Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

ئائىلە ھاياتى ھەققىدە سوئال - جاۋابلار (36 سوئال-جاۋاب) ۋە مەنبەلەر

This content is not yet available in your language.

ئائىلە ھاياتى ھەققىدە سوئال جاۋابلار

1 . سوئال: ناماز ئوقۇيدىغان، دىيانەتلىك ئۆسكەن قىزلارنى ناماز

بۆلۈم: “1 . سوئال: ناماز ئوقۇيدىغان، دىيانەتلىك ئۆسكەن قىزلارنى ناماز”

ئوقۇمايدىغان، دىيانەتتىن يىراق ئۆسكەن ئەرلەرگە ياتلىق قىلىشقا بولامدۇ؟ جاۋاب: ئاللاھ تائالانى تونۇپ، دىيانەت بىلە ن ئەخلاقلانغان ۋە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇيدىغان قىزلارنى دىيانەتسىز، ناماز ئوقۇمايدىغان ئەرلەرنىڭ بايلىقىنى ياكى ئابرۋ يىنى ۋە ياكى مەنسى پىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا ئۇلارغا ياتلىق قىلىش خاتادۇر. چۈنكى ئاياللار ئۋ مۇمەن ئېرىنىڭ مەزھىبىگە ئەگىشىدۇ. ئاۋامنىڭ » ئايالنىڭ مەزھىبى يوق « دېگەن سۆزىمۇ بۇ سەۋەبتىن ئېيتىلغان بولسا كېرەك. مۇسۇلمان ئاياللىرىنى مۇسۇلمان ئەمەس ئەرلەرگە ياتلىق قىلماسلىقنىڭ سەۋەبىمۇ بۇ ئىدى. ئۋغۇللارنىمۇ ئائىلە تەربىيەسى ياخشى بۋلمىغان ئۆزى پارقىراق، كۆڭلى قارا، دىيانەتسىز گۈزەللەرگە ئۆيلەندۈرمەسلىك كېرەك. بۇنداق قىلغان ئاتا ئانا بۇ خاتالىقىنىڭ جازاسىنى ئاۋۋال مۇشۇ دۇنيادا، ئاندىن ئاخىرەتتە چۋقۇم كۆرىدۇ. ئەگەر قىز ئۋغۇللار شۇنداقلارنى تاللىغان بولسىمۇ ئاتا ئانىلار ئۇنىڭغا قارشى چىقىشى ۋە رەت قىلى شى لازىم. گەرچە بالىلار ئاتا ئانىسىغا نىسبەتەن ئۋقۇمۇشلۇق ۋە بىلىم سەۋىيەلىك بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلار ئاتا ئانىسىنىڭ تەجرىبىسىگە ۋە يول كۆرسىتىشىگە ھەر زامان مۇھتاجدۇر. چۈنكى ياشلار كۆپرەك ھېسسىياتقا تايىنىپ ئىش كۆرىدۇ. ئەمما ئاتا ئانىلار سۋغۇق قانلىق بىلەن ئۋيلاپ ئىش كۆرىدۇ. قىز ئۋغۇللار بۇ ماۋزۇدا ئاتا ئانىسىنىڭ سۆزىنى كۆپرەك ئاڭلىشى كېرەك. چۈنكى دۇنيادا ھېچ قانداق بىر ئاتا ياكى ئانا بالىلىرىنىڭ بەختسىز بۋلۇشىنى خالىمايدۇ. بەلكى ئۇلار بالىلىرىنىڭ بەخت سائادىتى ئۈچۈنلا ياشايدۇ. بالىلارغا نىسبەتە ن،

ئاتا ئانىلار كۆپنى بىلىدۇ ۋە ياخشى ياماننى پەرق ئېتەلەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش كېرەك.

2 . سوئال: ئاۋامنىڭ ئېتىقادىدا: بىراۋ بىر ئايال بىلەن زىنا قىلىپ

بۆلۈم: “2 . سوئال: ئاۋامنىڭ ئېتىقادىدا: بىراۋ بىر ئايال بىلەن زىنا قىلىپ”

بولۇپ، ئاندىن ئىككىسى ئۆيلەنمەكچى بولسا، بۇ ئىككىسىنىڭ قىلماقچى بولغان نىكاھى چۈشمەيدۇ ، دە يدىغان چۈشەنجە بار، بۇنىڭ دىنىمىزدا ئاساسى بارمۇ؟ جاۋاب: ئاز ساندىكى بەزى ئالىملار بۇنداق نىكاھنى دۇرۇس ئەمەس دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرى ۋە باشقىمۇ ئالىملار نىكاھلىنىشنىڭ شەرتلىرى )يەنى قىز يىگىتنىڭ رازىلىقى، گۇۋاھچىلارنىڭ ھازىر بول ۇشى قاتارلىق شەرتلىرى( تۋلۇق بولغان ئىكەن، بۇنداق نىكاھ دۇرۇس ۋە چۈشىدۇ دەپ قارايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ يەنى ﴿ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار﴾، ﴿وَلَا تَقْتُلُوا أَنفُسَكُمْ﴾ زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ. زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىككىال تې گىدۇ . ئۇ مۆمىنلەرگە ھارام قىلىندى دېگەن . بۇ ئايەتكە ئاساسەن، زىنا قىلغۇچى ئەر بىلەن زىنا قىلغۇچى ئايال بىر بىرى بىلەن بولسۇن ياكى باشقىسى بىلەن بولسۇن نىكاھنىڭ شەرتلىرىنىڭ تۋلۇق بۋلۇش شەرتى بىلەن نىكاھلىنالايدۇ. بەلكى بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى، بىر بىرى بىلەن زىنا قىلغان ئەر بىلەن ئايال ) ( نۇر سۈرىسى 3 ئايەت

ئىككىسىنىڭ بىر بىرى بىلەنلا ئۆيلىنىشى كېرەكلىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئەمما زىنا قىلغۇچى ئەر ياكى ئايال ئەگەر مۇسۇلمان بولسا، ئۇنىڭ مۇشرىك )بۇتپەرەس( بىلەن ئۆيلىنىشى ياكى ئۇنىڭغا ياتلىق بۋلۇشى دۇرۇس ئەمەستۇر.

3 . ئۆيلنىشىتىن بۇرۇن بىر بىرى بىلەن زىنا قىلغان ئەر ئايالنىڭ

بۆلۈم: “3 . ئۆيلنىشىتىن بۇرۇن بىر بىرى بىلەن زىنا قىلغان ئەر ئايالنىڭ”

بۇ ئۆيلىنىشى ئۇلارنىڭ قىلغان زىنالىرىنىڭ گۇن اھى ئۈچۈن كاپارەت )يەنى كەچۈرۈم( سانالامدۇ؟ جاۋاب: ياق، ئۇلارنىڭ ئۆيلىنىشى ئۇلارنىڭ بۇرۇن قىلغان زىنالىرىنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن كاپارەت سانالمايدۇ. بەلكى ئۇلار گۇناھلىرى ئۈچۈن ئايرىم تەۋبە قىلىشى لازىم. ئۇلار زىنادىن ساقلىنىش نىيىتى بىلەن ئۆيلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئايرىم ساۋاب تاپىدۇ. چۈنكى، ھارامدىن ساقلىنىش ساۋاپلىق ئىشتۇر.

4 . سوئال: ئايال ئۆزىنىڭ مەشغۇلىيىتى ياكى ھارغىنلىقى

بۆلۈم: “4 . سوئال: ئايال ئۆزىنىڭ مەشغۇلىيىتى ياكى ھارغىنلىقى”

سەۋەبىدىن ئېرىنىڭ رىغبىتىگە ئۇنىمىسا توغرا بۋ المدۇ؟ جاۋاب: ئايالنىڭ مەشغۇلىيىتى قانچىلىك مۇھىم بۋلىشىدىن، قانچىلىك ھارغىن بۋلۇشىدىن قەتئىنەزە ر ئېرىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىشى مۇھىمدۇر. ئەگەر ئايال ئۇنداق قىلمىغاندا، ئېرىنىڭ سىرتقا قاراپ قېلىشىغا سەۋەبكار بولىدۇ. نەتىجىدە، زىياننى ئايال تارتقان بولىدۇ. ئەگەر ئايال ئادەت كۆرگەن ياكى تۇغۇتنىڭ قېنىدىن پاك بۋلمىغان ھالەتتە بولسا، ئېرىنىڭ ئۇنى جىنسىي مۇنا سىۋەتكە زۋرلىشى توغرا ئەمەس. بۇنداق ئەرمۇ گۇناھكار بولىدۇ.

5 . سوئال: ئادەت ياكى تۇغۇتنىڭ ئۆزرىسىنى باھانە قىلىپ ئايالنىڭ

بۆلۈم: “5 . سوئال: ئادەت ياكى تۇغۇتنىڭ ئۆزرىسىنى باھانە قىلىپ ئايالنىڭ”

ئېرىدىن يىراقلىشىپ، ئايرىم يېتىۋېلىشى تۋغرىمۇ؟

جاۋاب: توغرا ئەمەس، چۈنكى ئەرنىڭ، ئايالى ئادەت كۆرگەن ياكى تۇغۇتلۇق بولغان ھاللىرىدىمۇ، )كىيىمىنى يەشمەستىن( ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يېتىشى، كۆڭۈل ئېچىشى ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن باشقا يېقىنچىلىقلارنى قىلىشى ھەققىدۇر. مۇنداق قىلىش ئەر ئايال ھەر ئىككىسى ئۈچۈن ياخشى. ئەمما ئەر ئۆزىنىڭ ھەۋىسىنى ئىدارە قىلالماستىن، مەنئى قىلىنغان ئىشنى ئىشلەپ قۋيۇشىدىن قۋرقسا بىرگە ياتمىغىنى ۋە ئايالىغا ئارتۇقچە يېقىنلاشمىغىنى ياخشىدۇر.

6 . سوئال: ئايالى ئادەت كۆرگەن ياكى تۇغۇتلۇق بولغان ۋاقىتتا

بۆلۈم: “6 . سوئال: ئايالى ئادەت كۆرگەن ياكى تۇغۇتلۇق بولغان ۋاقىتتا”

ئۇنىڭ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن كىشى ئۈچۈن كاپارەت كېلەمدۇ؟ جاۋاب: ئەر ئايال ھەرئىككىسى بۇ ھالەتتە گۇناھكار بولىدۇ. ئە گەر ئېرى ئايالىنىڭ ئىختىيارىسىز ھالدا بۇ ئىشنى زۋرلۇق بىلەن قىلغان بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئېرىال گۇناھكار بولىدۇ. ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىشى لازىم كېلىدۇ. ئەمما كاپارەت)ماددىي جازا( توغرۇلۇق بەزى ئالىملار ئۇنىڭغا كاپارەت يوق، پەقەت تەۋبە قىلىشى لازىم كېلىدۇ، دىسە، بە زى ئالىملار تەۋبە بىلەن كاپارەت بىرگە لازىم كېلىدۇ، دەيدۇ. ئەڭ ياخشىسى بۇ گۇناھنى ئىشلىگەن كىشى تەۋبە قىلىش بىلەن بىرگە مال دۇنياسىدىن مەلۇم مىقداردا سەدەقە بېرىپ كاپارىتىنى ئادا قىلسا بولىدۇ.

7 . سوئال: ئەر خۋتۇنلار ئۆزلىرىنىڭ جىنسىي ھەۋەسلىرىنى

بۆلۈم: “7 . سوئال: ئەر خۋتۇنلار ئۆزلىرىنىڭ جىنسىي ھەۋەسلىرىنى”

قۋزغىتىشئ ۈچۈن جىنسىي فىلىملەرنى كۆرسە بولامدۇ؟ جاۋاب: قەتئىي بولمايدۇ، چۈنكى ئەر ئايال بۋلمىغان ئىككى جىنسنىڭ بىر بىرىگە تىكىلىپ قارىشى قۇرئاننىڭ ھۆكۈمى بىلەن قەتئىي ھارام بولغان يەردە، فىلىملاردا بولسىمۇ باشقىلارنىڭ ئۋچ ۇق

بەدەنلىرىگە قاراش قانداقمۇ جائىز بۋلسۇ ن؟! بەزىلەر فىلىم دېگەن رەسىم ۋە خىيالدىن ئىبارەت نەرسە بولغاچقا، ئۇنى كۆرسە بۋلمامدۇ؟ دېيىشى مۇمكىن ، لېكىن فىلىم رەسىم بولسىمۇ، ئۇ، كىشىلەرنىڭ ئۆز سۈرىتىدۇر. ئۇنى كۆرۈش ھارامدۇر. ئۇ خىيالمۇ ئەمەس، بەلكى ئەينەن سۈرەتتۇر.

8 . سوئال: ئۆيلىنىشكە پۈتۈشكەن قىز بىلەن يىگىتنىڭ ئاتا

بۆلۈم: “8 . سوئال: ئۆيلىنىشكە پۈتۈشكەن قىز بىلەن يىگىتنىڭ ئاتا”

ئانىسى ئۇلارنىڭ توي قىلىشىغا مۇۋاپىق كەلمىگىنى ئۈچۈن قىزنى ئېلىپ قېچىش توغرا بولامدۇ؟ جاۋاب: توغرا بولمايدۇ، چۈنكى مۇنداق قىلىش گەرچە نىكاھنىڭ شەرتلىرىگە نۋقسان يەتكۈزمىگەن بولسىمۇ، ئىسلام ئەخلاقىغا ۋە تەلىماتىغا خىلاپ ئىشتۇر. قىزلارنى، ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىسىنى قايىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ قۋلىدىن ئېلىش دىنىمىزنىڭ ئەخلاقىدىندۇر.

9 . سوئال: ئاتا ئانىسى مۇۋاپىق كەلمەسلىكتە چىڭ تۇرىۋالسا نېمە

بۆلۈم: “9 . سوئال: ئاتا ئانىسى مۇۋاپىق كەلمەسلىكتە چىڭ تۇرىۋالسا نېمە”

قىلىش كېرەك؟ جاۋاب: يۇرتنىڭ مۋتىۋەرلىرىنى، ئاتا ئانىسىنىڭ يېقىن ئادەملىرىنى، ئۆلۈمالارنى ئارىغا سېلىش ئارقىلىق ئۇلارغا ۋەز نەسھەت ئېيتقۇزۇش ئەگەر ئىككىسى توي قىلمىغاندا، بىر بىرىدىن ۋازكىچەلمىگەنلىكتىن يۋلسىز، بىنۋرمال ئىشلارنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىدىن، ئاتا ئانىنىڭ ئاخىرى پۇشايمان تارتىپ قالىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى قايىل قىلىش ، سەۋر چانلىق بىلەن ئۇلارنى قايىل قىلىشقا تىرىشىش كېرەك.

01 . سوئال: بەزى كشىلەر تىز مەنى تۆكۈلىشىدىن شىكايەت قىلىدۇ.

بۆلۈم: “01 . سوئال: بەزى كشىلەر تىز مەنى تۆكۈلىشىدىن شىكايەت قىلىدۇ.”

ئۇلار قانداق قىلىشى كېرەك؟

جاۋاب: ئۇلار جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغان ۋاقتىدا خىيالىنى باشقا يەرگە بېرىشى، ھەرىكەتنى كۆپ قىلماسلىقى، ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇپ، ھاياجانلانماسلىقى ۋە ئالدىراپ كەتمەسلىكى ئارقىلىق بۇ ھالەتكە تاقابىل تۇرالايدۇ.

11 . جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە ئېھتىلامدىن باشقا ھاللاردا تۆكۈ لگەن

بۆلۈم: “11 . جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە ئېھتىلامدىن باشقا ھاللاردا تۆكۈ لگەن”

سپېرمىنىڭ زىيىنى بارمۇ؟ جاۋاب: ئەلۋەتتە زىيىنى بار. ئۇ، كىشىنىڭ جىسمىي ۋە رۋھىي جەھەتتىن ئاجىزلىشىشىغا سەۋ ەب بولىدۇ. بۇنداق ھالەتنىڭ ئىنساننىڭ تەن ساقلىقىغا زىيىنى بارلىقىنى تېببىي مۇتەخەسسىسلەر تەكىتلەپ كەلمەكتە .

21 . سوئال: ئۆيلىنىشكە شەرت شارائىتى يار بەرمىگەنلەر ئۆزلىرىنى

بۆلۈم: “21 . سوئال: ئۆيلىنىشكە شەرت شارائىتى يار بەرمىگەنلەر ئۆزلىرىنى”

ھارامدىن ساقلاش ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەك؟ جاۋاب: ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆر سەتمىسى بۋيىچە، رۋزا تۇتۇشى كېرەك. چۈنكى رۋزا تۇتۇش جىنسىي شەھۋەتنى ئازايتىدۇ. مۇندىن باشقا چارىلەرمۇ بار، مەسىلەن: نامەھرەم ئاياللارغا تىكىلىپ قارىماسلىق، قۇرئان ئۋقۇشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىش، جىنسىي ھېكايە، ژۇرناللارنى ئۋقۇماسلىق ۋە جىنسىي فىلىمل ە رنى كۆرمەسلىك، ئەڭ مۇھىمى پىكىر خىيالىنى باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىش، ئاياللار توغرۇلۇق ئۋيلانماسلىق قاتارلىقلار ئۇلارغا سەۋر تاقەت ئاتا قىلىدۇ.

31 . سوئال: تۇغۇت جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئايال شې ھىدلىق

بۆلۈم: “31 . سوئال: تۇغۇت جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئايال شې ھىدلىق”

دەرىجىسىدە ئۆلگەن بولىدۇ، دېيىلىدۇ. بۇ سۆزنىڭ ئاساسى بارمۇ؟ جاۋاب: تۇغۇت جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئايالنى كۆپلىگەن ئالىملار شې ھىدلار قاتارىدىن سانايدۇ. بۇمۇ ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى بىلەن

بولىدۇ.

41 . سوئال: قىز يىگىتلەر ئۆيلىنىپ بۋلغاندىن كېيىن،

بۆلۈم: “41 . سوئال: قىز يىگىتلەر ئۆيلىنىپ بۋلغاندىن كېيىن،”

ئىككىسىنىڭ ئېمىلداش ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپسا ئۇلار نېمە قىلىدۇ؟ جاۋاب : ئىككىسىنىڭ ئېمىلداش ئىكەنلىكىنى بىلگەن ھامان نىكاھتىن ئايرىلىشى كېرەك. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئىككىسىنىڭ ئېمىلداش ئىكەنلىكىنى بىلمەستىن ئۆتكۈزگەن ئەر خۋتۇنچىلىقى ئۈچۈن گۇناھ بۋلمىسىمۇ ، بىلگەندىن كېيىن نىكاھى بۇزۇلغان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئېمىلداش ئىكەنلىكىنى ئىشەنچىلىك دەلىل ئىسپاتلار ئارقىلىق بىلگەندىن كېيىنمۇ، نىكاھتىن ئايرىلماي داۋام قىلىۋەرسە، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى زىنا قىلغان بولىدۇ. ئەمما ئىككىسىنىڭ ئېمىلداش ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ۋاقىتلىرىدىكى تاپقان بالىلىرى زىنا بالىلىرى ھېسابلانمايدۇ. بەلكى ئاتا ئانىسىنىڭ نەسىبىگە قۋشۇلىدۇ.

51 . سوئال: ئەرنىڭ ئايالىنى سىرتتا ئىشلەشتىن مەنئى قىلىش

بۆلۈم: “51 . سوئال: ئەرنىڭ ئايالىنى سىرتتا ئىشلەشتىن مەنئى قىلىش”

ھوقۇقى بارمۇ؟ جاۋاب: ئەلۋەتتە بار. ئائىلىسىنىڭ بەخت سائادىتىنى كۆزلىگەن ئەر ئايالىنى سىرتتا ئىشلەشكە چىقارماستىن، بەلكى ئائىلىسىنىڭ پۈتۈن ئېھتىياجلىرىنى ئۆزى ھەل قىلىدۇ. ئېرى ئەگەر ئايالىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى نورمال دەرىجىدە قامداپ بېرەلمىگەن بولسا، بۋۋاقىتتا ئايالىنى سىرتتا، ئۆزىگە مۇناسىپ، شەرەپلىك ئىشتا ئىشلەشتىن تۋسالمايدۇ.

61 . سوئال: بەزى ئاياللار تىرناقلىرىنى بۋ يىۋالىدۇ، بۇ بۋ ياق

بۆلۈم: “61 . سوئال: بەزى ئاياللار تىرناقلىرىنى بۋ يىۋالىدۇ، بۇ بۋ ياق”

ئۇلارنىڭ تاھارەت ئېلىش ۋە غۇسلى قىلىشىغا تۋسقۇن بۇالمدۇ؟

جاۋ اب: ئەلۋەتتە تۋسقۇن بولىدۇ. چۈنكى تاھارەت ۋە غۋسۇلدا سۇنى يۇيۇلغان ئەزالارغا ئۆتكۈزۈش شەرتتۇر. ھالبۇكى، تىرناقلىرىنى بۋ يىۋالغان ئايال تاھارەت ئالسا ياكى يۇيۇنسا سۇ ئۇنىڭ تىرناقلىرىغا ئۆتمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار تاھارەت ئېلىش ياكى غۋسلە قىلىشتىن بۇرۇن تىرناقلىرىدىكى بۋ ياقلىرىنى تازىلاپ چىقىرىپ بولۇپ، ئاندىن تاھارەت ئېلىشى ياكى يۇيۇنۇشى كېرەك. ئەمما تەبىئىي خېنە بىلەن پۇت - قۋللىرىنى بۋيىغان ئايال تاھارەت ئالغاندا ياكى يۇيۇنغاندا، بۇلارنى چىقىرىشقا ھاجەت يوق.

71 . سوئال: تۇغۇ لماقچى بولغان بالىنىڭ ساغلىق تەرەپتىن كەمتۈك

بۆلۈم: “71 . سوئال: تۇغۇ لماقچى بولغان بالىنىڭ ساغلىق تەرەپتىن كەمتۈك”

تۇغۇلىدىغانلىقى دۇختۇرلار تەرىپىدىن بىلىنسە، ئۇنى چۈشۈرىۋېتىشقا بولامدۇ؟ جاۋاب: توغرا بولمايدۇ. چۈنكى مۇنداق قىلىش بىر جانغا جىنايەت قىلغانلىق بولىدۇ. ئۇنى خۇددى بېجىرىم تۇغۇلىدىغان بالىنى كۈتىۋالغاندەك، كۈتىۋې لىش، قالغىنىنى ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرۇش كېرەك.

81 . سوئال: نىكاھنى يۇرتنىڭ مۋتىۋەر ئۆلۈماسى ياكى مەسجىدنىڭ

بۆلۈم: “81 . سوئال: نىكاھنى يۇرتنىڭ مۋتىۋەر ئۆلۈماسى ياكى مەسجىدنىڭ”

ئىمامى قىلىشى شەرتمۇ؟ جاۋاب: نىكاھنىڭ شەرتلىرى تۋلۇق بۋلۇشى شەرتى بىلەن نىكاھنى ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان، ئاقىل، بالىغ كىشى ئوقۇسا بولىدۇ. ئىككى مۇسۇلما ن گۇۋاھچىنى ھازىرقىلىپ تۇرۇپ ئەر خوتۇن بۋلماقچى بولغان ئىككىسى ئۆزلىرىنىڭ نىكاھلىرىنى » ئالدىم « ۋە » تەگدىم « دېگەن ئىبارىلەر بىلەن ئۆزلىرى ئۋرۇندىسىمۇ بولىدۇ. نىكاھنىڭ دۇرۇس بۋلۇشىنىڭ شەرتلىرى دېگىنىمىز يۋقۇرىدا » نىكاھنىڭ شەرتلىرى « دېگەن بۆلۈمدە ئېيتىلغاند ەك، ئەر ئايال ئىككىسىنىڭ

رازىلىقى ۋە مۇسۇلمان ئىككى ئەر گۇۋاھچىنىڭ ھازىر بۋلۇشىدىن ئىبارەتتۇر.

91 . سوئال: ئەر ئاياللار تۇرمۇشتا بەختلىك بولالمىغانلىق ياكى

بۆلۈم: “91 . سوئال: ئەر ئاياللار تۇرمۇشتا بەختلىك بولالمىغانلىق ياكى”

باشقا سەۋەبلەر بىلەن ئاجراشقاندا، ئەرنىڭ ئايالىغا بۇرۇن بەرگەن تۋيلىقى ياكى مەھرىدىن بىر قىسمىنى ئېلىۋېلىشى ياكى تەلەپ قىلىشى دۇرۇسمۇ؟ جاۋاب: ئەرنىڭ ئايالىغا بەرگەن نەرسىلىرىنى ئېلىۋېلىشى ياكى ئۇنى تەلەپ قىلىشى جائىز ئەمەستۇر. چۈنكى ئايالىغا بېرىلگەن نەرسىلەر ئۇنىڭغا نىكاھنىڭ سەۋەبى بىلەن بەلگىلەنگەن ھەقتۇر. ئاجراشقان سەۋەبتىن ئۇنى ئېلىۋېلىش ياكى ئېلىشنى تەلەپ قىلىش توغرا ئەمەس. بەرگەن نەرسىلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە زۋرلاپ ئايالىنىڭ خېتىنى بەرمەي ئارقىغا سۈرۈشمۇ ھەددىدىن ئاشقان نامەرتلىك ۋە چۇپەيلىكتۇر. ئاياللار ئاجىز ۋە شەپقەتكە ئېھتىياجلىق بىر جىنس. ئۇلارغا شەپقەتلىك ۋە كەڭ قۇرساق بۋلۇش كېرەك. ئەگەر ئاي ال ئۆز ئىختىيارى بىلەن ھېچبىر زۋرلۇقسىز ھالدا، تۇياقتىن ياكى مەھرىدىن بىر قىسىم نەرسىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى خالىسا، ئۇنى ئالسا بولىدۇ. چۈنكى ئايال بۇ ۋاقىتتا ئۆز رازىلىقى بىلەن ئۆز ھەققىدىن كەچكەن بولىدۇ. ئەمما ئەخلاقلىق، ئېسىل كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئۇنى قۋ بۇل قىلىشمۇ ئۋ ڭايغا تۋختىمايدۇ، ئەلۋەتتە.

02 . سوئال: ئايال بېشىنى يۆگەش نىيىتىدە چېچىنىڭ ئۈستىگە

بۆلۈم: “02 . سوئال: ئايال بېشىنى يۆگەش نىيىتىدە چېچىنىڭ ئۈستىگە”

ياسىما چاچ كىيىۋالسا، بۇ ئىسلامدا بۇيرۇلغان ئىسلامىي قىياپەتتىكى رۋمال قاتارىغا كىرەمدۇ؟ جاۋاب: ئاياللارنىڭ بېشىغا چاچ كىيىۋېلىشى رۋمال قاتارىغا

كىرمەيدۇ. ئەگە ر ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسلامىي قىياپەتتىكى رۋمال ئارتىپ بېشىنى ئۇنىڭ بىلەن يۆگىسە، بۇ ۋاقىتتا ئۇ، ئىسلامىي رۋمال ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بېشى ئۋچۇقال تۇرىدىكەن، ئۇ، ئىسلام شەرىئىتىگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ.

12 . سوئال: ۋەسىيەت دېگەن نېمە؟

بۆلۈم: “12 . سوئال: ۋەسىيەت دېگەن نېمە؟”

جاۋاب: ۋەسىيەت – بىراۋ ئىگىد ارچىلىقىدىكى نەرسىلىرىدىن بىر قىسىمىنى ئۆزىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تەسەررۇپ قىلىشقا تاپشۇرۇشى دېگەنلىك بولۇپ، ۋەسىيەت ئۆلگۈچىنىڭ مال – دۇنياسىدىن قەرزىسى بولسا تۆلەش ياكى ئۆز تەلىبىگە ئاساسەن، بىراۋغا بىر نەرسە بېرىش ياكى ئۋمۇمغا پايدىلىق بولغان ئىشلارغا سەرپ قىلىش قاتارلىق ھەر خىل شەكىلدە بولىدۇ.

22 . سوئال: ۋەسىيەت قاچان ئۋرۇندىلىدۇ؟

بۆلۈم: “22 . سوئال: ۋەسىيەت قاچان ئۋرۇندىلىدۇ؟”

جاۋاب: ۋەسىيەت مىراسنى تەقسىم قىلىشتىن ئاۋۋال ئۋرۇندىلىدۇ.

32 . سوئال: ۋەسىيەت قىلىشنىڭ شەرتى نېمە؟

بۆلۈم: “32 . سوئال: ۋەسىيەت قىلىشنىڭ شەرتى نېمە؟”

جاۋاب: ۋەسىيەت قىلىشنىڭ شەرتى تۆۋەندىكىچە: (1) ۋەسىيەت قىلغۇچىنىڭ با الغەت يېشىغا يەتكەن بىرى بول ى شى . (2) ۋەسىيەت قىلغۇچىنىڭ ئەقلى – ھۋشى جايىدا بول ى شى . (3) ۋەسىيەتنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلغان بولىشى، زۋرلانغان بۋلماسلىقى. (4) ۋەسىيەت قىلماقچى بولغان نەرسىنىڭ ئۆز ئىلكىدە بول ى شى، باشقا بىرىنىڭ ھەققى ياكى تېخى قولىغا ئۆتمىگەن نەرسە بۋلماسلىقى. (5) ۋەسىيەت قىلماقچى بولغان نەرسىنىڭ ھالال نەرسىلەردىن بول ى شى ، ھاراق، تاماكا ۋە ھەر قانداق بىر ھارام نەرسە بۋلماسلىقى. (6) ۋەسىيەتنىڭ ۋارىسلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق بۋلماسلىقى.

42 . سوئال: ۋەسىيەت قىلىشنىڭ ھۆكۈمى نېمە؟

بۆلۈم: “42 . سوئال: ۋەسىيەت قىلىشنىڭ ھۆكۈمى نېمە؟”

جاۋاب: ۋەسىيەت قىلىش ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى پەرز، يەنە بىرى، مۇستەھەبتۇر.

52 . سوئال: قايسى ۋاقىتتا ۋەسىيەت قىلىش پەرز بولىدۇ؟

بۆلۈم: “52 . سوئال: قايسى ۋاقىتتا ۋەسىيەت قىلىش پەرز بولىدۇ؟”

جاۋاب: ئۈستىدە بىراۋغا تۆلەشكە تېگىشلىك قەرز ياكى بېرەلمىگەن زاكات بولسا، مۇنداق كىشىنىڭ بۇ ماۋزۇدا ۋەسىيەت قىلىشى ۋە ۋەسىيەتنى ھۆججەت قىلىپ يازدۇرۇپ قالدۇرۇشى پەرزدۇر. چۈنكى مۇنداق قىلمىغاندا ھەق – ھۋقۇقلار جايىغا تەگمىگەن بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە: » قانداقلا بىر مۇسۇلماننىڭ ۋەسىيەت قىلىدىغان بىرەر ئىشى بولۇپ، ۋەسىيەت ھۆججىتىنى تاماملىماستىن بىر كېچىدىن ئارتۇق ۋا قىت ئۆتكۈزۈشى جائىز ئەمەس « دەپ كۆرسەتكەن.

62 . سوئال: قايسى ۋاقىتتا ۋەسىيەت قىلىش مۇستەھەب )ساۋابلىق(

بۆلۈم: “62 . سوئال: قايسى ۋاقىتتا ۋەسىيەت قىلىش مۇستەھەب )ساۋابلىق(”

بولىدۇ؟ جاۋاب: ئۈستىدە قەرز ياكى بېرەلمىگەن زاكات قالمىغان كىشىنىڭ مال – دۇنياسىدىن بىر قىسمىنى خالىسانە ياخشى ئىشلارغا سەرپ قىلىش ياكى مىراسخۋرلىرىنىڭ سىرتىدىكى مەلۇم شەخسلەرگە بېرىش ئۈچۈن ۋەسىيەت قىلىشى مۇستەھەبتۇر. ئەمما ۋارىسلىرىغا زىيان يەتكۈزۈش تەرىقىسىدە ۋەسىيەت قىلىش ھارامدۇر.

72 . سوئال: ۋەسىيەتنى كىملەرگە قىلىشقا بولمايدۇ؟

بۆلۈم: “72 . سوئال: ۋەسىيەتنى كىملەرگە قىلىشقا بولمايدۇ؟”

جاۋاب: بىراۋنىڭ ئۆز ۋارىسلىرىدىن بىرەرسىگە ياكى بىر قانچىسىغا ئۆزى ئۆلگەندىن كېيىن ، تېگىشلىك مىراستىن تاشقىرى ئارتۇق بىر ) ( ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى .

نەرسە بېرىلىشىنى ۋەسىيەت قىلىشى توغرا ئەمەس. مۇنداق ۋەسىيەت يۈرگۈزۈلمەيدۇ. ئەگەر باشقا ۋارىسلار بۇ ۋەسىيەتنى يۈرگۈزۈشكە رازى بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئۇ مەزكۇر ۋارىسلارنىڭ ھەدىيەسى ياكى ياردىمى سۈپىتىدە ئەمەلگە ئاشىدۇ.

82 . سوئال: ۋەسىيەت قىلىشنىڭ قانداق ساۋابى بار؟

بۆلۈم: “82 . سوئال: ۋەسىيەت قىلىشنىڭ قانداق ساۋابى بار؟”

جاۋاب: ۋەسىيەت قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئادەت قىلغان ياخشى ئەمەللەردىن بىرى بولۇپ، مۇكاپاتى قىيامەت كۈنى بېرىلىدىغان، ساۋابى ئۆلگەندىن كېيىنمۇ داۋام قىلىپ تۇرىدىغان، كىشىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغانپ ەزىلەتلىك ئىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: » ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ پۈتۈن ئەمەلى ئۈزۈلۈپ، پەقەت ئۈچ ئىشنىڭ ساۋابىال داۋام قىلىدۇ. ئۇلار: سەدىقە جارىيە )داۋام قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى ئىش(، پايدىلىق ئىلىم، ھەققىدە دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەر زەنت « دەپ كۆرسەتكەن. يەنى ئادەم ئۆلۈشتىن بۇرۇن يۇقىرىقى ئۈچ ئىشنى ياكى بۇلاردىن بىرەرسىنى قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ساۋابى ئۇ كىشى ئۆلگەندىن كېيىنمۇ، ئۇنىڭغا يېتىپ تۇرىدۇ.

92 . سوئال: ۋەسىيەت قىلىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟

بۆلۈم: “92 . سوئال: ۋەسىيەت قىلىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟”

جاۋاب: ۋەسىيەتنىڭ كۆپلىگەن پايدىلىرى با ر. ئۇلارنىڭ بەزىسى مۇنۇلار: (1) ھەق – ھۋقۇقلارنى زايە بۋلۇشتىن قۋغداش. چۈنكى ۋەسىيەت قىلغان ئادەم ئۈستىدە باشقىلارغا بېرىشكە تېگىشلىك ياكى ئۇلاردىن ئېلىشقا تېگىشلىك ھەقلەرنى ياكى ئۆزىدە قۋيۇلغان ئامانەت بولسا ياكى ) ( مۇسلى م رىۋايىتى .

بېرىلمىگەن زاكات بولسا ياكى ئۋرۇنداشقا تې گىشلىك مەنىۋى مەنپەئەتلەر بولسا، ئۇلارنى بايان قىلغان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەق - ھوقۇق ال ر ئۆز جايلىرىغا يەتكەن بولىدۇ. (2) مەسجىد بىنا قىلىش ياكى دۋختۇرخانا سېلىش ياكى يول ياساش ياكى قۇدۇق كۋلاپ قۋيۇش ياكى مەكتە پ - مەدرىسە ئېچىشقا ئوخشىغان ياخشى ئىشلارنى ئۆزىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن قىلىشنى ۋەسىيەت قىلىپ كەتكەن ئادەم تا قىيامەتكىچە بۇ ياخشى ئىشى ئۈچۈن ساۋابتىن بەھرىمەن بولۇپ تۇرىدۇ. ئۋمۇم خەلق بۇ ياخشى ئىشلارنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ. (3) كەمبەغەللەرنىڭ، يېتىم – يېسىرلارنىڭ ۋە باشقا ئېھتىياج ئىگىلىرىنىڭ ھاجەتلىرىنىقا مداشنى ۋەسىيەت قىلىپ كەتكەن ئادەم ئۇلارنى دەرتتىن چىقارغان، ئاخىرەتتە ساۋابىنى كۆرگەن بولىدۇ. يۇقىرىقىغا ئۋخشاش ئىشلارنىڭ ھاياتىدىن كېيىن ئۋرۇندىلىشىنى ۋەسىيەت قىلغان ئادەم بۇ ۋەسىيىتى ئۈچۈن كۆپ ساۋاب قازىنىدۇ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە مۇيەسسەر ۋە كىشىلەرنىڭ يا خشى دۇئالىرىغا سازاۋەر بولىدۇ. (4) قىلىنىپ كېلىۋاتقان خەير - ساخاۋەت ياكى قانداقلا بىر ياخشى ئىشنى ۋارىسلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ داۋام قىلدۇرۇشىنى ۋەسىيەت قىلىپ كەتكەن ئادەم بۇ ۋەسىيىتىنىڭ ساۋابىنى ئاخىرەتتە چۆقۇم كۆرىدۇ، بۇ دۇنيادىمۇ ئۇنىڭ ياخشى نا مى يادلىنىپ تۇرىدۇ.

03 . سوئال: مىراس دېگەن نېمە؟

بۆلۈم: “03 . سوئال: مىراس دېگەن نېمە؟”

جاۋاب: بىراۋ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا قالدۇرۇپ كەتكەن مال – دۇنيا ۋە باشقا ھەر قانداق نەرسىسى » مىراس « ياكى

» تەرى كە « دەپ ئاتىلىدۇ.

13 . سوئال: تەرى كىگە مۇناسىۋەتلىك ھەق – ھۋقۇقلار قايسىلار؟

بۆلۈم: “13 . سوئال: تەرى كىگە مۇناسىۋەتلىك ھەق – ھۋقۇقلار قايسىلار؟”

جاۋاب: تەركىگە مۇناسىۋەتلىك ھەق – ھۋقۇقلار تۆۋەندىكىلەر بولۇپ، مۇنۇ تەرتىب بۋيىچە ئىجرا قىلىنىدۇ: (1) مېيتنى قائىدە – يۋسۇن بۋيىچە يۇيۇپ - تاراش، كېپەنلەش ۋە دەپنە قىلىشقا قەدەر بولغان پۈتۈن چىقىملار ئۈچۈن مېيتنىڭ تەرىكىسىدىن ئىسراپ ياكى كەم قىلماستىن قائىدە بۋيىچە ئىشلىتىلىدۇ. (2) مېيتنىڭ ئۈستىدە قەزر بولسا ئۇنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق ئادا قىلىنىدۇ. (3) مېيتنىڭ ۋەسىيەتلىرىنى ئىجرا قىلىش. مېيتتىن مىراس ئېلىشقا ھەقلىق بولغان ۋارىسلىرىغا مىراسنىڭ سىرتىدا پۇل – مال بېرىشكە ۋەسىيەت قىلىشى توغرا ئەمەس . شۇنداق ۋەسىيەت قىلىنغان تەقدىردىمۇ، بۇ ۋەسىيەت يۈرگۈزۈلمەيدۇ . ئەمما مېيت ئۆزىنىڭ ۋارىسلىرىدىن بۋلمىغان بىرىگە پۇل – مېلىدىن بېرىشنى ۋەسىيەت قىلغان بولسا، ئۇ مېيتنىڭ تەرىكىسىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ئارتۇق بۋلماسلىق شەرتى بىلەن ئىجرا قىلىنىدۇ. )مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ( ۋ ەسىيىتى ۋارىسلارغا زى يان يەتكۈزمەيدىغان بۋلۇشى كېرەك (4) قالغان تەرىكە ۋارىسلار ئوتتۇرىسىدا شەرىئەت كۆرسەتمىسى بۋيىچە تەقسىم قىلىنىدۇ. قۇرئان كەرىم يۇقىرىقى تەرتىبكە ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: )مىراس تەقسىماتى( مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئۋرۇندالغان ياكى قەر زى تۆلىنىپ بۋلغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ . ) ( نىسا سۈرىسى 21 - ئايەت . ) ( نىسا سۈرىسى 21 - ئايەت .

23 . سوئال: مىراس ئېلىشنىڭ سەۋەبلىرى قايسىلار؟

بۆلۈم: “23 . سوئال: مىراس ئېلىشنىڭ سەۋەبلىرى قايسىلار؟”

جاۋاب: ئىككى سەۋەب بىلەن كىشىلەر بىر - بىرىدىن مىراس ئالالايدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى نەسەب، يەنە بىرى نىكاھتۇر.

33 . سوئال: نەسەب سەۋەبى بىلەن مىراس ئالىدىغانلار كىملەر؟

بۆلۈم: “33 . سوئال: نەسەب سەۋەبى بىلەن مىراس ئالىدىغانلار كىملەر؟”

جا ۋاب: نەسەب سەۋەبى بىلەن مىراس ئالىدىغانلار - مېيتنىڭ بالىلىرى، نەۋرىلىرى، بىر تۇغقانلىرى، بىر تۇغقانلىرىنىڭ بالىلىرى، ئاتا – ئانىسى، بۋۋا – مۋمىلىرى، دادا تەرەپ تاغىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرى قاتارلىق يېقىن تۇغقانلىرىدۇر.

43 . سوئال: نىكاھ سەۋەبى بىلەن مىراس ئالىدىغانلار كىملەر؟

بۆلۈم: “43 . سوئال: نىكاھ سەۋەبى بىلەن مىراس ئالىدىغانلار كىملەر؟”

جاۋاب: نىكاھ سەۋەبى بىلەن مىراس ئالىدىغانلار ئەر – خۋتۇنلار بولۇپ، بىراۋ بىر ئايالغا نىكاھلىنىپ تېخى ئۇلار بىر ياستۇققا باش قۋيماستىن ئۇلارنىڭ بىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ھايات قالغىنى ئۆلگەن جۋرىسىدىن مىراس ئالىدۇ.

53 . سوئال: مىراس ئې لىشتىن مەنئى قىلىنىدىغانلار كىملەر؟

بۆلۈم: “53 . سوئال: مىراس ئې لىشتىن مەنئى قىلىنىدىغانلار كىملەر؟”

جاۋاب: مىراس ئېلىشتىن مەنئى قىلىنىدىغانلار ئىككى خىل كىشى بولۇپ، ئۇلار مۇنۇلار: (1) مىراس قالدۇرغۇچىنى ئۆلتۈرگەن قاتىل، يەنى بىراۋ ئاتا - ئانىسىدىن بىرەرسىنى ياكى شۇنىڭغا ئۋخشاش مىراسىغا ئىگە بولالايدىغان كىشىلىرىدىن بى رە رسىنى ) تۇغقىنىنى ياكى جۋرىسىنى( قەستەن ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇنىڭدىن مىراس ئاللامايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە: » قاتىل ئۆزى ئۆلتۈرگەن كىشىسىنىڭ مىراسىدىن ھېچ نەرسە ئاللامايدۇ « دەپ كۆرسەتكەن. ) ( ئىبنى ئابدۇلبىر رىۋايىتى .

(2) مېيت بىلەن ۋارىسنىڭ بىر دىندا بۋلماسلىقى يەنى مىراس قالدۇرغۇچى مېيت مۇسۇلمان، مىراس ئالغۇچى مۇسۇلمان ئەمەس ياكى مىراس قالدۇرغۇچى مۇسۇلمان ئەمەس، مىراس ئالغۇچى مۇسۇلمان بولسا، بۇ ئىككىسى بىر – بىرىدىن مىراس ئاللامايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: » كاپىر مۇسۇلماندىن، مۇسۇلمان كاپىردىن مىراس ئاللامايدۇ « دەپ كۆرسەتكەن. مۇسۇلمانلىقتىن يېنىپ مۇرتەد بولۇپ كەتكەن كىشىمۇ بۇ ھۆكۈمنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ.

63 . سوئال: مىراس ئېلىشنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟

بۆلۈم: “63 . سوئال: مىراس ئېلىشنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟”

جاۋاب: مىراس ئېلىشنىڭ شەرتلىرى ئىككى بولۇپ، ئۇلار مۇنۇلار: (1) مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆلگەن ياكى ئۆلگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىنغان بۋلىشى. مەسىلەن: ئىز - دېرەكسىز يۋقاپ كەتكەن ئادەمگە » ئۆلدى « دەپ رەسمىي مەھكىمىدىن ھۆكۈم چىقىرىلغىنىغا ئۋخشاش. چۈنكى تىرىك ئادەمنىڭ مىراسى تەقسىم قىلىنمايدۇ. (2) مىراس قالدۇرغۇچى ئۆلگەن ۋاقىت تا ۋارىسنىڭ ھايات بۋلىشى. چۈنكى مىراس قال دۇرغۇچىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئۇنىڭ مىراسىنى ئاللامايدۇ. مەسىلەن: بىراۋ ئاتىسىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۆلۈپ كەتكەن بۇ كىشىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ بۋۋىسىنىڭ تەرىكىسىدىن ئاتىسىنىڭ مىراسى سۈپىتىدە مىراس ئاللامىغىنىغا ئۋخشاش. ئەمما ئۇلارنىڭ نەۋرە سۈپىتى بىلەن مىراس ئېلىشى باشقا مەسىلە. ) ( بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى .

پايدىلىنىلغان ماتېرىياللار 1 - خلق اسلم 2 - أدب ماشرة زۋج 3 - أدب إ سالمي ىف نام األسرة 4 - سلۋنك ىف الدن ۋااة 5 - أۋل التشر اإلسالمي 6 - الدر اختار 7 - فت القدر 8 - مناج الشر اإلسالم 9 - ادا 01 - أ دب األسرة ىف اإلسالم 11 - فتاۋى مارة

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.