11–20-ماقالىلەر: ئەمەلىيەت، ئىرادە ۋە خۇشاللىق
« ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئۇنىڭدىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ.»
فاتىر سۈرىسى 28: ۔ئايەت.
نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت، مەرىپەت بىلەن تەتبىق ئوتتۇرىسىدا ئاسمان۔زېمىن پەرق بار. بىز ھەمىشە تېكىستنى پېئىلگە، پېئىلنى ئادەتكە، ئادەتنى نەتىجىگە ئۆزگەرتىشكە موھتاج. مەسىلەن: مەن كۇتۇبخانامغا تۆت مەزھەبنىڭ فىقھى كىتابلىرىدىن، ھەر تۈرلۈك تەپسىرلەردىن، تىل ئۆگىنىش قوراللىرىدىن ۋە تارىخ كىتابلىرىدىن ئونلارچىسىنى تىزىۋالغان بولساممۇ تۆت مەزھەبكە مۇتەخەسسىس بولالمىدىم ياكى مۇپەسسىر بولالمىدىم ياكى كۆپ تىل بىلىدىغانلار قاتارىغا كىرەلمىدىم ۋەياكى تارىخچى بولالمىدىم. چۈنكى، كىتابلارنى ساقلاش ۋە ئوقۇپ قويۇش كۇپايە قىلمايدۇ، مەلۇماتقا ۋە مەرىپەتكە ئىگە بولغانلىق مۇتەخەسسىس بولغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. بىراۋ بوكسچىلىق توغرىسىدىكى نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇپ قويۇش بىلەن ئۇ بوكسچى بولالمىغاندەك، ئۆگەنگەن ئىلىمنى ھەرخىل يوللار بىلەن تەتبىق قىلمىغاندا، ئۇنىڭ مېۋىسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، كۆزلەنگەن نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق قىلىشنى بەك يامان كۆرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئى ئىمان ئېيتقانلار! سىلەر نېمە ئۈچۈن قىلمايدىغان ئىشنى (قىلىمىز) دەيسىلەر؟ سىلەرنىڭ قىلمايدىغان ئىشنى (قىلىمىز) دېيىشىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا نېمىدېگەن ئۆچ كۆرۈلىدىغان ئىش [^1]»!. نۇرغۇن كىشىلەر ئىلىم۔مەرىپەت ھاسىل قىلىشتىن بولغان ئاساسلىق مەقسەت ۋە غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار بىلگەنلىرىنى ئىشلەتمەيدۇ، ئەمەلىيەتكە تەتبىق قىلمايدۇ.
بىلگەننى تەتبىقلاش شەرت ئوقۇش، ئۆگىنىش ۋە بىلىش كۇپايە ئەمەس، شۇڭا بىز ئۆگەنگەنلى رىمىزنى ۋە بىلگەنلىرىمىزنى تەتبىق قىلىشقا موھتاج. ئەگەر سىز باي بولۇشنى ئۆگىتىدىغان كىتابلارنى كۆپ ئوقۇش بىلەن باي بولغىلى، ئورۇقلاشنى ئۆگىتىدىغان ئەسەرلەرنى كۆپ ئوقۇش بىلەن ئورۇقلىغىلى ۋە ئىنگلىزچە كىتابلارنى كۆپ ئوقۇش بىلەن ئىنگلىز تىلىنى راۋان سۆزلىگىلى بولىدۇ، دەپ ئويلاپ قالغان بولسىڭىز ئالدانغان بولىسىز. چۈنكى، دىن ۋە دۇنيالىقىمىز ئۈچۈن پايدىلىق ھېچقانداق بىر ئىشنى بىلىپ قويۇشنىڭ ئۆزىلا بىزنى قۇتقۇزمايدۇ، بەلكى بىلىپ ئەمەل قىلىش قۇتقۇزىدۇ. شۇڭا بىزدە بىلگەننى تەتبىقلاش ئۈچۈن مەخسۇس پىلان، قايتماس ئىرادە، ئىزچىل تىرىشچانلىق بولۇشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا بىلگەننىڭ پايدىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
تەتبىقاتنى دەرھال باشلاڭ سىز بىرەر پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ياكى بىرەر ئىشنى باشلاشنى ۋەياكى بىرەر يېڭىلىقنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا قىزىققان ھامان ئۇنى كېچىكتۈرمەي باشلىۋېتىڭ. چۈنكى، كېچىكتۈرۈش سىز ئۈچۈن زىيانلىقتۇر. بۇ ماۋزۇدا ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدەك بولۇڭكى، ئۇ زات مەدىنە مۇنەۋۋەرە زەھىرىگە مۇھاجىر بولۇپ بارغىنىدا، ئۇ جايدىكى ئەنسارلاردىن بىرى ئۇنىڭغا مال۔مۈلكىنىڭ يېرىمىنى تەقسىم قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقىنىدا، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف ئۇنى رەت قىلىدۇ ۋە «ماڭا بازارنى كۆرسىتىپ قويۇڭلار!» دەپ دەرھال ئىش باشلايدۇ. «مۇناسىپ پۇرسەت كەلگەندە قىلىمەن»، «يېڭى يىلدىن كېيىن باشلايمەن»، «شۇ ئىشىمنى تۈگىتىپ بولۇپ باشلايمەن»، «ھەممىنى بىلىپ بولۇپ ئاندىن قىلىمەن» دېگەنگە ئوخشاش كېچىكتۈرۈشلەر شەيتاننىڭ ئويۇنىدۇر. چۈنكى، كېيىن سىز مۇناسىپ پۇرسەتنى تاپالماسلىقىڭىز، ھەممە نەرسىنى بىلىپ بولالماسلىقىڭىز ۋە بۇ ئىشتىن ۋاز كېچىشىڭىز مۇمكىن.
سىزنىڭ قىلماقچى بولغان ئىش توغرۇلۇق يۈزدەيۈز مەلۇماتلىق بولۇشىڭىز شەرت ئەمەس، چۈنكى نۇرغۇن بىلىملەرنى ئىش قىلىش جەريانىدا ئۆگىنىپ كەتكىلى بولىدۇ. مۇھىم بولغىنى بەل باغلىغان ئىشنى دەرھال باشلاشتۇر.
✦ باي بولۇشنى ئۆگىتىدىغان كىتابلارنى ئوقۇش بىلەن باي بولغىلى بولمىغاندەك، بوكسچىلىقنىڭ تەلىماتلىرىنى ئوقۇش بىلەن بوكسچى بولغىلى بولمايدۇ. بىلگەننى تەتبىق قىلىش شەرت. بىلگەننى تەتبىق قىلىش دۇنيالىق ئىشلاردا نەتىجە قازىنىشنىڭ شەرتى بولغىنىدەك، ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ شەرتتۇر.
✦ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئۆگىنىشتىن بۇرۇن ئۇنى دەرھال باشلاش تولىمۇ مۇھىمدۇر. سىزگە زۆرۈر بولغىنى ئالدى بىلەن ئوۋنى ئوۋلاش، ئاندىن ئۇنى قانداق يېيىش توغرۇلۇق ئويلىنىشتۇر.
✦ قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىمۇ ھاياتقا تەتبىق قىلىنمىسا، ئۇ ئايەتلەر كىتاب ھالىتىدە قېلىۋېرىدۇ، ھېچكىمنىڭ ھاياتىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ.
- سەف سۈرىسى: ئايەت2 ۔.
« شەكسىزكى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىدىغىنىڭلار ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلاردۇر.»
ھۇجۇرات سۈرىسى: 13 ۔ئايەت.
بىز دۇنياغا ئىلكىمىزدە ھېچقانداق نەرسىمىز يوق، قۇرۇق قول كەلدۇق. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر نەرسىگە ئىگە بولدۇق. پۇل۔ مېلىمىز بولدى، ئائىلىمىز بولدى، پەرزەنتلىرىمىز بولدى، بەزىلىرىمىزنىڭ ئۆي۔ ئىمارەتلىرى، ئاپتوموبىللىرى… ۋاھاكازالىرى بولدى. ئاللاھ تائالا ھەممىمىزگە تېخىمۇ زىيادىسىنى بەرسۇن ۋە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن!
بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئىگە بولغانلىرىمىز بولۇپ، گەرچە دۇنيانىڭ بايلىقلىرىغا ئىگە بولۇش دىنىمىزدا چەكلەنمىگە بولسىمۇ، ئاللاھ تائالا بىزنى ئىگە بولۇشقا ئەمەس، بەلكى بۇلۇشقا، بولغاندىمۇ راۋۇرۇس بولۇشقا بۇيرۇغان. شۇڭا بىزگە قۇرئان كەرىمنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىدە «بولۇڭلار!» دېگەن ئەمرلەرنى چۈشۈرگەن.
تۆۋەندە ئاللاھ تائالانىڭ «بولۇڭلار!» دېگەن ئەمرىدىن تۆتنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمرىدىن بىرنى بايان قىلىمىز:
✦ 1.
﴿كُونُوا رَبَّانِيِّينَ بِمَا كُنتُمْ تُعَلِّمُونَ الْكِتَابَ وَبِمَا كُنتُمْ تَدْرُسُونَ﴾
«سىلەر كىتاب (قۇرئان)نى ئۆگىنىش ۋە (باشقىلارغا ) ئۆگىتىشىڭلار ئارقىلىق رەببانىي ئالىم بولۇڭلار.[^1]»
بۇ ئايەتتە، ئاللاھ تائالا بىزنى رەببانىي ئالىملاردىن بولۇشقا بۇيرۇيدۇ. رەببانىي ئالىم دېگەن ئىلىم ۔ ھېكمەتكە تولغان، ئەمەلىيىتى بىلەن كىشىلەرگە ئۈلگە بولىدىغان ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلىيەلەيدىغان يېتۈك ئالىمدۇر. ھەممىمىز ئوقۇشقا ۋە بىلمىگەنلىرىمىزنى ئۆگىنىشكە بۇيرۇلغان. چۈنكى، مۇسۇلمانلىق ئوقۇماستىن، ئۆگەنمەستىن تولۇقلانمايدۇ. [طَلَُبُ الِعِلِمِ َفَريضٌةٌ عَلَى كِّلّ ُمُسِلٍِم ]ٍ «ئوقۇش، ئۆگىنىش ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر.[^2]»
شۇڭا ھەربىر كىشىنىڭ ئىمكانىيىتىنىڭ يار بېرىشىچە ئوقۇشى ۋە ئۆگىنىشى، ئاندىن بىلگەنلىرىنى چامىنىڭ يېتىشىچە ئۆگىتىشى پەرزدۇر. مەيلى سىز دىندا ئالىم بولۇپ بىلگەنلىرىڭىزنى كىشىلەرگە ئۆگىتىڭ ياكى ئازراق بولسىمۇ بىلگەنلىرىڭىزنى پەرزەنتلىڭىزگە ۋە يېقىنلىرىڭىزغا ئۆگىتىڭ، ھەر ئىككىلى ھالەتتە سىز ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى ئورۇندىغان بولىسىز. ئەمما ھېچ ئۆگەنمىسىڭىز ۋە بىرەر ھەرپ چاغلىق بولسىمۇ بىلگىنىڭىزنى ئۆگەتمىسىڭىز، ئاللاھ ئاتالانىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلمىغان ۋە ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلغان بولىسىز. ئالىم بولۇش دېگەنلىك ھەممىنى بىلىش دېگەنلىك ئەمەس، ئالدى بىلەن ئاللاھ تائالانى بىلىش، ئاندىن دىن ۋە دۇنيالىق بىلىشكە تېگىشلىكلەرنى بىلىشتۇر.
✦ 2. ﴿َيَا َأَُّيَُهَا اَّلَِذِيَنَ َآََمَُنُوا ُكُوُنُوا َقَّوَاِمِيَنَ ِلَِّلَِهِ ُشُ َهََدَ اَءَ ِبِاْلِْقِْسْ ِط ﴾ِ « ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھ (نىڭ رازىلىقى) ئۈچۈن ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇڭلار ۋە ئادالەتلىك گۇۋاھچىلار بولۇڭلار.[^3]»
بۇ ئايەتتە، ئاللاھ تائالا بىزنى ھەق دىندا ھەر زامان مۇستەھكەم تۇرۇشقا، ھەر ئىشتا ئادالەتلىك، ئىنساپلىق بولۇشقا، سۆزىمىز ۋە ئەمەلىيىتىمىز بىلەن ھەق دىن بىلەن ياشاش ئارقىلىق ئۇنىڭ ھەقلىقىنى نامايان قىلىشقا، ئەخلاقىمىز بىلەن ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىشقا ۋە كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا گۇۋاھلىق بەرگەندە ئادالەت بىلەن توغرا گۇۋاھلىق بېرىشكە بۇيرۇيدۇ.
دىندا مۇستەھكەم تۇرۇش ناھايىتى مۇھىم ۋە بەكمۇ قىيىن ئىشتۇر.
دىندا مۇستەھكەم بولۇش دېگەنلىك دىننىڭ ئىبادەتلىرىگىلا ئەمەس، ئۇنىڭ ئەخلاق قىسمىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشنى تەقەززا قىلىدۇ. چۈنكى، ئىبادەت قىلىش ئوڭاي، ئەمما ئەخلاقتا دۇرۇس ۋە ئادالەتلىك بولۇش بەك قىيىن. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئىبادەتتە ئاكتىپ بولسىمۇ، دۇرۇسلۇقتا، ئىنساپ۔ئادالەتتە ۋە پۇل-مال مۇئامىلىسىدە نۆلگە چۈشۈپ قالماقتا. چۈنكى، دىندا مۇستەھكەم تۇرۇش، توغرا يولدا راۋۇرۇس بولۇش ئوڭاي ئەمەس.
ئەمما ئاللاھ تائالاغا باغلانغان ۋە قولىدىن كېلىشىچە سەۋەب قىلغان، جاپادىن قورقماي ئىشلىگەن ئادەم ئۈچۈن قىيىن ئەمەس.
چۈنكى، قۇرئان كەرىم بىزگە: ﴿َوََمَْنْ َيََّتَِقِ الَّلََهَ َيَْجْ َعَْلْ َلَُهُ َمَْخْ َرَ ًجً ا. َوََيَْرْ ُزُْقُْه ُ ِمِْنْ َحَ ْيُْثُ اَلا َيَْحْ ََتَِسِ ُب ﴾ُ «كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ، ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ،[^4]» ﴿َوََمَْنْ َيََّتَِقِ الَّلََهَ َيَْجْ َعَْلْ َلَُهُ ِمِْنْ َأَْمِْرِِهِ ُيُْسْ ًرً ا ﴾ «كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ [^5]» دەپ تەلىم بېرىدۇ.
ئەللامە مۇھەممەد مۇتەۋەللىي شەئراۋىي مۇنداق دېگەن: «توغرا يولدا راۋۇرۇس بولۇش دېگەن ئوڭ ياكى سولغا قىلچىلىكمۇ مايىل بولۇپ كەتمەي توپتوغرا بولۇش دېگەنلىكتۇر. بۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىنتايىن قىيىن بولغان بىر ئىشتۇر. چۈنكى، بەزىدە ئىككى زىت نەرسىنىڭ ياكى ئىككى قارشى نەرسىنىڭ ئارىسىدىكى پاسىل ئىنتايىن ئىنچىكە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ََۡتَِقِمۡٱسَ﴿َف َكََمَٓا ُأُِمِر َتَ ۡ َوََمَن َتَاَب َ ﴾ََمََعََك دېگەن ئايەتنى نازىل قىلغاندا، بۇ ئايەت ساھابىلەرگە ھەقىقەتەن ئېغىر كەلگەن، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«َشَ َّيĴََبَْتِْنِي ُهُ و�د وأخواتها»«مېنى ھۇد ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سۈرىلەر قېرىتىۋەتتى [^6]» دېگەن. ناۋادا ئاللاھ تائالا ْ﴿فٱَّتَُقُوْا ٱلَّلََهَ َمَا ﴾ُۡتُمََۡتَطَعۡٱس «سىلەر كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار [^7]»
دېگەن ئايەتنى نازىل قىلمىغان بولسا، مۇسۇلمانلار كۆپ جاپاغا قالغان بولاتتى. خۇلاسە قىلغاندا، توغرا يولدا راۋۇرۇس بولۇش دېگەنلىك ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغان ۋە توسقانلىرىغا ئەمەل قىلىشتا ھېچقايسى تەرەپكە قىلچىلىكمۇ مايىل بولۇپ كەتمەسلىك دېگەنلىكتۇر.[^8]»
✦ 3. ﴿َيَا َأَُّيَُهَا اَّلَِذِيَنَ َآََمَُنُوا اَّتَُقُوا الَّلََهَ َوَُكُوُنُوا َمََعَ الَّصَ اِدِِقِيَن ﴾َ «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار.[^9]» بۇ ئايەتتە، ئاللاھ تائالا بىزنى ئىچى تېشىدىن گۈزەل، ئىمانىدا، مۇئامىلىسىدە، گەپ۔سۆزىدە، ئىش۔ھەرىكىتىدە راستچىل مۇئمىنلەردىن بولۇشقا بۇيرۇيدۇ. راستچىللىق گۈزەل ئەخلاقنىڭ تاجىسى، گۈزەل ئەخلاق بولسا دىنىمىزنىڭ يادروسى ۋە غايىسىدۇر. راستچىل كىشىلەر بىلەن ۋە راستچىل كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان پەزىلەتلىك جەمئىيەتكە چۆكۈپ شۇ جەمئىيەت ئىنسانلىرى بىلەن بىرگە ياشاش ئارقىلىق شۇ جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئەخلاق۔پەزىلەتلىرىنى، ياخشى ئادەتلىرىنى ئۆگىنىپ يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. چۈنكى، ئىنسان ئۆزى ياشىغان جەمئىيەتنىڭ ۋە شۇ جەمئىيەتتىكى ئىنسانلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئادەتلىرىنى ۋە ئەخلاقىنى ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا قوبۇل قىلىدۇ، شۇ جەمئىيەت كىشىلىرى ياقتۇرغاننى ياقتۇرىدىغان، ئۇلار يامان كۆرگەننى يامان كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ شۇ جەمئىيەت كىشىلىرىدىكى ئەخلاق۔پەزىلەتلەرنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى راستچىللىققا ئۈندەپ مۇنداق دېگەن: «ھەمىشە راستچىل بولۇڭلار! چۈنكى، راستچىللىق ياخشىلىققا باشلايدۇ، ياخشىلىق جەننەتكە باشلايدۇ. كىمكى ھەمىشە راست گەپ قىلسا ۋە راست گەپ قىلىشقا تىرىشسا، ئاخىر ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا راستچىل بەندە بولۇپ يېزىلىدۇ؛ سىلەر قانداقلا بىر يالغانچىلىقتىن ساقلىنىڭلار! چۈنكى، يالغانچىلىق كىشىنى ئاسىيلىققا، ئاسىيلىق دوزاخقا ئېلىپ بارىدۇ. كىمكى ھەمىشە يالغانچىلىق قىلسا ۋە يالغان گەپ قىلىشقا تىرىشسا، ئاخىر ئۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا يالغانچى بولۇپ يېزىلىدۇ [^10]».
✦ 4. « ئى ئىمان
﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُونُوا أَنصَارَ اللَّهِ﴾
ئېيتقانلار! سىلەر ئاللاھنىڭ (دىنىنىڭ) ياردەمچىلىرى بولۇڭلار.[^11]»
بۇ ئايەتتە، ئاللاھ تائالا بىزلەرنى ئۇنىڭ دىنىنى ئەمەلىيىتىمىز بىلەن ياشىتىش، سۆزىمىز ۋە ھەرىكىتىمىز بىلەن يەتكۈزۈش، جان تىكىپ قوغداش، بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش، پەرزلىرىنى ئادا قىلىش، دەۋىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ ياردەمچىلىرى بولۇشقا بۇيرۇيدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە، ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن كاتتا شان۔شەرەپ ۋە ئۇلۇغ ئەمەلدۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى بولۇش ھەقىقىي مۇئمىنلەرگىلا نېسىپ بولىدىغان ئىشتۇر.
ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ياردەمچىسى بولۇش مەسئۇلىيىتى بار. چۈنكى بۇ دىنغا مەنسۇپ بولغانلىق شۇنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ مەسئۇلىيەت دىننى قوغداش ۋە ئۇنىڭ گۈزەللىكلىرىنى ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن نامايان قىلىش بىلەن ئادا قىلىنىدۇ.
✦ 5. [َلاَ َتَبَاَغَُضُ وا، َوََلاَ َتَحَ اَسَ ُدُ وا، َوََلاَ َتَدَ اَبَُرُ وا، َوَُكُوُنُوا ِعَِبَاَدَ اللِهِ ِإِْخْ َوَانًا ] «بىر۔بىرىڭلار بىلەن ئاداۋەتلەشمەڭلار، بىر ۔ بىرىڭلارغاھەسەت قىلىشماڭلار، بىر۔بىرىڭلارغا ئورا كولىماڭلار، ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرى بولۇڭلار.[^12]»
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە، بىز مۇسۇلمانلارنى بىر-بىرىمىزگە يامانلىق قىلماسلىققا، بىر-بىرىمىزنى زىيانغا ئۇچراتماسلىققا ۋە يامانلىق قىلىشنى ئويلاپمۇ قويماسلىققا، شۇنداقلا ئىناق، ئىتتىپاق بولۇشقا بۇيرۇيدۇ.
مەلۇمكى، ئاداۋەتلىشىش، دۈشمەنلىشىش، ھەسەت قىلىشىش، بىر۔ بىرىگە ئورا كولاش قاتارلىق قىلىقلار قەلبنىڭ ساغلام ئەمەسلىكىدىن، ئىماننىڭ ئاجىزلىقىدىن ۋە ئەخلاقنىڭ ناچار لىقىدىن بولىدۇ. ھالبۇكى، ئاخىرەتتە بىردىنبىر ئەسقاتىدىغان نەرسە ساغلام قەلبتۇر. ۡ ۡ
﴿يَوْمَ لَا يَنفَعُ مَالٌ وَلَا بَنُونَ إِلَّا مَنْ أَتَى اللَّهَ بِقَلْبٍ سَلِيمٍ﴾
ٱ «ئۇ كۈندە مال _ دۇنيامۇ، بالىچاقىلارمۇ پايدا
﴿يَوْمَ لَا يَنفَعُ مَالٌ وَلَا بَنُونَ إِلَّا مَنْ أَتَى اللَّهَ بِقَلْبٍ سَلِيمٍ﴾
يەتكۈزەلمەيدۇ. پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ساغلام قەلب بىلەن كەلگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا.[^13]» قەلب بىلەن قىلىنىدىغان زىكىر، دۇئا، مۇھەببەت، ياخشى نىيەت قاتارلىق ئىبادەتلەر قانچىلىك مۇھىم ۋە ساۋابى قانچىلىك چوڭ بولسا، قەلب بىلەن سادىر قىلىنىدىغان ئۆچمەنلىك، دۈشمەنلىك، ھەسەت، يامان نىيەت قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ گۇناھىمۇ شۇنچىلىك چوڭ ۋە خەتىرى كۆپتۇر.
ئاللاھ تائالا بىز مۇسۇلمانلارنى «بولۇڭلار!» دېگەن ئەمرى ئارقىلىق يۇقىرىقى ئايەتلەردە ۋە ھەدىستە كۆرسىتىلگەندەك بولۇشقا بۇيرىدى، ئەمما ھەربىر كىشى ئويلاپ بېقىشقا تېگىشلىككى، مەن قانداق بولدۇم؟ قانچىلىك بولالىدىم؟
✦ بىر نەرسىلەرگە ئىگە بولغىنىڭىز ئەمەس، رەببىڭىز تەلەپ قىلغاندەك بولغىنىڭىز مۇھىم.
✦ ئادىل گۇۋاھچى بولۇش دۇرۇسلۇق بىلەن دىننىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىش دېگەنلىكتۇر.
✦ ئال لاھ تائالانىڭ دىنىغا ياردەم قىلىش دۇرۇسلۇق ۋە گۈزەل ئەخلاق قورغىنى ئىچىدە ھايات كەچۈرۈش بىلەنمۇ بولىدۇ.
- ئال ئىمران سۈرىسى: ئايەت79 ۔.
- ئىبنى ماجە رىۋايىتى، (ئەللامە ئەلبانىي«سەھىھ» دەپ باھالىغان ھەدىس.)
- مائىدە سۈرىسى: ئايەت8 ۔.
- يەلاق سۈرىسى: 3۔2 ۔ ئايەتلەر.
- تەلاق سۈرىسى: ئايەت4 ۔.
- «حلية األولياء توم4» ۔، ۔بەت350.
- تەغابۇن سۈرىسى: ئايەت16 ۔.
- «تفسير الشعراوي » توم11 ۔، بەت6707 –.
- تەۋبە سۈرىسى: ئايەت119 ۔.
- «صحيح مسلم ۔توم4»، ۔بەت2013، 2607 ۔ھەدىس،«صحيح البخاري ۔توم8»،
- ۔بەت25، 6094 ۔ ھەدىس.
- سەف سۈرىسى: ئايەت14 ۔.
- ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
- شۇئەرا سۈرىسى: 89۔88 ۔ ئايەتلەر.
«ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى قوبۇل قىلىمەن.» —غافىر سۈرىسى: 60 ۔ئايەت. «بىرەر ئىشنى مۇمكىن بولمايدۇ، دەپ ئىشەنگەن كىشى ئۇنى مۇمكىن قىلىدىغانلارغا توسالغۇ بولىدۇ.» —ئالبېرت ئېينشتېين.
ئاللاھ تائالا كائىناتنى ياراتتى ۋە ئۇنىڭغا ئۆزگەرمەس قانۇنىيەتلەرنى بېكىتتى. مەسىلەن: نەتىجە يارىتىش سەۋەب قىلىش بىلەن، ئىلىم تەھسىل قىلىش ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش بىلەن، كېسەلدىن ساقىيىش داۋالىنىش بىلەن، يوقسۇللۇقتىن قۇتۇلۇش ئىشلەش بىلەن، جەننەتنى قازىنىش ئىمان ۋە ئەمەل بىلەن بولغىنىغا ئوخشاش. بۇ قانۇنىيەتنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ ۋە ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
ئەمما ئاللاھ تائالا خالىسا ئۆزى بېكىتكەن ئاشۇ قانۇنىيەتلەرنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، چۈنكى ئۇ ﴿ َفََّعĴَاٌلٌ ِلَِمَا ُيُِرِيُد ﴾ُ « خالىغىنىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلغۇچىدۇر [^1]». ئۇ بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولسا «بول!» دېگەن ئەمرى بىلەنلا ئۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ.
﴿إِنَّمَا أَمْرُهُ إِذَا أَرَادَ شَيْئًا أَن يَقُولَ لَهُ كُن فَيَكُونُ﴾
« ئاللاھ بىرەر شەيئىنى
﴿إِنَّمَا أَمْرُهُ إِذَا أَرَادَ شَيْئًا أَن يَقُولَ لَهُ كُن فَيَكُونُ﴾
(يارىتىشنى) ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا پەقەتلا «بول!» دەيدۇ۔دە، ئۇ دەرھال بولىدۇ [^2]». چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئۈچۈن مۇمكىن ئەمەس ئىش يوقتۇر، ئىنسانلار ئۈچۈن مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار ئۇنىڭغا ئوڭايدۇر. « بۇ ئاللاھقا
﴿وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرًا﴾
ئاساندۇر.[^3]»
يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، ئاللاھ تائالانىڭ بىرەر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلىدىغان ئىشى «بول!» دېگەن ئەمرنى بېرىشتۇر. ئەمما ئىنسانلارنىڭ بىرەر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قىلىدىغان ئىشى ئاۋۋال سەۋەب قىلىش، ئاندىن ئاللاھ تائالاغا تايىنىشتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئادەمنىڭ: «يا رەسۇلۇللاھ! تۆگەمنى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ، ئاندىن باغلايمۇ ياكى باغلاپ بولۇپ، ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلايمۇ؟» دېگەن سوئالىغا: «ئاۋۋال تۆگەڭنى باغلىغىن، ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن [^4]» دەپ جاۋاب بەرگەن.
ئىنسانلار سەۋەب قىلىش بىلەنمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ياكى سەۋەبىنى قىلىشقا كۈچى يەتمىگەن ئىشلىرىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭغا چىن كۆڭلىدىن ئىلتىجا قىلسا، ئۇ ئىشلار ئاللاھ تائالاغا يۆتكەلگەن بولىدۇ، ئۇ چاغدا ئاللاھ تائالا خالىسا «بول!» دېگەن ئەمرى بىلەن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالانىڭ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى، ھاجەتلەرنى راۋا قىلىشى ئۈچۈن بىرەر سەۋەبكە ياكى مۆجىزىگە ئېھتىياجى يوقتۇر.
دۇئا تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ كېسەللەرگە شىپالىق بېرىش، ھاجەتلەرنى راۋا قىلىش، زور قىيىنچىلىقلاردىن چىقىش يولى ئاتا قىلىش قاتارلىق ئىشلار ئاللاھ تائالا قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ئەڭ ئوڭايلىرى ۋە ئەڭ ئاددىيلىرى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا خالىسا تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئۆزگەرتىدۇ. بۇ ئۇنىڭغا ناھايىتى ئوڭايدۇر. مەسىلەن: ھەزرىتى مەريەم بىرەر ئەرگە يېقىنلاشماي تۇرۇپ بالا تۇغىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ ھەيرانلىقىنى
﴿قَالَ كَذَٰلِكِ قَالَ رَبُّكِ هُوَ عَلَيَّ هَيِّنٌ﴾
«ماڭا باسالماي:
﴿ذِكْرُ رَحْمَتِ رَبِّكَ عَبْدَهُ زَكَرِيَّا إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ نِدَاءً خَفِيًّا قَالَ رَبِّ إِنِّي وَهَنَ الْعَظْمُ مِنِّي وَاشْتَعَلَ الرَّأْسُ شَيْبًا وَلَمْ أَكُن بِدُعَائِكَ رَبِّ شَقِيًّا وَإِنِّي خِفْتُ الْمَوَالِيَ مِن وَرَائِي وَكَانَتِ امْرَأَتِي عَاقِرًا فَهَبْ لِي مِن لَّدُنكَ وَلِيًّا يَرِثُنِي وَيَرِثُ مِنْ آلِ يَعْقُوبَ ۖ وَاجْعَلْهُ رَبِّ رَضِيًّا يَا زَكَرِيَّا إِنَّا نُبَشِّرُكَ بِغُلَامٍ اسْمُهُ يَحْيَىٰ لَمْ نَجْعَل لَّهُ مِن قَبْلُ سَمِيًّا قَالَ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي غُلَامٌ وَكَانَتِ امْرَأَتِي عَاقِرًا وَقَدْ بَلَغْتُ مِنَ الْكِبَرِ عِتِيًّا قَالَ كَذَٰلِكَ قَالَ رَبُّكَ هُوَ عَلَيَّ هَيِّنٌ وَقَدْ خَلَقْتُكَ مِن قَبْلُ وَلَمْ تَكُ شَيْئًا﴾
ھېچبىر ئادەم يېقىنلاشمىغان تۇرسا، مەن ئىپپىتىمنى ساقلاپ كەلگەن تۇرسام، قانداقمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولسۇن؟ » دېگەندە،
﴿ذِكْرُ رَحْمَتِ رَبِّكَ عَبْدَهُ زَكَرِيَّا إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ نِدَاءً خَفِيًّا قَالَ رَبِّ إِنِّي وَهَنَ الْعَظْمُ مِنِّي وَاشْتَعَلَ الرَّأْسُ شَيْبًا وَلَمْ أَكُن بِدُعَائِكَ رَبِّ شَقِيًّا وَإِنِّي خِفْتُ الْمَوَالِيَ مِن وَرَائِي وَكَانَتِ امْرَأَتِي عَاقِرًا فَهَبْ لِي مِن لَّدُنكَ وَلِيًّا يَرِثُنِي وَيَرِثُ مِنْ آلِ يَعْقُوبَ ۖ وَاجْعَلْهُ رَبِّ رَضِيًّا يَا زَكَرِيَّا إِنَّا نُبَشِّرُكَ بِغُلَامٍ اسْمُهُ يَحْيَىٰ لَمْ نَجْعَل لَّهُ مِن قَبْلُ سَمِيًّا قَالَ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي غُلَامٌ وَكَانَتِ امْرَأَتِي عَاقِرًا وَقَدْ بَلَغْتُ مِنَ الْكِبَرِ عِتِيًّا قَالَ كَذَٰلِكَ قَالَ رَبُّكَ هُوَ عَلَيَّ هَيِّنٌ وَقَدْ خَلَقْتُكَ مِن قَبْلُ وَلَمْ تَكُ شَيْئًا﴾
« «ئۇغۇ شۇنداق، جىبرىل ئۇنىڭغا:
﴿ذِكْرُ رَحْمَتِ رَبِّكَ عَبْدَهُ زَكَرِيَّا إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ نِدَاءً خَفِيًّا قَالَ رَبِّ إِنِّي وَهَنَ الْعَظْمُ مِنِّي وَاشْتَعَلَ الرَّأْسُ شَيْبًا وَلَمْ أَكُن بِدُعَائِكَ رَبِّ شَقِيًّا وَإِنِّي خِفْتُ الْمَوَالِيَ مِن وَرَائِي وَكَانَتِ امْرَأَتِي عَاقِرًا فَهَبْ لِي مِن لَّدُنكَ وَلِيًّا يَرِثُنِي وَيَرِثُ مِنْ آلِ يَعْقُوبَ ۖ وَاجْعَلْهُ رَبِّ رَضِيًّا يَا زَكَرِيَّا إِنَّا نُبَشِّرُكَ بِغُلَامٍ اسْمُهُ يَحْيَىٰ لَمْ نَجْعَل لَّهُ مِن قَبْلُ سَمِيًّا قَالَ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي غُلَامٌ وَكَانَتِ امْرَأَتِي عَاقِرًا وَقَدْ بَلَغْتُ مِنَ الْكِبَرِ عِتِيًّا قَالَ كَذَٰلِكَ قَالَ رَبُّكَ هُوَ عَلَيَّ هَيِّنٌ وَقَدْ خَلَقْتُكَ مِن قَبْلُ وَلَمْ تَكُ شَيْئًا﴾
(ئەمما) رەببىڭ ئېيتتىكى: ئۇ ماڭا ئاساندۇر [^5]» دېگەن. بالا تۇغۇش ئۈچۈن ئەر بىلەن ئايالنىڭ بىر يەردە بولۇشى تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇنى ھېچكىم بۇزالمايدۇ، ئەمما ئاللاھ خالىسا بۇزىدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى زەكەرىييا ئەلەيھىسسالام يۈز ياشتىن ئاشقان، ئايالىمۇ شۇنداق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تۇغماس ئايال ئىدى. ئەمما زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىگە ئىشەنگەن ۋە
﴿ذِكْرُ رَحْمَتِ رَبِّكَ عَبْدَهُ زَكَرِيَّا إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ نِدَاءً خَفِيًّا قَالَ رَبِّ إِنِّي وَهَنَ الْعَظْمُ مِنِّي وَاشْتَعَلَ الرَّأْسُ شَيْبًا وَلَمْ أَكُن بِدُعَائِكَ رَبِّ شَقِيًّا وَإِنِّي خِفْتُ الْمَوَالِيَ مِن وَرَائِي وَكَانَتِ امْرَأَتِي عَاقِرًا فَهَبْ لِي مِن لَّدُنكَ وَلِيًّا يَرِثُنِي وَيَرِثُ مِنْ آلِ يَعْقُوبَ ۖ وَاجْعَلْهُ رَبِّ رَضِيًّا يَا زَكَرِيَّا إِنَّا نُبَشِّرُكَ بِغُلَامٍ اسْمُهُ يَحْيَىٰ لَمْ نَجْعَل لَّهُ مِن قَبْلُ سَمِيًّا قَالَ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي غُلَامٌ وَكَانَتِ امْرَأَتِي عَاقِرًا وَقَدْ بَلَغْتُ مِنَ الْكِبَرِ عِتِيًّا قَالَ كَذَٰلِكَ قَالَ رَبُّكَ هُوَ عَلَيَّ هَيِّنٌ وَقَدْ خَلَقْتُكَ مِن قَبْلُ وَلَمْ تَكُ شَيْئًا﴾
ئۇنىڭدىن مۇمكىن ئەمەسنى تىلىگەن.
﴿ذِكْرُ رَحْمَتِ رَبِّكَ عَبْدَهُ زَكَرِيَّا إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ نِدَاءً خَفِيًّا قَالَ رَبِّ إِنِّي وَهَنَ الْعَظْمُ مِنِّي وَاشْتَعَلَ الرَّأْسُ شَيْبًا وَلَمْ أَكُن بِدُعَائِكَ رَبِّ شَقِيًّا وَإِنِّي خِفْتُ الْمَوَالِيَ مِن وَرَائِي وَكَانَتِ امْرَأَتِي عَاقِرًا فَهَبْ لِي مِن لَّدُنكَ وَلِيًّا يَرِثُنِي وَيَرِثُ مِنْ آلِ يَعْقُوبَ ۖ وَاجْعَلْهُ رَبِّ رَضِيًّا يَا زَكَرِيَّا إِنَّا نُبَشِّرُكَ بِغُلَامٍ اسْمُهُ يَحْيَىٰ لَمْ نَجْعَل لَّهُ مِن قَبْلُ سَمِيًّا قَالَ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي غُلَامٌ وَكَانَتِ امْرَأَتِي عَاقِرًا وَقَدْ بَلَغْتُ مِنَ الْكِبَرِ عِتِيًّا قَالَ كَذَٰلِكَ قَالَ رَبُّكَ هُوَ عَلَيَّ هَيِّنٌ وَقَدْ خَلَقْتُكَ مِن قَبْلُ وَلَمْ تَكُ شَيْئًا﴾
«بۇ رەببىڭنىڭ بەندىسى زەكەرىيياغا قىلغان مەرھەمىتىنىڭ بايانىدۇر. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىگە پەس ئاۋازدا مۇناجات قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: «ئى رەببىم! مەن ھەقىقەتەن كۈچ۔قۇۋۋىتىمدىن قالدىم، چېچىم ئاقاردى. ئى رەببىم! مەن ساڭا دۇئا قىلىپ نائۈمىد قالغىنىم يوق. مەندىن كېيىن تۇغقانلىرىمنىڭ ئورنۇمنى باسالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن، مېنىڭ ئايالىم تۇغماستۇر، شۇڭا، سەن ماڭا ئۆز پەزلىڭدىن ماڭا ۋارىس بولىدىغان، يەئقۇب ئەۋلادىغىمۇ ۋارىس بولىدىغان بىر (ياخشى) پەرزەنت ئاتا قىلغىن. ئى رەببىم! ئۇنى سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىدىغان بىرى قىلغىن». (ئاللاھ ئېيتتى) «ئى زەكەرىييا! بىز ھەقىقەتەن ساڭا يەھيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بېرىمىز، ئىلگىرى ھېچ ئادەمنى ئۇنىڭغا ئىسىمداش قىلمىغان ئىدۇق». زەكەرىييا ئېيتتى: «ئى رەببىم! ئايالىم تۇغماس تۇرسا، مەنمۇ قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن تۇرسام، مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولىدۇ؟». پەرىشتە ئېيتتى: «ئۇغۇ شۇنداق، (ئەمما) رەببىڭ ئېيتتىكى: بۇ مەن ئۈچۈن ئاساندۇر، سېنى بۇرۇن مەن ياراتتىم، ھالبۇكى، سەن يوق ئىدىڭ.[^6]»
ئاتىسىز ئىنسان ياراتقان، تۇغماس ئايالنى تۇغدۇرغان زات سىزنىڭ ھەرقانچە زور قىيىنچىلىقىڭىز بولسىمۇ، ناھايىتى چوڭ ھاجىتىڭىز ۋە مۇمكىن ئەمەستەك كۆرۈنگەن ئارمانلىرىڭىز بولسىمۇ، ئەلۋەتتە ھەل قىلىشقا قادىردۇر. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئاساندۇر. سىز ئۈچۈن مۇمكىن ئەمەس ئىشلار ياراتقۇچى ئۈچۈن مۇمكىن ئىشلاردۇر.
قەلبىڭىز ئىمان ۋە ئىشەنچ بىلەن تولسۇن ئاللاھ تائالانىڭ مۇمكىن ئەمەسلەرنى مۇمكىن قىلىشى، تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئۆزگەرتىشى [^7]، ئوتنىڭ كۆيدۈرۈش خۇسۇسىيىتىنى يوق قىلىشى [^8]، دېڭىزدىن بىر ئاندا قۇرۇقلۇق يول ئېچىشى [^9]، ئاينى ئىككىگە پارچىلاپ كۆرسىتىشى [^10]، تاغنى يۆتكەپ كېلىپ ئىنسانلارنىڭ ئۈستىگە سايىۋەندەك تىكلىشى [^11]، «ئېشىكى ئىمان ئېيتسا ئېيتىدۇكى، ئۆمەر ھەرگىز ئىمان ئېيتمايدۇ [^12]» دېگەن كىشىنىڭكىگە ئوخشاش قېتىپ كەتكەن دىللارنى يۇمشىتىشى قاتارلىق ئىشلار سىزنىڭ ئىمانىڭىزنى كۈچلەندۈرەلمىسە، ئېتىقادىڭىزنى مۇستەھكەم قىلالمىسا، بۇنىڭ باشقا داۋاسى ۋە چارىسى يوق.
ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز قۇدرىتىگە، تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، قەلبىمىزنى ئىمان بىلەن تولدۇر ماسلىققا بىزنىڭ ھېچقاندا باھانىمىز ياكى سەۋەبىمىز يوقتۇر. ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىش باشقا، ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلىش باشقا. بىزدىن تەلەپ قىلىنغىنى ئۇنىڭ قۇدرىتىنىڭ ۋە ئىلىمىنىڭ چەكسىزلىكىگە، ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ ۋەدىلىرىگە ۋە دۇئالارنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىشتۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا قۇدرىتىگە ئانچە ئىشەنچ قىلىپ كەتمەيدىغان، ۋەدىسىگە شەك قىلىدىغان، ئەل قاتارى دۇئا قىلىپ قويىدىغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى ھەرگىز ئىجابەت قىلمايدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر دۇئا قىلغاندا ‹ئى ئاللاھ! ئەگەر خالىساڭ مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ئەگەر خالىساڭ ماڭا رەھىم قىلغىن › دېمەڭلار، تەلىپىڭلاردا جىددىي بولۇڭلار، تىلىكىڭلارنىڭ قوبۇل بولۇشىغا ئىشەنچ قىلىڭلار. چۈنكى ئاللاھقا ھېچنەرسە قىيىن ئەمەس.[^13]»
«شۇنىڭ بىلەن بىز مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن دېڭىزغا ئۇرغىن» دەپ ۋەھيى قىلدۇق، (مۇسا ئۇرۇۋېدى) دېڭىز يېرىلدى، (ھەربىر يېرىلغان) قىسمى چوڭ تاغدەك بولۇپ قالدى»(شۇئەرا سۈرىسى:.)۔ئايەت63
﴿اقْتَرَبَتِ السَّاعَةُ وَانشَقَّ الْقَمَرُ﴾
«قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى» (قەمەر [^14]
﴿وَإِذْ نَتَقْنَا الْجَبَلَ فَوْقَهُمْ كَأَنَّهُ ظُلَّةٌ وَظَنُّوا أَنَّهُ وَاقِعٌ بِهِمْ﴾
ئايەت1:سۈرىسى.)۔ [^15] «ئۆز ۋاقتىدا بىز تۇر تېغىنى
﴿وَإِذْ نَتَقْنَا الْجَبَلَ فَوْقَهُمْ كَأَنَّهُ ظُلَّةٌ وَظَنُّوا أَنَّهُ وَاقِعٌ بِهِمْ﴾
(قومۇرۇپ كېلىپ) ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سايىۋەندەك كۆتۈرگەنىدۇق». (ئەئراف سۈرىسى:.)۔ئايەت171 [^16] ئامىر ئىبنى رەبىئەنىڭ سۆزى (ئىمام تەبەرانىي رىۋايەت قىلغان.) [^17] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
ئاللاھ تائالانىڭ ئىشىكى قاققانلار ئۈچۈن ھەمىشە ئوچۇقتۇر زامانىمىزدىكى كاتتا ئۆلىمالاردىن بىرى ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى ھېكايە قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن ھەدىس ئىلمىگە بەك قىزىقاتتىم، ئەمما يادلاش ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىم بەكمۇ تۆۋەن بولغانلىقتىن كۆپ قىينىلىپ كەتتىم. ئۇستازىمنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە، مەھەللىمىزدىكى مەسجىدتە ئېتىكاپ قىلدىم. ئېتىكاپ جەريانىدا ئاللاھ تائالاغا كۆپ سەجدە قىلدىم، مېنىڭ تىلىكىم بىرلا تىلەك بولۇپ، قەلبىمنى ئىلىمگە ئېچىۋېتىشىنىلا تىلىدىم. ئېتىكاپ تۈگەپ ئۇزۇنغا قالماي ئاڭلىغان ھەربىر ھەدىسنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان بولۇپ قالدىم.[^18]»
سەئۇدى ئەرەبىستاندا بىر موماي ئۆز قىسسىسىنى مۇنداق بايان قىلغان: «مېنىڭ بىرلا ئوغلۇم بولۇپ، بىردىنبىر تىلىكىم ئۇنىڭ دىندا ئالىم بولۇشى ۋە توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرۇشى ئىدى. ئۇنىڭ ئۇنىۋېرستېتنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەنلىكىدىن خۇشاللىنى پ ئولتۇرسام، ئۇ بىر كۈنى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم قەتئىي خاتىرجەم بولالمىدى. ئاندىن ئۇنىڭغا: ‹جېنىم ئوغلۇم! ئامېرىكا دېگەن خىرىستىيانلارنىڭ دۆلىتى دەيدۇ، مەن سېنىڭ ئېزىپ كېتىشىڭدىن قورقىمەن. شۇڭا ئوقۇشۇڭنى بۇ يەردە ئوقۇساڭ بولماسمۇ؟› دەپ يالۋۇردۇم. ئەمما ئوغلۇم بۇ ھاياتىدا بىر كەلگەن پۇرسەت ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ھازىر بارمىسا كېيىن مۇنداق پۇرسەتكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، ئۆز سۆزىدە چىڭ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن چارىسىز ھالدا ئوغلۇمنى يولغا سالدىم. شۇ كۈنىدىن باشلاپ ھەر سەھەر تەھەججۇد نامىزىمدا ئوغلۇمغا ئالاھىدە دۇئا قىلىدىغان، ‹ئى ئاللاھ! سەن ئامانەتنى قەتئىي زايە قىلىۋەتمەيدىغان قۇدرەتلىك ئىگەمسەن، ئوغلۇمنى ساڭا ئامانەت قىلدىم، ئۇنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغىن› دېگەن دۇئانى تەكرارلايغان بولدۇم.
ئوغلۇم ھەر تەتىلدە ئۆيگە كېلىپ تۇردى، نامازلىرى ۋە ئىستىقامىتى جايىدا ئىدى. سەككىز يىلدىن كېيىن ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلدى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەھەللىمىزدىكى چوڭ مەسجىدكە خاتىب بولۇپ تەيىنلەندى ۋە ھەپتىدە بىر قانچە كۈن جامائەتكە ئىسلامىي دەرس سۆزلەيدىغان بولدى. مەن بۇ ئەھۋالنى بىر تەرەپتىن قاتتىق خۇشاللىق، يەنە بىر تەرەپتىن ھەيرانلىق بىلەن كۆزىتىپ تۇردۇم. بىر كۈنى ئوغلۇمدىن ‹سەن بۇرۇن سەئۇدى ئەرەبىستاندەك ئىسلامنىڭ مەركىزىدە مەسجىدكە بەزىدە چىقىپ، بەزىدە چىقماي، ھەتتا نامازلىرىڭنى قازا قىلى پ يۈرەتتىڭ. ئەمدى ئامېرىكىدا ئوقۇپ كېلىپ، مەسجىدتىن قالمايدىغان بولۇپ كەتتىڭ. سەندىكى بۇ تەقۋالىق نەدىن كەلدى؟› دەپ چاقچاق قىلىۋېدىم، ئوغلۇم ‹ئانا، بىرىنچىدىن، سىز مېنى ئاللاھقا تاپشۇرغان ۋە ھەققىمدە دۇئا قىلغانىدىڭىز، ئاللاھ ئامانەتنى مۇشۇنداق ساقلىدى. ئىككىنچىدىن، مەن ئامېرىكىغا بېرىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىسلامىي جامائەتلەر بىلەن تونۇشۇپ، مەكتەپتىن سىرت ئۇلارنىڭ ئالىملىرىدا ئىسلامىي بىلىملەرنى ئوقۇدۇم. ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن دىندا ۋە پەندە تەڭ يېتىشتىم› دېدى. خۇشاللىقىمدىن دەرھال سەجدىگە باش قويۇپ، مەرھەمەتلىك ئۇلۇغ رەببىمگە شۈكۈرلەر ئېيتتىم.»
شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىييە قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بەزىدە يۈزلەرچە تەپسىرلەرگە مۇراجىئەت قىلسىمۇ يەنىلا توغرىسىنى تاپالمىغاندا، تالاغا چىقى پ، يۈزىنى تۇپراققا سۈركەپ تۇرۇپ ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلاتتى ۋە «ئى داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا ئۆگەتكەن ئاللاھ! ماڭا ئۆگەتكىن، ئى سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامغا چۈشەندۈرگەن ئاللاھ! ماڭا چۈشەندۈرگىن دەپ[^19]» دۇئا قىلاتتى.
ئۆلىمالاردىن بىرى مۇنداق دەيدۇ: «بىز بىر قانچە نەپەر ئۆلىمالار رايونىمىزدىكى مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. شۇ ئەسنادا ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى بىز بىلەن سۆزلىشىشتىن ئۆزىنى چەتكە ئالغۇسى كەلگەندەك ھەرىكەتتە بولدى. مەن ئۇنى يېنىمغا تارتى پ سۆزلەشتىم. ئۇ ناھايىتى ئەقىللىق ۋە تىرىشچان بالا ئىكەن. ئەمما ئۇنىڭ تىلىدا كېكەچلىك بولغانلىقى ئۈچۈن باشقىلار بىلەن سۆزلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرىدىغانلىقىنى بىلدۇق. مەن ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىنى ماختىدىم ۋە «تىلىمدىن
﴿وَاحْلُلْ عُقْدَةً مِّن لِّسَانِي﴾
ئېغىرلىقنى كۆتۈرۈۋەتكىن [^20]» دېگەن دۇئانى كۆپ ئوقۇشىنى تەۋسىيە قىلىپ، ئۇلاردىن ئايرىلدىم. ئارىدىن بىرەر يىل ئۆتكەن بولۇشى كېرەك. بىز يەنە شۇ مەكتەپكە بېرىپ قالدۇق ۋە ھېلىقى بالا ئۆز ئاكتىپلىقى بىلەن ئالدىمىزغا كېلىپ سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇنىڭ تىلى شۇنچە راۋان بولۇپ كەتكەنىدىكى، ئۇنىڭدا كېكەچلىكتىن ھېچبىر ئەسەر قالمىغان ۋە گەپ قىلغۇسى كېلىپلا تۇرىدىغان بولۇپ قالغانىدى.»
ئۆلىمالاردىن بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىرىدە ياشايدىغان مىسىرلىق بىر ئايال راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، كېسەلنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغانلىقىنى دوختۇرىدىن ئاڭلايدۇ، قاتتىق بىئارام بولىدۇ ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ بىرەر قېتىم ھەرەمگە بېرىپ ئۆمرە قىلىۋېلىشنى نىيەت قىلىپ سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. ئۆمرە قىلىش جەريانىدا، ئاللاھ تائالادىن گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىدۇ. ئايال زەمزەم ئىچىش ئەسناسىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «زەمزەم سۈيى نېمە ئۈچۈن ئىچىلگەن بولسا شۇنىڭ ئۈچۈندۇر، يەنى سەن ئۇنى شىپالىق تەلەپ قىلىپ ئىچسەڭ، ئاللاھ ساڭا شىپالىق ئاتا قىلىدۇ، قورسىقىڭنى تويغۇزۇش ئۈچۈن ئىچسەڭ، ئاللاھ سېنى تويغۇزىدۇ، ئۇسسۇزلۇقتىن ئىچسەڭ ئاللاھ سېنىڭ ئۇسسۇزلۇقۇڭنى كېسىدۇ. ئۇنى جىبرىل ئەلەيھىسسالام قازغان، ئۇ ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامغا ئىچكۈزۈلگەندۇر [^21]» دېگەن ھەدىسنى ئېسىگە ئېلىپ، زەمزەمنى شىپالىق مەقسىتىدە ئىچىدۇ ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاھ تائالاغا يۈزلىنىپ دۇئا قىلىدۇ، كېسىلىگە شىپالىق تىلەيدۇ. ئايال ئۆمرە ئىبادىتىنى تۈگىتىپ، ياۋروپاغا قايتىدۇ ۋە ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، دوختۇرغا كۆرۈنىدۇ. بۇرۇن ئۇنىڭغا بىر قانچە ئايلىقلا ئۆمرى قالغانلىقىنى ئېيتقان دوختۇر يېڭى ئانالىزغا قاراپ ئۆزىنىڭ كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالىدۇ ۋە قايتا۔قايتا تەكشۈرۈش قىلىدۇ. نەتىجە يەنىلا ئوخشاش چىققان بولۇپ، راكتىن ئەسەر قالمىغان ھالدا چىقىدۇ. ئايال ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىش ئۈچۈن تۇرغان يېرىدە سەجدىگە يىقىلىدۇ.
دۇئانى ئىجابەت قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسىدۇر ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ماڭا دۇئا
﴿ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ﴾
قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى قوبۇل قىلىمەن [^22]» دەپ ۋەدە قىلغان. يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلى پ:
﴿وَإِذَا سَأَلَكَ عِبَادِي عَنِّي فَإِنِّي قَرِيبٌ ۖ أُجِيبُ دَعْوَةَ الدَّاعِ إِذَا دَعَانِ﴾
«(ئى پەيغەمبەر!) مېنىڭ بەندىلىرىم
﴿وَإِذَا سَأَلَكَ عِبَادِي عَنِّي فَإِنِّي قَرِيبٌ ۖ أُجِيبُ دَعْوَةَ الدَّاعِ إِذَا دَعَانِ﴾
سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا، (ئۇلارغا ئېيتقىنكى) مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن. ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن دېگەن[^23]».
دۇئا قىلغان ئادەم قوش پايدا تاپىدۇ ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش ئارقىلىق قوش پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. چۈنكى دۇئا قىلغۇچى دۇئا ئارقىلىق ئىبادەتنىڭ ساۋابىنى ئالىدۇ ۋە تىلىگەن ھاجىتى راۋا بولىدۇ. ئىنسان باشقا ئىبادەتلەرنى كۆڭلى باشقا يەردە تۇرۇپمۇ ئادا قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. ئەمما دۇئانى ئۇنداق قىلمايدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالاغا بولغان ھاجىتىنى تىلى ۋە دىلى بىلەن ئىزھار قىلىپ ئۇنىڭغا يالۋۇرىدۇ، كۆز يېشى تۆكىدۇ، ھاجەتلىرىنى تەكرار۔تەكرار سورايدۇ. دۇئا مۇسۇلمان ئادەمنىڭ قالقىنىدۇر. شۇنىمۇ تەكىتلەش كېرەككى، دۇئا قىلىش سەۋەب قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ.
دۇئانىڭ قوش پايدىلىرى ئاللاھ تائاللاغا قىلىنغان دۇئا ھەرگىز بىكارغا كەتمەيدۇ. ھەرقانداق دۇئانىڭ چوقۇم پايدىسى بولىدۇ.
✦ 1. بەزى دۇئالار دەرھال ئىجابەت بولۇپ، بەندىنىڭ تىلىكى ئۆز ۋاقتىدا ھەل بولىدۇ.
✦ 2. بەزى دۇئالار بەندىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ۋاقىتتا ئىجابەت بولىدۇ. چۈنكى، بەندە ئۆزىنىڭ پايدىسىنى بىلمەيدۇ، ئەمما ئاللاھ تائالا بىلىدۇ. شۇڭا بەزى دۇئالارنى ئاشۇ بەندىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ۋاقىتتا ئىجابەت قىلىىپ بېرىدۇ.
✦ 3. يەنە بەزى دۇئالار بۇ دۇنيادا ئىجابەت بولماي، ئاخىرەتلىك ئۈچۈن دەسمايە ئورنىدا ساقلاپ قويۇلىدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ئەسقاتىدۇ. مەسىلەن: بىراۋ كۆپ پۇل۔مالغا ئىگە بولۇشنى ياكى كاتتا مەنسەپدار بولۇشنى تىلىسە، ناۋادا ئۇنىڭ تىلىگەنلىرى بېرىلگەن تەقدىردە ئۇنىڭغا زىيانلىق بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا كۆيۈنگەنلىكتىن ئۇنىڭ تىلىگەنلىرىنى بۇ دۇنيادا بەرمەيدۇ ۋە ئاخىرەتكە ساقلاپ قويىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنى رازى قىلىدۇ.
✦ 4. يەنە بەزى دۇئالار بەندىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق بولغانلىقتىن ئىجابەت بولمايدۇ، ئەمما دۇئا قىلغۇچى ئاشۇ دۇئاسى سەۋەبلىك بالا۔قازادىن ساقلىنىپ قالىدۇ ياكى گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ.
دۇئا دېگەن قىلسىمۇ ياكى قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئىش ئەمەس ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئارتۇقچە ئىبادەت
﴿إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ﴾
ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىدۇر. قۇرئان كەرىمدە
﴿إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ﴾
«كىمكى مېنىڭ ئىبادىتىمدىن باش تارتىدىكەن، ئۇ خارلانغان ھالدا دوزاخقا كىرىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن. يەنى كىمكى ماڭا دۇئا قىلىپ، ئۆزىنىڭ ماڭا موھتاج ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلىشتىن باش تارتىدىكەن، ئۇ ئاخىرەتتە خارلانغان ھالدا دوزاخقا كىرىدۇ دېگەنلىكتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «دۇئا— ئىبادەتتۇر [^24]» دەپ كۆرسەتكەن.
✦ بىراۋغا تېلېفون ئۇرماقچى بولغان ئادەمنىڭ تېلېفون نومۇرىسىنى توغرا بېسىشى شەرت بولغاندەك، ئاللاھ تائالاغا دۇئا ۋە مۇناجات بىلەن باغلانماقچى بولغان ئادەمنىڭمۇ دۇئانى ئۇسۇلىغا ئۇيغۇن قىلىشى شەرت. دۇئانىڭ ئۇسۇلى — دۇئانى پۈتۈن ئەقلى ۋە قەلبى بىلەن بېرىلى پ قىلىش، تىلىمەكچى بولغانلىرىنى چىن كۆڭلىدىن تىلەش ۋە تىلەكلىرىنىڭ ئىجابەت بولۇشىغا ئىشىنىشتۇر.
✦ دۇئا ئەڭ سەمىمىي ۋە ئەڭ ئوبرازلىق ئىبادەتتۇر. چۈنكى، «ئاللاھقا دۇئادىن يېقىملىق ھېچ نەرسە يوقتۇر.[^25]»
✦ دۇئا سايىسىدا تۈرلۈك بالا۔قازالاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى ئەتىگەندە ۋە ئاخشامدا { ِبِْسْ ِمِ الَّلِّهِ اَّلِّذِي اَلا َيَُضُ ُّرّ َمََعَ اْسْ ِمِِهِ َشَ ْيٌْءٌ ِفِي اَأْل� َْرِْضِ َوَاَلا ِفِي الَّسّ َمَاِءِ َوَُهَُوَ الَّسّ ِمِيُعُ اْلَْعَِلِيُم }ُ دېگەن دۇئانى ئۈچ قېتىم ئوقۇسا، ئۇنىڭغا زىيان يەتمەيدۇ [^26]» دەپ كۆرسەتكەن.
- بۇرۇج سۈرىسى: ئايەت16 ۔.
- ياسىين سۈرىسى: ئايەت83 ۔.
- نىسا سۈرىسى ئايەت30: ۔.
- ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى، 13973 ۔ ھەدىس. (ئەللامە مۇھەممەد ناسىرۇددىن
- ئەلبانىي «ھەسەن» دەپ باھالىغان ھەدىس.)
- مەريەم سۈرىسى: ئايەت21 ۔.
- مەريەم سۈرىسى: 9۔2 ۔ ئايەتلەر.
- پەيغەمبەرلەرگە ئاتا قىلىنغان مۆجىزىلەر ئادەتتىن تاشقىرى ئەھۋاللار
- بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنى
- ئۆزگەرتكەنلىكى ئىدى.
- نەمرۇد ئىبنى كەنئان ئىسىملىك پادىشاھ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى
- ئوتقا تاشلىغاندا، ئاللاھ تائالا ئوتقا: ﴿ �يَا �نَاُرُ ُكُو�نِي �بَْرًْدًا َوََسَ َلَاًمًا َعَ�لَى
- ِإِْبَْرَاِهِ يَمَ﴾ «ئى ئوت! ئىبراھىمغا سالقىن ۋە ئامانلىق بولۇپ بەرگىن» دەپ
- ئەمر قىلغان. (ئەنبىيا سۈرىسى.)۔ئايەت69:
- QURAN_LINE]]]
- QURAN_LINE]]]
- ئەلى جابىر ئەل فەيفىينىڭ «ألنك الله» دېگەن ئەسىرى، بەت104 ۔.
- ئەلى جابىر ئەل فەيفىينىڭ «ألنك الله» دېگەن ئەسىرى، بەت103 ۔.
- تاھا سۈرىسى: ۔ئايەت27.
- ئىمام بەيھەقىي، دارىقۇتنى ۋە ھاكىم رىۋايىتى.
- غافىر سۈرىسى: ئايەت60 ۔.
- ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
- ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
- تىرمىزى رىۋايىتى.
« كۈچللۈك بولۇشنىڭ سىرى ھەمممە كىشى چېكىنگگەن ۋاقىتتا بىر قەدەم ئالغا بېسىشتىن ئىبارەتتۇر.» — ۋىنستون چېرچىل
سىز ئۆزىڭىز بىرەر ئىشقا بەل باغلاپ ئىرادە تىكلىمىسىڭىز، ئۇ ئىرادىنى سىزگە ھېچكىم بېرەلمەيدۇ، ھەتتا ئەڭ يېقىن كىشىڭىزمۇ بېرەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ سىزدىن تەلەپ قىلىنىدۇ ۋە سىزدە بولۇشى كېرەك. بىرەر ئىشقا ئىرادە تىكلەنگەن ھامان ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تۇتۇش
﴿فَإِذَا عَزَمْتَ فَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ﴾
قىلىش كېرەك. چۈنكى، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە:
﴿فَإِذَا عَزَمْتَ فَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ﴾
«بىرەر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن» يەنى بەل باغلىغان ئىشىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاللاھتىن ياردەم تىلەپ ھامان ھەرىكەتكە ئۆتكىن دەپ بۇيرۇغان. ئىرادىلىك ئادەملەرلا ھاياتقا بىر نەرسىلەرنى قوشالايدۇ. مۇستافا رافىئى «سىز دۇنياغا بىرەر نەرسە قوشالمىسىڭىز، ئۇنىڭغا ئارتۇقسىز» دېگەن. دېمىسىمۇ، بىرەر غايىسى يوق، كېلەچەك ئۈچۈن بىرەر پىلانى يوق ئىنسانلار يەر يۈزىگە يۈك بولۇشتىن باشقىسىغا يارىمايدۇ، ئۇلار سۇنىڭ ئۈستىدىكى ئۆلۈك بېلىقلارغا ئوخشايدۇ. خۇددى ئۆلۈك بېلىقلار سۇنىڭ ئېقىشى بويىچە ئېقىپ يۈرگەندەك، ھاياتتا بىرەر غايىسى ۋە پىلانى بولمىغان ئادەممۇ شۇنداق ئېقىپ يۈرىدۇ ۋە نەگە بېرىپ قالغانلىقىنى بىلمەي قالىدۇ.
ئىنساندا چوقۇم غايە ۋە پىلان بولۇشى كېرەك. ھېچقانداق نەتىجە ۋە ھېچقانداق غەلىبە پىلانسىز قولغا كەلگەن ئەمەس. شۇڭا ھەرقانداق بىر مەقسەت ۋە غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا پىلان تۈزۈلۈشى، ئاندىن شۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىرادە بولۇشى شەرت. ئىرادىڭىز مۇستەھكەم بولسا، سىزنى ھېچكىم يولىڭىزدىن توسالمايدۇ. ئىرادىدە مۇستەھكەم تۇرۇش ئۈچۈن كۆپ ئىشلەش ۋە ئاز ئۇخلاش كېرەك. ئېدىسون «ئىجادىيەتنىڭ بىرى ئىلھام، توققۇزى قاتتىق ئىشلەشتۇر » دېگەنىكەن.
پىلانىڭىز كونكېرت بولسۇن «خەلقئارا قۇرئان كەرىم يادلىتىش جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى ئۇستاز ئابدۇللاھ بەسفەر مۇخبىرلارنىڭ «سىزنىڭ پىلانىڭىز نېمە؟» دېگەن سوئالىغا: «بىر مىليون بالىغا قۇرئان كەرىمنى يادلىتىش» دەپ جاۋاب بەرگەن. يەنە ئۇ «ھازىرغىچە قانچە بالىغا قۇرئان كەرىمنى يادلاتتىڭىز؟ » دېگەن سوئالغا: 20« مىڭ» دەپ جاۋاب بەرگەن. كۇۋەيتلىك دەۋەتچى ئالىم ئابدۇللاھ سەمىت ئۆزىنىڭ ئوتتۇز يىللىق ئافرىقا دەۋىتى بويىچە ئالتە مىليون ئادەمنى مۇسۇلمان قىلغانلىقىنى ۋە بۇ ئىشنى پىلانلىق ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى ئېيتقان.
«ھەرقانداق نەرسە ئىككى قېتىم يارىتىلىدۇ» دېيىلىدۇ. بۇنىڭ بىرى تەپەككۇردا، يەنە بىرى ئەمەلىيەتتە بولىدۇ. شۇڭا سىز قىلماقچى بولغان ئىشنى ئاۋۋال ئويلايسىز، پىلانلايسىز، ئاندىن ئىشلەيسىز ۋە ئەمەلگە ئاشۇرىسىز. پىلان كونكېرت بولۇشى لازىم. مەسىلەن: مەن مانچە يىلدىن كېيىن مۇنداق نەتىجە قازىنىمەن ياكى مانچىلىك پۇل تاپىمەن دېگەنگە ئوخشاش. خارۋارد ئۇنىۋېرستېتى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى توپلاپ، ھەربىر ئوقۇغۇچىنى كېيىنكى ئون يىل ئىچىدە نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى پىلانىنى كونكېرت قىلى پ يېزىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلاردىن 90% ئوقۇغۇچى پىلانىنى كونكېرت يازماي، ئالىم بولىمەن، باي بولىمەن، مەنسەپكە چىقىمەن دېگەندەك يازىدۇ، پەقەت 10% ئوقۇغۇچى ئۆز پىلانىنى كونكېرت قىلىپ، مەن ئون يىل ئىچىدە مانچە مىليون پۇل تاپىمەن، مەن ئون يىل ئىچىدە پالانى پەندە پروففېسسور بولىمەن، مەن ئون يىل ئىچىدە پالانى شىركەت ياكى ئىدارىدە مۇنداق مەنسەپكە چىقىمەن، دېگەندەك ئېنىق ۋە كونكېرت يازىدۇ، ئاندىن ئۇنىۋېرسىتېت مەسئۇللىرى ئۇلارنىڭ ئۆي ئادرىسى ۋە تېلېفون نومۇرلىرىنى ئېلىپ قالىدۇ ۋە ئۇلارنى ئون يىلدىن كېيىن كۆرۈشىدىغان بولۇپ يولغا سالىدۇ. ساق ئون يىلدىن كېيىن مەزكۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇنىۋېرسىتېتقا چاقىرىلىدۇ ۋە ھەربىرىنىڭ قانداق نەتىجە قارانغانلىقى سورىلىدۇ. پىلانىنى ئېنىق ۋە كونكېرت قىلىپ يازغان 10% ئوقۇغۇچىنىڭ تاپقان پۇلى پىلانىنى كونكېرت يازمىغان 90% ئوقۇغۇچىنىڭ ئومۇمىي پۇلىدىن ئېشىپ كەتكەن، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ۋە ئالىي ئۇنۋانلارنى قولغا كەلتۈرۈشتىمۇ ئاشۇ
✦ 10. % ئوقۇغۇچى ئاساسەن ھەممە پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغان.
تارىختىن قىسسە ئىسلام تارىخىدا مۇنداق بىر قىسسە بار: ئەندۇلۇس (ھازىرقى ئىسپانىيە)نىڭ چەت بىر يېزىسىدا ئۆڭكۈردە ياشايدىغان ئۈچ نەپەر مەدىكار بولۇپ، ئۇلار كۈندۈزلىرى كىشىلەرنىڭ يۈكلىرىنى توشۇپ بېرى پ پۇل تاپاتتى، كېچىلىرى ئاشۇ ئۆڭكۈردە ياتاتتى. ئۇلار قىشنىڭ ئۇزۇن كېچىلىرىدىن بىرىدە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، ھەربىرى ئۆزىنىڭ ئارزۇ۔ئارمىنى ۋە پىلانىنى ئېيتىدۇ. شۇلارنىڭ بىرى بولغان مۇھەممەد ئىبنى ئامىر ئەلھەممار دېگەن كىشى ئۆزىنىڭ خەلىپە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، يېنىدىكى ئىككى ھەمراھى كۈلۈپ تېلىقىپ كېتىدۇ ۋە ئۇنى راسا مەسخىرە قىلىدۇ. مۇھەممەد ئىبنى ئامىر ئۇلارغا: «تىلىكىڭلارنى ھازىر ئېيتىڭلار، مەن خەلىپە بولغاندا تىلىكىڭلارنى ئورۇندايمەن » دەيدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى چاقچاق قىلىپ: «ئۇنداقتا، ئەگەر سەن خەلىپە بولساڭ، سەندىن كاتتا بىر قەسىر، ھەر تۈرلۈك مېۋىلەر بار بىر باغ، مىڭ تىللا ئالتۇن، بىر قانچە خىزمەتچى تىلەيمەن» دەيدۇ، يەنە بىرى: «ئەگەر سەن خەلىپە بولۇپ قالساڭ، مېنى ئېشەككە تەتۈر مىندۈرۈپ، ‹بۇ كاززاپ، بۇنىڭغا ھېچكىم گەپ قىلمىسۇن› دەپ سازايى قىلغىن » دەيدۇ.
كۈنلەر ئۆتىدۇ، ئايلار ئۆتىدۇ، يىللار ئۆتىدۇ، مۇھەممەد ئىبنى ئامىر ئەلھەممار غايىسىدىن ۋاز كەچمەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا يېتىش ئۈچۈن كونكېرت پىلان تۈزۈپ، مەدىكارلىقنى تاشلايدۇ ۋە ھاكىمىيەتكە يېقىنلىشىش ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ يېنىدا چايچى بولۇپ ئىشلەيدۇ، يىللاردىن كېيىن ساقچى بولىدۇ، كېيىنچە ساقچىلارنىڭ باشلىقى بولىدۇ. بىر كۈنى ئەمەۋىيلەرنىڭ ئەندۇلۇستىكى خەلىپىسى ھەكەم ئەلمۇستەنسىر بىللاھ ۋاپات بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا 12 ياشلىق ئوغلى ھىشام ئەلمۇئەييەد بىللاھ تەختكە چىقىدۇ. بۇ چاغدا بالا خەلىپىنىڭ نامىدىن دۆلەتنى باشقۇرۇش ئۈچۈن بىر كىشىنى تەيىنلەشكە توغرا كېلىدۇ. تەيىنلەنگەن كىشى بالا خەلىپىنىڭ ۋەلىيسى بولۇپ دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇراتتى. بۇ ھوقۇقنى تالىشىدىغانلارمۇ كۆپ بولۇپ، ئۈچ كىشى رىقابەتكە چۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى، دۆلەت ۋەزىرى مۇھەممەد مۇسھەفى، ئىككىنچىسى، ئەسكەر قوماندىنى ئابدۇللاھ ئەبۇلغالىب، ئۈچىنچىسى، ساقچى باشلىقى مۇھەممەد ئىبنى ئامىر ئەلھەممار ئىدى. ۋەزىر ئوغرى چىقى پ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رىقابەت ئەسكەر قوماندىنى بىلەن ساقچى باشلىقى ئوتتۇرىسىدا قالىدۇ، ئۇلار بىر۔ بىرىگە قەتئىي ئۆتۈنمەيدۇ. نەتىجىدە ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا قانلىق ئۇرۇش چىقىدۇ. ساقچى باشلىقى مۇھەممەد ئىبنى ئامىر ئەلھەممار ئەسكەر قوماندىنى ئابدۇللاھ ئەبۇلغالىبنى يېڭىدۇ ۋە دۆلەتنى قولىغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ مەرتىۋىسى ئۆسۈپ ھاجىپلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ ۋە «ھاجىپ مەنسۇر» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ دۆلەتنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ بىرىنچى قىلغان ئىشى پادىشاھنىڭ قەسىرىدىكى بايلىقنى ئۆز قەسىرىگە يۆتكەش بولىدۇ. ئاندىن پادىشاھنىڭ تامغىسىنى يېنىغا ئېلىپ چىقىدۇ، ئاندىن بالا خەلىپىنىڭ ئۆزىنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچكىم بىلەن كۆرۈشمەسلىكى ھەققىدە، ئاندىن ئۇنىڭ ھاجىپنىڭ رۇخسىتىسىز سىرتقا چىقماسلىقى ھەققىدە پەرمان چىقىرىدۇ.
ھاجىپ مەنسۇر ھوقۇقنى تولۇق قولىغا كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، دۆلەتنى چوڭايتىش ۋە كۈچەيتىشنى پىلانلايدۇ. چوڭ ۋە كۈچلۈك دۆلەت بولۇش ئۈچۈن ئىمان، ئىلىم ۋە كۈچ لازىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئىلىم ئەھلىلىرىگە چاقىرىق قىلى پ، قايسى ساھەنىڭ ئالىملىرى بولسۇن، ئەندەلۇسقا كەلسە، ئۇلارغا يۇقىرى مائاش بېرىپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. نەتىجىدە، ئەندەلۇسقا ھەرقايسى جايلاردىن ئالىملار كېلىشكە باشلايدۇ، پۈتۈن ئىلىم۔پەن ساھەلىرىدە ۋە دىنىي ماۋزۇلاردا كەڭ ئىزدىنىش ۋە ئەسەرلەرنى يېزىش ئۈچۈن تولۇق شارائىت ھازىرلىنىدۇ. شۇ ۋاقىتلاردا ئەندەلۇستىن چىققان ھەر ساھە ئالىملىرى ئىنتايىن كۆپ بولىدۇ.
ھاجىپ مەنسۇر شۇنىڭدىن كېيىن دۈشمەن دۆلەتلەر بىلەن 10 يىللىق تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈپ دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. 20 يىل ئىچىدە ئەندەلۇس خەلىپىلىكى مىسلىسىز دەرىجىدە كۈچلىنىدۇ، ئاندىن دۈشمەن دۆلەتلەر بىلەن ئېلىشىپ، بۇرۇن ئەندەلۇستىن كېتىپ قالغان ۋىلايەتلەرنى قايتۇرۇپ ئالىدۇ. ئەندەلۇس خەلىپىلىكىنىڭ ئەڭ كۈچلەنگەن دەۋرى ئابدۇراھمان ناسىر بىلەن ھاجىب مەنسۇرنىڭ دەۋرلىرى بولىدۇ. ئۇ چاغدا ئالجىرىيە، لىۋىيە، ماراكەش قاتارلىق جايلار ئەندەلۇس دۆلىتىگە قوشۇلىدۇ.
ھاجىپ مەنسۇر پۈتۈن پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىدۇ. ئۇ بىر كۈنى بۇرۇنقى ھەمراھلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ شۇ چاغدا دېگەن سۆزلىرىنى ئەسلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارنى بۇرۇنقى ئۆڭكۈردىن تېپىپ كېلىدۇ، ئاندىن ئۇلارغا ئۆزىنى تونۇشتۇرىدۇ، ئۇلارنى ئوبدان كۈتۈۋالىدۇ، ئۆز قەسىرىدە مېھمان قىلىدۇ. شۇ ئەسنادا ئۇلارغا: «سىلەر بۇرۇن مەندىن تىلەكلەرنى تىلەيدىغان بولغان ئىدىڭلار شۇنداقمۇ؟ مانا مەن بۈگۈن سىلەرنىڭ شۇ چاغدىكى تىلەكلىرىڭلارنى ئورۇندايمەن» دەيدۇ. ئۇلار: «جانابلىرى ئۇنى ئۇنتۇپ كەتكەيلا، بىز چاقچاق قىلىپ دەپ قويغانىدۇق» دەيدۇ. ھاجى پ مەنسۇر: «ياق، مەن ھەر ئىككىڭلارغا تىلىكىڭلارنى بېرىمەن» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن قەسىر، باغ، پۇل ۋە خىزمەتچى تىلەيمەن دېگىنىگە ئېغىزىدىن چىققانلارنى تولۇق بۇيرۇپ بېرىدۇ، مېنى ئېشەككە تەتۈر مىندۈرۈپ سازايى قىلسۇن دېگىنىنى راستتىنلا ئېشەككە تەتۈر مىندۈرۈپ «بۇ كاززاپ، بۇنىڭغا ھېچكىم گەپ قىلمىسۇن» دەپ سازايى قىلى پ شەھەرنى ئايلاندۇرىدۇ.
✦ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ئىنسان بىر جاينى نىشان قىلىپ تاش ئاتسا، ئۇنى چوقۇم تەككۈزىدۇ ياكى يېقىنراق يەرگە بولسىمۇ يەتكۈزىدۇ.»
✦ ئەللامە ئىبنى قەييىم جەۋزى مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم تاغنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئاشۇ تاغنى ئورنىدىن ئېلىۋېتىشقا بەل باغلىسا ئېلىۋېتەلەيدۇ.»
✦ بۇ ھايات «قىلالايمەن» دېگۈچىلەر ئۈچۈن ھازىرلانغان مەيداندۇر.
« ھەركىم ئۆزىنىڭ ئەتە (قىيامەت) ئۈچۈن نېمىلەرنى تەييارلىغانلىقىغا قاراپ باقسۇن.» —ھەشر سۈرىسى: 18 ۔ئايەت.
ھەرقانداق ئىنساننىڭ ئارزۇ۔ئارمانلىرى، روياپقا چىقىرىشنى پىلانلىغان ئىشلىرى بولىدۇ. ئەمما ھەممىلا ئادەم ئارزۇ۔ ئارمانلىرىنى ۋە پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا جىددىي بولالمايدۇ، ئەمەلىي قەدەم ئالمايدۇ. شۇڭا بەزى كىشىلەر بىر ئۆمۈر شېرىن خىياللار بىلەن ياشاپ بۇ ئالەمدىن كېتىپ قالىدۇ.
ناۋادا بىرىگە دوختۇرلار بىر قانچە ئايلىق ئۆمرى قالغانلىقىنى ئېيتسا، ئۇ كىشىنڭ ھاياتتا ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان ئىشلىرىنىڭ مۇھىملىرىنى قىلىشقا كىرىشىدىغانلىقى، دۇنيانىڭ ئۇنىڭ كۆزىدە كىچىكلىشىپ كېتىدىغانلىقى ۋە بۇرۇن ھۇرۇنلۇقتىن ياكى قايسىبىر سەۋەب بىلەن كېچىكتۈرگەن ئىشلىرىنى قىلىۋېلىشقا ئالدىرايدىغانلىقى ئېنىق.
سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان «رىياد» گېزىتىنىڭ 16311 ۔ سانىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، 2007 ۔ يىلى ئىشلەنگەن list bucket ناملىق فىلىمدە، ئامېرىكىدا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئىككى كىشى توغرۇلۇق توختالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق يېزىلغان: «ئامېرىكىلىق ئىككى مەشھۇر كىشى راك كېسىلى بىلەن دوختۇرخانىدا ئۆزىنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ بىرى كۆپ ئوقۇغان، كۆپنى بىلىدىغان ۋە يۇقىرى مەلۇماتلىق ئىنژېنېر ئىدى. ئۇ تارىخ ئۇستازى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئىككىنچىسى ئائىلىسىدىن ۋە ئۆزىنىڭ يالغۇز قىزىدىن تانغان، تەنھا ياشايدىغان مىليونېر ئىدى. بىر كۈنى ئەتىگەندە ئىنژېنېر بۇ دۇنيادىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن قىلىشنى ئارزۇ قىلغان ئارمانلىرىنى تەپسىلىي يېزىپ چىقىدۇ ۋە بىر قانچە دۆلەتتە ساياھەتتە بولۇشنى پىلانلايدۇ. ئۇنىڭ يازغانلىرىنى يېنىدا ياتقان مىليونېر ئوقۇپ چىقىدۇ، ئاخىرىغا ئۆزىنىڭ ئارزۇسى دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل قىزى بىلەن ئۇچرىشىش ئىكەنلىكىنى قوشۇپ قويىدۇ. ئاندىن ئۇ ئىنژېنېرنى ئۆزى پىلانلىغان ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۈندەيدۇ، لېكىن ئىنژېنېر بۇ ئارزۇنىڭ ئەمدىلىكتە ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ قەتئىي ئۇنىمايدۇ. مىليونېر ئۇنى قايىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ باقىدۇ۔يۇ، ئۇ «ياق» دېگەن سۆزىدىن قايتمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن مىليونېر ئىنژېنېرغا ئىككىيلەننىڭ ئارزۇ۔ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارلىق بايلىقىنى سەرپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە ئۇنى قايىل قىلىدۇ. ئۇلار ساياھىتىنى باشلايدۇ، دەسلەپتە ھىندىستاندىكى تاجمەھەلگە، ئاندىن مىسىردىكى ئەھراملارغا، سەددىچىن سېپىلىغا بارىدۇ، ئاندىن ئافرىقىغا بارىدۇ ۋە پىلانلىغان جايلارنىڭ ھەممىسىنى ساياھەت قىلىدۇ. ساياھەت جەريانىدا ئىنژېنېر مىليونېرنى قىزىنى زىيارەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ، ئەمما مىليونېر بۇ پىكىرنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ. ساياھەتمۇ ئاخىرلىشىدۇ. ساياھەتتىن قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىنژېنېر ئالەمدىن ئۆتىدۇ. مىليونېر يالغۇز قالىدۇ. ئۇ كۆپ ئويلىنىپ ئىنژېنېرنىڭ يۈز۔خاتىرىسى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يالغۇز قىزىنى ئىزدەپ قويۇش پىكرىگە كېلىدۇ. شۇنداق قىلى پ قىزىنى زىيارەت قىلىدۇ، ئۇنى باغرىغا بېسىپ دۇنيانىڭ سائادىتىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلغاندەك بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ «دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل قىزى بىلەن ئۇچرىشىش»تىن ئىبارەت ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ ».
ھەممىمىزنىڭ بىر كۈنى ئۆلىدىغانلىقىمىز مۇقەررەر. شۇڭا بىزدىمۇ بۇ ئالەمدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز زۆرۈر بولغان ئىشلىرىمىزنىڭ تىزىملىكى بولسا بەك ياخشى بولىدۇ. چۈنكى، كۈچلۈك ئارزۇ۔ئارمان يول خەرىتىسىنىڭ ئورنىدا بولۇپ، بىزنى ھەرىكەتكە ئۈندەيدۇ. ئارزۇ۔ئارمانغا ئىگە بولۇشنىڭ ئۆزى بىزنى ئۈمىد ئىچىدە ياشاتقاندىن باشقا، بىر كۈن بولسىمۇ بۇرۇن ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بىزنى ئىتتىرىدىغان كۈچتۇر.
شۇڭا ئارزۇ۔ئارمانلىرىڭىزنى ھەرگىز كېچىكتۈرمەڭ، ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىڭ، خۇددى يېرىم يىل ئۆمرى قالغان ئادەمدەك ئالدىراڭ. چۈنكى قانچىلىك ئۆمرىڭىز قالغانلىقىنى بىلمەيسىز.
بىر مۇسۇلمان ئادەم ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەڭ كاتتا ئارزۇ۔ئارمىنى ئاللاھ تائالانى رازى قىلالىغۇدەك ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشتىن ئىبارەت بولۇشى لازىم. بۇ ئەقىل ۋە دىننىڭ بىردەك تەلىپىدۇر.
بۇنداق گۈزەل ئارزۇ۔ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي، بۇ دۇنيادىن كېتىپ قالغانلار ئىككى قېتىم قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ.
بىرىنچىسى، سەكراتقا چۈشكەندە. ئاللاھ تائالا بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن:
﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُلْهِكُمْ أَمْوَالُكُمْ وَلَا أَوْلَادُكُمْ عَن ذِكْرِ اللَّهِ ۚ وَمَن يَفْعَلْ ذَٰلِكَ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ وَأَنفِقُوا مِن مَّا رَزَقْنَاكُم مِّن قَبْلِ أَن يَأْتِيَ أَحَدَكُمُ الْمَوْتُ فَيَقُولَ رَبِّ لَوْلَا أَخَّرْتَنِي إِلَىٰ أَجَلٍ قَرِيبٍ فَأَصَّدَّقَ وَأَكُن مِّنَ الصَّالِحِينَ﴾
«ئى ئىمان ئېيتقانلار! پۇل۔ماللىرىڭلار ۋە
﴿وَالَّذِينَ كَفَرُوا لَهُمْ نَارُ جَهَنَّمَ لَا يُقْضَىٰ عَلَيْهِمْ فَيَمُوتُوا وَلَا يُخَفَّفُ عَنْهُم مِّنْ عَذَابِهَا ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِي كُلَّ كَفُورٍ وَهُمْ يَصْطَرِخُونَ فِيهَا رَبَّنَا أَخْرِجْنَا نَعْمَلْ صَالِحًا غَيْرَ الَّذِي كُنَّا نَعْمَلُ ۚ أَوَلَمْ نُعَمِّرْكُم مَّا يَتَذَكَّرُ فِيهِ مَن تَذَكَّرَ وَجَاءَكُمُ النَّذِيرُ ۖ فَذُوقُوا فَمَا لِلظَّالِمِينَ مِن نَّصِيرٍ﴾
بالىلىرىڭلار سىلەرنى ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئەنە شۇنداقلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر. سىلەر بېشىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: «ئى رەببىم! مېنىڭ ئەجىلىمنى بىرئاز كېچىكتۈرگەن بولساڭ، مەن سەدىقە قىلىپ ياخشىلاردىن بولار ئىدىم » دەپ قېلىشتىن بۇرۇن، سىلەرگە بەرگەنلىرىمىزدىن بىر قىسمىنى سەدىقە قىلىڭلار.»
ئىككىنچىسى، ئاخىرەتتە. ئاللاھ تائالا كاپىرلارنىڭ ئاخىرەتتىكى ھالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:
﴿وَالَّذِينَ كَفَرُوا لَهُمْ نَارُ جَهَنَّمَ لَا يُقْضَىٰ عَلَيْهِمْ فَيَمُوتُوا وَلَا يُخَفَّفُ عَنْهُم مِّنْ عَذَابِهَا ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِي كُلَّ كَفُورٍ وَهُمْ يَصْطَرِخُونَ فِيهَا رَبَّنَا أَخْرِجْنَا نَعْمَلْ صَالِحًا غَيْرَ الَّذِي كُنَّا نَعْمَلُ ۚ أَوَلَمْ نُعَمِّرْكُم مَّا يَتَذَكَّرُ فِيهِ مَن تَذَكَّرَ وَجَاءَكُمُ النَّذِيرُ ۖ فَذُوقُوا فَمَا لِلظَّالِمِينَ مِن نَّصِيرٍ﴾
«كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلارغا كەلسەك، ئۇلار دوزاخ ئوتىغا مەھكۇم بولىدۇ، ئۇلارنىڭ (ئۆلۈم بىلەن ئارام تېپىپ قالماسلىقى ئۈچۈن) جانلىرى ئېلىنمايدۇ، ئۇلاردىن ئازابمۇ يېنىكلىتىلمەيدۇ، كۇفرىدا ھەددىدىن ئاشقان ھەرقانداق كاپىرنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز. ئۇلار دوزاختا: «رەببىمىز! بىزنى چىقىرىۋەتسەڭ (دۇنيادا) قىلغان ئەمەللىرىمىزدىن باشقىچە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىۋالساق» دەپ يالۋۇرۇپ توۋلايدۇ. (ئۇلارغا دېيىلىدۇ ) «سىلەرگە ۋەز۔نەسىھەت ئالىدىغان ئادەم ۋەز۔نەسىھەت ئالالىغۇدەك بىر ئۆمۈر ۋاقىت بەرمىدۇقمۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلدىغۇ؟ (نېمىشقا ئىمان ئېيتمىدىڭلار؟) ئەمدى ئازابنى تېتىڭلار، زالىملارغا ياردەم بەرگۈچى يوق.»
✦ ئارزۇ۔ئارمان يول خەرىتىسىگە ئوخشايدۇ، ئەمما يولغا چۈشمىگەن ئادەم مەنزىلىگە بارالمايدۇ.
✦ ئارزۇ۔ئارمان تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىمىزنى ۋە ئۇنىڭغا يېتىش يولىمىزنى بەلگىلەيدۇ.
✦ ئارزۇ۔ ئارمان بىزگە نىشانغا قاراپ تۇرماستىن ئىلگى رىلەشنىڭ ھۇزۇرىنى ياشىتىدۇ.
✦ ئەگەر ئىنسانلار ئۆلىدىغان ۋاقتىنى بىلسە ئىدى، ھېچكىم ئارزۇ۔ئارمانلىرىنى كېچىكتۈرمىگەن بولار ئىدى.
« پەقەت ئاشۇ شەيتان [^1] سىلەرنى ئۆز دوستلىرىدىن قورقۇتىدۇ.» —ئال ئىمران سۈرىسى: 175 ۔ ئايەت.
ئىنسان ئەقىللىق مەخلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ياخشىلىققا ئىقتىدارى بولغاندەك، يامانلىققا بولغان ھىيلىلىرىمۇ ناھايىتى كۆپتۇر. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى پەرىشتىدەك پاك ۋە گۇناھسىز تۇغۇلسىمۇ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى يىرتقۇچلارغا ئايلىنىپ ئىنسان جىنسىغا زىيانكەشلىك قىلىش يولىنى تاللىۋالىدۇ. شۇڭا ئادەتتە بىز يىرتقۇچلاردىن قاچىمىز، ئەمما ئىنسانلاردىن قاچمايمىز. چۈنكى، بىز ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يىرتقۇچلۇقلارنى بىلمەيمىز. شۇڭا «ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا، ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە» دېگەن ماقال قالدۇرۇلغان.
مەلۇمكى، كىشىلەرنىڭ روھىيىتىگە ھۇجۇم قىلىدىغان، سەلبىي ۋە ناچار سۆزلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ دىلىغا ئازار بېرىدىغان ۋە شەيتاننىڭ ئەقلىگە كەلمەيدىغان ھىيلە۔نەيرەڭلىرى بىلەن ئۇلانى مەقسەت۔ غايىلىرىدىن ئاداشتۇرىدىغانلار شەيتان مىسالى يىرتقۇچ ئىنسانلار بولۇپ، ئۇلار ئىنتايىن زىيانلىقتۇر. شۇڭا سەلبىي روھىيەتتىكى، شۇم ئىنسانلاردىن يىراق تۇرۇش ئەلۋەتتە بىخەتەر ۋە ھېكمەتلىك ئىشتۇر. ئىنسانلارنى تونۇشمۇ ئالاھىدە بىر ئىلىم بولۇپ، ئۇ پاراسەتنىڭ بىر تۈرىدۇر. «ئىنسانلارنى مەسجىدلەردە ئەمەس، مۇئامىلىدە تونۇڭ » دەيدىغان ھېكمەت بار. يۇقىرىقىلارنىڭ ئەكسىچە، ئىجابىي ۋە بەرىكەتلىك ئىنسانلارمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىدىكى ئىجابىيلىق، مېھرىبانلىق ۋە كۆيۈمچانلىقتىن ئىبارەت ئىنسانىي خىسلىتى بىلەن ئادەمگە خۇددى قۇياشتەك ئېنىرگىيە بېرىدۇ، توغرا مەسلىھەت بېرىدۇ، يول كۆرسىتىدۇ. بۇنداق كىشىلەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولغان ئادەم ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلماي تۇرالمايدۇ.
مەسلىھەت سېلىش دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلاردا باشقىلارغا مەسلىھەت سېلىش ۋە ئىشلارنى كېڭەش بىلەن قىلىش ناھايىتى ياخشى. مۇنداق قىلىش دىنىمىزنىڭ ئەمرىدۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا بىزنىڭ ئۈلگىمىز ۋە يولباشچىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا «ئىشتا ئۇلار
﴿وَشَاوِرْهُمْ فِي الْأَمْرِ﴾
بىلەن كېڭەش [^2]» دپ بۇيرۇش ئارقىلىق ئۇنى ساھابىلىرى بىلەن بامەسلىھەت ئىش قىلىشقا بۇيرۇغان.
مەسلىھەتنى كىمگە سېلىش كېرەك؟
مەسلىھەتنى ئىشەنچلىك ۋە بىز مەسلىھەت سالماقچى بولغان مەسىلىنى ئەتراپلىق بىلىدىغان كىشىلەرگە سېلىش ۋە ھەممىلا ئادەمگە سالماسلىق لازىم. شۇڭا مەسلىھەتنى مەسلىھەت سېلىشقا لايىق
﴿فَإِذَا عَزَمْتَ فَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُتَوَكِّلِينَ﴾
كىشىلەرگە سېلىش ۋە تولا ئىككىلەنمەسلىك لازىم.
﴿فَإِذَا عَزَمْتَ فَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُتَوَكِّلِينَ﴾
« بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن [^3]» دېگەن ئايەت بۇنىڭغا بۇيرۇيدۇ.
مەسلىھەت سالغاندىن كېيىن نېمە قىلىش كېرەك؟
مەسلىھەتتىن كېيىن ئىستىخارە قىلىش ئەۋزەلدۇر. ئستىخارە _ ئاللاھ تائالادىن ياخشىلىق سوراش دېمەكتۇر. بىرەر ئىشنىڭ خەيرلىك بولۇش۔بولماسلىقى توغرۇلۇق ئاللاھ تائالادىن مەنىۋى بىشارەت ئېلىشنى خالىغان ئادەم ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئىستىخارە قىلىشنى خۇددى قۇرئان ئۆگەتكەندەك ئۆگىتەتتى ۋە مۇنداق دەيتتى: «سىلەر بىرەر ئىشقا ئاتلانماقچى بولغاندا، ئىككى رەكئەت نەپلى ناماز ئوقۇپ بولۇپ، مۇنۇ دۇئانى ئوقۇڭلار: ََاَلَّلَُهَُّم{ ِإِِّنِي َأَْسْ ََتَِخِْيُْرُ َكَ ِبِِعِْلِْمَِكَ َوََأَْسْ ََتَْقِْدُِرَُكَ ِبُِقُْدْ َرَِتَِكَ َوََأَْسْ َأَُلَُكَ ِمِْنْ َفَْضْ ِلَِكَ اْلَْعَِظِْيِْمِ َفَِإَِّنََكَ َتَْقِْدُِر ُ َوََلاَ َأَْقِْدُِرُ َوََتَْعَْلَُمُ َوََلاَ َأَْعَْلَُمُ َوََأَْنَْتَ َعَااَّلا ُمُ اْلُْغُيُوِبِ َاَلَّلَُهَُّمَ ِإِْنْ ُكُْنَْتَ َتَْعَْلَُمُ َهََذَ ا اَأْل� َْمَْرَ َخَ ْيًْرً ا ِلِي ِفِي ِدِيِنِي َوََمََعَاِشِ ي َوََعَاِقَِبَِةِ َأَْمِْرِي َوَ َعَاِجِِلِِهِ َوَآِجِِلِِهِ َفَاْقُْدُ ْرُْهُ ِلِي َوََيَِّسِ ْرْ ُهُ ِلِي ُثَُّمَ َبَاِرِْكْ ِلِي ِفِيِه ِ َاَلَّلَُهَُّمََ َِإِْنْ ُكُْنَْتَ َتَْعَْلَُمُ َأََّنَُهُ َشَ ٌّرٌ ِلِي ِفِي ِدِيِنِي َوََمََعَاِشِ ي َوََعَاِقَِبَِةِ َأَْمِْرِي َعَاِجِِلِِهِ َوَآِجِِلِِه ِ َفَاْصْ ِرِْفُْهُ َعَِّنِي َوَاْصْ ِرِْفِْنِي َعَْنُْهُ َوَاْقُْدُ ْرْ ِلَِيَ اْلَْخَ ْيَْرَ َحَ ْيُْثُ َكَاَنَ ُثَُّمَ َرَِّضِِنِي ِبِِه }ِ ئى ئاللاھ! سېنىڭ چەكسىز ئىلمىڭگە سىغىنىپ، سېنىڭدىن ياخشلىق سورايمەن، سېنىڭ قۇدرىتىڭگە سىغىنىپ، سېنىڭدىن كۈچ قۇۋۋەت تىلەيمەن، سېنىڭ ئۇلۇغ پەزلىڭدىن سورايمەن. سەن ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن، مەن ئاجىزمەن. سەن ھەممىنى بىلىسەن، مەن بىلمەيمەن. سەن پۈتۈن غەيبلەرنى بىلگۈچىسەن. ئى ئاللاھ! مېنىڭ بۇ ئىشىم (ھاجىتىنى ئېيتىدۇ) مېنىڭ دىنىم، دۇنيالىقىم ۋە ئاخىرەتلىكىم ئۈچۈن ھازىردا ۋە كېلەچەكتە ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلسەڭ، ئۇنى ماڭا تەقدىر قىلغىن ۋە ماڭا ئۇنى ئاسان قىلغىن، ئاندىن ئۇنىڭدا ماڭا بەرىكەت ئاتا قىلغىن. ئەگەر بۇ ئىش مېنىڭ دىنىم، دۇنيالىقىم ۋە ئاخىرەتلىكىم ئۈچۈن ھازىردا ۋە كېلەچەكتە زىيانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلسەڭ، ئۇنى مەندىن يىراق قىلغىن ۋە مېنىمۇ ئۇنىڭدىن يىراق قىلغىن، نەدىلا بولمىسۇن ماڭا ياخشىلىقنى نېسىپ قىلغىن. ئاندىن مېنى ئۇنىڭ بىلەن مەمنۇن قىلغىن›. ئاندىن ئاللاھتىن ھاجىتىڭلارنى سوراڭلار.[^4]»
كۆپ مەسلىھەت سېلىش زىيانلىقتۇر تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىرەر ئىش توغرۇلۇق مەسلىھەت سالغىنىڭىزدا، ئەتراپىڭىزدىكىلەردىن، ھەتتا دوست ۋە خىزمەتداشلىرى ڭىزدىن %90 پىرسەنت كىشى سىزنى قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزدىن سوۋۇتىدىغان ياكى سىزنى بوشاشتۇرىدىغان تەكلىپلەرنى بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىسى سەمىمىي بولمىغان ھالدا قوللاپ قويىدۇ، بەزىسى بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ۋەھىمىلەرنى سۆزلەيدۇ، يەنە بەزىسى بۇ ئىشنىڭ قىيىنلىقىنى ئېيتىپ سىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. ئۇلار بۇنى سىزنى يامان كۆرگەنلىكتىن ئەمەس، پەقەت سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىڭىز ئۇلارنىڭ مەغلۇبىيىتى كەبى بىلىنىپ كەتكەنلىكتىن شۇنداق قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلارمۇ سىزگە ئوخشاشلا ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان كىشىلەر ئەمەسمۇ؟!
ئەمما سىز مەسلىھەت سالغان كىشىلەرنىڭ %10 پىرسەنتى سىزگە شۇنداق كۈچلۈك مەدەت بېرىدۇكى، بېغىشلىغان ئېنېرگىيەسى بىلەن سىزنى دەس تۇرغۇزىدۇ ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە يېقىنلاشتۇرىدۇ. مۇبادا مۇشۇنداق ئىجابىي دوستلىرىڭىز ۋە خىزمەتداشلىرىڭىز بولسا، شۈكۈر قىلىڭكى، سىز ھەقىقەتەن تەلەيلىك ئىكەنسىز.
مەسلىھەتنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتمەڭ كىشىلەرنى غايىسىدىن ئاداشتۇرۇش، قىلماقچى بولغان ئىشىدىن سوۋۇتۇش بەزى ئىنسانلارنىڭ ھىيلىسى بولۇپ، ئۇلار بۇنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن قوللىنىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھىيلە۔مىكىرلىرىگە ئالدىنىپ كەتمەسلىك لازىم.
«ھايات ئەنە شۇنداق» دېگەن كىتابتا بىر ئادەم مۇنداق بىر قىسسىنى بايان قىلىدۇ: «مەن كېلەچىكى بار، بازىرى ياخشى بىر تىجارەتنى باشلىماقچى بولۇپ، بىر قانچە كىشىگە مەسلىھەت سالدىم. ئۇلاردىن بىرى، بۇ ئىشنىڭ كېلەچېكى قاراڭغۇلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنداق ئىشقا مەبلەغ سېلىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ، مېنى سوۋۇتتى. يەنە بىرى، ئۆزىنىڭ بۇ ئىشنى تازا بىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى، ئەڭ ياخشىسى ئالدىراپ قارار بەرمەسلىكىمنى ئېيتتى. يەنە بىرى، مېنىڭ ئۇ ئىشنى قىلالمايدىغانلىقىمنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن كاللام گاڭگىراپ قالدى ۋە توختاپ قالدىم. بىر قانچە ئايدىن كېيىن قارىسام، ماڭا بۇ ئىشنىڭ كېلەچېكىنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، مېنى ئۇنىڭدىن سوۋۇتقان دوستۇمنىڭ شۇ ئىشنى باشلاپ ئوبدانلا يولغا سېلىۋالغانلىقىنى كۆردۈم.»
ئىستانبۇلدا بىر قېرىندىشىم ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن مۇنداق بىر قىسسىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى: «بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل ئىلگىرى بىز دوستلار بىلەن بىرلىكتە دىنىمىز ۋە خەلقىمىز ئۈچۈن مەنپەئەتلىك بولغان ياخشى بىر ئىشنى باشلىماقچى بولۇپ، پېشىۋالىرىمىزدىن بىر ئۇستازغا مەسلىھەت سالغانىدۇق. ئۇستاز بۇ ئىشنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ باشلىنىپ بولغانلىقىنى، قايتا قىلىشنىڭ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىزنى ئۇنىڭدىن سوۋۇتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كەتتۇق. ئەمما ئەپسۇسكى، «باشلىنى پ بولدى» دېيىلگەن بۇ ئىش ھازىرغىچە روياپقا چىقمىدى.
يەنە بىر قېرىندىشىمىز مۇنداق دەيدۇ: «بىز دىنىي ئىلىملەر ساھەسىدە ئەمدىلا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، مەشھۇر چوڭ ئەسەرلەردىن بىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش نىيىتىگە كېلىپ، شۇ ئەسەر تەرجىمە قىلىنىپ بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن ئىلمىي خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇستازلار بىلەن ئۇچراشتۇق. ئۇلارنىڭ كۆپ سانلىقى بىزنى كۈچلۈك قوللىدى ۋە ھازىرغىچە بۇ ئەسەرنىڭ تەرجىمە قىلىنمىغانلىقىنى ئېيتتى. پەقەت بىر۔ئىككى كىشى ئۇ ئەسەرنىڭ تەرجىمە قىلىنىپ بولغانلىقىنى ۋە يېقىندا نەشردىن چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز باشقا ئەسەرلەرگە تۇتۇش قىلدۇق. ئەپسۇسكى، بۇنىڭدىن 16 يىل ئىلگىرى ‹نەشردىن چىقىدۇ› دېيىلگەن شۇ ئەسەرنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىنى كۆرمىدۇق. ئارىدا ئۇنى سورىغان بولدۇق. ئالغان جاۋابىمىز يەنە ئوخشاشلا ‹يېقىندا چىقىدۇ› دېگەنلىكتىن ئىبارەت بولدى.»
بۇنداق قىسسىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا خېلى ئۇچراپ تۇرىدۇ، شۇڭا مەسلىھەتنى ئۆزىمىز ئىشەنچ قىلىدىغان، پاراسەتلىك كىشىلەرگە سېلىشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ سىرتىدىكى ئىنسانلارغا شۇنداق مەقسىتىمىز بارلىقىنىمۇ دېمەسلىكىمىز ھېكمەتتۇر. چۈنكى، ھاياتتا ياخشى ئىشلارنى قوللايدىغانلار بولغاندەك، بۇزىدىغانلارمۇ كۆپتۇر.
✦ مەسلىھەت سېلىش بىلەن ئىستىخارە قىلىش دىنىمىزنىڭ ئەمرى ۋە ساغلام ئىش قىلىشنىڭ يولىدۇر.
✦ مەسلىھەت ئىشەنچلىك ۋە ئالىم كىشىگە سېلىنىدۇ.
✦ كۆرگەنلا ئادەمگە مەسلىھەت سېلىش ۋە كۆپ ئىككىلىنىش زىيانلىقتۇر.
- بۇ يەردىكى شەيتاندىن مۇسۇلمانلارنىڭ روھىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارغا
- مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ كۈچىنى مۇبالىغە قىلىپ يەتكۈزگەن نۇئەيم ئىبنى
- مەسئۇد دېگەن كىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. («تەپسىرى جەلالەين شەرھى 1» _
- بەت516،توم _ ).
- ئال ئىمران سۈرىسى: ئايەت159 ۔.
- ئال ئىمران سۈرىسى: ئايەت159 ۔.
- بۇخارى رىۋايىتى.
« كىمكى شۈكۈر قىلىدىكەن، پەقەت ئۆزى ئۈچۈن شۈكۈر قىلغان بولىدۇ.» —لۇقمان سۈرىسى: 12 ۔ ئايەت.
خۇشاللىق ئىنساننىڭ ئىچىدىن كېلىدىغان رازىمەنلىك تۇيغۇسى بولۇپ، ئۇنى مىننەتدارلىق روھى بولغان ھەرقانداق ئادەم چىقىرالايدۇ. شۇڭا خۇشاللىقمىزنىڭ مەنبەسىنى باشقىلاردىن ئەمەس، ئۆزىمىزدىن ئىزدىشىمىز لازىم. ناۋادا خۇشاللىقىمىزنىڭ مەنبەسىنى ئەتراپىمىزدىكىلەرگە باغلىۋالساق، ئۇلاردىن ئاغرىنىشتىن باشقىسىغا ئېرىشەلمەيمىز. چۈنكى، خۇشاللىقنى ئۇلار بېرەلمەيدۇ.
ئەگەر سىز ئەتراپىڭىزدىكى ئىنسانلاردىن رازى ئەمەس، ھەمىشە ئۇلاردىن ئاغرىنىپلا يۈرىدىغان بىرى بولسىڭىز، بىلىڭكى، بۇ ئۆز خۇشاللىقىڭىزنى باشقىلاردىن كۈتكەنلىكىڭىز ۋە سائادەتنىڭ مەنبەسىنى ئۇلارغا باغلىۋالغانلىقىڭىز سەۋەبىدىندۇر. چۈنكى، سىز باشقىلارنىڭ ئۆزىڭىزنى خۇشال قىلىشىنى، سىزگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلىۋاتىسىز. دېمەك، مەسىلە باشقىلاردا ئەمەس، بەلكى ئۆزىڭىزدە ۋە خۇشاللىقىڭىزنىڭ، غەمكىنلىكىڭىزنىڭ مەنبەسى پەقەت ئۆزىڭىز ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇغانلىقىڭىزدا بولماقتا.
خۇشاللىق ناھايىتى ياخشى نەرسە. چۈنكى، خۇشال يۈرىدىغان ئىنسانلارنىڭ تېنى ساق، ئۆزى بەختلىك، كەيپىياتى ياخشى بولىدۇ. خۇشاللىقنىڭ مېۋىسى ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش بولۇپ، شۇنداق چاغدىكى
﴿فَإِذَا عَزَمْتَ فَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ﴾
خۇشاللىق ھەقىقىي خۇشاللىقتۇر.
﴿فَإِذَا عَزَمْتَ فَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ﴾
«ئېيتقىنكى، «ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇ پەزلى ۋە رەھمىتىدىن خۇشال بولسۇن، (بۇ) ئۇلارنىڭ يىغقان (مال _ دۇنيا) لىرىدىن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر [^1]».
دۇنيادا ھەرقانداق ئادەم خۇشاللىق ئىزدەيدۇ، خۇشال بولۇش ئۈچۈن بەدەللەرنى تۆلەيدۇ، خۇشاللىق ئىزدەپ جاپالىق سەپەرلەرگە، قىممەت ساياھەتلەرگە چىقىدۇ، ھەتتا بەزى ئىنسانلار خۇشال بولۇش ئۈچۈن گۇناھ۔ مەسىيەتلەرنىمۇ سادىر قىلىدۇ. ئەمما ئۇلار ئىزدىگەن خۇشاللىقىنى تاپالمايدۇ.
خۇشاللىق نەدە؟
بىر كۈنى ئىبلىس شەيتانلارغا چوڭ بىر زىياپەت بېرىدۇ، ئۇ زىياپەت ئەسناسىدا، شەيتانلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان ئىنساننىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تېپى پ چىقىشقا بۇيرۇيدۇ. شەيتانلاردىن بىرى، «ئىنساننىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسى ئۇنىڭ بايلىقىدۇر. بىز ئۇنى ئوغرىلايلى» دەيدۇ.
ئىبلىس: ياق، بەلكى ئۇنىڭ بايلىقىنى كۆپەيتەيلى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مەسىلىلىرى كۆپەيسۇن، غەمكىنلىكى ئاشسۇن، ئاندىن ئۇنىڭ بەختسىزلىكىنى كۆپەيتىمىز» دەيدۇ.
يەنە بىر شەيتان: «ئەڭ ياخشىسى، بىز ئىنساننىڭ ئەقلىنى ئوغرىلايلى، چۈنكى ئەقلى ئۇنىڭدىكى قىممەتلىك بايلىقتۇر» دەيدۇ.
ئبلىس: «ياق، ئۇنىڭ ئەقلىنى ئوغرىلىساق، ئۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ بەختسىزلىكىنى ۋە غەم۔ئەندىشىلىرىنى قانداق ھېس قىلالايدۇ؟» دەيدۇ.
يەنە بىر شەيتان تۇرۇپ، «ھەرقانداق ئىنساننىڭ ئىزدەيدىغان نەرسىسى خۇشاللىقتۇر. شۇڭا بىز ئۇنىڭ خۇشاللىقىنى ئوغرىلايلى » دەيدۇ.
ئىبلىس بۇ پىكىرگە مۇۋاپىق كېلىدۇ ۋە ئىنساننىڭ خۇشاللىقىنى ئوغرىلايدۇ. ئەمما ئۇلار يەنە بىر مەسىلىگە ئۇچرايدۇ. ئۇ بولسىمۇ، ئوغرىلىغان بۇ خۇشاللىقنى نەگە يوشۇرۇش ئىدى.
شەيتانلاردىن بىرى، «ئۇنى ئىنسان ئىزدەپ تاپالمايدىغان جايغا يوشۇرايلى، دېڭىزنىڭ تېگى بەك پىنھان جاي، شۇڭا ئۇنى دېڭىزنىڭ تېگىگە يوشۇرايلى» دەيدۇ.
يەنە بىر شەيتان «ئۇنى ئىنسان بارالمايدىغان ئۇزاق جايلارغا ئاپىرى پ كۆمۈپ قويايلى» دەيدۇ.
ئىبلىس بۇ پىكىرلەرنىڭ ھېچقايسىسىغا قوشۇلماي مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسان يىراقلارغا بارالايدىغان تېز سۈرئەتلىك قاتناش قوراللىرىنى ئىجاد قىلالايدۇ، دېڭىزنىڭ ئاستىغا شۇڭغۇيدىغان غەۋۋاسلارنى تاپالايدۇ ياكى ياسىيالايدۇ. ئۇنى بەرىبىر تېپىۋالىدۇ. شۇڭا ئىنساننىڭ خۇشاللىقىنى ئۇنىڭ قەلبىگە يوشۇرايلى. چۈنكى، شۇنداق قىلساق، ئۇ خۇشاللىقنى بايلىقتىن ئىزدەپمۇ تاپالمايدۇ، نام۔شۆھرەتتىن ئىزدەپمۇ تاپالمايدۇ، شەھۋەتتىن ئىزدەپمۇ تاپالمايدۇ. ئەمما ئۇ خۇشاللىقنىڭ قەلبىدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ ۋە ئۇ يەرنى قەتئىي ئىزدىمەيدۇ. شۇڭا ئۇ خۇشاللىقنى باشقا يەرلەردىن ئىزدەپ بەختسىز ھايات كەچۈرىدۇ.»
شەيتانلار ئىبلىسنىڭ بۇ دانا پىكىرىنى ئاڭلاپ چاۋاك چېلىشى پ كېتىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئەقلىگە ئاپىرىن ئوقۇشىدۇ. شۇ كۈندىن بېرى ئىنسان خۇشاللىقنى ئۆزىگە ئەڭ يېقىن بولغان قەلبىدىن ئەمەس، يوق يەرلەردىن ئىزدەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
✦ سىز ئۆزىڭىزنىڭ خۇشاللىقىنى يارىتىدىغان يېگانە مەۋجۇداتسىز.
✦ سائادەت بېرىلمەيدۇ، بەلكى يارىتىلىدۇ.
✦ ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش خۇشاللىقتۇر.
✦ ئۆزىدىكى نېمەتلەرنى بىلىش خۇشاللىقتۇر.
✦ مېھىر۔مۇھەببەت خۇشاللىقتۇر.
✦ بېغىشلاش خۇشاللىقتۇر.
✦ يۈرەكتىن كۈلۈش خۇشاللىقتۇر.
✦ خۇشال بولۇش ياكى غەمكىن بولۇش بىزنىڭ قارارىمىزدۇر.
- يۇنۇس سۈرىسى: ئايەت58 ۔.
« ئەپۇ قىلغىن ۋە كەچۈرگىن.» —مائىدە سۈرىسى: 13 ۔ ئايەت. سىز باشقىلارغا ئۆزرىخاھلىق ئېتيتقان ۋاقتىڭىزدا ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويغانلىقىڭىزنىڭ بەدىلىنى تۆلەشكە ئۇرۇنغان بولىسىز، ئەمما باشقىلار سىزگە قىلغان يامانلىقى ئۈچۈن سىزگە ئۆزرىخاھلىق ئېيتمىسا، ئەھۋال قانداق بولماقچى؟ بۇ ئەھۋالدا، سىزنىڭ ئۇنتۇش ۋە كەچۈرۈش سەنئىتىنى ئۆگىنىشىڭىز زۆرۈر. بۇ ئۇلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىز ئۈچۈندۇر. بالىلىق چاغلىرىمنىڭ كۆپ قىسمى كۈندۈزى مەكتەپكە بېرى پ، ئاخشىمى يوشۇرۇن مەدرىسىدە قۇرئان يادلاش بىلەن ئۆتتى. بۇنى ھاياتىمنىڭ ئەڭ مەنىلىك چاغلىرى دەپ ئويلايمەن. 80 ۔ يىللارنىڭ باشلىرىدا ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى جامە ۋە مەسجىدلەرنىڭ ئېچىلىشقا باشلىشى ھەممە كىشىنى خۇشال قىلغىنىدەك، مېنى ۋە ساۋاقداشلىرىمنىمۇ بەك خۇشال قىلغانىدى. چۈنكى، ئەمدى بىز جۈمە نامازلىرىنى كىچىك ئۆيلەردە مەخپىي ئەمەس، چوڭ جامەدە ئاشكارا ئوقۇيدىغان بولغانىدۇق. بىر كۈنى سەھەردە دادام بىلەن ناھىيەمىزنىڭ چوڭ جامەسىگە بامدات نامىزىنى ئوقۇشقا باردۇق. بامداتتىن كېيىن ئىمام ئاخۇنۇم ئادىتى بويىچە جامائەتكە ۋەز۔تەبلىغ قىلىپ بەردى. جامائەت بىلەن ئاشكارا ناماز ئوقۇش ۋە ۋەز۔تەبلىغ ئاڭلاش دېگەنلەر بىز ئۈچۈن بىر يېڭىلىق ھېسابلانغان بولسا كېرەك، پېقىر بەك ھاياجانلاندىم ۋە خۇشاللىقىمنى ئىپادىلەپ شۇ كۈنى جامەگە بېرىپ كېلىش جەريانىدىكى تەسىراتىمنى يازدىم ۋە ئۇنى مەكتەپتە دوستلىرىمغا ئوقۇپ بەردىم. ئەپسۇسكى، ئۇ بىر بەتلىك تەسىراتىم سىنىپتا ئۈستەلدە ئۇنتۇلۇپ قالغانىكەن. ئۇنىڭ مەكتەپتە قالغانلىقىنى ئۆزۈممۇ بىلمەي قاپتىمەن. ئەتىسى مېنى باشقا بىر سىنىپنىڭ مۇئەللىمى ئابدۇقادىر مۇئەللىم ئىلمىي مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ، ھېلىقى يازمامنى ئالدىمغا قويدى ۋە ماڭا «سېنىڭ داداڭ ئەكسىيەتچى ئۇنسۇر ئىكەن. نېمىشقا داداڭ بىلەن جامەگە باردىڭ؟ ساڭا كىم رۇخسەت قىلدى؟ ئەگەر خالىسام بۇ يازماڭنى مەكتەپ رەھبەرلىكىگە تاپشۇرىمەن، ئاندىن پارتىيە، ھۆكۈمەت سەن بىلەن داداڭغا قارىتا چارە كۆرىدۇ. ئەگەر سەن ›تۆۋەنامە› يازساڭ سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ» دەپ تەھدىت سالدى. مەن بەك قورقۇپ كەتتىم.
ئەتە يېزىپ كېلەي دېگەننى بىلدۈرۈپ ئاران قۇتۇلدۇم ۋە دەرھال ئۆيگە قايتىپ دادامغا دېدىم.
دادام مەسىلىنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ قالدى، ئاندىن «ھەي قىزىل پاچاق ئوغرى!» دەپ مۇئەللىمگە كايىپ قويۇپ، مەكتىپىمىزنىڭ ئىلمىي مۇدىرى مەمتىمىن باۋۇدۇننىڭ ئۆيىگە بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۆيدىن چىقى پ كەتتى. مەمتىمىن باۋۇدۇن مۇئەللىم بىلەن دادام تونۇش ھەم تۇغقانچىلىقىمۇ بار ئىدى. دادام ئاخشىمى قايتىپ كېلىپ ماڭا: «تۆۋەنامە يازمايسەن، ئەمما ئۇنداق تەسىراتلارنى يېزىپ ئولتۇرما» دېدى. ئەتىسى مەكتەپكە بارسام ھېچكىم گەپ قىلمىدى، ئۇ ئىش ئۇنتۇلۇپ كەتكەندەك بولۇپ قالدى، ئەمما مەن ئابدۇقادىر مۇئەللىمنى ئۇنتۇمىدىم، ئۇنىڭغا بەك ئۆچ بولۇپ كەتتىم، ئۆچمەنلىكىم كۈندىن۔كۈنگە ئېشىپ ماڭدى. بىر كۈنلەردە ئۇ قىزىل پاچاق مۇئەللىمدىن ئۆچ ئېلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىگەنمۇ بولدۇم. ئەقلىمگە بىر كۈن ئاخشىمى چىقىپ، ئارقىسىدىن بېشىنى تاش بىلەن يېرىۋېتىشنىمۇ ئويلىدىم، ھەتتا ئۇنىڭ ۋېلىسىپىتىنىڭ يېلىنى چىقىرىۋېتىشنىمۇ ئويلىدىم، ئەمما بۇنىڭ بىلەنمۇ ئاچچىقىم چىقمايتتى. ئاندىن «ياق، مەن ئوبدان ئوقۇپ، مۇدىر بولسام، شۇ چاغدا ئاچچىقىمنى ئالالايمەن» دېگەننى ئويلاپ شۇنى قارار قىلدىم. ئەمما مەن ئۇزۇن ئۆتمەي تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا قۇرئاننى پىششىقلاش بىلەن دىنىي ئوقۇشقا كىرىشتىم. شۇنداقتىمۇ ئابدۇقادىر مۇئەللىمگە بولغان ئاچچىقىمنى ئۇنتۇپ قالمىدىم. 86 ۔ يىلى مىسىرغا ئوقۇشقا چىقىپ كەتتىم. ۋەتەندىكى بالىلىقمنى ئويلىساملا ئاشۇ ئىش ئېسىمگە كېلىۋېلىپ مېنى بەك قىينىدى. چۈنكى مەن ئابدۇقادىر مۇئەللىمدىن ئاچچىقىمنى ئالالمىغانىدىم. بىر كۈنى ئەزھەر بىلىمگاھىنىڭ سىنىپلىرىدىن بىرىدە تەپسىر ئۇستازىمىز:
﴿الَّذِينَ يُنفِقُونَ فِي السَّرَّاءِ وَالضَّرَّاءِ وَالْكَاظِمِينَ الْغَيْظَ وَالْعَافِينَ عَنِ النَّاسِ ۗ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ﴾
«تەقۋادارلار باياشاتچىلىقتىمۇ، قىيىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا پۇل-مال سەرپ قىلىدىغان، ئاچچىقىنى باسالايدىغان، ئىنسانلارنى ئەپۇ قىلالايدىغان كىشىلەردۇر. ئاللاھ (مۇشۇنداق) ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ [^1]» دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرىنى ناھايىتى چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەپ بەردى. سۆزىنىڭ ئاخىردا «ئەپۇ قىلماسلىق، ئاداۋەت ساقلاش ئىنسان ئۈچۈن ئېغىر يۈكتۇر. بۇنىڭدىن قۇتۇلمىغان ئادەم ئۆزىنى ئازابلاشنى داۋاملاشتۇرغان بولىدۇ» دېدى. شۇ چاغدا مەنمۇ ئۈستۈمدىكى ئاشۇ يۈكتىن قۇتۇلۇشقا بەل باغلىدىم، نەپسىمگە ئېغىر كەلسىمۇ ئابدۇقادىر مۇئەللىمنى كەچۈرۈۋەتتىم، ئاندىن ئۆزۈمنىڭ يەڭگىللەپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم، ئەمما مۇئەللىمنىڭ شۇ چاغدىكى ۋاقىراشلىرىنى ۋە چىراي ئىپادىسىنى ھېلىھەم ئۇنتۇپ قالمىدىم.
ئوقۇغۇچىلىق چاغلىرىمدىن بېرى نەتىجە ياراتقان زاتلارنىڭ ۋە مەشھۇر شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇشقا قىزىقاتتىم. بىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ 34 ۔ رەئىسى دېۋىد ئىزىنھاۋۇرنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇۋېتىپ، ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىن بېرى كۆكسىدە توشۇپ كېلىۋاتقان ۋە ھېچ ئۇنتۇيالمىغان بىر ئاداۋىتىنى قىزىقىپ ئوقۇپ چىقتىم. ئۇ ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالىدا مۇنداق دەپ يازغانىكەن: «كىچىكىمدىن نەي چېلىشنى بەك ياخشى كۆرەتتىم، لېكىن ئائىلىمىزنىڭ يوقسۇللۇقى سەۋەبلىك نەي ئېلىشقا كۈچۈم يەتمەيتتى. بەش ياشتا ئىدىم، بىر كۈنى ئۆيىمىزنىڭ نېرىقى مەھەللىسىدە كىچىك بىر دۇكاندا نەي كۆرۈپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن ئىككىلەنمەيلا دۇكانچىنىڭ ئالدىغا بېرىپ نەينىڭ باھاسىنى سورىۋېدىم، مېنى مەنسىتمىگەن قىياپەتتە نەينىڭ ئىككى دوللار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئىككى دولار ئۇ چاغلاردا بىزدەك بالىلار ئۈچۈن چوڭ پۇل ئىدى. ئۇنى ئالالمىدىم. ئەمما بىر كۈنى چوقۇم ئېلىشنى ئويلاپ، ئۆيدىكىلەر بېرىدىغان سىنتلارنى خەجلىمەي بىر خالتىغا سېلى پ يىغىشقا باشلىدىم. بىر كۈنى جاسارىتىمنى توپلاپ دۇكانچىنىڭ يېنىغا كىردىم ۋە نەينى ئالىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ خالتامدىكى سىنتلارنى تۆكتۈم. دۇكانچى سىنتلارنىڭ ھەممىسىنى ساناپ ئالدى، ئاندىن گەپ قىلماي نەينى ماڭا ئۇزاتتى. بەك خۇشال بولدۇم ۋە نەينى ئېلىپ ئۇدۇل ئۆيگە كەتتىم. نەينىڭ خۇشاللىقى بىر ھەپتىگىچە داۋام قىلدى. ئاندىن بىر ئاخشىمى ھېلىقى دۇكانغا كىرىۋېدىم، دۇككانچى ئايالىغا مەن توغرۇلۇق مەسخىرە ئارىلاش گەپ قىلىشقا باشلىدى. مەن باشقا نەرسىلەرگە قارىغان قىياپەتتە تۇرۇپ ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم. ئۇ ئايالىغا «بۇ ئەخمەق شۇم بىر دوللارلىق نەي ئۈچۈن بىزگە بەش دولار بېرى پ كەتتى. زادى بۇنداق نامرات شۇملارنىڭ كاللىسى ئىشلىمەيدۇ» دېگەنىدى. ئۇ چاغدا قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى، مۇشتلىرىم تۈرۈلدى، چىشلىرىم غۇچۇرلىدى. ئەمما ئۇنىڭغا كۈچۈم يەتمەيتتى. شۇڭا گەپ قىلماي ئۆيگە كەتتىم. يولدا ماڭغاچ يىغلىدىم، ئىچىمدە دۇكانچىنى تىللىدىم. ئۆيگە يېتىپ كېلىپ نەينى سۇندۇرۇپ تاشلىدىم. دۇكانچىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى سەت چىرايىنى ئۇنتۇماسلىققا ۋە چوقۇم ئۆچ ئېلىشقا قەسەمياد قىلدىم. بالىلىقىمدىكى بۇ ۋەقەلىككە نەچچە ئون يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ئاشۇ چاغدىكى نەپرەت ۋە ئىنتىقام ئوتى مەندە ئۇنتۇلغىنى يوق.»
ئەمدى ئويلاپ كۆرەيلى، دېۋىد ئىزىنھاۋۇر ئامېرىكىغا رەئىس بولۇشتىن بۇرۇن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قوماندىنى بولۇپ، ياپون ئۇرۇشىغا ۋە باشقا كۆپلىگەن ئۇرۇشلارغا قاتناشقان، ياۋروپادا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرلىرىگە قوماندان بولغان ۋە سەپداشلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا جان ئۈزگەنلىكىنى كۆپ قېتىم كۆرگەن، نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بىرى تۇرۇقلۇق، بالىلىق چېغىدىكى كىچىككىنە بىر كۆڭۈلسىزلىكنى ئۇنتۇيالمىغان ۋە ئۆزىگە يامانلىق قىلغان دۇكانچىنىڭ يۈزىنى ئېسىدىن چىقىرالمىغان.
يۇقىرىقى ئىككى ۋەقەلىكتىن نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟
✦ 1. بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئاددىي ساناشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۆگىنىمىز. چۈنكى، بالىلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان يامانلىقلارنى ۋە قوپال مۇئامىلىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ، بەزى يامانلىقلارنى ئۆلگەنگە قەدەر ئۇنتۇمايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر كىچىك بالىلارنى يامانلىقنى چۈشەنمەيدۇ ۋە ئۇنتۇپ كېتىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. ئەمما ھەقىقەت شۇكى، بالىلارنىڭ مېڭىسى كونا خاتىرىلەرنى مەھكەم ساقلايدۇ، بولۇپمۇ ئۆزلىرىگە يامانلىق قىلغان، ناچار مۇئامىلە قىلغان، تىللىغان، پەس كۆرگەن، مەسخىرە قىلغان ئادەملەرنى قەتئىي ئۇنتۇمايدۇ.
ئۇنتۇغاق كېسىلى بولۇپ قالغان كىشىلەر بۈگۈن ناشتىدا نېمە يېگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىدىكەن، ئەمما ئۇلار بالىلىق چاغلىرىنى ۋە شۇ چاغلاردىكى ۋەقەلىكلەرنى ئۇنتۇپ قالمايدىكەن. بۇ ئەھۋال شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىنسانلار كۆپ نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمما بالىلىق چاغلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغانلارنى ئۇنتۇپ كېتىشى مۇمكىن، ئەمما يامانلىق قىلغانلارنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
شۇڭا بالىلارنى چۈشەنمەيدۇ، بىلمەيدۇ، ھېس قىلمايدۇ، دەپ ئويلاپ ئۇلارنى مەنسىتمەسلىك ئىنتايىن خاتالىقتۇر. ئەكسىچە، بالىلار بىز ئويلىغاندىن نەچچە ھەسسە ئەقىللىق ۋە ھوشياردۇر. شۇڭا بالىلار ئۆزلىرىدىكى ساپ تەبىئەت سايىسىدا تۇغقانلار ۋە يېقىنلار ئارىسىدىكى يامانلىق چاچىدىغان كىشىلەرنى بىلىدۇ، شۇڭا ئۇلاردىن قاچىدۇ. ئەمما ئاتا-ئانىلار بۇنى بەك كېچىكىپ بىلىپ قالىدۇ. شۇڭا بالىلار دوستلارنى تاللاشتا ئاتا۔ئانىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىشى، ئاتا۔ئانىلارنىڭمۇ تۇغقانلارنىڭ ۋە يېقىنلارنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىشتە بالىلارنىڭ يۈرىكىنى تىڭشىشى كېرەك. چۈنكى، بالىلار يالغان ئېيتمايدۇ، ئۇلارنىڭ سۈزۈك قەلبىمۇ يالغان ئېيتمايدۇ.
✦ 2. ئۇنتۇش ۋە كەچۈرۈشنىڭ ئۆزىمىز ئۈچۈن زرۈر ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىمىز. چۈنكى، ئويلاپ باقايلىكى، ئەگەر بىز بېشىمىزغا كەلگەن بارلىق خاپىلىقلارنى، كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ۋە مۇسىبەتلەرنى ئۇنتۇمىساق، ئەس۔يادىمىز ئۆتمۈشنىڭ ئازابلىرىدا بولۇپ قالسا بىزنىڭ ھالىمىز قانداق بولار؟
كۆڭلىمىز ئۆتمۈشنىڭ ئازابلىق كۈنلىرى بىلەن بولۇپ قالغاندا بىزنىڭ خۇشاللىنىش ۋە راھەتلىنىش ئۈچۈن پۇرسىتىمىز قالمايدۇ. شۇڭا بىز ئۇنتۇش ۋە كەچۈرۈش ئارقىلىق ئۈستىمىزدىن بىزنى ئازابلىغان بىر يۈكنى ئېلىپ تاشلىغان بولىمىز. بۇ بىزگە يامانلىق قىلغانلار ئۈچۈن قىلىنغان شەپقەت ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزگە قىلغان شەپقىتىمىز ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، پايدىسىنى ئاۋۋال بىز كۆرىمىز.
شۇمۇ ئېنىقكى، مۇستەملىكىچىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ سالغان جەۋر۔ زۇلۇملىرىنى ئۇنتۇماسلىق، پەرزەنتلەرنى زالىملارغا قارشى ئىنتىقامچى بولۇش، مۇستەملىكىچىگە باش ئەگمەسلىك، زۇلۇمغا ۋە ھەقسىزلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئەخلاق۔پەزىلەت ئۈستىدە يېتىشتۈرۈش لازىم.
✦ «كىچىك ۋاقتىدا ئۆگىنىش تاشقا مۆھۇر باسقانغا ئوخشاشتۇر »
دېگەن ھېكمەت بالىلىق ئەسلىمىلىرىگىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.
چۈنكى، ھەر ئىككىسى ئۇنتۇلمايدۇ.
✦ بىز بىراۋنىڭ قىلغان يامانلىقىنى ئۇنتۇش ۋە ئۇنى كەچۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىمىزگە ياخشىلىق قىلغان بولىمىز.
✦ بىزگە يامانلىق قىلىش يامانلىق قىلغۇچى ئالغان قارار بولسا، ئۇنىڭ تەسىرى ئاستىدا قېلىش بىز ئالىدىغان قاراردۇر.
- ئال ئىمران سۈرىسى: ئايەت134 ۔.
« سىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار.» —زۇمەر سۈرىسى: 53 ۔ ئايەت. خۇشاللىق بىلەن كۆڭۈلسىزلىك ۋاقىتلىق ھېسسىيات بولۇپ، ئۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ ۋە ئۇزۇن داۋام قىلمايدۇ، ئەمما ئۈمىدۋارلىق ئۆزگەرمەيدىغان ئېتىقاد ۋە داۋاملىشىدىغان خاتىرجەملىكتۇر. شۇڭا بىز ئۈمىدۋار بولغىنىمىزدا ھەمىشە خۇشال تۇرغاننىڭ سىرتىدا، تەن سىاقلىقنى ساقلاش، كېلەچەكنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش قاتارلىق كۆپلىگەن پايدىلارغا ئېرىشىمىز. تېببىي تەتقىقاتلار كۆپلىگەن كېسەللىكلەرنىڭ ئادەمنىڭ روھىي ھالىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان بولۇپ، ئۇنداق كېسەللەر ئومۇمەن روھىي ھالىتىنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەن ساقىيىدىكەن. روھىي ھالەتنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈمىدۋارلىق بىلەن بولىدىكەن. شۇڭا ئۈمىدۋار كىشىلەر ئوڭايلىقچە كېسەل بولمايدىكەن، كېسەل بولغاندىمۇ ساقىيىشقا بولغان كۈچلۈك ئۈمىد سايىسىدا ساقىيىپ كېتىدىكەن. جازىبىيەت قانۇنى تەكىتلەيدۇكى، بىزنىڭ ھاياتتىكى تەلەيلىرىمىز ۋەقەلىكلەرگە بولغان كۆزقارىشىمىز ۋە ئۈمىدۋارلىقىمىزغا قاراپ يۈكسىلىدىكەن. چۈنكى، ئۈمىدۋار ۋە ئىجابىي كىشىلەرنىڭ تەن ساقلىقى ياخشى، ئۆمرى ئۇزۇن، تۇرمۇشى بەختلىك بولىدىكەن. ئۇنداق كىشىلەر ھاياتنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ۋە مۇسىبەتلىرىنى ئەڭ ئاز تەسىرگە ئۇچرىغان ھالدا، ئەڭ ئوڭاي يول بىلەن بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ئەينىشتېين «ئاكتىپ كىشىلەرگە ھەرقانداق قىيىنچىلىق ئۈچۈن چىقىش يولى كۆرۈنىدۇ، ئەمما پاسسىپ كىشىلەرگە ھەرقانداق چىقىش يولىدىمۇ قىيىنچىلىق كۆرۈنىدۇ» دېگەنىكەن. ئالىملارنىڭ يەكۈنلىشىچە،
بەختسىزلىكىمىزنىڭ 10% گە ھادىسىلەر سەۋەب بولسا، گە90% بىزنىڭ ھادىسىلەرگە قارىتا كۆزقارىشىمىز سەۋەب بولىدىكەن.
شىۋىتسىيەدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا ئىنسانلاردىكى ئۈمىدۋارلىق ۋە ئاكتىپلىق تۆۋەندىكى نەتىجىلەرنى كۆرسەتكەن:
✦ ئۈمىدۋار ۋە ئاكتىپ كىشىلەرنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى باشقىلارغا قارىغاندا 40% يۇقىرى بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئېغىر كۈلپەتلەرگىمۇ ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ۋە ئەڭ يامان ئەھۋالدىمۇ ياخشى كۈنلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىدۋارلىق ئىچىدە بولىدىغانلىقى يۈزىسىدىندۇر.
✦ ئۇلار ئىستېمال قىلىۋاتقان دورا۔دەرمەكلىرىدىن باشقىلارغا قارىغاندا 30% ئارتۇق مەنپەئەت ئالىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ شىپا تېپىشىغا ئىشەنگەنلىكى ۋە ئۈمىدۋارلىقى يۈزىسىدىندۇر.
✦ ئۇلاردا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى باشقىلارغا قارىغاندا 9% تۆۋەن بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئۈمىدۋارلىق سايىسىدا كەيپىياتىنى تەڭشەپ تۇرغانلىقىدىندۇر.
✦ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئوپېراتسىيە قىلىنغانلىرىنىڭ قايتا77% دوختۇرغا بارمايدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ساقايغانلىقىغا ۋە كېلەچەكتىكى گۈزەل كۈنلەرگە ئىشەنگەنلىكى يۈزىسىدىندۇ.
✦ ئۇلارنىڭ قان بېسىمى ئۆرلەپ كەتمەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ غەم۔ ئەندىشىدىن ۋە جىددىيلىشىشتىن ساقلانغانلىقى يۈزىسىدىندۇر.
✦ ئۈمىدۋار كىشىلەر باشقىلارغا قارىغاندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆمرى 85 يىل ئەتراپىدا بولىدۇ.
«نېمە ئۈچۈن قويلار دوختۇرغا بارمايدۇ» ناملىق كىتابتا گېرمانىيەلىك دوختۇر رايك ھايمىر ھەققىدە توختالغان بولۇپ، مەزكۇر دوختۇر كېسەللەرنى پىسخىكىلىق ئۇسۇللار بىلەن داۋالاشتا يىگىرمىنچى ئەسىردە يۇقىرى شۆھرەت قازانغان بىرى ئىكەن. ئۇ راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغان 6270 كىشىنى پىسخىكىلىق ئۇسۇلدا داۋالىغان بولۇپ، ئۇلاردىن 6000 كىشى شۇ ئېغىر كېسىلى بىلەن يەنە تۆت يىلدىن كۆپرەك ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.[^1] شەك قوبۇل قىلمايدىغان رېئاللىق شۇكى، ھەرقانداق بىر كېسەلدىكى ساقىيىشقا بولغان ئۈمىدۋارلىق ۋە ئاكتپلىق ئۇنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە كېسەلدىكى ئۈمىدسىزلىك ۋە پاسسىپلىق ئۇنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇددۇسىيدا: «بەندەم مەن توغرۇلۇق قانداق ئويدا بولسا، مەنمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىمەن، ياخشى ئويدا بولسا ياخشى، يامان ئويدا بولسا يامان بولىدۇ [^2]» دېگەن.
ئىمام بۇخارى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى سەھرالىق بىر ئەرەبنىڭ كېسىلىنى يوقلاپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: «ھېچ ۋەقەسى يوق، ئاللاھ خالىسا ساقىيىپ قالىسىز» دەيدۇ. بۇنى ئاڭلىغا ھېلىقى سەھرالىق ئەرەب: «سەن مېنى ساقىيىسەن دەۋاتامسەن؟ ياق، بۇ چېكىگە يەتكەن قىزىتما، مەندەك قېرى ئادەمنى قەبرىگە ئېلىپ بارىدىغان كېسەلدۇر» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «شۇنداق بولغاي ئەمىسە [^3]» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەم ئۆلىدۇ. دېمەك، ئاللاھ تائالا بۇ ئادەمگە ئۆزىنىڭ قانداق قاراشتا بولغانلىقىغا قاراپ مۇئامىلە قىلغان. ئەگەر بۇ ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ شىپالىق بېرىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولغان بولسا، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ شىپا تېپىشىغا دۇئا قىلغان بولار ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالا شىپالىق بېرىشى مۇمكىن ئىدى.
✦ ئۈمىدۋارلىق يوشۇرۇن كۈچ بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ رېئاللىققا ئاكتىپ قارىشىمىزغا مۇجەسسەملەنگەن.
✦ سىز ھەر زامان ياخشى ئويدا بولۇڭ ۋە ھەر نەرسىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىنى كۈتۈڭ. چۈنكى سىز ئاخىر ئۆزىڭىز كۈتكەن نەرسىنى تاپىسىز.
✦ ئۈمىدۋارلىق سىزنىڭ قارارىڭىز، ئەمما ئۈمىدسىزلەندۈرۈش باشقىلارنىڭ قارارى، ئەڭ ياخشىسى سىز بىرىنچىسىنى تاللاڭ، ئىككىنچىسىنى ئۇنتۇپ كېتىڭ.
- «فىستىق نەزىرىيەسى» ناملىق ئەسەر، بەت186 ۔.
- ئىمام تەبەرانىي رىۋايىتى.
- ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
« ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلار قۇياشنى ئوڭ يېنىمغا، ئاينى سول يېنىمغا قويۇپ بەرگەن تەقدىردىمۇ مەن بۇ يولدىن ۋاز كەچمەيمەن ياكى شۇ يولدا ھالاك بولىمەن.» —ھەدىس شەرىپ
بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان جاھىللىق ئىلىم۔مەرىپەتتىن مەھرۇم قالغان نادانلىق ئەمەس، بەلكى ئۆز مەۋقەسىدە، ئەقىدىسىدە، پىكىر۔قارىشىدا ۋە ئۆز ئىشىدا چىڭ تۇرىدىغان قەتئىيلىك ۋە قايتماسلىقتۇر. بۇ مەنىدىكى جاھىللىق ھەممىمىزدە بولۇشقا تېگىشلىك گۈزەل خىسلەتتۇر. چۈنكى، نەتىجە قازانغانلار، غەلىبە قىلغانلار ۋە پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلارنىڭ ھەممىسى جاھىللىق روھىغا ئىگە قايتماس كىشىلەردۇر. شۇڭا دەيمىزكى،
✦ جاھىللىق بىزنى ئۆز مەيدانىمىزدا ئاخىرىغا قەدەر مۇستەھكەم تۇرغۇزىدىغان ئىرادىدۇر.
✦ جاھىللىق ھەممە ئادەم ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلغاندىمۇ ئۆز پىلانىدىن ۋاز كەچمەسلىكتۇر.
✦ جاھىللىق توسقۇنلۇقلار ۋە قىيىنچىلىقلار ئالدىدا ئارقىغا قايتماسلىقتۇر.
✦ جاھىللىق كۆپ قېتىم يېڭىلگەن بولساقمۇ، بىزنى ئۆزىمىزگە ۋە قۇدرىتىمىزگە ئىشەنگەن ھالدا تۇتۇپ تۇرىدىغان ھالەتتۇر.
✦ جاھىللىق قارشىلىقلار ۋە دۈشمەنلىكلەر ئالدىدىكى پولاتتەك ئىرادىنىڭ كۆرۈنگەن يۈزىدۇر.
✦ جاھىللىق بارلىق چارە۔تەدبىرلەر تۈگىگەن، ئەتراپتىكىلەر ۋاز كېچىشكەن ئۈندەپ تۇرغان ۋاقىتتىكى ئەڭ ئاخىرقى قورغاندۇر.
✦ جاھىللىق مۇستەبىتلەرگە قارشى ئەڭ ئۈنۈملۈك قورالدۇر.
✦ جاھىللىق ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنىڭ دەلىلىدۇر.
جاھىللىق ۋاز كېچىشتىن ياخشىدۇر جاھىللىق ۋاز كېچىشتىن، چۈشۈپ بېرىشتىن ۋە قويۇپ بېرىشتىن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر. ۋاز كېچىشنىڭ ئەڭ يامان تۈرى ئۆز مەۋقەسىدىن ۋاز كېچىش، ئۆزىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ھەققىدىن چۈشۈپ بېرىش ۋە زالىملارغا قويۇپ بېرىشتۇر. ئەجدادلىرىمىزنى مۇستەملىكىچىلەرگە باش ئەگمەيدىغان، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ۋە مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلمايدىغان، ھەتتا تىلىنىمۇ يامان كۆرىدىغان قىلغان نەرسە ئۇلاردىكى جاھىللىق روھىدۇر. مۇشۇ روھنىڭ كۈچى بىلەن بىزنىڭ دىنىمىز، تىلىمىز ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىمىز ساقلىنىپ كەلگەنىدى.
جاھىللىق ئىجابىيلىقمۇ، سەلبىيلىكمۇ؟
جاھىللىققا ئىجابىي ياكى سەلبىي دەپ باھا بېرىش كىشىلەرنىڭ شۇ مەسىلىگە قارىتا مەۋقەسىگە باغلىق بولۇپ، بىرى ئۇنى ئۆز ئىرادىسىدە چىڭ تۇرغانلىق دەپ ماختىسا، يەنە بىرى تەرسالىق دەپ سۆكىدۇ. ئەمما بىز زور نەتىجىلەرنى قازىنىش ئارقىلىق دۇنياۋىيلاشقان مەشھۇر قوماندانلارنىڭ ۋە كاتتا شەخسلەرنىڭ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئۆتكۈر قورالى جاھىللىق روھى، ۋاز كەچمەسلىك ئىرادىسى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. مەسىلەن: گالىلىيۇ گالىلىي ئۆز ۋاقتىدا زېمىننىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا، چېركاۋ بېسىمدارلىرى ئۇنى مەھكىمىگە چاقىرىپ ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش بىلەن تەھدىت سالغاندا، ئۇ مەھكىمىدىن چىقىپلا «زېمىن ھازىرمۇ ئايلىنىپ تۇرىدۇ» دېگەن.
سۇقرات گرېتسىيەدە ياشلارنىڭ ئەقلىنى زەھەرلىدى دېگەن تۆھمەت بىلەن مەھكىمىگە چىقىرىلغاندا، ئۇ ئۆز پەلسەپىسىدە چىڭ تۇرۇش بەدىلىگە ئۆلۈمنى تاللىغان.
گەندى ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغاندا، ئەنگىلىيە دائىرىلىرى ئۇنى ئون نەچچە قېتىم تۈرمىلەرگە تاشلاپ، ئۆز دەۋاسىدىن ۋاز كېچىشكە زورلىغان ۋە جىسمانىي جازالارغا ئۇچراتقان چاغلاردىمۇ، ئۇ ئۆز مەۋقەسىدىن قىلچە كەينىگە قايتمىغان، ھەتتا تۈرمىدە ئاچلىق ئېلان قىلىش دېگەندەك ئۇسۇللار بىلەن ئۆز دەۋاسىنى داۋاملاشتۇرغان. ئىنگلىزلار ئۇ تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتسە، ھىندىستانلىقلارنىڭ قوزغىلىشىنى توختاتقىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنى تۈرمىدىن چىقىرىشقا مەجبۇر بولغان، ئاخىرى ھىندىستان خەلقى ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا ئالغان.
مەشھۇر شەخسلەرنىڭ مەۋقەسى ھەرگىزمۇ جاھىللىق ئەمەس، بەلكى مۇستەھكەم ئىرادە ۋە قايتماس روھتۇر. ئۆز مەۋقەسىدە چىڭ تۇرۇپ نەتىجە قازانغانلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى ۋە ئەڭ ئۇلۇغى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر. مۇشرىكلار ئۇ زاتنى مەۋقەسىدىن ۋە غايىسىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن، ئەقلىگە كەلگەن ئۇسۇل۔چارىلەرنىڭ ھەممىسىنى قوللانغان، ھەتتا غايىسىدىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە بايلىق تىلىسە پۈتۈن ئەرەبلەرنىڭ بايلىقىنى توپلاپ بېرىشكە، مەنسەپ تىلىسە ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلەشكە ۋەدە بەرگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلار قۇياشنى ئوڭ يېنىمغا، ئاينى سول يېنىمغا قويۇپ بەرگەن تەقدىردىمۇ مەن بۇ يولدىن ۋاز كەچمەيمەن ياكى شۇ يولدا ھالاك بولىمەن» دېگەن.
بالىلارنىڭ جاھىللىقى ئەيىب ئەمەس بەزى بالىلارنىڭ جاھىللىقى ئاتا۔ئانىلارنى تاقەت قىلالمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ، ئەمما ئۇ يامان ئىش ئەمەس. چۈنكى، ئۇ بالىلارنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ يېتىلگەنلىكىگە ۋە شەخسىيىتىنىڭ كۈچلۈكلۈكىگە دەلىلدۇر. «ئەقىللىق بالىلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرۇش ۋە ئۇلارنى بويسۇنۇشقا مەجبۇرلاش چوڭ خاتالىقتۇر. شۇڭا بالىلارنىڭ ئۆز رايىدە چىڭ تۇرۇۋېلىشىنى ئەيىبلىمەسلىك ۋە ئۇنىڭدىن رەنجى پ كەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى بالىڭىز سىزدىن مۇستەقىل ئىنساندۇر، ئۇ سىزنىڭ نۇسخىڭىز ئەمەس.
شۇڭا بالىلارنىڭ تەرسالىقى تۇتقاندا، ئۇلارغا ئاچچىقلاشنىڭ ئورنىغا ئۇلار بىلەن سۆزلىشىش ۋە دەردىنى ئاڭلاش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا بالىنىڭ گەپكە ئۇنىمايۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلگىلى، ئاندىن چارىسىنى قىلغىلى بولىدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر «ئىتائەتچان بالا» تەربىيەلەش كويىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، گەپكە ئۇنايدىغان، تاكاللاشمايدىغان، شوخلۇق قىلمايدىغان، ياۋاش، مۇلايىم بالىلارنى ئەڭ ئەخلاقلىق بالىلار دەپ سانايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق بالىلار بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئەخلاقلىق بالىلار سانالسىمۇ، ياخشى بالىلار بولالمايدۇ. چۈنكى ياخشى بالىلار ئىتائەتتىن بەكرەك توغرىسىنى قىلىدىغان، مۇستەقىل تەپەككۇر قىلالايدىغان، ئۆز شەخسىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان بالىلاردۇر. بىزگە ياۋاش، ئىتائەتچان بالىلار ئەمەس، شەخسىيىتى كۈچلۈك، مۇستەقىل تەپەككۇر قىلالايدىغان بالىلار كېرەك.
شۇڭا سىز جاھىللىق قىلىپ تۇرۇۋالىدىغان بالىڭىزغا قاتتىقلىق قىلماڭ، بەلكى ئۇ كەلگۈسىدە سىزگە ۋە مىللىتىڭىزگە شەرەپ كەلتۈرىدىغان كاتتا شەخسلەردىن بولۇشى مۇمكىن.
✦ سىز ئۆزىڭىز توغرا دەپ قارىغان ئىشتا چىڭ تۇرۇڭ.
✦ باشقىلارنىڭ جاھىللىقىغا قارشى جاھىللىق قىلى پ تۇرۇۋالماڭ.
✦ باشقىلارنى ئۆز پىكرىڭىزگە كەلتۈرۈشكە تىرىشماڭ.
✦ ۋەقەنىڭ بېشىدا تەرسالىقتەك كۆرۈنگەن ئىش ۋەقەنىڭ ئاخىرىدا تەقدىرلەشكە تېگىشلىك ئەزىمەتلىك بولۇپ چىقىدۇ.
✦ ئىتائەتچان بالىدىن جاھىل بالا ياخشى. چۈنكى، ئىتائەتچان بالىنىڭ شەخسىيىتى كۈچلۈك بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى باشقىلار ئوڭايلا ئۆزىنىڭ پايدىسىغا قوللىنالايدۇ. ئەمما جاھىل بالا ھەر زامان مۇستەقىل ئىش كۆرۈش قابىلىيىتىگە ئىگە.
