Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇش سەۋەبلىرى ۋە تالاق ئۇقۇمى

This content is not yet available in your language.

تىكىلىپ قارىشى، ئەرنىڭمۇ ئۇنىڭغا مەيلىنى بىلدۈرىدىغان ئىشارەتلىرى بىلەن جاۋاب قايتۇرىشى ۋە ئىشەنچ بىلدۈرىشى، ئاندىن ئىككىسى بىنۋرمال، يۋلسىز ئالاقە باغ لىشى، نەتىجىسىدە، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ، گاھ ئاشىق بولۇپ قالغان، ئۆز ئېرىگە بولسا ھەۋەسسىز، مۇھەببەتسىز بولۇپ قالغان سەۋەبتىن، ئېرىگە ئۆچ بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيىدىن كىچىككىنە باھانىلەر بىلەن چىقىپ كېتىشى ئارقىلىق ئائىلىنى ۋەيران، بالىلىرىنى يېتىم قىلغانلىقى قاتارلىقئ ېچىنىشلىق ئەھۋاللارنىڭ كۆپىنچىسى كىشىلەرنىڭ نامەھرەملەردىن كۆزلىرىنى ساقلىمىغانلىقىدىن كېلىپ چىقماقتا.

2 .ئاياللارنىڭ نامەھرەملەرگە ئەۋرەت ئەزالىرىنى ئېچىشى

بۆلۈم: “2 .ئاياللارنىڭ نامەھرەملەرگە ئەۋرەت ئەزالىرىنى ئېچىشى”

ئاياللارنىڭ ئەۋرىتى ئىككى قولى، يۈزى ۋە ئىككى پۇتىدىن باشقا پۈتۈن ئە زالىرى دېمەكتۇر. ئاياللارنىڭ نامەھرەملەر بار يەرلەردە نېپىز، قىسقا ۋە تار كىيىملەرنى كىيىشى ۋە ئەۋرەت سانالغان ئەزالىرىنى ئۇلارغا ئاشكارىلىشى ئىسلام شەرىئىتىدە تۋسۇلغان ئىشتۇر. شۈبھىسىزكى، ئاياللارنىڭ ئېچىشتىن تۋسۇلغان ئەزالىرىنى ئېچىپ يۈرۈشلىرى، ئەخلاقتىن نېسىۋىسى بۋلمىغان بەزى كىشىلەرنىڭ يامان غەرەزلەرنى ئۋيلىشى بىلەن جىنسىي ھەۋەسلىرىنى قۋزغىتىشىغا سەۋەب بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاستا ئاستا يامان ئاقىۋەت يۈز بېرىپ قىلىشى ئېھتىمال. غەيرى نورمال ئەھۋال يۈز بەرمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا كۆزى چۈشكەن ۋە نىيىتى بۇزۇلغان بىرىسى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چاپىدۇ. نەتىجىدە، ئەل ئارىسىدا سۆز چۆچەكلەر تارقىلىدۇ. بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى ئەر خوتۇن مۇناسىۋىتىگە ئەلۋەتتە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، ئاياللارنىڭ ئاياللار كېسەللىكلىرى

بۆلۈملىرىدە ئايال دۋختۇر بار ھالدا، ئەر دۋختۇرلارغا بارماسلىقى لازىم. بۇ، دىنىمىزغا خىلاپ ئىشتۇر. چۈنكى دۋختۇرمۇ جىنسىي ھەۋەسكە ئىگە بولغان ئەردۇر. تۈرلۈك يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ يۈز بېرىشى ئېھتىمال. غەيرى ئەھۋال يۈزبەرمىگەن تەقدىردىمۇ، ئىپپەتلىك، ھايالىق بىر ئايال ئۈچۈن بۇ ياخشى ئىش ئەمەس، ئەلۋەتتە. شۇڭا، ئايال دۋختۇر بۋلمى غانلىقتىن، ئامالسىز قالغاندا، ئەر دۋختۇرغا بېرىشقا بولىدۇ. بارغاندىمۇ يالغۇز بارماسلىقى لازىم.

3 . نامەھرەم بىلەن يالغۇز قىلىش

بۆلۈم: “3 . نامەھرەم بىلەن يالغۇز قىلىش”

مەيلى ئەر بولسۇن ، مەيلى ئايال بولسۇن، قايسى بىرىنىڭ ئۆزىگە نامەھرەم بولغان بىرسى بىلەن يالغۇز قىلىشى توغرا ئەمەس. بۇ ئەر خۋتۇنل ۇق مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەي قالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: » سىلەرنىڭ ھېچبىرىڭلار مەھرىمى يېنىدا بۋلمىغان ئايال بىلەن يالغۇز قالمىسۇن « . ئاياللار ئەر خوتۇنلۇق ھاياتىنى قۋغداپ ئاخىرغىچە داۋام قىلدۇرۇشى ئۈچۈن، بۇ ئىشلارغا ئا الھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك، كۆپلىگەن ئەر خۋتۇنلار ئۋتتۇرىسىدىكى يۈز بېرىدىغان جېدەل ماجىرالارنىڭ كۆپىنچىسى بۇسەۋەبتىن بولىدۇ.

4 . ئاياللارنىڭ ئىش ئۋ رۇنلىرىدىكى ئەرلەر بىلەن مۇناسىۋەت

بۆلۈم: “4 . ئاياللارنىڭ ئىش ئۋ رۇنلىرىدىكى ئەرلەر بىلەن مۇناسىۋەت”

ئۋرنىتىشى ئەسلىدە ئاياللارنىڭ ئىش ئۋ رۇنلىرى ئەرلەرنىڭ ئىش ئۋ رۇنلىرىدىن ئايرىم بۋلۇشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر. ھەر قايسى ئىسلام دۆلەتلىرىدىمۇ شۇنداق بۋلىۋاتىدۇ. ئەمما مەملىكىتىمىزنىڭ شارائىتىدا ئاياللارنى ئەرلەرگە ئارىلىشىپ ئىشلەشتىن مۇتلەق تۋسقىلى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئاياللار ئىش ئۋرۇنلىرىدا باشقا ئەرلەر بىلەن ئىشلىگەندە، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا خىزمەتداشلىق شۇئارى ئاستىدا باشقا بىنۋرمال مۇناسىۋەتلەر ئۋرنىتىلماسلىقى لازىم. مەسىلەن: ئايال ئىش ئۋرنىدىكى بىرسى بىلەن خىزمەتداشلىق شۇئارى ئاستىدا بىنۋرمال، يۋلسىز مۇناسىۋەت باغلىغاندىن كېيىن، بۇ مۇناسىۋەت كۈندىن كۈنگە قۋيۇقلىشىپ، ھەتتا بىرگە كۆڭۈل ئېچىشلارغا چىقىدىغان، كىنۋ - تىياتېرلارغا بارىدىغان دەرىجىگە يېتىدۇ. ئايال ئېرى بىلەن ھەمىشە بىرخىل خۇشال ئۆتەلمەيدۇ، بەزىدە بىر بىرىدىن رەنجىپ قالىدۇ. بۇ ھالەتلەردە ئايالنىڭ كۆڭلى ئېرىدىن ئېچىلمىغاچقا، ئۇ تەدرىجى ھالدا، ئۆزىنىڭ خىزمەتداش دۋستى بىلەن كۆڭۈل ئېچىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئاخىرىدا ھەر ئىككىسى ئائىلىسىنى پارچىلاشقا ۋە بالىلىرىنى يېتىم قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. مانا بۇ ئائىلە بۇزۇلدى، دېگەنلىك. بۇنداق بۇزۇلغان ئائىلىلەر كۆپ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللارنىڭ ئىمكان قەدەر، ئەر خىزمەتداشلىرى بىلەن مۇناسىۋەت سىز، كۆپ سۆزلەشمەسلىكى، ئىشتىن تاشقىرى بىرگە ئارىلىشىپ يۈرمەسلىكى كېرەك. بۇ ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.

5 . نامەھرەم كىشىلەر بىلەن چاقچاقلىشىش

بۆلۈم: “5 . نامەھرەم كىشىلەر بىلەن چاقچاقلىشىش”

مەلۇمكى، ئايالنىڭ نامەھرەم ئەرلەر بىلەن جۋرىسى بار يەردە بولسۇن، ياكى يوق يەردە بولسۇن چاقچاقلىشىشى ئە ر خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىگە سەلبىي تەسىرلىرىنى يەتكۈزمەي قۋيمايدۇ. شۇنىڭدەك، مېھماندارچىلىقلاردا، ئاممىۋى پائالىيەتلەردە ۋە باشقىمۇ ئەر ئاياللار تۋپلاشقان ئۋرۇنلاردا ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ تۋ ال پاراڭ قىلىشى ياكى باشقىلار بىلەن چاقچاق قىلىشىشى بەكمۇ ئېيىپتۇر. ئايال ئۈچۈن كەمسۆزلىكتىن ياخشى خۇلۇق يۋقتۇر.

6 . تانسا ۋە باشقا ئۋ يۇن تاماشالارغا بېرىش

بۆلۈم: “6 . تانسا ۋە باشقا ئۋ يۇن تاماشالارغا بېرىش”

ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھەر ئىككىسىنىڭ تانسىغا ۋە باشقا ئەر ئايال جىنسلار تۋپلاشقان ئۋ يۇن تاماشا سۋرۇنلىرىغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن بىرگە تاماشا قىلىشى ياخشى ئەمەس. ئىسلام نەزەرىدە، ھارامدۇر. ئايالنىڭ مەيلى ئېرى بىلەن بولسۇن، مەيلى يالغۇز بولسۇن تانسىغا بېرىشى قاتتىق ئېغىر قاباھەتتۇر. ئايالىنى تانسىغا ئېلىپ بارغان ئەر غۇرۇرسىز ۋە ۋىجدانسىز كىشىدۇر. ئايالىنى تانسىغا ئەۋەتىپ قۋيۇپ خاتىرجەم ئۋلتۇرغان ئەر دەييۈس )يەنى ئايالى باشقىلار بىلەن قۇچاقلىشىپ تانسا ئۋينىسا، ھەتتا باشقىلارنىڭ قۇچىغىدا ياتسىمۇ،

» ئۇنى توغرا چۈشىنىمىز، چۈنكى بىز مەدەنىيەتلىك كىشىلەرمىز «

دەيدىغان، ۋىجدانسىز ئەبگا( ئەردۇر.

7 . ئاياللارنىڭ يالغۇز شەھەر ئاتلاپ تىجارەت قىلىشى

بۆلۈم: “7 . ئاياللارنىڭ يالغۇز شەھەر ئاتلاپ تىجارەت قىلىشى”

بۋلۇپمۇ ۋەتىنىمىزدە يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئەڭ كۆپىيىپ كەتكەن بىر سەلبى ئېقىم ئاياللارنىڭ ئۆزى يالغۇر شەھەرلەر ئاتلاپ تىجارەت

قىلىشى بولدى. شۈبھىسىزكى، ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز ھالدا، شەھەردىن شەھەرگە سەپەر قىلىپ يۈرۈپ تىجارەت قىلىشى ئىنتايىن خاتادۇر. بۇ ئىشلار ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە ئەلۋەتتە دەخلى يەتكۈزمەي قالمايدۇ. ئايالىنى باشقا شەھەرلەرگە تىجارەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىپ قۋيۇپ، ئۆزى بىغەم ئۋلتۇرىدىغان ئەر ئەگەر مۇسۇلمان بولسا، ئاللاھ تائالادىن قۋرقسا بولىدۇ. كۆپلىگەن ئاياللارنىڭ تىجارەت يۋلىدا چىقىشىپ قالغان كىشىلىرىگە بې رىلىپك ېتىپ، ئائىلىلىرىنى بۇز غانلىقى نەتىجىسىدە، بالىلىرىنى يېتىم قىلغانلىقى، ئائىلە بۇزۇلمىغان تەقدىردىمۇ، ئەرلىرىگە خىيانەت قىلىشى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئابرۋيلىرىنى يەرگە ئۇرغانلىقى قاتارلىق بىز ھەمىشە ئاڭلاپ تۇرىدىغان ئېچىنىشلىق ھادىسىلەر يۇقىرىقى خاتالىقنىڭ نەتى جىىسى ئەمەسمۇ؟

8 . ئەر خوتۇن ئۋتتۇرىسىدىكى سىرلارنى يېيىش

بۆلۈم: “8 . ئەر خوتۇن ئۋتتۇرىسىدىكى سىرلارنى يېيىش”

كۆپىنچە، ئاياللار ئەر خوتۇنلۇق ئۋتتۇرىسىدىكى سىرلارنى سىرتقا يېيىشنىڭ قانچىلىك يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقى رى دىغانلىقىنى ھېس قىلا ل مايدۇ. بەزى ئاياللار ئەر خوتۇن ئۋتتۇرىسىدىكى سىرلارنى بىر بىرى بىلەن ئېيتىشىدۇ، ئاڭلىغان ئاياللار ئەرلىرىگە ئېيتىدۇ، ئاخىرىدا بېرىپ بۇ سىرلار ئاۋۋال سۆزلىگۈچى ئايالنىڭ ئېرىگە ئاڭلىنىدۇ. نەتىجىدە، ئەر خوتۇن ئوتتۇرىسىدا جېدەل ماجىرالار يۈز بېرىدۇ. ئەر - ئايال بەخىتسىز، سۆيگۈسىز ئۆتۈشكە مەجبۇر بولىدۇ ياكى ئائىلە ۋەيران بولىدۇ . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: » قىيامەت كۈنىدە

ئاللاھنىڭ نەزەرىدىكى ئەڭ يامان كىشى ئەر خۋتۇنچىلىقنىڭ سىرلىرىنى يايغان كىشىدۇر « . زىنا ئائىلە بۇزۇلىشىنىڭ ئەڭ چوڭ ئامىلى زىنا ك اپىرلىق گۇناھىدىن قالسا ئەڭ چوڭ گۇناھى كەبىرىلەرنىڭ بى رىدۇر. زىنا شەرەپلىك ئائىلىلەرنى يەرگە قارىتىدىغان، ئابرۋيلۇق كىشىلەرنى يەرگە ئۋرىدىغان، شىجائەتلىك كىشىلەرنى قۋرقۇنچاق قىلىپ قۋيىدىغان بىر رەزىل ئىشتۇر. زىنانىڭ دەرىجىلىرى ئېغىرلىق جەھەتتىن ھەر تۈرلۈك بولىدۇ. ئۇنىڭ گۇناھلىرى قانداق رەۋىشتە بولمىسۇن، يۇقىرىقىلاردىن يېنىك بولمايدۇ، بەلكى ئېغىرلىشىدۇ. مەسىلەن: ئۆزىگە دۈشمەنلىك كۆرسىتىۋاتقان باشقا دىندىكى ئايال بىلەن زىنا قىلىشتىن، مۇسۇلمان ئايال بىلەن زىنا قىلىشنىڭ گۇناھى ئېغىر. ناتۋنۇش مۇسۇلماننىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشتىن، قۋشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قى لىشنىڭ گۇناھى ئېغىر. يىراق قۋشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشتىن، يېقىن قۋشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشنىڭ گۇناھى ئېغىر. يېقىن قۋشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشتىن مۇجاھىد) ئاللاھ يۋلىدا جەڭگە چىقىپ كەتكەن كىشى(نىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشنىڭ گۇناھى ئېغى ر، ئەلۋەتتە. ئېرى يوق ئايال بىلەن زىنا قىلىشتىن، ئېرى بار ئايال بىلەن زىنا قىلىشنىڭ گۇناھى ئېغىر بولىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن، باشقا دىندىكى ئاياللار بىلەن زىنا قىلسا، ئۇنىڭ گۇناھى يېنىكرەك بۋلىدىغان ئۋخشايدۇ، دەپ چۈشىنىپ قىلىش ئىنتايىن خاتادۇر. يۇقىرىقى ھەدىسلە ردە بايان قىلىنغان زىنانىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى جازاسى، زىنا دەرىجىلىرىدىن ئەڭ يېنىك بۋلغىنىنىڭ جازاسىدۇر. چۈنكى بۇ ھەدىسلەردە بايان قىلىنغانلار مۇتلەق زىنانىڭ جازاسى بولۇپ، بۇ مۇتلەقلىق ئادەتتە زىنا دەرىجىلىرىنىڭ ئەڭ يېنىك بۋلغىنىنى كۆرسىتىدۇ. پەيغەمبەرئ ەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: » مۇجاھىدلارنىڭ ئاياللىرىنىڭ باشقىلارغا ھارام بۋلۇشى، خۇددى بۇ ئاياللارنىڭ ئۆز ئاتىلىرىغا ھارام بۋلغىنىغا ئۋخشاشتۇر. قانداقلا بىر كىشى مۇجاھىلاردىن ئايرىلىپ قىلىپ، بىرەر مۇجاھىدنىڭ ئايالىغا كېلىدى كەن ۋە ئۇ نىڭغا خىيانەت قىلىدى كەن، قىيامەت كۈنىدە، بۇ مۇجاھىد ئۈچۈن ئۇنىڭ خىيانەت قىلغۇچىسىدىن ئىنتىقام ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ساۋابلىرى بولسا، مەزكۇر مۇجاھىد ئۇنىڭ ساۋابلىرىدىن خالىغانچە ئالىدۇ « . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: » بىراۋنىڭ قۋشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلغىنى ، باشقا يات ئاياللاردىن 01 ئايال بىلەن زىنا قىلغىنىدىن ئېغىر گۇناھتۇر « . يۇقىرىقى، زىنانىڭ ئادەمنى دەھشەتكە سالىدىغان گۇناھىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇرۇن زىنا ئىشلارنى قىلىپ قۋيغانلارنىڭ ئاللاھ

تائالانىڭ مەغپىرىتىدىن ئۈمىدسىز بۋلۇشلىرى خاتادۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا كىچىك گۇناھلارنى ياخشى ئەمەللەرنىڭ يۈزىسىدىن تەۋبەسىزمۇ كەچۈرىدۇ، ئەمما گۇناھى كەبىرىلەر)زىنا قىلىش ۋە باشقىلارغا ئۋخشاش چوڭ گۇناھلار( نى، قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلىش، ئۇنىڭغا قايتا قايتماسلىق ئىرادىسى بىلەن قىلىنغان ھەقىقىي تەۋبە ئارقىلىق كەچۈرى دۇ. زىنانىڭ ئىناق ئائىلىلەرنى قانداق ۋەيران قىل غانلىقى، ئەر ئايال ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتىنى نەپرەتكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، قانچىلىغان گۇناھسىز بالىلارنى يېتىم قىلغانلىقى ھەممىگە ئايان بولغان، تەجرىبىلەرمۇ ئۇنى يەكۈنلىگەن بىر بالايى ئاپەت ئىكەنلىكى ئۋچۇقبىر رىئاللىقتۇر. شۇڭا زىنا ئائىلىلەرنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئەڭ چوڭ ئامىلى دېيىلىدۇ.

تالاق ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى تالاق ەرنىڭ ئايالىدىن ۋازكەچكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر ئارقىلىق، ئۋنىڭدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى دېمەكتۇر. بەزى كىشىلەر تالاقنى ئىنتايى ن ئاددى مەسىلە دەپ قارايدۇ. ئۇلار تالاقنى ئاچچىقلىرىغا تەسەللى تېپىش ياكى ئايالىنى قۋرقۇتۇش ئورنىدا قۋللىنىدۇ، ئۇلار ئاياللىرىغا ئاچچىقى كەلگەندە، ئۆزلىرىنىڭ جاھىللىقى ۋە ئاخماقلىقىدىن ھەدەپ كېيىنكى ئاقىۋەتنى ئۋيلىماستىن ئۇلارنى تالاق قىلىۋېتىدۇ، ئارقىدىنلا تالاق قىلغىنىغا پۋشايمان قىلىپ چىقىش يولى ئىزدەشكە كىرىشىدۇ. تالاق ئەر خوتۇنلۇق ھاياتىنىڭ داۋام قىلىشىغا ھېچ ئۈمىد قالمىغان، ياخشى ئۆتۈشكە ئامال بۋلمىغاندا ئىككىسىنىڭ ئايرىلىپ يېڭىدىن ھايات باشلىشى ئۈچۈن رۇخسەت قىلىنغان ئەڭ ئاخىرقى بىر چارىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: » ھالال ئىشلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھقا ئەڭ يامان كۆرىلىدىغان ئىش تالاقتۇر « دېگەن. تالاق قىلىش ئەر ئايال ئىككىسى ئۈچۈن پۇشايمان كەلتۈرىدۇ. ئەر ئۆز ئاچچىقىنى بېسىۋېلىشتا ئايالغا نىسبەتەن سەۋرلىك، سۋغۇق قان بۋلغانلىقى ئۈچۈن، تالا ق قىلىش ھوقۇقى ئەرگە بېرىلگەن، ئەر بۇ ھۋقۇقنى جايىدا ئىشلىتىشى لازىم. ئايالىنى تالاق قىلغاندىمۇ، ئۇنى ئايلىق ئىددىتى داۋام قىلىۋاتقان ۋاقىتلىرىدا تالاق قىلماسلىقى لازىم.

تالاق ئالدىرايدىغان مەسىلە ئەمەس تالاق يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ئاللاھ تائالا رۇخسەت قىلغان ئىشلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يامان كۆرىلىدىغىنى ۋە ئەر ئايال ئىككىسىنىڭ بىرگە ئۆتۈشىگە ھېچقانداق ئىمكانىيەت قالمىغاندا، ئاندىن يول قۋيۇلغان ئاخىرقى بىر چارە. تالاق ئائىلىنى بۇز غاندىن كېيىن، ئىناقلىق ئاداۋەتكە، سائادەت شاقاۋەتكە، مۇھەببەت نەپرەتكە ئۆرۈلگەن بولىدۇ. گۇناھسىز بالىلار ئاتا ئانىسىنىڭ ئىسسىق مېھرىدىن كېلىدىغان نېمەتتىن ئايرىلىپ بەختسىزلىككە يۈز تۇتىدۇ. راھەت جاپاغا ئۆزگىرىدۇ. تالاق قىلىش ھوقۇقى ئەرلەرنىڭ قۋلىدا بولغاچقا، ئاللاھ تائالا ئەرلەرنى تالاقتىن نەپرەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنى ئاياللىرىنى يامان كۆرۈپ قالغىنىدا، شۇ ھامان تالاق قىلىۋەتمەسلىككە، ئاياللىرىنىڭ ياخشىلىقلىرىنى ئۋيلاپ بولسىمۇ، ئۇلارنى تالاق قىلىشتىن ۋازكېچىشكە ئۈندەپ: ﴿وَلَا تَنسَوُا الْفَضْلَ بَيْنَكُمْ﴾ يەنى ئۆز ئارا ياخشىلىق قىلىشنى ئۇن ۇت ماڭلار! دەيدۇ. ئەر ئايالىنىڭ مۇئامىلىسىدىن، ئەخلاقىدىن ۋە باشقىمۇ كەمچىلىكلىرىدىن نەپرەتلىنىپ، ئۇنى قۋيۇۋېتىش خىيالىغا كەلگەندە، ئايالىنىڭ ئۆي ئىچىدىكى خىزمەتلىرىنى، ئېرىگە قىلغان ياخشىلىقلىرىنى، بالىلىرىنى بېقىشىدىكى ئەجىرلىرىنى ۋە بالىلارنى ئىسسىق ئۇۋىدىن ئايرىۋېتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان زىيانلارنى ياد ئېتىشى ئارقىلىق ئايالىنىڭ كەمچىلىكىنى ئۇنتۇيالايدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا ئاياللارنىڭ ياخشىلىق تەرەپلىرىنى ياد ئېتىشكە ئەمر قىلماقتا. ) ( 632

ئەلۋەتتە، ھەرقانداق ئايالنىڭ سەلبىي ۋە ئىجابىي تەرەپلىرى بولىدۇ. ئەر ئايالىدىن نەپرەتلەنگەن ۋاقتىدا، ھېچ بۋلمىغاندا بۇ ئايالنىڭ ياخشىلىق تەرەپلىرىنى ياد ئېتىش ئارقىلىق ئايرىلىشنىڭئ ەلىمىنى، بالىلارنى يېتىم قىلىشنىڭ يامانلىقىنى، قۋدىلار ئارىسىدا دۈشمەنلىك تۇغدۇرۇشنىڭ زىيىنىنى ۋە كۆڭۈللەرنى بىئارام قىلىشنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرىنى ئۋيلاش ئارقىلىق ئۆزىنى بېسىۋالالاي دۇ ۋە تالاقتىن ۋاز كېچىدۇ. تالاقنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ھەقىقەتەن يامان ئىكەنلىكى ۋە ئەر ئايال ھەر ئىككىسىگە پۇشايمان كەلتۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئەر ئاياللارنى ئالدىراپ ئاجرىشىشتىن تۋسىدۇ ۋە تالاقنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلىدۇ: بىرىنچى باسقۇچى، ئەر ئايال ھەر ئىككىسىگە ئاجرىشىشنىڭ ئاچچىقلىقىنى ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان زىيان زەخمەتلەرنى تۋنۇتۇش بولسا، ئىككىنچى باسقۇچى، ئۇلارنى غاپىللىقىدىن ۋە قاراملىقىدىن ئۋيغىتىپ، تالاقتىن كېيىنكى ھەسرەتلىك ئاقىۋەتلەردىن ئاگاھلاندۇرۇش، ئۈچىنچى باسقۇچى، ئاخىرقى ئايرىلىش يەنى رەسمى ئاجرىشىش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئەر بىر ياكى ئىككى تالاقتىن كېيىن، تالاق قىلغىنىغا پۇشايمان قىلغان بولسا، ئايالىنى قايتۇرىۋالالايدۇ. چۈنكى بۇلار ئاخىرقى تالاق ئەمەس. ئەمما ئۈچىنچى قېتىملىق تالاقتىن كېيىن، ئۇلار مەڭگۈ ئايرىلغان بولىدۇ. بۇلار نىكاھ بىلەنمۇ بىر بىرىگە قايتالمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَإِنطَلَّقَهَا فَلَا تَحِلُّ لَهُ مِنبَعْدُ حَتَّىٰ تَنكِحَ زَوْجًا غَيْرَهُ ۗ فَإِنطَلَّقَهَا فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِمَا أَنيَتَرَاجَعَا إِنظَنَّا أَنيُقِيمَا حُدُودَ اللَّهِ﴾ يەنى ئەگەر ئۇ ئايالىنى ئۈچ قېتىم تالاق قىلسا، ئايال باشقا ئەرگە تەگمىگىچە ئۇنىڭغا دۇرۇس بولمايدۇ. ئەگەر

)كېيىنكى ئەرمۇ( ئۇنى تالاق قىلسا، )ئايال بىلەن بۇرۇنقى ئېرى( ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن تەقدىردە، قايتىدىن يارىشىۋالسا، ئۇال رغا گۇناھ بولمايدۇ . بەزى كىشىلەر تالاقنىڭ ئاقىۋىتىنى ئۋيلىماستىن، ئېغىزلىرىنى قۋيۇۋېتىپ، ئاياللىرىنى ئۈچ تالاق قىلىۋېتىدۇ. ئارقىدىن پۇشايمان قىلىپ، قايتىش ئۈچۈن يول تېپىشقا ئۋرۇنىدۇ. بەزىلىرى ئۆلىمالار ئالدىدا ئۈچ تالاق قىلغانلىقلىرىنى ئىنكار قىلىپ تۇ رۇپ، ئايالىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن يول ئېچىشقا كىرىشىدۇ. بەزىلەر بولسا، ئۈچ تالاقتىن كېيىن ئايالىنى ۋاقىتلىق ئۆيلەندۈرۈپ، ئاندىن ئاجراشتۇرۇپ قايتا ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى ئالدىغانلىقتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا نىيەتلەردىكىنى ئېنىق بىلگۈچىدۇر. ئايالىنى ئۈچت االق قىلغانلىقىغا ئىنكار قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆزىگە قايتۇرۇشقا ئۋرۇنغانلار ۋە باشقىسىغا ۋاقىتلىق نىكاھلاپ قۋيۇپ، ئاندىن ئۇنى ئۆزىگە قايتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلار ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن قۇتۇاللمايدۇ. ئايال ئۈچ تالاق قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ، باشقا بىرسىگە ئۆمۈ رلۈك خوتۇن بۋلۇش ئۈچۈن تەگكەن بولسا، كېيىن ئېرى ئۆلۈپ كېتىپ ياكى ئاجرىشىپ كېتىپ، تۇ ل بۋلغاندىن كېيىن، ئاندىن بىرىنچى ئېرىگە ھالال بولىدۇ. چۈنكى نىكاھ ۋاقىتلىق بولمايدۇ. نىكاھتا مەڭگۈلۈك بۋلۇشنى نىيەت قىلىش شەرتتۇر. بۇنداق بۋلمىغان نىكاھ زىنادۇر. ئەمدى، ئايالنى ئۇنىڭ ئادەت ئىچىدىكى ۋاقتىدا تالاق قىلىشنىڭ مەنئى قىلىنغانلىقىنىڭ ھېكمىتىگە كەلسەك، بۇنداق تالاقتا ئەر ئايال ) ( 032

ھەر ئىككىسىگە چوڭ زىيانلار باردۇر. ئايال ئادەت كۆرگەن ۋاقتىدا تالاق قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىددىتى ئۇزىراپ كېتىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ تالاق قىلىنغان ۋاقتىدىكى ئايلىق ئادەت ئىچىدىكى ھالىتى، ئېرىنىڭ زىممىسىدىن چىقىشىغا بەلگىلەنگەن ئۈچ پاكلىقنىڭ ئىچىگە كىرەلمەيدۇ. ئۇ يەنە ئۇنىڭدىن باشقا، ئۈچ قېتىم ئادەت كۆرۈپ پاكلانغاندىن كېيىن، ئىددەتتىن يەنى ئەرنىڭ زىممىسىدىن چىققان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۋنىڭ ئىددىتى 4 قېتىملىق پاكلىققا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەگەر ئۇنى پاكلىق ھالىتىدە، ئۋنىڭغا جىنسىي تەرەپتىن يېقىنچىلىق قىلىپ بولۇپ، ئاندىن تالاق قىلغان بولسا، بۇ ئايالنىڭ شۇ ۋاقىتتا ھامىلدار بولۇپ قالغان بۋلۇشى ئېھتىمال. ئەر بۇنى بىلمەستىن ئۇنى تالاق قىلىپ قۋيۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئايالنىڭ ئىددىتى بالىسنى تۋغقانغا قەدەر ئۋزىراپ كېتىدۇ دە، ئەر گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى ئەر بۇ ۋاقىتتا ئايالىغا ئۇۋال قىلغان بولىدۇ. ماددىي تەرەپتىنمۇ ئۇ، ئايالىنىڭ تۋققۇز ئايلىق نەپىقىسىنى )چىقىمىنى( تۆلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئەگەر ئۇ، ئايالى ھامىلدار بۋلمىغان بولسا، ئۇنى ئۇنىڭغا يقىنچىلىق قىلمىغان پاكلىقىدا قۋيۇپ بەرگەن بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ پەقەت 3 ئايلىق نەپىقىسىنىلا تۆلىگەن بولاتتى. چۈنكى ئايال بۇھالەتتە، ئۈچ قېتىملىق پاكلىقتىن كېيىنلا ئېرىنىڭ زىممىسىدىن چىققىپ كەتكەن بولىدۇ.نەتىجىدە، ياتلىق بولا اليدۇ. ھامىلدار ئايالنى تالاق قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىنمۇ، ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسى بولغان پەرزەنتىدىن ئايرىلىشنىڭ ھەسرىتىنى ۋە پەرزەنتىنى زايا قىلغانلىقىنىڭ گۇناھىنى ئەر تارتىدۇ. ئايال بولسا بالىنى يالغۇز بېقىشنىڭ دەردىنى تارتىدۇ. شۇڭا پ ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئابدۇلال ئىبىن ئۆمەرنىڭ، ئايالىنى

يېقىنچىلىق قىلىشقان پاكلىقىدا )يەنى ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئايالى بىر قېتىم ئادەت كۆرۈپ پاك بۋلماستىن، شۇۋاقىتتىكى پاكلىقىدا( تالاق قىلغىنىنى ئاڭلاپ، ئۆمەرگە » ئۋغلۇڭغا ئېيتىقىن! ئايالىنى قايتۇرىۋالسۇن، ئۇنى ئۇ، ئىككى قېتىم ئادەت كۆرۈپ، يەنە ئىككى قېتىم پاك بۋلغىچىلىك ئۆيىدە ساقلىسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئەگەر تالاق قىلىشنى خالىسا، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماستىن تالاق قىلسۇن « دەپ ئەمر قىلغان.

تالاق قىلىشتا رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئەر ئايالىنى تالاق قىلىشتا، تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىشى لازىم:

1 . ئايالىنى ئۇنىڭ ئايلىق ئادىتى ئىچىدىكى ۋاقتىدا تالاق

بۆلۈم: “1 . ئايالىنى ئۇنىڭ ئايلىق ئادىتى ئىچىدىكى ۋاقتىدا تالاق”

قىلماسلىقى لازىم. ئايالىنى تالاق قىلىشنى خالىغان كىشى ئۇنى ئايلىق ئادەت ۋا ق تىدا ئەمەس ، بەلكى ئۇنىڭدىن پاكلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا جىنسىي تەرەپتىن يېقىنلاشماستىن، پاكلىق ھالىتىدە تالاق قىلىشى لازىم. بۇنىڭغا رىئايە قىلمىغان كىشى ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئاللاھ تائالانىڭ كۆرسەتمىسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەپ بۇيرۇغان: ﴿يَا أَيُّهَا لانَّبِيُّ إِذَا طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ فَطَلِّقُوهُنَّ لِعِدَّتِهِنَّ﴾ يەنى ﴿ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلماقچى بول غىنىڭلاردا ، ئۇلارنىڭ ئىددىتىگە )ئۇدۇللاپ، پاك ھالىتىدە( تالاق قىلىڭلار ﴾ . ئادەت كۆرىۋاتقان ئايالنى تالاق قىلسا تالاق چۈشەمدۇ؟ كۆپ ساندىكى ئۆلىمالار گەرچە ئايالنى ئايلىق ئادىتىدىن پاكلانمىغان مۇددەت ئىچىدە تالاق قىلىش شەكسىز ھارام ۋە ئېغىر گۇناھ بولسىمۇ، بۇنداق ۋاقىتتا قىلىنغان تالاقنى چۈشىدۇ ۋە ئايالى تالاق بولۇپ كېتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بەزى ئالىملار بۇ ھالەتتە ئەر ئايالىنى قايتۇرىۋېلىسى لازىم دەپ قارايدۇ. بۇ مالىكىي مەزھىبىنىڭ كۆرىشى. ) ( تالاق سۈرىسى 1 - ئايەت

ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم :» ئابدۇلال ئىبىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايالىنى ئۇنىڭ ئادەت كۆرىۋاتقان ۋاقتىدا تالاق قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئاڭلاپ قىلىپ، ئۇنىڭغا ئايالىنى قايتۇرىۋېلىشقا ئەمر قىلغان « دېگەن ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان. ئەمما بە زى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، بۇنداق تالاق چۈشمەيدۇ. چۈنكى بۇ بىدئەت تالاق بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق تالاق قىلىشقا يول قۋيمىغان. ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: » كىمكى بىزنىڭ دىنىمىزدا يوق ئىشنى قىلىدىكەن، ئۇ رەت قىلىنىدۇ « ) ( دېگەن. ئەمما ھامىلدار ئايالنى قايسى بىر ۋاقىتتا تالاق قىلسا بولىدۇ.

2 . ئايالىنى تالاق قىلىشتا، بىردىن ئارتۇق تالاق قىلماسلىقى لازىم.

بۆلۈم: “2 . ئايالىنى تالاق قىلىشتا، بىردىن ئارتۇق تالاق قىلماسلىقى لازىم.”

ئايالنى بىردىن ئارتۇق ئىككى ياكى ئۈچ تالاق قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە خىلاپتۇر. تالاقنىڭ تۈرلىرى تالاق ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى، تالاق رەجئى، يەنە بىرى، تالاق بائىنىدۇر.

تالاق رەجئى - ئىددەت ئىچىدە نىكاھسىز قايتۇرىۋېلىشقا بۋلىدىغان تالاق دېگەن ئۇقۇمنى بېرىدۇ. ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.