30-پارە (ئەممە پارىسى) نى يادلاش، قۇرئان قىسسىلىرى (خەندەك، ئەسھابۇلكەھف، پىرئەۋن قاتارلىقلار) نى ئۆگىنىش.
1. ئۆسمۈرلەر باسقۇچى — ئومۇمىي يېتەكچى
يېزىق تاللاش
خەت چوڭلۇقى
قورام: 12 – 16 ياش
مۇددىتى: 4 يىل (ياكى 2 يىل)
بۇ باسقۇچ ئاساسەن 12 – 16 ياش ئارىلىقىدىكى تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەركىب تاپقان ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان تۆت يىللىق تەربىيەلەش پىروگراممىسى بولۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىككى يىلغا قىسقارتىشقىمۇ بولىدۇ.
كۆزلەنگەن مەقسەت
بۆلۈم: “كۆزلەنگەن مەقسەت”- ئېتىقاد ۋە ئىمان: ئۆسمۈرلەرنى پاک، دىيانەتلىك، شەرم-ھايايلىق ۋە بىلىملىك قىلىپ يېتىلدۈرۈش.
- قۇرئان تىلاۋىتى: قۇرئان كەرىمنى ئۆلچەملىك يادلاش، تىلاۋەت قىلىش ۋە چۈشىنىش.
- پەيغەمبەر مۇھەببىتى: قەلبىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە سالىھ كىشىلەرنىڭ سۆيگۈسىنى سىڭدۈرۈش.
- روھىي ۋە جىسمانىي يېتىلىش: ئۆسۈپ-يېتىلىش دەۋرىدىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىش، جىسمانىي ساغلاملىق مۇھىتى ھازىرلاش.
- تالانت يېتىلدۈرۈش: بالىلاردىكى ئالاھىدە تالانت، زېرەكلىك ۋە شىجائەت ئالامەتلىرىنى يېتىلدۈرۈش.
بۇ باسقۇچتا ئۆتىلىدىغان ئاساسىي دەرسلەر
بۆلۈم: “بۇ باسقۇچتا ئۆتىلىدىغان ئاساسىي دەرسلەر”20 ھەدىس يادلاش، ئىمام نەۋەۋىنىڭ «قىرىق ھەدىس» كىتابى ۋە كۈندىلىك دۇئالار.
ئاللاھنى سۆيۈش، ئىتائەت روھى، ئاللاھنىڭ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش.
تاھارەت، ناماز ۋە روزا ئەھكاملىرىنى پۇختا ئۆگىنىش.
ئادەم، نۇھ، ئىبراھىم، يۇسۇف ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالاملارنىڭ تەرجىمىھالى.
ئانا تىلنى پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئىملا قائىدىلىرى ۋە ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرى.
