تالاق تۈرلىرى، شەرتلىرى ۋە ئالاھىدە ھالەتلەردىكى ھۆكۈملەر
This content is not yet available in your language.
تالاق رەجئى تالاق لەۋزىلىرى بىلەن بىر قېتىم تالاق قىلىش دېمەكتۇر. تالاق رەجئىدە، تالاق قىلىشنى نىيەت قىلىشقا ھاجە ت يوق. يەنى تالاق لەۋزىلىرى بىلەن: » مەن سېنى قۋيۇپ بەردىم « ياكى » بىز ئىككىمىز ئايرىلدۇق « دېيىش بىلەنلا ئايالى تالاق بولىدۇ. تالاق قىلغۇچى راستىنلا تالاق قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسۇن، ياكى چاقچاق قىلغان بولسۇن ياكى ئايالىنى قۋرقۇتۇش ئۈچۈن تالاق دېگەن بولسۇن ، ھەر ھالەتتە ئايالى ئۇنىڭدىن تالاق بولىدۇ. تالاق رەجئى بىلەن تالاق قىلىنغان ئايال ئۇنىڭ ئىددىتى تۋشمىغىچە ئېرىنىڭ نىكاھىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ، يەنى بۇنداق ئايال تالاق قىلىنغاندىن كېيىن ئۈچ قېتىم ئادەت كۆرۈپ بۋلغانغا قەدەر ئېرىنىڭ نىكاھىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ. ئې رى خالىسا، ئۇنىڭ ئىددىتى تۋشۇپ بۋلغىچىلىك مۇددەت ئىچىدە، ئۇنى ئۆزىگە قايتا نىكاھ قىلماستىنلا قايتۇرىۋالالايدۇ. چۈنكى، » رەجئى « سۆزىنىڭ لۈغەتتىكى مەنىسىمۇ، قايتۇرۇش دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. تالاق رەجئى ئۈچ قېتىمغا يىتىپ قالغاندا، تالاق قىلغۇچى ئايالىنى ئۇ، باشقا بىر ئەرگە تېگىپ ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ ئىددىتى تۋشمىغىچە ئۆزىگە قايتۇرالمايدۇ. چۈنكى تالاق رەجئى ئۈچ قېتىمغا يېتىش بىلەنلا تالاق بائىن )ئاخىرقى رەسمى ئايرىلىش تالىقى(غا ئايلىنىپ قالىدۇ. لېكىن ئۈچ تالاق بولغان ئايال ئىككىنچى تەككەن ئېرىگە، بىرىنچى ئېرىگە قايتىش ئۈچۈن يول ئېچىش مەقسىتىدە تەگسە، ئۇنىڭ نىكاھى قوبۇل قىلىنمايدۇ، يەنى نىكاھى چۈشمەيدۇ. ئۇ پەقەت زىناغا ئۋخشاش بولىدۇ.
2 . تالاق بائىن
بۆلۈم: “2 . تالاق بائىن”تالاق بائىن قايتىشقا بۋلمايدىغان، رەسمى ئايرىلىش تالىقى دېمەكتۇر. تالاق بائىن ئىككى قىسىم بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى، تالاق بائىن سۇغرا، يەنە بىرى تالاق بائىن كۇبرادۇر. تالاق بائىن سۇغرا كىنايە لەۋزى بىلەن بىر ياكى ئىككى تالاق قىلىش دېمەكتۇر. كىنايە لەۋزى بىلەن تالاق قىلىشتىن مەقسەت، تالاق قىلىشنى نىيەت قىلىپ تۇرۈپ، ئايالىغا » ئۆيۈڭگە كەت « ياكى
» كۆزۈمدىن يوقال « دېگەنگە ئۋخشاش گەپلە رنى قىلىش دېمەكتۇر. ئەر
ئەگەر ئايالىنى تالاق قىلىش مەقسىتى بىلەن يۇقىرىقى كىنايە لەۋزىلىرىنى قىلسا، شۇ ھامان ئايالى تالاق بولىدۇ. ئايالىنى ئۆزىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىددىتى تۋشقاندىن كېيىن، يېڭىدىن نىكاھ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ئەر يۇقىرىقى كىنايە سۆ زلىرىنى چاقچاق قىلىپ ياكى ئايالىنى قۋرقۇتۇش مەقسىتىدە، تالاقنى نىيەت قىلمىغان ھالدا، سۆزلىگەن بولسا، ئۇنىڭ بۇ سۆزى تالاق سانالمايدۇ. بەلكى ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى نىيىتىگە قاراپ بولىدۇ. تالاق بائىن كۇبرا بىرال ۋاقىتتا ئايالىنى ئۈچ تالاق قىلىش ياكى بىردىن تالا ق قىلىپ، ئۈچ قېتىمغا يېتىشى دېمەكتۇر. ئۈچ تالاقتىن كېيىن، ئايالى ئۇنىڭ نىكاھىدىن مەڭگۈلۈك چىقىپ كېتىدۇ. ئۇنى يېڭىدىن نىكاھ قىلىش ئارقىلىقمۇ قايتۇرۇپ ئاللامايدۇ. پەقەت، ئۈچ تالاق بولغان ئايال باشقا بىر ئەرگە ئۆمۈرلۈك جۋر بۋلۇش نىيىتى بىلەن ياتلىق بولۇپ، كې يىن قايسى بىر سەۋەب بىلەن ئۇنىڭدىن ئاجراشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىرىنچى ئېرى ئۇنىڭ ئىددىتىنى تۋشقۇزۇپ، يېڭىدىن نىكاھ ئۋقۇتۇش ئارقىلىق ئۆزىگە قايتۇرالايدۇ.
ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَإِنطَلَّقَهَا فَلَا تَحِلُّ لَهُ مِنبَعْدُ حَتَّىٰ تَنكِحَ زَوْجًا غَيْرَهُ﴾ تەگمىگىچە ئۇنىڭغا دۇرۇس بولمايدۇ. ئەگەر )كېيىنكى ئەرمۇ( ئۇنى تالاق قىلسا، )ئايال بىلەن بۇرۇنقى ئېرى( ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن تەقدىردە، قايتىدىن يارىشىۋالسا، ئۇلارغا گۇناھ بولمايدۇ . ئۈچ تالاقنى تەھلىل قىلىشنىڭ ھاراملىقى ئۈچ تالاقنى تەھلىل قىلىش ئۈچ تالاق بولغان ئايالنىڭ ئېرىگە قايتى شى ئۈچۈن يول ئېچىش دېمەكتۇر. يۇقىرىقى ئايەتكە ئاساسەن، ئۈچ تالاق قىلىنغان ئايالنى تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ. لېكىن ئۇنى قانداق تەھلىل قىلىش كېرەك؟ بۇنىڭ جاۋابى بىز يۇقىرىدا ئېيتقاندەك مۇنداق: ئۈچ تالاق بولغان ئايال ئىككىنچى تەككەن ئېرىگە ئۆزىنى باشتىكى ئې رى ئۈچۈن تەھلىل قىلىش مەقسىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىككىنچى ئېرىگە مەڭگۈلۈك خوتۇن بۋلۇش نىيىتىدە تەگكەندىن كېيىن، بۇلار قايسى بىر سەۋەب بىلەن ئايرىلىپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ ئىددىتى تۋشقاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇنىڭ بىرىنچى ئېرى ئۇنى يېڭى نىكاھ بىلەن ئۆزىگە قايتۇرا اليدۇ. شەرىئەتنىڭ بەلگىلىمىسى مانا مۇشۇ. ئەمما يۇقىرىقى ئايەتنىڭ مەنىسىنى سۇيېىستېمال قىلىپ بەزى جاھىل كىشىلەر » ھى ي لە ) ( 032 .
شەرئىي « دېگەن نام بىلەن ئۈچ تالاق بولغان خۋتۇننى تەھلىل قىلىش نىيىتى بىلەن ئەرگە بېرىپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن قايتۇرۇپ ئېلىپ، ئۇنىڭ بىرىنچى ئېرىگە نىكاھ قىلىپ قۋيۇشتەك شەرىئەتتە بۋلمىغان ئىشنى پەيدا قىلغان. بۇ ئەلۋەتتە خاتا. چۈنكى شەرىئەتكە بۇ نداق ھى ي لە ئىشلىتىش قۇرئان كەرىمنىڭ كەسكىن ھۆكۈملىرىگە خىلاپتۇر. بىر لەۋز بىلەن ئۈچ تالاق قىلىش سوئال: بىر لەۋز بىلەن قىلىنغان ئۈچ تالاق ئۈچكە ھېسابمۇ ياكى بىرگىمۇ؟ جاۋاب: بىر لەۋزى بىلەن ئۈچ تالاق قىلىش ئەرنىڭ ئايالىغا بىر ئۋرۇندا، بىر سۆز بىلەنلا ئۈچ تالاق دېيىشى بولۇپ، كۆپ سانلىق ئۆلىمالارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن بىر تالاق ھېسابلىنىدۇ . ) ( پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدا، بىر لەۋزى بىلەن قىلىنغان ئۈچ تالاق بىر تالاق ھې سابلىناتتى. ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبىن خە تتابنىڭ زامانىغا كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ تالاق ئىشىنى ئۋيۇنچاق ئورنىدا كۆرۈپ، ئاياللىرىنى ھە دەپ ئۈچ تالاق قىلىۋېتىش ئەھۋالى كۆپ كۆرۈلۈشكە با شلىغ انلىقتىن، بۇ سەلبىي ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتى بىلەن، خەلىپە ئۆمەر مۇسۇلمان ئۆلىمالىرىنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن بىر لەۋزى بىلەن قىلىنغان ئۈچ تالاقنى ئۈچ تالاققا ھېساپ قىلىشقا ئىجما قىلىشقان. مەشھۇر تۆت مەزھەپ ھەنەفىي، شافىئى، ھەنبەلى ۋە مالىكى مەزھەپلىرىمۇ، شۇ ۋاقىتتىكى ئىجما بۋيىچە بىر لەۋزى بىلەن قىلىنغان ئۈچ تالاقنى ئۈچ تالاققا ھېىساب قىلغان. ئەمما شەيخۇلئىسلام ئىبىن تەيمىيە قاتارلىق كاتتا ئۆلىمالار مەسىلىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى ئەسلى ھۆكۈمگە قايتۇرۇپ، بىر لەۋزى بىلەن قىلىنغان ئۈچ تالاقنى بىر تالاققا ھېساب قىلىشنى تاللىغان. ھازىر دۇنيادىكى ئىسلام ئۋلىمالىرىنىڭ كۆپ سانلىقى بۇ قاراشنى قۋلال يدۇ.
تالاق قىلىشنىڭ تۈرلىرى مەسنىڭ، زۋرلانغۇچىنىڭ ، ھۋشىنى يۋقاتقۇچىنىڭ ۋە قاتتىق غەزەبتىن ئەقلىنى يۋقاتقۇچىنىڭ تالىقى ھەققىدە ھەر قانداق كىشىنىڭ تەسەررۇپىنىڭ دۇرۇس بۋلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ سالاھىيەتلىك بۋلىشى شەرتتۇر. تەسەررۇپقا سالاھىيەتلىك بۋلۇش ئەقىل ئىگىسى بۋلۇش، بالىغ بۋلۇش، تەسەررۇپىدا ئىختىيار ئىگىسى بۋلۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ قائىدىگە ئاساسەن، مەسنىڭ، زۋرلانغۇچىنىڭ ، ھۋشىنى يۋقاتقۇچىنىڭ ۋە قاتتىق غەزەبتىن ئەقلىنى يۋقاتقۇچىنىڭ قىلغان تالىقى ھېسابقا ئېلىنماسلىقى كېرەك. ئەمما ھەممىسى بۇندا بولمايدۇ. تۆۋەندە بۇ مەسىلىنىڭ تەپسىلاتى ۋە جاۋابى بېرىلىدۇ: مەس ھالەتتىكى تالاق چۈشەمدۇ؟ بۇ مەسىلە ئالىملار ئۋتتۇرىدا ئىختىلاپ بولغان مەسىلە ئەلۋەتتە. ھازىرقى زاماندا ئەڭ ئىشەنچلىك گۇرۇپ قارارى ئىسلام فىقھى مەجمەسى تەرىپىدىن چىققان بولۇپ، نۇرغۇن ئالىملار تۋپلىنىپ مۇزاكىرە قىلىپ ئاخىرى مۇنداق قارار قىلغان: (1) بىلمەي مەس قىلىدىغان بىر نەرسە يەپ سېلىپ مەس ھالىتىدە تالاق دېسە ئايالى تالاق بولمايدۇ. (2) زۆرۈرىيەت ئەھۋالىدا مەسىلەن داۋالانغاندا، ئاچ قالغاندا مەس قىلىدىغان بىر نەرسە يەپ مەس ھالىتىدە تالاق دېسە ئايالى تالاق بولمايدۇ.
(3) مەس قىلىدىغان بىر نەرسىنى باشقىلار زۋرلاپ يىگۈزسە، يەپ مەس ھالىتىدە تالاق دېسە ئايالى تالاق بولمايدۇ. ) 4 (ھالال بىر نەرسە ئىستىمال قىلىپ مەس بولۇپ قىلىپ مەس ھالىتىدە تالاق دېسە ئايالى تالاق بولمايدۇ. ) 5 (ئۆز ئىرادىسى ۋە ئىختىيارى بىلەن ھاراق ياكى شۇنىڭغا ئۋخشىغان ھارام بىر نەرسە ئىستىمال قىلىپ مەس بولۇپ، لېكىنم ەسلىكى ئېغىر بۋلماي ئەقلى - ھۋشىنى تۋلۇق يۋقاتمىغان، گەپنى ئۇقىدىغان ئەھۋالدا بولسا، بۇ ئەھۋالدا قىلغان تالىقى ھېساب بولىدۇ. ) 6 (يۇقىرى قى ئاشۇ ئەھۋالدا قاتتىق ئېغىر مەس بولۇپ، ئەقلى - ھۋشىنى تۋلۇق يۋقۇتۇپ قۋيۇپ تالاق قىلسا، ئاشۇ قۇرۇلتايدىكى ئالىملارنىڭ كۆپچىلى كى تالاق چۈشمەيدۇ، دەپ قارىغان، قالغانلار چۈشىدۇ، دەپ قارىغان. ) ( ھۋشىنى يۋقاتقان ھالەتتىكى تالاق چۈشەمدۇ؟ قالامىقان سۆزلەيدىغان، نېمە داۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغان دەرىجىدە ھۋشىنى يۋقاتقان ھالەتتە ئايالىنى تالاق قىلغان كىشىنىڭ بۇ تالىقى چۈشمەيدۇ. مىسىر ئەزھ ەر بىلىمگاھىنىڭ » پەتىۋا ھەيئىتى « تەرىپىدىن 0291 - يىلى 31 - ئىيۇن كۈنى چىقىرىلغان 242 - نۋمىرلىق پەتىۋاسىدا، ئەقلىنى پۈتۈنلەي يۋقاتقانلىقىدىن نېمە دېگەن ۋە نېمە قىلغانلىقىنى ھىندىستان ئۆلىمالىرى ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيىسىنىڭ پەتىۋاسى. دىن نەقىل ئېلىندى.
بىلمەيدىغان ھالدا، ئايالىنى تالاق قىلغان كىشىنىڭ تالىقى چۈشمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ز ۋرلانغۇنچىنىڭ مەجبۇرلىغان ھالەتتىكى تالىقى چۈشەمدۇ؟ ھەنەفىي مەزھىبىگە كۆرە، ئايالىنى تالاق قىلىشقا مەجبۇرلانغۇچىنىڭ تالىقى چۈشىدۇ، ئەمما شافىئىي، ھەنبەلى ۋە مالىكى مەزھەپلىرىگە كۆرە، ئۇنىڭ تالىقى تۆۋەندىكى شەرتلەر تېپىلغان ھالەتتە چۈشمەيدۇ. (1) مەجبۇرلىغۇچى مەجبۇرلانغۇچىنى ئۆلتۈرۈش، يارىلاندۇرۇش، ئۇزۇن مۇددەت تۈرمىگە سۋلىتىۋېتىش ياكى پۇل - مېلىغا ئېغىر دەرىجىدە زىيان سېلىش ياكى نامىنى بۇلغىۋېتىش ۋە ياكى ئىنسانغا راستىنلا ئېغىر كېلىدىغان تۈرلۈك ئېغىر كۈلپەتلەرنى يەتكۈزۈش بىلەن تەھدىت سالغان بۋلىشى. (2) مەجبۇر لىغۇچىنىڭ قىلىمەن دېگەن تەھدىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان كۈچكە ۋە ئىمكانىيەتكە ئىگە بولغان بىرى بۋلىشى. بۇنداق ئەھۋالدا، مەجبۇرلانغۇچىنىڭ قىلغان تالىقى چۈشمەيدۇ. ( مىسىر ئەزھەر بىلىمگاھىنىڭ » پەتىۋا ھەيئىتى « تەرىپىدىن 1891 - يىلى چىقىرىلغان 3121 - نۋمىرلىق پەتىۋاسىدا، ئايالىنى تالاق قىلىشقا مەجبۇرلانغۇچىنىڭ تالىقىنىڭ چۈشمەيدىغانلىقى كۈچلەندۈرۈلگەن ۋە مىسىرنىڭ 9291 - يىلى تۈزۈلگەن » ئائىلە قانۇنى « نىڭ 5 - ماددىسىدىمۇ شۇنداق كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
غەزە پتىن ئەقلىنى يۋقاتقان كىشىنىڭ تالىقى چۈشەمدۇ؟ غەزە پ بىر خىل بولمايدۇ. غەزەب تۆۋەندىكىد ەك 3 تۈرلۈك بولىدۇ: (1) ئەقلىنى پۈتۈنلەي يۋقىتىپ خۇددى ساراڭدەك بولۇپ قىلىش. بىراۋ قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، غەزە پكە بۋغۇلۇپ كەتكەنلىكتىن، ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ۋە نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغان ھالەتتە ئايالىنى تالاق قىلغان كىشىنىڭ بۇ تالىقى چۈشمەيدۇ. بۇنىڭدا پۈتۈن ئىسلام ئۆلىمالىرى بىردەك ئىتتىپاق. (2) ئەقلىنى پۈتۈنلەي يۋقاتمىغان بولسىمۇ، ئەر - ئايال ناھايىتى قاتتىق ئۇرۇشۇش، تىللىشىش، ھاقارەت قىلىشىش قاتارلىقلار سەۋەبلىك، ئەر ئۆزىنى تۇتالماستىن ئايالىنى تالاق قىلىۋەتكەن بولسا، بۇ مەسىلە ئىسلام ئۆلۈمالىرى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ ماۋزۇسى بولۇپ، بۇ ھالەتتە قىلىنغان تالاق چۈشمەيدۇ، دېگۈچىلەرنىڭ رەيى كۈچلۈك سانىلىدۇ. (3) غەزە پتىن ئەقلىنى يۋقاتمىغان، بەلكى دېگەنلىرىنى ئۋيلاپ ۋە بىلىپ دەيدىغان ھالەتتىكى قاتتىق ئاچچىق بىلەن قىلىنغان تالاق ئەلۋەتتە چۈشىدۇ. چۈنكى تالا ق قىلىش دېگەن ئادەتتە مەلۇم دەرىجىدە غەزەپ ياكى بىنۋرماللىقتىن خالىي بولمايدۇ . سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سابىق مۇپتىسى ئابدۇلئەزىز ئىبىن بازنىڭ پەتىۋاسى.
» پەتىۋا ھەيئىتىنىڭ « 102 - يىلى 41 - ئىيۇل كۈنىدىكى 6941 - نۋمىرلىق
پەتىۋاسى.
غائىبنىڭ تالىقى بىراۋ ئىز - دېرەكسىز يۋقاپ كەتسە ياكى ئۈچ يىللىقتىن كۆپ مۇددەتلىك تۈرمىگە قامىلىپ قالسا، ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئېرى غايىپ بولغان ياكى تۈرمىگە ئېلىنغان ۋاقىتتىن بىر يى ل كېيىنلا ئۇنىڭدىن ئايرىلىش ھەققىدە مەھكىمىگە ئەرز سۇنۇشھ ەققى بار. ئەگەر ئايالىنىڭ ئىددىتى تۋشقىچىلىك بولغان ئارىدا)ھامىلدار بولسا تۇغ ۇپ بۋلغى چە، ھامىلدار بولمىسا ئۈچ قېتىم ئادەت كۆرۈپ پاكلىنىپ بۋلغىچە (، ئېرى قايتىپ كەلسە ياكى تۈرمىدىن چىقسا ئايالىنى نىكا ھېسسىزلا قايتۇرۇپئ االلايدۇ. ئەگەر ئېرىنىڭ يۋقاپ كېتىشى بىرەر ئۆزۈر سەۋەبىدىن بولغان بولسا ۋە كەتكەن يېرى ئېنىق بولسا ، مەسىلەن: ئىلىم تەھسىل قىلىش، جىھاد قىلىش، ھەج قىلىش ۋە تىجارەت قىلىش قاتارلىق ئىشلار ئۈچۈن كېتىپ قىلىپ كەلمىگەن بولسا، ئايالى ئۇنىڭدىن ئاي رىلىش ھەققىدە ئەرز سۇنالمايدۇ. مەھكىمىمۇ ئايرىۋەتمەيدۇ. چۈنكى بۇ ھالدا، مۇنداق كىشىنىڭ كەتكەن يېرى ۋە ئۆزىنىڭ مەۋجۇد ئىكەنلىكى ئېنىق بولغان بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدىن تالىقىنى ئالماي تۇرۇپ ئايرىاللمايدۇ. مىسىر ۋە سۈرىيىنىڭ مەھكىمە شەرئىيلىرىمۇ مۇشۇنداق ئىش كۆرم ەكتە. ئايال ئېرىدىن خېتىنى ئالماستىن ياتلىق بولمايدۇ كۈنىمىزدە، ئالاقىلىشىش قوراللىرىمۇ تەرەققى قىلدى. شۇڭا ئايال خەت ئارقىلىق ياكى تېلېف ۋن ئارقىلىق ياكى ئادرىسىنى بىلمىسە باشقىلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئېرى بىلەن خەۋەرلىشەلەيدۇ. ئەگەر ئېرى تىز كەلمەيدىغان ھالەتتە بولسا، ئۇنىڭدىن تالىقىنى سورايدۇ. رۇخسەت خېتىنى بەرسە، ئۇنىڭ نىكاھىدىن چىققان بولىدۇ ۋە ياتلىق
بولالايدۇ. ئەرلىرى ئىچكىرىگە ياكى چەتئەللەرگە تىجارەت قىلغىلى كېتىپ قىلىپ، قايتىپ كەلمىگەن ئاياللارمۇ شۇنداق خەۋەرلىشىشى كېرەك. ئۇلاردىن خېتىنى ئالماي تۇ رۇپ توي قىلماسلىقى كېرەك. ئەرنىڭ ئايالىنى ئۇزۇن ۋاقىت تاشلاپ كەتمەسلىكى لازىم ئەرلەرمۇ ئاياللىرىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك تاشلاپ قۋيۇپ كېتىپ قالماسلىقى لازىم. تىجارەت قىلىش ياكى ئىلىم تەھسىل قىلىش ياكى خىزمەت سەۋەبى بىلەن يىراقلارغا كېتىپ قالغاندا، ئاياللىرىنى ئا يلاپ تاشلىۋەمەسلىكى ۋە ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە كۆرۈپ تۇرۇشى لازىم. ئايالىنى، بالىلىرىنى قىيىنچىلىقتا قۋيماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى بارلىق چىقىملىرىنى ھازىرلاپ بېرىشى پەرزدۇر. چۈنكى ئەر ئۆلمىگەن مۇددەتچە ئايالىنىڭ چىقىملىرىنى قىلىشتىن باش تارتالمايدۇ. سەئۇدى ئەر ەبىستاننىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن ئەللامە ئابدۇلال ئىبىن ئابدۇرراھمان ئىبىن جىبرىن ئېرى سەپەرگە كېتىپ قالسا، ئۇنىڭ ئۆيدىكى ئىقتىسادىنى ئايالى سۋرىماستىن خىراجەت قىلسا بولامدۇ؟ دېگەن سۋئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: » ئېرى كېتىپ قىلىپ ئايالى ۋە بالىلىرى پۇلغا ھاجەت بولۇپ قالغان شارائىتتا، ئايال ئېرىنىڭ مەيلى ئۆيدە ساقلىغان پۇلىدىن بولسۇن، مەيلى بانكىدا قۋيغان پۇلىدىن بولسۇن، ھاجىتىگە يېتەرلىكىنى ئېلىپ چىقىم قىلسا بولىدۇ. چۈنكى ئەرنىڭ ئايالىغا ۋە بالىلىرىغا چىقىم قىلىشى پەرزدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَعَلَى الْمَوْلُودِ لَهُ رِزْقُهُنَّ وَكِسْوَتُهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ﴾ ئاتىلار ئانىلارنى قائىدە بۋيىچە يېمەك ئىچمەك ۋە كىيىم كېچەك
بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى كېرەك . بېخىلنىڭ تالىقى بىراۋ ئايالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماي، ئۇنىڭ كىيىم كېچەك، يېمەك ئىچم ەك ۋە باشقىمۇ ئېھتىياجلىرىنى ھېچ قامدىماي ياكى ئۇنى قۋيۇپ بەرمەي ئازاپلىسا، نېمە قىلىش كېرەك؟ ھالبۇكى، ئايالنىڭ پۈتۈن چىقىملىرىنى كۆتىرىش ئەرنىڭ بۇرچىدۇر. شافىئى، مالىكى ۋە ھەنبەلى مەزھەپلىرىگە كۆرە، بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېىتىش كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَا تُمْسِكُوهُنَّ ضِرَارًا لِّتَعْتَدُوا﴾ زىيان يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇلارنى تۇتۇۋالماڭلار . ئايالنى ئۇنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداپ بەرمەستىن ياكى قۋيۇۋەتمەستىن تۇتۇۋېلىش ئۇنىڭغا قاتتىق زىيان يەتكۈزگەنلىكتۇر. ھەنە فى ى مەزھىبگە كۆرە، ئايالىنىڭ ئېھتىياجىنى قامد اپ بەرمىدى، دەپلا ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتمەسلىك كېرەك. بەلكى ئەر قېيىنچىلىقتا بولغان سەۋەب بىلەن قامدىيالمىغان بۋلۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ، قۋلىدا بار تۇرۇپ چىقىم قىلمىغان بولسا، ئۇ زالىمدۇر. لېكىن بۇنداق زۇلۇمنى تالاق بىلەن ھەل قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇنى باشقا چارە بىلەن مەسىلەن: ئۇنىڭ مال دۇنياسىنى ئايالىنىڭ ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەجبۇرى ساتقۇزۇش ياكى ئۇنى باشقا جازالار بىلەن بەقەرە سۈرىسى 332 - ئايەت ) ( 132
تەھدىد قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك. ئىسلام دۆلەتلىرى قەدىمدە، ھەنەپى مەزھىبىگە كۆرە ئىش كۆرەتتى. ئەمما ھازىرقى مەھكىمە شەرئىيلەر يۇقىرىقى ئۈچ مەزھەپنىڭ رايى بۋيىچە ئىش كۆرمەكتە. بۇ بولسىمۇ، ئايالنى ئازاپتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئېھتىياج سەۋەبى بىلەن بۇزۇلۇپ، يامان يولغا كېرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەگەر ئايالى ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا، بۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتىشتۇر. شەرت بىلەن تالاق قىلىش شەرت بىلەن تالاق قىلىش ئايالىغا » ئەگەر سەن ئاناڭنىڭ ئۆيىگە بارساڭ، سەن تالاق، ياكى پالانى كەلسە، سەن تالاق « دېيىش ياكى ئۇنىڭدىن باشقىمۇ تالاق ئىشىنى قانداقلا بىر شەرتكە باغلاش دېمەكتۇر. شەرت بىلەن تالاق قىلىش ئاياللىرىنى باشقۇرالمايدىغان ياكى ئۇلارنى گېپىگە كىرگۈزەلمەيدىغان ئەبگا، ئەخمە ق، جاھىل ۋە قلاق ئادەملەرنىڭ قۋللىنىدىغان تالىقى بولسا كېرەك . بۇنداق تالاق شەرتنىڭ ئەمەلگە ئېىشىشى بىلەن تەڭال چۈشىدۇ، يەنى ئېرى ئېيتقان شەرت ئەمەلگە ئاشقان ھامان ئايال ئۇنىڭدىن تالاق بولۇپ كېتىدۇ. بۇ كۆپ سانلىق ئۆلىمالار ۋە مەشھۇر تۆت مەزھەپ پېشىۋالىرىنىڭ رەيى. بەزى ئالىملار مۇنداق تالاقنى چۈشمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. چۈنكى شەرت بىلەن تالاق قىلىش ئىسلام كۆرسەتمىسىگە خىلاپ بىر ئىش. مۇنداق ئىش يۈرگۈزۈلمەيدۇ. ئەمما ئەللامە ئىبىن تەيمىيەنىڭ رەيىگە كۆرە، شەرت بىلەن
قىلىنغان تالاقنى قەسەمگە ئۋخشىتىپ، شەرت ئەگەر ئەمەلگە ئاشسا، ئېرى بۇ ئەخمە قلىقى ئۈچۈن، قەسەمنى بۇزغاننىڭ كاپارىتى )ماددىي جازاسى( بۋيىچە، ماددىي جازا تۆلەشكە تېگىشلىك بولىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىسى بۋيى چە، قەسىمىنى بۇزغان ئادەم ئۇنىڭ كاپارىتى ئۈچۈن ئائىلىسىگە بېرىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك تاماق بىلەن ئۋن مىسكىننى بىر ۋاخ غىزالاندۇرىدۇ، ياكى ئۋن مىسكىنگە، ئۇلارنىڭ بەدىنىنى يېپىپ تۇرغىدەك بىرقۇردىن كىيىم بېرىدۇ، بۇنداق قىلىشقا كۈچى يەتمىسە، ئۈچ كۈن رۇزا تۇتى دۇ. ھازىرقى ئۆلىمالارنىڭ كۆپ سانلىقى ئىبىن تەيمىيەنىڭ بۇ رەيىنى توغرا تاپقان. مۇرتەد بۋلۇش بىلەن نىكاھنىڭ بۇزۇلىشى مۇرتەد مۇسۇلمانلىقتىن يېنىپ، كاپىر بولغان كىشى دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالاغا، ياكى ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن بىرەرسىگە، ياكى قۇرئان ۋە ئىشەنچلىك ھەدىسلار بىلەن بەلگىلەنگەن ئەقىدە ۋە ئىمانغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرەرسىنى ئاشكارا ئىنكار قىلىپ، مۇسۇلمانلىقتىن يېنىۋالغان ئادەم مۇرتەد دېيىلىدۇ. ئەر ياكى ئايال ئىككىسىنىڭ بىرى مۇرتەد بۋلۇش بىلەن ئۇلارنىڭ ئۋتتۇرسىدىكى نىكاھ بۇزۇلىدۇ. مۇرتەد بولغان كى شى گۇناھىغا تەۋبە قىلىپ، قايتا ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن، ئايالىنى قايتا نىكاھ بىلەن قايتۇرالايدۇ. مۇرتەد بولغان ئايالمۇ شۇنداق قىلىدۇ. بەدەللىك تالاق )تالاقى خۇلئ( بەدەللىك تالاق ئايالنىڭ ئېرنىڭ قايسىبىر تەرىپىنى
ياقتۇرمىغانلىق ياكى ئۇنىڭ بىلەن بەختلىك بۋلۇ شقا كۈزى يەتمىگەنلىك سەۋەبلىك ئېرىدىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئېرىگە بەرگەننىڭ بەدىلىگە مەلۇم مىقداردا پۇل - مال بېرىشى دې گەنلىكتۇر . ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَا يَحِلُّ لَكُمْ أَنتَأْخُذُوا مِمَّا آتَيْتُمُوهُنَّ شَيْئًا﴾ نەرسە قايتۇرىۋېلىشى سىلەرگە ھالال بولمايدۇ. پەقەت ئۇلار ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن قۋرقسا، بۇ باشقا ئەھۋالدۇر. ئەگەر ئەر ئايال ئىككىسىنىڭ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىرىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن قۋرقساڭلار، ئايالنىڭ تالاق خېتىنى ئېلىش مەقسىتىدە )ئېرىگە(مال بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ئىككىسىگە گۇناھ بولمايدۇ . ئايالدىن ئالسا ھالال بۋلىدىغان مىقدار ئەرنىڭ نىكاھتا بەرگەن مەھرىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى شەرتتۇر. ئايالدىن بۇنىڭدىن كۆپ مال - دۇنيا تەلەب قىلغان ئەر ھارامخۋر ئەردۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئەرلەرگە قارىتىپ مۇنداق دېگەن: ﴿وَلَا تَعْضُلُوهُنَّ لِتَذْهَبُوا بِبَعْضِ مَا آتَيْتُمُوهُنَّ﴾ يۇلۇۋېلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتمەڭلار . ئاياللار تالاق خېتىنى تەلەپ قىلغاندا، ئەرلەرنىڭ ئۇلارنى مال دۇنيا ) ( 922 نىسا سۈرىسى 91 - ئايەت
بېرىشكە قىستاش ھوقۇقى يوق. بۇنداق قىلغان كىشى قاتتىق گۇ ناھكار بولىدۇ. ئايال ئۆز رازىلىقى بىلەن، ئۆزى خالاپ مال دۇنيا بەرسە، ئۇنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ. ئايالنى سۆزىنى بەرمەستىن، مال دۇنيا بېرىشكە قىستاش بەكمۇ نامەرتلىكتۇر. بۇنداق ئالغان مال دۇنيا شەكسىز ھارامدۇر. بۇنى ۋىجدانلىق كىشىلەر قىلمايدۇ. تالاقتىن كې يىنكى ھەق - ھۋقۇقلار تالاقتىن كېيىن ئەرنىڭ ئۈستىگە تۆۋەندىكى ھەقلەرنى ئادا قىلىش بەلگىلىنىدۇ :
1 . ئايالنىڭ قېپقالغان مەھرىنى بېرىش
بۆلۈم: “1 . ئايالنىڭ قېپقالغان مەھرىنى بېرىش”ئەر - ئاياللىق تۇرمۇشىنىڭ باشلىنىشى بۋلغاندا نىكاھتا ئايالغا بېرىش ئۈچۈن ئەرنىڭ ئۈستىگە بەلگىلەنگەن مەھرىنى تېخى بەرمىگەن بولسا ي اكى يېرىمىنى بېرىپ يېرىمىنى بەرمىگەن بولسا، تالاقتىن كېيىنلا ئۇنى ئايالغا تۋلۇق بېرىپ، ئۇنى رازى قىلىش ئەرنىڭ ئۈستىدىكى ھەقلەرنىڭ بىرىدۇر.
2 . نەپىقە
بۆلۈم: “2 . نەپىقە”تالاق قىلىنغان ئايال ئىددەتتىن چىقىپ پاكلانغانغا، ئېغىر ئاياق بولسا بالىسىنى تۇغقانغا قەدەر ئۇنىڭ بارلىق ئې ھتىياجلىرىنى ئېرىنىڭ ئۆيىدە قانداق تۇرمۇش سەۋىيىسىدە ياشىغان بولسا، شۇ تۇرمۇش سەۋىيىسىدىن كەم قىلماستىن، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، دۋختۇرغا كۆرۈنۈش چىقىمى، قاتناش چىقىمى دېگەنگە ئۋخشاش كېرەكلىك چىقىملارنىڭ ھەممىنى تەل قىلىپ، تۋلۇق قامداپ بېرىش ئەرنىڭ ئۈستىگە پەرزدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿وَلِلْمُطَلَّقَاتِ
مَتَاعٌ بِالْمَعْرُوفِ ۖ حَقًّا عَلَى الْمُتَّقِينَ﴾ بۋيىچە نەپىقە بېرىش لازىم. بۇ ئاللاھتىن قۋرقىدىغانلارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر دېگەنئ ەر بۇ ھەقنى ئادا قىلىشتىن قەتئىي باش تارتالمايدۇ. بۇ ھەقنى ئادا قىلىش جەريانىدا نۋقسانلىق سادىر قىلسا ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ئايالنىڭ ھەققىنى يەۋالغانلىقى سەۋەبلىك ئېغىر گۇناھكار بولىدۇ.
3 . بالىلارنىڭ چىقىمى
بۆلۈم: “3 . بالىلارنىڭ چىقىمى”قايسى تۈردىكى تالاق بىلەن بولمىسۇن، تالاق بۋ لۇپ ئېرىدىن ئايرىلغان ئايال ئەگەر ئېغىر ئاياق بولسا، ئۇنىڭ بالىسى تۇغۇلغاندىن كېيىن، بالىنىڭ چىقىمىنى ئېقىۋاتقان ئادەت بۋيىچە، كەم قىلماستىن بېرىپ ئادا قىلىش، ھالىدىن ھەمىشە خەۋەر ئېلىپ تۇرۇش، ئايال بەقەرە سۈرىسى 142 - ئايەت. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن سالىھ ئىبىن فەۋزان قاتارلىق ئۆلىمالار ئۈچ تا الق قىلىنغان ئايال ئۈچۈن ئېرىنىڭ نەپىقە بېرىشى پەرز ئەمەس چۈنكى ئۇ ئايال ئۈچ تالاق بىلەن ئېرىنىڭ زىممىسىدىن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا، قەيس فاتىمە ئىسىملىك بىر ئايالنى ئېرى ئۈچ تالاق قىلىۋەتكەندىن كېيىن، بۇ ئايال پەيغەمبەر ئە لەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئېرىنىڭ ئۇنىڭغا نەپىقە قىلىشى لازىم ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە سۋرىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: » ئېرىڭىزنىڭ سىزگە نەپىقە قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق « دەپ جاۋاب بەرگەن. ئەمما دۋكتۇر يۈسۈپ ئەل قەرداۋىي قۇرئان كەرىمنىڭ يۇقىرىقى ئايىتىنىڭ رۋھىغا ئاساسلىنىپ، » مەيلى ئۈچ تالاق بىلەن مەيلى بىر تالاق بىلەن تالاق قىلىنغان بولسۇن، ئېرىدىن تالاق قىلىنغان ھەر قانداق ئايال ئىددەتتىن چىقىپ بۋلغانغا قەدەر ئۇنىڭ تۇرارا جايىنى ۋە پۈتۈن چىقىملىرىنى ئېرىنىڭ تەل قىلىپ بېرىشى پەرزدۇر « ، دەپ پەتىۋا بەرگەن.
