تالاقتىن كېيىنكى ھەق-ھوقۇقلار ۋە ئىددەت ئەھكاملىرى
This content is not yet available in your language.
ياتلىق بۋلغانغا قەدەر، بالىسى يۈزىسىدىن ئايالنىڭمۇ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇش دادا بولغۇچىنىڭ ئۈستىگە قەرزدۇر. ﴿وَالْوَالِدَاتُ يُرْضِعْنَ تۋلۇق ئېمىتمەكچى بولسا، تۋلۇق ئىككى يىل ئېمىتىشى لازىم . ئاتىلار ئانىلارنى قائىدە بۋيىچە يېمەك ئىچمەك ۋە كىيىم كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى كېرەك، كىشى پەقەت قۋلىدىن كېلىدىغان ئىشقىال تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئانىنى بالىسى سەۋەبلىك زىيان تارتقۇزماسلىق لازىم. )ئەگەر ئاتا ئۆلۈپ كەتسە( ئۇنىڭ ۋارىسى ئاتىغا ئۋخشاش مەسئۇلىيەتنى )يەنى ئانا بۋلغۇچىغا نەپىقە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ھەقلىرىگە رىئايە قىلىش قاتارلىقلارنى( ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك .
4 . بۋۋاقلارنى ئېمىتكەنلىك ھەققى
بۆلۈم: “4 . بۋۋاقلارنى ئېمىتكەنلىك ھەققى”ئېرىدىن ئاجراشقان ئايال شۇ ئېرىدىن بولغان بالىسىنى ئېمىتكەنلىكى ئۈچۈن بالىنىڭ دادىسىدىن ھەق تەلەب قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئەگەر بالىنىڭ ئانىسى ئۆزىنىڭ بۋۋىقىنى ئېمىتكەنلىكى ئۈچۈن بالىنىڭ دادىسىدىن ھەق تەلەب قىلسا، ئۇنى ئادا قىلىش دادىنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ. شۇنداقلا ئەگەر بالىنىڭ ئانىسى ئۇنى ئېمىتىشنى خالىمىسا، دادا بالىنى باشقا بىر ئايالغا ئېمىتكۈزۈپ بەقەرە سۈرىسى 332 - ئايەت
ھەققىنى تۆلەيدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ﴿فَإِنْ أَرْضَعْنَ لَكُمْ فَآتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ﴾ يەنى ئەگەر ئۇلار سىلەر ئۈچۈن )بالىلىرىڭلارنى( ئېمىتىپ بەرسە، ئۇلارنىڭ )ئېمىتىش( ھەققىنى بېرىڭلار، ھەققانىي ئاسا ستا ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىڭلار، ئەگە ر پىكىردە كېلىشەلمىسەڭلار، ئۇنى باشقا بىر ئايال ئېمىتسۇن ئىددىتى تۋشمىغان ئايالنىڭ ئەرنىڭ ئۆيىدە ئۋلتۇرۇش ھەققى بار بىر تالاق قىلىنغان ئايال ئىددىتى تۋشۇپ پاكلانغىچە ئېرىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە. ئايالىنى تالاق قىلىپ، ئۇنىڭ ئىددىتى تۋشمىغىچە، ئۇنى ئۆيىدىن قۋغلىغان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولىدۇ. ئەمما ئايال ئۆزى تۇرۇشنى خالىماستىن، ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىپ قالسا بۇ ئايالنىڭ ئىددەتتىن چىققۇچىلىك بولغان ئارىلىقتىكى نە پى قىسى )يەنى چىقىملىرى( ئەرنىڭ زىممىسىدە بولىدۇ. شۇنىڭدەك، ئايال ئەگەر ئۆزى ئۈچۈن باشقا ئۆي كىرالاپ ئۋلتۇرسا ئۇنىڭ كىراسىنى تۆلەش ئەرنىڭ ئۈستىگە بەلگىلىنىدۇ. ئەمما ئۈچ تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئېرى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇشى توغرا ئەمەس. چۈكى بۇ ئىككىسى ئۈچ تالاقتىن كېيىن، ياتلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئايال ئايرىم ئۆيدە ياكى ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرىدۇ. ئۆينىڭ ۋە ئايالنىڭ پۈتۈن چىقىملىرىنى ئۇنىڭ تالاق سۈرىسى 6 - ئايەت
ئىددىتى تۋشقانغا قەدەر ئېرى تۆلەيدۇ. ئەر ئەگەر ئايالىنىڭ تېگىشلىك نە پى قىسىنى بەرمىسە، ئايالنىڭ ھەققىنى يېگەن بول ۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئا لدىدا قاتتىق گۇناھكار بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەپ تەلىم بەرگەن: ﴿أَسْكِنُوهُنَّ مِنْ حَيْثُ سَكَنتُممِّنوُجْدِكُمْ وَلَا تُضَارُّوهُنَّ لِتُضَيِّقُوا عَلَيْهِنَّ﴾ ئۇلارنى قۇدرىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئۆزۈڭلار ئۋلتۇرۇۋاتقان جايىڭلارنىڭ بىر قىسمىدا ئۋلتۇ رغۇزۇڭلار، ئۇلارنى تەڭلىكتە قالدۇرۇ پ ) چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلاش ئارقىلىق( ئۇلارغا زىيان يەتكۈزمەڭلار ، ئەگەر ئۇلار ھامىلىدار بولسا، بۋشانغانغا قەدەر ئۇلارنى تەمىنلەڭلار ئايالنىڭ ئىددەت تۇتۇشى تالاقتىن كېيىن ئايالنىڭ ئىددەت تۇتۇشى بەلگىلىنىدۇ. ئىددەت ئاجراشقان ئايالنىڭ ئېرىنىڭ زىممىسىدىن چىقىپ كەتكىنىگە قەدەر بولغان مەزگىل دېمەكتۇر. تالاق قىلىنغان ئايالغا ئىددەت تۇتۇش لازىم كېلىدۇ. ئىددەت تۆۋەندىكىچە ب ۋلىدۇ: (1) ئادەت كۆرىدىغان ئايالنىڭ ئىددىتى 3 پاكلىق، يەنى ئېرى تالاق قىلغاندىن كېيىن ئۈچ قېتىم ئادەت كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن 3 قېتىم پاكلىنىشى ئارقىلىق ئىددەتتىن چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇ، ئېرىنىڭ زىممىسىدىن چىققان بولىدۇ. (2) ئادەت كۆرمەيدىغان ئايالنىڭ ئىددىتى 3 ئايدۇر. يەنى ئادەت تالاق سۈرىسى 6 - ئايەت
كۆرۈشتىن ئۆزۈلۈپ قالغان ئاياللارنىڭ ئىددىتى ئەرلىرىدىن ئايرىلغىنىدىن باشلاپ تۋلۇق 3 ئاي بولىدۇ. (3) ھامىلدار ئايالنىڭ ئىددىتى بالىسىنى تۇغقانغا قەدەر بولۇپ، ھامىلدار ئايال بالىسىنى تۇغۇپ بولۇپ، تۇغۇتنىڭ قېنىدىن پاكلانغاندىن كېيىن، ئىددەتتىن چىققان بولىدۇ. (4) ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئايالنىڭ ئىددىتى 4 ئاي 01 كۈندۇر. ئەگەر بۇ ئايال ھامىلدار بولسا، ئۇنىڭ ئىددىتى بالىسىنى تۇغقانغا قەدەر بولىدۇ. بىراۋ بىر ئايال بىلەن نىكاھلىنىپ، ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلماستىن، ياكى ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز قالماستىن ئايرىلىپ كەتكەن بولسا ياكى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ھايات قالغان بۇ ئايال ئۈچۈن ئىددەت تۇتۇش لازىم كەلمەيدۇ. ئايالنىڭ ئىددەتتىن چىققانلىقى ئۇنىڭ ياتلىق بۋلۇشىنىڭ جائىز ئىكەنلىكىگە ئىشارەتتۇر. ئىددەتتىن چىقمىغان ئايالغا نىكاھ چۈشمەيدۇ. زىنا قىلغان ئايال ئەرگە تېگىشى ئۈچۈ ن ئىددەت تۇتۇشى كېرەكمۇ؟ باشقىسى بىلەن زىنا قىلغان ئايالنىڭ باشقا بىرىگە نىكاھلىنىشى ئۈچۈن ئىددەت تۇتۇشى )يەنى ئۈچ قېتىم ھەيز كۆرۈپ پاكلانغان بۋلىشى( مەسىلىسىدە ئىسلام ئۆلىمالىرى ئىختىلاپلاشقان. بۇ مەسىلىدە ئەڭ توغرا دەپ قارايدىغىنىمىز، ھەنەفىي، شافىئىي ۋە سەۋرى مەزھەپلىرىنىڭ زىنا قىلغان ئايالنىڭ، زىنادىن ئېغىر ئاياق بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ ئىددەت تۇتۇشى لازىم ئەمەس، دېگەن كۆز
قارىشىدۇر. بۇ ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، ئەلى قاتارلىق كاتتا خەلىپىلەرنىڭ رەيىدۇر. چۈنكى ئىددەت تۇتۇش نەسەبنى ئارىلىشىپ كېتىشتىن قۋغداش يۈ زىسىدىن، ئايالنىڭ بالىياتقۇسىنى تازىلاشتىن ئىبارەتتۇر. ئايالنىڭ ئېغىر ئاياق ياكى ئەمەسلىكى ئۇنىڭ ئىددەت تۇتۇشى بىلەن ئۋتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇڭا ئېرىدىن ئاجراشقان ئايالنىڭ ئىددەت تۇتۇشى پەرز. ئەمما زىنادىن ئىددەت تۇتۇلمايدۇ . دكتۇر يۈسۈپ ئەل قەرداۋىينىڭ » فتاۋى مارة « ) ھازىرقى زامان پەتىۋالىرى( ناملىق ئەسىرى، 3 - تۋم، 426 - بەتتىن ئېلىندى.
