6. يېتەكچى ئۇستاز يېتىلدۈرۈش باسقۇچى — دەرسلىك مەزمۇنلىرى
يېزىق تاللاش
خەت چوڭلۇقى
1. قۇرئان تەپسىرى ۋە فىقھى ئۇسۇلى
بۆلۈم: “1. قۇرئان تەپسىرى ۋە فىقھى ئۇسۇلى”- يادلاش ۋە تەپسىر تەتقىقاتى (قۇرئان كەرىم):
- سۈرە ياسىن، سۈرە تەۋبە ۋە سۈرە ئەنفال سۈرىلىرىنى مۇكەممەل يادلاش.
- سۈرە مائىدە، سۈرە ئەنئام، ئەنفال ۋە تەۋبە سۈرىلىرىنىڭ ھۆكۈم ۋە دەۋەت تەپسىرىنى ئۆگىنىش.
- فىقھى نەزەرىيەلىرى ۋە شەرىئەت مەقسەتلىرى:
- ھەق-ھوقۇق نەزەرىيەسى، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك نەزەرىيەسى، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە مەسئۇلىيەت نەزەرىيەسى.
- ئۆرپ-ئادەت (ئۇرف) نىڭ شەرئى ئورنى ۋە مەقاسىدۇششەرىئە (شەرىئەتنىڭ ئالىي غايىلىرى).
- مۇرەككەپ دەۋر مەسىلىلىرىدە ئىجتىھاد قىلىش مېتودلىرى ۋە پەتىۋا پىرىنسىپلىرى.
- پايدىلىنىش مەنبەلىرى:
2. ئىسلاھاتچى پېشىۋالار ۋە رەھبەرلەر تارىخى
بۆلۈم: “2. ئىسلاھاتچى پېشىۋالار ۋە رەھبەرلەر تارىخى”- ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەشھۇر رەھبەرلىرى:
- سالاھىددىن ئەييۇبى: ئەھلى سەلىپ تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرەش، مۇسۇلمانلار سېپىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە قۇددۇس فەتھىسى قەھرىمانلىقى.
- جەمالىددىن ئەفغانى، شەھىد ھەسەنۇل بەننا، ئۆمەر مۇختار: غەرب مۇستەملىكىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش، ئىسلامىي ئويغىنىش، دەۋەت ۋە ئەركىنلىك جىھادى ھەرىكەتلىرى.
- شەرقىي تۈركىستان ئويغىنىش رەھبەرلىرى:
- ئابدۇلقادىر داموللام — مەرىپەتپەرۋەرلىك، پىكرى ئىسلاھات ۋە يېڭى مائارىپ پېشىۋاسى.
- سابىت داموللام — 1933-يىلى قەشقەردە جاكارلانغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى»نىڭ باش مىنىستىرى ۋە مۇتەپەككۇرى.
- مۇھەممەد ئېمىن بۇغرا — مىللىي ئازادلىق رەھبىرى، دۆلەت ئەربابى ۋە مەشھۇر «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» كىتابىنىڭ ئاپتورى.
- ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن — مىللىي دەۋانى خەلقئارالىق سەھنىگە ئېلىپ چىققان سىياسىي رەھبەر ۋە دەۋاگەر.
- ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم — زۇلۇم دەۋرىدىمۇ قۇرئان، تەۋھىد ۋە مائارىپ تۈۋرۈكىنى مۇستەھكەم ساقلىغان مەشھۇر ئۇستاز.
- پايدىلىنىش مەنبەلىرى:
- «مەشھۇر ئۇيغۇرلار مەركىزى».
- موللا مۇسا سايرامى: «تارىخىي ھەمىدى».
- ھاجى نۇرھاجى: «قاراخانىيلارنىڭ قىسقىچە تارىخى».
- مۇھەممەد ئېمىن بۇغرا: «شەرقىي تۈركىستان تارىخى».
3. ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇش ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار
بۆلۈم: “3. ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇش ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار”- دۇنياۋى ئورگانلار ۋە دىپلوماتىيە:
- خەلقئارالىق ئىسلامىي ئورگانلار (دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى، خەلقئارالىق ئىسلام تەشكىلاتلىرى).
- خەلقئارا سىياسەت، مۇستەقىل سىياسىي پىكىر قىلىش، دىپلوماتىيە ۋە لوبىچىلىق سەنئىتى.
- تەشكىلىي بايلىق ۋە ئىنسانىي كۈچنى ئۈنۈملۈك پىلانلاش، ئۇزۇن مۇددەتلىك مىللىي-ئىسلامىي ستراتېگىيە تۈزۈش.
- ئىسلام ھاكىمىيەت سىستېمىسى:
