كىرىش سۆز (مۇقەددىمە)
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن باشلايمەن.
بارچە مەدھىيە ۋە ئەڭ مۇكەممەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ رەببى ۋە مۆمىنلەرنىڭ مەدەتكارى جانابى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ھەق دىننى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنى كۇپىرى، زالالەت ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىمان، ھىدايەت ۋە ھەقىقەتنىڭ نۇرىغا يېتەكلىگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا سالام يوللايمىز.
پىروگراممىنىڭ ھازىرلىنىش ئارقا كۆرۈنۈشى
بۆلۈم: “پىروگراممىنىڭ ھازىرلىنىش ئارقا كۆرۈنۈشى”ئاللاھ تائالانىڭ ئىنايىتى ۋە ياردىمى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» دىكى ئەھلى ئىلىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، شەرقىي تۈركىستانلىق ياش - ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن بۇ تەلىم – تەربىيە پىروگراممىسى ھازىرلىنىپ چىقتى.
ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشى، يۈكسىلىشى ئاشۇ مىللەتنىڭ تەلىم-تەربىيەگە ۋە ئىلىم-پەنگە قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىشىگە باغلىق. ئەگەر بىر مىللەت ئىلىم-مەرىپەتسىز، ئاڭ-سەۋىيەسىز قالسا، ئەتراپنى جاھالەت قاپلايدۇ.
كۆزلەنگەن ئاساسىي غايىلەر
بۆلۈم: “كۆزلەنگەن ئاساسىي غايىلەر”- دىنىي كىملىكنى قوغداش: ساغلام ئېتىقادلىق، گۈزەل ئەخلاقلىق، ئاللاھنى سۆيىدىغان ۋە ئىبادەتلەرنى توغرا ئادا قىلىدىغان مۇسۇلمان شەخس يېتىلدۈرۈش.
- مىللىي كىملىك ۋە ئەنئەنە: ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى، شانلىق تارىخى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش.
- ئىقتىدار ۋە ئىستراتېگىيە: سىياسىي ئاڭ، ئاخبارات ئېڭى، تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇش ماھارەتلىرىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتكە پايدىلىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش.
ئالتە ئاساسىي باسقۇچ
بۆلۈم: “ئالتە ئاساسىي باسقۇچ”بۇ پىروگراممىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش قورامى ۋە ساپاسىغا قاراپ تەربىيەلەش ئالتە باسقۇچقا بۆلۈنگەن:
-
1. ئۆسمۈرلەر باسقۇچى (12 – 16 ياش): تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن 4 يىللىق (ياكى قىسقارتىلغان 2 يىللىق) باشلانغۇچ سىستېمىلىق تەربىيە.
-
2. ياشلار باسقۇچى (17 – 21 ياش): ئۇنىۋېرسىتېت ۋە كەسپىي مەكتەپ ياشلىرى ئۈچۈن 3 يىللىق پىكرى، سىياسىي ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق تەربىيەسى.
-
3. تەييارلىق باسقۇچى: مۇنتىزىم خىزمەت ۋە جەمئىيەت سېپىگە قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلىش باسقۇچى (نورمال مۇددىتى 2 يىل).
-
4. تەشكىللەش باسقۇچى: ئىسلام مەنپەئەتى ۋە كوللېكتىپ خىزمەت ئۈچۈن كىشىلەرنى يېتەكلەش ۋە تەشكىللەش باسقۇچى (3 يىل).
-
5. دەۋەتچى يېتىلدۈرۈش باسقۇچى: دەۋەت ساھەسىدە ئىختىساسلاشقان، پىداكار، ئەتراپلىق ئاڭغا ئىگە خىزمەتچىلەرنى يېتىشتۈرۈش.
-
6. يېتەكچى ئۇستاز يېتىلدۈرۈش باسقۇچى: مۇئەسسەسە ۋە تەشكىلاتلارنى باشقۇرىدىغان، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزىدىغان يېتەكچى ئۇستازلارنى يېتىشتۈرۈش.
