41–50-ماقالىلەر: توغرا قارار، پىرىنسىپ ۋە ئائىلە تۈزۈمى
«گۇماندىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى گۇمانخورلۇق ئەڭ چوڭ يالغانچىلىقتۇر.» —ھەدىس شەرىپ.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە
﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اجْتَنِبُوا كَثِيرًا مِّنَ الظَّنِّ إِنَّ بَعْضَ الظَّنِّ إِثْمٌ﴾
«ئى ئىمان ئېيتقانلار! (بىر _ بىرىڭلار ھەققىدە) تولا
﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اجْتَنِبُوا كَثِيرًا مِّنَ الظَّنِّ إِنَّ بَعْضَ الظَّنِّ إِثْمٌ﴾
گۇمان قىلىشتىن ساقلىنىڭلار. چۈنكى بەزى گۇمانلار گۇناھتۇر» دەپ كۆرسەتكەن. ئارتۇقچە گۇمان قىلىش، خاتا ئويدا بولۇش ۋە ئورۇنسىز ئەيىبلەشكە ئالدىراش گۇناھ بولغاننىڭ سىرتىدا دۆتلۈك ئىكەن. نۇرغۇن كىشىلەر ھاياتىدا مۇشۇنداق دۆتلۈكلەرنى باشتىن كەچۈرۈشى مۇمكىن. ئۆزۈممۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. تۆۋەندە بېشىمدىن ئۆتكەن ئىككى ۋەقەلىكنى ھېكايە قىلىپ ئۆتىمەن.
بىرىنچىسى، بالىلىق ۋاقتىمدا دادام ئاكامغا مەندىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلەتتى، پۇل بەرگەندە ئۇنىڭغا كۆپرەك بېرەتتى، ھەمىشە سىلىق مۇئامىلە قىلاتتى. ھالبۇكى، ئاكام دادامغا ئۆگەي ئىدى. مەن دادامدىن رەنجىپ قالاتتىم. ئىچىمدە «دادام مېنى ياخشى كۆرمەيدىكەن» دەپ ئويلايتتىم، دادامنىڭ ئاكام بىلەن ئىككىمىزگە ئايرىم مۇئامىلە قىلىشىدىن بەكمۇ زارلىناتتىم. بىر قېتىم ئەمەس، ھەمىشە شۇنداق قىلاتتى. بىر كۈنى ئانامغا دەردىمنى تۆكتۈم ۋە يىغلاپ تۇرۇپ: «دادام نېمىشقا ماڭا ئۆچلۈك قىلىدۇ؟» دېدىم. ئانام «داداڭ ساڭا ئۆچ ئەمەس، بىكار گەپ قىلما» دېدى. شۇ كۈنى ئانام مېنىڭ بۇ گېپىمنى دادامغا يەتكۈزگەنىكەن، دادام مېنى چاقىردى ۋە بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ: «بالام سەن مېنى خاتا چۈشىنىپ قاپسەن، مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن. ئەمما ئاكاڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىم راست. چۈنكى، ئۇ يېتىم، ئۇنىڭ دادىسى يوق، بوينى قىسىلىپ قالسا بولامدۇ؟» دېدى. مەن شۇ چاغدا ئۆزۈمنىڭ راستتىنلا دۆتلۈك قىلغانلىقىمنى چۈشەندىم ۋە رازىمەنلىك بىلەن دادامغا قاراپ يېشىمنى سۈرتتۈم. شۇ تاپتا دادامغا ئۆزرە ئېيتقۇم كەلدى، ئەمما خىجىل بولۇپ ھېچنەرسە دېيەلمىدىم، دادامغا تولۇق قايىل بولدۇم، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى. چۈنكى، دادامنىڭ قىلغىنى بىر پەزىلەت ئىدى، ئۇ يېتىمنىڭ بېشىنى سىلاشنىڭ نەقەدەر كاتتا ئىبادەت ئىكەنلىكىنى بىلەتتىكەن.
ئىككىنچىسى، مەن قازاقىستاندا مۇئەللىم بولۇپ ئىشلەۋاتقان كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە، ھەر كۈنى چۈشتە مۇئەللىملەرگە تاماق بېرىدىغان قازاق ئايالدىن قاتتىق رەنجىپ قالدىم ۋە ئۇنىڭغا بىر قانچە كۈن گەپ قىلمىدىم. ۋەقەلىك مۇنداق بولغانىدى: بىر كۈنى چۈشلۈكتە مۇئەللىملەر مەكتەپنىڭ ئارامخانىسىدا ساندۋىچ يەۋاتاتتى. مەنمۇ كىردىم ۋە ئاشپەز ئايالنىڭ ئالدىغا باردىم. ئەمما ئايال: «يۈسۈپ! ساڭا بۈگۈن بەرمەيمەن، خاپا بولماي سىرتتىن ئەكىرىپ يېگىن» دەپ مېنى قايتۇرۇۋەتتى. سەۋەبىنى بىلمىدىم، قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى ۋە ئاشپەز ئايالغا ئۆچ بولۇپ كەتتىم. شۇنىڭ بىلەن بىر قانچە كۈن ئۇ ئايال بار يەرگە يولىمىدىم. ئىچىمدە «بۇ ئايال نېمىشقا ماڭا شۇنداق قىلىدۇ؟ ئۇ مېنى بەك ھۆرمەتلەيتتىغۇ، بۈگۈن نېمە بولدى ئەمدى؟» دەپ ئويلايتتىم. بىر قانچە كۈندىن كېيىن، مەكتەپنىڭ كارىدورىدا ئايال مېنى توسۇۋېلىپ گەپكە تۇتتى. «يۈسۈپ! سەن مەندىن رەنجىپ قالدىڭمۇ؟ قاراپمۇ قويمايسەنغۇ » دېدى. مەنمۇ ئاچچىقىم بىلەن: «ھەئە، رەنجىپ قالدىم، ئۆزىڭىزمۇ بىلىدىكەنسىزدە مېنى رەنجىتىپ قويغىنىڭىزنى» دېدىم. «ھە، شۇ ئىشنى دەمسەن؟ توۋا، سەن مېنى خاتا چۈشىنىپسەن، ساڭا كۆيۈنگەنلىكىمدىن شۇنداق قىلغانتىم. چۈنكى مۇئەللىملەر يەپ ئولتۇرغان ساندۋىچ كالباسادىن قىلىنغانىدى، كالباسانىڭ نېمىدىن ياسىلىدىغانلىقىنى سەن بىلىسەنغۇ. شۇڭا ئۇ كۈنى تۈرك مۇئەللىملەرمۇ كەلمىگەنتى. ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭكىلەر ئىدى. بۇنى ئۇ چاغدا ساڭا چۈشەندۈرۈش ئەپسىز ئىدى، شۇ ئارىدا سەن چىقىپ كەتتىڭ » دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايالغا بولغان نەپرىتىم بىر دەمدىلا يوقاپ كەتتى ۋە قايتىدىن ھۆرمىتىم قوزغالدى. چۈنكى كالباسا ئومۇمەن چوشقا گۆشىدىن ياسىلاتتى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا ئۆگىنى پ كەتكەن. شۇڭا ئۇلار ئۇنى بىمالال يەيدۇ، پەقەت ھىدايەت تاپقان ۋە ناماز ئوقۇيدىغان كىشىلەرلا ئۇنى يېيىشتىن ئېھتىيات قىلىدۇ.
✦ تولا گۇمان قىلىش گۇناھ بولغاندەك، بەزى گۇمانلار دۆتلۈكتۇر.
شۇڭا، گۇمانغا تايىنىپ كىشىلەرگە ھۆكۈم قىلىۋېتىشتىن ياكى ئۇلارغا يامانلىق قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم.
✦ بىراۋ ھەققىدىكى گۇمانىڭىز قانچىلىك كۈچلۈك بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ سىز ئويلىغاندەك بولماسلىق ئېھتىمالىغا ئورۇن بېرىشىڭىز لازىم.
✦ سىزنىڭ شەخسىي ئويلىغانلىرىڭىز ۋە ئىشەنگەنلىرىڭىز قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت ئەمەس، شۇڭا ھەقىقەت بىلەن ئوي۔پىكرىڭىز ئارىلىشىپ كەتكەن چاغدا زىيان تارتىدىغىنى سىز بولىسىز.
«مىڭ ئۆلچەپ، بىر كەس.» —ئۇيغۇر خەلق ماقال۔تەمسىللىرى. ھاياتىمىز ھەرخىل تاللاشلار بىلەن تولغان بولۇپ، توغرىسىنى تاللاپ قارار قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ماھارەت كېتىدۇ. بۇ يەردىكى ماھارەت قارار قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ خاراكتېرىنى ئوبدان بىلىش، قاراردىن كېلى پ چىقىدىغان پايدا۔زىياننى مۆلچەرلەش، ئېھتىياج بىلەن رىغبەتنىڭ پەرقىنى ئايرىش، ئۆز ئىمكانىيىتىنىڭ چەك۔چېگرىسىنى بىلىش قاتارلىقلاردۇر. توغرا قارار قىلىشىمىز ئۈچۈن بىزگە ياردەمچى بولىدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە: 1. نىشانىڭىزنى بەلگىلىۋېلىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى بىلىش كومپاسقا ئوخشاش بولۇپ، ماڭىدىغان يولىڭىزنى تاللىشىڭىزغا ياردەمچى بولىدۇ. ناۋادا سىز ئىككى ئىشنىڭ بىرىنى تاللاشتا گاڭگىراپ قالغان بولسىڭىز، بۇ سىزنىڭ نىشانىڭىزنى ياكى ئاساسلىق مەقسەتنى بىلمىگەنلىكىڭىزدىن بولىدۇ. مەسىلەن: سىز بۈگۈن چۈشتە نېمە يېيىشنى تاللىماقچى بولغاندا، تاماق يېيىشتىكى مەقسىتىڭىز تەن ساقلىڭىزنى ساقلاشمۇ ياكى پەقەتلا لەززەتلىنىشمۇ؟ تاۋارلىرىڭىزغا باھا بەلگىلىمەكچى بولغىنىڭىزدا، خېرىدارلارنىڭ بايلار تەبىقىسىدىن بولۇشىنى ئالدىنقى ئورۇندا قويامسىز ياكى نورمال ئىنسانلارنىمۇ؟ بۇلارنى بىلگىنىڭىزدە سىزنىڭ قىلماقچى بولغان قارارىڭىز تېخىمۇ ئېنىق ۋە روشەن بولغان بولىدۇ. 2. يېتەرلىك مەلۇمات توپلاڭ بىرەر ئىش ھەققىدە توغرا قارار قىلىش ئۈچۈن سىزدە شۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك چوقۇم تولۇق مەلۇمات بولۇشى لازىم. مەلۇمات بولغاندىمۇ ئېنىق ۋە ئىلمىي بولۇشى كېرەككى، كۆپ كىشىلەرنىڭ قىلغانلىقى ياكى كۆپ ئېلان بېرىلگەنلىكى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ماختىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، شۇ ئىشنىڭ مۇناسىپ بولۇپ۔بولماسلىقىغا قاراپ قارار قىلىش كېرەك. 3. يېزىۋېلىڭ قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلىرىنى تەپسىلىي يېزىپ چىقىش سىزنىڭ توغرا قارار چىقىرىشىڭىزغا ياردەمچى بولىدۇ. چۈنكى، سىز ئىشنىڭ بولىدىغان ۋە بولمايدىغان تەرەپلىرىنى ئېنىق يازغىنىڭىزدا تاللاش ئوڭايلىشىدۇ، كۆپ تاللاشلار ئارىسىدا گاڭگىراپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ ۋە خاتا قارار قىلىش نىسبىتى ئاز بولىدۇ. 4. قارارنىڭ ھاردۇرۇپ قويۇشىدىن ساقلىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار بىرەر ئىشنى قارار قىلالماي ئۇزۇن ۋاقىت ھەپىلىشىشنىڭ زېھىننى چارچىتىپ توغرا قارار قىلىش كۈچىنى ئازايتىۋېتىدىغانلىقىنى بايقىغان. چۈنكى ئىنسان ھېرىپ قالغان ۋاقتىدا ئىشنىڭ ئالدى۔كەينىنى كۆپ ئويلاپ كەتمەيلا ئوڭاي قارار قىلىۋېتىدۇ. مەسىلەن: سىز بىر كۈن كەچكىچە زېھنىي ئەمگەك بىلەن قاتتىق ئىشلەپ، كەچتە ئۆيگە ھارغىن پېتى كەلگىنىڭىزدە، پەرزەنتلىرىڭىز سىزدىن نورمالدا سىز ئويناشقا رۇخسەت قىلمايدىغان ئويۇنلارنى ئويناشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالسا، پەقەت زېھنىڭىزنى راھەتلەندۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ تەلىپىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنلا رۇخسەت قىلىسىز. ئاندىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ قارارنىڭ خاتالىقىنى بىلىپ يېتىسىز. 5. ھېسسىياتقا بېرىلمەڭ ئادەم ھاياجانلانغان چاغدا ھېسسىياتقا كۆپرەك بېرىلگەن بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق چاغدا ئەقىلنىڭ يول كۆرسىتىشىگە پۇرسەت بېرىش لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا توغرا قارار قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، بىز بىرەر ئىشتىن ياكى نەرسىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن ياكى ھاياجانلانغان چېغىمىزدا ئەقىلگە مۇخالىپ قارارلارنى قىلىشىمىز مۇمكىن. شۇڭا ئىسلام قانۇنىدا قازى (سوتچى) غەزەپلەنگەن ھالىتىدە ھۆكۈم چىقىرىشتىن مەنئى قىلىنىدۇ. غەزەپتىن ئەقلىنى يوقاتقىلى تاس قالغان ئادەمنىڭ تالىقىنى ھېساب قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇ چاغدا ئەقىل ئىشنىڭ سىرتىدا قالغان بولىدۇ. 6. قاراردىن كېيىن ئىككىلەنمەڭ بىرەر ئىشنى قىلىشقا قارار قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى باشلاش كېلىدۇ. ئۇ چاغدا مەزكۇر قارارنىڭ توغرا۔ خاتالىقىنى ئويلاپ ئولتۇرۇش بىھۇدىلىكتۇر ۋە ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدۇر. شۇڭا قارار قىلىپ بولغاندىن كېيىن زېھنىمىزنى شۇ قارارنى ئىجرا قىلىشقا بېغىشلىشىمىز لازىم.
﴿وَلَا تَقْفُ مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ﴾
بىر« چۈنكى، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە:
﴿وَلَا تَقْفُ مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ﴾
ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن» دەپ كۆرسەتكەن.
ئېھتىياجىڭىز بىلەن رىغبىتىڭىزنى ئايرىۋېلىڭ ھەر زامان ئېھتىياجنى قاندۇرۇش رىغبەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن زۆرۈر بولىدۇ. چۈنكى، ئېھتىياجنى شارائىت بەلگىلەيدۇ، ئەمما رىغبەتنى ئۆزىمىز بەلگىلەيمىز. مەسىلەن: سىز ئۆزىڭىزنى دۇنيادىكى ئون باينىڭ بىرى دەپ پەرەز قىلىڭ. بىر كۈنى سىز ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىي ئايروپىلانى بىر قاقاس سەھرادا چۈشۈپ كەتتى، سىز بولسىڭىز ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالدىڭىز، ئەمما كۈننىڭ پىژغىرىم ئىسسىقىدا بىر يۇتۇم سۇغا زار بولدىڭىز. مۇبادا سۇ تاپالمىسىڭىز ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلىدىغانلىقىڭىز قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئىش بولۇپ قالدى. شۇ چاغدا سىز بىر بوتۇلكا ئۈچۈن پۈتۈن بايلىقىڭىزنى بېرىشكە رازى بولامسىز؟ مەنچە قىلچە ئىككىلەنمەي بېرىسىز. چۈنكى، ئۇ چاغدا سىزنىڭ بايلىقىڭىز شۇ بىر بوتۇلكا سۇچىلىك مۇھىم ئەمەس.
بۇ سىزنىڭ بايلىقىڭىزنىڭ قىممىتىنى يوقاتقانلىقىدىن ياكى بىر بوتۇلكا سۇنىڭ شۇنداق قىممەتلىشىپ كەتكەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئېھتىياج يۈزىسىدىندۇر. بۇنداق شارائىتتا قارار قىلىشنى كېچىكتۈرۈش چوڭ خاتالىق بولىدۇ.
بۇ مىسالدىن قارارلىرىمىزغا ئېھتىياج ۋە شارائىتنىڭ قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
خاتا قارار قىلىشتىن ساقلىنىڭ بىز كۆپ ۋاقىتلاردا خاتا قارارلارنى قىلىپ قويىمىز. بۇ بىزنىڭ ئېھتىياج، رىغبەت ۋە ئىمكانىيەتلەرنىڭ پەرقىنى ئايرىيالمىغانلىقىمىزدىن بولىدۇ. ھەممىمىز ئىمكانىيىتىمىزنىڭ سىرتىدىكى ئىشلارنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا رىغبەتلىنىمىز، ئەمما بىز شۇ ئىشلارغا راستتىنلا ئېھتىياجلىقمۇ؟ ياق. بەزىسىگە ئېھتىياجلىق، بەزىسىگە رىغبىتىمىز بار. شۇڭا خاتا قارار قىلماسلىق ئۈچۈن ئېھتىياجىمىز بىلەن رىغبىتىمىزنىڭ پەرقىنى ئايرىۋېلىشىمىز لازىم.
خاتا قارار قىلىشىمىزنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ئاچچىقىمىز كېلى پ قالغاندا ياكى بەك ئالدىراش ۋاقىتتا ياكى ئۈمىدسىزلەنگەندە قىلغان قارارىمىزدۇر. شۇڭا بۇنداق ۋاقىتلاردا قارار قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.
خۇلاسە كالام، ھەرقانداق بىر ئىشتا توغرا ۋە ساغلام قارار قىلىش ئۈچۈن، ھېسسىياتتىن، بىر تەرەپلىمىلىكتىن ۋە سىرتقى تەسىرلەردىن ساقلىنىش لازىم.
مۇھىم قارارلارنى چارچاپ قالغاندا ياكى ئالدىراپ تۇرغاندا قىلماسلىق لازىم. بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مۇدىردىن تەلەپ قىلىدىغان يوللۇق بىر تەلىپى بار بولۇپ، ئوقۇغۇچى مۇئەللىمىدىن قانداق قىلسا مۇدىرنى ماقۇل كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى سورىغاندا، مۇئەللىم ئوقۇغۇچىغا: «مۇدىر چارچىغان، قورسىقى ئېچىپ كەتكەن ۋە ئۆيىگە بېرىشقا ئالدىراپ تۇرغان چاغدا ئۇنىڭغا تەلىپىڭنى تەقدىم قىل» دەيدۇ. ئوقۇغۇچى: «قايسى ۋاقىتتا ئەڭ مۇناسىپ؟» دەپ سورايدۇ. مۇئەللىم: «مۇدىر ئىشتىن چۈشكىلى قوپقاندا» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. نەتىجىدە، ئوقۇغۇچى شۇنداق قىلىدۇ ۋە راستتىنلا مۇدىرنى ماقۇل كەلتۈرىدۇ.
✦ ھېسسىيات، شەخسىي ئېھتىياج، شارائىت قاتارلىقلار بىزنىڭ كۈندىلىك قارارلىرىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
✦ خاتا قارار قىلىپ ئۆزىڭىزگە مالامەت قىلماي دېسىڭىز، قارار قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ خاراكتېرىنى، ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلىرىنى تولۇق ئۆگىنىڭ، ئاندىن يۈرىكىڭىزنى تىڭشاڭ ۋە ئىستىخارە قىلىڭ.
✦ ئالدىراپ تۇرغان ياكى غەزەپلەنگەن ياكى چارچاپ كەتكەن ۋەياكى ئىككىلىنىپ تۇرغان ۋاقتىڭىزدا قارار قىلما ڭ.
- ئال ئىمران سۈرىسى: ئايات159 ۔.
«قىيامەت قايىم بولۇپ قالسىمۇ قولۇڭلاردىكى كۆچەتنى تىكىۋېتىڭلار.» —ھەدىس شەرىپ.
پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يەكۈنلىشىچە، «قىلالايمەن » دەيدىغان ئادەملەر ئومۇمەن ئاكتىپ ۋە ئىجابىي كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ھاياتىدا ئاددىي بولسىمۇ گۈزەل ئىشلارنى قىلىپ ئىز قالدۇرالايدىكەن. ئەمما «قىلالمايمەن» دەيدىغان ئىنسانلار ئومۇمەن پاسسىپ ۋە سەلبىي ئىنسانلار بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىدىكى قابىلىيەتنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا، تالانتنىڭ بىخ ئۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىكەن. نەتىجىدە، ئۆزىدىكى ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان جەۋھەرلەرنى ئاچمايلا گۆرگە ئېلىپ كېتىدىكەن.
«مەن بۇ ئىشنى بېجىرەلمەيمەن»، «مەندە بۇنداق چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان قابىلىيەت يوق»، «مەن قىلالمايمەن»، «مەن پالانىلاردەك ئىقتىدارلىق ئەمەس» ۋە «مېنىڭ بولغىنىم مۇشۇ» دېگەنگە ئوخشىغان سەلبىي قانائەت نۇرغۇنلىغان تالانتلارنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدىغان رەھىمسىز قاتىلدۇر.
ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا ھەرخىل قابىلىيەت، تالانتلارنى ۋە ئالاھىدى لىكلەرنى ئاتا قىلغان بولۇپ، بىرىدە بولمىغىنى يەنە بىرىدە بولىدۇ. ھەربىر ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس قابىلىيىتى ۋە تالانتى بولىدۇ. ئەپسۇسكى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىدىكى سەلبىي قانائەت سەۋەبلىك نە قابىلىيىتىنى، نە تالانتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرالماي، ئۆزىگە ۋە باشقىلارغىمۇ مەنپەئەت يەتكۈزەلمەي ئالەمدىن كېتىپ قالىدۇ.
پەيغەمبىرىمىز ئاكتىپلىق ۋە ئىجابىيلىقنىڭ ئۈلگىسىدۇر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاكتىپلىق ۋە ئىجابىيلىق بابىدا ساھابىلىرىگە ئەڭ ياخشى ئۈلگە ئىدى. ئاللاھ تائالا قانداقلا بىر ئىشنى پەرز قىلسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئورۇندىغۇچىلىرىنىڭ تۇنجىسى ئىدى، ئاللاھ تائالا قانداقلا بىر ئىشنى چەكلىسە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى تەرك ئەتكۈچىلەرنىڭ ئاۋۋالقىسى ئىدى.
ساھابىلىرىنى ئاكتىپلىققا ۋە ئىجابىيلىققا ئۈندەيتتى، ئاللاھ تائالادىن فىردەۋس جەننىتىنى تىلەشكە بۇيرۇيتتى. مەلۇمكى، ئىنسانلار ئۆزلىرىدىكى ئارزۇ۔تىلەكلەرنىڭ يۇقىرى ۋە تۆۋەنلىك دەرىجىسىگە قاراپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. فىردەۋس جەننىتىنى تەلەپ قىلغان كىشى ئادەتتىكى جەننەتنى تەلەپ قىلغان كىشىدىن بەكرەك ئەمەل قىلىدۇ. شۇڭا ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن «ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى قايسى؟»، «ئاللاھقا ئەڭ يېقىملىق ئىبادەت قايسى؟»، «قانداق قىلساق ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىمىز؟» دېگەنگە ئوخشىغان سوئاللارنى كۆپ سورايتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىماننى بايان قىلىپ: «ئىمان يەتمىش نەچچە شاخچە بولۇپ، يۇقىرىسى، «ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر» دېگەن شاھادەت كەلىمىسى، تۆۋىنى يولدىكى ئەزىيەتنى ئېلىۋېتىشتۇر [^1]» دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ھەدىستە ئىماندىن سانالغان نەرسە يولدا كىشىلەر پۇتلىشىدىغان نەرسىنى ئېلىۋېتىشتىكى پېئىل ئەمەس، بەلكى ئاشۇ پېئىلنى قىلدۇرغان روھتۇر، يەنى ئىنسانلاردىن زىيان۔زەخمەتلەرنى توسۇش ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق تىلەشتىن ئىبارەت گۈزەل روھ ئىماننىڭ جۈملىسىدىن سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە يولدا كىشىلەرگە تاقىشىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىشتەك كىچىككىنە بىر ئىجابىيلىقنى، ئاددىي بىر ئاكتىپلىقنى ئىماننىڭ قاتارىدىن سانىغان. ئاللاھ تائالانىڭ ئاكتىپ ۋە ئىجابىي كىشىلەرگە بېرىدىغان مۇكاپاتىنى دۇنيانىڭ بىر قانچە تىللا ئالتۇنىغا قىياس قىلغىلى بولمايدۇ، ئۇنى بەندىنىڭ تەسەۋۋۇر قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى بەندە سەمىمىي نىيەت بىلەن قىلغان ئاددىيلا بىر ئەمەل ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ھەرگىز ئاددىي ئەمەس ﴿.
﴿وَمَا أُوتِيتُم مِّن شَيْءٍ فَمَتَاعُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَزِينَتُهَا ۚ وَمَا عِندَ اللَّهِ خَيْرٌ وَأَبْقَىٰ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ﴾
«ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى مۇكاپات ھەممىدىن ياخشىدۇر ۋە مەڭگۈ لۈكتۇر.[^2]» ئاللاھ تائالا بەندىنىڭ گۈزەل نىيىتىگە ۋە ئېسىل خىسلىتىگە قاراپ مۇكاپات بېرىدۇ. ئىشنىڭ چوڭ، كىچىكلىكى مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا ئاكتىپ ۋە ئىجابىي بولۇشتۇر. يۇقىرىقى ھەدىستىن يەنە دىننىڭ غايىسىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتىش بىلەن مەخلۇقاتقا ياخشىلىق قىلىشقا مەركەزلىشىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋېلىش قىيىن ئەمەس.
ئاكتىپ ۋە ئىجابىي كىشىلەرگە مۇكاپات ئۆتكەن زاماندا، بىر پادىشاھ خەلقىنى سىناش ئۈچۈن، يوغان بىر تاشنى ئادەملەر كۆپ ئۆتىدىغان بىر يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويدۇرۇپ، ئۇنىڭغا يېقىن بىر دەرەخنىڭ كەينىدە نازارەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانىكەن. شۇ شەھەرنىڭ مەشھۇر بايلىرىدىن بىرى ھېلىقى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، بۇ تاشنى كۆرۈپتۇ ۋە «بۇنى يول ئوتتۇرىسىغا قانداق نائەھلى قويغاندۇ، ھە؟» دەپ تىللاپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئاندىن بىناكارلىقتا ئىشلەيدىغان بىر ئادەم يولدىن ئۆتۈۋېتىپ، «قانداق قاملاشمىغان ئىش بۇ؟» دەپ غۇدۇراپ قويۇپتۇ. ئاندىن يەنە بىر قانچە ياش يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، «بۇ قانداق قىلغىنىدۇ؟» دەپ ئاچچىقلىنى پ كېتىپ قاپتۇ. ئاندىن بىر دېھقان كېلىپ، تاشنى كۆرۈپ لام۔جىم دېمەيلا تاشنى يۆتكىۋەتمەكچى بولۇپ تۇتۇش قىپتۇ، ئەمما كۈچى يەتمىگەچكە يولدىن ئۆتكەنلەردىن ياردەم سوراپ، تاشنى يۆتكىۋېتىپتۇ. تاشنىڭ ئاستىغا قارىسا بىر ساندۇق تۇرغۇدەكمىش، دېھقان ساندۇقنى ئېچى پ كۆرسە، ئىچىدە بىر قانچە تىللا ئالتۇن بىلەن بىر پارچە خەت چىقىپتۇ. خەتتە: «پادىشاھتىن بۇ تاشنى يولدىن ئېلىۋەتكەن ئەزىمەتكە سالام، بۇ ھەرقانداق بىر مۈشكۈلدىن دەردلىنىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى ھەل قىلىشقا تىرىشقان ھەربىر ئاكتىپ ئىنسانغا بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر» دەپ يېزىلغانىكەن.
ھاياتىمىزدا نۇرغۇنلىغان كىرىزىسلارغا ئۇچراپ تۇرىمىز. ئەگەر بىز دەردلىنىشنىڭ ئورنىغا ئاكتىپ ۋە ئىجابىي بولۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش تەرەپدارى بولساق، نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارنى ناھايىتى ئوڭايلا ھەل قىلىپ كېتەلەيمىز. بىز ئادەتتە نۇرغۇن ئىشلارنى كۆزىمىزدە چوڭايتىۋېتىمىز، ئاندىن ئۆزىمىزنى راستتىنلا چوڭ مۈشكۈلاتقا يولۇققاندەك ئويلاپ دەردلىنى پ كېتىمىز. ئەگەر ئاكتىپ بولۇپ، ھەر ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلاپ ئىش كۆرسەك، نۇرغۇنلىغان يۈكلىرىمىزنى يەڭگىللىتەلەيمىز.
ئاكتىپ ئېنېرگىيە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ كاپالىتىدۇر كۇۋەيتتە چىقىدىغان «ئەل مۇجتەمە» ژۇرنىلىنىڭ ۔2012 يىلى ۔13 ئاپرېل سانىدا ئېلان قىلىنغان « فوردنىڭ غەلىبىسى» دېگەن بىر ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«ئەڭ قەدىمىي ئاپتوموبىل«فورد»نىڭ ئىجادكارى ھىنرى فورد ئەسلىدە بىر ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتىدە ئىشلەيدىغان ئاددىى بىر ئىشچى ئىدى. ئۇ كۈندە 11 سائەت ئىشلەش بەدىلىگە ھەپتىدە دوللار11 ئىش ھەققى ئالاتتى. ھىنرى كۈنلۈك 11 سائەتلىك جاپالىق ئەمگەكتىن كېيىن، ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆيىنىڭ ئارقىسىدىكى كىچىككىنە كەپىسىگە كىرىۋېلىپ يېڭى بىر موتور ياساش يولىدا يېرىم كېچىگىچە ئىشلەيتتى. ھىنرىنىڭ ئاتا۔ئانىسى ئۇنىڭ كېچە ئۇخلىماي قىلىۋاتقان بۇ ئىشلىرىنى ئەھمىيەتسىز ئىشلار دەپ قارايتتى ۋە ھىنرىنىڭ چوڭ ئىشلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئىشەنچ قىلمايتتى. ھەممە ئۇنىڭغا كۈلەتتى، دوستلىرىمۇ ئۇنى مەسخىرە قىلاتتى. پەقەت ئۇنىڭ ئايالى ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلاتتى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسىدە كاتتا بىر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىدىن شەكلەنمەيتتى. شۇڭا ئۇ ئېرىگە ھەمىشە مەدەت بېرەتتى، ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرەتتى. كېچىلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە شۇ كىچىككىنە كەپىسىدە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولاتتى. قىش كۈنلىرى كېچىلىرى سوغۇقتىن قوللىرى تىترەپ تۇرۇپ، ئېرىگە جىن چىرىغىنى تۇتۇپ بېرەتتى، ئېرىگە ياردەم قىلىشتىن قەتئىي زېرىكى پ قالمايتتى. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، ھىنرى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئايالىنى ماختايتتى ۋە ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈسىنى ئىزھار قىلاتتى.»
توماس ئېدىسون لامپۇچكىنىڭ قىلىنى كەشىپ قىلىش ئۈچۈن 40 مىڭ بەتلىكتىن ئارتۇق خاتىرە يازغان. لامپۇچكىنىڭ قىلىنى ياساشتا بەش مىڭ قېتىم مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچرىغان. لامپۇچكا بۈگۈنكى كۈندە ھېچبىر ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. ئەمما 1880 ۔يىلدىن بۇرۇن، ئېلېكتىر چىراغ تېخى ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلمىگەن بولۇپ، شۇ چاغدا ماي نۇرلۇق چىراغلار ئەڭ مودا بولدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى زور كۈچ سەرپ قىلىشقا ۋە ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. بەزى ئالىملار ئۇنى بىر ساراڭ دەپ مەسخىرە قىلدى، بەزىلەر ئۇنى قۇرۇق لاپ ئېتىۋاتىدۇ، ئۇخلىماي چۈش كۆرۈۋاتىدۇ دەپ مازاق قىلدى. يەنە بىر قانچە ئالىملار ماتېماتىكا ئارقىلىق ئۇنىڭ بۇ تەتقىقاتى مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ، دەپ ئىسپاتلاپمۇ بەردى. لېكىن ئېدىسون باشتىن۔ئاخىر تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن سىناق قىلدى.
ئۇ كېچە-كۈندۈز توختىماي پۈتۈن زېھنىنى لامپۇچكا قىلىنى تەجرىبە قىلىشقا سەرپ قىلدى، پەقەت ئۆسۈملۈك تۈرىدىن 6000 خىلدىن ئارتۇقنى تەجرىبە قىلدى. ئۇنىڭ تەجرىبە خاتىرىسى دىن200 ئاشىدۇ، جەمئىي 400 مىڭ بەتتىن ئارتۇق بولۇپ، مۇشۇنىڭغىلا ئىلگىرى۔كېيىن بولۇپ ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدۇ. 1880 ۔ يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە، ئېدىسوننىڭ لامپۇچكا قىلى سىنىقى يەنىلا ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئەمما ئۇ ھارماي۔تالماي تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى لامپۇچكىنىڭ قىلىنى ياساپ چىقىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ.
يۇقىرىقى غەلىبىلەر «مەن قىلالايمەن» دەپ چىشىنى چىشلەپ چىڭ تۇرۇش نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، «قىلالايمەن» دەپ ئورنىدىن تۇرغان ئادەمگە ئاللاھ تائالانىڭ ياردەم قىلىدىغانلىقىدا شەك يو ق.
- ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
- قەسەس سۈرىسى ئايەت60: ۔.
«كۈچلۈك مۇئمىن ئاجىز مۇئمىندىن ياخشى ۋە ئاللاھقا ئەڭ يېقىملىقتۇر.» —ھەدىس شەرىپ.
بىز 1991 ۔ يىلى بىر قانچە ساۋاقداش بىرلىكتە تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولغان چېغىمىزدا، زىيارەت قىلغان مەكتەپ ۋە ياتاقخانىلاردا يېزىپ چاپلاپ قويۇلغان قائىدە۔يوسۇنلارنى كۆرۈپ ھاياجانلانغانىدۇق. چۈنكى بىز ۋەتەندە بۇنداق قائىدە۔يوسۇنلارنى يېزىلغان ھالدا كۆرمەيتتۇق، پەقەت يېزىلمىغان قائىدە۔يوسۇنلار بويىچە ئاغزاكى ئاڭلاپ بىلگەنچە ئەمەل قىلاتتۇق. ئەمما تۈركىيەدە كۆرگەنلىرىمىز ناھايىتى ئىخچام ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ يېزىلغان قائىدە۔يوسۇنلار بولۇپ، دەرسخانىنىڭ ئىشىكىگە دەرسخانىغا مۇناسىۋەتلىك قائىدە۔ يوسۇنلار، كۇتۇپخانىنىڭ ئىشىكىگە كۇتۇپخانىغا مۇناسىۋەتلىك قائىدە۔يوسۇنلار، ياتاقخانىنىڭ ئىشىكىگە ياتاقخانىغا مۇناسىۋەتلىك قائىدە۔يوسۇنلار، تاماقخانىنىڭ ئىشىكىگە تاماقخانىغا مۇناسىۋەتلىك قائىدە۔يوسۇنلار، ھاجەتخانىنىڭ ئىشىكىگە ھاجەتخانىغا مۇناسىۋەتلىك قائىدە۔ يوسۇنلار يېزىلغانىكەن. ئوقۇغۇچىلار بۇ قائىدە۔يوسۇنلارنىڭ ئەمەل قىلىش ئۈچۈن يېزىپ ئېسىپ قويۇلغانلىقىنى ئوبدان بىلگەچكە، ئۇنىڭغا تولۇق ئەمەل قىلىدىكەن. شۇڭا، ئۇلار ئىنتايىن ئىنتىزامچان، تەرتىپلىك، پاكىز يۈرىدىكەن، ئۇلارنىڭ سىنىپلىرى، ياتاقلىرى ۋە باشقا جايلىرىمۇ شۇنچىلىك بەك رەتلىك ۋە پاكىز تۇرىدىكەن. مەن بۇ ئىشلاردىن ئىنتايىن تەسىرلەنگەنىدىم. بىز شۇ قېتىمقى تۈركىيە زىيارىتىدىن كېيىن مىسىرغا قايتىپ كەلگىنىمىزدە، مەنمۇ ئۆزۈمگە خاس قائىدە۔يوسۇنلارنى يېزىپ، ياتىقىمنىڭ بېشىغا چاپلاپ قويغانىدىم. بۇ ئۆزۈمگە ئۆزۈم ھەيدەكچى بولۇشۇم ئۈچۈن ئىدى. كېيىنچە تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىشنى قىسمەن داۋاملاشتۇرالىغان بولدۇم. پەرزەنتلىرىم بولغاندىن كېيىن، بۇنداق قائىدە۔يوسۇنلارنى ئەھۋالىمىزغا ۋە شارائىتىمىزغا قاراپ كۆپەيتىپ يېزىپ چاپلايدىغان بولدۇم. بىز ئائىلىمىزدە بۇنداق قىلىشنىڭ پايدىسىنى خېلى كۆردۇق.
بالىلارنى تەربىيەلەش ئائىلىدىكى ئەڭ ئاساسلىق مەجبۇرىيەت بولۇپ، بۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشتا ئارقا۔ئارقىدىن بۇيرۇقلارنى چۈشۈرۈش ياكى بالىلارنى ئۇرۇش، تىللاش ۋە قورقۇتۇش ئىشقا يارىمايدۇ. پەقەت بالىلار قايىل بولىدىغان ۋە ھەر زامان ئېسىدە تۇتىدىغان قائىدە۔ يوسۇنلار بولۇشى لازىم.
بىز بىر قانچە يىلدىن بېرى ئۆيدە بەزى قائىدە۔يوسۇنلارنى يولغا قويغان بولۇپ، ئائىلىمىزدە كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئەمەل قىلى پ كەلگەنىدۇق. بۈگۈن ئولتۇرۇپ بۇ قائىدە۔ يوسۇنلارنى ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
﴿الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي أَحْيَانَا بَعْدَ مَا أَمَاتَنَا وَإِلَيْهِ النُّشُورُ﴾
ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرغان ھامان
✦ 1.
﴿الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي أَحْيَانَا بَعْدَ مَا أَمَاتَنَا وَإِلَيْهِ النُّشُورُ﴾
«بىزنى ئۇيقۇ بىلەن ئۆلتۈرگەندىن كېيىن تىرىلدۈرگەن ئاللاھقا شۈكرى، ھەممىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز [^1]» دەپ ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىمىز.
✦ 2. ناماز بامداتنى ۋاقتىدا ئوقۇيمىز، نامازدىن كېيىنكى تەسبىھلەرنى، ئەتىگەنلىك زىكىر ۋە دۇئالارنى تولۇق ئوقۇيمىز.
✦ 3. ئەتىگەنلىك ناشتىنى ۋاقتىدا قىلىمىز، ناشتا قىلماي ئۆيدىن قەتئىي ئايرىلمايمىز.
✦ 4. ئۆيدە بىر-بىرىمىزگە ئاۋازىمىزنى كۆتۈرۈپ، ۋارقىراپ ۋە ئاچچىقلىنىپ گەپ قىلمايمىز. خۇسۇسەن، ئەر۔ئاياللار بالىلارنىڭ ئالدىدا جېدەل قىلىشمايمىز.
✦ 5. ئاتا-ئانىمىز بىلەن گەپ تالاشمايمىز، بۇيرۇقىنى باش ئۈستىگە دەپ قوبۇل قىلىمىز. خاتالاشقان يەرلىرى بولسا ئايرىم سۆھبەتلىشىپ قايىل قىلىشقا تىرىشىمىز.
✦ 6. سىزنىڭ مەكتەپتىكى ئەلاچىلىقىڭىز بىۋاسىتە ئۆزىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك ئىش بولۇپ، سىز ئاتا۔ئانىڭىز ياكى قېرىنداش لىرىڭىز ئۈچۈن ئوقۇپ بەرمەيسىز. بۇنى ئېنىق بىلىشىڭىز كېرەك.
✦ 7. ئالىي مەكتەپلەردىن ئالغان دىپلوملار سىزنىڭ ھاياتتا مۇۋەپپە قىيەت قازىنىشىڭىزغا كېپىللىك قىلالمايدۇ. شۇڭا توختىماستىن ئۆزىڭىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ۋە كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىشكە موھتاجسىز.
✦ 8. ھايات تولىمۇ گۈزەل ۋە تولىمۇ ياخشى نەرسىلەر بىلەن تولغان بولۇپ، گۈزەل بىر ھاياتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ۋە جاپادىن قەتئىي قورقماسلىق كېرەك.
✦ 9. ئائىلىدە ھەربىر شەخس ئۆز مەسئۇلىيىتىنى، مەجبۇرىيىتىنى تونۇشى ۋە تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. ھەركىم ئۆز ياتىقىنى رەتلىك ۋە پاكىز تۇتۇشقا مەسئۇل. تاماق ئېتىش، داستىخاننى راستلاش، ئۇنى يىغىش، قاچا ۔ قۇچىلارنى يۇيۇش، كىر يۇيۇش، كىيىملەرگە دەزمال سېلىش، ئۆي سۈپۈرۈش دېگەندەك ئىشلاردا ھەممەيلەن ھەمكارلىشىمىز. بۇ ئىشلاردا ئەر۔ئايال، ئوغۇل۔ قىزنىڭ پەرقى يوق.
✦ 10. چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماقلار دەل سائىتىدە داستىخانغا قويۇلىدۇ، كېچىكىپ قالغانلار جازالىنىدۇ.
✦ 11. بالىلارنىڭ ياتاق ئۆيىگە كومپىيۇتېر، يانفون قاتارلىق جىھازلارنى ئېلىپ كىرىشىگە بولمايدۇ، ئۆگىنىش قىلىش ئەسناسىدا تېلېۋىزور كۆرۈشكە بولمايدۇ.
✦ 12. ئائىلە ئەزالىرى كەچ سائەت ئوندىن ئون بىرگىچە ئۇخلاپ بولۇش.
كەچ قالغانلار جازالىنىدۇ.
✦ 13. چىپس قاتارلىق زىيانلىق نەرسىلەرنى يېيىشكە ۋە ھەر تۈرلۈك گازلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشكە بولمايدۇ.
✦ 14. بىر ھەپتىدە بىرەر قېتىمدىن ئارتۇق سىرتتىن تاماق يېمەسلىك.
✦ 15. ئائىلىدە خاتالىق سادىر قىلغانلار ئۆز خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلى پ كەچۈرۈم سورىسا، ئۇلارغا كايىشقا ۋە خاتالىقىنى يۈزىگە سېلىشقا بولمايدۇ. ھەپتىدە ياكى ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئائىلە مەجلىسى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئائىلىدە ساقلىنىپ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىمىز، بەزى ئىشلار ھەققىدە مەسلىھەتلىشىمىز.
مەجلىستە چوڭ۔كىچىك ھەممە ئۆز پىكرىنى بايان قىلىدۇ.
✦ 16. ئەقىللىك تېلېفون ئىشلىتىشكە چەك قويۇلىدۇ، كۈنىگە بەش سائەتتىن ئارتۇق ئىشلەتكەنلەر جازالىنىدۇ.
✦ 17. ئازراق بولسىمۇ قۇرئان ئوقۇش ۋە تۈرلۈك كىتابلارنى ئوقۇشنى كۈندىلىك ھاياتىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرىمىز، نامازلارنى ۋاقتىدا ئوقۇيمىز.
✦ 18. ھەر ھەپتە جۈمە كۈنى ئەتىگەندە ئائىلە ئەزالىرى توپلىشى پ ئولتۇرۇپ، ئاۋۋال كەھف سۈرىسىنى، ئاندىن بىرەر كىتابنى نۆۋەت بىلەن ئوقۇشنى چوقۇم داۋاملاشتۇرىمىز، ھەتتا سەپەر ئۈستىدە بولساقمۇ تەرك ئەتمەيمىز.
✦ 19. ئىسراپچىلىققا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، ئېشىپ قالغان تاماقنى توڭلاتقۇدا ساقلاپ يەيمىز، قاچىدا ئېشىپ قالغان بىرەر قوشۇق تاماق بولسىمۇ، قېتىپ كەتكەن پارچە نان بولسىمۇ ھەرگىز تاشلىۋەتمەيمىز.
ئاخشىمى يېتىشتىن بۇرۇن [بِاسْ مِكَ رَبِّي وَضَ عْتُ جَ نْبِي، وَبِكَ أرفَعُه ُ،
✦ 20. ِإِْنْ أْمَْسَ ْكَْتَ َنَْفِْسِ ي َفَاْرَْحَ ْمَْهَا، َوَِإِْنْ َأَْرَْسَ ْلََْتَهَا َفَاْحْ َفَْظَْهَا ِبَِمَا َتَْحْ َفَُظُ ِبِِهِ ِعَِبَاَدََك َ الَّصَ اِلِِحِْيَْن ]َ «ئى پەرۋەردىگارىم! سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئۆزۈمنى يەرگە قويدۇم ۋە نامىڭ بىلەن ئورنۇمدىن تۇرىمەن، ئەگەر جېنىمنى ئالماقچى بولساڭ ئۇنىڭغا رەھىم قىلغىن، ئەگەر ئۇنى ماڭا قايتا ئاتا قىلماقچى بولساڭ، ئۇنى ئۈلگىلىك بەندىلىرىڭنى ساقلايدىغان ئىنايىتىڭ بىلەن ساقلىغىن [^2]» دېگەن دۇئانى ئوقۇيمىز.
يۇقىرىقى قائىدە۔يوسۇنلارنىڭ بىرەرسىگە ئەمەل قىلمىغانلار تۆۋەندىكى جازالارنىڭ بىرەرسى بىلەن جازالىنىدۇ:
✦ 1. ئەقىللىق تېلېفون، ئايپەد، كومبىيۇتېر قاتارلىق جىھازلىرىدىن تولۇق بىر كۈن مەھرۇم قىلىنىدۇ.
✦ 2. بىر قانچە كۈن ئۆيدىن سىرتقا چىقمايدۇ (مەكتەپكە بېرىش بۇنىڭدىن مۇستەسنا.)
✦ 3. خىراجىتىدىن كېسىلىدۇ (مىقدارىنى ئاتا-ئانا بەلگىلەيدۇ.)
✦ 4. يالغۇز خانىغا بىر قانچە سائەت سولاپ قويۇلىدۇ (يېنىدا كىتاب، تېلېفون، كومپيۇتېر، ئايپەد قاتارلىقلار بولمايدۇ.)
- ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
- ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
« سەن ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەردەك چىداملىق بولغىن.» ئەھقاف سۈرىسى 35: ۔ ئايەت. مۇۋەپپەقىيەت ياشقا باغلىق ئەمەس كونىلار «ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا» دېگەن ھېكمەتنى
قالدۇرغانىكەن. دېمىسىمۇ، دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئالىملارنىڭ نۇرغۇنى يېشى چوڭىيى پ قالغاندا ئوقۇشنى باشلىغان ۋە كۆپلىگەن ئىجادكارلار ئىجادىيەتلىرىنى ئاخىرقى ئۆمۈرلىرىدە ئوتتۇرىغا چىقارغانىكەن. مەسىلەن:
✦ ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن ئىمام قۇدۇرىي قىرىق ياشتىن ئاشقاندا ئوقۇشنى باشلىغان ۋە ھەنەفىي فىقھىسىدا ئۆچمەس ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.
✦ ئىمام ئىبنى ھەزم يىگىرمە ئالتە يېشىدا ئوقۇشنى باشلىغان بولۇپ، يىگىرمىدىن ئارتۇق قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يازغان.
✦ ئۆلىمالارنىڭ سۇلتانى دەپ ئاتالغان ئالىم ئىززۇددىن ئىبنى سالام يېشى چوڭىيىپ قالغاندا ئوقۇشنى باشلاپ، ئىسلام دۇنياسىدا ئۇنتۇلماس ئەسەرلەرنى قالدۇرغان.
✦ ئەزھەر بىلىمگاھىنىڭ شەيخۇلئەزھەرلىك ماقامىغا چىققان ئەللامە خالىد ئەزھەرىي چوڭ ياشتا ئوقۇشقا باشلىغان ۋە ئوقۇ۔ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى قىلغان.
✦ مىسىرنىڭ مەشھۇر مۇپتىلىرىدىن ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەل ئۇمەۋىي ېيشى خېلى چوڭىيىپ قالغاندا ئوقۇشقا باشلىغانىكەن.
✦ سوقراتنىڭ مۇزىكا تالانتى سەكسەن يېشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققانىكەن.
✦ كولومبۇس ئامېرىكىنى كەشپ قىلغان تۇنجى سەپىرىدە ئەللىك ياشتىن ئاشقانىكەن.
✦ گالىلىيو ئاينىڭ يۆنىلىشىنى كەشپ قىلغاندا يەتمىش ئۈچ ياشتا ئىكەن.
✦ ئالىكساندىر فىلىنبىڭ پېنسىلىننى ئىجاد قىلغاندا يېشى ئەللىككە يېقىنلاشقانىكەن.
✦ ۋولتېر، نىيۇتىن، سپىنسىر، تالىراند ۋە توماس جىفىرسون قاتارلىق ئالىملارنىڭ ھەممىسى چوڭ ياشتا ئوقۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئۆمرىدە ئىنسانىيەت ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئىجادىيەتلەرنى ياراتقانىكەن.
مېيىپلىق مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن توسالغۇ ئەمەس
✦ ئالتە چوڭ مەشھۇر ھەدىس ئالىملىرىدىن بىرى بولغان ئىمام تىرمىزى ئەما ئىدى. ئەمما ئۇ ئەستە تۇتۇشتا ۋە ئاڭلىغانلىرىنى توغرا شەكىلدە رىۋايەت قىلىشتا مىسال قىلىناتتى. ئىمام تىرمىزى ئۆزى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «كاتتا ئالىملاردىن بىرى مېنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن تونۇلمىغان ھەدىستىن بىرىنى سورىۋېدى، مەن ئۇ ھەدىسنى باشتىن ئاخىرىغا قەدەر تولۇق ئوقۇپ بېرىۋېدىم. ئۇ › بۇ ساھەدە سەندىن ئارتۇق بىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم› دېدى.»
✦ تابىئىن ئۆلىمالىرىدىن سەئىد ئىبنى مۇسەييەبنىڭ بىر كۆزى كۆرمەيتتى. لېكىن ئۇ بىلىمىنىڭ موللۇقى بىلەن «ئۆلىمالارنىڭ ئۆلىماسى» دەپ تونۇلغان.
✦ تاھا ھۈسەيىن كىچىك ۋاقتىدا كۆزلىرى تۇتۇلۇپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ھالىتى ئەرەب ئەدەبىياتىنىڭ ماھىرى بولۇپ تونۇلۇشىغا ۋە 1973 ۔ يىلى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىگە توسالغۇ بولالمىغان.
✦ ئامېرىكىنىڭ 32 ۔ رەئىسى فرانكلىن روزۋېلت كىچىك ۋاقتىدا بىر كۆزىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ ھالىتى ئامېرىكىغا ئۈچ قېتىم ئارقا۔ئارقىدىن رەئىس بولۇشىغا توسالغۇ بولالمىغان.
✦ ھاماس ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەھمەد ياسىننىڭ بەدىنى پۈتۈنلەي پالەج ئىدى. ئەمما ئۇ ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ چوڭ ئىسلام ھەرىكىتى ھاماسنى قۇرۇپ چىقىپ ئىسرائىل تاجاۋۇزچى كۈچلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربىلەرنى بەرگەن ۋە پەلەستىننى ئىسرائىلىيەنىڭ يۇتۇپ كېتىشىدىن قوغدىغان.
✦ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئىجادكار مۇھەننەد ئەبۇدىيە قاتناش ھادىسىسى سەۋەبلىك ئىككى كۆزىدىن ئايرىلغان ۋە بىر پۇتى كېسىۋېتىلگەندىن كېيىنمۇ، يەنە 22 ئىجادىيەتنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى قولىغا كەلتۈرگەن.
نامراتلىق مۇۋەپپەقىيەتكە توسالغۇ ئەمەس
✦ قۇرئان كەرىمدىن قالسا ئەڭ ئىشەنچلىك كىتاب «سەھىھۇل بۇخارى»نىڭ مۇئەللىپى ئىمام بۇخارى ئاتىسىدىن كىچىك قالغان يېتىم ئىدى.
✦ ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە ئىمام شافىئىي كەمبەغەل ۋە يېتىم ئىدى.
✦ تەپسىر، ھەدىس ۋە فىقھى ئىلىملىرىدە تولغان كاتتا ئۆلىمالارنىڭ تولىسى يوقسۇل ئائىلىلەردىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يوقسۇللۇقى ئىلىم تەھسىل قىلىشىغا توسالغۇ بولالمىغان.
✦ ئىرادىنى توسالايدىغان ھېچقانداق كۈچ يوقتۇر.
✦ غەلىبىنىڭ يولىغا ھېچقاچان پايانداز سېلىنمىغان.
✦ نەتىجە قازانغانلارنىڭ ھەممىسى شارائىتى تولۇق ئەمەس كىشىلەر ئ ىدى.
تاشلاڭ!
«قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە »
—ئۇيغۇر خەلق ماقال۔تەمسىللىرى سىز بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا بولغان ئىقتىدارىڭىزغا ۋە قابىلىيىتىڭىزگە ئىشەنگەن ۋاقتىڭىزدا، سىزگە ئۇ ئىشنىڭ مىڭلارچە يوللىرى ئېچىلىدۇ، ئەمما سىز ئارقىغا سوزغان ۋە قىلالمايمەن دەپ قارىغان ۋاقتىڭىزدا، سىز ئاشۇ ئىشتىن ۋاز كېچىش ئۈچۈن مىڭلارچە ئۆزرىلەرنى يارىتىسىز. خۇددى چېرچىل دېگەندەك «قىلالايمەن دېسىڭىزمۇ راست، قىلالمايمەن دېسىڭىزمۇ راست»تۇر. چۈنكى، «قىلالمايمەن» دېيىش «قىلمايمەن» ياكى «قىلىشنى خالىمايمەن» دېگەنلىكتۇر.
ئاللاھ تائالا بۇ ئىشنىڭ قانۇنىيىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:
﴿فَإِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا إِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا﴾
«ئەلۋەتتە ھەربىر مۈشكۈللۈك بىلەن چوقۇم بىر ئوڭايلىق بار.[^1]»
﴿فَإِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا إِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا﴾
مۇمكىن ئەمەس دېيىلگەن ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، تارىخقا قەيت قىلىنغان ئەزىمەتلەرنىڭ ئىش۔ئىزلىرىغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ «مۇمكىن ئەمەس» دېگەن سۆزگە قەتئىي ئىشەنمىگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئۇلار ئەڭ ئاۋۋال باشقىلار «مۇمكىن ئەمەس»، «قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن ئىشلارنىڭ مۇمكىن ۋە قىلغىلى بولىدىغان ئىشلار ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن، ئەتراپىدىكىلەرنىمۇ شۇنىڭغا ئىشەندۈرگەن كىشىلەردۇر. بۇ خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۈشمەنگە قارشى مەدىنە شەھىرىنىڭ ئەتراپىغا خەندەك كولاۋاتقاندا، ساھابىلىرىگە ئۇلارنىڭ كېلەچەكتە رىم ۋە ئىران ئىمپېراتورلۇقلىرىنىڭ خەزىنىلىرىگە ئىگە بولىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلىپ، ئۇلارنى شۇنىڭغا ئىشەندۈرگەنلىكىگە ۋە ئەمەلىيەتتە ئۇزۇنغا قالماي بۇ ۋەدىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىغا ئوخشايدۇ.
ئىسلام قوماندانى مۇھەممەد فاتىھنىڭ ئىستانبۇلنى ئېلىشتىن ئىبارەت شۇ زامانلاردا مۇمكىن ئەمەس دەپ قارالغان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىغا ۋە توماس ئېدىسوننىڭ لامپۇچكىنىڭ قىلىنى تېپى پ چىقىشتىن ئىبارەت ھەممىلا ئادەم مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىغان، ھەتتا ماتېماتىكىچىلارمۇ ئۇنىڭ قەتئىي مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ماتېماتىكىلىق يوللار بىلەن ئىسپاتلاپ بەرگەن ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغانلىقى پەقەتلا «مۇمكىن ئەمەس» دېگەن سۆزگە ئىشەنمىگەنلىكنىڭ نەتىجىسىدۇر.
مۇمكىن ئەمەسلەرنى مۇمكىن قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىجابىي سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىش زۆرۈر. چۈنكى سۆزنىڭ ئىنسانغا بېرىدىغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئىجابىي سۆزلەر ئىنسانلارنى ۋە ئۇلاردىكى قابىلىيەتلەرنى ياشاتقاندەك، سەلبىي سۆزلەر ئۇلارنى ۋە قابىلىيەتلەرنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ. بۇ بىراۋ بىرەر زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ياكى بىرەر مۇسىبەتكە ئۇچرىغان چاغدا، بىرەر سەمىمىي دوستنىڭ: «بۇ قانچىلىك ئەھۋال ئىدى؟ ئۇنى چوقۇم يېڭىپ كەتكىلى بولىدۇ» ياكى «بۇنىڭدىن چوڭ مۇسىبەتكە ئۇچرىمىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئاللاھقا شۈكۈر قىلايلى! چۈنكى دۇنيادا بۇنىڭدىن ئېغىر ۋە چوڭ مۇسىبەتلەر كېلىپ تۇرىدۇ» دېگەنگە ئوخشىغان ئىجابىي سۆزلىرى ئۇ كىشىنى بىردىنلا يېنىكلەتكەن ۋە ئۇنىڭ مەنىۋىيىتىنى كۆتۈرگەنگە، بەزىلەرنىڭ: «راست شۇنداق بولدىمۇ؟ ئاپلا، بەك چاتاق بوپتۇ جۇمۇ » ياكى «ئەمدى بۇ مۇسىبەتتە قانداقمۇ قىلارسەن؟» دېگەنگە ئوخشىغان سەلبىي ۋە زەھەرلىك سۆزلىرى ئۇ كىشىنى تېخىمۇ غەم۔قايغۇغا پاتۇرغانغا ئوخشايدۇ. چۈنكى، ئىجابىي سۆزلەرنىڭ ئادەمنىڭ پىسخىكىي ھالىتىنى ياخشىلاشتىكى رولىنى ۋە سەلبىي سۆزلەرنىڭ بۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇندداق دېگەن: «سىلەر كېسەل يوقلاپ بارغاندا، ئۇنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىڭلار. بۇ سۆزۈڭلار ئەجەلنى قايتۇرالمايدۇ، ئەمما كېسەلنىڭ ھالىتىنى ياخشىلايدۇ.[^2]«
✦ دۇنيادا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق، ئەمما ھازىرغىچە بىلىپ بولالمىغان ئاجىز نۇقتىلار بار.
✦ تەپەككۇرىڭىز ئىجابىي بولۇپ، نەتىجىلىرىڭىز ئۆز كۆزىڭىزدە كىچىك كۆرۈنگەنسېرى ئۇ نەتىجىلەر باشقىلارنىڭ كۆزىدە تاغدەك كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ.
✦ قامۇسلاردىن بىرەر سۆزنى چىقىرىپ تاشلاشقا توغرا كەلسە، ئۇ دەل «مۇمكىن ئەمەس» دېگەن سۆزدۇ ر.
- ئىنشىراھ سۈرىسى: ئايەت5 ۔.
- ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.
«ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار.»
تەۋبە سۈرىسى: 119 ۔ ئايەت.
ئەجدادلار ئېيتقان ھېكمەتلەرنىڭ ھىچبىرى بىكارغا ئېيتىلغان ئەمەس. «ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرۈپ ئالا بولۇر» دېگەن سۆزمۇ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇ سۆزنى نەگە قويساق قويالايمىز. بىز بۇ سۆزدىن يولغا چىقىپ، ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك ئىنسانلار بىلەن ئارىلاشقان ئادەمگە ئۇلاردىن ئاكتىپ ئېنېرگىيە يۇقىدۇ، پاسسىپ ئېنېرگىيەلىك ئىنسانلار بىلەن ئارىلاشقان ئادەمگە ئۇلاردىن پاسسىپ ئېنېرگىيە يۇقىدۇ، دېسەك ھەرگىز خاتا بولمايدۇ. چۈنكى، ھاياتىمىزدا ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك ئىجابىي ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقى بىز ئۈچۈن نېمەت بولغاندەك، پاسسىپ ئېنېرگىيەلىك سەلبىي ئىنسانلارنىڭ بولغانلىقى ۋابا ۋە شۇملۇقتۇر.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار [^1]» دەپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىنسان ئۆزى ئارىلاشقان ئادىمىگە ئوخشايدۇ، شۇڭا ئارىلىشىدىغان ئادىمىڭلارنى ياخشى تاللاڭلار [^2]» دېگەن. ئامېرىكىلىق يازغۇچى جېمىس روھن «ئىنسان ئۆزى ئەڭ كۆپ ئارىلاشقان بەش ئىنساننىڭ يىغىندىسىدۇر» دېگەنىكەن. چۈنكى، ئىنسان ئۆزى ئارىلاشقان كىشىلىرىدىن ئاڭلىق، ئاڭسىز ھالدا كۆپ نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ، ئىجابىي كىشىلەردىن ئىجابىيلىقنى، سەلبىي كىشىلەردىن سەلبىيلىكنى قوبۇل قىلىدۇ. شۇڭا ئىجابىي، ئۈلگىلىك كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىش بىز ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.
ھاياتىڭىزدىكى ئىنسانلارنى ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈڭ كۆڭلىڭىز بىئارام، ئۆزىڭىز ئۈمىدسىز، كۈنلىرىڭىز غەمكىن، روھىڭىز چۈشكۈن، ئىشلىرىڭىز نەتىجىىسىز ئۆتۈۋاتقان بولسا، ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ ۋە ھاياتىڭىزدىكى دوستلارنى، ئارىلىشىدىغان كىشىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈڭ، سىزگە ئېنېرگىيە بېرىۋاتقان كىشىلەرنى ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈڭ، ئاندىن پاسسىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەرنى ھاياتىڭىزدىن چىقىرىڭ، ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەرنى چىڭ تۇتۇڭ، ئۇلار بىلەن دوستلۇقىڭىزنى ۋە مۇناسىۋىتىڭىزنى كۈچەيتىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ئاكتىپ ئېنېرگىيەگە ئىگە بولىسىز.
ئىجابىي كىشىلەر بىلەن ئارىلاشسىڭىز:
✦ ئۇلار روھىڭىزنى يېڭىلاپ تۇرىدۇ،
✦ ئۇلار سىزگە ئىلھام بېرىپ تۇرىدۇ،
✦ ئۇلار سىزگە قىيىنچىلىقلارغا ئەمەس، ھەل قىلىش چارىسىغا ئەھمىيەت بېرىشنى ئۆگىتىدۇ،
✦ ئۇلار سىزگە ئاكتىپ ئېنېرگىيە بېرىدۇ،
✦ ئۇلار سىزنى يۇقىرىغا كۆتۈرىدۇ،
✦ ئۇلار سىزنىڭ خۇشاللىقىڭىزنى ئاشۇرىدۇ،
✦ ئۇلار سىزنىڭ ھاياتقا بولغان كۆزقارىشىڭىزنى يېڭىلايدۇ،
✦ ئۇلار سىزنىڭ ئۆز ئىشەنچىڭىزنى كۈچلەندۈرىدۇ.
سەلبىي كىشىلەر بىلەن ئارىلاشسىڭىز:
✦ ئۇلار سىزنىڭ غەمكىنلىكىڭىزنى ۋە ئۈمىدسىزلىكىڭىزنى ئاشۇرىدۇ،
✦ ئۇلار سىزنىڭ ئېنېرگىيەيىڭىزنى ئېمىدۇ،
✦ ئۇلار سىزنىڭ چارىلەر بىلەن بولۇشنىڭ ئورنىغا قىيىنچىلىقلار بىلەن قېلىشىڭىزغا سەۋەب بولىدۇ.
✦ ئۇلار سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنى ئوغرىلايدۇ،
✦ ئۇلار سىزنى تۆۋەنگە تارتىدۇ،
✦ ئۇلار سىزنىڭ روھىڭىزنى زەھەرلەيدۇ،
✦ ئۇلار سىزنى غەمكىن قىلىدۇ.
ئىجابىي ئىنسانلارنىڭ بىزگە قوشىدىغانلىرى بىلەن سەلبىي ئىنسانلارنىڭ بىزدىن ئالىدىغانلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. سىزنىڭ كۈنلىرىڭىز مەيلى ياخشى ئۆتكەن بولسۇن ياكى ناچار ئۆتكەن بولسۇن، ئۇنىڭدا ھاياتىڭىزدىكى ئىنسانلارنىڭ چوقۇم تەسىرى بار. شۇنى ئۇنتۇماڭكى، سىز خالىمىغان بىرسى سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىن ئورۇن ئالالمايدۇ، سەلبىي ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ پاسسىپ ئېنېرگىيەسىنى سىزگە مەجبۇرلاپ تاڭالمايدۇ، بۇ پەقەت سىز يول قويغاندا بولىدۇ. شۇڭا سىز ئۇلارغا يول قويماڭ، ئۇلارنى ھاياتىڭىزغا يولاتماڭ.
- تەۋبە سۈرىسى: ئايەت119 ۔.
- ئىمام ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى رىۋايىتى.
«ھەرىكەتتە بەرىكەت بار.» —تۈرك ماقال۔ تەمسىللىرى ئۆزگىرىش ئاللاھ تائالا بېكىتىۋەتكەن تەبىئەت قانۇنى بولۇپ، ھەممە ئۆزگىرىدۇ، ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، ھەممە نەرسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرىمىز، ئادەملەر ئۆزگىرىدۇ، تەبىئەت ئۆزگىرىدۇ، ھەتتا جانسىز جىسىملارمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆزگىرىدۇ، پەقەتلا ئىنسان ئۆزگىرىشنى خالىمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ راھەت مۇھىتىنى تەرك ئېتىشكە ئۇنىمايدۇ. «كۆنگەن يامانمۇ كۆيگەنمۇ» دېگەندەك، ئۆزى
كۆنۈپ قالغان ئادەتلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. ناۋادا ئىنسانلار ئۆزگەرسە دۇنيا ئۆزگىرەتتى، ئەھۋال ئۆزگىرەتتى، ھەتتا خەرىتىلەرمۇ ئۆزگىرەتتى.
بىز كۆپ ۋاقىتلاردا ئىچىدە بولۇۋاتقان راھەتلىك مۇھىتىمىزنى تەرك ئېتىشنى خالىمىغانلىقتىن، ھەممە ئادەتلىنىپ قالغان «كېچىكى پ قالدىم» دىن ئىبارەت ئەرزان سۆزنى ئېيتىپ قويىمىز.
ئەپسۇسكى، كۆپىنچىمىز «كېچىكىپ قالدىم»، «بولمايۋاتىدۇ،» «قىلالمايمەن» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر بىلەن ئۆزىمىزگە تەسەللى بېرىپ، نۆۋەتتىكى مۇھىم ئىشلىرىمىزدىن ۋاز كېچىمىز ياكى ئۇلارنى كېچىكتۈرىمىز. ئەسلىدە بىز ھېچقانداق ئىشقا كېچىكىپ قالمىدۇق. چۈنكى جان تەندە بولغان مۇددەت ئىچىدە بىزدە ۋاقىت بار، پۇرسەت بار ۋە ئۈمىد بار. ئاتقان ھەربىر تاڭ بىزگە پۇرسەتلەرنى سۇنىدۇ، بىز ھەر كۈنى يېڭىدىن تۇغۇلىمىز. شۇڭا ھېچقانداق ئىش ئۈچۈن كېچىكىپ قالغان بولمايمىز.
ھەسەل ھەرىسى بىر گىرام ھەسەل ئۈچۈن گۈل۔چېچەكلەر ئارىسىدا
✦ 7000. دىن كۆپ قېتىم ئۇچىدىكەن. مەھسۇلاتىنى ئاز كۆرۈپ ھەسەل بېرىشتىن ۋاز كەچمەيدىكەن، كېچىكىپمۇ قالمايدىكەن. شۇڭا ئۇنىڭ مەھسۇلاتى ھەممىلا يەردە قىممەتلىك ئىكەن. بىز ھەمىشە گۇناھنى ۋاقىتقا ئارتىپ قويماقچى بولىمىز. بۇ ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز قىلغان چوڭ ھەقسىزلىقتۇر.
ئەسلىدە ھەر خىل باھانىلەرنى تېپىپ ئۆزىمىزگە تەسەللى بېرىشنىڭ ئورنىغا دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ئەجىر قىلساق، ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى بىزنى قورشايدۇ، كۆپلىگەن گۈزەل ئىشلارنى ئۆزىمىز تۇيماستىن ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز.
ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە، بىرەر نەتىجە قازىنىشقا ئىنتىلمىگەن ئىنسان سۇ ئۈستىدىكى ئۆلۈك بېلىققا ئوخشاش ھاياتنىڭ بوران۔ چاپقۇنلىرى ئىچىدە گاڭگىراپ يۈرىدۇ. ئالدىمىزدا ئىككى يول بار. بىرى، ئۆزىمىز تاللىۋالغان راھەتلىك مۇھىتتىن ئايرىلىشقا كۆزىمىز قىيماي، ئورنىمىزدىن مىدىرلىماسلىق، يەنە بىرى، ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ئۆزگەرتىش مۇمكىن بولغان ئىشلارنى ئۆزگەرتىش ۋە قولىمىزدىن كەلگەن نەتىجىنى يارىتىشتۇر.
مۆجىزىلەر ئورنىدىن تۇرۇشنى خالىمايدىغان، باھانىلەرنىڭ ئارقىسىغا سىغىنىپ ھەرىكەتكە ئۆتمىگەنلەرگە كەلمەيدۇ، چۈنكى مۆجىزىلەر ئورنىدىن تۇرغان ۋە ھەرىكەتكە ئۆتكەنلەرگە كېلىدۇ.
✦ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆزگەرمىگەنلەرنى ھايات ئۆزى خالىغان تەرەپكە ئۆزگەرتىدۇ.
✦ ھەرىكەتكە ئايلانمىغان پىلان ھەرقانچە ياخشى تۈزۈلگەن بولسىمۇ ئىشقا يارىمايدۇ.
✦ ھاياتتا بىرەر پىلانى بولمىغان ئىنسانلار تىرىك يۈرگىنى بىلەن ئۇلارنىڭ مۇردىدىن قىلچە پەرقى يوقتۇ ر.
«ئادەم سۈكۈت قىلغىنىغا پۇشايمان قىلمايدۇ، لېكىن بەزى سۆزلىرى ئۈچۈن چوقۇم پۇشايمان قىلىدۇ.» —ئەرەب ماقال۔تەمسىللىرىدىن
پۇشايمان قىلىش ئىنسان خاراكتېرىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، ھەممە ئادەمنىڭ پۇشايمان قىلىدىغان ئىشلىرى بولىدۇ، بولۇپمۇ بىزدىن سادىر بولغان ۋە ئوڭشىغىلى بولمايدىغان ئىشلىرىمىز ئۈچۈن ھەممىمىز پۇشايمان قىلىمىز. پۇشايمان قىلمايدىغان ئادەم تېپىلمايدۇ. پۇشايمان قىلىش ئەيىب ئەمەس. چۈنكى ئاتىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالاممۇ ئۆز خاتالىقىغا پۇشايمان قىلغان ۋە ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ دۇئا قىلغان.
﴿قَالَا رَبَّنَا ظَلَمْنَا أَنفُسَنَا وَإِن لَّمْ تَغْفِرْ لَنَا وَتَرْحَمْنَا لَنَكُونَنَّ مِنَ الْخَاسِرِينَ﴾
«ئى رەببىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمىز.[^1]»
كاشكى، بىزدىمۇ كومپىيۇتېرنىڭ CTR+Z كۇنۇپكىسىدەك كۇنۇپكا بولسا ئىدى، بارلىق خاتالىقلىرىمىزنى ۋە ئوڭشىغىلى بولمايدىغان ھاماقەتلىكلىرىمىزنى كۇنۇپكىغا بىرنى ئۇرۇش بىلەن ئۆچۈرۈپ تاشلىيالىغان بولساق. بىز تارىخىمىزنى قايتۇرۇپ كېلەلمەيمىز، ھاماقەتلىكلىرىمىزنى ئۆچۈرەلمەيمىز، قىلمىشلىرىمىزنى يوق قىلالمايمىز، پەقەتلا رەھىم۔شەپقەتلىك ئىگىمىزگە ئىلتىجا قىلىپ تەۋبە قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشەلەيمىز. شەكسىزكى، تەۋبە بىزگە بېرىلگەن ئەڭ زور نېمەت ۋە چىقىش يولىدۇر. «تەۋبە گۇناھنى يەر، سەدىقە بالانى يەر» دەپ ئەجدادلىرىمىز بىكارغا ئېيتمىغان. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «گۇناھىغا تەۋبە قىلغان ئادەم گۇناھ قىلمىغانغا ئوخشاشتۇر [^2]» دەپ كۆرسەتكەن.
شۇنى بىلىۋېلىش كېرەككى، قىلمىش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىرى، ئاللاھ تائالانىڭ «قىل» ۋە «قىلما» دېگەن بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىش بولۇپ، ئۇ ﴿الذُّنُوبَ﴾ «گۇناھلار» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە بىرى، مەخلۇقاتقا قارىتا سادىر قىلىنغان ﴿السَّيِّئَاتِ﴾ قىلمىش بولۇپ، ئۇ «يامانلىقلار» دەپ ئاتىلىدۇ. گۇناھلارنى ئاللاھ تائالا ئۆزى بىۋاسىتە مەغپىرەت قىلىدۇ.
﴿إِنَّ اللَّهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعًا ۚ إِنَّهُ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ﴾
« ئاللاھ ھەقىقەتەن (تەۋبە قىلغان كىشىلەرنىڭ) بارلىق گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ [^3]». ئەمما يامانلىقلارنى يامانلىق قىلىنغۇچىلار كەچۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئاللاھ تائالا مەغپىرەت قىلىدۇ.
﴿فَمَن تَابَ مِن بَعْدِ ظُلْمِهِ وَأَصْلَحَ فَإِنَّ اللَّهَ يَتُوبُ عَلَيْهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ﴾
«كىمكى زۇلۇم قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا ۋە (بۇزغانلىرىنى) تۈزەتسە، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ [^4]» دېگەن ئايەت بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدۇ.
﴿إِنَّ الْحَسَنَاتِ يُذْهِبْنَ السَّيِّئَاتِ﴾
«ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ [^5]» دېگەن ئايەت بىراۋغا يامانلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىپ رازىلىقىنى ئېلىش ئارقىلىق يامانلىقنى يۇغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ.
بىز پۇشايمان قىلىدىغان ئىشلار كۆپىنچىمىز ئالدىمىزدىكى ئون يا يىگىرمە ۋەياكى ئوتتۇز يىلدىن كېيىن پۇشايمان قىلىدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە:
✦ 1. ئاتا-ئانىمىز بىلەن كۆپرەك بىللە بولالمىغانلىقىمىزغا پۇشايمان قىلىمىز.
✦ 2. تاپاۋىتىمىزنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىقتىسادچان بولمىغانلىقىمىزغا پۇشايمان قىلىمىز.
✦ 3. بىز قىممىتىنى بىلمەي قولدىن بەرگەن پۇرسەتلەر ئۈچۈن پۇشايمان قىلىمىز.
✦ 4. يېتەرلىك دەرىجىدە ئوقۇمىغانلىقىمىزغا، كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەنمىگەنلىكىمىزگە پۇشايمان قىلىمىز.
✦ 5. ۋاقتىمىزنىڭ كۆپ قىسمىنى پەرزەنتلىرىمىز بىلەن ئۆتكۈز مىگەنلىكىمىزگە پۇشايمان قىلىمىز.
✦ 6. ئارزۇ۔ئارمانلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كېچىكتۈرگەنلى كىمىزگە پۇشايمان قىلىمىز.
✦ 7. خالاپ۔خالىماي بىراۋنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويغانلىقىمىزغا پۇشايمان قىلىمىز.
✦ 8. ئۆزىمىز خالىمىغان ئىشقا «ياق» دېيەلمىگەنلىكىمىزگە پۇشايمان قىلىمىز.
✦ 9. ھاياتىمىزنىڭ پىلانىنى باشقىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزغانلىقىمىزغا پۇشايمان قىلىمىز.
✦ 10. خاتالىقىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرغان ئىشلار ئۈچۈن پۇشايمان قىلىمىز.
✦ 11. بۇرۇن باتىللىقىنى بىلمەي ئەقىدە قىلغان ئىشلار ئۈچۈن پۇشايمان قىلىمىز.
✦ 12. ياشلىقىمىزدا قىممىتىنى بىلمىگەن پۇرسەت ۋە شارائىتلار ئۈچۈن پۇشايمان قىلىمىز.
✦ 13. ئاتا-ئانىمىزنى رەنجىتكەن ياكى پەرزەنتلىرىمىزنى خىجالەتتە قويغان ھەربىر قىلمىشىمىزغا پۇشايمان قىلىمىز.
✦ 14. كىشىلەرگە ئۆزىمىزنى ئەرزىتىش ئۈچۈن كىيىۋالغان ماسكىلار ئۈچۈن پۇشايمان قىلىمىز.
✦ 15. بىز ئەمەل قىلمىغان ھەربىر نەسىھەت ياكى مەسلىھەت ئۈچۈن پۇشايمان قىلىمىز.
✦ 16. يېرىم يولدا ۋاز كەچكەن پىلانلىرىمىز ئۈچۈن پۇشايمان قىلىمىز.
✦ 17. ئاجىزلارغا كۈچىمىزنى كۆرسەتكەنلىكىمىزگە پۇشايمان قىلىمىز.
✦ 18. ئائىلىدىكى مۇھەببەتنىڭ قىممىتىنى بىلمىگەن ھەربىر دەقىقىمىز ئۈچۈن پۇشايمان قىلىمىز.
✦ 19. ئاددىي ئىشلار سەۋەبلىك جورىمىزنى ياكى پەرزەنتلىرىمىزنى رەنجىتكەنلىكىمىزگە پۇشايمان قىلىمىز.
✦ 20. ئارقىمىزدا بىرەر كاتتا ئىش ياكى بىرەر گۈزەل ئەسەر قالدۇرماي بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشماقچى بولغانلىقىمىزغا پۇشايمان قىلىمىز.
پۇرسەت كېتىپ قېلىشتىن بۇرۇن يۇقىرىقى ئىشلارنى ئوبدان ئويلاپ، ھەربىرىگە جاۋاب تېپىشقا تىرىشىڭ!
ئىنسان قېرىشتىن قورقمايدۇ، بەلكى ئارقىسىدا ئۆزىنى ئەسلىگۈدەك بىرەر ئەسەر قالدۇرالماسلىقىدىن قورقىدۇ. چۈنكى قورقىدىغان نەرسە ياشىنىپ قېلىش ياكى ئۆلۈم ئەمەس، بەلكى دۇنياغا كەلمىگەندەكلا يوقاپ كېتىشتۇر. شۇڭا ھاياتىڭىزدىن ئىز قالدۇرۇشقا ئالدىراڭ!
✦ پۇشايمانلىرىڭىزنى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن قېرىشىڭىزنى كۈتمەڭ.
✦ ئىنسانلارنىڭ خاتالىقلىرى ۋە ھاماقەتلىكلىرى ھەر خىل بولسىمۇ، ھەممىسىنىڭ پۇشايمىنى بىر خىلدۇر.
✦ بىز كېلەچەكتە پۇشايمان قىلىدىغان ئىشلار ھازىر قىلىشقا ئىككىلىنىپ يۈرگەن ئىشلىرىمىز دۇر.
- ئەئراف سۈرىسى: ۔ئايەت23.
- ئىبنى ماجە رىۋايىتى.
- زۇمەر سۈرىسى: ئايەت53 ۔.
- مائىدە سۈرىسى: ئايەت39 ۔.
- ھۇد سۈرىسى: ئايەت114 ۔.
