نىكاھ ئەھكاملىرى، كۆپ خوتۇنلۇق ۋە ھارام بولغان ئاياللار
This content is not yet available in your language.
ۋاقىتلىق نىكاھلىنىشنىڭ ھاراملىقى
بۆلۈم: “ۋاقىتلىق نىكاھلىنىشنىڭ ھاراملىقى”ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش ئەر ئايال ئىككىسىنىڭ مەلۇم ۋاقىتقىچىلىك ئەر خوتۇن بولۇپ ئۆتۈشكە ئىتتىپاقلىشىشى نەتىجىسىدە نىكاھلىنىشى دېمەكتۇر. نىكاھلىنىشتا ۋاقىتنى ئېنىق سۆزلىمىسىمۇ، كۆڭلىدە ۋاقىتلىق نىكاھلىنىشنى مەقسەت قىلىپ ئۆيلەنگەن كىشىنىڭ نىكاھىمۇ مەيلى ئۇ ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن ۋاقىتلىق نىكاھ سانىلىدۇ. چۈنكى » ئەمەللەر نىيەتلەرگە باغلىقتۇر « ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش كۆپىنچە قارشى تەرەپنى ئالداش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئىككى تەرەپ ۋاقىتلىق نىكاھلىنىشقا شۇنداق پۈتۈشكەن تەقدىردىمۇ، بۇنداق نىكاھ بالىلارنىڭ ھاياتىنى دەپسەندە قىلىشقا سەۋەب بۋلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ھەر ئىككى ھالەتتە يول قۋيۇلمايدۇ. چۈنكى ئۇ زىناغا ئۋخشاشتۇر. ھەم بىر بىرىنى ئالدىغانلىق بولۇپ، بۇنىڭ گۇناھى ئېغىردۇر. نىكاھلىنىشتا مەڭگۈلۈك بۋلۇش نىيىتى شەرت نىكاھلىنىشتا مەڭگۈلۈك نىيىتى بۋلۇش كېرەك. ئەمما مەڭگۈلۈك نىكاھنى نىيەت قىلىپ ئۆيلەنگەن بولسىمۇ، كېيىن تۇرمۇش نورمال ھالدا داۋام قىلالمىغانلىق سەۋەبتىن ئايرىلىپ كەتسىمۇ، ئۇ كىشىنىڭ بۇرۇن قىلغان مەڭگۈلۈك بىرگە ئۆ تۈ شتىن ئىبارەت ياخشى نىيىتىگە زىيىنى يۋقتۇر. چۈنكى ئۇنىڭ بۇرۇنقى نىكاھى دۇرۇستۇر. ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش ئەرەب قەبىلىلىرى ئارىسىدا، ئىسلام دىنى كېلى شتىن بۇرۇنمۇ بار ئىدى. ھەتتا ئىسلام دىنىنىڭ باشلىنىش دەۋرلىرىدە، مۇجاھىدلار غازاتلاردا ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش ئىشىنى ئېلىپ بارغان.
چۈنكى، بۇ مەسىلە، ئىسلام دىنىنىڭ ئاۋۋالقى ۋاقىتلىرىدا بىر مەزگىل يول قۋيۇلۇپ كېيىنچە، خەيبەر غازىتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كەسكىن جاكارلىشى بىلەن ھارام قىلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: » ئەي خالايىق! مەن سىلەرگە ئاياللاردىن ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش بىلەن پايدىلىنىشنى )زۆرۈرىيەت سەۋەبلىك ۋاقىتلىق( يولغا قۋيغان ئىدىم. ئاگاھ بۋلۇڭلاركى، ئاللاھ ئۇنى تا قىيامەتكىچە ھارام قىلدى « . ئىمام مالىك رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: » ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش ۋە ئېشەك گۆشىنى يېشىش قەتئىي ھارامدۇر « )بۇخارى رىۋايىتى( پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككە پەتھى قىلىنغان ۋە ۋىدالىشىش ھە ججىسىنى ئادا قىلغان كۈنلىرىدىمۇ، ۋاقىتلىق نىكاھلىنىشنىڭ تا قىيامە تكىچە ھارام ئىكەنلىكىنى تە كىتلىگە نلىكىنى رىۋايەت قىلىنغان. ئىسلام دۇنياسىدىكى ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرى، مەزھەپ ئالىملىرى ۋە باشقىمۇ ئالىملارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ھاراملىقىغا ئىتتىپاقىد ۇر . پەقەت شىئەلەرنىڭ 21 ئىمام مە زھىپىدە ، ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش ھالال دې يىلگ ەن . ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلامنىڭ باشلىنىش دەۋرىدىكى غازاتلاردا ھالال قىلىپ بەرگەنلىكىنىلا دەلىل قىلىپ تۇتىدۇ. ھالبۇكى، ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش ھارام دېگەن ( ئىبىن ماجە رىۋايىتى
ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپ ۋە كۈچلۈكتۇر ھەمدە ئۇنى مە نئى قىلغان بۇ ھەدىسلەر، ئۇنى جائىز دېگەن ھەدىستىن كېيىن ئېيتىلغان ھەدىسلەردۇر. ئىسلام قانۇنشۇناسلىق پىرىنسىپى بۋيىچە، كېيىنكى ھۆكۈم بۇرۇنقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. ئىبىن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش ھارام قىلىنغاندىن كېيىن، مۇنۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان: » ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غازاتتا كىشىلەرنىڭ قىينىلىپ قالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ۋاقىتلىق نىكاھلىنىشنى ھالال قىلىپ بەرگەن بولسىمۇ، كېيىن ئۇنى ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن مەڭگۈلۈك ھارام قىلغان « . مەلۇمكى، ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش كىشىلەرنىڭ سائادەتلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىق تۇر. خۇسۇسەن ئاياللارنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلغانلىقتۇر. چۈنكى ۋاقىتلى ق نىكاھلىنىش نەسىلنى زىيادە قىلىدىغان ، ئەر ئايال بىر بىرىنى جىنسىي ھەۋەس ئۈچۈنلا ۋاقىتلىق كىر ەل ە يدىغان يامان ئىشتۇر . بۇ ئىش خۇسۇسەن ئايال ال رنى ھاقارەتلىگەنلىك ھې سابلىنىدۇ. بۇنداق بىر ئىشنىڭ ئىسلام دىنىدا ھارام قىلىنىشى ئەقىلنىڭمۇ تە لىپىد ۇر . ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش زىنا قىلغانلىقتۇر. چۈنكى، نىكاھتا مەڭگۈلۈكنى نىيەت قىلىش شەرت . مەڭگۈلۈك ئەر خوتۇن بۋلۇش نىيەت قىلىنمىغان ھەر قانداق نىكاھ باغلانمايدۇ. بەيھەقىي رىۋايىتى
ئىسلام دىنى ۋە كۆ پ خوتۇنلۇق بۋلۇش مەسىلىسى پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، ئىسلام دىنى زىنا پاھىشە، ئاياللارنى مال مۈلۈك ئورنىدا قوللىنىش، كۆپ ئاياللارنى نىكاھىدا تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرى بىلەن كارى بۋلماسلىق ۋە ئۇلارنى ھەر تۈر لۈك قۇل قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قەتئىي مەنئى قىلىپ، كۆپ خوتۇنلۇق بۋلۇش مەسىلىسىنى مۇتلەق ھارام قىلماستىن، بەلكى ئۇنىڭغا مەلۇم قائىدە پىرىنسىپلارنى بەلگىلىدى. ئېھتىياج تۈپەيلى مۇسۇلمان ئەرلەرنىڭ بىردىن تۆتكىچە ئايالنى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئادالەتلىك ئىشك ۆرۈش شەرتى بىلەن بىرال ۋاقىتتا نىكاھىدا ساقلىشى جائىزدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھە قتە مۇنداق دېگەن: ﴿فَانكِحُوا مَا طَابَ لَكُممِّنَ النِّسَاءِ مَثْنَىٰ وَثُلَاثَ وَرُبَاعَ ۖ فَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا تَعْدِلُوا فَوَاحِدَةً أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ ۚ ذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَلَّا تَعُولُوا﴾ يەنى ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئالساڭلار بولىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل بولالماسلىقى ڭلاردىن قۋرقساڭلار بىر خوتۇن بىلەن كۇپايە قىلساڭلار بولىدۇ . بۇ ئايەت، ماددىي ۋە مەنىۋى ئىمكانىيىتى تۋلۇق بولۇپ، كۆپ خۋتۇنلار ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ئىش كۆرۈشكە ئىشەنچىسى بار كىشىلەرنىڭ بىردىن تۆتكىچە خۋتۇننى بىرال ۋاقىتتا نىكاھىدا ساقلاشنىڭ جائىزلىقىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە ئاياللىرىنىڭ ئارىسىدا ئادىل ) ( نىسا سۈرىسى 3 ئايەت
بولالماسلىقىدىن، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجلىرىنى قامداپ بېرەلىشىدىن ئاجىز كېلىدىغان كىشى ئۈچۈن كۆپ خوتۇنلۇق بۋلۇشنىڭ جائىز ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. كۆپ خوتۇنلۇق بۋلۇشقا رۇخسەت قىلىشنىڭ سەۋەبى شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ ھېچبىرى ھېكمەتلەردىن ۋە ئېسىل غايىلەردىن خالىي ئەمەس. ئەرگە بىردىن ئارتۇق ئايالنى بىرال ۋا قىتتا نىكاھىدا ساقلىشىغا رۇخسەت قىلىشقا تۈرتكە بولغان سەۋەبلەر تۆۋەندىكىچە: (1) ئىنسان بەزى ۋاقىتلاردا بىردىن ئارتۇق ئايالنى نىكاھىدا ساقلاشقا ھەقىقىي ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن: ئۇنىڭ ئايالى تۇغماس چىقىپ قىلىپ، ئۆزى بولسا پەرزەنت كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ياكى ئايالى ياشىنىپ قالغانلىقتىن ياكى كېسەللىكتىن ئۇنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجلىرىدىن چىقالمايدىغان بولۇپ قالغانلىق سەۋەبى بىلەن ئۇ باشقا بىر ئەرگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىدۇ. (2) كىشى بىردىن ئارتۇق ئايالنى نىكاھىدا ساقلاش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجلىرىدىن چىقىدۇ. جەمئىيەتتىكى تۇل ئاياللارمۇ تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. (3) ئۆيلىنىش ئائىلىلەر ۋە قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا ئۋرتاق باغلىنىشنى ھاسىل قىلىدۇ. يات ئائىلىلەر ئارىسىدا تۇ غقانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىپ، كىشىلەر ئۋتتۇرىسىدىكى يېقىنلىق ۋە تۇغقان چىلىق مۇناسىۋەتلىرى كۈچلىنىدۇ. مانا بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىردىن ئارتۇق ئاياللارنى نىكاھىدا ساقلىشىغا تۈرتكە بولغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولسا كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىكى بۇ
ئېسىل ئەخلاق بىلەن ئىزگۈ نىيەت ھازىر نەدە ۋە كىمدە بولسۇن؟! كىشىلەردە ئەخلاق سۇسلاشقان، ئىمان ئاجىزلاشقان ۋە ئىنساب ئازىيىپ كەتكەن ھازىرقى زاماندا كۆپ خوتۇن ئالىمەن دېگۈچىلەرنىڭ تۋلىسى ئۆزلىرىنىڭ شەھۋانىي ئىستەكلىرى ئۈچۈنلا ئالسا كېرەك. (4) بەزى ۋاقىتلاردا دۆلەتتە يۈز بەرگەن ئۇرۇش سەۋەبلىك ئەرلەر كۆپ بول ۇپ كېتىپ، ئاياللارنىڭ سانى ئەرلەرنىڭكىدىن كۆپ بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. بۇ خۇددى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن گې رمانىي ەدە يۈز بەرگەندەك. بۇنداق ئەھۋالدا، شارائىتى ياخشى بولغان ئەرلەرنىڭ بىر تەرەپتىن جەمئىيەتتىكى تۇل ئاياللارنىڭ ماددىي ۋە مەنى ۋى ئېھتىياجلىرىدىن چىقىش، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنى يامان يۋللارغا كىرىپ قېلىشتىن ساقلاپ قىلىش نىيىتى بىلەن بىردىن ئارتۇق ئايالنى نىكاھىدا ساقلىشى تە لە پ قىلىنغان ئىشلار قاتارىدىن بولۇپ قالىدۇ. ئىسلام دىنى ئىنسانلارنىڭ باشلىرىغا كېلىدىغانلارنى ئالدىن بىلىدىغان، ھېكمەت بىلەنئ ەڭ توغرا ئىش قىلىدىغان ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەن بىر دىن بۋلغانلىقتىن ئىنسانلارنىڭ بۇ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرىغىمۇ چارە تېپىپ بەرگەن. مۇھەممەد ئەلى سابۇنى » ئەھكام ئايەتلىرىنىڭ تەپسىرى « ناملىق ئەسىرىدە مۇ نداق دەپ يازىدۇ: » ھەرقانداق ئىنساننىڭ بىلىشى ۋە ئى قتىدارىنىڭ يې تىشىچە ئەمەل قىلىشى كېرەك بولغان كەسكىن ھەقىقەت شۇكى، كۆپ خوتۇنلۇق بۋلۇش ئىسلام دىنىنىڭئ ەۋ زە للىكل ە ردىن بىر ئەۋزەللىكتۇر. چۈنكى، بۈگۈنكى مىللەتلەر ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ھەل قىلىشقا چارە تاپالمىغان ئەڭ مۇرەككەپ مەسىلىلىرىنى ئىسلام دىنىنىڭ مۇشۇ قانۇ نلىرىغا مۇراجىئەت قىلىش
ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ. كۆپ خوتۇنلۇق بۋلۇشقا ئايالنىڭ تۇغماس چىقىپ قىلىشى ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن ئېرىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشالمايدىغان بولۇپ قىلىشى قاتارلىق بەزى سەۋەبلەر بولىدۇ. مەن بۇ ماۋزۇدا بۇ س ەۋە بل ە رنى بايان قىلىشنى ھاج ەتسىز دەپ قارايمەن. بىراق ھەر ئىنسان ئۋڭايال چۈشى نىدىغان بىر مەسىلىنى ئۋتتۇرىغا قۋيىمەن، جەمئىيەت ئىسلام نە زىرىدە ، تارازىغا ئۋخشاش بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر ئىككى تەرىپى باراۋەر، تەڭ ئۆلچەمدە بۋلۇشى كېرەك، تارازىنىڭ بىر تە رىپىنى ئەرلەر، يەنە بىر تەرىپىنى ئاياللارت ەشكىل قىلىدۇ. تارازىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپى تەڭ، باراۋەر بۋلۇشى ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ نىسبىتى ئاياللارنىڭ نىسبىتى بىلەن ئۋخشاش بولۇشى كېرەك. مۇبادا، ئەرلەرنىڭ نىسبىتى ئاياللارنىڭ نىسبىتىدىن كۆپ ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا، بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ يەنى ئايا للارنىڭ نىسبىتى ئەرلەرنىڭ نىسبىتىدىن كۆپ بولۇپ، تارازىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلغاندا نېمە قىلىش كېرەك؟ ئاياللارنى تۇرمۇشىنىڭ ۋە ئانىلىقنىڭ نېمىتىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇلارنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياۋرۋپادا ئاياللارنىڭ نىسبىتى كۆپىيىپ، ئەرلەرنىڭ نىسبىتى ئا زىيىپ كەتكەنلىكى سەۋەبتىن يۈزبەرگەندەك، زىنا پاھىشە ۋە رەزىللىك يۋللىرىغا تاشلاپ قۋيۇش كېرەكمۇ؟ ياكى ئاياللارنىڭ ھۆرمىتىنى، ئائىلىنىڭ پاكلىقىنى، جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقىنى ساقلىغان ھالدا، بۇ مەسىلىنى ئىسلام قانۇنى ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەكمۇ ؟ زادى بۇ ئىككى يۋلنىڭ قايسىسى ياخشى ۋە مەسىلىنى ھەل قىلغۇچ بولىدۇ. ئايالنىڭ قانۇنلۇق ھالدا بىر ئەرنىڭ زىممىسىدا باشقا ئاياللار بىلەن بىرلىكتە مۇقەددەس نىكاھقا باغلىنىپ ھۆرمىتى بىلەن ياشىغىنى ياخشىمۇ؟ ياكى ئۇ كىشى بىلەن ئائىلىنى پارچىلايدىغان، بالىلارنى يېتىم قىلىدىغان، ج ەمئىيەتنى
كىرلىتىدىغان يۋلسىز ئالاقە باغلىغىنىمۇ؟ ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىۋاتقان خىرىستىيان دىنىنىڭ دەستۇرىغا ئاساسەن، كۆپ خوتۇنلۇق بۋلۇشنى مەنئى قىلىپ كەلگەن گېرمانىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئاياللارنىڭ سان نىسبىتىنىڭ ئەرلەر نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتكەنلى كى سەۋەبلىك، جە مئىيە تتە يۈز بېرىۋاتقان زىنا پاھىشىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھېچقانداق چارە تاپالمىغانلىقتىن، گېرمان ئاياللىرىنى زىنا پاھىشىلەردىن ساقلاپ قىلىش، ئاتىسىز بالىلارنى كۋچىلارغا تاشلىۋېتىش ئېقىمىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ئىسلام دىنىدىكى كۆپ خوتۇنلۇق بۋ لۇش مەسىلىسىگە يول قۋيۇش قانۇنىنى قۋللىنىشقا مەجبۇر بولغان « .
( مۇھەممەد ئەلى س ابۇنىينىڭ » تفسير آيات األكام « )ئەھكام ئايەتلىرىنىڭ
تەپسىرى( ناملىق ئەسىرى.
ئۆيلەنگۈچىلەرنىڭ بىر بىرىنى كۆ رۈ شى ئەسلىدە، ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەت قانۇنى بۋيىچە، ئەرلەرنىڭ نامەھرەم ئاياللارغا تىكىلىپ قارىشى ۋە ئاياللارنى ڭمۇ نامەھرەم ئەرلەرگە تىكىلىپ قارشى مەنئى قىلىنغ ان مەسىلىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا زېمىندىكى ئۆزىنىڭ ۋەكىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿قُل لِّلْمُؤْمِنِينَ يَغُضُّوا مِنْ أَبْصَارِهِمْ وَيَحْفَظُوا فُرُوجَهُمْ ۚ ذَٰلِكَ أَزْكَىٰ لَهُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا يَصْنَعُونَ * وَقُل لِّلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ وَيَحْفَظْنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا﴾ يەنى مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، )نامەھرەملەرگە( تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى )زىنادىن( ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچ ۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تۋلۇق خەۋەردار. مۆمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسمىدىن باشقا زىننەت ئۋرگانلىرىنى ئاشكارا قىل مىسۇن . ئەمما بىرگە تۇرمۇش قۇرما قچى بولغان ئۋغۇل قىزلار بىر بىرىنى كۆرۈشى لازىم. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: » پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان بىر ئادەمدىن، سەن ئۇنى )يەنى ئۆيلەنمەكچى بولغان ئايالنى( كۆ رد ۈڭ مۇ ؟ دەپ سۋ رىغاندا، ئۇ ئادەم ياق، كۆرمىدىم دەپ جاۋاب بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا، ئاۋۋال بېرىپ
( نۇر سۈرىسى 03 13 ئايەتلەر
ئۇنى كۆرگىن دەپ بۇيرۇيدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام « . يەنە بىر ھەدىستە: » بىرىڭلار ئۆيلەنمەكچى بۋلغىنىدا، ئالماقچى بولغان ئايالنى ئىمكان قەدەر كۆرسۇن « دېيىلگەن. تۋيدىن بۇرۇنقى ئۇچرىشىشنىڭ شەرتلىرى
1 . شەرىئەتتە رۇخسەت قىلىنغان قاراش ۋە كۆرۈش ئايالنىڭ يۈزى
بۆلۈم: “1 . شەرىئەتتە رۇخسەت قىلىنغان قاراش ۋە كۆرۈش ئايالنىڭ يۈزى”ۋە ئىككى قولى بىلەن چەكلىنىدۇ. يەنى ئۆيلەنمەكچى بولغان كىشى ئالماقچى بولغان ئايالىنىڭ يۈزىگە ۋە ئىككى قولىغا تىكىلىپ قارىسا بولىدۇ. چۈنكى، يۈزىگە قاراش ئارقىلىق ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى، ئىككى قولىغا قاراش ئارقىلىق ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. ئەمما ئالماقچى بولغان ئايال ھەققىدە ئۇنىڭدىن كۆپرەك مەلۇمات ھاسىل قىلىشنى خالىغان كىشى تاغا ئاچىسىنى ياكى قىز قېرىنداشلىرىدىن بىرىنى ئۇنىڭ قېشىغا ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ بارلىق سۈ پە تلىرىنى ئۇلاردىن بىلسە بولىدۇ.
2 . بۇ ئىككىسى ئۇچراشماقچى بۋلغاندا يالغۇز ئۇچراشماسلىقى،
بۆلۈم: “2 . بۇ ئىككىسى ئۇچراشماقچى بۋلغاندا يالغۇز ئۇچراشماسلىقى،”بەلكى قىزنىڭ ئاچاسى ڭىللىرىدىن ياكى ئىشەنچلىك دۋستلىرىدىن بىرەرسى بۇلار بىلەن بىرگە بۋلۇشى كېرەك. ئەمما توي قىلىشتىن بۇرۇن قىز ئۋغۇل ئىككىسىنىڭ يا لغۇز ئۇچرىشىشىغا ۋە بىر يەردە يالغۇز قېلىشىغا بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: » يات ئەر بىلەن يات ئايال يالغۇز قالمىسۇن. بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى ( مۇسىلىم رىۋايىتى ( ئەھمەد رىۋايىتى
شەيتان بولىدۇ « . گەرچە ئۆيلەنمەكچى بولغان ئىككى جىنس، بىر بىرى بىلەن توي قىلىشقا كېلىشك ەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ نىكاھى ئۋقۇلمىغىچىلىك ئۇلار بىر بىرىگە يات سانىلىدۇ. ئەپسۇسكى، كۈنىمىزدىكى كۆپىنچە كىشىلەر بۇ ئىشلارنى ئاددىي ھېس قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ خەتەرلىرىگە دىققەت قىلىشمايدۇ. بۇ سەۋەنلىكلەرنىڭ تۈپەيلىدىن كۆپلىگەن قىزلار قۋللىرىنى چىشلەپ قالىدۇ. ئاتا ئانىلارمۇ پۇشايمان چېكىدۇ. چۈنكى كۈنىمىزدە، ئۆيلىنىمىز دەپ پەش تارتىشىپ يۈ رگە نل ە رنىڭ ئاز قىسمىال بۇ نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىسىمۇ، كۆپ قىسمى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى يېرىم يولدا ئايرىلىدۇ. ( بۇخارى رىۋايىتى
قىز ئۋغۇللارنىڭ جۋر تاللاشتىكى ئىختىيارى ئىسلام دىنى قىز ئۋغۇللارنى ئۇلارنىڭ رازىلىقى بۋلمىغان بىرسى بىلەن ئۆيلىنىشكە زۋرلاشنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ رايىنى ۋە ئىختىيارىنى نىكاھنىڭ ئا ۋۋالقى شەرتلىرىدىن قىلىپ بېكىت كەن . ئاياللارنى مەيلى ئۇلار قىز بولسۇن، مەيلى چۋكان بولسۇن ھېچبىر ۋاقىتتا ئۇلار خالىمىغا ن بىرسى بىلەن ئۆيلىنىشكە زۋرلاشقا بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: » چۋكاننى ئۇنىڭ ئىختىيارىسىز، قىزنى ئۇنىڭ رايىسىز ياتلىق قىلماڭلار « ساھابىل ەر يا رەسۇلۇللاھ ! قىزلار ئۇياتچان كېلىدۇ، ئۇلار ئۆز رايىنى سۆزلىيەلمىسە قانداق قىلىمىز؟ دەپ سۋرىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: » قارشىلىق بىلدۈر مەستىن سۈ كۈ ت قىلىپ تۇر ۇشى ئۇلارنىڭ ئىختىيار قى لىپ رازى بۋلغانلىقىدۇر « دەيدۇ. يەنە بىر ھەدىستە: » چۋكان ئۆزىنىڭ توي ئىشىدا ئەركىندۇر. قىزنىڭ رايىنى سۋراش لازىم. ئۇنىڭ رازىلىق بىلدۈر گىنى جىم تۇر غانلىقىد ۇر « دېيىلگ ەن. بۇ ھەدىستىن شۇ مەنا چىقىدۇكى ، چۋكان ئۆزىنىڭ توي ئىشىنى ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى ۋە باشقا ئىگە چاقىلىرى قۋشۇلمىغان تەقدىردىمۇ ئۆزى يالغۇز بېجىرىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئەمما قىز ئۆزىنىڭ تۋيىنى ئۆزى قىلالمايدۇ. بەلكى ئاتا ئانىسى تەرىپىدىن باشق ۇرۇ لىدۇ . لېكىن ئاتا ( بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى
ئانىلار قىز ئۋغۇللىرىنى ئۆزلىرى خالىمىغان بىرى بىلەن ئۆيلىنىشكە زۋرلىيالمايدۇ. قىزنىڭ رايى نىكاھنىڭ ئاۋۋالقى شەرتلىرىدىندۇر. ئەگەر ئاتا ئانىلار بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىدىكەن، ئۇلار قىز ئۋغۇ للىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىق سەۋەبلىك ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولىدۇ. ئەللامە ئىبىن تەيمىيە مۇنداق دېگەن: » قىزلارنى ئۇلار ياقتۇرمايدىغان بىرىگە ياتلىق بۋلۇشقا زۋرلاش ئىسلام شەرىئىتىگە ۋە ئەقىلغا تامامەن زىت كېلىدىغان ئىش. ئاللاھ تائالا قىزلارنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ئۇلارنى يېيىش - ئىچىشكە ي اكى كىيىنىشكە، شۇنداقلا ئۇلار خالىمايدىغان بىرەر ئىشقا زۋرلاش ھەققىنى بەرمىگەن تۇرسا، ئۇلارنى ئۆزلىرى ياقتۇرمايدىغان بىرلىرى بىلەن ئۆمۈرلۈك ئۆي تۇتۇشقا، ئۇلار بىلەن بىر ياستۇققا باش قۋيۇشقا قانداقمۇ زۋرلىيالىسۇن؟! ئاللاھ تائالا ئۆيلىنىشنى ئەر - ئايال ئىككىسى ئۋتتۇرىسىدىكى مېھرى - مۇھەببەت ۋە سۆيگۈنىڭ تۈرتكىسى قىلغان تۇرسا، زۋرلىنىپ ئۆيلەنگەن بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا نەپرەتتىن باشقا نەرسە بولمىسا، سۆيگۈ - مۇھەببەتنىڭ قانداقمۇ مەنىسى بولسۇن! « ئەمما قىز بولسۇن ياكى چۋكان بولسۇن دىيانەتسىز، ئەخلاقسىز بىرىگە ياتلى ق بۋلىمەن دەپ تۇ ر ۇۋ السا ، شۇنىڭدەك ئۋغۇلمۇ ئەخلاقسىز، دىيانەتسىز بىرىنى ئالىمەن دەپ تۇ ر ۇۋ السا ، بۇ ۋاقىتتا ئاتا ئانىسى ئۇنىڭغا قارشى چىقالايدۇ ۋە بۇ ئىشنى رەت قىلالايدۇ. ئەگەر قىز كىچىك بولۇپ، ئۆزىنىڭ كېلەچىكىنى ياخشى تاللىيالمايدىغان ياشتا ) ( » شەيخۇلئىسلام ئىبىن تەيمىيە پەتىۋالىرى « 52 - تۋ، 22 - ۋە 52 - بەتلەر
بولسا، ئاتا ئانىسى ياكى تۇغقانلىرى ئۇنى ئۆزلىرى خالىغان يەرگە ياتلىق قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ھەدىستە ، بۇ توغرۇلۇق مۇنداق بىر رىۋايەت سابىت بولغان: » خەنسا ئىسىملىك بىر چۋكان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كې لىپ ، ئى رەسۇلۇللاھ ! ئاتام مېنى تاغامنىڭ ئۋغ لىغا ياتلىق قىلدى. ھالبۇكى، مەن ئۇنى ياقتۇرمايمەن دەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: » خالىسىڭىز ئاتىڭىزنىڭ بۇ تەسەررۇپىنى قوبۇل قىلىڭ، خالىسىڭىز ئۇنى رەت قىلىڭ دەيدۇ. خەنسا ئى رەسۇلۇللاھ ! ئاتامنىڭ بۇ ئىشىغا مېنىڭ ھېچ رىغبىتىم يوق دېگەندە، ئانداقتا بۇ نىكاھ توغرا ئەمەس، سىز كېتىپ، ئۆزىڭىز خالىغان بىرسىگە ياتلىق بۋلۇڭ دەيدۇ پە يغە مب ەر ئەلەيھىسسالام. بۇ ۋاقىتتا خەنسا، بولدى، مەن ئاتامنىڭ بۇ رىغبىتىنى يۈرگۈزىمەن. ئەمما مەن سىزدىن بۇ مەسىلىنى سۋراشتا، ئاتىلارنىڭ قىزلىرىنىڭ توي ئىشلىرىدا ئۇلارنى ئۆزلىرى خالىمىغان بىرسىگە ياتلىق بۋلۇشقا زۋرلاش ھوقۇقى يوق ئىكەنلىكىنى كىشىلەرگە بىلدۈر مەكچى ئىدىم دەيدۇ « . ( بۇخارى رىۋايىتى
ئۆيلىنىشتىكى بەزى قىيىنچىلىقلار مەلۇمكى، زامان ئىلگىرىلىگەنسېرى بەزى چوڭ شەھەرلەردە توي سىلىقلىرى ھەددىدىن ئارتۇق ئېشىپ كېتى ۋاتىدۇ. ئىنسانلار يارىتىلىشتىنلا ئۆز تەبىئىتىدىمۇ ئەر خوتۇن بولۇپ، بىر بىرى بىلەن ئۇنىسى ئۇلپەت ۋە مۇھەببەت ئىچىدە ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ. چۈنكى ئايال ئۆز ئالدىغا يالغۇز ياشىغاندا، ھاياتلىقنىڭ نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلىرىغا تاقابىل تۇرۇشتىن ئاجىز كېلىدۇ . ئۇ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئۆزىنى ھىمايە قىلىدىغان، تۇرمۇشتىكى ئېھتىياجلىرىنى قامدايدىغان بىرەر ئەرگە مۋھتاجد ۇر . ئەر مۇ ئۆزى يالغۇز ئۆتۈشكە ئاجىز كېلىدۇ. چۈنكى، ئۇ سىرتتا تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئىشلەش بىلەن بىرگە ئۆي ئىشلىرىنى جايىدا ئاققۇزۇپ كېتەلمەيدۇ. ئەخال ق تەرەپتىنمۇ ئۆز نۋمۇسىنى ساقلاپ، ھارام ئىشلاردىن يىراق بۋلۇشقا ئاجىز كېلىدۇ. چۈنكى، جىنسىي ھەۋەس كىشىلەرنى تۈرلۈك بالالارغا دۇچار قىلىدۇ. ئەڭ مۇھىم بۋلغىنى، ئىنسانىيەت ئۈچۈن پايدىلىق ۋە ياراملىق نەسىللەر ئەر بىلەن ئايالنىڭ نىكاھتا بىرلىشىشى ئارقىلىقلا مە يدانغا چىقالايدۇ. پەرزەنت كۆرۈش، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نام نىشانىسىنى داۋام قىلدۇرۇش ھەرقانداق كىشى ئۈچۈن چوڭ ئارماندۇر. بۇنداق ئىكەن، كىشىلەرنىڭ ئۆيلىنىش ئىشلىرىغا تۋسقۇن بۋلىدىغان ياكى ئۇنى كې چىكت ۈرۈ شكە سەۋەب بۋلىدىغان ھەرقانداق ئامىل ئەقىل ۋە دىننىڭ بىر دەك ئىتتىپاقى بىلەن قەتئىي ھارامدۇر. جەمئىيەتتىكى بەزى ياشلارنىڭ ئۆيلىنىش ياكى ياتلىق بۋلۇشتىن باش تارتىشلىرى، » سىناشتۇق « شۋئارى ئاستىدا بىر بىرى بىلەن ئايلارچە، ھەتتا يىللارچە نىكاھسىز، تۇرمۇشسىز سۆرۈشۈپ يۈرۈشلىرى،
بەزى قىزلارنىڭ نۋمۇستىن بۋۋ اقلارنى كۋچىلارغا ئېتىشلىرى قاتارلىق ئىشلارنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى، بەلكى چوڭ سەۋەبى توي چىقىملىرىنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق دەرىجىدە ئېشىپ كېتىشى، قىزلىق مېھرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. كىشىلەر ئۋغۇل قىزلىرىنىڭ كېلەچىكىنى ئۋيلىماستىن، پەقەت باشقىلار بىلەن رىقا بەتلىشىش ياكى بۇ ئارقىلىق بايلىق تۋپلىۋېلىش نىيىتى بىلەن توي چىقىملىرىنى ھەدەپ ئۆرلىتىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ياش، ئۋغۇل قىزلارنى نۆۋەتتىكى ئۆيلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. نىشانلىنىپ بولغان قىزلارمۇ كەلمىگەن ئامەتنى كۈتۈپ ياكى ئۇ، بايلىقتىن مىليۋنلاپ تۆكۈ پ بېرىدىغان بىرەر باينى تاپالماي ئۆيلىنىش ۋاقتىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھەتتا قېرىپ كېتىدۇ. چۈنكى ئۆيلىنىش يېشىدىن ئۆتۈپ كەتكەن قىزلار تىزال قېرى چىرايىغا كىرىپ قالىدۇ دە، ئۇلار شۇنىڭ بىلەن ئۋلتۇرۇپ قالىدۇ. ئۋغۇللار بولسا، ۋاقتىدا ئۆيلىنىشكە قادىر بولالمىغانلىقى سەۋەبتىن، ئۆيلىنەلمەي، خالىغان يامان يۋللارغا كىرىپ كېتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ دىنىنى ۋە ئەخلاقىنى دەپسەندە قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. ئۋغۇل قىزلارنىڭ ۋاقتىدا ئۆيلىنەلمەي نۆۋەتتىكى تۇرمۇشتىن مەھرۇم قېلىشلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلۈك رەزىل يۋللارغا كىرىپ كې تىشلىرىگە سەۋەبكار ئاتا ئانىلاردۇر، ئەلۋەتتە. بۇ خىل بالالارغا دۇچار بۋلماسلىقنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى توي چىقىملىرىنى ۋە قىزلارنىڭ مەھرىلىرىنى ئې غىرلاشت ۇر ۋە تمە سلىك ، ئېھتىياجىغا قاراپ ئازغا كۇپايە قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىنسان شۇنداق ھۆرمەتلىك مەۋجۇداتكى، ئۇ، پۇلغا سېتىپ ئېلىنمايدۇ. قىزلار دۇنيانىڭ ھەرقانداق بايلىقلىرىدىن ئەلۋەتتە
قىممەتلىكتۇر. باشقىلار بىلەن رىقابەتلىشىش ياكى باشقىلارنىڭ نارازى بۋلۇشلىرىدىن قۋرقۇپ ياكى مال دۇنيا تەمەسى بىلەن توي چىقىملىرىنى ئۆستۈرۈۋېتىش خاتادۇر. ئۋغۇل قىزلارنىڭ كېلەچىكىنى ۋە بەخت سائادىتىنى ئۋيلاپ ئىش كۆرۈش كېرەك. پۇل مال كىشىنى كۆپ ھاللاردا بەختلىك قىلالمايدۇ. ئائىلىنى پەقەت قانائەت، ئازغا رازى بۋلۇش، ئۋرتاق مۇھەببەتال بېيىتالايدۇ ۋە بەختلىك قىلالايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھە دىسىدە : » ئەڭ ياخشى ئايال ئۇنىڭ مېھرىنىڭ يېنىك بۋلغىنىدۇر « دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: » ئەڭ بەرىكەتلىك ئايال ئۆيلىنىشنىڭ تىز بۋلغىنى، تۇغۇتىنىڭ تىز بۋلغىنى ۋە مېھرىنىڭ يېنىك بۋلغىنىدۇر « . جەمئىيەتتىكى بەزى ئاڭسىز ۋە دىيانەتسىز كىشىلەرنىڭ ئە يىبلىشىدىن ياكى » قىزىنى بىكارغا بېرىۋەتتى « دېگەنگە ئۋخشاش تېتىقسىز سۆزلەرنى تارقىتىشتىن قۋرقماستىن، بەلكى ئەڭ ئاۋۋال ئاللاھ تائالادىن قۋرقشىمىز كېرەك. ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى تۇتقان كىشى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئە يىبل ە نمە يدۇ ۋە خارلانمايدۇ . ( ئىبىنىھى ببان رىۋايىتى ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى
نىكاھلىنىشقا بۋلمايدىغان ئاياللار نىكاھلىنىشقا بۋلمايدىغ ان ئاياللار ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ: ئۇلارنىڭ بىرى، مەڭگۈلۈك نىكاھلىنىشقا بۋلمايدىغان ئاياللار، يەنە بىرى مەلۇم ۋاقىتقىچە نىكاھلىنىشقا بۋلمايدىغان ئاياللاردۇر. مەڭگۈلۈك نىكاھلىنىشقا بۋلمايدىغان ئاياللار مەڭگۈلۈك نىكاھلىنىشقا بۋلمايدىغان ئاياللار تۆۋەندىكىد ەك ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ: (1) نەسەب سەۋەبى بىلەن نىكاھلىنىشقا بۋلمايدىغان. (2) ئې مىلداشلىق سەۋەبى بىلەن نىكاھلىنىشقا بۋلمايدىغان ئاياللار. (3) قۇدا – باجىلىق سەۋەبى بىلەن نىكاھلىنىشقا بۋلمايدىغان ئاياللار نەسەب سەۋەبى بىلەن نىكاھلىنىشقا بۋلمايدىغان ئايالال ر نەسەب سەۋەبى بىلەن نىكاھلىنىشقا بۋلمايدىغان ئاياللارت ۆۋە ندىكىچە : (1) ئۆيلەنگۈچىنىڭ ئانىسى. بۇ ئىبارە ، ئۆيلەنگۈچىنىڭ ئانىلىرى ۋە چوڭ ئانىلىرىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (2) ئۆيلەنگۈچىنىڭ قىزلىرى. بۇ ئىبارە، ئۆيلەنگۈچىنىڭ ئۆز قىزلىرى، ئۋغۇل قىزلىرىنىڭ قىزلىرى ۋە ئۇنىڭ نەۋرە، چەۋرە قىزلىرىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (3) ئۆيلەنگۈچىنىڭ ھەمشىرىلىرى. بۇ ئىبارە، ئۆيلەنگۈچىنىڭ بىر
ئاتا بىر ئانىدىن بولغان ۋە ئانا تەرىپىدىن ياكى ئاتا تەرىپىدىن بولغان قىز قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (4) ئۆ يلەنگۈچىنىڭ ئاتىسىنىڭ ھەمشىرىلىرى. بۇ ئىبارە، ئۆيلەنگۈچىنىڭ ئاتىسىنىڭ قىز قېرىنداشلىرى ۋە ئاتا تەرىپىدىن بولغان ئەجدادلىرىنىڭ قىز قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (5) ئۆيلەنگۈچىنىڭ ھاممىلىرى. بۇ ئىبارە، ئۆيلەنگۈچىنىڭ ئانىسىنىڭ قىز قېرىنداشلىرى ۋە ئانا تەرىپىدىن بولغان ئەجدادلىرىنىڭ قىز قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (6) ئۆيلەنگۈچىنىڭ ئۋغۇل قېرىنداشلىرىنىڭ قىزلىرى. بۇ ئىبارە، ئۆيلەنگۈچىنىڭ بىر ئاتا ، بىر ئانىدىن بولغان ۋە ئانا تەرىپىدىن ياكى ئاتا تەرىپىدىن بولغان ئۋغۇل قېرىنداشلىرىنىڭ قىزلىرىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (7) ئۆيلەنگۈچىنىڭ ھە مشىرىلىرىنىڭ قىزلىرى. بۇ ئىبارە، ئۆيلەنگۈچىنىڭ بىر ئانا، بىر ئاتىدىن بولغان ۋە ئانا تەرىپىدىن ياكى ئاتا تەرىپىدىن بولغان قىز قېرىنداشلىرىنىڭ قىزلىرىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿حُرِّمَتْ عَلَيْكُمْ أُمَّهَاتُكُمْ وَبَنَاتُكُمْ وَأَخَوَاتُكُمْ وَعَمَّاتُكُمْ وَخَالَاتُكُمْ وَبَنَاتُ الْأَخِ وَبَنَاتُ الْأُخْتِ﴾ يەنى ﴿سىلەرگە ئانىلىرىڭلارنى، قىزلىرىڭلارنى، ھەمشىرىڭلارنى ئاتاڭلارنىڭ
ھەمشىلىرىنى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، قېرىندىشىڭلارنىڭ . ) ( قىزلىرىنى، ھە مشىر ەڭلارنىڭ قىزلىرىنى ئېلىش ھارام قىلىندى ﴾ ئېمىلداشلىق سەۋەبى بىلەن نىكاھلىنىشقا بۋلمايدىغان ئاياللار يۇقىرىقى نەسەب سەۋەبى بىلەن نىكاھلىنىشقا بۋلمايدىغان يەتتە خىل ئايالدىن باشقا، ئېمىلداشلىق سەۋەبى بىلەنمۇ ب ەزى ئاياللار بىلەن نىكاھلىنىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، قانداقلا بالا بىر ئايالنى ئەمگەندىن كېيىن، بۇ ئايال ئەمگۈچىنىڭ سۈت ئانىسى، ئۇنىڭ بارلىق بالىلىرى ئەمگۈچىنىڭ سۈت قېرىنداشلىرى بولۇپ قالىدۇ. ئەمگۈچىنىڭ يۇقىرىقى سۈت قېرىنداشلىرىنىڭ بىرەرسى بىلەن نىكاھلىنىشى خۇ ددى نە سە بىدىكى ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ بىرەرسى بىلەن نىكاھلانغىنىغا ئۋخشاشتۇر. شۇڭا ئۇ بۇلار بىلەن نىكاھلىنىشتىن چەكلىنىدۇ. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأُمَّهَاتُكُمُ اللَّاتِي أَرْضَعْنَكُمْ وَأَخَوَاتُكُممِّنَلارَّضَاعَةِ﴾ يەنى
﴿ سىلەرگە سۈت ئانىلىرىڭال ر ۋە ئېمىلداش ھەمشىرىڭلارنى ئېلىش
. ) ( ھارام قىلىندى ﴾ قۇدا باجىلىق سەۋەبى بىلەن ئۆيلىنىشكە بۋلمايدىغان ئاياللار قۇدا باجىلىق سەۋەبى بىلەن ئۆيلىنىشكە بۋلمايدىغان ئاياللار تۆۋەندىكى تۆت خىل ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) ئۆيلەنگۈچىنىڭ ئاتىسىنىڭ )قۋيۇپ بە رگەن(ئاياللىرى ۋە ) ( نىسا سۈرىسى 32 ئايەت ) ( نىسا سۈرىسى 32 ئايەت
بۋۋىلىرىنىڭ )قۋيۇپ بەرگەن( ئاياللىرى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَا تَنكِحُوا مَا نَكَحَ آبَاؤُكُممِّنَ النِّسَاءِ﴾ يەنى ﴿ئاتىلىرىڭلار ئالغان . ) ( ئاياللارنى ئالماڭلار ﴾ يەنى بىراۋنىڭ مەلۇم بىر ئايالغا نىكاھلىنىشى بىلەن، بۇ ئايال ئۇنىڭ ئۋغۇللىرىغا ۋە پۈتۈن بالىلىرىنىڭ ئۋغۇللىرىغا ھارام بولىدۇ. ئۇلاردىن ھېچبىرى بۇ ئايالنى نىكاھىغا ئاللامايدۇ. (2) ئۆيلەنگۈچىنىڭ ئۋغۇللىرىنىڭ )قۋيۇپ بەرگەن( ئاياللىرى. يەنى بىراۋنىڭ مەلۇم بىر ئايالغا نىكاھلىنىشى بىلەن بۇ ئايال ئۇنىڭ دادىسىغا ۋە پۈتۈن بۋۋىلىرىغا ھارام بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھېچبىرى بۇ ئايال بىلەن نىكاھلىنالمايدۇ. (3) ئۆيلەنگۈچىنىڭ )قۋلىدىكى( ئايالىنىڭ ئانىسى ۋە ئۇ ئايالنىڭ چوڭ ئانىلىرى. يەنى بىراۋنىڭ مەلۇم بىر ئايالغا نىكاھلىنىشى بىلەن بۇ ئايالنىڭ ئانىسى ۋە چوڭ ئانىلىرى ئۇ كىشىگە ھارام بولىدۇ. (4) ئۆيلەنگۈچىنىڭ ئايالىنىڭ )باشقا ئەردىن بولغان( قىزلىرى. يەنى مەلۇم بىر ئايالغا نىكاھلىنىپ ئۇنىڭغا جىنسىي تەرەپتىن يېقىنچىلىق قىلغان كىشى ئۈچۈن ئۇ ئايالنىڭ قىزلىرى ۋە پۈتۈن نەۋرىلىرى ھارام بولىدۇ. ئەگەر ئۇ كىشى بۇ ئايالغا نىكاھلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلمىغان بولسا )يەنى يېقىنچىلىق قىلماستىن ئايرىلىپ كەتكەن بولسا( بۇ چاغدا، ئۇ ئايالنىڭ قىزلىرى ئۇ كىشىگە ھالالدۇر. ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ھاراملارنى مۇنۇ ئايەتتە بايان قىلغان: ) ( نىسا سۈرىسى 22 ئايەت
﴿حُرِّمَتْ عَلَيْكُمْ أُمَّهَاتُكُمْ وَبَنَاتُكُمْ وَأَخَوَاتُكُمْ وَعَمَّاتُكُمْ وَخَالَاتُكُمْ وَبَنَاتُ الْأَخِ وَبَنَاتُ الْأُخْتِ وَأُمَّهَاتُكُمُ اللَّاتِي أَرْضَعْنَكُمْ وَأَخَوَاتُكُممِّنَلارَّضَاعَةِ وَأُمَّهَاتُ نِسَائِكُمْ وَرَبَائِبُكُمُ اللَّاتِيفِيحُجُورِكُممِّننِّسَائِكُمُ اللَّاتِيدَخَلْتُمبِهِنَّ فَإِنلَّمْ تَكُونُوا دَخَلْتُمبِهِنَّ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ وَحَلَائِلُ أَبْنَائِكُمُ الَّذِينَ مِنْ أَصْلَابِكُمْ وَأَنتَجْمَعُوا بَيْنَ الْأُخْتَيْنِ إِلَّا مَا قَدْ سَلَفَ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ غَفُورًا رَّحِيمًا﴾ يەنى سىلەرگە ئانىلىرىڭلارنى، قىزلىرىڭلارنى، ھەمشىرىلىرىڭلارنى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزلىرىنى، ھەمشىرەڭلارنىڭ قىزلىرىنى، سۈت ئانىلىرىڭلارنى، ئېمىلداش ھەمشىرىلىرىڭلارنى، قېيىن ئاناڭلارنى، سىلەر بىر يەردە بولغان ئاياللىرىڭلارنىڭ)باشقا ئەردىن بولغان( ئۆيۈڭلاردا )يا كى باشقا ئۆيلەردە( ئۆسكەن قىزلىرىنى ئېلىش ھارام قىلىندى. ئەگەر ئۇلار بىلەن نىكاھلىنىپ تېخى بىر تۆشەكتە بۋلمىغان بۋلساڭلار، قىزلىرىنى ئېلىشتا سىلەرگە گۇناھ يۋقتۇر، يەنە ئۆز پۇشتۇڭلاردىن بولغان ئۋغۇللىرىڭلارنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىشىڭلار ۋە ئىككى ھەمشىرىنى بىرال ۋاقىتتا ئەمرىڭلاردا ساقلىشىڭلار ھارام قىلىندى. لېكىن ئۆتكەنكىلەر ئەپۇ قىلىنىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر مەلۇم ۋاقىتقىچە نىكاھلىنىشقا بۋلمايدىغان ئاياللار مەلۇم ۋاقىتقىچىلىك نىكاھلىنىشقا بۋلمايدىغان ئاياللار ئۈچ قىسىم بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: (1) ئۆيلەنگۈچىنىڭ )قۋلىدىكى( ئايالىنىڭ ھەمشىرىسى ياكى ) ( نىسا سۈرىسى 22 ئايەت
ھاممىسى . بىراۋنىڭ ئىككى ھەمشىرىنى نىكاھىدا تۇتۇشىنىڭ ھاراملىقىنى ئالدىنقى ئايەت ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئەمدى، ئايالنىڭ ھاممىسىغا كەلسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :
» قول ۇڭلاردىكى ئايالىڭلارنىڭ ھاممىسىغا ئۆيلەنمەڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلساڭلار ئاراڭلاردىكى تۇغقانچىلىقنى ئۈزۈپ قۋيىسىلەر « . يەنى، بىراۋ ئايالىدىن ئاجراشماي تۇرۇپ، ئۇ ئايالنىڭ ھەمشىرىسى ياكى ھاممىسى بىلەننى كاھلىنالمايدۇ. بەلكى ئايالىدىن ئاجراشقاندىن كېيىنلا يۇقىرىدىكىلەر بىلەن نىكاھلىنالايدۇ. (2) باشقىسىنىڭ ئىددىتىدە بولغان ئاياللار. باشقا بىر ئەرنىڭ ئىددىتىدىن چىقىپ بۋلمىغان ئەر شۇ ئەرنىڭ زىممىسىدا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋەجىدىن، قايسى بىر سەۋەب بىلەن ئاجراشقان ياكى ئۆلۈپ كەتكەن ئېرىنىڭ ئىددىتى ئىچىدىكى ئايالال ر بىلەن، ئۇلارنىڭ شۇ ئىددىتى تۋشمىغىچە نىكاھلىنىشقا بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىددىتى تۋشقاندىن كېيىن ئۇلار بىلەن نىكاھلىنىشقا بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ فِيمَا عَرَّضْتُمبِهِ مِنْ خِطْبَةِ النِّسَاءِ أَوْ أَكْنَنتُمْ فِي أَنفُسِكُمْ ۚ عَلِمَ اللَّهُ أَنَّكُمْ سَتَذْكُرُونَهُنَّ وَلَٰكِنلَّا تُوَاعِدُوهُنَّ سِرًّا إِلَّا أَنتَقُولُوا قَوْلًا مَّعْرُوفًا ۚ وَلَا تَعْزِمُوا عُقْدَةَ لانِّكَاحِ حَتَّىٰ يَبْلُغَ الْكِتَابُ أَجَلَهُ ۚ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا فِي أَنفُسِكُمْ فَاحْذَرُوهُ ۚ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ غَفُورٌ حَلِيمٌ﴾ يەنى (ئىددىتى تۋشمىغان( ئاياللارغا ئۆيلىنىش ھەققىدىكى پىكرىڭلارنى بۇرىتىپ ئۆتسەڭلار ياكى بۇنى دىلىڭلاردا يۋشۇرۇن تۇتساڭلار سىلەرگە ھېچ ) ( بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
گۇناھ بولمايدۇ. ئۇلارنى ئەسلەيدىغانلىقىڭلارنى ئاللاھ بىلىدۇ. لېكىن ئۇلار بىلەن يۋشۇرۇن ۋەدىلىشىپ قۋيماڭلار، پەقەت مۇۋاپىق سۆزنى قىلساڭلار بولىدۇ. ئىددىتى تۋشمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئېلىشقا بەل باغلىماڭلار، شۇنى ياخشى بىلىڭلاركى، ئاللاھ دىلىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ)جازاسىغا يۋلۇقۇپ قېلىشتىن( ھەزەر قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇ ر . (3) ھەج ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغان ئاياللار يەنى ئېھرام مۇددىتى ئىچىدىكى ئاياللار بىلەن نىكاھلىنىشقا بولمايدۇ. ئېھرام مۇددىتى تۈگەپ، ئۇلار ئېھرامدىن چىققاندىن كېيىن ئۇلار بىلەننى كاھلىنىشقا بولىدۇ. ) ( بەقەرە سۈرىسى 532 ئايەت .
ئېمىلداشلىق ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى
بۆلۈم: “ئېمىلداشلىق ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى”ئېمىلداشلى قنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1 .ئېمىش كەيپىيىتى.
بۆلۈم: “1 .ئېمىش كەيپىيىتى.”2 .ئېمىش مىقدارى.
بۆلۈم: “2 .ئېمىش مىقدارى.”3 .ئېمىش ۋاقتى.
بۆلۈم: “3 .ئېمىش ۋاقتى.”1 . ئېمىش كەيپىيىتى
بۆلۈم: “1 . ئېمىش كەيپىيىتى”بۋۋاقنىڭ سۈتنى ئېمىش كەيپىيىتى، يەنى بۋۋاقنىڭ ئاغزىغا سۈت قايسى ي ۋل بىلەن كىرگەن بۋلىشى مەسىلىسىدە، ئىمام ئىبىن ھەزم، ئىمام لەيس ئىبىن سەئد قاتاتلىق ئۆلىمالارنىڭ » بالىنىڭ سۈتنى ئېمىتكۈچىنىڭ ئەمچىكىدىن ئەمگەن بۋلىشى شەرت « دەيدىغان رەيى ئەڭ ئۋرۇنلۇق ۋە توغرا كۆرۈنىدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، بالىنىڭ ئېمىتكۈچىنىڭ ئەمچىكىدىن ئەمەس ، سېغىپ قۋيغان قاچىدىن ياكى ئۇنى ئېمىۋاتقان بۋۋاقنىڭ ئاغزىدىن ئىچىۋالغان سۈت بىلەن ئېمىلداشلىق بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، ئايال سۈتىنى تاماققا ياكى سۇغا ياكى نانغا ياكى قانداقلا بىر نەرسىگە ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنى بىرەر بۋۋاققا يېگۈزگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئېمىلداشلى ق بولمايدۇ. ئېمىلداشلىق ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن سۈتنى ئېمىتكۈچىنىڭ ئەمچىكىدىن بىۋاسىتە ئەمگەن بۋلىشى شەرت.
2 . ئېمىش مىقدارى
بۆلۈم: “2 . ئېمىش مىقدارى”شافىئىي، ھەنبەلىي مەزھەپلىرى، ئىبىن ھەزم، داۋۇد زاھىرىي
قاتارلىق ئۆلىمالار ئەمگۈچى بۋۋاق ئېمىتكۈچى ئايالنىڭ سۈت بالىسىغا ئايلىنىشى ئۈچۈ ن بەش قېتىم تۋيۇپ ئەمگەن بۋلىشى شەرت، دەپ قارايدۇ. ھازىرقى زامان ئۆلىمالىرىدىن مۇتلەق كۆپ سانلىقى بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرىدۇ. بۇ مەسىلە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ » ئېمىلداشلىق بەش قېتىم تۋيۇپ ئېمىش بىلەن بولىدۇ « دېگەن ھەدىسى بىلەن بەلگىلەنگەن. ھەتتا ئىما م مۇسلىم ئائىشەدىن رىۋايەت قىلىغان بۇ ھەدىسنىڭ ئەسلى قۇرئان ئىكەنلىكىنى، ئاندىن ئۇنىڭ تىلاۋىتى ئەمەلدىن قىلىپ، ھۆكۈمى قالغانلىقىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بۋلغانغا قەدەر ئەھۋال شۇنداق داۋام قىلغانلىقىنى بايان قىلغان. چۈنكى ئەمگۈچى بالا ئېمىتكۈچى ئاي لانىڭ بالىسىغا، بۇ ئايالنىڭ بالىلىرى ئەمگۈچى بالىنىڭ سۈت قېرىنداشلىرىغا ئايلىنىشى ئۈچۈن ئەمگەن بۇ سۈتنىڭ ئۇنىڭ جىسمىغا رەسمىي تارقىلىپ، ئۇنىڭ ئۆسۈشىدە تەسىرى بۋلىشى شەرت. ئەگەر ئۇنداق بۋلمىغاندا، بىر ياكى ئىككى يۇتۇم سۈت ھېچ نەرسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: » بىر ياكى ئىككى قېتىم ئېمىش بىلەن ئېمىلداشلىق بولمايدۇ. « ھەنەفىي ۋە باشقا مەزھەپلەرنىڭ » ئېمىلداشلىق بىر ياكى ئىككى ئېمىش بىلەنلا بولىدۇ « دېگەن رەيى ئەمەل قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ.
3 . ئېمى شنىڭ ۋاقتى
بۆلۈم: “3 . ئېمى شنىڭ ۋاقتى”ئېمىلداشلىق ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ئەمگۈچىنىڭ سۈتنى ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى ( ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى
ئەمچەكتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئەمگەن بۋلىشى شەرت. ئۆلىمالار بۇنىڭ ۋاقتىنى ئىككى يىل دەپ بېكىتكەن: ﴿وَالْوَالِدَاتُ يُرْضِعْنَ أَوْلَادَهُنَّ حَوْلَيْنِ كَامِلَيْنِ ۖ لِمَنْ أَرَادَ أَنيُتِمَّلارَّضَاعَةَ﴾ يەنى ئانىلار (بالىلارنى ئېمىتىش مۇددىتىدە( تۋلۇق ئېمىتمەكچى بولسا، تۋلۇق ئىككى يىل ئېمىتىشى لازىم دېگەن ئايەتكە ئاساسەن، ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئېمىتىشىنىڭ ئەڭ كۆپ مىقدارى ئىككى يىلدۇر. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: » بالا ئەمچەكتىن ئايرىلغاندىن كېيىن )ئەمگەن سۈت بىلەن( ئېمىلداشلىق بولمايدۇ « دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە » ئېمىلداشلىق ئەمچەكتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئۈچەي تۋلغىچە ئېمىش بىلەنلا بولىدۇ « دېگەن. ئېمىلداشلىقنىڭ دائىرىسى ئەمگۈچىنىڭئ ۆزى ۋە بالىلىرىدىن باشقا، ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ بۇ ئېمىلداشلىق بىلەن مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. مەسىلەن: بىراۋ بۋۋاق ۋاقتىدا ئەمچەكتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن بىر ئايالنىڭ سۈتىنى ئاز دېگەندە بەش قېتىم تۋيغۇچە ئەمگەن بولسا، بۇ كىشى شۇ ئايالنىڭ سۈت بالىسى ۋە بۇ ئايالنىڭ بالىلىرى بۇ كىشىنىڭ سۈت قېرىنداشلىرىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. نەتىجىدە، بۇ كىشى ئۇ ئايالغا ياكى ئۇنىڭ بالىلىرىغا ياكى نەۋرىلىرىگە مەڭگۈلۈك ئۆيلىنەلمەيدۇ. ئەمگۈچىنىڭ ئەر ياكى ئايال بۋلىشىدا پەرق يوق.
( بەقەرە سۈرىسى 332 - ئايەت
ئەبۇداۋۇد تىيالىسىي رىۋايىتى تىرمىزى رىۋايىتى
ئەمما ئۇ كىشىنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ ئېمىلداشلىق تەرەپتىن بولغان سۈت قېرىنداشلىرى بىلەن ئۆزئارا نىكاھلىنالايدۇ. چۈنكى ئېمىلداشلىق سۈتنى ئەمگەن كىشى ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، ئېمىتكۈچى ئايال بىلەن ئەمگۈچىنىڭ ئاتىسى، بۋۋىسى، تاغىلىرى ۋە باشقا تۇغقانلىرىنىڭ ئېمىلداشلىق تە رەپتىن مۇناسىۋىتى يۋقتۇر. يەنى ئۇلار بۇ ئايالغا نىكاھلىنالايدۇ. دۋكتۇر يۈسۈپ ئەل قەرداۋىي » ھازىرقى زامان پەتىۋالىرى « ناملىق ئەسەرىدە مۇندا دەپ يازغان: » جىمى ئىسلام ئۇممىتى ئەمگۈچى مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن، ئېمىتكۈچى ئايالنىڭ سۈتىنى بەلگىلەنگەن )ئايالنىڭ ئەمچىكىدىن ئەمگەن بۋلىشى، ئەمچەكتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئەمگەن بۋلىشى ۋە ئاز دېگەندە بەش قېتىم تۋيغۇچە ئەمگەن بۋلىشى قاتارلىق( شەرتى، مىقدارى، كەيپىيىتى بۋيىچە ئەمگەندىن كېيىن، ئەمگۈچىنىڭ ئېمىتكۈچى ئايالنىڭ سۈت بالىسىغا، ئېمىتكۈچى ئايالنىڭ ئەمگۈچىنىڭ سۈت ئانىسىغا ئايلىنىدىغانلىقىغا، ئەمگۈچىنىڭ ئېمىتكۈچى ئايالنى نىكاھىغا مەڭگۈلۈك ئاللامايدىغانلىقىغا، نىكاھلىنىشنىڭ ھاراملىقى ئېمىتكۈچى ئايال بىلەن ئەمگۈچىنىڭ بالىلىرى ۋە ئەمگۈچى بىلەن ئېمىتكۈچىنىڭ بالىلىرى ئوتتۇرىسىدا داۋام قىلىدىغانلىقىغا ئىتتىپاقلاشق ان. « دۋكتۋر يۈسۈپ ئەل قەرداۋىينىڭ » فتاۋى مارة « ) ھازىرقى زامان پەتىۋالىرى( 3 - تۋم، 523 - بەت.
