4. تەشكىللەش باسقۇچى — دەرسلىك مەزمۇنلىرى
يېزىق تاللاش
خەت چوڭلۇقى
1. قۇرئان كەرىم
بۆلۈم: “1. قۇرئان كەرىم”- يادلاش (قۇرئان كەرىم):
- سۈرە نۇر — ئائىلە پاكلىقى، ئىپپەت، نۇر ئايىتى ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق نىزاملىرى.
- سۈرە ياسىن — تەۋھىد، ۋەھىي، قايتا تىرىلىش ھەقىقىتى ۋە دەۋەتچىلەر قەھرىمانلىقى.
- سۈرە ھۇجۇرات — ئىسلامىي جەمئىيەت ئەدەپلىرى، ئۆزئارا قېرىنداشلىق، غەيۋەت ۋە گۇماندىن ساقلىنىش، ئىتتىپاقلىق ئاساسلىرى.
- سۈرە مۇمتەھىنە — ئىماندىكى ساداقەت، دۈشمەنلەر ۋە دوستلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت پرىنسىپلىرى.
- نۇقتىلىق تەپسىر ئايەتلىرى:
- سۈرە بەقەرە 124-150 — ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىماملىق سىنىقى، بەيتۇللاھنى قۇرۇش ۋە قىبلە ئۆزگىرىشى.
- سۈرە بەقەرە 159 — ھەقىقەتنى يوشۇرۇش ۋە ئىلىمنى يەتكۈزمەسلىكنىڭ ئېغىر گۇناھى.
- سۈرە بەقەرە 175-179 — قىساس ۋە ئادالەت تۈزۈمى، ھاياتلىق كاپالىتى.
- سۈرە بەقەرە 195 — ئاللاھ يولىدا مال سەرپ قىلىش ۋە ئۆزىنى ھالاكەتكە تاشلىماسلىق.
- سۈرە نىسا 58-69 — ئامانەتنى ئەھلىگە تاپشۇرۇش، ھەق بىلەن ھۆكۈم قىلىش، ئاللاھقا، رەسۇلغا ۋە ئەمىر ئىگىلىرىگە ئىتائەت قىلىش.
- سۈرە مائىدە 77-85 — دىندا غۇلۇۋ (ھەددىدىن ئېشىش) قىلماسلىق، ھەقىقەتكە قۇلاق سېلىش.
- سۈرە يۇنۇس 60-66 — ئاللاھنىڭ ھەقىقىي دوستلىرى (ئەۋلىيالار)، تەقۋادارلىق ۋە خۇش خەۋەرلەر.
- سۈرە ئىبراھىم 24-52 — پاك كەلىمە بىلەن پاسكىنا كەلىمىنىڭ مىسالى، زالىملارنىڭ ئاقىۋىتى.
- سۈرە فۇرقان 63-77 — رەھماننىڭ سۆيۈملۈك بەندىلىرى (ئىبادۇرراھمان) نىڭ 10 ئۇلۇغ ئەخلاقىي خىسلىتى.
2. فىقھى ئەھكاملىرى
بۆلۈم: “2. فىقھى ئەھكاملىرى”- ئىقتىساد، تىجارەت ۋە پۇل مۇئامىلە:
- ئېلىم-سېتىم، تىجارەت پرىنسىپلىرى ۋە ھالال كەسىپ.
- جازانە (جۇۋاز)، قەرز، رەنە ۋە ھارام كىرىم خەتىرى.
- ئىسلامدا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق، مۇزارەبە ۋە شېرىكچىلىك ئەھكاملىرى.
- شەخس، ئائىلە ۋە جەمئىيەت مۇئامىلىسى:
- نەسەب، نىكاھ ۋە ئائىلە ئىچى مەسئۇلىيەتلەر (ئائىلە تۈزۈمى قوللانمىسى).
- جىنازە، كېپەنلەش، دەپنە ۋە تەسەللى ئەھكاملىرى.
- ئىسلام دۆلىتى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر، ئەھدىنامە ۋە تىنچلىق پرىنسىپلىرى.
- پايدىلىنىش كىتابلىرى:
- «ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام» (مۇھەممەد يۈسۈپ).
- «ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى» (مۇھەممەد يۈسۈپ).
- «2000 سوئال-جاۋاب: ئىقتىساد ۋە پۇل-مۇئامىلە بۆلۈمى».
3. تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇش
بۆلۈم: “3. تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇش”- كوللېكتىپ خىزمەت ۋە شۇرا ئەخلاقى:
- تەشكىللىك ھەرىكەت قىلىشنىڭ ماھىيىتى، زۆرۈرىيىتى ۋە شەرئى ئاساسلىرى.
- ئىسلامدا ھاكىمىيەت، شۇرا (كېڭەش) تۈزۈمى ۋە ئەركىن بەيئەت.
- كوللېكتىپتىكى ئۆزئارا ساداقەت، مەسئۇلىيەت تەقسىماتى، ئەمىرگە ئىتائەت ۋە ئىختىلاپنى تۈگىتىش ئەدەپلىرى.
- ئەمەلىي باشقۇرۇش ماھارەتلىرى:
- يىغىن پىلانلاش، كۈنتەرتىپ بېكىتىش ۋە قارارلارنى ئىجرا قىلىش سەنئىتى.
- ئىقتىدارلىق خادىملارنى تەربىيەلەش، ۋەزىپىنى لاياقەتلىك كىشىلەرگە تاپشۇرۇش.
- ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ھايات ۋە پائالىيەتلەرنى سىستېمىلىق پىلانلاش («ھاياتىڭىزنى قەدىرلەڭ»).
4. تارىخ ۋە سىياسەت
بۆلۈم: “4. تارىخ ۋە سىياسەت”- دۆلەتلەرنىڭ گۈللىنىش ۋە چېكىنىش قانۇنىيىتى:
- ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات پەللىلىرى ۋە ئاجىزلىشىش ئامىللىرى («ئىزباسار تۆت خەلىپە»).
- ياۋروپانىڭ تەبىئىي پەن ۋە تېخنىكىدا گۈللىنىش سەۋەبلىرى، ئويغىنىش (رېنېسسانس) دەۋرى ۋە سانائەت ئىنقىلابى.
- مۇستەملىكىچىلىك تارىخى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۆلۈنۈشى ۋە خىلاپەتنىڭ ئاخىرلىشىشى.
- زامانىۋى خەلقئارا سىياسەت، خەلقئارالىق كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ گېئوسىياسىي ئورنى.
- پايدىلىنىش مەنبەلىرى:
