2. ياشلار باسقۇچى — دەرسلىك مەزمۇنلىرى
يېزىق تاللاش
خەت چوڭلۇقى
1. قۇرئان كەرىم
بۆلۈم: “1. قۇرئان كەرىم”- يادلاش (قۇرئان كەرىم): 30-پارىنى تەكرارلاپ، 29-پارىنى (تەبارەك پارىسى: سۈرە مۈلكتىن سۈرە مۇرسەلاتقىچە) تولۇق يادلاش.
- تەپسىر: ئەممە پارىسى تەپسىرى ۋە نۇقتىلىق ئايەتلەر:
2. ھەدىس شەرىپ
بۆلۈم: “2. ھەدىس شەرىپ”- ئىمام نەۋەۋىنىڭ «قىرىق ھەدىس» توپلىمىنى يادلاپ شەرھىلەش.
- ھەدىس ئىلمى ساۋاتلىرى (ھەدىس، سۈننەت، رىۋايەت قوبۇل قىلىش ئۆلچەملىرى).
- پايدىلىنىش كىتابلىرى: «قىرىق ھەدىس»، «100 ھەدىس تەرجىمە ۋە ئىزاھاتى» (ئابدۇلئەھەد ھاپىز).
3. ئىسلام ئەقىدىسى
بۆلۈم: “3. ئىسلام ئەقىدىسى”- قىيامەتنىڭ جەزمەن بولىدىغانلىقىنى نەقلىي ۋە ئەقلىي دەلىللەر بىلەن ئۆگىنىش (ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان، ئاخىرقى كۈن، سۈرە قىيامەت).
- پايدىلىنىش كىتابلىرى: يۇسۇف قەرزاۋى: «ئىمان ۋە ھايات»، شەيخ ئەلى تەنتاۋى: «ئىسلام دىنىنى ئومۇمىي چۈشەندۈرۈش» (PDF)، «ئېتىقاد ۋە ئىمان ئاساسلىرى» (2000 سوئال).
4. شەرىئەت ئەھكاملىرى (فىقھى)
بۆلۈم: “4. شەرىئەت ئەھكاملىرى (فىقھى)”- تاھارەت (پاكىزلىق ۋە تاھارەت، 23-ھەدىس)، ناماز (ناماز ئەھكاملىرى)، روزا، ھەج (ئىسلام ئاساسلىرى — قىرىق ھەدىس)، كىيىم-كېچەك، رەسىم، ناخشا-مۇزىكا، كاپىرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت، ئائىلە تۈزۈمى.
- پايدىلىنىش كىتابلىرى: مۇھەممەد يۈسۈپ: «ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام» (ھالال-ھارام ھەدىسى / 2000 سوئال)، مۇھەممەد يۈسۈپ: «ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى»، «قىرىق ھەدىس».
5. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە مەشھۇر شەخسلەر
بۆلۈم: “5. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە مەشھۇر شەخسلەر”- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى («شىرىن بۇلاق») (تائىف سەپىرى، ھۇدەيبىيە سۈلھىسى، مەككە پەتھى).
- مەشھۇر قەھرىمانلار («ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار»): مۇئاز ئىبنى جەبەل (29-ھەدىس)، ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكر، نۇسەيبە ئەلمازىنىيە، تارىق ئىبنى زىياد، سەئىد ئىبنى جۇبەير.
- ئۇيغۇر مەشھۇرلىرى: ئابدۇقادىر داموللام، سۇتۇق بۇغراخان، مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، موللا مۇسا سايرامى، مەمتىلى تەۋپىق، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر (پايدىلىنىش: «مەشھۇر ئۇيغۇرلار»، «تىل ۋە ئەدەبىيات»).
6. ئىسلام تارىخى
بۆلۈم: “6. ئىسلام تارىخى”- تۆت خەلىپە، ئەمەۋى، ئابباسى، ئەندەلۇس، ئوسمانىيە، قاراخانىيلار، سەئىدىيە خانلىقى.
- پايدىلىنىش كىتابلىرى: مۇھەممەد ئېمىن بۇغرا: «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»، تۇرغۇن ئالماس: «ئۇيغۇرلار» (1-نۇسخا / 2-نۇسخا)، موللا مۇسا سايرامى: «تارىخىي ھەمىدى»، ھاجى نۇرھاجى: «قاراخانىيلارنىڭ قىسقىچە تارىخى».
