Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

ئاياللارغا خاس ھالەتلەر ۋە سۇيۇقلۇقلارنىڭ ھۆكۈملىرى

This content is not yet available in your language.

ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق ھالى تى ھامىلدارلىق ھالى تى ئاياللارنىڭ ئېغىر ئاياق بولغان )بالا كۆتۈرگەن( ئايلىرى دېمەكتۇر. ئاياللار بۇ ھاللىرىدا، نورمال چاغلىرىدا قىلىدىغان ئىبادەت ۋە باشقا پۈتۈن ئىشلىرىدىن چەكلەنمەيدۇ. ئاياللارغا يۇقىرىقى خاس ھا لەتلىرى ئىچىدە يېقىنچىلىق قىلىش مەسىلىسى بۇ ماۋزۇ تۆۋەندىكى ئىككى مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1 . ئايلىق ۋە تۇغۇتلۇق ھالىدىكى ئاياللارنىڭ قېنى تۋختاپ، تۋلۇق

بۆلۈم: “1 . ئايلىق ۋە تۇغۇتلۇق ھالىدىكى ئاياللارنىڭ قېنى تۋختاپ، تۋلۇق”

پاكلانمىغىچىلىك ، ئۇلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش قەتئىي ھارامدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الْمَحِيضِ ۖ قُلْ هُوَ أَذًى فَاعْتَزِلُوا النِّسَاءَ فِي الْمَحِيضِ ۖ وَلَا تَقْرَبُوهُنَّ حَتَّىٰ يَطْهُرْنَ ۖ فَإِذَا تَطَهَّرْنَ فَأْتُوهُنَّ مِنْ حَيْثُ أَمَرَكُمُ اللَّهُ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ التَّوَّابِينَ وَيُحِبُّ الْمُتَطَهِّرِينَ﴾ يەنى ئۇلار سەندىن ھەيز توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى، ھەيز زىيانلىقتۇر. شۇڭا ھەيز مەزگىلىدە بولغان ئاياللاردىن يىراق تۇرۇڭلار. ھەيزدىن پاك بۋلغىچە ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار. پاك بۋلغاندا ئۇلارغا ئاللاھ بۇيرىغان جايدىن يېقىنچىلىق قىلىڭلار. )شۇنى بىلىڭلاركى( ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغانلارنى دۋست تۇتىدۇ، پاك بۋلغانلارنىمۇ دۋست تۇتىدۇ ﴾ . بۇ ئايەت، تۇغۇتلۇق ھالى تى دىكى ئايالنىڭ مەسىلىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ) ( بەقەرە سۈرىسى 222 ئايەت

ئالىدۇ. چۈنكى ئايالنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتتىن مەنئىي قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان نەرسە ھەر ئىككى ھالەت تە ئۇنىڭدىن كەلگەن قاندىن ئىبارەتتۇر. سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئىچكى كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى مەشھۇر ئالىم دۋ كت ۋر مۇھەممەد ئەلى بار » ئىنساننىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە قۇرئان بىلەن زامانىۋى تېبابەتنىڭ ئىتتىپاقى « ناملىق ئەسىرىدە، ئادەت كۆرۈش مەزگىلى ئىچىدىكى ئايال بىل ەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە بولغان زىيىنى ھەققىدە تۋختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: » ئايال ئادەت كۆرگەن كۈنلىرىدە، ئۇنىڭ بالا ياتقۇسى پۈتۈنلەي ئېچىلىش نەتىجىسىدە، ئۇنىڭ ئايلىق قېنى ئېقىپ تۇرىدۇ. تىببى تەرەپتىن مەلۇمكى، قان مېكرۋبلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇناسىپ مۇھىتىدۇر. ئايال ساق ۋاقتىدا ئۇنىڭ جىنسىي ئۋرگىنىدىن مېكرۋبلارنى ئۆلتۈرىدىغان بىرخىل سۇ ماددىسى چىقىپ تۇرغانلىقتىن، ئۆزى ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلاشقان كىشى مىكرۋبنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىپ قالالايدۇ. ھالبۇكى، ئايال ئادەت كۆرگەن ۋاقتىدا، ئۇنىڭ مىكرۋبلى نىشتىن مۇداپىئەلىنىش جىھازلىرى ئىشلىمەي قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا ياتقۇدىن كەلگەن تۋختاۋسىز قان مىكرۋبلارنىڭ تىز كۆپىيىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. قان كېلىۋاتقان ۋاقىتتا مىكرۋبلىنىشقا قارشى جىنسىي ئۋرگاندىن كېلىدىغان سۇمۇ قان دۋلقۇنى ئىچىدە ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۆتىيەلمەيدۇ. مەلۇمكى، ئەرنىڭ جىنسىي ئۋرگىنىدا كۆپلىگەن مىكرۋبلار بولىدۇ. ئۇ ئايالى ساق ۋاقىتتا ئۇنىڭغا يىقىنلاشقىنىدا، ئايالىنىڭ جىنسىي ئۋر گىنىدىن كېلىدىغان مىكرۋبقا قارشى سۇيۇق ماددا ئەر تەرەپتىن كىرگەن مىكرۋبلارنى شۇ ھامان ئۆلتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئەمما ئايال ئادەت كۆرگەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭ

مىكرۋبلاردىن مۇداپىئەلىنىش جىھازلىرى پۈتۈنلەي ئىشتىن تۋختىغاچقا، ئەرنىڭ جىنسىي ئۋرگىنى پەقەت مىكرۋبلار بىلەن قاپلانغان قان دېڭىزىغا شۇڭگۇغان بولىدۇ. نەتىجىدە، مىكرۋبلىنىش ئەر ئايال ھەر ئىككىسىگە بولىدۇ. بۇنىڭ زىيانلىرىنى بىلە مسىز؟ بۇنىڭ زىيىنى ئايالنىڭ ماتكىسى بىلەن بالا ياتقۇسىدا مىكرۋبلارنىڭ يېتىشكەنلىكى سەۋەبتىن ئۇنىڭ بۇ ئىككى ئۋرگىنىدا داۋالاش قىيىن بولغان، سۋزۇلما خاراكتېرلىك ئاغرىقنى پەيدا قىلغان، ئەرنىڭ جىنسىي ئۋرگىنىدا مىكرۋبلارنىڭ ئورۇن تۇتۇشى بىلەن ئۇنىڭ سۈيدۈك يۋللى رىدا ئۋزۇنغا سۋزۇلما خاراكتېرلىك ئاغرىقنى پەيدا قىلغاننىڭ سىرتىدا تۆۋەندىكى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ: (1) ئايالنىڭ بالا ياتقۇسىنىڭ مىكرۋبلىنىشى بىلەن، نۋرمالدا ئەردىن تۆكۈلگەن ئۇرۇق دانلارنى بالا ياتقۇغا ئىتتىرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەشتە ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك رۋل ئۋينايدىغان بالا ياتقۇ قاناللىرى ۋە باشقىمۇ جىھازلار يېپىلىپ قىلىش نەتىجىسىدە ئۆز ۋەزىپىلىرىدىن قالىدۇ. بۇھال ئايالنىڭ تۇغماس بولۇپ قېلىشىغا، بۋيىدا قالغان تەقدىردىمۇ بالا بالا ياتقۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. مانا بۇ قۋ رساق كۆتۈرۈشنىڭ ئەڭ خەتەرلىك بولغان تۈرى. بۇ ۋاقىتتا بالا بالا ياتقۇ قاناللىرىدا )تۇرۇ بىلىرىدا( تۆرەلگەن بولىدۇ، بالىنىڭ تىز چۋڭىيىشى بىلەن ئاخىرى بالا ياتقۇ پارتلاش پاجىئەلىرى كۆرۈلىدۇ. ئايال ئەگەر ۋاقتىدا ئۋپىراتسىيە قىلىنمىغاندا، قان ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىغا تاراپ كېتىش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ ھاياتى ئاخىرلىشىدۇ. (2) مىكرۋبلىنىشتىن كېلىپ چىققان بۇ ئاغرىق سۈ يد ۈك يۋللىرى، تۇخۇملار، بۆرەك قاتارلىقلارغا ئارقا ئارقىدىن يېتىپ بارىدۇ. مەلۇمكى، سۈيدۈك يۋللىرىدىكى كېسەللىك كېسەللىكلەرنىڭ ئەڭ خەتەرلىكى ۋە

يامىنىدۇر. (3) ئايال ئادەت كۆر گەن ۋاقتىدا، ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن جىنسىي ئالاقىدىن قەتئىي بالا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا، ئايالنىڭ ئەردىن كەلگەن سپېرمىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن بالا ياتقۇسىدىن كېلىدىغان تۇخۇم دانلىرى پۈتۈنلەي ئىشتىن چىققان بولىدۇ. شۇڭا ئايال ئادەتتىن ساقىيىپ ئىككى ھەپتە ئۆ تكەندىن كېيىن، ئۆتكۈزۈلگەن جىنسىي ئالاقىدىن بالا تۆ رىلىش نىسبىتى باشقا ۋاقىتلارغا نىسبەتەن كۆپ بولىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئايالنىڭ قوبۇل قىلىش جىھازلىرى قايتىدىن تۋلۇق ئىشقا چۇشكەن بولىدۇ. (4) ئايال ئادەت كۆرگەن كۈنلىرىدە، ئۇنىڭ ئىچكى ئۋرگانلىرى يېرىمجان ۋە ئاجىز بىر ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش تەبىئىي ئەھۋال ئەمەس، بۇنىڭدىن ھېچقانداق ئىجابىي نەتىجە كەلمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇنىڭغا ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. (5) ئەر ئايال ئىككىسىنىڭ جىنسىي ئۋرگانلىرىدا يېتىشكەن مىكرۋبال ر سۈيدۈك تۇربىلىرى ئارقىلىق تارىلىش نەتىجىسىدە، ئاخىرى بۆرەككە بېرىپ يېتىدۇ ۋە ئۇنىڭدا تەدرىجى ھالدا كېسەل پەيدا قىلىدۇ. بۆرەك كېسىلى سۋزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇنى ئۈزۈل كېسىل ساقايتىدىغان داۋا يوق. سۈيدۈك خالتىسىدىن سپېرما قاناللىرىغا ئۆتكەن مىكرۋبلار ئۇنىڭدىن تۇخۇملارغا ئۆتىشى بىلەن ئۇ جايدا ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ ۋە سپېرما قاناللىرىنىڭ يېپىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. (6) پرۋفېسسۋر ئابدۇلال باسالامەنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىغا

ئاساسلانغاندا، ئايالنىڭ ئادەت كۆرگەن كۈنلىرىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتك ۈزۈشى بالا ياتقۇدا راك كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. لېكىن بۇتەتقىقاتنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈن كۆپرەك ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ . يۇقىرىقىلار ھازىرقى زامان تې ببىي تەتقىقاتنىڭ ئادەت كۆ ر ۈۋ اتقان ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بۋلۇشنىڭ زىيىنى ھەققىدە چىقار غان ئىلمىي يەكۈنلىرى بولۇپ، قۇرئان كەرىم بۇ مەسىلىنى مۇندىن 41 ئەسىر بۇرۇنقى چاغلاردىال ئۋچۇقلىغان ۋە ئادەت كۆرۈش مەزگىلىدىكى ئايال بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىشنىڭ ئەر ئايال ھەر ئىككىسى ئۈچۈن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، كىشىلەرنى بۇنداق قىلىشتىن مە نئى قىلغان. ھازىرقى تې ببىي تەتقىقاتىنىڭ ئىلمىي يەكۈنى بۇ ئىشنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان زىيانلىرىنى ئىسپاتلاپ چىققان. قۇرئان ئىنسانلارنى پايدىسىز ئىشلارغا بۇ يرۇ غان ئەمەس. مۇسۇلمانلار ئۆز دىنىنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىدىغان بولسا، ئۇلار ھەر تۈرلۈك زىيانلىقلا ردىن ئامان قالىدۇ. ئىسلام دىنى كېلىشتىن بۇرۇن، كۆپلىگەن مىللەتلەردە، ھەتتا ساماۋىي دىنلاردىمۇ ئايلىق ئادىتى ئەسناسىدىكى ئاياللار نىجىس، پاسكىنا دەپ قارىلاتتى. ئۇلار پاك بۋلمىغىچە، ئۇلار بىلەن بىر ئۆيدە ئۋلتۇرۇش، بىرگە يېمەك يېيىش، ئۇلارنىڭ قۋللىرىدىن بىرن ەرسە ئېلىش مەنئىي قىلىناتتى. يەھۇدىيلارنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى تەۋراتتا ) ( دۋكتۇر مۇھەممەد ئەلى بارنىڭ » ئىنساننىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە قۇرئان بىلەن زامانىۋى تىب بىياتنىڭ ئىتتىپاقى « ناملىق ئەسىرىنىڭ 001 401 بەتلىرىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى .

مۇنداق دەپ قەيت قىلىنغان: » ئايال ئادەت كۆرگىنىدە، ئۇ، يەتتە كۈن داۋام قىلىدۇ. بۇ ئەسنادا ئۇنى تۇتقان كىشىمۇ ئۇنىڭغا ئۋخشاش نىجىس بولىدۇ. ئۇنىڭ ياتىقىنى تۇتۇپ سالغان كىشىمۇ كېيىمىنى، ئۆزىنى سۇ بىلەن يۇيۇپ پاكلىشى كېرەك، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يېتىپ قۋيغان كىشى يەتتە كۈنگىچە نىجىسلىقتىن پاك بولمايدۇ « . ئەمما ئىسلام دىنى ئاياللارنى بۇنداق ھاقارەتتىن ئازات قىلىپ، ئۇلارنى ھۆرمەتلىدى ۋە ئۇلارنى بۇنداق تەبىئىي ھالەتلىرى تۈپەيلى خۋرلاشنى قەتئىي مەنئى قىلدى. ئۇلار بىلەن جىنسىي ئالاقىدىن باشقا بارلىق يېقىنچىلىقلارنى قىلىشقا رۇخسەت قىلىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ بۇ مېھنەتلىك كۈنلىرىدە ئۇلارنى يالغۇز تاشلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، ئۇنىڭغا تەشەببۇس قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارغا تەلىم بېرىپ: » ئايالىڭلار ئاد ەت كۆرگەن ۋاقىتلاردا، ئۇلار بىلەن جىنسىي ئالاقىدىن باشقا يېقىنچىلىقلارنىڭ ھەممىنى قىلىڭلار « دەپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارغا ئۈلگە بولغان ھالدا، ئاياللىرى ئادەت كۆرۈپ قالغان كۈنلىرىدىمۇ ئۇلارغا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن باشقا بارلىق يېقىن چىلىقلارنى قىلاتتى. ھەتتا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا)پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى( بىر ھەدىستە:

» مەن ئادەت كۆرۈپ قالغان كۈنلىرىمدىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا

يۆلۈنۈپ ئۋلتۇرۇپ قۇرئان ئۇقۇيتتى، مەن ئۇنىڭ بېشىنى تاراپ ) ( تەۋرات » لېۋى: 51 « ) ( مۇسلىم رىۋايىتى

قۋياتتىم « دەيدۇ.

2 . ئۆزۈرلۈك ۋە ھامىلدار ئاياللار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بۋلۇش

بۆلۈم: “2 . ئۆزۈرلۈك ۋە ھامىلدار ئاياللار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بۋلۇش”

مۇتلەق جائىزدۇر. ئاياللارنىڭ بۇخىلدىكى ھال ەتلىرى ئۇلارنى جىنسىي مۇناسىۋەتتە بۋلۇشتىن ۋە ئىبادەتلەرگە داۋام قىلىشتىن تۋسالمايدۇ. لېكىن ھامىلدار ئاياللار تۇغۇتىغا يېقىنلاشقان ئايلاردا ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلمى غان ياخشى. ئەر - خۋتۇنچىلىقنىڭ مۇتلەق ھالاللىقى ۋە چەكلەنگەن تەرىپى ئەر - خوتۇن بىر - بىرىگە ھالال بولغان ئىكەن، بۇ ئىككىسىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتنى قانداق رەۋىشتە، قانداق شەكىللەردە ۋە قانداق ئۇسۇللاردا ئۆتكۈزىشى ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا قانداق مۇقەددىمىلەرنى قىلىشى مۇتل ەق ھالالدۇر. چۈنكى ئىسلام دىنىدا، شەيئىلەرنىڭ ئەسلىدە ھالاللىقى ئېتىبارى بىلەن ھاراملىقىغا ئېنىق دەلىل كەلمىگەن نەرسىلەر ۋە ئىشلار ھالالدۇر. ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىسىدا بۋلىدىغان جىنسىي مۇناسىۋەتتە قەتئىي ھارام قىلىنغان ئىككى ئىشتىن ) بىرى، ئايال ئايلىق ئادىتىنى كۆرىۋاتقان ياكى تۇغۇتنىڭ قېنىدىن پاكلىنىپ بۋلمىغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا جىنسىي تەرەپتىن يېقىنلىشىش، يەنە بىرى، ئايالنىڭ ئارقا تەرىپىگە كېلىشتىن( باشقا ھارام قىلىنغان ئىش يوق. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿نِسَاؤُكُمْ حَرْثٌ لَّكُمْ فَأْتُوا حَرْثَكُمْ أَنَّىٰ شِئْتُمْ﴾ يەنى ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن (خۇددى) ئېكىنزارلىقتۇر. ) ( بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى

ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار ) ( دېگەن. ئاياللارنىڭ ئارقا تەرىپىگە كېلىشنىڭ ھاراملىقى ئاياللارنىڭ مەيلى ئالدى تەرىپىدىن، مەيلى كەينى تەرىپىدىن، مەيلى قايسىبىر تەرىپىدىن بولسۇن ، ئۇلارنىڭ جىنسىي ئۋرگىنىغا )ئالدى تەرىپىگە( كېلىش مۇتلەق دۇرۇستۇر. ئەمما ھارام بۋلغىنى ئاياللارنىڭ ئارقا تەرىپىگە كېلىشتۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ يامان قىلىقنى قاتتىق ئەيىبلەپ: » ئۇ كىچىك بەچچىۋازلىقتۇر « دەپ سۆككەن. ئەر - خوتۇن چىلى قنىڭ سىرلىرىنى يېيىشنىڭ زىيىنى ئەر - خۋتۇنچىلىقنىڭ سىرلىرىنى سىرتقا تارقىتىش تۋلىمۇ زىيانلىق ئەخلاقسىزلىق ۋە ئەدەپسىزلىك بولۇپ، ئەر - ئاياللىقنىڭ مۇقەددەس رىشتىسىگە قىلىنغان ئەڭ ئېغىر جىنايەتتۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداقلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: » قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ يامان كىشى ئەر - خۋتۇنچىلىقنىڭ سىرلىرىنى يايغان كىشىدۇر « دېگەن. ) ( بەقەرە سۈرىسى 322 - ئايەت ) ( ئىمام ئەھمەد، نەسائىي رىۋايىتى ) ( ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى

ئىنساننىڭ جىنسىي ئۋرگىنىدىن چىقىدىغان سۇلارنىڭ ھۆكۈملىرى ئەر ئايال ھەرقانداق كىشىنىڭ جىنسىي ئۋرگىنىدىن چىقىدىغان سۇلار تۆتكە بۆلۈنىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: سپېرما )مەنى( سپېرما بالاغەتكە يەتكەن ئەر ئايال ھەرقانداق كىشىنىڭ جىنسىي ئۋرگىنىدىن چىقىدىغان قۋيۇق سۇ بولۇپ، سپېرمىنىڭ چىقىشى ئۋغۇل قىزلاردا بالاغەتكە يەتكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. سپېرما جىنسىي ئالاقە قىلىش، ئىھتىلام )ئۇخلىغاندا چۈش كۆرۈش نەتىجىسىدە، ئىختىيارسىز ھالدا قۋزغىلىشى( ئارقىلىق چىقىدۇ. ئەرنىڭ سپېرمىسى كۆپىنچە ھاللاردا تۇخۇمنىڭ ئېقىغا ئۋخشاش رەڭگى ئاق، قۋيۇق كېلىدۇ. ئۇ، شەھۋەت بىلەن ئېتىلىپ چىقىدۇ. ئەمما ئايالنىڭ سپېرمىسى رەڭگى سېرىق، سۇيۇق كېلىدۇ. ئەگەر ئايال كۈچلۈك ۋە پائالىيەتچان بولسا ئۇنىڭ سپېرمىسى ئېقىش كېلىدۇ. سپېرمىنىڭ ئەر ئايال قانداق ال بىر كىشىدىن قايسىبىر ھالەت تە چىقىشى غۇسل ى قىلىشنى لازىم قىلىدۇ. مەزى مەزى چوڭ ئەر ئاياللاردىن چىقىدىغان سېرىق، سۇيۇق سۇ بولۇپ، جىنسىي ھەۋەس قوزغالغان چاغدا، ئېتىلماستىن چىقىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا كىشىلەر ئۇنىڭ چىققىنىنى تۇيماي قالىدۇ. ئۇ، ئاياللاردىن كۆپرەك كېلىدۇ. مەزى نىجىستۇر )پاسكىنىدۇر( . بەدەننىڭ ياكى

كىيىمنىڭ مەزى يۇقۇپ قالغان يېرىنى سۇ بىلەن يۇيۇپ پاكىزىلاش لازىم بولىدۇ. مەزى تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ. ئەمما غۇسلى قىلىشنى لازىم قىلمايدۇ. ۋەدى ۋەدى سۈيدۈكتىن كېيىن چىقىدىغان دۇغ، ئاق، قۋيۇقراق سۇ بولۇپ، ئېغىر نەرسە كۆتۈرگەندە، ئىنجىقلىغاندا چىقىدۇ. ئۇ، چوڭ ئەر ئاياللارنىڭ ھەممىسىدىن دېگۈ دەك چىقىدۇ. ۋەدى مۇ مەزىغا ئۋخشاش نىجىستۇر. ۋەدى تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ. غۇسلىنى لازىم قىلمايدۇ. بەدەننىڭ ياكى كىيىمنىڭ ۋەدى يۇقۇپ قالغان يېرىنى سۇ بىلەن يۇيۇپ پاكىزىلاش لازىم بولىدۇ. سۈيدۈك مەلۇمكى، سۈيدۈك نىجىس سۇ بولۇپ، تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ. بەدەننىڭ ياكى كىيىمنىڭ سۈيدۈك تىگىپ كەتكەن يېرىنى سۇ بىلەن يۇيۇپ پاكىزىلاشقا توغرا كېلىدۇ.

سپېرما ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋ ەتلىك مەسىلىلەر سپېرما )مەنى( پاكىزىمۇ ياكى پاسكىنىمۇ؟ ئىسلام ئۆلىمالىرى سپېرمىنىڭ پاكىزلىقى ياكى پاسكىنىلىق مەسىلىسىدە ئىختىلاپقا چۈشۈپ ئۈچ مەزھەپكە بۆلۈنگەن. بىرىنچى مەزھەپ : ئىنساننىڭ سپېرمىسىنى پاكىز، بىراق يىرگىنىشلىك نەرسىدۇر. دېگۈچىلەر ساھابىلاردىنئ ائىشە ، سەئد ئىبىن ئەبۇ ۋەققاس، ئابدۇلال ئىبىن ئۆمەر ، مەزھەپ پېشىۋالىرىدىن ئىمام شافىئىي، ئىسھاق، داۋۇد، ئىبىن مۇنزىر قاتارلىق كاتتا ئۆلىمالار سپېرما پاسكىنا ئەمەس، پەقەت ئادەم يىرگىنىدىغان بەلغەم ۋە تۈكۈرۈككە ئۋخشاشال نەرسە دەپ قارايدۇ. بۇلار ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ: » پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىيىمىگە يۇقۇپ قالغان سپېرمىنى ئۇۋۇلاپ ئەسەرىنى يوق قىلاتتىم، ئاندىن شۇ كىيىم بىلەن ناماز ئۋقۇيتتى « دېگەن ھەدىسى بىلەن ئابدۇلال ئىبىن ئۆمەرنىڭ: » پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سپېرما يۇقۇپ قالغان كىيىم توغرۇلۇق ) ( ئائىشە رەزى يەلالھۇ ئەنھا بىرىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ۋە ئەڭ كاتتا ئالىمە، ساھابىلارنىڭ ئالىملىرىمۇ كۆپلىگەن دىنىي مەسىلىلەردە، ھەزرىتى ئائىشەگە مۇراجىئەت قىلاتتى ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگىنەتتى. ) ( ئابد ۇلال ئىبىن ئۆمەر - ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبىن خەتتابنىڭ ئۋغلى بولۇپ، ساھابىلارنىڭ ھەممە بىردەك ئېتىراپ قىلغان كاتتا ئۆلىماسى، ھەمىشە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا بولغان ۋە ئۇنىڭ ئالىم بۋلىشى ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەخسۇس دۇئاسىنى ئالغان زات . ) ( ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى

سۋرىلىۋىدى، ئۇ پەقەت بەلغەم ۋە تۈكۈرۈكنىڭ ئۋرنىدىكى نەرسە. ئۇنى ياغلىق ياكى التا بىلەن ئېيتىۋەتسەڭ بولىدۇ دېدى « دېگەن ھەدىسىنى دەلىل قىلىغان. شۇڭا بۇ مەزھەپكە كۆرە، سپېرما ھۆللۈك ھالىتىدە يۇيۇلىدۇ، قۇرۇپ قالغان بولسا، ئۇۋۇلاپ ئەسىرىنى يوق قىلىۋەتسە بولىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە :» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كىيىمىگە يۇققان سپېرما ئەگەر قۇرۇپ قالغان بولسا، ئۇنى ئۇۋۇلاپ ئەسىرىنى يوق قىلىش بىلەن، ھۆل ھالىتىدە بولسا يۇيۇش بىلەن تازىلايتتىم « دېگەن. ئىككىنچى مەزھەپ : ئىنساننىڭ سپېرمىسى خۇددى سۈيدۈ ككە ئۋخشاشال پاسكىنا نەرسە، ئۇنى ھۆل ۋە قۇرۇق قانداقلا ھالەتتە بولسۇن سۇ بىلەن يۇيۇپ تازىلاش لازىم كېلىدۇ، دېگۈچىلەر بولۇپ، مەزھەپ پېشىۋالىرىدىن ئىمام مالىك، ئەۋزائىي، سەۋرىي قاتارلىق ئالىملاردۇر. بۇلار ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ: » پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىيىمىگە يۇققان سپېرمىنى يۇياتتى « دېگەن ھەدىسىنى دەلىل قىلغان. بۇ ھەدىس سپېرمىنى پاسكىنا دېيىشكە دەلىل بولالمايدۇ. چۈنكى بەلغەمگە ئۋخشىغان پاسكىنا ئەمەس نەرسىلەر يۇقۇپ قالغان ياكى مېۋىنىڭ سۈيى تۈكۈلۈپ كەتكەن كىيىمنىمۇ يۇيۇشقا توغرا كېلىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئا دەتتە كىيىم كىرلىشىپ قالسىمۇ يۇيۇپ تۇرىمىز. بىر نەرسىنى يۇغانلىق ئۇنىڭ پاسكىنىلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ، ئەلۋەتتە. ) ( ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى ) ( دارا قۇتنىي ۋە بەززاز رىۋايىتى. ) ( ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى

ئۈچىنچى مەزھەپ : ئىنساننىڭ سپېرمىسى پاسكىنا، بىراق ئۇنى قۇرۇپ قالغان بولسا ئۇۋۇلاپ ئۇنىڭ كىيىمدىكى ئەسىرىنى يوق قىلىۋەتسە، كىيىم پاك بۋلىدىغان نە رسە دېگۈچىلەر بولۇپ، ئۇلار ئەبۇ ھەنىفە باشچىلىقىدىكى ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ ئۆلىمالىرىدۇر. ھازىرقى زامان ئۆلىمالىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى سپېرمىنىڭ پاكىز ئىكەنلىكىدە ئۋخشاش قاراشقا ئىگە. سپېرما يۇقۇپ قالغان كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇش مە سىلىسى ئىسلام فىقھىشۇناسلى رى بۇ مەسىلىدە تۆۋەندىكىدەك ئىختىلاپلاشقان:

1 . كىيىم ياكى بەدەنگە يۇقۇپ قالغان سپېرمىنى يۇيۇۋېتىش ئەۋزەل.

بۆلۈم: “1 . كىيىم ياكى بەدەنگە يۇقۇپ قالغان سپېرمىنى يۇيۇۋېتىش ئەۋزەل.”

ئەمما يۇيۇۋەتمىسىمۇ ھېچ ۋەقەسى يوق. ئۇنتۇپ قالغان ياكى ئېسىدە بار تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇسا، نامىزى دۇرۇس بولىدۇ. بۇ شافىئىي، مالىكىي، زاھىرىي مە زھەپلىرىنىڭ رەيى.

2 . سپېرما ھۆل ھالىتىدە يۇيۇلىدۇ، ئەگەر قۇرۇپ قالغان بولسا

بۆلۈم: “2 . سپېرما ھۆل ھالىتىدە يۇيۇلىدۇ، ئەگەر قۇرۇپ قالغان بولسا”

ئۇۋۇلاپ ئەسەرى يوق قىلىنىدۇ. بۇ ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ ۋە ھەنبەلىي مەزھەپنىڭ بەزى ئۆلىمالىرىنىڭ رەيى.

3 . سپېرما يۇقۇپ قالغان كىيىم ياكى بەدەننى مەيلى قۇرۇپ قالغان

بۆلۈم: “3 . سپېرما يۇقۇپ قالغان كىيىم ياكى بەدەننى مەيلى قۇرۇپ قالغان”

بولسۇن، مەيلى ھۆل بول سۇن، سۇ بىلەن يۇيۇپ پاكىزلاش پەرزدۇر. پاكىزلىماستىن ئۋقۇلغان نامازنى قايتا ئوقۇش لازىم كېلىدۇ. بۇ مالىكىي مەزھەپنىڭ رەيى. بۇ مەسىلىدە، شافىئى، مالىكىي ۋە زاھىرىي مەزھەپلىرىنىڭ رەيىنى ھازىرقى زاماننىڭ كۆپ ساندىكى ئۆلىمالىرى مۇۋاپىق دەپ قارايدۇ.

ھايۋانلارنىڭ سپېرمىسى ھايۋانلارنىڭ سپېرمىسىنىڭ پاكىزلىقى ياكى پاسكىنىلىقى توغرۇلۇق ئىسلام ئۆلىمالىرى ئۈچ مەزھەپكە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئىمام نەۋەۋىي بۇنى مۇنداق بايان قىلغان:

1 . ئىت بىلەن چۋشقىدىن باشقا پۈتۈن ھايۋانلارنىڭ سپېرمسىنى

بۆلۈم: “1 . ئىت بىلەن چۋشقىدىن باشقا پۈتۈن ھايۋانلارنىڭ سپېرمسىنى”

پاكىزدۇر. بۇ ئادەمنىڭ سپېرمىسىگە ۋە تۇخ ۇمغا قىياس قىلغان ھۆكۈم.

2 . جىمى ھايۋانلارنىڭ سپېرمىسى پاسكىنا.

بۆلۈم: “2 . جىمى ھايۋانلارنىڭ سپېرمىسى پاسكىنا.”

3 . گۆشى يېيىلىدىغان ھايۋانلارنىڭ سپېرمىسى پاكىز، گۆشى

بۆلۈم: “3 . گۆشى يېيىلىدىغان ھايۋانلارنىڭ سپېرمىسى پاكىز، گۆشى”

يېيىلمەيدىغان ھايۋاننىڭ سپېرمىسى پاسكىنىدۇر . ) ( ئىمام نەۋەۋىينىڭ » المجموع « )توپلام( ناملىق ئەسىرىدىن.

جىنسىي ھەۋەسنىڭ نورمالسىزلىقى ۋە ئېھتىلام جىنسىي ھەۋەسنىڭ نورمالسىزلىقى كىشىلەرنىڭ جىنسىي كۈچى ئۋخشاش بولمايدۇ، بەزى كىشىلەرنىڭ جىنسىي شەھۋىتى ئارتۇق بولىدۇ، بەزى كىشلەرنىڭ نورمال ۋە بەزىلەرنىڭ كەم كېلىدۇ. لېكىن ئەڭ ياخشىسى نورمال بۋلغىنىدۇر. نورمال جىنسىي كۈچكە ئىگە كىشى ئايالىغا ھەپتىدە بىر ياكى ئىككى قېتىم يېقىنلاشسا ھېچقانداق چارچاش ھېى س قىلمايدىغان كىشىدۇر. سپېرما ئى ن ساننىڭ جىسمى ۋە ئەقلى ئۈچۈن كەم بولسا بۋلمايدىغان ماددىدۇر. ئۇنى ئاسىراش كېرەك. ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئۋخشاش جىنسىي ھەۋەستە بىر خىل ئەمەستۇر. بەلكى ئاياللارنىڭ جىنسىي ھەۋەسلىرى ئەرلەرگە نىسبەتەن قىسمەن ئاز بولىدۇ. ئايالنىڭ جىنسىي كۈچى ۋە ھەۋىسى ئادەت كۆرۈش، تۇغۇت، بالا ئېمىتىش ۋە قاتتىق چارچاشلارنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاجىزلىشىپ، كۈچىيىپ تۇرىدۇ. ئەرلەر ئاياللىرىنىڭ بۇ خىل نورمالسىز مىجەزلىرىنى ئاڭلىق چۈشىنىشى ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى ئايالنىڭ مىجەزى ياخشى بولالماي قالغان ۋاقىتلاردا ئېرىنىڭ ھەۋىسىگە قىزىقمايدۇ. ئەمما مىجەزى ياخشى بولۇپ قالغان ۋاقىتلاردا ئېرىنىڭ ھەۋىسىگە تىزال ماسلىشىدۇ. ئايالىنىڭ بۇخىل ئۆزگىرىشچان مىجەزىنى توغرا چۇشەنمىگەن كىشى ئايالىنى يامان گۇمان قىلىدىغان ياكى ئايالىدىن رەنجىپ قالىدىغان كەيپىياتلاردا بولۇپ قالىدۇ. بۇ، ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە ئەلۋەتتە تەسىر يەتكۈزمەي قالمايدۇ. ئەرلەرمۇ بەزىدە، ئايالىغا قارىتا ھەۋەسسىز ۋە ھېسسياتسىز بولۇپ قالىدۇ. ھەتتا ئۆزلىرىنى جىنسىي ئالاقىنى بېجىرىشتىن ئاجىز

كەلگەندەك ھېس قىلىپ قالىدۇ. بۇ تەبئىي ئەھۋال. ئەمما بۇ خىل ئەھۋال كېسىەل لىكتىن ياكى جىنسىي ئاجىزلىقتىن بولمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللار ئەرنىڭ بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت، كۆڭۈلسىزلىك، غەم قايغۇ، خاتىرجەمسىزلىك قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ سەۋەبى بىلەن بولىدۇ. ئەمما بۇخىل ئەھۋال ئۇ زۇند اۋا م قىلمايدۇ. بەلكى ئاز ۋاقىت ئىچىدىال ئەر ئۆز ئەسلىگە كې لىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا، ئەر تۇيۇقسىزلا جىنسىي ئالاقىنى بېجىرەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇمۇ ئۇنىڭدىكى جىنسىي ئاجىزلىق ياكى جىنسىي كېسەللىك ئەمەس. بەلكى ئۇنىڭ بۇ ئىشنى بېجىرىشتىن ئاجىز كېلىشى يېڭى ئايالىدىن خىجىل بۋلغانلىقتىن ياكى ئۇنى ياقتۇرمىغانلىقتىن ۋە ياكى بۇ ئايالى بىلەن ئۇنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشى بۋلمىسىمۇ ئۇنىڭ ھىد بۋيىدىن ياكى باشقا تەرەپلىرىدىن نەپرەتلەنگەنلىكىدىن ياكى ئايالىنىڭ ئۇنىڭغا ماسلاشماستىن، ھېسسىياتسىز بۋلىۋالغانلىقىدىن ۋە ياكى ئايالى ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىپ، ئۇنى بىئارام قىلىپ قۋيغانلى قتىن بولىدۇ. دېمەك، بۇ خىل ئەھۋال پەقەت ئايالنىڭ سەۋەبى بىلەن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا ئەرنى جىنسىي تەرەپتىن ئاجىز دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇ ئاجىزلىق ئەمەس. بەلكى بۇ شۇنداق ۋاقىتلىق ئۆزگىرىش بولۇپ، كېيىن ئۋڭشىلىپ قالىدۇ. ئېھتىلام ئېھتىلام ئەر ئا ياللاردىن ئىختىيارسىز ھالدا سپېرمىنىڭ شەھۋەت بىلەن ئېتىلىپ چىقىشى دې گەنلىك بولۇپ، كۆپىنچە، ئۇخلاۋاتقاندا چۈش كۆرۈش ئارقىلىق، گاھىدا چۈ ش كۆرمەستىنمۇ يۈز بېرىدۇ. گاھىدا ئۋيغاق ۋاقىتتىمۇ قايسىبىر سەۋەب بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.

ئېھتىلام كىچىك ئۋغۇل قىزلاردا بالاغەتكە يەتكەنلىكنىڭ ئالامىتىدۇر. ئېھتىلام بولغان كىشى ئۈچۈن غۇسلى قىلىش پەرز بولىدۇ. كىشى ئەگەر چۈشىدە ئېھتىلام بۋلغىنىنى كۆرگەن بولسىمۇ، ئۇيقۇسىدىن ئۋيغانغاندىن كېيىن، كىيىمىدە ياكى ئەۋرەت جايلىرىدا سپېرمىنىڭ ئىزىنى كۆرمىگەن بولسا، ئۇنىڭغا غۇسلى قىلىش لازىم كەلمەيدۇ. ئېھتىلام ئاساسەن، ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى جىنسىي خىياللارنىڭ سەۋەبىدىن ياكى دۇم يېتىپ قالغانلىقتىن ۋە ياكى قاتتىق تۋڭۇپ كەتكەنلىكتىن، گاھىدا سۋغۇق ئېشىپ، مىجەز ئۆزگىرىپ قالغانلىقتىن بولىدۇ.

ئائىلىنىڭ مەسئۇللۇقى ئائىلە بىرەر مەسئۇلدىن بىھاجەتب ۋال لمايدۇ. ھەرقانداق بىر ئائىلىدە، ئائىلە ئەزالىرىنى باشقۇرۇش، ئۇلارغا يول كۆرسىتىش، نەسىھەت قىلىش، يامان ئىشلاردىن تۋسۇش، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇش، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا بىرەر مەسىئۇلنىڭ بۋلۇشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر. چۈنكى، ئىنسانلار ئىجتىمائىي مە خلۇقات بولۇپ، ئۇلار ھەر ۋاقىت جەمئىيەت ) ياكى جامائەت( ھاياتىدا ياشاشقا مۇھتاجدۇر. ئىنسانلار جەمئىيىتى يۇقىرىسى دۆلەت، كىچىكى ئائىلىدىن ئىبارەت چوڭ كىچىك مۇئەسسەسەلەردىن تەركىب تاپىدۇ. بۇ مۇئەسسەسەلەر چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن، بۇلارغا يول باشچى بۋلىدىغان بىرەر مەسئۇل رەئىسنىڭ بۋلۇشى تەبىئىي زۆرۈرىيەت ۋە ئىلاھىي پىرىنسىپ تۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام،

» ئۈچ كىشى بىرگە سەپەرگە چىقسا، ئۇلاردىن بىرى ئۇلارغا مەسئۇل بولسۇن « دەپ كۆرسەتكەن. قۇرئان كەرىم ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىن تۋلۇق چىقالايدىغان رەئىس توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ﴿الرِّجَالُ قَوَّامُونَ عَلَى النِّسَاءِ﴾ يەنى ﴿ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر ﴾ . چۈنكى، ئەر ئائىلىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش، ئائىلە ئەزالىرىنى ئىدارە قىلىش ۋە تەربىيىلەش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى ( نىسا سۈرىسى 34 - ئايەت

ئالىدۇ. يۇقىرىقى ئايەت، ئەرنىڭ يارىتىلىشىدىكى بۇ ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، ئۇنى ئائىلىنىڭ رەئىسى بۋلۇشقا تاللايدۇ. بىراق بۇ ئايەت، ئەرنىڭ ئائىلە باشلىقى بولۇپ تاللىنىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئايالدىن پەرقلىق بولغان تەرەپلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلمىغان. بىز بۇ ئايەتكە ئا ساسلانغان ۋە ئۇنىڭ رۋھىغا ئەگەشكەن ھالدا، ئەر بىلەن ئايالنىڭ يارىتىلىشىدىكى تەبئىتىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بۋلساق، ئەردە تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكلەرنى كۆرىمىز:

1 . ئەر ھاياتلىق كۈرۈشىگە كىرىشتە ۋە ئائىلىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى

بۆلۈم: “1 . ئەر ھاياتلىق كۈرۈشىگە كىرىشتە ۋە ئائىلىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى”

ئادا قىلىشتا ئايالغا نىسبەتەن تەن قۇرۇل ۇشى جەھەتتىن كۈچلۈك ۋە ئىقتىدارلىقتۇر.

2 . ئەر ئايالغا نىسبەتەن ئەقىل ئىدراكلىق، سۋغۇق قانلىق ۋە

بۆلۈم: “2 . ئەر ئايالغا نىسبەتەن ئەقىل ئىدراكلىق، سۋغۇق قانلىق ۋە”

سەۋر چان كېلىدۇ. ئۋ مۇمەن، ئايال جىنسىنىڭ ئەر جىنسىغا نىسبەتەن ئەقىل ئىدراك، چىدام ۋە كۈچ جەھەتتە يېتەرسىز ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان بىر رىئاللىقتۇر. بەزى ئاياللارنىڭ بەزى ئەرلەرگە نىسبەتەن ئەقىللىق ۋە ئىدراكلىق بۋلۇشى قىسمەن بىر ھالەت بولۇپ، بۇ يۇقىرىقى سۆزىمىزگە زىت كەلمەيدۇ.

3 . يالغۇز بىر ئايالنىڭ گۇۋاھلىقى ئۆتمەيدۇ. بەلكى ئىككى ئايال بىر

بۆلۈم: “3 . يالغۇز بىر ئايالنىڭ گۇۋاھلىقى ئۆتمەيدۇ. بەلكى ئىككى ئايال بىر”

ئەرنىڭ ئورنىدا گۇۋاھلىقتا تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ﴿فَإِنلَّمْ يَكُونَا رَجُلَيْنِ فَرَجُلٌ وَامْرَأَتَانِ مِمَّنتَرْضَوْنَ مِنَ لاشُّهَدَاءِ أَنتَضِلَّ إِحْدَاهُمَا فَتُذَكِّرَ إِحْدَاهُمَا الْأُخْرَىٰ﴾ يەنى ﴿ئەگەر ئىككى ئەر كىشى بول مى سا، سىلەر )ئادالىتىگە، دىيانىتىگە( ئىشىنىدىغان كىشىلەردىن بىر

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.