Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

ئاتا-ئانىنىڭ ئۇلۇغلۇقى، ھەقلىرى ۋە ئۇلارنى خۇش قىلىش

This content is not yet available in your language.

ئاتا ئانىلارنىڭ بالىلىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرى ئاتا ئانىلارنىڭ پەرزەتلىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرى ئىنتايىن كۆپتۇر. بالىلار ئاتا ئانىلارغا قانچىلىك كۆپ خىزمەت قىلسىمۇ، ئاتا ئانىلارنىڭ ئۇلارغا قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ھەرگىزمۇ قايتۇرۇپ بولالمايدۇ، ئە لۋەتتە. ئاتا، ئائىلىنىڭ يېتەرلىك ئېھتىياجلىرىنى تۋلۇقلاش يۋلىدا ھارماي تالماي ئىشلەيدۇ، چارچايدۇ. ئانا بولسا، پەرزەنتىم دەپ، تۋققۇز ئاي قۋ رساق كۆتىرىپ، ئاندىن ئۇنى تۇغۇش جەريانىدا ئالەمنى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان ئېغىر تۋلغاقلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ مىڭ بىرج اپادا ئۇنى تۋغىدۇ. ئاندىن ئۇنى يىللار بۋ يى ئېمىتىپ، ئاسىراپ چوڭ قىلىدۇ. ئۇنى چوڭ قىلىش جەريانىدا كېچىلىرى تاتلىق ئۇيقۇسىنى ئۆزىگە ھارام قىلىپ ، بالىسىنى ئاسىراش ۋە ھې مايە قىلىش يۋلىدا ئۆزىنىڭ راھەتىنى ئۇنۇتىدۇ. ئاتا ئانىلار بالىلارنىڭ خۋشاللىقى ئۈچۈن خۋشا ل بولىدۇ. ئۇلارنىڭ غەملىرى ئۈچۈن غەمكىن بولىدۇ. ئاتا ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ قاتارغا قۋشۇلۇپ ئادەم بۋلغىنىنى كۆرگىنىدە، قانچىلىك ھاياجانغا تۋلۇپ، ئۆزلىرىنى قانچىلىك سائادەتلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەپ بۋلۇش قىيىن. بالىلار ئاتا ئانىلارنىڭ بۈگۈنى ھەم ئەتىسىدۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇنۇتقان ھالدا پەرزنتلىرى ئۈچۈنلا ياشايدۇ. ئاتا ئانىلارنىڭ بالىلار ئۈستىدىكى ھەقلىرى بالىلارنىڭ ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش ، قېتىرقىنىپ خىزمەتلىرىنى قىلىشتىن ئىبارەت بىرال جۈملە سۆزگە قىسقىر اي دۇ. ئاتا ئانىلارغا ياخشى مۇئ امىلە قىلىش، دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆز ئۇلارنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن

تەمىنلەپ تۇرۇش، ئۇلارنى ھەمىشە ئاسراش، كۆڭۈللىرىنى شاد قىلىش، ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلىش جەريانىدىكى ياخشىلىقلىرىنى ۋە ئەجىرلىرىنى قايتۇرۇشقا تىرىشىش، ئۇلارنىڭ ئارمانلىرىنى ۋە ۋەسىيەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۇلارنى ھەمىشە ئەڭ ئالىي ئېھتىرام بىلەن ھۆرمەت قىلىش، ئۇلارنى رەنجىتمەسلىك، قاتارلىق كۆپلىگەن ياخشىلىق تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بالىلارنى ئاتا ئانىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ بىر جۈملە سۆزگە بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَقَضَىٰ رَبُّكَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا﴾ يەنى: » رەببىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قى لىشىڭلارنى ۋە ئاتا ئاناڭلارغا قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلىشىڭلارنى پەرز قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئۋھۋي دېگەن سۆزنىمۇ قىلمىغىن، ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن. ئۇلارغا كامالىي مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بۋلغىن ۋە: » ئى رەببىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن « دېگىن. رەببىڭلار دىلىڭلاردىكىنى ئۋبدان بىلگۈچىدۇر، ئەگەر سىلەر ياخشى بۋلساڭلار، )شۇنى بىلىڭلاركى،( ئاللاھ يامانلىقتىن يۈز ئۆرۈپ، تەۋبىگە يۈزلەنگەنلەرنى ناھايىتى بەك كەچۈرگۈچىدۇر . ﴾ ) ( ئىسرا سۈرىسى 32 52 ئايەتلەر

بۇ ئايەتلەر بالىلار قانداقلا شارائىتتا بۋلمى سۇن، يەنى ئۇلار مەيلى باي بولسۇن، مەيلى كەمبەغەل بولسۇن، مەيلى كۆڭۈللىرى خاتىرجەم بولسۇن، مەيلى غەم قايغۇ ئىچىدە بولسۇن، ھەر ھالەتتە، ئاتا ئانىلارغا قېتىرقىنىپ، ئىخلاس بىلەن خىزمەت قىلىشنىڭ لازىملىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ھەتتا قۇرئان كەرىم، بەزى ۋاقىتلاردا بالىلارنىڭ ئاچچىقىدىن ئۆزلىرىنى تۇتالمىغان ھالەتلەردىمۇ ئۇلارغا ماالللىقنى بىلدۈرىدىغان ئاددى سۆزلەرنىمۇ قىلماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. خۋسۇسەن، ئاتا ئانىلار ياشىنىپ قالغاندا، ئۇلارنىڭ كۆڭلى نازۇك ، گەپ كۆتىرەلمەيدىغان بولۇپ قالغاچقا، ئۇلارغا ئىنتايىن يۇمشاق ۋە سىلىق مۇئامىلىدە بۋلۇشنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، بالىلار ئاتا ئانىلارغا قۋللىرىدىن كېلىدىغان پۈتۈن خىزمەتلەرنى قىلغاننىڭ سىرتىدا ئاللاھ تائالادىن ئۇلارغا مەرھەمەت ۋە رەھمەت تىلەشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى پۈتۈن ئۋيلىغانلىرىنى بىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاتا ئانىسىغا بولغان سەمىمى ئىخلاسى ۋە مۇھەببىتىگە قاراپ مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى، گۇناھلىرىنى مەغ پىرەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بۇ تەۋسىيەلەرنى تاماملايدۇ. يۇقىرىقى ئايەتلەردىكى ﴿إِحْسَانًا﴾ دېگەن سۆز » قېتىرقىنىش «

» مۇكەممەل ئۋرۇنداش « ، » جان، دىل بىلەن ئىشلەش « دېگەن

مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى ﴿الَّذِي أَحْسَنَ كُلَّ شَيْءٍ خَلَقَهُ﴾ يەنى ئاللاھ ھەر نەرسىنى مۇكەممەل ياراتتى دېگەن ئايەت ) ( سەجدە سۈرىسى 7 - ئايەت .

بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ . ئىھسان ) يەنى ھەر ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىش( ئىسلام دىنىدىكى ئۈچ چوڭ مەرتىبىنىڭ بىرى بولۇپ، بىرىنچىسى ئىمان، ئىككىنچىسى ئىسلام، ئۈچىنچىسى ئىھساندۇر. پەرىشتە جىبرىل مۇھەممەد ئەل ەيھىسسالامدىن سوئال سۋرىغان مەشھۇر ھەدىستە، ئۇنىڭ ئاۋۋال ئىسلامنى، ئاندىن ئىماننى، ئاندىن ئىھساننى سۋرىغانلىقى بايان قىلىنغان. دېمەك، مۇكەممەل ئۋرۇنداش، قېتىرقىنىپ قىلىش دېگەن مەنىدە كەلگەن ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئىمان ۋە ئىسلامدىن كېيىنكى مەرتىبىسى بولغان » ئىھسان « نى ياخشىلىق قىلىش دېگەن ئاددى مەنىدە چۈشىنىش توغرا بولمايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، » ئاتا - ئانىغا ئىھسان قىلىش « دېگەننى » ئاتا - ئانىغا ياخشىلىق قىلىش « دەپلا چۈشىنىش توغرا ئەمەس. چۈنكى بىراۋغا ياخشىلىق قىلىش دېگەن خالىسانە ياردەم قىلىپ قۋيۇش، خەير - ساخاۋەت قىلىپ قۋيۇش دېگەن بولىدۇ. ھالبۇكى، ئاتا - ئانىغا ئىھسان قىلىش پەرزدۇر. پەرز بۋلغاندىمۇ ئادەتتىكى پەرزلەردىن ئەمەس، بەلكى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن كېيىنكى ئىككىنچى چوڭ پەرزدۇر. يۇقىرىقى: ﴿أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ﴾ قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا ئاناڭلارغا قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلىشىڭلارنى پەرز قىلدى دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى بۇنى تەقەززا قىلىدۇ. ( ئىبىن ماجە رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرىلنىڭ سۋئالىغا جاۋاب بېرىپ: » ئىھسان خۇددى ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرىۋاتقاندەك ئىبادەت قىلىشىڭدۇر، گەرچە سەن ئاللاھنى كۆرەلمىسەڭمۇ، ئاللاھ سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ « دېگەن.

شۇڭا ئاتا - ئانىغا قىلىندىغان ئىھسان باشقىلارغا قىلىپ قۋيىدىغان خەير - ئىھسانغا ۋە خا لىسانە يادەملەرگە ئۋخشىمايدۇ. چۈنكى خالىسانە ياردەم ۋە خەير - ئىھسان دېگەن باشقىلارغا بەدەلسىز قىلىپ قۋيىدىغان نەرسە. ئەمما ئاتا - ئانىغا قىلىنىدىغان ئىھسان ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى قايتۇرۇش يۋلىدىكى بۇرچ ۋە قەرزدۇر. شۇڭا بۇنداق بىر قەرزنى ئادا قىلىش يۋلىدىكى خىز مەت بۇرچىنى ئاددى مەنىدە » ياخشىلىق قىلىش « دەپ چۈشىنىش توغرا بولمايدۇ. مەسىلەن: سىز بىرسىگە بەدەلسىز ھالدا بىر نەرسە بەسسىڭىز ياكى ئۆسۈمسىز قەرز بېرىپ تۇرسىڭىز، سىز ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلغان بۋلىسىز. ئەمما سىز ئۇنىڭغا مەلۇم بىر خىزمىتىنىڭ ياكى ياخشىلىقىنىڭي ۈزىسىدىن بىر نەرسە بەرسىڭىز ياكى ئۇنىڭدىن ئالغان قەرزىڭىزنى قايتۇرۇپ بەرسىڭىز، ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلغان بۋلمايسىز، بەلكى ھەققىنى ئادا قىلغان بۋلىسىز. ئاتا - ئانىغا خىزمەت قىلىشمۇ ئۇلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغانلىقتۇر. بۇ خالىسانە ياردەم ياكى ھەير - ئىھسان تەرىقىسى دىكى بىر ياخشىلىق ئەمەس. ئاللاھ تائالا ئاتا ئانا ھەققىدە تەۋسىيە قىلىپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَوَصَّيْنَا الْإِنسَانَ بِوَالِدَيْهِ حَمَلَتْهُ أُمُّهُ وَهْنًا عَلَىٰ وَهْنٍ وَفِصَالُهُ فِيعَامَيْنِ أَنِ اشْكُرْ لِيوَلِوَالِدَيْكَ إِلَيَّ الْمَصِيرُ﴾ يەنى ﴿ئىنساننى ئاتا ئانىسىغا ياخشى خىزمەت قىلىشقا بۋيرۇدۇق، ئانىسى ئۇنى )قۋرسىقىدا( ئۈستى ئۈستىگە ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈردى، ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى، )ئى ئىنسان!( ماڭا ۋە ئاتا ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن، ئاخىرى قايتىدىغان

جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر ﴾ . ئا تا – ئانىنىڭ ئۇلۇغلىقى ھەممىگە مەلۇمكى، ئادەم بالىسىنىڭ باشقا جانلىقلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان خىسلەتلىرىدىن بىرى شۇكى، ئادەم بالىسى ياخشىلىقنى سۆيىدۇ، ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغاننى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە بۇ ياخشىلىقنى قايتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. چۈنكى ئادەمنىڭ ئىچكى ھېسسىياتى ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغان، بېشىغا كۈن چۈشكەن چاغلاردا ئۇنىڭغا ھەمدەم بولغان، ئېغىرچىلىق – خۇشاللىق كۈنلەردە بىرگە بولغان كىشىلەردىن سۆيىنىدۇ، قەلبى دائىم شۇنداق كىشىلەرگە ئىنتىلىدۇ، ئاشۇنداق كىشىلەر بىلەن خىيال سۈرگىنىدە كۆڭلى ئارام تاپىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى ھەمىشە ياد ئېتىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ئەسلەپ تۇرىدۇ. ئۇنداقتا بىز ئۈچۈن ئاشۇنداق سۆيۈنۈشكە، ئاشۇنداق ئەسلەپ تۇرۇشقا ئەڭ لايىق كىشىلەر كىم؟ شۈبھىسىزكى، بىزنى يۋقلىقتىن بار قىلىپ، دۇنيا تۇرمۇشىمىزدىكى توغرا – خاتا يۋللارنى كۆرسىتىپ، ت ۋغرىسىنى بىزگە ئاتا قىلغان رەببى مىز ئاللاھتىن قالىسال، بىزلەرگە ئەڭ كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن، دەردىمىزنى تارتقان، بىزگە ياخشىلىقلار تىلىگەن بىزنىڭ ئاتا – ئانىمىز بولۇپ، دۇنيا دا بىزلەر ئۈچۈن ئۇلاردەك جاپا چەككەن، غېمىمىزنى يېگەن كىشىلەر يوق. ) ( 41

ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ئۇلۇغ ئىش ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ئۇلۇغ ئىش. چۈنكى ئۇ ئىبادەت ھەم مەجبۇرىيەت. ئاتا – ئانىلا بىزنى بېقىپ، تەربىيىلەپ مۇشۇ ھالغا كەلتۈرۈش يۋلىدا نۇرغۇنلىغان جاپا – مۇشەققەتلەرنى چەككەن كىشىلىرىمىزدۇر. بىز كىچىك بىر بالىنىڭ ئەھۋالىغا نەزەر سېلىپ ، ئۇنىڭ تۇغۇلۇپ چوڭ بۋلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۋمۇمىي ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باققىنىمىزدا، شۇ ھامان قۇرئان كەرىمدىكى: ئەي پەرۋەردىگارىم! سەن ئاتا – ئانام ئىككىسىگە مېنى كىچىكىمدە تەربىيىلىگىنىدەك رەھمەت قىلغىن دېگەن دۇئانى ئۋقۇغىمىز كېلىدۇ. قېنى ئۋيلاپ بېقىڭ! سىزنىڭ ئانىڭىز كۈنسې رى ئاجىزلاپ تۇرىدىغان تۋققۇز ئاي ئىچىدە سىزنى مىڭ بىر جاپا بىلەن قۋرسىقىدا كۆتۈردى. يەنە شۇ ئاجىز ھالىتىدە سىزنى تۇغدى، سىزنىڭ قۋرساق ئىچىدىكى كۈنسايىن چۋڭىيىشىڭىز، ئېغىرلىشىڭىز ئانىڭىزغا كۈنسايىن ئېغىرلىق – ئاجىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. بۇ ھەتتا سىزنى تۇغۇش ئالدىدا باشقا بىر دۇنياغا بېرىپ قايتقاندەك، دۇنيانىڭ ھەممىسىنى قاراڭغۇلۇق بېسىپ كەتكەندەك، خۇددى ئۆلۈمنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندەك بولدى. لېكىن سىز تۇغۇلغاندىن كېيىن سىزنىڭ مېھرى ئىسسىق ئانىڭىز كۆزىنى ئېچىپ سىزنىڭ يېنىدا ياتقانلى قىڭىزنى كۆرگەن ھامان بارلىق دەرد – ئەلەملەرنى، دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن تۋلغاق ئاغرىقلارنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىدۇ، بارلىق ئۈمىد يۋللىرىنى سىزگە باغلايدۇ، سىزدە گۈزەل تۇرمۇشنىڭ خۋشاللىقلىرىنى، بەخت – سائادەتلىرىنى كۆرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كېچە – كۈندۈزلەپ سىز ئۈچۈن ئىشلەيدۇ، سىزگە خىزمەت قىلىدۇ، سىزنىڭ كۈندىلىك ئۇزۇقىڭىز ئۇنىڭ قىممەتلىك ئاق سۈتى بولىدۇ، سىزنىڭ تۇرىدىغان ئۆيىڭىز ئۇنىڭ ئىسسىق باغرى بولىدۇ، سىزنىڭ ئۋلتۇرىدىغان،

مېنىدىغان نەرسىڭىز ئۇنىڭ ئىككى قولى – دۈمبىسى بولىدۇ، ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىدۇ، ئۇ سىزنى تۋيغۇزۇش بەدىلىگە ئۆزى ئاچ قالىدۇ، سىزنى ئارام ئالدۇرۇش، ئۇخلىتىش ئۈچۈن ئۆزى تۈنەيدۇ، ئانا سىزنىڭ دۇچ كەلگەن، قۋرقۇنچ ھېس قىلغان ئىشلىرىڭزدا سىزنى قۋينىغا تاشلاپ يىغلايدىغان، دەرد ئېيتىدىغان، دەردىڭىزگە يېتىدىغان، بېشىڭىزنى سىلايدىغان بىردىنبىر شەپقەتچىڭىز. چۈنكى سىز ئاشۇ چاغلاردا ئانىڭىزنىڭ قۇچىقىنى ئۆزىڭىزنىڭ پاناھ جايىدەك، ئۇنىڭ ئىسسىق باغرىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇ – ئىستەكلىرىڭىز بىلەن تۋلغان كەڭ بىر دۇنيادەك ھېسسىياتلاردا بۋلىسىز. ھەمدە ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭ قۇچىقىغا تاشلىغان ھا مان بارلىق قۋرقۇنچلاردىن خالىي بۋلىمەن دەپ قارايسىز. ئاتىنىڭ ئەجرىمۇ ئانىنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ ئەمدى ئاتىڭىزغا كېلەيلى، ئاتىڭىز كېچە كۈندۈزلەپ سىزنى ئۋيلايدۇ، سىز ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدۇ، يول يۈرىدۇ، سەپەر قىلىدۇ، تاغ – داۋانلاردىن كېچى دۇ، سىزنىڭ كىيىم – كېچەك، يېمەك – ئىچمىكىڭىزنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن دەرد – ئەلەم، جاپا – مۇشەققەتنى تارتىدۇ، كۆپلىگەن خەتەرلەرگە يۋلۇقىدۇ، ئۇ مۇشۇنداق سەرگۈزەشتىلەرنى، تۇرمۇش جەريانلىرىنى، خىلمۇخىل كەچۈرمىشلەرنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ سىزنى تەربىيىلەيدۇ، سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىدۇ، سىز ئاتىڭىزنىڭ يېنىغا كىرسىڭىز سىزدىن خۋشاللىنىدۇ، كۆڭلى ئېچىلىدۇ، ھەم سىزدىن پەخىرلىنىدۇ، ئۇ سىزگە نۇرغۇنلىغان ئۈمىد نەزەرلىرى بىلەن قارايدۇ. ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىپ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بۋلىشىڭىزنى ئاللاھتىن تىلەيدۇ. ئاتىڭىز سىرتقا چىقىش ئۈ چۈن سىزدىن ئايرىلىشقا تەمشەلگىنىدە، سىز ئۇنى قۇچاقلىۋالىسىز، ئۇنىڭ

پېشىگە ئېسىلىۋالىسىز، ئۇ خۇددى ئىككىنچى قايتىپ كەلمەيدىغاندەك بار ئاۋازىڭىز بىلەن ياش تۆكۈپ يىغلىغىنىڭىزدا مېھرى – شەپقەتلىك قۋللىرى بىلەن باش – كۆزىڭىزنى سىلاپ سىزگە تەسەللى بېرىدۇ. ئاتىڭى ز قايتىپ كەلگەندە، خۋشاللىقىڭىزدىن ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭ باغرىغا تاشلايسىز، يايراپ كېتىسىز. ئەنە ئاشۇ ئىككى كىشى سىزنىڭ ئاتا – ئانىڭىزدۇر. ئەنە ئاشۇ ۋاقىتلار سىزنىڭ گۆدەك، ئۆسمۈر چاغلىرىڭىز. ئۇلارنى بۇ ياخشلىقىلىرىنى قايتۇرۇش سىزنىڭ بۇرچىڭىزدۇر. خۇلاسە قىلىپ ئېي تقاندا، ئاتا – ئانىنىڭ ھەقلىرى بەكمۇ كۆپ، ئۇلارنىڭ بالىلار ئۈچۈن قىلغان ياخشىلىقلىرى تۆلەپ بۋلغۇسىز. شۇنداقتىمۇ بىز كۆز ئالدىمىزدىكى بەزى مەجبۇرىيەتلەرنى ئىقتىدارىمىزنىڭ يېتىشىچە ئۋرۇنداپ تۇرۇشىمىز لازىم. مەسىلەن: ئۇلارنى ئەڭ كامالىي ئېھتىرام بىلەن ھۆرمەتل ەش، قەدىرلەش، خىزمەتلىرىنى قىلىش، ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئۇلارنىڭ رازىلىقنى ۋە دۇئاسىنى ئېلىش، ئۇلارنىڭ ئارزۇ – ئىستەكلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يۋلىدا ھېچ نەرسىمىزنى ئايىماسلىقىمىز لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسا الم ئاتام مېنىڭ پۇل – مېلىمنى سۋراۋاتىدۇ، دەپ كەلگەن بىر ئادەمگە: » سەن ۋە سېنىڭ مال – دۇنيالىرىڭ ئاتاڭغا ئائىتتۇر « دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ ھەدىس بالا ۋە بالىنىڭ قۋلىدىكى بارلىق نەرسە – كېرەك، پۇل – مال ئاتىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، ئاتا ئۇ نەرسىلەرنى خالىغانچە ئىشلىتىشكە ھۋقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ .

ئاتا - ئانىڭىزنى ھايات ۋاقتىدا خۋش قىلىڭ نۇرغۇن كىشىلەر ئاتا - ئانىسى ھايات ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ قەدرىنى بىلمەيدۇ، ئۇلارنى يۋقلاپ تۇرمايدۇ، گۋيا ئۇلارنى ھەمىشە شۇنداق ھايات تۇرىدىغاندەك غەپلەتنىڭ كەينىگە كىرىپ، بىر كۈن بولسىمۇ بالدۇرراق ئۇلارنىڭ ياخشى دۇئالىرىنى ئېلىۋېلىشقا ئالدىرىمايدۇ. ئاتا - ئانىسى بۇ دۇنيادىن كۆز يۇمغاندىن كېيىن، يۈرىكى ئېزىلگەن، دىلى يۇمشىغان ۋە بۇرۇن ئۇلارغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارنى رازى قىلالمىغانلىقى سەۋەبلىك ھەسرەت - نادامەت چەككەن ۋاقتىدا، بىر دىنال ئاتا - ئانىسى ئۈچۈن كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلغۇسى كېلىپ، ھەشەمەتلىك نەزىر - چىراقلارنى ئۆتكۈزۈشكە باشالايدۇ. ساۋابىنى ئاتا - ئانىسىغا ئاتاپ، خالىس ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن پېقىرلارغىلا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن نەزىر - چىراقلارنىڭ ساۋابى ئاتا - ئانىسىغا يېتىدىغانلىقىدا گەپي ۋق. ئەمما ئاتا - ئانىسى ئۆلگەندىن كېيىن چىقىم قىلغانلىرىنىڭ يېرىمىنى بولسىمۇ، ئۇلار تىرىك ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن چىقىم قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنى تىرىك ۋاقتىدا خۋش قىلغانغا نېمە يەتسۇن؟! ھالبۇكى، ئاللاھ تائالا بىزنى ئاتا - ئانىمىز ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇلار ھەققىدە نەزىر - چىراق ئۆتكۈزۈشكە ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئۆلۈشتىن بۇرۇن، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قېتىرقىنىپ قىلىشقا، پۇل - مېلىمىزنى ئۇلارغا ئۇلار ھايات ۋاقتىدا خەجلەپ بېرىشكە چاقىرغان ئەمەسمۇ؟! ئاتا - ئانىسىنىڭ خىزمىتىنى ئۇلار ئۆلمەستىن قېتىرقىنىپ قىلىپ، مال - دۇنياسىنى ئۇلار ئۈچۈن ئايىماي خەجلەپ، ئۇلارنى ھايات ۋاقتىدا رازى قىلىۋالغانلار، ئاتا - ئانىسى بۇ ئالەم بىلەم خۋشلاشقاندىن كېيىنمۇ ئاللاھنىڭ قازاسىغا رازى بولۇپ، ئارتۇقچە ھەسرەت چەكمەيدۇ. چۈنكى

ئۇلار قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى قىلىپ، بۇرچىنى ئادا قىلغانلاردۇر. ئەمما ئاتا - ئا نىسى ھايات ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ قەدرىنى بىلمىگەنلەر، ئۇلارنى ھەمىشە شۇنداق ھايات تۇرىۋېرىدۇ، دەپ گۇمان قىلغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلىپ، بۇرۇنراق دۇئاسىنى ئېلىۋېلىشقا ئالدىرىمىغانلار ئاتا - ئانىسى ئۆلگەندىن كېيىن ھەشەمەتلىك نەزىر - چىراقلارنى ئۆتكۈزۈپ ساۋ ابىنى ئۇلارغا ئاتىسىمۇ، بەرىبىر بىر ئۆمۈر ھەسرەت - نادامەتتە ئۆتىدۇ. چۈنكى ئۇلار غەپلەت ئىچىدە قىلىپ، پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈپ قۋيغانلاردۇر. بۇ خۇددى بۇغداينى ئۋرما ۋاقتىدا ئۋرۇشقا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكتىن، ئۋرما ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈپ قۋيۇپ، بۇغدايلىرى تۆكۈلۈپ كەتكەن دېھ قاننىڭ زىيان تارتقىنىغا ئۋخشاش بىر ئىش. چۈنكى ھەر ئىشنىڭ بىر ۋاقتى – سائىتى بار. ئىمتىھان ۋاقتى تۈگىگەندە كەلگەن ئۋقۇغۇچىنى مۇئەللىم سىنىپقا ئالمايدۇ. ئاتا ئانىغا ياخشىلىق قىلىش پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەخلاقى ئاتا ئانىغا ياخشى خىزمەت قىلىش پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەخلاقى ۋە ھەقىقىي مۇسۇلمانلىقنىڭ نىشانىسىدۇر ئاللاھ تائالا ئىبىراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئازغۇن دادىسى )ئازەر( نى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن دادىسىغا مېھرىبانلىق بىلەن نەسىھەت قىلغانلىقى ۋە دادىسى ئۇنىڭ نەسىھىتىنى قوبۇل قىلمىغاندىمۇ، ئۇنىڭغا ئامانلىق تىلەپ چىرايلىقچە قايتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِذْ قَالَ لِأَبِيهِ يَا أَبَتِ لِمَ تَعْبُدُ مَا لَا يَسْمَعُ وَلَا يُبْصِرُ وَلَا يُغْنِيعَنكَ شَيْئًا * يَا أَبَتِ إِنِّيقَدْ جَاءَنِيمِنَ الْعِلْمِ مَا لَمْ يَأْتِكَ فَاتَّبِعْنِي أَهْدِكَ صِرَاطًا سَوِيًّا * يَا أَبَتِ لَا تَعْبُدِ لاشَّيْطَانَ ۖ إِنَّ لاشَّيْطَانَ كَانَ لِلرَّحْمَٰنِ عَصِيًّا * يَا أَبَتِ إِنِّي أَخَافُ أَنيَمَسَّكَ

عَذَابٌ مِّنَلارَّحْمَٰنِ فَتَكُونَ لِلشَّيْطَانِ وَلِيًّا * قَالَ أَرَاغِبٌ أَنتَ عَنْ آلِهَتِييَا إِبْرَاهِيمُ ۖ لَئِنلَّمْ تَنتَهِ لَأَرْجُمَنَّكَ ۖ وَاهْجُرْنِيمَلِيًّا * قَالَ سَلَامٌ عَلَيْكَ ۖ سَأَسْتَغْفِرُ لَكَ رَبِّي ۖ إِنَّهُ كَانَ بِيحَفِيًّا﴾ يەنى ﴿ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ئېيتتى: » ئى ئاتا نېمىشقا ئاڭلىمايدىغان، كۆرمەيدىغان ۋە ساڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرگە چۋقۇنىسەن. ئى ئاتا! ماڭا سەن بىلمەيدىغان ئىلىملەر كەلدى، ماڭا ئەگەشكىن، سېنى توغرا يولغا باشلايمەن. ئى ئاتا! شەيتانغا چۋقۇنمىغىن، شەيتان مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ھەقىقەتەن ئاسىيلىق قىلدى. ئى ئاتا! سېنىڭ مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئازابىغا قېلىشىڭدىن، شەيتاننىڭھ ەمراھىغا ئايلىنىپ قېلىشىڭدىن قۋرقىمەن «. )ئاتىسى( ئېيتتى: » ئەي ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرۈمەكچىمۇسەن، ئەگەر سەن )مۇنداق قىلىشتىن( يانمىساڭ، چۋقۇم سېنى تاش كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمەن، ئۇزاق زامان مەندىن يىراق تۇرغىن «. ئىبراھىم ئېيتتى: » ساڭا ئاما نلىق بولسۇن، رەببىمدىن ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھ ماڭا ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر ﴾ . ئاللاھ تائالا يەھيا ئەلەيھىسسالام توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَبَرًّا قىلدۇق، ئۇ مۇتەكەببىر ، ئاسىيلىق قىلغۇچى بۋلمىدى ﴾ . ئاللاھ تائالا ئى يسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بۆشۈكتە يېتىپ سۆزلىگەن ) ( 24 74 ) ( 41

بِوَالِدَيْهِ وَلَمْ يَكُنجَبَّارًا عَصِيًّا﴾ يەنى ﴿ئۇنى ئاتا ئانىسىغا كۆيۈمچان شەقى قىلمى دى ﴾ . ئا تا ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. ئاتا ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ماددىي ۋە مەنىۋى ھەر ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاتا ئانىلارغا پۇل مال ياردەم قىلىش، ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىش، ئېغىر ئىشلىرى بولسۇن، يېنىك ئىشلىرى بولسۇن ھەممىدە ئۇلارغا ئىتائەتچانلىق بىلەن خىزمەت قىلىش قاتارلىقلار ماددىي تەرەپتىن ياخشىلىق قىلغانلىق بولۇپ سانىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى خۇشال قىلىش، دەرتلىرىگە قۇلاق سېلىش، مۇسىبەتلىرىگە تەسەللى بېرىش، بىلمىگەنلىرىنى بىلدۈرۈپ قۋيۇش قاتارلىقلار مەنىۋى جەھەتتىن ياخشىلىق قىلغانلىق بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: » جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىقى ئاستىدا « يەنە مۇنداق دەيدۇ: » ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئاتىنىڭ رازىلىقىدا، ئاللاھنىڭ غەزى پى ئاتىنىڭ غەزى پىدە « . ئىبىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر ئادەمنىڭ ئانىسىنى يۈدۈپ كەبىنى تاۋاپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. بۇ ئادەم ئىبىن ئۆمەرگە يېقىنلىشىپ: » ئى ئىبىن ئۆمەر! مەن بۇنىڭ بىلەن ئانامنىڭ مېنڭدىكى ھەقلىرىنى ئادا قىلغان بۋلدۇممۇ؟ « دەپ سۋرىغاندا، ئىبىن ئۆمەر ) ( 23

رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: » ياق، سەن تېخى ئاناڭنىڭ ئەجىرلىرىدىن مىڭدىن بىرىنىمۇ ئادا قىلمىدىڭ. لېكىن سەن ياخشى قىلدىڭ. ئاللاھ سېنىڭ ئازلا خىزمىتىڭگە كۆپ ساۋاپ بەرگۇسى « دەپ جاۋاب بىرىدۇ. ئىبىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامدىن مۇنۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىدۇ: » ئۈچ نەپەر كىشى كېتىپ باراتتى، تۋساتتىن قاتتىق يامغۇر يېغى پ كېتىپ، ئۇلار بىر تاغنىڭ تېگىدىكى ئۆڭكۈرگە كىرىۋالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تاغدىن چوڭ بىر تاش دۋمىلاپ چۈشۈپ ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزىنى تۋسىۋالىدۇ. ئۇلار بىر بىرىگە، ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلغان ئەمەللىرىڭلار بولسا شۇ ئەمەللىرىڭلارنى ۋاسىتە قىلىپ دۇئا قىلىپ بېقىڭلار، بەلكى ئاللاھ ئۇنىڭ يۈزىسىدىن بىزگە بىر چىقىش يولى بېرىپ قالار، دېيىشىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى مۇنداق دە پ دۇئا قىلىدۇ: » ئى ئاللاھ ! مېنىڭ ياشىنىپ قالغان ئاتا ئانام بىلەن بىر نارىسىدە بالام بار ئىدى. ئۇلار ئۈچۈن قۋي باقاتتىم، ھەر كۈنى ئۇلارغا سۈت ئىچكۈزەتتىم. بىر كۈنى ك ەچ كېلىپ قالدىم. كەلسەم ئاتا ئانام ئۇخلاپ قاپتۇ. مەن سۈتنى سېغىپ ئەكىلىپ ئۇلارنىڭ بېشىدا تۇتۇپ تۇردۇم ئۇلارنى ئۋيغىتىشقا كۆزۈم قىيمىدى. كىچىك نارسىدە بالام ئايغىمدا ئاچلىقتىن زارلىنىپ، سۈت ئىچىمەن دەپ يىغلاپ تۇراتتى، مەن ھەمىشە ئاۋۋال ئاتا ئانامغا ئىچك ۈزۈپ بولۇپ، ئاندىن بالامغا ئىچكۈزەتتىم. ئاتا ئانامنىڭ ئۋيغىنىشىنى كۈتۈپ شۇنداق تۇرۇپ تاڭ ئاتتى. ئەگەر مېنىڭ بۇ قىلىغىنىم سېنىڭ دەرگاھىڭدا ياخشى ئەمەللەر قاتارىدىن بولۇپ قوبۇل قىلىنغان بولسا، بۇ ئەمەلىمنىڭ يۈز خاتىرىسى بىلەن بىزگە بىر يۋچۇق ئېچىپ بەرگىن كى بىزي ۋرۇقلۇقنى كۆرەيلى،

ئاللاھ ئۇلارغا بىر يۋچۇق ئېچىپ بەردى دە، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاسماننى كۆرەلىدى…….. « . ئاتا ئانىغا ياخشىلىق قىلىش جىھاد قىلىشتىنمۇ ئەۋزەلدۇر ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى ھىمايە قىلىش يۋلىدا جىھاد قىلىش ئىسلامدىكى ھەرقانداق ئىب ادەتلەردىن ئۇلۇغ ۋە شەرەپلىكتۇر. جىھادتا شېھىد بولغان شېھىدلارنىڭ ھېسابسىز، سۋئالسىز، ئۇدۇل جەننەتكە كىرىدىغانلىقى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلارمۇ كۆپ. ئەمما ئاتا ئانىغا ياخشىلىق قىلىش جىھاد قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر. شۇنىڭدىن كۆرۈشكە بۋلىدۇكى، ئاتا ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ ئىسلام دىنى نەزەرىدە نەقەدەر ئۇلۇغ ئىبادەت ئىكەنلىكى شەكسىز ھەقىقەتتۇر. ئىبىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، ئۇ، مۇنداق دەيدۇ: » بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، جىھادقا چىقىشى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن رۇخسەت سۋرىغاندا، پەيغ ەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئادەمدىن » سېنىڭ ئاتا ئاناڭ ھاياتمۇ؟ « دەپ سورايدۇ، ئۇ ئادەم » ھەئە، ھايات « دەپ جاۋاب بەرگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئادەمنى، سەن ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئارقىلىق جىھادنىڭ ساۋابىنى تا پ قىن، دەپ قايتۇرىۋېتىدۇ « . ئەبۇ سەئىد رەزى يەلالھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: يەمەنلىك بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ،

ئۆزىنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقىنىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن » يەمەندە بىرەر كىشىڭ بارمۇ؟ « دەپ سورايدۇ، ئۇ ئادەم » ئاتا ئانام بار « دەپ جاۋاب بەرگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، » ئۇلار ساڭا بۇ يەرگە كېلىشىڭگە رۇخسەت بەرگەنمۇ؟ « دەپ سورايدۇ، بۇ ئادەم، » ياق « دەپ جاۋاب بەرگەندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: » ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ رۇخسەت سۋرىغىن، ئەگەر ئۇلار رۇخسەت بەرمىسە، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلغىن « دەيدۇ « . ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

» بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئى ئاللاھنىڭ

پەيغەمبىرى! مەن جىھاد قىلىشنى ئارزۇ قىلىمەن، ئەمما ئۇنىڭغا قادىر بولالمايمەن ، قانداق قىلسام جىھاد قىلغاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشەلەيمەن؟ دەپ سورايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن » ئاتا ئاناڭدىن بىرەرسى ھاياتمۇ؟ « دەپ سۋرىغاندا، بۇ ئادەم » ئانام بار « دەپ جاۋاب بېرىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئادەمگە » ئاللاھ سېنى ئاناڭنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا مۇيەسسەر قىلسۇن، ئەگەر سەن شۇنداق قىلساڭ، ھەج قىلغاننىڭ، ئۆمرە قىلغاننىڭ ۋە جىھاد قىلغاننىڭ ساۋابىنى ئالىسەن « دەيدۇ « . ئىسلام دىنى ئاتا ئانىلارنىڭ قەدرىنى شۇنچىلىك كۆتىرىپ، ئۇلارنىڭ ھەقلىرىنى شۇنچىلىك قەدىرلەيدۇكى، ھەتتا ئۇلار كاپىر،

مۇشرىك بۋ لغان تەقدىردىمۇ، بالىلارنىڭ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. سۆزىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَبَرًّا بِوَالِدَتِيوَلَمْ يَجْعَلْنِيجَبَّارًا شَقِيًّا﴾ يەنى ﴿ئاللاھ مېنى ئانامغا كۆيۈمچان قىلدى، مېنى مۇتەكەببىر ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زۋرلىسا ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشىلىق قىلغىن ﴾ . شۇنىڭ ئۈچۈن بىراۋنىڭ ئاتا ئانىسى ئەگەر كاپىر بولغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بۋلمايدىغان بارلىق ئىشلاردا ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشى، خىزمەتلىرىنى قىلىشى ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلىشى ئىسلام شەرىئىتىدە بۇيرۇلغان قەرزدۇر. ئاتا ئانىغا ئۇلار ۋاپات بۋلغاندىن كېيىنمۇ ياخشىلىق قىلىش ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: » بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسس االمىنڭ ئەتراپىدا ئۋلتۇراتتۇق، سەلىمە قەبىلىسىدىن بىر ئادەم كېلىپ » يا رەسۇلەللاھ! ئاتا ئانامغا قىلىشقا تېگىشلىك ياخشىلىقلاردىن ئۇلار ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىنمۇ بارمۇ؟ « دەپ سۋرىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، » ئەلۋەتتە بار، ئۇلارنىڭ ھەققىدە دۇئا قىلىش، ئۇال رنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنى تىلەش، ئۇلارنىڭ ئەھدىلىرىنى يۈرگۈزۈش، ئۇلار ئارقىلىق ) ( 51

قىلىنىپ كەلگەن سىلە رەھىملەرنى داۋام قىلدۇرۇش، ئۇلارنىڭ بىللە ئۆتكەن دۋست بۇرادەرلىرىنى ھۆرمەت قىلىش « دەپ جاۋاب بەردى « . بۇ ھەدىستىن شۇنى كۆرۈشكە بۋلىدۇكى، ئا تا ئانىلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن قىلغان مېھنەتلىرىنى ئۇلارغا قانچىلىك ياخشىلىق قىلىپمۇ ئادا قىلىپ بۋلغىلى بولمايدۇ. ئۇلار ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ بالىلارنىڭ گەردەنلىرىدە ئۇلارغا دۇئا قىلىش، گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەتلىكىنى تىلەش، ئۇلارنىڭ ۋەسىيەتلىرىنى ئەمەلگە ئا شۇرۇش، ئۇلارنىڭ دۋستلىرىغا دۋسىت بولۇپ ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىش، ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق ھەقلەرنىڭ قالىدىغانلىقى ۋە بۇ ھەقلەرنى ئادا قىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى ئېنىق بىر ھەقىقەتتۇر. ئانىنىڭ ھەققى ئاتىنىڭ ھەققىدىن چۋڭدۇر ئانىلارنىڭ بالىلار ئۈس تىدىكى ھەقلىرى ئاتىنىڭ ھەقلىرىدىن كۆپتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئانىلارنىڭ ھەقلىرى ئۇلارنى ئادا قىلىش جەھەتتە، ئاتىلارنىڭ ھەقلىرىدىن ئەۋزەل ۋە ئاۋۋالقى ئۋرۇندا تۇرۇشقا تېگىشلىك. چۈنكى ئانىنىڭ بالىسىنى قۋرسىقىدا كۆتىرىپ، تۇغۇپ، ئېمىتىپ، چوڭ قىلىپ قاتارغا قۋشۇش جەريانىدا چەككەن جاپا مۇشەققەتلىرى، ئاتىنىڭ ئائىلىنىڭ كەملىرىنى بار قىلىپ، ئۇنىڭ ئېھتىياجلىرىدىن چىقىش يۋلىدا چەككەن مېھنەتلىرىدىن ئەلۋەتتە ئېغىر ۋە كۆپتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنى ئانىلارنىڭ بالا تۇغۇپ

چوڭ قىلىش يۋلىدىكى مېھنەتلىرىنى ئالاھىدە قەدىرلەپ، ئۇلارنىڭ ھەقلىرىنى ئاتىلارنىڭ ھەقلىرىدىن ئاۋۋالقى ئۋرۇندا قۋيدى ۋە بالىلارنىڭ بۇ ھەقلەرنى ئۆز يۋلىدا، تۋلۇق ئۋرۇندىشىنى تەۋسىيە قىلدى. بۇ تۋغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسى رىۋايەت قىلىنغان. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: » بىر ئادەم پەي غەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، » ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ياخشىلىق قىلىشىم ئۈچۈن ئەڭ ھەقلىق بولغان كىشىم كىم؟ « دەپ سۋرىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا، » ئاناڭ « )يەنى ياخشىلىق قىلىشىڭغا ئەڭ ھەقلىق كىشىڭ ئاناڭ( دەپ جاۋاب بەرگەندىن كېيىن، بۇ ئادە م، » ئۇنىڭدىن قالسىچۇ؟ « دەپ سورايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە، » ئاناڭ « دەپ جاۋاب بېرىدۇ، بۇ ئادەم يەنە، » ئۇنىڭدىن قالسىچۇ؟ « دەپ سورايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە » ئاناڭ « دەپ جاۋاب بېرىدۇ، بۇ ئادەم يەنە، » ئۇنىڭدىن قالساكىم؟ « سورايدۇ، بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام » ئاتاڭ « دەپ جاۋاب بىرىدۇ « . ئاتا - ئانىلارغا رەھىم - شەپقەتلىك بۋلۇشنىڭ زۆرۈرلىكى ئاتا - ئانىغا رەھىم - شەپقەتلىك بۋلۇش ئۇلارنى قانداقلا بىر رەۋىشتە بولمىسۇن، رەنجىتىپ قۋيۇشتىن ساقلىنىش، ئۇلارنى ئاسراش، ئۇلارغا جانىدىل خىزمەت قىلىپ كۆڭۈللىرىنى ئېلىش، ماددىي ۋە مەنىۋى يۈكىنى يەڭگىللىتىش، كۆڭۈلسىزلىكلىرىگە تەسەللى بېرىپ يېنىدا

بۋلۇش، خۋشاللىقلىرىنى بىرگە تەنتەنە قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى تەقەززا قىلىدۇ. ئاتا - ئانىسىنى قاخشىتىپ، ئۇلارنى زار - زار يىغلاتقانلار ئۇلارغا رەھىم - شەپقەت قىلغان بولامدۇ؟ ئاتا - ئا نىسىنى ئالداپ قۋيۇپ يىگىتلەر بىلەن خۇپيانە مۇناسىۋەت قۇرغان قىزلار ئاتا - ئانىسىغا رەھىم - شەپقەت قىلغان بولامدۇ؟ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قالسا، ئاتا - ئانىسىنىڭ قاتتىق بىئارام بۋلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ياخشى ئۋقۇمىغا ن ئۋقۇغۇچىلار ئاتا - ئانىسىغا رەھىم - شەپقەت قىل غان بولامدۇ؟ ئۆيگە كىرگەندە ياكى چىققاندا ئىشىكنى ئاتا - ئانىسىنى چۋچۇتىۋاتىدىغان شەكىلدە قاتتىق ئاچىدىغان ياكى ياپىدىغانلار ئۇلارغا رەھىم - شەپقەت قىلغان بولامدۇ؟ ئاتا - ئانىسىغا سۆز قىلغاندا ئاۋازىنى ئۇلارنىڭكىدىن يۇقىرى كۆتىرىدىغانلار ئۇلارغا رەھىم - شەپقەت قىل غان بولامدۇ؟ ئاتا - ئانىسىنى ھەر دا ئىم زىيارەت قىلىپ يۋقلاپ، ھال - ئەھۋال سوراپ تۇرماستىن، تېلېفۋن ئارقىلىقلا ھال سوراپ قۋيىدىغانلار ئۇلارغا رەھىم - شەپقەت قىلغان بولامدۇ؟ ھالبۇكى، ئاتا - ئانا بالىلىرىنىڭ تېلېفۋندىكى ئاۋازىغا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ دىدارىنى كۆرۈشكە ۋە پىشانىسىگە سۆيۈپ قۋيۇشقا مۇھتاج. ئاتا - ئانىسىغا ئېھتىياجلىق نەرسىلىرىنى ئەۋەتىپ قۋيۇپ، ئۇلارنى ھەپتىلەپ، ئايلاپ، ھەتتا يىللاپ كۆرمەيدىغانلار ئۇلارغا رەھىم - شەپقەت قىلغان بولامدۇ؟ ھالبۇكى، ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ مال - دۇنياسىغا، سۋۋغا - سالاملىرىغا ئەمەس. بەلكى ئۇلارنىڭ دىدارىغا مۇھتاج. ئاتا - ئانىلارنى بۇ نېمەتتىن نېمە ئۈچۈن مەھرۇم قىلىمىز؟ شەكسىزكى، مۇنداق قىلىدىغانلار ئاتا - ئانىسىنى قاخشاتقۇچى

بەخسىزلەردۇر!

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.