تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

31–40-ماقالىلەر: ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش، ئائىلە ۋە پۇرسەت

3131-ماقالە: ئۆزگەرتمەكچى بولغىنىڭىز دەل ئۆزىڭىز بولۇڭ#
«تۈنۈگۈن ئەقىللىق ئىدىم، شۇڭا دۇنيانى ئۆزگەرتىشكە تىرىشاتتىم، بۈگۈن ھېكمەتلىك بولۇپ قالدىم، شۇڭا ئۆزۈمنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىۋاتىمەن.»

جالالىددىن رۇمىي.

دۇنيادا ھەممە نەرسە ئۆزگىرىدۇ، گۈل۔گىياھ، دەل۔دەرەخ، دېڭىز۔ ئوكيان، ھەتتا تاغلارمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، پەقەتلا ئىنسان ئۆزگىرىشنى خالىمايدۇ. ئىنسان ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن، چوقۇم ئۆزىنى ئەۋزەللىككە قاراپ ئۆزگەرتىشكە موھتاج. ھەممىمىز ئۆزگىرىشكە موھتاج تۇرۇقلۇق، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزگىرىشنى خالىمايدۇ، ئۆزىنى ئۆزگەرتىشتىن ئاجىز كېلىدۇ. ئەگەر ئىنسان ئۆزىنى ئۆزگەرتمىسە تەرەققىي قىلالمايدۇ. بىز ھەمىشە باشقىلارنى تەنقىدلەشنى ۋە ئۆزگەرتىشنى خالايمىز، ئەمما ئۆزىمىزنى ئۇنتۇپ قالىمىز.

بىز ئۆزىمىزنى ناچار ھالەتتىن ياخشى ھالەتكە، ياخشى ھالەتتىن تېخىمۇ ياخشى ھالەتكە ئۆزگەرتىشكە موھتاج بولۇپ تۇرىمىز. ئەگەر بىز ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتمىسەك ئەھۋالىمىز ئۆزگەرمەيدۇ. «ھەرقانداق بىر قەۋم ئۆزىنى ئۆزى ئۆزگەرتمىگۈچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.» پىكىر۔قاراشلىرىمىزنىڭ ۋە چۈشەنچىمىزنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى ئەيىب ئەمەس، ئەيىب بولغىنى ئۆز پىكرى خاتا بولسىمۇ، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇۋېلىش، يېڭىلىقنى ۋە يېڭىلىنىشنى قوبۇل قىلماسلىقتۇر. جاھىللار بىلەن تەقلىدچىلەرلا ئۆزگىرىشنى خالىمايدۇ.

ئىنسانلارنى ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشتىن كۆرە ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتكىنىمىز تۈزۈك. چۈنكى، ئۆزگەرتەلەيدىغىنىمىز مۇشۇدۇر. ئەگەر بىز ئۆزگەرسەك، جەمئىيەت ئۆزگىرىدۇ، دۇنيا ئۆزگىرىدۇ. ئەڭ ئاۋۋال بىزنىڭ مەسىلىلەر ھەققىدىكى چۈشەنچىمىز ئۆزگىرىدۇ، دۇنيا قاراشلىرىمىز ئۆزگىرىدۇ.

شەخسلەرنىڭ ئۆزگىرىشى زۆرۈرۈ بولغاندەك، جەمئىيەتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ ناھايىتى مۇھىمدۇر. شەخسلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە كۆپ ۋاقىت كەتمەيدۇ، ھەتتا بىر كېچە۔كۈندۈزدىمۇ ئۆزگىرەلەيدۇ، ئەمما جەمئىيەتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئۈچۈن بىر قانچە ئەۋلادنىڭ يېڭىلىنىشى كېرەك بولىدۇ. ئەگەر بىز بىر مىللەت سۈپىتىدە ئاللاھنىڭ ياردىمىگە لايىق بولغان بىر مىللەت بولۇپ ئۆزگىرىشنى خالىساق، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز شەرت.

خۇددى ئېقىن سۇ ئىلگىرىلەپ، داۋانلارنى ئېشىپ تۇرغاندەك، ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ تۇرغان كىشىلەرمۇ تەرەققىي قىلالايدۇ، ئەمما ئۆزىنى ئۆزگەرتمىگەنلەر خۇددى تۇرغۇن سۇدەك بىر ئىزىدا توختاپ قالغاننىڭ ئۈستىگە ئۆزگىرىپ تۇرغان زامانغا ماسلىشالمايدۇ.

تارىخلار پەقەتلا ئۆزگىرىشلەردىن ئىبارەتتۇر. ئۆزىنى ئۆزگەرتىشنى بىلگەنلەر دۇنيانى ئۆزگەرتكەن. جەمئىيەتنى ياكى دۇنيانى ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئادەم ئاۋۋال ئۆزىنى ئۆزگەرتىشى لازىم. ناۋادا ھەربىر ئادەم ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە كۆڭۈل بۆلسە، جەمئىيەت ئۆزگىرىدۇ، دۇنيا ئۆزگىرىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن سىز — خۇددى گەندى دېگەندەك،— دۇنيادا سىز كۆرمەكچى بولغان ئۆزگىرىش ئۆزىڭىز بولۇڭ

✦ سىز ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە بەل باغلىغان ۋاقىتتىن كېيىن دۇنيانى ئۆزگەرتىشكە ھاجەت بولمايسىز.

✦ شەخسلەرنىڭ ئۆزگىرىشى بىر كېچە-كۈندۈز ئىچىدىمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئەمما جەمئىيەتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئۈچۈن بىر قانچە ئەۋلادنىڭ ئۆزگىرىشى كېرەك بولىدۇ.

✦ ئۆزگىرىش شەخسلەر ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن ئوڭاي ئەمەس، ئەمما بىر ئىزىدا توختاپ قېلىش ئۆتمۈشنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى تەكرارلاش دېگەنلىكتۇر.

3232-ماقالە: كىشىلەردىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيسىز؟#
«ئىنسانلار ئالتۇن ۋە كۈمۈشلەرگە ئوخشاش مەدەنلەردۇر.» —ھەدىس شەرىف. ئىنسانلاردىن ھەربىرىنىڭ يامان تەرەپلىرى بولغاندەك ياخشى تەرەپلىرىمۇ، سەلبىي تەرەپلىرى بولغاندەك ئىجابىي تەرەپلىرىمۇ كۆپ. چۈنكى، ھەربىر ئىنسان بىر ئالەم، ھەربىر ئىنسان بىر جەۋھەردۇر. شۇڭا ھەربىر ئىنساندا بىز ئۆگەنمەسلىككە تېگىشلىك نەرسىلەر بولغاندەك، ئۆگىنىشكە تېگىشلىك قىممەتلىك نەرسىلەرمۇ بار. مەيلى بىلىملىك ياكى بىلىمسىز، مەيلى دىيانەتلىك ياكى دىيانەتسىز ھەرقانداق بىر ئىنساندىن چوقۇم ئۆگىنىدىغان نەرسىلىرىمىز بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئىنسانلار ئالتۇن ۋە كۈمۈشلەرگە ئوخشاش مەدەنلەردۇر [^1]» دېگەن ھەدىسى

ئىپادىلىگەندەك، ئىنسانلار قىممەت جەھەتتە بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولۇپ، خۇددى مەدەنلەرنىڭ ئىچىدە يۇقىرىسى ئالماس، ئالتۇن، تۆۋىنى تۆمۈر ۋە كۆمۈردەك ھەر خىللىرى بولغاندەك، ئىنسانلارمۇ ياخشىلىق ۋە يامانلىقتا، پەزىلەت ۋە رەزىللىكتە بىر خىل ئەمەس. شۇڭا ياخشى ۋە ئېسىل ئىنسانلاردىن ياخشىلىقنى ۋە ئېسىللىكنى ئۆگەنگىنىمىزدەك، يامان ۋە رەزىل ئىنسانلارغا قاراپ، ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالماسلىقنى ئۆگىنىمىز. ئۆلىمالاردىن بىرى: «ئەخلاقنى ئەخلاقسىزلاردىن ئۆگەندىم » دېگەنىكەن. بۇ ئەخلاقسىز كىشىلەرگە قاراپ ئۇلاردەك بولۇپ قالماسلىقىم ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قىلمىشىنىڭ ئەكسىچە ئىش كۆرۈشنى ئۆگەندىم، دېگەنلىكتۇر.

دۇنيادا پۈتۈنلەي يامان ئىنسان يوق، بەلكى ئەڭ ناچار ئىنساننىڭمۇ بىرەر ياخشى تەرىپى بولىدۇ. بالىلىق ۋاقتىمدا بىر قوشنىمىز بار بولۇپ، ئۇ كىشى ھەمىشە مەست يۈرەتتى، ئىبادەتتە يوق ئىدى، ھەتتا ئۇنى ھېيت نامازلىرىدىمۇ كۆرمەيتتۇق. ئۇ كىشى سەكراتقا چۈشكەندە بېشىدا ئىدۇق. مەسجىدنىڭ جامائەتلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلاردىن دۇئا ئالغان ۋە شاھادەت كەلىمىسىنى ئوقۇپ نەپەس ئۈزگەنىدى. كېيىن مەن دادامغا: «بۇ قوشنىمىزنىڭ ھېچقانداق ياخشىلىقى يوق ئىدى، ئەمما شاھادەت كەلىمىسىنى ئوقۇپ نەپەس ئۈزدى» دېگىنىمدە، ماڭا: «ئۇنداق دېمە! ئۇ كىشى مېھماننى ھۆرمەتلەيتتى، ئەمما شاھادەت ئوقۇپ كەتكەنلىكىنى ئىمان بىلەن كەتتى دېگىلى بولماس، چۈنكى، ئاللاھ پىرئەۋننىڭ سەكراتتىكى ۋاقتىدا ئېيتقان شاھادىتىنى قوبۇل قىلمىغان. ئاللاھ ئۆزى رەھىم قىلغاي» دېگەنىدى.

مەن ھاياتىمدا نۇرغۇن كىشىلەردىن ئۆگەندىم، ئۇلارنىڭ پەزىلەتلىرىنى ۋە خىسلەتلىرىنى تەقلىد قىلىشقا تىرىشتىم. ياخشىلىقتىن ياكى بىرەر پەزىلەتتىن نېسىۋىسى يوقتەك كۆرۈنگەن كىشىلەردىنمۇ نۇرغۇن ياخشى نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم. قىسقىسى، مەن كىتاب ئوقۇش ياكى جاھان كېزىش ئارقىلىق نۇرغۇن نەسىلەرنى ئۆگەنگەنسېرى ئۆزۈمنىڭ تولىمۇ جاھىل، نادان ئىكەنلىكىمنى ۋە كۆپ بىلىملەردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلىمەن. شۇنداق، ئىنسان ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ئۆگىنىشكە ۋە ئۆزىنى يېتىشتۈرۈشكە موھتاج.

سىز باشقىلاردىكى گۈزەل خىسلەتلەرنى بايقاشتىن ئاۋۋال ئۆزىڭىزدىكى سىزنى باشقىلارنىڭ مۇھەببىتىگە سازاۋەر قىلىدىغان گۈزەل خىسلەتلەرنى ۋە پەزىلەتلەرنى، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ يامان كۆرۈپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدىغان ناچار تەرەپلىرىڭىزنى بايقىشىڭىز لازىم. ئۇلارنى سىزگە ھېچكىم دەپ بەرمەيدۇ، ھەتتا ئەڭ يېقىن كىشىلىرىڭىزمۇ دەپ بەرمەيدۇ، پەقەتلا ئۆزىڭىز بايقىشىڭىز لازىم. قىسقىسى، سىز باشقىلاردىكى سەلبىي ۋە ئىجابىي سۈپەتلەرنى تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزدىكىلەرنى تەكشۈرۈشىڭىز كېرەك. شۇنداق قىلسىڭىز قالغان ئۆمرىڭىزدە كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتىگە، ئىشەنچىسىگە ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بىر ھاياتقا ئېرىشىىڭىز مۇمكىن. دۇنيادا سۆيۈلۈشتىن ئارتۇق ئۇتۇق يوق، ئۇنىڭدىن چوڭ خۇشاللىق يوق.

مەن ئۆزۈمنى خاتالىقلىرى ئىنتايىن كۆپ، ئەيىبلىرى تولا، ئاچچىقى يامان، ئالدىراقسان، تەنتەك بىر ئادەم دەپ قارايمەن. بەزىدە كىشىلەر مېنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشۈمگە ۋە ياخشىدەك كۆرۈنگەن تەرەپلىرىمگە قاراپ، مېنى پەزىلەتلىك كىشى دەپ ئويلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. چۈنكى، ھەركىم ئۆزىنى ئوبدان بىلگەندەك، مەنمۇ ئۆزۈمنى بىلىمەن. بەزىدە ئۆزۈمنى ماي بوياق رەسىمگە ئوخشىتىپ قالىمەن. چۈنكى، ماي بوياق رەسىمنى يىراقتىن كۆرگەن ئادەم بەكمۇ مۇكەممەل سۈرەتتە كۆرىدۇ، ئەمما يېقىن كېلىپ سىنچىلاپ قارىغاندا، ئۇنىڭدىكى ئەگرى۔بۈگرىلىكلەرنى ۋە ئەيىبلەرنى كۆرىدۇ. مەن ئۆزۈمنى ۋە ئەتراپىمدىكىلەرنى مۇكەممەللىك نەمۇنىسى ئەمەس، ئىنسانلىق نەمۇنىسى دەپ قارايمەن، چۈنكى، دۇنيادا مۇكەممەل ئىنسان يوق. ھەممىمىز ئىنسان، ھەممىمىزنىڭ ئەيىبلىرى ۋە نۇقسانلىرى بار. بۇ يەردىكى بىرلا پەرق شۇكى، بەزىلەر ئۆزىنىڭ خاتالىقلىرىنى ۋە ئەيىبلىرىنى تونۇپ تۈزىتىدۇ، بەزىلەر ئۆز ھالىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۆزىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ۋە خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ تۇرىدىغانلار ھەقىقەتەن ياخشى كىشىلەردۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەرقانداق ئادەم خاتالاشقۇچىدۇر، خاتالاشقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى تۈزەتكۈچىلەردۇر [^2]» دەپ كۆرسەتكەن.

✦ دۇنيادا مۇكەممەل ئىنسان يوق، ئەمما ھەربىر ئىنساندا يوق دېگەندىمۇ بىرەر گۈزەل خىسلەت بار. سىز ئاشۇ خىسلەتنى ئۆگىنىشكە تىرىشىڭ.

✦ ھەممىمىز ماي بوياق رەسىمگە ئوخشايمىز، ئۇنى يىراقتىن كۆرگەن ئادەم بەكمۇ مۇكەممەل سۈرەتتە كۆرىدۇ، ئەمما يېقىن كېلىپ سىنچىلاپ قارىغاندا، ئۇنىڭدىكى ئەگرى۔ بۈگرىلىكلەرنى ۋە ئەيىبلەرنى كۆرىدۇ.

✦ سىز ئۆزىڭىزدىكى ناچار تەرەپلەرنى بايقاشقا ئالدىراڭ.

چۈنكى، ئۇنى سىزگە ئۆزىڭىزدىن باشا ھېچكىم دەپ بەرمەيدۇ.

✦ دۇنيادا پۈتۈنلەي يامان ئىنسان يوق، بەلكى ھەربىر ئىنساندا بىرەر ياخشى خىسلەت ياكى پەزىلەت تېپىلىدۇ.

  1. ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.
3333-ماقالە: ئىشىڭىز مۇكەممەل بولسا تەنقىدچىلەردىن قورقماڭ!#
«ئاللاھ ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشىڭلارنى ياخشى كۆرىدۇ.» —ھەدىس شەرىپ. «يىقىلغان يېرىڭىزدە ياتماڭ، ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ داۋاملىق ئالغا باسقاندا، مەغلۇبىيەت ئۇتۇقنىڭ بىر قەدىمى بولۇپ قالىدۇ.» — نېلسون ماندېلا.

پەيغەمبەرلەرنىڭ يولى ھەق بولغانلىقى ۋە قىلىۋاتقان دەۋەتلىرىنىڭ توغرا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار كىشىلەرنىڭ نارازىلىقى، تىل۔ئاھانەتلىرى ۋە دۈشمەنلىكلىرىگە پىسەنت قىلماي يولىنى داۋاملاشتۇرغان ۋە ئاخىرىدا غەلىبە قىلغان ئىدى. ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنىڭ توغرىلىقىغا ئىشەنگەن ئادەم نە قارشىلىقلاغا، نە توسقۇنلۇقلارغا پىسەنت قىلمايدۇ ۋە يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇنىڭغا تارىختىن نۇرغۇن مىساللار بار. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلام دەۋىتىگە ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرىمۇ، ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىمۇ قارشى چىققان ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى دەۋىتىدىن ۋاز كېچىكە چاقىرغان. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلار قۇياشنى ئوڭ يېنىمغا، ئاينى سول يېنىمغا قويۇپ بەرگەن تەقدىردىمۇ مەن بۇ يولدىن ۋاز كەچمەيمەن ياكى شۇ يولدا ھالاك بولىمەن» دېگەن.

ئاللاھ تائالا ھەر ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ئاللاھ تائالا بىزنى دىن ۋە دۇنيالىق قانداقلا بىر ئىشنى قىلغاندا، ئۇنى قېتىرقىنىپ، ئىخلاس قىلىپ، ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. بۇ دىنىمىزنىڭ ئىسلام ۋە ئىماندىن كېيىنكى ئۈچىنچى مەرتىۋىسى بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە «ئېھسان» دەپ ئاتىلىدۇ. شۇڭا ئەگەر سىز ئىشىڭىزنى ھىيلە ۋە كۆز بويامچىلىقتىن يىراق تۇتۇپ، پۇختا، مۇكەممەل ئادا قىلسىڭىز، سىزگە قارىتىلغان تەنقىد ۋە سۆز۔چۆچەكلەردىن قىلچە قورقۇپ قالماڭ. قورقىدىغانلار ئىشىنى چالا قىلىپ قويغان ياكى ھىيلە بىلەن ئىش كۆرگەنلەردۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ بىر يەرلەردە قورقۇنچىسى بار، شۇڭا تەنقىدتىن قورقىدۇ، ھەققىدە سۆز۔چۆچەكلەرنىڭ تارقىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئەمما سىز ئۆزىڭىزگە ۋە قىلغان ئىشىڭىزغا ئىشەنسىڭىز ھەرگىز قورقمايسىز. چۈنكى قورقۇش ئىشەنچسىزلەرگە خاستۇر.

ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ھەققىڭىزدە تارقالغان سۆز۔چۆچەكلەرنىڭ ھەممىسىنى زىيانلىق دەۋالماڭ، ئۇنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنىمۇ كۆزدىن ساقىت قىلماڭ. چۈنكى، ئۇ سۆز۔چۆچەكلەر سىزنىڭ پەزىلىتىڭىزنى تەشۋىق قىلىدۇ، سىزنى خەلققە تونۇتىدۇ. خاتىرجەم بولۇڭكى، تەنقىدچىلەر سىزنى يىقىتالمايدۇ، بەلكى كۈچلەندۈرىدۇ.

ھېچقانداق بىر مىللەت تەنقىدچىلەردىن بىرىنىڭ ھەيكىلىنى ياساپ باققان ئەمەس فىنلاندىيەلىك مەشھۇر مۇزىكانت جان سىبېلىيۇس ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى ئۆزىنىڭ ھەممىدىن بەك تەنقىدچىلەردىن قورقىدىغانلىقىنى ئېيتقىنىدا، ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: «گەرچە باشقىلارنىڭ تەنقىد قىلىشى سېنى غەمكىن قىلسىمۇ، شۇنى بىلگىنكى، ھېچقانداق بىر مىللەت تەنقىدچىلەردىن بىرىنىڭ ھەيكىلىنى ياساپ باققان ئەمەس.« توغرا، ئىنسانلار تەنقىدچىلەرنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەپ باقمىدى، ئەمما تەنقىدچىلەرگە پىسەنت قىلماي يولىنى داۋاملاشتۇرغانلارنىڭ ھەيكەللىرىنى تىكلىدى ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ قەلب قاتلىرىدا مۇنازىرىلەرنى يۈكسەلتتى.

بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز ھەقىقەتتىن قېچىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بىلەن يۈزلىشىشتۇر. شۇڭا بىز ئۆزىمىزگە ئىشىنىشىمىز لازىم.

✦ ئال لاھ تائالا ھەرقانداق بىر ئىشنى قېتىرقىنىپ، ۋايىغا تەيكۈزۈپ قىلىدىغان بەندىسىنى ياخشى كۆرىدۇ.

✦ «ئېھسان» يەنى ئەمەل۔ئىبادەتنى قېتىرقىنىپ قىلىش دىننىڭ ئىمان ۋە ئىسلامدىن كېيىنكى مەرتىۋىسىدۇر.

✦ قېتىرقىنىپ قىلغان راۋاجلىق ئىشتۇر.

3434-ماقالە: قىزلارنىڭ يىگىتلىرى توغرۇلۇق بىلىشى زۆرۈر بولغان ئىشلار#
«دىيانىتى ۋە ئەخلاقى سىلەرنى قايىل قىلىدىغان قانداقلا بىر كىشى قىز سوراپ كەلسە، ئۇلارنى ئۆيلەندۈرۈڭلار، بولمىسا چوڭ بۇزغۇنچىلىق تېرىيسىلەر.» —ھەدىس شەرىپ.

دۇنيادا ھېچقانداق نەرسە كۆرۈنگەندەك بولمىغاندەك، ھېچقانداق ئادەممۇ كۆرۈنگەندەك ئەمەس. شۇڭا ئادەملەرنى تونۇش ئوڭاي ئەمەس. بولۇپمۇ ئۆيلىنىش ئالدىدىكى قىز۔يىگىتلەرنىڭ بىر-بىرىنى تولۇق تونۇيالىشى بەسى مۈشكۈل. چۈنكى بۇ باسقۇچتا قىز۔يىگىتلەرنىڭ ھەربىرى ئۆزىنىڭ گۈزەل ۋە بولىدىغان تەرەپلىرىنى كۆرسىتىشكە، ناچار ۋە بولمايدىغان تەرەپلىرىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىدۇ. شۇڭا ئۇلار بىر-بىرىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى ۋە شۇ چاغدىكى دۇرۇسلۇقىنى كۆرىدۇ، ئەمما بىر-بىرىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ۋە ئەسلى خاراكتېرىنى تويدىن كېيىن بىلىدۇ. شۇڭا قىزلار يىگىتلەر بىلەن تونۇشقاندا، ھېسسىياتقا بېرىلىپ كەتمەستىن ئەقىلنىڭ يول كۆرسىتىشىگە ئەگىشىشى لازىم.

قىزلارنىڭ بولماقچى بولغان جورىسى ھەققىدە بىلىشى زۆرۈر بولغان ئىشلار

✦ 1. ھېسسىيات بىلەن قارار قىلماڭ بىر كۆرۈش بىلەن پەيدا بولغان ھېسسىياتقا بېرىلىپ كەتمەڭ. چۈنكى ئۇ مۇھەببەت ئەمەس، بەلكى ياقتۇرۇپ قېلىش بولۇپ، ئۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. سىز بولماقچى بولغان جورىڭىزنى تويدىن بۇرۇن تونۇمايسىز، ھەتتا تولۇق بىلىمەن دەپ قانائەت قىلغان بولسىڭىزمۇ تويدىن كېيىن سىز بىلمىگەن ھەقىقەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇ چاغدا سىز تونۇغان ۋە ئىشەنگەن جورىڭىزنىڭ باشقىچە بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىسىز. شۇ چاغدا ئۆزىڭىزنىڭ ئالدىراپ قارار بەرگەنلىكىڭىزنى، ئاتا-ئانا، قېرىنداشلار ۋە دوستلارنىڭ سەمىمىي نەسىھەتلىرى بىر۔بىرلەپ ئەقلىڭىزدىن ئۆتىدۇ. شۇڭا سىز ھاياتىڭىزنىڭ شېرىكى، ياخشى۔يامان كۈنلەردە تايانچىڭىز بولىدىغان ۋە بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتىدىغان جورىڭىزنى تاللاشتا ھېسسىياتقا ۋە مۇھەببەتكىلا تايىنىپ ئىش كۆرمەڭ، چوڭلارنىڭ، ئىش كۆرگەنلەرنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاڭ، يۈرىكىڭىزنى تىڭشاڭ. ئاۋۋال ئىستىخارە قىلىڭ. ئستىخارە _ ئاللاھ تائالادىن ياخشىلىق سوراش دېمەكتۇر. بىرەر ئىشنىڭ خەيرلىك بولۇش۔بولماسلىقى توغرۇلۇق ئاللاھ تائالادىن مەنىۋى ئىشارەت ئېلىشنى خالىغان ئادەم ئاللاھ ئۈچۈن ناماز ئوقۇيمەن دەپ نىيەت قىلىپ، ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيدۇ، ئاندىن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ تىلىكىنى سورايدۇ. سىز تاللىماقچى بولغان جورىڭىز توغرۇلۇق ئاللاھ تائالادىن ئاشۇنداق مەنىۋى ئشارەت ئالسىڭىز بولىدۇ. بىر قانچە كۈن شۇنداق ئىستىخارە قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالا خالىسا سىزگە جورىڭىز توغرۇلۇق ئىشارەت بېرىدۇ. سىز بۇ ئىشارەتنى كۆكلىڭىزنىڭ يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئۇنىڭغا تارتىشى ياكى سوۋۇشى ئارقىلىق بىلىسىز.

✦ 2. ئەخلاقى ناچار دىندارغا ئىشەنمەڭ سىز تاللايدىغان يىگىت قەلبى ئاللاھ تائالاغا باغلانغان، ئىبادەتلىرىنى جايىدا قىلىدىغان، ئۆزى راستچىل، مۇئامىلىسى دۇرۇس، ئىشچان بولسا يېتىدۇ. ئۆيى، كۆپ پۇلى، ماشىنىسى بولمىسىمۇ، ئىشى بولسا يېتەرلىكتۇر. شۇڭا سىز ئەخلاقسىز دىنداردىن ھەزەر ئەيلەڭ. ئەخلاقى ناچار دىندار ساختا دىنداردۇر. چۈنكى، ھەقىقىي دىندار ئادەم ئەخلاقلىق بولىدۇ. ئەپسۇسكى، بىزدە بىرەر ئادەمنى ماختىسا ياكى بىرەر يىگىتنى تونۇشتۇرماقچى بولسا، ئۇنى «بەش نامىزى جايىدا، تەقۋادار» دەپ سۈپەتلەيدىغان ئادەت ئومۇملىشىپ كەتكەن. ئەسلىدە بۇنىمۇ خاتا دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى ناماز ئوقۇيدىغان تەقۋادار ئادەم رەببىنى تونۇغان، ئۇنىڭ يولىدا ماڭغان، مەسئۇلىيەتچان ئادەمدۇر. چۈنكى تەقۋادار ئادەم مەسئۇلىيەتچان بولىدۇ. ئەمما كۆرۈۋاتىمىزكى، ناماز ئوقۇغانلارنىڭ ھەممىسىلا ياخشى ئادەم بولۇپ كېتەلمىگەن. ئۇلارنىڭ ئىبادەتلىرى ئۇلاردىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك، ۋەدىسىدە تۇرماسلىق، ئالدامچىلىق دېگەندەك ناچار ئەخلاقنى تۈزىتەلمىگەن. شۇڭا دەيمىزكى، بىر ئادەمنى ياخشى دېيىش ۋە بىر يىگىتنى تەقۋادار دەپ تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ نامىزى ۋە ئىبادەتلىرى كۇپايە قىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئەخلاقىمۇ گۈزەل بولۇشى شەرتتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «بىرى سىلەردىن قىز سوراپ كەلسە، ئەگەر ئۇنىڭ دىنى ۋە ئەخلاقى سىلەرنى قايىل قىلسا، قىزىڭلارنى ئۇنىڭغا ئۆيلەندۈرۈڭلار» دەپ كۆرسەتكەن.

✦ 3. رومانتىك مۇھەببەتكە ئىشەنمەڭ بىز ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى سۆز بىلەن ئىپادىلەشتىن بەكرەك ئەمەلىيىتى ۋە مۇئامىلىسى بىلەن ئىپادىلەيدىغان بىر خەلق. چۈنكى بىزدىكى رومانتىك مۇھەببەت چەتئەل فىلىملىرىدىكىگە ۋە چەتئەللىكلەرگە ئوخشاش سۆز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەت ۋە ھېس قىلدۇرۇش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا بىزدە بىراۋ جورىسىنى جېنىدىن بەك ياخشى كۆرسىمۇ، «سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن گەپنى قىلمايدۇ. توغرىسى قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇنى دېيىشتىن ئۇيۇلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، چەتئەللەردە، بولۇپمۇ ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، ياۋروپا، تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلاردا «سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن سۆزنى ناھايىتى كۆپ ئاڭلايمىز. ھەممىدىن كۆپ قىزلار ئاڭلايدۇ. بۇ سۆزنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرگەن ياكى ياخشى كۆرمىگەن كىشىلەرمۇ قىلىۋېرىدۇ. بۇ سۆز شۇ قەدەر كۆپ ئىشلىتىلىدۇكى، بىرەر چەتئەل تىلىنى ئۆگەنمەكچى بولغان ئادەم ئاۋۋال شۇ تىلدىكى «سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن سۆزنى ئۆگىنىدۇ.

ئۇيغۇر يىگىتلىرى ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى سۆز بىلەن ئىپادىلەشتىن ئۇيۇلىدىغان بىر جەمئىيەتتە ۋە شۇنداق ئائىلىلەردە يېتىلگەنلىكى سەۋەبلىك، ئۇلارمۇ بۇ سۆزگە ناقىس كېلىدۇ، ھەتتا بۇ سۆزنى قىلمايدۇ. قىزلار ئۇلارنىڭ كەم سۆزلۈكىگە قاراپ، ئۇلاردا مېھىر۔مۇھەببەت دەيدىغان نەرسە يوق ئوخشايدۇ، دەپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇلار ئۇ قەدەر سەمىمىي يىگىتلەركى، ئۇلاردىكى مېھىر۔مۇھەببەت كۆزلىرىدىكى ئۇياتچانلىقتىن، ئەخلاقىدىكى سىلىقلىقتىن، قەلبىدىكى كۆيۈمچانلىقتىن ۋە مۇئامىلىسىدىكى دۇرۇسلۇقتىن مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ. گەرچە ئۇلار «سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن سۆزنى دېمىسىمۇ، ساداقىتى ۋە كۈتۈلمىگەندە تەقدىم قىلىدىغان ھەدىيەلىرى بىلەن «سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەننى زىيادىسى بىلەن ئىپادىلىيەلەيدۇ شۇڭا ئۇيغۇر قىزلىرى باشقا مىللەت يىگىتلىرىنىڭ شېرىن۔شېكەر سۆزلىرىگە ۋە ئۇچراشقان ھەممىلا قىزغا راھەت ئېيتالايدىغان «سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن مودا سۆزىگە ئىشىنىپ كەتمەسلىكى، ئۆزىگە جور تاللاشتا ئۇيغۇر، مۇسۇلمان، مەسئۇلىيەتچان، ئىشچان، ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار يىگىتنى تاللاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. چۈنكى، سىز ئۈچۈن ئۆز مىللىتىڭىز ھەممىدىن ياخشى، ھەتتا ئۆز مىللەتنىڭ يىگىتلىرى مېھىر۔مۇھەببەت، پۇل-مال ۋە مەسئۇلىيەت جەھەتتە باشقا مىللەتنىڭ يىگىتلىرىدىن تۆۋەن تۇرغان تەقدىردىمۇ يەنىلا ئۆز مىللەت يىگىتلىرى ياخشى. سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە باشقا مىللەت بىلەن تۇرمۇش قۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ تراگېدىيەلىرى ئىبرەت ئېلىشقا يېتەرلىكتۇر. ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ئاخىرقى ھاياتىدا بەختلىك بولالمىغان. بۇ ھەقتە ئېچىنىشلىق قىسسەلەر بار.

✦ 4. ئېرىڭىز ھەمىشە سىزگە ماسلىشالمايدۇ ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئەكسىچە كۆپ سۆزلەشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، مەيلى ئۆيدە ياكى سىرتتا كۆپ سۆزلەشتىن زېرىكىدۇ، ئۇلار بىرلىرىگە دەردلىرىنى ئېيتىپمۇ كەتمەيدۇ. ئەمما ئاياللار كۆپ سۆزلەشنى ۋە كۆپ ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا سائەتلەرچە تېلېفوندا سۆزلىشىپ ھېرى پ قالمايدۇ. ئەرلەر مەقسەتلىك سۆزلەيدۇ، ئاياللار مەقسەتسىزمۇ سۆزلەيدۇ. شۇڭا ئۇلار سۆزلىگىلى ئامراق. رەسمىي بولمىغان ئىىستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، ئايال بىر كۈندە تەخمىنەن 24000 كەلىمە سۆزلەيدىكەن، ئەرلەر بۇ ساننىڭ تەڭ يېرىمىنى، يەنى 12000 كەلىمە سۆزلەيدىكەن. شۇڭا ئەر سىرتتا تىرىكچىلىك يولىدا سۆزلەش ئارقىلىق بۇ 12000 سۆزنى تۈگىتىپ بولۇپ ئۆيىگە قايتقاندا، ئايال ئېرى بىلەن پاراڭلىشىشنى كۈتۈپ ئولتۇرغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇ 24000 كەلىمىنى ئۆيدە تېلېفوندا سۆزلىشىپمۇ تۈگىتىپ بولالمايدۇ.

شۇڭا يېڭى ئۆيلەنگەن قىزلار يىگىتىنى تويدىن بۇرۇنقىدەك ئۇنىڭغا ماسلىشىپ كۆپ سۆزلەپ بەرمىگىنىگە قاراپ، يىگىتىنى ئۆزگىرى پ قالدى ياكى مېنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالدى، دەپ ئويلاپ قالماسلىقى لازىم. چۈنكى يىگىتنىڭ تويدىن بۇرۇنقى سىز بىلەن ماسلىشىشى ۋاقىتلىق جەريان، تويدىن كېيىنكى كەم سۆزلۈكى ئۇنىڭ ئەسلىي خاراكتېرىدۇر. شۇڭا ئۇنى ئەيىبلىمەسلىكىڭز ۋە يامان گۇماندا بولماسلىقىڭىز لازىم. ئائىلىنى بەختلىك ھالدا داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەر۔ئايال ئىككىلىسى بىر-بىرىنىڭ خاراكتېرىنى چۈشىنىشى ۋە بىر-بىرىگە قارىتا ئەپۇچان بولۇشى لازىم.

✦ 5. تويدىن ئىلگىرىكى باسقۇچنى ئۇنتۇپ كېتىڭ سىز تويدىن كېيىن كۆپ نەرسە كۈتۈپ كەتمەڭ. چۈنكى، بۇرۇن تەسەۋۋۇر قىلغانلىرىڭىز ياكى سىزگە بېرىلگەن ۋەدىلەر تويدىن كېيىن تولۇق ئەمەلگە ئېشىپ بولالماسلىقى ياكى ئەمەلگە ئېشىشى ۋاقىتقا ئېھتىياجلىق بولۇشى مۇمكىن. تويدىن ئىلگىرىكى باسقۇچ بىلەن تويدىن كېيىنكى باسقۇچ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. قىز۔يىگىتلەر تويدىن ئىلگىرى لەيلى۔مەجنۇن، پەرھاد۔شېرىن ۋە غېرىب۔سەنەمدۇر. ئەمما تويدىن كېيىن ھەممىسى نورمال ئىنسان بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، ئارمانغا يېتىلدى، مەقسەت ئورۇندالدى. يۇقىرىقى ئاشىق۔مەشۇقلار ناۋادا بىر۔بىرى بىلەن ئۆيلىنەلىگەن بولسا ئۇلارنىڭ قىسسىلىرى بۈگۈنكىدەك ساقلىنىپ قالمىغان ۋە تىللاردا داستان بولمىغان بولاتتى. ئۇلار سۆيگىنىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇلارنىڭ مۇھەببەت داستانلىرى يېزىلغان ۋە دۇنياغا تارقالغان، ئەمما ئۇلاردەك مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغانلارنىڭ ھېچقانداق داستانى بولمىغان. چۈنكى، ئۇ چاغدا مۇھەببەت غايىسىگە يېتىش بىلەن بېسىقىپ قالغان. شۇڭا مۇھەببەت باشقا، تۇرمۇش باشقا نەرسىدۇر.

قىزلار بۇنى ياخشى بىلىشى ۋە تويدىن كېيىنمۇ تويدىن بۇرۇنقىسىنى كۈتۈپ تۇرمۇشىنى بەختسىزلىككە ئېلىپ بارماسلىقى لازىم. بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلىش دېگەنلىكتۇر.

✦ 6. ھورمونلارنىڭ ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭ نېمە ئۈچۈن تويدىن بۇرۇنقى مۇھەببەت، ئەگەر ئۇنى بار دەپ پەرەز قىلغاندا، تويدىن كېيىن سۇسلىشىپ قالىدۇ؟ چۈنكى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇھەببەت مېڭىدە خىمىيەلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ تويدىن كېيىن ئۆزىنىڭ تەبىئىي ھالىتىگە قايتىدۇ، ئاندىن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يەنە باشقا خمىيەلىك ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئايالنىڭ قورساق كۆتۈرۈشى ۋە ئانىلىق ھورمونلىرى ئۇنىڭ روھىغا ۋە بەدىنىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئەرنىڭ دادىلىق باسقۇچى ئۇنىڭدىكى ھورمونلاردا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، ئۇنى تېخىمۇ سەۋرچان ۋە مەسئۇلىيەتچان قىلىۋېتىدۇ.

شۇڭا ئەر۔ئاياللار ئۆز ئارىسىدىكى بۇرۇنقى مۇھەببەتنىڭ سۇسلىشى پ قالغانلىقىنى بىر-بىرىگە دۆڭگەشتىن ساقلىنىشى ۋە رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشقا ھازىر بولۇشى لازىم.

✦ 7. باراۋەرلىك دەۋاسى قىلماڭ ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدا باراۋەرلىك دەيدىغان نەرسە يوق، ئەمما ئادالەت بار. چۈنكى ئۇلار باراۋەر يارىتىلمىدى ۋە باراۋەرلىككە بۇيرۇلمىدى، ئەمما ئادالەتلىك بولۇشقا بۇيرۇلدى. گەرچە ئائىلە ئەر ۔ ئايال ھەر ئىككىسىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەسئۇلى ئەردۇر. شۇڭا سىز ھەرگىز باراۋەرلىك دەۋاسى قىلماڭ ۋە ئائىلىنى باشقۇرىمەن دەپ تۇرۇۋالماڭ. چۈنكى، ھەرقانداق بىر مۇئەسسەسەنى باشقۇرىدىغان بىرەر باشلىقنىڭ بولۇشى تەبئىي زۆرۈرىيەت بولغاندەك، ئائىلە مۇئەسسەسەسىنى باشقۇرۇش ئۈچۈنمۇ بىر باشلىقنىڭ بولۇشى زۆرۈر.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئەرلەر

﴿الرِّجَالُ قَوَّامُونَ عَلَى النِّسَاءِ بِمَا فَضَّلَ اللَّهُ بَعْضَهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ وَبِمَا أَنفَقُوا مِنْ أَمْوَالِهِمْ﴾

ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر [^1]» دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ئايەتكە ئاساسەن، ئەرنىڭ ئائىلىنى قوغداش ۋە باشقۇرۇشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيىتى بار. ئەمما ئەر بۇ ھوقۇقنى توغرا ئىشلىتىشكە بۇيرۇلغان. ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى غوجايىن، ئايالىنى خىزمەتچى ئورنىدا كۆرۈپ، ئۇنى ھەدەپ خارلايدىغان، ئۇرۇپ تىللايدىغان ئەر ھەقىقەتەن نادان ۋە ئاڭسىز ئەردۇر.

ئەر ئائىلىدە يېگانە قارار ئىگىسىمۇ ئەمەس، قارار ئەر۔ئايال ئىككىسىنىڭ ئورتاق ھەققىدۇر. ئەمما ئايال ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولمايدىغان، توغرا ۋە ھەققانىي ئىشلاردا ئېرىگە بويسۇنۇشقا بۇيرۇلغاندەك، ئەر ئائىلىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا بۇيرۇلغان.

✦ ئەر ئەردۇر، ئايال ئايالدۇر. چوڭ خاتالىق ئۇلار ھەممە ئىشتا بىرلىككە كېلەلەيدۇ دەپ ئويلاشتۇر.

✦ ئاشىق –مەشۇقلارنىڭ قىسسەلىرى ئۇلارنىڭ ئارمانلىرىغا يېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈنلا تىللاردا داستان بولغان.

✦ ھەقىقىي مۇھەببەت تويدىن كېيىنكى مۇھەببەتتۇر.

  1. نىسا سۈرىسى ئايەت34
3535-ماقالە: ئوغۇللارنىڭ جور تاللىشىدا بىلىشى زۆرۈر بولغان ئىشلار#
«دىيانەتلىكنى تاللىغىن، شۇنداق قىلمىساڭ زىيان تارتىسەن.» —ھەدىس شەرىپ. تۇرمۇش قۇرۇش دېگەنلىك ھاياتىنىڭ ئاخىرغا قەدەر داۋام قىلىدىغان بىر مۇئەسسەسەنى قۇرۇپ چىقىش دېگەنلىك بولۇپ، ئۇنى پۇختا ۋە مەھكەم قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئاساسلىق تۈۋرۈكلىرى بولغان ئەر بىلەن ئايالنى توغرا تاللاشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى، ئائىلە مۇئەسسەسەسىنىڭ بەخت۔سائادىتى ۋە ئاخىرغىچە داۋاملىشىشى شۇ ئىككى شەخسنىڭ توغرا تاللىنىشىغا باغلىقتۇر. تۇرمۇش قۇرۇشتا ئەرنىڭ توغرا تاللىنىشى قانچىلىك مۇھىم بولسا ئايالنىڭ توغرا تاللىنىشىمۇ شۇنچىلىك مۇھىمدۇر. چۈنكى، ئىنسانلار كۆرۈنگەندەك ئەمەس. ئۇلارنى تولۇق تونۇش ۋە كۆڭۈلنى تىندۇرۇش ئۈچۈن سۈرۈشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا دىنىمىزنىڭ بۇ ھەقتە بەلگىلىگەن پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىش لازىم. ئوغۇللارنىڭ جور تاللاش پىرىنسىپى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇرمۇش قۇرغۇچىنىڭ ئۆز جورىسىنى قانداق تاللىشى ھەققىدە تەلىم بېرىپ: «كىشىلەر ئاياللارنى تۆت نەرسىگە قاراپ تاللايدۇ، ئۇنىڭ بايلىقىغا، چىرايىغا، نەسەبىگە ۋە ئۇنىڭ دىيانىتىگە. سەن ئەڭ ئاۋۋال دىيانەتلىك بولغىنىنى تاللىغىن، شۇنداق قىلساڭ پايدا تاپىسەن [^1]» دېگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە، كىشىلەرنىڭ بىرگە تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان ئاياللاردىن تەلەپ قىلىشىدا ئومۇم بولغان تۆت خىل سۈپەتنى بايان قىلىپ، ئاخىرىدا، دىيانەتنى ئاۋۋال تاللاپ، ئۇنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇشنىڭ لازىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

بەزى كىشىلەر جورىسى بولىدىغان ئايالنى تاللاشتا، ئۇنىڭ دىيانىتى ۋە ئەخلاقىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دۇنيانىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا تاقابىل تۇرۇشتا ياردەمچى بولۇپ قالار دېگەن ئۈمىد بىلەن ئۇنىڭ بايلىقنىلا كۆزدە تۇتىدۇ.

بەزى كىشىلەر ئايالنىڭ مەنسىپى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنىنى كۆزلەپ ئۇنىڭ دىيانىتى ۋە ئەخلاقىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرىدۇ.

بەزى كىشىلەر ئەڭ ئاۋۋال، ئايالنىڭ دىيانىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۇنى تاللايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋسىيەسى مانا مۇشۇ.

«دىيانەتلىك» دېگەن سۈپەت يۇقىرىقى ئۈچ سۈپەت بىلەن بىرگە تېپىلسا تېخىمۇ ياخشى، ئەگەر باشقىسى بولمىسىمۇ، دىيانەت ئۆزى يالغۇزلا يۇقىرىقى سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ، ئەلۋەتتە.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى ئايالنىڭ دىيانىتىدىن خەۋەرسىز ھالدا، ئۇنىڭ ئىقتىسادىغا ياكى گۈزەللىكىگە ياكى نەسەبىگە ياكى جەمئىيەتتىكى ئابرۇيىغا بېرىلىپلا، ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشنىڭ پالاكىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئايالنى ئۇنىڭ ئابرۇيىنى كۆزلەپ تاللايدىكەن، ئۇ خورلۇقتىن باشقا نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئۇنى، ئۇنىڭ ئىقتىسادىنى كۆزلەپ تاللايدىكەن، ئۇ پېقىرلىقتىن باشقىسىغا ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئۇنىڭ نەسەبىنى كۆزلەپ تاللايدىكەن، ئۇ پەقەت رەزىللىكتىن باشقىسىغا ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئايالنى، كۆزىنى نامەھرەمگە تىكىلىپ قاراشتىن، ئەۋرىتىنى ھارامدىن ساقلاشنى مەقسەت قىلغان ھالدا، ئۇنىڭ دىيانىتىنى دەپ ئالىدىكەن، ئاللاھ تائالا ھەر ئىككىسىگە بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ.[^2]»

يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «ئاياللارنى ئۇلارنىڭ چىرايىنىلا كۆزلەپ ئالماڭلار. ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى، ئۇلارنىڭ سىلەرنى كۆزىگە ئىلماسلىقىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارنى، ئۇلارنىڭ بايلىقىنى كۆزلەپ ئالماڭلار، بايلىقى ئۇلارنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. لېكىن ئۇلارنى دىيانىتىنى كۆزلەپ ئېلىڭلار. دىيانەتلىك بولغان، قارا تەنلىك دېدەك، دىيانىتى بولمىغان ھۆر گۈزەلدىن ئەلۋەتتە ئەۋزەلدۇر.[^3]»

ئىسلام دىنى كىشىلەرنى ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىدىن، بايلىقىدىن ۋە ئابرۇيىدىن پايدىلىنىشتىن توسمايدۇ. بەلكى ئۇلارنى بەزى ئاياللاردىكى ئاقىۋەتسىز، ۋاقىتلىق گۈزەللىككە، مال دۇنياغا ۋە داۋامى يوق ئابرۇيغا قىزىقىپ كېتىپ، ئۇلارنىڭ دىيانىتىنىڭ قانداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇلار بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنى ۋاقىتلىق مەنپەئەتلەرنىڭ ئەسىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقى، بەلكى ئەڭ ئاساسلىق ھەم مەڭگۈلۈك بولغان دىيانەتنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، ئۆزلىرىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشىنى مەقسەت قىلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ئايالنىڭ ئىقتىسادىنى ياكى گۈزەللىكىنى ياكى جەمئىيەتتىكى ئابرويىنىلا كۆزلەپ، ئۇنىڭ دىيانىتىنىڭ قانداق بولۇشىغا قارىماستىن، قۇرۇلغان تۇرمۇش كىشىنى داۋامسىز، ۋاقىتلىق نەرسىلەرگە قۇل قىلغان بولىدۇ. بۇنداق كىشى ئۆزىنىڭ سائادىتىنى ۋە خاتىرجەملىكىنى ۋاقىتلىق لەززەتلەر ئارىسىدا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ھاۋايى ھەۋەسلەرنىڭ سىرتمىقىغا ئاسقان بولىدۇ. تۇرمۇشتا ئۇ ھەرگىزمۇ خاتىرجەملىك ھېس قىلالمايدۇ. چۈنكى، دىيانەتسىز گۈزەل ئايال مەغرۇر ۋە ھاكاۋۇر كېلىدۇ. دىيانەتسىز باي ئايال ھەددىنى بىلمەيدىغان، چوڭچى كېلىدۇ. دىيانەتسىز ئالىي نەسەبلىك ۋە ئابرۇيلۇق ئايال تەكەببۇر كېلىدۇ. ئەمما دىيانەتلىك ئايال كەمتەر، ئىتائەتچان، ئېسىل، ئەخلاقلىق، سەۋر۔تاقەتلىك كېلىدۇ. ئەگەر ئۇ، گۈزەل جامالغا، بايلىققا، ئابرۇيغا ئىگە ئايال بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆزى دىيانەتلىك بولغاچقا، ئۆز ھەددىنى بىلىدىغان، ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان، ئېسىل، پەزىلەتلىك كېلىدۇ. شۇڭا دىيانەت يۇقىرىقى ئۈچ خىل سۈپەتنى بېسىپ چۈشىدۇ.

✦ 11. ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ پەيلاسوپ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجى پ دۇنياغا داڭلىق ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك» تە مۇنداق دەپ يازغان: دېسە كىم ئۆيلىنەي، ئەي ئەرلەر بېشى، ئالار شۇ تۆت خىلدىن بىرىنى ئۇ كىشى، بىرى باي خوتۇننى ئالماق ئىستەر، ئۇ بىرسى چىرايلىق ئۈچۈن كۆز تىكەر، يەنە بىرسى ئېسىل نەسەبلىك تىلەر، ئۇلۇغلۇق ئېتىغا قۇۋانىپ يۈرەر.

بىرسى ئىستەر نەپىس تەقۋادارنى، ئۇنى تاپسا باغلار ئاڭا كارىنى، بۇلارنىڭ ئوبدىنىنى ئېيتاي مەن ساڭا، ئالۇر بولساڭ قۇلاق سال ماڭا، ئايا باي خوتۇنغا ئىنتىلگۈچى جان، ئەسىر بولما ئاڭا ئى ئالىم ئىنسان، گۈزەلنى تىلەگەن ئى ئەر ياخشىسى، ئۇنى ئالساڭ ياغار ئەلنىڭ كۈلكىسى.

ئەي ئەسلى بۈيۈككە ئىنتىلگۈچى سەن، ئۆمرۈڭنى خار ئەتمە بۇنىڭ بىلەن.

ئېرىغ تەقۋا بولسا ئۇ، ئېسىل بولۇر، قالغان ئۈچ نەرسىمۇ ئۇندا تېپىلۇر.

ھېكىم سەن بىر تەقۋا خوتۇن ئىستىگىل، ئۇ بولسا، بولۇر بۇ تۆت شەرتىمۇ بىل.

يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ يۇقىرىقى بېيىتلىرىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ توغرىدا ئېيتقان ھەدىسلىرىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ بۇ توغرىدىكى پىرىنسىپى كۈندىن كۈنگە ئىنسانلارنىڭ نەزەرىدە ھەقىقەتكە ئايلانماقتا. جەمئىيىتىمىز ۋە پۈتۈن ئىنسانلار جەمئىيىتىدە تەكرارلىنىپ كەلگەن تەجىرىبىلەرمۇ، بۇ پىرىنسىپنىڭ ئىنتايىن توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە.

ئۈلگىلىك ئايالنىڭ ئوبرازى ئىسلام نەزىرىدىكى ئۈلگىلىك ئايالنىڭ ئوبرازىنى تۆۋەندىكى ھەدىستە كۆرىمىز: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قانداق ئايال ئەڭ ئۈلگىلىك ياخشى ئايال سانىلىدۇ؟ دېگەن سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «ئېرى قارىسا خۇشال قىلالايدىغان، بىرەر ئىشقا بۇيرىسا ئورۇندايدىغان، ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ئىشتىمۇ ئېرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن قارشىلاشمايدىغان، ئېرىنىڭ ئامانىتىنى ھەر ھالەتتە ساقلىيا لايدىغان ئايال ئەڭ ئۈلگىلىك ئايالدۇر.[^4]»

ئىمام غەززالىي «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن» ناملىق ئەسىرىدە، ئەسما ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ، قىزىنىڭ توي كۈنىدە ئۇنىڭغا قىلغان نەسىھەتلىرىنى بايان قىلىدۇ.

ئەسما قىزىغا مۇنداق دېگەن: «ئى قىزىم! سەن ئۆسۈپ يېتىلگەن ئۇۋاڭدىن ئايرىلىپ، ساڭا تونۇشلۇق بولمىغان ئۆيگە ۋە سەن بىرگە بولۇپ كۆرمىگەن دوستنىڭ يېنىغا كېتىپ بارىسەن! قىزىم! ئېرىڭدىن كۆپ نەرسە سورىما، سەندىن زېرىكىپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن يىراقلاشما، سېنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. ئۇ ساڭا يېقىنلاشسا، سەنمۇ يېقىنلاشقىن، سەندىن يىراقلاشسا، سەنمۇ يىراقلاشقىن. ئۇنىڭ ئابرۇيىنى ۋە ئىپپىتىنى ساقلىغىن. ئۇ سەندىن پەقەت خوشپۇراقنىلا پۇرىسۇن، پەقەت گۈزەل سۆزنىلا ئاڭلىسۇن ۋە گۈزەللىكلەرنىلا كۆرسۇن.[^5]»

سىز ھەقىقىي دىندار قىزنى تاللاڭ دىندارلىق مۇسۇلمانچە كىيىنىش ياكى كۆپ ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ، بەلكى دۇرۇسلۇق ۋە ئەخلاق بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ھەقىقىي دىندار ئىنسان چوقۇم گۈزەل ئەخلاقلىق بولىدۇ. شۇڭا ئەخلاقى ناچار دىندار ساختا دىنداردۇر. شۇ سەۋەبتىن ھېچكىمنى ئۇنىڭ ئىبادەتلىرىگە قاراپ ياخشى ئادەم ياكى يامان ئادەم دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى مۇناپىقلارمۇ ناماز ئوقۇيتتى ۋە ئىبادەتلەرنى ئورۇندايتتى. كۈنىمىزدىمۇ مەسجىدلەردە پەرىشتە سۈرەتلىك، ئائىلىسىدە زالىم، سودا۔سېتىق ئىشلىرىدا قويمىچى قىلىقلىق ئىنسانلار ناھايىتى كۆپتۇر. ئىنسانلارنىڭ ياخشى ۔ يامانلىقىنى ئۆلچەيدىغان نەرسە ئەخلاقتۇر. گۈزەل ئەخلاقلىق ئىنسانلار نەدە بولسا ياخشى ئىنسانلاردۇر.

دىندارلىق دېگەن نېمە؟

دىندار۔ قەلبى ئاللاھ تائالاغا باغلانغان، ئىبادەتلىرى جايىدا، دىننىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىدىغان، ئەخلاقى گۈزەل، مۇئامىلىسى دۇرۇس، ئىچى بىلەن تېشى بىر خىل بولغان ئادەمدۇر.

ئەخلاق دېگەن نېمە؟

ئەخلاق __ ئىنساننىڭ روھىدا يەرلىشىپ، ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن قىلىقلار بولۇپ، ئادەمنىڭ ئىش-ھەرىكىتى، گەپ۔سۆزى، ئىدىيەسى، مىجەز۔خۇلقى، مۇئامىلىسى، باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئۆرپ۔ئادىتى قاتارلىقلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ قېلىپقا سالىدىغان مىزاندۇر.

گۈزەل ئەخلاق دېگەن نېمە؟

گۈزەل ئەخلاق __ ھەر ئىشتا توغرا، ئادالەتلىك، راستچىل بولۇش، ئۆزىنى ئاللاھ تائالانىڭ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېسىدىن چىقارماسلىق، توم، بەت163 ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، ئامانەتكە ئىشەنچلىك، سۆيگۈ۔ۋاپالىق، ئىمان۔ ئېتىقادلىق بولۇش، ئائىلىسىدىكىلەرگە مېھرىبان، ئاتا۔ئانىغا ۋاپادار، ئۇرۇق۔تۇغقانلارغا كۆيۈمچان، قوشنىلارغا ئەپۇچان، ھايۋانلارغا رەھىمدىل بولۇش، مەيلى دۇنيالىق بولسۇن، مەيلى ئاخىرەتلىك بولسۇن ئۆز ۋەزىپىسىنى بىلىش ۋە ئۆز ۋاقتىدا ئورۇنداش، خاتالىقىنى دادىل ئېتىراپ قىلىش، ئەدەپلىك، جاسارەتلىك، سېخىي، مەرد، پاكىز، مەدەنىيەتلىك، كۆكسى۔قارنى كەڭ بولۇش، ھەر ئىشتا ھەقىقەتنى كۆزلەش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە يۆلىنىش، ۋىجدانلىق، غۇرۇرلۇق بولۇش، نومۇسىنى ساقلاشنى بىلىش، ۋەتەنگە، خەلققە ۋە پۈتۈن ئىنسانلارغا مەنپەئەتلىك بولۇش ۋە باشقىلار.

گۈزەل ئەخلاق دىننىڭ غايىسى ۋە جەننەتكە كىرىشنىڭ كاپالىتىدۇر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى تولۇقلاش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىم [^6]» دېگەن. دىننىڭ غايىسى ئەخلاقتۇر. شۇڭا ئەخلاق ئىبادەتتىن مۇھىمدۇر. چۈنكى ئىبادەتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ۋە بۇ ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان نىشان ئەخلاقنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئىنسانلارنى ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ياشايدىغان قىلى پ چىقىشتىن ئىبارەتتۇر. ناۋادا ئىبادەت بۇ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىسا، ئۇنىڭ تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىدىن پەرقى بولماي قالىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: «ئىنسانلارنى جەننەتكە كىرگۈزىدىغان ئىشلارنىڭ ئەڭ كۆپى تەقۋالىق بىلەن ياخشى ئەخلاقتۇر [^7]» دەپ كۆرسەتكەن.

كۆپ ئوقۇغانغا ئالدانماڭ قىزلارنىڭ ئوقۇغان، دىننى ۋە دۇنيانى توغرا چۈشەنگەن بولۇشى مۇھىم. چۈنكى، ئۇلار كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ئانىلىرى ۋە مىللەتنىڭ تۇنجى مۇئەللىملىرى بولغانلىقى ئۈچۈن بىلىملىك بولغىنى ياخشى، ئەمما شەرت ئەمەس. شەرت بولغىنى دىن ۋە ئەخلاقتۇر.

جور تاللاشتا قىزلارنىڭ مەيلى دىندا ياكى پەندە كۆپ ئوقۇغان بولۇشى ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي دىندار ۋە گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇشى شەرتتۇر. ناۋادا دىندارلىقى، گۈزەل ئەخلاقى بولغاننىڭ ئۈستىگە ئىلمىمۇ بولسا، ياكى قارى قۇرئان دېگەندەك ئارتۇقچىلىقى بولسا تېخىمۇ ياخشى. بۇ چاغدا نۇر ئۈستىگە نۇر بولغان بولىدۇ. ناۋادا دىنىي ياكى پەننىي بىلىمى بولمىسىمۇ، ئۆزى دىندار، گۈزەل ئەخلاقلىق بولسا يېتەرلىكتۇر. كۆرۈۋاتىمىزكى، كۆپ ئوقۇغان ۋە ئالىي دىپلوملارنى ئالغان بەزى قىزلار يا دىندارلىقتا يوق ياكى گۈزەل ئەخلاقتا يوق ۋەياكى ئائىلە ئىشلىرىدا — تاماق ئېتىشتە، پاكىزلىقتا، ئۆينى تۈزەشتۈرۈشتە، ئېرىنى كۈتۈشتە، قېيىنئانا ۋە قېيىنئاتىسىغا ھۆرمەت كۆرسىتىشتە يوق. ئۇلار شۇنداق يېتەرسىز تۇرۇقلۇق، ئۆزىنى ئوقۇمۇشلۇق كاتتا كىشى دەپ سانايدۇ، ئەمما ھېچكىمنى مەمنۇن قىلالمايدۇ. شۇڭا يىگىتلەرنىڭ ھاياجانلانماسلىقى، قىزلارنىڭ ئۇنۋانىغا، ئاتىقىغا ۋە كىيىنىشىگە ئالدىنىپ كەتمەسلىكى لازىم.

قىزلارنىڭ ئائىلە تەربىيەسىگە قاراڭ ئائىلە تەربىيەسى ھەرقانداق پەرزەنت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بولۇپمۇ قىزلار ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان زۆرۈرىيەتتۇر. ئائىلىسىدە ئىسلامىي تەربىيە ئالغان ۋە ئۆزىنى شۇ يولدا يېتىشتۈرگەن قىزلار ئۆزلىرىنى ۋە كېلىن بولۇپ بارغان ئائىلىلەرنى بەختلىك قىلالايدۇ.

ئائىلىدە دىنىي تەربىيەنىڭ يوقلۇقى ياكى كەملىكى قىزلارنىڭ بەخت۔سائادىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇقسانلىقتۇر. چۈنكى، بىر ئائىلىدە ھەقىقىي دىنىي تەربىيە بولسا، ئۇنىڭ پايدىسى شۇ ئائىلىدىن يېتىشىپ چىققان بالىلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇلار ياشىغان مەھەللە، يۇرت ۋە جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ ئورتاق بولىدۇ. ئائىلىدىكى دىنىي تەربىيە، بالىلارنىڭ ئىپتىدائى تەربىيەسى بولۇپ، ئۆزلىرىگە دىنىي تەربىيەنى ئۆزلەشتۈرگەن قىز۔يىگىتلەر ئائىلىنىڭ شەرىپىنى ۋە نومۇسىنى قوغداشنىڭ نەقەدەر مۇقەددەس ۋە ئۇلۇغ ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى تونۇيدۇ. نەتىجىدە، قۇرۇق سۆزلەردىن ۋە يالغان تۆھمەتلەردىن ساقىلىنىش ئۈچۈن بولسىمۇ، ياتلار بىلەن بىنورمال ئالاقە قۇرمايدۇ، قىزلار ئائىلىسىدىن رۇخسەتسىز خالىغان جايغا كەتمەيدۇ، يات ئەرلەر بىلەن بىرگە يۈرمەيدۇ. چۈنكى ئىسلام تەربىيەسىنىڭ تەقەززاسى بۇ خىل يولسىز ئالاقىلەرنى رەت قىلىدۇ ۋە مەنئى قىلىدۇ.

شۇڭا قىزلارنى تاللاشتا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى تەكشۈرۈش، ئائىلە تەربىيەسنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىگە قاراش كېرەك. ئاتا۔ئانىسىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۇلارنىڭ گېپىدىن چىقمايدىغان، ئىتائەتچان قىزلار ئېرىنىمۇ مەمنۇن قىلالايدۇ، كېيىنچە پەرزەنتلىرىنىمۇ ياخشى تەبىيەلىيەلەيدۇ. ئەكسىچە، ئاتا۔ئانىسىنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ئۆز بېشىمچى ئىش قىلىدىغان قىزلار ئېرىنىمۇ كۆزگە ئىلمايدۇ، پەرزەنتلىرىگىمۇ ياخشى ئانا بولالمايدۇ.

ئاۋۋال قىزنى كۆرۈڭ ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەت قانۇنى بويىچە، ئەرلەرنىڭ نامەھرەم ئاياللارغا تىكىلىپ قارىشى ۋە ئاياللارنىڭمۇ نامەھرەم ئەرلەرگە تىكىلى پ قارشى مەنئى قىلىنغان مەسىلىدۇر.

ئەمما بىرگە تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان ئوغۇل۔قىزلار بىر-بىرىنى كۆرۈشى لازىم. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان بىر ئادەمدىن، سەن ئۇنى (يەنى ئۆيلەنمەكچى بولغان ئايالنى ) كۆردۈڭمۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ ئادەم ياق، كۆرمىدىم دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا، ئاۋۋال بېرىپ ئۇنى كۆرگىن دەپ بۇيرىدى [^8]» يەنە. بىر ھەدىستە: «بىرىڭلار ئۆيلەنمەكچى بولغىنىدا، ئالماقچى بولغان ئايالنى ئىمكانقەدەر كۆرسۇن [^9]» دەپ كەلگەن.

ئۆيلەنمەكچى بولغان قىز۔يىگىتلەرنىڭ ئۇچرىشىپ پاراڭلىشىشى، شۇ ئارقىلىق بىر-بىرىنى يېقىندىن تونۇشى ياخشىدۇر. ئەمما ئۇلار ئۇچرىشىشتا ئىككىسى يالغۇز قالماسلىقى، قىزنىڭ يېنىدا ئاچا۔سىڭىللىرىدىن بىرەرسى بولۇشى شەرتتۇر.

✦ جور تال لاش دېگەنلىك ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى تال لاش دېگەنلىكتۇر. شۇڭا ئۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.

✦ قىزلارنىڭ گۈزەللىكى ئۇلارنىڭ ئەدىپىدىن كېلىدۇ. ئەدەپ ۔ئەخلاقنىڭ مەنبەسى دىندۇر.

✦ ئائىلە تەربىيەسى قىزلار ئۈچۈن ئالىي مەكتەپتىن يۇقىرى بىلىمدۇر.

  1. بۇخارى رىۋايىتى
  2. تەبەرانىي رىۋايىتى.
  3. ئىبنى ماجە رىۋايىتى.
  4. نەسائىي رىۋايىتى.
  5. «احياء علوم الدين» (دىنىي ئىلىملەرنى راۋاجلاندۇرۇش)» نامىلق ئەسەر، 4
  6. ئىمام بۇخارى رىۋايىتى
  7. ئىمام تىرمىزى، ئىبن ماجە رىۋايىتى
  8. مۇسىلىم رىۋايىتى
  9. ئەھمەد رىۋايىتى
3636-ماقالە: پۇرسەت ۋە ھېكمەت#
« پۇرسەت ھەممە ئادەمنىڭ ئىشىكىنى قاقىدۇ، لېكىن ھەممىلا ئادەم ئۇنىڭغا ئىشىكىنى ئاچمايدۇ.» —غەرب ھېكمەتلىرىدىن.

پۇرسەت – بىرەر ئىشنى بېجىرىش ئۈچۈن ئەڭ قولاي بولغان ۋاقىت ۋە پەيت دېگەنلىك بولۇپ، ۋاقىت بىلەن پەيت ھەمىشە كېلىپ تۇرىدۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر پايدىسىز ئۆتكۈزىۋېتىدۇ.

ھېكمەت۔ ھەربىر ئىشنى ئۆز جايىدا ۋە ئۆز ۋاقتىدا توغرا شەكىلدە ئورۇنداش دېگەنلىك بولۇپ، ھېكمەتلىك كىشىلەر توغرا ئىش قىلىدۇ ۋە توغرا گەپ قىلىدۇ.

ئۆزىمىزنى يېتىشتۈرۈشىمىز ئۈچۈن ئالدىمىزغا نۇرغۇنلىغان پۇرسەتلەر چىقىپ تۇرىدۇ. پۇرسەتلەر كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كۆرۈمسىز ۋە دىققىتىمىزنى قوزغىمايدىغان شەكىلدە كېلىدۇ. شۇڭا بىز ئۇلارغا ئانچە دىققەت قىلى پ كەتمەيمىز. ئەسلىدە بىزگە كەلگەن ھەربىر مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك ۋە ھەربىر كېلىشمەسلىك ئۆزىمىزنى يېتىشتۈرۈشىمىز ئۈچۈن سۇنۇلغان پۇرسەتلەر بولۇپ، پايدىلىنىشنى بىلسەك زىياننى پايدىغا ئايلاندۇرالايمىز.

پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىش ئۈچۈن ھېكمەت كېرەك. پۇرسەتتىن ھېكمەتلىك پايدىلىنىش ھەققىدە كۆپلىگەن ئىبرەتلىك قىسسەلەر بار.

ھىجرىيەنىڭ 8 ۔ يىلى 630( م) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئون مىڭ كىشىلىك ئىسلام قوشۇنى مەككە مۇكەررەمە شەھىرىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئاتلىنىدۇ. شۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلام قوشۇنىنىڭ قوماندانلىرىنى مەككە خەلقىگە: «كىمكى ئۆز ئۆيىگە كىرىۋالسا ياكى ئەبۇ سۇفياننىڭ ئۆيىگە كىرىۋالسا ئامان قالىدۇ» دەپ ئېلان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھېكمەتلىك تەدبىرى سايىسىدا مەككە مۇكەررەمە شەھىرى تىنچلىق بىلەن ئازاد بولىدۇ، ئۇرۇش ۋە قان تۆكۈش دېگەنلەر بولمايدۇ. چۈنكى، ئەبۇ سۇفيان مەككىنىڭ ئاقساقىلى ۋە ئۇ جايدىكى مۇشرىك كۈچلىرىنىڭ قوماندانى بولۇپ، ئۇ مەككە ئازاد بولۇشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇنلا ئىمان ئېيتقانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەبۇ سۇفيانغا بۇ كاتتا ئىلتىپاتنى قىلغانلىقى ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى مۇشرىك كۈچلىرىنى ۋە بارلىق مەككە خەلقىنى قايىل قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام قوشۇنىغا ھېچكىم قورال تەڭلىمىگەن ۋە ھەممە ئۇلارنى قارشى ئالغان.

بۇ قىسسىدە، جەمئىيەتتە ھۆرمىتى ۋە نوپۇزى بار كىشىلەرنىڭ قەدىر۔قىممىتىنى قىلىش ئارقىلىق خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش، ئاندىن ئۇلارنى كۆزلەنگەن مەقسەت۔مۇددىئاغا خىزمەت قىلدۇرۇش ئىپادىلىنىدۇ.

✦ 20. ۔ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋروپادا ئافرىقىغا مەبلەغ سېلىش سەپەرۋەرلىكى ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، شۇ چاغدا گوللاندىيەلىك بىر باي بار پۇلىغا جەنۇبىي ئافرىقىدىن بىپايان بىر زېمىننى سېتىۋالىدۇ، ئاندىن ئۇ جاينى كاتتا دېھقانچىلىق مەيدانىغا ئايلاندۇرماقچى بولىدۇ. ئەمما سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۇ جاينىڭ ھېچ نەرسە ئۈنمەيدىغان ۋە يىلان۔چايانلار بىلەن توشۇپ كەتكەن بىر جاي ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم نېمە قىلىشىنى بىلمەي، چوڭقۇر ئويلىنىدۇ. ئاخىر ئۇ جايدىكى يىلان۔چايانلاردىن پايدىلىنىپ زەھەر قايتۇرىدىغان تەبىئىي دورىلارنى ياساشنى پىلانلايدۇ ۋە شۇ پىلان بويىچە ئىش كۆرۈپ ئازغىنە ۋاقىت ئىچىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ زەھەرلىك ۋاكسىنا زاۋۇتى قۇرۇپ چىقىدۇ.

بۇ قىسسىدە، يېڭىلگەندە بولدى قىلماسلىق ۋە ھەرقانداق بىر مۇسىبەتنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى ئىزدەشتىن ئىبارەت ئاكتىپ روھ يورۇتۇپ بېرىلگەن. چۈنكى ئادەم زىيانغا بوي ئەگمىگەن ۋە مەسىلىنىڭ ئىجابىي تەرىپىگە قارىغان. نەتىجىدە، يىلان۔چايانلىق زېمىندا زەھەرلىك ۋاكسىنا زاۋۇتى قۇرۇش ئارقىلىق زىياننى پايدىغا ئايلاندۇرغان.

بىر بالا ئىسكىرىپكا چېلىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولۇپ، مەشھۇر يەتتە مۇزىكانت بىلەن بەسلىشىدۇ. شۇ ئارىدا بالىنىڭ قولىدىكى ئىسكىرىپكىنىڭ بىر تارىسى ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ، ئەمما بالا چاندۇرماي چېلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ئىككىنچىسىمۇ ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ، بالا قالغان ئىككى تارا بىلەن يەنە چېلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. گەرچە تارىلارنىڭ ئارقا۔ئارقىدىن ئۈزۈلۈپ كېتىشى سەۋەبلىك ئىسكىرىپكا تەلەپكە لايىق چېلىنمىغان بولسىمۇ، باھالاش گۇرۇپپىسىدىكىلەر بالىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە قايتماس روھىغا ئاپىرىن ئوقۇپ، ئۇنىڭغا ئەڭ يۇقىرى نومۇر بېرىدۇ.

بۇ قىسسىدە، ئۇرۇنۇشتىن توختاپ قالماسلىق، يېڭىلگەنگە تەن بەرمەسلىكتىن ئىبارەت ئىجابىي روھ يورۇتۇپ بېرىلگەن. ناۋادا بۇ بالا تارىنىڭ ئۈزۈلۈپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك توختاپ قالغان بولسا قازىنالمىغان بولاتتى.

دالى كارنېگى «ئىنسانلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتەلەيسىز» ناملىق ئەسىرىدە ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشقا باشقىلارنى قانداق قايىل قىلغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق بىر قىسسىنى بايان قىلغان:

بىر دېھقان ئوغلى بىلەن بىرلىكتە بىر كالىنى ئېغىلغا ئەكىرەلمەي قالىدۇ، ئۇلار كالىنى ئارقىسىدىن كۈچلۈك ئىتتىرىدۇ، كالا بولسا تاقارىشىپ ماڭماي تۇرۇۋالىدۇ. شۇ ئەسنادا دېھقاننىڭ ئايالى ئۆيىنىڭ دېرىزىسىدىن ئۇلارنى كۆرىدۇ ۋە گەپ قىلماي قولىغا بىر سىقىم بېدىنى ئېلىپ چىقىپ، كالىنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ. بۇ چاغدا كالا ئايالنىڭ ئارقىسىدىن ئېغىلغا كىرىدۇ.

بۇ قىسسىدە، ئۆزىمىز قىلماقچى ياكى قىلدۇرماقچى بولغان ئىشقا باشقىلارنى كۈچ بىلەن ئەمەس، بەلكى سىلىق ۋە جەلب قىلارلىق ئۇسلۇب بىلەن قايىل قىلىشتىن ئىبارەت ھېكمەتكە ئىشارەت قىلىنغان.

دالى كارنېگى يەنە باشقىلارغا ئەھمىيەت بېرىش ۋە قەدرىنى كۆتۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزىمىزگە خىزمەت قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە بىر قىسسىنى بايان قىلغان بولۇپ، بىر ئايالنىڭ ھەرخىل گۈللەر تېرىلغان بېغى بار ئىكەن. ئەمما مەھەللىنىڭ بالىلىرى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇ ئايالنى بىئارام قىلىدىكەن، بېغىغا كىرىپ گۈللەرنى بۇزۇپ تاشلايدىكەن. ئايال بالىلارغا ئالدى بىلەن چىرايلىق نەسىھەت قىلغان، كېيىن قاتتىق سۆزمۇ قىلغان، ھەتتا ساقچىغا ئەرز قىلغان بولسىمۇ، بالىلارنى گۈللەرنى بۇزۇشتىن توختىتالمايدۇ. ئايال شۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ ئەڭ ئەسكىسى ۋە ھەممىگە گېپى ئۆتىدىغان بىرىنى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا باغنى قوغداش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ، مەھەللىنىڭ بالىلىرىغا باشلىق قىلىپ سايلايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق بالا باغقا كىرىشكە پېتىنالمايدىغان ۋە ھەممەيلەن بىللە باغنى قوغدايدىغان بولۇپ كېتىدۇ.

بۇ قىسسىدە، باشقىلارنىڭ قەدرىنى كۆتۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزىمىز پىلانلىغان ئىشقا خىزمەت قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ھېكمەت يورۇتۇپ بېرىلگەن.

بىر پىسخولوگ پەم۔پاراسەت بىلەن باشقىلارنى قانداق يولغا كىرگۈزگىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق بىر قىسسىنى بايان قىلغان. بىر ئادەم ھەر كۈنى چۈش ۋاقتىدا بىرەر سائەت قەيلۇلە قىلىدىكەن (ئۇخلايدىكەن)، ئەمما مەھەللىنىڭ بالىلىرى شۇ ۋاقىتلاردا ھېلىقى ئادەمنىڭ ئۆيى بار كوچىدا بىر كونا چېلەكنى تىپى پ ئوينايدىكەن. بۇ سەۋەبتىن ئادەم قاتتىق بىئارام بولۇپ ئۇخلىيالمايدىكەن. ئادەم بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ ھەرخىل چارىلەرنى ئويلاپ چىقىدىكەن. قولۇمغا بىر تاياق ئېلىپ ئۇلارنى قورقۇتۇپ قوغلىۋەتسەم قايتا كەلمەسمۇيا؟ ياق، ئۇنداق قىلسام ئۇلار مەن بىلەن زىتلىشىپ مېنى تېخىمۇ راھەتسىز قىلىشى مۇمكىن. ياكى ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىلىپ يالۋۇرسام ۋە «بالىلىرىم، مېنى راھەتسىز قىلماڭلار» دېسەم بولارمۇ؟ ياق، ئۇ چاغدا مېنى ئاجىز ساناپ تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشى مۇمكىن. ياكى ساقچىغا مەلۇم قىلىپ تارقىتىۋەتسەم بولارمۇ؟ ياق، ئۇ چاغدا ئۇلار مەندىن ئۆچ ئالىدۇ ۋە بىئارام قىلىشنى توختاتمايدۇ. ئادەم ئۇنى ئويلاپ، بۇنى ئويلاپ، ئاخىر بىر قارارغا كېلىدۇ ۋە سىرتقا چىقىپ بالىلارغا مۇنداق دەيدۇ: «بالىلىرىم! سىلەر بەك ياخشى ئوينىدىڭلار. ئەگەر سىلەر ھەر كۈنى مۇشۇنداق چېلەك تىپىپ بەرسەڭلار، مەن سىلىگە بەش سوم پۇل بېرىمەن» دەيدۇ. بالىلار خۇشال بولىدۇ ۋە شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەتىسى كېلىپ يەنە چېلەك تىپى پ ئوينايدۇ. بوۋاي بەش سوم بېرىدۇ، بالىلار بەك خۇشال بولىدۇ. بالىلار ئەتىسى يەنە كېلىپ ئوينايدۇ. بوۋاي چىقىپ، «بالىلىرىم! بۈگۈن پۇلۇم ئاز قاپتۇ، سىلىگە بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى سوم بېرەلەيمەن» دەپتۇ. بالىلار خۇش ياقمىغاندەك قىياپەتتە «مەيلى ئەمدى» دەپ ئويۇننى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەتىسى بوۋاي چىقىپ، «بالىلىرىم! ئەمدى پۇل يوق، سىلىگە بۇنىڭدىن كېيىن پۇل بېرەلمەيدىغان بولدۇم» دەيدۇ. بالىلار ئاچچىقلىنىپ: «بىز نېمىشقا بىكارغا چېلەك تەپكۈدەكمىز؟ بولدى، تەپمەيمىز» دەپ قېيىداپ كېتىپ قالىدۇ ۋە قايتا ھېچ كەلمەيدۇ.

بۇ قىسسىدە، ھەرقانداق بىر ئىش ماددىي مەنپەئەتكە باغلانغاندا ھاياجان ۋە ئىخلاسنىڭ يوقۇلىدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ.

✦ بەزىدە بىرەر قىسسە مىڭ نەسىھەتتىن ياخشىدۇر.

✦ قىسسە بايان قىلىش ئىنسانلار ئارىسىدا تەجرىبە۔ساۋاقلارنى يۆتكەشنىڭ ئەڭ قەدىمىي ۋاسىتىلىرىدىن بىرىدۇر.

✦ قىسسە ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن مەزمۇن ئەستە ساقلاش ئۈچۈن قولايلىقتۇر.

3737-ماقالە: مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلارنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋېلىڭ#
«ياخشىلىق— ئادەتتۇر.» —ھەدىس شەرىپ. نورمالدا ئىنسانلار قانداقلا بىر ئىشنى باشلاش ئۈچۈن بىرەر سەۋەبكە ۋە بىرەر تۈرتكىگە، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈنلۈك ئادەتكە موھتاج بولىدۇ. ئۇتۇق قازانغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنى ئۇتۇققا ئېلىپ بارغان بارلىق ئىشلىرىنى كۈنلۈك ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋەتكەن بولۇپ، كۈندىلىك ئىشلىرىنى ھېس قىلماستىن ياكى ئويلاپ ئولتۇرماستىن، ئۆزلۈكىدىن قىلاتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىشلىرى يېيىش، ئىچىش ۋە ئۇخلاشقا ئوخشاش كۈنلۈك ئادىتىگە ئايلىنى پ كەتكەنلىكتىن، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئالاھىدە چوڭ ئىشلارنى قىلىۋاتىمەن دەپ ئويلىمىغان. سىز ئۆزىڭىزىدە ئاشۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈۋالغان ۋاقتىڭىزدا، سىزدىن باشقا ھەممە ئادەم سىزنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىڭىزگە ھەيران قالىدۇ. رەھمەتلىك ئۇستازىم مۇھەممەد قۇربان قارىھاجىم ھەر كۈنى بامدادتىن بۇرۇن يىگىرمە رەكئەت تەھەججۇد نامىزى ئوقۇيتتى، بامداد نامىزىدىن كېيىن ئىككى پارە قۇرئان ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن ناشتا قىلاتتى، شۇنىڭدىن كېيىن ئامبۇلاتورىيەدىكى ئىشىغا ماڭاتتى. ئۇ كىشى بۇ ئادىتى سايىسىدا ئۆزىنى ئالاھىدە پەرقلىق ئىش قىلغاندەك ھېس قىلمايتتى، باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش كۈندە سەككىز سائەت ئىشلەيتتى. سۈرىيەلىك بىر ئالىمنىڭ سەھەرلىرى سائەت تۆت بىلەن ئالتە ئارىسىدا ھەر كۈنى ئىككى سائەتتىن ئىشلەش ئارقىلىق سەككىز يىلدا 22 توم كىتاب يازغانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران قالغان ئىدىم. ئەمما ھەرقانداق چوڭ ئىشنىمۇ ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئاز ۋاقىتتا پۈتتۈرگىلى بولىدىكەن. پېقىر قازاقىستاندا ئىنىستىتۇتتا مۇئەللىم بولۇپ ئىشلىگەن چاغلىرىمدا ھەپتىدە بىر ماقالە يېزىپ، شۇ يەردىكى «ئۇيغۇر ئاۋازى» ۋە

«يېڭى ھايات» گېزىتلىرىگە بېرىشنى، ئاندىن سەئۇدى ئەرەبىستان رادىيوسى تۈركىستان بۆلۈمىدە ئىش باشلىغاندىن كېيىن، ھەر كۈنى بىر ماقالە يېزىشنى ئادەت قىلىۋالغانىدىم. ھازىرغىچە يازغان ماقالىلىرىمنىڭ سانى 1500 دىن ئاشىدۇ، ئۇلاردىن تاللاپ ئالتە توم ماقالىلەر توپلىمى نەشر قىلىندى. ئەمما مەن ئۆزۈمنى ئالاھىدە چوڭ ئىش قىلغاندەك ياكى كۆپ ئىشلارنى بېجىرىۋەتكەندەك ھېس قىلىپ باقمىدىم. چۈنكى، بۇ ئىش مېنىڭ كۈندىلىك ئادىتىمگە ئايلىنىپ كەتكەنلىكتىن، ئۇنى ئويلىماستىن ۋە ھېس قىلماستىن قىلىپ كېلىۋاتىمەن.

بەزى ئىستاتىستىكىلار شۇنى يەكۈنلىدىكى، ئۆيدە قوللىنىدىغان تەنھەرىكەت ۋېلىسىپىتىنى سېتىۋالغانلارنىڭ 10% ى ئۇنى ئىككى ھەپتىدىن ئارتۇق ئىشلەتمەيدىكەن، 90% ى بولسا بىرەر ھەپتىمۇ داۋاملاشتۇرمايدىكەن. مەنمۇ ئۆز ۋاقتىدا شۇنداق ۋېلىسىپىتتىن بىرنى سېتىۋالغان ۋە ئىككى ھەپتىدىن كۆپرەك ئىشلىتىپ، ئاندىن ئۆيدە ساقلىغانىدىم. دېمەك، مەن كۈنلۈك ماقالە يېزىش ئادىتىمنى يىل30 داۋاملاشتۇردۇم، ئەمما تەنھەرىكەت ۋېلىسىپىتىنى ئىشلىتىشنى كۈن30 داۋاملاشتۇرالمىدىم.

ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە پايدىلىق ئىشلارنى داۋاملاشتۇرالمايدۇ؟

جاۋاب: چۈنكى بىز ئۇ ئىشلارنى كۈندىلىك ئادىتىمىزگە ئايلاندۇرالمىغان. شۇڭا ئۇ ئىشلار يېيىش، ئىچىش ۋە ئۇخلاش دېگەندەك بىزنىڭ ھېچ ئويلىماستىن، ھەتتا ھېس قىلماستىن داۋاملاشتۇرىدىغان كۈندىلىك ئىشلىرىمىز قاتارىدىن ئورۇن ئالالمىغان. بىز قىلماقچى بولغان ھەرقانداق بىر ئىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، ھەر قېتىم ئۇ ئىشنى قىلىپ بولغاندىن كېيىنلا بۇرۇنقى ھالىتىمىزگە قايتىمىز.ئۇنى قايتىدىن باشلاش ئۈچۈن يەنە جەريان كېتىدۇ. بەزىدە قاتتىق ھاياجانلىنىپ كېتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرەر تەنھەرىكەتنى قىلىشقا ياكى بىرەر چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىشكە بەل باغلايمىز، ئەمما بىرەر ھەپتىدىن كېيىن بىزدىكى ھاياجان يوقىلىدۇ۔دە، ئۇ ئىشلارنى توختىتىپ قويىمىز، ئاندىن ئاستا۔ئاستا ئۇنتۇپ كېتىمىز. بۇ ئاشۇ ئىشلارنى ئادەتكە ئايلاندۇرمىغانلقتىن بولىدۇ.

بۇنداق ئىرادىسىزلىك ۋە بوشاڭلىق ئىنسان تەبىئىتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، بۇنداق ھالەتلەر بىز بەل باغلىغان ھەربىر ئىشتا يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، ھەتتا دۆلەتلەرمۇ نۇرغۇن قارارلارنى ئالىدۇ، ئەمما ھەممىنى ئىجرا قىلىپ كېتەلمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسان تەبىئىتىدىكى بۇ ئاجىزلىقنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ھەربىر ئىشنىڭ ھاياجىنى ۋە ھەربىر ھاياجاننىڭ بىپەرۋالىقى بولىدۇ [^1]». مانا بۇ ئىنسان تەبىئىتىدۇر.

شۇڭا ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ھاياجاندىن، بىپەرۋالىقتىن يىراق بولۇپ، ئاز۔ئازدىن بولسىمۇ داۋاملىق قىلىش ۋە بىزنى غەلىبىگە ئېلىپ بارىدىغان ھەربىر ئىشنى ئادەت ھالىتىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئاللاھقا ئەڭ يېقىملىق كېلىدىغان ئەمەل ئاز بولسىمۇ داۋاملاشقىنىدۇر» دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ھەدىس بىزنى دىن ۋە دۇنيالىق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ۋە گۈزەل نەتىجىلەرگە ئېلىپ بارىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئادەتلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئۆگىتىدۇ.

✦ سىز بىرەر ئىشنى باش لاش ئۈچۈن ئىرادىگە، ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن كۈنلۈك ئادەتكە موھتاج بولىسىز.

✦ بىرەر ئىشنى قىرىق كۈن توختاتماي قىلسىڭىز چوقۇم ئۇنى ئادەت ھالىتىگە كەلتۈرەلەيسىز.

✦ مۇۋەپپەقىيەتلىك كىشىلەر قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى ئالاھىدە چوڭ بىلىپ كەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ غەلىبىلىرى كۈنلۈك ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن.

  1. ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
3838-ماقالە: مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سىرى#
« مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سىرى مەغلۇبىيەتتىن قورقماسلىق ۋە قايتا۔ قايتا ئۇرۇنۇشتىن چارچىماسلىقتۇر.» — پائۇلو كوئېلو.

مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرلىرى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىنساننىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھەركىم ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىنى ئېيتى پ بېرەلەيدۇ. بۇ ماۋزۇدا ئون ئادەم پىكىر بايان قىلسا، ئون خىل كۆزقاراش ياكى تەجرىبە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. چۈنكى، ھەممە ئادەمنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەجرىبە۔ساۋاقلىرى بولىدۇ. ئەمما ھېچكىم ئىختىلاپ قىلمايدىغان ۋە ھەرقانداق بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىنساندا بولىدىغان خىسلەتلەر ئۆزىگە ئىشىنىش، كونكېرت پىلان تۈزۈش، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىك، ئىشىغا ئىخلاس قىلىش، ۋاز كەچمەسلىك قاتارلىقلاردۇر.

يۇقىرىقى خىسلەتلەرگە ئىگە بولغان ھەرقانداق ئادەم ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان ئىشىدا چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ. گەرچە بەزى كىشىلەر تەجرىبىسىنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە سەۋىيەسىنىڭ يېتىلىپ بولالمىغانلىقى سەۋەبلىك ئىشنىڭ بېشىدا ئاز۔تولا قىينالسىمۇ، ئۇلار ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، ۋاز كەچمەسلىك ئارقىلىق ئۆزىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېلى پ بارالايدۇ.

ھەرقانداق بىر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆت چوڭ ئىستراتېگىيە بولۇشى كېرەك، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

✦ 1. نىشان ئېنىق، پىلان كونكېرت، ئىش پروگراممىسى روشەن بولۇشى بۇلارسىز مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى، نەگە بېرىشىنى بىلمەي يولغا چىققان ئادەم ھېچبىر يەرگە بارالمىغاندەك، پىلانسىز ۋە پروگراممىسىز ئىش قىلغان ئادەممۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. شۇڭا ئالدى بىلەن نىشانىمىزنى بەلگىلىشىمىز، ئاندىن شۇ نىشانغا قانداق يېتىشنى پىلانلىشىمىز، ئاندىن ئىشنى پروگراممىمىز بويىچە داۋاملاشتۇرۇشىمىز لازىم. نىشان قانچىلىك ئېنىق، پىلان قانچىلىك كونكېرت، ئىش پروگراممىسى قانچىلىك روشەن بولسا، مۇۋەپپەقىيەتكە شۇنچىلىك تېز ئېرىشكىلى بولىدۇ.

مۇۋەپپەقىيەتلىك ئادەم بىلەن مۇۋەپپەقىيەتسىز ئادەمنىڭ پەرقى شۇكى، ئالدىنقىسى مەلۇم بىر نىشاننى كۆزلەپ، پىلانلىق ھالدا ئىلگىرىلەيدۇ، ئىككىنچىسى بولسا نىشانسىز، پىلانسىز ۋە بىپەرۋالىق بىلەن ئىش كۆرىدۇ. نىشانسىز ماڭغان ئادەم قەدەمدە بىر يىقىلى پ

﴿أَفَمَن يَمْشِي مُكِبًّا عَلَىٰ وَجْهِهِ أَهْدَىٰ أَمَّن يَمْشِي سَوِيًّا عَلَىٰ صِرَاطٍ مُّسْتَقِيمٍ﴾

ماڭغان ئادەمگە ئوخشاشتۇر.

﴿أَفَمَن يَمْشِي مُكِبًّا عَلَىٰ وَجْهِهِ أَهْدَىٰ أَمَّن يَمْشِي سَوِيًّا عَلَىٰ صِرَاطٍ مُّسْتَقِيمٍ﴾

«يۈزىچە يىقىلىپ يۈرۈپ

﴿أَفَمَن يَمْشِي مُكِبًّا عَلَىٰ وَجْهِهِ أَهْدَىٰ أَمَّن يَمْشِي سَوِيًّا عَلَىٰ صِرَاطٍ مُّسْتَقِيمٍ﴾

ماڭغان ئادەمنىڭ يولى توغرىمۇ ياكى قەددىنى رۇس تۇتۇپ تۈز يولدا ماڭغان ئادەمنىڭ يولىمۇ؟.[^1]»

✦ 2. ۋاقىت باشقۇرۇش ۋە مۇۋەپپەقىيەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ھەممىمىز ۋاقىتنىڭ قىسلىقىدىن دەردلىنىمىز، بىز ھەمىشە «ۋاقتىم يوق» دەپ قويىمىز. ئەمما ھەقىقەت شۇكى، كۆپىنچە كىشىلەر پىلانسىز ياشايدۇ. ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى بىلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن كۈنلۈك ھاياتىنى بىرەر نەتىجىسىز ئاخىرلاشتۇرىدۇ. شۇڭا بىز ۋاقىتتىن پىلانلىق پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم.

«ھاياتىڭىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈڭ» ناملىق ئەسىرىمنىڭ «مۇۋەپپە قىيەتكە ئەمەس، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىڭ» دېگەن بابىدا، مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلۈكى ھەققىدە توختالغان.

ئومۇمەن ئېيتقاندا، دۇنيادا كاتتا مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قازانغان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھاياتى ھەققىدە ئىزدەنگەن ئادەم ئۇلارنىڭ ئومۇمەن ئۆزىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەنلىكىنى ۋە ئىشنى كىچىكتىن باشلىغانلىقىنى بايقايدۇ. چۈنكى مۇۋەپپەقىيەت نەتىجىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە ئەمەس، داۋاملاشتۇرۇشقا، ئاخىرقى نىشانغا ئەمەس، ھاياتىمىزنىڭ ئاخىرىغا قەدەر داۋاملىشىدىغان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئىشتۇر.

✦ 3. پۇرسەت ئۈچۈن تەييار تۇرۇش بۇ كېلەچەككە ھەقىقىي رەۋىشتە ئىنتىلىشنى، ھەر زامان ھوشيار ۋە ئويغاق تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى، ھەرقانداق ئىنسانغا تۇيۇقسىز كېلىدىغان نۇرغۇن پۇرسەتلەر بولىدۇ، بەزى كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئوبدان پايدىلىنىدۇ، ئەمما كۆپ سانلىق كىشىلەر تۇيۇقسىز كەلگەن پۇرسەتلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش سەۋەبلىك ھېچ پايدىلىنالمايدۇ. پۇرسەت ئادەتتە ئادەمنى جەلب قىلارلىق سۈرەتتە كەلمەيدۇ، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئالدىغا كەلگەن پۇرسەتلەرگە دىققەت قىلمايدۇ. پۇرسەت كۆپىنچە ھاللاردا ھەممە ئادەمنىڭ ئىشىكىنى قاقىدۇ، لېكىن ھەممىلا ئادەم ئىشىكىنى ئاچمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن كەلگەن پۇرسەت كېتىپ قالىدۇ.

پېقىر قازاقىستاندا ئىنىستىتۇتتا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان پەيتلىرىمدە كەسپىمنى بەك سۆيەتتىم، ئەسلىدە مۇئەللىملىكتىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك خىزمەتكە ئاشىق ئىدىم. شۇڭا خىزمىتىمنى كۆڭۈل بۆلۈپ قىلاتتىم. ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن يېزىشنى بەك ياخشى كۆرەتتىم. ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 8:30 دىن كەچ سائەت 5:30 غىچە مەكتەپتە دەرس ئۆتۈشتىن باشقا مەكتەپنىڭ ئادەمنى زېرىكتۈرىدىغان كۆپ يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ ئۆيگە ئاخشىمى ئاران يېتىپ كېلەتتىم. شۇڭا يېزىش ئۈچۈن پۇرسىتىم ئاز، ۋاقتىم ئىنتايىن قىس ئىدى. پەقەتلا ئاخشاملىرى يازاتتىم. بەزىدە يېرىم كېچىگىچە ئۇخلىمايتتىم. شۇ چاغلاردا ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ، ماڭا يېزىش ئۈچۈن كەڭ پۇرسەت، كۆپ ۋاقىت بېرىشىنى تىلەيتتىم. كېيىنچە، ئويلىمىغان يەردىن سەئۇدى ئەرەبىستان رادىيوسى تەركىبىدىكى تۈركىستان بۆلۈمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىدارلىق ياشلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى توغرۇلۇق خەۋەرلەرنى ئاڭلىدىم. ئەمما ئۇنىڭغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمىگەن بولساممۇ، خىزمەتدىشىم ۋە سەپدىشىم ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن ماڭا تېلېفون قىلىپ، مەن توغرۇلۇق سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىگە مۇراجىئەت قىلىدىغانلىقىنى، ئەگەر ماقۇل دېسەم، مېنى ۋە ئائىلەمنى ھۆكۈمەت ئۆزى ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قىزىققان بولدۇم. شۇنداق قىلىپ، دۆلەتنىڭ چاقىرىقى بىلەن مۇئەللىملىك خىزمىتىمنى تاشلاپ، دىكتور بولۇش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەتتىم.

سەئۇدى ئەرەبىستان رادىيوسىدا ماڭا يېزىش ۋە تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك پۇرسەت ۋە كەڭ ۋاقىت بولدى. بىر تەرەپتىن رادىيوغا پروگرامما تەييارلىسام، يەنە بىر تەرەپتىن يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇش نەتىجىسىدە، نۇرغۇن كىتابلىرىم ۋە ماقالىلىرىم يورۇق كۆردى. شۇ چاغدا بىلدىمكى، ئاللاھ تائالا مېنىڭ تىلىكىمنى قوبۇل قىلغان ۋە ۋاقىتتىن ئىبارەت مەن ئەڭ زور ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىنى ماڭا تولۇقى بىلەن بەرگەنىكەن.

✦ 4. ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە مەغلۇبىيەتتىن قورقماسلىق ئالىملارنىڭ دېيىشىچە، مەغلۇبىيەت مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاساسى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدىكى تەجرىبىدۇر. ئەپسۇسكى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ قۇدرىتىگە ۋە شۇ ئىشنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ، شۇڭا ئۇلار تۇنجى قېتىملىق مەغلۇبىيەت بىلەنلا ئۇ ئىشتىن ۋاز كېچىدۇ، قايتا تەجرىبە قىلىپ بېقىشنى خالىمايدۇ. مۇۋەپپەقىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئىرادىسىدىن ۋاز كەچمەسلىك ۋە چىڭ تۇرۇشتۇر.

توماس ئېدىسون لامپۇچكىنىڭ قىلىنى كەشىپ قىلىش يولىدا 261 قېتىم مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ۋاز كەچمىگەن ۋە ئاخىر بۇ ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.

قەدىمىي ئاپتوموبىل«فورد»نىڭ ئىجادكارى ھىنرى فورد مەزكۇر ئاپتوموبىلنىڭ موتورىنى ياساش ئۈچۈن تۆت يىل تەجرىبە قىلغان، تۈزۈشتىن، بۇزۇشتىن ھېچ زېرىكمىگەن، ئايالىدىن باشقا ھەممە ئادەم ئۇنى بۇ ساراڭلىقتىن ۋاز كېچىشكە ئۈندىگەن بولسىمۇ، ئۇ موتور ياساش ئىرادىسىدىن قىلچە ۋاز كەچمەي ئاخىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.

يۇقىرىقى تۆت ئىستراتېگىيە سىزنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىزغا كېپىللىك قىلىدۇ. كەسپىڭىز ۋە ئىشلەيدىغان ئورنىڭىزنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مۇشۇ ئىستراتېگىيە بويىچە ھەرىكەت قىلسىڭىز مۇۋەپپەقىيەت سىزگە يېقىنلاپ كېلىدۇ.

شۇڭا سىز ئارزۇ۔ئارمانلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان پۇرسەت كەلگەنگە قەدەر ئۇنىڭدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەڭ. چۈنكى، ئۇ بۈگۈن سىزنىڭ ئىلكىڭىزدە بولغان ئەڭ قىممەتلىك نەرسىڭىزدۇر.

✦ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىنسان ئۆزىنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈشكە كېپىللىك قىلىدىغان ياخشى ئادەتلەرگە ئىگە بولغان ئىنساندۇر.

✦ ئۆزىگە ئىشىنىش، كونكېرت پىلان تۈزۈش، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىك، ئىشىغا ئىخلاس قىلىش، ۋاز كەچمەسلىك قاتارلىق خىسلەتلەر ھەرقانداق بىر ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا كاپالەتلىك قىلالايدۇ.

✦ ھەربىر ئىنسانغا نۇرغۇنلىغان پۇرسەتلەر كېلىدۇ، بەزىسى ئۇنىڭدىن ئوبدان پايدىلىنىدۇ، نۇرغۇنى ئۇنىڭدىن بىر ئوبدان قاچىدۇ، شۇڭا پۇرسەتلەر كېتىپ قالىدۇ.

  1. مۇلك سۈرىسى: ئايەت22 ۔.
3939-ماقالە: ئاقىلانىچە كەچۈرۈم سوراشنى بىلەمسىز؟#
«خاتالاشقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر.» —ھەدىس شەرىپ. خاتالىشىش ئەيىب ئەمەس، كەچۈرۈم سورىماسلىق ئەيىبتۇر ئىنسان ئۈچۈن ئۆز خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە بىراۋدىن كەچۈرۈم سوراش ئىنتايىن ئېغىر كېلىدىغان ئىشتۇر. چۈنكى ئۇ ئىقرار، چۈشۈپ بېرىش ۋە قارشى تەرەپنىڭ ھەققىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز خاتالىقىنى تونۇغان تۇرۇقلۇق ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدۇ، بىراۋنى رەنجىتىپ قويغانلىقى سەۋەبلىك ۋىجدان ئازابى چېكىدۇ۔يۇ، كەچۈرۈم سوراپ ۋىجدانىنى راھەتلەندۈرۈشكە كۆڭلى ئۇنىمايدۇ. دېمەك، ئىنسانلاردا «كەچۈرۈڭ!» دېيەلمەسلىك كىرىزىسى بەك

ئېغىر. ھالبۇكى، ئۆز خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە كەچۈرۈم سوراش ئەڭ پەزىلەتلىك ئەمەلدۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئىپادىلەپ: «ھەرقانداق ئادەم خاتالىشىدۇ، خاتالاشقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر [^1]» دەپ كۆرسەتكەن. ھەدىسنىڭ مەنىسى شۇكى، ئىنسانلار ھەمىشە توغرا ئىش قىلمايدۇ، كۆپ ۋاقىتلاردا خاتالىشىدۇ، ئۇلار بىلىپ۔بىلمەي بىر-بىرىنى رەنجىتىپ قويىدۇ. بۇ چاغدا، خاتالاشقۇچىنىڭ ئۆز خاتالىقىنى تونۇپ، قارشى تەرەپتىن كەچۈرۈم سورىشى لازىم. كەچۈرۈم سوراش ھەرگىزمۇ ئۆزىنى چۈشۈرگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ پەزىلىتىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق مەرتىۋە قازانغانلىقتۇر.

ھەدىستىكى «خاتالاشقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر » دېگەن سۆز ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ، كەمچىلىكىنى ئېتىراپ قىلى پ، قارشى تەرەپتىن كەچۈرۈم سورىغان ئادەمنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىك ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ھەدىستىكى «تەۋبە» دېگەن سۆز قارشى تەرەپتىن ئۆز گۇناھىنى تىلەش دېگەنلىكتۇر. خاتالىق ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر۔پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلىشتۇر. بۇنىڭ تەۋبىسى ئۆز گۇناھىغا پۇشايمان قىلىش، قايتا سادىر قىلماسلىققا بەل باغلاش ۋە ئۇنى توختىتىش بىلەن بولىدۇ. يەنە بىرى، ئىنسانلارغا قارىتا سادىر قىلىنغان خاتالىق، يامانلىق، ئۇقۇشماسلىق قاتارلىقلارنىڭ تەۋبىسى يۇقىرىقى ئۈچ ئىش بىلەن بىرلىكتە قارشى تەرەپتىن كەچۈرۈم سوراش ۋە ئۇنى رازى قىلىش بىلەن بولىدۇ.

ئاقىللارچە كەچۈرۈم سوراش قانداق بولىدۇ؟

پېقىر سەئۇدى ئەرەبىستان رادىيوسى تۈركىستان بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتقان كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە، ئافغانىستانلىق بىر خىزمەتدىشىم سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئاپپارات باشقۇرغۇچى ياش بىلەن گەپ تالىشىپ قالدى. سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ياش ئۆزىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان گراژدانلىق كىبرىسى بىلەن خىزمەتدىشىمنى ھاقارەتلىدى، ھەتتا ئۇنىڭغا تەھدىت سالدى. رادىيونىڭ مۇدىرى شۇ كۈنى ئەھۋالدىن ۋاقىپ بولۇپ، ئاۋۋال بىزنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ، ئەمەلىي جەرياننى سورىدى. ئاندىن ھېلىقى ياشنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن «سېنىڭ چەتئەللىك خىزمەتدىشىڭنى ھاقارەتلىگەنلىكىڭ ۋە ئۇنىڭغا تەھدىت سالغانلىقىڭ راستمۇ؟» دەپ سورىۋېدى، ئۇ «ھەئە» دەپ بېشىنى چايقىدى. مۇدىر ئارقىدىنلا ئۇنىڭغا: «سەن خىزمەتتىن ھەيدەلدىڭ» دېدى. ياش «ھۆرمەتلىك مۇدىر توختاپ تۇرۇڭ، سۆزۈمنى دەۋالاي» دېدى ۋە مۇدىرنىڭ كۆزىگە قاراپ قول باغلاپ تۇردى. مۇدىر «ئېيتە!» دېدى. ياش «ھۆرمەتلىك مۇدىر! مەن خاتالاشتىم، خىزمەتدىشىمغا ھەقسىزلىق قىلدىم. مەن بۇ ئىشتا ئۆزۈمنى ئاقلىمايمەن، چۈنكى مەن جازاغا لايىق. ئەگەر جازالىسىڭىز بۇ سىزنىڭ ھەققىڭىز، ئەگەر كەچۈرسىڭىز بۇ سىزنىڭ ئېسىللىكىڭىزدۇر» دېدى. مۇدىر ئويلىنى پ قالدى، ئاندىن «كەچۈرىدىغان ئادەم مەن ئەمەس، بەلكى ئافغان خىزمەتدىشىڭدۇر. ئەگەر ئۇ سېنى كەچۈرسە، مەنمۇ بۇ قېتىم سېنى كەچۈردۈم» دېدى. مۇدىرنىڭ گېپى تۈگىمەستىنلا ئافغانىستانلىق خىزمەتدىشىم ئۆزىنىڭ كەچۈرگەنلىكىنى، ئۇ ياشنىڭ خىزمىتىدىن ھەيدەلمەسلىكىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇدىرنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم پەيدا بولدى. ئۇلار ئىككىسى قۇچاقلىشى پ كۆرۈشتى. دېمەك، بۇ ياش كەچۈرۈم سوراش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ساقلاپ قالالىدى.

پېقىر شۇ كۈنى ئاقىللارچە كەچۈرۈم سوراشنىڭ نەقەدەر ياخشى، نەقەدەر مەسلىنى ھەل قىلغۇچى، نەقەدەر پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىم.

✦ 1995. ۔ يىلىنىڭ بىر ئاخشىمى «ئەلجەزىرە» تېلېۋىزور قانىلىنى كۆرۈپ ئولتۇراتتىم. ئۇنىڭدا دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئېچىنىشلىق بىر خەۋەرنى كۆردۈم. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئوكلاھوما ۋىلايىتىدە تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا 168 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئارىسىدا 16 نەپەر نارەسىدىمۇ بار ئىكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ بارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى مۇسۇلمانلارنى ئاساسسىز ھالدا قارىلىغان بولۇپ، ھەممە ئادەم مۇسۇلمانلارنى ئەيىبلەشكە باشلىغان ۋە ئامېرىكىدا مۇسۇلمانلارنىڭ مەۋجۇدلۇقى تەھدىت ئاستىدا قالغانىدى، ھەتتا بەزى رادىكال كۈچلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئىش ئورۇنلىرىغا ئوت قويۇشتەك ئاشقۇنلۇقلارنى سادىر قىلغان. بۇ ئەھۋال بىرەر يىلغا يېقىن داۋاملاشتى.

كېيىن يەنە «ئەل جەرىدە» قانىلىدا ئوكلاھوما ۋىلايىتىنىڭ ھاكىمى شۇ چاغدىكى تېررورلۇق جىنايىتىنىڭ قىلمىشكارى ئاشكارىلانغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ بۇرۇن ئىراق ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئامېرىلىق ت. ماكفاي ئىسىملىك ئەسكەر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. شۇ چاغدا ھاكىم رىياسەتچىنىڭ: «نېمە ئۈچۈن جىنايەتچى ئوتتۇرىغا چىقماي تۇرۇپ ھەممىلا ئادەم مۇسۇلمانلارنى ئەيىبلەشكە ئالدىراپ كەتتى؟» دېگەن سوئالىغا: «مەنمۇ شۇنداق ئويلىغانىدىم. لېكىن تەتقىقاتلار پۈتۈن ئامېرىكىلىقلار خاتالاشقاندەك مېنىڭمۇ خاتالاشقانلىقىمنى ئىسپاتلىدى، مۇسۇلمانلارنى بىگۇناھ ئەيىبلەپتىمىز. شۇڭا مەن ئوكلاھوما ۋىلايىتىنىڭ ھاكىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بارلىق مۇسۇلمانلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن، ئۇلارغا بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ھەقسىزلىق قىلىنمايدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىمەن» دېدى. كېيىنكى خەۋەرلەردىن ئىگەللىشىمچە، بۇ ئادەم ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى دادىل ئېتىراپ قىلغانلىقى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلاردىن كەچۈرۈم سورىغانلىقى سەۋەبتىنمۇ بىلمىدىم، كىشىلەرنىڭ زور ھۆرمىتىگە ۋە ئوكلاھومادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قاتتىق قوللىشىغا ئېرىشكەن.

چۈنكى، ھاكىمنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆز خاتالىقىنى دادىل ئېتىراپ قىلىشتەك ئەدەبىي جاسارىتى ھەركىمنى تەسىرلەندۈرگەن. ئۇ ئادەمنىڭ«مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا رادىكال كۈچلەرنىڭ بارلىقى ياكى بۇرۇنقى تەجرىبىلىرىمىز سەۋەبلىك ئۇلارنى ئالدىراپ قارىلىغان بولۇشىمىز مۇمكىن» دېگەن ئاساستا بايانات ئېلان قىلىشى مۇمكىن ئىدى، لېكىن ئۇ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە كەچۈرۈم سوراش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شۆھرىتىنى ئاشۇردى. چۈنكى بۇ ئادەم ئاۋۋال ئۆز خاتالىقىنى دادىل ئېتىراپ قىلدى، ئاندىن مۇسۇلمانلاردىن ئاشكارا كەچۈرۈم سورىدى، ئاندىن مۇنداق ھەقسىزلىقنى قايتا سادىر قىلمايدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.

ئېتىراپ قىلىش ۋە كەچۈرۈم سوراش ئەنە شۇنداق دادىل ۋە ئاشكارا بولۇشى لازىم. شۇنداق قىلغاندا بۇزۇلغان ئىشلارنى ئوڭشىغىلى، قالغان كۆڭۈللەرنى ئالغىلى بولىدۇ. ئەپسۇسكى، بىزدە ئۆز خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە كەچۈرۈم سوراش ئىنتايىن ئاز. ئېتىراپ قىلغاندىمۇ ئالدىنقىسىدىن كەم بولمىغان خاتالىق بىلەن ئېتىراپ قىلىمىز. چۈنكى، خاتالىقىمىزنى ئېتىراپ قىلىمىز، ئەمما شۇ خاتالىقنى سادىر قىلغانلىقىمىزغا بىرەر سەۋەب ياكى ئۆزرە تېپىشقا ئۇرۇنىمىز. شۇنىڭ بىلەن «كەچۈرۈڭ، ئەمما مېنى شۇنداق قىلىشقا سىز مەجبۇرلىدىڭىز» ياكى «ئەسلىدە پالانى ئىش شۇنداق بولمىغان بولسا مەن خاتالاشمايتتىم» دېگەنگە ئوخشاش گەپنى قوشۇپ قويىمىز. بۇ ئەمەلىيەتتە ئېتىراپ ياكى كەچۈرۈم سوراش ئەمەس، پەقەتلا ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇشتۇر. شۇڭا سەمىمىي بولۇشىمىز كېرەككى، ئۆزىمىزنى، ئاللاھنى ۋە باشقىلارنى ئالداشقا ئۇرۇنماسلىق لازىم.

كەچۈرۈم سوراش سىزنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ئۆز خاتالىقىنى تونۇپ، قارشى تەرەپتىن كەچۈرۈم سورىغان ئادەم ھەرگىزمۇ ئۆزىنى چۈشۈرگەن بولمايدۇ، ئەكسىچە، ئۇنىڭ مەرتىۋىسى ھەسسىلەپ كۆتۈرۈلىدۇ. ئادەم ئەلەيھىسسالام ئۆز خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، گۇناھىغا تەۋبە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ مەغپىرىتىگە ۋە مۇھەببىتىگە نائىل بولغان بولسا، ئىبلىس ئۆز گۇناھىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقى ۋە تەۋبە قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن قوغلاندى بولغان.

ئىنسانلارغا قارىتا سادىر قىلغان خاتالىقىنى تونۇپ، كەچۈرۈم سوراش بابىدا ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەڭ گۈزەل ئۈلگىدۇر. ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «بىر كۈنى ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن جېدەللىشىپ قېلىپ، ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ‹قارا خوتۇننىڭ بالىسى› دەپ ھاقارەتلىگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق ئاچچىقلانغان ۋە ئەبۇ زەرگە: ‹ئۇنى ئانىسى سەۋەبلىك ئەيىبلىدىڭمۇ؟ سەن جاھىلىيەتنىڭ قالدۇقلىرىدىن قۇتۇلۇپ بولالمىغان ئادەم ئىكەنسەن › دېگەن. بۇنى ئاڭلىغان ئەبۇ زەر قىلغىنىغا قاتتىق پۇشايمان قىلى پ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ‹يا رەسۇلۇللاھ! مەن خاتالىشىپتىمەن. مەن ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگەيلا› دەپ ئۆتۈنگەن ۋە دەرھال بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، بېشىنى يەرگە قويۇپ تۇرۇپ، ‹مېنىڭ يۈزۈمگە دەسسىمىسەڭ، بېشىمنى كۆتۈرمەيمەن› دېگەن. بۇ چاغدا بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ‹مەن ئاللاھقا سەجدە قىلغان يۈزگە ھەرگىز دەسسىمەيمەن. قېرىندىشىم، ئورنۇڭدىن تۇر! سېنى كەچۈردۈم › دېگەن ۋە ئىككىسى قۇچاقلىشىپ قاتتىق يىغلاپ كەتكەن [^2]». ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆز خاتالىقىنى تونۇپ، كەچۈرۈم سورىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ مەرتىۋىسى تۆۋەنلەپ كەتكىنى يوق، ئەكسىچە، ئۇنىڭ مەرتىۋىسى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ۋە تا قىيامەتكىچە كىشىلەرنىڭ قەلبىدە گۈزەل ئۈلگە بولۇپ قالغان.

كەچۈرۈم سوراش خاتالىقنىڭ ھەجمىگە مۇناسىپ بولۇشى لازىم تەۋبە پۈتۈن گۇناھلارنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن يېتەرلىك بولغاندەك، كەچۈرۈم سوراش يىللارنىڭ خاتالىقىنى بىر ئاندا ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا يېتەرلىكتۇر. كەچۈرۈم سوراش شىجائەتلىك، مەرد، دادىل ئىنسانلارنىڭ خىسلىتىدۇر. كەچۈرۈم سوراش سادىر قىلىنغان خاتالىقنىڭ ھەجمىگە قاراپ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۇرلۈك بولىدۇ:

✦ 1. كىچىك ۋە ئاددىي خاتالىقلار ئۈچۈن «كەچۈرۈڭ» دەپ ئەپۇ سوراش يېتەرلىكتۇر.

✦ 2. خاتالىق چوڭ ياكى كۆپ بولغاندا، كەچۈرۈم سوراش بىلەن بىللە ئۆز خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش لازىم. بۇ چاغدا ئۆزى بۇزغانلىرىنى ئوڭشاشقا، ئۇچراتقان زىياننى تۆلەشكە ۋەدە بېرىدۇ. ناۋادا قارشى تەرەپ جورىڭىز ياكى ئاتا۔ئانىڭىزغا ئوخشاش قىممەتلىك كىشىڭىز بولغاندا، كەچۈرۈم ۋە ئېتىراپ بىلەن بىرلىكتە بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق خاتالىقنى قايتا سادىر قىلمايدىغانلىڭىزنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرىسىز.

✦ 3. خاتالىق بەك چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن قارشى تەرەپ كەچۈرۈشنى رەت قىلغان چاغدا، ئالدىڭىزدا بىرلا يول قالغان بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆز خاتالىقىڭىزنى دادىل ئېيتىپ، قارشى تەرەپكە يېلىنىپ كەچۈرۈم سوراشتۇر.

بالىلارغا كەچۈرۈم سوراش مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىش زۆرۈر ئاتا۔ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا ئىمان، ئىسلام ۋە ئەخلاق ئۆگەتكەندەك، خاتالىق سادىر قىلغاندا دادىل ئېتىراپ قىلىش ۋە كەچۈرۈم سوراشتىن ئىبارەت گۈزەل ئەخلاقنىمۇ ئۆگىتىش تولىمۇ مۇھىمدۇر. بۇنداق قىلىش ئۇلارنى كەلگۈسىدە چوڭ خاتالىقلارغا چۈشۈپ قېلىشتىن، ھەتتا جىنايى قىلمشلاردىن قوغداپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۆز خاتالىقىنى دادىل ئېتىراپ قىلىشنى ۋە كەچۈرۈم سوراشنى ئادەت قىلىۋالغان بالىلارنىڭ خاتالىقلاردىن ساقلىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.

بالىلارنىڭ ئۆز خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە قارشى تەرەپتىن كەچۈرۈم سوراشتىن ئىككىلەنمەيدىغان بولۇپ چىقىشى ئاتا۔ئانىلارغا باغلىقتۇر. چۈنكى ئۇلار ئاتا۔ئانىسىدا بارنى ئالىدۇ، يوقنى ئالالمايدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانا بولغۇچىلار بالىلىرى ئۈچۈن بولسىمۇ بىر-بىرىدىن كەچۈرۈم سوراشنى، كەچۈرۈشنى ۋە ئۆز خاتالىقلىرىنى دادىل ئېتىراپ قىلىشنى ئائىلىنىڭ مۇھىم ئەخلاقلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

قېنى ئەمدى، نۆۋەت سىزدە! ھازىرنىڭ ئۆزىدە سىزدىن كۆڭلى قالغان بىر دوستىڭىزدىن ياكى بىر يېقىنىڭىزدىن كەچۈرۈم سوراڭ. ئالدى بىلەن جورىڭىزدىن قايسىبىر ئۆتۈپ كەتكەن خاتالىقىڭىز ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراڭ. شۇ چاغدا ئۆزىڭىزنى ۋە باشقىلارنى خۇشال قىلىشنىڭ قانچىلىك ئوڭاي ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىسىز

✦ ئاقىللارچە كەچۈرۈم سوراشنى بىلگەن ۋاقتىڭىزدا قىلالمايدىغان ئىشىڭىز قالمايدۇ. چۈنكى سىز ئۇ چاغدا قارشى تەرەپنى ئۆزىڭىزگە پۈتۈنلەي قايىل قىلىۋالغان بولىسىز.

✦ تولۇق كەچۈرۈم سوراش كەچۈرۈم، ئېتىراپ ۋە ۋەدە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ.

✦ «كەچۈرۈڭ» دېگەن سۆز ئىنسانىيەت ئىجاد قىلغان ئەڭ كۈچلۈك سۆز بولۇپ، ئۇنى ئېيتىش بىلەن بىر لەھزە ئىچىدە يىللارنىڭ خاتالىقىنى ئۆچۈرۈۋەتكىلى بولىدۇ.

  1. ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.
  2. ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
4040-ماقالە: يېڭى يىلغا قانداق قارايسىز؟#
«ئۆمۈر — ئاتقان ئوق.» —ئۇيغۇر خەلق ماقال۔تەمسىللىرى. يېڭى يىلدىكى خۇشاللىق نۇرغۇن كىشىلەر يېڭى يىل كىرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن خۇشاللىنىدۇ، خۇشاللىق تەنتەنىسى قىلىشىدۇ، بەزىسى بايرام قىلىشىدۇ. ھەرقانداق بىر ۋاقىتتا خۇشال بولۇش ھەربىر ئىنساننىڭ ھەققى. ئەمما يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن خۇشال بولۇشقا تېگىشلىك ئىش دەل ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە ئۆمۈر بېرىپ، تېنىمىزنى ساق قىلىپ، بىزنى مۇشۇ يېڭى يىلغا يەتكۈزگەنلىكىدۇر. بۇنىڭغا خۇشال بولۇش بىزنىڭ ھەققىمىز بولغاندەك ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىش بىزنىڭ بۇرچىمىزدۇر. چۈنكى، ئۆمۈرنى ۋە خۇشاللىقنى ئاتا قىلغان زات ئاللاھ تائالادۇر. يېڭى يىلدا قىلىدىغان ئىشلار يېڭى يىلدا ھەربىر مۇسۇلمان ئادەمنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىدىن ئۆزى ھېساب ئېلىشىدۇر. چۈنكى ئەسلىدە يېڭى يىلنىڭ كىرگەنلىكى بىر تەرەپتىن بىزنىڭ ساق – سالامەت مۇشۇ كۈنگىچە ياشىغانلىقىمىزغا خۇشال بولۇش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىل ئىچىدە ئاللاھ تائالانى رازى قىلغۇدەك ۋە ئۆزىمىزنى خۇشال قىلغۇدەك قانداق ياخشى ئەمەللەرنى قىلدۇق، بۇ يىل ئىچىدە قانداق يامان ئىشلارنى قىلدۇق ۋە قانداق كەمچىلىكلەرنى سادىر قىلدۇق؟ بۇلارنى ئەقلىمىزدىن بىر۔بىرلەپ ئۆتكۈزۈپ، ياخشى قىلغان ئىشلىرىمىز ئۈچۈن خۇشاللىنىپ ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىشىمىز، يامان قىلغان ئىشلىرىمىز ئۈچۈن تەۋبە قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىشىمىز لازىم. چۈنكى يېڭى يىل كىردى دېگەنلىك ئۆمرىمىزدىن بىر يىل قىسقاردى، ئەجىلىمىز بىر يىل يېقىنلاشتى دېگەنلىكتۇر. ● يېڭى يىل ئەسلىدە خۇشاللىق ئەمەس، بەلكى غەمكىنلىك، ئۆزىنى سىلكىش، غەپلەتتىن ئويغىنىش پەيتىدۇر. ● يېڭى يىل ئۆتۈپ كەتكەن يىل ياكى يىللارنى غەپلەت بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولساق، ئالدىمىزدىكى يىللارنى مەنىلىك ۋە نەتىجىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بەل باغلاش پەيتىدۇر. ● يېڭى يىل ئۆتۈپ كەتكەن يىل ياكى يىللاردا ئال لاھ تائالانى رازى قىلغۇدەك، ئىنسانلارنى مەمنۇن قىلغۇدەك، ۋىجدانىمىزنى راھەتلەندۈرگۈدەك ياخشى ئىشلارنى قىلالمىغان بولساق، ئالدىمىزدىكى يىللاردا بۇ ئىشلارنى قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۇن ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز ۋەدە بېرىش پەيتىدۇر. ● يېڭى يىل ئۆتۈپ كەتكەن يىل ياكى يىللاردا ئائىلىمىز - دىكىلەرنىڭ، خىزمەتداشلارنىڭ، قوشنىلارنىڭ ۋە ئۇرۇق۔ تۇغقانلارنىڭ قەدرىنى بىلمىگەن ۋە ئۇلارغا ئۇنتۇلماس خۇشاللىقلارنى تەقدىم قىلالمىغان بولساق، ئالدىمىزدىكى يىللاردا بۇ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن نىيەت قىلىش پەيتىدۇر. ● يېڭى يىل ئۆزىمىزدىن ئۆزىمىز ھېساب ئالىدىغان ۋە ئۆزىمىزگە باھا بېرىدىغان ۋاقىتتۇر. ئەگەر بىز ئۆزىمىزدىن ئۆزىمىز ھېساب ئېلىپ، كەمچىل تەرەپلىرىمىزنى تولۇقلاپ، گۇناھلىرىمىزغا تەۋبە قىلىپ تۇرساق، بىزنىڭ يۈكىمىز يەڭگىللىشىپ قالىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىشىمىزمۇ ئوڭايلىشىدۇ. ئۆمۈر ئاتقان ئوق ئەجدادلىرىمىز ۋاقىتنىڭ ۋە ئۆمۈرنىڭ قىممىتىنى ۋە ئۇنىڭ ئىنتايىن قىسقىلىقىنى بىلگەنلىكتىن، «ئۆمۈر ئاتقان ئوق» دېگەن ھېكمەتنى

قالدۇرغانىكەن. دېمىسىمۇ، ئىسلامنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىكى ئۈلگىلىك مۇسۇلمانلار ۋاقىتنىڭ، ئۆمۈرنىڭ قەدرىنى ناھايىتى ياخشى بىلگەن بولۇپ، ئۆمرىنىڭ ھېچبىر سائىتىنىڭ مەنىسىز، ساۋابلىق ئەمەلسىز ئۆتۈپ كېتىشىگە قەتئىي رازى بولمايتتى. بۇرۇنقى ئۈلگىلىك زاتلاردىن ھەسەن بەسرى «بىزنىڭ ئارىمىزدىكى كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئۆمرىنى ۋە ۋاقتىنى ئالتۇن –كۈمۈشتىنمۇ قىممەتلىك بىلىدۇ» دېگەن.

يېڭى يىل بايرىمىنڭ كېلىپ چىقىشى يېڭى يىل بايرىمى ئىيسا ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان يىلنى قۇتلاش ئۈچۈن خىرىستىيانلار يولغا قويغان دىنىي بايرام. ئۇنىڭ پائالىيىتى خىرىستىيانلارنىڭ بىر-بىرىگە سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىش، يېشىل دەرەخنى تىكلەش، ئائىلە بويىچە خۇشاللىق تەنتەنىسى قىلىش، نوۋېل پاپانىڭ تەقلىدىنى ياساش بىلەن بولىدۇ. بۇ بايرام كرېسماس دەپ ئاتىلىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس، ئەمما خىرىستىيانلارنىڭ ياۋروپادىكى پرۇستانت مەزھىبى بىلەن كاتولىك مەزھىبى 25 ۔ دېكابىرنى قارارلاشتۇرغان بولسا، شەرقتىكى ئورتۇدوكس مەزھىبى يانۋارنىڭ 7 ۔ كۈنىنى قارارلاشتۇرغان.

مىلادىيەنىڭ 220 ۔ يىلىغا كەلگۈچىلىك خىرىستىيانلاردا بۇ ئادەت يوق ئىدى. شۇ يىلى خىرىستىيان ئالىملىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى مىلادىيەنىڭ 29 ۔ يىلى 25 ۔ مارت كۈنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن دەپ قارارلاشتۇرغان، كېيىنكى خىرىستىيان ئالىملىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى مىلادىيە 33 ۔ يىلى 3 ۔ ئاپرىل كۈنى دارغا ئېسىلغان دەپ قارارلاشتۇرغان. تارىختا تۇنجى قېتىم 14 – ئەسىردە كونستانتىن ئىمپېراتورىنىڭ زامانىدا، ئىمپېراتورلۇق 25 ۔ دېكابىرنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش بايرىمى دەپ بېكىتكەن. چۈنكى رىملىقلار خىرىستىيان دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن ھەر يىلى

✦ 25. ۔ دېكابىر كۈنىدە «قۇياش ئىلاھى» سانىلىدىغان «بول ئىنفىكتوس » نىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەيتتى. ئۇلار خىرىستىيان دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئادەتنى خىرىستىيان دىنىغا كىرگۈزگەن، ئاندىن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ئادەت خىرىستىيان دىنىنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك دىنىي بايراملىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.

يېڭى يىل بايرىمى بىزنىڭ ئەمەس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى باشقا دىندىكىلەرنىڭ دىنىي ئادەتلىرىنى دوراشتىن توسۇپ: «مۇشرىكلارغا ئوخشاپ قېلىشتىن ساقلىنىڭلار» دېگەن. بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: مەيلى قايسى دىندا بولمىسۇن، مۇسۇلمان ئەمەسلەرنى دورىماڭلار، ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى قىلماڭلار، ئۇلارغا ئۆزۈڭلارنى ئوخشاتماڭلار دېگەنلىك بولۇپ، مۇشرىكلارغىلا خاس ئەمەس. ھەدىستە «مۇشرىك» سۆزىنىڭلا تىلغا ئېلىنغانلىقى ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلار ئەسلىدە مۇشرىكلار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققانلىقى، مۇشرىكلىك مۇھىتىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ كۆپرەك مۇشرىكلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدىغانلىقى سەۋەبتىن بولسا كېرەك.

✦ ئۆمرىڭىزنىڭ قىممىتىنى بىلسىڭىز ھەر كۈنىڭىز بايرامدۇر.

✦ ئۆمرىڭىزدىن ئۆتكەن ھەربىر دەقىقە سىزنى قەبرىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ.

✦ ئىككىنچى ئۆمۈرنى يارىتىش ھەربىر ئىنساننىڭ قولىدىكى ئىشتۇر.

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.