51–57-ماقالىلەر: ئادەت، تەلەي ۋە ھاياتلىق قائىدىلىرى
«كۆيگەن يامانمۇ، كۆنگەنمۇ؟.» ئۇيغۇر خەلق ماقال ۔تەمسىللىرىدىن. «مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىدە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئادەتلىرىنى يېتىشتۈرگەن كىشىلەردۇر. شۇڭا ئۇلار نۇرغۇنلىغان كاتتا ئىشلارنى ۋە زور نەتىجىلەرنى ئۆزلىرى ھېس قىلماستىن، ھەتتا ئويلاپمۇ ئولتۇرماستىن قولغا كەلتۈرگەن. چۈنكى ئۇلار ئاشۇ كاتتا ئىشلارنى ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك ئادەتلىرىگە ئايلاندۇرۇۋالغان. ناۋادا، سىزمۇ ئۆزىڭىزدە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرە - لسىڭىز، سىزدىن سادىر بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىرەردىن مۇۋەپپەقىيەت، بىرەردىن غەلىبە، بىرەردىن ئۇتۇق بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. كۈندىلىك ئادەتنىڭ قانداق پايدىسى بار؟ كۈندىلىك ئادەت پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۆزىنى يېتىلدۈرۈش ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىمدۇر. بۇنىڭدىن باشقا، كۈندىلىك ئادەت ئىنتىزاملىق بولۇشقا، پىلانلىق ئىش قىلىشقا، روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىققا، ئىشلارنى ئۆز ۋاقتىدا قىلىشقا، قابىلىيەتنى ئاشۇرۇشقا، ۋاقىتنى پىلانلىق باشقۇرۇشقا، ئۆزىمىزگە ۋە ئائىلىمىزگە كۆڭۈل بۆلۈشكە، پۇل۔مالنى ۋە ۋاقىتنى تېجەشكە ۋە ئاز ۋاقىتتا كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئالمۇتا شەھىرىدە يېشى يەتمىشتىن ئاشقان بىر ئاكىمىز بار. مېنى ھەممە ئادەم تېز ماڭىدۇ، دەيدۇ، ئەمما مەن ئۇ كىشى يول ماڭسام ئارقىسىدىن يېتىشەلمەي قالىمەن. ئۇنىڭ تەن ساقلىقى ۋە بەدەن لاياقىتى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە ياخشى. بۇنىڭ سىرىنىڭ سورىغىنىمدا، ئاخشىمى بۇرۇن يېتىپ، ئەتىگەن سەھەر تۇرۇش ۋە ناماز بامدادتىن كېيىن بىر سائەت مېڭىش ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. بۇ كىشى نەچچە ئون يىللاردىن بېرى شۇ ئادىتى بويىچە ئىش قىلىدىكەن. سۈرىيەلىك بىر ئالىمنىڭ ھەر كۈنى سەھەر ۋاقتى سائەت تۆتتىن ئالتىگىچە ئىككى سائەت يېزىشنى ئادەت قىلىۋالغانلىقىنى ۋە شۇنداق يېزىپ، سەككىز يىلدا 22 توملۇق چوڭ ئەسەر يازغانلىقىنى ئوقۇپ قاتتىق تەسىرلەنگەن ئىدىم. ئادەم ئۆزىدە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرۈۋالغاندىن كېيىن، مۇۋەپپەقىيەت ئۆزلۈكىدىن كەلگەندەكلا ھېس قىلدۇرماستىن ھاسىل بولىدىكەن. پېقىر ئۆزۈمنى ئالسام يېزىشقا قەدەم قويغىنىمغا ئوتتۇز يىلدىن ئېشىپتۇ. ھەر كۈنى قىسقا بولسىمۇ بىرەر نەرسە يېزىشنى ئادەت قىلىۋالغانمەن. ھازىرغا قەدەر 32 پارچە كىتاب، ئىككى مىڭ پارچىدىن كۆپرەك ماقالە يېزىپ ئېلان قىلدىم. مەن بۇ ئىشلارنى كۈندىلىك خىزمەت سائەتلىرىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، ئاخشاملىرى تېلېۋىزورغا ياكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا كېتىدىغان ۋاقىتلىرىمنى سەرپ قىلىپ قولغا كەلتۈردۈم. 10 توملۇق «تەپسىر جەۋھەرلىرى» كۈندىلىك رادىيو ئاڭلىتىشىغا 15 مىنۇتلۇق
تەپسىر پروگراممىسى تەييارلاش ئادىتىمنىڭ مېۋىسى ھېسابلىنىدۇ. پېقىر
✦ 5218. بەتلىك بۇ تەپسىرنى تەييارلاش ئۈچۈن، كۈندىلىك خىزمىتىمنى، ئائىلە ئىشلىرىمنى ۋە ئارام ئېلىشىمنى قۇربان قىلمىدىم، پەقەتلا ھەر كۈنى مەلۇم ۋاقتىمنى چىقاردىم، خالاس. ئادەت دېگەن ئەنە شۇنداق سېھىرلىك ۋە بەرەكەتلىك نەرسە ئىكەن. شۇڭا ئۆزىمىزگە پايدىلىق ئىشلارنى ئادەت ھالىغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشىمىز لازىم.
نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزگە پايدىلىق ئىشلارنى داۋاملاشتۇرالمايمىز؟
ئۆزىمىزگە ۋە تەن ساقلىقىمىزغا پايدىلىق بولغان ئىشلارنى ئۇزۇن ۋاقىت داۋانلاشتۇرالماي، ئوتتۇرا يولدا تاشلاپ قويۇشىمىزنىڭ سەۋەبى ئۇ ئىشلارنىڭ كۈندىلىك ئادىتىمىزگە ئايلىنالمىغانلىقىدىندۇر. مەسىلەن: كۆپىنچىمىز ئاخشىمى بۇرۇن يېتىپ، سەھەر تۇرۇشنىڭ تەن ساقلىمىزنى ساقلاش، بەرىكەت تېپىش، ئىشلىرىمىزدا راۋاج تېپىش ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، ھاياجانلىنىمىز ۋە بىر۔ ئىككى كۈن بۇرۇن يېتىپ، سەھەر تۇرىمىز. بىزدىكى ھاياجاننىڭ تۈگىشى بىلەن يەنە بۇرۇنقى ھالىتىمىزگە قايتىۋالىمىز. بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئاڭلىغان ياكى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا، ھەر كۈنى بىرەر سائەت مېڭىشقا بەل باغلايمىز ياكى چېنىقىش سايمانلىرىدىن بىرىنى سېتىۋالىمىز، ئەمما ئۇنى بىرەر ھەپتىدىن كۆپ داۋاملاشتۇرالماي تاشلىۋېتىمىز. چەتئەل تىلى ئۆگىنىشنىڭ پايدىلىرىنى ئاڭلىغاندا، بىرەر تىل ئۆگىتىشكە بەل باغلاپ كىتابلارنى سېتىۋالىمىز، ھەتتا كۇرسلارغا قاتنىشىمىز، ئەمما ئىككى ھەپتە داۋاملاشتۇرالماي تاشلىۋېتىمىز. چۈنكى، بىز بۇ ئىشلارنى ئادەت ھالىغا كەلتۈرەلمىدۇق. ئەگەر يۇقىرىقى ئىشلار بىزنىڭ كۈندىلىك ئادىتىمىزگە ئايلىنىپ كەتكەن بولسا ئىدى، بىز ئويلىماستىن، ئۆزىمىزنى زورلىماستىن ۋە ھېچبىر قىيىن كۆرمەستىن داۋامنلاشتۇرۇپ كېتەلىگەن بولاتتۇق.
ئادەتنى قانداق يېتىلدۈرىمىز؟
داۋاملاشتۇرماقچى بولغان ھەرقانداق بىر ئىشنى ھاياجاندىن يىراق، بوشاڭلىقتىن ۋە ھورۇنلۇقتىن خالىي تۇرۇپ، ئەڭ ئاز دېگەندە كۈن21 چىداپ داۋاملاشتۇرۇش شۇ ئىشنى ئادەت ھالىغا كەلتۈرۈشنىڭ يولىدۇر. سىز قانداقلا بىر ئىشنى ئادەت ھالىغا كەلتۈرگەن ۋاقتىڭىزدا، سىز ئۇ ئىشنى ئىختىيارسىز ھالدا ئۆزلىڭىزدىن قىلىۋېرىدىغان بولۇپ قالىسىز. نەتىجىدە، نۇرغۇن كاتتا ئىشلارنى ۋە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ھېچقانداق جاپا۔مۇشەققەت ھېس قىلمايلا قولغا كەلتۈرەلەيسىز.
بالىلىق چاغلىرىمدا يان كوچىدىكى قوشنىمىز داۋۇد ئاخۇن تۆمۈرچىنىڭ بولقا تۇتقان قولىغا ھەيران قالاتتىم. چۈنكى ماڭا ئۇنىڭ ئاشۇ قولى توم ۋە مىختا كۆرۈنەتتى. بىر قولىدا تۇتۇۋالغان بولقىنى مەن ئىككى قولۇم بىلەن كۆتۈرەلمەيتتىم. ھاياتىمدا مەخسۇس بەدەن چېنىقتۇرغان نۇرغۇن سپورتچىلارنى كۆردۈم، ئەمما داۋۇد ئاخۇن تۆمۈرچىنىڭ قولىدەك كۈچلۈك قولنى كۆرمىدىم. تۆمۈرچىنىڭ ئۆز ھۈنىرى ئارقىلىق قولىنى كۈچلەندۈرۈشنى نىيەت قىلمىغانلىقى، ھەتتا ئويلاپمۇ باقمىغانلىقى ئېنىق. ئەمما ئۇنىڭ بولقا كۆتۈرۈشى كۈندىلىك ئادىتىگە ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بولقا تۇتقان قولى كۈچلىنىپ ماڭغان. باشقا ئىشلارمۇ بۇنىڭغا ئوخشايدۇ. مەسىلەن: كۈندە بىر بەت قۇرئان يادلاشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئادىتىڭىزگە ئايلىنى پ كېتىدۇ۔دە، ئۆزىڭىز ھېس قىلماي قۇرئاننى تولۇق يادلاپ كېتەلەيسىز. چۈنكى، سىز يادلاشقا ئۇستىلاشقانسېرى ئوڭايلىشىپ ماڭىدۇ، سىزگە قىلچە ئېغىر كەلمەيدۇ. كۈندە چەتئەل تىلىدىن بىر قانچە سۆز ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئادىتىڭىزگە ئايلىنى پ كېتىدۇ. نەتىجىدە، بىر قانچە ئاي ئىچىدە شۇ تىلدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان مۇھىم سۆزلەرنى بىلىپ قالىسىز. شۇنىڭدەك، بىرەر كۈندە بىر قانچە بەت كىتاب ئوقۇشنى ئۈزمەي داۋاملاشتۇرسىڭىز، كۈندىلىك كىتاب ئوقۇش سىزنىڭ ئادىتىڭىزگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. بۇ ئارقىلىق بىلىم ۔سەۋىيەيىڭىز ئاشىدۇ، كۆپ نەرسىلەنى ۋە ئىشلارنى بىلىۋالىسىز.
ئۇنتۇماڭكى، ھەرقانداق ئىش ئىرادە ۋە ئىزچىللىق تەلەپ قىلىدۇ. سىز ھەممىدىن ئاۋۋال ئۆزىڭىزدە ئۆمۈر بويى قالىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىڭ!.
يېتىلدۈرۈش زۆرۈر بولغان 7 ئادەت
✦ 1. ئەتىگەنلىك ۋەزىپە بۈگۈننىڭ ئىشلىرىنى ئاخشامدىن پىلانلاپ، سەھەر تۇرۇشقا سائەتنى تەڭشەيمىز، ئاندىن كېچە سائەت 11 دە ئۇخلاپ بولىمىز. چۈنكى، بەدىنىمىزدىكى بىيولوگىيەلىك سائەت كېچە سائەت دىن113 كىچە جېگەردىن زەھەر تازىلاش بىلەن بولىدۇ. زەھەرنىڭ تازىلىنىشى ئۈچۈب مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە بىزنىڭ ئۇخلىغان بولۇشىمىز شەرت.
ناماز بامدادتىن بۇرۇن، ھېچبولمىغاندا يېرىم سائەت بۇرۇن ئورنىمىزدىن تۇرىمىز، ياخشى ئارام ئالغانلىقىمىز ۋە ئەزايىمىزنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن، «ئەلھەمدۇلىللاھ!» دەپ، چىن قەلبىمىزدىن ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىمىز. بۇ بىزنىڭ بىر كۈنلۈك ئىشىمىزنىڭ نەتىجىلىك بولۇشى، روھىمىزنىڭ ئۈستۈن ۋە كۆڭلىمىزنىڭ خۇشال تۇرۇشى ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر.
ئاندىن قانچە رەكئەت ئوقۇيالىساق شۇنچىلىك تەھەججۇد نامىزى ئوقۇيمىز، بۇ ئارىدا بىر۔ ئىككى ئىستاكان ئىسسىق سۇنى ئاز۔ئازدىن ئىچىمىز. ناماز بامدادنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەتىگەنلىك زىكىرلەرنى ئېيتىمىز، قۇرئان كەرىمدىن بىر قانچە بەت ئوقۇپ دۇئا قىلىمىز.
✦ 2. بەدەن چېنىقتۇرۇش بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ تەن سالامەتلىك ئۈچۈن قانچىلىك زور پايدىلىق ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشنەىڭ ھاجىتى يوق. بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ھەممە ياشتىكى كىشىلەر قىلالايدىغان ئەڭ ئوڭاي تۈرى ئوچۇق ھاۋادا مېڭىشتۇر. ھەر كۈنى ئەينى ۋاقىتتا بىر سائەت، ئاز دېگەندە يېرىم سائەت مېڭىش شۇ كۈنلۈك ئىشلارنى خۇشاللىق ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن قىشىمىز ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىقتۇر.
✦ 3. ساغلام غىزالىنىش يەيدىغان، ئىچىدىغانلىرىمىزنىڭ بەدەننىڭ تەلەپلىرىگە مۇناسى پ كېلىدىغان، جىسىمغا ئېنېرگىيە بېرەلەيدىغان ساغلام بولۇشى، ناشتىنى كېچىكتۈرمەي ئوبدان قىلىش، چۈشتە قۇۋۋەتلىك يېيىش، ئاخشىمى ئاز يېيىش، كېچىسى قەتئىي يېمەسلىك، مۇمكىنقەدەر سىرتتىن تاماق يېمەسلىك بارلىق تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىردەك تەۋسەيدى بولۇپ كەلمەكتە.
شەكسىزكى، ئاشخانىلاردىن تاماق يېيىشنىڭ ۋە تېز تاماقلارنى بۇيرۇتۇشنىڭ ئورنىغا ئۆي تامىقىنى يېيىش ھەم تەن ساقلىقىمىز ھەم ئىقتىسادچانلىق ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر.
✦ 4. كونكرېت پىلان تۈزۈش كۈنلۈك پىلان تۈزۈش ئۇزۇن مۇددەتلىك چوڭ پىلانلارنى بۆلۈپ ئورۇنداش ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى چارىدۇر. كۈندىلىك ئىشلارنى ۋە كىچىك پىلانلارنى يولىدا ئېلىپ بارالىغان ئادەم چوڭ پىلانلارنى ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. چۈنكى ھەرقانداق چوڭ ئىشلار كىچىدىن باشلىنىدۇ.
✦ 5. ۋاقىت جەدۋىلىگە رېئايە قىلىش ئىشلارنى تەرتىپى بويىچە قىلىش، ئەڭ مۇھىملىرىنى مۇھىملىرىنىڭ ئالدىغا قويۇش، مۇھىملىرىنى مۇھىم ئەمەسلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ يولىدۇر. كۈنلۈك جەدۋەل بويىچە رەتلىك ئىش قىلىشنىڭ پايدىسى ناھايىتى كۆپتۇر. ئاددىيسى، ۋاقىتنى تېجەش، كۆپ ئىشلارنى بېجىرىش، جىددىيلىشىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىقتۇر.
✦ 6. يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىش توختاۋسىز ئۆگىنىش توختاۋسىز ئىلگىرىلەشنىڭ يولىدۇر. ھەر كۈنى يېڭى۔ يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىش بىزنىڭ ئۇپۇقىمىزنى كېڭەيتىدۇ، بىلىمىمىزنى ئاشۇرىدۇ ۋە بىزنى ھاياتلىقنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە ئېلىپ بارىدۇ.
كۆپ كىتاب ئوقۇش، ياخشى لېكسىيەلەرنى تىڭشاش، ۋەز۔نەسىھەت سورۇنلىرىغا قاتنىشىش، دىنىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ھازىر بولۇش كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن بىرەردىن پۇرسەت.
✦ 7. كۈندىلىك تەپەككۇر تەپەككۇر قىلىش ئەقىلنى ئاچىدۇ. خۇددى پىچاق بىلىگەنسېرى ئىتتىكلەشكەنگە ئوخشاش ئەقىلمۇ ئىشلەتكەنسېرى كۈچلىنىدۇ. دىنىمىزدا تەپەككۇر قىلىش ئىبادەت سانىلىدۇ. تەپەككۇر ئەقىلغا خىتاب قىلىدىغان، ئەقىلنى ئالاھىدە قەدىرلەيدىغان ۋە ئەقىلنىڭ مەنتىقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان بىر ئىلمىي دىندۇر. ئىمان توغرا تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلىدۇر.
تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق توغرا قارار چىقارغىلى، ئۆزىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى باھالىغىلى، كەمچىلىكلىرىمىزنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ھەر ئاخشىمى ياتقان ۋاقتىمىزدا، بۈگۈن قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلغانلىقىمىز، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىز ۋە پىلانلىغان بولساقمۇ قىلالمىغان ئىشلىرىمىز ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىش ۋە ئەتىكى ئىشلارنىڭ پىلانىنى تۈزۈش تولىمۇ ياخشى ئادەتتۇر.
✦ بىرەر ئىشنى باش لاش ئۈچۈن ئىرادىگە، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئادەتكە موھتاج بولىمىز.
✦ بىرەر ياخشى ئىشنى ئادەت ھالىغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ بولغاندا 40 كۈن، ئاز دېگەندە 21 كۈنگە موھتاجمىز.
✦ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار ئۆزلىرىنى كاتتا ئىشلارنى قىلغاندەك ھېس قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى كۈندىلىك كىچىك ئادەتلەرگە ئايلىنىپ قال غان.
«دىن — مۇئامىلىدۇر.» —ئەرەب ھېكمەتلىرىدىن. ئىنسان ئۈچ تەرەپ بىلەن ئالاقىدار بولۇپ، بىرىنچىسى، ئاللاھ تائالا بىلەن، ئىككىنچىسى، ئۆزى بىلەن، ئۈچىنچىسى، باشقىلار بىلەن بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: [اَّتِّقِ الله حيثما كنَتَ، وأْتِْبِِعِ الَّسّ ِّيَّئَةَ الحَسَ َنَةَ َتَْمُْحُ َهَا، وخاِلِِقِ الناَسَ بخُلُق حسن ] «نەدىلا بولساڭ ئاللاھتىن قورققىن، يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن ئۆچۈرگىن، كىشىلەرگە گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلغىن.[^1]»
بۇ ھەدىس لەۋزى قىسقا، مەزمۇنى مول ھەدىسلەردىن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدا ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان، ئۆزى بىلەن بولغان ۋە باشقىلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ پىرىنسىپىنى بايان قىلغان. بىزنىڭ ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان مۇئامىلىمىز تەقۋالىق ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالادىن ئەيمىنىش، ئۇنىڭ ھەمىشە بىز بىلەن بىللە بىللە ئىكەنلىكىنى، گەپ۔سۆزلىرىمىزنى، ئىش۔ھەرىكەتلىرىمىزنى كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئويلىغانلىرىمىزنىمۇ پبىلى تۇرىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارمىغان ھالدا ئىش كۆرۈش بىلەن بولىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئىلمى ۋە قۇدرىتى بىلەن ھەمىشە بىز بىلەن بىللىدۇر.
﴿وَهُوَ مَعَكُمْ أَيْنَ مَا كُنتُمْ ۚ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ﴾
«سىلەر قەيەردە بولساڭلار، ئۇ سىلەر بىلەن بىللىدۇر [^2]» دېگەن ئايەت بۇنى تەكىتلەيدۇ.
سىز ئاللاھ تائالانىڭ ھەمىشە سىز بىلەن بىللە ئىكەنلىكىگە، ياخشى۔ يامان ھەممە ئىشىڭىزنى كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرىدىغانلىقىغا، ئۇنىڭغا ئاساسەن سىزدىن ھېساب ئالىدىغانلىقىغان شەكسىز ئىشەنگەن ۋاقتىڭىزدا ئىماننىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىسىنى ھاسىل قىلغان بولىسىز. سىز مەيلى كۈندۈزدە ياكى كېچىدە بولۇڭ، مەيلى ئادەم بار يەردە ياكى ھېچكىم يوق يەردە بولۇڭ، ئاللاھ تائالانىڭ سىزنى كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ھەرىكىتىڭىزنى كۆرۈپ، سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلاپ تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلغىنىڭىزدا گۇناھ قىلىشتىن قورقىسىز. چۈنكى، ئۇ چاغدا سىز سىزگە قاراپ تۇرغان زاتتىن ھايا قىلىسىز. بۇنىڭ ئۆزى سىزنىڭ ئىمانىڭىزنىڭ ئىسپاتىدۇر.
✦ 1. بىزنىڭ ئۆزىمىز بىلەن بولغان مۇئامىلىمىز نەپسىمىزنى پاكلاش ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. بۇ ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش ئارقىلىق گۇناھلىرىمىزنى بولىدۇ. ۋە يامانلىقلىرىمىزنى يۇيۇپ «ياخشى تۇرۇش ئىشلار بىلەن
﴿إِنَّ الْحَسَنَاتِ يُذْهِبْنَ السَّيِّئَاتِ﴾
ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ [^3]» دېگەن ئايەت بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدۇ. گۇناھنى ۋە يامانلىقنى قىلىپ بولۇپ تەۋبە قىلىپ قويۇش بىلەنلا ئىش تۈگىمەيدۇ، بەلكى ياخشى ئىشلارنى قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
نەپسنى پاكلاش دېگەن ئەيىبلەردىن قۇتۇلۇش ۋە گۇناھلارنى يۇيۇش دېگەنلىك بولۇپ، نەپسىنى پاكلاشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەم مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالا ئەڭ ئۇزۇن قەسەم بىلەن تەكىتلىگەن مەسىلىدۇر [^4]. ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرگە ئەقىل، ھايۋانلارغا نەپس ئاتا قىلغان بولسا ئىنسانلارغا ھەم ئەقىل ھەم نەپس ئاتا قىلغان. ئىنسان بۇ ئىككىسى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئىمتىھانىغا سالاھىيەتلىك بولغان ۋە سىناق دۇنياسىغا ئەۋەتىلگەن. ئاللاھ تائالا بىزگە ئاتا قىلغان نەپس سايىسىدا بىز بىر قېتىم سەۋر قىلىش بىلەن، يەنە بىر قېتىم شۈكۈر قىلىش بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىق ھاسىل قىلىمىز. چۈنكى، ئىماننىڭ يېرىمى سەۋر، يېرىمى شۈكۈردۇر. بۇ ئىككىسى بىلەن ئىمانىمىز تولۇقلىنىدۇ. ناۋادا بىزنى گۇناھقا بۇيرۇيدىغان نەپسىمىز بولمىغان بولسا ئىدى، بىز بۇ ئىككى خىسلەتنى ھاسىل قىلالمىغان بولاتتۇق.
✦ 2. بىزنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىمىز گۈزەل ئەخلاق ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. بىراۋنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ئۇنىڭ ئىماننىڭ كامىللىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئىمانى ئەڭ كامىل ئادەم ئەڭ ئەخلاقلىق ئادەمدۇر [^5]» دېگەن سۆزى بۇنى تەكىتلەيدۇ. گۈزەل ئەخلاق كىشىلەرگە ئادىل، رەھىمدىل ۋە دۇرۇس بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
دىندارلىق بىلەن ئەخلاق ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بولۇپ، ئەخلاق دىننىڭ يادروسى ۋە ئۇنىڭ غايىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى چۈشەندۈرۈپ، «مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىم [^6]» دەپ كۆرسەتكەن.
يۇقىرىقى ئۈچ تەرەپلىمە ئالاقە بىزدىن سەمىيمىلىكنى ۋە ئاكتىپلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.
✦ ئال لاھ تائالاغا تەقۋالىق قىلىش، نەپسىمىزنى پاكلاش، كىشىلەرگە گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئىماننىڭ كامىللىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.
✦ گۈزەل ئەخ لاق ئىسلامنىڭ غايىسى ۋە جەننەتكە كىرىشنىڭ كاپالىتىدۇر.
✦ نەپس بەزى ئىنسانلارنى پەرىشتىلەرنىڭ مەرتىۋىسىگە كۆتۈرسە، بەزىسىنى ھايۋان دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويى دۇ.
- ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.
- ھەدىد سۈرىسى: ئايەت4 ۔.
- ھۇد سۈرىسى: ئايەت114 ۔.
- شەمس سۈرىسىگە قاراڭ.
- ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.
- ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
« ھەقىقەتەن كۈلدۈرگەنمۇ، يىغلاتقانمۇ ئاللاھتۇر.» — نەجم سۈرىسى: 43 ۔ ئايەت. نورمال كۈلكە خۇشاللىقنىڭ ئەلچىسى، مېھىر۔مۇھەببەتنىڭ تۈرتكىسى ۋە ساغلاملىقنىڭ دەلىلىدۇر. مەلۇمكى، ساغلاملىق بەدەننىڭ كېسەلدىن ساق بولۇشىلا ئەمەس، بەلكى ساغلاملىق — پىكىر، ھېسسىيات، بەدەن ۋە روھ قاتارلىق تۆت نەرسىنىڭ تەڭپۇڭلۇق ئىچىدە بولغان ھالىتىدۇر. كۈلكە ئىنساننى باشقا جانلىقلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئالاھىدە سۈپەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئىنساننىڭ گۈزەللىكىگە گۈزەللىك قوشىدۇ، كىشىلەرنىڭ سۆيگۈسىگە لايىق قىلىدۇ. چۈنكى، ئىنسانلار تەبەسسۇم قىلىدىغان، ئوچۇق چىراي، يېقىملىق كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەللامە قۇرتۇبى
﴿وَأَنَّهُ هُوَ أَضْحَكَ وَأَبْكَىٰ﴾
« ھەقىقەتەن كۈلدۈرگەنمۇ، يىغلاتقانمۇ ئاللاھتۇر [^1]» دېگەن ئايەت توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بارچە جانلىقلارنىڭ ئارىسىدىن پەقەت ئىنساننىلا كۈلىدىغان ۋە يىغلايدىغان قىلىپ ياراتقان. چۈنكى باشقا جانلىقلاردا كۈلۈش ۋە يىغلاش خۇسۇسىيىتى يوقتۇر. مايمۇن كۈلىدۇ، يىغلىمايدۇ، تۆگە يىغلايدۇ، كۈلمەيدۇ، دېيىلىدۇ». چۈنكى، كۈلكە ۋە يىغا ئىنسان ئەقلىنىڭ ۋەقەلىكلەرگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرىشىدىن كېلىدىغان نەرسە، ئەمما باشقا جانلىقلاردا ئەقىل بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھ ياراتقان فىترىتى بويىچە ئىش كۆرىدۇ.
كۈلكە يېقىلغۇغا ئوخشاش ھارارىتى بىلەن ھاياتىمىزغا ئېنېرگىيە بېرىدىغان ۋە ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرىدىغان سېھىرلىك نەرسىدۇر. سىز ھاياتنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا ۋە رەھىمسىزلىكىگە ھەر قېتىم كۈلگىنىڭىزدە ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقىڭىزنى ۋە قەتئىي تەسلىم بولمايدىغانلىقىڭىزنى ئېلان قىلغان بولىسىز. كۈلۈپ تۇرىدىغان ئىنسان ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئىنساندۇر.
كۈلكە ۔ چاقچاق كۆڭۈلنى راھەتلەندۈرىدۇ، دەرد۔ ئەلەملەرنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ. ئەمما دىنىمىزدا ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ چەك۔چېگراسى بولغىنىدەك، كۈلكە ۔ چاقچاقنىڭمۇ چەك۔چېگراسى بار. ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى، گۈزەل ئەخلاقنىڭ نەمۇنىسى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ كۈلەتتى، چاقچاق قىلاتتى، بۇ ئارقىلىق سۆھبەتداش لىرىنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرەتتى. ئەمما ئۇنىڭ كۈلكە۔چاقچاقلىرى گۈزەل مەنىلەرنى، ئالىي مەقسەتلەرنى، ئېسىل پەزىلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندەك، ساھابىلىرىگە تەسەللى بېرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈلكىسىمۇ تەربىيەدىن ۋە يول كۆرسىتىشتىن خالى ئەمەس ئىدى. ئۇ زات ساھابىلىرىگە ھەر ئىشتا ئوتتۇراھاللىقنى ساقلاشنى ئۆگەتكەندەك، كۈلكە ۔چاقچاقتىمۇ نورمال بولۇشنى ئۆگەتكەن ئىدى. بۇ ھەقتە: «ئى ئەبۇ ھۇرەيرە! ئاز كۈلگىن، چۈنكى كۆپ كۈلۈش قەلبنى ئۆلتۈرىدۇ [^2]» دېگەن. ئۆلىمالار ھەدىستىكى «قەلبنى ئۆلتۈرىدىغان كۈلۈش»نى دۇنيالىقتىن بولغان ئامەتلىرىگە كۆرەڭلەپ قاھقاھلاپ كۈلۈش، دەپ شەرھلىگەن.
كۈلكە ھەرقانداق ۋاقىتتا مۇباھتۇر، ئەمما بىرلىرىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈش ھارامدۇر. چۈنكى، ئىنسانلارنى مەسخىرە قىلىش كاپىرلارنىڭ قىلىقىدۇر. قۇرئان كەرىم ئۇلارنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن:
﴿إِنَّ الَّذِينَ أَجْرَمُوا كَانُوا مِنَ الَّذِينَ آمَنُوا يَضْحَكُونَ﴾
«كاپىرلار ھەقىقەتەن مۇئمىنلەرنى (مەسخىرە قىلىپ) كۈلەتتى.[^3]»
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەڭ جاپالىق كۈنلەردىمۇ ۋە قىيىن ۋاقىتلاردىمۇ ساھابىلىرىگە تەبەسسۇم قىلاتتى، بەزى چاغلاردا كۈلسە ئېغىز چىشلىرى كۆرۈنۈپ قالاتتى. ئۇچراشقان ھەرقانداق ئادەمگە تەبەسسۇم بىلەن قىزغىن مۇئامىلە قىلاتتى. ھەتتا ئۆزىگە قارىتا ئەدەپسىزلىك قىلغانلارغىمۇ كۈلۈپ قوياتتى. ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە كېلىشىچە، بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېتىۋاتاتتى، توساتتىن بىر سەھرالىق ئەرەب چىقى پ كېلىپ، «ئەي مۇھەممەد! ئاللاھنىڭ مېلىدىن ماڭىمۇ بەرمەمسەن؟» دەپ رەسۇلۇللاھنىڭ ياقىسىنى قاتتىق تارتىپ، بوينىنى قىزارتىۋېتىدۇ. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈلۈپ قويىدۇ ۋە ئۇنىڭغا بىر نەرسە بېرىشنى بۇيرۇيدۇ.
ئىنساننىڭ سائادىتى بېشىغا كەلگەن قاتتىق كۈنلەرگە ۋە ھەر خىل كۆڭۈلسىزلىكلەرگە قارىتا ئىجابىي بولۇشىغا باغلىقتۇر. چۈنكى پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، بېشىمىزغا كېلىدىغان كېلىشمەسلىكلەرنىڭ 10% ى ئىلكىمىزدە بولمىغان سەۋەبلەردىن كەلسە، 90% ى بىزنىڭ ئاشۇ كېلىشمەسلىككە قارىتا كۆزقارىشىمىزدىن كېلىدىكەن. يەنە بىزنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقىمىز خۇشاللىق، ھۇزۇرلۇق ۋە سائادەتلىك لەھزىلىرىمىزدىن ھېس قىلمايلا تېز ئۈتۈپ كېتىمىز، ئەمما دەرد۔ئەلەملىك، غەم۔قايغۇلۇق چاغلىرىمىزنى پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز ۋە بارلىق ھېس۔تۇيغۇمىز بىلەن ياشايمىز.
ئىنسانلار تەبەسسۇم قىلغاندا ئۆزىنىلا ئەمەس، ئەتراپىدىلەرنىڭ ھەممىسىنى خۇشال قىلىدۇ، ئۇلارغا راھەت ۋە ھۇزۇرلۇق بىر مۇھىتنى ھازىرلىغان بولىدۇ. بۇنىڭ ئۆزى ئىبادەت دائىرىسىگە كىرىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىرەر مۇسۇلمانغا تەبەسسۇم قىلىش سەدىقىدۇر [^4]» دەپ كۆرسەتكەن. جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «مەن مۇسۇلمان بولغاندىن بېرى رەسۇلۇللاھ ماڭا ھەمىشە تەبەسسۇم بىلەن قارايتتى، مەن ئۇنى دائىم تەبەسسۇم قىلغان ھالىتىدە كۆرەتتىم.[^5]»
ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ھەمىشە كۈلۈپ تۇرىدىغان ئىنسانلارنىڭ باشقىلارنى قايىل قىلىش ۋە ئۇلارنى ئۆزىگە جەلب قىلىش كۈچى ئالاھىدە يۇقىرى بولىدىكەن. كۈلەلەيدىغانلار ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىنى نامايان قىلىپ تۇرغانلاردۇر. شۇڭا سىز ھاياتىڭىزدىكى خۇشاللىق لەھزىلىرىڭىزنى ئەسلەڭ، كۈلكىلىك چاغلىرىڭىزىنى ئىزدەڭ، چىن قەلبىڭىزدىن كۈلۈڭ، ھەتتا قىيىنچىلىقلىرىڭىز ئۈچۈنمۇ كۈلۈڭ. شۇنداق قىلسىڭىز روھىڭىز ھەر دائىم ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. ئەرەبلەردە «سىز ھاياتقا كۈلسىڭىز، ھاياتمۇ سىزگە كۈلىدۇ» دەيدىغان ھېكمەت بار. دۇنيادا تەبەسسۇم قىلىشقا چامى يەتمەيدىغان پېقىر، ئۇنىڭدىن بىھاجەت بولالايدىغان باي يوقتۇر.
✦ كىشىلەرگە تەقدىم قىلالايدىغان ئەڭ كاتتا ھەدىيە ئۇلارغا چىن قەلبتىن تەبەسسۇم قىلىشتۇر.
✦ تەبەسسۇم پېقىرلارمۇ، بارلارمۇ ھاجەت بولىدىغان سەدىقىدۇر.
✦ كىشىلەرگە تەبەسسۇم قىلىش ھېچقانداق چىقىم تەلەپ قىلمايدىغان، ئەمما ئۇلارنىڭ دىللىرىدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرىدىغان نەرسى دۇر.
- نەجم سۈرىسى: ئايەت43 ۔.
- ئىبنى ماجە رىۋايىتى، ئەلبانىي «ھەسەن» دەپ باھالىغان ھەدىس.
- مۇتەففىفىين سۈرىسى: ئايەت29 ۔.
- ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى، ئەلبانىي «سەھىھ» دەپ باھالىغان ھەدىس.
- ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
«ئۆزى خاتىرجەم، تېنى ساق ۋە كۈنلۈك يېمەك۔ئىچمىكى بار ھالدا تاڭ ئاتقۇزغان ئادەم گويا دۇنيانىڭ بارچە نېمەتلىرىگە ئىگە بولغان بولىدۇ.» —ھەدىس شەرىپ
دۇنيادىكى ئەڭ تەلەيلىك ئىنسان كىم؟
سىز بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشتىن ئاۋۋال ئىلكىڭىزدىكى قىممەتلىك نەرسىلەرگە، ھاياتىڭىزدىكى گۈزەل شەيئىلەرگە ۋە ئۆزىڭىزدىكى ئارتۇقچىلىقلاغا بىر نەزەر ئاغدۇرۇڭ.
✦ سىزنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا تەلەيلىك تەرپلىرىڭىز ئىنتايىن كۆپ. كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، سىزنىڭ مۇشۇ دۇنيادا بولغانلىقىڭىز ۋە مۇشۇ كۈنگە قەدەر يېتىپ كەلگەنلىكىڭىز ئەڭ تەلەيلىك تەرىپىڭىزدۇر. چۈنكى سىز ئانىڭىزنىڭ بالىياتقۇسىغا تۆكۈلگەن ئىسپىرمىدىكى 65 مىليون جانلىقتىن ھايات قېلىشقا تاللانغان يېگانە بىرىسىز.
✦ سىز ئانىڭىزنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىش ياكى مېيى پ تۇغۇلۇشتەك، ھەر يىلى 15 مىليون تۆرەلمىنىڭ بېشىغا كېلىدىغان تەلەيسىزلىكتىن ساقلىنىپ قالغانسىز.
✦ سىز ئۆزىنىڭ بوۋاقلىقىنى ياشىيالماي بۇ ئالەمدىن كۆز يۇمغان تەلەيسىز بوۋاقلاردىن ئەمەسسىز.
✦ ئىككى كۆزىڭىز ساغلام بولغانلىقى ئۈچۈن تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكلىرىنى، ئاتا۔ئانىڭىزنى ۋە بارلىق ياخشى كۆرگەنلىڭىزنى كۆرەلەيسىز. ھالبۇكى، دۇنيادا 12 مىليون ئادەم كۆرەلمەيدۇ.
✦ پۇت۔قولىڭىز ساق بولغانلىقى ئۈچۈن ماڭالايسىز، يۈگۈرە لەيسىز، مۇھىم بولغىنى ئۆزىڭىزنىڭ ھاجىتىدىن ئۆزىڭىز چىقالايسىز.
✦ سىز ئەركىن نەپەس ئالالايسىز، رەئىس ئەزالىرىڭىز ئىشلەپ تۇرىدۇ، بەدىنىڭىز مىكروبلارنى ئۆزلۈكىدىن ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق تەن ساقلىقىڭىزنى قوغداپ تۇرىدۇ.
✦ ئەتىگەندە ئورنىڭىزنى تۇرالايسىز، يېڭى كۈننىڭ ھۇزۇرىنى ياشىيالايسىز.
✦ سىزدە نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك نېمەتلەر بار. سىز شۇ قەدەر بايكى، ئىككى كۆزىڭىزنىڭ بىرىنى مىليون دولارغا بەرمەيسىز.
✦ سىزنىڭ پىرئەۋندەك ھوقۇقىڭىز، قارۇندەك پۇلىڭىز بولمىسىمۇ ئۇلاردىن ئەۋزەل تۇرمۇشتا ياشاۋاتىسىز. چۈنكى ئۇلار سىزدە بولغان توك، پەن۔تېخنىكا، تېلېفون، ئېنتېرنېت، ئاپتوموبىل، ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىق نېمەتلەردىن مەھرۇم ئىدى.
✦ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ شۆھرەتلىك پادىشاھى ھارۇن رەشىد ئاغرىق توختىتىش دورىسى بولمىغانلىقتىن، چىشى ئاغرى پ كېچە۔كېچىلەپ ئوخلىيالمىغان ئىكەن.
✦ خەلىپە سۇلايمان ئىبنى ئابدۇلمەلىك باغدادتىن ھەج ھەپىرىگە چىقىپ ئىككى ئاي يول ماڭغان ئىكەن.
✦ ئۆتمۈشلەردە تۈركىستان تۇپراقلىرىدىن ھەجگە ئاتلانغان ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدىن ئالتە ئاي يول يۈرۈپ، قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن ئېشىش جەريانىدا دومىلاپ كېتىش ۋە قاراقچىلار نىڭ قولىدا ئۆلۈش دېگەندەك خەتەرلەردىن ساقلىنى پ قالغانلىرى ئاران ھەرەمگە بارالايتتىكەن.
مۇستەقىل ۋەتىنىڭىز ۋە پاسپورتىڭىز بولغانلىقى ئالاھىدە كاتتا نېمەتتۇر. بۇ ئىككىسىنىڭ نېمەت ئىكەنلىكىنى مۇساپىرلىق كوچىلىرىدا تەمتىرەپ يۈرگەنلەردىن باشقىلارنىڭ بىلىشى مۇمكىن ئەمەس.
سىز ئەڭ تەلەيلىك ئىنسان بىزنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقىمىز ئۆزىمىزدىكى سانسىزلىغان نېمەتلەرنى بولۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەر دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلماسلىقىمىزدۇر. نېمەتنى ھېس قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئايرىلىش لازىم ئەمەس. ئەپسۇسكى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىدىكى نېمەتلەرنىڭ قەدرىگە پەقەت شۇ نېمەتلرنىڭ بىرەرسىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىنلا يېتىدۇ. كۆرۈش نېمىتىدىن ئايرىلىپ قالغان ياكى ئۇنىڭدىن مەھرۇم يارىتىلغان كىشىلەرنىڭ تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرۈشكە قانچىلىك بەك تەلپۈنىدىغانلىقىنى كۆزى ساق كىشىلەر بىلمەيدۇ. شۇنىڭدەك، ئىككى پۇتىغا تايىنىپ ماڭالمايدىغان كىشىلەرنىڭ دەردىنى ماڭالايدىغانلار بىلمەيدۇ. ئوكسىگېنلىك نەپەسلىنىۋاتقان بىمارلارنىڭ ئەركىن نەپەس ئېلىشقا قانچىلىك زور تەشنا ئىكەنلىكىنى ئۆپكىسى ساق كىشىلەر بىلمەيدۇ.
ئاللاھ تائالا سىزگە ئاتا قىلغان بوي، چىراي، رەڭ، ئەقىل، ئىلىم، ئائىلە، جور، پەرزەنت، پۇل-مال قاتارلىقلارغا رازى بولۇپ، ئۆزىڭىزنى ئەڭ تەلەيلىك ۋە ھەممە كىشىدىن ئارتۇق دەپ قانائەت قىلغان ۋاقتىڭىزدا سىز راستتىنلا دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئادەم بولالايسىز. چۈنكى، ئەڭ تەلەيلىك ۋە ئەڭ بەختلىك ئادەم قانائەت قىلىدىغان ئادەمدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۆزى خاتىرجەم، تېنى ساق ۋە كۈنلۈك يېمەك۔ئىچمىكى بار ھالدا تاڭ ئاتقۇزغان ئادەم گويا دۇنيانىڭ بارچە نېمەتلىرىگە ئىگە بولغان بولىدۇ [^1]» دەپ كۆرسەتكەن. يەنە بىر ھەدىستە: «تۆتكە ئىگە بولغان ئادەم بەختلىك ئادەمدۇر. ئۇلار: ياخشى جور، كەڭرى ئۆي، ياخشى قوشنا ۋە ياخشى ئۇلاغ [^2]» دەپ كەلگەن.
سائادەت ئۆزىڭىزدە بەخت۔سائادەتنى ۋە ھۇزۇر۔ھالاۋەتنى سىرتقى سەۋەبلەردىن ئىزدىگەنلەر ئادرېستا خاتا كەتكەنلەردۇر. چۈنكى، سائادەت ئۆزىمىزدە، ئۇنى ئۆزىمىزدىن ئىزدىشىمىز كېرەك. پىسخولوگىيە ئالىملىرى «بەخت-سائادەتنىڭ تۇنجى قەدىمى ئۇنى قارار قىلىشتۇر» دەپ قارايدۇ. رۇس مۇتەپەككۇرى تولىستوي: «بىز كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بەخت_ سائادەت يېنىمىزدا تۇرسىمۇ، كۆزىمىزدىكى كۆز ئەينەكنى ئىزدىگەندەك ئۇنى باشقا يەردىن ئىزدەپ يۈرىمىز» دېگەن ئىكەن. سائادەتنى سىرتتىن ئىمپورت قىلغىلى بولمايدۇ، ئۇ پەقەت كىشىنىڭ ئىچىدىن كېلىدۇ. ئۇنى مال _ دۇنيادىن، ھوقۇق _ مەنسەپتىن ئىزدەۋاتقانلارنى قۇملۇقتىن سۇ ئىزدەۋاتقان كىشىلەر دېيىشكە بولىدۇ.
ئېيتىلىشىچە، بىر ئەر ئايالىغا تەھدىت سېلىپ، «مەن سېنى بەختسىز قىلىۋېتىمەن» دەپتۇ. ئايالى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: «سەن مېنى بەختسىز قىلالمايسەن. چۈنكى مەندىكى بەخت ۔سائادەتنى سەن بەرگەن ئەمەس، ھەمدە ئۇ يا سېنىڭ ياكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئىلكىدىكى نەرسىمۇ ئەمەس، ئۇ پەقەتلا مېنىڭ قەلبىمدىدۇر. قەلبىمگە ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم ئىگە بولالمايدۇ. شۇڭا سەن مېنى بەختسىز قىلالمايسەن» دەپتۇ.
ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بەخت-سائادەتنىڭ ئاچقۇچىدۇر ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە:
﴿مَنْ عَمِلَ صَالِحًا مِّن ذَكَرٍ أَوْ أُنثَىٰ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَنُحْيِيَنَّهُ حَيَاةً طَيِّبَةً ۖ وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَجْرَهُم بِأَحْسَنِ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ﴾
«ئەر _ ئايال مۇئمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەللەرنى قىلسا، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە ئوبدان ياشىتىمىز ۋە ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ مۇكاپاتىنى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بويىچە بېرىمىز [^3]» دەيدۇ. ئايەتتىكى «ئوبدان ياشىتىمىز» دېگەندىن مەقسەت كۆپ مال _ دۇنيا بېرىمىز ياكى تۇرمۇشىنى پاراۋان قىلىپ بېرىمىز ۋەياكى يۇقىرى مەنسەپكە ئېرىشتۈرىمىز، دېگەنلىك بولماستىن، بەلكى بەخت – سائادەت ۋە ھۇزۇر_ ھالاۋەت ئىچىدە ياشىتىمىز دېگەنلىكتۇر. چۈنكى كۆپ بايلىقى بار بولسىمۇ، يۇقىرى مەنسەپلىك بولسىمۇ، ھۇزۇر _ ھالاۋەتسىز ياشىغان ئادەمنى بەختلىك دېگىلى بولمايدۇ. ئايەتتىن مەلۇمكى، بۇ نېمەت مۇئمىنلەرگە خاس نېمەت بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئۆز ئەمەلىدىن ھاسىل قىلغان خوشاللىقى ۋە رەببىنىڭ ئۆزىدىن رازى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ۋاقىتتىكى سائادىتىدۇر. ئىمان بولمىغان قەلب بۇنداق سائادەتنى ھەرگىز ھېس قىلالمايدۇ.
✦ ئۆزىمىزدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى ۋە نېمەتلەرنى ئادەتتىكى ئىشلار قاتارىدا سانىغان ۋاقتىمىزدا، ئاددىي ۋە ئەھمىيەتسىز نەرسىلەرنى نىشان قىلىپ ئارقىسىدىن يۈگۈرىمىز.
✦ بىز بەخت۔سائادەتنى سىرتقى سەۋەبلەرگە باغلىۋالغان ۋاقتىمىزدا، بەختسىزلىك يولىنى تاللىۋالغان بولىمىز.
✦ ئۆزىمىزنى مۇشۇ ئالەمنىڭ بىر پارچىسى دەپ ئىشەنگەن ۋاقتىمىزدا، سىزنىڭ بۇ ئالەمدىكى رولىمىزغا ئىشىنىمىز.
✦ نۇرغۇنلىرىمىز تۆگە ئۈستىدە تۇرۇپ، تۆگە ئىزدەيمىز.
- ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
- ئىمام ھاكىم رىۋايىتى، ئەلبانىي «سەھىھ» دەپ باھالىغان ھەدىس.
- نەھل سۈرىسى، ئايەت97._
«مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاساسى نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكنى بىلىشتۇر.»
روبېرت كولېر ھاياتنىڭ ئالدىراشچىلىقى ۋە ياشاشنىڭ تەلەپلىرى ھەممىلا ئادەمنى مەشغۇل قىلىپ قويماقتا. كىشىلەرنىڭ ۋاقتى، ئېنېرگىيەسى چېچىلى پ كېتىۋاتقان مۇشۇ دەۋردە ئاز ۋاقىت ئىچىدە ئاز تىرىشچانلىق بىلەن كۆپ پايدىغا ۋە چوڭ ئۈنۈمگە ئېرىشىشنى خالىمايدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك.
بەزى تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەگەر بىز قىلماقچى بولغان ھەربىر ئىشنىڭ قانۇنىيىتىنى ياخشى بىلىپ، مۇكەممەل پىلان بىلەن قىلىدىغان بولساق، ئارتۇق ۋاقىت ۋە كۆپ كۈچ سەرپ قىلمايلا پۈتتۈرگىلى بولىدىكەن. ئاز ۋاقىت ۋە ئاز كۈچ سەرپ قىلىپ كۆپ پايدىغا ۋە چوڭ ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاكتىپچانلىق كېرەك. ئاكتىپچانلىق ئىشنى چالا قىلىپ قويمىغان ھالدا ئۇنى ئاز كۈچ بىلەن تېز پۈتتۈرۈش دېگەنلىكتۇر. بۇنداق قىلىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت ۋە كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ ئاز ئۈنۈم ۋە ئاز پايدا كۆرۈشتىن ئىبارەت ناچار ئادەتتىن دەرھال قۇتۇلۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئالىملار دەيدۇكى، ئەرزىمەيدىغان ئىشلار ئۈچۈن كۈچ ۋە ۋاقىت سەرپ قىلىش ئىسراپچىلىقتۇر. شۇڭا بىر قاراش بىلەنلا ئوۋنىڭ ئوۋلاشقا ئەرزىيدىغان ياكى ئەرزىمەيدىغانلىقىنى بىلىۋالىدىغان يىلپىزدەك بولۇش كېرەك.
✦ 80. /20 قانۇنىيىتى ۋە ۋاقىت باشقۇرۇش
✦ 1897. ۔ يىلى ئىتالىيەلىك مەشھۇر ئىقتىسادشۇناس ۋىلفرىدو پارىتو
✦ 80. /20« قانۇنىيىتى» دېگەن كىتابنى يازغان. ئۇ 80/20 قانۇنىيىتىنى كەشپ قىلغان بولۇپ، بۇ قانۇنىيەت شۇنى كۆرسىتىدۇكى، قانداقلا بىر شەخسنىڭ ياكى جەمئىيەتنىڭ 80% كىرىمى ئارانلا 20% ئىشلىگەندىن كېلىدىكەن. دۆلەتلەرنىڭ كىرىمىنىڭ مۇ80% 20% يەتمەيدىغان ئىشلەپچىقىرىش مەنبەلىرىدىن كېلىدىكەن. شۇنىڭدەك، ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئىچىدىكى 20% بايلار قالغان 80% پۇقراغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. سانائەتلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ 20% ئى زېمىن بايلىقىنىڭ
✦ 80. % ئىشلىتىشكە قادىر ئىكەن. يەنە خەلقئارالىق شىركەتلەردىن
✦ 20. % ئى بازار سودىسىنى مونۇپۇل قىلىشقا قادىر ئىكەن. (دورا شىركەتلىرى، تاللا بازارلىرى دېگەنگە ئوخشاش.) مەزكۇر كىتابتا مۇنداق دەپ يېزىلغان: 80/20« قانۇنىيىتىنى ھەربىر كىشى ئۆز تۇرمۇشىدا، ئىشىدا ۋە كەسپىدە ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان بولسا زايە بولۇپ كېتىۋاتقان كۆپ ۋاقتىنى ۋە كۈچىنى تېجەپ قالايدۇ. نورمالدا ھەرقانداق ئادەمنىڭ 80% كىرىمى 20% دىن كۆپ كۈچ ياكى ۋاقىت سەرپ قىلىنمىغان ئىشلاردىن كېلىدۇ. بۇ دېگەنلىك سىزنىڭ بىر كېچە۔كۈندۈزدىكى 24 سائىتىڭىز ئىچىدە بوش ۋاقتىڭىز ئىنتايىن كۆپتۇر. شۇنداق تۇرۇقلۇق نۇرغۇن كىشىلەر بوش ۋاقتىمىز يوق دەپ دەردلىنىدۇ، كىمدىن سورىسىڭىز «ۋاقتىم يوق» دەيدۇ. ئەمما ئۇنىڭ 80% ۋاقتىنىڭ ئەقىللىق تېلېفون، تېلېۋىزور، تۈگىمەس پاراڭلار بىلەن زايە بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمايدۇ.
ئويلاپ كۆرىدىغان بولساق، بىز كەسىپكە ياكى خىزمەتكە ۋەياكى قانداقلا بىر ئىشقا ئاتىغان ۋاقتىمىزنىڭ كۆپ قىسمىدا شۇ ئىش بىلەن بولمايمىز، ئۇنىڭغا پەقەت ياكى20% 30% چىلىك ۋاقتىمىزنى ۋە كۈچىمىزنى ئىشلىتىمىز، قالغان ۋاقتىمىز قۇرۇق گەپ ۋە بىھۇدە ئىشلار بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ.
ئەگەر سىز ئاز ۋاقىت ئىچىدە، ئاز جاپا بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازانماقچى بولسىڭىز، ياكى پائالىيەت دائىرىڭىزنى كېڭەيتىپ، بوش ۋاقىتلىرىڭىزدىن پايدىلانماقچى بولسىڭىز، ھاياتىڭىزدا نىڭ20% پائالىيەتچانلىقىنى ئاشۇرۇڭ ۋە 80% نى ئۇنىڭغا ئەگەشتۈرۈڭ.[^1]»
ئاز ئىشلەپ كۆپ ئۈنۈمگە ئېرىشىڭ مەزكۇر كىتابتا يەنە مۇنداق دەيدۇ: «چوڭ پايدىلار جاپالىق ئىشلەش ۋە كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىشتىن كېلىدۇ، دەيدىغان قاراش توغرا ئەمەس. ئەكسىچە، چوڭ پايدىلار ئاز ۋاقىت ۋە ئاز كۈچ سەرپ قىلىپ پىلانلىق ۋە ئىزچىل ئىش قىلىشتىن كېلىدۇ. چۈنكى، پىلانلىق ۋە ئىزچىل داۋاملاشقان ئىشلار ھەر زامان مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ. ھايۋاناتلار دۇنياسىغا قارايدىغان بولساقمۇ، يىرتقۇچلار ئوۋنى ئاز ۋاقىتتا ۋە ئاز كۈچ بىلەن ئوۋلاش ئۈچۈن ئۇنى كۆزىتىدۇ. بەزىدە ئوۋنى قوغلاۋېتىپ تۇيۇقسىز توختاپ قالىدۇ ۋە قوغلاشتىن ۋاز كېچىدۇ. بۇ ئوۋنىڭ بۇنچىلىك ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ قىلىشقا ئەرزىگۈدەك ئەمەسلىكىدىن بولىدۇ. دېمەك، يىرتقۇچلارمۇ ئاز جاپا بىلەن ئاز ۋاقىت ئىچىدە چوڭ پايدا ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.[^2]»
پېقىر ئۆزۈمنى ئالسام، قازاقىستاندا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان چاغلىرىمدا كۈندۈزى سەككىز سائەت دەرس ئۆتكەندىن كېيىن، ئاشاملىرى ئۆيدە ئاز دېگەندە ئالتە سائەت ئىزدىنىش ۋە يېزىش بىلەن شۇغۇللىناتتىم. بۇ جەرياندا «ناماز ئوقۇشنىڭ قائىدە۔تەرتىپلىرى،» «زاكات ئەھكاملىرى»، «روزا ئەھكاملىرى»، «دۇئا ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى » قاتارلىق كىتابلىرىمنى روياپقا چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا قازاقىستاننىڭ جۇمھۇرىيەتلىك گېزىتلىرىدىن «ئۇيغۇر ئاۋازى»، «يېڭى ھايات»، قازاقچە «شافاغات نۇر» گېزىتلىرىگە ئۈزمەي ماقالە يازاتتىم، ئائىلىنىڭ ئىشلىرىنى ۋە باشقا ئىشلارنى ئالدىن پىلانلاش بىلەن ئېلى پ باراتتىم. نەتىجىدە، مەكتەپتىكى دەرسلىرىم، ئۆيدىكى ئىزدىنىش ۋە يېزىش ئىشلىرىم، شۇنداقلا ئائىلەمنىڭ ئىشلىرى ئۆز يولىدا يۈرۈشۈپ تۇراتتى. كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقئارا رادىيوسى تۈركىستان بۆلۈمىدە بۆلۈم باشلىقى ۋە دىكتور بولۇپ ئىشلىگەن كۈنلىرىمدىمۇ، تۈركىستان بۆلۈمىدە مەن بىلەن ئىشلەيدىغان 20 كىشىنىڭ يوقلىمىنى ئېلىش، ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش، كۈندىلىك خەۋەر ۋە پروگراممىلارنى تەييارلاپ ئاۋازغا ئېلىش، ئاڭلىتىشقا رىئاسەتچىلىك قىلىش قاتارلىق خىزمەتلىرىم ئىككى سائەتتە تۈگەيتتى، قالغان تۆت سائەت ۋاقتىمنى ئۆزۈمنىڭ ئىزدىنىش ۋە يېزىش ئىشلىرىغا ئاجرىتاتتىم. ئۆيدىمۇ ئاز دېگەندە بەش سائەت ئىشلەيتتىم.
ئاز ۋاقىت ۋە ئاز كۈچ سەرپ قىلىپ ئۈنۈم قازىنىش ئەنە شۇنداق پىلانلىق ئىش قىلىش ۋە ۋاقىتنى يانچۇقىمىزدىكى پۇلدىن نەچچە ھەسسە قىممەتلىك بىلىش بىلەن بولىدىكەن.
ئۈچ مىنۇتتا نېمە قىلغىلى بولىدۇ؟
بىرى مۇنداق دەيدۇ: «دادام زەرگەرچىلىك قىلىدىغان ئادەم بولۇپ، شۇ قەدەر بېخىل ئىدىكى، ئالتۇننى قىزىتىش ۋە تازىلاش دېگەندەك ئىشلاردا چاڭ۔ توزانلارنىڭ چۈشۈشى ئۈچۈن يەرگە ئاپئاق رەختنى سالاتتى، ئاندىن ئىش تۈگىگەندە پۇتىنى ھۆل قىلىپ رەختنىڭ ئۈستىگە تەكشى دەسسەپ چىقاتتى. رەخت ئۈستىگە چۈشكەن ئالتۇن توزانلىرى دادامنىڭ پۇتىغا چاپلىشاتتى، ئاندىن دادام ئۇلارنى دىققەت بىلەن يىغىپ چىقاتتى. دادام مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق بىر قانچە گرامما ئالتۇن يىغىۋالاتتى.»
بىزنىڭ ھاياتىمىزدا ئاشۇ ئالتۇن توزانلىرىدىن قىممەت بولغان مىنۇتلىرىمىز، سائەتلىرىمىز ۋە كۈنلىرىمىز بىھۇدە ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھەممىمىز ۋاقىتنىڭ قىسلىقى ۋە ئىشىمىزنىڭ كۆپلۈكىدىن دەردلىنىمىز. كۈندىلىك مەشغۇلىيىتىمىز قانچىلىك كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ، بىز يەنىلا ئۆمرىمىزنىڭ ئالتۇندىن قىممەتلىك دەقىقىلىرىنى ۋە سائەتلىرىنى زايە قىلىۋېتىمىز. يول ئىشارەتلىرىدە توختاش، قاتناش كۈتۈش، ئۆچىرەتتە تۇرۇش، ئائىلىنىڭ سودا ئىشلىرىنى قىلىش ئۈچۈن چىقىش قاتارلىق ئىشلاردا ئەڭ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىمىز زايە بولۇپ كېتىدۇ. ئاشۇ ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىش يەنىلا بىزنىڭ ئىلكىمىزدە بولۇپ، ئۇنى زىكىر، تەسبىھ، دۇئا ۋە تەپەككۇر بىلەن ئۆتكۈزەلەيمىز.
ئۈچ مىنۇتتا قىلغىلى بولىدىغان ئىشلار
✦ ئۈچ مىنۇتتا ئۈچ بەت قۇرئان ئوقۇغىلى بولىدۇ.
✦ ئۈچ مىنۇتتا تۆت۔بەش ئايەت يادلىۋالغىلى بولىدۇ.
✦ ئۈچ مىنۇتتا ئال لاھ تائالاغا ھەمدۇسانا، تەسبىھ، تەھلىل ۋە تەكبىر ئېيتقىلى بولىدۇ.
✦ ئۈچ مىنۇتتا پەيغەمبىرىمىزگە ئون قېتىم دۇرۇد ئېيتقىلى بولىدۇ.
✦ ئۈچ مىنۇتتا ئىخچام ۋە سەمىمىي دۇئا قىلغىلى بولىدۇ.
✦ ئۈچ مىنۇتتا يۈز قېتىم ئىستىغپار ئېيتقىلى بولىدۇ.
✦ ئۈچ مىنۇتتا ئۆزىمىزدىكى نېمەتلەرنىڭ بىر قىسمىنى ساناپ چىققىلى بولىدۇ.
✦ ئۈچ مىنۇتتا بىرەر دۇئانى ياكى بىرەر ھېكمەتنى يادلىۋالغىلى بولىدۇ.
✦ ئۈچ مىنۇتتا جورىمىزغا تۇيۇقسىز تېلېفون قىلىپ خۇشال قىلىۋەتكىلى بولىدۇ
✦ ئۈچ مىنۇتتا بىرەر دوستىمىزغا ياكى تۇغقىنىمىزغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋاللاشقىلى بولىدۇ.
✦ ئۈچ مىنۇتتا كېسەللىكتىن يېتىپ قالغان بىرەر تونۇشىمىزغا تېلېفون قىلىپ ھال سورىغىلى بولىدۇ.
✦ ئۈچ مىنۇتتا ئۆينىڭ ئىشلىرىدىن بىرەر ئىشنى قىلىۋەتكىلى بولىدۇ.
✦ ئۈچ مىنۇتتا جورىمىز بىلەن مەزمۇنلۇق سۆھبەتلەشكىلى بولىدۇ.
✦ ئۈچ مىنۇتتا پەرزەنتلىرىمىزدىن بىرەرسىنىڭ دەردىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ.
✦ ئۈچ مىنۇتتا ساقال ۔ بۇرۇتنى تەڭشىگىلى بولىدۇ.
✦ ئۈچ مىنۇتتا ئۆزىمىز ئىشلەتكەن قاچىنى يۇيۇۋەتكىلى بولىدۇ.
✦ ئۈچ مىنۇتتا بۈگۈن نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىمىزنى ئوي لاپ چىقىلى بولىدۇ.
✦ ئۈچ مىنۇتتا ئەتىنىڭ پىلانىنى تۈزگىلى بولىدۇ.
✦ ئۆزىڭىزدە 20% نى سەرپ قىلى پ، 80% نى قازىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈۋېلىڭ.
✦ 100% ۋاقتىڭىزنى سەرپ قىلى پ، 100% قازىنىشنى تال لاش سىزنى ماشىنا ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ ۋە سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىڭىزنىڭ ھالاۋىتىنى كۆرۈشىڭىزگىمۇ پۇرسەت بۇرمەيدۇ.
✦ 80/20 قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش سىزگە ھەم مۇۋەپپەقىيەتنى ھەم ئۇنىڭ ھالاۋىتىنى تېتىش پۇرسىتىنى بېرىدۇ.
- نظرية الفستق، بەت213 ۔.
- نظرية الفستق، بەت219 ۔.
«ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ، ئويلاپ سۆزلە » — ئۇيغۇر خەلق ماقال۔تەمسىللىرى. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىزگە:
﴿وَلَا تَقْفُ مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ ۚ إِنَّ السَّمْعَ وَالْبَصَرَ وَالْفُؤَادَ كُلُّ أُولَٰئِكَ كَانَ عَنْهُ مَسْئُولًا﴾
«ئۆزۈڭ بىلمەيدىغان نەرسىگە ئەگەشمە. چۈنكى قۇلاق، كۆز، دىل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سوراققا تارتىلىدۇ [^1]» دەپ تەلىم بەرگەن. ئۆز كۆزىمىز بىلكەن كۆرمىگەن ۋە راستچىل گۇۋاھچىلار ئارقىلىق ئىسپاتلانمىغان ھەرقانداق ئىشنى «بىلىمەن»، «شۇنداق» دەپ سۆزلەش ھېسابىنى بېرىپ بولغىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى ئېغىر مەسئۇلىيەتتۇر. ئەگەر شۇنداق بولمىسا چوڭ بوھتان چاپلىغانلىق بولىدۇ. ئېغىزدىن چىققان ھەربىر سۆزنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ھېسابى بار. بەزىدە بىر كەلىمە سۆز جەننەتكە ئېرىششكە سەۋەب بولۇپ قالسا، بەزىدە بىرەر ئېغىز سۆز دوزاخ ئەھلى بولۇپ قېلىشقا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. سۆزنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە سورىقى بار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئىنسان ئۆزى ھېس قىلماستىن شۇنداق بىر سۆزنى ئېيتىدۇكى، ئۇنىڭ يەتمىش يىل دوزاختا قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ» دېگەن.
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاچچىقتا ئۆزىنى تۇتالماي بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى »قارا خوتۇننىڭ بالىسى« دەپ قويغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غەزەپتىن چىرايى ئۆزگىرىپ كەتكەن ۋە ئەبۇ زەرنى «سەن جاھىلىيەتنىڭ ئىللەتلىرىدىن قۇتۇلۇپ بولالمىغان ئادەم ئىكەنسەن» دەپ ئەيىبلىگەن. ئەبۇ زەر قاتتىق پۇشايمان قىلىپ، بۇ خاتالىقىدىن ئۆزرە تىلەش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇبارەك يۈزىنى بىلالنىڭ تاپىنى ئاستىغا قويماقچى بولغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يولدا كېتىپ بارغان بىر ئادەمنى كۆرۈپ: «قارىسىلا ماۋۇ ئادەم ئەجەب پاكاركىنا» دەپ قويغانلىقى سەۋەبلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، سىز ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلدىڭىز، دەرھال تەۋبە قىلىڭ » دېگەن. مۇسۇلمانلار ئەنە شۇنداق ھوشيار ۋە مەسئۇلىيەتچان بولغان. ئۇلار شۇنداق ئېھتىيات قىلاتتى، ئاللاھ تائالادىن شۇنداق قورقاتتى. ئەمدى بىزگە نېمە بولدى؟ مۇسۇلمانلارنىڭ غېمىنى يەپ ئۇلاردىكى خاتا يۆنىلىشلەرگە تۈزىتىش بېرىش ئۈچۈن باش قاتۇرغان ئۆلىمالارنى، خەلقىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان، ۋەتەننىڭ دەۋاسىنى قىلى پ كېلىۋاتقان كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ دېتىگە ياقمىغانلىقى ئۈچۈنلا ھەر خىل ھاقارەتلەر بىلەن تىللىسا، بۇنىڭ سورىقى يوقمۇ؟ ئاللاھ تائالا بۇنى بىلمەمدۇ؟ ھېسابىنى سورىمامدۇ؟ يەنە كېلىپ تارىختىن بېرى ئادەم تىللايدىغانلار، كىشىلەرگە ھاقارەت قىلىدىغانلار، ياخشىلارنى سۆكىدىغانلار ئازغۇنلۇقنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ كەلگەن بولسا، چىرايلىق نەسىھەت قىلىدىغانلار، سەۋرچانلىق قىلىدىغانلار ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغانلار ئىمان ۋە ھىدايەتنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ كەلگەن.
تۆھمەت ئىنسانىيەت تارىخىنى ئوقۇڭ. چۈنكى دۇنيا يارىتىلغاندىن بېرى پەيغەمبەرلەرنى، ئىسلاھ قىلغۇچىلارنى تىللىغانلار پەقەت ئازغۇنلار تەبىقىسىدىكىلەر بولۇپ كەلدى. پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامنى «گېپىنىمۇ ئۇقتۇرالمايدىغان پەس ئادەم» دېگەن بولسا، مۇسا ئەلەيھىسسالام «مەن ساڭا رەببىمنىڭ ئەلچىسىمەن» دەپ چىرايلىق جاۋاب بەرگەن. ئۆز ۋاقتىدا ھەقىقەتنىڭ دۈشمەنلىرى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان ئەبۇ لەھەب ۋە ئەبۇجەھل قاتارلىقلار ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى، بارلىق ياخشى ئىشلارنىڭ نەمۇنىسى ۋە گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئابىدىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى «مەجنۇن»، «سېھىرگە،» «يالغانچى» دېگەن قەبىھ سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلىگەن. مەجنۇن دېگەن ساراڭ، ئەقلى يوق دېگەنلىك بولىدۇ. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن ھېچبىرىنى تىللىمىغان. كاپىرلار ئىنسانىيەتنىڭ ئۈلگىلىرى بولغان ئۇلۇغ ساھابىلەرنىمۇ دىندىن ئازغۇنلار، ئەقىلسىزلەر، يالاڭتۆشلەر دېگەندەك ھاقارەتلەر بىلەن ھاقارەتلىگەن. ئەمما ئۇلار «سىلەرگە ھىدايەت تىلەيمىز» دەپ يولىنى داۋاملاشتۇرغان. ئاخىرى شۇلار غەلىبە قىلغان.
غەيۋەت غەيۋەت قىلىش بىراۋنىڭ گۆشىنى يېگەندىنمۇ بەك يىرگىنىشلىك، ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يامان كۆرىلىدىغان، خەتىرى ئىنتايىن چوڭ بولغان ئېغىر گۇناھتۇر. نۇرغۇن ئاياللار، ھەتتا ئەرلەرمۇ غەيۋەتنىڭ بۇ قەدەر خەتەرلىك ئىللەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماسلىقى مۇمكىن. گەپ قىلىماق ئوڭاي، ئەمما ئۇنىڭ ھېسابىنى بەرمەك قىيىن. سۆز ئېغىزدىن چىقماستا ئادەم ئۇنى باشقۇرغان بىلەن، ئېغىزدىن چىقىپ كەتكەن سۆز ئادەمنى باشقۇرىدۇ. جۈملىدىن غەيۋەت، شىكايەتمۇ ئېغىز ياكى يېزىق ئارقىلىق تارايدىغان بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى سۆز – چۆچەك، ئىغۋا، پىتنە – پاسات بولۇپ، ئۇ ئىنسانىيەت دۇنياسىنى بۇلغاپ، مەنىۋىيەتنى زەھەرلەيدىغان ئالۋاستى ماھىيەتلىك كېسەل __ مەنىۋى راكتۇر.
غەيۋەت دېگەن نېمە؟
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غەيۋەتنى تونۇشتۇرۇش، ئۇنىڭدىن توسۇش ۋە ئۇنىڭ يامانلىقىنى بايان قىلىش ئۈچۈن بىر كۈنى ساھابىلەردىن: «غەيۋەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سورايدۇ. ساھابىلەر: «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ياخشىراق بىلىدۇ» دېيىشىدۇ. شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «غەيۋەت دېگەن بىراۋ ھەققىدە يامان كۆرىدىغان سۆزلەرنى قىلىشتۇر» دەيدۇ. ساھابىلەردىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، «بىراۋ ھەققىدە ئېيتقانلىرىم راست بولسىچۇ؟» دەپ سورايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «ئۇنىڭ ھەققىدە ئېيتقانلىرىڭ راست بولسا، ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلغان بولىسەن، ناۋادا ئۇنىڭ ھەققىدە ئېيتقانلىرىڭ يالغان بولسا، ئۇنىڭغا قارا چاپلىغان بولىسەن دەيدۇ[^2]».
بىراۋنىڭ چىراي – شەكلى، قىياپىتى، نەسەبى، مىللىتى، ئەخلاقى، يۈرۈش – تۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەرقانداق نەرسە ھەققىدە ئېيتىلغان يامان سۆزلەر غەيۋەت كاتېگورىيەسىگە كىرىدۇ.
ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە:
﴿وَلَا يَغْتَب بَّعْضُكُم بَعْضًا ۚ أَيُحِبُّ أَحَدُكُمْ أَن يَأْكُلَ لَحْمَ أَخِيهِ مَيْتًا فَكَرِهْتُمُوهُ ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ تَوَّابٌ رَّحِيمٌ﴾
يەنى «بىر – بىرىڭلارنىڭ
﴿وَلَا يَغْتَب بَّعْضُكُم بَعْضًا ۚ أَيُحِبُّ أَحَدُكُمْ أَن يَأْكُلَ لَحْمَ أَخِيهِ مَيْتًا فَكَرِهْتُمُوهُ ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ تَوَّابٌ رَّحِيمٌ﴾
غەيۋىتىنى قىلماڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامدۇ؟ ئۇنى ئەلۋەتتە يامان كۆرىسىلەر. ئۇنداقتا ئاللاھتىن قورقۇڭلار [^3]» دەپ تەۋسىيە قىلغان. بۇ ئايەتتە غەيۋەت قىلىشنىڭ گۇناھىنىڭ ئېغىرلىقى بىراۋنىڭ گۆشىنى يېگەنگە ئوخشىتىلغان. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئىنسان پايدىسىز گەپ – سۆزدىن، خۇسۇسەن غەيۋەت – شىكايەتتىن ساقلىنىشى، سۆز قىلىشتا سەمىمىي، ئېھتىياتچان بولۇپ، ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان ھەر بىر سۆزنىڭ ئەدەپلىك، ئىلمىي يوسۇندا بولۇشىغا ئېتىبار بېرىشى، قىلسىمۇ، قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئارتۇق سۆزلەرنى قىلماسلىقى لازىم.
بىر ھەدىستە: «كىمكى بىرەر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ئىزدەيدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىبىنى ئاچىدۇ. ئاللاھ بىراۋنىڭ ئەيىبىنى ئاچسا، ئۇنى ئۆز ئۆيىدىلا رەسۋا قىلىدۇ [^4]» دەپ كەلگەن.
تور قەھرىمانلىقى زامانىمىزدا ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارا قىلىشقا پېتىنالمايدىغان، ھەتتا دادىسى قويغان ئىسمى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى تور قەھرىمانلىرى كۆپىيىپ كەتتى. ئۇلار توخۇ يۈرەك تور لالمىلىرى بولۇپ، بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى بىلمىگەندىن كېيىن ھېچكىم بىزگە چېقىلالمايدۇ، بىزدىن ھېساب ئالالمايدۇ، دەپ ئېغىزىنى قويۇۋېتىدۇ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ غېمىنى يەۋاتقان كىشىلەرنى، خەلقىمىزنىڭ دىلىغا ئىمان ۋە ئىلىمنى يەرلەشتۈرۈش يولىدا جاپا چېكىۋاتقان ئۆلىمالارنى خالىغانچە ھاقارەتلەيدۇ، ئۇلارغا تۆھمەتلەرنى ياغدۇرىدۇ، قولىدىن كەلگەن يامانلىقلارنىڭ ھەممىنى ئىككىلەنمەستىن قىلىدۇ.
توغرا، ئۇلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئىنسانلار بىلمەيدۇ، ئەمما ئۇلارنى ئاللاھ تائالامۇ بىلمەمدۇ؟ ياراتقان زات ئۇلارنىڭ بۇ نامەردلەرچە قىلغان ھاقارەتلىرىنى بىلمەمدۇ؟ ئۇلار ئىسمىنى ۋە كىملىكىنى يوشۇرۇش بىلەن ئاللاھ تائالانى ئالداپ كېتەلەمسەن؟ ئۆزىنى ئاللاھ تائالادىنمۇ يوشۇرۇپ قالالامسەن؟ ئۇلاردا زەررىچىلىك ئىمان ياكى ئازراق بولسىمۇ ۋىجدان بولسا ئىدى، قىلغان ھەربىر سۆز، يازغان ھەربىر كەلىمە ئۈچۈن ھېساب بېرىدىغان كۈندىن قورققان بولاتتى.
✦ سۆزنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىردۇر. شۇڭا ھەربىر سۆزنى ئويلاپ قىلىش ۋە پۇشايمان قىلىپ قالىدىغان گەپلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.
✦ بەزىدە بىراۋنىڭ بىرەر ئېغىز سۆزى ئۇنىڭ جەننىتى ياكى دوزىخى بولۇشىنى بەلگىلەپ قويىدۇ.
✦ ئېغىزدىن چىققان ھەربىر سۆزنىڭ يېزىپ، خاتىرىلىنى پ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئادەم ئېغىزىغا ئىگە بولۇشنى بىلىدۇ.
- ئىسرا سۈرىسى: ئايەت36 ۔.
- ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
- ھۇجۇرات سۈرىسى ئايەت12: ۔.
- ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.
«مۇئمىن ئادەمنىڭ ئىشى ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىقتۇر. چۈنكى، ئۇنىڭ ھەربىر ئىشىدا ئۇنىڭغا ياخشىلىق بار. بۇ پەقەت مۇئمىنلەرگىلا خاستۇر. ئۇ بىرەر پايدىغا ئېرىشسە شۈكۈر قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىلىقتۇر، زىيانغا ئۇچرىسا سەۋر قىلىدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىلىقتۇر.» —ھەدىس شەرىپ.
لاۋزى مۇنداق دېگەن ئىكەن: «ئوي۔پىكىرلىرىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، چۈنكى ئۇلار كېيىنچە سۆزلەرگە ئايلىنىدۇ. سۆزلىرىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، چۈنكى ئۇلار ئىش ۔ ھەرىكەتكە ئايلىنىدۇ. ئىش۔ ھەرىكەتلىرىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، چۈنكى ئۇلار ئادەتكە ئايلىنىدۇ. ئادەتلىرىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، چۈنكى ئۇلار خاراكتېرگە ئايلىنىدۇ. خاراكتېرىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، چۈنكى خاراكتېر تەقدىرىڭىزگە ئايلىنىدۇ.»
ستېۋىن كوۋى مۇنداق دەيدۇ: «ھاياتىمىزنىڭ يۈزدە ئونىنى ئىختىيارىمىز سىرتىدا بولغان ئىشلار تەشكىل قىلسا، يۈزدە توقسىنىنى بېشىمىزغا كەلگەن ئىشلارغا تۇتقان پوزىتسىيەمىز تەشكىل قىلىدۇ.» يەنى بىزنىڭ كونترولىمىز سىرتىدا بېشىمىزغا كېلىدىغان مىڭلارچە كۆڭۈلسىزلىكلەر ھاياتىمىزنىڭ پەقەتلا ئون پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن، ئەمما ھاياتىمىزنىڭ يۈزدە توقسان پىرسەنتى بىزنىڭ كونترولىمىزدا بولۇپ، بېشىمىزغا كەلگەن ئىشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش، قانداق بىر تەرەپ قىلىش بىزگە باغلىق ئىكەن. چۈنكى تۇرمۇشىمىزدا يۈز بەرگەن ئاددىي بىر كۆڭۈلسىزلىكنى چوڭايتمايلا ئاددىي ئۇسۇلدا ھەل قىلىۋېتىش ياكى ئۇنى چوڭايتىپ كىرىزىس ھالىغا كەلتۈرش بىزنىڭ ئىختىيارىمىزدىكى ئىش بولۇپ، بۇ بىزنىڭ تاللىشىمىزغا باغلىقتۇر. شۇڭا بەزى كىشىلەر بېشىغا كەلگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ھەرقانچە چوڭ بولسىمۇ قەتئىي چوڭايتىۋەتمەيدۇ، دەرھال ھەل قىلىۋېتىدۇ، كۈن بويى مېڭىسىنى ئۇنىڭ بىلەن مەشغۇل قىلمايدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلار ئاددىي بىر كېلىشمەسلىك ياكى بىرەر كۆڭۈلسىزلىك سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ ۋە يېنىدىكىلەرنىڭ ھاياتىنى زەھەرگە ئايلاندۇرىدۇ، ئاددىي بىر مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى چوڭ مۈشكىلىگە ئايلاندۇرۇۋالىدۇ، كۈنلەرچە، ھەتتا ئايلارچە شۇ مەسىلە بىلەن مېڭىسىنى مەشغۇل قىلىدۇ.
بېشىمىزغا كەلگەن ئىشلارنىڭ ۋە بىز ئۇچرىغان كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ ھەجىمى ۋە دائىرىسى بىزنىڭ شۇ ئىشلارغا ۋە شۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيەمىزگە قاراپ ئەقلىمىزنى مەشغۇل قىلىدۇ. بىز چوڭايتساق مېڭىمىزدە چوڭ يەرنى مەشغۇل قىلىدۇ، بىز ئاددىيلاشتۇرساق مېڭىمىزنى كۆپ مەشغۇل قىلمايدۇ. شۇڭا بېشىمىزغا كەلگەن ھەرقانداق كېلىشمەسلىككە ئاھ ئۇرۇپ كەتمەستىن، «بۇنىڭدىنمۇ چوڭ خاپىلىق كەلگەن بولسا قانداق قىلار ئىدىم» دېگەننى ئويلاش بىزنىڭ نېرۋىمىزنى تىنچلاندۇرىدۇ، بالاغا سەۋر قىلىش، نېمەتكە شۈكۈر قىلىش ئېڭىمىزنى ئۆستۈرىدۇ.
گەپ۔سۆزلەر پىچاقتىن كەسكىن، كۆزلەر كىن ۋە ئاچچىقتىن قىزىرى پ كەتكەن، قەلبلەر رەھىم۔شەپقەتتىن خالى قالغان بۇ زاماندا ئەڭ ئاقىلانە ئىش تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان سەلبىي ھادىسىلەرگە ئىجابىي مۇئامىلە قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش بولسا كېرەك. چۈنكى، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ئىشنىڭ ئالدى۔كەينىنى ئوبدان ئويلاش، ئەقىللىقلارچە تەپەككۇر قىلىش ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان ئىشتۇر.
ئاكتىپ بولۇڭ، ھەرگىز پاسسىپ بولماڭ ۋەقەلىكلەرگە قانداق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ھەربىر ئادەمنىڭ ئاكتى پ ياكى پاسسىپلىقىغا باغلىق ئىش بولۇپ، ئاكتىپ كىشىلەر چارە ئىزدەيدۇ، پاسسىپ كىشىلەر بولسا مۈشكىلە ئىچىدىن مۈشكىلە ئىزدەيدۇ. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەدىس قۇدسىيدا «بەندەم ماڭا قانداق قاراشتا بولسا، مەن ئۇنىڭغا شۇنداق مۇئامىلىدە بولىمەن [^1]» دېگەن. بۇنىڭ مەنىسى: ئەگەر سىز ئاللاھ تائالا ماڭا ياردەم قىلىدۇ، تىلەكلىرىمنى بېرىدۇ، بۇ قىيىنچىلىق ھەل بولىدۇ، تىرىشچانلىقىمنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ، ئەمەلىمنىڭ ئەجرىنى بېرىدۇ، دەپ ئويلىسىڭىز، سىز شۇنىڭغا ئېرىشىسىز، ئاللاھ تائالا سىزنىڭ ئۈمىدىڭىزنى ھەرگىز يەردە قويمايدۇ. ئەگەر ئەكسىچە ئويلىسىڭىز، ئىشلار كۆپىنچە سىز ئويلىغاندەك بولىدۇ.
ئىمام بۇخارى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى بىر سەھرالىق ئەرەبنىڭ كېسىلىنى يوقلاپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: «ھېچ ۋەقەسى يوق، ئاللاھ خالىسا ساقىيىپ قالىسىز » دەيدۇ. بۇنى ئاڭلىغا ھېلىقى سەھرالىق ئەرەب: «سەن مېنى ساقىيىسەن دەۋاتامسەن؟ ياق، بۇ چېكىگە يەتكەن قىزىتما، مەندەك قېرى ئادەمنى قەبرىگە ئېلىپ بارىدىغان كېسەلدۇر» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «شۇنداق بولغاي ئەمىسە [^2]» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەم ئۆلىدۇ. دېمەك، ئاللاھ تائالا بۇ ئادەمگە ئۆزىنىڭ قانداق قاراشتا بولغانلىقىغا قاراپ مۇئامىلە قىلغان. ئەگەر بۇ ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ شىپالىق بېرىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئىجابىي بولغان بولسا، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ شىپا تېپىشىغا دۇئا قىلغان بولار ئىدى، شۇنىڭ بىلەن شىپالىق تېپىشى مۇمكىن ئىدى.
پسخىكىمىزنى كونترول قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟
كۆڭۈلسىزلىكلەرگە قارىتا پسخىكىمىزنى كونترول قىلىش ۋە مەسىلىنى ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى قىلىشىمىز لازىم:
✦ 1. بىز كونترول قىلالمىغان سەلبىي ئەھۋاللارنى ئاچچىق، غەزەپ ۋە يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئەمەس، بەلكى سوغۇققانلىق بىلەن ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىش.
✦ 2. ھەل قىلىش ئۈچۈن تاپقان چارە۔تەدبىرلەرنى رەت بىلەن تىزىش، ئاندىن ئۆزىمىز ئىشەنچ قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ مەسلىھىتىنى ئېلىش.
✦ 3. ھەل قىلىش جەريانىدا ھاياجانلىنىشتىن، ئاچچىقلىنىشتىن ۋە تىت۔تىت بولۇشتىن ساقلىنىش.
✦ 4. بۇرۇنمۇ بۇنداق خاپىلىقلاردىن بىر قانچىسىنى ئاقىلانىلىق بىلەن ھەل قىلىپ كېتەلىگەنلىكىمىزنى ئەسكە ئېلىش ۋە بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ نەتىجىدە بىز ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپ چىققانلىقىنىمۇ ئۇنتۇماسلىق.
✦ 5. ھاياتىمىزدا ئانچە ئەھمىيىتى يوق كىشىلەرنىڭ بىزگە قارىتا كۆزقاراشلىرىغا ۋە گەپ-سۆزلىرىگە قۇلاق سالماسلىق.
كىشىلەرنىڭ قانداق گەپ قىلغانلىقىدىن بەكرەك ئۇ گەپنى كىمنىڭ قىلغانلىقىغا قاراش.
✦ 6. بولغان ۋەقەلىكنى شۇ ۋەقەدە بولغان كىشىدىن بىۋاسىتە ئاڭلىماي تۇرۇپ پوزىتسىيە بىلدۈرمەسلىك ۋە ھەرىكەتكە ئۆتمەسلىك.
✦ 7. روھىي بېسىمنى يېڭىش ئۇسۇللىرى توغرۇلۇق تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرگە ئىگە بولۇش ۋە بۇ بىلىملەرنى ئىشلىتىشنى ئادەت ھالىغا كەلتۈرۈش.
✦ 8. گەرچە بېشىمىزغا كېلىدىغان ئىشلارنىڭ يۈزدە ئونى بىزنىڭ كونترولىمىز سىرتىدا بولسىمۇ، ئۇ ئىشلارغا قانداق پوزىتسىيەدە بولۇش بىزنىڭ كونترولىمىزدا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىق.
✦ 9. ئۆزىمىزنى يالغۇز ۋە چارىسىز ھېس قىلماسلىق. چۈنكى، بىز ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان ۋاقتىمىزدا كۈچلۈك، ئۇنىڭدىن يىراقلىشىپ قالغاندا ئاجىز بەندىمىز.
✦ مۈشكۈلاتلارنى ئۆز ھەجىمىدىن زىيادە چوڭايتىۋېتىش تەن ساقلىقىنى نابۇت قىلىش بەدىلىگە سادىر قىلىنغان قىلمىشتۇر.
✦ «كۈچلۈك مۇئمىن ئاجىز مۇئمىندىن ياخشى ۋە ئاللاھقا ئەڭ يېقىملىقتۇر [^3]» دېگەن ھەدىستىكى «كۈچلۈك مۇئمىن »
بەدىنى كۈچلۈك، ئىمانى كۈچلۈك، ئىرادىسى كۈچلۈك بولغاننىڭ سىرتىدا، بالا۔مۇسىبەت پەيتىدە ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغان شەخسىيىتى كۈچلۈك مۇئمىننى كۆرسىتىدۇ.
✦ ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك ئىنسانلار خۇش پۇراق گۈللەرگە ئوخشاش ئەتراپىدىكىلەرگە خۇشاللىق، ھۇزۇر ۋە سائادەت بېغىشلا ي د ۇ.
- ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
- ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
- ئىمنام مۇسلىم رىۋايىتى.
