Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

مۇقەددىمە، ئىبادەت ۋە ئىسلام ئاتالغۇلىرى

This content is not yet available in your language.

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ۋە ئەڭ ئېسىل مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ رەببى ۋە مۇئمىنلەرنىڭ مەدەتكارى جانابى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالاغا مەۋجۇداتنىڭ سانىچە مەدھىيە ئوقۇپ ئۇنى ماختايمەن. ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى، ھەق دىننى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنى كۇفرى، زالالەت ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىمان، ھىدايەت ۋە ھەقىقەتنىڭ نۇرىغا يېتەكلىگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە ئۇنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ بىزلەرگىچە يەتكۈزگەن، شۇنداقلا تا قىيامەتكىچە ھەق يولدا يۈرگەن مۇئمىنلەرگە جانابى ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلەيمەن. ناماز ئىماندىن قالسىلا ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى، مۇئمىنلىكنىڭ ئىپادىسى، ياخشى ئىشلارنىڭ باشلامچىسى ۋە قىيامەت كۈنىدە بەندىلەرنىڭ ئەڭ ئاۋۋلا ھېساب بېرىدىغان بىردىنبىر ئەمەلى، ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىخلاس ۋە ئىتائەتچانلىقنىڭ ئەڭ ئوبرازلىق ئىپادىسى بولغانلىقتىن ئىسلام دىنى نامازنى ناھايىتى يۇقىرى ۋە ئەھمىيەتلىك ئورۇندا قويغان. ئىسلام دىنى نامازنى شۇنچىلىك ئەھمىيەتلىك يۇقىرى ئورۇنغا قويغان ئىكەن، تەرتىبلىرىنى _ ئەلۋەتتە بىزمۇ نامازغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز ۋە ئۇنىڭ قائىدە ياخشى ئۆگىنىپ، ئاللاھ تائالاغا قوبۇل بولىدىغان شەكىلدە مۇكەممەل ئادا قىلىشىمىز زۆرۈر. مەلۇمكى، ناماز ۋە باشقا پۈتۈن ئىبادەتلەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولۇشى ياكى رەت قىلىنىشى پەقەت ئۇنىڭ ئىسلام دىنىدا كۆرسىتىلگەن قائىدە پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن شەكىلدە ئادا قىلىنىش ياكى قىلىنماسلىقىغا باغلىقتۇر. شۇڭا ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئىبادەتلەرنىڭ قائىدە تەرتىبلىرىنى ئۆگىنىش ئىنتايىن زۆرۈر بولغان پەرزدۇر.

بىلمىگەننى ئۆگىنىش دىنىمىزنىڭ تەلىپىدۇر. بولۇپمۇ ناماز ئىنسان ھاياتىدا ئەڭ مۇھىم ھەم كۈندىلىك ئىبادەت بولغانلىقتىن، بۇ ئىبادەتنى مۇكەممەل ئۆگىنىپ، تولۇق ئادا قىلىش تولىمۇ زۆرۈردۇر.

بۇ كىتاب ياۋروپا ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ھازىرلاندى. ئۆسمۈرلەرگە ئاتاپ _ بۇ كىتاب ناماز ئوقۇشنى ئۆگىنىۋاتقان ياش ھازىرلاندى. ماۋزۇلارنى چۈشىنىشلىك ۋە ئىخچام قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلدى.

مۇھەممەد يۈسۈپ كۈنى _ 27 يىلى سەفەرنىڭ _ 1438 ھىجرىيە.

– نويابىر27 يىلى _ 2016 مىلادىيە.

ئىبادەت ھەققىدە قىسقىچە بايان

بۆلۈم: “ئىبادەت ھەققىدە قىسقىچە بايان”

ئىبادەت ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى

بۆلۈم: “ئىبادەت ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى”

مۇسۇلمانلارغا ئىماندىن كېيىنلا بۇيرۇلغان ئەڭ مۇھىم نەرسە ئىبادەتتۇر.

ئىبادەت ئەقىدىنى تولۇقلايدىغان ۋە ئۇنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم ئەمەلدۇر.

ئىبادەتلەر ساغلام ئەقىدىنىڭ دەلىلى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدىكى تەرجىمىسىدۇر.

قۇلچىلىق قىلغان ھالدا، ئۇنىڭ تەلەپ قىلغىنى ئاللاھ تائالاغا _ ئىبادەت بويىچە ياشاش دېگەنلىكتۇر. مانا بۇ ئىبادەتنىڭ ئومۇمىي مەنىسى بولۇپ، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، روزا تۇرۇش، ھەج قىلىش، قۇرئان تىلاۋەت ئانىغا خىزمەت قىلىش، يوقسۇللارغا ياخشىلىق قىلىش _ قىلىش، ئاتا دېگەنگە ئوخشىغان بەلگىلىك ئىبادەتلەر ئىسلامدا بۇيرۇلغان ئومۇمىي ئىبادەتنىڭ بىر قىسمىدۇر. دېمەك، تەلەپكە لايىق ياشىغان مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ھاياتى پۈتۈنلەي ئىبادەتتۇر. بۇ ئەينى ۋاقىتتا، ئاللاھ تائالاغا بولغان ھەقىقىي قۇلچىلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.

ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە ئەڭ ئەھمىيەتلىكى نامازدۇر. چۈنكى ناماز دىننىڭ تۆۋرۈكى ۋە ئىماننىڭ ئىپادىسىدۇر.

ئىسلام ئاتالغۇلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەنىسى

بۆلۈم: “ئىسلام ئاتالغۇلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەنىسى”

ئىبادەتنى ئورۇنداشقا سالاھىيەتلىك بولغان ھەر قانداق كىشىنىڭ بىلىشى يەتتە بولۇپ، ئۇلار: پەرز، ۋاجىپ، سۈننەت، ھارام زۆرۈر بولغان ئاتالغۇلار، مەكرۇھ تەھرىمى، مەكرۇھ تەنزىھى، مۇباھتۇر.

قۇرئان كەرىم ۋە مۇتەۋاتىر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەنلىكى _ پەرز بىر توپ جامائەت تەرىپىدىن بىرخىل لەۋزى بىلەن رىۋايەت قىلىنىپ، شەك قىلىشقا ئورۇن بەرمەيدىغان دەرىجىدە ئىسپاتلانغان) ھەدىسلەر ئارقىلىق بېكىتىلگەن ئەمەللەر دېگەنلىكتۇر.

مەسىلەن: قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ئارقىلىق بېكىتىلگەن بەش ۋاخ ناماز، زاكات، روزا ۋە ھەج قاتارلىقلارغا، مۇتەۋاتىر ھەدىسلەر ئارقىلىق بېكىتىلگەن نامازدا قۇرئان ئوقۇش قاتارلىق ئەمەللەر.

پەرزنىڭ ھۆكمى: پەرزنى ئورۇنداش زۆرۈردۇر. ئورۇندىغان كىشى ساۋاب تاپىدۇ. ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكتىن ئورۇندىمىغان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا قاتتىق گۇناھكار بولىدۇ ۋە ئۆزىنى ئاخىرەتنىڭ ئازابىغا تۇتقان بولىدۇ. ئۇنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە تانغان كىشى كاپىر بولىدۇ.

پەرز ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى، پەرز ئەيىن، يەنە بىرى، پەرز كىفايەدۇر. مۇسۇلمانلاردىن ھەربىر شەخسنىڭ بىۋاسىتە ئۆزى ئورۇندىشىغا- پەرز ئەيىن بۇيرۇلغان پەرز دېگەنلىكتۇر. مەسىلەن: بەش ۋاخ ناماز ئوقۇش، ھارام ۋە يامان ئىشلاردىن يىراق بولۇشقا ئوخشاش ھەربىر شەخسنىڭ ئۆزىگە بۇيرۇلغان ئەمەللەردۇر. پەرز ئەيىن دەپ ئاتالغان ئەمەللەرنى مۇسۇلمانلاردىن ھەربىر شەخسنىڭ ئۆزى ئورۇنلىشى شەرتتۇر. باشقىلارنىڭ ئورۇن لاپ قويۇشى بىلەن ئادا تاپمايدۇ. پەرز كىفايە — ئومۇمىي مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىگە بۇيرۇلغان پەرزدۇر.

مەسىلەن: ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش، كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىپ، ئۇلارنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇش، دىنى ئىلىم ياكى پەن تېخنىكا ساھەلىرىدىن قايسىبىرىدە مۇتەخەسسىس بولۇش، جىنازا نامىزىغا قاتنىشىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئەمەللەردۇر.

پەرز كىفايە بولغان ئىشلار گاھىدا پەرز ئەينغا ئايلىنىپ قالىدۇ. مەسىلەن:

مەلۇم بىر مەھەللىدە ياكى بىرەر شەھەردە بىر كىشىدىن باشقا دىننىڭ ئەھكاملىرىنى بىلىدىغان ئادەم چىقمىسا، خەلققە ۋەز – نەسىھەت قىلىپ، ئۇلارنى توغرا يولغا چاقىرىش شۇ ئادەمنىڭ ئۈستىگە پەرز ئەين بولۇپ بەلگىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، بىرەر ئىلىم ساھەسىدە ئوقۇپ مۇتەخەسسىس بولۇش ئادەتتە پەرز كىفايە بولۇپ، مەلۇم بىر ئىلىم ساھەسىدە ئوقۇشقا تاللانغان لار ئۈچۈن شۇ ساھەدە ئوقۇش پەرز ئەينغا ئايلىنىدۇ.

پەرز كىفايە ئەمەللىرىنى مۇسۇلمانلار ئاممىسىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئورۇنلىشى بىلەن ئورۇنلىمىغانلارنىڭ ئۈستىدىكى بۇ پەرزنى ئورۇنداش بۇرچى ئادا تاپىدۇ. ئەگەر مۇسۇلمانلاردىن ھېچبىرسى بۇ پەرزنى ئورۇنلىمىغان بولسا، پۈتۈن مۇسۇلمان ئاممىسى گۇناھكار بولىدۇ ۋە تەرك قىلىنغان بۇ پەرز ئۈچۈن ھەممىسى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ.

قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلانغان بولسىمۇ _ ۋاجىپ، شۇ مەسىلىگە نىسبەتەن دالالىتى كەسكىن بولمىغان ئايەتلەر ۋە غەيرى مۇتەۋاتىر(مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەنلىكى بىر ياكى ئىككى ساھابە ئىسپاتلار _ تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغانلىقى سەۋەبلىك، كەسكىن دەلىل قاتارىدىن ئورۇن ئللىمىغان) ھەدىسلەر ئارقىلىق بېكىتىلگەن ئەمەللەر دېگەنلىكتۇر. مەسىلەن: قۇربانلىق، فىتىر سەدىقىسى، ھېيت نامازلىرى، ۋىتىر نامىزى قاتارلىق لار. ۋاجىپنى ئورۇنداش خۇددى پەرزگە ئوخشاش زۆرۈردۇر. ۋاجىپ ئەمەللەرنى ئورۇنلىغان كىشى ساۋاب تاپىدۇ. ئۇنى تەرك ئەتكەن كىشى پەرزنى تەرك ئەتكەننىڭ گۇناھىدىن بىر دەرىجىدە تۆۋەن گۇناھكار بولىدۇ. ۋاجىپقا ئىنكار قىلغان كىشى كاپىر بولمايدۇ، بەلكى قاتتىق گۇناھكار بولىدۇ.

پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى _ سۈننەت، ئىبادەتلىرى ۋە باشقىلاردىن سادىر بولغان _ ئىش پائالىيەتلىرى، ئەمەل ئىشلاردىن شەرىئەتكە ئويغۇن كېلىدىغانلىرىنى مۇۋاپىق كۆرگەنلىرى دېگەنلىكتۇر. سۈننەتنىڭ يەنە بىر مەنىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرز، ۋاجىپ ئەمەللەرنىڭ سىرتىدا قىلغان ۋە بىزنىمۇ قىلىشقا تەۋسىيە قىلغان ئىبادەتلەردۇر. مەسىلەن: بەش ۋاخ نامازنىڭ سۈننەتلىرىنى ئوقۇش، تاھارەت ئالغاندا مىسۋاك قوللىنىشقا ئوخشىغان ئەمەللەر.

سۈننەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: ئۇلارنىڭ بىرى، تەكىتلىك سۈننەت، يەنە بىرى، تەكىتسىز سۈننەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەمىشە ئورۇنداشقا _ تەكىتلىك سۈننەت ئادەتلەنگەن ۋە ئۆزۈرسىز قەتئىي تەرك ئەتمىگەن ئەمەللەر دېگەنلىكتۇر.

مەسىلەن: بەش ۋاخ نامازنىڭ سۈننەتلىرىنى ئوقۇش، تاھارەتتە مىسۋاك قوللىنىشقا ئوخشاش ئەمەللەر. تەكىتلىك سۈننەت بولغان ئەمەللەرنى ئورۇنلىغان كىشى ساۋابقا ئېرىشىدۇ.

تەرك ئەتكەن كىشى گۇناھكار بولمايدۇ. بىراق ئاللاھنىڭ كايىشىغا ئۇچراش خەۋپى بار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دائىم ئورۇنداشقا _ تەكىتسىز سۈننەت ئادەتلەنمىگەن بولۇپ، گاھىدا ئورۇنلىغان، گاھىدا ئۆزۈرسىز تەرك ئەتكەن ئەمەللەر دېگەنلىكتۇر. مەسىلەن: ئەسىر نامىزىنىڭ پەرزىدىن بۇرۇنقى تۆت رەكئەت سۈننەتنى ئوقۇشقا ئوخشاش ئەمەللەر. تەكىتسىز سۈننەت .«مۇستەھەب» دەپ ئاتىلىدۇ تەكىتسىز سۈننەت بولغان ئەمەللەرنى ئورۇنلىغان كىشى ساۋابقا ئېرىشىدۇ، تەرك ئەتكەن كىشى گۇناھكار بولمايدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ كايىشىغىمۇ ئۇچرىمايدۇ.

ئۇنىڭ قەتئىي تۈردە مەنئى قىلىنغانلىقى قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى _ ھارام ۋە مۇتەۋاتىر ھەدىسلەر ئارقىلىق شۈبھىسىز ۋە كەسكىن ھالدا ئىسپاتلانغان ئىشلار دېگەنلىكتۇر. مەسىلەن: زىنا قىلىش، ھاراق ئىچىش، ئۆسۈم يېيىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش گۇناھلار. ھارام قىلىنغان ئىشلارنى قىلغان كىشى قاتتىق گۇناھكار بولىدۇ. تەۋبە قىلىپ قايتمىسا دوزاخنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ. ھاراملارنى تەرك ئەتكەن كىشى ساۋابقا ئېرىشىدۇ. ھارامنى ھاللا سانىغان كىشى كاپىر بولىدۇ.

ياقتۇرۇلمايدىغان ئىش دېگەنلىك بولۇپ، مەكرۇھ تەھرىمى _ مەكرۇھ مەنئى قىلىنغانلىقى غەيرى مۇتەۋاتىر ھەدىسلەر ئارقىلىق ئىسپاتلانغان ئىشلار دېگەنلىكتۇر. مەكرۇھ تەھرىمى ھارام تەرەپكە ئېھتىمالى كۈچلۈكرەك بولغان ئىشلاردۇر. مەسىلەن: تاھارەت ئالغاندا سۇنى ئىسراپ قىلىش ياكى نورمالدىن ئاز قوللىنىش، نامازدا تۇرغاندا كۆزىنى يومۇۋېلىش ياكى ئۇياق بۇياققا قاراش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئىشلار. ئەمما ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا _ بولسا، باشقىلارنىڭ سودىسىنىڭ ئۈستىگە سودا قىلىش (يەنى باشقىلارنىڭ سودىسىنى بۇزۇش)، باشقا بىرى نىكاھلانماقچى بولغان ئايالغا ئۇ ئوچۇق ئىپادە بىلەن ۋازكەچمەستىن نىكاھلىنىۋېلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئىشلار. مەكرۇھ تەھرىمىنى سادىر قىلغان كىشى ھارامنى سادىر قىلغاندىن بىر دەرىجە تۆۋەنرەك گۇناھكار بولىدۇ. ئۇنى تەرك ئەتكەن كىشى ساۋابقا ئېرىشىدۇ. مەكرۇھ تەھرىمىنى ھاللا سانىغان كىشى كاپىر بولمايدۇ. بەلكى گۇناھكار بولىدۇ.

مەنئى قىلىنغانلىقى غەيرى مۇتەۋاتىر ھەدىسلەر_ مەكرۇھ تەنزىھىى ئارقىلىق بېكىتىلگەن ئىشلار دېگەنلىكتۇر. مەكرۇھ تەنزىھىى مۇباھ تەرەپكە ئېھتىمالى كۈچلۈكرەك بولغان ئىشلاردۇر. مەسىلەن: ئاممىۋى سورۇنلارغا ۋە مەسجىدلەرگە بېرىپ تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ خام سامساق ۋە خام پىيازغا بۇيى يېقىمسىز نەرسىلەرنى ئىستېملا قىلغىنىغا ئوخشاش _ ئوخشاش ھىد ئىشلار. مەكرۇھ تەنزىھىنى سادىر قىلغان كىشى گۇناھكار بولمايدۇ. ئەمما ئۇنى تەرك ئېتىش ئەۋزەلدۇر.

ئۇنى قىلىش ياكى تەرك ئېتىش ھەر كىشىنىڭ ئۆز ئىختىيارىغا _ مۇباھ _ ئىچش، ئولتۇرۇش _ تاپشۇرۇلغان ئىشلار دېگەنلىكتۇر. مەسىلەن: يېيىش قوپۇش لارغا ئوخشاش ئىختىيارىي ئىشلار.

مۇباھ بولغان ئىشلارنى ئىشلەش ياكى تەرك ئېتىش بىلەن ھېچقانداق گۇناھ ياكى ساۋاب بولمايدۇ.

مۇباھ ئىشلارنىڭ ئىبادەت قاتارىغا ئۆتۈشى

بۆلۈم: “مۇباھ ئىشلارنىڭ ئىبادەت قاتارىغا ئۆتۈشى”

مۇباھ ئىشلارنى ياخشى نىيەت بىلەن ئىبادەت قاتارىغا ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرىغانلىرىنى ئورۇنداش ۋە ئىبادەتلەردە پائالىيەتچان بولۇش نىيىتى بىلەن يېيىش ۋە ئىچىش، مېڭىنى ياخشى دەم ئالدۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئورۇنداش نىيىتى بىلەن ئۇخلاش ۋە تەن ساقلىقىنى ساقلاش ئارقىلىق شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىنى ياخشى ئورۇنداش نىيىتى بىلەن تەنھەرىكەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىبادەتكە ياتىدۇ ۋە بۇ ئىبادەتنىڭ ساۋابىنى بېرىشى _ ئۆز پەزلىدىن _ ئىشلارغا ئاللاھ تائالانىڭ ئۈمىد قىلىنىدۇ. ئىبادەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى _ يۇقىرىقى ئاتالغۇلارنىڭ ئەمەل تۆۋەنكىدەك ئىپادىلىنىدۇ: ئىبادەتلەردىكى پەرز ئىسمىنى ئالغان ئىشلاردىن _ ( ھەر قانداق ئەمەل1( (بىرەرسى قەستەن ياكى سەۋەنلىك(ئۇنتۇپ قالغانلىق ياكى بىلمىگەنلىك ئىبادەتلەر _ بىلەن تەرك قىلىنسا ياكى نۇقسان بىلەن قىلىنسا، شۇ ئەمەل بۇزۇلغان بولىدۇ، ئۇنى قايتىدىن ئورۇنداشقا توغرا كېلىدۇ.

مەسىلەن: نامازنىڭ پەرزلىرىدىن بولغان پائالىيەتلەردىن رۇكۇ ياكى سەجدىلەردىن بىرەرسىنىڭ تەرك قىلىنىشى بىلەن نامازنىڭ ئىناۋەتسىز بولغىنىغا ئوخشاش. ئىبادەتلەردىكى ۋاجىپ ئىسمىنى ئالغان _ ( ھەر قانداق ئەمەل2( ئىبادەتلەر بۇزۇلمايدۇ _ ئىشلاردىن بىرەرسى تەرك قىلىنسا، بۇ ئەمەل، ئىناۋەتسىزمۇ بولمايدۇ. ئەمما ۋاجىپنى تەرك ئەتكەنلىكى ئۈچۈن گۇناھكار بولىدۇ، ئىبادىتى ناقىسلىق بىلەن ئادا تاپىدۇ.

مەسىلەن: ئىككى رەكئەتتىن كۆپ نامازلارنىڭ ئىككىنچى رەكئىتىدىن كېيىنكى ئولتۇرۇشنى سەۋەنلىكتىن تەرك ئەتكەن كىشىنىڭ نامازنىڭ ئاخىرىدا سەجدە سەھۋە قىلىشى بىلەن نامىزى تولۇقلانغانغا ئوخشاش.

ئەمما ۋاجىپنى قەستەن تەرك ئەتكەنلىكنىڭ مىسالى: نامازنىڭ ۋاجىپلىرىدىن بولغان ھەر رەكئەتتە فاتىھە سۈرىسنى ئوقۇشنىڭ قەستەن تەرك قىلىنىشى بىلەن نامازلارنىڭ بۇزۇلغىنى ۋە ئىناۋەتسىز بولغىنىغا ئوخشاش. ئىبادەتلەردىكى سۈننەت نامىنى ئالغان _ ( ھەر قانداق ئەمەل3( ئىشلاردىن بىرەرسىنىڭ ياكى ھەممسىنىڭ قەستەن ياكى سەۋەنلىكتىن تەرك ئىبادەتلەر بۇزۇلمايدۇ ۋە نۇقسان بىلەنمۇ _ قىلىنىشى بىلەن شۇ ئەمەل سۈپەتلەنمەيدۇ. مەسىلەن: نامازنىڭ سۈننەتلىرىدىن بولغان ھەر رەكئەتنىڭ بېشىدا بىسمىللاھ دېيىشنىڭ تەرك قىلىنىشى بىلەن نامازنىڭ نۇقسانلىق بىلەن سۈپەتلەنمىگىنىگە ئوخشاش. ئىبادەتلەردىكى مەكرۇھ دېگەن ئىشلاردىن _ ( ھەر قانداق ئەمەل4( _ بىرەرسىنى ياكى بىردىن كۆپىنى سادىر قىلىش بىلەن شۇ ئەمەل ئىبادەتلەرنىڭ دۇرۇسلىقىغا تەسىر يەتمەيدۇ.

مەسىلەن: پەرز نامازلاردا بىرىنچى رەكئەتكە ئوقۇغان(فاتىھە سۈرىسىدىن باشقا) سۈرىنىڭ ئۆزىنى ئۆزۈرسىز ھالدا، ئىككىنچى رەكئەتكە ئوقۇش مەكرۇھتۇر. ئەمما ئۇنىڭ بىلەن نامازنىڭ سۈپىتىگە ۋە قوبۇل بولۇشىغا يۇقىرىدا _ قەتئىي تەسىر يەتمەيدۇ. چۈنكى«مەكرۇھ»نىڭ مەنىسى ياقتۇرۇلمىغان ئىش دېگەنلىك بولۇپ، ئىبادەتنى بۇزمايدۇ _ ئېيتىلغاندەك، سۈپىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.