Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

ناماز ئوقۇشنىڭ ئەمەلىي تەرتىپى ۋە كېيىنكى زىكىرلەر

This content is not yet available in your language.

ناماز ئوقۇشنىڭ قائىدە – تەرتىپلىرى

بۆلۈم: “ناماز ئوقۇشنىڭ قائىدە – تەرتىپلىرى”

بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىنىڭ ئوقۇلۇشى

بۆلۈم: “بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىنىڭ ئوقۇلۇشى”

نامازنىڭ شەرتلىرىنى ھازىرلاپ بولغاندىن كېيىن، تاھارەت بىلەن پاكىز يەرگە بارىمىز. ئەگەر يەرنىڭ پاكىز بولماسلىق ئېھتىمالى بولسا، جايناماز ئىشلىتىمىز. جاينامازنىڭ يۆنىلىشىنى قىبلىگە قارىتىپ سېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېلىپ، قىبلىگە يۈزلەنگەن ھالدا تۈپتۈز ئۆرە تۇرۇپ ئىچىمىزدە «ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇشقا (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ﴾ْاَهللُ اَكْبَر﴿ نىيەت قىلدىم» دەپ نىيەت قىلىمىز ۋە تەكبىر ئېيتىپ ئىككى قولىمىزنى ئىككى قۇلاقنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرىمىز.

ئالىقانلارنى قىبلىگە قارىتىمىز.

ئاياللار تەكبىردە ئىككى قولىنى ئىككى مۈرسىگىچە كۆتۈرىدۇ. ئالىقانلىرىنى

بۆلۈم: “ئاياللار تەكبىردە ئىككى قولىنى ئىككى مۈرسىگىچە كۆتۈرىدۇ. ئالىقانلىرىنى”

ئەرلەرگە ئوخشاش قىبلىگە قارىتىدۇ

بۆلۈم: “ئەرلەرگە ئوخشاش قىبلىگە قارىتىدۇ”

تەكبىر ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن ئوڭ قولىمىزنىڭ ئالىقىنىنى سول قولىمىزنىڭ ئالىقىنىنىڭ دۈمبىسىگە ئېلىپ، ئىككى قولىمىزنى كىندىكىمىزنىڭ ئاستىغا ياكى ئۇنىڭ ئۈستىگە ياكى كۆكسىمىزگە ياكى كۆكسىمىزنىڭ سولغا _ ئاستىغا قويۇپ تۇرىمىز، كۆزلەر سەجدىگاھقا قاراپ تۇرىدۇ، ئوڭ تۆۋەنگە قاراشقا بولمايدۇ. شۇنداقلا كۆزلەرنى يۇمۇۋېلىشقىمۇ _ ياكى يۇقىرى بولمايدۇ. ئىككى پۇتنىڭ ئارىلىقى ئاز دېگەندە تۆت بارماق سىغقۇدەك كەڭلىكتە ئوچۇق قالدۇرىلىدۇ. تىزلارنى ئەگمەستىن تىك تۇتىمىز، باش سولغا تەۋرەنمەستىن بىر ئاز ساڭگىلاپ تۇرىدۇ _ گەۋدە ئوڭ.

ئاياللار قول باغلاشتا، قوللىرىنى كۆكرەكلىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تۇرىدۇ. ئوڭ

بۆلۈم: “ئاياللار قول باغلاشتا، قوللىرىنى كۆكرەكلىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تۇرىدۇ. ئوڭ”

قوللىرى سول قوللىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدۇ. كۆزلىرىنى سەجدىگاھقا قارىتىپ،

بۆلۈم: “قوللىرى سول قوللىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدۇ. كۆزلىرىنى سەجدىگاھقا قارىتىپ،”

پۇتلىرىنى ھىم جۈپلەشتۈرىدۇ، تىزلىرى تىك تۇرىدۇ

بۆلۈم: “پۇتلىرىنى ھىم جۈپلەشتۈرىدۇ، تىزلىرى تىك تۇرىدۇ”

َسُبْحَانَك﴿ :تەكبىر ئېيتىپ قول باغلىغاندىن كېيىن، مۇنۇ سانانى ئوقۇيمىز (سۇبھانەكەللاھۇممە ۋەبىھەمدىكە ۋە﴾ُالَّلهُمَّ وَبَِمْدِكَ وَتَبَارَكَ اسُْكَ وَتَعَالَ جَدُّكَ وَالَ اِلَهَ غَيْرُك َأعُوذ بِهلل مِن﴿ ، ئاندىن﴾تەبارەكەسمۇكە ۋەتەئەلا جەددۇكە ۋەلا ئىلاھە غەيرۇك ﴾بِسْمِ هللا لارَّحْ نِ لارَّحِيْم﴿ ، - ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىيم﴾لاشَّيْطَانِ لارَّجِيْم .(بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىيم) دەيمىز

ئاندىن فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇيمىز.

َ إِيَّكَ نَعْبُدُ وإِيَّك.ِ مَالِكِ يَوْمِ الدِّين.ِالَْمْدُ للِّ رَبِّ الْعَالَمِينَ. لارَّحْ نِ لارَّحِيم﴿ :فاتىھە سۈرىسى ﴾َ صِرَاطَ الَّذِينَ أَنعَمتَ عَلَيهِمْ غَيرِ املَغضُوبِ عَلَيهِمْ وَالَ الضَّالِّين.َنَسْتَعِنيُ. اهدِنَا الصِّرَاطَ املُستَقِيم ئوقۇلۇشى: «ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىل ئالەمىين. ئەررەھمانىر رەھىيم. مالىكى يەۋمىددىين. ئىيياكە نەئبۇدۇ ۋە ئىيياكە نەستەئىين. ئىھدىنەس سىراتەل مۇستەقىيم، سىراتەللەزىينە ئەنئەمتە ئەلەيھىم غەيرىل مەغزۇبى ئەلەيھىم ۋەلەدداللىين» ئامىين! فاتىھە سۈرىسى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، يەنە بىر سۈرە ياكى ئاز ُأَرَأَيْتَ الَّذِي يُكَذِّب﴿ :دېگەندە ئۈچ ئايەت ئوقۇيمىز، مەسىلەن: مائۇن سۈرىسى ْبِلدِّينِ. فَذَلِكَ الَّذِي يَدُعُّ الْيَتِيمَ. وَلَ يَُضُّ عَلَى طَعَامِ الْمِسْكِنيِ. فَوَيْلٌ لِّلْمُصَلِّينَ. الَّذِينَ هُمْ عَن صَلَ تِِم ئوقۇلۇشى: «ئەرە ئەيتەللەزى يۇكەززىبۇ﴾َسَاهُونَ. الَّذِينَ هُمْ يُرَاؤُونَ. وَيَْنَعُونَ الْمَاعُون بىددىين. فەزالىكەللەزى يەدۇئئۇل يەتىيم. ۋەلا يەھۇززۇ ئەلا تەئامىل مىسكىين. فەۋەيلۇن لىلمۇسەللىين. ئەللەزىينە ھۇم ئەن سالاتىھىم ساھۇۇن.

.»ئەللەزىينە ھۇم يۇرائۇۇن. ۋە يەمنەئۇنەل مائۇۇن (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر ئېيتىپ رۇكۇ﴾ْاَهللُ اَكْبَر﴿ ئۇنىڭدىن كېيىن قىلىمىز. رۇكۇدا ئىككى قولىمىز بىلەن ئىككى تىزىمىزنى تۇتۇپ باش بىلەن بەل قسىمىنى ئوخشاش تەكىشىلىكتە تۈز ئىگىمىز.

ئاياللار يېرىم ئىگىلىدۇ. قوللىرىنى تىزلىرىنىڭ ئۈستىدە تۈز تۇتىدۇ

بۆلۈم: “ئاياللار يېرىم ئىگىلىدۇ. قوللىرىنى تىزلىرىنىڭ ئۈستىدە تۈز تۇتىدۇ”

. (سۇبھانە رەببىيەل ئەزىيم) دەيمىز﴾سُبْحَانَ رَبَِّ الْعَظِيْم﴿ رۇكۇدا ئۈچ قېتىم (سەمىئەللاھۇلىمەن ھەمىدەھ) دەپ﴾ُسَِعَ هللاُ لِمَنْ حَِدَه﴿ رۇكۇدىن تۇرۇشتا ﴾ُرَبَّنَا وَلَكَ اْحلَمْد﴿ تۇرىمىز. رۇكۇدىن تۇرۇپ ئۆرە تۈپتۈز بولغاندىن كېيىن .(رەببەنا ۋەلەكەل ھەمدۇ) دەيمىز ۋە بىر ئاز تۇرىمىز (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر ئېيتىپ سەجدىگە﴾ْاَهللُ اَكْبَر﴿ ئاندىن بارىمىز. سەجدە قىلىشتا ئاۋۋلا تىزلىرىمىزنى، ئاندىن قوللىرىمىزنى، ئاندىن پىشانىمىزنى، ئەڭ ئاخىرىدا بۇرنىمىزنى يەرگە تەككۈزىمىز. پىشانە ئىككى قولنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرىلىنىدۇ. جەينەكلەر يەرگە تەگمەيدۇ، يوتى لار بىرىگە جۈپلەشتۈرۈپ _ قۇرسىقىمىزغا تەككۈزۈلمەيدۇ. ئىككى پۇتىمىزنى بىر تۇرىمىز. قول ۋە پۇت بارماقلىرىمىز قىبلىگە قارىتىلىدۇ.

ئاياللار پۇتلىرىنى ئوڭ تەرەپكە يانتۇ قىلىپ ياتقۇزىدۇ. جەينەكلىرى يەرگە تەككۈزىلىدۇ. تىزلىرىنى قورساقلىرىغا چاپ لاپ تۇرىدۇ.

(سۇبھانە رەببىيەل﴾َسُبْحَاَن رَبَِّ اْالَعْلى﴿ سەجدە ئەسناسىدا، ئۈچ قېتىم . (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ باشنى كۆتۈرۈپ ئولتۇرىمىز﴾ْاَهللُ اَكْبَر﴿ ئەلا) دەيمىز ۋە سەجدىدىن تۇرۇشتا ئاۋۋلا يۈز، ئاندىن قول لار، ئاندىن تىزلار كۆتۈرىلىدۇ.

»ئىككى سەجدە ئوتتۇرىسىدىكى ئولتۇرۇشتا ئەڭ ئاز دېگەندە «سۇبھاناللاھ ِ«رَبِّ اغْفِرْل دېگۈچىلىك ۋاقىت ئولتۇرىمىز، (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئارىدا، دەپ ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت﴾ (رەببىغفىرلىي، رەببىغفىرلىي» ِرَبِّ اغْفِرْل (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر بىلەن يەنە﴾ْاَهللُ اَكْبَر﴿ تىلەيتتى). ئاندىن قايتا (سۇبھانە﴾َسُبْحَاَن رَبَِّ اْالَعْلى﴿ سەجدىگە بارىمىز. سەجدىدە يەنە ئۈچ قېتىم رەببىيەل ئەلا) دەيمىز.

(ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر﴾َاَهللُ اَكْب﴿ ئىككىنچى سەجدىدىن كېيىن يەنە ئېيتىىپ ئۆرە تۇرىمىز ۋە ئىككىنچى رەكئەتكە باش لايمىز. ئىككىنچى رەكئەتتە «بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىيم» نى ئوقۇيمىز. ئاندىن فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇپ بولۇپ، «ئامىين» دەيمىز. ئاندىن قۇرئاندىن خالىغان سۈرىدىن بىرىنى ياكى ئاز دېگەندە ئۈچ ئايەت ئوقۇيمىز. مەسىلەن: كەۋسەر سۈرىسى ئوقۇلۇشى: «ئىننا ئەئتەينا﴾ُ إِنَّ شَانِئَكَ هُوَ األَبْتَر.َْ فَصَلِّ لِرَبِّكَ وَانَْر.إِنَّ أَعْطَيْنَاكَ الْكَوْثَر﴿ .»كەلكەۋسەر. فەسەللى لىرەببىكە ۋەنھەر. ئىننە شانىئەكە ھۇۋەل ئەبتەر ئاندىن خۇددى بىرىنچى رەكئەتتە قىلغىنىمىزغا ئوخشاش رۇكۇ ۋە (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر﴾ْاَهللُ اَكْبَر﴿ ،سەجدىلەرنى تامام لاپ بولۇپ ئېيتىىپ ئولتۇرىمىز.

ئەرلەرنىڭ ئولتۇرۇش شەكلى

بۆلۈم: “ئەرلەرنىڭ ئولتۇرۇش شەكلى”

نامازدا ئولتۇرغاندا، ئەرلەر ئوڭ پۇتنىڭ بارماقلىرىنى قىبلىگە قارىتىدۇ.

بۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەر ئوڭ پۇتىنى تىك تۇتىدۇ، سول پوتىنى ئوڭ تەرەپكە ياتقۇزۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە بېسىپ ئولتۇرىدۇ. ئىككى قولىنى بارماقلىرىنى ئەركىن ئاچقان ھالدا ئىككى تىزىنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ ۋە كۆزىنى قۇچىقىغا قارىتىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئولتۇرۇش شەكلى

بۆلۈم: “ئاياللارنىڭ ئولتۇرۇش شەكلى”

ئاياللار ئىككى پۇتىنى ئوڭ تەرىپىگە ياتقۇزۇپ، پاقالچىقىنى بېسىپ ئولتۇرىدۇ. قوللىرىنى تىزلىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، كۆزلىرىنى ئىككى تىزىنىڭ ئارىسىغا قارىتىدۇ. ئولتۇرغاندا ئاۋۋلا تەھىيات «ئەتتەھىياتۇ» دۇئاسى ئوقۇلىدۇ.

ِاَلتَّحِيّاتُ لِِّ وَالصَلَوَاتُ والطيِّباتُ، السَّالاَمُ عَلَيْكَ أَيُّها النَّبِ ُّ وَرَحَْةُ هللاِ وَبرَكَاتهُ، السَّلَ مَ عَلَيْنَا وَعَلَى عِبَاد« »ُهللاِ الصَالِِيَ أَشْهَدُ أنْ الَ إلٰهَ إلاّ هللاُ، وأشهَدُ أَنَّ مَُمَّداً عَبْدُهُ وَرَسُولُه.

ئوقۇلۇشى:«ئەتتەھىياتۇ لىللاھى ۋەسسەلەۋاتۇ ۋەتتەييىباتۇ ئەسسالامۇ ئەلەيكە، ئەييۇھەننەبىييۇ ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، ئەسسالامۇئەلەينا سالىھىين. ئەشھەدۇ ئەن الئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋە _ ۋەئەلا ئىبادىللاھىس .»ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھۇ يەنى «جىمى مەدھىيەلەر، بەش ۋاخ ناماز ۋە باشقا جىسمانىي ئىبادەتلەر،

ياخشى ئەمەللەر ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى سىزگە بولسۇن ئى ئۇلۇغ پەيغەمبەر! بىز(نامازغا ھازىر بولغان بارلىق جامائەت ۋە پەرىشتىلەر)گە ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگىمۇ ئۇنىڭ ئافىيىتى ۋە ئامانلىقى بولغاي. ئاللاھتىن باشقا ئى لاھ يوقلىقىغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە بەرھەق پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە .»چىن قەلبىمدىن گۇۋاھلىق بېرىمەن ئاندىن «ئاللاھۇممە سەللى» ۋە «ئاللاھۇممە بارىك»،«رەببەنا»لار ئوقۇلىدۇ:

ئالالھۇممە سەللى ئەلا دۇرۇدى

بۆلۈم: “ئالالھۇممە سەللى ئەلا دۇرۇدى”

»ٌ«اَلَّلهُمَّ صَلِّ عَلىَ مَُمَّدٍ وَعَلَى آلِ مَُمَّدٍ، كَمَا صَلَّيْتَ عَلىَ إبرَاهِيمَ وَعَلَى آلِ إبرَاهِيْمَ إنَّكَ حَِيْدٌ مَِيْد.

ئوقۇلۇشى:«ئاللاھۇممە سەللى ئەلا مۇھەممەدىن ۋەئەلا ئالى مۇھەممەدىن كەما سەللەيتە ئەلا ئىبراھىيمە ۋەئەلا ئالى ئىبراھىيمە ئىننەكە ھەمىيدۇن .»مەجىيد يەنى «ئى ئاللاھ! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە رەھمەت ئاتا قىلغاندەك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە رەھمەت ئاتا .»قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن مەدھىيەگە لايىق ئۇلۇغ زاتسەن

ئالالھۇممە بارىك ئەلا دۇرۇدى

بۆلۈم: “ئالالھۇممە بارىك ئەلا دۇرۇدى”

» ٌ«اَلَّلهُمَّ بَرِكَ عَلَى مَُمَّدٍ وَعَلَى آلِ مَُمَّدٍ، كَمَا بَرَكْتَ عَلَى إبرَاهِيمَ وَعَلَى آل إبراَهِيْمَ إنَّك َحَِيدٌ جمَيِد.

ئوقۇلۇشى:«ئاللاھۇممە بارىك ئەلا مۇھەممەدىن ۋە ئەلا ئالى مۇھەممەدىن كەما بارەكتە ئەلا ئىبراھىيمە ۋە ئەلا ئالى ئىبراھىيمە ئىننەكە ھەمىيدۇن .»مەجىيد يەنى «ئى ئاللاھ! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ شەنىنى كۆتۈرگىنىڭدەك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ .»شەنىنى يۇقىرى قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن مەدھىيەگە لايىق ئۇلۇغ زاتسەن

﴾ِ﴿رَبَّنَا آتِنَا فِ الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِ اآلخِرَةِ حَسَنَةً وَقِنَا عَذَابَ النَّار.

ئوقۇلۇشى: «رەببەنا ئاتىنا فىددۇنيا ھەسەنەتەن ۋەفىل ئاخىرەتى .»ھەسەنەتەن ۋەقىنا ئەزابەننار يەنى «ئى ئاللاھ! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ .»ياخشىلىق ئاتا قىلغىن. بىزنى دۇزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن يۇقىرىقى لار ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، باشنى ئاۋۋلا ئوڭ تەرەپكە ( (ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇل لاھ﴾ِاَلسَّلاَمُ عَلَيْكُمْ وَرَحَْةُ هللا﴿ سىلىق چۆرۈپ ﴾ِاَلسَّلاَمُ عَلَيْكُمْ وَرَحَْةُ هللا﴿ دەيمىز، ئاندىن باشنى سول تەرەپكە سىلىق چۆرۈپ .(ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمە تۇل لاھ) دەپ سالام بېرىمىز بۇنىڭ بىلەن بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇپ بولغان بولىمىز.

بامدات نامىزىنىڭ پەرزىنىڭ ئوقۇلۇشى

بۆلۈم: “بامدات نامىزىنىڭ پەرزىنىڭ ئوقۇلۇشى”

بامدات نامىزىنىڭ پەرزىنىڭ ئوقۇلۇشىمۇ، خۇددى ئۇنىڭ سۈننىتىنىڭ ئوقۇلۇشىغا ئوخشاشتۇر. پەقەت نىيەت پەرقلىق بولىدۇ. چۈنكى سۈننەتكە سۈننەت، پەرزگە پەرز دەپ نىيەت قىلىش كېرەك. يەنە بىر پەرقى شۇكى، بامدات نامىزىنىڭ پەرزىنى ئوقۇش ئالدىدا ئەرلەر ئۈچۈن تەكبىر ئېيتىىش سۈننەتتۇر. (ئاياللارغا كېرەك ئەمەس). بامدات نامىزىنىڭ پەرزىگە «ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بامدات نامىزىنىڭ پەرزىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلدىم» دەپ نىيەت قىلىنىدۇ.

پىشىن نامىزىنىڭ ئوقۇلۇشى

بۆلۈم: “پىشىن نامىزىنىڭ ئوقۇلۇشى”

پىشىننىڭ ئاۋۋالقى سۈننىتىنىڭ ئوقۇلۇشى ئاۋۋلا پىشىننىڭ تۆت رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇش ئۈچۈن نىيەت قىلىمىز.

ئاندىن بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىگە ئوخشاش ئىككى رەكئەت ئوقۇپ تەھىيات» دۇئاسىنىلا ئوقۇيمىز، ئاندىن ئۈچىنچى« ،ئولتۇرىمىز. ئولتۇرغاندا رەكئەتكە تۇرىمىز. ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى رەكئەتلەرنىمۇ ئاۋۋالقى ئىككى رەكئەتكە ئوخشاش شەكىلدە ئوقۇپ بولۇپ، ئولتۇرىمىز. بۇ ئولتۇرۇشتا .«تەھىيات»، «سەللى»، «بارىك» ۋە «رەببەنا»لارنى تولۇق ئوقۇيمىز ئاندىن ئىككى تەرەپكە سالام بېرىپ نامازدىن چىقىمىز.

پىشىننىڭ پەرزىنىڭ ئوقۇلۇشى ھەر قانداق پەرز نامازغا باشلاشتىن بۇرۇن، ئەرلەرنىڭ تەكبىر ئېيتىشى سۈننەتتۇر. تەكبىر ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن پىشىننىڭ پەرزىنى ئوقۇشقا . (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ نامازغا باش لايمىز﴾ْ﴿اَهللُ اَكْبَر نىيەت قىلىمىز ۋە دەسلەپكى ئىككى رەكئەت خۇددى بامدات نامىزىنىڭ پەرزىگە ئوخشاش »ئوقۇلىدۇ. ئىككىنچى رەكئەتتىن كېيىن ئولتۇرىمىز. ئولتۇرۇشتا، «تەھىيات دۇئاسىنىلا ئوقۇيمىز ۋە ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرىمىز. ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى رەكئەتلەردە پاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن سۈرە ئوقۇمايمىز. تۆتىنجى رەكئەتنىڭ ئاخىرىدا ئولتۇرۇپ «تەھىيات»،«سەللى»، «بارىك» ۋە «رەببەنا»لارنى ئوقۇيمىز ۋە ئىككى تەرەپكە سالام بېرىمىز.

پىشىننىڭ ئاخىرقى ئىككى رەكئەت سۈننىتىنىڭ ئوقۇلۇشى ئاۋۋلا پىشىننىڭ ئاخىرقى ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلىمىز. ئاندىن ئۇنى خۇددى بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىگە ئوخشاش ئوقۇيمىز.

ئەسىر نامىزىنىڭ ئوقۇلۇشى

بۆلۈم: “ئەسىر نامىزىنىڭ ئوقۇلۇشى”

ئەسىر نامىزىنىڭ تەكىتسىز تۆت رەكئەت سۈننىتىنىڭ ئوقۇلۇشى ئاۋۋلا ئەسىر نامىزىنىڭ تەكىتسىز سۈننىتىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلىمىز.

ئاندىن بۇ سۈننەتنى خۇددى پىشىن نامىزىنىڭ ئالدىنقى تۆت رەكئەت سۈننىتىگە ئوخشاشلا ئوقۇيمىز. ئەسىر نامىزىنىڭ پەرزىنىڭ ئوقۇلۇشى ئاۋۋلا تەكبىر ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، ئەسىر نامىزىنىڭ پەرزىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلىمىز. ئاندىن، ئۇنى خۇددى پىشىن نامىزىنىڭ پەرزىگە ئوخشاشلا ئوقۇيمىز.

شام نامىزىنىڭ ئوقۇلۇشى

بۆلۈم: “شام نامىزىنىڭ ئوقۇلۇشى”

شام نامىزىنىڭ پەرزىنىڭ ئوقۇلۇشى ئاۋۋلا تەكبىر ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، شام نامىزىنىڭ پەرزىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلىمىز. شام نامىزىنىڭ پەرزى ئۈچ رەكئەت بولۇپ، ئۇ، بامدات نامىزىنىڭ پەرزىگە ئوخشاش ئىككى رەكئەت ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئولتۇرىلىدۇ. بۇ ئولتۇرۇشتا، «تەھىيات» دۇئاسىنىلا ئوقۇپ ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرىمىز. ئۈچىنچى رەكئەتتە فاتىھە سۈرىسىنىلا ئوقۇيمىز، ئاندىن ،»رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئولتۇرۇپ، «تەھىيات «سەللى»، «بارىك» ۋە«رەببەنا»لارنى ئوقۇپ ئىككى تەرەپكە سالام بېرىمىز. شام نامىزىنىڭ سۈننىتىنىڭ ئوقۇلۇشى ئاۋۋلا شام نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇشنى نىيەت قىلىمىز، ئاندىن ئۇنى خۇددى بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىگە ئوخشاش ئوقۇيمىز.

خۇپتەن نامىزىنىڭ ئوقۇلۇشى

بۆلۈم: “خۇپتەن نامىزىنىڭ ئوقۇلۇشى”

خۇپتەن نامىزىنىڭ پەرزىنىڭ ئوقۇلۇشى ئاۋۋلا تەكبىر ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، خۇپتەن نامىزىنىڭ پەرزىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلىمىز. ئاندىن ئۇنى، خۇددى پىشىن نامىزىنىڭ پەرزىنى ئوقۇغانغا ئوخشاش ئوقۇيمىز. خۇپتەن نامىزىنىڭ سۈننىتىنىڭ ئوقۇلۇشى ئاۋۋلا خۇپتەن نامىزىنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلىمىز. ئاندىن ئۇنى خۇددى بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىگە ئوخشاشلا ئوقۇيمىز.

ۋىتىر نامىزى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇلۇشى

بۆلۈم: “ۋىتىر نامىزى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇلۇشى”

ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇش ۋاجىپتۇر. ئۇ، خۇپتەندىن كېيىن ئوقۇلىدۇ. ۋىتىر ئۈچ رەكئەتتۇر. ئادەتتە ۋىتىر نامىزى يالغۇز ئوقۇلىدۇ. رامىزاندا تەراۋىھ نامىزىدىن كېيىن جامائەت بىلەن ئوقۇلىدۇ. ۋىتىر نامىزى رامىزاندىن باشقا ۋاقىت لاردا جامائەت بولۇپ ئوقۇش مەكرۇھتۇر.

ۋىتىر نامىزىنىڭ ئوقۇلۇشى ئاۋۋلا ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلىمىز. ئاندىن بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىگە ئوخشاش ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئولتۇرىمىز.

بۇ ئولتۇرۇشتا «تەھىيات» دۇئاسىنىلا ئوقۇپ، ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرىمىز.

ئۈچىنچى رەكئەتتە بىسمىللاھنى تولۇق ئوقۇپ، سۈرە فاتىھە ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر سۈرە ئوقۇپ بولۇپ، قوللارنى تۆۋەنكى ئىككى (ئاللاھۇ ئەكبەر) دەپ تەكبىر ئېيتىپ﴾ْ﴿هللاُ اَكْبَر ،يانغا قويۇپ بەرگەن ھالدا قولىمىزنى قۇلاق ئىگىزلىكىدە يۇقىرى كۆتۈرىمىز. ئاندىن قوللارنى قايتىدىن كىندىك ئاستىغا قويۇپ تۇرۇپ، «قۇنۇت» دۇئاسىنى ئوقۇيمىز.

ُ«اَلَّلهُمَّ اِنَّ نَسْتَعِيْنُكَ وَنَسْتَغْفِرُكَ وَنُؤْمِنُ بِكَ وَ نَتَوَكَّلُ عَلَيْكَ وَنُثْنِ عَلَيْكَ الَْيْرَ نَشْكُرُكَ وَالَ نَكْفُرُكَ وَنَْلَع َّمَنْ يَفْجُرُكَ. اَلَّلهُمَّ إِيَّكَ نَعْبُدُ وَلَكَ نُصَلِّي وَنَسْجُدُ وَإِلَيْكَ نَسْعَى وَنَْفِدُ نَرْجُوْ رَحَْتَكَ وَنَْشََى عَذَابَكَ اِن »ٌعَذاَبَكَ بِلْكُفَّارِ مُلْحِق.

ئوقۇلۇشى:«ئاللاھۇممە ئىننا نەستەئىينۇكە ۋە نەستەغفىرۇكە ۋە نۇئمىنۇ بىكە ۋە نەتەۋەككەلۇ ئەلەيكە ۋە نۇسنى ئەلەيكەل خەيرە، نەشكۇرۇكە ۋەلا نەكفۇرۇكە ۋە نەخلەئۇ مەن يەفجۇرۇكە. ئاللاھۇممە ئىيياكە نەئبۇدۇ ۋە لەكە نۇسەللى ۋە نەسجۇدۇ ۋە ئىلەيكە نەسئا ۋە نەھفىدۇ نەرجۇ رەھمەتەكە ۋە .»نەخشا ئەزابەكە، ئىننا ئەزابەكە بىل كۇففارى مۇلھىق يەنى «ئى ئاللاھ! سەندىن ياردەم سورايمىز،سەندىن مەغپىرەت تىلەيمىز، ساڭا ئىشىنىمىز، ساڭا تەۋەككۇل قىلىمىز، سېنى ياخشى تەرىپلەر بىلەن مەدھىيەلەيمىز، ساڭا شۈكۈر قىلىمىز، ناشۈكۈرلۈك قىلمايمىز ۋە ساڭا ئاسىيلىق قىلغاندىن يۈز ئۆرۈيمىز. ئى ئاللاھ! ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز، سەن ئۈچۈن لا ناماز ئوقۇيمىز ۋە سەجدە قىلىمىز، سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىمىز ۋە ئالدىرايمىز، رەھمىتىڭنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە ئازابىڭدىن .»قورقىمىز. ھەقىقەتەن سېنىڭ ئازابىڭ كۇففارلارغا يەتكۈچىدۇر

نامازدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان دۇئالار

بۆلۈم: “نامازدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان دۇئالار”

»ُ«اَسْتَغفِرُهللاَ اَسْتَغفِرُهللاَ اَسْتَغفِرُهللاَ، اَللَهُمِّ اَنْتَ السِّالاَمُ، وَ مِنْكَ السَالاَمُ، تَباَرَكْتَ ايَذاَ الَْالاَل وَاإلِكْراَم يەنى «ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمەن. ئى ئاللاھ! سەن تىنچلىق بەرگۈچىسەن، تىنچلىق سەندىن كېلىدۇ. ئى ئۇلۇغلۇق ۋە پەزلى كەرەم (((»ئىگىسى ئاللاھ سەن ھەقىقەتەن كاتتىلارنىڭ كاتتىسىسەن َ«الَ إلَهَ إلاَّ هللاُ وَحْدَهُ الَشَرِيْكَ لَهُ، َالَّلهُمَّ الَمَانِعَ لِمَا أعْطَيْتَ، وَالَمُعْطِيَ لِمَا مَنَعْتَ، وَالَيَنْفَعُ ذَا الَْدِّ مِنْك »ُّالَْد يەنى «بىر ئاللاھتىن باشقا ئى لاھ يوقتۇر، ئاللاھ يالغۇزدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر. ئى ئاللاھ! سەن ئاتا قىلغاننى توسىۋالغۇچى يوق ۋە سەن توسقاننى بەرگۈچى يوق، سېنىڭ دەرگاھىڭدا بايلارنىڭ بايلىقى (((»ئەسقاتمايدۇ «الَ إِلٰهَ إِالَّ اللُّ وَحْدَهُ الَ شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الَْمْدُ، وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ، الحولَ ولا قوةَ إلا ابهلل، الَ نَعْبُدُ إِلَّ إِيَّهُ، لَهُ املَنُّ، وَلَهُ النِّعْمَة، وَلَهُ الفَضْلُ وَالثَّنَاءُ الَْسَنُ، لَ إِلٰهَ إِلَّ اللَُّ مُْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ، وَلُو »َكَرِهَ الْكَافِرُون. يەنى «بىر ئاللاھتىن باشقا ئى لاھ يوقتۇر، ئاللاھ يالغۇزدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇسانالار ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھتىندۇر. بىز پەقەت _ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. كۈچ كەرەم ئىگىسىدۇر، ئۇ _ ئاللاھقى لا ئىبادەت قىلىمىز، ئۇ نېمەت ۋە پەزلى ئەڭ ئېسىل ھەمدۇسانالارغا لايىقتۇر. ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر. كاپىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، بىز ئىبادەتنى ئاللاھقا خاس قىلغان، ھەق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە، «بۇنى ھەر نامازدىن كېيىن ئوقۇغان كىشىنىڭ دېڭىزنىڭ كۆپۈكىدەك كۆپ گۇناھى بولسىمۇ مەغپىرەت .(((قىلىنىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن »َ«اَللَّهُمَّ أعِناَّ عَلىَ ذَكْرِكَ وَشُكْرِكَ وَحُسْنِِ عِباَدَتِك.

يەنى «ئى ئاللاھ! بىزگە سېنى ياد ئېتىش، ساڭا شۈكۈر قىلىش ۋە .»ياخشى ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن مەدەت بەرگىن »ُ«سُبْحَانَ هللاِ ، اَلَْمْدُ لِِّ ، اَللُّ أَكْبَر .(((») قېتىمدىن33( ئوقۇلۇشى: «سۇبھاناللاھ، ئەلھەمدۇلىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر »يەنى «ئاللاھ پاكتۇر، ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ئەڭ بۈيۈكتۇر ﴾ٌ﴿بِسْمِ اللَِّ ٱلرَّحْ ٰنِ ٱلرَّحِيمِ، قُلْ هُوَ اللَُّ أَحَدٌ. اللَُّ الصَّمَدُ. لَْ يَلِدْ وَلَْ يُولَدْ. وَلَْ يَكُن لَّهُ كُفُواً أَحَد.

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن﴿ يەنى باش لايمەن، (ئى پەيغەمبەر! سەندىن سورىغانلارغا) ئېيتقىنكى، (سىلەر يېگانىدۇر. ئاللاھ ھېچكىمگە موھتاج _ بىلمەكچى بولغان) ئۇ ئاللاھ يەككە ئەمەس، ئەكسىچە، ھەممە ئۇنىڭغا موھتاجدۇر. ئۇ بالىلىق بولغانمۇ ئەمەس، (((﴾.تۇغۇلغانمۇ ئەمەس. ھېچكىم ئۇنىڭغا تەڭداش بوللىمايدۇ ِّ وَمِن شَر.َ وَمِن شَرِّ غَاسِقٍ إِذَا وَقَب.َ مِن شَرِّ مَا خَلَق.ِبِسْمِ اللَِّ ٱلرَّحْ ٰنِ ٱلرَّحِيمِ، قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ الْفَلَق﴿ ‏.﴾َ وَمِن شَرِّ حَاسِدٍ إِذَا حَسَد.ِالنَّفَّاثَتِ فِ الْعُقَد ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن﴿ يەنى باش لايمەن. (ئى پەيغەمبەر! سەن) «مەخلۇقاتنىڭ يامانلىقىدىن، قاراڭغۇ لۇققا تولغان كېچىنىڭ يامانلىقىدىن، چېگىكلەرگە دەم سالىدىغان سېھىرگەرلەرنىڭ يامانلىقىدىن، ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى »يامانلىقىدىن سۈبھىنىڭ رەببى (بولغان ئاللاھ)گە سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن ِ﴿بِسْمِ اللَِّ ٱلرَّحْ ٰنِ ٱلرَّحِيمِ، قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ النَّاسِ. مَلِكِ النَّاسِ. إِلَهِ النَّاسِ. مِن شَرِّ الْوَسْوَاسِ الَْنَّاس.

﴾ِالَّذِي يُوَسْوِسُ فِ صُدُورِ النَّاسِ. مِنَ الِْنَّةِ وَ النَّاس.

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن﴿ يەنى باش لايمەن، (ئى پەيغەمبەر! سەن) «ئىنسانلارنىڭ رەببى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى (بولغان ئاللاھ) غا سىغىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ، بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان جىن (((﴾.شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن يۇقىرىقى سۈرىلەر ھەر نامازدىن كېيىن بىر قېتىمدىن ئوقۇلىدۇ. پەقەت قېتىمدىن ئوقۇلىدۇ3 بامدات بىلەن شام نامازلىرىدىن كېيىن.

﴿هللاُ الَ إِلَهَ إِالَّ هُوَ الَْيُّ الْقَيُّومُ الَ تَْخُذُهُ سِنَةٌ وَالَ نَوْمٌ لَّهُ مَا فِ السَّمَاوَاتِ وَمَا فِ األَرْضِ مَن ذَا الَّذِي ُيَشْفَعُ عِنْدَهُ إِالَّ بِِذْنِهِ يَعْلَمُ مَا بَينَْ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَالَ يُِيطُونَ بِشَيْءٍ مِّنْ عِلْمِهِ إِالَّ بَِا شَاء وَسِعَ كُرْسِيُّه ﴾ُالسَّمَاوَاتِ وَاألَرْضَ وَالَ يَؤُودُهُ حِفْظُهُمَا وَهُوَ الْعَلِيُّ الْعَظِيم.

يەنى «بىر ئاللاھتىن باشقا ئى لاھ يوقتۇر؛ ئاللاھ ھەمىشە تىرىكتۇر.

ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ ئۇ مۈگدەپ قلىمايدۇ، ئۇنى ئۇيقۇ باسمايدۇ؛ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدۇر؛ ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئۇنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن؛ ئۇ بەندىلىرىنىڭ قىلغانلىرىنى ۋە قىلىدىغانلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭ بىلدۈرگەنلىرىنىڭ (((سىرتىدا، ھېچكىم ئۇنىڭ ئىلمىدىن بىر نەرسە بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ كۇرسى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنى كۆزىتىپ ساقلاش (((»ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر ھەر نامازدىن كېيىن بىر قېتىم ئوقۇلىدۇ.

ٍالَ إِلٰهَ إِالَّ اللُّ وَحْدَهُ الَ شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الَْمْدُ، يُْيِ وَيُِيْتُ بِيَدِهِ الَْيْرَ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْء﴿ ﴾ٌقَدِير يەنى «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئى لاھ يوقتۇر، ئاللاھ يالغۇزدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇسانالار ئۇنىڭغا خاستۇر.

ئاللاھ ئۆلتۈرىدۇ، تىرىلدۈرىدۇ، ياخشىلىق ئۇنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھ ھەر قېتىمدىن10 بامدات ۋە شام نامازلىرىدىن كېيىن(((»نەرسىگە قادىردۇر ئوقۇلىدۇ. باشقا نامازلاردىن كېيىن بىر قېتىمدىن ئوقۇلىدۇ.

﴾لااللّهُمَّ إنّ أَسْأَلُكَ عِلْماً انفِعاً، وَرِزْقاً طَيِّباً، وَعَمَالاً مُتَقَبَّا﴿.

يەنى «ئى ئاللاھ! سەندىن مەنپەئەتلىك ئىلىم، ھاللا رىزىق ۋە .(((»دەرگاھىڭدا قوبۇل بولىدىغان ئەمەلگە مۇيەسسەر قىلىشىڭنى تىلەيمەن يۇقىرىقى دۇئالارنى ئوقۇش ئەۋزەلدۇر. بىراق بۇلارنى ئوقۇش نامازنىڭ شەرتلىرىدىن ئەمەس. بەلكى مۇستەھەبتۇر. دۇئالار ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ ئۆزىمىزنىڭ تىلەكلىرىنى ئاللاھ تائالادىن .(((سورايمىز


مەنبەلەر ۋە ئىزاھاتلار

بۆلۈم: “مەنبەلەر ۋە ئىزاھاتلار”
Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.