تەركىبكە ئۆتۈش

خەتكۈشلەر (ساقلانغان بەتلەر)

ھازىرقى بەت:...

تېخى ھېچقانداق بەت خەتكۈشكە قوشۇلمىدى

تۆۋەندىكى كۇنۇپكىنى ياكى بەتلەردىكى خەتكۈش بەلگىسىنى چېكىپ بۇ يەرگە ساقلىۋالالايسىز.

تەڭشەكلەر

يېزىق
يورۇقلۇق ھالىتى
بەت ئۇسلۇبى
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى
ئەرەبچە خەت نۇسخىسى
خەت چوڭلۇقى

40 مەشئەل (قىممەتلىك ئىبرەتلەر)

11-مەشئەل: سائادەت بېغىشلاشتىن كېلىدۇ#

مەيلى غەربنىڭ ياكى شەرقنىڭ بولسۇن، دۇنيانىڭ پەيلاسوپلىرى قەدىمدىن تا ھازىرغىچە كۆپ نەرسىلەردە ئىختىلاپلاشقان، ھەتتا ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىمۇ ئىختىلاپلاشقان، ئەمما بىرلا نەرسىدە ھەممىسى بىرلىككە كەلگەن، ئۇ بولسىمۇ، «بەخت-سائادەت بېغىشلاشتىن كېلىدۇ.»

بىر باي بار بولۇپ، ئۇ خۇشال بولۇش ئۈچۈن ھەممىنى قىلىپ باقىدۇ، ھەرەمگە بارىدۇ، پۇل تارقىتىدۇ، ساياھەت قىلىدۇ، ئەمما ھېچبىر خۇشاللىق ھېس قىلالمايدۇ. بىر كۈنى يېقىن دوستلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا: «ئاداش سېنى ھېچ خۇشال قىلغىلى بولمىدى، دارىلئېتامدىكى يېتىم بالىلارنى زىيارەت قىلساق قانداق دەيسەن؟ بەلكى خۇشال بولۇپ قالارسەن » دەيدۇ. باي ماقۇل كېلىدۇ ۋە بالىلارغا كىيىم-كېچەك، ئويۇنچۇق ۋە مېۋە-چېۋە قاتارلىقلارنى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ ئاپارغانلىرىنى بالىلارغا تارقىتىپ بېرىپ، قايتاي دەپ تۇرغىنىدا، بىر بالا باينىڭ ئالدىغا كېلى پ سىنچىلاپ قاراپ تۇرىدۇ. باي: «ئوغلۇم! بىرەر ھاجىتىڭ بارمۇ؟» دەيدۇ، بالا «ياق، تاغا، ھاجىتىمىزنى سىز راۋا قىلدىڭىز، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ‹بۇ ئادەم بىزگە ياخشىلىق قىلغان ئىدى› دەپ گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن يۈزىڭىزنى تونۇۋالاي دېگەن ئىدىم» دەيدۇ. باي ئىختىيارسىز يىغلاپ كېتىدۇ. ئاندىن «مەن ئېرىشكەن مۇشۇ بىر لەھزىلىك سائادەت ئۈچۈن پۈتۈن بايلىقىمنى بېرىشكە تەييار ئىدىم» دەيدۇ.

22-مەشئەل: خىلۋەت يا سىزنى ئاللاھقا كۆتۈرىدۇ ياكى ئازگالغا تاشلايدۇ ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە#

﴿وَاذْكُر رَّبَّكَ فِي نَفْسِكَ تَضَرُّعًا وَخِيفَةً﴾

«رەببىڭنى يېلىنغان ۋە قورققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن» دەيدۇ. ئىنسان خىلۋەتتە ئاللاھ تائالا بىلەن بولۇش، ئۇنىڭغا يېلىنىش ۋە سەمىمىي مۇناجات قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا يېقىنلىق ھاسىل قىلىدۇ.

يەنە بەزى ئىنسانلار خىلۋەتتە بولغانلىرىدا گۇناھ قىلىپ ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىدۇ، ئۇلار قىلمىشلىرىنى ئىنسانلاردىن يوشۇرىدۇ، ئەمما ئاللاھ تائالادىن يوشۇرمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ جازالىشىدىن قورقۇشنىڭ ئورنىغا ئىنسانلارنىڭ ئەيىبلىشىدىن قورقىدۇ. تۈركىيەدە بىر گەپ بار، «بۇ خەلقنىڭ ئىككى تەڭرىسى بار، بىرى ياراتقان ئاللاھ، يەنە بىرى ئەل ئالەم تەڭرىسىدۇر» دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ساھابىلىرىگە: «مەن سىلەرگە قىيامەت كۈنى تىھامە تېغىدەك كاتتا ئەمەللەر بىلەن كەلگەن بولسىمۇ، ئەمەللىرى پۈتۈنلەي بىكار بولۇپ كېتىدىغانلارنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟» دەيدۇ. ساھابىلەر:« ئېيتىپ بەرگەيلا يارەسۇلۇللا! ئۇلار قانداق كىشىلەركىنا؟» دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇلار سىلەردىن ۋە ئاراڭلاردىكى كىشىلەردۇر. ئۇلار سىلەر بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ، يالغۇز قالغاندا بولسا ھارام ئىشلارنى قىلىدۇ دەيدۇ[^1]».

33-مەشئەل: ھارامدىن ھۇزۇر ئىزدىگەن كىشىگە ھۇزۇر ھارام بولىدۇ#

بەزى كىشىلەر باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلىپ، ھەققىنى يەپ ئوڭاي يول بىلەن پۇل تاپماقچى بولىدۇ، يەنە بەزىسى باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەش بىلەن ھۇزۇرلانماقچى بولىدۇ. ئۇلار بولسا قۇرئان كەرىمنىڭ «ۋەيلۇن» بىلەن باشلانغان ئىككى سۈرىسىدە «ۋاي ئۇلارنىڭ ھالىغا!» دېگەن قاتتىق كايىش بىلەن لەنەت قىلىنغان ئادەملەرنىڭ دەل ئۆزى بولۇپ، بىرى، باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى يەۋالغان، يەنە بىرى، كىشىلەرنىڭ ئابرۇيىنى تۆككەن.

ھارام دېيىلگەن ھامان كۆپىنچىمىزنىڭ ئەقلىگە يېمەك۔ئىچمەكتىكى ھارام كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا چەكلىگەن قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى ھارام كاتېگورىيەسىگە كىرىدۇ. باشقىلارنىڭ پۇل۔ مېلىنى ئوغرىلاش، ئالداپ ئېلىۋېلىش، ناھەق يەۋېلىش، ئابرۇيىنى تۆكۈش، تۆھمەت قىلىش، سودىسىنى بۇزۇش، ماددىي ياكى مەنىۋى تەرەپتىن زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق يامانلىقلارنىڭ ھەممىسى شەرىئەت ئاتالغۇسىدا ھارامدۇر. ھارام ئىشنى قىلغان ئادەمنىڭ ئىبادەتلىرى قوبۇل بولمايدۇ، دۇئاسى ئىجابەت بولمايدۇ، كۆڭلى ئارام تاپمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئاللاھ تائالادىن ۋە ئۇنىڭ رەھمىتىدىن يىراقلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن ھۇزۇر، خاتىرجەملىك ۋە سائادەت تارتىپ ئېلىنىدۇ.

44-مەشئەل: دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۈرمە ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى#

ئۆزىنى يېڭىلاپ تۇرمىغان ۋە ئۆزىنىڭ قاتمال پىكىر ۋە كۆز قارىشىدىن چىقىپ كېتەلمىگەن ئادەم نەگىلا بارسا مەھبۇستۇر. شۇڭا سىز ئۆزىڭىزنى يېڭىلاشنى ۋە ئۆزگەرتىشنى خالىسىڭىز، ئوقۇڭ، ئۆگىنىڭ، تىرىشىڭ. ئۆگەنمىسىڭىز، تىرىشمىسىڭىز، سىزنىڭ تۈرمىگە قامالغان مەھبۇستىن نېمە پەرقىڭىز بار؟

بۇنداق مەھبۇسلۇقتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىرلا يولى ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشتۇر. ئالىملار ئېيتىدۇكى، ئەقىل ئوقۇشتىن توختاپ قالغىنىدا، ئۇنىڭ ئۆسۈشىمۇ توختايدۇ. شۇڭا قانچىلىك كۆپ ئوقۇسىڭىز ئەقلىڭىز شۇنچىلىك ئاشىدۇ. دۇنيادا شۇنداق ئىنسانلار باركى، يىللارنىڭ ئۆتۈشى، يېشىنىڭ چوڭىيىشى بىلەنمۇ ئۇلارنىڭ ئەقلى بىر خىل تۇرىدۇ، ئاشمايدۇ، ئۆسمەيدۇ. ئۇلار بىر قانچە يىلدىن كېيىنمۇ شۇ پېتى تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئوقۇشتىن توختاپ قېلىش بىلەن ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش، مۇلاھىزە قىلىش ۋە چۈشىنىش قاناللىرى تاقىلىپ قالغان، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ ئەقلىمۇ بىر ئىزىدا توختاپ قالغان. دۇنيادا ھەممە نەرسە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، پەقەت ئىنسانلا ئۆزگىرىشنى خالىمايدۇ. چۈنكى، ئىنسان راھەت مۇھىتتىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىدۇ.

55-مەشئەل: تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدىغان ئىشلاردۇر#

قىلغىلى بولمايدىغان ياكى ۋۇجۇدقا چىقمايدىغان ئىشلارنى ئىنسان تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايدۇ. ئايغا چىقىش، ئايروپىلان ياساش، تېلېۋىزورنى ئىجاد قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەسەۋۋۇرنىڭ مەھسۇلىدۇر. قۇرئان كەرىم تەسەۋۋۇر ۋە تەپەككۇر قىلىشنى ئىبادەت سانايدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلارغا قۇرئان كەرىم تەسەۋۋۇر ۋە تەپەككۇر مەنتىقىسىنى ئۆگىتىپ مۇنداق دېگەن:

﴿أَمْ خُلِقُوا مِنْ غَيْرِ شَيْءٍ أَمْ هُمُ الْخَالِقُونَ﴾

«ئۇلار ياراتقۇچىسىز يارىتىلدىمۇ ياكى

﴿قُلْ أَأَنتُمْ أَعْلَمُ أَمِ اللَّهُ﴾

ئۇلار ياراتقۇچىلارمۇ؟ » «سىلەر بىلەمسىلەر ياكى

﴿قُلْ أَأَنتُمْ أَعْلَمُ أَمِ اللَّهُ﴾

ئاللاھمۇ؟.[^1]»

ھاياتىمىزدا تەسەۋۋۇرنىڭ شۇ قەدەر زور ئەھمىيىتى باركى، بىر نەرسىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ ئالدىنقى قەدىمىدۇر. شۇڭا ئالىملار ھەرقانداق نەرسە ئىككى قېتىم يارىتىلىدۇ، بىرى، تەسەۋۋۇردا، يەنە بىرى، ئەمەلىيەتتە، دەپ قارايدۇ. 8 ۔ ئەسىردە ئەندەلۇسلۇق ئالىم ئابباس ئىبنى فىرناس ئايروپىلان نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا ۋە بۇ ھەقتە كىتاب يازغان تۇنجى شەخس بولۇپ تارىخقا قەيت قىلىنغان.

66-مەشئەل: ھاياتتا ئەڭ نوچى ئادەم مۇھىم ئادەمدۇر#

ھاياتتا مەشھۇر ئادەم بولغاندىن كۆرە، مۇھىم ئادەم بولغان ياخشىدۇر. چۈنكى مۇھىم ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ ۋە خەلقنىڭ نەزىرىدە قىممەتلىك ئادەمدۇر. ئۇ، بولمىسا بولمايدىغان، بىرەر كۈن بولمىسا ئىشلار ئۆز يولىدا ماڭمايدىغان ئادەمدۇر. مۇشۇنداق ئادەملەر دۇنيانى گۈللەندۈرىدۇ، مىللەتنى ياشنىتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئالەمدىن كەتسىمۇ، ئۇلارنىڭ نامى كەتمەيدۇ، تۆھپىلىرى ئۇنتۇلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىككىنچى ئۆمرىنى يارىتىپ قويۇپ كەتكەن بولىدۇ.

ئۇلارنىڭ تامامەن ئەكسىچە، دۇنيادا شۇنداق ئادەملەر باركى، ئۇلارنىڭ بارلىقى بىلەن يوقلۇقىنىڭ ھېچبىر پەرقى يوق، بولسا بىلىنمەيدۇ، يوقاپ كەتسە سورالمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ دۇنياغا ياكى ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا قاتقان ھېچقانداق نەرسىسى يوق، ئۇلارنىڭ زېمىنغا يۈك بولۇشتىن باشقا ھېچبىر ئىشى يوق. شۇڭا ئالىملاردىن بىرى «بەزى كىشىلەرنىڭ قەبرىسىگە ئوتتۇز ياشتا ۋاپات بولدى، 60 ياشتا دەپنە قىلىندى» دەپ يېزىپ قويۇش كېرەك دېگەنىكەن.

77-مەشئەل: مۇئمىن مۇئمىننىڭ ئەينىكىدۇر#

پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «مۇئمىن مۇئمىننىڭ ئەينىكىدۇر» يەنى ئەينەك ئۇنىڭغا قارىغان كىشىنىڭ چىرايىنى ئەينەن كۆرسىتىپ بەرگەندەك، مۇئمىن ئادەممۇ ئۆزىنىڭ مۇئمىن قېرىندىشىنىڭ ياخشى۔يامان تەرەپلىرىنى، ئەۋزەللىكلىرىنى ۋە ئەيىبلىرىنى سەمىمىي كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆزى بىزگە كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىتىدۇ. بىرىنچىدىن، ئەينەك چىرايلىقنىمۇ، سەتنىمۇ ئۆز ئەينى كۆرسىتى پ بېرىدۇ. شۇڭا بىراۋغا ئۇنىڭ ئەيىبلىرىنى ۋە كەمچىلىكلىرىنى ئېيتقاندا، ئۇنىڭ پەزىلەتلىرىنى ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىنىمۇ ئېيتىش لازىم. چۈنكى ئەينەك ھەر ئىككىسىنى دەپ بېرىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئەينەك بىزنىڭ سەت ۋە ياراشمىغان تەرەپلىرىمىزنى بىزگە ئەزىيەت بەرمەستىن، بىزنى رەسۋا قىلماستىن، دىلىمىزنى ئاغرىتماستىن كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا بىراۋغا نەسىھەت قىلماقچى بولغاندا، ئۇ كىشىگە يالغۇز جايدا قىلىش كېرەككى، ھەرگىزمۇ كىشىلەرنىڭ ئالدىدا نەسىھەت قىلماسلىق لازىم. بۇنداق قىلغاندا ئۇ كىشىگە ئەزىيەت بولىدۇ، كۆڭلى ئاغرىيدۇ. چۈنكى ئەينەك ئەزىيەت بەرمەي، كۆڭلىنى ئاغرىتماي، سىلىق دەپ بېرىدۇ.

نەسىھەت قىلىش ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرز. نەسىھەتنى تەرك ئېتىش گۇناھ. بۇرۇنقى ھالاك قىلىنغان قوۋملارنىڭ گۇناھى يامانلىقلارنى

﴿كَانُوا لَا يَتَنَاهَوْنَ عَن مُّنكَرٍ فَعَلُوهُ ۚ لَبِئْسَ مَا كَانُوا يَفْعَلُونَ﴾

كۆرۈپ تۇرۇپ توسمىغانلىقى ئىدى.

﴿إِنَّ اللَّهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعًا﴾

«ئۇلار ئۆزلىرى قىلغان يامان ئىشلاردىن بىر _ بىرىنى توسمايتتى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان.[^1]»!

نەسىھەتنى سۇيىئىستېمال قىلىش ئايرىم بىر گۇناھتۇر. چۈنكى، بەزى كىشىلەر نەسىھەت ئىسمى ئاستىدا كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ، ئابرۇيىنى تۆكمەكچى بولىدۇ. بۇ نەسىھەت ئەمەس، دۈشمەنلىكتۇر. چۈنكى، بىراۋغا قىلىنماقچى بولغان نەسىھەت يالغۇز جايدا شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە قىلىنىدۇ.

88-مەشئەل: ئاللاھ تەۋبە بىلەن پەقەتلا ئۆزىنىڭ ھەققىدىن ئۆتىدۇ، قۇل ھەققىدىن ئەمەس#

ھەق ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىرى، ئاللاھنىڭ «قىل» ۋە «قىلما » دېگەن ھەققى شۇڭا ئاللاھنىڭ بۇ ھەققىگە خىلاپلىق قىلغانلار، يەنى پەرز، ۋاجىپلارنى ئورۇندىمىغان، ھارام ئىشلارنى قىلغانلار، ئەگەر سەمىمىي تەۋبە قىلسا ئاللاھ چوقۇم ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ.

﴿كَانُوا لَا يَتَنَاهَوْنَ عَن مُّنكَرٍ فَعَلُوهُ ۚ لَبِئْسَ مَا كَانُوا يَفْعَلُونَ﴾

«ئاللاھ بارلىق گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ » [^1] دېگەن ئايەت بۇنى ﴿الذَّنْبُ﴾ كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ ھەققىگە قارىتا سادىر قىلىنغان گۇناھنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما قۇل ھەققىگە قارىتا سادىر قىلىنغان ﴿السَّيِّئَةُ﴾ قىلمىشلار دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنى بەندە كەچۈرمىگۈچە ئاللاھ كەچۈرمەيدۇ.

﴿إِنَّ اللَّهَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ جَمِيعًا﴾

«كىمكى ھەقسىزلىق قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلىدىكەن ۋە بۇزغانلىرىنى ئوڭشايدىكەن، ئاللاھ ئۇنى مەغپىرەت قىلىدۇ [^2]» دېگەن ئايەت بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىدۇ.

بىرلىرىنىڭ پۇل۔ مېلىنى قاقتى-سوقتى قىلىپ، بىرلىرىنىڭ ئابرۇيىنى تۆكۈپ، بىرلىرىنىڭ دىلىغا ئازار بېرىپ، بىرلىرىنىڭ ئىشىنى بۇزۇپ، بىرلىرىنىڭ ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىپ، ئاندىن تەۋبە قىلدىم دەپ، مىڭ قېتىم ھەج قىلسىمۇ، يىل بويى ھەرەمدىن چىقماي ئېتىكاپ قىلسىمۇ، كېچىلىرى قىيامدا تۇرۇپ، كۈندۈزلىرى روزا تۇتسىمۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنداق كىشىنىڭ گۇناھىدىن ئۆتمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ساھابىلىرىدىن: «كىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ » دەپ سورىغاندا، ساھابىلەر: «ھېچقانداق مال – مۈلكى بولمىغان كىشىنى قۇرۇق قول قالغۇچى كىشى، دەيمىز» دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيامەت كۈنى بىراۋ ناماز، زاكات ۋە روزا بىلەن كېلىدۇ. ئەمما ئۇ بىرىنى تىللىغان، بىرىگە تۆھمەت چاپلىغان، بىرىنىڭ مېلىنى يەۋالغان، بىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن، بىرىنى ئۇرغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرى شۇلارغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرى تۈگىسە، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ئۇنىڭغا ئارتىلىدۇ. ئاندىن ئۇ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. مانا بۇ، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچىسىدۇر [^3]» دېگەن.

99-مەشئەل: گۇناھنى يۆگەش، قىلمىشنى پاش قىلىش لازىم#

گۇناھ ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە قارىتا سادىر قىلىنغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ «الذنب» دەپ ئاتىلىدۇ. يامانلىق مەخلۇقاتقا قارشى سادىر قىلىنغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ «السيئة» دەپ ئاتىلىدۇ. دىنىمىز بىزنى گۇناھلارنى يۆگەشكە، ئەمما قىلمىشلارنى ۋە جىنايەتلەرنى پاش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. گۇناھ – مەئسىيەتنى مەيلى سىز سادىر قىلغان بولۇڭ ياكى باشقىسى سادىر قىلغان بولسۇن، ئۇنى يۆگەش لازىم. چۈنكى، گۇناھ قىلىپ، ئۇنى باشقىلارغا دېگەن بەندىنى ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرمىگەندەك، باشقىلار سادىر قىلغان گۇناھ۔مەئسىيەتلەرنى ئاشكارىلىغان ۋە يايغان بەندىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا لەنەت قىلىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە تەئەللۇق بولغان گۇناھ۔مەئسىيەتلەردىن قايسىبىرىنى سادىر قىلغان ياكى باشقىسىنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى كۆرگەن ۋەياكى بىلگەن ئادەم ئۇنى چوقۇم يۆگىشى

﴿إِنَّ الَّذِينَ يُحِبُّونَ أَن تَشِيعَ الْفَاحِشَةُ فِي الَّذِينَ آمَنُوا لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ﴾

لازىم.

﴿لَّا يُحِبُّ اللَّهُ الْجَهْرَ بِالسُّوءِ مِنَ الْقَوْلِ إِلَّا مَن ظُلِمَ﴾

«مۇئمىنلەر ئۈستىدە يامان سۆزلەرنىڭ تارقىلىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر، شەكسىزكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قىينىغۇچى ئازابقا قالىدۇ [^1]» دېگەن ئايەت بۇنى تەلەپ قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر ئادەم قانداقلا بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنى يۆگىسە، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ گۇناھىنى يۆگەيدۇ [^2]» دەپ كۆرسەتكەن.

قىلمىشلارنى پاش قىلىش لازىم بەندىلەرنىڭ ھەق۔ھوقۇقىغا تەئەللۇق بولغان قىلمىشلارنى ۋە جىنايەتلەرنى پاش قىلىش ۋە ھەق۔ھوقۇقلارنىڭ جايىغا قايتىشىغا ياردەم قىلىش ئىبادەتتۇر. چۈنكى، ھەق۔ھوقۇقلارنى قوغداش، زۇلۇمغا ۋە ھەقسىزلىككە قارشى تۇرۇش دىنىمىز تەلەپ قىلغان ئىشتۇر. شۇڭا بىراۋلارنىڭ ئىنسانلارغا قارىتا قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇش ئۇلارغا قىلمىشتا شېرىك بولغانلىق، پاش قىلىش زۇلۇمغا ۋە ھەقسىزلىككە قارشى

﴿لَّا يُحِبُّ اللَّهُ الْجَهْرَ بِالسُّوءِ مِنَ الْقَوْلِ إِلَّا مَن ظُلِمَ﴾

«ئاللاھ زۇلۇمغا تۇرغانلىقتۇر.

﴿لَّا يُحِبُّ اللَّهُ الْجَهْرَ بِالسُّوءِ مِنَ الْقَوْلِ إِلَّا مَن ظُلِمَ﴾

ئۇچرىغان كىشى (نىڭ زالىم ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتى)دىن باشقا (ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ) يامان سۆزنى ئاشكارىلىشىنى ياقتۇرمايدۇ [^3]» دېگەن ئايەت بىزدىن بۇنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئايەت زۇلۇمغا ياكى قانداقلا بىر ھەقسىزلىككە ئۇچرىغان ياكى ئۇنى كۆرگەن كىشىنىڭ سۈكۈت قىلماسلىقى ۋە قىلمىشنى ئاشكارىلىشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

1010-مەشئەل: بەزى كىشىلەر ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمانى بار تۇرۇقلۇق، ئىمانى يوق كىشىلەردەك ياشايدۇ#

نورمالدا ئىنسانلار كامېرا بار يوللاردىكى قىزىل ئىشارەتتىن ئۆتۈپ كېتىشتىن قورقىدۇ، شۇڭا بىلىپ تۇرۇپ ھەرگىز ئۆتمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار جازا كېلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما بەزى كىشىلەر ئاخىرەتتە سورىقى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ قويغان چەك-چېگرادىن ئوڭايلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇلار يا ئاللاھتىن قورقمامدۇ ياكى ئاخىرەتكە ئىشەنمەمدۇ، بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئاخىرەتكە ئىمانى بار كىشى ئەگەر ھېساب بېرىدىغانلىقىغا ھەقىقىي ئىشەنسە ئاللاھ تائالا قويغان چەك-چېگرادىن ھەرگىز ئۆتۈپ كەتمەيدۇ.

ئىنسانلارنىڭ بۇنداق قىلىشى يا ئاخىرەتكە شەك كەلتۈرگەنلىكتىن ياكى دىننىڭ ھەقىقىتىنى بىلمىگەنلىكتىن بولسا كېرەك. چۈنكى ئاخىرەتنىڭ بولىدىغانلىقىغا چىن ئىشەنمىگەن ئادەم بەلكى بولمايدىغاندۇ، دەپ ئۆزىنى ئالدىشى مۇمكىن، يەنە بىرى نۇرغۇن ئىبادەتلىرىم ۋە ياخشى ئىشلىرىم بولغاندىكىن، ئاللاھ بۇ قىلمىشلىرىمنى كەچۈرۈۋېتەر دەپ خاتا چۈشەنچىدە بولۇشى مۇمكىن.

1111-مەشئەل: دۈشمەنلىرىڭىز قانچىلىك كۆپ بولسا ئۆزىڭىزنىڭ شۇنچىلىك#

ئەھمىيەتلىك دەپ بىلسىڭىز بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا بىراۋنىڭ قەدىر۔قىممىتىنى كۆتۈرۈشنى، نام۔نىشانىسىنى يۇقىرى قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا ئابرۇيىنى چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنىدىغان ھەسەتخورلارنى ۋە ئۆز يېقىنلىرىدىن بولغان دۈشمەنلەرنى پەيدا قىلىپ بېرىدۇ. ئاندىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەس قىلمىشلىرى بىلەن ئۇ كىشىنىڭ ئابرۇيىنى تېخىمۇ كۆتۈرىدۇ، ئۇنى خەلقى ئالەمگە تونۇتىدۇ.

﴿وَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَا لِكُلِّ نَبِيٍّ عَدُوًّا شَيَاطِينَ الْإِنسِ وَالْجِنِّ﴾

« ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى ھەربىر پەيغەمبەرگە دۈشمەن قىلدۇق.[^1]»

﴿وَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَا لِكُلِّ نَبِيٍّ عَدُوًّا مِّنَ الْمُجْرِمِينَ﴾

«ھەربىر پەيغەمبەرگە گۇناھكارلارنىڭ

﴿وَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَا لِكُلِّ نَبِيٍّ عَدُوًّا مِّنَ الْمُجْرِمِينَ﴾

ئىچىدىن دۈشمەنلەرنى قىلدۇق [^2]». گۇناھ۔مەئسىيەتتىن پاك، ھېچكىمگە يامانلىق قىلمىغان ئاشۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ دۈشمەنلىرى بولغان يەردە، بىزدەك گۇناھ۔مەئسىيەتتىن ۋە خاتالىقلاردىن خالى بولالمايدىغان بەندىلەرنىڭ دۈشمەنلىرى، ھەسەتخورلىرى ۋە ئابرۇيىغا تىل تەككۈزگۈ چىلىرىنىڭ بولۇشى قەدىر۔قىممەتنىڭ بەلگىسىدۇر. چۈنكى ئازغۇنلۇق پاتقاقلىرىغا پاتقان ياكى بارلىقى بىلەن يوقلۇقىنىڭ ھېچبىر پەرقى يوق كىشىلەرگە ھېچكىم دۈشمەن بولمايدۇ ۋە ھەسەت قىلمايدۇ.

1212-مەشئەل: مېھىر۔شەپقەتنىڭ باھاسى يوق#

ياۋروپانىڭ قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، قولىدا تاتلىق۔ تۇرۇملارنى كۆتۈرۈۋالغان ئون ياشلىق بىر بالا مەلۇم بىر ئائىلە قورۇسىنىڭ ئىشىكىنى قېقىپ تۇرۇپ ئايلىنىپ كېتىدۇ ۋە يەرگە يىقىلىدۇ. ئىشىكنى ئاچقان ئايال بالىنى كۆتۈرۈپ ئۆيىگە ئەكىرىدۇ ۋە سافانىڭ ئۈستىدە ياتقۇزىدۇ. بىر ئازدىن كېيىن بالا ھوشىغا كېلىپ، ئوڭ مەڭزىدە مېڭى بار بىر ئايالنى كۆرۈپ ئۇنى ئانىسىغا ئوخشىتىپ قالىدۇ. ئاندىن ئايال ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان قېتىق سۇنىدۇ. قېتىقنى ئىچىپ بولغان بالا ئۆيدىن ئايرىلىش ئالدىدا، ئۆزىگە تەقدىم قىلىنغان قېتىقنىڭ باھاسىنى سورايدۇ. ئايال كۈلۈپ تۇرۇپ «چىقىۋەرگىن ئوغلۇم، مېھىر۔شەپقەتنىڭ باھاسى يوق» دەيدۇ. ئەسلىدە بۇ بالا دادىسىدىن كىچىك قالغان ۋە ناھايىتى كەمبەغەللىكتە چوڭ بولغان بولۇپ، ئانىسى ئۆيدە پىشۇرۇپ بەرگەن تاتلىق۔تۇرۇملارنى كوچىلاردا، ئائىلە قورۇلىرىدا سېتىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. ئۇ كۈنى تاتلىق ۔تۇرۇملىرىنى ساتالمىغان، قاتتىق سوغۇق ۋە ئاچلىق سەۋەبلىك ئايلىنىپ كېتى پ يىقىلغانىدى. كېيىنچە بۇ بالا مېدىتسىنادا ئوقۇپ دوختۇر بولىدۇ. نەچچە ئون يىللاردىن كېيىن تېز قۇتقۇزۇش كېرەك بولغان بىر بىمار ئۇنىڭ دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ. دوختۇر بىمارنىڭ ئوڭ مەڭزىدىكى مەڭنى كۆرۈپلا بالىلىق چېغىدىكى ئاشۇ ئۇنتۇلماس ۋەقەلىكنى ئېسىگە ئالىدۇ. كېيىن بىمارنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈپ ئۇنىڭ ئاشۇ ئايال ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ. ئاندىن بىمارنى ئۆزى بىر قوللۇق داۋالايدۇ. دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان ۋاقىتتا بىمارغا بىر كونۋېرت كېلىدۇ. بىمار ئىچىدە «بۇ دوختۇرخانىدا ئىككى ئايدىن ئارتۇق ياتتىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇغۇرتام يوق، قانچە پۇل چىققاندۇ» دېگەن ئەندىشە بىلەن كونۋېرتنى ئاچىدۇ. ئەمما كونۋېرتتا تالون ئەمەس، «بىر ئىستاكان قېتىق بىلەن تۆلىنىپ بولدى» دېگەن خەت بار ئىدى. بىمار بۇنى چۈشىنەلمەي ئويلىنى پ قالغان پەيتتە ھېلىقى دوختۇر كىرىدۇ ۋە كۈلۈپ تۇرۇپ، «مېھىر۔شەپقەتنىڭ باھاسى يوق» دەيدۇ. بىمار بىر ئىشنى خاتىرىلىگەندەك بولۇپ، دوختۇرغا سىنچىلاپ قارايدۇ. دوختۇر «بۇ گەپنى سىز دېگەنىدىڭىز» دەيدۇ ۋە ئۆزىنى تونۇشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىمار ھەيرانلىقتىن قېتىپ قالىدۇ. ئوتتۇز يىل بۇرۇن ياۋروپانىڭ قەھرىتان قىش كۈنلىرىدە تاتلىق۔ تۇرۇم سېتىپ يۈرگەن كەمبەغەل بالا ئەمدىلىكتە چوڭ بىر دوختۇرخانىنىڭ غوجايىنى بولۇپ قالغانىدى.

1313-مەشئەل: ھارامدىن ساقلىنىش ھارامغا چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن قۇتۇلۇشتىن نەچچە ھەسسە ئوڭايدۇر#

ھارام مەيلى يېمەك۔ئىچمەكتە بولسۇن، مەيلى گەپ۔سۆزدە ۋە ئىش۔ھەرىكەتتە بولسۇن، ئاللاھ تائالا قەتئىي چەكلىگەن ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ. ھارامغا يېقىنلىشىپ قالغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا چۈشۈپ قېلىشى ئوڭايلىشى پ قالىدۇ. شۇڭا ھارامدىن يىراق تۇرۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئىمام ئەبۇ ھامىد غەززالىي بۇنى مۇنداق بىر مىسال بىلەن چۈشەندۈرگەن: «بىر كۆچەتنى تىكى پ بولۇپ ئارقىدىنلا يۇلۇش ناھايىتى ئوڭاي، بىر كۈندىن كېيىن يۇلۇش بىر ئاز قىيىن، بىر ھەپتىدىن كېيىن يۇلۇش خېلى قىيىن، ئەمما بىر يىلدىن كېيىن يۇلۇش مۇمكىن ئەمەس». چۈنكى ھارامدىن قول ئۈزمىگەن ئادەم ئۇنىڭغا كۆنۈپ قالىدۇ، كۆنۈپ قالغان ھەرقانداق ئىش ئادەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئادەتنى تاشلىماق ئوڭايغا توختىمايدۇ. «كۆنگەن يامانمۇ كۆيگەنمۇ» دېگەن مانا مۇشۇ. شۇڭا ھەرقانداق بىر يامانلىقتىن دەرھال قول ئۈزۈش نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ياخشى، قۇتۇلۇش جەھەتتىنمۇ ئوڭاي.

1414-مەشئەل: ھالالدىن يېسىڭىزمۇ، ھارامدىن يېسىڭىزمۇ سىزگە تەقدىر قىلىنغان رىزقىڭىزنى يەرسىز#

بىر يىگىت كەئبىدە: «ئى توغرا يولدا ماڭغانلارنىڭ ياردەمچىسى بولغان رەببىم! ئى ھارامدىن ساقلانغۇچىلارنىڭ ياردەمچىسى بولغان رەببىم! ساڭا چەكسىز ھەمدۇسانا ئېيتىمەن» دېگەن دۇئانى قايتا۔قايتا تەكرارلىدى. يىگىتنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلاپ تۇرغان بىر كىشى ئۇنىڭدىن بىر خىل دۇئانى مۇنداق كۆپ تەكرارلاشنىڭ سەۋەبىنى سورايدۇ. يىگىت ھېكايىىسىنى باشلاپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى مۇشۇ كەئبىنىڭ ئالدىدا بىر ھەميان ئالتۇن تېپىۋالغانىدىم. كۆڭلۈمدە بۇ ئالتۇنلارنى دەسمايە قىلىپ بىرەر ئىش باشلىۋالسام، كېيىنچە پۇل تاپقاندا شۇنچىلىك ئالتۇننى سەدىقە قىلىۋەتسەم بولارمۇ، دەپ ئويلىدىم. ئاندىن ئۆزۈمنىڭ بولمىغان ئالتۇنلارنى ئېلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ئەسكە ئالىدىم، بولۇپمۇ كەئبىنىڭ ئالدىدا بۇنداق قىلىشنىڭ قەتئىي توغرا ئەمەسلىكىنى ئويلاپ يەتتىم، شۇ ئەسنادا بىر ئادەم ھەميانىنى يۈتتۈرۈپ قويغانلىقىنى ئېلان قىلغىلى تۇردى. مەن ئىككىلەنمەيلا ئادەمنى چاقىردىم ۋە ھەمياننى سۈپەتلەپ بېرىشىنى سورىدىم، ئادەم ھەمياننىڭ ئىچىدە مىڭ تىللا ئالتۇن بارلىقىنى ئېيتتى، ساناپ باقسام شۇنداق چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەم ماڭا 30 ئالتۇن بەردى. مەن ئالتۇننى ئېلىپ، يىللاردىن بېرى ئالغۇم كەلگەن بىر قۇلنى ساق 30 ئالتۇنغا سېتىۋالدىم. قۇل ياخشى چىقتى. ئىككى يىلدىن كېيىن قۇل بىلەن كېتىپ بارسام، بىر قانچە ئادەم بىزگە قاراپ كېلىۋاتاتتى، قۇل ماڭا: «غوجايىن! سىز ياخشى ئادەم ئىكەنسىز، بۇ كەلگەنلەر دادامنىڭ ئادەملىرى بولىدۇ، مېنى ئالغىلى كەلگەن گەپ. دادام پادىشاھ ئىدى، مەن سىزگە بۇنى دېمىگەنىدىم. شۇڭا سىز مېنى ئەرزان ساتماڭ. مىڭ30 تىللاغا ساتىمەن دەپ چىڭ تۇرۇڭ» دېدى. مەنمۇ ساق 30 مىڭ تىللاغا ساتتىم. ئاندىن شۇ پۇل بىلەن تىجارەت قىلدىم. كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي جامائەت مېنى ئۆيلەپ قويۇشنى قارار قىلىپ، بىر قىزنى كۆرسەتتى. قىزمۇ، مەنمۇ بىر-بىرىمىزنى يارىتىپ قالدۇق. شۇنىڭ بىلەن تويىمىز بولدى. بىر كۈنى ئايالىمنىڭ بوخچىسى ئىچىدە ماڭا تونۇشلۇق بىر ھەمياننى كۆرۈپ قېلىپ، ئايالىمدىن سورىۋىدىم، ئايالىم: ‹بۇ ھەميان دادام رەھمەتلىكنىڭ مېنىڭ توي ئىشلىرىم ئۈچۈن قالدۇرغان بايلىقى ئىدى، ئىچىدە 970 تىللا بار. ئەسلىدە 1000 تىللا ئىكەن. ئۇنى يېتى پ كەتكەندە تېپىپ بەرگەن يىگىتكە 30 تىللانى بېرىۋەتكەنىكەن› دېدى. ئەسلىدە بۇ ئالتۇنلار مېنىڭ رىزقىم ئىكەن، ھارام يولدىن ئالغان بولساممۇ مۇشۇ رىزقىمنى ئالغان بولار ئىكەنمەن، ئەمما ئاللاھ ماڭا ئۇنى ھالال يولدىن بەردى. مەن ئەمدى ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتمىسام بولامدۇ؟.»

1515-مەشئەل: كىشىلەرنىڭ ھۆكۈملىرى ھېچنىمىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئەمما سىزنىڭ#

ھۆكۈمىڭىز ئۆزگەرتىدۇ.

ئۆزىڭىز توغرا يولدا بولسىڭىز ۋە تاللىغىنىڭىزغا قانائىتىڭىز تولۇق بولسا، باشقىلارنىڭ سىز توغرۇلۇق دېگەنلىرىنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى يوقتۇر. شۇڭا ئۆزىڭىز توغرا بىلگەن يولدا مېڭىڭ ۋە تاللىغان ئىشڭىزدىن ۋاز كەچمەڭ. ئىمام تاھاۋى تاغىسى ئىمام مازىندا ئوقۇيتتى. بىر كۈنى ئىمام مازىن ئۇنىڭغا: «سەن ئوقۇپ ئالىم بولالمايسەن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەن ھېۋنېمە بولالمايسەن» دېگەن ئىدى. ئىمام تاھاۋى ئوقۇپ كاتتا ئالىم بولدى، «ئەقىدەتۇت تەھاۋىيە»، «ئەھكامۇل قۇرئان» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى يېزىپ چىققان ۋە ئىسلام دۇنياسىدا كاتتا ئالىملار قاتارىغا ئۆتكەن. ئۇ تاغىسى ئەسلەپ: «تاغام ھايات بولغان بولسا، قىلغان ئاشۇ قەسىمى ئۈچۈن كاپارەت بېرىشى كېرەك ئىدى» دېگەن.

توماس ئېدىسوننىڭ لامپۇچكا قىلىنى تەجرىبە قىلىش جەريانىدا ئۇچۈىغان مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكلىرىنى كۆرگەنلەر ئۇنى مەسخىرە قىلغان بەزىلەر ئۇنى قۇرۇق لاپ ئېتىۋاتىدۇ، ئۇخلىماي چۈش كۆرۈۋاتىدۇ دەپ مازاق قىلغان. ھەتتا بەزى ئالىملار ماتېماتىكا ئارقىلىق ئۇنىڭ بۇ تەتقىقاتى مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ، دەپ ئىسپاتلاپمۇ بەرگەن. لېكىن ئېدىسون باشتىن۔ئاخىر تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن سىناق قىلىش نەتىجىسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.

«فورد» ئاپتوموبىلىنىڭ ئىجادكارى ھېنرى فورد مەلۇم بىر ئېلېكتېر ئېنىرگىيە شىركىتىدە ئاددىي ئىشچى ئىدى. ئۇ كۈندە 11 سائەت ئىشلەش بەدىلىگە ھەپتىدە 11 دوللار ئىش ھەققى ئالاتتى. ھېنرى ھەر كۈنى جاپالىق ئەمگەكتىن كېيىن، ئۆيىنىڭ ئارقىسىدىكى كىچىككىنە كەپىسىگە كىرىۋېلىپ موتور ياساش ئۈچۈن يېرىم كېچىگىچە ئىشلەيتتى. ھېنرىنىڭ ئاتا _ ئانىسى ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرىنى ئەھمىيەتسىز دەپ قارايتتى ۋە ئۇنىڭ چوڭ ئىشلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئىشەنمەيتتى. دوستلىرىمۇ مەسخىرە قىلاتتى. پەقەت ئايالى ئۇنىڭغا ئىشىنەتتى. ھېنرى فورد 1893 ۔ يىلى ئۆزى ياسىغان ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ كوچىغا چىققاندا كىشىلەر ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالغان ئىدى.

1616-مەشئەل: ھەسەتخورلار ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەپ بولسىمۇ ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ#

ھەسەت — باشقىلارنىڭ ئىلكىدە بولغاننىڭ يوق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىش دېگەنلىك بولۇپ، ھەسەتخورلۇق ئۆچ _ ئاداۋەتتىنمۇ كۈچلۈك بولغان ئىنتايىن قەبىھ روھىي ھالەتتۇر. ئۇ قەلبنىڭ زەئىپلەشكەنلىكىنىڭ، ئەخلاقنىڭ نۆلگە چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ ۋە ئېتىقادسىزلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. ھەسەتخور ئادەم باشقىلارنىڭ مال– مۈلۈك، ھوقۇق – مەنسەپ، ئىلىم – ھېكمەت قاتارلىق دىنىي ۋە دۇنياۋىي نېمەتلىرىنىڭ يوقۇلۇشىنى ئويلاپ قىزىلكۆزلۈك قىلىدۇ.

بىر پادىشاھنىڭ ئىككى ۋەزىرى بار بولۇپ، ۋەزىرلەر بىر-بىرىگە بەك ئۆچ ئىكەن. بىر كۈنى پادىشاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئوڭشاپ قويۇش ئۈچۈن ھۇزۇرىغا چاقىرتىدۇ. ئاندىن ئۇلارغا: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزى ئۈچۈن مەندىن نېمە تىلىسە، يەنە بىرىڭلارغا ئۇنىڭ ئىككى ھەسسىسىنى بېرىمەن» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋەزىرلەردىن بىرى: «ئى پادىشاھىم! مېنىڭ بىر كۆزۈمنى قۇيۇۋەتكەيلا» دەيدۇ. بىر ئەمادىن سورايدۇ: «كۆزىڭىز ئېچىلسۇنمۇ ياكى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى سىزدەك ئەما بولۇپ قالسۇنمۇ؟.» ئەما: «ھەممە ئادەم ئەما بولۇپ كەتسۇن» دەيدۇ. دېمەك، ھەسەتخور باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەشكە رازى.

1717-مەشئەل: ئاللاھتىن تىلىسىڭىز سۆيۈنىدۇ ۋە بېرىدۇ، بەندىدىن سورىسىڭىز#

يامان كۆرىدۇ، يا بېرىدۇ ياكى بەرمەيدۇ.

يوقسۇل بىر ئادەم بايدىن ياردەم سورىۋېدى، بەردى، يەنە سورىدى، يەنە بەردى، ئۈچىنچى قېتىم سورىۋېدى. «سەن قانداق يۈزى قېلىن ئادەمسەن » دەپ قوغلىۋەتتى. ئادەم كېتىپ قالدى. باينىڭ ئاچچىقى بېسىلغاندىن كېيىن قوغلىۋەتكىنىگە پۇشايمان قىلدى ۋە شۇ ئادەمنى ئىزدەش قارارىغا كەلدى. شۇ ئارىدا ئەزان چىقتى ۋە مەسجىدكە كىردى. قارىسا ھېلىقى يوقسۇل ئادەم ئۆرە تۇرۇپ دۇئا قىلىۋېتىپتۇ. دۇئاسىدا: «ئى ئاللاھ! سەن باي، مەن پېقىر، مەن ھاجىتىمنى سورىغان ئۇ بەندەڭمۇ پېقىر. مېنى پېقىرلارغا موھتاج قىلمىغىن، ئۇ بەندەڭنىڭ ئۆيىگە باردىم قوغلىۋەتتى، سەن مېنى قوغلىۋەتمىگىن، سەن قوغلىساڭ مەن نەگە بارىمەن؟ سەن مېنىڭ ئىگەم، مېنىڭ ھاجىتىمنى سەنلا راۋا قىلىسەن، مېنىڭ ھاجىتىمنى راۋا قىلماي مۇشۇ مەسجىدتىن چىقارمىغىن» دەۋاتاتتى. باي ماڭا بەددۇئا قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ، دەپ قورقۇپ كەتتى، ئاندىن:« ھەي پالانى! بولدى قىلىڭ ئەمدى، خاپا بولماڭ، بايلىقىمنىڭ تەڭ يېرىمى سىزنىڭ بولسۇن، ئاللاھ گۇۋاھكى گېپىم گەپ، ئەمدى توختىتىڭ دۇئانى» دېدى. ئارىدا تەكبىر ئوقۇلدى، ئىككىسى يان۔يانغا تۇرۇپ نامازنى ئوقۇدى، مەسجىدتىن چىقىشتى.

1818-مەشئەل: خۇشال بولاي دېسىڭىز باشقىلارنى خۇشال قىلىڭ#

ناھايىتى يوقسۇل، نارەسىدە بالىلىرى بار بىر ئادەم يۈرىكىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ، ئەمما دوختۇرغا بەرگۈدەك ھېچنەرسىسى يوق. ئادەم ئۆزى، ئۇششاق بالىلىرى ۋە ئايالى قاتتىق غەمگە پاتىدۇ، ئۇلارنىڭ چىرايىدا خۇشاللىقتىن ئەسەر قالمايدۇ. بىمارنى ئوپېراتسىيە قىلماقچى بولغان دوختۇر ئادەمنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئوپېراتسىيەنى ئۆز ھېسابىغا قىلىدىغان بولىدۇ ۋە ئوپېراتسىيەنى غەلىبىلىك تاماملايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ھېلىقى ئادەمنىڭ ئۆيى خۇشاللىققا تولىدۇ، نارەسىدە بالىلىرى «دادىمىز ساقايدى، دادىمىز ساقايدى» دەپ بايرام تەنتەنىسى قىلىپ كېتىدۇ. ئادەم بىلەن ئايالى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ھاياجاندىن يىغلىغان ھالدا دوختۇرغا ۋە ئائىلىسىگە دۇئا قىلىدۇ. بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن دوختۇر ئالەمچە خۇشاللىققا تولىدۇ. ئاندىن «ئەلھەمدۇلىللاھ، مەن دوختۇر بولۇپ بۈگۈنكىدەك سائادەتكە تولمىغانىدىم» دېدى.

1919-مەشئەل: بايلىق. پۇلنىڭ جىقلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاتا۔ئېھساننىڭ كۆپلۈكى بىلەن ئۆلچىنىدۇ#

ھەقىقىي بايلىق قولدىكى بىلەن ئەمەس، يۈرەكتىكى بىلەن بولىدۇ. بەزى كىشىلەر كەمبەغەللىك تۇيغۇسىدىن قېچىش ئۈچۈنلا باي كۆرۈنۈشكە تىرىشىدۇ ۋە بايلاردەك ھەرىكەت قىلىدۇ، ئۇلار مەڭگۈ باي بولالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار قېچىپ يۈرىدۇ، نېمىدىن؟ كەمبەغەللىك تۇيغۇسىدىن ۋە شۇنداق كۆرۈنۈپ قېلىشتىن قاچىدۇ. قاچقان ئادەم بىر يەرگە بارالمايدۇ. مەسىلەن: ئىتتىن قاچقان ئادەم يۈگۈرىدۇ۔يۇ، بىر يەرگە بارالمايدۇ، ئەمما بىر يەرنى نىشان قىلىپ ماڭغان ئادەم چوقۇم بارىدۇ.

بىر يەرگە بارماقچى بولغان ئادەم ئاستا بارسىمۇ چوقۇم بارىدۇ. باي دېگەن ئۇقۇم ئەسلىدە ئۆزىنىڭ، ئائىلىسىنىڭ ۋە خەلقنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان كىشىلەرگە قويۇلغان ئىسىم. شۇڭا كىشىلەر ھاجىتى چۈشسە باينىڭ ئىشىكىگە باراتتى ۋە ئىشىنى ھەل قىلاتتى. چۈنكى ئۇ دەردىگە دەرمان بولىدىغان كىشى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەرزدار، زور قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە ئۆزى ياردەم قىلالمىسا، قول ئىلكىدە بار ساھابىلەرنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىپ قوياتتى. ئۆتمۈشتە مەككە مەدىنىگە ۋەخپىلەرنى قىلىپ قويغانلار پۇلى كۆپ ئادەملەر ئەمەس، ئەمما ھىممىتى ۋە غەيرىتى كۆپ ئادەملەر ئىدى. ھازىرقى بايلار شۇلارنىڭ ۋەخپىلىرىدە يۈزىنى داپتەك قىلى پ ياتتىكى بىرەر ۋەخپە قالدۇرمىدى. بۇلارنىڭ پۇلى ۋەخپە قىلغانلارنىڭكىدىن مىليونلاپ كۆپ ئىدى. شۇ پۇللارنى خىتاي پاكپاكىز يوق قىلدى. ئارقىدا نە ساۋاب، نە پۇل قالمىدى. پۇلى جىق بولمىسىمۇ باي ئۆتكەن ئەجدادلىرىمىزغا ئاللاھ رەھىم قىلسۇن!

2020-مەشئەل: كەچۈرۈڭ، ئەمما نېمىنى كەچۈرگەنلىكىڭىزنى بىلىپ كەچۈرۈڭ#

سىزگە بىلدۈرمەي ھەققىڭىزنى يەۋېلىپ، ئاندىن ئۇنى تەپمە ھالال قىلماقچى بولغانلارغا ھەرگىز يول قويماڭ. چۈنكى بەزى كىشىلەر سىزگە بىلدۈرمەي ھەققىڭىزنى قاقتى-سوقتى قىلىدۇ، ئاندىن ئۇنى ئۆزىگە ھالال قىلىش ئۈچۈن ئاشۇ قىلمىشىنى سىزگە دېمەيلا رازىلىق تىلەيدۇ. بۇ ئالدامچىلىقنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ھارامدىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا بىراۋنى كەچۈرمەكچى بولسىڭىز، ئاۋۋال نېمىنى كەچۈرمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىڭ، ئاندىن كەچۈرۈشنى خالىسىڭىز كەچۈرۈڭ، خالىمىسىڭىز ھەققىڭىزنى تەلەپ قىلىڭ. چۈنكى سىز كەچۈرۈشكە مەجبۇر ئەمەس، ئەمما كەچۈرسىڭىز ئاللاھ تائالادىن كۆپ ئەجىرگە ئېرىشىسىز.

2121-مەشئەل: خاتالىق سادىر قىلغۇچىنى كەچۈرۈش ياخشى ئىش، ئەمما ئۇنىڭ خاتالىقىغا تۈزىتىش بېرىش مۇھىم#

﴿وَجَزَاءُ سَيِّئَةٍ سَيِّئَةٌ مِّثْلُهَا ۖ فَمَنْ عَفَا وَأَصْلَحَ فَأَجْرُهُ عَلَى اللَّهِ ۚ إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الظَّالِمِينَ﴾

«بىر يامانلىقنىڭ جازاسى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر يامانلىقتۇر، كىمكى (يامانلىق قىلغۇچىنى) ئەپۇ قىلسا ۋە (ئۇنىڭ خاتالىقىنى) تۈزەتسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ بېرىدۇ [^1]». ھەققىڭىزدە بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزگەن ياكى سىزگە يامانلىق قىلغان ئادەمنى كەچۈرۈش ياكى كەچۈرمەسلىك سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزدىكى ئىشتۇر. ئەگەر كەچۈرسىڭىز ساۋاب تاپىسىز، ئەمما كەچۈرۈش بىلەن بىللە شۇ خاتالىقنى ياكى يامانلىقنى تۈزەتسىڭىز ياكى تۈزەتكۈزسىڭىز بۇ مۇكاپات بېرىش ئاللاھ تائالاغا تېگىشلىك بولغان كاتتا ئەمەلگە ئايلىنىدۇ. چۈنكى بۇنداق قىلىش ئارقىلىق خاتالىقنىڭ ياكى يامانلىقنىڭ قايتا تەكرارلانماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئالغان بولىسىز ۋە باشقىلارنى بۇنىڭدىن قوغداپ قالغان بولىسىز.

2222-مەشئەل: ئاللاھ. سىزنى تائەت۔ئىبادەتكە مۇۋەپپەق قىلغان بولسا بۇ سىزنى#

ياخشى كۆرگەنلىكىدۇر.

ئاللاھ تائالا كائىناتنى مۇكەممەل ئىنتىزام ئىچىدە بارلىققا كەلتۈردى، بارلىق مەۋجۇداتنى ئۆزىگە بويسۇنىدىغان قىلىپ ياراتتى. شۇڭا ھەممە ئاللاھ تائالاغا ئىختىيارى ۋە ئىختىيارسىز بويسۇنىدۇ. جانلىق۔جانسىز ھەممە مەۋجۇدات ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلايدۇ ۋە تەسبىھ ئېيتىدۇ.

﴿تُسَبِّحُ لَهُ السَّمَاوَاتُ السَّبْعُ وَالْأَرْضُ وَمَن فِيهِنَّ ۚ وَإِن مِّن شَيْءٍ إِلَّا يُسَبِّحُ بِحَمْدِهِ وَلَٰكِن لَّا تَفْقَهُونَ تَسْبِيحَهُمْ﴾

«يەتتە ئاسمان، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەۋجۇدات ئاللاھنى پاك دەپ تەسبىھ ئېيتىدۇ، ئاللاھنى مەدھىيەلەپ تەسبىھ ئېيتمايدىغان ھېچ نەرسە يوقتۇر. لېكىن سىلەر ئۇلارنىڭ (ئېيتقان ) تەسبىھىنى چۈشەنمەيسىلەر.[^1]»

﴿وَلِلَّهِ يَسْجُدُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ مِن دَابَّةٍ وَالْمَلَائِكَةُ وَهُمْ لَا يَسْتَكْبِرُونَ﴾

«ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكى بارچە جان لىقلار، پەرىشتىلەر چوڭچىلىق قىلماستىن، ئاللاھقا بويسۇنىدۇ [^2]». ئىنساننىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشى ئۆزىنىڭ يارىتىلىشىدىكى غايە ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىنى ئادا قىلغانلىقىدۇر. چۈنكى ئاللاھ ھەربىر شەيئىنى بىرەر غايە ئۈچۈن ياراتقاندەك، ئىنساننى ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقان. بەسرە ئەمرى ھەسەن ئىبنى مۇھەممەد بىر كېچىسى ئويغىنىپ كېتىپ قارىسا ئۆيىدىكى خىزمەتچى قۇل ياتقان يېرىدە يوق. ئۇنى ئىزدەپ سىرتقا چىقسا، ئۇ ھويلىنىڭ بىر تەرىپىدە ناماز ئوقۇۋېتىپتۇ، بىر دەم ئۇنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ، خىزمەتچى نامازدىن كېيىن دۇئا قىلىدۇ، دۇئاسىدا «ئى ئاللاھ مېنى ياخشى كۆرگەنلىكىڭ ئۈچۈن دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغىن » دەيدۇ. بۇ ئاجايىپ دۇئاغا قايىل بولمىغان ئەمىر، ئۇنى يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن بىلمەيدۇ دەپ ئويلاپ:« ھەي ئەخمەق، توغرىسى ‹ئى ئاللاھ، سېنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغىن› دەيمىز » دەيدۇ. خىزمەتچى:« ئەسلىي ئەخمەق سىز ئىكەنسىز، ئاللاھ مېنى ياخشى كۆرمىگەن بولسا، ئاتەشپەرەسلىكتىن قۇتقۇزۇپ ئىسلامغا ھىدايەت قىلاتتىمۇ؟ مېنى ياخشى كۆرمىگەن بولسا، كېچىدە ئويغىتىپ ئۆزىگە ئىبادەت قىلدۇرغان بولاتتىمۇ؟ ئەگەر سىزنىمۇ ياخشى كۆرسە كېچىدە ئويغىتىدۇ ۋە تەھەججۇد نامىرى ئوقۇشقا مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئەمەسمۇ؟!» دەيدۇ. ئەمىر تۇرۇپلا قالىدۇ، ئاندىن ئۆزىنىڭ راستتىنلا قايىل بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ:« سېنىڭ مۇشۇ ھەق سۆزۈڭ ئۈچۈن بۈگۈن سېنى ئازاد قىلىۋەتتىم» دەيدۇ. ئەمما خىزمەتچى:« ياخشى كۆڭلىڭىزگە رەھمەت، مەن ئەجرىمنى ئاللاھ تائالادىن تولۇق ئېلىشنى خالايمەن» دەيدۇ.

2323-مەشئەل: قىلالايمەن دېسىڭىزمۇ راست ئېيتقان بولىسىز، قىلالمايمەن دېسىڭىزمۇ راست ئېيتقان بولىسىز#

قىلماقچى بولغان ئادەم چارە ئىزدەيدۇ، قىلمايدىغان ئادەم باھانە ئىزدەيدۇ. «قىلالايمەن» دەيدىغان ئادەملەر ئومۇمەن ئاكتىپ ۋە ئىجابىي كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ھاياتىدا ئاددىي بولسىمۇ، بىرەر ئىش قىلىپ ئىز قالدۇرالايدۇ. ئەمما «قىلالمايمەن» دەيدىغان ئىنسانلار ئومۇمەن پاسسىپ ۋە سەلبىي ئىنسانلار بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىدىكى قابىلىيەتنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا، تالانتنىڭ بىخ ئۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. نەتىجىدە، ئۆزىدىكى ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان جەۋھەرلەرنى ئاچمايلا گۆرگە ئېلى پ كېتىدۇ.

ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا ھەرخىل قابىلىيەت ۋە تالانتلارنى ئاتا قىلغان بولۇپ، ھەربىر ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس قابىلىيىتى ۋە تالانتى بولىدۇ. ئەپسۇسكى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىدىكى سەلبىي قانائەت سەۋەبلىك نە قابىلىيىتىنى، نە تالانتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرالماي، ئۆزىگە ۋە باشقىلارغىمۇ مەنپەئەت يەتكۈزەلمەي ئالەمدىن كېتىپ قالىدۇ.

2424-مەشئەل: ئەخلاقسزلىق قانداق نورماللىشىدۇ؟#

ئەخلاقسىزلىق ئىنسانلاردا ئەخلاقنىڭ چېرىكلىشىشى، قىممەت قاراشنىڭ يوقىلىشى ۋە يامانلىقنى توسىدىغانلارنىڭ تۈگەپ كېتىشى بىلەن نورماللىشىدۇ. شۇنداق بولغاندا ئەخلاقلىق كىشىلەر ئەيىبلىنىدىغان، ئەخلاقسىزلار مەدھىيەلىنىدىغان ئەھۋال يۈز بېرىدۇ.

﴿أَخْرِجُوا آلَ لُوطٍ مِّن قَرْيَتِكُمْ ۖ إِنَّهُمْ أُنَاسٌ يَتَطَهَّرُونَ﴾

ئۆز ۋاقتىدا لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قوۋمى:

﴿أَخْرِجُوا آلَ لُوطٍ مِّن قَرْيَتِكُمْ ۖ إِنَّهُمْ أُنَاسٌ يَتَطَهَّرُونَ﴾

«لۇتنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ

﴿أَخْرِجُوا آلَ لُوطٍ مِّن قَرْيَتِكُمْ ۖ إِنَّهُمْ أُنَاسٌ يَتَطَهَّرُونَ﴾

چىقىرىڭلار، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى پاك تۇتىدىغان ئىنسانلاردۇر دەپ[^1]» ئۇلارنى ئەيىبلىگەن. بىر پادىشاھنىڭ ئائىلىسىدە بىر قۇلاقلىق بىر بوۋاق تۇغۇلۇپتۇ، پادىشاھ خەلقنىڭ مەسخىرىسىدىن ۋە سۆز۔چۆچەكتىن قورقۇپ، قانداق قىلىش توغرۇلۇق ۋەزىرلىرى بىلەن مەسلىھەت ئېلى پ بېرىپتۇ. ئۇلار ئۇزۇن تالاش۔تارتىشتىن كېيىن، بوۋاقنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىش ۋە تۇغۇلغان بارلىق بوۋاقلارنىڭ بىر قۇلىقىنى كېسىش قارارىغا كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن بوۋاقلارنىڭ بىر قۇلىقىنى كېسى پ چىقىپتۇ ۋە شۇنداق كېسىشنى قانۇنلاشتۇرۇپتۇ. يىللار ئۆتۈپ ئۇ مەملىكەتكە كەلگەن ھەرقانداق ئادەم ئىككى قۇلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلىنىدىغان بوپتۇ. چۈنكى، ئەخلاقسىز ئۆزىنىڭ ئەخلاقسىزلىقتا يالغۇز قېلىشىنى خالىمايدۇ، شۇڭا باشقىلارنىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش قىلىش بىلەن تەسەللى تاپىدۇ.

2525-مەشئەل: باشقىلارنىڭ ئەيىبى بىلەن مەشغۇل بولغان ئادەم ئۆزىنىڭ ئەيىبلىرىنى تونۇشقا پۇرسەت تاپالمايدۇ#

باشقىلارنىڭ سەتلىكى بىلەن مەشغۇل بولۇپ يۈرۈپ ئۆزىنى گۈزەللەشتۈرگەن ئادەم يوق، ئۆزىنىڭ سەتلىكىنى گۈزەللەشتۈرۈش بىلەن مەشغۇل بولۇپ گۈزەللەشمىگەن ئادەم يوق.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ٱ ٱ ٱ

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَلْتَنظُرْ نَفْسٌ مَّا قَدَّمَتْ لِغَدٍ ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ﴾

ٱۖۢ ٱۚٱ ۢ

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَلْتَنظُرْ نَفْسٌ مَّا قَدَّمَتْ لِغَدٍ ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ﴾

«ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەركىم ئۆزىنىڭ ئەتە (قىيامەت) ئۈچۈن نېمىلەرنى تەييارلىغانلىقىغا قاراپ باقسۇن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. شەكسىزكى، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر.[^1]»

2626-مەشئەل: ئەڭ چوڭ ھارام ئومۇمنىڭ مېلىنى ھەقسىز يېيىشتۇر#

بىر ئادەمنىڭ ھەققىنى تۆلىمەك ياكى رازى قىلماق ئوڭاي، ئەمما ئومۇمنىڭ ھەققىنى تۆلەش ياكى ھەممىسىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئومۇمنىڭ ھەققىدە يېتىم۔يېسىرلارنىڭ، يوقسۇللارنىڭ، تېخى تۇغۇلمىغان يېتملەرنىڭ ۋە دۇنياغا كەلمىگەن يوقسۇللارنىڭ ھەققى بار. ھەق۔ھوقۇقلار ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇلمىغۇچە جەننەتنىڭ ھىدىنى پۇراش مۇمكىن ئەمەس. جېنىنى ۋە مېلىنى پىدا قىلىپ، ئاللاھ يولىدا ھاياتىنى قۇربان قىلغان شېھىتنىڭ قۇل ھەققى سەۋەبلىك جەننەتكە كىرەلمەيدىغانلىقى توغرۇلۇق سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن تۇرسا، ئۇنىڭ تۆۋىنىدىكى كىشىلەر قايسى ئەمەلى بىلەن ئۆزىنى جەننەتكە لايىق قىلالايدۇ؟

2727-مەشئەل: ھەرقانداق زىياننى ۋاقىت بىلەن تولدۇرۇۋالغىلى بولىدۇ، ئەمما#

ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ھېچنېمە بىلەن تولدۇرغىلى بولمايدۇ بىر باي ئۆمۈر بويى ئىشلەپ، مىليونلارچە پۇل تاپىدۇ، ئەمدى راھىتىنى كۆرەي دېگەندە ئەزرائىل:« جېنىڭنى ئالىمەن» دەپ كېلىدۇ. باي:« مېنىڭ ئىشلىرىم تۈگىمىگەنىدى، ئازراق پۇرسەت بەرسەڭ بولماسمۇ؟» دەپ يالۋۇرىدۇ. ئەزرائىل:« ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قىلىپ بولالمىغان كۆپ ئىشلىرى بار ئىدى، ئەجەل كېچىكتۈرۈلمەيدۇ » دەيدۇ. ئادەم:« بىر يىل ئۇزاتقىن بايلىقىمنىڭ يېرىمىنى بېرەي» دەيدۇ، «ياق»، «بىر ئاي؟» «ياق»، «بىر ھەپتە؟»، «بىر كۈن؟ بىر سائەت مۆھلەت بەرگىن، مەن بايلىقىمنىڭ ھەممىسىنى بېرەي»، «ياق»، «ئەمىسە بىر مىنۇت مۆھلەت بەرگىن، ئوغلۇمغا خەت يېزىۋالاي» دەيدۇ، ئەزرائىل ماقۇل بولىدۇ. ئادەم ئوغلىغا يازىدۇ:« ئوغلۇم ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى بىل، چىڭ تۇت. مەن بىر سائەت ۋاقىتنى پۈتۈن بايلىقىمغا ئالالمىدىم ».

2828-مەشئەل: گىرىمنى ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىگە ئىشەنمىگەن ئاياللار قىلىدۇ#

ئادەمنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ ئېرىشكەن ئۇنۋانى ياكى دىپلومى بىلەن ئەمەس، بەلكى شەخسىيىتى بىلەن بولىدۇ. داموللام، دوكتور، ھاجىم، ئۇستاز دېمىسە رەنجىپ قالىدىغانلار ئۆز قىممىتىنى ئۇنۋانغا باغلىۋالغانلاردۇر. سىز ئۇنۋانىڭىز بىلەن ئەمەس، ئۆزىڭىز بىلەن قىممەتكە ئىگە. شۇڭا يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندا، مەن پەيغەمبەر، پەيغەمبەرنىڭ ئوغلى، پەيغەمبەرنىڭ نەۋرىسى، پەيغەمبەرنىڭ چەۋرىسى دەپ تونۇشتۇرمىدى، شۇنداق دېسىمۇ دەيتتى. چۈنكى مەن، ئاتام يەقۇب، بوۋام ئىسھاق، چوڭ بوۋام ئىبراھىم ئەلەيھىسىسالام دەپ سانىسا ھەقلىق ئىدى. ئەمما ئۇ ئۆزىنى پەقەتلا «مەن يۈسۈپ» دەپ تونۇتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى پەيغەمبەرلىكىگە ياكى ئەجدادلىرىنىڭ شان شەرىپىگە باغلىۋالمىدى.

2929-مەشئەل: ۋاقتىڭىزنىڭ بىر قىسمىنى ئاللاھ ئۈچۈن بەرمىسىڭىز، ئاللاھمۇ#

سىزگە ئۇنىڭ بەرىكىتىنى بەرمەيدۇ.

ئاللاھقا بېرىشكە بېخىللىق قىلغان قىممەتلىك ۋاقىتلىرىڭىز قىممەتسىز ئىشلار بىلەن زايە بولۇپ كېتىدۇ. بۇ يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن دوختۇرغا يۈگۈرگەن، ئۆچرەت كۈتكەن، ئاددىي بىر ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن كۈنلەرنى، سائەتلەرنى سەرپ قىلغانغا ئوخشاش. چۈنكى پۇل۔مالنىڭ زاكىتى بولغاندەك، ئىلىمنىڭ ۋە ۋاقىتنىڭمۇ زاكىتى بار. زاكىتىنى بەرمىگەن پۇل-مال بەرىكەتسىز بولغاندەك، زاكىتىنى بەرمىگەن ۋاقىتمۇ بەرىكەتسىز بولىدۇ. ۋاقىتنى ھۆرمەتلىسىڭىز، ۋاقىت سىزنىڭ دوستىڭىزغا ئايلىنىدۇ، ئەگەر ئۇنى ھۆرمەتلىمىسىڭىز ئۇ دۈشمىنىڭىزگە ئايلىنىدۇ. ۋاقىت بىزگە بېرىلگەن سەرمايە. ئەقىللىك كىشىلەر ئاشۇ سەرمايە بىلەن دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىنى قازىنىدۇ. ئىش دۇنياسىدا ۋاقىت پۇل دەپ قارىلىدۇ، ئەمما مۇسۇلماننىڭ ھاياتىدا ۋاقىت ئىبادەتتۇر. چۈنكى مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ۋاقتى دۇنيالىقى ئۈچۈن ئىشلىشىمۇ، ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ئەمەل قىلسىمۇ ئىبادەت ئىچىدە ئۆتكەن بولىدۇ.

3030-مەشئەل: سىزنى قۇتقۇزىدىغان نەرسە ئىبادەتلا ئەمەس، بەلكى ياخشىلىقتۇر#

ئىمام مۇسلىم ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر سەھىھ ھەدىستە كېلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەنى ئىسرائىل قوۋمىدە بىر ئادەم ئۆلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن سوئال۔سوراق قىلىنىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ ئىمانىدىن باشقا ھېچقانداق ئىبادىتى يوق بولۇپ چىقىدۇ. ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرگە: «قاراپ بېقىڭلار، بۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزغۇدەك ئەمەلى بارمىكەن» دەپ ئەمر قىلىدۇ. پەرىشتىلەر: «ئى رەببىمىز! بۇ ئادەمنىڭ ئىبادەتلىرى يوق ئىكەن، ئەمما ئىنسانلارغا قىلغان ياخشىلىقى بار ئىكەن. بۇ ئادەم كىشىلەرگە ئۆسۈمسىز قەرز بېرىدىكەن. قەرزنىڭ ۋاقتى توشقاندا، ئادەملىرىنى قەرزلەرنى يىغىپ كېلىشكە ئەۋەتىدىكەن، ئۇلارغا: ‹قەرزىنى بېرىشكە كۈچى يەتمەيدىغانلار بولسا، ئۇلارنىڭ قەرزلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاڭلار › دەپ تاپىلايدىكەن» دەيدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا بەندىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرۈشكە بىز ئۇنىڭدىن ھەقلىقمىز. بولدى، ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرۈپ جەننەتكە كىرگۈزۈڭلار» دەپ ئەمر قىلىدۇ.

3131-مەشئەل: ئاللاھتىن تىلىگەندە ئەڭ ياخشىسىنى تىلەش لازىم#

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سىلەر جەننەتنى تىلىسەڭلار، فىردەۋس جەننىتىنى تىلەڭلار دېيىش ئارقىلىق ساھابىلىرىنىڭ ھىممىتىنى كۆتۈرۈپ تۇراتتى. مەلۇمكى، تىلەك قانچىلىك يۇقىرى بولسا تىرىشچانلىقمۇ يۇقىرى بولىدۇ. بىرەر ئېغىز ئۆي ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىگەن ئادەم بىلەن كاتتا بىر قورۇغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئىشلىگەن ئادەمنىڭ ھىممىتى بىر خىل بولمىغانغا ئوخشاش، جەننەتلەرنىڭ ئەڭ ئالىيسى بولغان فىردەۋس جەننىتىگە كىرىمەن دېگەن ئادەم، ئەلۋەتتە، ئۆزىنى شۇنىڭغا لايىق كېلىدىغان كۆپ ئىبادەت قىلىدۇ ۋە كۆپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدۇ.

3232-مەشئەل: نېمەت شۈكۈر بىلەن ئاشىدۇ، ناشۈكۈرلۈك بىلەن ئازىيىدۇ#

﴿لَئِن شَكَرْتُمْ لَأَزِيدَنَّكُمْ ۖ وَلَئِن كَفَرْتُمْ إِنَّ عَذَابِي لَشَدِيدٌ﴾

«ئەگەر شۈكۈر

﴿لَئِن شَكَرْتُمْ لَأَزِيدَنَّكُمْ ۖ وَلَئِن كَفَرْتُمْ إِنَّ عَذَابِي لَشَدِيدٌ﴾

قىلساڭلار، سىلەرگە (بېرىۋاتقان نېمىتىمنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن. ئەگەر تۇزكورلۇق قىلساڭلار، شەكسىزكى، مېنىڭ ئازابىم بەكمۇ قاتتىقتۇر [^1]» بىر ئادەم:« ئى ئاللاھ نانغا ئىشلەپ بەك چارچاپ كەتتىم، مېنى ئىشلىمىسىمۇ نان يەيدىغان قىلساڭچۇ» دەپ دۇئا قىلىدۇ. شۇ كۈنى ئۇنى ساقچىلار يالاپ ئەكېتىپ زىندانغا تاشلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا كۈندە ئىككى نان تاشلاپ بېرىدۇ. ھېلىقى مەھبۇس گۇناھىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەي زىنداندا كۈنلەرچە قالىدۇ ۋە ھەر كۈنى ئىككى نان يېيىشتىن زېرىكىدۇ. شۇ چاغدا خاتالىقىنى تونۇپ يېتىپ، ئاللاھقا دۇئا قىلىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ:« ئى ئاللاھ، ئىككى نان بەرمىسەڭمۇ مەيلى، مېنى ئازادىلىككە چىقىرىپ بىر نان بەرسەڭمۇ شۈكۈر قىلاتتىم ».

3333-مەشئەل: ئىرادىنى ھېچكىم بېرەلمەيدۇ#

ئىرادىنى بىزگە ئەڭ يېقىن كىشىمىزمۇ بېرەلمەيدۇ. ئاتا-ئانا بىزگە ھەممىنى بېرەلەيدۇ، ئەمما ئىرادىنى بېرەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇنى ھەربىر ئىنسان ئۆزى ئىچىدىن چىقىرىدۇ. قىلىمەن دېسىڭىز قىلالايسىز، قىلالمايمەن دېسىڭىز قىلالمايسىز. چۈنكى قىلماقچى بولغان ئادەم چارە ئىزدەيدۇ، قىلىشنى خالىمىغان ئادەم باھانە ئىزدەيدۇ.

3434-مەشئەل: بالىلىرىمىز نېمىشقا يالغان ئېيتىدۇ؟ يالغان ئېيتىش ئۇلارنىڭ#

فىترىتىدە بارمىدى؟

چۈنكى بىز يالغان ئېيتىمىز، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئالدىدا يالغان ئېيتىمىز، ئۇلارغا ئىشەنمەيمىز، راست گەپ قىلغانلىقىنىڭ جازاسىنى بېرىمىز، شۇڭا ئۇلار يالغاننى تاللايدۇ.

3535-مەشئەل: «ۋاقتىم بارغۇ» ھىيلىسىگە ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ#

ئالدىراقسانلىق شەيتاندىن، ئەمما چەبدەسلىك پىشىپ يېتىلگەن لىكتىندۇر. ئىلمىي تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھەرقانداق ئىشقا «ۋاقتىم بارغۇ» دەپ مۇئامىلە قىلىدىغانلار ئومۇمەن ھەممە ئىشقا كېچىكىپ قالىدۇ ۋە كۆپ ئىزتىراپ چېكىدۇ. چۈنكى بۇنداق كىشىلەر بارماقچى بولغان يېرىگە ۋە قىلماقچى بولغان ئىشىغا خېلى كۆپ ۋاقىت بارلىقىغا ئىشىنىپ، ئۆزىنى باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىدۇ، نۆۋەتتىكى مۇھىم ئىشقا ئالدىرىمايدۇ، پەقەت ۋاقىت ئىنتايىن ئاز قالغان چاغدىلا ئالدىراپ ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ۔يۇ، كېچىكىپ قالىدۇ.

«ۋاقتىم بارغۇ» كېسىلىگە مۇپتىلا بولغانلارنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:

✦ ۋاقىت قىستاپ قالغاندا، ئايروپىلانغا يېتىشمەكچى بولىدۇ،

ھالبۇكى، بۇ چاغدا يولۇچىلارنىڭ زالغا كىرىش ئىشىكى ئاللىبۇرۇن يېپىلىپ بولغان بولىدۇ.

✦ ۋاقىت قىستاپ قالغاندا، ئاپتوبۇسقا ئۈلگۈرمەكچى بولىدۇ،

ھالبۇكى، بۇ چاغدا ئاپتوبۇس ئاللىبۇرۇن قوزغىلىپ بولغان بولىدۇ.

✦ ۋاقىت قىستاپ قالغاندا، ئىلمىي ماقالىنى تاپشۇرۇشقا ئالدىرايدۇ، ئەمما ئۈلگۈرتەلمەيدۇ.

✦ ۋاقىت قىستاپ قالغاندا، مېھماندارچىلىققا ئالدىرايدۇ،

ھالبۇكى، بۇ چاغدا ساھىبخان داستىخاننى يىغىپ بولغان بولىدۇ.

✦ ۋاقىت قىستاپ قالغاندا، شۇ ۋاقىتنىڭ نامىزىنى ئوقۇۋالماقچى بولىدۇ، ھالبۇكى، ئۇ جاينامازغا بېرىشتىن بۇرۇن ئىككىنچى نامازغا ئەزان چىقىپ قالغان بولىدۇ.

✦ ۋاقىت قىستاپ قالغاندا، ئائىلە ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشمەكچى بولىدۇ، ھالبۇكى، بۇ چاغدا ئائىلە ئەزالىرى تولا كۈتۈشتىن زېرىكىپ باشقا ئىشقا تۇتۇشقان بولىدۇ.

✦ ۋاقىت قىستاپ قالغاندا، دوختۇرخانىغا ئالدىرايدۇ، ھالبۇكى،

بۇ چاغدا دوختۇرنىڭ بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقتى ئۇنى كۈتۈش بىلەن ئۆتۈپ كەتكەن ۋە باشقا كېسەل بىلەن مەشغۇل بولغان بولىدۇ.

✦ ۋاقىت قىستاپ قالغاندا، ۋەدىلەشكەن كىشى بىلەن ئۇچراشماقچى بولىدۇ، ھالبۇكى، بۇ چاغدا ئۇ كىشى تولا ساقلاپ زېرىكىپ كېتىپ قالغان بولىدۇ.

3636-مەشئەل: تارىخ تەنقىدچىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى خاتىرىلىمەيدۇ، شۇڭا ھېچقاچان بىر تەنقىدچىنىڭ ھەيكىلى تىكلەنگەن ئەمەس#

تەنقىدلەش ۋە ئەيىبلەش ناھايىتى ئوڭاي، ئۇنى ھەركىم قىلالايدۇ، ئەمما نەتىجە يارىتىش تولىمۇ قىيىن. ئۇنى ھەركىم قىلالمايدۇ. بىرەر كىتابنى ياكى بىرەر ئىلمىي ماقالىنى تەنقىدلەش بەك ئوڭاي، ئۇنىڭغا بەش مىنۇتمۇ ۋاقىت كەتمەيدۇ، ئەمما بىرەر كىتابنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن يىللار كېتىدۇ، بەزىدە بەش يىل، بەزىدە ئون ياكى يىگىرمە يىل كېتىدۇ، بەزىدە بىرەر ئىلمىي ماقالىنى يېزىش ئۈچۈن ئايلار كېتىدۇ.

تەنقىد ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى، ئىجابىي تەنقىد، يەنە بىرى، سەلبىي تەنقىدتۇر. سەمىمىي تۈزىتىش بېرىشنى مەقسەت قىلغان تەنقىد ئىجابىي تەنقىد بولۇپ، ئۇنى قوبۇل قىلىش پايدىلىقتۇر. ھەسەتتىن كېلىپ چىققان ئورۇنسىز تەنقىد سەلبىي تەنقىد بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك كېرەك.

ھەسەتتىن ئىبارەت بۇ رەزىل ئىللەت ئىنسانلار يەر يۈزىگە پەيدا بولغاندىن بېرى مەۋجۇتتۇر. دۇنيادا شۇنداق ئىنسانلار باركى، بىراۋدا كامالەتنىڭ ئالامەتلىرى جىلۋىلەنسە ياكى ئاللاھ ئاتا قىلغان بىرەر تالانت ئوتتۇرىغا چىقسا، ئۇلار قاتتىق بىئارام بولۇپ، ئىزتىراپ چېكىدۇ، تاكى بۇ ئارتۇقچىلىق يوقالمىغۇچە قەتئىي راھەتلەنمەيدۇ.

نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ؟ چۈنكى، كۆرۈمسىز گۈزەللىكنى ئۆزى ئۈچۈن تەھدىت، ئەقىلسىز ئەقىلنى ئۆزى ئۈچۈن دۈشمەن دەپ قارايدۇ.

3737-مەشئەل: سىز ئاپەت سانىغانلىرىڭىز ئامەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن#

دەرد۔ئەلەملەر مىكروبقا ئوخشايدۇكى، مىكروب يا بىزنى ئۆلتۈرىدۇ ياكى كېسەلگە قارشى كۈچىمىزنى ئاشۇرىدۇ. ھايات ئۇزۇن بىر فىلىمغا ئوخشاش بولۇپ، نۇرغۇنلىغان قىيىن تاللاشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن ئۇ ھەمىشە چىداملىقلارنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

بىر ئوتۇنچى ھەر كۈنى ئورمانغا ئۆزى بىلگەن يول بىلەن بېرى پ، ئوتۇن كېسىپ كېلىدىكەن. بىر كۈنى ئويلاپ، ئۆز۔ئۆزىگە «ئورماننى مەندىن ياخشى بىلىدىغان ئادەم يوققۇ دەيمەن، چۈنكى مەن كۆزۈمنى تېڭىپ قويسىمۇ تاپالايمەن» دەپ پىچىرلايدۇ. ئۇ ئورماندىن قايتماقچى بولۇپ تۇرغاندا، قاتتىق يامغۇر يېغىپ كېتىپ، تاغدىن چۈشكەن قورام تاشلار ئۇنىڭ ھەر كۈنى بېرىپ كېلىۋاتقان يولىنى تامامەن توسۇۋالىدۇ. ئوتۇنچى دەرھال ئۆيىگە قايتماقچى بولۇپ باشقا بىر يولغا كىرىدۇ ۋە ئۇ يولدا ئېزىپ كېتىپ ئۆيىنى تاپالمايدۇ. ئوتۇنچى ئورمانلىقنىڭ ئىچىدە قايمۇقۇپ قالغانلىقتىن، ئۆيىنىڭ يولىنى قەتئىي تاپالمايدۇ.

بۇ ئەسنادا ئۇ قاتتىق ئاچلىق ۋە سۇسىزلىق تارتىدۇ، ھەتتا ئۆلۈپ كەتكىلى تاس قالىدۇ. ئوتۇنچى ئورماندا بىر قانچە كۈن ئايلىنى پ يۈرگەندىن كېيىن، ئۇزاق بىر يەردىن تۈتۈن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شۇ تەرەپكە بارىدۇ ۋە ئۆيىنى تاپىدۇ. ئەسلىدە بۇ ئايالىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن بەلگىسى ئىكەن. ئوتۇنچى بىر قانچە كۈن ئاغرىپ يېتىپ قالىدۇ. ئاندىن ئاستا۔ئاستا ئۆزىگە كېلىپ، كۈنلەردىن بېرى ئۆيىنى تاپالماي ئادىشى پ يۈرگەن جايلىرىنى ئەسلەيدۇ ۋە كۈچىنى توپلاپ ئاشۇ يېڭى جايلارغا بېرىپ ھېچكىمنىڭ قولى تېگىپ باقمىغان ياغاچلارنى كېسىپ، بازارغا ئاپىرىپ سېتىش ئارقىلىق نۇرغۇن مال۔دۇنياغا ئىگە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇرۇنقى ئوتۇنچىلىق تۇرمۇشتىن قۇتۇلۇپ، كاتتا سودىگەرلەردىن بولۇپ قالىدۇ. دېمەك، بۇ ئادەمنىڭ ئورماندا ئېزىپ كېتىپ، ئۆيىنى تېپىش يولىدا تارتقان ئىختىيارسىز جاپالىرى بەدىلىگە ئۇ ئورماندا كېسىپ تۈگىتىپ بولالمىغۇدەك دەرىجىدە كۆپ ياغاچلارغا ئىگە بولغان.

3838-مەشئەل: ھۆرمەت قىلساڭ، ھۆرمەت تاپارسەن#

سىز ھاياتقا قانداق مۇئامىلە قىلسىڭىز ئۇنىڭدىن شۇ مۇئامىلىنى كۆرىسىز. تاغقا قاراپ نېمە دەپ ۋارقىرىسىڭىز تاغ سىزگە شۇ سادانى قايتۇرىدۇ. شۇنىڭدەك، سىز نېمىنى ھۆرمەتلىسىڭىز شۇنىڭدىن ھۆرمەت كۆرىسىز. مەسىلەن: ياشلىقىڭىزنى ھۆرمەت ئۇنى مۇۋەپپەقىيەت بىلەن تولدۇرسىڭىز ياشانغاندا ئۇ سىزنى ھۆرمەتلەيدۇ، تەن ساقلىقىڭىزنى ھۆرمەتلەپ ئۇنى ئاسرىسىڭىز ئۇمۇ سىزنى ئاسرايدۇ، ساغلام يۈرىسىز. پۇلنى ھۆرمەتلەپ ئۇنىڭ قىممىتىنى بىلسىڭىز، ئۇنى ئىسراپ قىلمايسىز ۋە تېجەشلىك بولىسىز. نەتىجىدە، پۇلنىڭ دۆلىتىنى كۆرىسىز.

90 ياشلىق بىر مويسىپىتنىڭ ناھايىتى تېتىك ھالدا كېتى پ بارغىنىغا زوقلانغان كىشىلەردىن بىرى ئۇنىڭدىن: «سىز قانداق بولۇپ تېنىڭىزنى بۇنداق ساغلام تۇتالىدىڭىز؟» دەپ سورايدۇ، مويسىپىت: «بىز تېنىمىزنى ياش ۋاقتىمىزدا ئاسرىدۇق، ياشانغاندا تېنىمىز بىزنى ئاسرىدى» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

3939-مەشئەل: ۔ھەرقانداق بىر مۇھەببەتنىڭ سەۋەبى بولىدۇ، پەقەتلا ئاتا-ئانا مۇھەببىتىنىڭ سەۋەبى يوق#

ئىنسانلار سىزنى بىرەر ئارتۇقچىلىقىڭىز ياكى ئۇلارغا قىلغان بىرەر ياخشىلىقىڭىز سەۋەبلىك ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما ئاتا-ئانا سىزنى ياخشى بولسىڭىزمۇ، يامان بولسىڭىزمۇ ياخشى كۆرىدۇ ۋە سىزگە بېرىپ تۇرۇپ ياخشى كۆرىدۇ. قىممىتىنى بىلىڭ! ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلغان پەرزەنت دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىقلارغا ئېرىشىدۇ، ئۇلارنى قاقشاتقانلار ئىككىلا ئالەمدە خارلىقتا ۋە جاپادا قالىدۇ. ئاتا۔ئانىنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى قىلىش ئۇلارغا ئىتائەت قىلغانلىقتۇر. ئەمما ئۇلار بۇيرۇمىسىمۇ ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئۇلارنى خۇشال قىلىۋېتىش ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغانلىقتۇر.

4040-مەشئەل: ئىنسانلىقىڭىزدىن باشقا ھەممىسى نۆلدۇر#

پۈتۈن بايلىقلار ۋە قىممەتلىك ھەر نەرسىە نۆللەر 000( ) گە ئوخشايدۇ، ئىنسانلىق بىر 1( )گە ئوخشايدۇ. ئاشۇ بىر بولمىسا، ئۇنىڭ ئارقىسىسغا تىزىلغان نۆللەرنىڭ ھېچبىر قىممىتى بولمايدۇ. ئاشۇ بىرنىڭ ئارقىسىغا بىر نۆل قويساق ئون، ئىككى نۆل قويساق يۈز، ئۈچ نۆل قويساق مىڭ بولۇپ كېتىۋېرىدۇ. ناۋادا بېشىدىكى بىر ئۆچۈرۈلسە، مىڭلارچە نۆللەر ھېچ نەرسىنى ئىپادىلىمەيدۇ. شۇڭا ھەممىدىن ئاۋۋال ئىنسان بولۇش كېرەك. ھەرقانداق ھايۋان ھايۋان تۇغۇلۇپ، ھايۋان ھالىتىدە ئۆلىدۇ، ئەمما ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئىنسان تۇغۇلغان بولسىمۇ، كۆپى ئىنسان ھالىتىدە ئۆلمەيدۇ، يەنى پەرىشتە سۈپەتلىك تۇغۇلغان ئىنسانلارنىڭ نۇرغۇنى شەيتان سۈپەتلىك مەخلۇق بولۇپ ئۆلىدۇ. شۇڭا «ئۇنىڭدىن يىلان ياخشى ئىكەن، ئېشەك ياخشى ئىكەن» دېگۈزىدىغانلار بار. ھاياتىمىزدا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىمىز، دىپلوم ئالىمىز، ھەتتا ئالىم بولىمىز، ئەمما بەزىمىز ئىنسانلىقتىن ئىبارەت ئەڭ قىممەتلىك نەرسىمىزنى يوقىتىپ قويىمىز. شۇنىڭ بىلەن نۆلگە ئايلىنىپ قالىمىز. تۇخۇمنى چېقىۋېتىپ نىشانغا يەتكەننىڭ نېمە پايدىسى؟!

يۇقىرىغا قايتىش

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاش ئۇسۇلى

تەربىيە ئەپىنى قاچىلاڭ
1
Safari دىكى ھەمبەھىرلەش تۈگۈچىسىنى (Share) بېسىڭ.
2
«باش ئېكرانغا قوشۇش» (Add to Home Screen) نى تاللاڭ.
3
ئوڭ ئۈستىدىكى «قوشۇش» (Add) نى بېسىڭ.