا ماقۇل بولىدۇ. رەسسام ئادەمنىڭ رەسىمىنى سىزىشقا باشلايدۇ، ئادەم ئىنتايىن پاسكىنا بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ سېسىق ھىدى رەسسامنى قاتتىق بىئارام قىلىدۇ. لېكىن رەسسام سەۋرچانلىق بىلەن ئۇنىڭ رەسىمىنى سىزىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. رەسسام رەسىم سىزىۋېتىپ ئادەمگە قارىسا، ئۇنىڭ ئىككى كۆزىدىن ياش ئېقىۋاتقان بولۇپ، يۈزىنى ھۆل قىلىۋېتىدۇ. رەسسام ھەيران قېلىپ، ئادەمدىن «نېمە بولدىڭىز؟ تاماكا خۇمارىڭىز تۇتۇپ قالدىمۇ ياكى ھاراق ئىچكىڭىز بارمىدى؟» دەپ سورايدۇ. ئادەم يىغىدىن ئۆزىنى ئاران تۇتۇۋالغان ھالدا رەسسامغا قاراپ: «رەسسام ئەپەندىم! بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل ئىلگىرى سىز مېنىڭ بالىلىق رەسىمىمنى سىزغان ئىدىڭىز. ئۇ چاغدا مەن شۇنداق پاك ۋە چىرايلىق بالا ئىدىم. شۇڭا سىز مېنى پەرىشتىگە ئوخشاتقان ئىدىڭىز. مانا ئەمدى مەن شەيتانغا ئوخشاپ قالدىم. ئەسلىدە مەن ئاشۇ چىرايلىق، پاك بالا ئىدىم» ديدۇ ۋە ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىدۇ. رەسسام ئۇنىڭ ھالىغا قاراپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدۇ، ئىككىسى بىرلىكتە بىرەر سائەتكە يېقىن يىغلاپ ئولتۇرىدۇ.

ھەممە ئادەم پەرىشتىدەك تۇغۇلىدۇ ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى پەرىشتىگە ئوخشاش قىلىپ ياراتقان، لېكىن بىز بەزىدە ئۆزىمىزنى شەيتانلارغا ئوخشىتىۋالىمىز. ئانىمىزدىن تۇغۇلغاندا تولىمۇ پاك ۋە سۆيۈملۈك بىر بوۋاق بولۇپ دۇنياغا كېلىمىز، ئەمما بۇ دۇنيادىن ئايرىلىشتا كۆپلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ پەرىشتىلىك ھالىتىمىزنى ساقلاپ قالالماي، شەيتانلارغا ئۆزگىرىپ كېتىمىز. ھالبۇكى، ئاللاھ تائالا بىزنى تۇغۇلغان ۋاقتىمىزدىكى پاك فىترىتىمىزنى ساقلاپ

﴿وَعَسَىٰ أَن تَكْرَهُوا شَيْئًا وَهُوَ خَيْرٌ لَّكُمْ ۖ وَعَسَىٰ أَن تُحِبُّوا شَيْئًا وَهُوَ شَرٌّ لَّكُمْ ۗ وَاللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنتُمْ لَا تَعْلَمُونَ﴾

قېلىشقا ۋە ئۇنى ئۆزگەرتمەسلىككە بۇيرۇيدۇ.

﴿وَعَسَىٰ أَن تَكْرَهُوا شَيْئًا وَهُوَ خَيْرٌ لَّكُمْ ۖ وَعَسَىٰ أَن تُحِبُّوا شَيْئًا وَهُوَ شَرٌّ لَّكُمْ ۗ وَاللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنتُمْ لَا تَعْلَمُونَ﴾

يەنى «(ئى پەيغەمبەر!) سەن توغرا دىنغا _ ئاللاھنىڭ دىنىغا يۈزلەنگىنكى، ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان. ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، بۇ توپتوغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.»  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق بالا ئىسلام فىترىتىگە تۇغۇلىدۇ، ئەمما ئۇنى ئاتا۔ئانىسى يەھۇدىي ياكى خىرىستىيان ۋەياكى مەجۇسى قىلىۋېتىدۇ.«

✦ پاسسىپ ئىنسانلار تاماكىغا ۋە ئاستا۔ئاستا ئۆلتۈرىدىغان كېسەلگە ئوخشاش بولۇپ، ھاياتىڭىزنى ئۆمۈر بويى زەھەرلەيدۇ.

✦ پاسسىپ ئىنسانلار قاتىلدىنمۇ خەتەرلىكتۇر. چۈنكى، ئۇلار ئىنسانلاردىكى روھنى ئۆلتۈرىدۇ.

✦ ھەممە ئادەم پەرىشتە بولۇپ تۇغۇلىدۇ، ئەمما ھەممىلا ئادەم پەرىشتە ھالىتىدە ئۆلمەيدۇ.

2525-ماقالە: سىزنى ئۆلتۈرەلمىگەن نەرسە كۈچلۈك قىلىدۇ#
« ئالتۇننى ئوت سىنايدۇ، ئىنساننى قىيىنچىلىق سىنايدۇ. قىيىنچىلىقتىن قورقماڭ، ئۇ سىزنى كۈچلەندۈرىدۇ.»

۔ ئىبنى سىنا قۇرۇق سۆز، قۇرۇق تۆھمەت، ئەزىيەت دېگەندەك نەرسىلەر ئادەمنى ئەلۋەتتە بىئارام قىلىدۇ. ئەڭ يامان يېرى ئادەمنىڭ ئىچىگە كۆمۈلگەن بۇ دەرد۔ئەلەملەر ئەقىلنى بەند قىلىدىغان، پائالىيەتچانلىققا توسقۇنلۇق قىلىدىغان پاسسىپ ئېنېرگىيەگە ئايلىنىدۇ. پاسسىپ ئېنېرگىيە تولىمۇ زىيانلىق نەرسە بولۇپ، بەزىدە ئادەمنى ئۇچراشقان ھەربىر كىشىگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان ۋەھشىي مەخلۇققا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بۇنداق ئادەم سىرتتا كىشىلەردىن ئالالمىغان ئۆچىنى پەرزەنتلىرىدىن ۋە كۆپىنچە ئايالىدىن ئالىدىغان تۇراقسىز ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا ئاچچىق، دەرد۔ئەلەم ۋە پۇشايمان دېگەنلەرنى توشۇماسلىق ۋە ئۇنتۇشقا تىرىشىش لازىم. ئەستە ساقلاش بىر نېمەت بولسا، بەزى چاغلاردا دەرد۔ئەلەملەرنى ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇشمۇ چوڭ نېمەتتۇر.

شۇ ئېنىقكى، دەرد۔ئەلەم قانچىلىك كۈچلۈك ۋە قانچىلىك قاتتىق بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇ ئىمان بىلەن قوراللانغان كىشىلەرگە نىسبەتەن يەنىلا ئاجىزدۇر. چۈنكى، ئىمان ھەممىنى يېڭىدىغان كۈچتۇر.

شۇنىمۇ ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، دەرد۔ئەلەم مەنىۋى ئاغرىقلارنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر. شۇنداقتىمۇ، ئىماننىڭ كۈچى ۋە ئۆزىمىزدە ئۇنىڭغا قارشى ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈش بىلەن ئۇنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

ئەلەمنىڭ زىيىنى نىسبىي بولۇپ، ئۇنى مۇتلەق زىيانلىق دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، خۇددى ئالتۇن ئوتتا ئېرىتىلىپ تاۋلانغاندەك، ئادەم دەرد۔ئەلەملەر جەريانىدا تاۋلىنىپ چىقىدۇ. گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ فېرىدرىك «سىزنى ئۆلتۈرەلمىگەن نەرسە كۈچلۈك قىلىدۇ» دېگەن مەشھۇر سۆزىنى بۇ سەۋەبتىن قالدۇرغان.

كالا تەمرەتكىسى ۋىرۇسىنىڭ ئوكۇلىنى ئىجاد قىلغان تېببىي ئالىم ئىدۋارد جېىنىر بىر كىشىنىڭ «مەن كىچىك ۋاقتىمدا كالا تەمرەتكىسى ۋىرۇسى بىلەن ئاغرىغانىدىم. ھازىرغىچە كېسەل بولۇپ باقمىدىم » دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۆزى ئىجاد قىلغان ئۇكۇلنى تەجرىبە قىلماقچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ساق كىشىلەردىن بىر قانچىسىغا ئۆزى ئىجاد قىلغان ئوكۇلىنى سالىدۇ. ئۇكۇل بۇ كىشىلەرنى قىزىتىپ خېلى بىئارام قىلىدۇ ۋە ئۇزۇنغا قالماي ھەممىسى ساقىيىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىدۋارد جېنىر ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى ئايلارچە كۆزىتىدۇ. كۆزىتىش نەتىجىسىدە ئۇلاردىن ھېچبىرىنىڭ بىرەر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ. ئاندىن شۇ تەجرىبىسىگە ئاساسلىنىپ، «كېسەل بىلەن ئۆلمىگەن ئادەم كېسەللەرگە تاقابىل تۇرىدىغان كۈچ ھاسىل قىلىدۇ» دېگەن پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ پىرىنسىپقا ئاساسلىنىپ دەيمىزكى، بىزنى ئۆلتۈرەلمىگەن مىكروب بىزنىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىمىزنى ئاشۇرغاندەك، قىيىن شارائىتلار، جاپا۔مۇشەققەتلەر ۋە مۇسىبەتلەر بىزنى چىدامچان قىلى پ تاۋلاپ چىقىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەربىرى بىرەردىن مىكروبنىڭ ئورنىدا بولۇپ، ئۇلار يا بىزنى يىقىتىدۇ ياكى كۈچلۈك قىلىدۇ، ئىرادىمىزنى كۈچەيتىدۇ، بەدىنىمىزنى مەزمۇت قىلىدۇ، روھىمىزنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ھەربىرىمىز بېشىمىزغا كەلگەن قىيىنچىلىقلار ۋە جاپا۔مۇشەققەتلەدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ چىداملىق بولۇپ چىققانلىقىمىزنى ئەلۋەتتە بىلىمىز. چۈنكى، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە:

﴿فَإِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا ۝ إِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا﴾

«سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان نەرسىنى ياقتۇرماي قېلىشىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن زىيانلىق بولغان نەرسىنى ياقتۇرۇپ قېلىشىڭلار مۇمكىن.»

شۇڭا سىز ھەربىر قىيىنچىلىق ئالدىدا، ھەتتا ھەرقانچە چوڭ قىيىنچىلىققا ياكى چىدىغۇسىز ئېغىر مۇسىبەتلەرگە ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ، «سىزنى ئۆلتۈرەلمىگەن نەرسە كۈچلۈك قىلىدۇ» دېگەن پىرىنسىپ بويىچە ئىش كۆرسىڭىز، ئەلۋەتتە سىزگە گۈزەل كېلەچەك

﴿فَإِذَا فَرَغْتَ فَانصَبْ ۝ وَإِلَىٰ رَبِّكَ فَارْغَب﴾

قۇچاق ئاچىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە:

﴿فَإِذَا فَرَغْتَ فَانصَبْ ۝ وَإِلَىٰ رَبِّكَ فَارْغَب﴾

«ئەلۋەتتە ھەربىر مۈشكۈللۈك بىلەن چوقۇم بىر ئوڭايلىق بار. ھەقىقەتەن ھەربىر مۈشكۈللۈك بىلەن چوقۇم بىر ئوڭايلىق بار» دېگەن.

بۇرۇن بىر قىسسە ئوقۇغانىدىم. بېشىمغا كەلگەن ھەر قىيىنچىلىقتا ئۇنى ئەسلەپ قويىمەن. قىسسە مۇنداق ئىدى: بىر ئوتۇنچى ھەر كۈنى ئورمانغا ئۆزى بىلگەن يول بىلەن بېرىپ، ئوتۇن كېسىپ كېلىدىكەن. بىر كۈنى ئويلاپ، ئۆز۔ئۆزىگە «ئورماننى مەندىن ياخشى بىلىدىغان ئادەم يوققۇ دەيمەن، چۈنكى مەن كۆزۈمنى تېڭىپ قويسىمۇ تاپالايمەن» دەپ پىچىرلايدۇ. ئۇ ئورماندىن قايتماقچى بولۇپ تۇرغاندا، قاتتىق يامغۇر يېغىپ كېتىپ، تاغدىن چۈشكەن قورام تاشلار ئۇنىڭ ھەر كۈنى بېرى پ كېلىۋاتقان يولىنى تامامەن توسۇۋالىدۇ. ئوتۇنچى دەرھال ئۆيىگە قايتماقچى بولۇپ باشقا بىر يولغا كىرىدۇ ۋە ئۇ يولدا ئېزىپ كېتى پ ئۆيىنى تاپالمايدۇ. ئوتۇنچى ئورمانلىقنىڭ ئىچىدە قايمۇقۇپ قالغانلىقتىن، ئۆيىنىڭ يولىنى قەتئىي تاپالمايدۇ. بۇ ئەسنادا ئۇ قاتتىق ئاچلىق ۋە سۇسىزلىق تارتىدۇ، ھەتتا ئۆلۈپ كەتكىلى تاس قالىدۇ. ئوتۇنچى ئورماندا بىر قانچە كۈن ئايلىنىپ يۈرگەندىن كېيىن، ئۇزاق بىر يەردىن تۈتۈن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شۇ تەرەپكە بارىدۇ ۋە ئۆيىنى تاپىدۇ. ئەسلىدە بۇ ئايالىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن بەلگىسى ئىكەن. ئوتۇنچى بىر قانچە كۈن ئاغرىپ يېتىپ قالىدۇ. ئاندىن ئاستا۔ئاستا ئۆزىگە كېلىپ، كۈنلەردىن بېرى ئۆيىنى تاپالماي ئادىشىپ يۈرگەن جايلىرىنى ئەسلەيدۇ ۋە كۈچىنى توپلاپ ئاشۇ يېڭى جايلارغا بېرىپ ھېچكىمنىڭ قولى تېگىپ باقمىغان ياغاچلارنى كېسىپ، بازارغا ئاپىرىپ سېتىش ئارقىلىق نۇرغۇن مال۔دۇنياغا ئىگە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇرۇنقى ئوتۇنچىلىق تۇرمۇشتىن قۇتۇلۇپ، كاتتا سودىگەرلەردىن بولۇپ قالىدۇ. دېمەك، بۇ ئادەمنىڭ ئورماندا ئېزىپ كېتىپ، ئۆيىنى تېپىش يولىدا تارتقان ئىختىيارسىز جاپالىرى بەدىلىگە ئۇ ئورماندا كېسىپ تۈگىتى پ بولالمىغۇدەك دەرىجىدە كۆپ ياغاچلارغا ئېگە بولغان.

ئوتۇنچىنىڭ باشتىن كەچۈرگەن تەجرىبىسى ھەقىقەتەن قىيىن ۋە قاتتىق بولغان، ئەمما ئېرىشكەن مۇكاپاتىمۇ تارتقان جاپالىرىدىن نەچچە ھەسسە كاتتا ۋە كۆپ بولغان.

تەۋسىيەم شۇكى، سىز قانداقلا بىر قىيىن ئىشقا يۈزلىنىشتىن ئاۋۋال «مېنى يىقىتالمىغان نەرسە كۈچلەندۈرىدۇ» دېگەننى تەكرارلاڭ ۋە بۇنى ھەر دائىم ئېيتىپ تۇرۇڭ، ياتقاندا ۋە تۇرغاندا، ھەتتا ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ تەكرارلاڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ئۇنىڭ گۈزەل نەتىجىسىنى چوقۇم كۆرىسىز.

✦ دەرد۔ئەلەملەر مىكروبقا ئوخشايدۇكى، مىكروب يا بىزنى ئۆلتۈرىدۇ ياكى كېسەلگە قارشى كۈچىمىزنى ئاشۇرىدۇ.

✦ «سېنى ئۆلتۈرەلمىگەن نەرسە كۈچلەندۈرىدۇ» دېگەن پىرىنسىپقا ئىشەنگەن چېغىڭىزدا، كېلەچەكتە ئۇشتۇمتۇت يۈز بېرىدىغان ھەرقانداق خەتەرگە قارشى قوغدانغان بولىسىز.

✦ ھايات ئۇزۇن بىر فىلىمغا ئوخشاش بولۇپ، نۇرغۇنلىغان قىيىن تاللاشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن ھەمىشە ئۇ چىداملىقلارنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

2626-ماقالە: ھېسسىيات دۈشمەنلىرىدىن يىراق تۇرۇڭ!#
«يامان دوست بىلەن ياخشى دوستنىڭ مىسالى ئەتىر ساتقۇچى بىلەن كۆرۈك پۈۋلىگۈچىگە ئوخشاشتۇر.» —ھەدىس شەرىپ.

ئەتراپىڭىزدىكىلەر يا سىزگە بىرىدۇ ياكى سىزدىن ئالىدۇ. ئاكتى پ كىشىلەر سىزنى نەتىجە قازىنىشقا، يولىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق سىزگە ئېنېرگىيە بېرىدۇ، ئەمما پاسسى پ كىشىلەر روھىڭىزنى چۈشۈرۈش، ئىشىڭىزدىن سوۋۇتۇش ۋە يولىڭىزدىن توختىتىشقا ئۇرۇنۇش ئارقىلىق سىزدىكىلەرنى ئالىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئىجابىي ياكى سەلبىي سۆزلىرى، يۈرۈش۔تۇرۇشلىرى ئەلۋەتتە سىزگە تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ. چۈنكى، بىز ئىجتىمائىي مەخلۇقات بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئەتراپىمىزدىكىلەردىن ئىجابىي يا سەلبىي نەرسىلەرنى ئىختىيارسىز ھالدا قوبۇل قىلىمىز، ئاندىن ئۇنى باشقىلارغا بېرىمىز.

ياخشىلىق ئادەتتۇر بىز قانداقلا بىر ئىشنى مەشىق قىلساق شۇ ئىش بىزنىڭ كىملىكىمىزنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. چۈنكى، بىزنىڭ يولباشچىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ياخشىلىق ئادەتتۇر » دەپ كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى: سىز ياخشى ئىشنى قىلىشنى مەشىق قىلىۋەرسىڭىز، ئاشۇ ياخشىلىق سىزنىڭ ئادىتىڭىزگە ئايلىنىدۇ۔دە، سىز ياخشى ئىشلارنى ئىككىلەنمەستىن، ھەتتا ئىختىيارسىز قىلىدىغان بولۇپ كېتىسىز، دېگەنلىكتۇر.

بۇنىڭ ئەكسىچە، ئەگەر سىز تولا غەمكىن بولسىڭىز، غەمكىنلىكنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالىسىز۔دە، ئاددىي ۋە كىچىك ئىشلارچىمۇ غەمكىن بولىدىغان بولۇپ قالىسىز. ئەگەر سىز تولا ئاچچىقلىسىڭىز، ئاچچىقلاشنى ئادىتىڭىزگە ئايلاندۇرۇۋالىسىز۔دە، ئادەتتىكى ئىشلارغىمۇ ئاچچىقلايدىغان بولۇپ قالىسىز. ئەگەر سىز دەردلىنىۋەرسىڭىز، دەردلىنىشكە ئادەتلىنى پ قالىسىز۔دە، ئادەتتە باشقىلار دەردلەنمەيدىغان ئىشلار ئۈچۈنمۇ دەردلىنىدىغان بولۇپ قالىسىز.

پىسخولوگىيە ئىلمىدە دەيدۇكى، ئىنسان قانداق بىر ئىشنى مەشق قىلسا، شۇ ئىشتا ئۇستىلىشىدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى كېسەل دەپ قاراۋەرسىڭىز كېسەل بولىسىز. ئەگەر ئۆزىڭىزنى خار۔زەبۇن دەپ قارىسىڭىز خار بولىسىز. ئەگەر ئۆزىڭىزنى نامرات دەپ قارىسىڭىز نامرات بولىسىز. ئەگەر سىز دۇنيانى قاراڭغۇلۇق دەپ قارىسىڭىز، قۇياش چاقنىغان سائەتتىمۇ يورۇقلۇقنى كۆرەلمەيسىز. چۈنكى سىز ئۆز تەپەككۇرىڭىزنىڭ مەھسۇلى. شۇڭا ھەمىشە ئاكتىپ بولۇڭ ۋە ئاكتىپلىقنى تارقىتىڭ.

ھەر نەرسىنىڭ گۈزەل تەرىپىگە قاراڭ بىر كۈنى ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەمراھلىرى بىلەن كېتىۋاتاتتى. چىرىپ كەتكەن ۋە چىۋىنلار ئولىشىۋالغان بىر ئۆلۈك ئىتنى كۆرىدۇ. ساھابىلەر ئۆلۈك ئىتنىڭ سېسىق پۇرىقىدىن بۇرۇنلىرىنى يۆگەپ سەسكەنگەندە، شۇ ئەسنادا ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەمراھلىرىغا: «قاراڭلار، ئۇنىڭ چىشلىرىغا، چىشلىرى مەرۋايىتتەك ئىكەن» دېيىش ئارقىلىق ئۇلارغا ھەر نەرسىنىڭ گۈزەل تەرىپىگە قاراشنى ۋە ئىجابىي بولۇشنى ئۆگەتكەن.

ئىنسانلارنى ئۆزىڭىز تاللاڭ ئادەم دوستلىرىدىن، ئارىلىشىدىغان كىشىلىرىدىن ۋە ئۇچراشقان ھەربىر كىشىدىن يا ئىجابىي ياكى سەلبىي جەھەتتىن چوقۇم تەسىرات ئالماي قالمايدۇ. شۇڭا سىز بۈگۈندىن باشلاپ ئارىلىشىدىغان ئادەملىرىڭىزنى تاللاڭكى، ئۈمىدۋار، ئىجابىي ئېنېرگىيەلىك، تىرىشچان، غايىلىك، دۇنيانى گۈزەل دەپ قارايدىغان، ھەربىر قاراڭغۇلۇقتىن بىرەر يوچۇقنى كۆرەلەيدىغان ئىنسانلارغا يېقىنلىشىڭ. بۇلارنىڭ ئەكسىچە، ئۈمىدسىز، سەلبىي ئېنېرگىيەلىك، سوۋۇتقۇچى، شۇم ئىنسانلاردىن يىراق تۇرۇڭ!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىراۋ ‹ئىنسانلار ھالاك بولىدۇ› دېسە، ئۆزى ھالاك بولىدۇ» دېيىش ئارقىلىق شۇم ئىنسانلاردىن ئاگاھلاندۇرغان.

✦ پىلانلىرىڭىزنى سىزگە كۆيۈنىدىغان، ئىشەنچلىك كىشىڭىزگىلا ئېيتىڭ.

✦ سىرلىرىڭىزنى ھېچكىمگە ئېيتماڭ، ھەممىلا ئادەمگە ئىشىنىپ كەتمەڭ. چۈنكى ھەممىلا ئادەم سىزگە كۆيۈنمەيدۇ.

✦ كىرىمىڭىزنى، ئائىلىدكى قىيىنچىلىقلىرىڭىزنى، ئاجىز تەرەپلىرىڭىزنى، كۆرەن يامان چۈشىڭىزنى ھېچكىمگە ئېيتماڭ.

2727-ماقالە: ھېچكىم سىزنى بالىڭىزدەك نازارەت قىلالمايدۇ#
« سىلەرنىڭ قىلمايدىغان ئىشنى (قىلىمىز) دېيىشىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا نېمىدېگەن ئۆچ كۆرۈلىدىغان.»!ئىش —سەف سۈرىسى 3: ۔ئايەت.

بالىلىق چاغلىرىمدا، مەكتەپنى كۆرۈشتىن بۇرۇن ئانامنىڭ قولىدا كىتابنى كۆرگەن ۋە كىتاب دېگەن مۇشۇ ئىكەن۔دە، دېگەنىدىم. ئانام سەككىز بالىنى قاتارغا قوشۇش، كىيىملىرىنى يۇيۇش، تاماقلىرىنى بېرىش، چوڭلىرىنى مەكتەپكە يولغا سېلىش، كىچىكلىرىنى بېقىش دېگەندەك، ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان ۋە تۈگىمەيدىغان ئائىلە مەشغۇلاتى بىلەن تۇرۇقلۇق، كىچىككىنە بوش ۋاقتى چىقسىلا قولىغا كىتاب ئالاتتى ۋە كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇيتتى، كۆپ ۋاقىتلاردا بىزگە ئۈنلۈك ئوقۇپ بېرەتتى، ھەر جۈمە كۈنى ئەتىگەندە، كەھف سۈرىسىنى ئوقۇشنى قەتئىي تەرك قىلمايتتى. ئانام يەنە ھېچكىمنى تىللىمايتتى، بىرەرسىمىزنى بىر قېتىممۇ تىللاپ باققىنىنى بىلمەيمەن. خاپا قىلساق قۇلىقىمىزدىن تۇتۇپ ئەدەپلەپ قوياتتى، ئەمما يا بىزگە ياكى دادامغا قەتئىي ئېغىزىنى بۇزمايتتى. دادام ئىنتايىن پىرىنسىپلىق ۋە ئادىل ئادەم بولۇپ، ناھەقچىلىككە قەتئىي جىم تۇرالمايتتى.

سىزمۇ ئەلۋەتتە ئاتا۔ئانىڭىزدىن بۇنىڭدىنمۇ گۈزەل خاتىرىلەرنى ئەسلىيەلەيسىز. ئاتا-ئانىمىز بىزگە ئۆگەتكەن ۋە بىزدە يېتىلدۈرگەن قىممەت قاراشلار ئۇلارنىڭ «ئۇنى قىل»، «بۇنى قىلما» دېگەن بۇيرۇقلىرى ياكى تەلقىنلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن سىڭدۈرگەنلىرى ئىدى.

شۇڭا پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا گۈزەل ئەخلاق ۋە يۈكسەك قىممەت قاراش بىلەن ئىش كۆرگىنىڭىز ئۇلارغا مىڭلارچە نەسىھەت قىلغىنىڭىزدىن ياكى تەربىيە كىتابلىرىدىن يۈزلەرچىسىنى ئوقۇپ بەرگىنىڭىزدىن ئەۋزەل ۋە ئۈنۈملۈكتۇر. بىر كۈنى ئۇستازىم ۋە ئوغلى ئابدۇراھمان ئۈچىمىز جامەگە ئىپتارغا كېتىپ باراتتۇق. يول بويىدا بىر چېلەك سۇنى تەسلىكتە كۆتۈرۈپ كېلىۋاتغان بىر بوۋاينى كۆرۈپ قالدۇق. شۇ تاپتا ئابدۇراھمان دەرھال بوۋاينىڭ ئالدىغا بېرىپ، چېلەكنى قولىدىن ئالدى ۋە كۆتۈرۈپ ماڭدى. كېيىن بىز جامەگە يېتىپ بارغىنىمىزدا، ئۇستازىم ئۇنىڭغا: «ئۆزۈڭگە تۇشلۇق بولماي، يوغان بىر چېلەكنى كۆتۈرۈۋالدىڭغۇ؟ » دېۋىدى، ئۇ «دادا ئەينا سىزمۇ قوشنىمىز تۇداخۇن بوۋاينىڭ يوغان بىر تاغار يۈكىنى ھارۋىدىن ئېلىپ ئۆيىگە ئەكىرىپ بەرگەنتىڭىزغۇ؟» دېدى. ئۇستازىم تەبەسسۇم قىلدى ۋە گەپ قىلمىدى. بەزىدە ئەھۋال بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. مەسىلەن: سىز بالىلىرىڭىزنىڭ كۆزىدە بىرەر يامان ئىشنى قىلغىنىڭىزدا ياكى ئەخلاققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار سۆزنى سۆزلىگىنىڭىزدە، ئۇلارغا يېشىل چىراق ياندۇرۇپ بەرگەن بولىسىز۔دە، ئۇلار ئۇنى نورمال ئىشلار قاتارىدا قوبۇل قىلىۋالىدۇ. ئايالىنى بالىلىرىنىڭ ئالدىدا ئۇرىدىغان، تىللايدىغان، خارلايدىغان ئادەمنىڭ بالىلىرىمۇ، ئايالىنى ئۇرىدىغان، تىللايدىغان ۋە خارلايدىغان بولۇپ چىقىدۇ. بالىلىرىغا قاتتىق قوللۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەم ئۇلارنى كىشىلەرگە شەپقەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان، كەلگۈسىدە بالىلىرىنى ئۇرىدىغان ئاتىلاردىن قىلىپ قويىدۇ.

شۇڭا بالىلارنىڭ ئالدىدا خاتا ئىش قىلىشتىن ساقلىنىش باشلىقىمىزنىڭ ياكى ئەل ئالەمنىڭ ئالدىدا خاتا ئىش قىلىشتىن ئېھتىيات قىلغاندىن نەچچە ھەسسە مۇھىمدۇر. چۈنكى بالىلىرىڭىز سىزدىن ئىرسىيەتنىلا ئەمەس، بەلكى ئەخلاقىڭىزنى ۋە قىممەت قاراشلىرىڭىزنىمۇ ئالىدۇ. بىز خاتالاشمايدىغان پەرىشتە ئەمەس. شۇنداقتىمۇ، بىزنىڭ بىرەر خاتالىقىمىز ۋە بىر ئېغىز يامان سۆزىمىز بالىلارنىڭ خاتىرىسىدىن يۇيۇلۇپ كەتمەيدۇ، ساقلىنىپ قالىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلار شۇنداق خاتالىقنى سادىر قىلماقچى بولغىنىدا ياكى ئېغىزىنى بۇزغىنىدا، داداممۇ شۇنداق قىلغان دەيدۇ۔دە، ئۆزىنى ھەقلىق قىلىشقا تىرىشىدۇ.

سىز تۇرمۇشىڭىزدا ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن ھەرقانداق نەزەرىيە ۋە ھەرقانداق تەجرىبە۔ ساۋاق پايدىسىزدۇر. ئۇ يا سىزگە ياكى باشقىلارغا پايدا بەرمەيدۇ. چۈنكى، مۇنداق قىلىش دوختۇر بۇيرۇغان دورىنى ئېلى پ ساقلاپ قويۇپ يېمىگەندەكلا ئىشتۇر. شۇڭا سىز ھەر زامان ياخشى ئىشلارنى قىلىڭ، ئاندىن بالىلىرىڭىزغا ئۇنىڭ سەۋەبىنى ياكى مۇھىملىقىنى دەپ بېرىڭ.

✦ ئالدىدا خاتا ئىش قىلىپ سېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشىڭىزغا تېگىشلىك شەخس بالىڭىزدۇر.

✦ ئۈلگە بولۇش مىڭلارچە نەسىھەتتىن ياخشىدۇر.

✦ ئايالىنى خارلايدىغان ۋە كۆزگە ئىلمايدىغان ئادەم ئاياللىرىنى ئۆي سەرەمجانلىرى قاتارىدا كۆرىدىغان بالىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ.

2828-ماقالە: ئۇلار سىزنى قانداق باھالايدۇ؟#
« ھېچكىم سىزنى سىزنىڭ ئىجازىتىڭىزسىز تۆۋەن كۆرەلمەيدۇ. ئۆز قىممىتىڭىزنى بەلگىلەيدىغان كىشى ئۆزىڭىزدۇر.» —ئېلېئانور روزۋېلت.

ئىنسانلار ناتونۇش بىرىنى كۆرۈش بىلەنلا دەسلەپكى ئون سېكۇنت ئىچىدىلا باھالاپ بولىدۇ. مەسىلەن: سىز ئۆيىڭىزدىن چىقىۋاتقاندا، سىزگە ناتونۇش بىرى يېقىنلاشتى، دەپ پەرەز قىلايلى، سىز ئۇنى يىراقتىن كۆرۈش بىلەنلا، چىرايىغا، كىيىنىشىگە، مېڭىشىغا، گەپ قىلىش ئۇسلۇبىغا قاراپلا، سىزدە ئۇنىڭغا قارىتا كۆزقاراش شەكىللىنى پ بولىدۇ۔دە، ئۇنىڭغا شۇ ئاساستا مۇئامىلە قىلىسىز. چۈنكى، سىز ئۇنىڭ بىلەن تونۇشمايسىز، ھەتتا بۇرۇن بىرەر قېتىممۇ كۆرۈپ باقمىدىڭىز. شۇڭا ئۇنىڭغا يۈزەكى باھا بېرىشتىن باشقا يولىڭىز قالمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ بۇنداق تېز باھا بېرىۋېتىشى تەبىئىي ئەھۋالدۇر. تېكساس ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئۇستازى دوكتور دىيان بېرى تۇنجى كۆرۈش بىلەنلا بىراۋغا باھا بېرىۋېتىش ئىنسان خاراكتېرىدىكى ئەسلىي تەبىئەت ئىكەنلىكىنى تەجرىبىلەر بىلەن ئىسپاتلاپ چىققان. ئۇنىڭ قارىشىچە، كۆپىنچە كىشىلەر باشقىلارنىڭ چىراي شەكلى ۋە تاشقى كۆرۈنۈشىگە قاراپلا باھا بېرىۋېتىشتە ئۆزلىرىنى يېتەرلىك دەپ ئويلايدىكەن، ھەتتا خاتالاشمايمىز دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن. فىلىم ئىشلەيدىغانلارنىڭ فىلىم قەھرىمانلىرىنى ۋە ئىجابىي پېرسوناژلارنى ناھايىتى كېلىشكەن، شەكلى گۈزەل، كىيىنىشى رەتلىك، ئىش-ھەرىكەتلىرى دۇرۇس قىلىپ چىقىرىشى، ئەمما سەلبىي پېرسوناژلارنى چىرايى كۆرۈمسىز، قورقۇنچلۇق، كىيىنىشى رەتسىز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى يامان قىلىپ چىقىرىشى بۇ سەۋەبتىن ئىكەن. ئەمما بۇ ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولۇپ، ئىنسانلارنى بىر كۆرۈش بىلەنلا باھالاش قەتئىي توغرا ئەمەس. چۈنكى بىزدە «ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا، ئىنساننىڭ ئالىسى ئىچىدە» دەيدىغان ھېكمەت بار.

كىشىلەرگە بۇنداق تېز ھۆكۈم قىلىۋېتىشنىڭ ئەڭ يامان تەرىپى شۇكى، نۇرغۇنلىرىمىز بىراۋغا تۇنجى قىلغان ھۆكۈمىمىزدىن يېنىشنى خالىمايمىز، ھەتتا بىز ئۇنىڭ بىز ھۆكۈم قىلغاندەك ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان يۈزلەرچە دەلىل۔پاكىتقا ئېرىشكەن تەقدىرىمىزدىمۇ، بۇرۇن بەرگەن خاتا ھۆكۈمىمىزنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز۔يۇ، توختا! بىر ئېنىقلاپ باقايچۇ، بەلكى ئۇ كىشى مەن ئويلىغاندەك بولماسلىقى مۇمكىن دېگەننى ئەقلىمىزگە كەلتۈرمەيمىز.

بىز يەنە ئۈچىنچى بىر شەخسنىڭ بىزگە يەتكۈزىدىغان تەييار ھۆكۈمىگە ئاساسلىنىپ كىشىلەرگە ھۆكۈم قىلىۋېتىمىز. كۆپىنچە ھاللاردا ئۈچىنچى شەخس بىزگە خاتا ھۆكۈملەرنى يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز كىشىلەرگە باشقىلار ھازىرلاپ بەرگەن تەييار ھۆكۈم بويىچە مۇئامىلە قىلىمىز. ئۈچىنچى شەخس بىزگە مەيلى ئىجابىي، مەيلى سەلبىي ھۆكۈمنى ئېلىپ كەلسۇن، بەرىبىر ئۇ بىزنىڭ كىشىلەرگە ھۆكۈم قىلىشىمىزدا ئەلۋەتتە بىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا بىزنى بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ تېگى۔تەكتىنى بىلمەستىن ) بىرەر قەۋمگە يامانلىق قىلىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلى پ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇ خەۋەرنى ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار» دەپ تەلىم بەرگەن.

قانداق قىلغاندا كىشىلەرگە توغرا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ؟

بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئىلگىرى شۇنى سورايمەن:

✦ سىز نېمە ئۈچۈن كىشىلەرگە ھۆكۈم قىلماقچى بولىسىز؟ بۇ سىزنىڭ ھەققىڭىزمۇ؟ ياكى شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇلغانمۇ؟

✦ ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى باھالاش ۋە ئۇلارنى سىنىپلارغا ئايرىش ھەققىنى سىزگە كىم بەردى؟ ياكى سىز ئاللاھنىڭ ساقچىسىمۇ؟

✦ ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنىڭ ئەيىبلىرىنى ئىزدەش بىلەن بولۇپ، ئۇنى تۈزىتىشكە تىرىشىش ئەمەسمۇ؟

خەلىپە ھىشام ئىبنى ئابدۇلئەزىز بىر كۈنى شۇ زاماننىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن بولغان ئەئمەشكە خەت بېزىپ، ئوسمان ئىبنى ئاففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ياخشىلىقلىرى بىلەن ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يامانلىقلىرىنى ئېيتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەللامە ئەئمەش خەلىپىگە مۇنداق دەپ جاۋاب يازىدۇ: «ھەزرىتى ئوسماننىڭ يەر يۈزىدىكى جىمى خەلقنىڭ ياخشىلىقلىرىغا تەڭ كەلگۈدەك كۆپ ياخشىلىقى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ سىزگە قىلچە پايدىسى بولمىغاندەك، ھەزرىتى ئەلىنىڭ يەر يۈزىدىكى جىمى خەلقنىڭ يامانلىقلىرىغا تەڭ كەلگۈدەك كۆپ يامانلىقلىرى بولغان تەقدىردىمۇ، سىزگە قىلچە زىيىنى يوق. شۇڭا سىز ئۆزىڭىز بىلەن بولۇڭ ».

شۇنداقتىمۇ سىز بىراۋنى چوقۇم باھالىماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككى ئىشقا دىققەت قىلىڭ:

✦ 1. بىرتەرپلىمە قاراشتىن خالىي بولۇڭ.

✦ 2. باھانى ئۆزىڭىزنىڭ بىلىشى ۋە ئۇزۇن ۋاقىتلىق تەجرىبىسىگە تايىنىپ بېرىڭ.

✦ كۆپىنچىمىز باشقىلارغا ئون سېكۇنت ئىچىدىلا ھۆكۈم قىلىۋېتىمىز. ئاندىن ئۇنى «پاراسەت» دەپ پەردەزلاپ ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرغا قەدەر شۇنىڭدا چىڭ تۇرىمىز.

✦ ۆزقاراشلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنى ياكى بىز تەييار ھالىتى بىلەن ئىگە بولغان ياكى باشقىلار قۇرۇپ بەرگەن پىكىرلەردۇر.

✦ باشقىلارنىڭ ئەيبىنى ئىزدەشنىڭ ئورنىغا ئۆز ئەيىبلىرىنى ئىزدەش بىلەن بولغۇچىلارغا سالام بولسۇن! ئۆزىنىڭ ئەيىبلىرىنى ئۇنتۇپ، باشقىلارنىڭ ئەيىبلىرى بىلەن مەشۇل بولغۇچىلارغا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن!

2929-ماقالە: ئۆمرىڭىزنى قانداق ئۇزىتالايسىز؟#
«بىراۋنىڭ قالدۇرغان ئىزلىرى ئۇنىڭ ئىككىنچى ئۆمرىدۇر.» —ئەرەب شائىرى مۇتەنەببىي. ھەممىمىز بىلىمىزكى، ھايات ئىنتايىن قىسقا، بىز ئەقىل۔ ھوشىمىزنى تېپىپ بولغۇچىلىك يېشىمىز بىر يەرلەرگە بېرىپ قالىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ئۆمرىمىزدۇر. ئۆمرىمىز شۇنچىلىك قىممەتلىك، ھەتتا مىنۇت، سېكۇنتلىرى بىلەن ساناقلىق تۇرسىمۇ، كۆپىنچىمىز ئۇنى ئەھمىيەتسىز ئىشلار بىلەن زايە قىلىۋېتىمىز. ھەممە ئادەم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەمما ئىنتايىن ئاز كىشىلەرلا ئۇزۇن ياشىيالايدۇ، يەنى ئۆمرىنى بەرىكەتلىك ۋە مەنىلىك ئۆتكۈزۈپ، ئەسلىگۈدەك ئىزلارنى قالدۇرۇپ كېتەلەيدۇ. ئەسلىدە مۇھىم بولغىنى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئەمەس، ئىز قالدۇرۇپ كېيىنكىلەرنىڭ قەلبىدە ياشاشتۇر. ھاياتىدىن ئىز قالدۇرۇپ كېيىنكىلەرنىڭ قەلب قاتلىرىدا ئۆزلىرىنى ياشىتالىغان كىشىلەر ھەقىقىي ياشىغانلاردۇر. ئىز قالدۇرۇش ۋە ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش شەرت ئەمەس. تارىخىمىزدىكى ئەڭ مەشھۇر شەخسىيەتلەرنىڭ بىرى بولغان سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان 34 يىل ئۆمۈر كۆرگەن. يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدا چاقنىغان يۇلتۇزلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا ئەھمەدجان قاسىمىي 35 يىل، ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر 32 يىل، مەمتېلى تەۋپىق 36 يىل، لۇتفۇللا مۇتەللى پ 23 يىل ئۆمۈر كۆرگەن. ئىسلام تارىخىغا قارايدىغان بولساقمۇ، ئىمام شافىئىي 54 يىل، ئىمام نەۋەۋىي 45 يىل، مۇھەممەد فاتىھ يىل49 ئۆمۈر كۆرگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ نامى ھېچ ئۆلمىگەن ۋە ناملىرى تارىخقا ئۇيۇلۇپ كەتكەن. بىز ئۆمرىمىزنى سان جەھەتتىن ئۇزارتالمىساقمۇ، نەتىجىلىرىمىز بىلەن ئۇزارتالايمىز. بىز مەڭگۈلۈك ئۆمۈر سۈرەلمىسەكمۇ، بىزگە بېرىلگەن شۇ ئۆمۈردىن ئەڭ ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇنى مەڭگۈلۈك قىلالايمىز. تارىختا ئىز قالدۇرغان كاتتىلارنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاشلا چەكلىك ئۆمۈرگە ئىگە ئىدى، ئەمما ئۇلار قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئىشلار ئەمەس ئىدى. مۇھىم بولغىنى سىزنىڭ ئۇلارغا ئوخشاش بولۇشىڭىز ئەمەس، بەلكى كۈندىلىك ۋاقتىڭىز ۋە ئۆمرىڭىز قانداق ئىشلار بىلەن زايە بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلىشىڭىزدۇر. بىلىمىزكى، ئۆمۈر ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، ئۇنى ئۆزى قانداق بەلگىلىگەن بولسا شۇنداق بولىدۇ. بىز ئۆمۈرنى سان جەھەتتىن ئۆزگەرتەلمەيمىز، ئەمما مەنە ۋە بەرىكەت جەھەتتىن ئۆزگەرتەلەيمىز. بۇنىڭ مۇنداق ئىككى يولى بار: بىرىنچىسى، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى بويىچە ياشاش، يەنى تەن ساقلىقىغا زىيانلىق بولغان يامان ئادەتلەردىن يىراق تۇرۇش، ئاخشىمى بۇرۇن يېتىپ، سەھەر تۇرۇش، ئاز يەپ، كۆپ ھەرىكەت قىلىش، ئۆزىمىزنى ۋە باشقىلارنى خۇشال قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش. ئىككىنچىسى، مۇھىم ۋە پايدىلىق ئىشلار بىلەن بولۇپ، بىھۇدە ئىشلاردىن ۋە ھەر تۈرلۈك ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن يىراق تۇرۇش. گەرچە ئۆمرىمىز ئىلكىمىزدە بولمىسىمۇ، ئۇنى قانداق قوللىنىش بىزنىڭ ئىلكىمىزدىكى ئىشتۇر. دۇنياغا كېلىش بىزنىڭ ئىختىيارىمىز بىلەن بولمىسىمۇ، قانداق ياشاش بىزنىڭ ئىختىيارىمىزدىكى ئىشتۇر. شۇڭا ھاياتىمىزنى مەڭگۈ ياشايدىغاندەك پائالىيەتچان قىلىشمۇ بىزنىڭ ئىلكىمىزدە. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيامەت قايىم بولغان تەقدىردىمۇ، قولۇڭلاردىكى كۆچەتنى تىكىۋېتىڭلار» دېگەن.

كانادادا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا دېيىلىشىچە، بىر ئادەمنىڭ ئۆمرىنى 80 يىل دەپ پەزەر قىلغاندا، ئۇ كارىۋات ئۈستىدە ئويغاق ئۆتكۈزىدىغان كۈندىلىك بىر قانچە مىنۇتلۇق ۋاقتى ئۇنىڭ ئۆمرىدىن يەتتە يىلنى ئېلىپ كېتىدىكەن. ئەگەر ئۇ كىشى ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا زىكىر ئېيتىش، دۇئا قىلىش، كىتاب ئوقۇش، ئۆتكەن شۇ بىر كۈنلۈك ھاياتى ھەققىدە ئۆز۔ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش دېگەندەك مەشغۇلاتلار بىلەن بولسا، ئاشۇ يەتتە يىلنى بىكار ئۆتكۈزمىگەن بولىدۇ.

گېرمانىيەدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نورمال ئۆمۈر كۆرگەن بىر ئادەمنىڭ 11 يىل ئۆمرى تېلېۋىزور كۆرۈش بىلەن ئۆتۈپ كېتىدىكەن (ئېنتېرنېت، يانفون، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار بىلەن ئۆتىدىغان ۋاقتىمىزنى قوشقاندا بۇ سان ھەسسىلەپ ئېشىپ كېتىدۇ). بۇ ھەقىقەتەن چوڭ پاجىئە بولۇپ، ياش ۋاقتىمىزدا بۇنى ھېس قىلمايمىز، چۈنكى بىزنىڭ  ئالدىراشچىلىقىمىز بىزگە بۇ ھەقتە ئويلاش پۇرسىتى بەرمەيدۇ. ئەمما ياش ئىلگىرىلىگەنسېرى ئۆمرىمىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك چاغلىرىنى ئەرزىمەس ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتكەنلىكىمىزنى بىلىمىز.

بىر ئادەم 80 ياشقا كىرگۈچە كۈندە سەككىز سائەتتىن ئۇخلىغان بولسا، پۈتۈن ئۆمرىنىڭ 27 يىلىنى ئۇيقۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن بولىدىكەن. ئەگەر ئۇ كۈنىگە سەككىز سائەت ئۇخلاشنىڭ ئورنىغا يەتتە سائەت ئۇخلىسا، بىر يىلدا 365 سائەتنى تېجەپ قالغان بولىدىكەن. بۇ پۈتۈن ھاياتىنىڭ 40 ئېيىغا تەڭ كېلىدىكەن. ۋاقىتنى تېجەش، ئۇنى ئەڭ پايدىلىق ئىشلارغا ئىشلىتىش ئۆمۈرنى ئۇزارتىشنىڭ يولى ۋە دانالارنىڭ خىسلىتىدۇر. ئىسلام تارىخىدا، قالدۇرغان ئەسەرلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن، ئەسەرلىرى ئۆمرىنىڭ ھەربىر كۈنىگە 90 بەتتىن توغرا كېلىدىغان ئەزىمەتلەر ئورۇن ئالغان. ھازىرقى زاماندىمۇ شۇنداق ئەزىمەتلەر ئاز ئەمەس، مەسىلەن: سۈرىيەدە بىر ئالىم ئۆزىنىڭ 22 توملۇق چوڭ ھەجىملىك ئەسىرىنى ھەر كۈنى ناماز بامداتتىن كېيىنكى ئىككى سائەتلىك ۋاقىتتىن پايدىلىنى پ 8 يىلدا يېزىپ چىققانلىقىنى ئېيتقان.

يۇقىرىقىلارنىڭ ئەكسىچە، يەر يۈزىگە ۋە باشقىلارغا يۈك بولۇپ ياشاشنى ئۆزىگە راۋا كۆرىدىغان، ھۇرۇن، غەيرەتسىز، نىشانسىز، پىلانسىز ھايات كەچۈرىدىغان ئىنسانلارمۇ ئاز ئەمەس. شۇڭا بۇنداقلار توغرۇلۇق ئالىملاردىن بىرى مۇنداق دېگەنىكەن: «بەزىلەرنىڭ قەبرە تېشىغا، ›30 ياشتا ۋاپات بولدى، 60 ياشتا دەپنە قىلىندى ‹دەپ يېزىپ قويۇش كېرەك.» چۈنكى، بۇنداق ئىنسان ئۆمرىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك چاغلىرىنى غەپلەت بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتكەن.

✦ سىزگە تەقدىر قىلىنغان ئۆمرىڭىزنى ئۇزارتالمايسىز، ئەمما ئۇنى نەتىجىلىرىڭىز بىلەن مەڭگۈلەشتۈرەلەيسىز.

✦ دۇنياغا كېلىش سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزدىكى ئىش ئەمەس، ئەمما قانداق ياشاش سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزدىكى ئىشتۇر.

✦ ھاياتىڭىزدىن ئۆتۈپ كەتكەن ھەربىر كۈن سىزنىڭ بىر پارچىڭىزنى ئېلىپ كېتىدۇ. چۈنكى، سىز، خۇددى ئىمام ھەسەن بەسرىي ئېيتقاندەك، ۋاقىتتىن تەركىب تاپقان بىر مەۋجۇداتسىز.

3030-ماقالە: ھەسەل ھەرىسىدىكى قۇرئان مۆجىزىسى#
«ۋەھيىگە ئەگەشكەن ئىنسانلار ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشايدۇ.» —خاتىرەمدىن. شەكسىزكى، قۇرئان كەرىم دائىملىق مۆجىزە بولۇپ، ھېچكىم ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر كىتابنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ. بۇ ئاللاھ تائالا بۇنىڭدىن 14 ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى شۇ زامانلاردا شېئىرىيەت ۋە ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن ئەرەبلەرگە قارىتا ئېلان قىلغان مۇنازىرىدۇر. مۆجىزە — كىشىلەر ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشتىن ئاجىز كېلىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى ئىش دېگەنلىكتۇر. قۇرئان كەرىمدە نەھل (ھەسەل ھەرىسى) سۈرىسى دېگەن 128 ئايەتلىك بىر سۈرە بار. بۇ سۈرىنىڭ 69 ۔ ئايىتىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

﴿وَأَوْحَىٰ رَبُّكَ إِلَى النَّحْلِ أَنِ اتَّخِذِي مِنَ الْجِبَالِ بُيُوتًا وَمِنَ الشَّجَرِ وَمِمَّا يَعْرِشُونَ ۝ ثُمَّ كُلِي مِن كُلِّ الثَّمَرَاتِ فَاسْلُكِي سُبُلَ رَبِّكِ ذُلُلًا ۚ يَخْرُجُ مِن بُطُونِهَا شَرَابٌ مُّخْتَلِفٌ أَلْوَانُهُ فِيهِ شِفَاءٌ لِّلنَّاسِ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لِّقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ﴾

«رەببىڭ ھەسەل

﴿وَأَوْحَىٰ رَبُّكَ إِلَى النَّحْلِ أَنِ اتَّخِذِي مِنَ الْجِبَالِ بُيُوتًا وَمِنَ الشَّجَرِ وَمِمَّا يَعْرِشُونَ ۝ ثُمَّ كُلِي مِن كُلِّ الثَّمَرَاتِ فَاسْلُكِي سُبُلَ رَبِّكِ ذُلُلًا ۚ يَخْرُجُ مِن بُطُونِهَا شَرَابٌ مُّخْتَلِفٌ أَلْوَانُهُ فِيهِ شِفَاءٌ لِّلنَّاسِ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لِّقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ﴾

ھەرىسىگە: ‹تاغلارغا، دەرەخلەرگە ۋە (كىشىلەر) تەييارلىغان ساندۇقلارغا ئۇۋا ياسىغىن، ئاندىن كېيىن، تۈرلۈك مېۋىلەردىن يېگىن، رەببىڭ (ساڭا ) ئوڭايلاشتۇرۇپ بەرگەن يوللاردا يۈرگىن› دەپ ۋەھيى قىلدى. ئۇنىڭ قارنىدىن ئىنسانلارغا شىپا بولىدىغان خىلمۇخىل رەڭلىك ئىچىملىك (ھەسەل) چىقىدۇ. بۇنىڭدىمۇ تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئىبرەت بار».

ھەسەل ھەرىسى مىليونلارچە يىللاردىن بېرى، ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بۇ تەلىماتتىن قىلچە چەتنىمىگەن ھالدا، ئۆزىگە خاس پىروگرامما ۋە خاس تەبىئەت بىلەن ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە.

يۇقىرىقى ئايەتلەرنىڭ «تاغلارغا، دەرەخلەرگە ۋە (كىشىلەر) تەييارلىغان ساندۇقلارغا ئۇۋا ياسىغىن» دېگەن قىسمىدا، ئاللاھ تائالا ھەسەل ھەرىلىرىنى ئالدى بىلەن تاغلارغا، ئاندىن دەرەخلەرگە، ئاندىن ساندۇقلارغا ئۇۋا ياساشقا بۇيرۇغان. ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە: ھەسەلنىڭ ئەڭ ياخشىسى تاغ ھەسىلى، ئۇنىڭدىن قالسا دەرەخ ھەسىلى، ئاندىن ساندۇقلارغا ئۇۋا ياسىغان ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ ھەسەللىرى ئىكەن. مانا بۇ تەرتىپ يۇقىرىقى ئايەتنىڭ رەت تەرتىبى بىلەن تامامەن مۇۋاپىقلاشقان.

يۇقىرىقى ئايەتتىكى [اَّتَِخِِذِي، ُكُِلِيَ،َ َفَاْسْ ُلُِكِي ] «ئۇۋا ياسىغىن،» «يېگىن»، «يۈرگىن» دېگەن سۆزلەر مۇئەننەس (ئاياللىق پېئىلى) بىلەن كەلگەن بولۇپ، ھازىرقى زاماندا ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەتقىقاتلاردا، ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ ھەسەل ئىشلەپچىقىرىدىغانلىرى، تازىلىقچىلىرى، قوغدىغۇچىلىرى، ساقچىلىرى قاتارلىق بارلىق ئىشچىلىرى چىشى ھەرىلەر ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. بۇ يەردە ئاللاھ تائالانىڭ مۇئەننەس پېئىلى بىلەن خىتاب قىلىش ئارقىلىق سۆزىنى چىشى ھەرىلەرگە قاراتقانلىقىنىڭ ھېكمىتى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

ئاللاھ تائالا «ئۇنىڭ قارنىدىن ئىنسانلارغا شىپا بولىدىغان خىلمۇخىل رەڭلىك ئىچىملىك (ھەسەل) چىقىدۇ» دېگەن ئايەتتە ھەسەلنىڭ ئىنسانغا شىپالىق ئىكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. ھەسەلنىڭ شىپالىق ئىكەنلىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار ۋە ھايات تەجرىبىلىرى ئىسپاتلاپ كەلگەن شەكسىز ھەقىقەتتۇر. ھېچكىم بۇنىڭ ئەكسىنى سۆزلىيەلمەيدۇ.

«ئۇۋا ياسىغىن، ئاندىن كېيىن، تۈرلۈك مېۋىلەردىن يېگىن» دېگەن ئايەتتە «ثم» «ئاندىن كېيىن» دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن، بۇ سۆز ئىش۔ھەرىكەتنىڭ ئارقىمۇئارقا قىلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى ئۇۋىنى بىخەتەر، پۇختا قۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن مەشغۇلاتنى باشلىغىن دىگەننى بىلدۈرىدۇ. قۇرئان كەرىم مانا مۇشۇنداق ئىنچىكە نۇقتىلارغىمۇ سەل قارىمىغان، چۈنكى ئۇ ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھنىڭ سۆزىدۇر.

ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەسەل ھەرىسىنىڭ ئايروپىلانغا ئوخشاش ھاۋادا ئۆزىگە خاس يولى بولغاننىڭ سىرتىدا، بېشىدا ئۆز ئۇۋىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئاپپاراتى بار ئىكەن، شۇڭا ھەسەل ھەرىسى ئۇۋىسىدىن نەچچە كىلومېتىر يىراغلارغا كەتسىمۇ يەنە ئۇۋىسىنى تېپىپ كىلەلەيدىكەن. ھەسەل ھەرىلىرى ئۆز ئارىلىرىدا ئىشارەت تىلى بىلەن سۆزلىشىدىكەن. Frisch Von Karl ئەپەندى ۔1973 يىلى ھەرىلەرگە خاس ئىشارەت تىلىنى يەشكەنلىكى سەۋەبلىك نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنىكەن.

ھەرە كۆنىكىنىڭ ئىسسىقلىق دەرىجىسى يىل بويى 34 گىرادۇسلۇق ھالەتتە تۇرىدىغان بولۇپ، ھەرىلەر بۇنى توپلىشىش ۋە قانات ھەرىكەتلىرىنى ئىشقا سېلىش بىلەن تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ تۇرىدىكەن.

ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ خىزمەتلىرى ئۆز ئارىسىدا تەقسىملەنگەن بولۇپ، كىچىك ھەرىلەر ھەرە كۆنىكىنىڭ ئىچىدە ۋە چوڭلىرى تېشىدا ئىشلەيدىكەن، ئۇلارنىڭ يەنە ئىشىك باقارلىرى ۋە ھەرە كۆنىكىنىڭ ئىچىدىكى تازىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇللىرى بار ئىكەن. بىر كىلوگرام ھەسەل ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن يۈز مىڭلىغان ھەرە مىليونلىغان چېچەكلەرگە قونىدىكەن.

ھەسەل ھەرىلىرىدىكى بۇ ئىنتىزامچانلىق نەدىن كەلگەن؟

شەكسىزكى، ھەسەل ھەرىلىرىدىكى بۇ مۇكەممەل ئىنتىزامچانلىق ئۇلارنىڭ ۋەھيىگە ئەگەشكەنلىكى ۋە ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان بويىچە ئىش كۆرگەنلىكىدىن كەلگەن. چۈنكى ۋەھيىگە ئەگەشكەنلەر ھەرگىز ئېزى پ كەتمەيدۇ، خاتالاشمايدۇ. شۇڭا پەيغەمبەرلەر خاتالىقلاردىن پاك زاتلاردۇر. چۈنكى ئۇلار ۋەھيىگە ئەگەشكەن زاتلاردۇر. ئاللاھ تائالا پەقەت ئىككى تۈرلۈك مەخلۇقاتقىلا ۋەھيى قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى ئىنسان، يەنە بىرى ھەسەل ھەرىسىدۇر. دېمەك، ۋەھيىگە ئەگەشكەن ئىنسان ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشاش گۈزەل ۋە خۇش پۇراقلارنى ئىزدەيدۇ، باشقىلارغىمۇ گۈزەل، پاك، خۇش پۇراقلارنى بېرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئەتراپىدا ۋە كىشىلەردە گۈزەللىكنىلا كۆرىدىغان ۋە شۇنى بېرىدىغان ھەسەل ھەرىسى خاراكتېرلىكلىرىمۇ، پەقەت سەتلىكنىلا كۆرىدىغان ۋە زىيانلىق مىكروبلارنى بېرىدىغان چىۋىن خاراكتېرلىكلىرىمۇ بار.

✦

✦

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.